ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى دەۋرىدىكى ئىش-پائالىيەتلىرى

سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى دەۋرىدىكى ئىش-پائالىيەتلىرى

ئاپتۇرى: غالىپ

1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى، پىلانلىشى ۋە ياردىمى بىلەن قوزغالغان ۋە راۋاج قىلغان. مەزكۈر مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب دەۋرىدە بولۇپمۇ «11 بىتىم» ئىمزالانغىچە بولغان يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىي ۋە ھەربىي خادىملىرى كەڭ كۆلەمدە ئىجتىمائىي ۋە ھەربىي ئىش- پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.

ئۇيغۇر ئىلىنىڭ مىلىتارىست ھۆكۈمدارى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئالدانغان ستالىن بىر تەرەپتىن شېڭ شىسەينىڭ ئەدىۋىنى بىرىش، يەنە بىر تەرەپتىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى قولدىن كەتكەن تەسىر دائىرىسنى قايتا تىكلەشنى مەقسەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئاللاقاچان قوزغالغان شېڭ شىسەيگە قارشى كۈچلەردىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاندا چوڭ كۆلەملىك ئىنقىلاپ قوزغاشنى قارار قىلدى.1  سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئىلىدىكى ھەرمىللەت خەلقلىرىنىڭ شېڭ شىسەي ۋە ئۇيغۇر ئىلى گومىنداڭ دائىرلىرىگە قارشى كۈرىشىگە كۆپ تەرەپتىن ياردەم بەردى. ئالماتا، تاشكەنت قاتارلىق جايلاردە <شەرققە ياردەم بىرىش كومىتېتى> لەرنى تەسىس قىلىپ، مەخسۇس تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىپ، ھەرخىل يوللار ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىلىغا كىرگۈزۈپ، ئاممىنى ئويغۇتۇش ئىشلىرىنى ئىشلىدى؛ ئۆزلىرىنىڭ يەرئاستى خادىملىرى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىىڭ كونسولخانىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىلىدىكى يۇقىرى قاتلام دىنىي زاتلار ۋە زىيالىي ياشلار قاتارلىق قاتلاملارنى قوزغاپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا مەخپىي تەشكىلاتلارنى قۇرۇشنى پىلانلىدى.

ئۇيغۇر ئىلىدا كېيىنكى كۈنلەردە قوراللىق كۈرەشنى قانات يايدۇرۇشقا لازىملىق تايانچ كۈچلەرنى تەربىيىلەش ئۈچۈن ئالماتا، تاشكەنت قاتارلىق جايلاردا ھەربىي مەشخولات بازىلىرىنى قۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئىلىلىق ئىلغار ياشلار ۋە نائىلاج سوۋېتكە چىقىپ كەتكەن كىشلەرنى مەخسۇس تەربىيىلدى، چىگرانى ئېچىۋىتىپ شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭغا قارشى تۇرغانلىق سەۋەبى بىلەن سوۋېت تەرەپكە ئۆتكەن خادىملارنى قانات ئاستىغا ئالدى؛ ئۇيغۇر ئىلى ھەرمىللەت خەلقلىرىنىڭ شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى قوراللىق كۆرىشىنى قوللاپ زور مىقتاردا قورال- ياراق ۋە ھەربىي ئوسكۈن – ئەشىيالارنى ياردەم قىلدى، ھەربىي مەسلىھەتچىلەر ئۆمەكلىرىنى ئەۋەتتى، ئۇلار ئۇرۇش پىلانلىرىنى تۈزۈشتى، ھەتتا سوۋېت قىزىل ئارمىيە قىسملىرىنى ئەۋەتىپ جەڭلەرگە بىۋاستە قاتناشتۇردى.»2. مەلۇم بىر نوقتىدىن ئېيتقاندا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ گومىنداڭ ئارمىيسىنىڭ ئىلى قوزغۇلاڭچىلىرىنى قورشاپ يوقۇتۇشتىكى «بەش يول بىلەن ھۇجۇم قىلىش پىلانى» بويىچە ئىلىغا ياردەم بەرگۈچى قىسىملىرى غولجىغا يېقىنلىشىپ قالغان جىددىي ۋەزىيەتتىكى قوللانغان كەسكىن قوراللىق ياردىمى ئىلى ئىنقىلابىي ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنڭ مەۋجۇت بولۇپ قېلىشىدا ئىنتايىن زور رول ئوينىغان ئىدى.

ئىنقىلابنىڭ تەييارلىق مەزگىلىدە

سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقلابىنىڭ دەسلەپكى تەييارلىق باسقۇچىدىن باشلاپ بۇ ئىنقىلابنىڭ قۇزغىلىشىنى پىلانلىدى ۋە ياردەم قىلىپ كەلگەن ئىدى. 1942- يىللاردىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىدا « شەرق ھەقىقىتى» (تاشكەنتتە نەشىر قىلىنغان.) ، «يىڭى ھايات»،«قازاق ئىلى» (ئالماتادا نەشىر قىلىنغان.) دېگەن ئۇيغۇرچە ژورناللار نەشىر قىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئويغۇنۇشقا،ئازاتلىققا ئېرىشىكە چاقىرىغان. 1943- يىلىدىن باشلاپ ھەرخىل يوللار بىلەن سوۋېت ئتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن كىشلەر سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى بىلەن بىر نەچچە جايدا تەشكىللىنىپ، سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن تەربىيىلەنگەندىن كېيىن ، شەرقىي تۈركىستانغا قايىتىپ كېلىپ، شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى قوراللىق قوزغۇلاڭ قىلماقچى بولغان. ئىلىدىن بېرىپ قازاقىستاندا تەشكىللەنگەن فاتىخ موسىلىموۋ ( نىلقا پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ باش قوماندانى ) باشچىلىقىدىكى يەتتە كىشلىك گۇرۇپپا 1944- يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرلىرى ئالماتادىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ نىلقا ناھىيىسىگە قاراپ ئاتلىنىشدىن ئىلگىرى ئالماتانىڭ يېنىدىكى ئالماتىكا غولىنىڭ ئىچىدىكى ساناتورىيەدە سوۋېت خادىملىرى تەرىپىدىن تەربىيىلەنگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي ئوقۇتقۇچىسىنىڭ مەسلىھىتى بىلەن فاتىخ نىلقا ناھىيىسىنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنىڭ جايى قىلىپ تاللىغان ئىدى. 1942- يىلى ئەتىيازدا ئىسھاقبېك مونونوۋ ( مىللى ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى بولغان.) شېڭ شىسەيىنىڭ قولغا ئېلىشىدىن قوتۇلۇش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئىسھاقبېك سوۋېت ئىتتىپاقىدا سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ قوللىشى بىلەن ئىۋان ياكوۋلىۋىچ پالىنوۋ ( سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ھەربىي مەسلىھەتچىسى، ئىلى پارتىزانلار ئەترەتلىرىنىڭ قوماندانلىق شتابىنىڭ قوماندانى ۋە مىللى ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى بولغان.) بىلەن بىللە سوۋېت ئىتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن ھەر مىللەت ياشلاردىن 200 نەچچە كىشىنى تاللاپ، ئىككى چوڭ ئەترەت تەشكىللەپ، سىياسي تەربىيە ۋە ھەربىي مەشىق قىلدۇردى.

فاتىخ موسلىموۋ قاتارلىقلار قورالللىق كۈرەش قىلىشنى قارارلاشتۇرغاندىن كىېىن ئاتقا قورال تېگىشىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى قوراللاندۈرغان. ئات تېپشقا ئەكبەر بىلەن سېيىت (نىلقا پارتىزانلىرىنىڭ باشلىقلىرى بولغان.) مەسئۇل بولغان. ئەكبەر بىلەن سېيىت خىتاي – سوۋېت چېگراسىدىكى سوۋېت قىزىل ئارمىيسىنىڭ پونكىتىغا بېرىپ ئاتقا قورال تېگىشىپ تۇرغان.
سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئىلى ۋىلايتىدە ھەرمىلەت خەلقىنى گومىنداڭ ئەكسىيەتچلىرىگە قارشى قوراللىق ئىنقىلاپقا قوزغاش مەخسىتىدە ئۆزىنىڭ يەرئاستى خادىملىرى ۋە غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ بىۋاستە پىلانلىشى، ياردىمى ۋە مەسلىھىتى بىلەن 1944- يىلى 9- ئاۋغۇستا قۇرۇلغان «ئازادلىق تەشكىلاتى» غۇلجا قوزغىلىڭىغا تەييارلىق يۈزىدىن ئاكىتىپلىق بىلەن تاشقى ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىزدەيدۇ. ئازادلىق تەشكىلاتى ئەكسىيەتچى دائىرىلىرىنىڭ قولغا ئېلىشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن سوۋېت تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن ئابدىكىرىم ئابباسوۋقا سوۋېت ئىتىپاقى ھۆكۈمىتىدىن ياردەم سوراشنى تاپشۇرغان ئىدى. ئابباسوۋ سوۋېت ئىتىپاقىغا بارغاندىن كېيىن ئۇ يەردە پانالىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئىلىلىق ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىدىن بىر ئىنقىلابىي پارتىزانلار ئەترىتىنى تەشكىللىدى ھەمدە قىسقا مۇددەتلىك ھەربىي مەشىق قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئابباسوۋ سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىدىن ھەربىي ياردەم سۆرايدۇ. ئازادلىق تەشكىلاتى سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلخانىسىنىڭ مەسلىھىتى بىلەن غۇلجىدىكى گومىنداڭ ئارمىيسىنىڭ كۆپ قىسىم قۇشۇنلىرىنىڭ نىلقا پارتىزانلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن نىلقا تەرەپكە كەتكەنلىك پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى قارار قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 1944- يىلى نويابىرنىڭ بېشىدا ئابباسوۋ سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيسى ئىۋەتكەن پىتىر رومانىۋىچ ئالىكساندىروۋ بىلەن بىرلىكتە 60 كىشىدىن ئۇشۇق بىر قوراللىق قوشۇننى باشلاپ ئىلىغا قايتىپ كىلىدۇ. بۇ قوشۇن سوۋېت مودىلىدىكى ئاۋتوماتلار بىلەن قوراللانغان ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرى بىلەن بىللە يەنە ئىككى توننا پارتىلاتقۇچ دورا، ئىككى دانە پىلىموت ۋە بىر دانە مىنامىيوت ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

غۇلجا قوزغىلىڭى قوزغىلىشتىن ئىلگىرى ئازادلىق تەشكىلاتى سوۋېت ئىتتپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ غولجىدا تۇرۇشلۈق كونسۇلخانىسىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق نىلقا پارتىزانلىرىغا ئالاقىچى ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ دەرھال غۇلجىىغا قاراپ يولغا چىقىپ، غۇلجا قوزغىلىڭىغا ماسلىشىپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئالتايدا ۋىلايىتىدە ئوسمان ئىسلام 1940- يىلى فېۋرال ئېيىدىن باشلاپ شېڭ شىسەي قارشى قوراللىق كۈرەشنى قانات يايدۇرغان ئىدى. 1943- يىلى ئىيۇل ئېيىغا كەلگەندە ئوسمان ئىسلام پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ كۈرىشىگە تايىنىپ ئالتاينى خىتايلاردىن ئاساسەن تازىلىدى. «1943- يىلى 22- ئىيۇلدا ئالتايدىكى قازاق ۋە موڭغۇللار ئوسمان ئىسلامنى بۇيۇك چىڭگىزخاننىڭ قانۇنىي ۋارىسچىسى دەپ بېكىتىپ ، ئۆزلىرىنىڭ خانى دەپ ئاتىدى. بۇلغۇندا ئۆتكۈزۈلگەن ئالاھىدە مۇراسىمدا ئوسمان ئىسلام خان دېگەن مەنسەپ نامىنى قوبۇل قىلدى. بۇ مۇراسىمگە موڭغۇللارنىڭ ۋەكىلى بولۇپ كوممۇنىستىك تاشقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشلىقى مارشال چويبالسان، س س س ر دىن قازاقلارنىڭ باشلىقلىرىدىن قاسىم ۋە سۇلتان ۋەكىل بولۇپ قاتناشتى… چويبالسان ئوسمانغا ئەمەلىيەتتە ئېرىشكەن مۇستەقىلىقىدا توختاپ قالماي،ئۆزى پرېزىدېنت بولغان مۇستەقىل ئالتاي جۇمھۇرىيىتىنى خىتاپ قىلىشىغا مەسلىھەت بەردى.»3 ئوسمان ئىسلامنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيتى بىر تۈركۈم ھەربىي مەسلىھەتچىلەرنى ئەۋەتتى ھەمدە قورال- ياراق، ئوق- دورىلانى ئەكىلىپ بەردى.

سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى 1943- يىلى ئاۋغۇست ئېيىدىن باشلاپ ئوسمان ئىسلامنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى قوللاپ، ئۇلارغا قورال ۋە تەمىنات بەرگەن. شۇ يىلى يازدا شەرقىي ئالتايدا (جىمىنەي ئەتراپىدا) موللا ئىسلام ئىسمايىلوۋ قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتەرگەن بولسىمۇ كۇچى ئاجىز بولغانلىقتىن مەغلۈپ بولغان ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە بىرىپ پاناھلانغان. 1944- يىلى يازدا قايتىپ كىلىپ يەنە پارتىزانلىق قىلغان.

1944- يىلى ئاپرىل ئىينىڭ ئوتتۇرلىرى قۇبۇقسار (بۈگۈنكى قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى) پارتىزانلار ئەترىتى قۇرۇلۇپ، زۇڭغۇرۇۋ قالىقان ئۇنىڭ رەھبەرلىكىگە كۆرسىتىلدى. ئۇلار گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ قۇرشاپ يوقىتىشىغا ئۇچرىغانلىقتىن، موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىگە چېكىنگەن ئىدى. شۇ يىل 4 – ئىيول كۈنى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا زۇڭغۇرۇۋ قالىقان 150 نەچچە كىشلىك قوبۇقسار پارتىزانلار ئەترىتىنى باشلاپ قوبۇقسار ناھىيىسىگە قايتىپ كېلىپ داۋاملىق پارتىزانلىق ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.

دەلىلقان سۇگۇربايوۋ (مىللىي ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى بولغان.) شېڭ شىسەينىڭ قولغا ئېلىشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن 1941- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن ئىدى. « 1944- يىلى ئىيوننىڭ باشلىرى دەلىلقان سۇگۇربايوۋ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۆمۈرخان، ئارۇپباي، قاسىن قاتارلىق 13 نەپەر مەسلىھەتچىسى («ئاق ئۆي» مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسى) بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى ئارقىلىق چىڭگىل ناھىيىسىنىڭ بوكغۇن دەرياسى ئەتراپىدىكى ئالتاي پارتىزانلىرى تۇرۇشلۇق جايغا كېلىپ، ئالتاي پارتىزانلىرىنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىگە قاتناشتى.»4.

1944- يىلى ئىيولنىڭ باشلىرىدا جېمىنەي، قوبۇقسار قاتارلىق ناھىيىلەردىكى قازاق، موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە قوبۇقسار، جېمىنەي پارتىزانلىرىنىڭ رەھبەرلىرى جېمىنەي بىلەن قوبۇقسار ناھىيىسىنىڭ چېگرىسىدىكى ساۋۇر تېغى قاراغايتى يايلىقىدا يىغىن ئېچىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئارۇپباي، قۇرماشلارنىڭ ياردىمىدە قوبۇقسار ناھىيە بازىرىغا ھۈجۈم قىلىش ھەرىكىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. شۇ يىلى ئىيوننىڭ ئوتتۇرىلىرى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي مەسلىھەتچىسى قابدىل موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ 50 نەچچە ھەربىي خادىمى ۋە موڭغۇلىيە دۆلەت چېگرىسى ئىچىگە قېچىپ بارغان ئالتايلىق قازاق چارۋىچىلاردىن تەركىپ تاپقان 100 دىن ئوشۇق ئادىمى بار پارتىزانلار ئەترىتىنى باشلاپ موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىدىن بورچىن ناھىيىسىگە كەلدى.
1944- يىلى مايدا تارباغاتايدا «ئابلىمىت ھاجىيوۋ، مەتنىياز قارى ئەيسابايوۋ، ئابلىز راخمانوۋلارنىڭ ئايرىم- ئايرىم يىتەكچىلىكىدا «ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش» قاتارلىق ئۈچ جەڭگىۋار گۇرۇپپا (ھەممىسى يەر ئاستى تەشكىلات) تەشكىللىنىپ، شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كورەش باشلايدۇ.

«قاسىماخۇن ئىسمايىلوپ قاتارلىقلار چۆچەك ئارقىلىق چېگرىدىن ئۆتۈپ، سوۋېت ئىتتپاقى تەۋەسىدىكى باقتى كەنتىگە بېرىپ، ئابدۇللا رامزانوۋنىڭ (تەخەلوسى، ئەسلى ئىسمى مەنسۇر رۇزىيوۋ، سوۋېت ىئتتىپاقى مەسلىھەتچىسى) ئۇرۇنلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا، چېگرا سودىسى قىلىش نامى بىلەن، سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرسى ئىچىدە ئېمىل قوماندانلىق شتابى قورغان. ».5 (قاسىماخۇن ئىسمايىلوپ «ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش» تەشكىلاتىغا قاتناشقان، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى بولغان.) شۇ يىل 10- ئىيول كۈنى ئابدۇللا رامزانوۋنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئابلىمىت ھاجىيوۋنىڭ ئوتتۈرىغا چىقىشى بىلەن تارباغاتايدىكى ئۈچ جەڭگىۋار گۇرۇپپا بىرلەشتۈرۈلۈپ «مىللىي ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش » تەشكىلاتى قۇرۇلدى. 1944- مايدا دۇبېك چالغىنبايوۋ (چاغانتوقاي پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى، «خەلق ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان.) ، باقاش ئالىمغازى قاتارلىق ياش قازاق زىيالىيلرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چۆچەكتە تۇرۇشلۇق كوسۇلخانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن بىر جەڭگىۋار گۇرۇپپا قۇرۇپ،شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭنىڭ ئەكىسيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى پائاليەت ئېلىپ بارىدۇ.

1944- يىلى ئىيۇلدا تاشقورغاندىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي مەسلىھەتچىلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا ئىسھاقبېك مونونوۋ ھەربىي مەشق قىلدۇرغان بىر تۈركۈم شەرقىي تۈركىستانلىق يەرلىك مىللەتلەر ياشلىرىدىن تەشكىل قىلىنغان قوراللىق كۈچنىڭ بىر بۆلۈكىنى نۇرھاجى باشلاپ، سوۋېت ئتتىپاقى چېگرىسىدىن تاشقورغانغا كېرىپ، كىچىك كۆلەملىك قوراللىق كۈرەشلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. شۇ يىل سېنتەبردە ئسھاقبېك تاشقورغان پارتىزانلىرىنى باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرىسىنى ئايلىنىپ ئۇتۇپ، ئۇلۇغچات ناھىيىسىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق قەشقەر ۋىلايتىنى ئېلشقا تەييارلاندى. لېكىن بۇ مەخىپىيەتلىك ئاشكارىلىنىپ قالغاچقا، ئىسھاقبېك مونونوۋ ئىلاجىسىز تاشقورغان پارتىزانلىرىنى بۇرۇنقى ئورنىغا چېكىندۈردى.

سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ئۈچۈن دەسلەپكى زۆرۈر بولغان ياردەملەرنى بېرىپلا قالماستىن يەنە ئەڭ مۇھىمى بۇ ئىنقىلاب ئۈچۈن زور بىر تۈركۈم تايانچ كۈچلەرنى يتىشتۈرۈپ بەردى. شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ۋە كۆپلىگەن ئاساسىي تايانچىلىرىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدا تەربىيەلەنگەن كىشلەر ئىدى. ئەخمەتجان قاسىمى (شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ۋە ئۇيغۇر ئىلىدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى بولغان. بۇ تەشكىلات قىسقارتىلىپ « ئىتتىپاق » دەپ ئاتالغان.) سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇرتا ئاسىيا دۆلەت ئونىۋېرسىتېتى (ساگو) ۋە موسكىۋا شەرق ئەللىرى سوتسىيالىزىمچىلىرى ئەمگەك ئونۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. ئىسھابېك مونونوۋ («ئىتتىپاق» نىڭ تەشكىلىي ھەيئەت ئەزاسى ۋە مىللىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى بولغان.) 1917-1922 – يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۇقىغان. دەللىقان سۇگۇربايوۋ (مىللى ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى ۋە «ئىتتىپاق» نىڭ مەركىزىي ھەيئەت ئەزاسى بولغان.) سوۋېت ئىتتىپاقى ئالماتادا ئۇقىغان. ھەبىب يونىچىوۋ (مائارىپ مىنستىرى بولغان.) 1923- يىلى تاشكەنتتە ئوقۇغان.

تاشكەنتچىلەردىن 6 سەيپىدىن ئەزىزى (مائارىپ مىنستىرى، ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، خەلق ئىنقىلابىي پارتىيسى مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، خەلقچىل ئىنقىلابىي پارتىيىسى ( دېموكراتىك ئىنقىلاب پارتىيىسى ) مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى ۋە «ئىتتىپاق» نىڭ تەشكىلىي ھەيئەت ئەزاسى بولغان.)، سەيدۇللا سەيپۇللايوۋ (ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى ۋە رەئىسى، خەلق ئىنقىلاب پارتىيسى مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، خەلقچىل پارتىيىسى مەركىزىي كومتىت ئەزاسى ۋە «ئىتتىپاق» نىڭ تەشكىلىي ھەيئەت ئەزاسى بولغان.) ، ئەسئەت ئىسھاقوۋ (ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، خەلقچىل ئىنقىلابى پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «ئىتتىپاق» نىڭ تەشكىلىي ھەيئەت ئەزاسى ۋە مۇۋاققەت رەئىسى، «ئىلى گېزىتى» نىڭ باش تەھرىرى، مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شتابىنىڭ بۈلۈم باشلىقى، ۋە ئىلى ۋالى مەھكىمىسىنىڭ كاتىۋات مۇدىرى بولغان.)، ئەنۋەر خانبابا (ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، ئىنقىلابىي خەلق پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، خەلقچىل پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، «ئىتتىپاق» نىڭ تەشكىلىي ھەيئەت ئەزاسى ۋە ئىلى ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان.)، ئابدۇللا زاكىروۋ (ئىنقىلاپچىل ياشلار تەشىلاتىنىڭ مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى، خەلق ئىنقىلابىي پارتىيسى مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، خەلقچىل ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، «ئىتتىپاق» نىڭ مەركىزىي ھەيئىتى كاندىدات ئەزاسى، باش كاتىبى، ئىلى ۋالى مەھكىمىسىنىڭ كاتىۋات مودىرى ۋە ئىلى ۋىلايەت باج ئىدارسى مۇئاۋېن باشلىقى بولغان.)، قۇسەيىن سىيابايوۋ (ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مىللىي ئارمىيىنىڭ پولىك كوماندىرى بولغان.)، ئابلىمىت ھاجىيوۋ (تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ سېكرېتارى، تارباغاتاي ۋالى مەكىمىسىنىڭ باش كاتىبى ۋە « ئىتتىپاق » نىڭ تەشكىلىي ھەيئەت ئەزاسى بولغان.)، ئىبراھىم تۇردى («ئىتتىپاق» نىڭ تەشكىلىي ھەيئەت ئەزاسى ۋە «ئىتتىپاق» نىڭ مەدەنىيەت- مائارىپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.)، ئۇيغۇر سايرانى («ئىتتىپاق» نىڭ تەشكىلىي ھەيئەت ئەزاسى، « ئىتتىپاق » ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولغان)، ئابدۇراخمان مۇھىتى، خەلپەت سۇزۇك ھاجىلار («ئىتتىپاق» نىڭ مەركەزىي ھەيئەت ئەزالىرى بولغان.)، ئابدۇرېھىم ئەيسا («ئىتتىپاق» نىڭ مەركىزىي ھەيئەت كاندىدات ئەزاسى بولغان.)، ھەمدۇللا قۇربانوۋ ، مۇختار ئابدۇكېرىم (مىللىي ئارمىيىنىڭ پولكوۋنىك ۋە پود پولكوۋنىكلىرى بولغان.)، نەبىجان يۇسۇپ ( ئىلى ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.)، ئابدۇرىشىت تۇردىيوۋ (مىللىي ئارمىيىنىڭ شتاپ باشلىقى بولغان.)، يۇسۇپجان ياسىنوۋ، شومۇتۇڭلار (مىللي ئارمىيە باش شتاپ رازۋېتكا بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىرى بولغان.)، مىجىت زاھىدوۋ (خەلقچىل ئىنقىلابي پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىبى بولغان.)، ئوسمان يۇنۇس (قورغاس ناھىيىلىك ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى بولغان.) ئىسمايىل ياسىنوۋ، ئابدىقادىر ھەسەن ۋە ئىسمايىل ھېۋزۇللايېۋ («ئىلى بىلىم يۇرتى» نىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بولغان.)، يەنە ئابلىمىت مەخسوتۇۋ، ئابدىرىشىت ياقوپ، ئابدۇرەھىم ئابدۇللا ۋە تۇرسۇنتاي مەخمودوۋ قاتارلىقلار ھەم بار.

ئىنقىلابنىڭ پارتىزانلىق ئۇرۇش مەزگىلىدە

1944- يىلى 6- نويابىر كەچتە ئازادلىق تەشكىلاتى غولجا قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىدىغان ھەربىي ئىشلار قوماندانلىق شتابىنى قۇرغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيە ئوفېتسىرى پېتىر رومانىۋىچ ئالىكساندىروۋ ئۇنىڭغا مەسئۇل بولغان ئىدى. قوماندانلىق شتابدا يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيە ئوفىتسېرى ۋارشانوۋ مىخايلىۋىچ ماژاروۋمۇ بار ئىدى. 1944- يىلى7- نويابىردا غۇلجا قوزغىلىڭى قوزغىلىپ، نىلقا ۋە قورغاس پارتىزانلىرى بىلەن گومىنداڭ ئارمىيىسى ۋە ساقچىلىرى ئۇتتۇرىسىدا كەسكىن جەڭلەر بولۇۋاتقان جىددى پەيتتە ئىۋان ياكوۋلىۋىچ پالىنوۋ ئىككى ماشىنا بىلەن 60 نەپەر قوراللانغان خادىملارنى باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن غولجىغا كېلىپ، پارتىزانلارنىڭ گومىنداڭ ئارمىيىسى ۋە ساقچىلىرىغا قارىتا قىلۋاتقان ھۇجۇملىرىغا قاتنىشىدۇ. 1944- يىلى 16- نويابىردا ئىسھاقبېك مونونوۋ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئوفېتسىرى ئالىكساندىروۋ (تەخەللۇسى ئىسكەندەر) ۋە ئىۋان ياكوۋلىۋىچ پالىنوۋلار ئاساسەن تاتار، قىرغىز ۋە قازاقلاردىن تەشكىل قىلىنغان بىر باتالىيون ئاتلىق ئەسكەرنى (200 دىن ئارتوق پارتىزاننى) باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىلىغا كېلىپ،ھەرەمباغقا قورشاپ ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىغا ۋە غۇلجىنى تولۇق ئازاد قىلىش جەڭلىرىگە قاتنىشىدۇ. 1944- يىلى 12- نويابر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قورۇلغاندىن كېيىن، ۋاقىتلىىق ھۆكۇمەت پارتىزانلار يەر ئاستى قوماندانلىق شتابىنى قىلىپ ئاشكارا قىلىپ، پارتىزانلار باش قوماندانلىق شتابى قىلىپ قورۇشنى قارارلاشتۇرىدۇ. ھەمدە پېتر رومانىۋىچ ئالىكساندىروۋنى باش قوماندان قىلىپ تەيىنلەيدۇ.«1944 – يىلى نويابرنىڭ ئاخىرلىرى ئىنقىلابىي ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ تەكىلىپى بىلەن ۋىلادېمىر كوزلوۋ باشچىلىقىدىكى ۋە ۋىلادېمىر سىتىفانوۋىچلار باشچىلىقىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى غۇلجىغا كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ مەخپىي نومۇرلىرى «1- دوم» («1- ئۆي») ۋە «2- دوم» («2- ئۆي») ئىدى. ئۇلار ئىنقىلابىي ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ زور سىياسىي ۋە ھەربىي قارار- سىياسەتلىرىنىڭ بەلگىلىنىشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا قاتنىشىدۇ.»7

گومىنداڭ ئارمىيىسى «باندىتلارنى يوقۇتۇش» نى جىددى ئورۇنلاشتۇرۋاتقان ۋاقىتدا ئىنقىلابىي ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي مەسلىھەتچىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن گومىنداڭنىڭ «باندىتلارنى يوقۇتۇش» ىغا قارىشى ھەربىي تەييارلىقلارنى قىلدى.

1944- يىلى 12- نويابردە غۇلجا شەھرىنىڭ ئايرودروم، ھەرەمباغ ۋە لەڭشاڭ بۇتخانىسىدىن باشقا جايلىرى تولۇق ئازاد بولدى. پارتىزان ئەترەتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردەمگە كەلگەن ھەربىي قىسىملىرى بىلەن بىللە 1945- يىلى يانۋاردىن باشلاپ گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ قالدۇق ئەسكىرىي قىسىملىرىغا ھۇجۇم باشلايدۇ.
1944- يىلى نويابىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا پارتىزانلار باش قوماندانلىق شتابى قورغاس، سۇيدۇڭ ۋە كۈرەلەرنى ئىشغال قىلىش پىلانىنى تۇزەيدۇ. پارتىزانلار باش قوماندانلىق شتابى لوسىگۇڭدا تارماق قوماندانلىق شتابى قورۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي مەسلىھەتچىسى گېنىرال لېيتېنانت كوزلوۋنى باش قوماندان قىلىپ تەيىن- لەيدۇ. 1944- يىلى 2- نويابىر كۈنى تاڭ سەھەردە موگوتىنوۋ (يەرلىك روس)، ئىسھاقوۋ ۋە سەيىد ئەخمەت پارتىزان ئەترەتلىرى گېنىرال لېيتېنانت كوزلوۋنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، تۈت سەئەتلىك كەسكىن جەڭ ئارقىلىق قورغاسنى ئىشغال قىلىدۇ . 1944- يىلى 3- دىكابر كۈنى مەنسۇر لومىيوۋ باشچىلىقىدىكى توڭگان پارتىزانلار ئەترىتى بىلەن موگوتىنوۋ پارتىزانلار ئەترىتى بىرلىشىپ كۈرەگە ھۇجۇم قىلىدۇ. لېكىن دۆشمەننىڭ تەييارلىقى پۇختا بولغاچقا پارتىزانلار كۈرەنى بىر مەزگىل ئىشغال قىلالماى قالىدۇ. بۇ چاغدا يەنى 23- دىكابىر كۈنى گېنېرال لېيتېنانت كوزلوۋ شەخسەن ئۆزى ھەربىي يىغىن چاقىرىپ ئۇرۇش تاكتىكىسىنى تەتقىق قىلىدۇ، يىغىندا سىپىل ئاستىغا پارتلاتقۇچ دورا كۆمۈش ئارقىلىق سىپىلنى پارتلىتىپ، كۈرە بازىرىغا ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. پارتىزانلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر ساپيورلار ئەترىتىنىڭ ياردىمى بىلەن كۈرە بازىرىنىڭ سىپىلىنى پارتىلىتىش ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىپ، كۈرە بازىرىنى ئىشغال قىلىدۇ.

1945- يىلى 11- يانۋاردا گومىنداڭ ئارمىيىسنىڭ 45- دىۋېزىيەسىنىڭ باشلىقى شيې يىفېڭ باشلىغان قىسىملىرى پارتىزانلارنىڭ موداپىئە لىنيىسىنى بۈزۈپ ئۆتكەندىن كېيىن كۆكۈرچىن داۋىنى ئارقىلىق غۇلجا شە- ھرىنىڭ شىمالىدىكى ئايرودرومغا 20 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى يۇقىرى پەنجىمنىڭ پىلىچى ئەتراپىغا يىقىنلىشىپ قىلىشى بىلەن (بو يەر ھارامباغ ھاۋا ئارمىيە تەلىم- تەربىيە ئورنىدىن ئانچە يىراق ئەمەس ئىدى.) ۋەزىيەت ئىلى ئىنقىلابىي ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە ئىنتايىن پايدىسىز بولۇپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى قىزىل ئارمىيىنىڭ بىر قىسىم ئاتلىق ئەسكەرلەر ۋە زەمبىرەكچىلەر قوشۇننى دەرھال ئەۋەتىپ، پارتىزانلارنىڭ جەڭ قىلشىغا ياردەم بىرىدۇ . شۇندىن كېيىن پارتىزانلار قايتا ھۇجۇمغا ئۆتۇپ دۈشمەننى مەغلۇپ قىلىدۇ. 1945- يىل يانۋارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە پارتىزانلار ئەترەتلىرى گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ بەش يول ئارقىلىق « ئىلى باندىت » لىرىنى يوقۇتۇپ، غۇلجىدا قورشاۋدا قالغان قوشۇنلىرىنى قۇتقۇزۇش پىلانى بىتچىت بولىدۇ . شۇندىن بىلەن 1945- يىلى 20- يانۋاردىن باشلاپ پارتىزانلار ئەترەتلىرى سوۋېت ھەربىي خادىملىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ھەرەمباغ ، ئايرودروم ، لەڭشاڭ بۇتخانىسىدىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئىسىھكاملىرىنى توپقا تۇتىدۇ . 28 – يانۋار كۈنى پارتىزانلار قوماندانلىق باش شتابى ھەرەمباغقا ئاغىرقى ھۈجۈم قىلىش بويرىقىنى چۆشۈرىدۇ . شۇندىن كېيىن پارتىزانلار ئەترەتلىرى ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم باشلاپ، كەسكىن جەڭ قىلىش ئارقىلىق، شۇ كۈنى لەڭشاڭ بۇتخانىسىنى ئىشغال قىلدۇ . يەنە ھەرەمباغ، ئايرودروملارغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ، كېچە 22 دە ھەرەمباغنى ئالىدۇ. (سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسىمۇ ئايروپىلان ئەۋەتىپ ھەرەمباغنى پارتىلىتىدۇ.) 30- يانۋار كۈنى چۈشتىن كېيىن گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ قالدۇق قىسىملىرى ئايرودرومدىن مۇھاسىرىنى بۇزۇپ چىقىپ جىڭغا قاراپ قاچقاندىن كېيىن، بۇ جايمۇ پارتىزانلار تەرىپىدىن ئىگەللىنىدۇ. قاچقان دۆشمەنلەر پىلىچى جىلغىسىدا پارتىزانلار تەرىپىدىن مۇھاسىرىگە ئېلىنىپ، ئۆلگەنلىرى ئۆلۈپ، ھايات قالغانلىرى پۈتۈنلەي ئەسىرگە چۈشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىلى ۋىلايىتى ئازاد بولىدۇ.

ئىنقىلابىي ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت 1945 – يىلى 5- يانۋاردا 4- سانلىق يىغىنىدا ماقۇللىغان ھۆكۈمەت خىتاپنامىسىدا ئىنقىلابنىڭ مىۋىسىنى قوغداش، تىنچلىقنى قوغداش ئۈچۈن ھەر مىللەت خەلقىدىن ئەسكەر ئېلىپ قۇدرەتلىك قوشۇن تەشكىللەشنى بىر ماددا قىلىپ كېرگۇزىدۇ. 1945- يىلى7- يانۋاردا 5- نومۇرلۇق قارار ماقۇللاپ، پارتىزانلار باش قوماندانلىق شتابىنى ھەربىي ئىشلار نازارىتىگە ئۆزگەرتىدۇ. قاراردا پېتر رومانىۋىچ ئالىكساندىروۋنى نازىرلىققا تەيىنلەيدۇ . ھەمدە ئۇنى ھەربىي ئىشلار نازاىتىنىڭ تەشكىللىنىش فاڭئەنى ۋە تۈرلۈك ھەربىي تۈزۈملەرنىڭ لاھىيىسىنى تۈزۈپ چىقىشقا مەسئۇل قىلىپ بەلگىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇنتىزىم ئارمىيە قورۇش ۋە ھەربىي ئونۋان تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلىدۇ. مونتىزىم ئارمىيەنى تېزرەك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن 1945- يىلى يانۋارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئىنقىلابىي ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بىر تۈركۈم سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربي ئۇقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، قورغاستا ئوفېتسىرلار يېتشتۈرۈش كۇرسىنى ئاچىدۇ. ھەر بىر كۇرسىنىڭ مۇددىتى ئۈچ ئايدىن بولىدۇ. شۇندىن كېيىن باياندايدا ئۈچ قارار كۇرس ئېچىلىدۇ. بۇكۇرسلادا جەمئىي 450 نەپەر كۇرسانت تەربىيىلىنىدۇ. كۇرسانتلار كۇرسنى تاماملىغاندىن كېيىن ھەر قايسى پارتىزانلار ئەترەتلىرىگە تەقسىم قىلىنىپ، ھەربي كوماندىرلىق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەيدۇ.

ئىنقىلابنىڭ مۇنتىزىم ئۇرۇش مەزگىلىدە

1945- يىلى يانۋارنىڭ ئاخىرىدا گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ئىلىدىكى قورشاۋدا قالغان قوشۇنلىرىغا ياردەم بېرش پىلانى مەغلۇپ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەرەمباغ قاتارلىق جايلاردىكى گومىنداڭ ئارىيىسىنىڭ قالدۇق قوشۇنلىرى يوقۇتۇلغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى گومىنداڭ ئارمىيىسى ئۆتتۇرىسىدىكى قوراللىق كۈرەشنىڭ ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ. گومىنداڭ ئارمىيىسى ئىستىراتېگىيىلىك ھۇجۇم قىلىشتىن ئىستىراتېگىيىلىك موداپىئىلىنىشكە، بونىڭ ئەكسىچە شەرقىي تۈركىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى ئىستىراتېگىيىلىك موداپىئىلىنىشتىن ئىستىراتېگىيىلىك ھۇجۇم قىلىشقا ئۆتىدۇ. قوراللىق كۈرەشنىڭ غەلبىسىگە ئەگىشىپ ئىلى پارتىزان ئەترەتلىرىنىڭ كۈچى بارغانسېرى زورىيىدۇ ھەمدە سوۋېت ھەربىي مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىنىڭ ياردىمى بىلەن بىر مونتىزىم قوراللىق كۈچ قۇرۇش ئۈچۈن ئاساس يارىتىلىدۇ.

5194- يىلى 8- ئاپرىل ئىنقىلابىي ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ قارارىغا ئاساسەن غۇلجا شەھىرىدە تەنتەنىلىك موراسىم ۋە ھەيۋەتلىك ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلۈپ، مونتىزىم قوراللىق قوشۈن – مىللىي ئارمىيىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىدۇ. مىللىي ئارمىيىنىڭ باش ئالى قوماندانلىقىغا مارشال ئونۋانى بىلەن ئېلىخانتۆرە، باش قوماندانلىقىغا گېنېرال لېيتېنانت ئۇنۋانى بىلەن پالىنوۋ، مۇئاۋىنلىرىغا گېنېرال مايور زونۇن تېيپوۋ… تەيىنلەندى.»8. باش قوماندان گېنېرال لېيتېنانت پالىنوۋ ئىستىراتېگىيىلىك يىراقنى كۆرەلەيدىغان، قىسىملارنى ئىستىراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشقا ماھىر، جەڭ قىلىشقا چىۋەر، تالانتلىق « بىر كەسپى ھەربىي موتەخەسىس ئىدى. ئۇ شەرق ئىشلىرىنى پىششىق بىلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز تىللىرىنى راۋان سۆزلەتتى.»9. ۋارشانوۋ ميخالىۋىچ ماژاروۋ باش شتاب ناچالنىكلىقىغا (باشلىقلىقىغا) تەيىنلىنىدۇ. گېنېرال ۋارشانوۋ سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئوكتەبر ئىنقىلابىغا قاتناشقان، غۇلجا قوزغىلىڭىدىن ئىلگىرى ئالېكساندىروۋ ۋە ئابباسوۋلار بىلەن بىللە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن غۇلجىغا كەلگەن، ئۇ غۇلجا قوزغىلىڭىنى تەشكىللەشكە قاتناشقان. ماژاروۋ ھەربىي تەلىم- تەربىيە ئېلىپ بېرىشنىڭ ماھىرى ئىدى. ئۇ ئارمىيە ئىچىدە ئاپاراتلارنى موكەممەللەشتۈرۈش، پروگرامما بويىچە مەشىق قىلدۈرۈش ۋە ھەربىي مەكتەپلەرنى ئېچىش جەھەتلەردە كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ مونتىزىملىشىشغا زور تۆھپە قوشىدۇ . « مىللىي ئارمىيىنىڭ قۇرۇلىشىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ھەر دەرىجىلىك مەسلىھەتچىلەرنى ئەۋەتىپ چوڭ ياردەم قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىمۇ مەلوم ساندا قورال بىلەن ياردەم قىلدى. سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ مۇنداق ياردەملىرى مىللىي ئارمىيىنىڭ قۇرۇلىشىدا چوڭ رول ئوينىدى.» 10.

