You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » كومىنىست ئىدىئولوگىيىسى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكى ۋە تېرورىزىم

كومىنىست ئىدىئولوگىيىسى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكى ۋە تېرورىزىم

ئاسىيە ئۇيغۇر

ئۆتكەن بىر قانچە كۈندە بىر ماقالەمنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن فېيسىبۇك دۇنياسىدا ناھايىتى كۆپ مۇنازىرىلەر مەيدانغا چىقتى. مۇنازىرىنىڭ سەۋەبچىسى بولۇش سۈپىتىمدە يۈز بېرىۋاتقان بۇ مەسىلىلەرگە ۋە مېنىڭ بۇ مەسىلىنى نىمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز ئوتتۇرىغا تاشلاپ قالغانلىقتىكى مەقسەت – مۇددىئالىرىمنى قېرىنداشلىرىمغا چۈشەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىم دەپ قاراپ بۇ يازمىنى قەلەمگە ئالدىم. چۈنكى مەسىلىلەر تۈپ يىلتىزىدىن ھەل بولمايدىكەن، بۇ خىل ئىختىلاپ ھامان داۋاملىشىدۇ ۋە ئاقىۋەت بىزنى تارىختىكىدەك زور سىياسي قىسمەتلەرگە ، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنىڭ قۇربانى بولۇشقا، ۋەتەنسىز قېلىشقا ۋە ئاقىۋەتتە ھەر يەەردە ھەر مىللەتكە قوشۇلۇپ، ياكى سىگانلاردەك تەركى -دۇنيالىققا ۋە ياكى مۇلار دەۋرىدەك تارىخ بەتلىرىدە تارىخچىلارنىڭ تەتقىقات تېمىسىغا ئايلىنىپ قېلىش قىسمىىتگە دۇچار قىلىدۇ.شۇڭا بۇ يامىنى بۇ ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشنىڭ دەسلەپكى قەدىمى نوقتىسىدا تۇرۇپ ، ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى ۋە ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىنكاس قايتۇرۇشتىن ئاۋۋال ماڭا ئوخشاش ۋاقتىڭىز ۋە زېھنىڭىزنى سەرىپ قلىپ، بۇ ھەقتە ئەستايىدىل ئىزدەنگەندىن كېيىن ئىلىي ئۇسۇلدا قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئۇنداقتا گەپنى نىمە ئۈچۈن بۇ نازۇك ۋە كىشىلەر تىلغا ئېلىشنى خالىمايدىغان بىر تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ قالدىم؟ مەن نېمىنى ھەل قىلماقچى؟ ئىختىلاپ تېرىپ مىللەتنىڭ بېىشنى قايدۇرماقچىمۇ ؟ ۋەتەندە لاگىرلاردا يېتىۋاتقان مىليۇنلارچە قېرىنداشلىرىمنى كۆزۈم كۆرمىدىمۇ ياكى ئالدىمىزدا كېلىۋاتقان پۇرسەتلەردە مىللىي بىرلىكىمىزنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلالىغۇدەك ئەقلىم بولمىدمۇ؟ ياكى بىر تېمىلارنى قەستەن ئوتتۇرىغا تارتىپ چىقىرىپ، مىللەت ئارىسدا پىتنە پەيدا قىلىۋاتامدىم؟
بەلكىم بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى نۇرغۇن قېرىنداشلار بىلىشنى خالىسا كېرەك. ئۇنداقتا مەقسەتكە كېلەيلى:

مەن «ھەممىسى ھۆرلۈك ئۈچۈن» ناملىق ماقالەمدە تىلغا ئالغىنىمدەك، ئىنسانلارنىڭ قانداق كېيىنىش، قانداق ياشاش ھوقۇقلىرى ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن تەبىئىي ھوقۇقلار دائىرىسىدىكى ئىشلار بولۇپ، بۇنىڭغا ھېچقانداق دۆلەت، قانۇن ياكى شەخسنىڭ ئارلىشىشى، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق قىممەت قاراشلىرىغا خىلاپ بولغان قىلمىشتۇر. شۇنداق ئىكەنلىكىمۇ ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىدا تىلغا ئېلىنغان. ئۇنداقتا بۇنداق بىر دەخلى – تەرۈزسىز ھوقۇق نىمە ئۈچۈن 21-ئەسىردىكى تېنچلىق دەۋرى دەپ ئاتالغان مەدەنىي بىر جەمىيەتتە بىز ئۇيغۇرغا كەلگەندە سىياسىي ۋەزىيەتىمىزنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلى قارشى تۇرۇشىمىزغا دۇچ كەلدى؟ ئەجەبا دېمۇكراتىك ئەللەردە ، دېمۇكراتىك ئىدولوگىيىگە ئەگىشىش، دېمۇكراتىك دۆلەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بىر قىىسسىم مېنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان زىيالىيلار ب د ت نىڭ بۇ خىتابنامىسى ۋە ئەركىنلىك ، كىشىلىك ھوقۇقنى بىلمەمدۇق؟ مەسىلە ئەلۋەتتە ئۇنداق ئاددىي ئەمەس.

ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغىنىدەك مەن خەلقئارا ۋەزىيەت ھەققىدە بىر قانچە يىللاردىن بېرى ئىزچىل ئىزدېنىپ كېلىۋاتىمەن. بۇ ئىزدېنىشلار داۋامىدا تەبىئيلا ئۈستىمىزدىكى خىتاي بىزگە ئارتىپ قويغان دىنىي ئاشقۇنلۇق، تېرورلۇق تۆھمەتلىرى ۋە بۇ تۆھمەتلەرنىڭ خەلقئارادا بىزنىڭ دەۋايىمىزغا زادى قانچىلىك تەسىرى بولىدىغانلىقى، خىتايغا قانداق پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ناھايىتى كۆپ ئىزدەندىم. بۇ جەرياندا تېرورلۇق ئۇقۇمىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى، خەلقئارا تېرور گۇرۇھلىرى ياكى تەشكىلاتلىرى دەپ ئاتالغان دائىش، تالىبان……قاتارلىقلارنىڭ نېمىنى مەقسەت ۋە نىشان قىلغانلىقلىرى، ئۇلارنىڭ نىمە ئۈچۈن تېنچلىقنى بۇزىدىغان ، دۇنياغا تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان بىر چوڭ كۈچ بولۇپ قالغانلىقلىرى ئۈستىدىمۇ ئىزدەندىم.

ئەمەلىيەتتە، ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ، مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ دۆلەت قۇرۇشى تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان مەزگىللەردە دۇنيا مىقياسىدا كوممۇنىست ئىدولوگىيىسى بىلەن دېمۇكراتىيە ئارىسىدا ئىدولوگىيەلىك كۆرەش مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بۇ كۆرەش يەنە ئۆز نۆۋىتىدە مەنپەئەت كۆرۈشى ھېسابلىناتتى. دەرۋەقە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كوممۇنىست ئىدولوگىيىسىنىڭ تەىسىرى شۇ دەۋرلەردە ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا قاتارلىق ئەللەردە نۇرغۇن مىللىي مۇستەقىللىق كۆرەشلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. مىسىردىمۇ ئەڭ دەسلەپ يەنى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنلا كوممۇنىست ئىدولوگىيىسىنىڭ نوتىلىرى بىخ سۈرگەن بولۇپ، مىسىرنىڭ ئەنگلىيىدىن مۇستەقىل بولۇشىدا دەل كوممۇنىست ئىدولوگىيىسى زور تەسىر كۆرسەتكەن.

1922-يىلى مىسىر سوتسىيالىزىمچىلىرى ۋە كوممۇنىزىمچىلارتەشكىلاتى ھەمكارلىقىدىكى مىسىر مۇستەقىللىق كۆرۈشى غەلبە قىلىپ مىسىر خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئەنگلىيىەنىڭ كونتروللىقىدىن پۈتۈنلەي قتۇلۇپ كېتەلمىگەن. شۇ سەۋەب قەدەر مۇستەقىللىق كۆرۈشى ئىزچىل داۋام قىلغان بولۇپ، 1952-يىلىغا كەلگندە ئاندىن ئەنگىلىيەنىڭ مۇستەملىكىسىدىن پۈتۈنلەي مۇستەسنا مۇستەقىل مىسىر جۇمھۇرىيىتى ئەسلىگە قايتىپ، جامال ئابدۇناسىر مىسىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىككىنجى نۆۋەتلىك پرېزدېنتلىقىغا سايلانغان. بۇ كۆرەشنىڭ غەلىبە قىلىشىغا زور تۆھپە قوشقان سەئىد قۇتۇب قاتارلىق ئىسلام بۇرادەرلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى جامال ئابدۇناسىرنىڭ ھاكېمىيىتىنىڭ ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكىنى ئاساس قىلغان بىر ھاكېمىيەت بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىشقان بولسىمۇ، لېكىن جامال ئابدۇناسىر پان ئەرەبىزىمنى تەشەببۇس قىلىدىغان ۋە دىن بىلەن سىياسەت ئايرىلغان بىر ھاكېمىيەتنى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلغان. دەرۋەقە جامال ئابدۇناسىرنىڭ سىياسىي نىشانى ئىسلام بۇرادەرلەر تەشكىلاتى قاتارلىق سەئىد قۇتۇب ئىدولوگىيىسىگە ئەگەشكەنلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. سەئىد قۇتۇبمۇ دەل شۇ سەۋەب ھاكېمىيەتنى ئۆرۈشكە ئۇرۇشنىش جىنايىتى بىلەن ئاقىۋەتتە دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئەمما ئىشلار سەئىد قۇتۇبنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن ئاياقلاشماستىن ئىسلام رادىكالىزىمىنىڭ قايتىدىن جانلىنىشى ۋە بارلىق مۇسۇلمان ئەللىرىگە تەسىر كۆرسىتىشىگە سەۋەب بولغان. سەئىد قۇتۇبنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى ھەققىدە ناھايىتى كۆپ تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ دۇنيانى مۇسۇلمان ۋە كاپىردىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇبقا ئايرىشى چاقىرىقى خەلقئارا تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ دەسلەپكى پىلتىسىنى ياققان. ئۇنداقتا سەئىد قۇتۇبنىڭ بۇنداق رادىكال ئىدىيىگە كېلىشىگە زادى ئىسلام دىنى تەسىر كۆرسەتكەنمۇ ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ؟

بۇ ھەقتىكى ئىزدېنىشلەردە سەئىد قۇتۇبنىڭ ئەسلىدە بىر كوممۇنىست ئىدولوگىيىسىگە ئەگەشكەن ۋە ماركىسىزىملىق پەلسەپە ئۈستىدىكى ئىزدېنىشلىرى شۇنداقلا مىسىر مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە قىلىشىمۇ سەئىد قۇتۇب قاتارلىق كوممۇنىستلارنىڭ كۆرەشلىرى سەۋەبلىك بولغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكى نەزەرىيىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا كوممۇنىست ئىدولوگىيىسى ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان دەپ قارىلىدۇ. بولۇپمۇ سەئىد قۇتۇبنىڭ دۇنيانىڭ ئىككى قۇتۇبقا ئايرىپ، پۈتكۈل دۇنيادىكى خەلقلەرنى ئازاد قىلىش ۋە ئىسلام ھاكېمىيتىىنى تىكلەش، ئىسلام دىنىغا ئەگەشمىگەنلەرنى پۈتۈنلەي يوقىتىش چاقىرىقى دەل ماركىسنىڭ كوممۇنىست ئىدولوگىيىسى يەنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئازاد قىلىش، كوممۇنىستلارنىڭ دۆلىتى بولماسلىق، دۇنيادىكى بارلىق ھاكېمىيەتلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش تەشەببۇسى بىلەن ئوخشاش چاقىرىقتۇر. سەئىد قۇتۇبنىڭ ئىسلام ئەسلىيەتچىلىك چاقىرىقىنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن، بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ توختىماي كۆرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلىنىشى، زوراۋانلىق بىلەن كاپىرلار ئۈستىدىن جەڭ ئېچىشقا رىغبەتلەندۈرۈلۈشى، دەرۋەقە كوممۇنىستلارنىڭ توختىماي ئىنقىلاپ قىلىش،<پۈتۈن دۇنيا پرۇلتارلىرى بىرلىشەيلى!> چاقىرىقىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى بولۇپ، مۇسۇلمان دۇنياسىدا كوممۇنىزىمدىن ئىبارەت بۇ ئىدولوگىيىنىڭ باشقا بىر شەكىلدە پەيدا بولۇشى ۋە تېرورلۇق دېگەن بۇ بەدبەشىرە نام بىلەن تەرەققىي قىلىشىغا دەسلەپكى ئاساسىنى سالغان.

