ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مەدەنىيەت بوستانى » كۈلتۈر ۋە مېدىيا

كۈلتۈر ۋە مېدىيا

بەكىر كوجا تاش

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مۇھەممەت ئابدۇمىجىت

مۇقەددىمە

تۈركىيە تارىخى كەچمىشى ۋە جىئۇپولىتىك [1] جايلىشى سەۋەبىدىن دۇنيا كۈچلىرىنىڭ سىياسى، كۈلتۈرەل ۋە سوسيوئېكونومىك [2] مەنپەئەت توقۇنۇشلىرىنىڭ مەركىزىدە يەر ئالغان ئەڭ مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. شۇڭلاشقا تۈركىيە ئىزچىل تۈردە ئىچكى ۋە تاشقى تەھدىتلەرگە ئۇچراپ كىلىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق بىر مۇھىم نۇقتىدا يەر ئالغان تۈركىيەنىڭ سىياسى ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن كۈچلىنىشى تۈركىيەنى دۇنيادىكى مەۋجۇت تەڭپۇڭلۇقلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسىتدىغان بىر ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان. بىر دۆلەتنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ئۈچۈن ئۈچ مۇھىم ئامىلغا ئىھتىياجى  بار بولۇپ، بۇلار سىياسى، ئىقتىسادى ۋە كۈلتۈرەل ئامىللاردۇر. بۇ ئامىللاردىن بىرەسىنىڭ كەم بولۇپ قىلىشى دۆلەت پۈتۈنلىكىنىڭ روياپقا چىقىشىغا توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. كۈلتۈرەل پۈتۈنلۈك سىياسى ۋە ئىقتىسادى پۈتۈنلۈكنىڭمۇ ئالدىنقى شەرىتلىرىدىن بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. كۈلتۈرەل بايلىقلارغا مېدىيا ئارقىلىق قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملار تىمىنىڭ مۇھىملىقى ئوتتۇرغا قويىدۇ. مېدىيا ساھەسى كۈلتۈرلەر ئۈچۈن ھەرزامان ۋە ھەر دەۋىردە مۇھىم  ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. شۇڭلاشقا مېدىيا ۋە تەشۋىقات ۋاستلىرى ھەرقايسى جەمىئىيەتلەرنىڭ قان توشۇيدىغان تومۇرىغا ئوخشايدۇ.

كىرىش سۆز

تۈركىيە تارىخى كەچمىشى ۋە جىئۇپولىتىك جايلىشى سەۋەبىدىن دۇنيا كۈچلىرىنىڭ سىياسى، كۈلتۈرەل ۋە سوسيوئېكونومىك مەنپەئەت توقۇنۇشلىرىنىڭ مەركىزىدە يەر ئالغان ئەڭ مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. شۇڭلاشقا تۈركىيە ئىزچىل تۈردە ئىچكى ۋە تاشقىرى تەھدىتلەرگە ئۇچراپ كىلىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق بىر مۇھىم نۇقتىدا يەر ئالغان تۈركىيەنىڭ سىياسى ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن كۈچلىنىشى، تۈركىيەنى دۇنيادىكى مەۋجۇت تەڭپۇڭلۇقلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسىتدىغان بىر ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان.  بىر دۆلەتنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ئۈچۈن ئۈچ مۇھىم ئامىلغا ئىھتىياجى  بار بولۇپ، بۇلار سىياسى، ئىقتىسادى ۋە كۈلتۈرەل ئامىللاردۇر. بۇ ئامىللاردىن بىرەسىنىڭ كەم بولۇپ قىلىشى دۆلەت پۈتۈنلىكىنىڭ روياپقا چىقىشىغا توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. كۈلتۈرەل پۈتۈنلۈك سىياسى ۋە ئىقتىسادى پۈتۈنلۈكنىڭمۇ ئالدىنقى شەرىتلىرىدىن بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. كۈلتۈرەل بايلىقلارغا مېدىيا ئارقىلىق قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملار تىمىنىڭ مۇھىملىقى ئوتتۇرغا قويىدۇ. مېدىيا ساھەسى كۈلتۈرلەر ئۈچۈن ھەرزامان ۋە ھەر دەۋىردە مۇھىم  ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. شۇڭلاشقا مېدىيا ۋە تەشۋىقات ۋاستلىرى ھەرقايسى جەمىئيەتلەرنىڭ قان توشۇيدىغان تومۇرىغا ئوخشايدۇ.

دەۋرىمىزدە ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش ئاخبارات ساھەسىدە يۈز بىرىۋاتىدۇ. تىخنولوگىيە ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن تەرەققىياتلار ھەممدىن ئاۋۋال ئاخبارات سەھەسىدە ئۆزىنى كۆرسەتتى ۋە جەمىئيەتتە تەسىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. مېدىيا، كۈلتۈرنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلىقئارالىق سەۋىيەدە شەخىسلەرگە يەتكۈزىلىشى جەھەتتىن مۇھىم بىر ۋەزىپەنى ئۈستىگە ئالىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن مېدىيا (گېزىت-ژۇرنال، رادىئۇ، تىلىۋۇزۇر، ئېنتىرنىت) ئىجتىمائى ھاياتتا شەخىسلەرنىڭ ھەرخىل ئىجتىمائى ئىھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن دائىم مۇراجىئەت قىلىدىغان مۇھىم بىر مەنبەسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. شەخىسلەر بۇ مەنبەدىن ئۇچۇرغا ئىرىشىش، كۆڭۈل ئىچىش، خەۋەر ئوقۇش مەقسىتىدە پايدىلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا مېدىيامۇ جەمىئىيەتكە ۋە شۇ سەۋەپتىن شەخسلەرگە قارشى مەسئۇلىيىتىنى تەرەپسىز شەكىلدە تۇرۇپ يىڭىلىقلاردىن ۋاقىپلاندۇرۇش، تەلىم- تەربىيە ئىلىپ بىرىش، مەنىۋى ئۇزۇق بىرىش ۋە ئىجتىمائىيلاشتۇرۇشقا ئوخشاش ڧۇنكىسىيەلىرىنى ئورۇنداش ئارقىلىق ئادا قىلىدۇ. مەسىلىگە بۇ نۇقتىدىن قارالغاندا، جەمىئىيەتتە ئەڭ مۇھىم ئىككى ئورگاندىن بىرى كۈلتۈر يەنە بىرى مېدىيا بولۇپ ئوتتۇرغا چىقىدۇ. بۇ ئىككى ئورگاننىڭ مۇھىملىقى ۋە قىممىتى بىزنى بۇ مەسىلىگە باشلاپ كىردى.