1945- يىلى ئىيۇننىڭ بىشىدا مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شتابى باش قوماندان پالىنوۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ۋەزىيەتتىكى يىڭى ئۆزگۈرۈش – گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ئستىراتېگىيىلىك ھۇجۇمدىن ئىستىراتېگىيىلىك موداپىئىلىنشكە ئۆتۈشى ۋە مىللى ئارمىينىڭ ئىستىراتېگىيىلىك مۇداپىئىلىنىشتىىن ئىستىراتېگىيىلىك ھۇجۇمغا ئۆتۈشىگە ئاساسەن يىڭى ھۇجۇم قىلىش پىلانى تۈزۈشكە كېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن قوماندانلىق شتاب ئۆز ۋە دۈشمەن ئەھۋالىغا قارىتا ئىنچىكىلىك تەھلىل ئىلىپ بېرش ئاساسىدا سوۋېت ئىتتىپاقى مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۈچ فرونت بويىچە ئۇرۇش قىلىش پىلانىنى يەنى ئوتتۇرا فرونت، شىمالىي فرونت ۋە جەنۇبىي فرونتلار بۇيىچە جەڭ قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. ئوتتۇرا فرونتنىڭ جەڭ قىلىش يۆلىنىشى ئۇرۇمچى، شىمالىي فرونتنىڭ جەڭ يۆلىنىشى تارباغاتاي ۋە ئالتاي، جەنوبىي فرونتنىڭ يولىنىشى جەنوبىي شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت بولدى. بۇ ئۈچ فرونت بويىچە جەڭ قىلىدىغان مىللىي ئارمىيىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىدا سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ بىر نەچچە يۈزلىگەن ئوفېتسرلىرى بار ئىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي ئىشلار خادىملىرىنىڭ بىۋاستە ياردىمى بىلەن مىللىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى پالىنوۋنىڭ چىۋەر قوماندانلىقىدا بۇ ئوفېتسىرلار مىللىي ئارمىيىنىڭ ئوفېتسىر- جەڭچىلىرى بىلەن مۈرىنى- مۈرىگە تىرەپ قانلىق جەڭلەرنى قىلىپ، شىمالىي فرونتتا توختى ھەلىموۋ باشچىلقىدىكى ئېبنۇر كۆل- مالى پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن تارباغاتاي ۋىلايتىنى ئازات قىلىش؛ ئوسمان ئىسلام ۋە دەلىلقان سۇگۇربايوۋ قىسملىرى) ئالتاي پارتىزانلار ئەترىتىدىمۇ سوۋېت ھەربىي مەسلىھەتچىلىرى بار ئىدى.) بېرىلىشىپ ئالتاي ۋىلايىتىنى ئازات قىلىش ۋە ئوتتۇرا فرۇنتتا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ قوراللىق ئۇرۇش تارىخىدا ئەڭ داڭلىق شىخو ئوپېراتسىيىسى (بۇ ئوپېراتسىيىگە سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ مەلۇم ساندىكى پىيادە ئەسكەرلىرى، زەمبىرەكچىلىرى، برونىۋىكلىرى ۋە ئايروپىلانلىرى قاتناشتى.) ۋە جىڭ ئوپېراتسىيىسىنى (سوۋېت ھەربىي ئىشلارخادىملىرىنىڭ ياردىمى بىلەن گېنىېرال مايور ئىسھاقبېك بېۋاستە قوماندانلىق قىلغان.) قىلىش بىلەن شىخو ۋە جىڭ ناھىيىلىرىنى ئازاد قىلىش ئارقىلىق ئۈچ ۋىلايەتنى بىرلىككە كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ رايون شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىدا بولدى. مىللىي ئارمىيىنىڭ قىسىملىرىمۇ ماناس دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا يېتىپ كەلدى. ئوتتۇرا فرونت يۇلىنىشى بۇيىچە ھەربىي ئوپېراتىسىيىلەرنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مىللىي ئارمىيىنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىدىغان قىسىملىرى باش قوماندان پالىنوۋنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇرۇش تەييارلىقىنى تولۇق ۋە پۇختا قىلدى. ئۇلار موپەسسەل ۋە مۇكەممەل ئۇرۇش پىلانى تۈزۈپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىدىغان ئەسكىرىي كۈچلىرىنى ئىككى يولغا بۆلۈپ، بىر ۋاقىتتا شىخو ۋە جىڭنى مۇھاسىرە قىلىشنى بېكىتىپ، گومىنداڭ ئارمىيىسىنڭ قۇشۇنلىرىنى پارچىلىۋېتىپ، ئايرىم- ئايرىم ھۇجۇم قىلىش فاڭجىنىنى تۈزۈپ چىققان ئىدى.

1945- يىلى 22- ئوكتەبىردە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ھەيئىتى 114-نومۇرلۇق قارارنى ماقۇللاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئالى ھەربىي ھەيئىتىنى تەسىس قىلىشنى قارار قىلىدى، بۇ ھەيئەتنىڭ ئىچىدە پالىنوۋمۇ بار ئىدى.

1945- يىلى 15- دېكابردىن 17- دېكابرگىچە غۇلجىدا چاقىرىلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەر مىللەت ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە ئۆزگەرتىش قارار قىلىندى، ئېلىخان تۆرە، ھاكىمبەگ خۇجىلار داۋاملىق رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلاندى، ئابدۇرۇپ مەخسۇم ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلاندى. 11

1946- يىلى 20- مارتتا شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ھەيئىتى 246- نومۇرلۇق قارار ماقۇللاپ، ئىۋان ياكوۋلىۋىچ پالىنوۋ ، ئىسھاقبېك مونونوۋ ئىككەيلەنگە «جۇمھۇرىيەت» ئالىي ئوردىنى بېرىشنى قارار قىلدى.

جەنۇبىي فروىت يۇلىنىشى بۇيىچە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ۋە مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابىنىڭ قارارىغا ئاساسەن 1945- يىلى 18 – ئىيول جەنۇبىي ئۇيغۇر ئىلى ئاقسۇ رايونىغا ئاتلانغان قاسىم قەمبىرى، ئابدىكىرىم ئابباسوۋ ۋە سوپاخۇن سوپىروۋ باشچىلىقىدىكى مىللىي ئارمىيىنىڭ 150 دىن ئارتۇق كىشىسىدىن تەشكىللەنگەن ئاتلىق پارتىزانلار ئەترىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي خادىمى ئىسكەندەر (ئالىكساندىروۋ)، ھەربىي مەسلىھەتچىسى زاكىر تۆرە ۋە دىنىي ئىشلار مەسئۇلى روزىيوۋ داموللا بار ئىدى. بۇ ئاتلىق پارتىزانلار قوشۇنى ئاقسۇغا رايونىغا يىتىپ بارغاندىن كېيىن 8 – ئاۋغۇست ۋە 1- سېنتەبر كۈنلىرى باي ۋە ئاقسۇ كۈنىشەھەر ناھىيە بازارلىرىنى ئىگەللەپ ئىنقىلابىي ھۆكۈمەتلەرنى قۇرىدۇ. مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى جەنۇبىي فروتنىڭ ھۇجۇم كۈچىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن سېنتەبر ئىيىنىڭ بېشىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي مەسلىھەتچىسى مىرزا ناسىروۋ (ئۇيغۇر) ۋە ئارسىلانخان (ئېلىخان تۆرىنىڭ ئوغلى) باشچىلىقىدىكى مىللىي ئارمىيىنىڭ ئىككى ئاتلىق باتالىيونىنى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە ئەۋەتىدۇ . بۇ قۇشۇن سوپاخۇن سوپىروۋ ئاتلىق پارتىزانلار ئەترىتى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئاقسۇ شەھرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۆڭۈشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن سېنتەبرنىڭ ئوتتۇرلىرى مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى يەنە دېسكوۋ باشچىلىقىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى ۋە موڭغۇل ئاتلىق ئەسكەرلەر روتىسىدىن ئىككىنى ئىلىدىن ئەۋەتىپ، ئىككىنچى قېتىم ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ . 23- سېنتەبر كۈنى مىللىي ئارمىيە قىسملىرى ئاقسۇ شەھرىگە مۇھاسىرە ھۇجۇم باشلايدۇ. شەھەرنى ئىشغال قىلىش جىڭى جىددىي داۋاملىشىۋاتقان كۈنلەردە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بنلەن گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۇتتۇرىسىدىكى «تىنچىلىق سۆھبىتى» ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىنىدۇ . شۇنىڭ بىلەن مىللىي ئارمىيىنىڭ قىسملىرى باش قوماندانلىق شتابىنىڭ بويرۇقىغا بىنائەن ئۇرۇشنى تۇختۇتۇپ، 19- ئوكتەبىردە ئىلىغا قايتىپ كېلىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ تەركىبي قىسىمى بولغان تاشقورغان ئىنقىلابىي ئارمىيىسىدە سوۋېت ھەربىي خادىملىرى ۋە ئوفېتسىرلىرى ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىدى. 1945 – يىلى ئىيۇندا تاشقورغان پارتىزانلار ئەترىتى قەھرىمان شاھ، مەمەت ئەيسا قاتارلىق كىشلەرنى چېگرىدىن ئۆتۈپ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ياردەم تەلەپ قىلىشقا ئەۋەتتى، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ ئالاقىدار زاتلىرى تاشقۇرغان پارتىزانلار ئەترىتىنى قوللايدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۇرۇشتى. شۇ يىلى ئاۋغۇستنىڭ باشلىرى مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئىلىدىكى تاشقورغان ئىنقىلابىنى قوللاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قۇربانوۋ باشچىلىقىدىكى 300 نەچچە كىشلىك قوراللىق كۈچنى تاشقۇرغانغا ئەۋەتتى. شۇ يىلى ئاۋغوستنىڭ ئوتتۇرلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىلىق مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى تاشقۇرغانغا يېتىپ كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە غولامىخان تۆرە باش مەسلىھەتچى، قارىخان تاشقۇرغان ئىىقىلابىي ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى بولدى. شۇ يىلى 15 – ئاۋغۇست كۈنى تاشقورغان پارتىزانلار ئەترىتى تۆت يولغا بۆلۈنۈپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ بولۇڭكۆل سۇ بېشى، تاغارما ۋە تاشقورغان ناھىيە بازىرى قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلدى. شۇ يىلى 17 – ئاۋغۇستا تاشقورغان پارتىزانلار ئەترىتى تاشقورغان ناھىيە بازىرىدا ئاممىۋىي چوڭ يىغىن ئېچىپ تاشقورغان ۋالىي مەھكىمىسىنى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئاقيولبېك (تاجىك) ۋالىيلىقا، قەھرىمان شاھ (تاجىك) ۋە مەمەت ئەيسالار تاشقورغان ئىنقىلابىي ئارمىيىسىنىڭ باش ۋە مۇئاۋىن قومانداىلىقلىرىغا تەيىنلەندى. 1946 – يىلى 20 – مارتتا ئوڭۇشىسىز ئەھۋالدا قالغان تاشقورغان قوراللىق كۈرشىنى بىۋاستە تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش ئۈچۈن مىللىي ئارمىيە باش قوماندانىلىق شتابى گېنېرال لېيتېناىت ئىسھاقبېكنى سوۋېت مەسلىھەتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر 400 نەچچەكىشلىك قوراللىق كۈچ ۋە بىر قىسىم ئىغىر- يىنىك قوراللار بىلەن ئىلىدن تاشقۇرغانغا ئەۋەتكەن ئىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ئىنقىلابى جەريانىدا يەنە مىللىي ئارمىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت چېگرىسىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېرىپ- چىقىشىغا ئىجازەت بەرگەن. 1944- يىلى نويابىرنىڭ بېشىدا غۇلجا قوزغىلىڭى كۆتىرىلىشتىن ئىلگىرى ئابباسوۋ بىر قوراللىق قوشۇننى باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىلىغا كېرگەن. 1944 – يىلى 16- نويابىردا ئىسھاقبېك ئۆزىنىڭ 200 نەچچە كىشلىك قوراللىق ئەترىتىنى باشلاپ تاشقۇرغاندىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقىلىق ئىلىغا يىتىپ كېلىپ، ئىلىنىڭ تولۇق ئازاد قىلىنىشىغا قاتناشقان ئىدى. 1945- يىلى ئاۋغۇستنىڭ باشلىرى مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئىلىدىكى تاشقورغان ئىنقىلابىنى قوللاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قۇربانوۋ باشچىلىقىدىكى 300 نەچچە كىشلىك قوراللىق كۈچنى ئالاھىدە ئىلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرىسى ئارقىلىق تاشقورغانغا ئەۋەتتى . 1946 – يىل 20- مارتتا مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئىسھاقبېك يەنە بىر 400 دىن ئارتۇق كىشلىك بىر قوراللىق قىسىم بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى زىمىنى ئارقىلىق تاشقورغانغا بارغان، شۇ يىلى ئىيۇندا بۇيرۇققا بىنائەن يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقىلىق ئىلىغا قايتىپ كېلىدۇ . ئوسمان ئىسلام ئالتايدا توپىلاڭ كۆتۈرگەندىن كېيىن 1947 – يىلى 24- سېنتەبر مىللىي ئارمىيەنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى گېىېرال مايور دەلىلقان سۇگۇربايىۋ شىمالىي فرونت قوماندانلىق شتابى، ئالتاي ۋالى مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى ۋە مىللىي ئارمىيىنىڭ 200 دىن ئارتۇق جەڭچى- ئوفېتسىرلىرىنى باشلاپ سوۋېت سوۋېت ئىتتىپاقى زىمىنى ئارقىلىق چوچەككە كەلگەن ئىدى . بۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ئىنقىلابى باشلىنىشتىن ئىلگىرىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك مىللەتلەردىن تەشكىللەنگەن قوراللىق كۈچلەر سوۋېت ئىتتىپاقى چېگىرىسىدىن كېرىپ- چىقىپ يۇرگەن ، 1944- يىلى ئىيۇندا نۇرھاجى ئىسھاقبېك مونونوۋنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا مەشق قىلدۈرغان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىر قىسمىنى باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن تاشقورغانغا كەلگەن . شۇ يىلى سېنتەبردە ئىسھاقبېك مونونوۋ تاشقورغان پارتىزانلىرىنى باشلاپ، سوۋېت چېگرىسىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئۇلۇغچات ناھىيىسىگە كەلگەن.

سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي جەھەتتە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە قىلغان ياردىمىنى خولاسىلاپ ئېيتقاندا سوۋېت ئىتتپاقى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنى پىلانلاش ۋە تەييارلىق قىلىشتىن باشلاپ كۆپ تەرەپلىمە ياردەم قىلدى. نىلقا قوزغىلىڭى پارتىلىغاندىن كېيىن سوۋېت ئتتىپاقى ئىلىغا بىۋاسىتە كىرگۈزگەن ھەربىي مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى ۋە ھەربىي خادىملىرى ھەربىي ئىشلارغا قوماندانلىق قىلدى ۋە جەڭلەرگە قاتناشتى. پارتىزان ئەترەتلىرىگە كۆپ مىقداردا قورال- ياراق ۋە ئوق- دورىلارنى بەردى. بولۇپمۇ گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ غۇلجىدا قورشاۋدا قالغان قالدۇق قوشۇنلىرىغا ياردەم بەرگۈچى قىسىملىرى غۇلجا شەھىرىنىڭ يېنىدىكى پەنجىمگە يېقىنلىشىپ، ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت خەۋپ ئاستىدا قالغان جىددىي پەيتتە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى تېزلىك بىلەن قوراللىق قىسىملىرىنى ئەۋەتىپ، جەڭگە بىۋاسىتە قاتناشتۈردى. بۇنىڭ پارتىزانلار ئەترەتلىرى ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىغا زور مەدىتى ۋە ياردىمى بولدى . شۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى خەتەرلىك ئەھۋالدىن قوتۇلۇپ قالدى . مونتىزىم ئارمىيە قۇرۇلغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى ياردىمى تىخىمۇ كۆپ بولدى . ئۈچ فرونت بۇيىچە ئۇرۇش قىلىش پىلانى تۈزۈلگەندىن كېيىن سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ بىر تۈركۈم ئوفېتسىرلىرى مىللىي ئارمىيىدە ۋەزىپە ئۆتىدى ھەم جەڭلەرگە بىۋاسىتە قاتنىشىتىن سىرىت يەنە زور مىقداردا قورال- ياراق، ئوق- دورا ۋە ھەربىي ئۆسكۇن- ئەشيالار بىلەن تەمىن ئەتتى.

سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي خىزمەتلىرىدىكى ئىش- پائالىيەتلىرى

سوۋېت ئىتتپاقى ھۆكۈمىتىنڭ قىزىل ئارمىيە ئوفىتسېرلىرى مىللىي ئارمىيەدە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەپلا قالماستىن،يەنە زۆرۈر بولغان چاغلاردا ھەربىي قىسىملىرىنىمۇ مىللىي ئارمىيە سېپىدە ئۇرۇش قىلشقا ئەۋەتىپلا قالماستىن يەنە سوۋېت مۇتەخەسىسلىرى ئىنقىلابىي ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرىدىمۇ ۋەزىپە ئۆتىدى. ئىنقىلاىي ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ تەكلىبى بىلەن بىر تۈركۈم سوۋېت مۇتەخەسىسلىرى ئىنقىلابىي ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قايسى ئاپاراتلىرىدا مەسلىھەتچى بولۇپ تەينىلىنىدۇ . 1946- يىلى ئاپرېلدا ئىنقىلابىي ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئاپاراتلىرىدىكى « سوۋېت مەسلىھەتچىلىرى توۋەندىكىدەك ئىدى : ئېلىخان تۆرەنىڭ مەسىلىھەتچىسى مۇھسىن، ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئېلى ئەپەندى ، مالىيە نازارىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى گېرىېنكو (رۇس) ، مائارىپ نازارىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئابدۇللايوۋ، خىلەم خودابەردىيوۋ، يەر- سۇ نازارىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئۆمەر ئەپەندى، دنىيە نازارىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى جەپەر داموللا، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مەسلىھەتچىسى روزىيوۋ، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مەسلىھەتچىسى مىھمانوۋ ، ھەربىي ئىشلار بۆلۈمىنىىڭ مەسلىھەتچىسى سەئىد ئەخمەت، ھەربىي باش قوماندان پالىنوۋلار ئىدى.»12. يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى مەسلىھەتچىلىرىدىن مەنسۇر روزىيوۋ (ئۇيغۇر) ۋە ئارۇپباي (قازاق) لار تارباغاتاي ۋە ئالتاى ۋىلايەتلىرىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىلىرى بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى خادىملىرى يەنە مائارىپ، سەھيە جەھەتلەردە خىزمەت قىلدى. ئىنقىلابىي ۋاقىتلىق ھۆكۆمەت سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بىلەن سودا مۇناسىۋىتى ئورنۇتۇپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى مۇقىملىشىپ ياخشىلىنىشىغا باشلىدى.

1947 – يىلى ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن سوۋېت ئىتتىپاق ھۆكۈمىتى يەنە مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىنى غۇلجىغا مەخپىي ئەۋەتتى، ئۇلارنىڭ مەخپىي بەلگىسى « ئەخمەتجان قاسىمى 2 – ئىشخانىسى » دەپ بېكتىلدى.13

تىنچىلىق سۆھبەت مەزگىلىدە

ستالىن تاشقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنى جىياڭ جېشىغا ئېتىراپ قىلدۇرۇش ۋە خىتايدا ئېرىشمەكچى بولغان بەزى مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتگە ئىگە قىلدۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئۇجۇقتۇرۋېتىش قارارىغا كەلگەندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى جۇڭخىۋا مىنگو ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئىلى مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئىزچىل مەيدانىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىنى موستەقىل دۆلەت قىلىش نىيىتى بولمىغان. يوقىرقى نوقتىنى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلى مەسىلىسىدە ئەزەلدىن تۇتۇپ كەلگەن پوزىتسىيەسى ۋە مەيدانىنى تۆۋەندىكى پاكىتلار تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ:
«تارىخىي جەھەتتىن ئالغاندىمۇ، ئوكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئىلىنى موستەقىل قىلىش نىيىتى بولمىغانلىقى ھەققىدە كوپ پاكىتلار بار. مەسىلەن: (1) 1920- يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار «توركىستان بيۇروسى» ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىلىدا موستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇش ھەققىدە موسكىۋادىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كومىسسارىيىتىغا ياردەم سوراپ مۇراجەتنامە يازغان. موسكىۋا بۇنىڭغا «ئۇيغۇر ئىلىدا موستەقىل دۆلەت قۇرۇش سەلبىي ئاقىۋەتكە ئىلىپ بارىدۇ… خىتايغا نىسپەتەن بىزنىڭ ئومۇمىي دوسىتلۇق سىياسىتىمىز ۋە خىتاي دىموكراتىيىسىگە ئىشەنچىمىز بولغانلىقى توپەيلىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋىتىمىزنى ساخلاشقا مەجبۇرمىز.» دەپ جاۋاپ يازغان ؛ (2) 1930- يىللارنىڭ بېشىدا سوۋېت ئىتتىپاقى قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى خوجىنىيازنى قوللاپ ئونىڭغا ھەر جەھەتتىن ياردەم بەرگەن ئىدى؛ كېيىن شېڭ شىسەينى قوللاپ، خوجىنىيازنى شېڭ شىسەي بىلەن ئىتتىپاقلىشىشقا ئۈندىدى، شۇنىڭدەك شېڭ شىسەيگە قارشى قوراللىق كۈچلەرنى تار- مار قىلىپ، شىڭ شىسەينىڭ ھاكىمىيىتىنى موستەھكەملىۋېلىشىغا ياردەم بەردى؛ (3) 1935- يىلى 11- ئاينىڭ 18- كۇنى( شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان ۋاقىتلار) سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 7- قۇرۇلتىيىدا تاشقى ئىشلار مىنستىرى مولوتوۋ جاكارلىغان مۇراجىئەتنامىدا : «مەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان ھەقىقي سىياسىتىنى تەكىتلەپ ئۆتۈشنى زۆرۇر دەپ قارايمەن. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قارىشىچە، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تېررىتورىيسىنى تارتىۋىلىش بىزنىڭ تاشقى سىياسىتىمىز بىلەن سىغىشالمايدۇ. ئۇ ئۇيغۇر ئىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پوتكۇل جۇڭگو تېررىتورىيىسىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قەتئىي قوغدايدۇ .» دېيىلگەن؛(4) 1938- يىلى 2 – ئايدا گومىنداڭ ئەمەلدارى سۇن كې ستالىن بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ستالىننىڭ : «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى موڭغۇلىيە ياكى ئۇيغۇر ئىلىغا نىسپەتەن زىمىن تەلىبى يوق.» دىگەنلىكى، يەنە بىر قېتىملىق سۆھبەتتە : «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئىلى مەسىلىسىدە چوڭچىڭ بىلەن پايدا-زىيان توقۇنىشى يوق دېگەنلىكى مەلۇم.»؛ (5) 1938- يىلى شىڭ شىسەي مەخپىي ھالدا موسكۋانى زىيارەت قىلىپ ستالىن بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئۇيغۇر ئىلىنى موستەقىل جۇمھۇرىيەت قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرغا قويغان… ئۇيغۇر ئىلىنى ئىدارە قىلىش ھۆقۈقىنى شېڭ شىسەيدەك سوۋېت ئىتتىپاقىغا «سادىق» دەپ تونۇلۇپ قالغان بىر شەخىسگە تاپشۇرۇشنى لايىق كۆرگەن.»14. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ تەييارلىق باسقۇچىدا 1943-يىلنىڭ ئاخىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىلىدىن تورلۇك يوللار بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەلگەن بىر تۈركۈم ياشلارنى تەشكىللاپ، تەربىيەلەپ ئىلىغا قايتۇرۇپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلىدى. مونداق گۇرۇپپىلاردىن بىرى ئالماتا شەھەرىنىڭ شىمالىدىكى «ئالماتنا» غولىنىڭ ئىچىدىكى ساناتورىيىنىڭ ئىچىدە ئىدى. بۇ گۇرۇپپىدا فاتىخ موسلىموۋ، خەمىت موسلىموۋ، رەفىق بايچورىن ۋە سەيدۇللا سەيپوللايوۋ قاتارلىق كىشلەر بار ئىدى . 1944- يىلى ئىيولنىڭ بىر كۈنى بۇ كۇرسنى باشقۇرغۇچى ئەخمەت ئاقۇشقاروۋ سەيپوللايوۋ بىلەن سۆھبەتلىشىپ «ئازادلىق ئارمىيە پۈتۈن كۈچى بىلەن گومىنداڭغا ھۇجۇم قىلسا ئۈچ- تۆرت يىلغا قالماي پۈتۈن خىتاي خەلقى ئازاد بولىدۇ. شۇ چاغدا ئۇيغۇر ئىلى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىگىدە بىر ئۆلكە بولۇپ قالىدۇ…» 15 دېگەن.

