مېنىڭ گېمىنىم (مىللىي مارشىم)
دولقۇن ياسىن
مېنىڭ گېمىنىم – شاراقلىغان كىشەنلەرنىڭ ساداسى،
سۈرلۈك قاتىل تۈرمىلەرگە ۋەس-ۋەس سېلىپ چېقىلغان.
پەرزەنتىدىن جۇدا بولغان ئانىلارنىڭ نىداسى،
مېنىڭ گېمىنىم-مەشئەل ھەربىر مىسكىن دىلغا يېقىلغان.
*
مېنىڭ گېمىنىم – جاھالەتنىڭ باغرىن يارار قوڭغۇراق،
بىغەملەرگە ئۇيقۇ بەرمەي كېچە كۈندۈز چېلىنغان.
ئۇنىڭ ئۆمرى ئەسرلەردىن، مىڭ يىللاردىن ئۇزاقراق،
ئادىمىزات يارالغان كۈن ئۇمۇ ئەنگە ئېلىنغان.
*
نامى ئۇنىڭ ئەركىنلىكتۇر، نامى ئۇنىڭ ئىستىقلال،
ھاياتتىنمۇ شېرىن ئۆزى ھاياتتىنمۇ قەدىرلىك.
سەردار كەبى شىددەتلىك ئۇ، ئانىلاردەك مېھرىبان،
باتۇرلاردەك جاسارەتلىك، دانىشمەندەك سەۋىرلىك.
*
مېنىڭ گېمىنىم – مەغلۇپلارنىڭ غالىپ بولۇش ناخشىسى،
ئىشەنچسىزلىك زەنجىرلىرىن پارە-پارە ئەيلىگەن.
ئۇنى ئېيتار مىلىيونلار، خائىنلاردىن باشقىسى،
ئۈمىدسىزلىك قەلئەسىنى دادىل بولۇپ چەيلىگەن.
*
مەنبە: قىرغىزىستان «ئىتتىپاق» گېزىتى، 1998-يىل 1-ئاۋغۇست كۈنى چىققان 39-سانى
ئوڭدىن سولغا: ئوسمانجان ساۋۇت، دولقۇن ياسىن، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تۇرغۇن ئالماس، تۇردى سامساق