قارايدىغان بولساق ھەقىقەتەنمۇ ئىسلام دىنى تونىغا ئورىنىۋالغان خەلقئارادا تېرورچى ئاتالغان بۇ كۈچلەرنىڭ يوقىتىش نىشانى ئىنسانىيەتكە زور تەھدىت كەلتۈرىۋاتقان، پۈتۈن ئىسانىيەتنىڭ دۈشمىنى ئاتالغان، خەلقلىرى خار – زارلىقتا ئۆتۈۋاتقان كوممۇنىست ھاكېمىيەتلىرى بولماستىن، بەلكى تېنچلىقنى تەرغىپ قىلۋاتقان، باراۋەرلىك ۋە تەرەققىياتنى، ئىنسانلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىپ، ئورتاق تەرەقققىي قىلىدىغان بىر دۇنيا بەرپا قىلىشقا ئىزچىل تىرىشىپ كەلگەن ۋە ئىنسانيەتنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلگەن غەرب دۇنياسى بولۇپ كەلدى. تېخىمۇ ھەيران قالارلىق بولغىنى كوممۇنىست ھاكېمىيەت ئاستىدىكى دۆلەتلەر ۋە مۇستەبىتلىكنى نىشان قىلغان دۆلەتلەر بىلەن تېرورچىلارنىڭ ئانچە ئالاقىسى بولمىدى.

گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، جامال ئابدۇناسىر ئەرەب بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ۋە پان ئەرەبىزىم ئىدولوگىيىسىگە ئاساس بولسا، سەئىد قۇتۇپ خەلقئارا تېرورچىلىقنىڭ دەسلەپكى مەشئىلىنى مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا ياندۇردى. ئەپسۇس، بۇ ئىدىيە ئىسلام دىنىدىن ئەمەس ، بەلكى تېخىمۇ ھەجۋىي بولغىنى ئىسلامغا پۈتۈنلەي قارشى بولغان يەھدىي نەسىللىك، دىنىي ئېتىقادنى پۈتۈنلەي رەت قىلىدىغان ماركىسنىڭ ئىدىيىسى ئاساسىغا بارلىققا كەلگەن ئىسلامچە كوممۇنىزىم بولۇشى ئىدى.
دېمەك، ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان كوممۇنىزىم ئىدولوگىيىسى ۋە ئىسلام ئەسلىيەتچىلىك ئىدولوگىيىسىنىڭ يىلتىزى بىر ۋە مەقسىتىمۇ ئوخشاش بولۇپ، مەۋجۇت ھاكېمىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۆزلىرىگىلا ئەگىشىدىغان ۋە قارشى پىكىردىكىلەرنى پۈتۈنلەي يوقىتىدىغان بىر ھاكېمىيەتنى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلغان. شۇ سەۋەب، كوممۇنىست ھاكېمىيەتلىرىمۇ دۆلەت تېرورلۇقىنى ئىنقىلاپ شەكلىدە ئېلىپ بارغان بولسا، ئىسلام ئەسلىيەتچىلىرىمۇ ئۆز نىشانى ئۈچۈن زوراۋانلىق كۆرەشلىرىنى تېرورلۇق ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق داۋام قىلغان. دۇنيادا مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان بىرلا ھاكېمىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈش بۈيۈك ئارزۇسىنى قەلبىگە پۈككەن دائىشچىلار ۋە تالىبانلار قاتارلىق خەلقئارا تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ماھىيىتى ئەمەلىيەتتە، شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئاتلانغان ۋە بۇ نىشانغا يېتىشتە ئۇيغۇر قاتارلىق ئۆزىگە قارشى ئېقىمدىكى خەلقلەرنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ ، پۈتكۈل دۇنيانى «بىر بەلۋاغ ، بىر يول ئىستراتېگىيىسى» ئارقىلىق ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ، دۇنياغا خوجا بولۇشتەك بىر بۈيۈك ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسەت قىلغان خىتاي بىلەن ئوخشاشتۇر.
دۇنيادا كوممۇنىست ھاكېمىيەتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن ئاستا – ئاستا زاۋاللىققا يۈزلەندى. ئەمما ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكى بولسا ئۇنداق ئەمەس. ئەكسىچە تالىبان ۋە كەينىدىكى دائىشقا ئوخشاش تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇپ، دۇنيا تېنچلىقىغا ئۈزلۈكسىز تەھدىت بولۇپ تۇرماقتا.

دېمەك ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكىنى تەرغىپ قىلغۇچىلار پۈتكۈل دۇنيانىڭ دۈشمىنى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇ كۈچنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدا ھەرقانداق شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىش ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئورتاق قاراش ھېسابلىنىدۇ. شۇ سەۋەب ھەم دائىشقا ئوخشاش رادىكال كۈچلەر بىلەن باغلىنىشى بولغان ھەرقانداق دۆلەت، تەشكىلات ياكى شەخسلەرمۇ <خەتەرلىكلەر>كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزۈپ مۇئامىلە قىلىنىدۇ.

ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بەزى دىنىي تالاش – تارتىشلار كۆپۈنچە كىشىلەر خۇددىي خىتاينىڭ دىنىمىزنى چەكلىشىندەك تۇيغۇ بەرسىمۇ، بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب يەنىلا خىتاينىڭ دىنىي رادىكاللىق قالقىنى ئاستىدا يەتمەكچى بولغان مەقسىتىنىڭ رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش، ئىسلام دىنىغا قارشى تۇرۇش ئەمەس، بەلكى رادىكال ئىسلام ئەسلىيەتچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ غەرب دېمۇكراتىك ئىدولوگىيىسىنى ۋەيران قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقلىرىنى چۈشەنمىگەنلىكتىندۇر. مېنىڭچە ، بۇنداق قايمۇقۇشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە كىچىككىنە توختالساقلا بۇ مەسىلىلەرنى ئاسانلا چۈشىنىپ كېتەلەيمىز.

خىتاينىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش يولىدىكى ئەڭ چوڭ دۈشمىنى كىم؟

بۇ سوالغا ھەرگىزمۇ ئىسلام ئەللىرى دەپ جاۋاب بېرەلمەيسىز. چۈنكى خىتاينىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى ئىسلام ئەللىرىنى ۋەيران قىلىۋەتكۈدەك شارائىتنى ئاللىبۇرۇن ھازىرلاپ بولغان. ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئىسلام ئەللىرىنى ۋەيران قىلىشىغا ياكى دۇنيانى بويسۇندۇرۇشىغا توسالغۇ بولغان كۈچ نىمە؟ ئۇ دەل ئامېرىكا باشلىق غەرب ۋە دېمۇكراتىك ئىدولوگىيەدۇر. دېمۇكراتىيە دېمەك ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، كىشىلىك ھوقۇق دېگەنلىك بولۇپ، ئامېركىنىڭ مۇستەقىللىق كۆرۈشى جەريانىدا دۇنياغا كەلگەن بۇ يېڭى ئىدىيە كۈچلۈك دىنىي ئاساسقا ئىگە بولغانلىقى سەۋەب، ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان ئەڭ ئەقەللىي ھەق – ھوقۇقلىرىدىن ياشاش ھوقۇقى، بەختكە ئېرىشىش ھوقۇقى، باراۋەرلىكتىن ئىبارەت بۇ ھوقۇقلارنىڭ دەخلى – تەرۇزسىز بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. لېكىن كوممۇنىست ئىدولوگىيىسى ۋە ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكى ئېرقىي قىرغىنچىلىقنى، زوراۋانلىقنى، توختىماي كۆرەش قىلىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكنى رەت قىلغان. شۇ سەۋەبتىن پەن – تېخنىكا، ئىقتىساد ۋە ھەربىي كۈچتە يۈكسەك تەرەققىياتلارغا ئىگە بولغان ئامېرىكا قاتارلىق تەرەققىي تاپقان ئەللەرنى ۋەيران قىلىشتا كوممۇنىستلار ئۈچۈن ئۆزى بىلەن ماھىيەت جەھەتتە ئورتاقلىققا ئىگە بولغان ئىسلام رادىكال كۈچلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ غەربكە تاقابىل تۇرۇشى، كەلگۈسى نىشانىغا يېتىشتىكى ئەڭ توغرا تاللاش ھېسابلىنىدۇ.

بىزگە مەلۇم خىتاي 19-قۇرۇلتېيىدا 2025-ۋە 2049-يىلىدا خىتاينىڭ پەن – تېخنىكىدا دۇنيانىڭ ئالدىغا ئۆتۈش بىلەن بىرگە دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەت بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. ئەمەلىيەتتە 2025-يىلى خىتاي كوممۇنىست پارتىسى قۇرۇلغان يۈز تۆتىنچى يىلى بولۇپ، 2049-يىلى بولسا خىتاي ھاكېمىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100يىللىقى ئىدى. بۇ ئىككى يۈز يىل خىتاينىڭ مىللىي كىملىكى بولغان دەسلەپكى جۇڭخۇا مىللىتى نامىنىڭ ئىجادچىسى لياڭ چىچاۋ، خىتاي تارىخىنى خەن ۋۇدى دەۋرىگە باغلىغاندىن كېيىن، پەيدا بولغان خىتايلارنىڭ قايتا گۈللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ، يۈز يىللىق پىلانى لايىھىسىنىڭ 21-ئەسىردىكى داۋامى ئىدى.

(داۋامى بار)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top