1945-يىلى فېۋرالدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى يالتادا ئۆتكۈزۈلگەن، سوۋېت ئىتتپاقى، ئامىرىكا ۋە ئەنگىلىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت باشلىقلىرى ستالىن، روزېۋىلت ۋە چېرچىللار قاتناشقان يىغىندا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي شىمال ۋە ئۇيغۇر ئىلىغا نىسبەتەن ھىچقانداق
زىمىن تەلىبى يوقلىقىنى ھەمدە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. «يالتا يىغىنىدا ستالىننىڭ ئوتتۇرغا قويۇشى بىلەن ئۇيغۇر ئىلى، تاشقى موڭغۇلىيە قاتارلىق خىتايغا موناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ موزاكىرە قىلىنغانلىقى، ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئىلىنىڭ يەنىلا خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسى بولۇپ قالىدىغانلىقى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقى ئەمىلىيەت. ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئىلى مەسىلىسى توغرسىدىكى ئىزچىل مەيدانىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىنى موستەقىل دۆلەت (ياكى قارام دۆلەت) قىلىش نىيىتى يوق. يالتا يىغىنىدا ستالىننىڭ ئۇيغۇر ئىلى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى ئۇيغۇر ئىلىنى ئەمەس، بەلكى تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.»16.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بىلەن گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتىنىڭ «تىنچىلىق سۆھبىتى» باشلىنىشىنىڭ ئالدى – كەينىدىكى بەزى ھەركەتلەردىن قارىغاندىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنڭ ئۇيغۇر ئىلى مەسىلىسىدە يەنىلا ئۆزىنىڭ موددىئاسى ۋە پىلانى بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: 1945- يىلى 8- ئاينىڭ 8 – كۈنى (ياپونىيە شەرتسىز تەسلىم بولغاندا) موسكۋادا خىتاي – سوۋېت دۇستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالاندى. بۇ شەرتنامىگە قوشۇمچە قىلىپ ئالماشتۇرۇلغان ھۆججەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئىلىدا يېقىندىن بويان يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغىرىسىدا توختالغاندا، «شەرتنامە» نىڭ 5- ماددىسىدا ئېيتىلغاندەك خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلىشىش نىيىتى يوقلىغىنى يەنە بىر قىتىم بايان قىلدى.، 1945- يىلى 9 – ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا لوندوندا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرى ۋاڭ شجيې سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنستىرى مولوتوۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە سۆز ئاچقاندا، مولوتوۋ: «مۇنداق ۋەقەنىڭ بولۇشى ۋاقىتلىق ھادىسە، ئۇ ئوزۇن ئۆتمەي بىسىقىدۇ.» دېگەن. گومىنداڭ ۋەكىلى جياڭ جىڭگو (جىياڭ جىشىنىڭ ئوغلى) 1945- يىلى ئاخىرى موسكۋاغا بېرىپ قايتىشىدا ئۇرۇمچىدە توختاپ، موسكىۋانىڭ ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ بىلەن بولغان سۆھبەتنى ئالغا سۈرۈشكە ياردەم بەرمەكچى بولغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.17.

1945 – يىلى 17 – سېنتەبر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پىدوروۋ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا «سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ سوۋېتلەر ئىتتپاقى ھۆكۈمىتىگە يوللىغان مەلۇماتىدا ئېيتىلىشچە: موسۇلمانلاردىن بىر مۇنچە كىشى ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر ئىلى قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ۋەكىلى دەپ مەزكۈر كونسۇلخانىمىزغا بايانات ئېلان قىلىپ روسىيىلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ ۋاستىچى بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي دائىرلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشنى ياراشتۇرۇپ قويۇشنى ئومىد قىلىدىغانلىقىنى ئاستېرتىن بىلدۈردى؛ ھەمدە قوزغۇلاڭچى خەلقنىڭ ئەسلىدىنلا خىتايدىن ئايرىلىپ كېتىش نىيىتى يوق، ئۇلارنىڭ مەقسىتى مۇسۇلمانلار كۆپ ساننى ئىگىلىگەن ئۇيغۇر ئىلىدىكى ھەر قايسى جايلاردا، مەسىلەن: غۇلجا، تارباغاتاي، ئالتاي، قەشقەر قاتارلىق رايونلاردا ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈش مەقسىتىگە يېتىشتىن ئىبارەت دەپ ئىزھار قىلدى، مەزكۈر ۋەكىللەر يەنە ئۇيغۇر ئىلى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن خىلمۇ خىل زۇلۇملىرىنى بىر- بىرلەپ بايان قىلدى. سوۋېتلەر ئىتتپاقى ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىلى بىلەن چېگرىداش بولغان رايونلىرىنىڭ تېنچلىقى ۋە تەرتىپىگە ئېتىبار قىلىپ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ماقۇل بولسا ئۇيغۇر ئىلىدا يۈز بەرگەن ۋەزىيەتنى توختىتىش، خىتاي ھۆكۈمىتىگە مۈمكىن بولغان ياردەملەردە بولۇش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ غۇلجىدا تورۇشلۇق كونسۇلىنى تەيىنلىمەكچى.»18 دېگەن بىر پارچە ئەسلەتمىنى تاپشۇرغان.

بەزى كىشلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پىدوروۋ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تاپشۇرغان بۇ ئەسلەتمىسىنىڭ راسىتلىقىغا گۈمان بىلەن قارايدۇ. چۈنكى جاڭ جىجۇڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىرىنىچى قېتىم ئۆچرىشىدىن ئەۋۋال شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىنىڭ «بىز شەرقىي تۈركىستان جۈمھۈرىيىتىنىڭ ۋەكىلى، مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋەكىلى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرۇشىمىز كېرەك، جاڭ جىجۇڭ بىلەن سۆھبەت ۋەكىللىرى گۇۋاھنامىسىنى ئالماشتۇرىمىز، بولمىسا سۆھبەت ئۆتكۈزمەي ئىلىغا قايتىمىز» دېگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال يىۋسېيوپ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۆچ ۋىلايەت سۆھبەت ۋەكىللىرىگە ئۇنداق سالاھىيەتتىن ۋاز كېچىشىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشىنى ئىلتىماس قىلدى. يىۋسېيوپنىڭ كېلىشتۇرۇشى ئارقىلىق ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى ۋاقتىنچە «خەلق ۋەكىلى» سالاھىيىتى بىلەن سۆھبەتكە قاتنىشىشقا قوشۇلدى.19 ئۇنىڭ ئۇستىگە ئەڭ مۇھىمى شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ئىنقىلابىغا قاتناشقان مۇھىم شەخىسلەرنىڭ ئەسلىمىلىرىدە: «موسۇلمانلاردىن بىر مۇنچە كىشى ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر ئىلى قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ۋەكىلى دەپ مەزكۈر كونسۇلخانىمىزغا بايانات ئېلان قىلىپ روسىيىلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ ۋاستىچى بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي دائىرلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشنى ياراشتۇرۇپ قويۇشنى ئومىد قىلىدىغانلىقىنى ئاستېرتىن بىلدۈرگەنلىكى» توغرۇلۇق ھېچقانداق مەلۇمات يوق. «سوۋېت ئتتىپاقى 1944- يىلى 8- ئايدىن بورۇن ئۇيغۇر ئىلىنى «موستەقىل بولمايدۇ» دېگەن بولسا، 11- ئايدا غۇلجىىدا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىل بولۇشىغا ياردەم بەرگەن، لېكىن بۇ ھۆكۈمەتنى ئىتىراپ قىلمىغان.

1945- يىلى 6- ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئىلىنىڭ مۇستەقىل بولمايدىغانلىغىنى ئالغا سورۇپ، 9 – ئايدا تىنچىلىق بېتىمنىڭ ئەمەلىيلشىشى ئۈچۈن ئالدىرىغان.».20
سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەت ھەيئىتى جياڭ جېشىنىڭ «ئۇيغۇر ئىلى مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش» دىگەن تەكلىبىنى قوبۇل قىلىپ، 1945 – يىلى 2- ئوكتەبىردە 100- نومۇرلۇق قارارنى ماقۇللاپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئەزاسى، ئالىي سود مەھكىىمىسىنىڭ باشلىقى پولكونىك رەېھىمجان سابىرھاجىيوۋ (ئۆمەك باشلىقى)، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئەزاسى ، چارۋىچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پولكونىك ئوبۇلخەيرى تۆرە ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئەزاسى، ھەربىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پولكونىك ئەخمەتجان قاسىمىدىن ئىبارەت ئۈچ كىشلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ۋە مىللىي ئارمىيىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى سالاھىيىتى بىلەن دىخۋا (ئۇرۇمچىگە) ئەۋەتىپ، جۇڭخۋا مىنگو مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچىلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزمەكچى بولىدۇ. دىخۇا شەھەرىدىكى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ غەربىي چوڭ بىناسىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ كونسۇلى يىۋسېيىۋنىڭ كېلىشتۈرۈشى بىلەن رەېھىمجان سابىرھاجىيوۋ باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن جۇڭخۋا مىنگو ھۆكۈمىتى مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋەكىلى جاڭ جىجۇڭ ئوتتۇرىسىدىكى «تىنچىلىق سۆھبىتى» 1945- يىل 17- دىكابردىن باشلاپ رەسمىي ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىنىدۇ. 6194- يىلى 2-يانۋاردا ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى «11 ماددىلىق تىنچىلىق بىتىم» گە ئىمزا قۇيىدۇ . 1945- يىلى سىنتەبردىن باشلاپ سۆھبەتكە تەييارلىق قىلىشتىن باشلاپ 1946- يىلى «بىتىم» ئىمزالانغىچە بولغان ئارىلىقتا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە جۇڭخۇا مىنگو مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى بىلەن ئايرىم- ئايرىم جەمئىي 19 قېتىم كۆرۈشكەن.21

«تىنچىلىق بىتىم» نىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى، مىللىي ئارمىيە ۋە تاشقۇرغان ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى ۋە تاشقورغان ئىنقىلابىي ئارمىيسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان نەچچە يۇزلىگەن مەمۇرىي مۇتەخەسىسلىرى ، ھەربىي مەسلىھەتچىلىرى ۋە ھەربىي خادىملىرى ئۆز دۆلىتىگە قايتتى.

مىللىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى گېنېرال لېيتېنانت پالىنوۋمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ ئېلىپ كېتىلدى. غولامخان تۆرە، قارىخان، مەنسۇر رۇزىيوۋ ۋە ئارۇپبايلارمۇ بۇيرۇققا بىنائەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتتى. «سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ھەر بىر ئورگانلىرىغا سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرىنى قويدى، ھەربىي قىسىملاردا سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ نەچچە يۈزلىگەن ئوفىتسېرلىرى جەڭلەردە قوماندانلىق ئىشلىرىغا قاتناشتى. تىنچىلىق بىتىمى ئىمزالىنىشى بىلەن ئۇلار ئۆز ۋەتىنىگە قايتقان بولسىمۇ، ئۈچ ۋىلايەتنىڭ خىزمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلىپ قالمىدى.»22

خولاسىلاپ ئېيتقاندا، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ پۈتكۈل تارىخىي دەۋرىدە بولۇپمۇ «11 بىتىم» ئىمزالانغىچە بولغان يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىي ۋە ھەربىي خادىملىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە كەڭ كۈلەمدە ئىش- پائالىيەت ئىلىپ بارغان.
__________________

ماقالىدىكى نەقىللەرنىڭ كېلىش مەنبەلىرى :
1. «ئۇيغۇر ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى» (40) دىن ،260 – بەتلەر،
2. «ئۇيغۇر ئىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»، 5- بەت، «شانلىق مىللىي ئارمىيە»، 6 – بەت
3. «ئىسلام خىتايدا»، 55– 56- بەتلەر، (ئىنگلىزچە)، رەفىق خان ( M. RAFHQ KHAN )، NATIONAL AKADEMY، DELH 1963- نەشرى
4. «ئۇيغۇر ئىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»، 15- بەت
5. يوقىرقى كىتاب، 18 – بەت
6. تاشكەنتچىلەر – 20 – ئەسىرنىڭ 30- يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشكەنت قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئوقۇغان شەرقىي تۈركىستانلىق ھەر مىللەت ياشلىرى «تاشكەنتچىلەر» دەپ ئاتالغان. – ئاپتوردىن
7. «شانلىق مىللىي ئارمىيە»، 57- بەت
8. «ئۆمۈر داستانى» (ئەسلىمە 2) ، 82 – بەت
9. «ئۇيغۇر ئىلى يىقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخىسلەر» ، 221 – 222- بەتلەر
10. «ئۆمۈر داستانى» (ئەسلىمە 2) ،338– 339 – بەت
11. «ئۇيغۇر ئىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»، 181 – بەت
12. «مەن شاھىت بولغان ئىشلار»، 96- بەت
13. «ئۇيغۇر ئىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»، 328 – بەت
14. «مەن شاھىت بولغان ئىشلار»، 27– 29- بەتلەر
15. يوقىرقى كىتاب، 89 – بەت
16. يوقىرقى كىتاب، 24 – 25 – بەتلەر
17. يوقىرقى كىتاب، 29-31 – بەتلەر
18. «ئۇرۇمچى سۆھبىتىدىن ئۇيغۇر ئىلى تىنچ ئازات بولغانغا قەدەر»، 7 – 8 – بەتلەر
19. «ئۇيغۇر ئىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»، 163- بەت
20. «مەن شاھىت بولغان ئىشلار»، 34 – بەت
21. «شانلىق مىللىي ئارمىيە»، 223- بەت
22. «مەن شاھىت بولغان ئىشلار»، 20- بەت

پايدىلانغان كىتابلار ۋە ماقالىلار:
كىتابلار:
«ئەخمەتجان ئەپەندىنى ئەسلەيمەن» ( 1- ۋە 2- كىتابلار )، ماھىنۇر قاسىم ، مىللەتلەر نەشىرىياتىنىڭ 2014 – يىل 8 – ئاي 1- نەشىرى
«شانلىق مىللىي ئارمىيە» (خىتايچە، «军 族 民 的 荣 光»(ۋېى جۋاڭ، خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى ئەدەبىيات – سەنئەت نەشىرىياتىنىڭ 2015 – يىل 1 – ئاي نەشرى
«تاشكەنتچىلەر» ( 1- ،2- ۋە 3- كىتاپلار ) ، ئابدۇراخمان ئابدۇللا، ئۇيغۇر ئىلى خەلق نەشرىياتىنىڭ 2002 – يىل 1- نەشرى ۋە 2003 – يىلى 12 – ئاي 1- نەشرى؛ ئۇيغۇر ئىلى ئونۋېرستېتى نەشرىياتىنىڭ 2006 – يىل 7 – ئاي 1- نەشرى
«ئۇيغۇر ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى» ( 16) ، خىتاي خەلق سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى ش ئۇ ئا ر كومىتېتى تارىخ ماتىرىياللار تەتقىقات
ھەيئىتى، ئۇيغۇر ئىلى خەلق نەشرىياتىنىڭ 1985 – يىل 1 – ئاى نەشرى
«ئۇيغۇر ئىلى يىقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخىسلەر»، شېرىپ خوشتار ، ئۇيغۇر ئىلى خەلق نەشىرىياتىنىڭ 2000 – يىل 9 – ئاي 1- نەشرى
«ئۇيغۇر ئىلى يىقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخىشلەر»، شېرىپ نىياز خوشتار ، ئۇيغۇر ئىلى خەلق نەشىرىياتىنىڭ 2003 – يىل 1 – ئاي 1 – نەشرى
«ئۇيغۇر ئىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»، ئۇيغۇر ئىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىنى يېزىش- تەھرىرلەش كومىتىتى، ئۇيغۇر ئىلى خەلق نەشرىياتىنىڭ 1995- يىل 8 – ئاي 1- نەشرى
«ئۇيغۇر ئىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخى»، (خىتايچە)، دۇ روڭ كۇن، جى دا چۇن، رېن يى فيېى، ليۇ ۋېن يۋەن؛ جۇڭگو ئېجتىماىي پەنلەر نەشرىياتىنىڭ 2013 – يىل 9 – ئاى 1- نەشرى
«خىتايدىكى ئىسلام» ، (ئىنگلىزچە)، رەفىق خان ( M. RAFHQ KHAN )، NATIONAL AKADEMY، DELHI ، 1963- نەشرى
«مەن شاھىت بولغان ئىشلار»، سەيدۇللا سەيىپۇللا ، ئۇيغۇر ئىلى ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىنىڭ 2005 – يىل 6 – ئاي نەشرى
«ئۇرۇمچى سۆھبىتىدىن ئۇيغۇر ئىلى تىنچ ئازات بولغانغا قەدەر»، جاڭ جى جۇڭ ، ئۇيغۇر ئىلى خەلق نەشرىياتىنىڭ 1987- يىل 5 – ئاي 1- نەشرى
«ئۆمۈر داستانى» ( ئەسلىمە 2 ) ، سەيىپىدىن ئەزىزى ، مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ 1990- يىل 12- ئاي 1- نەشرى
«ۋەقەلەر خاتىرىسى» (سلاۋيان يىزىقىدىكى تاتارچە) ، رەيىف بىكبايوۋ ، ئالماتا ، 2004- نەشر قىلىنغان.
«ئىلى قوزغىلىڭى» (ئىنگلىزچە) ، لىن دابېن سان LINDA BEN SON ، An East Gate Book نىڭ 1989- نەشرى
ماقالىلار ؛
«شانلىق سەھىپە»، «مەن شاھىت بولغان ئىشلار» دىن ،1 –72- بەتلەر
«ئۇيغۇر ئىلى 3 ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ئائىت ئەھۋاللار ھەققىدە ئەسلىمە»، ساۋدانوپ زايىر، «ئۇيغۇر ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى»
(16) ، 63 – 184 – بەتلەر
«ئۇيغۇر ئىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھەققىدە» ، ياسىن خۇدابەردى، «ئۇيغۇر ئىلى تارىخ ماتىرىياللىرى» (16) دىن،14–62-بەتلەر
«ھاياتىمدىن خاتىرىلەر» ، ئەنۋەر خانبابا، «ئۇيغۇر ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى» (40) دىن ، 228 – 375 – بەتلەر، ج خ س م كېڭىشى ش ئو ئا ر كومىتېتى تارىخ ماتېرىياللىرى ھەيئىتى، ئۇيغۇر ئىلى خەلق نەشرىياتىنىڭ 1996 – يىلى 5- ئاي 1- نەشرى
«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر بەزى مەسىلىلەر» ، «مەن شاھىت بولغان ئىشلار» دىن ، 61 – 72 – بەتلەر
«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ باشلىنىشى ھەققىدە ئەسلىمە»، قوربان ئېلى ئوسمانوۋ، «ئۇيغۇر ئىلى تارىخ ماتىرىياللىرى» (16) دىن ، 260 – 289- بەتلەر

2016 – يىلى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش