ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2019-يىلى 14- ۋە 15- دېكابىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » مەن دۇنيانىڭ ئۆگزىسىدىن قېچىپ ئۆتتۈم (2) -پاكستون

مەن دۇنيانىڭ ئۆگزىسىدىن قېچىپ ئۆتتۈم (2) -پاكستون

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

2-قىسىم

مەن ماشىنىدىن چۈشۈپ، قوللىرىمنى يانچۇقۇمدىن چىقارغانچە بۇ يولدا ئۆزۈم يالغۇز ئەسكەرلەر تەرەپكە قاراپ ئېھتىيات بىلەن يۈرۈپ كەتتىم. بىر لېتىنانت ماڭا تىكىلىپ قارىغىنىچە مېنى بىر كاپىتاننىڭ يېنىغا باشلاپ باردى. بۇ زۇۋان سۈرمەس كاپىتان مېنى ئۇدۇل ياركەندكە قايتۇرۇپ كېلىپ، بىر مايور بىلەن يۈزلەشتۈردى. تەلىيىمگە بۇ مايور خېلى دوستانە ئىدى. مەن ئىمكانىمنىڭ بارىچە ئەڭ راۋان خىتايچەم بىلەن ئەھۋالىمىزنى تونۇشتۇرۇپ چىقتىم، ۋە ئۇلار ئاخىرى بىزنى ئۆتكىلى قويدى. بىز ئاران دېگەندە بۇ جايدىن قوزغىلىپ چىققنىمىزدا يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئەسكەر بىزگە ،ئاگاھلاندۈرۈش ئۈچۈن بولسا كېرەك، بىر پاي ئوق ئاتتى. بىز زادى نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمەيلا ئۇزاپ كەتتۇق. 17-سېنتەبىر كۈنى بىز ھىندىستانغا يۈرۈشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان پۇسارغا يېتىپ كەلدۇق. بەش ھەپتە ئىچىدە بىز 1200 مېللىق قۇرغاق دەشتلەر، قۇملۇق چۆللەر، دەريا ياقىلىرى ۋە ئوڭغۇل-دوڭغۇل ۋە ئەگىر-بۈگرى تاغ يوللىرىنى بېسىپ كەلدۇق. مانا ئەمدى بىز كىچىك بوستانلىقلاردىن قىززىق ئاپتاپ، ئېگىز تاغ ۋە ئەڭ مۇھىمى بىخەتەر سەپەرگە تەلمۈرەتتۇق. بىز سەپەر جەريانىدا ئوزۇق ئۈچۈن سويىمىز دەپ سەككىز تۇياق شىنجاڭ قويىنى ھەيدەپ ماڭدۇق. بۇنىڭ بىلەن بىللە كونسېرۋالىق تەييار تاماقلىرىمىزغا قوشۇمچە قىلىپ توخو كاۋىپى، سۈرلەنگەن گۆش، تۇخۇم، كۆكتات ۋە ھۆل مېۋىلەرنىمۇ ئېلىۋالدۇق. مەن يۈك ماشىنىسى ۋە جىپ ماشىنىمىزنى قەشقەردىكى ھىندىستان كونسۇلخانىسىغا دىخۇا (ئۈرۈمچى)دىكى دوستلىرىمىزغا تۆۋەندىكى تېلگراممىنى يوللىۋېتىشنى تاپىلاپ قايتۇرىۋەتتىم:

«ئېگىز قۇيرۇق ھەرىكىتى ئىدىرلىققا ئۇلاشتى»

پۇسار جىلغىسى

مەن پىلانلاشقا قاتتىق ئىشىنىدىغان ئادەم بولۇپ، بۇ ئۇزۇنغا سورۇلغان مۈشكۈل سەپەردە ھايات ماماتلىقىمىزنىڭ پىلانلىرىمىزغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلەتتم. بۇلۇپمۇ ھاۋارايى يولۇچىغا نىسبەتەن تولىمۇ رەھىمسىز ساھىبخان ھېسابلىناتتى. مەيلى قانچە مېدال ئالغان قەھرىمان بولسۇن، تۇيۇقسىز جىددىي ھالەتلەرگە يولۇققاندا، بۇ ئەھۋالنى ئۆزىنىڭ كالتە پەملىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان چىقارمىغانلىقىنى ھەر زامان دەڭسەپ كۆرەتتى. دىخۇا (ئۈرۈمچى)دىن يولغا چىقىشتىن ئايلار بۇرۇنلا سەپەرنىڭ ئىنچىگە نۇقتىلىرى بولغان يېمەكلىك، كىيىم-كېچەك ۋە تۇرالغۇ قاتارلىقلارنى تۈجۈپىلەپ پىلانلىغان ئىدىم. لېكىن ھەرقانداق مۇكەممەل پىلان بىلەنمۇ سەپەر ئۈستىدىكى ئېگىز پەسلىكلەردىن خالىي بولۇش قىيىن ئىدى. ئالدىمىزدا لېھقا تۇتۇشىدىغان، بىر ئايغا سوزۇلغان، 450 مېللىق دۇنيا بويىچە ئەڭ خەتەرلىك يوللار بىزنى كۈتىۋاتاتتى. بىز ماڭىدىغان كۈنى ئەتىگەندە مەن قىسىق كۆزلۈك ۋە ساقاللىق كارۋان بېشى ساملۇق بىلەن تۈركىي تىلدا بىرئاز پاراڭلاشتىم. «ئالدىمىزدىكى يوللار يامان ئەمەستەك قىلىدۇ» دېدىم مەن گەپ باشلاپ. «توغرىسى بۇ تەرەپتىكى يول ياخشى» دېدى ئۇ مەيۈس ھالدا، «دەھشەتلىك يول مانا ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ، كۆپىنچە كارۋانلار شۇ يولدا بىرەرسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ». بۇ كۆڭۈللۈك قىياسنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كارۋان بېشىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ يولۇچىلىرىمىزنى ساناشقا باشلىدىم. مانا ھازىر مەن سەككىز ئەركەك، ئالتە ئايال، ئالتە بالا، 11 كارۋانچى، 33 ئات، 28 ئېشەك، سەككىز تۆگە، سەككىز قوي ۋە بىر ئىتقا مەسئۇل ئىدىم. مەن تېخى بۇ ئىتقا ئىسىم قويۇپ ئۈلگۈرمىگەن بولۇپ، بىز ئۇنى تۈركىي تىل بويىچە «ئىت» دەپلا چاقىراتتۇق. ئۇ بىر ئۇزۇن يۇڭلۇق، قوڭۇر تاپانلىق، ئارىلاش نەسىللىك قارا ئىت ئىدى. ئۇ ساملۇقنىڭ ئىشەكچىلىرىدىن بىرىنىڭ ئەرمىكى بولۇپ، بوينىغا قىزىل ۋە سېرىق تاسما چىگىپ قويۇشقان ئىدى.

قەشقەر بازىرى

سەپىرىمىزنىڭ بىرىنچى ھەپتىسىدە تولىمۇ ئىسسىق ۋە توپا-چاڭلىق تۈزلەڭلىكلەردىن، لاي ئۆيلەردىن تۈزۈلگەن ئىككى مەھەللىدىن ئۆتۈپ، تىزناپ دەرياسىنىڭ كەڭ كەتكەن ئويمانلىقىغا يېتىپ كەلدۇق. بىز ئاتلارغا مىنىپ، بىر بىرىمىزگە ئەگىشىپ ماڭدۇق. كۆپىنچە چاغلاردا درېسسىن، ۋىنسوئى ۋە مەن بىرگە ماڭاتتۇق. تاغ قاپتىلىغا يېتىپ كەلگۈچە بىز يازلىق يېلىڭ كىيىم ۋە چىغ قالپاقلارنى كىيىپ، كۆزىمىزنى چېقىپ تۇرغان ئاپتاپتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قارا كۆزەينەكلەرنى تاقاپ يۈردۇق. ساملۇق سەپەر جابدۇقلىرى ئىچىدىكى بىردىنبىر ئىگەرنى ۋىنسوئىغا بەردى. قالغانلىرىمىز ئىگەرسىز ئاتلار ئۈسىتگە كۆرپىلىرىمىزنى قويۇپ مىنىپ كەتتۇق. تىزناپ دەرياسى سۈيى سوغۇق ۋە ئېقىنلىرى تېز بىر دەريا بولۇپ، كۆز ئالدىمىزدا يىلاندەك تولغىنىپ ياتاتتى. ھازىر ئويلىسام، بۇ دەريادىن قانچە قېتىم ئۆتكەنلىكىمىزگە ئىشەنگىم كەلمەيتتى. بىرىنچى قېتىم بىز ئاتلىرىمىز بىلەن كېچىپ ئۆتكىنىمىزدە، بۇنى يەنە قايتىلىيالمايدىغانلىقىمىزغا چىنپۈتكەن ئىدۇق. كېيىنكى ئۈچ كۈن ئىچىدە بولسا، بىز بۇ دەريادىن يەنە 23 قېتىم ئۆتتۇق. بەزىدە ئاتلار ۋە ئىشەكلەر يۈك تاقلىرىمىز بىلەن بىللە سۇغا يېقىلدى، بەزىدە بولسا ئۆزىمىزمۇ چىلىشىپ كەتتۇق. ئىت بولسا ھەر قېتىم سۇغا چىلاشقاندىن كېيىن تۈكلىرىنى سىلكىپ، بىر ئاماللارنى قىلىپ دەريادىن ئېسەن ئۆتۈپ كەتتى. قويلارنى بولسا بىز ئىتتىرىپ يۈرۈپ ئۆتكۈزدۇق. قويلاردىن بىرىنىڭ تۇيىقى شۇ جەرياندا سۇندى ۋە شۇ كۈنلۈك كەچلىك غىزا ئۈچۈن سويۇلدى.

 

تىزناپ دەرياسىدىن ئۆتۈش

سەپەرنىڭ باشلىنىشىدا بىز خېلى تەمكىن يۈرۈپ كەتكەن ۋە تاشقى ئىشلار خىزمىتى ئىشلەش جەريانىدا ھېچ ئىشقا سېلىنمىغان مۇسكۇللىرىمىزنى بايقىغان ئىدۇق.شۇ كۈنى كېچىدە تۆشەكلىرىمىزگە كىرگەندىلا بەللىرىمىز ئاغرىشقا باشلىدى. بىز شۇنچىلىك ھارغىن ئىدۇقكى، چېدىرىمىزنىڭ ماتا تاملىرىغا ئۇرۇلىۋاتقان سوغۇق شاماللارمۇ خىيالىمىزغا كىرىپ چىقمايتتى. مەن، بوب درېسسىن ۋە ۋىنسوئى بىر چېدىردا قوندۇق ۋە بىزگە ئاجرىتىلغان كارۋانچى ۋە ئۇستا ئاشپىزىمىز تۇرسۇن تەييالىغان غىزاغا بىللە ئېغىز تەگدۇق. بۇ يوسۇندا قونۇش گەرچە شەخسىيەتكە كۆپ ئىمكان بەرمىسىمۇ، سەپەر ئۈستىدە ئەڭ ئەمەلىي ياشاش ئۇسۇلى ھېسابلىناتتى. كارۋان توپى ئىچىدە ھەركىشى تولىمۇ ئۆزگىچە بىرىگە ئايلىنىپ قالىدىكەن. بەلكىم بۇ ئادەمنىڭ تەبىئىتى بولسا كېرەك. مەسىلەن، كونسۇل ئورۇنباسارى بوب درېسسىن ئوۋچى بولۇپ قالدى. ئۇ پات-پاتلا توپتىن ئايرىلىپ ياۋا قوي، تاغ تېكىسى، «رەمچىكور» دەپ ئاتىلىدىغان ئاسىيا كەكلىكى ۋە ياۋا ئۆردەكلەرنى پايلاپ يۈرەتتى. ئالىي مەكتەپ چېغىدا يۈگۈرۈش ماھىرى ۋە سابىق دېڭىز ئارمىيە ئەسكىرى بولغان بوب درېسسىن يەنىلا دالا ھەرىكەتلىرىگە ھەۋەس قىلاتتى. دىخۇا(ئۈرۈمچى) دىكى چاغلاردىمۇ ئۇنى ھەركىم ياقتۇراتتى. بىر سوغۇق كۈنى ئەتىگەن سائەت ئۈچلەردە دىخۇا(ئۈرۈمچى) ساقچىخانىسىنىڭ بىر خادىمى ئىشىكىمنى چېكىپ، «كونسۇل پاكستون ئەپەندى، سىز چوقۇم كېلىپ كونسۇل ئورۇنباسارىنى ئېلىپ كەتمىسىڭىز بولمايدۇ» دېدى، « ئۇ كوچىدا يالىڭاچ يۈگۈرۈپ يۈرىدۇ». بوب ئەھۋالنى ئاسانلا چۈشەندۈرۈپ بەردى. ئەسلى ئۇ ئۇيقۇسىزلىقتىن زېرىكىپ، ئازراق ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن تەنھەرىكەت كالتە ئىشتىنىنى كىيىپ يۈگۈرۈپ يۈرگەن ئىكەن. ھازىر بولسا بوب قۇيۇق قىزىل ساقىلى بىلەن كارۋان ئىچىدە ئەڭ قورقماس ۋە ھارماس كۆرۈنەتتى.

ئىشىنىمەنكى، ھېچقانداق پىلانلىغۇچى ئايالىم ۋىنسوئىدەك ياخشى سەپەرداش بولالمايتتى. ئۇ ھەر بىرىمىزگە ئوزۇق-تۈلۈك تەقسىملەشكە مەسئۇل ئىدى. ئۇ مىڭلىغان سەپەر جابدۇقلىرى ئىچىدىن كېرەك بولغان نەرسىلەرنى دەرھاللا ھېچ ئازماستىن تېپىپ بېرەلەيتتى. ئۇ پۈتۈن سەپىرىمىزنى خاتېرىگە پۈتۈپ ماڭدى ۋە ھەممىمىزگە ھەمشىرە، ئوزۇقشۇناس ۋە ھەتتا مال دوختۇرى بولدى. سەپەرنىڭ بىرىنچى ھەپتىسى ئۇ بىزنىڭ ئاپتاپتا كۆيگەن جايلىرىمىز ۋە ئىگەر يارىلىرىمىزغا مەلھەم تەييارلىدى. ئۇ ئېرۋىن كونېچنىينىڭ ئىككى ياشلىق ئوغلى جېراردنى قىزىتما ۋە ئىچ سۈرۈكتىن ساقايتتى. ئۇ ئېتىنىڭ قارنىغا يارا چىققانلىقىنى سېزىپ، ساملۇق ۋە ھەمراھلىرىنىڭ ياردىمىدە ئاتنى ياتقۇزدى. ئۇ ئاتنىڭ يارىسىنى يۇيۇپ، سۇلفادىيازىن تالقىنى بىلەن ئۇپىداپ، داكا بىلەن تېڭىپ قويدى. بىز «سېسىق قېرىن» دەپ ئاتاۋاتقان بۇ ئات شۇنچە تېز ئەسلىگە كەلدىكى، ساملۇق شۇ خىل يارا چىققان ئىككى ئاتنى ۋە بارمىقى يىرىڭداپ كەتكەن بىر كارۋانچىنى باشلاپ ئەكەلدى.

سەپەر ئۈستىدە ئاتلارنى داۋالاش

سېنتەبىرنىڭ ئاخىرلىرى بىز شىنجاڭدىن چىقىپ كېتىشنىڭ ئارقا ئىشىكى ۋە خىتاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەبىي قاراۋۇلخانىسى بولغان كۆكئاتقا يېتىپ كەلدۇق. بۇ چاغدا بىز كونسۇلخانىدىن ئايرىلغىلى ئالتە ھەپتە بولغان بولۇپ، تەلىيىمىز ئوڭدىن كەلسىلا چېگرادىن ئۇزۇنغا قالماي ئۆتۈپ كېتەتتۇق. گېنىرال جاۋ كۆكئاتتىكى قاراۋۇلخانىغا بىزنىڭ كېلىدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇرۇپ قويىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن بولۇپ، ھەممىمىز  بىر ۋاق ياخشىراق خىتايچە غىزا ۋە ئىسسىق خىش ئۆيلەردە بىر كېچە تاتلىق ئۇيقۇنى تاما قىلىپ يۈرەتتۇق. ئەكسىچە، گازارمىدىكى ئۈچ ئېغىز تاش ئۆيگە ئاتلىرىمىز بىلەن يېقىنلاشقىنىمىزدا بىزنى كۈتىۋالغىنى پىلىموت ئۇگىلىرى ۋە ئاچچىقى تۇتۇپ تۇرغان بىر سېرژانت بولدى. ئۇ بىزنى ئەنسىرىتىپ ئاتتىن چۈشۈشكە بۇيرىدى. ئۇ ئۆزىنى لى دەپ تونۇشتۇردى ۋە بىزنى تەپسىلىي تەكشۈردى. مەن گېنىرال جاۋ بەرگەن يولخېتىنى چىقاردىم. ئۇنىڭدا «بارلىق ھەربىي قىسىملار كونسۇل پاكستون ۋە ھەمراھلىرىغا كېرەكلىك ھەرقانداق ياردەمدە بولۇشى كېرەك» دەپ يېزىلغان ئىدى. سېرژانت خەتتىن تامامەن قانائەت قىلمىدى ۋە خىرىلداپ كۈلۈپ تۇرۇپ «بۇنىڭدا سىلەرنى ئۆتكۈزىۋېتىڭلار دېمەپتۇغۇ؟» دېدى. مەن جىددىيلەشكەنلىكىمنى تەستە بېسىپ تۇرۇپ «لېكىن بىزنىڭ بىردىنبىر تەلەپ قىلىدىغىنىمىز بۇ جايدىن ئۆتۈپ كېتىش. مانا بۇ بىز سىزدىن ئىشىنىپ كۈتۈۋاتقان ياردەم» دېدىم. لېكىن سېرژانت كاجلىق قىلىپ، بارلىق قوراللىرىمىزنى تاپشۇرۇشنى بۇيرىدى. لېكىن مەن قوراللارنى تاپشۇرۇشنى رەت قىلدىم. مەن ھېچ بولمىسا ئۆز قوراللىرىمىز بىلەن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىشىمىز مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ تالاشتىم. مەن ئۇنىڭ بەلكىم كومۇنىستلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلكىدەك ئادەمنى چۈشكۈنلەشتۈرىدىغان ئېھتىماللىقنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇنىڭغا بىزنى بىر يولى ئۆتكۈزىۋېتىشنى ئېيتتىم. «مەن بىر ئاتلىق خەۋەرچىنى يوليورۇق سوراش ئۈچۈن ئەۋەتىمەن» دېدى سېرژانت جاھىللىق بىلەن. مەن ئۇنىڭغا بۇنداق يوليورۇقنى ئېلىش ئۈچۈن ئاز دېگەندە بىر كۈن كېتىدىغانلىقىنى، ۋە ئۆزىنىڭ ئامېرىكا كونسۇلىنى يولدا قويغانلىقى ئۈچۈن تەنبىھ ئاڭلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتىم. ئۇ ئاخىرى ئەگەر ئەتە چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتكىچە جاۋاب كەلمىسە، بىزنى ئۆتكۈزىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇ كۈنى كەچ سىرتتىكى شىۋىرغان ۋە كاللامدىكى بوران-چاپقۇنلارغا قۇلاق يېقىپ سائەتلەرچە ئۇيان بۇيان ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمىدىم. بىز شۇنچە يولنى بېسىپ يەنىلا كېچىكىپ كېلىپ قالغاندىمىزمۇ؟ دىخۇا (ئۈرۈمچى) قولدىن كەتكەنمىدۇ؟ ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق بولۇپ، بۇ ئىشتىن بۇ سېرژانت خەۋەر تاپقان بولسا بىزنى چوقۇم توسۇپ قالاتتى. بەلكىم ئۇ خىتاي كومۇنىستلىرىنىڭ شىنجاڭغا قاراپ قانچىلىك تېز ئىلگىرلەۋاتقانلىقىنىمۇ بىلىپ بولغاندۇ. شۇ پەيتتە ئۇ بىزنىڭ دوست ياكى دۈشمەن ئىكەنلىكىمىزنى ئاڭقىرالمىغان ئىدى. ئەگەر ئەتىكى يوليورۇق بىزگە پايدىسىز بولسا، بىزنىڭ بۇ چەت ياقىدىكى تەقدىرىمىز ھەقىقەتەنمۇ قاراڭغۇ ئىدى. ئەتىسى تولىمۇ تەستە كەلگەن چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە سېرژانت باش شىتابتىن يەنىلا خەۋەر كەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ تولىمۇ خالىمىغان ھالدا بىزنى ئۆتكىلى قويدى. بىز تېزلىك بىلەن يۈرۈپ كەتتۇق. يېرىم سائەت ئىچىدىلا يولغا چىقىپ بولدۇق. سېرژانت بولسا ھېلىھەم يول تەرەپتىن كۆزىنى ئۈزمەي، خەۋەرچىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. كېيىن شۇنى بىلدىمكى، بىز بۇ قاراۋۇلخانىدىن ئۆتۈشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن دىخۇا(ئۈرۈمچى) دىكى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت كومۇنىستلارغا ئېغىپ كەتكەن ئىكەن. مەن ھاياتىمدا ئۇچۇر-ئالاقىنىڭ ئاستا بولغانلىقىغا بۇنچىلىك مىننەتدار بولۇپ باقمىغان ئىدىم.

گۈلتېكىن سابىرى خانىم سەپەر ئۈستىدە

داۋامى بار…

مەنبە: ئامېرىكا «شەنبە كەچلىك پوچتىسى» ژورنىلى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش