• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » زىيالىي، يېتەكلىگۈچى ۋە باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش

زىيالىي، يېتەكلىگۈچى ۋە باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش

Erkin Sidiq
ئەركىن سىدىق (2009-يىلى 7-ئاينىڭ 3- كۈنى)

دۇنياغا مەشھۇر فىزىكا ئالىمى ئالبېرت ئېينىشتىيىن مۇنداق دەيدۇ: «دۇنيا بىر خەتەرلىك جاي. بۇنداق بولۇشىنى رەزىل ئىشلارنى قىلىدىغانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەس. بەلكى ئاشۇ رەزىل ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ، سۈكۈت قىلىپ كېتىۋىرىدىغانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان.» بۇ سۆزنى ئۆزىمىزگە تەدبىقلىساق، ئۇنىڭ مەنىسى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكىدەك ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنى باشقىلارنىڭ رەزىل ئىشلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولماستىن، ئۆزىمىزنىڭ ئاشۇ رەزىل ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇلارغا سۈكۈت قىلىپ كېتىۋەرگىنىمىز كەلتۈرۈپ چىقارغان، دېگەن مەنانى بىلدۇرىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ ئەگەر بىز ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىر ئىچىدىكى ئەھۋالى، ئالدىنقى 10-20 يىللىق ئەھۋالى، ھەتتا يېقىنقى 4-5 يىل ئىچىدىكى ئەھۋالىغا قاراپ باقىدىغان بولساق، ئېينىشتىيىن يوقۇرىقى سۆزنى خۇددى بىز ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېيتقاندەك بىر ھىسسياتقا كېلىمىز. بۇنىڭ بىر تىپىك مىسالى ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ ھازىرقىدەك بىر تەقدىرگە چۈشۈپ قېلىشىدۇر. ۋەتەندىكى ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنى ئارىلاپ كۆرۈش ئارقىلىق، بىزنىڭ بىر قىسىم ئوت يۈرەك قېرىنداشلىرىمىز توختىماي ئىزدىنىپ، زىيالىلارنى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان، كىشىلەرنى ھازىرقى دەۋرگە ماس كېلىدىغان يېتەكلىگۈچىلەردىن بولۇشقا ئۈندەيدىغان ياخشى يازمىلارنى تەييارلاپ ئىنتېرنىتتە ئېلان قىلىۋاتقانلىغىنى بىلدىم. مەسىلەن، مەن يېقىندا كۆرگەن يازمىلاردىن زۇلپىقار باراتنىڭ «سەگەك زىيالىلارغا يېڭى يىللىق ئوچۇق خەت»، ئابدۇرېھىم ئابلەتخاننىڭ « سېسسىق توققۇزىنچى ۋە ئۇيغۇرلار» بىلەن «قەھرىمان بولىدىغان مايلامچى بالا »، ئىلھام توختىنىڭ «بىيجىڭ ئايردرومىدىن پارىژ ئايردرومىغىچە »، ۋە سالام دۇنيانىڭ « ھەقىقى قۇدرەت تېپىش دىگەن نىمە؟ » دېگەن يازمىلىرى بار بولۇپ (بۇ بىر مۇكەممەل تىزىملىك ئەمەس)، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى بىلىم ئەھلىلىرىنى ئويغىتىپ، ئىلھاملاندۇرۇپ، قوزغىتىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلار ئىچىدە بىر يېتەكچىلىك، باشلامچىلىق رولىنى ئويناشقا ئۈندەشنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەزمۇن قىلغان، دىيىشكە بولىدۇ. (مەن يوقۇرىقى ماقالىلارنىڭ تور بەت ئادرىسلىرىنى مۇشۇ يازمىنىڭ ئاخىرسىغا يېزىپ قويدۇم.) مېنىڭ ھازىرغىچە كۆرۈش ئىمكانىيىتىم بولمىغان، ئۇيغۇرچە گېزىت- ژورنال، كىتاپ ۋە تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان باشقا نادىر تېمىلارمۇ ئىنتايىن كۆپ بولىشى مۇمكىن. مەن يوقۇرىقىدەك ئەھۋالدىن ئىنتايىن خوشال بولدۇم، ھەمدە ئىلھاملاندىم. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنى دەۋرنىڭ تەقەززاسى ۋە دەۋرنىڭ چاقىرىغى بولۇپ، مەن ئاشۇ يازمىلارنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۆز-ئۆزۈمدىن مۇنداق سوئاللارنى سورىدىم:
(1) زىيالىنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە ئۇنىڭ رولى نىمە؟
(2) بىر يېتەكلىگۇچى بولۇش ئۈچۈن قانداق شەرتنى ھازىرلاش كېرەك؟
(3) قانداق قىلغاندا باشقىلارنى رىغبەتلەندۈرگىلى بولىدۇ؟
مەن ئۇشبۇ يازمامدا يوقۇرىقى ئۈچ سوئالغا جاۋاب تېپىش يۈزىسىدىن ئىگىلىگەن بىر قىسىم بىلىملەرنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
زىيالىيلار
زىيالىي دېگەن بۇ نام كىشىلەرگە ناھايىتى تونۇشلۇق بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۆز زىيالىيلىرىنى ھۆرمەتلەش ۋە قەدىرلەشنى ئۆزىنىڭ مۇھىم بىر ئەنئەنىسى قىلىپ كەلگەن. يېقىنقى 5-10 يىلنىڭ مابەينىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە زور ۋە شىددەتلىك ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقى بىر قىسىم يامان ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىكى سەۋەپلەرنى چۈشىنىش ھەمدە ئۇلارنى ئۈنۈملۈك توسۇپ قېلىشتا ئۆز ئۈمىدىنى زىيالىيلارغا باغلاپ كەلدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدىكى ئۈمىدىنى ئۆز زىيالىيلىرىغا باغلىشى ھازىر تارىختىكى ئەڭ يوقۇرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، دىيىش مۇمكىن. مەن زىيالىلارنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائى ئۆزگىرىشلەردىكى ئورنى ۋە رولىنى بىر ئاز چۈشىنىۋىلىش مەقسىتىدە، يېقىندا بىر ئاز ئىزدىنىپ، بىر قىسىم ماتېرىياللارنى توپلىدىم ۋە ئۇلارنى كۆرۈپ چىقتىم. بۇ يازمىنىڭ ئۇشبۇ قىسمىدا مەن ئايدىڭلاشتۇرىۋالغان بىر قىسىم ئۇقۇملارنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن.

(1) ئاممىۋىي زىيالىيلار
ئاممىۋىي زىيالىيلارنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىگى ئۇلار ھۆكۈمدارلار ئالدىدا ھەقىقەتنى سۆزلەپ، شۇ ئارقىلىق ھۆكۈمدارلارنى ئىنسانىي خاراكتېرگە ئىگە قىلدۇرىدۇ. بۇ كاتىگورىيىگە كىرىدىغان زىيالىيلار جەمئىيەتنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى فۇنكىسىيەسىنىڭ ھەممىسىنى، يەنى كوللىكتىپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە روھىي مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۈزىتىدىغان كىشىلەردىن ئىبارەتتۇر. يازغۇچىلار، شائىرلار، مۇزىكانتلار، لېكسىيە بەرگۈچىلەر ۋە ئارتىستلارنىڭ ھەممىسى ئاممىۋىي زىيالىيلارنىڭ رولىنى ئوينىغۇچىلار بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇلار رېئاللىقنى ئۆز چۈشەنچىسى ئاساسىدا كۈزىتىدۇ ۋە چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەت بىلەن قىلچە ھىساپلاشمايدۇ. ئۇلارنىڭ رولى داۋاملىق تۈردە ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە ۋە ھوقۇقدارلارنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق نەرسىلەرنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشىغا جەڭ ئېلان قىلىش بولىدۇ. كۆپ تەرەپتىن قارىغاندا، ئاممىۋىي زىيالىيلار ئۆزلىرىنى ئىنسانىيەتنىڭ ئۇنىۋېرسال قىممىتىگە ئاتىغان بولىدۇ.
گەرچە يوقارقى ئىدىيىلەر ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچلەر بولسىمۇ، ئاممىۋىي زىيالىيلار باستۇرۇش، ئىقتىسادىي ھەققانىيەتسىزلىك ۋە دۇنياۋىيلاشتۇرۇشنىڭ سەلبى تەسىرى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن بىر مەيدان تاللايدۇ. ئۇلار مەلۇم ھەرىكەت ياكى دەۋاغا ئۆزىنى ئاتىغان بولۇپ، بۇ ھەركەت ياكى دەۋانى تەشكىللىگەن پارتىيە ياكى ھۆكۈمەت ئۈچۈن مەلۇم بىر مەجبۇرىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئۇلار كىشىلىك ھوقۇق ۋە ھەققانىيەتچىلىك دائىرىسىدە ئىش ئېلىپ بارىدۇ.
بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئۇلار ھەققانىيەتسىزلىكنى ئەيىپلەش يولىدا سۆزلەش ۋە يېزىش ئىقتىدارىنى ئىشقا سالىدۇ. بۇ ئاممىۋىي زىيالىيلار ئادەتتە سىياسەت ياكى سىياسىي پارتىيىلەرگە باغلانمىغان بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئۇلار ئۆز فۇنكىسىيەسى بىلەن ئۆز ئىقتىدارىنى ئاممىۋىي سورۇنلاردا جارى قىلدۇرىدۇ.
زىيالىيلار گۇرۇپپىسى بىر جەمئىيەتتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەسىلەن، ئاممىۋىي پىكىرلەرنى رەتكە چۈشۈرۈش، ھەمدە سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىماىي ۋە پەلسەپىۋىي مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلار. بۇنداق فۇنكىسىيەنى ئادا قىلىش ئۈچۈن زىيالىلار بارلىق ئاممىۋىي ھەركەت-پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ۋە ئۇلار توغرىسىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى شەرت.

(2) ئەنئەنىۋىي ۋە ئورگانىك زىيالىيلار

1891-يىلىدىن 1937-يىلىغىچە ياشىغان ئىتالىيىلىك ماركىسىزىمچى ئانتونىيو گرامىسكى ( Antonio Gramsci) ئۆز ئۆمرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 11 يىلىنى بىر تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئاشۇ 11 يىل جەريانىدا ئۇ 32 پارچە خاتىرە دەپتىرىنى يېزىپ چىققان. بۇ خاتىرىلەر جەمئى 3000 بەتلىك بولۇپ، ئۇلار خەلقئارادا «گرامىسكى تۈرمە خاتىرىسى» دەپ ئاتىلىدىكەن. بۇ خاتىرىلەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تەرەققىي قىلغان كاپىتالىزىمغا ماس كېلىدىغان ماركىسىزم نەزىرىيىسى ھەققىدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى 1970-يىلى نەشىر قىلىنغان. گرامىسكى ئۆزىنىڭ يوقۇرىقى «تۈرمە خاتىرىسى» دە زىيالىلارغا يېڭىچە ئېنىقلىما بەرگەن. يازمامنىڭ ئۇشبۇ قىسمىدا مەن گرامىسكى ئوتتۇرىغا قويغان زىيالىيلار ھەققىدىكى ئاشۇ يېڭىچە ئۇقۇملارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. ئەسلىدىكى نەزىرىيە كاپىتالىزىم تۈزۈمىدىن سوتسىيالىزىم تۈزۈمىگە ئۆتۈش جەريانىغا قارىتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەنمۇ بۇ يەردە ئۇنى ئەينەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتىدىغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ مەزمۇنلاردىن جانلىق ھالدا پايدىلىنىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. ئىشىنىمەنكى، بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان نەزىرىيىۋىي بىلىملەر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ناھايىتى ماس كېلىدۇ.
گرامىسكى زىيالىيلارنى ئېقىمغا قارشى ئىش ئېلىپ بارالايدىغان بىر ھالقىلىق كۈچ دەپ ھېساپلىغان. ئۇ كاپىتالىزمدىن سوتسىيالىزىمغا ئۆتۈش جەريانى پۈتۈن خەلق ئاممىسى قاتناشقان بىر ھەرىكەت بولۇشى كېرەك ئىكەنلىگىنى، سوتسىيالىزمنى بەرپا قىلىش ئۆزىنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقىنىنى ئاڭلىق ھالدا چۈشەنگەن، نوقۇل ھالدا بىر يېتەكچى پارتىيىنىڭ رەھبەرلىگىدە ئىش ئېلىپ بارمايدىغان كۆپ سانلىق خەلق ئاممىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدىغانلىغىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇنىڭ نەزىرىدىكى زىيالىيلار يالغۇز ئاكادىمىيىدە ئىشلەيدىغان، پەقەت ئۆزىگە ئوخشاش ئادەملەرلا ئوقۇيدىغان يۇقۇرى سەۋىيىلىك ماقالىلەرنى يېزىش بىلەن كۈن ئوتكۈزىدىغان كىشىلەرنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەمەس. ئۇنىڭ زىيالىلارغا بەرگەن ئېنىقلىمىسى يۇقۇرقىدىن كۆپ كەڭرى دائىرىلىك بولغان. ئۇنىڭ قارىشىچە ھەممە ئادەم زىيالىي بولالايدۇ، لېكىن جەمئىيەتتە ھەممە ئادەم بىر زىيالىيلىق فۇنكىسىيەسىنى ئادا قىلمايدۇ. مەسىلەن، سىز ئۆز ھاياتىڭىزدا تاماق ئېتىپ باققان بولۇشىڭىز مۇمكىن. كۆينىكىڭىزنىڭ تۈگمىسىنى تىكىپ باققان بولۇشىڭىز مۇمكىن. بىراق سىزنىڭ بىر ئاشپەز ياكى بىر كىيىم تىككۈچى بولۇشىڭىز ناتايىن. مەۋجۇتلۇققا قەدەم قويغان ھەر بىر ئىنسان گوروھى ئۆز ئىچىدە بىر ياكى بىر قانچە قاتلام زىيالىيلارنى بەرپا قىلىدۇ. بۇ زىيالىيلار ئاشۇ گوروھقا مەنە بېرىدۇ، ھەمدە ئۇنىڭ ئۇيىشىشىغا ۋە نورمال خىزمەت قىلىشىغا ياردەم قىلىدۇ. بۇ زىيالىيلار ئۆز گوروھى ئىچىدىكى باشقۇرغۇچىلار (manager)، مەمۇرىي خادىملار، راھىبلار، پروفىسسورلار، ئوقۇتقۇچىلار، تېخنىكلار، ئالىملار، ئادۋۇكاتلار ۋە دوختۇرلار بولۇشى مۇمكىن. ماھىيەت جەھەتتىن قارىغاندا، ئۇلار ھۆكۈمران سىنىپ بىلەن بىللە تەرەققىي قىلىپ يېتىشىپ چىققان بولۇپ، ھۆكۈمران سىنىپنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. زىيالىيلارنى مەلۇم بىر سىنىپقا تەۋە بولمىغان بىر ئالاھىدە ئىجتىماىي كاتىگورىيىدىكى ئادەملەر دەپ قاراش بىر كونا ۋە خاتا چۈشەنچىدۇر.
گرامىسكى ئۆزىنىڭ يۇقۇرىقى «تۈرمە خاتىرىسى» دە زىيالىيلارنى يېڭى ئىككى خىل تۈرگە بۆلگەن. ئۇنىڭ بىرسى «ئەنئەنىۋىي زىيالىيلار» بولۇپ، يەنە بىرسى «ئورگانىك زىيالىيلار» دىن ئىبارەت. ئەنئەنىۋىي زىيالىيلار ئۆزلىرىنى بىر مۇستەقىل تەبىقە ھېساپلايدىغان، ھۆكۈمران ئورۇندىكى ئىجتىمائى گوروھقا بېقىنمايدىغان، كەڭ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىنمۇ ھۆكۈمران سىنىپقا بېقىنمايدىغان كىشىلەر، دەپ قارىلىدىغان زىيالىيلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قانداق ئىجتىمائى ئىگىز-پەسلىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ ئەنئەنىۋىي زىيالىيلار ئۆزلىرىدە بىر تارىخىي ئۈزلۈكسىزلىكنى ساقلاپ قالغان بولىدۇ. بۇنداق زىيالىلارنىڭ مىساللىرىدىن قەلەمكەشلەر، پەيلاسوپلار ۋە پروفىسسورلار قاتارلىقلار بار. مانا بۇلار بىز «زىيالىيلار» دېگەندە دەرھال ئېسىمىزگە كېلىدىغان كىشىلەردۇر. گەرچە بۇ زىيالىيلار ئۆزلىرىنى ھۆكۈمدارلارغا بېقىنمايدىغان كىشىلەر، دەپ ھېساپلىسىمۇ، بۇ بىر كونا ئۇقۇم ۋە خاتا چۈشەنچە بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار جەمئىيەتتىكى ھۆكۈمدار گوروھقا ماسلاشقان ۋە ئۇلارنى يۆلەيدىغان كىشىلەرگە ئايلىنىپ بولغان.
ئىككىنچى خىلدىكىسى ئورگانىك زىيالىيلاردۇر. ئۇلار ئورگانىك ھالدا ھۆكۈمران سىنىپ بىلەن بىللە تەرەققىي قىلىپ يېتىشىپ چىققان، ھەمدە ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلغۇچى ۋە تەشكىللىگۈچى ئېلمېنتى بولغان بىر گوروھتىن ئىبارەت.
يۇقۇرقى باياندىن كۆرۈۋالغىنىمىزدەك، ھازىرقى سېستىمىنى (يەنى كاپىتالىزىم تۈزۈمىنى) ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى ئارزۇ قىلىدىغانلارغا قويۇلغان تەلەپ بىر قارشىلىق كۈچىنى بەرپا قىلىش، ھازىر ئېقىۋاتقان ئورتاق پىكىرنى بۇزۇپ تاشلايدىغان ۋە ھازىرقى پىكىر ئېقىمىغا قارشىلىق كۆرسىتەلەيدىغان بىر ئۇسۇلنى تېپىپ چىقىش. ئۇنداقتا بۇنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك؟
گرامىسكىنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك ساندىكى ئەنئەنىۋىي زىيالىيلار ئىنقىلاۋىي كۈرەشكە كىرىشى كېرەك. شۇنداقلا ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ھەرىكىتى ئۆزلىرىنىڭ ئورگانىك زىيالىلىرىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، ھەممە ئادەم زىيالىي بولالايدۇ، لېكىن بىر جەمئىيەتتە ھەممە ئادەم بىر زىيالىيلىق رولىنى ئوينىغان بولمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ ھەممە ھەركىتىگە زىيالىيلار قاتناشقان بولىدۇ، ھەمدە ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ كەسپىي پائالىيىتىنىڭ سىرتىدا مەلۇم شەكىلدىكى زىيالىيلىق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولىدۇ. يەنى، ھەممە ئادەملەرنىڭ ئويلاش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى ۋە سالاھىيىتى بولىدۇ. بۇ يەردىكى گەپ قانداق قىلىپ ئاشۇ ئىقتىدار بىلەن سالاھىيەتنى ئىشقا سېلىشتىن ئىبارەتتۇر.
گرامىسكى ئۆزىنىڭ بىر رولى ئەمگەكچىلەر قاتلىمى ئارىسىدا ئورگانىك زىيالىيلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش ھەمدە ئىمكانقەدەر كۆپ ساندىكى ئەنئەنىۋىي زىيالىيلارنى ئىنقىلاپ سەپىگە كىرگۈزۈش ئىكەنلىگىنى تونۇپ يەتكەن. ئىجتىمائى ئۆزگىرىشنى مەقسەت قىلغان ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەشنىڭ تۈپ مەقسىدى يالغۇز كىشىلىك ئاڭنى ئۆستۈرۈشنىلا ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماستىن، بەلكى كونا ئاڭنى ئۆزگەرتىش ۋە يېڭى ئاڭنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. (مەن ۋەتەندىكى تور بەتلىرىدىن «ئۇيغۇرلار قايتىدىن تۆرىلىشى كېرەك» دېگەنگە ئوخشاش يازمىلارنى ئوقۇپ باقتىم، يۇقىرى قاتلامدىكى زىيالىلارنىڭ بەزىلىرىدىن «ئۇيغۇرلار قايتىدىن يارىلىشى كېرەك» دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ باقتىم. مېنىڭچە بۇ سۆزلەر يۇقىرىقى «كونا ئاڭنى ئۆزگەرتىش ۋە يېڭى ئاڭنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش» ئۇقۇمى بىلەن ئوخشاش.) بۇ كىشىلەرگە تاڭغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇ ئەمىلىي تۇرمۇش جەريانىدا يېتىلىپ چىقىشى كېرەك. شۇڭلاشقا زىيالىلار دائىرىسى مەلۇم بىر جەۋھەر گوروھ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىغى كېرەك. ئۇنىڭ ئەكسىچە زىيالىيلىق كۈندىلىك تۇرمۇش ئاساسىغا قۇرۇلغان بىر نەرسە بولۇشى كېرەك. ئەمىلىي تۇرمۇشقا ئاكتىپ ھالدا چۆككەن ئىشچىلار سىنىپى زىيالىيسىنى بەرپا قىلىش، بۇرۇن مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەرنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بىر قارشىلىق كۈچىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە ياردەم بېرىش گرامىسكىنىڭ نەزىرىيە بىلەن ئەمىليەتنى بىرلەشتۈرىدىغان بىر پەيلاسوپنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا قوشقان تۆھپىسىدۇر.
ئىختىيارى مائارىپچىلارنىڭ يەرلىك خەلق ئارىسىدىكى رولى گرامىسكى ئوتتۇرىغا قويغان ئورگانىك زىيالىيلارنىڭ رولى بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ. يەرلىك جەمئىيەت ۋە يەرلىك رايونلاردا ئوڭۇشلۇق ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقان مائارىپچىلار ئاشۇ جەمئىيەت ياكى رايون ئۈچۈن مەلۇم مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. ئۇلار بۈگۈن كېلىپ ئەتە كېتىدىغانلاردىن ئەمەس. ئۇلار ئاشۇ رايون ۋە ئاشۇ جەمئىيەتتە ئۇزۇن مۇددەت ياشىغان بولۇپ، يەرلىك خەلق بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان بولىدۇ. ئەمىليەتتە ئۇلار يەرلىك خەلقنىڭ بىر قىسمىدۇر. كۆپىنچە ئەھۋالدا بۇنداق ئىختىيارىي مائارىپچىلارنىڭ مەقسىدى ئۆزى ئۈچۈن شان-شەرەپ قازىنىش ئەمەس، بەلكى پۈتۈن خەلق ۋە جەمئىيەتنى روناق تاپقۇزۇش بولىدۇ.
يۇقۇرىقى ئەنئەنىۋىي زىيالىي بىلەن ئورگانىك زىيالىي توغرىسىدىكى نەزىرىيىنى گرامىسكى ئەپەندى بىر سىياسىي تۈزۈمنى ئۆزگەرتىش جەريانىغا تۆھپە قوشۇش مەقسىدىدە ئوتتۇرىغا قويغان. ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگىنى باشقا بىر خىل مەسىلە. ئۇلارنىڭ دۇچ كەلگىنى خاتا تۈس ئالغان «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتى، يوقىلىپ كېتىۋاتقان قەشقەردىكى كونا ئۆيلەرگە ئوخشاش مىللىي ۋە تارىخىي بايلىق، مىللىي ئاڭنىڭ سۇسلىشىشى، مىللىي روھ، ئۆزلۈك ۋە كىملىكنىڭ ئاجىزلاپ مېڭىشى، ۋاقىت ۋە ماددىي تۇرمۇشتىكى ئىسراپچىلىق، ئەخلاق ۋە دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى چېكىندۈرۈلۈش، ھەممە ساھەلەردىكى چىرىكچىلىك، پەرزەنت تەربىيىسىدىكى بىپەرۋالىق ۋە ئىلمىيسىزلىك، ۋە ئىلىم-پەنگە تۇتقان پۇزىتسىيىدىكى سۇسلۇق قاتارلىقلار. (بۇ بىر مۇكەممەل تىزىملىك ئەمەس؛ مەن بۇ يەردە پەقەت ھازىر ئېسىمگە ئالالىغان مەسىلىلەرنىلا تىلغا ئالدىم.) بۇنىڭ ئىچىدە مىللىي ئاڭ سۇس بولۇش، ئۆز خەلقىنىڭ ئىشلىرى بىلەن قىلچە كارى بولماي، پەقەت ئۆزى ۋە ئۆز ئائىلىسىنىڭ ياخشى ياشىشى ئۈچۈن ئار-نومۇس، ۋىجدان، مىللىي روھ ۋە ئىنسانىي غورور قاتارلىق باشقا ھەممە نەرسىدىن ۋاز كېچىش قاتارلىق خاھىشلار بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. شۇڭلاشقا ھازىر ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن نارازى بولۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى كۈنسايىن ئېشىپ مېڭىۋاتقاندەك قىلىدۇ—مەن بۇنى يېقىنقى بىر قانچە يىلنىڭ مابەينىدە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىكى نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ھىس قىلدىم. روشەنكى، ئۆز مىللىتىگە ھىچ قانداق پايدا يەتكۈزمىگەن بىر زىيالىينىڭ ئاشۇ مىللەتنىڭ زىيالىسى بولۇپ تەرىپلىنىش سالاھىيتى بولمايدۇ. ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مېنىڭچە ھازىر ئورگانىك زىيالىيلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ئىنتايىن خوشاللىنارلىق ئەھۋال بار بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا ئورگانىك زىيالىيلارنىڭ رولى ئەنئەنىۋىي زىيالىيلارنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ ياخشى بولۇۋاتقاندەك قىلىدۇ. خەلقىمىز تارىختا ئۆز زىيالىيلىرىغا ھازىرقىدەك ئېھتىياجلىق بولۇپ باققان ئەمەس. زىيالىيلىرىدىن ھازىرقىدەك ئۈمۈت كۈتكەن ئەمەس. ھەممە زىيالىيلىرىنىڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۆز بۇرچىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ھازىرقىدەك تەشنا بولۇپ باققان ئەمەس.
زىيالىي توغرىسىدىكى يۇقۇرىقى نەزىرىيەنى ئوقۇغان ھەر بىر ئادەم ئۆز كاللىسىدا مۇنداق بىر ئۇقۇمنى چوقۇم ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى كېرەك. ئۇ بولسىمۇ، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيانى چۈشىنىش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش تۇغما تالانتىغا ئىگە. بۇ تالانتنى ھەر بىر ئىنساننىڭ «زىيالىيلىق قابىليىتى» دىيىشكىمۇ بولىدۇ. ئۇنداقتا سىز مۇشۇ پەيتنىڭ ئۆزىدىلا ئۆز-ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوئاللارنى سوراپ بېقىڭ: «مەن ئۆزۈمنىڭ زىيالىيلىق قابىلىيىتىمنى ئىشقا سېلىپ، ھازىرغىچە مىللەت ئۈچۈن نىمە ئىشلارنى قىلىپ بەردىم؟ ھازىر نىمە ئىشلارنى قىلىپ بېرىۋاتىمەن؟ بۇنىڭدىن كېيىن نىمە ئىشلارنى قىلىپ بېرەلەيمەن ۋە قىلىپ بېرىمەن؟»

تەشكىلات
مەن ئۇشبۇ يازمامنىڭ 3-قىسمىدا «يېتەكلىگۈچىلەر» ئۈستىدە توختىلىمەن. يېتەكلىگۈچىلەر ئۆز رولىنى قانداق جارى قىلدۇرىدىغانلىغىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، «تەشكىلات» دېگەن بىر ئۇقۇمنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇ ئۇقۇم ھەممە ئوقۇرمەنلەرگە ناھايىتى تونۇش. شۇنداق بولسىمۇ مەن بۇ يەردە ستەفېن كوۋېي («Stephen Covey») ئەپەندىنىڭ «8-ئادەت» دېگەن كىتاۋىدىكى تەشكىلات ھەققىدىكى باياننى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئوتەي. مەن كېيىنكى قىسىمدا تونۇشتۇرىدىغان «يېتەكلىگۈچىلەر» ھەققىدىكى مەزمۇنمۇ يۇقۇرىقى كىتاپتىن ئېلىنغان.

يېتەكلىگۈچىلەر رول ئوينايدىغان سورۇن بىر تەشكىلاتتىن ئىبارەت بولىدۇ. ئۇنداقتا «تەشكىلات» دېگەن نىمە؟

(1) ئەڭ باشلانغۇچ سەۋىيىدە تۇرۇپ قارىغاندا، بىر تەشكىلات بىر مەقسەت ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇناسىۋەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ مەقسەت بىر ياكى بىر قانچە ئادەمنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى نىشان قىلغان بولىدۇ. ئەڭ ئاددىي تەشكىلات بىر ئوخشاش نىشاننى كۆزلىگەن ئىككى كىشىدىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ، مەسىلەن بىر ئىگىلىك ئۈچۈن ھەمكارلىشىدىغان ئىككى كىشى ياكى بىر جۈپ ئەر-خوتۇن.

