You Are Here: Home » پەن - مائارىپ » تەشۋىقات ساھەسىدە ئەھمىيەت بىرىشكە تېگىشلىك بەزى نۇقتىلار

تەشۋىقات ساھەسىدە ئەھمىيەت بىرىشكە تېگىشلىك بەزى نۇقتىلار

مۇھەممەت ئابدۇمىجىت

تەشۋىقات – مېدىيا ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىلەردىن بىرى بولۇپ، نۆۋەتتە دىئاسپورادىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مېدىيانىڭ بۇ ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدۇرۇش ۋە رولىدىن پايدىلىنىشتىن باشقا ئۈنۈملۈك كۆرەش قىلىش ئۇسۇلى يوق دىيەرلىك. ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى شۇنداقلا بىر قىسىم پىدائىيلار ھەرخىل ئۇسۇلدا ۋە ۋاستىلەر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلدى. بۇندىن ئىلگىرى ئىلىپ بىرىلغان تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى بىر قاتار كۆزدىن كەچۈرۈش، نۆۋەتتە ئىلىپ بىرىلىۋاتقان تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى كۆزىتىش نەتىجىسدە،  بۇنىڭدىن كىيىن شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا تەشۋىقاتنىڭ قايسى ساھەلىرىگە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك؟ شەرقى تۈركىستاندىكى  خىتاينىڭ يۇقىرى بىسىملىق باستۇرۇش ۋە قىرغىنچلىق ھەركەتلىرىنى، مىللى، دىننى، كۈلتۈرەل تاجاۋۇزچىلىق جىنايەتلىرىنى قايسى شەكىل ۋە قايسى خىل مىتۇتدا تەشۋىق قىلساق ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقرى بولىدۇ دىگەن سوئال ئوتتۇرغا چىقتى. بۇ يازما مەزكۇر سوئالنىڭ جاۋابىنى قىسقىچە بولسىمۇ جاۋاپلىيالىشى مۇمكىن.

بىرىنچى، تىلىۋىزىيە – تىياتىرلىرى ئارقىلىق تەشۋىقات

شەرقى تۈركىستاننىڭ يىقىن زامان تارىخى ۋە خىتاي كومۇنىستلىرىنىڭ ئىكسپىلاتسىيەسى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان كۆپ قىسىملىق تىلىۋىزيە- تىياتىرلىرىغا مەبلەغ سىلىش. يىڭى مېدىيا ئىستىمال نەزەرىيىسىدە مېدىيادىكى بارلىق پىرۇگىراممىلاركۆڭۈل ئىچىشنى ئاساس قىلغان مەزمۇنلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇشى شەرىت. يالغۇز تىلىۋىزىيە تىياتىرىلا ئەمەس نورمال خەۋەرلەر ھەتتا ئىلانلارمۇ تىخىنىكىلىق دىتاللار ئارقىلىق جانلاندۇرۇلۇپ كۆرۈرمەننىڭ دىققىتىنى تارتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان پاجىئەسىنى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ كۈنتەرتىپىدە تۇتۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەڭ ئىھتىياجلىق ۋە نازۇك نۇقتىلىرىغا ئەھمىيەت بىرىش زۆرۈر بولماقتا.  مەيلى غەرىپ ئەللىرىدە ۋە ياكى تۈرك – ئىسلام دۇنياسىدا بولسۇن شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەرلەر كۆپىيۋاتىدۇ. بۇ ناھايتى ياخشى ئىلگىرلەش، ئەمما ئۈنۈم مەسلىسى نەزەرگە ئىلىنغاندا بۇلارنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ يىتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. چۈنكى، كۈندىلىك خەۋەرلەر تىز ۋاقتى ئۆتىدىغان مېدىيا مەھسۇلاتى بولۇپ ھىساپلىىدۇ. ناھايتى قىسقا ۋاقىتتىلا تەسىرى سۇسلايدۇ. ئالاھىدە مەزگىللەردىن سىرىت تىلىۋۇزۇردىكى خەۋەر پىرۇگىراممىلىرىنى كۆپىنچە تەتقىقاتچىلار،  ئاخباراتچىلار، ياشانغانلار،  ئائىلە ئاياللىرى كۆرىدىغان بولۇپ ئۇيغۇرلار ئاڭلاتماقچى بولغان دەرت- پەرياتلار سىياسى كۈنتەرتىپنىڭ مۇھىم تەركىۋى بولغان ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلارنىڭ دىققەت ئىتىۋارىنى قوزغاش ئىمكانىيتىدىن يىراق. تىلىۋىزىيە- تىياتىرلىرىدكى ۋەقەلىكلەر قىزىقتۇرۇش كۈچى ئارقىلىق ياشلارنىڭ ۋاقىت ئۆتكۈزۈش، كۆڭۈل ئىچىش ئىھتىياجىغا ئۇيغۇن كىلىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە تىلىۋىزىيە تىياتىرلىرى چوڭ-كىچىك، ياش- قىرى، ئەر-ئايال ھەتتا كىچىك بالىلارنى قىزىقتۇرالايدۇ. ئۇزۇن ۋاقىت ئۈنۈمىنى ساقلاپ قالالايدۇ. تەكرار- تەكرار كۆرۈشكە بولىدۇ. خەۋەرلەر چىنلىقنى، تەرەپسىزلىكنى، ئادىللىقىنى زىيادە قوغلىشىپ كىشى ھىسياتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ. يەنى، ئوقۇرمەننى مەزمۇنغا پۈتۈنلەي باغلاپ كىرەلمەيدۇ. خەۋەرنىڭ مەزمۇنى بىر ياكى بىرقانچە ۋەقەلىكتىن ئىبارەت بولىدۇ. تىلىۋىزيە تىياتىرلىرى بىرقانچە پىرسۇناژنىڭ ھايات ھىكايسى ئارقىلىق بىر قاتار ئىجتىمائى مۇھىت، سىياسى ئارقا كۆرۈنۈش ۋە ئىنسانى كۆرەشلەرنى كۆرۈرمەنلەرگە سۇنىدۇ. ياخشى يىزىلغان بىر تىلىۋىزىيە تىياتىرى، ياخىش ئارتىسلارنىڭ رول ئىلىشى بىلەن كۆرۈرمەننى پۈتۈنلەي ۋەقەلىككە باغلايدۇ. كۆرۈرمەننىڭ ھىسياتىغا خىتاپ قىلىدۇ. كۆرۈرمەندىن ھىسداشلىق تەلەپ قىلىدۇ، قوللاش تەلەپ قىلىدۇ. سىناريودىكى سەلبى پىرسۇناژلارغا قارشى نەپرەت تۇغدۇرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ياكى نۆۋەتتىكى ۋەزىيتى ھەققىدە كۆرۈرمەننى تىخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىرىش تۇيغۇسىغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

ئىككىنچى، كىنۇ (فىلىم) لەرگە مەبلەغ سىلىش

كىنۇلار ڧانتازىيەلىك فىلىم، كومىدىيەلىك ڧىلىم، ھىكايە ڧىلىم دىگەندەك بىرقانچە تۈرگە ئايرىلىدۇ. ئادەتتە 4 قىسىمدىن ئاشمايدۇ. ئۇيغۇرداۋاسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھىكايە ڧىلىم ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ شەخىسلەر بىشىدىن كەچۈرگەن قىسمەتلىرىنى سىنارىستلارغا يازدۇرۇپ ئىشلەتسە بولىدۇ.  بەزى كىنۇ شىركەتلىرى ياخىشى يىزىلغان سىنارىيلەرنى يۇقرى باھادا سىتىۋالىدۇ. بۇيەردىكى مەقسەت كىنۇ ڧىلىم ئارقىلىق ئۇيغۇر داۋاسىنى جانلاندۇرۇش بولغاچقا ئاۋۋال مەبلەغ سىلىپ يازدۇرۇش ۋە ئىشلەتكۈزۈش كىرەك. كىنۇ فىلىمنىڭ تەشۋىقاتتىكى ئورنىمۇ تىلىۋىزىيە تىياتىرغا ئاساسەن ئوخشىشىپ كىتىدۇ. ئىنتىرنىتتا يەھۇدىلا، ئەرمەنلەرھەتتا تىبەتلەر ھەققىدە ئىشلەنگەن ھىكايە فىلىملەر بار. تىبەتلەرنىڭ خىتاي كومۇنستلىرى تەرىپىدىن ئىكىسپىلاتسىيە قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ڧىلىمدە باش رول ئالغان ۋوللۇۋد كىنۇ چولپىنى (Barda Pitt) خىتاي ئىستىخباراتى تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە ئىلىنغان بولۇپ خىتايغا كىرىشى چەكلەنگەن. بۇمۇ كىنۇ فىلىمنىڭ تەشۋىقاتتىكى رولىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنىڭ بىر ئىسپاتى.

ئۈچۈنچى، ئىجتىمائى تاراتقۇ ۋاستىلىرى تەشۋىقات مەركىزى تەشكىللەش

يىڭى مېدىيا ياكى رەقەملىك مدىيا دىگەندەك بىرنەچچە خىل نامدا ئاتىلىۋاتقان ئىجتىمائى تاراتقۇلار فىس بۇك، تىۋىتتېر، ئىنىستىگرام، يوتۇپ، لىنكىد، گوگلې پلاس، ۋېكې … دىگەندەك ئۇچۇر-ئالاقە ۋاستىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۆۋەتتە يۈز خىلغا يىقىن ئىجتىمائى تاراتق دىتالى بار بولۇپ ئەڭ كۆپ بارلىرىنىڭ بىرمىليارد، ئەڭ ئازلىرىنىڭ بىرمىليۇن ئەتراپىدا ئابۇنتى بار. دۆلەت ۋە رايۇنلار ئۆز ئالاھىدىلىكى ۋە ئىھتىياجىغا ئاساسەن بۇلاردىن بىرىنى ياكى بىرقانچىنى تاللاپ ئىشلىتىدۇ. تىلىۋۇزۇر، رادىئۇ ۋە گىزىت- ژۇرناللاردىن خەۋەر-ئۇچۇر ئىگەللەشتىن بەكرەك ئەقليڧۇنلارغا مۇراجىئەت قىلىش زامانىۋى جەمىيەتنىڭ ئۆزئايان كۆرىنىشىدۇر. ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا يىزىق، رەسىم، ۋىدىيۇ (سىن) قاتارلىقلار بىرىكتۈرلۈپتارقىتىلغاچقا ئوقۇرمەننى جەلىپ قىلىش تەسىرى كۈچلۈك. تارقىتىلىدىغان مەزمۇن قىسقا بولغاچقا ئوقۇرمەننىڭ ئاتلاپ ئۆتۈپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. رەسمىي ياكى غەيرى رەسمىي ئۇسۇللار بىلەن مىڭلاپ، ئون مىڭلاپ ئەگشكۈچىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ. ۋە بۇ قوشىدىغان ئەگشكۈچىلەرنى خالىغان دۆلەتتىن تاللىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، بىر ئەقلىيڧۇنغا بۇ خىل ۋاستىلەردىن 10نى قاچىلىساق ئون خىل ۋاستىغا 10 مىڭدىن ئەگەشكۈچى قوشساق 100 مىڭ بولدى دىگەن گەپ. ئون خىل ۋاستىدا كۈندە ئۈچ قىتىم قىسقا خەۋەر، رەسىم، ۋىدىيۇ يوللىساق 300 مىڭ كىشى قىتىم كۆرۈرمەنگە يەتكۈزۈلدى دىگەن دەپ. بۇ خىل تەشۋىقات ئۇسۇلى تىخنىكا، مۇخبىر (مەزمۇن تەييارلىغۇچى) ۋە تارقىتىشىپ بەرگۈچىلەردىن ئىبارەت ئۈچ گۇرۇپتىن تەشكىل تاپىدۇ. مەزمۇنلار ناھايتى سۈپەتلىك، جانلىق، تەسىرلىك بولۇش ئۈچۈن مۇنتىزىم ئورۇن ۋە خىزمەتچىگە ئىھتىياجلىق.

ھاسىل كالام، ئاز چىقىم، قسىقا ۋاقىت، كۆپ كۆرۈرمەن، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم  ئىجتىمائى تاراتقۇ ۋاستىلىرى تەشۋىقات مەركىزى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان جەرياندۇر.

تۆتىنچى، يۈزمۇ يۈز تەشۋىقاتقا ئەھمىيەت بىرىش

مۇھاسەبە نىيۇس توربىتىنىڭ 2018-يىلى 15-يانۋاردىدىكى خەۋىرىدە تۈركىيەدە جەمىئىي 111258 (يۈز ئون بىرمىڭ ئىككى يۈز ئەللىك سەككىز) دانە جەمىئىيەت (دەرنەك) بارلىقى ئىلان قىلىنغان. خەۋەر مەزمۇنىدا ئىستانبۇلدا جەمىئىي 38741 (ئوتتۇز سەككىزمىڭ يەتتە يۈز قىرىق بىر)  دەرنەك بارلىقى قەيىت قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئچىدە ئەزاسى بىرمىليۇندىن ئاشىدىغان دەرنەكلەرمۇ بار. گەرچە تىخنىكا ۋە مېديا شۇنچىلىك تەرەققى قىلىۋاتقان بولسىمۇ يۈزمۇ يۈز تەشۋىقاتنىڭ تەسىرى ھەممىدىن كۈچلۈك دەپ قارىلىدۇ. سايلام مەزگىللىردە تۈركىيە رەئىسى ئەردوغاننىڭ شەھەر، ناھىيە، يىزا ، كەنىت باشلىقلىرى ۋەكىللىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار مەسئۇللىرى، ياشلار، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلىنى رەئىسلىك سارىيىغا تەكلىپ قىلىشى شۇنداقلا شەھەرمۇ شەھەر قاتراپ ئاۋامنى توپلاپ نۇتۇق سۆزلىشى بۇ خىل تەشۋىقات ئۇسۇلىغا مىسال بولالايدۇ. ئۇيغۇر داۋاگەرلىرى ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرى تۈركىيەدىكى بۇ ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا بۆلۈنۈپ زىيارەت قىلىش ئۇسۇلى ئىلىپ بارغاندا ، قارشى تەرەپ بىۋاستە بىرىنچى مەنبەدىن ئالغان مەنبەلەر بىلەن ئۇيغۇر داۋاسىغا بولغان چۈشىنىشى ۋە قوللىشى قولغا كەلتۈرلىشى مۇمكىن. تۈركىيەدە 30 دىن ئارتۇق تەشكىلات بار. بۇلار يۇقاردىكى رەقەمدىكى تەشكىلاردىن ئەڭ ئاكتىپ ۋە ئەزاسى كۆپ بولغان تەشكىلاتلارنى تاللاپ زىياەرت قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كونڧىراس، نامايىش، ئاخبارات ئىلان قىلىش پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرسا ھازىرقى تەشۋىقات ئۈنۈمىدىن يۇقرىراق ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگىلى بولۇشى مۇمكىن.

بەشىنچى، ئۇيغۇر سەرخىللىرى شەخشى تور بەت، بىلوگ ئېچىش … قاتارلىق يۈزلىنىشلەر ئارقىلىق ئىجتىمائى تاراتقۇ ئەھمىيەت بىرىش

بۇ يەردىكى ئۇيغۇر سەرخللىرى سىياسەتچىلەر، تەشكىلار رەھبەرلىرى، يازغۇچىلار، دىندارلار، بايلار… دىگەندەك جەمىيەتتە بەلگىلىك تەسىرى بار، تونۇلغان كىشلەرنى مەقسەت قىلىدۇ. بولۇپمۇ سىياسى رەھبەرلەر بۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى، زۆرۈر تىپىلسا شەخسى تاراتقۇلىرىنى باشقۇرىدىغان مەخسۇس خادىم ئىشلىتىش كىرەك. مەۋھۇم كۆرىنىش ياكى مېدىيادا نامايەن بولۇش دىگەن يىڭى ئۇقۇمدا دىيىلىشىچە، كىشلەرمەلۇم بىر خىل كىشى ياكى ئورگانلارنى ئۇلارنىڭ مەۋھۇم دۇنيادىكى سىماسىدىن باشلاپ تەتقىق قىلىشنى باشلايدىكەن. بۇنىڭ روشەن ئىپادىلىرىدىن بىرى تۈركىيەدە پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ تىۋىتتىردا ئورتاقلاشقان ئىككى جۈملە سۆزىنىڭ كۈنتەرتىپ بولۇپ نەچچە ئون خەۋەر تورىدا ئىقىپ يۈرىشىدۇر.

ئالتىنچى، مەخسۇس تەشۋىقاتچى (ناتىق، يۈزمۇ يۈز سۆزلەيدىغان) يىتىشتۈرۈش

تەشكىلاتلار ياكى ئىلىمى جەمىيەتلەر شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس تەشىۋىقاتچى يىتىشتۈرۈش كىرەك. نۆۋەتتە ئىنتىرنىت ۋە مېدىيالاردا كۆزىمىزگە چىلىقىۋاتقان كىشىلەر بىر قانچە تەشكىلاتنىڭ ئىككى ياكى ئۈچ سىماسىدىن ئىبارەت. تەشكىلاتلارنىڭ نىمە مەقسەتتە ھەركەت قىلىشىدىن قەتئىينەزەر مېدىيا ساھەسى ئۇيغۇر داۋاسى قىلىدىغان بىرقانچە كىشىلا بار ئىكەن دەپ چۈشىنىپ قالماسلىقى كىرەك. مېدىيا زىيارىتى قوبۇل قىلىۋاتقان ياكى كونڧىرانىسلاردا سۆزلەۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى شەرقىي تۈركىستاندىن كىچىكلا ئايرىلىپ كەتكەن ياكى ۋەتەننى ھىچ كۆرۈپ باقمىغان كىشىلەر بولغاچقا زىيارەت ئەسناسىدا بەزى رىئاللىقلارنى تەسىۋرلەشكە ئاجىز كەلگەن ئەھۋاللار كۆرۈلدى. تۈركىيەدە مەيلى ئوقۇغۇچىلار مەيلى سەگەك ئامما بولسۇن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر تۈركۈم كىشلەر مەخسۇس كونڧىرانىس ۋە زىيارەت ئۈچۈن تەربىيلىنىشى زۆرۈر

يەتتىنچى، مەخسۇس تالانىتلىق ئۆسمۈر يىتىلدۈرۈش

شئىر دىكلاماتىسىيە قىلىش، قىرائەت قىلىش، مىللىيچە ناخشا-ئۇسۇل، تەنھەركەت قاتارلىق ساھەلەردە ئارتۇقچىلىقى بار بالىلارنى ئالاھىدە تەربىيلەش. خەلىقئارا بالىلار بايرىمى، دىيانەت قارىلار مۇسابىقىسى،  تۈركى مىللەتلەر سەنئەت كىچىلىكى، تالانىت سەھنىسى قاتارلىق تەسىرى كۈچلۈك سەھنىلەردە ئۇيغۇر ئوبرازى ۋە شەرقى تۈركىستان سىماسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش كىرەك. تالانىت ۋە تىرىشچانلىق بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجاتچان، تىرىشچان، تىز پۈكمەس روھىنى نامايەن قىلىش ئارقىلىق كىشلەرنى ئۇيغۇر ۋە شەرقى تۈركىستان تىمىسىغا قىزىقتۇرۇش لازىم.

سەككىزىنچى، ۋاستىلەرنىڭ ۋاستىسى ئارقىىلىق تەشۋىق قىلىش

بۇيەردە كۆزدە تۇتۇلغا تۇنجى ئوبىېكىت  ئادەم ۋاستە ، يەنە بىرى ئادەمنىڭ ۋاستىسى. شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر داۋاسىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان جەمىيەت تەسىرى بار سەرخىل كىشلەرنى مەخسۇس زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ شەرقى تۈركىستانغا بولغان پوزىتىسىيىسى ۋە ھىسداشلىقى بىلەن ئۇ كىشلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى، چوقۇنغۇچىلىرىنى شەرقى تۈركىستان تىمىسىغا يۈزلەندۈرۈش. مەسىلەن، تۈركىيەدىكى بەزى داڭلىق يازغۇچى، تارىخچى، يۇتۇبىر ياكى ئارتىسلارنىڭ تىۋىتتىر ۋە باشقا تاراتقۇ ھىسابىدا مىليۇندىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بارلىرى بار. بۇ خىل كىشلەرنى زىيارەت قىلىش ۋە زىيارەت قىلغاندا نەخ مەيداننى تارقىتىش ئارقىىلىق كۆرۈرمەننى ئاۋۇتقىلى بولىدۇ. يەنى، زىيارەت قىلىنغۇچى شەخىسمۇ كۆپىنچە ھاللاردا زىيارەت جەريانىنى بىۋاستە تارقىتىدۇ. بۇ ئەھۋالنى يۇتۇبىر رۇھى چەنەت، سۆزلەر كۆشۈكى قانىلى، ئەڭ ئاخىردا داڭلىق پۇتپۇلچى مەسۇت ئۆزىلنىڭ ھەمبەھىرلىگەن مەزمۇنلىرى ۋە تەسىرىگە  قاراپ تىخىمۇ ياخشى ھىس قىلىش مۇمكىن.

توققۇزىنچى، تەشىۋىقات ماتىرىيالى ئامبىرى قۇرۇش

شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۈزگۈچتىن ئۆتكەن ئىشەنىچلىك خەۋەر، رەسىم، مۇزىكا، ۋىدىيۇ، ھۆججەتلىك ڧىلىم، كىرىشتۈرمە پىرۇگىراممىلارنى ئىزدىگەن كىشى تاپالايدىغان ۋە خاتىرجەم ئىشلىتەلەيدىغان مەنبە كەم بولماقتا. بۇ خىزمەتنى مەلۇم ئورگان ياكى شەخىس  ماددى ۋە مەنىۋى شارائىت ھازىرلاپ بىرىش ئارقىلىق  ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولۇشى مۇمكىن. ئۆزى قىلالايدىغان ئاۋانگارىت پىدائىيلار بولسا تىخى ياخشى.

ئونىنچى، ئومۇميۈزلۈك تەشۋىقاتقا يۈزلىنىش، يۈزلەندۈرۈش

بۇنى دىيشنىڭ ئورنى يوق ئىدى. ھەربىر ئەقلىيڧۇنى بار شەرقىي تۈركىستانلىق ئىشلىتىۋاتقان ئىجتىمائى تاراتقۇ ۋاستىلىرى ئارقىلىق بۇ ئاددى ئەمما مۇھىم خىزمەتنى ئورۇندىيالايىتتى. ئەمما نۆۋەتتە تەشىۋىقات خىزمىتىنى ئاكتىپ قىلىۋاتقان ساناقلىقلار كىشى بار. شۇڭلاشقا دەۋەتچىلار، ناتىقلار، يازغۇچىلار مىللەتنى ئومۇميۈزلۈك تەشۋىقاتقا ئۆتۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش خىزمىتىگە ئاتلىنىشى كىرەك.

يۇقارقىلار مىنىڭ يىڭى يىلدا ئىلىپ بىرىشقا تىگىشلىق تەشۋىقات خىزمەتلىرى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم. بەزىلىرى ئىھتىمالىدىن بەك يىراق كۆرۈنىدۇ، بەزىلىرى ناھايتى ئاددى. ئەمما، بۇلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە تەتبىقلاش مەسئۇلىيەت، مۇھاببەت ۋە مەجبۇرىيەت تەلەپ قىلدىغان ئىشلار بولغاچقا، بۇ خىل ئاڭ ۋە سەزگۈگە ئىگە كىشلەرنىڭ  كەم بولۇشى ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاقساتمىسمۇ، ئىلگىرلەش ئانچە تىز بولمايۋاتىدۇ. سەمىمىيەتنى ئاساس قىلغان تەشكىلاتلار، ۋەتەن، مىللەت سۆيگۈسىدە راستچىل بولغان زىيالىيلار ۋە مىللەتچەرۋەر بايلارنىڭ ياردىمىدە يۇقارقى ئون تەكلىپنىڭ بىرەسى ئىشقا ئىشىپ قالسا  بۇ يازمىنى يىزشىنىڭ مۇرادى ھاسىل بولاتتى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top