كۈلتۈر

ئېتىمولوگىك (سۆز مەنبەسى) جەھەتتىن كۈلتۈر لاتىنچىدىكى ئورمان مەنىسدە كەلگەن (Culture) كەلمىسىدىن كىلىپ چىققان.  ئۇنىڭدىن كىيىن غەرىپ تىللىرىدا (Cultura) دەپ قوللىنىلغان.  بۇ كەلىمىنىڭ دەۋرىمىزگە قەدەر يىتىپ كەلگىنى ئوسمانلې تۈركچىسىدىكى ھارىس كەلىمسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن كۈلتۈر ئۇقۇمىنى 19. ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ياۋرۇپادا ئىنگىلىز ئانتىرۇپولوگلار ئېتنوگىراڧىيە نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىنغان جەمىئيەتلەرگە خاس بولغان چۈشەنچە، يۈرۈش- تۇرۇش شەكلى، ئىتىقاتلىرى، قىممەت قاراشلىرى، سىمىۋۇللار ۋە تىخنىكىلارنىڭ جۇغلانىمىسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلەتكەن. جەمىئىيەتشۇناسلىق ئىلمىدە كۈلتۈر ئۇقۇمى ئۆز-ئارا تەسىرلىشىشكە يول ئاچىدىغان سىنارىيە ۋە روللار مىخانىزمىسىنىڭ تىخىمۇ ياخشى چۈشىنىلىشىگە ياردەم بىرىدىغان بىر ئۇقۇم دەپ ئىشلىتىلمەكتە. بۇ مەنىدىن ئىلىپ ئىيىتقاندا، كۈلتۈرئۇقۇمىنى تۇنجى بولۇپ ئىنگىلىز ئانتىرپولۇگى) ئې. ب تايلور (E.B.Taylor)  ئوتتۇرغا قويغان. ئۇ كۈلتۈرنىڭ  بۈگۈنگىچىلىك قوبۇل قىلىنىپ كىلىۋاتقان ئەڭ مەشھۇر مەنىسىنى ئىزاھلىغان. ئۇنىڭ قارىىچە: «كۈلتۈر، كەڭ مەنىدىن ئىلىپ ئىيىتقاندا ئېتنوگىرافىيەدىكى  بىلىم، سەنئەت، قانۇن، ئەخلاق، تۆرە  ۋە بارلىق باشقا تالانت ۋە ئادەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مۇرەككەپ جۇغلانمىدۇر.»  ئې. ب تايلورنىڭ بۇ ئىنىقلىمىسدىن كىيىن كۈلتۈر ھەققىدە قىلىنغان تەتقىقاتلار تىز سۈرەتتە كۆپەيگەن.

كۈلتۈر ھەققىدە قىلىنغان بۇ تەتقىقاتلار كۈنىمىزگىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ دىسەك خاتالاشقان بولمايمىز. كەسېن (Cecen) كۈلتۈر ئۇقۇمىغا ھەربىر ساھە ئۆزنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدىن خىلمۇخىل ئىنىقلىمىلارنى بەرگەن دەپ قارايدۇ. كۈلتۈر بىر تېئورى ئچىدە ئىزاھلىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كەڭ ئۆلچەملەرگە ئىگە بىر ئۇقۇمدۇر. بۇ سەۋەپتىن ھەممەيلەن قوبۇل قىلالايدىغان بىر ئىنىقلىمانى ئوتتۇرغا قويۇش خىلى تەس بىر ئىش، ھەتتا مۇمكىن بولمايدۇ دىيىشكىمۇ بولىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئىيىتقاندا، ئىنسانلار ياراتقان بارلىق ماددى ۋە مەنىۋى بايلىقلارنىڭ كۈلتۈرنى شەكىللەندۈرگەنلىكى قوبۇل قىلىندى.  كۈلتۈر ئۇقۇمىنىڭ كۆپتەرەپلىمىلىك بولۇشىغا نىسبەتەن بىرىلگەن ئىنىقلىمىلارمۇ بەكرەك ئورتاق تەرەپلەرنى ئاساس قىلىپ تەرەققى قىلدۇرلىۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ خىل ئىنىقلىمالارنى قانائەتلىنەرلىك بولدى دىگىلى بولمايدۇ. ئىنىقلىما بەرگەن كىشى تەۋە بولغان سىياسى تۈزۈلمە ۋە مائارىپ سىستىمىسى بىرىلگەن ئىنىقلىمىنىڭ مەزمۇنىنى بىكىتىدۇ، شۇنداقلا ئىنىقلىمىنىڭ دائىرىسىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. كۈلتۈر مەسىلىسى ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ۋە ياشاش مۇھىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر قۇرۇلما ئىچىدە بولىدۇ. بىرىلگەن ئىنىقلىمىلار، بىيىتىلغان ئىزاھاتلار بۇ مەسىلىنىڭ پەرىقلىق تەرەپلىرىنىڭ تونۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ خىل ئىلگىرى سۈرۈشلەر، بىرلىك ۋە پۈتۈنلۈكنىڭ ئورنىغا تىمىنىڭ تىخىمۇ مۇرەككەپ قۇرۇلمىغا قاراپ ئۆزگىرىشىگە ھەمدەم بولىدۇ.

بەزىدە كۈلتۈر ئۇقۇمىنى ئىزاھلاش بەك پەيتىدە بولغان بولىدۇ. تۇنجى بولۇپ 1969- يىلى توپلانغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر مائارىپ، بىلىم ۋە كۈلتۈر تەشكىلاتى (UNESCO) مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بەرگەن ئىنىقلىمىسغا قارىغاندا، «كۈلتۈر، بىر ئىنسان جەمىئىيتىنىڭ ئۆزىنىڭ تارىخى تاكامۇللۇقى ھەققىدە ئىگە بولغان ئىڭى دىمەكتۇر.» ئىنسانلار جەمىئىيتى ئۆزىنىڭ تارىخى تاكامۇللۇق ئىڭىغا تايىنىپ مەۋجۇتلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە تەرەققى قىلدۇرىدۇ. گۈنگۈر (Güngör)، «كۈلتۈر، بىر جەمئىيەتتە بىر يەردە ياشايدىغان ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىقتىكى ھەرخىل مەسىللىلىرىگە قارشى سىنىغان ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ ھەل قىلىش تەرزىنىڭ بىر قسىمى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مۇقىملىشىپ جەمىئىيەت قاتلىمىغا سىڭىپ كىتىدۇ ۋە ئۇ جەمىئيەتىڭ كۈلتۈرىنى  تەشكىل قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئىجتىمائى بىلىملەردە كۈلتۈر تىلغا ئىلىنغاندا بۇخىل ماددى ۋاستە ۋە ئۇسۇللاردىن بەكرەك ئۇلارنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى تۈرتكىلىك مەنىۋى ئامىللار (ئىتىقاد، پىرىنسىپ ۋە قىممەت قاراشلار سىسىتىمى) روشەنلىشىدۇ»-، دەپ قارايدۇ. ھەرخىل جەمىئيەتلەرنى كۈلتۈر جەھەتتىن پەرىقلىق قىلغان نەرسە ئۇلارنىڭ قوللانغان ئەسۋاپ ۋە ۋاستىلىرىدىن بەكرەك بۇ ئەسۋاپ ۋە ۋاستىلارنىڭ كەينىدىكى زىھنىيەت ياكى مەنىۋى قىممەتلەرنىڭ جۇغلانمىسىدۇر. كۈلتۈر، ئىنساننىڭ ئىنسان تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان ۋە بارلىققا كەلتۈرۈلگەن مۇھىتىنى كۆرسىتىدۇ. كۈلتۈرنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى دەپ ئىككى تەرىپى بار بولۇپ بەزى جەمىئىيىەتشۇناسلارنىڭ مەدەنىيەت دەپ ئاتىغان ماددى كۈلتۈرى قۇرۇلمىلىرىمىز، تىخنولوگىيەلىرىمىز، يوللىرىمىز، تەمىنات ۋە تىرانسىپورت ۋاستىلىرىمىزغا ئوخشاش كۆزگە كۆرىنىپ تۇرىدىغان ماددى ئامىللاردىن ۋە ئۆزىمىز بەرپا قىلغان شارائىتىلىمىزدىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭ ئەكىسچە مەنىۋى كۈلتۈر، بىر مىللەتنى مىللەت قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئۆز كىملىكىنى بەلگىلەيدىغان مەنىۋى ئامىللاردىن (ئۆرپ-ئادەتلەر، ئاممىۋى خۇلىقلار ۋە تۇتۇملار)  بارلىققا كەلگەن مەنىۋى كۈلتۈرلەرنىڭ يىغىندىسىدۇر.

گۆكئالىپ (Gökalp) كۈلتۈرنى ھارىس دەپ ئاتايدۇ ۋە ھارىس بىلەن ئۇيغارلىق (مەدەنىيەت) ئارىسىدا بەزى ئوخىشاشلىقلار ۋە پەرىقلەرنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كۈلتۈر بىلەن ئۇيغارلىق (مەدەنىيەت) ئارىسىدىكى ئوخىشاشلىق ھەرئىككىلىسىدە  ئىجتىمائى ھاياتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىنىڭ  ئۆز ئىچىگە ئىلىنغان بولۇشىدۇر. ئىجتىمائى ھاياتقا  دىن، ئەخلاق، قانۇن، ئاڭ، ئېستىتىكا، ئىقتىساد، تىل ۋە ئىلىم- پەن قاتارلىقلار چىتىلىدۇ. بۇ سەككىز خىل ھاياتلىق ئېلمىنىتلىرىنىڭ يىغىندىسىغا كۈلتۈر ئىسىمى بىرىلگىنىگە ئوخشاش ئۇيغارلىقمۇ (مەدەنىيەت) دىيىلىدۇ. كۈلتۈر ۋە ئۇيغارلىق (مەدەنىيەت) ئارىسىدىكى بىرلىشىش ۋە ئوخشاشلىق نۇقتىسى دەل مۇشۇ يەردە. پەرىقلەرنىڭ بىرىنچىسى، كۈلتۈر ئۇلۇس خاراكتىرلىق، ئۇيغارلىق (مەدەنىيەت) بولسا خەلىقئارالىقتۇر. كۈلتۈر پەقەت بىر ئۇلۇسنىڭ  دىن، ئەخلاق، قانۇن، ئاڭ، ئېستىتىكا، ئىقتىسات ۋە ئىلىم- پەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھايات ئېىلمىنىتلىرىنىڭ ماسلىشىشىنىڭ مۇۋاپىق بىر يىغىندىسىدۇر. ئۇيغارلىق (مەدەنىيەت) بولسا بىرخىل تەرەققىيات سەۋىيەسىدىكى بىر قانچە ئۇلۇسنىڭ ئىجتىمائى ھاياتىنىڭ ئورتاق توپلانمىسىدۇر. مەسىلەن، ياۋرۇپا ۋە ئامرىكا تەرەققىياتىدا، پۈتۈن ياۋرۇپالىق ئۇلۇسلارنىڭ ئارىسىدا ئورتاق بىر غەرىپ ئۇيغارلىقى (مەدەنىيىتى) بار. بۇ ئۇيغارلىقنىڭ (مەدەنىيەت) ئىچىدە بىر بىرىدىن پەرىقلىق ۋە مۇستەقىل بىر ئىنگىلىز كۈلتۈرى، بىر ڧىرانسىز كۈلتۈرى، بىر نىمىس كۈلتۈرىگە ئوخشاش كۈلتۈرلەر مەۋجۇت. ئىككىنچىدىن ئۇيغارلىق (مەدەنىيەت) مىتۇت ۋە شەخسى ئىستەكلەردىن شەكىللىنىدىغان ئىجتىمائى ھادىسىلەرنىڭ يىغىندىسىدۇر. مەسىلەن، دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە بىلىملەر مىتۇت ۋە ئىستەكلەر بىلەن شەكىللەنگەندەك، ئەخلاق، قانۇن، گۈزەل- سەنئەت، ئىقتىساد، ئاڭ، تىل ۋە ئىلىم- پەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ۋە نەزەرىيەلەرمۇ شەخسىلەرنىڭ مىتۇدى ۋە ئىستەكلەرى ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈلىدۇ. شۇڭلاشقا بىرخىل تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ئىگە پۈتۈن بۇ ئۇقۇملارنىڭ، ئۇچۇرلارنىڭ ۋە بىلىملەرنىڭ يىغىندىسى ئۇيغارلىق (مەدەنىيەت) دەپ ئاتىغان نەرسىنى ئوتتۇرغا چىقرىدۇ. كۈلتۈرنىڭ ئىچىگە كىرگەن نەرسىلەر بولسا مىتۇت ۋە شەخسىلەرنىڭ ئىستەكلىرى بىلەن شەكىللەنگەن ياكى سۈنئى بەرپا قىلىنغان بولمايدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ، ھايۋانلارنىڭ ئورگانىڭ ھايات تەرزى ئۆزلىكىدىن قانداق ۋە تەبىئى بىر شەكىلدە تەرەققى قىلغان بولسا، كۈلتۈر ئۆز ئىچىگە ئالغان نەرسىلەرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە جەريانىمۇ شۇنىڭغا ئوپمۇ ئوخشاش بولىدۇ. كۈلتۈر ۋە ئۇيغارلىقنىڭ (مەدەنىيەت) پەرقىنى تۈركىيەدە تۇنجى بولۇپ گۆكئالىپ ئايرىغان بولۇپ ئىككىسى ئارىسىىدىكى مۇناسىۋەتنى ئوتتۇرغا قويغان ۋە ئۇقۇمنى تىخىمۇ ئوچۇق ئايدىڭلاشتۇرغان.

سىھرۇم ۋالد (Thrurnwald) نىڭ قارىشىچە، مەدەنىيەت ياكى ئۇيغارلىق تىخنولوگىيەلىك ئۈسكۈنىلەر ۋە بىلىمدىن ئىبارەتتۇر. كۈلتۈر بولسا بىر ئىنسان جەمىئىيتىدىكى ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەرنىڭ قۇرۇلمىسى، زىھنيىتى ۋە قىممەت قاراشلىرىدۇر. بىرلىكتە ياشاش جەريانىدا شەكىللەنگەن ئەنئەنىلەر، ئورگانلار ۋە پىكىرلەر تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەن سىستىما كۈلتۈردۇر. كۈلتۈر جەمىئيەتنىڭ ياشاش ئادىتى ۋە باھالاش تەرزىدۇر.

ئامرىكىلىق جەمىئيەتشۇناس ر. م. ماكېلۋېر (R. M. MacIver) مۇ كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتنىڭ پەرقىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئۇنىڭ ئىنىقلىمىسىكى كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتنىڭ مەزمۇنى،  سىھرۇم ۋالنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدۇ. ماكېلۋېر كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتنى پەرقلەندۈرۈشتە  ئۇلارنىڭ  ئوخشاش ۋەزىپىلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. ماكېلۋېرنىڭ قارىشىچە، پايدا بىرەلەيدىغان ھەربىر ۋاستە مەدەنىيەتنىڭ ئىلمىېنىتى قاتارىدىن ھىساپىلىنىدۇ.  مەدەنىيەت ماددى ۋە تىخنولوگىيەلىك ۋاستىلەردىن تارتىپ تەشكىلات سىسىتىمىلىرى، قانۇن، مەكتەپ، سايلام ساندۇقلىرى  ۋە بانكا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۈلتۈر ئىلمىنىتلىرىنىڭ مەقسىتى بولسا ئۆزى بولۇپ  ئۆزىدىن باشقا بىر مۇددىئا ئۈچۈن ۋاستە بولمايدۇ. بىر جەمىئيەتنى شەكىللەندۈرگەن ئىنسانلارنىڭ ياشاش ۋە پىكىر قىلىش تەرزى، ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلىرى سەنئەتتە، ئەدەبىياتتا، دىندا، كۆڭۈل ئىچىشلاردا ئۆزىنى نامايەن قىلىش ئۇسۇللىرى كۈلتۈرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ.

كۈلتۈر تەرىپىدىن كىشىلىكى شەكىللەندۈرۈلگەن شەخىسلەرنىڭ جەمىئىيەتتىكى ھەربىر پائالىيەت سورۇنىغا نىسبەتەن قوبۇل قىلغان ئورتاق ھەركەت شەكلى بار بولىدۇ. ئادەم بالىسىنىڭ قەدەرگە مۇناسىۋەتلىك تۇغۇلۇش ۋە ئۆلۈشكە ئوخشاش ئەھۋاللارغا قارىتا قانداق بىر تۇتۇم ۋە كۆز قاراشتا بولىدىغانلىقلىرىنىمۇ كۈلتۈر بەلگىلەۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ توي مۇراسىمى، ئۆرپ-ئادەتلەر ھەتتا ئىش ھاياتىنىڭ مۇھىم ساھەلىرىمۇ كۈلتۈر تەرىپىدىن بەلگىلىنىۋاتىدۇ. كۈلتۈرنىڭ بىر جەمىئيەت ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ئالاھىدىلىكى، بىرلەشتۈرۈش، ئۇزلاشتۇرۇش ئىدىئاللىرى بىلەن جەمىئيەتنى كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرىدىغان ۋاستىلەر بىلەن تەمىنلىشىدۇر.

كۈلتۈرلەرنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلايدىغان نۇرغۇن ۋاستىلەر بار بولۇپ كۈنىمىزدە، بۇ ۋاستىلەرنىڭ سانى ئىزچىل بىر شەكىلدە ئىشىپ بىرىۋاتىدۇ. مەسىلەن، مائارىپ ئورگانلىرى ۋە مېدىيا  كۈلتۈرنى شەخىسلەرگە قوبۇل قىلدۇرۇشتا ياكى مىنىڭسىتىشتە ئۈنۈملۈك قوللىنلىۋاتقان مۇھىم ئىككى ۋاستىدۇر.

مېدىيا

مېدىيانىڭ تەبىرىگە ئۆتۈشتىن ئىلگىرى بۇ ئۇقۇمنى ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىش تىمىنىڭ ئاڭقىرىلىشى ئۈچۈن ناھايتى مۇھىمدۇر. «مېدىيا» ئۇقۇمى نۆۋەتتە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىۋاتقان بولسىمۇ ئۇقۇمىنىڭ چىگرالىرى ۋە دائىرىسى تىخىچە ئىنىق بولمايۋاتىدۇ. مەسىلەن: «تىلىۋۇزۇر مېدىياسى» دىيىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ مەتبۇئات (گېزىت، ژۇرنال، كىتاپ) رادىئۇ، ۋە تىلىۋۇزۇر، ھەتتاكى ئېنتىرنىتتىن تارتىپ ھەممىسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن يەنىلا «مېدىيا» ئۇقۇمى ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. بۇ ئۇقۇم ئىلىشاڭغۇلىقىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن «مېدىيا» نىڭ ئورنىغا «ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى» ئۇقۇمى ئىشلىتىلسە مۇۋاپىق بولىدۇ.

ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دۇنيادا جانلىق ئىشلىتىلىشىى مەتبۇئات (گېزىت ۋە ژۇرناللار مەقسەت قىلىنىدۇ) بىلەن باشلانغان بولۇپ 1930- يىلدىن 1950- يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا رادىئۇنىڭ تەسىر كۈچكە ئىگە بىر ئىلىكتىرۇنلۇق تارقىتىش ۋاستىسى بولغانلىقى مەلۇم. بۇ مەزگىلدە رادىئۇ ھەممىدىن بەك سىياسى ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن تەشۋىقات ۋاستىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن. 1950-يىللاردىن كىيىن تىلىۋۇزۇر ناھايتى تىز بىر شەكىلدە خەلىقنىڭ ھاياتىغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىغان. تىخنولوگىيە ساھەسىدىكى تەرەققىياتلار خەۋەرلىشىش ۋاستىلىرىدىمۇ ئەكىس ئەتكەن ۋە ناھايتى تىز ئۆزگىرىش باسقۇچىغا قەدەم تاشلىغان. نۆۋەتتە ئاخبارات ۋاستىلىرى ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن تەرەققىياتلار سەۋەبىدىن «ئۇچۇرجەمىئىيتى» جەمىئىيتىمىزنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن دائىملىق ئىشلىتىلىدىغان ئۇقۇمغا ئايلاندى. يەنە بىر تەرەپتىن خەۋەرلىشىش (ئۇچۇر-ئالاقە) ساھەسىدىكى تىخنولوگىيەلىك تەرەققىياتلارنى تەقىپ قىلىشمۇ تەسلىشىپ كەتتى.

خەۋەرلىشىش ساھەسىدىكى تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە بەزى قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلىلەر سەۋەبىدىن يۇقاردا تىلغا ئىلىنغان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىنى ھەر جەمىئيەتتە ئوخشاش رەت تەرتىپ بويىچە ئىشلىتىلىشكە باشلىدى دىيىش تەس. لىكىن، بۇ ۋاستىلەرنىڭ ھەربىرى مۇئەييەن بىر مەزگىلدە ئاخبارات ساھەسىدە مۇھىم رول ئوينىغان. مەسىلەن، ئەنئەنىۋى مېدىيا (گىزىت، ژۇرنال، رادىئۇ، تىلۋۇزۇر) تېخىچە ئۆز ئورنىنى پۈتۈنلەي يوقاتقىنى يوق. نۆۋەتتە، مېدىيا مۇئەسسەسەلىرى ئاجىز ئۈچىنچى  دۇنيا دۆلەتلىرىدە رادىئۇ ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋالنى ئوقۇرمەن–يازغۇچىنىڭ ئىھتىياج ۋە تەمىنلەش مۇناسىۋىتىدىكى يىتەرسىزلىكەر ۋە ئۇل ئەسلىھە مۇلازىمەتلىرىنىڭ كەمچىلىكىدىن كىلىپ چىققان مەسىللەرنىڭ ھەل قىلىنماسلىقى سەۋەبىدىن بولغان دەپ قاراشقا بولىدۇ.

ئاممىۋى تارقىتىش مەدەنىيىتىمىزدىكى بىر يېڭى ھادىسدۇر. ھازىرقى زامان خەۋەرلىشىشنى مەتبۇئاتنىڭ تەرەققىياتى ۋە كىتاب ئوقۇشنىڭ خاسلىشىشى بىلەن باشلانغان دىيىشكە بولىدۇ. ئوقۇشنىڭ خاسلىشىشى قىزىقارلىق بىر شەكىلدە ئۇچۇر، خەۋەر ۋە مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىرىش ۋە تارقىتىشنىڭ كوللېكتىپ بىر تىرىشچانلىق بىلەن روياپقا چىقىشىنىڭمۇ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قىلىۋاتىدۇ. ئاممىۋى تارقىتىش ھادىسىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە بەزى ئالدىنقى شەرت – شارائىتلارنى بەرپا قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. ئالدى بىلەن ئاممىغا يازما ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن مەتبەئە تىخنىكىلىىرىنىڭ تەق بولۇشى شەرىت. ئۇنىڭدىن كىيىن چوقۇم زور مىقداردىكى باسما خەت – ئالاقە مەزمۇنلىرىنى ئىستىمال قىلىدىغان (سىتىۋالىدىغان، ئوقۇيدىغان) ئامما بولۇشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا يازما ئالاقىنىڭ (نەشىر-ئەپكارلارنىڭ) تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئامما بىلەن ئۇچرىشىش مەلۇم دەرىجىدە تېخىمۇ ئاسانلىشىدۇ. لېكىن بۇلارنى يېتەرلىك بولدى دىگىلى بولمايدۇ. زامانىۋى تىخنىكىلار ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ (رادىئۇ، تىلىۋۇزۇر، كومپىيۇتىر تورى ۋە ئېنتىرنىت) ئىشلىتىلىشىنى قولايلاشتۇرىدۇ. بۇ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئامما ئارىسىدا ئومۇملىشىدۇ ۋە بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىشلىتىش دائىرىسى كىڭىيىدۇ.

بولۇپمۇ، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى زامان ۋە ماكان پەرقىنى يوقىتىپ ھەممەيلەننى ئۈگىنىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان يىڭىچە بىر مائارىپ تەرەققىياتىغا يول ئاچتى. يەنە بىر تەرەپتىن خەۋەرلىىشىش ئىنقىلابى ئىنسانلارنىڭ ئارزۇ- ئىستەكلىرىنى جانلاندۇرۇپ، خەلىق كۈلتۈرىنىڭ بىيىشى ۋە كۆلەملىشىشىنىڭ زىمىنىنى شەكىللەندۈردى. ئىجتىمائى ۋە سىياسى ھەركەتلەرنىڭ جانلىنىشىنى يۇقرى پەللىگە چىقارغان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى، نۇرغۇن جەمىيەتلەردە پۈتۈنلىشىشنىڭ روياپقا چىقىشىغا تىرەك بولدى ۋە تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە ئۇچۇرجەمىئىيتىنىڭ بارلىققا كىلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى.

ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن  كۈلتۈر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت

نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار ۋە ئالىملار ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىنى كۈلتۈر توشۇغۇچى ۋە يۆتكىگۈچى دەپ قارايدۇ. نۆۋەتتە، بۇ ۋاستىلەرنىڭ تەسىرى دۆلەتلەرنىڭ چېگراسىدىن ھالقىپ كەتتى. زامانىۋى تىخنىكىلار بۇ ۋاستىلارغا  تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىدىغان شارائىت ھازىرلاپ بەردى. مەسىلەن، سۈنئى ھەمراھ ئارقىلىق تارقىتىش تىخنىكىسى بىلەن ئامرىكادىكى ۋە ياۋرۇپادىكى بىر پۇتبۇل مۇسابىقىسىنى بىۋاستە كۆرۈش ئىمكانى تۇغۇلدى. نۆۋەتتىمۇ تېلېۋىزور بۇ دەۋردىكى ئەڭ چوڭ تارقىتىش ۋاستىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.  تېلېۋۇزۇر ئىنسانلارنىڭ ۋاقىت ۋە ماكان چەكلىمىسى تۈپەيلى كىلىپ چىققان كۈندىلىك ھايات چگراسىنى تەرەققى قىلدۇرىدۇ، تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەنلا قالماي يەنە بۇ چىگرالارنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىش ۋە كاتىگورىيەلەرگە  ئايرىش ئەندىزىسنىڭ ئۆزگىرىشگە تىخنىكىلىق ئىمكانىيەت سۇنىدۇ.

ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى ۋە ئۇنىڭ شەخسىكە تىز ئۇلىشىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغاندا، ئۇلارنىڭ ھىچ قايسىسى (باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرى) قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېلېۋىزورنىڭ قىلغىنىنى قىلالمايدۇ. كۆپ ساندىكى ئامېرىكىلىقلار «مېدىيا» دىيىلگەندە تۇنجى بولۇپ تىلىۋۇزۇرنى ئىسىگە ئالىدۇ. ئامرىكىلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى نۇرغۇن سىياسىي ئۇچۇرلارغا تېلېۋىزوردىن ئىرىشدىغانلىقى ۋە گېزىتلەردىن بەكرەك تىلىۋۇزۇغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئىيتىشىدۇ. 1950- يىللاردا ئامرىكادا تەرەققى قىلغان ۋە ئومۇملاشقان تىلىۋۇۋزۇر، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى ئىگەللىدى. ئىنسانلارنىڭ خەۋەرلەردىن ۋاقىپ بولۇشىغا، تىلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرۈشگە، تەنھەركەت يىڭىلىقلىرىنى تەقىپ قىلىشغا،  قىزىقارلىق كومىدىيەلەرنى كۆرۈشىگە قولايلىق تۇغدۇردى، يەنە بىر تەرەپتىن كىشلەرنىڭ بىلىم ئىلىشى ۋە تەربىيىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۇسۇللاردىمۇ مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كىلىشگە يول ئاچتى.

پۈتۈن بۇ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تىلىۋۇزۇر دەۋرىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ «كۈلتۈر ئىشلەچىقىرىش» ۋاستىسى بولۇپ قالدى. چۈنكى تىلىۋۇزۇر ئۆزىدىن بۇرۇنقى خەۋەرلىشىش ۋاستىلىرى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ ئۇل- ئاساسىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى، شۇنداقلا ئۆزگەرتتى. چومېستوكنىڭ دىگىنىدەك، «ئەمدى ھىچقانداق نەرسە تىلىۋۇزۇردىن ئىلگىرىكىگە ئوخشاش بولمايدۇ.» چومېستوك Comstock تىلىۋۇزۇرنىڭ باشقا خەۋەرلىشىش ۋاستىلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى رادىئۇ، ژۇرنال ۋە كىنۇلارنى مىسال ئىلىش ئارقىلىق باھالايدۇ. ئىلگىر مەملىكەت مىقياسىدا بىردىنبىر كۆڭۈل ئىچىش ۋاستىسى دەپ قارىلىدىغان رادىئۇ بۇ ۋەزىپىسىنى تىلىۋۇزۇرغا ئۆتكۈزۈپ بىرىشكە مەجبۇر بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ پىروگىرامچىلىق شەكلىدە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى.  دۆلەت ژۇرنىلىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يۈزلىنىش پەيدا بولۇپ، نۇرغۇن مۇھىم  تېمىلار بىلەن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلىدىغان موزارك  ئۇسلۇبىدىكى ژۇرنالنىڭ ئورنىغا پەقەتلا  ئالاھىدە تېمىلار ۋە كۆڭۈل ئىچىش تىپىدىكى مەزمۇنلارنى ئاساس قىلىدىغان ژۇرناللار بارلىققا كەلدى.  ھەممىباپ  كىنۇلار (كىنۇچىلىق ساھەسى) تىلىۋۇزۇر ئىجتىمائى، سىياسى بىسىم ۋە نازارەتلەر تۈپەيلى كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان شىددەت ۋە جىنسى تىمىلارغا قولىدىن كەلگەنچە كۈشكۈرتىدىغان مەزمۇنلارنى قوشۇشقا ئۇرۇندى. تېلېۋىزورنىڭ يۇقارقىلارغا ئوخشاش باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بولغان بېسىمى ۋە  پاسسىپ تەسىرى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا  كىنو، رادىئۇ ۋە سەنئەت قاتارلىقلاردىن پايدىلىنشىنى قولدىن بەرمەيۋاتىدۇ.

تىلىۋۇزۇر ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ مۇنازىرە قىلىنغان ۋاستىلارنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ مۇنازىلەرنىڭ كۆپىنچىسى تىلىۋۇزۇرنىڭ شەخىسلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى ئۈستىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ ئومۇمى جەھەتتىن ئىككى قىسىمغا ئايرىلغان. بۇلار تىلىۋۇزۇرنىڭ شەخىسلەر ئۈستىدىكى ئىجابى ۋە پاسىسىپ تەسىرلىرىدىن ئىبارەت. ئەمما، تىلىۋۇزۇرنىڭ پاسسىپ تەسىرلىرى توغرىسىدا ئىلىپ بىرىلغان تالاش- تارتىشلار مۇنازىرىنىڭ مەركىزىدە  ئورۇن ئالغان. تۈركىيەدىكى بۇ مۇنازىرىلەر شەخسى تىلىۋۇزۇر قاناللىرى بىلەن قوشۇلۇپ تخىمۇ ئەۋجىگە چىققان. تىلىۋۇزۇرنىڭ ئىجابى رولى بار دەيدىغانلار تىلىۋۇزۇرنى جەمىئيەتنىڭ ئەينىكى دەپ قارايدۇ. شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كىرەككى، بىر جەمىئيەتنىڭ سىياسى، ئىجتىمائى مەسىللىرى، ھەسرەتلىرى، ئىستەكلىرى، ئادەتلىرى، ئالاھىدىلىكلىرى، ئاممىۋى ياقتۇرۇش ئۆلچىمى ۋە ھاياتقا بىقىش تەرزىنى ئۇ جەمىئيەت كۆرۈۋاتقان تىلىۋۇر پىرۇگىراممىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.  بەرراتنىڭ قارىشىچە، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىچىدە تىخنىكىلىق قۇرۇلمىغا ئەڭ ئاخىرىدا ئىرىشكەن تىلىۋۇزۇر كۈنىمىزدە مەيلى تەرەققى قىلغان مەيلى تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە بولسۇن كۆڭۈل ئىچىش، مائارىپ، كۈلتۈرگە ئوخشاش ھەرخىل ئىھتىياجلارنىڭ تەمىنلىنىشىدە كەڭ كۆلەمدە پايدىلىنىۋاتقان بىر ۋاستىدۇر.

مېك لۇخان (Mc Luhan) بۇ ئىمكانلار سايىسدە ئىنسانلارنىڭ كىچىك مۇناسىۋەت چەمبىرىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشتىن ھالقىپ كىچىكلىگەن دۇنيانىڭ ئاكتىپ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دانىيەل لەرنېر ۋە  ۋىلبۇر سىچرام (Daniel Lerner ve Wilbur Schramm) تىلىۋۇزۇرنى ئۈچۈنچى دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ «غەرىپكە يۈزلىنىش» ۋاستىسى دەپ قارىغاچقا، «زامانىۋىلىشىش» تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە ئامىلى دەپ قارايدۇ. تېلېۋىزورغا بولغان ئىجابي باھالار ئادەتتە بۇ قورالنىڭ تېخنىكىلىق يوشۇرۇن كۈچىنى گەۋدىلەندۈرمەكچى بولىدۇ. دەۋرىمىز ئىنسانلىرى تىلىۋۇزۇر بىلەن ئۆزىگە بارىدىغان ئەمەس، ئۆزىنىڭ بىزگە كىلىدىغان بىر دۇنيادا ياشاۋاتىدۇ. ۋەقەلەر يۈز بەرمەيۋاتىدۇ بەلكى خەۋەر ۋە سىن شەكلىدە بىرە ماتا سۈپىتىدە ئۆيلىرىمىزگىچە كىرىۋاتىدۇ. ھەقىقى ۋەقەلەر يىڭىدىن ئىشلەپ چىقىرىلىپ مەلۇم بىر ئىبارە ئىچىدە بىرىلگەنلىكى، ئىجتىمائى بىر ۋەزىپە ۋە مەنا يىڭىدىن بەرپا قىلىنغانلىقى ئۈچۈن مونتاج قىلىنغان ماتا ھەقىقى ۋەقەلىكتىن بەكرەك تەسىر قوزغاۋاتىدۇ. تىلىۋۇزۇر پىرۇگىراممىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرلىشىدا تىلىۋۇزۇر خىتاپ قىلىۋاتقان كۆرۈرمەننىڭ ئىجتىمائى، ئىقتىسادى ۋە كۈلتۈرەل سەۋىيەسى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بولۇپمۇ، كۆرۈرمەن ئاممىنىڭ جىنىسيەت تارقىلىشىنى كۆزەتكەندە، بۇلارنىڭ بالىلار، ياشلار ۋە ئاياللاردىن تەركىپ تاپقانلىقنى كۆرىمىز.

تىلىۋۇزۇر توغرۇلۇق قىلىنغان تەنقىتلەردە پىرۇگىراممىلار ۋە مەزمۇنلار ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. بەننەتنىڭ قارىشىچە (Bennett) كىشىلەرنىڭ ئىستىمال ئادىتى تىلىۋۇزۇردا كەڭ دائىرىدە  سۈيئىستىمال قىلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن تىلىۋۇزۇر پەقەتلا خەۋەر سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى دەپ قارىلىپلا قالماي، سىياسەتكە دائىر ئومۇمى جاھالەتتىن جىنايەت ۋە زوراۋانلىققا، كەچلىك تاماق ئۈستىلىدىكى مۇھەببەتنىڭ يوقۇلۇپ كىتىشىگە قەدەر بارلىق ئىجتىمائى ئىللەتلەرنىڭ جاۋاپكارى دەپ قارالماقتا. مەسىلىگە جەمىئيەت نۇقتىسىدىن نەزەر سالىدىغان بولساق، كىشلىك مۇناسىۋەتلەرنى چىڭىتىدىغان قىممەت قاراشلارنىڭ مەۋجۇت ئورنىنى، تىلىۋۇزۇر پەيدا قىلغان يىڭى كۈلتۈرەل قىممەت قاراشلارغا بىكارلارپ بىرىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. تىلىۋۇزۇر، چەتئەل تىلىۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە ئىلانلىرىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق كۈلتۈرلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىنتېراكتىڧلىقنى (ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى) كۈچەيتىدۇ. بۇ جەرياندا تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردىكى بىرەر زەردار باينىڭ ھايات تەرزى ۋە ئېستىتىك چۈشەنچىسىنىمۇ ئىكرانغا چىقرىدۇ. ئىكران قىسقا ۋاقىت ئىچدە بۇ قىممەت قاراشلارنىڭ مىنىڭسىلىشىدە يىتەكچىلىك رولىنى ئوينايدۇ.

يىغىپ ئىيىتقاندا، شۇنداق دىيەلەيمىزكى ئىنسانلار نۇرغۇن ۋەقەلىكلەرنى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن تەقىپ قىلىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن پايدىلىنىپ مېدىيا ساھەسى دەسلىپىدە بىر دۇنيا ئىماجى (ئوبرازى) سىزىپ چىقىدۇ. ئاندىن سىزىلغان بۇ ئىماج ھەققىدە نىمىنى چۈشىنىش كىرەكلىكىنى ئاممىغا مەجبۇرى تاڭىدۇ. باشقىچە ئىلىپ ئىيىتقاندا، دۇنيا ھەققىدە نىمىنى ئويلاش ۋە قانداق ئويلاش نەپ ئىگىلىرى، شەخىسلەر ۋە گۇرۇپلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئامما ئىزچىل بىر شەكىلدە يىتەكلىنىدۇ. يىقىن مۇناسىۋەت دائىرىمىز ۋە يۈزمۇ يۈز تۇرۇپ ئالاقە قىلىدىغان شەخىسلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلادىن سىرىت، دۇنيا ھەققىدە بىز بىلىدىغان بارلىق مەلۇماتلار ياكى بىلىمىز دەپ قارايدىغانلىرىمىز بىزگە كۈندىلىك گېزىت، ھەپتىلىك ژۇرنال، رادىئۇ ۋە تىلىۋۇزۇرغا ئوخشاش ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن يەتكۈزلىدۇ ۋە ئۇلار بىزگە يەتكۈزگەنلىرىنى مىنىڭسىتىشكە كۈچەيدۇ. ھۇكىسلېىنىڭ (Huxley) ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى ھەققىدىكى باھاسىنىڭ توغرا تەرەپلىرى بولسىمۇ، قوبۇل قىلىش جەھەتتىن جەمىئىيەتشۇناسلىقنىڭ ۋەقەلەرگە ئوبىكتىپ ۋە كۆپتەرەپلىمە مۇئامىلە قىلىش كىرەكلىكى توغرىسدىكى پىرىنسىپى بىلەن تىپىشىپ قالىدۇ. ئومۇمى ۋە شەخىسى جەھەتتىن ئويلىغاندا، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ پاسسىپ ڧۇنكىسيەلىرى  بولغانغا ئوخشاش  ئىجابى فۇنكىسىيەلىرىنىڭ بارلىقىمۇ بىر رىئاللىقتۇر.

خۇلاسە

ئەگەر بىز بۈگۈن ئومۇميۈزلۈك مۇراجىئەت قىلىۋاتقان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن بىرى بولغان تېلېۋىزۇرغا قارايدىغان بولساق، باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا قارىغاندا خەلىقكە ئەڭ كۆپ ئۇلاشقان ۋاستە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت رىئاللىقنى كۆرىمىز. گەرچە تېلېۋىزورنىڭ كۈچى ئىتراپ قىلىنسىمۇ، تەنقىدى باھا بەرگەندە تىلىۋۇزۇرنى ئەڭ قاتتىق تەنقىد قىلغۇچىلاردىن بىرى بولغان گەردان تىلىۋۇزۇرنى، كىشىلەرنىڭ«نادانلىشىشغا»، «قۇللۇققا قاراپ يۈزلىنىشگە»، « سايلاملاردا قوللىنىلىنلىشىغا»، « يەرشارىنىڭ ئامرىكالىشىشىغا» سەۋەپ بولىدىغان ئامىل دەپ قارايدۇ.  تېلېۋىزۇر بالىلار ۋە ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ  ھەرخىل ئويۇن ۋە تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋاقتىنى كونتىرۇل قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن دائىم تەنقىدكە ئۇچرىماقتا. ھالبۇكى، تېلېۋۇزۇر شۇنچە تەنقىتلەرگە ئۇچراۋاتقان تۇرۇقلۇق تەرەققىي قىلغان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىش، خەۋەر، مائارىپ ۋە كۈلتۈر قاتارلىق ھەرخىل تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشتا ئەڭ كەڭ مۇراجىئەت قىلىدىغان  ۋاستىلەرنىڭ بىرىسى، ھەتتا مۇھىمى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. دۆلەتتىن دۆلەتكە ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقان باشقۇرۇش سىستېمىسىغا ئاساسەن تېلېۋىزورنىڭ يۇقارقى تەلەپلەرنىڭ قايسىسىغا بەكرەك ئەھمىيەت بىرىدىغانلىقنىى پەرىقلەندۈرۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭا تېلېۋۇزۇر نۆۋەتتىكى سىستېمىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەشۋىقات قورالى دەپ قارىلىدۇ.

سكېللەر (Schiller) ئاخبارات ۋاستىلرىنى (ياكى مېدىيانى) كىمنىىڭ كونتىرۇل قىلىدىغانلىقى ۋە نازارەت قىلىدىغانلىقى سوئالىنى ئىنچىكلىك بىلەن تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۈچۈنچى دۇنيا دۆلەتلىرىدىكى خەۋەرلىشىش سېسىتىمىلىرىنىڭ ۋە بۇ ۋاستىلار يىيىۋاتقان ئۇچۇرلارنىڭ ھەقىقى كىلىش مەنبەسىنىڭ غەرىپ دۆلەتلىرى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بىر خۇلاسىگە كەلگەن.  بۇنىڭدىن باشقا پۈتكۈل دۇنيادىكى خەۋەرلىشىش سانائىتىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك غەربنىڭ (ئادەتتە ئامېرىكانىڭ) چوڭ تىپتىكى خەلقئارالىق ئاممىۋى خەۋەرلىشىش ۋە تىلىگىراف شىركەتلىرىنىڭ  كونتروللۇقىدا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان. Schiller  بۇ خىل ئەھۋالنى «كۈلتۈر جاھانگىرلىكى ياكى كۈلتۈرەل نۇپۇز» دەپ ئاتايدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا جەمىيەتشۇناسلارمۇ تىلىۋۇزۇرغا نىسبەتەن ئۆز كۆز قارشىنى ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ ئۇلارنىڭ قارىشچە تىلىۋۇزۇرغا ئايرىلغان ۋاقىت «ئۆلۈك ۋاقىت» تۇر. بىزنىڭ قارشىمزدا تىلىۋۇزۇر «بوش ۋاقىت قاتىلى» دۇر. چۈنكى ھازىر كىشلەر بوش ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمىنى تىلىۋۇرنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزىدۇ. مەسىلەن، بۈگۈن جەمئىيتىمىزدە  كەچقۇرۇنلىرى تىلىۋۇزۇر كۆرۈش بىر ئەنئەنىگە ئايلىنىپ بولدى. دۆلىتىمىزنىڭ (تۈركىيەنىڭ) ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بىرىلىدىغان كۆپ ساندىكى پروگراممىلار كىنو، ئېلان، كۆڭۈل ئىچىش تىپىدىكى مەزمۇنلار، خەۋەرلەر ۋە يۈرۈشلۈك تىلىۋىزىيە نومۇرلىرى قاتارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ پىرۇگىراممىلار ئارىسىدا بىزنىڭ كۈلتۈرىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك پىرۇگىراممىلارنىڭ يوق دېيەرلىك دەرىجىدە ئاز ئىكەنلىكى ھەممە كىشى بىلىدىغان بىر ھەقىقەتتۇر. بىز چوقۇم تېز سۈرئەتتە بۇ ساھەدىكى كەمچىلىكلەرنى تۈگىتىشىمىز كېرەك. ئەھۋالنىڭ بۇنداق داۋاملىشىشى «ئاخبارات ۋاستىلىرى» غا بولغان نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىپ كتىشىگە ئاساس ھازىرلاپ بىرىدۇ. نەتىجىدە، ھازىرقى مەۋجۇت  كۈلتۈر ئەجنەبى كۈلتۈر ئامىللىرىغا قارشى تۇرۇش ياكى خەلىقكە ئۇلىشىش قاناللىرىدىن (ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى) دىن مەھرۇم قالغان بولىدۇ. بۇ خىل ۋەزىيەتتە، شەخسىلەرنىڭ سەگەك بولۇشى ھەمدە بۇ ۋاستىلارغا نىسبەتەن ياكى تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ پىرۇگىراممىلرىغا نىسبەتەن ھۇشىيار بولۇشى زۆرۈرىيتى تۇغۇلماقتا.

مەنبەلەر:

DİPNOTLAR

*Dr., İnönü Üniv. Fen-Edeb. Fak. Sosyoloji Bölümü

Kocadaş, Bekir:“Hedefteki Gençlik: Siyasi Ve İdeolojik Hareketler Açısından”, Türkiye’nin

Gevenliği Sempozyumu Bildirileri, Elazığ, 2002, s.531

Cecen, Anıl: Kültür ve Politika, Hil Yay., İst., 1984, s.9

Duverger, Maurice: Siyaset Sosyolojisi, Çev.: Şirin Tekeli, Varlık Yay., İst., (tarihsiz), s.74

Cecen, Anıl: A.g.e., s.10

Köseoğlu, Nevzat: Milli Kültür ve Kimlik, Ötüken Yay., İst., 1992, s.147

Güngör, Erol: Türk Kültürü ve Milliyetçilik, Ötüken Yay., 7. Baskı, İst., 1989, s.35

Bilgiseven, A.Kurtkan: Genel Sosyoloji, Filiz Kitabevi, İstanbul, 1995, s.15

Gökalp, Ziya: Türkçülüğün Esasları, İnkılap Kitabevi, 3. baskı, İst.,1987, s.25-26

Özakpınar, Yılmaz: Kültür ve Medeniyet Anlayışları ve Bir Medeniyet Teorisi, Ötüken Yay., İst., 1999, s.29

Özakpınar, Yılmaz: A.g.e., s.30

Vergin, Nur: Siyaset Sosyolojisi, Filiz Kitabevi, İstanbul, 1980, s.130

Kocadaş, Bekir: Kitle İletişim Araçları ve Siyaset Kurumuna Etkisinin Analizi, (Yayınlanmamış

Yüksek Lisans Tezi), İnönü Üniversitesi , Sosyal Bilimler Enstitüsü, Malatya, 1996,

s.3

Ozankaya, Özer: “Türkiye’de Yığın İletişiminin Demokratik Siyasal Kültür Gelişimindeki Yeri ve Önemi” , A.Ü.S.B.F. Yay., Ank.,

1980, cilt: XXXV, s.161

Şenyapılı; Önder: Toplum ve İletişim, Turhan Yay.,Ankara,1981, s.9

Mutlu, Erol: Televizyonu Anlamak, Gündoğan Yay., Ank., 1991, s.15

Roskin, Michael G. vd.: A.g.e., s.178

Dorr, Aimee-Kunkell, Dale: “Children and the Media Environment”, Communication Research, Feb.9, Vol. 17, issue 1, p 5, 21p

(http://www.global.epnet.com,Update:17.12.2000)

Özkök, Ertuğrul: Sanat. İletişim ve İktidar, Tan Yay., Ank., 1982, s.191

Comstock, George: Television in America, Sage Publication, Beverly Hills, CA, 1980, s.34-35, Akt: Mutlu, Erol: Televizyonu

Anlamak, Gündoğan Yay., Ank., 1991, s.33

Kocadaş, Bekir: “Görsel Medya ve Şiddet Kültürü (Orta Öğrenim Çağı Gençliğinin Şiddet

Eğiliminde Görsel Medyanın Etkisi)-Malatya İli Uygulaması-”, İnönü

Üniversitesi Sosyal Bilimler Enstitüsü, (Yayımlanmamış Doktora Tezi),

Malatya, 2002, s.25

Dağdeviren, Emre: “Televizyonlar, Rating, RTÜK ve Toplum”, Yeni Türkiye, Medya Özel Sayısı, sayı:11, Eylül-Ekim, 1996, s.409

Aziz, Aysel: Toplumsallaşma ve Kitle İletişimi, A.Ü.B.Y.Y.O. Yay., Ank., 1982, s.91

Mutlu, Erol: A.g.e., s. 16

Yengin, Hülya: Medyanın Dili, Der Yay., İst., 1996, s. 264

Bennet, W. Lance: Politik İllizyon ve Medya, Çev: Seyfi Say, Nehir Yay., İst., 2000, s.57

Koca, Nuray: “Görüntüden Gerçeğe Şiddet Toplumu”, İzlenim Dergisi, Yıl:1, Sayı; 4, 1993, s. 35

Huxley, Aldous: “Ekranların Arkasında Kimler Var?”, Enformatik Cehalet, Der. Nabi Avcı,

Rehber Yay., Ank., 1990, s.180

Cerdan, Nathalie Coste: “İletişim ve Toplum”, Medya Dünyası, Der.: Jean-Marie Choron,

İletişim Yay., İst., 1992, s.187

Aziz, Aysel : Televizyonun Yetişkin Eğitimindeki Yeri ve Önemi, TODAİE Yay., Ankara,1975,

s.227

Mc Phail, T.L: “Yanlış Bir Başlangıç”, Enformasyon Devrimi Efsanesi, Der.: Yusuf Kaplan, Rey

Yay., İst., 1991, s.183

ماقالىنىڭ ئەسلى مەنبەسى: https://dergipark.org.tr/download/article-file/234782

[1]  ئىنگخلىز تىلىدىكى جۇغراپىيە ۋە سىياسەت دىگەن ئىككى سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان سۆز بولۇپ، بىر دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك جايلىىشىشى ۋە سىياسەتتىكى ئورنىنى شەرىھلەشتە ئىلىشتىلىدۇ

[2] ئىجتىمائى ۋە ئاممىۋى قىممەت قاراشلارنىڭ ئىقتىساد بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش