ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2019-يىلى 14- ۋە 15- دېكابىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » مەن دۇنيانىڭ ئۆگزىسىدىن قېچىپ ئۆتتۈم (3) – پاكستون

مەن دۇنيانىڭ ئۆگزىسىدىن قېچىپ ئۆتتۈم (3) – پاكستون

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

3-قىسىم

ھازىر بىز ھېچبولمىسا سىياسىي خەتەردىن خالىي بولغان ئىدۇق. بىز كۆكئاتتىن ئايرىلىپ ھىندىستاننىڭ ئېچىلمىغان ۋە بەلگىسىز شىمالىي چېگرىسىدىكى بىر جايغا كېلىپ قالدۇق. ئەسلى سەپەر قىلىدىغان ناھايىتى قىممەتلىك بىر كۈنىمىزنى شۇ جايدا يوقىتىپ، ئەمدى ئاسمانپەلەك قاراقۇرۇم داۋىنىغا دۇچ كەلدۇق. بىز پۇساردىن 34 كۈنلۈك سەپەر ئۈچۈن ئوزۇق تۈلۈك تەييارلاپ چىققان ئىدۇق. ئەگەر پىلانىمىزدىن ھېچ ئازماي، يېتىشىپ مېڭىپ، مۇۋاپىق تەقسىملىسەكلا بۇ ئوزۇقلار سەپىرىمىزگە يېتىپ قالاتتى. ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە تالقان ۋە قەھۋە بىلەن ناشتا قىلىپ بولۇپلا، كارۋانچىلارنىڭ لايغەزەللىكى بىلەن كىرىشىپ قالاتتىم. مەن ساملۇقنىڭ قېشىغا بېرىپ، نېمە ئۈچۈن يولغا چىقىشقا تېخىچە تەييار بولالمىغانلىقىنى سورايتتىم. شۇنداقلا قوياشنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئاددىي تۈركىي تىلىم بىلەن «كەچ قالدۇق» دەيتتىم.  ساملۇقمۇ «ھەئە، كەچ قالدۇق!» دەپ توۋلاپ، يوتىسىغا ئۇرۇپ قويۇپ ئورنىدىن تۇراتتى. بەزىدە ئۇ ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ بېشىنى ئاچچىق بىلەن چايقاپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ تەمبەل كارۋانچىلارنى ياللاپ قالغانلىقىنى، ئۆيگە قايتقاندا ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئەدىپىنى راسا بېرىدىغانلىقى ھەتتا ئۆلگىچە ئۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتاتتى. ئۇ ماڭا ئەدەب بىلەن ئىگىلىپ سالام بېرىپ قويۇپ، قول ئاستىدىكىلەرنى دۈشكەللىگىنىچە ئىش باشلاپ كېتەتتى. لېكىن، مەيلى ساملۇق قانداق ئىپادە بىلدۈرمىسۇن، بىز ئاساسەن سەھەر سائەت 9دىن بۇرۇن يولغا چىقىپ باقمىدۇق.

6-ئۆكتەبىر كۈنى بىز دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز قاراقۇرۇم داۋىنىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىغا كېلىپ توختىدۇق. ساياھەت قوللانمىسىدا قاراقۇرۇمنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 18600 فۇت ئېگىزلىككە جايلاشقانلىقى ۋە يوللارنىڭ قىيىنلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى. بىز تاشلىق تاغ يوللىرىدىن چوققىغا قاراپ ئىلگىرلەۋاتقاندا كارۋىنىمىزدىكى يۈك بېسىلغان بىر ئاتنىڭ نەپىسى بوغۇلۇپ يېقىلىپ قالدى. بىر كارۋانچى ئاغزىنى بۇزغىنىچە ئاتنى قامچىلاپ تۇرغۇزماقچى بولدى. ئەمما، ئات تاياق كۆتۈرەلەيدىغان ھالدا ئەمەس ئىدى. ئاخىرى كارۋانچىنىڭ ھايۋانغا رەھمى كېلىپ، قىينالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ بوغىزىغا پىچاق سۈردى. بىزمۇ يولىمىزنى داۋام قىلدۇق. بىز چوققىغا چىققۇچە يول بويى ئات، ئېشەك، قوتاز ۋە تۆگە سۆڭەكلىرى كۆزگە تاشلاندى. چوققىغا يېقىنلاشقاندا بولسا، بۇنداق سۆڭەكلەرنى دۆۋىلەپ ئۇچراتتۇق. ئۈستىمىزدە بولسا قارا قاغىلارنىڭ قانات ئۇرغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۇلار تۆپىمىزدىن سۈرەن سېلىپ ئۆتۈپ، يوللىرىمىزغا قونۇۋالاتتى. بىز يېقىنلاشقاندا ئورنىدىن كۆتۈرۈلۈپ، ئارقىمىزدىن قاقىلدىغىنىچە قاراپ قالاتتى. ساملۇق بىزگە بۇرۇن بۇ قاراقۇرۇم يولىدىن ئۆتكەندە قاغىلارغا دان بېرىشنى ئۇنتۇپ قېلىپ، ئاخىرى ئۇلارغا يەم بولغان بىر سەيياھنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى. ساملۇق شۇندىن بېرى كارۋانچىلارنىڭ قاراقۇرۇمدىكى قاغىلارغا دان چېچىپ ئۆتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ھەيۋەتلىك قۇشلار بىلەن خوشلىشىپ، ئېغىر قەدەملەر بىلەن داۋاملىق تاغ ئۈستىگە يۈرۈپ كەتتۇق. قاراقۇرۇمنىڭ ئاچچىق سوغۇق ۋە شالاڭ ھاۋاسى نەپەس ئېلىشنى تەسلەشتۈرۈپ، گەپ قىلىشنى قول يەتمەيدىغان ھەشەمگە ئايلاندۇرغان ئىدى. بىز ھارغىن ئاتلىرىمىزدىن چۈشۈپ ناگان ناگاندا توختاپ نەپەسلىرىمىزنى ئالغانچە ئاستا ۋە ئۈن-تىنسىز يۈرۈپ كەتتۇق. شۇ كېچە چېدىرلارنى تىككىچە يۈرەكلىرىمىز توختىماي سالدى. قايناتقان چايلىرىمىز بىز ئىچىپ تۈگەتكىچە مۇز تۇتۇپ بولاتتى. تۆشەكلىرىمىزگە كىرگىچە 20 مىنۇت ۋاقت كەتتى. بىز ئورۇن سالغۇچە زورۇقۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئارا-ئارىدا بىر توختاپ، ھەرىكەتلىرىمىزنى ئەتەي ئاستا قىلاتتۇق. بۇ خۇددى سۈرىتى ئاستىلىتىلغان كىنودىكى بىر كۆرۈنۈش ئىدى. ھەتتا درېسسىندەك بىر تەنھەرىكەتچىمۇ خۇددى بوۋاقلاردەك ئاستا ۋە كالامپاي بولۇپ قالغان ئىدى. ئەتىسى تاغدىن تۆۋەنلەپ ماڭغاندا ماغدۇرىمىزغا كېلىشكە باشلىدۇق. ئۇلاغلارنى يېتىلەپ ماڭغان كارۋانچىلارمۇ تۈركىي تىلدا غەلىتە ناخشىلارنى غىڭشىشقا باشلىدى. كارۋانچى تۇرسۇن سۆيگۈ غەزەللىرىنى ئېيتقاچ كەينىمىزدە ماڭاتتى ۋە ئارىلاپ-ئارىلاپ ۋىنسوئى مىنگەن ئاتنى نوقۇپ قوياتتى. شۇندىن كېيىن ۋىنسوئى تۇرسۇننى «دېلفىن» دەپ ئاتىۋالدى. ئۇ «ئەلىس ئاجايىباتلار ئىچىدە» ناملىق كىتابتىكى شۇ قۇرلارنى ئەسكە ئېلىپ بۇ ئىسىمنى تاللىغان ئىدى:

« شۇئان بىر دېلىفىن تۇرار ئارقامدا،
باغلانغاندەك بەئەينى ماڭا ئارقاندا.»

ۋىنسوئى پاكستون خانىم ئات ئۈستىدە

بالىلار بولسا بىغەم ۋە ئۇيقۇچى ئىدى. دىمىترىي يۇگوفنىڭ ئىككى ئوغلى ۋە ئېرۋىن كونېتچنىينىڭ ئىككى بالىسى خۇشپېئىل، كۈچتۈڭگۈر ۋە سىناقتىن ئۆتكەن بىر ئۇلاغنىڭ ئىككى يېنىغا تېڭىلغان ياغاچ ساندۇقلاردا ئولتۇرۇپ مېڭىشتى. مەن بالىلاردىن تولىمۇ ئەنسىرىگەن ئىدىم، ئەمما ئۇلار بەكمۇ تېتىك ئىدى. بالىلار ئۇلاغلارنىڭ يەڭگىل تەۋرىتىشى بىلەن ئۇيقۇغا كېتەتتى. ئۇيقۇدىن ئويغۇنۇپلا ئاتلار ئۈستىدە بىر-بىرى بىلەن قىزغىن پاراڭ سېلىشاتتى. ئېرۋىننىڭ ئوغلى جېرارد ئۈمچەرەپ يىغلاشقا باشلىغاندا مەن ئۇنىڭ بىز تۇرىۋاتقان ئېگىزلىكنى ئىلغا قىلغانلىقىنى سەزدىم. شۇندىن باشلاپ ئۇ ھەر كۈنى سەھەر كەچ دېمەي يىغا زارا قىلدى. تەلىيىگە دىمىترىينىڭ كەنجى بالىسى كولىيا يۇگوف ئۇنى پەپىلەپ تۇراتتى. بىزنىڭ تۈركىي بوغالتىرىمىز ئەنۋەر شاكۇل ئاتلارغا تېڭىلغان ياغاچ ساندۇقلاردا ئۈچ ئايلىق قىزى ئەلمىرەنى قويۇشنى پەقەت توغرا كۆرمىدى. ئۇ يول بويى يۆگەلگەن بوۋاقنى قۇچاقلاپ، ئات ئۈستىدە ئۆزى بىلەن ئېلىپ ماڭدى. ئەلمىرەنى ئىمىتىدىغان چاغ كەلگەندە، ئەنۋەر ئاتتىن چۈشۈپ ياش ۋە كېلىشكەن ئايالى ئىقبالغا ياردەملىشەتتى. ۋىنسوئى ئۇلارغا ئانا سۈتىگە قوشۇمچە قىلىپ سۈت پاراشوكىمۇ بېرەتتى. ئەلمىرەنىڭ «تاغىسى» بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئەنۋەرنىڭ ئائىلىسىدىن قانچىلىك پەخرلىنىدىغانلىقىدىن تەسىرلەنگەن ئىدىم.  ئەنۋەرنىڭ دىخۇا (ئۈرۈمچى)دىكى چاغلىرى ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئۇنىڭ ئىقبال ئىسىملىك بۇغداي ئۆڭ ئوقۇتقۇچى قىزغا ھەر قېتىم مەكتەپكە ماڭغان يولى ئۈستىدە كونسۇلخانا دېرىزىسىدىن مېھرلىك قاراشلىرىنى ئۇنۇتمايمەن. ئۇ ئىككىلىنىپ قالغان چاغلاردا مەن ئۇنىڭغا ئىلھام بەرگەن. ئۇنىڭ تويىدا ۋە ئەلمىرەنىڭ بىر ئايلىق بولغانلىقىنى خاتېرىلىگەندىمۇ مەن بىرگە ئىدىم.

ۋىنسوئى پاكستون خانىم ئات ئۈستىدە

ساسسىر مۇزلۇق داۋىنى

ئۈچ كۈنگىچە يول خېلى ئاسانلاشتى. بىز دېپساڭ تۈزلەڭلىكىنى بويلاپ ئىللىق ئاپتاپتا راھەتلىنىپ ماڭدۇق. قىززىق ئاپتاپ بىر ئاتنىڭ تاپىدىن ئۆتۈپ ئەمدى بىزگە يۆتكەلگەن ئىدى. مېنىڭ شۇنچە تاپا تەنىلىرىمگە قارىماي، ساملۇق يەنىلا كارۋانچىلىرىنى بالدۇر يولغا چىقىشقا كۆندۈرەلمىگەن ئىدى. مەن ئوزۇق تۈلۈكلىرىمىزنى تەكشۈرۈپ، پەقەت ئۈچ كۈنلۈك يېمىكىمىز قالغانلىقىنى بىلدىم. بىز يەنە تاغلاردىكى تار ۋە ئەگرى چىغىر يوللاردىن، يەر ئاستىدىكى چىڭقى چۈش بولمىغىچە نۇر چۈشمەيدىغان ئۆڭكۈرلەردىكى ئېقىنلاردىن ئۆتتۇق. بىز ناھايىتى قەدىمقى تەۋەرۈك توسۇق بولغان ساسسىر مۇزلۇقىغا يېقىنلاشقاندا ھېچ ھاياتلىقنىڭ ئىزناسى تېپىلمايتتى. بىز مۇزلۇقتىكى يولنى بويلاپ ماڭغىنىمىزدا يەنە ئات-ئۇلاغلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى ۋە بۇندىن بۇرۇنقى سەيياھلار كۆمۈلگەن زۈمچەك تاش قەبرىلەرنى كۆردۇق. بىزدىن يەنە ئىككى ئات چىقىم بولدى. ئۇلارغا ئارتىلغان يۈكلەر باشقا ئاتلارغا تەقسىملەندى. قەبرىلەرنىڭ بىرى ئالدىدا كارۋانچىلار ۋە ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئەنئەنە بويىچە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ تىز چۆكتى. ساسسىر داۋىنىدا بىز قۇرام تاشلار ۋە يوغان مۇز چوكىلار ئارىسىدا يول تېپىپ ماڭدۇق. بىز ۋە ئۇلاغلارنىڭ تىزلىرىدا قان يۈرۈشمىگەندەك قىلاتتى. يەنە تۆت ئات چىقىم بولدى. بىز شۇنچىلىك ھارغىن ھالەتتە چېدىرنى تىكىپ ئۈلگۈردۇقكى، تاماق يېگۈدەكمۇ ماجالىمىز قالمىدى. ئۈچ چېدىرنى تىكىشتە ئۆزۈمگە تەقسىملەنگەن ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن 15 مىنۇت ۋاقت كەتتى. ھەر بىر مىنۇتتا بىر توختاشقا توغرا كەلدى. يېتىشتىن بۇرۇن تاغ گۈمۈرۈلگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.

خاردوڭ مۇزلۇق داۋىنى يولىدا

كېيىنكى ئۈچ كۈننى زادىلا ئۇنۇتمايمەن. كارۋانچىلار جىمجىت ھەرىكەت قىلىپ، شۇ كۈنگە پايلايدىغانلىقىغا ئىشەنچىسى بولمىسىمۇ ئاتلارنىڭ تاقىلىرىنى يېڭىلاشقا باشلىدى. بىزدە ئوتۇن تۈگەپ چېدىرنىڭ تىرىگۈچلىرىنى ۋە قۇرۇغان تېزەكلەرنى قالاپ تاماق ئەتتۇق. ساملۇقنىڭ بىزگە يۈزسىزلىك قىلغانلىقىنى بىلگىنىمدە بىز تىبەتنىڭ پانامىك دېگەن كەنتىدىن، يەنى ئەڭ يېقىن ئارىلىقتىكى ياردەمدىن ئىككى كۈنلۈك يول ئۇزاقتا ئىدۇق. ئەسلى ساملۇق بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى يول ئۈچۈن ئاتلارغا ھازىرلىغان خەشەكلىرىمىزدىن ئوغۇرلاپ، ئۆزلىرىنىڭ قايتىش يولىغا ئىشلەتمەكچى بولغان ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتلار ئىتتىك جۈدەپ كەتكەن، ئاچلىق ۋە ئېغىر يۈك سەۋەبىدىن ھالىدىن كېتەي دېگەن ئىكەن. مەن ساملۇقنى چاقىرىپ، ئامالسىزلىق ئىچىدە ئۇنىڭ باھانىلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇ ئۆزى يالغۇز پانامىك كەنتىگە بارىدىغان ۋە تېزدىن گۆش ۋە يەم-خەشەك ئېلىپ كېلىدىغان بولدى. بىز بولسا قۇدرىتىمىز يەتكەن يەرگىچە مېڭىپ تۇرىدىغان بولدۇق. ساملۇق كارۋانچىلىرىغا بۇيرۇقنى بېرىپ ئۆزى يۈرۈپ كەتتى. ئەمما باشسىز قالغان كارۋانچىلار ئىككى سائەتكىچە ئورۇنلىرىدىن قوزغالمىدى. مەن يەنە كۈن بويى ئۇلارغا چېچىلدىم، شۇندىمۇ ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى يەنىلا ئىنتايىن ئاستا ئىدى. ئىككىنچى كۈنى بولسا بىز چىڭقى چۈشكىچە يولغا چىقالمىدۇق. ئۈچىنچى كۈنى مەن يۈك تاقىلارنى تاشلاپ قويۇپ، بار ماغدۇرىمىز بىلەن پانامىك كەنتىگە بېرىپ ياردەم سورىشىمىز كېرەكلىكىنى، بولمىسا بۇ تاغ يولىدا ئاچ قېلىپ ئۆلىدىغانلىقىمىزنى تونۇپ يەتتىم. مەن بارلىق يۈك تاق ۋە سايمان-جابدۇقلارنى كارۋانچىلارغا قالدۇرۇپ، ئادەملىرىمنى توپلاپ پانامىك كەنتىگە يۈرۈپ كەتتىم.  بىر نەچچە سائەتكە سوزۇلغان جاپالىق ئىلگىرلەشتىن كېيىن، بىز ئاخىرقى تاغنىڭ تۆۋەنگە سوزۇلغان يانباغرىغا يېتىپ كەلدۇق. بىز ئۆزىمىزنى شۇنچىلىك ھارغىن ۋە ئۈمىدلىك ھېس قىلدۇقكى، بەلكىم مۇسا كەناندىكى ئەھد قىلىنغان زىمىنلارنى تۇنجى كۆرگىنىدە شۇنداق ھېسىياتتا بولغان بولسا كېرەك. تاغ باغرىدا كۆكەرگەن دەرەخلەر، تېرىلغۇ يەرلەر ۋە كەپە ئۆيلەر بار بولۇپ، 16 كۈن بۇرۇن كۆكئاتتىكى قاراۋۇلخانىدىن ئايرىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بىز كۆرگەن ھاياتلىقنىڭ تۇنجى بەلگىسى ھېسابلىناتتى. ئۈچ سائەتتىن كېيىن بىز بۇ تىبەتلىكلەر كەنتىگە يېتىپ كەلدۇق ۋە ساملۇقنى ئاپتاپسۇنۇپ ئولتۇرغان ھالىتىدە تاپتۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ ناھايىتى جىددىي ھالدا ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلاۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنى بىزگە يوللاپ بەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭغا بۇلارنى يوللىماستىن، ئۆزى بىلەن بىر يولى كارۋانچىلارغا ئېلىپ بېرىشنى ئېيتتىم. مەن قالغانلارغا بىزگە ئەگىشىپ مېڭىشنى تاپىلاپ، درېسسىن، ۋىنسوئى ۋە تۇرسۇننى باشلاپ پانامىكقا يېتىپ كەلدىم ۋە شۇ ھامان يەتتە قوتارنى ياللاپ كارۋانچىلار تەرەپكە يولغا سالدىم. بىز تېرىقچىلىق قىلىۋاتقان دېھقانلارنىڭ يېنىدىن ئۆتتۇق. ئۇلارنىڭ بىزگە تىبەتچە «ياخشىمۇسىز» مەنىسىدە «جۇلېي» دەپ سالام قىلىشلىرى تولىمۇ ئىللىق بىلىندى. بىز تېرەكلىك يول بويىدا بۇ تېپىلغۇسىز پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىسىنىۋالدۇق. ئەتراپتىكى تاش بىلەن قۇرۇلغان قاشالاردىن ئۆكۈز ۋە قويلار بىزگە قىزىقىپ قاراپ تۇرىشاتتى. بىز ھېلىمۇ قەۋەت-قەۋەت يۇڭ كىيىم ۋە ئىشتانلار بىلەن ئورالغان، ئاستا-ئاستا ئېرىۋاتقان بولۇپ، بېگىموتلارغا ئوخشاپ قالغان ئىدۇق. ساقىلىم بىر غېرىچ ئۆسكەن بولۇپ، «بالداق ئىشتانلىقلار»غا قېتىلغاندىن بۇيان ئالتىنچى قېتىم ئۆستۈرۈشۈم ئىدى.  ئالدىنقى قېتىم ساقال قويغىنىمدا ئۇ تېخى قىزىل بولۇپ، مانا ئەمدىكىسى پۈتۈنلەي كۈلرەڭ ئىدى.

خاردوڭ مۇزلۇق داۋان يولىدىكى كارۋان

پانامىك كەنتىدە مەكتەپ مۇدىرى بىزنى بىر كونا ساقچى ئىدارىسىگە ئورۇنلاشتۇردى ۋە سۈت، تۇخۇم ۋە بەرەڭگە بىلەن كۈتتى. درېسسىن تاغدىن ئېتىپ كەلگەن كەكلىكمۇ كەچلىك غىزاغا قوشۇلدى. ۋىنسوئى ئىككىمىز بىر مېللىق يول يۈرۈپ تاغدىن سۈيى ئىسسىق بىر بۇلاقنى تاپتۇق ۋە ئون كۈن بۇرۇن ۋىنسوئىنىڭ تۆمۈر قالپىقى بىلەن سۇ ئېلىپ يۇيۇنغاندىن بېرى يىغىلغان كىرلىرىمىزدىن قۇتۇلدۇق. بىز لۆڭگىلەرنىڭ يوقلىقىغا، قولياغلىق بىلەن ھۆللەرنى قۇرۇتۇشقىمۇ پىسەنت قىلمىدۇق. بىرى بىزگە بىر تال ئورۇندۇق ئەكىرىپ بەردى. ۋىنسوئى ھاياجانلىنىپ «خول، قاراڭ، ھەقىقىي بىر ئورۇندۇقكەن» دېدى-دە، ئورۇندۇقتا يېنىش يېنىشلاپ ئولتۇرۇپ كۆردى. درېسسىن ۋە مېنىمۇ چوقۇم ئولتۇرۇپ كۆرۈڭلار دەپ تۇرىۋالدى. كۈن ئولتۇرغاندا دىمىترىي باشچىلىقىدا قالغان سەپەرداشلارمۇ پانامىكقا يېتىپ كەلدى. «ئاتلار ئاخىرى سىلەرنى باشلاپ كەپتۇ» دېدىم مەن. «ياق، بىز بۇ ئاتلارنى يېتىلەپ كەلدۇق» دېدىم دىمىترىي. ئىككى كۈندىن كېيىن يۈك تاقلارمۇ پانامىكقا يېتىپ كەلدى. بۇ جەرياندا يەنە ئىككى ئات ئۆلگەن، يەنە ئىككىسى بولسا سەپەرگە يارىمايدىغان ھالغا كەلگەن ئىدى.

بىز لېھقا بېرىشتىكى ئاخىرقى توسالغۇ بولغان خاردوڭ (بەلكىم ئۇيغۇرچە «قار دۆڭ» بولسا كېرەك-تەرجىماندىن) مۇزلۇقىدىن ئۆتۈشكە تەييارلاندۇق. بىز سەپەرنىڭ ئەڭ قىيىن ئۆتكەللىرىدىن ئۆتۈپ بولغان بولۇپ، بىزنى ھازىر ساملۇقمۇ چۈشكۈنلەشتۈرەلمەيتتى. ئۇ بىزنى خاردوڭ مۇزلۇقىدىكى داۋان يوللىرىنىڭ ئىشەنچلىك ئەمەسلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. ئۇ بۇ يولدىن قوتازلارنىڭلا ئۆتەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە بىزگە ئۇلارنىڭ خۇلقىدىن ساۋاق بەردى. ساملۇقنىڭ كۈزىتىشىچە، قوتازغا پەقەت ئاساسلىق يۆنىلىشنىلا كۆرسىتىپ قويۇپ لازىم ئىكەن. يول بويى بولسا قوتازغا تاللاش ھوقۇقىنى بېرىش كېرەك ئىكەن. ساملۇقنىڭ ھەش-پەش دېگىچىلا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان قوتازدەك مىجەزى مېنىڭ ئاچچىقىمنى كەلتۈرەتتى. ئۇ ھازىر خۇددى تەمبەل بىر ئات ئېغىلغا يېقىنلاشقانسېرى كىشنەپ چاپقاندەك ئالدىرايتتى. ئەتىسى سەھەر سائەت ئىككىدە كارۋانچىلار يولغا چىقىش ئۈچۈن بىزنى ئويغاتتى. بىز تۈن قاراڭغۇسىدا تالقان ۋە قەھۋە بىلەن ناشتا قىلدۇق، لېكىن تاڭ ئاتمىغۇچە چېدىرلىرىمىزدىن چىقىشنى رەت قىلدۇق. بۇ قېتىم ساملۇقنىڭ دېگەنلىرى راست بولۇپ چىقتى. مۇزلۇقنىڭ يولى ھەقىقەتەنمۇ ئۇ ئاگاھلاندۇرغاندەك ئىدى. خاردوڭ داۋىنىغا يېقىنلاشقىنىمىزدا بۇرۇنلىرىمىز ئېقىپ يېرىلىشقا، قۇلاقلىمىزنىڭ بەزى جايلىرى ئۈششۈشكە باشلىدى. پۇتلىرىمىز توڭلاپ ئۇيۇشۇپ قالدى. دېڭىز يۈزىدىن 18380 فۇت ئېگىزلىكتىكى قورام تاشلارغا تولغان بۇ داۋان تاكى تىك چوققىسىغا يېقىنلاشقۇچە قوياش نۇرىدىن خالىي ئىدى. ھاۋا يەنە شالاڭلاشتى ۋە نەپەسلىرىمىز سىقىلىشقا باشلىدى. چىڭقى چۈشكە ئاز قالغاندا بىز سەپىرىمىزنىڭ ئەڭ خەۋپلىك نۇقتىسىغا ئۇلاشتۇق. ئالدىمىزدىكى تېيلىق مۇزلۇق ئۈستىدە نېپىز، كۆكۈچ ۋە ئەگرى-بۈگرى بىر مۇز يول ياتاتتى. ئۇزۇنلۇقى ئاران بىر يارد (تەخمىنەن 90سانتېمىتىر)، كەڭلىكى بىر فۇت كېلىدىغان بۇ يولدىن ھەر بىرىمىز بىر سائەتچە ھەپىلىشىپ ئاران ئۆتتۇق. بۇ يولنىڭ تۆۋەنگە سېرىلغان ئىككى يېنى ناھايىتى تىك مۇزلۇق بولۇپ، تۆۋىنى ئىنتايىن قاراڭغۇ بىر كۆلگە تۇتىشاتتى. «تۆۋەندىكى كۆل شۇنچىلىك چوڭقۇرمۇ؟» دەپ سورىدى ۋىنسوئى ساملۇقتىن. «شۇنداق، كونسۇل خانىم، بۇ بىر تېگى يوق كۆل» دەپ جاۋاب بەردى ساملۇق كۈلۈمسىرەپ.

تاش بىلەن قوپۇرۇلغان زۈمچەك قەبرە

بىز ئاتلىرىمىزدىن چۈشۈپ ئالغا قاراپ ماڭدۇق. سەپەردىكى ئەڭ قىيىن دەملىرىمىزدە مەن ئىككى ياشلىق جېراردنىڭ ئاپىسىدىن ئايرىلىپ دادىسىنىڭ قۇچىقىغا قاراپ بەش يارد ئارىلىقنى تەمتىلەپ باسقانلىقىنى كۆردۈم. ۋىنسوئى، تۇرسۇن ۋە مەن باشقا سەپەرداشلارغا ئەگىشىپ، يولنىڭ بېشىدا كارۋانچىلارغا تاشلاپ قويغان ئىگەرلىك ئاتلارنى يانداپ مېڭىپ كېلىۋاتاتتۇق. مەن بىر ئاتنىڭ يېنىدىن سىپاپ ئۆتۈۋاتقاندا ئۇ تۇيىقىنى كۆتۈردى. مەن تاكى ئۇ تۇيىقىنى يەرگە چۈشۈرگەنگە قەدەر كۈتۈپ تۇردۇم. چۈنكى، سەپەرنىڭ بۇ نۇقتىسىدا بىر پۇت بېغىچىنىڭ سۇنۇپ كېتىشى تولىمۇ بىتەلەيلىك ھېسابلىناتتى. تۇرسۇن ۋىنسوئىغا ياردەم قىلىپ، قايسى پۇتنى ئاۋۋال، قايسىسىنى كېيىن يۆتكەشنى كۆرسىتىپ تۇردى. ئۇزۇن سەپەر ۋە تىك تاغ داۋانلىرى ئۇنى خېلىلا ئاجىزلىتىپ قويغان بولۇپ، ئۇ نەچچە قەدەمدە بىر خوختاپ نەپەس ئېلىپ ئاندىن ماڭاتتى. بۇ مۇزلۇقتىكى دارۋازلىق ئاخىرلىشىپ، يول كېڭەيگەن ھامان ۋىنسوئى باشقىلاردىن ئالدىن يۈرۈپ كېتىپ، بىر جايدا ئۆزىنى تاشلاپ باشقا سەپەرداش ئاياللاردەك ئۇزىنىپ ئارام ئالدى. بىز بىردەم ئارام ئالغاچ كارۋاننى تەرتىپكە سېلىپ چىقتۇق. ھازىر بىزدىن جەمئىي توققۇز ئات چىقىم بولغان ياكى يولدا قالغان بولۇپ، ئېشىپ قالغانلىرىمۇ تېخى مۇزلۇق يولدىن چىقىپ بولالمىغان ئىدى. مەن تۇرسۇننى ئالغا مېڭىپ يېڭى ئاتلاردىن ئېلىپ كېلىشكە، درېسسىننى بۇ جايدا قېلىپ كارۋانغا ياردەم بېرىشكە، قالغانلارنى بولسا مەن بىلەن بىللە بىز تەشنا بولغان كىچىك يېزىغا قاراپ پىيادە مېڭىشقا بۇيرۇدۇم. كېيىنكى بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن بىلدىمكى، بوب درېسسىن ساملۇق ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنىڭ قەھرىمانىغا ئايلانغان ئىكەن. بوب شۇ نېپىز مۇزلۇق تار يولدىن بەش قېتىم ئۆتۈپ، قالغان ئۇلاغلارنى يېتەكلەپ ئۆتكۈزگەن ۋە نەچچە قېتىم ياردىن غۇلاپ كېتەي دېگەن ئات-ئېشەكلەرنى قۇتقۇزۇپ قالغان ئىكەن. ئاخىرى قوتازلارمۇ بۇ يولدىن غەلبىلىك ئۆتتى ۋە كارۋانچىلارنىڭ ئارقىسىدا تەمكىن تۇرۇشماقتا ئىدى. پەقەت مۇشۇ ئاخىرقى تارچۇق يولدىلا بىزدىن ئۈچ ئىگەرلىك ئات ۋە بىر يۈك بېسىلغان ئات چىقىم بولدى.

گۈلتېكىن سابىرى خانىم تىبەتلىك ئاياللار بىلەن بىرگە

ئاز ۋاقتتىن كېيىن تاغ تۆۋىنىدىكى يىراق بىر جايدا لېھ لاما بۇتخانىسى كۆرۈندى. تاغدىن تۆۋەنلەپ ماڭغاندا سۈرىتىمىز ئاستىلىدى. ۋىنسوئى ۋە مەن سەپنىڭ ئارقىدا ھەممەيلەننى ھەيدەپ ماڭدۇق. ئېرۋىن ۋە دىمىترىي سەپنىڭ ئالدىدا سوغۇق ۋە شالاڭ ھاۋادىن باشلىرى قېيىپ تۇرغان خانىملىرى ۋە ئىككىدىن بالىلىرى بىلەن بىرگە يول باشلاپ ماڭدى. بىز قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان بىر كارۋان بىلەن ئۇچراشقۇچە خېلى يول ماڭدۇق. «لېھقا يەنە قانچىلىك قالدۇق؟» دەپ سورىدىم مەن. «تۆت مېل» دېدى كارۋان بېشى جاۋابەن. بىز يەنە ئازراق يول مېڭىپ، ئىككىنچى بىر كارۋان بىلەن ئۇچراشتۇق. «لېھ يەنە قانچىلىك ئۇزاقتا؟» دەپ سورىدىم مەن يەنە. بۇ نۆۋەت «يەنە بەش مېل قالدۇق» دېگەن جاۋاب كەلدى. لېھ ئالدىمىزدىلا تۇرسىمۇ، بىزگە خۇددى چۆلدىكى سەرراپدەك ماڭغانسېرى ئۇزاقلاپ كېتىۋاتاتتى. بىزگە كېلىۋاتقان تەخمىنلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئەمەلىيەتتىكى 12 مېل ئارىلىققا يېقىن كەلمىگەن ئىدى. قاراڭغۇ چۈشۈشتىن سەل بۇرۇن، بىز ھېرىپ ھالىمىزدىن كېتەي دېگەن چاغدا كۆز ئالدىمدا چىراق نۇرى يالتىرىدى ۋە «تۇرسۇن!» دەپ ۋارقىرىۋەتتىم. تۇرسۇن يېڭىدىن سېتىۋېلىنغان ئاتلار بىلەن كەلگەن بولۇپ، بىز لېھ يولىنىڭ قالغان قىسىمىنى ئاتلىق بېسىپ، ھىندىستانلىق ئوفېتسىرلارنىڭ گازارمىسىدا ئىللىق قارشى ئېلىندۇق. بۇ بىز سەھەر سائەت ئۈچتىن بېرى يېگەن تۇنجى ۋاق ئىسسىق غىزا ئىدى. جۇئايۋىر فامىلىلىك ئەر-ئايال مىسسىئونېرلار بىزنى كۆرگىلى كەلدى. جۇئايۋىر خانىم بىزگە توختىماي ئىسسىق چاي قۇيۇپ تۇردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇزۇن سەپەر ئاخىرلاشقان ئىدى. بىز ناھايىتى قىزىقىپ، يېقىنقى ۋەزىيەت ھەققىدە سوراشتۇق ۋە روسىيەنىڭ ھازىر ئاتوم بومبىسىغا ئىگە بولغانلىقى ۋە شىنجاڭنىڭ كومۇنىستلار قولىغا ئۆتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتۇق.

«پاكستون كارۋىنى» نىڭ كارۋانچىلىرى

بىز يۇيۇنۇپ، تارىنىپ، كىيىملىرىمىزنى ئالماشتۇرۇپ يېڭى مەنزىلىمىزگە قاراپ يولغا چىقتۇق. بىز لېھقا يېتىپ بارغاندا ساملۇق ۋە سەپداشلىرى بىلەن خوشلاشتۇق. بۇ سەپەر بىز ئاتلىقلار ئۈچۈن قىيىنغا چۈشتى. ئەمما بۇ كىشىلەر 450 مېللىق ئوخشاش يولنى پىيادە بېسىپ كەلگەن ئىدى. بىز بىخەتەر بولدۇق. ئەمما ئۇلار ھاردۇق يەتكەن ئاتلىرىنى ئارام ئالدۇرۇپ، ئوخشاش يول بىلەن يۇرتىغا- يېڭى بىر ھاكىمىيەت ئاستىدىكى شىنجاڭغا قايتىشى كېرەك ئىدى. ساملۇق ھاياجان ئىچىدە بىزگە دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى كارۋان يولىدا يەنە يول باشلاشنى خوشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ خوشلاشتۇق. بىز 2-نويابىر كۈنى لېھ ئايروپورتىدىن يېڭى دېھلىغا قاراپ ئۇچتۇق. بۇ سەپەردىن ئامان قالغان ھېلىقى ئىت يەنە بىز بىلەن سەپەرداش ئىدى. ئۇ باشتا ئايروپىلان ماتورىنىڭ ئاۋازىدىن ئەندىكىپ غىڭشىغان بولسىمۇ، كېيىنچە ئۆزىدىن ھۈركۈپ تۇرغان بەش تال كىچىك تىبەت ئىتى بىلەن ئاداش بولۇپ قالدى.

تەرجىمان ۋە بوغالتىر ئەنۋەر شاكۇل ئائىلىسى ھىندىستاندىن تۈركىيەگە مېڭىش ئالدىدا

بىز يېڭى دېھلىدا كونا سەپەرداشلىرىمىز بىلەن خوشلاشتۇق. بوب درېسسىن بومبايغا يېڭى بىر خىزمەت بىلەن ماڭدى. ئېرۋىن كونېچنىي ۋە دىمىترىي يۇگوف ئائىلىلىرى بىلەن تېھرانغا كەتتى. داۋۇت (داۋۇت ئوسمان) ۋە سابىرىلار جەمەتىنىڭ ئۈچ پەرزەنتى تۈركىيەگە قاراپ يول ئالدى. شاكۇل ئائىلىسى، يەنى ئەنۋەر، ئىقبال، ئەلمىرە ۋە ئەنۋەرنىڭ قىز قېرىندىشى فاتىمە ئەنقەرەگە قاراپ كەتتى. ئەلمىرە بىلەن ئىستانبۇلدىكى خوشلىشىشىمىز ئۇنتۇلغۇسىز ئىدى. دىخۇا(ئۈرۈمچى) دىن ئايرىلغىنىمىزدا ئۈچ ئايلىق بولغان بۇ بوۋاق يېشىنى ئىككى قاتلىغان بولۇپ، مانا ئەمدى ئولتۇرالايدىغان بولغان ئىدى. ئۇ ئاخىرى سەپەر جەريانىدا چىققان ئۈچ تال چىشىنى چىقىرىپ كۈلۈپ تۇرۇپ بىز بىلەن خوشلاشتى. ۋىنسوئى ۋە مەن 9600 مېللىق يولنى 62 سائەتتە بېسىپ، لوندون، شەنىن، ئازورېس ۋە بېرمۇدا ئاراللىرى ئارقىلىق ئاخىرى نيۇ يوركقا يېتىپ كەلدۇق. نيۇ يوركقا كەلگەن كۈنىمىز 18-نويابىر جۈمە كۈنى ئۇخلاش ۋاقتى بولغان ئىكەن. شۇ كۈننىڭ ئەتىسى يەل ۋە خارۋارد ئۇنىۋېرىستىتى كوماندىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زەيتۇن توپ مۇسابىقىسى «يەل بوۋل» مەيدانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن. بۇ مېنىڭ 1922-يىلى نيۇ ھېيۋىندىن ئايرىلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم يەل كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈشۈم ئىدى. ئۇ شۇنچىلىك قىزىغان بىر مەيدان مۇسابىقە بولغان ئىدى. يەل ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ بۇلدوگ كوماندىسىنىڭ 6 گە قارشى 29 نەتىجە بىلەن يەڭگەنلىكى ھېلىمۇ ئېسىمدە.

(تۈگىدى)

مەنبە: ئامېرىكا «شەنبە كەچلىك پوچتىسى» ژورنىلى

مەسئۇد سابىرى ئەپەندىنىڭ ئاديۇتانتى (قوغدىغۇچىسى) داۋۇت ئوسمان ئەپەندى ھىندىستاندا

سابىرىلار ئائىلىسىنىڭ ئامېرىكا كونسۇلى پاكستون بىلەن ۋەتەن سىرتىغا چىققان ئۈچ پەرزەنتى: يالچىن سابىرى، قىۋىلجىم سابىرى ۋە گۈلتېكىن سابىرى تۈركىيەدە

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش