You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » مەن دۇنيانىڭ ئۆگزىسىدىن قېچىپ ئۆتتۈم (1)-پاكستون

مەن دۇنيانىڭ ئۆگزىسىدىن قېچىپ ئۆتتۈم (1)-پاكستون

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

1-قىسىم

جون خول پاكستوننىڭ مىلتون لېمانغا ئېيتقانلىرى

شىنجاڭدىكى كونسۇلىمىزنىڭ بۇ چەت ياقا ئۆلكىدىن چىقىپ كېتىدىغان نورمال يولى كومۇنىستلار تەرىپىدىن ئۈزۈپ تاشلاندى. مانا بۇ ئۇنىڭ 18 مىڭ فۇت ئېگىزلىكتىكى خەتەرلىك تاغلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، يالغانچى قىزىللار قولىدىن قۇتۇلغان 2000 مېللىق سەپىرىدىن قالغان ھېكايە.


بىز شىنجاڭدىن قايتىپ كەلگەندىن بۇيان نۇرغۇن دوستلىرىمىز بىزدىن «سەرگۈزەشتە» لىرىمىز ھەققىدە سوراشتى. مەن ئۇنى ھەرگىزمۇ سەرگۈزەشتە دەپ ئويلىمايتتىم. مەن، ئايالىم ۋە خىزمەتچىلىرىم دۇنيانىڭ ئۆگزىسىدىن بۇ قارا چۈش كەبى كارۋان ئارقىلىق ئۆتۈپ قېلىشىمىزنىڭ سەۋەبى كومۇنىستلارنىڭ شەرق ۋە غەرب يۆنىلىشىدىكى بارلىق يوللارنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقى، دېزىللىق پويىزلار، تۆت-ماتورلۇق ئاپتوموبىللار ياكى ھەشەمەتلىك مەخسۇس پىكاپلار بىلەن مېڭىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىدىن ئىدى. مېنىڭ دىخۇادا (ئۈرۈمچىدە) تۇرۇشلۇق ئامېرىكا كونسۇلى، يەنى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى تاشقى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئەڭ چەت بىر جايدىكى دىپلوماتىيە ۋەكىلى بولۇپ تەينلىنىشىم بىزنىڭ بۇ جايغا كېلىپ قېلىشىمىزنىڭ باش سەۋەبى ئىدى.

بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭنىڭ ئۆلكە مەركىزى دىخۇادىكى ئاددىيغىنە ئامېرىكا كونسۇلخانىسى تاقالدى ۋە پېچەتلەندى. بىز ئاز-كەم ئۈچ يىل تۇرغان بۇ جاي، بىز قايتقان چاغدا قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا تېخى ئالتە يىل بولغان ئىدى. بىزنىڭ قايتىپ كېلىشىمىز، يەنى 1946-يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى تەتىلىمىزگە ئۇلاپلا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىقى كومۇنىست خىتايدىكى بارلىق كونسۇللىرىنى قايتۇرۇپ كەلدى. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۇزاق تارىخىدا، بىز ئامېرىكىنى بۇ قەدىمىي ماكانغا تېخى ئەمدىلا تونۇشتۇرۇشقا باشلىغان ئىدۇق. بىر-بىرىمىزنى ئەمدىلا بىلىشكە باشلىغان چېغىمىزدا كومۇنىستلار گەنسۇنى سۈرۈپ، شىنجاڭنى قامالغا ئېلىش ئالدىدا ئىدى، ۋە بىزگە تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىقىدىن «كېچىكمەستىن ھازىرلىق كۆرۈڭلار…» دېگەن تېلىگرامما كەلگەن ئىدى.

بىز بۇ سەپەرگە مانا مۇنداق تەييارلاندۇق. ئۈچ ئايغا يېقىن ۋاقتتا بىزدىن دىخۇادىن لېھقىچە سوزۇلغان 1600 مېللىق يولنى تولىمۇ ئاستا بېسىپ، كومۇنىستلار شىنجاڭنى ئىشغال قىلىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن ھالقىپ قېچىپ چىقتۇق. بىز دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز كارۋان يولىنى ماركو پولو پەدىسىدە بېسىپ ئۆتتۇق. نەپىسىمىز قىسىلغۇدەك دەرىجىدىكى ئېگىز داۋانلارغا يامىشىپ، مۇزلۇق قىيالاردىكى يىلانباغرى يوللاردا بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن ئاۋايلاپ ئىلگىرلىدۇق. يول بويى بىز ئات-ئېشەكلەرنىڭ، ھەتتا ئامېرىكىنىڭ بوي بەرمەس «جىپ» لىرىنىڭ تۈگەشكەنلىرىگە شاھىت بولدۇق. لېكىن سەپەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدۇق، ۋە يولغا چىققىنىمىزدا ئۈچ ئايلىق بولغان سەپەرداش بوۋاق بىر ھەسسە چوڭ بولۇپ، سەپەر ئاخىرىدا ئۈچ چىشلىق بولۇپ قالدى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ژورناللاردا ئېيتىلغىنىدەك بىر «سەرگۈزەشتە» ئىدى.

لېكىن بىزنىڭ ھېكايىمىز ئامېرىكىدىن ئونمىڭ مېل ئۇزاق ۋە مىڭ ياش چوڭ بولغان، «يېڭى چىگرا» مەنىسىنى بېرىدىغان «شىن-جاڭ» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان بۇ جايدىن باشلىناتتى. تېكساستىن ئىككى ھەسسە چوڭ بۇ ئۆلكە ئىنسانىيەت بايقىغان ئەڭ قەدىمقى مەدەنىيەتلەر يارىتىلغان ۋە شەرق-غەرب سودىسىدا ئۇنۇتۇلغان بىر قەدىمىي جاي ئىدى. بۇ جايدىكى چوپانلار ئەڭ دەسلەپ ئاتلارغا مىنگەن ۋە ئاتلىق جەڭلەرگە كېرەكلىك ئۆزەڭگە ۋە شالۋارلارنىڭ ئىجادكارلىرى ئىدى. بوستانلىقلاردىكى قەغەز پەنجىرىلىك لاي ئۆيلەردە ياشايدىغان دېھقانلار پۈتۈن دۇنياغا سەبىرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ياخشى ئۆگىتەتتى. شىنجاڭدىكى تۆت يېرىم مىليون ئاھالىنىڭ 14 ئىرققا (مىللەتكە) ئايرىلىدىغانلىقى ئېيتىلاتتى. مانا شۇ تۈرلۈك مىللەتلەرنىڭ 85 پىرسەنتى مۇسۇلمان بولۇپ، ئەڭ كۆپچىلىكنى تۈركىيلەر، يەنى ئەنقەرە تۈركلىرىنىڭ ئەجدادلىرى تەشكىل قىلاتتى. مىڭ يىلدىن بۇيان شىنجاڭ يات ئەللەردىن كەلگەن «كېگىز سومكىلىقلار»نى كۆپ كۆردى. خىتاي بولسا بۇ ئۆلكىنى ئۆزىنىڭ «سىبىرىيە»سى، يەنى يارىماسلار، لايغەزەللەر ۋە سىياسىي مۇخالىپلارنى پالايدىغان جايى قىلىۋالدى. ئۆز سىبىرىيەسى بار بولغان روسىيە بولسا، يېرىم ئەسىردىن بۇيان بۇ زىمىنغا ئاچ بۆرىدەك تىكىلگەن ئىدى. بەلكىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە شىنجاڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن يۈتۈۋېلىنىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما بۇ يۈتۈۋېلىشنىڭ ئۇلارنىڭ قارنىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدىغانلىقىغا ھەم ئىشىنەتتىم.

دىخۇادىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسى 1943-يىلى ئېچىلغان بولۇپ، ئەگەر ئۇ جايغا قايتىپ بارمىساق، بىز شىنجاڭنىڭ قارا چۈشلەرگە تولغان ئۇزاق تارىخىدىكى قىسقىغىنا بىر شېرىن چۈشكە ئايلىنىپ قالاتتۇق. مەن دىخۇادىكى تۆتىنچى ئامېرىكا كونسۇلى، ئايالىم ۋىنسوئى بولسا بۇ جايدا ياشىغان ئامېرىكىلىق تۇنجى ئايال ئىدى. بىز خىتايغا ناتونۇش ئەمەس ئىدۇق. مېنىڭ ئاتا-ئانام خىتايغا كەلگەن مىسسىئونېرلار بولۇپ، مېنى خىتايدا چوڭ قىلغان ئىدى. ۋىنسوئى چەرىتىي مۇشراش بولسا بۇرۇن نەنتۇڭ شەھىرىدە مىسسىئونېر ھەمشىرە، كېيىنچە ياۋروپا جەڭ مەيدانلىرىدىكى جەڭگاھ دوختۇرخانىلىرىدا ھەربىي ھەمشىرە بولغان ئىدى. بىز 1943-يىلى تۇرمۇش قۇردۇق. ۋىنسوئىنىڭ ئىسمى لاتىنچىدىن كەلگەن بولۇپ، «بويسۇندۇرىمەن» دېگەن مەنىدە ئىدى. ۋىنسوئىمۇ ئۆز يولىدا دىخۇا (ئۈرۈمچى) نى بويسۇندۇردى. جىددىي خارەكتېرلىك ئۈچەي ئوپېراتسىيىسى ئۈچۈن ئامېرىكىغا قايتقان كونسۇل روبېرت ۋارد ئەپەندىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشۇم ئۈچۈن، 1946-يىلى نويابىردا بىز ئۇشتۇمتۇتلا ئۈرۈمچىدىكى كونسۇلخانىمىزغا كېلىپ ئورۇنلاشتۇق. كونسۇلخانىغا يېتىپ كەلگىنىمىزدە نە كونسۇل ئورۇنباسارى ياكى تۈزۈكرەك خادىملارمۇ كۆزگە چېلىقمىدى. مەسىلەن، ئاق ئورۇس شوپۇر دەم ئېلىش ئۈچۈن چىقىپ كېتىپ، سوۋېت ۋەتەنداشلىقىنى ئېلىپلا قايتىپ كەلمىگەن ئىدى. بىز يۈك تاق، كارۋات-ماتىراس ۋە نەنجىڭدىن ئېلىپ كەلگەن تۆمۈر ۋاننالىرىمىزنى ئورۇنلاشتۇرىۋاتقان چاغدا كونسۇلخانىنىڭ تاشلاندۇق ۋە خاراب ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق. ساراي ئۆيىمىزدە ئارقان بىلەن چىگىپ قويۇلغان بىر يۇمىلاق ئۈستەل، ئىككى ئورۇندۇق، ۋە ئۆزىلا ئېسىقلىق تۇرغان بىر لامپۇچكا بار ئىكەن. ياتاق ئۆيدە بولسا بىز ئەكەلگەن پۇرژۇنلۇق تەگلىكتىن بىر فۇت ئۇزۇنراق بىر ياغاچ كارۋات تۇراتتى. ئىنتايىن ئىپتىدائىي شەكىلدىكى ئاشخانىنىڭ سىرتىدا قىيسىيىپ كەتكەن ياغاچ كابىنا تۇراتتى. ئىككى يېرىم يىلدىن كېيىن بىز ئۆزىمىزنى خېلىلا ئازادە ھېس قىلىدىغان بولدۇق. مەن كۆپ تىللىق ۋە قابىل خادىمدىن بىرنى ۋە ئىككى ئامېرىكا كونسۇل ئورۇنباسارىنى ھازىرلىدىم. بىز ساراي ئۆينى قايتىدىن سەرەمجانلاشتۇرۇپ رەسمىي زىياپەتلەرگە ھازىرلىدۇق، يېڭىدىن ھەربىيچە قاتار تازىلىق ئۆيلىرىنى سالدۇق، شۇنداقلا ئېغىلنى ئاقارتىپ، مېھمانلار چۈشىدىغان قونالغۇغا ئايلاندۇردۇق. يۇقىرىدىكىلەر 1947-يىلىدىكى ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ زىيارىتىگە ھازىر بولغان ئىدى. نەنجىڭدىكى ئەلچىخانىمىز ماڭا مەخپىي تېلىگرامما يوللاپ ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىشقا ھازىر بولۇشنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئاۋام پالاتا ئەزالىرى دىخۇا (ئۈرۈمچى) غا كەلمىدى.

سۈرەتتە: ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدى. ئۈستۈنكى رەت سولدىن ئىككىنچى كىشى كونسۇل جون خول پاكستون، تۆۋەنكى رەت سولدىن ئىككىنچى كىشى ۋىنسوئى پاكستون

گەرچە بىزنىڭ كونسۇلخانىمىز ھەشەمەت جەھەتتە يېقىن ئارىلىقتىكى ئىككى قەۋەتلىك، تۇربا سۈيى ھازىرلانغان سوۋېت ئەلچىخانىسىغا يەتمىسىمۇ، بىز ئامېرىكىنى يەرلىك كىشىلەرگە تونۇشتۇرۇشنىڭ باشقا خىل ئۇسۇللىرىنى ئويلاپ تاپتۇق. بىز «ئامېرىكا ئۇچۇر ئاگېنتلىقى» ئىشلىگەن «مانا بۇ نيۇ-يورك»، «پادىچى يىگىت» قاتارلىق كىنولارنى چەت يېزىلارغىچە ئاپىرىپ كۆرسەتتۇق. «ئوكلاخوما»، «ئايلانما ياغاچ ئات» قاتارلىقلارنى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ياڭراتقۇلىرىدا قويۇپ بەردۇق. بىز 300 تۈركىيلەر ۋە خىتايلارغا ئېنگىلىز تىلى دەرسلىرىنى ئورۇنلاشتۇردۇق. بايراملاردىن مىننەتدارلىق بايرىمى، مىلاد بايرىمى، پاسخا ۋە 4-ئىيۇل بايراملىرىنى تەبرىكلىدۇق. ۋىنسوئى كونسۇلخانا قورۇسى ئىچىدە ھەپتىدە تولۇق يەتتە كۈن كىچىك بىر شىپاخانىنى ئىشقا كىرىشتۈردى. ئۇ ھەتتا بىر قېتىم (مېنى ياردەمچى ھەمشىرە قىلىپ) تۇغۇت ئانىسىمۇ بولۇپ، بىر ئوغۇل بوۋاقنى سالامەت تۇغدۇردى. ئامېرىكا تىبابىتىگە بولغان ئىشەنچ ناھايىتى تېز ئېشىپ باردى.

سۈرەتتە:ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئالدى. تۆۋەنكى رەت ئوڭدىن 1-تەرجىمان ئەنۋەر شاكۇل، 4-ۋىنسوئى پاكستون، 5-مەسئۇد سابىرى بايقوزى، 6-مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ئوتتۇرىدىكى رەت سولدىن 2-ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن

ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا كونسۇلخانىدىن ئايرىلىش بۇيرۇقى كەلگەن چاغدا، بىزنىڭ دىخۇا (ئۈرۈمچى) غا شۇنچىلىك مەرىمىز چۈشۈپ قالغان ئىدى. مەن كونسۇلخانا خادىملىرىدىن ۋە مەن بۇ يەردە قالدۇرۇپ قويۇشتىن ئەندىشە قىلىدىغان، ئامېرىكىغا سادىقلىقى بىلەن كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان كىشىلەردىن بىر قانچىنى يىغدىم. خىتاي كومۇنىستلىرى گەنسۇ ئۆلكىسىدىن قىر-چاپ بىلەن ئۆتۈۋاتقاندا بىز يىغىلدۇق ۋە يول خەرىتىلىرىنى تارقاتتۇق. بىردىنبىر يول ئاۋۋال جەنۇبقا مېڭىپ ئوت ئىسسىق تۇرپان ئويمانلىقىدىن، ئاندىن كۆز يەتمەس تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئەتراپىدىن ئۆتۈپ، ئاخىرىدا مەزمۇت قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن كارۋان بىلەن ئېشىش ئىدى. 16-ئاۋغۇست كۈنى كونسۇلخانىنىڭ ئىككى ماشىنىسى ھازىر بولدى: بۇلاردىن بىرى ئىككى يېرىم توننىلىق ھەربىي يۈك ماشىنىسى، يەنە بىرى ئۇرۇشتا تولا ئىشلىتىلىپ پېتىدىن چۈشۈپ كەتكەن ۋە پورشېنى چاتاق جىپ ماشىنىسى ئىدى. مەن يولۇچىلارنى چىقىشقا بۇيرۇدۇم ۋە جىپنىڭ ئۈستىدە قاراپ ئۇلارنىڭ سانىنى ئالدىم.

ئېرۋىن كونېچنىي، قارامتۇل، كاتەك يۈز كەلگەن چېخىيەلىك يىگىت بىزنىڭ شوپۇرىمىز ۋە ئۇستا مېخانىكىمىز بولدى. ئېرۋىننىڭ دادىسى شىنجاڭ ئۆلكىسى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن «ھەمكارلاشقان» چاغلاردا تۈرمىدە ئۆلگەن ئىكەن. ئېرۋىن مەن بىلەن بىللە دىخۇادا قالىدىغان بولدى. ئەنۋەر شاكۇل بىزنىڭ تۈركىي تەرجىمانىمىز ۋە بوغالتىرىمىز بولۇپ، يېقىنقى ئۇرۇشتىن (كورىيە ئۇرۇشى بولسا كېرەك) كېيىن، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىدە خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ قىز قېرىندىشى فاتىمە بولسا بىزنىڭ دائىما خۇشخۇي پۈتۈكچىمىز (ستىنوگرافىر) ئىدى. دىمىترىي يۇگوف ئاق ئورۇس بولۇپ، بىزنىڭ فىلىم قويغۇچىمىز ئىدى. ئۇ شۇنداقلا مىلاد بايرىمىدا پاختىدىن ساقال ياساپ تاقاپ، تېرە جۇۋىنى تەتۈر كىيىپ، كونسۇلخانىدا كىچىك بالىلارغا قار بوۋاي بولۇپ بېرەتتى. ئۇ كىچىك چېغىدا ئائىلىسى بىلەن بىرگە كومۇنىستلار تەرىپىدىن سىبىرىيەگە سۈرگۈن قىلىنغان ئىكەن. ئۇ دادىسىنىڭ بالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن «شۈك تۇرۇڭلار» دەپ تىللاشلىرىنى ۋە شۇ قورقۇنچتا سىڭلىسىنىڭ قايتا گەپ قىلىپ باقمىغانلىقىنى دائىم ئەسلەيتتى.

 

سۈرەتتە: ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ھويلىسى. سولدىن ئوڭغا 1- جون خول پاكستون، 2-مەسئۇد سابىرى بايقوزى، 4-ۋىنسوئى پاكستون، 5-ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن

دىمىترىي، ئەنۋەر ۋە ئېرۋىن قاتارلىقلار ئائىلىلىك بولغان بولۇپ، شۇئاندا كوزۇپتىكى يۈك تاقلار ئۈستىدە تەمكىن ئولتۇرۇشقان ئاياللىرى ۋە بالىلىرىدىن پەخرلىنەتتى. مۇئاۋىن كونسۇلىمىز روبېرت ب. درېسسىن ئارىمىزدىكى بىردىنبىر بويتاق بولۇپ، ئۇ جىپ ماشىنىدا ئولتۇردى. درېسسىن 28 ياشتىكى قىزىل ساقاللىق يىگىت بولۇپ، بۇرۇن ئىندىئانا شىتاتىدىكى باتلېر ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىگە يۈگۈرۈش ماھىرى ئىدى. ئامېرىكىلىقلار ئۆزلىرى ئۆزلىشىپ قالغان ۋە قېلىپ قېلىشنى نىيەت قىلغان جايلاردىن كېتىشكە كۆنۈك كىشىلەر ئەمەس بولغاچقا، خوشلىشىشلار كەيپىياتىمىزنى كۆتۈرەلمىدى. كونسۇلخانىسىنى داۋاملىق ئېچىشنى قارار قىلغان ئەنگىلىيە كونسۇلى ۋە مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى بىزنى ئۇزىتىشقا كەلدى. گەرچە خىتاي كومۇنىست ئارمىيىسى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان، ئامېرىكىلىقلارغا قىلىنغان زىيادە دوستانىلىق دىققەت تارتىدىغان ھەتتا چېقىمچىلار تەرىپىدىن دوكلات قىلىنىدىغان بولسىمۇ، بىزنىڭ تۈركىي دوستلىرىمىز كۆڭلى يېرىم ھالدا بىز بىلەن خوشلاشقىلى كېلىشتى. مەن ئۇلارغا تۈركىي تىلىدا «بىز يەنە قايتىپ كەلگىچە» دېگەن مەنىدە «خوش» دېدىم ۋە ئالتە بالا، ئون چوڭنى باشلاپ، دىخۇا (ئۈرۈمچى) يولىنى بويلاپ ئەبجەخ جىپ ماشىنام بىلەن يۈرۈپ كەتتىم. بىزنىڭ بۇ سەپىرىمىز دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەردىن كۈتۈلىدىغان بارلىق داغدۇغىلاردىن مۇستەسنا ئىدى. داغدۇغا دېيىشكە توغرا كەلسە، بىز 950 مىل ئۇزاقلىقتىكى قەشقەر يولىدا توزۇتقان چاڭ-توزانلارنى دېيىشكە بولاتتى. بىر ۋاقتلار ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ پەخرى بولغان جىپ ماركىلىق ماشىنا مانا ئەمدى بىر ئاۋارىچىلىققا ئايلانغان ئىدى.  سەپەرنىڭ بىرىنچى كۈنىلا ئۇ ناھايىتى ئەنسىز شاۋقۇن چىقىرىپ، مېنى بىر ئۆستەڭ بويىدا توختاپ تەكشۈرۈپ بېقىشقا مەجبۇر قىلدى. بالىلار سۇ چېچىشىپ ۋە چۇرقىشىپ ئوينىغان چاغدا، قالغانلىرىمىز جىپ ماشىنىنى يانچە ياتقۇزۇپ بۇزۇلغان پۇرژۇننى كىيىملەر بىلەن ئۇلىغان بولدۇق. ئىككىنچى كۈنى بولسا ماشىنىنىڭ تورمۇزى كاردىن چىقتى. تورمۇزنى كۈچەپ تەپسەممۇ ھېچبىر شەپە چىقمايتتى. مەن تۆۋەن خوتقا سېلىپ ماشىنىنى ئاستىلىتىشنى، ئاخىرىدا بولسا ئارقا خوتقا چۈشۈرۈپ توختىتىشنى شۇ چاغدا ئۆگەندىم. كېيىنكى كۈنى بولسا رولمۇ ئىشتىن توختىغاننى ئاز دەپ، سول چاقمۇ بوشاپ قالدى.

سۈرەتتە: جون خول پاكستون (ئوڭدا) ۋە مەسئۇد سابىرى بايقوزى (سولدا)

بىز بىر ئاماللارنى قىلىپ لاي كۈلبىلەرگە تولغان بوستانلىق – ئاقسۇغىچە يېتىپ باردۇق. ئۇ جايدا مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ)نىڭ بىر گازارمىسى بار ئىدى. بۇ گازارمىنىڭ كوماندىرى كونا دوستۇم گېنىرال لى چۇتاڭ بولۇپ، ئۇ ئېنگىلىزچىنى ئۆزلىكىدىن، يەنى بېرىتانىيە رادىئو شېركىتى (ب ب س) نىڭ خەۋەرلىرىدىن ئۆگەنگەن، شۇنداقلا شەنبە كەچلىك خەۋەرلىرى ژورنىلىنىڭ %60 خېتىنى ئوقۇيالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ماختىنىپ يۈرەتتى. بۇ گېنىرال خاڭجۇدىن كەلگەن بولۇپ، يۇرتىنى تولىمۇ سېغىنغان ئىدى. بىز بىر نەچچە پىيالە چاي ئىچكەچ ئۇنىڭ يۇرتى ھەققىدە ئىچكىرىلەپ پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. مەن «خاڭجۇ شەك شۈبھىسىزكى، دۇنيادىكى ئەڭ رومانتىك جاي، ئۆكتەبىر ئايلىرىدا، خاڭجۇنىڭ غەربىي كۆلىدىكى كېمە ئۆيلەردە قىسقۇچپاقا يېگەچ، سۆيۈملىك خاڭجۇ قىزى ئوقۇغان نەزمىلەردىن ھوزۇرلىنىشتىنمۇ بەكرەك رومانتىكىلىق ئىش بارمۇ بۇ دۇنيادا؟» دېدىم.

ئەتىگەندە گېنىرالنىڭ ئۇستىخانىسىدىكىلەر تۈزەپ بەرگەنچە جىپ ماشىنىمىز قەشقەرگە بارغۇچە سىلىق مېڭىپ بەردى. روسىيە چېگرىسىگە يېقىن بولغان چوڭ بوستانلىق شەھەر قەشقەردە ھىندىستانغا بارىدىغان قەدىمىي كارۋان يوللىرى باشلىنىپ كەتتى. يەنە مۇشۇ جايدا ئىككى ھەپتىگە سوزۇلغان سەپىرىمىزگە يېشىل چىراق يېقىش ئۈچۈن يول مېڭىشلار، بىر قوراللىق ئىسيان ۋە كارۋان سەپىرىگە زۆرۈر بولغان تەييارلىقلارنى باشتىن كەچۈردۇق.

تۇنجى مەسىلە بىزنىڭ ئامېرىكىلىق بولمىغان خادىملىرىمىزغا پاسپورت ھەل قىلىش، بوب درېسسىن، ۋىنسوئى ۋە ئۆزۈمگە ۋىزا ئېلىش بولدى. بۇ ئىش ھەل بولدى. نۆۋەتتىكى مەسىلە بولسا ھىندىستانغا بارىدىغان يولنى تاللاش ئىدى. بىز گىلگىت يولىنى ياقتۇردۇق ۋە سائەتلەرچە بۇ يولدا مېڭىپ كۆرگەنلەرنىڭ يول خاتېرىلىرىنى ئۆگەندۇق. بۇلارنىڭ ئىچىدە ك.پ.ئېس. مېنون يازغان «يېڭى دېھلىدىن چۇڭچىڭغىچە» ناملىق ئۆزگىچە كىتابمۇ بار ئىدى. بىز كىتابنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن بىر چاغدا خىتاي مەمۇرلىرى گىلگىت يولىدىن ماڭساق بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئۇلار بۇ يولنى روسىيە بىلەن تولىمۇ يېقىن دېدى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە روسىيەنىڭ قۇترىتىشى بىلەن روس باندىتلىرى بىزگە ھۇجۇم قىلىش خەتىرى بار بولۇپ، بۇنىڭغا قارشى خىتايلار بىزنى قىلچىمۇ قوغدىيالمايدىكەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە بىز لېھ يولىدىن ماڭساق بولىدىكەن. بۇ يول يەنىمۇ شەرقتە، مۇساپىسى تېخمۇ ئۇزۇن، يوللىرى تاشلىق بولۇپ، كارۋانچىلار ھەردائىم بۇ يولدىن ئۇزاق تۇراتتى. لېھ يولىنىڭ بىر ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئۇ باندىتلار ئۈچۈنمۇ تولىمۇ مۈشكۈل ئىدى. بىز يولۇچىلارغا ۋە ئۇلاغلارغا تۆت ھەپتىلىك سەپەر ئوزۇقى تەييارلىشىمىز كېرەك ئىدى. يولنىڭ كۆپ قىسىمى گىياھ ئۈنمەس، ئادەمسىز جايلار بولۇپ، ئېكسپېدىتسىيەچىلەرنىڭ خاتېرىلىرى، شۇنداقلا خەرىتىلەردىمۇ ئېگىز چوققىلارنىڭ ئىسىملىرى ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقلاردىن باشقا ئۇچۇر يوق ئىدى.

سۈرەتتە: گومىنداڭنىڭ قەشقەردىكى جەنۇبىي شىنجاڭ گارنىزون قوماندانلىق شىتابى

مەن درېسسىن بىلەن بىزنى ھىندىستانغا ئۇلاشتۇرۇپ قويىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمقى تاكسى ھېسابلىنىدىغان كارۋاندىن بىرنى تېپىپ ئۈچۈن بازارغا كىردىم. لېكىن كارۋان ئىگلىرى بەكمۇ قىزغىن ئەمەس ئىدى. ئاخىرى سالى ھاجى ئىسىملىك بىر كارۋان ئىگىسى ئادەملىرىنى ئەۋەتىشكە قوشۇلدى. ئۇ ۋە كارۋان بېشى بولغان ساملۇق ئىسىملىك كىشىنى كۆپلىگەن ئادەملەر تەۋسىيە قىلىشتى. كۆڭلىمىزمۇ بىرئاز ئىزىغا چۈشتى. دەسلەپتە سالى ھاجى ھەربىر ئات ئۈچۈن 90 دوللاردىن كەم باھاغا ئۇنىماي تۇرۇۋالدى. بىزمۇ 50 دوللاردىن ئوشۇق بېرەلمەيدىغانلىقىمىزنى ئېنىق ئېيتتۇق. ئاخىرىدا بىز سالى ھاجى بىلەن 33 ئاتنى 70 دوللاردىن، تۆگە، ئېشەك ۋە قوتازلارنى بىكارلىق قىلىپ كېلىشىم قىلدۇق. بىز تەڭرىدىن كەلگەن بالا قازالار بولمىسىلا، تۆت ھەپتە ئىچىدە لېھ (بەلخ) گە يەتكۈزۈپ قويۇش ھەققىدە كارۋاندىن كاپالەت ئالدۇق. باشقا كېچىكىشلەر بولۇپ قالغاندا، سالى ھاجى يول خىراجىتىدىن چىقىرىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

توختام تۈزۈلۈشتىن بۇرۇن جەنۇبىي شىنجاڭ قىسىملىرىنىڭ كوماندىرى گېنىرال جاۋ شىيگۇاڭ (赵锡光) سەل كېچىكىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى. يولىمىز ئۈستىدىكى سېپىللىق شەھەر ياركەندتە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى كوماندىرلىرىغا ئىسيان كۆتۈرگەن ئىدى. بۇ بەستلىك گېنىرال « بۇلار پەقەت ئائىلىۋى جېدەل، بىردەمدىلا بېسىقتۇرىۋېتىمەن» دېدى. بىلىشىمچە ئىسيان قىلغانلار بولسا يەتتە ئايدىن بېرى مائاشىنى ئالالماي تېرىككەن خىتاي ئەسكەرلىرى ئىكەن. گېنىرال چاۋ بىزگە ئۆزى يىگىرمە ماشىنا ئەسكەر بىلەن ئىسياننى بېسىقتۇرۇپ كەلگىچە ساقلاپ تۇرۇشنى جېكىلىدى.

سۈرەتتە: گېنىرال جاۋ شىيگۇاڭ (赵锡光) ۋە ئايالى قەشقەر يېڭىشەھەردىكى ئۆيى ئالدىدا

مەن ساقلاشنى خالىمايتتىم، لېكىن بىزمۇ كۆڭلىمىزنى خوش قىلىشقا تىرىشىپ كۆردۇق. بىز قەشقەردە تۇرۇشلۇق ھىندىستان كونسۇلىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن پاكىستان ۋە سوۋېت كونسۇلخانا خادىملىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان دالا زىياپىتىگە قاتناشتۇق. پاكىستاننىڭ مۇۋەققەت كونسۇلى بولغان دوكتور ئەللىن مارش روسىيەلىكلەرنىڭ «مىلتىقنىڭ بىخەتەرلىك كىلاپانىنى سوۋېتلىكلەر ئىجاد قىلغان» دەپ ماختىنىشلىرىدىن رەنجىپمۇ قالدى. ئۇ بەسلىشىشنى باشلاپ، ئۆزىنىڭ يان قورالىدىكى بىخەتەرلىك كىلاپانىنى كۆرسەتمەكچى بولۇپ ئېھتىياتسىزلىقتىن تەپكىنى بېسىپ سالدى. بەتلەكلىك بىر پاي ئوق ھىندىستان كونسۇلىنىڭ خىزمەتكارى مەھمۇدنىڭ پاقالچىكىدىن تېشىپ ئۆتۈپ كەتتى. دوكتور ئەللىن مارش قاننى ئاخىرى توختىتالىدى، ئەمما دالا تامىقىنىڭ كەيپى ئۇچتى. بىز روسىيەلىكلەرنىڭ بىر پاكىستانلىق دىپلوماتنىڭ قانداق مەقسەتتە ھىندىستانلىق مۇسۇلمان ياشقا قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقىنى قىياس قىلىشىۋاتقانلىقىنى سېزىپ تۇراتتۇق.

مەن كۈنىگە ئىككى قېتىم گېنىرال جاۋغا تېلىفون ئۇرۇپ ئۇنىڭ «ئائىلە ماجىراسى»نىڭ قانداق ھەل بولىۋاتقانلىقىنى سوراپ تۇراتتىم. ئۇ ناھايىتى رەسمىي تەلەپپۇزدا گەپ قىلدى. گەرچە ئۇ بىزگە دائىما دوستانە مۇئامىلە قىلسىمۇ، مەن ئۇنىڭ بىزنى بۇ ئۆلكىگە كومۇنىستلار كەلگىچە تۇتۇپ تۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلاتتىم. ئەتراپىمىزدىن ناچار سىگناللار، رادىئودىن بولسا مۇدھىش خەۋەرلەر كېلىپ تۇراتتى. ئامېرىكىنىڭ خەنكوۋدىكى كونسۇلخانىسى ھازىر تاقالغان ئىدى. نەنجىڭدىكى ئەلچىخانا ۋە شاڭخەيدىكى كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ سانىمۇ زور دەرىجىدە قىسقارتىلغان ئىدى. شەرقتىكى شەنشى ئۆلكىسى كومۇنىستلار قولىغا چۈشۈپ كەتكەن، گەنسۇمۇ شۇنداق بولۇشقا قاراپ كېتىۋاتاتتى. شۇ قاراڭغۇ خىياللار ئىچىدە بىر نەرسە ئېسىمگە كەلدىكى، بىزنىڭ يۈك ماشىنا ۋە جىپ ماشىنىلىرىمىزغا ئامېرىكا بايرىقى قادالمىغان ئىدى. ئەگەر بىز گېنىرال جاۋنىڭ ئىسيان كۆتۈرگەن قىسىملىرىغا ئۇچراپ قالساق كىملىكىمىزنى ئىسپاتلاشتا بۇ كېرەك بولاتتى. ۋىنسوئى بۇ ھەقتە بېتسىي روس خانىمغا مۇراجەت قىلدى. ئۇ ھىندىستان كونسۇلخانىسىدىكى ئېنسكىلوپېدىيەدىن بالداق-يۇلتۇزلۇق ئامېرىكا بايرىقىنىڭ ئۆلچەملىرىنى تېپىپ بەردى. ئۇ قەشقەر بازىدىرىن ئاق، كۆك ۋە قىزىل مۇسلىن رەخت سېتىۋېلىپ كەلدى، ۋە ئىككى پارچە ئامېرىكا بايرىقى سەپىرىمىز ئۈچۈن ھازىر بولدى.

قەشقەردە سەپەرگە ھازىرلانغان كارۋان توپى. ئالدىنقى رەت سولدىن 4-گۈلتېكىن سابىرى بايقوزى (مەسئۇد سابىرى بايقوزى ئەپەندىنىڭ قىزى)، 5- كونسۇل جون خول پاكستون

ئاخىرقى پەيتلەردە پولكوۋنىك داۋۇت رەشىد بىز بىلەن بىللە مېڭىشنى ئۆتۈندى ۋە ئۆزى بىلەن بىرگە ئۈچ كىشىنى ئېلىپ كەلدى. پولكوۋنىك داۋۇت ئۆلكىنىڭ سابىق رەئىسى بولغان مەسئۇد سابىرىنىڭ ئاديۇتانتى (قوغدىغۇچىسى) ئىدى. ئۆلكە رەئىسى مەسئۇد ئەپەندى ئامېرىكىغا ئوچۇق ئاشكارە دوستانە بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن بويىغا يەتكەن قىزى ۋە ئىككى ئوغلىغا زىيان يېتىشتىن ئەندىشە قىلغان ئىدى. ئۇ سادىق ئاديۇتانتىغا ئۇلارنى تېزدىن ساق-سالامەت شىنجاڭدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى تاپىلىغان ئىكەن. مەن ئارتۇقچە سەپەرداشلارغا ئېھتىياجلىق ئەمەسلىكىمىزنى بىلسەممۇ، پولكوۋنىك ۋە ئۇنىڭ قانات ئاستىدىكىلەرنى ئەلۋەتتە قۇبۇل قىلدىم. 12-سېنتەبىر كۈنى، گېنىرال جاۋ ئاخىرى بىزنى ماڭغىلى قويدى. ئۇ مۆرىسىنى قېقىپ قويۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ئىشلارغا ئۆزىنىڭ مەسئۇل بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. لېكىن ئۇ ماڭا سەپەرنى ئوڭۇشلۇق قىلىدىغان يولخېتى بەردى. مەن ئۇنى ئاۋايلاپ قويۇن يانچۇقۇمغا سالدىم. مەن ساملۇق ۋە كارۋانلارنى بىزدىن ئاۋۋال ئىسيان چىققان جاينىڭ ئۇ قېتىدىكى يېزا – پۇسارغا يولغان سالغان بولۇپ، بىز شۇ جايدا ئۇچراشماقچى ئىدۇق. بىز چۈش ۋاقتى بىلەن يولغان چىقتۇق. يۈك ماشىنىسى ھازىر ئولتۇرغان، زۇڭزايغان، بىر-بىرىگە ۋە دۆۋە-دۆۋە يۈك تاق ۋە بېنزىن باكلىرىغا يۆلەنگەن يولۇچىلار بىلەن تىقما-تىقما ئىدى. مەن جىپ ماشىنىسىغا ئولتۇردۇم. بىز شۇ ھالەتتە قەشقەردىن يۈرۈپ، شىنجاڭدىن چىقىپ كېتىشنىڭ ئاخىرقى بېكەتلىرىگە قاراپ يول ئالدۇق.

جىپ ماشىنىسى ئاۋۋالقى 50 مېل ئارىلىققىچە ياخشى ماڭدى. لېكىن بىر خىتاي قاراۋۇلخانىسىغا يېقىنلاشقان چېغىمىزدا، ھاياجانلىنىپ كەتكەن بىر ئەسكەر بىزنى مىلتىقنىڭ ئىشتىكى بىلەن توختاتماقچى بولدى، ۋە ماشىنىنىڭ تورمۇزىمۇ شۇ جايدىلا كۈچىدىن قالدى. مەن جىپ ماشىنىنى توختىتىپ، چۈشەندۈرۈش بېرىپ بولغىچە سوقۇلۇپ كەتكىلى تاسلا قالدىم. بىز ئاران دېگەندە ياركەندكە ئۇلاشتۇق، ۋە ئىسىيان قايناپ كەتكەن بۇ جايدىكى گازارمىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىشنى ئۈمىد قىلىپ ماڭدۇق. لېكىن، شەھەر سېپىل دەرۋازىسىدىلا توختىتىپ قويۇلدۇق. قوراللىق ئەسكەرلەر سېپىل ئۈستىدىن بىزگە چەكچىيىپ تۇراتتى. ياندىكى بىر ئېرىقتا بولسا، ئۈچ كۈن بولغان بىر جەسەت تۇراتتى. مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تېز ۋە راۋان خىتايچىدە ئەھۋالنى چۈشەندۈردۈم، ۋە ئۇلار ئاخىرى ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلدى. ياركەندتىن يېرىم سائەت ئۇزاپ، ئۆزۈمىزنى سەل بىخەتەر ھېس قىلىشقا باشلىغان زامان ئوق ئاۋازى ئاڭلاندى. ئالدىمىزدىكى يولدا پوست تۇرىۋاتقانلارنىڭ پىلىموت ئۇگىلىرىدىن ئېتىلغان ئوقلار ئىكەن. بەختكە يارىشا مېنىڭ كەينى خوت ئارقىلىق ماشىنىنى توختىتىش ھۈنىرىم يەنە كارغا كېلىپ قالدى.

داۋامى بار…

مەنبە: ئامېرىكا «شەنبە كەچلىك پوچتىسى» ژورنىلى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top