(2) ھەممە كىشىلەر مەلۇم بىر خىل تەشكىلاتقا تەۋە بولغان بولىدۇ.

(3) دۇنيادىكى ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسى بىرەر تەشكىلاتنىڭ ئىچىدە ۋە بىرەر تەشكىلات ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولىدۇ.

(4) ھەر بىر ئائىلە ۋە ھەر بىر تەشكىلاتتىكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق ئۇنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ يەردىكى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇش دېگىنىمىز مۇنداق مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئۇنىڭغا تەۋە بولغان ھەر بىر ئادەمگە ئۆزىنىڭ تۇغما قىممىتىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىنى بىر ئۇلۇغلۇق دەرىجىسىگە يەتكۈزىدىغان يوشۇرۇن كۈچىنى تونۇتۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس تالانتلىرى ۋە يۈكسەك قىزغىنلىغىنى، تەشكىلاتنىڭ نىشانىنى ۋە ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا، پرىنسىپنى مەركەز قىلغان ئاساستا تەقدىم قىلدۇرۇش.
قىسقارتىپ ئېيتقاندا، بىر تەشكىلات ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت ئورناتقان ۋە بىر ئورتاق مەقسەدكە ئىگە شەخسلەردىن تەشكىل تاپقان بولىدۇ.

يېتەكلىگۈچىلەر
ئىنگلىزچىدە «leader» دېگەن بىر سۆز بار. ئۇنىڭ يۇلغۇن لوغىتىدىكى مەنىسى «داھى، رەھبەر، باشلامچى» قاتارلىقلار بولۇپ، ئىنگلىزچە لوغەتتىكى مەنىسى «يېتەكلەيدىغان ئادەم، بىر ئارمىيە، ھەرىكەت ياكى سىياسىي گوروھنىڭ يول باشلامچىسى» دىن ئىبارەت ئىكەن. دىمەك، بۇ سۆز بىر رەسمىي رەھبىرىي ئورۇنغا ئىگە كىشىلەرگىمۇ، خەلق ئارىسىدىكى يېتەكلىگۈچى ۋە باشلامچى كىشىلەرگىمۇ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ھازىر ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بۇ سۆزنى ئۇيغۇرچە «لىدېر» دەپمۇ ئېلىۋاتىدۇ. مەن چۈشەنچىدە ئېنىقسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقارماسلىق ئۈچۈن ئۇشبۇ يازمىنىڭ ماۋزۇلىرىدا «يېتەكلىگۈچى» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن بولۇپ، ھازىردىن باشلاپ «لىدېر» نى ئىشلىتىمەن. ئىنگلىزچىدە «داھى» دېگەننى «ئۇلۇغ لىدېر» ، يەنى «great leader» دەپ ئالىدۇ. تۆۋەندە لىدېرلەردە بولۇشقا تېگىشلىك سۈپەتلەرنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
ئەڭ ئاددىي سۆز بىلەن ئېيتقاندا، «لىدېرلىق» نىڭ مەنىسى كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ قىممىتى ۋە يوشۇرۇن قابىلىيىتىنى ئىنتايىن ئېنىق قىلىپ تونۇتۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزىنىڭ قىممىتى ۋە يوشۇرۇن قابىليىتىنى ئۆز ئالدىغا چۈشىنىدىغان قىلىشتىن ئىبارەت. سىز كىشىلەرگە ياردەملىشىپ، ئۆزىنىڭ قىممىتى ۋە يوشۇرۇن قابىلىيىتىنى تولۇق تونۇتۇپ قويسىڭىز، ئۇلار كۆرۈش، ئىجرا قىلىش ۋە بىر نەرسە بولۇش جەريانىدا بۇ قىممەت ۋە قابىلىيەتلەرنى تولۇق ئىشقا سالالايدۇ. بىر چوڭ دادىنىڭ ئەڭ مۇھىم رولى ئۆزىنىڭ بالىلىرى، نەۋرىلىرى ۋە چەۋرىلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ قىممىتى ۋە يوشۇرۇن قابىليىتىنى ئېنىق تونۇتۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزلىرىدىكى قىممەت ۋە قابىلىيەتلەرگە ئىشىنىدىغان قىلىش، ھەمدە ئاشۇ ئىشەنچ ئاساسىدا ئىش ئېلىپ بارىدىغان قىلىشتىن ئىبارەت. روشەنكى، ئەگەر مۇشۇنداق بىر روھ بىزنىڭ مەدىنىيىتىمىز ۋە جەمئىيىتىمىزگە تولۇق سىڭىپ كىرىدىغان بولسا، ئۇنىڭ بىزگە بېرىدىغان ئۈنۈمى چەكسىز بولىدۇ.
مەن يېقىندا تېلېۋىزوردا ئامېرىكا لوس ئانجىلىس ۋاسكىتبول ئەترىتى «lakers» نىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەملىكەتلىك چىمپيونلۇق مۇسابىقىسىنى كۆردۈم. مۇسابىقە تۈگەپ، بۇ ئەترەت چېمپيون بولغاندىن كېيىن، بىر مۇخبىر Derek Fisher دېگەن ۋاسكىتبولچىدىن: «سەن ئۆزەڭلەرنىڭ تېرىنېرىگە قانداق قارايسەن؟» دەپ سورىغاندا، دېرېك مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «بۇ ئادەم ھەرگىزمۇ ھەر بىر ئىشتا بىزنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنمايدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇ بىزگە ئىشىنىپ، بىزنى ئۆزىمىز توغرا تاپقان ئۇسۇلدا ئويناشقا قويۇپ بېرىدۇ. شۇڭلاشقا ھەر بىرىمىز ئۆز ئىقتىدارىمىزنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىشقا سېلىپ، توپنى ياخشى ئوينايمىز. ئۇ بىر ناھايىتى ئۇلۇغ ئادەم.»
لىدېرلىق سۈپىتىگە ئىگە كىشىلەر باشقىلارنىڭ تالانت ۋە قابىليىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. بىر ئورتاق نىشان ئاستىدا ھەممە ئادەمنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، شۇ ئارقىلىق باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ. باشقىلارنى كېرەكلىك قورال ۋە ۋاسىتە مەنبەسى بىلەن تولۇق تەمىنلەپ، ئۇلارغا جاۋابكارلىق ۋە مەسئۇلىيەتلىك ھوقۇقىنى بېرىدۇ. مەيلى تۇتقان خىزمەت ئورنىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىك دەرىجىسى قانداق بولسۇن، تەشكىلاتلارنى ئوڭۇشلۇق يېتەكلەپ ماڭالىغان ھەر بىر لىدېرنى يۇقۇرقىدەك پرىنسىپلار يېتەكلەپ ماڭغان بولىدۇ. لىدېرلىق كۈچىنى پرىنسىپلار ئىدارە قىلىدۇ. ئەگەر سىز ئاشۇ پرىنسىپلارنى مەركەز قىلىپ ياشايدىكەنسىز، سىزنىڭ تەسىرىڭىز ۋە مەنىۋىي نوپوزىڭىز كۈنسايىن كۈچىيىپ، تېخىمۇ زور رەسمىي نوپوزغا ئېرىشەلەيسىز. دىنىي تەلىماتلار بويىچە قارىغاندىمۇ، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزگە ئاتا قىلىنغان تالانتلارنى قانچە كۆپ ئىشلەتسىڭىز ۋە قانچە زورايتسىڭىز، سىزگە تېخىمۇ كۆپ تالانت بېرىلىدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزدىكى تالانتلارغا پەرۋا قىلماي، ئۇلارنى كۆمۈپ قويۇپ تەرەققىي قىلدۇرمايدىكەنسىز ۋە ئىشلەتمەيدىكەنسىز، سىز ئۇلاردىن تەدرىجى ھالدا قۇرۇق قالىسىز. ئاللاھ ئۇ تالانتلارنى باشقىلارغا بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز يالغۇز تالانتتىنلا ئەمەس، تەسىر كۈچى ۋە پۇرسەتلەردىنمۇ مەھرۇم بولىسىز.
لىدېرلىق بىر ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سەنئەت بولۇپ، ئۇ باشقا بارلىق سەنئەت ۋە كەسىپلەرنىڭ نورمال يۈرۈشىشىنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىدۇ. بۇ بىر ئائىلە ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. لىدېرلىق بىلەن باشقۇرۇش ئوتتۇرىسىدا، ياكى لىدېر بىلەن باشلىق ياكى باشقۇرغۇچى ئوتتۇرىسىدا خېلى زور پەرق بار. مەن لىدېر ۋە داھىيلارنىڭ قانداق يېتىشىپ چىقىدىغانلىغى توغرىسىدا كېيىنكى يازمىلىرىمدا ئايرىم توختىلىشىم مۇمكىن. بۇ يەردە لىدېر بىلەن باشقۇرغۇچى (ياكى باشلىق) ئوتتۇرىسىدىكى پەرقتىن بىر قانچىسىنى كۆرسىتىپ ئۆتەي:
لىدېرلەر توغرا ئىشنى قىلغۇچىلار، باشقۇرغۇچىلار بولسا ئىشنى توغرا قىلغۇچىلار.
لىدېرلەر ئۆزگىرىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىدۇ، باشقۇرغۇچىلار بولسا مۇرەككەپلىكنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.
لىدېرلەر ئىشلارغا بىر ھەرىكەت تۇيغۇسى بىلەن قارايدۇ، باشقۇرغۇچىلار بولسا تەرتىپلەش، تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدۇ.
لىدېرلەر نەرسىلەرنىڭ كىشىلەرگە بىلدۈرىدىغان مەنىسىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، باشقۇرغۇچىلار بولسا قانداق قىلىپ بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ.
لىدېرلەر بىنا لاھىيىلىگۈچىلەرگە ئوخشايدۇ، باشقۇرغۇچىلار بولسا بىنا ياسىغۇچىلارغا ئوخشايدۇ.
لىدېرلەر ئۆز زېھنىنى يىراقنى كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئاساسلانغان ئورتاق نىشاننى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرىدۇ، باشقۇرغۇچىلار بولسا ئۆز زېھنىنى كونكىرت ئىشلارنى پىلانلاش ۋە كونترول قىلىشقا مەركەزلەشتۈرىدۇ.
باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇللىرى
مەن يۇقىرىدا زىيالىي ۋە لىدېرلەر ھەققىدە قىسقىچە توختالدىم. مېنىڭ بۇ مەزمۇنلارنى يېزىشتىكى مەقسىدىم ئوقۇرمەنلەرنى زىيالىي ۋە لىدېرلار ھەققىدە بىر مۇكەممەل چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش، شۇنداقلا ئۆزلىرىدىكى زىيالىيلىق ۋە لىدېرلىق ئېلمىنتلىرىنى، يوشۇرۇن تالانتلىرىنى تولۇق قېزىپ چىقىشىغا، ئۆز-ئۆزىنى قايتىدىن تولۇق بايقىشىغا بىر ئاز ياردەم قىلىشتۇر. زىيالى ۋە لىدېرلار ئوينايدىغان مۇھىم روللارنىڭ بىرسى باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش. ئويلاپ باقسام مەن بۇ ئىشنى ئۆزەمنىڭ ھازىرغىچە بولغان ئۆمرىنىڭ ھەممىسىدە ئىزچىل تۈردە قىلىپ كەلگەن ئىكەنمەن. لېكىن باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرىغا ئائىت نەزىرىيە ئۈستىدە زادىلا ئىزدىنىپ باقماپتىكەنمەن. بۇ قېتىم ئۇشبۇ يازمىنى تەييارلاش ئۈچۈن بۇ ساھەدە ئازراق ئىزدىنىپ باقتىم. تۆۋەندە مەن بىلىۋالغان ئۇقۇملارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
ئىنگلىزچىدە «ئىلھاملاندۇرۇش» دېگەن مەنىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزدىن مۇنداق ئىككىسى بار: «Encourage» ۋە «Encourage» . «Inspire» نىڭ يۇلغۇن لوغىتىدىكى مەنىسى «ئىلھاملاندۇرماق، رىغبەتلەندۈرمەك، روھلاندۇرماق» بولۇپ، «Inspire» نىڭ بولسا «ئىلھاملاندۇرماق، رىغبەتلەندۈرمەك» ئىكەن. لېكىن، ئىنگلىزچە بۇ ئىككى سۆزنىڭ ئازراق پەرقى بار بولۇپ، مەن يازمامنىڭ ئۇشبۇ قىسىمدا توختىلىدىغىنىم «Inspire» دېگەن سۆزدىن ئىبارەت. مەن بۇ ئىككى ئىنگلىزچە سۆزنىڭ پەرقىنى ئۇيغۇرچىدە ئەينەن چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇشنىڭ ئورنىغا، «Inspire» دېگەن سۆز ئىشلىتىدىغان بىر قانچە مىساللارنى سۆزلەپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم:
ئۇنىڭ غەيرىتى ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئىلھاملاندۇردى (ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرۇش).
ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى باشقىلاردا ئىشەنچ پەيدا قىلدى (پەيدا قىلىش).
رىقابەت ئۇنىڭ يەنىمۇ تىرىشىشىغا تەسىر كۆرسەتتى (تەسىر كۆرسىتىش).
بىر ياخشىراق ئىستىقبالغا ئېرىشىش ئىشەنچىسى ئۇلارنى ئىلھاملاندۇردى (ئىلھاملاندۇرۇش).
بىر ئىنقىلاپنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن پەلسەپە (ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش).
ئەمدى باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش، يەنى يۇقۇرىقىدەك «Inspire» قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى بايان قىلىشنى باشلايمەن. (ئىنگلىزچىدىكى بۇ «Inspire» دېگەن سۆز ئۇيغۇرچە ئوقۇغاندا «ئىنسىپايېر» دەپ ئوقۇلىدۇ.)

(1) ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىڭ

ئەگەر سىز مەلۇم بىر ئىشقا يۈكسەك دەرىجىدە قىزىقسىڭىز، ھەمدە ئاشۇ ئىشنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن كەسىپ قىلىپ تاللىغان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ قانچە قېتىم مەغلۇپ بولۇشىغا قارىماي قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرىسىز. كىشىلەر سىزدىن گۇمان قىلسىمۇ، سىزنىڭ مەغلۇبىيىتىڭىزنى مەسخىرە قىلسىمۇ، سىز قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەنلىگىڭىز ئۈچۈن ئۇنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىسىز. سىزدە مەلۇم بىر ئىشقا نىسبەتەن ئاشۇنداق چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە يۈكسەك قىزغىنلىقنىڭ بولۇشى سىزنى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار بولغان نۇرغۇن مەغلۇبىيەتتىن ساقلاپ قالىدۇ. سىز ئۆز مەغلۇبىيىتىڭىزدىن ساۋاق ئېلىپ، تېخىمۇ ئېگىز پەللىگە چىقىسىز. مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق سىز باشقىلارنىمۇ ئىلھاملاندۇرالايسىز. بۇ مەسىلە ئۇستىدە مەن «مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېڭى تەڭلىمىسى» ۋە «ئۆمۈرلۇك كەسىپنى قانداق تاللاش كېرەك» دېگەن يازمىلىرىمدىمۇ بىر ئاز توختالغان بولۇپ، قىزىققان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاشۇ ئىككى يازمىنىمۇ ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

(2) چوڭ-چوڭ ۋە يېڭى ئىشلارنى نىشان قىلىڭ

سىز ئۆزىڭىز يۈكسەك دەرىجىدە قىزىقىدىغان بىر ئىش ئۈچۈن بەلگىلىك ئاساس سالغاندىن كېيىن، ئاشۇ ساھەدە چوڭ-چوڭ ئىشلارنى نىشانلاشقا باشلاڭ. ئۆزىڭىزنىڭ كەسپىي بىلىمى ۋە ئىقتىدارىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، ئىمكانقەدەر كۆپرەك كىشىلەرگە ئىلھام بېرىشكە تىرىشىڭ. ئۆز ئىدىيىڭىزنى ئىمكانقەدەر كۆپرەك كىشىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ، ئۇلاردا ئۆز تەسىرىڭىزنى ئۇلغايتىپ مېڭىشىنى، شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىشنى قولغا كەلتۈرۈڭ. چوڭ-چوڭ ئىشلارنى نىشان قىلىش ئارقىلىق سىز يالغۇز
كۆپلىگەن كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپلا قالماستىن، ھەر بىر كىشىگە كۆرسەتكەن تەسىرىڭىزنىمۇ چوڭايتالايسىز. ھەرگىز بىر كىشىنىڭ ھاياتىدا بىر كىچىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماڭ. ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۇ كىشىنى بىر پۈتۈنلەي يېڭى ئادەمگە ئۆزگەرتىشكە تىرىشىڭ. باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىشتە پەقەت بىر يول بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، كۆپلىگەن يوللارنى تېپىشقا تىرىشىڭ. ئەگەر سىز بىر ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىش يولىدا 100 خىل ئۇسۇلنى سىناپ باققان بولسىڭىز، ئۇ ئادەم پەقەت بىرلا ئۇسۇلنى قوبۇل قىلغان بولسا، سىز يەنىلا ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان بولىسىز.
باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىشنىڭ يەنە بىر پايدىلىق ئۇسۇلى كەمبەغەل ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلىش ۋە مۇھىتنى ئاسراشقا ئوخشاش بىر ئۇلۇغۋار ھەرىكەتكە قاتنىشىشتۇر. بىر ئۇلۇغۋار ئىشقا قاتنىشىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاش، ئەگەشكۈچىلەرگە ۋە ياردەمگە ئېرىشىشكە كۆپ ئاسان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋالغا ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان بىرەر ئىشقا قاتنىشىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا تەسىرى چوڭ ئىشلاردىن ھەرگىزمۇ باش تارتماڭ.

(3) ھېسىياتلىق سۆزلەرنى كۆپرەك ئىشلىتىڭ

باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشتا سىز تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئىشقا نىسبەتەن ئۆزىڭىزنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى قىزىقىشى بولۇشى ۋە ئۇنى سۆز ئارقىلىق ئۈنۈملۈك ئىپادىلىشىڭىز ئىنتايىن مۇھىم. سىز مەلۇم بىر ئىشقا نىسبەتەن ئىنتايىن ھاياجانلىنىۋاتقانلىغىڭىزنى ھەمدە ئۇنىڭغا ئىنتايىن قىزىقىۋاتقانلىغىڭىزنى سۆز ئارقىلىق ياخشى ئىپادىلەش ئارقىلىقلا سىز باشقىلارغا خېلى زور تەسىر كۆرسىتەلەيسىز. سىز سۆز بىلەن ئىپادىلىگەن يۈكسەك دەرىجىدىكى قىزىقىش باشقىلاردا ھەۋەس قوزغايدۇ. باشقىلار سىزنىڭ ئاشۇ بىر ئىشنى نىمە ئۈچۈن شۇنچىۋالا ياخشى كۆرىدىغىنىڭىزنى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن قىلىدىغىڭىزنى بىلىۋېلىشقا ئىنتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تەبىئى ھالدا مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئاشۇ ئىشنى تولۇق چۈشىنىۋېلىشقا تىرىشىدۇ. ھېسىياتلىق سۆزلەرنى كۆپرەك ئىشلىتىشنىڭ پايدىسى توغرىسىدا مەن ئۆزەمنىڭ «ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە » دېگەن يازمامدىمۇ ئازراق توختالغان بولۇپ، بۇ يازمىنى بۇرۇن ئوقۇپ باقمىغان ئوقۇرمەنلەرگە ئۇنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلىمەن.

(4) باشقىلارغا تەشەببۇس قىلغان ئىشنى ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز قىلىڭ

كىشىلەر سىز دىگەن گەپلەرگە قارىغاندا سىز قىلغان ئىشلارغا بەكرەك دىققەت قىلىدۇ. شۇڭا باشقىلارغا تەشەببۇس قىلغان ئىشنى سىز ئۆزىڭىز ئالدى بىلەن ئاكتىپلىق بىلەن قىلىپ، باشقىلارغا بىر ياخشى ئۈلگە بولۇڭ. بۇ باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. يەنى سىز باشقىلارغا تەشۋىق قىلغان ئىش سىزنىڭ ئۆز تۇرمۇشىڭىزنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر قىسمى بولسۇن. سىز بۇ ئىشتا بىر مۇتەخەسسىسلىق دەرىجىسىگە يەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن ئۇ ئىش سىز يۈكسەك دەرىجىدىكى قىزىقىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشلارنىڭ بىرسى بولسۇن.

(5) ھەممە كىشىلەرگە كەڭ قۇچاق بولۇڭ

سىزنىڭ قانچىلىك بىلىملىك بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، سىزنىڭ ئۇلارغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىغىڭىزنى ھىس قىلمىغىچە، كىشىلەر سىزنىڭ بىلىمىڭىزگە ئانچە پەرۋا قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۆزىڭىز ئۇچراتقان ھەممە ئادەملەرگە كەڭ قۇچاقلىق قىلىڭ. ئۇلارنى ئۆزىڭىز بىۋاستە قارشى ئېلىڭ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ھال-دەردىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاڭ. ئۇلار بىلەن بىر قېتىم ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئۇلار بىلەن بىر كىشىدىن يەنە بىر كىشىگە بولغان بىۋاستە، يېقىن ۋە ساغلام مۇناسىۋەتنى ساقلاڭ.

(6) باشقىلارنىمۇ يېتەكلەڭ

باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىشنىڭ يەنە بىر ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، يالغۇز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىغىلا قىزىقىپ قالماي، ئۆزىڭىزنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىمۇ تولۇق چۈشىنىش ۋە ئېتىراپ قىلىش، ھەمدە ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئۆزگىرىشىنىمۇ يېقىندىن كۈزىتىپ تۇرۇش. ئۇلارغا ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىي ھېكايىلىرىنى ئېيتىپ بېرىڭ. ئۇلارغا ئۆز ھاياتىڭىزدا ئۆگەنگەن ئىشلارنى ئۆگىتىپ قويۇڭ. ئۇلارغا ئۆزىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن مەغلۇبىيەتلىرىنى سۆزلەپ بېرىڭ. ھەمدە ئۇلاردىن ئۆزلىرىدە قانداق ئىلگىرىلەشلەر بولغانلىغىنى سوراپ تۇرۇڭ. ئۇلارنىڭ سىز بۇرۇن سادىر قىلغان خاتالىقلارنى سادىر قىلماسلىقىغا ياردەم قىلىڭ، ھەمدە ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى توغرىسىدا ئىزچىل ھالدا بىر ئۈمىدۋار پوزىتسىيىدە بولۇڭ.

(7) قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى باشتىن-ئاخىر بىر خىل داۋاملاشتۇرۇڭ

ھەرىكەتتە، ئۇچۇردا ۋە ئەخلاقىي ئۆلچەمدە باشتىن-ئاخىر بىر خىل بولۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئۇسۇلىنى، قىزىقىشىنى ۋە قىلىۋاتقان ۋە باشقىلارنى قىزىقتۇرۇۋاتقان ئىشىڭىزنى داۋاملىق ئۆزگەرتىپ تۇرسىڭىز، باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشتا ئاساسەن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمايسىز. كىشىلەر سىزنىڭ ئىدىيىڭىزنى چۈشىنىشنى ۋە ئۇنى بىر ئىشەنچلىك پىلان بىلەن باغلاشنى ئىستەيدۇ. سىز ئۆز ئىشىڭىزدا بىر ئىزچىللىقنى ساقلايدىغانلىغىڭىزنى ئۆز ئەمىليىتىڭىز ئارقىلىق ئىسپاتلىشىڭىز كېرەك. ئۇنىڭ كام قالغان جايلىرىنى باشقىلارغا ئىلھام بېغىشلايدىغان ھېكايىلەر بىلەن تولۇقلاپ كەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. يەنى ھېكايە سۆزلەش ئارقىلىق بۇرۇنقى مۇھىم سەرگۇزەشتىلەرنى باشقىلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى يېتەكلىسىڭىز ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا سىز سۆزلەيدىغان ھېكايىلەر چوقۇم سىزنىڭ ھەرىكەتتىكى ئىزچىللىقىڭىزنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرەلەيدىغان بولسۇن.

(8) ئىجابىي پوزىتسىيىلىك بولۇڭ

ئادەتتە باشقىلارغا تەربىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان سۆز ۋە يازمىلاردا ئەيىپلەش ۋە چۈشۈرۈش سەل كۆپرەك بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، چوقۇم ئىجابىي پوزىتسىيىلىك بولۇشىڭىز، ھازىرقى ئەھۋالنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇرۇنقى ناچار ئەھۋاللارنى تەكىتلەۋەرمەي، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچ ۋە ئۈمىدۋار كۆز قارىشىڭىزنى ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادىلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار ئۈستىدە توختالماقچى بولسىڭىز، ئۇلارنى بۇرۇنقى خاتالىقلارنى ئەيىپلەش ياكى بۇرۇنقى ياخشى كۈنلەر ئۈستىدە قايتىدىن ماختىنىش ئۈچۈن ئەمەس، بۇرۇنقى تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئۇلارنى ھازىرقى نىشان ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش مەقسىتىدە تىلغا ئېلىڭ.

مەن بۇرۇنمۇ دەپ ئوتكىنىمدەك، ئەگەر ئالدىغا يېرىمىغىچە سۇ بار ئىستاكاندىن بىرنى قويۇپ، «سىز نىمە كۆردىڭىز؟» دەپ سورىسىڭىز، سەلبى پوزىتسىيىلىك ئادەم «يېرىمى قۇرۇق ئىستاكاندىن بىرنى كۆردۈم»، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئىجابىي پوزىتسىيىلىك ئادەم بولسا «يېرىمىدا سۇ بار ئىستاكاندىن بىرنى»، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. سەلبىي پوزىتسىيلىك كىشىلەر ھەرگىزمۇ باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرالمايدۇ. گۇمانلىنىش بىر ناھايىتى ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، ئەگەر سىز مەلۇم بىر ئىش ئۈستىدە ئۆزىڭىزنىڭ گۇمانىنى بىلدۈرۈپ قويسىڭىز، سىز بىر كىشىگە بۇرۇن كۆرسەتكەن ئىجابىي تەسىرىڭىزنىمۇ پۈتۈنلەي نابۇت قىلىسىز. كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر نوپۇسى ھازىر ئىنتايىن قىيىن بىر شارائىتتا ياشاشقا مەجبۇ بولۇۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا ئەگەر سەللا دىققەت قىلمايدىكەن، ئادەم ئاسانلا بىر گۇمانلىنىش، ئۈمىتسىزلىنىش ۋە چۈشكۈنلىشىش ھالىتىگە پېتىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆز قىلغاندا ياكى بىر نەرسە يازغاندا، سىز ئۈچۈن چوقۇم «ئىستاكاننىڭ يەرىمىدە سۇ بار» بولسۇن. سەلبىي ئىشلارنىمۇ بىر ئىجابىي ۋە پايدىلىق يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويۇشقا پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ. مەن بۇ ئىشنى قانچىلىك تەكىتلىسەممۇ يېتەرلىك بولمايدۇ.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا جەمئى 7 مىليون پۇقرا ئۆلگەن. ئاچلىقتىن ئۆلۈش ئەڭ ئۇچىغا چىققان مەزگىلدە، كىشىلەر يەرگە كۆمۈۋەتكەن جەسەتلەرنى كولاپ چىقىرپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى يېڭىراقلىرىنى تاللاپ پىشۇرۇپ يەپ، شۇ ئارقىلىق ھاياتىنى ساقلاشقا تىرىشقان. بەزىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆلگەن يەھۇدىيلارنىڭ سانى 6 مىليونغا يېتىدىكەن. ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن ئىنتايىن ئېچىنىشلىق. ئىنتايىن خەتەرلىك. لېكىن بۇ دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ناچار ئەھۋاللار كۆپلەپ يۈز بېرىپ باققان. يۇقۇرىقىلار شۇنىڭ بىر قانچە مىساللىرى. مەن بۇ يەردە سىزگە «شۈكرى قىلىڭ، سەۋرى قىلىڭ، سۈكۈت قىلىڭ» دىمەكچى ئەمەسمەن. بەلكى سىزگە «چۈشكۈنلەشمەڭ، ئۈمىتسىزلەنمەڭ» دىمەكچى. ھەر قېتىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىرەر يامان خەۋەرلەرنى ئاڭلىغىنىمدا، مېنىڭ كۆزۈممۇ ئىسسىق ياش بىلەن لىق تولىدۇ. لېكىن مەن ھەر قېتىم ئاشۇ خەۋەردىن كېلىپ چىققان بىئاراملىغىمنى، نەپرىتىمنى ۋە غەزىۋىمنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ قاتتىق ئىشلەشكە تىرىشىمەن. بىر ستاتىستىكا نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ھازىر ئامېرىكىدا ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 115 ئادەم ماشىنا ۋەقەسىدە ئۆلىدىكەن. مەن ھەر قېتىم بىرەر چوڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا، بىر ئىشتا چوڭ زىيان تارتقاندا، «مېنىڭ ئەھۋالىم بۈگۈن ماشىنا ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭكىدىن كۆپ ياخشى»، دەپ ئويلايمەن، ھەمدە دەرھال ئاشۇ ئوڭۇشسىزلىقنى ئوڭۇشلۇققا ئايلاندۇرۇش، ئاشۇ زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋېلىشنىڭ چارىلىرى ئۈستىدە ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىشنى باشلايمەن. كېيىنكى يولۇمنى بېكىتكەندىن كېيىن، ھىچ قانداق ۋاقىتنى زايا قىلمايلا ئىش باشلايمەن. ئىشىنىمەنكى، مەن تۇتقان بۇنداق يوللارنى سىزمۇ تۇتالايسىز. ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسىڭىز، ھەمدە سىز بىرەر بالىنىڭ ئاپىسى ياكى دادىسى بولۇپ قالسىڭىز، بالىڭىزغا ھەرگىز ئۆزىڭىزنىڭ چۈشكۈنلەشكەن قىياپىتىنى كۆرسەتمەڭ. ئۆزىڭىزنىڭ ئۈمىتسىزلەنگەن ھالىتىنى بىلىندۈرمەڭ. كەلگۈسىگە بولغان سەلبىي كۆز-قارىشىڭىز، ۋە گۇمان ۋە ئۈمىتسىزلىك بىلەن تولغان مۆلچەرىڭىزنى دىمەڭ. ئۇنداق قىلمىسىڭىز، زىيانلىق يولغا سىز ئۆزىڭىزلا كىرىپ كېتىپ قالماي، بالىڭىزنىمۇ بىللە سۆرەپ كىرىپ كېتىسىز. ئۆزىمىزنىڭ قانداق ياشىشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ھەممىمىزنىڭ بالىلارنى ئىجابىي پۇزىتسىيەلىك ۋە ئۈمىدۋار قىلىپ تەربىيىلەش مەجبۇرىيىتىمىز بار. بۇنداق قىلىش مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم.

(9) «قائىدىسىزلىك» قىلىڭ

باشقىلارغا زور تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان كىشىلەر بۇرۇنقى قائىدىلەرنى بۇزۇپ ۋە بۇرۇنقى ئادەتلەرنى ئېتىبارغا ئالماي ئىش قىلىدىغان كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ. بۇنداق قىلىش ئەنئەنىنى ساقلىغۇچىلارنى نارازى قىلىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇ «بىر ياخشىراق يول مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن» دەپ قارىغۇچىلارغا يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ.

(10) كىتابنى كۆپ ئوقۇڭ

كىتابنى كۆپ ئوقۇيدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى لىدېر بولالمايدۇ، لېكىن لىدېرلەرنىڭ ھەممىسى كىتابنى كۆپ ئوقۇيدىغان كىشىلەردىن تەركىپ تاپىدۇ. شۇڭا كىتابنى كۆپ ئوقۇپ، داۋاملىق تۈردە يېڭى بىلىمگە ئېرىشىپ تۇرۇڭ. يېڭى ئىگىلىگەن بىلىملىرىڭىزنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ تۇرۇڭ. سىزگە ئىلھام بەرگەن كىتاپلارنى باشقىلارغىمۇ تونۇشتۇرۇپ قويۇڭ.

چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا بىر قانچە تەكلىپ
مېنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيالىي ۋە لىدېرلەردىن كۈتۈۋاتقان زور ئۈمىدلىرىم ۋە ئۇلارنىڭ مەن ئۈمىد قىلىدىغان ئىشلارنى قىلالايدىغانلىغىغا زور ئىشەنچەم بار. بىراق مەن ھازىر چەت ئەلدە ياشاۋاتقان بولغاچقا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيالىي ۋە لىدېرلەرگە بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىشى كېرەكلىگى توغرىسىدىكى ئۆز ئۈمىدىمنى ئوتتۇرىغا قويسام ئانچە مۇۋاپىق بولمايدۇ. شۇڭلاشقا مەن بۇ يەردە پەقەت چەت ئەلدە ئوقۇپ، ئوقۇشى پۇتكەندىن كېيىن چەت ئەلدە تۇرۇپ قالغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزۈم مۇشۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە ئويلاپ يېتەلىگەن، ھەمدە ئۇشبۇ يازمىدا ئوتتۇرىغا قويۇشقا مۇۋاپىق كەلگەن بىر قىسىم ئىشلاردا ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. مېنىڭچە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار يۇرتىمىز ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلقىمىز ئۈچۈن قىلىپ بېرەلەيدىغان ئىشلاردىن تۆۋەندىكىلىرى بار:

(1) ئۇيغۇر كەشپىياتچىلارغا كەسىپ ۋە تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم قىلىش. يېقىنقى 2-3 يىلنىڭ مابەينىدە مەن ئۇيغۇر دىيارىدا بىر نەرسە كەشىپ قىلغان ياكى يېڭى ئىجادىيەت سەۋىيىسىدىكى بىر ئىدىيەنى ئويلاپ چىققان ئون نەچچە ئۇيغۇرلاردىن ئېلخەت تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىگە قولۇمدىن كېلىشىچە مەسلىھەت ۋە ياردەم بەردىم. لېكىن، ۋاقىت ۋە زېھىن جەھەتتىن يېتىشەلمەي، ياكى كەسپىم توغرا كەلمەي، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە ھىچ قانداق ياردەمدە بولالمىدىم. چەت ئەلدىكى كەسپى توغرا كېلىدىغان ئۇيغۇرلار ئاشۇنداق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كەشپىياتىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنى خەلقئارادىكى ئەڭ يوقۇرى سەۋىيە بىلەن سېلىشتۇرۇپ، شۇ ئاساستا ئۇلارغا بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىشى كېرەكلىگى توغرىسىدا مەسلىھەت بەرسە، ياكى جۇڭگودا تېپىلمايدىغان بەزى نەرسىلەرنى چەت ئەلدىن تېپىپ، ئۇنى سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى دەپ بەرسە، بۇنىڭ ئاشۇ كەشپىياتچىلار ۋە ئىجادكارلار ئۈچۈن زور پايدىسى بولىدۇ.

(2) يېڭى ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا كەسپىي ۋە باشقۇرۇش جەھەتتە ياردەم قىلىش ۋە مەسلىھەت بېرىش. ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خۇسۇسىي ئىگىلىك تىكلىشى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈپتۇ. بۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىدا ناھايىتى زور رول ئوينىشى مۇمكىن. چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئاشۇنداق ياشلارغا ياردەم قىلىشتا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايدۇ.

(3) ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن چەت ئەلدە ھەقسىز ئوقۇش پۇرسىتىنى تېپىش ياكى ھازىرلاش، ھەمدە ئۇلارنىڭ چەت ئەلدىكى مەكتەپكە ئوڭۇشلۇق كىرىشىگە ياردەم قىلىش. بۇ جەھەتتە ھازىر چەت ئەلدىكى بىر قىسىم قېرىنداشلار ناھايىتى ياخشى ۋە ناھايىتى كۆپ ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. مەنمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى. لېكىن، بۇ ساھەدە بىزنىڭ كۈچىمىز زادىلا يېتىشمەيدىغان بولۇپ، مەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ مۇشۇ سەپكە قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

(4) ۋەتەندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش. مەن يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى بىر ئالىي مەكتەپنىڭ بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان بىر سىنىپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش سالاھىيىتىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاشۇ سىنىپتىكى 15 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە 1000-12000 سوم دائىرىسى ئىچىدە پۇل قەرز بولۇپ قالغان بولغاچقا، ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىپلومىنى ئالالمايدىكەن. بۇ پۈتۈن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى بىر ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئىكەن. ئويلاپ بېقىڭ، بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى باشلانغۇچ 1-سىنىپىدىن 12-سىنىپىغىچە قاتتىق تىرىشىپ، نۇرغۇن جاپالارنى تارتىپ ئاندىن بىر ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ، يەنە 5-6 يىل ئاتا-ئانىسىنىڭ يۆلىشى ئاستىدا ئوقۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىر نەچچە مىڭ سوم جۇڭگو پۇلى (بىر قانچە يۈز ئامېرىكا دوللىرى) بولمىغانلىغى ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ ئۇنۋانىغا ئېرىشەلمىسە، ئاشۇ ئوقۇغۇچى نىمە بولۇپ كېتەر؟ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تاكى ھازىرغىچە تايىنى بار مائارىپ فوندىدىن بىرسىمۇ تەسىس قىلىنىپ باقمىدى. مېنىڭچە بۇ ساھەدە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار قىلالايدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار.

(5) ئۇيغۇر دىيارىدىكىلەرنى چەت ئەلدە ئاسان تېپىلىدىغان، لېكىن يۇرتىمىزدا ئاساسەن يوق بولغان يېڭى ئۇچۇر ۋە بىلىم بىلەن تەمىنلەش. بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بۇ ساھەدە ئۇزۇندىن بۇيان ئىش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ھەر خىل تور بەتلەرنى قۇرۇپ، ۋەتەندىكىلەرنى ئۇچۇر ۋە بىلىم بىلەن تەمىنلەۋاتقانلار. ئەمما بۇ جەھەتتىكى ئىشلار يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس. چەت ئەلدە ئوقۇغاننىڭ پايدىسىنى ۋەتەندىكىلەرگە يەتكۈزۈش جەھەتتە قىلىنغان ۋە قىلىنىۋاتقان ئىشلار ناھايىتىمۇ يېتەرسىز. شۇڭلاشقا مەن بۇ قوشۇندىكى كىشىلىرىمىزنىڭ سانىنىڭ ھەسسىلەپ كۆپىيىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
ئەگەر سىز چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرسى بولۇپ، يۇقىرىقى 5 تۈرلۈك ئىشلارنىڭ بىرەرسى ياكى بىر قانچىسىدا سەييارە خىزمەت قىلىشنى خالىسىڭىز، مەن بىلەن ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقىلاشقان بولسىڭىز: erkinsidiq@gmail.com
ۋەتەندىكى قېرىنداشلارنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۇقىرىقىدىن باشقا تەلەپ-ئىلتىماسى بولسا، ئۇنى يېزىپ، ماڭا ئېلخەت ئارقىلىق ماڭدۇرۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن ۋەتەندىكلەر تەكلىپ ياكى تەلەپ قىلغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ ياكى قىلدۇرۇپ بېرەلمەسلىكىم مۇمكىن، بىراق، ئۆزەم مۇۋاپىق كۆرگەن ئىشلارنى چوقۇم چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا تەشەببۇس قىلىپ بېرەلەيمەن.
بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا مەن ۋەتەندىكى بىر دوستۇمدىن مۇنداق بىر ئېلخەت تاپشۇرۇپ ئالدىم (بۇ يەرگە چىقىرىشقا مۇۋاپىق بولمىغان جايلىرىنىڭ ئورنىغا كۆپ چىكىت قويۇپ قويدۇم): «خېتىڭىزنى ئوقۇۋېتىپ، كۆزلىرىمگە ئىختىيارسىز ھالدا ياش كەلدى. نېمىلەرنى ئويلىدىم، نېمىلەر ھەققىدە مۇلاھىزە قىلدىم…. بۇلارنى دەپ بولالمايمەن. بىراق، بىزلەرنىڭ نېمىلەر ھەققىدە ئويلايدىغىنىمىز ھەر بىرلىرىمىزگە كۈندەك ئايان. چەت`ئەلدىكى ھەر بىر ئۇيغۇر …قانداق ياشاشنى بىلگەن، ھىچ بولمىسا، ئەمدىراق بولسىمۇ ھىس قىلغان بولسا ئىدى… دەپ ئارمان قىلىمەن. … ئەمدى بىزگە لازىمى شۇكى، ھەر بىر ئۇيغۇر بالىسى، شۆھرەتلىك زات بولۇشتىن بۇرۇن ئادەم بولۇشى ھەم شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇيغۇر بولۇشى لازىم. بىزگە كېرىكى مۇشۇنداق روھ. دۇنيادا ئۇيغۇرنىڭ ئورنى بولمىسا ، بىزنىڭ ھېچنىمىمىز بولمايدۇ. ھەر بىرىمىز ئۇيغۇر ئاتلىق بىنا ئۈچۈن بىردىن كېسەك بولۇشىمىز كېرەك. ئۇيغۇرنىڭ جارچىسى، تەشۋىقاتچىسى، ئېلانچىسى… بولالىساق، ئارمانسىز ياشار ئىدۇق. …. دېگىنىڭىزدەك، بىر ئادەمنىڭ قانداق ياشاشنى بىلىشى، كىم ئۈچۈن ياشاشنى بىلىشى، ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختى ئىكەن. خېلى كۆپلەر يازغۇچى، ئالىم ۋە مۇئەللىم بولالاپتۇ-يۇ، تېخىچە ئادەم بولالماپتۇ. …»
ئاخىرقى سۆز
ئالبېرت ئېنىشتىيىن يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بىز ھازىر دۇچ كەلگەن ناھايىتى مۇھىم ۋە ناھايىتى قىيىن مەسىلىلەرنى بىز ئۇلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋاقىتتىكى بىلەن ئوخشاش سەۋىيىدە تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلالمايمىز.» ئەگەر بىز ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى بىر قانچە ئەسىر ماباينىدىكى تارىخىغا ئوبدان سەپسېلىپ قاراپ باقىدىغان بولساق، ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يۈز بەرگەن چوڭ-چوڭ چېكىنىشلەرنىڭ خېلى كۆپلىرىگە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى سەۋەپچى بولغانلىغىنى بايقايمىز. بۇنىڭ ئەڭ يېقىنقى بىر مىسالى سۈپىتىدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان، خاتا تۈس ئالغان «قوش تىللىق مائارىپ پروگراممىسى» نى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. مۇشۇنداق چېكىنىشلەرنىڭ يۈز بېرىشىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۇقىرى قابىلىيەتكە ئىگە لىدېرلەر ۋە لاياقەتلىك داھىلارنىڭ كەم بولۇشى، ۋە ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغان. ئۇيغۇرلار بىر قۇدرەت تېپىش يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭامدۇ ياكى تېخىمۇ چېكىنىش يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭامدۇ، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قالالامدۇ-يوق، دېگەننى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى 5-10 يىل ئىچىدە تۇتىدىغان يولى بەلگىلىشى مۇمكىن. خەلقنىڭ توغرا تاللاش قىلالىشى ياكى قىلالماسلىغىدا ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئاممىۋىي، ئەنئەنىۋىي ۋە يېڭى تىپتىكى (يەنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش كۆرىدىغان) ئورگانىك زىيالىلار، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان لىدېرلار ناھايىتى كۈچلۈك رول ئوينىيالايدۇ. مەن ئۇشبۇ يازمامنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان زىيالىلىق ۋە لىدېرلىق تۇغما تالانتى ۋە يوشۇرۇن قابىليىتىنى تولۇق تونۇۋېلىشى، ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئۆز بۇرچى ۋە تارىخىي مەسئۇليىتىنى توغرا چۇشىنىۋېلىشىگە بىر ئاز ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەن يېقىندا يېشى ھازىر 70 كە يېقىنلاشقان، پۈتۈن ئۆمرىنى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىكى تەتقىقاتقا بېغىشلىغان، جۇڭگو بىلەن ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان بىلىدىغان بىر ياۋروپالىق داڭلىق ئەرباپ بىلەن پاراڭلاشقان ئىدىم، ئۇ ماڭا: «ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىدا بىر چوڭ ياخشىلىنىش بولىدۇ. ئۇ ئۆزگىرىشنى مەن كۆرەلمەسلىگىم مۇمكىن، لېكىن ئۇنى سەن كۆرەلەيسەن»، دېدى. نۇرغۇنلىرىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ باشقىلارغا ئوخشاش قۇدرەت تېپىپ، پارلاق ئىستىقبالغا ئېرىشەلەيدىغانلىغىدىن بىر كۈنمۇ ئۈمىد ئۈزۈپ باققان ئەمەس. باشقىلار قىلالىغان ئىشنى ئۇيغۇرنىڭمۇ قىلالايدىغانلىقىدىن ئانچە گۇمانلىنىپ باققان ئەمەس. لېكىن، ئۇ پارلاق ئىستىقبالنىڭ بىز ھەممىمىز قولىمىزنى قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرساق، ئۆزلىگىدىن كەلمەيدىغانلىغىنىمۇ ئوبدان بىلىمىز. ئۇيغۇرلار ھازىر ئۆز ئىچىدىن لاياقەتلىك يول باشلامچىلار ۋە يېتەكلىگۇچىلەرنىڭ كۆپلەپ چىقىشىغا ناھايىتىمۇ ئېھتىياجلىق. شۇڭلاشقا مەن ئۇشبۇ يازمىنى ئوقۇغان ھەر بىر ئوقۇرمەنلەردىن ئۆزىدىكى بىر زىيالى بولۇشقا ۋە بىر يېتەكلىگۈچى بولۇشقا مۇناسىپ كېلىدىغان تالانت بىلەن ئىقتىدارلارنى بىر قېتىم تەكشۈرۈپ بېقىشىنى، ئاشۇ تالانت ۋە ئىقتىدارلارنى ئىشقا سېلىپ، مىللەتكە بۇرۇن نىمە ئىش قىلىپ بەرگەنلىگى، ھازىر نىمە ئىش قىلىپ بېرىۋاتقانلىغى، ۋە بۇنىڭدىن كېيىن نىمە ئىش قىلىپ بېرەلەيدىغانلىغى ۋە قىلىپ بېرىدىغانلىغى ئۈستىدە بىر قېتىم ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. ئېينىشتىيىن يۇقىرىدا ئېيتقىنىدەك، ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى بۇرۇنقى سىزىق بويىچە ئويلاش، بۇرۇنقىدەك يول تۇتۇش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. مەن يېڭىچە سەۋىيىدە ئويلاش ۋە يېڭىچە ئۇسلۇبتا ئىش ئېلىپ بېرىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ھەر بىر ئادەمدىن مۇنداق بىر نەرسىنى ئەستە چىڭ تۇتۇشىنى سورايمەن: ئۇيغۇرلار سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائي جەھەتتە قەد كوتۈرۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مائارىپ ۋە ئىلىم-پەندە قەد كۆتۈرۈشى شەرت.

بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىدە ئېلان قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

تەھرىرلىگۈچى: www.meripet.org دىن ئۇيغۇر.

بۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلەرنىڭ تور ئادرىسلىرى:

«سەگەك زىيالىلارغا يېڭى يىللىق ئوچۇق خەت»:
http://www.berqi.com/bbs/viewthr … &extra=page%3D1

«“سېسسىق توققۇزىنچى” ۋە ئۇيغۇرلار»:
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid=60846&page=1&toread=1

«قەھرىمان بولىدىغان مايلامچى بالا »:
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid=60846&page=1&toread=1

«بېيجىڭ ئايدۇرومىدىن پارىژ ئايدۇرومىغىچە »:
http://www.meripet.com/Academy/2009a3_IlhamToxti.htm

«ھەقىقى قۇدرەت تېپىش دىگەن نىمە؟»:
http://www.bilik.cn/bbs/viewthre … &extra=page%3D1

ئەركىن سىدىقنىڭ بارلىق يازمىلىرى:
http://www.meripet.com/Sohbet/

تېما مەنبەسى: مەرىپەت تورى

http://meripet.org/

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top