ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2-قېتىملىق «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2020-يىلى 18- ۋە 19- يانىۋار شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » مۇزلىغان شەھەر (1)

مۇزلىغان شەھەر (1)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

*

ساڭا قاتتىق كۈن كەلسە
بۇمۇ كېتەر دەپ سەۋر قىل
زاماننىڭ ئىشىنى بىلىپتۇر
ئۇنىڭغا شۇنچىلىك تىرەنگىن

*

«تۈركىي تىللار دىۋانى»

*

يول تاپىدىغان ۋە يول ماڭىدىغان ئەڭ گۈزەل ماكان ۋەتەندۇر. ۋەتەن ئوينايدىغان ماكان ئەمەس، بەلكى گۈزەل كېلەچەك ئۈچۈن، ئۆز مىھنەت تەرى بىلەن، ئۆز جېنى ۋە قېنى بىلەن يول ئاچىدىغان ماكاندۇر. ھەركىم كىندىك قېنىنى شۇ ماكانغا تۆككەن كۈندىن باشلاپ، بۇ مەۋجۇت دۇنيانىڭ يولچىسىغا ئايلىنىدۇ. باسقان يوللىرى بولسا، بۇ دۇنيادا بار بولۇشىنىڭ ئەڭ يۈكسەك غايىسى ۋە ھاياتىدىكى بارلىق كۈرەشلىرىنىڭ دەل ئۆزۈ بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ھەركىم مەۋجۇتلۇقتىن يوقلۇققا قاراپ تىنماي باسقان يوللاردا كۆپ نەرىلەرنى كۆرىدۇ، ئۆگىنىدۇ ۋە ھايات ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى يەنىلا شۇ ۋەتەن ئۈچۈندۇر. ھەركىم ئاخىرى مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىپ كۆچۈپ كەتكەندە، باسقان يوللىرىدا ئىزلىرى قالىدۇ. ئىزلارنىڭ بەزىلىرى ئەبەدى قالسا، بەزىلىرى دەۋرنىڭ دەبدەبىلىرىنىڭ توپا – چاڭلىرى ئىچىدە كۆمۇلۇپ قالىدۇ.

يۇقۇردىن قارسىڭىز ئۈرۈمچى خۇددى كۆمتۈرۈپلۈپ قويۇلغان يوغان قازاڭغىلا ئوخشايتتى. جان بېقىشقا مادارى قالمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ چېھرى بەئەينى كۈل ئىچىدىكى كۆمەشتەك قارداپ كەتكەن بولۇپ، ئۈستى-بېشى تۆكۇلۇپ تۇرغان ئاھالە شەھەر ئىچىدە قىروۋ سوققان يۇپۇرماقلاردەك، تىرىكچىلىك كويىدا پىقىراپ يۇرەتتى. تۇرمۇشنىڭ قاتتىقچىلىقىدىن قاق سەھەردىن گۇگۇم چۈشكىچە يالاڭ كىيمى بىلەن كوچىدا كىراچىلىك قىلىدىغان ھارۋۇكەشلەرنىڭ پەيتۇنىدا ئولتۇرغان خىتاي پۇقرالىرىمۇ ئالاقزادىلىق ئىچىدە قانداقتۇ بىر يەرلەرگە ئالدىراپ، پەيتۇنچىغا، “ئىشتىك ماڭمامسەن” دەپ خىرىس قىلىپ ۋاقىرشاتتى. ئۇلار ئۆزلىرىنى شۇنچە تەمكىن تۇتىشقا تىرىشسىمۇ، ئەمما ئالايغان كىچىك كۆزلىرىدىن چىقىپ تۇرغان ئەنسىزچىلىكىنى ئەتراپىدىكى كىشىلەردىن يوشۇرالمايتتى. بۇلار نەچچە ۋاقىتتىن بېرى شاد-خورام ياشاپ، ماڭدامىدا بىر يەرلىكلەرنى قاقتى – سوقتى قىلىپ، چۆنتىكىنى ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن تولدۇرغان ئىدى. بىراق ئون كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بارلىقىنى كىم ئويلىغان دەيسىز؟ بۇلارنىڭ بۇنچىلىك ۋەھىمىلىك ساراسىمغا چۈشۇشىگە، يۈرىكىدە بۇنداق دەخشەت قورقۇنچنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەپ بولغان زادى نېمە؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلىگە كۆكتىكى قۇياشتەك ئايان. بۇ قورقۇنچ ۋە ئالدى-كەينىگە قارىماي قىچىشلارنىڭ سەۋەبى، ماناس دەريا بويىدا ئۈرۈمچىگە “ھۇررا” دەپ كېرىش ئۈچۈن، كۈن ساناپ ياتقان مىللىي ئارمىيەنىڭ جاسارىتى، ھەيۋىسى ۋە تەھتىدى ئىدى.ئەمما ئادەملەرنىڭ ئاستىدىكى زېمىن ھېچ ئىش بولمىغاندەك شۇنچىلىك خاتىرجەم، شۇنچىلىك مەزمۇت تۇراتتى. ئۈستىدىن ئۆتىۋاتقان ماشىلارغا، پەيتۇنلارغا، پىيادىلەرگە ۋە ئۇياقتىن بۇياققا ئۈچۈپ يۇرىۋاتقان ئەخلەت-چاۋالارغا، ھەتتا يىراقتىن كۆرىنىپ تۇرغان ئاق باشلىق تەڭرى تاغلىرىغا پەرۋامۇ قىلمايتتى. تارىختىن ئاۋال بار بولغان بۇ زېمىندا، ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ تارىخىي ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ، قانچىلىغان تەڭرىلەر بارلىققا كەلدى، قانچىلىغان قاغانلار دەۋران سۇرۇپ كۆچۈپ كەتتى، قانچىلىغان دۆلەتلەر ئۆرىلىپ، قانچىلىغان دۆلەتلەر قۇرۇلدى، قانچىلىغان ئۇرۇشلار بولۇپ، قانچىلىغان ئىنسانلارنىڭ قانلىرى تۆكۇلدى. ئەمما بۇ زېمىن ھېچ يەرگە كەتمەي، يۈزىنى كۆكتىن ئۆرىمەي، ۋاپادارلىق بىلەن يۇزىنى قۇياشقا قارىتىپ جىم تۇردى. ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا، چەكسىز تارىخنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۈستىدە نۇرغۇن يوللار ۋۇجۇتقا كەلدى. ھەركىم ئۆزىنىڭ يولىدا ماڭدى. “ئوينىساڭ تۇزۇك ئوينا، ھەر كىمنىڭ يولى باشقا” دېگەن ماشۇ بولسا كېرەك.

كۈزنىڭ سوغۇقى مۇنچىلىك جاندىن ئۆتسە، قىشنىڭ سوغۇقى قانچىلىكتۇ؟ دەپ ئويلىدى مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى. چۈنكى، ئۇنىڭغا ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسە مۇزلاپ تىترەۋاتقاندەك كۆرۈنىۋاتاتتى. يا يۇزى كۈلگەن بىرە ئىنسان، يا يېقىملىق شىلدىرلىغان بىرە دەرەخ، يا سايرىغان بىر قۇش ۋە ياكى دېرىزىدىن كۆرۇنىپ تۇرغان بىرە تەشتەك گۈل كۆرۇنمەيتى. يولنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى يالاغاچلىنىپ قالغان ئاق تېرەكلەر، تەڭرى تاغلىرىدىن بۆسۇپ كەلگەن كۈزنىڭ نەشتەردەك سانجىلىۋاتقان شامىلىدا، ئاققوۋۇقنىڭ تام تۆۋىدە غال-غال تىترەپ تۇرغان مەدىكارلار بىلەن تەڭ ھۇشقىتىپ لىڭشىيتى. پاكار-پاكار ئۆيلەرنىڭ مورىسىدىن كۆتۈرۈلگەن قاپقارا ئىس-تۇتەك يۇقۇرغا كۆتۇرىلمەي، خۇددى كويىقاپنىڭ ئىچىدىن چىققان ئەجدىرھادەك ئادەملەرنىڭ بېشىدا تولغۇنۇپ يۇرەتتى. قۇياشنىڭ يۈزىنى قاپقارا پەردە تورۇۋالغاچقا، كۈپ-كۈندۈز تۇرۇپمۇ ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە گۇڭگا كۆرۇنەتتى.تۆگىدەڭنىڭ ئارقىسىكى غۇلاچ يەتكۇسىز تۈرۈكلىرى قاندەك قىزىل سىرلانغان بۇدخانىنىڭ ئىچىدىكى خىتاي ئاھالىسىنىڭ قۇيرۇقى ئايۋانغىچە ئۇزانغان ئىدى. دان تىرىپ يەۋاتقان قاغىلاردەك بېشىنى بىر ئىگىپ، بىر كۆتۇرىۋاتقان خىتايلار كۇجە-ئىسرىق ۋە شام چىراقلار يېقىپ، شام چىراقنىڭ نۇرىغا چۆمۇلگەن بۇتلار ئالدىدا تەڭرى-ئەنبىيالاردىن مەدەت ۋە ئىسەنلىك تىلەپ تائەت-ئىبادەت قىلىۋاتاتتى. ئۈچ ئەپەندىنى ئېلىپ ماڭغان قارا پىكاپ قالايمىقان رەستە-كوچىلاردىن ئۆتۇپ، ئۇدۇل تۆگىدەڭنىڭ ئارقا تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان شەھەر مەركىزىدىن يىراقراق ھەربىي مەكتەپنىڭ قوراسىغا كىرىپ كەتتى. دەل ماشۇ مەزگىلدە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ۋاكالەتتەن ئىلى تەرەپتىن كەلگەن ئەخمەتجان ئەپەندى، رەھىمجان سابىرھاجى، ئوبۇلخەيرى تۆرە قاتارلىق ئۈچ ۋەكىل بىلەن گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋەكىلى جاڭ جىجۇڭ ئوتتۇرىسىدكى تۇنجى قېتىملىق تىنىچلىق سۆھبىتى رەسمىي باشلانغان ئىدى. بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئىلى تەرەپتىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرى ئۆز ھۆكۈمىتى نامىدىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تىچلىق بىلەن ھەلقىلىش ئۈچۈن تەكلىپ لايھەسىنى گېنىرال جاڭ جىجۇڭغا تاپشۇرغان ئىدى. گېنىرال جاڭ جىجۇڭمۇ «مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى كۆرسەتمە لايىھەسى»نى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەكىللىرىگە تاپشۇرغانتى. بۇ كۆرسەتمە لايىھەنىڭ مەزمۇنى بولسا جاڭ جىجۇڭ لەنجۇدا ئۈچ ئەپەندىدىن تاپشۇرۇپ ئالغان، پىكىر-لايىھەلەرنىڭ ئىچىدىكى ئۆزۈ قىزىل قەلەم بىلەن « x» ئىشارەت قويغان ماددىلارنى چىقىرۋىتىپ، قالغان قىسىملىرىغا ئازراق ئۆزگەتىش كىرگۇزگەندىن كېيىن ئۇنىنغا يەنە «يەرلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش» دېگەن ماددىنى قىستۇرۇپ تۇزۇپ چىققان ئىدى. «يەرلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش»نىڭ ئاساسلىق چارىلىرى:

“ھازىر قالايمىقانچىلىق ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ناھىيەلەردە، تەرتىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە يېزا-بازارلارنىڭ باشلىقلىرىنى سايلاشنى تاماملاش، ئالتە ئاي ئىچىدە ناھىيەلىك كېڭەشنىڭ سايلىمىنى تۈگىتىش، خەلقچىلىق سىياسىتى يولغا قويۇش.
ناھىيەلىك كېڭەشلەر قۇرۇلغاندىن كېيىن، ناھىيەلىك كېڭەشلەرنىڭ تەشكىلىي قانۇنىغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ يەرىك خەلقنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرى بويىچە ھەرقايسى ماددىلارغا قارىتا تەكلىپ سۇنۇش ھوقۇقى بولىدۇ، يەرلىك مەمۇرىي خادىملارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرى ئۈستىدىن پاش قىلىش ۋە تەپتىش قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.
ناھىيەلىك كېڭەش قۇرۇلۇپ ئالتە ئايدىن كېيىن، يەرلىك خەلقتىن ئىناۋىتى يۇقۇرى، بىلىم قابىلىيىتى كۆرۈنەرلىك بولغان ئىككى ئادەمنى سايلاش، ھۆكۈمەت ئۇلاردىن بىرنى ناھىيەلىك ھاكىملىقىغا قويۇش.
ھاكىمىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت مۇئاۋىن ھاكىم تەيىنلەيدۇ.
ھەرقايسى ۋىلايەتلەرنىڭ ۋالىرىنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت كۆرسىتىدۇ. مەركەز ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ ھەمدە يەرىك زاتلارنى تاللاپ ئىشلىتىدۇ. باشقا يەرلىك مەمۇرىي خادىملارنى ئىشقا قويغاندا، كۆپىنچىسىنى يەرلىك زاتلاردىن تاللاپ ئىشلىتىش پىرىنسىپى قىلىش كېرەك…….” قاتارلىق مەزمۇنلار بار ئىدى.

ئىككى تەرەپنىڭ بىرىنچى قېتىملىق سۆھبىتى ناھايىتى جىددى تالاش تارتىشلار ئىچىدە ئۆتكەن ئىدى. گەرچە جاڭ جىجۇڭ سۆھبەت ۋەكىللىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشكلۇق كونسىلىنىڭ ياردىمى بىلەن رەسمى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى سۈپىتىدە سۆھبەت ئۆتكۇزىش مەقسىتىگە يەتكەن بولسىمۇ. ئەمما ئەخمەتجان قاتارلىق ۋەكىللەر ئۆزلىرىنىڭ بىر جۇمھۇرىيەتنىڭ ۋەكىللىرىگە خاس بولغان سالاھىيەت بىلەن، پىكىر ۋە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ جاڭ جىجۇڭنى ناھايىتى قىيىن ئەخۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى. بولۇپمۇ ئەخمەتجان ئەپەندى ئۆزىنىڭ ناتىقلىق قابىليىتىگە ۋە يۇكسەك سىياسى بىلىمىگە تايىنىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ئەركىنلىكىنى، ئازاتلىقىنى، مىللىي مەنپەئەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىكىدىن ئۇزۇل-كېسىل قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان قوراللىق ئىنقىلاۋى ھەققىدە قىسقا، مېغىزلىق قىلىپ چۈشەندۇرىش بەردى. ئۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىنقىلاۋىغا قىلىنغان تۆھمەتلەرگە رەدىيە بېرىپ: –

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىشى ئاھ-زارلىرى چېكىگە يەتكەن ئەمگەكچى خەلقنىڭ قولىغا قورال ئېلىپ ئادالەت ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرىنىڭ نەتىججسى. ئادالەت بولسا ھەقسىزلىك ۋە زۇلۇم قىلماسلىق دېگەنلىك بولۇپ، ئىنسانيەتنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەت جەريانىدا قىلىشقا تىگىشلىك بولغان ئىشلارنى توغرا، قانۇنغا ئۇيغۇن، ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانىنىيەتلىرىنىڭ مىزانىغا ماس قەدەمدە قىلىش دېگەنلىكتۇر. ئادالەتلىك بولغان دۆلەت ۋە ھۆكۈمدار “ئادىل” دەپ ئاتايمىز. ئادالەتنىڭ ئەكس زۇلۇمدۇر، نەھەقچىلىكتۇر. ئادالەتلىك بولۇش ئىنسانيىئەتچىلىكنىڭ ئەڭ يۇكسەك مىزانىدۇر ۋە خەلقىمىز ھەم دىنىمىزنىڭ ئەڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسىدۇر. بىزنىڭ ئىنقىلاۋىمىز ئادالەت ئۈچۈن ئادالەتسىزلىككە قارشى قىلىنغان ئىنقىلاپتۇر. ياخشى چاق بولماق ئاسان، ئەمما ئادالەتلىك بولماق تەس. ئادەلەتلىك بولۇش ئۈچۈن تەڭ ھۇقوقلۇق، تەڭ باراۋەر بولۇش لازىم ۋە باشقىلارغا تاجاۋۇزچىلىق قىلماسلىق لازىم. تەڭ ھوقۇق ۋە تەڭ باراۋەر بولغاندىلا بىرلىك باراۋەرلىك ئىچىدە ئىتىپاقلاشقىنى بولىدۇ، تاجاۋۇزچىلىق بولمىسىلا ئۇرۇش بولماي، قان تۆكۇلۇش بولماي، تېچلىق ۋە دوستلۇق ئىچىدە باراۋەر تەرەققىي قىلىپ، گۈزەل دۇنيانى بەرپا قىلنغىنى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئادالەت تەلەپ قىلىمىز، ئۆز ئازاتلىقمىزنى تەلەپ قىلىمىز،-

ئەخمەتجان ئەپەندىم ئۆز خەلقىنىڭ ئازاتلىق ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئىنقىلاۋىنىڭ ئالتۇن مېۋىسى نەتىجىسىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەلەپ ۋە پىكىرلىرىنى پەلسەپىۋى قائىدە ۋە دىيالېكتىكىلىق نەزەرىيە ئاساسىدا ناھايىتى مەزمۇنلۇق قىلىپ ئىبارىلەپ، گېنىرال جاڭ جىجۇڭنىڭ چېكىسىدىن تەر ئاقتۇرۋەتكەن ئىدى. ئۇ ئالدىدىكى 30 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ مۇنچىلىك قابىلىيەتلىك سىياسۇن ۋە دىپلومات ئىكەنلىكىگە ھەيران-سەيران بولۇپ داڭ قېتىپ ئولتۇرۇپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۆزۈنىڭ پىشقان تەجىربىلىرىگە تايىنىپ، ئۆز ھېلىسىنى ئىشقا سېلىپ:-

مەن 60 ياشقا تاقاپ قالغان ئادەممەن، سىز بىلەن يېشىمىز بىر ھەسسە دېگۈدەك پەرقلىنىدىكەن. ئەگەر مۇنداق تاكاللىشىۋېرىدىغان بولساق ماڭا ھار كېلدىكەن. مەن مەركەزگە ئېيتاي، باشقا ياشراق ئادەم ئەۋەتىپ سىز بىلەن سۆزلەشسۇن، – دېدى ۋە يەنە،- مەن بولسام تىنىچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋەزىپىسى بىلەن كەلدىم، ھازىر ئۆزۈمنى تىنىچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم، دەپ قارايمەن، ئەگەر تىچلىق ئەمەلگە ئاشمىسا، مەن ئەڭ ياخشىسى خىزمىتىمدىن ئىستېپا بېرىپ، ئۈرۈمچىدىن كەتسەم بولىدۇ، – دەپ پوپوزا قىلىپ تېرە تاراقلاتقان ئىدى.

ئەخمەتجان ئەپەندى بولسا گېنىرال جاڭ جىجۇڭنىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى ئەڭ تەرەققىي پەرۋەر، سوۋېت ئىتتىپاقىغا مايىل كىشى ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ئەگەر ئۇ كىتىپ ئورنىغا باشقا بىرسى كەلسە، بۇ سۆھبەتنى ئېلىپ بېرىش تېخىمۇ قىيىنغا توختايتى. ئۇ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنىڭ ماشۇ قېتىمقى سۆھبەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىنىق بىلەتتى ۋە بۇنىڭدىن باشقا ئىككىچى بىر يولنىڭ يوقلىقى ئۇنىڭغا مەلۇم ئىدى.مىللىي ئارمىيەنىڭ ماناس دەريا بويىدا مەجبۇرى توختىتىلىپ قويۇلغانلىقىدىنلا تېچلىق بىتىم تۇزۇشكە مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقى ۋەكىللەرگە سىر ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ، تىنىچلىق سۆھبەت ئارقىلقى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىگە بولۇش تىگىشلىك ئەڭ ئالىي مەنپەئەتنى قولغا كەلتۇرىش ئۈچۈن بارلىق كۈچى ۋە قابىليىتى بىلەن كۈرەش ئاتلانغانتى. شۇ ۋەجىدىن گېنىرال جاڭ جىجۇڭنىڭ تەكلىپ لايھەسىنى ئېلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن مۇزاكىرلىشىش ئۈچۈن غۇلجىغا يۇرۇپ كەتتى.

شۇ كۈنلەردە ئۈچ ئەپەندىنىڭ ئۈرۈمچىگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ تۇرالغۇسىغا كېلىپ سۆھبەتلىشىدىغان زىيالىلار، ئۆلىمالار ۋە ياشلارنىڭ ئايىغى ئۇزۇلمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۈچ ئەپەندى ئۆزۈ تۇرىۋاتقان ھەربىي مەكتەپنىڭ زالىدا 200 كىشلىك بىر يىغىن ئىچىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كېلىشتىكى مەخسىدى ۋە بۇ يەردە ئېلىپ بارماقچى بولغان خىزمەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە نۇتۇق سۆزلىدى. باشتا مەسئۇت ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەن بەردى ۋە ياشلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنىڭ زور ئىكىنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. زالدىكى يىغىن ئەھلىقىنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ياشلار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۈچ ئەپەندىگە بولغان ھۆرمىتىدىن، سۆزلىرىگە ھىرىسمەنلىكىدىن، ئۆز ئۇستازلىرىدىن كۇتىۋاتقان ئۈمىدلىرىنىڭ قانچىلىك يۇكسەك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىنى بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن نېمىلەرنى كۈتىۋاتقانلىقىنى، ئېغىزلىرىدىن قانداق سۆزلەرنى ئاڭلاشقا تەقەززا بولىۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئۆز نۇتۇقىنىڭ دائىرىسىنى بىر ئاز كېڭەيتىپ سۆز قىلدى. ئۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخىنى، ئۆزۈنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن قىلغان ئىنقىلاپلىرىنى، چوڭچىڭدا نەشىردىن چىقارغان ئالتاي مەجمۇئەسى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى چىنلىقلارنىڭ تۈرك خەلقلىرى ئۈستىدىن يۇرگىزىۋاتقان زۇلىمىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ قارشى ئىلىپ بىرىلغان ئىنقىلاپلارنىڭ ھەرگىز قانۇنسىز ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە ئادالەت ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەققانى كۈرەش ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنى شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنىڭ قەلبىگە مۇھۇرى قىلىپ ئۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ يۇرتقا بولغان سىغىنىشلىرى، ھەسرەتلىرى ئىپادىلەنگەن «ئۇلۇغ يۇرتۇم»ناملىق شېئىرنى ناھايىتى ۋەزىنلىك قىلىپ ئوقۇغاندىن كېينىن مىللەتچىلىكتىن سۆز ئاچتى،-

*

ئۇلۇغ يۇرتۇم ئېزىز يۇرتۇم، سېنى جاندىن سالام لايمەن،
بۇ ئاغرىق كۆزلىرىمنى، تۇپرىقىڭ بىرلە داۋالايمەن.
ھاۋايىڭ بىرلە قايغۇدىن يۈرەكىمنى ئادالايمەن
ئۇلۇغ يۇرتۇم، ئېزىز يۇرتۇم سېنى جاندىن سالاملايمەن.

*

ئۇ كۈن مەن تۇپراقىڭدىن ئاھۇ قان ياش بىرلە ئايرىلدىم
پىراقىڭ دەردىدە پەرۋانىدەك چۆگرەڭدە ئايلاندىم
ئىگىز تاغلار، يامان چۆللەر، ئۇلۇغ سۇلار ئارا كەزدىم
سەن ئولدۇڭ رابىئە، ئىشقىڭدا مەن سەئىدەين كەبى ياندىم

*

ئون ئىككى يىل سېنىڭ دەردىڭدە بىر دىۋانە بولدۇم مەن
جاھان خەلقى ئارا لەتبىرىپ ئەپسانە بولدۇم مەن
ئۈمىد ئۈزگەندە سەندىن ئەقىلدىن بىگانە بولدۇم مەن
ئۈمىد كەلگەندە بىر يولۋاس كەبى مەردانە بولدۇم مەن.

*

مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىنىڭ شېئىرنى ئاڭلىغان زالدىكى بارلىق ياشلار ھاياجان ئىلكىدە ئۆزلىرىنى تۇتالماي ئۇزاققىچە ئۇزۇلدۇرمەي چاۋاك چەلىشتى، قىزغىن ئالقىشلاردىن تېخىمۇ ئىلھام ئالغان مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى، ئۆزىنىڭ نۇتۇقىنىڭ تېمىسىنى مىللەتپەرۋەرلىك نۇقتىسىغا مەركەزلەشتۇردى،-

شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرك مىللەتلىرى ئۆزىنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى، مۇختارىيەتىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك بولغان ئىجتىمائىي ئاڭغا ئىگە بولۇشى لازىم. ئۇ بولسىمۇ بىر پۈتۈن ئورتاق مىللەتپەرۋەرلىكنى تەشەبۇس قىلىدغان تۈرك مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيەسىدۇر.شۇ ئىدىيەنىڭ تۈركىسى ئاستىدا ئورتاق تەرەقىياتقا، ئورتاق ئىلگىرلەشكە يۈزلىنىش بىلەن بىرگە، بىز مۇختاج بولغان كۈچكە، جاسارەتكە ئىگە بولۇپ، ئەسىرلەردىن بېرى روھىيەت دۇنيارىمىزنى كىشەپ تۇرغان قۇللۇق زەنجىرىنى پاچاقلاپ تاشلايمىز. تۈركچىلىك ئىدىيەسى كۆكتىكى يۇلتۇزغا ئوخشايدۇ، گەرچە ئۇنىڭغا قولىمىز يەتمىسىمۇ، ئەمما ئۇ، بىزگە يولىمىزنىڭ يۆلۇنىشىنى كۆرسىتىپ، مەنزىلىمىزگە يەتكۇزىدۇ. شۇنى تەكىتلەش ھاجەتكى، مىللەتنى قۇتقۇزۇش سېلەردەك ئىلغار پىكىرلىك مىللەتچى ياشلارنىڭ قولىدا ۋە سېلەرنىڭ تومۇرۇڭلاردا ئىقىۋاتقان ئىسسىق قاننىڭ جۇشقىسىدا. مىللەتنى ئويغىتىدغان ۋە ئۇنىڭ مىللىي ئېڭىنى ئۆستۇرىدىغان، شۇنىڭدەك مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنى شەكىللەندۇرىدىغان كۈچ بىز. ئىنسانغا ئەڭ كېرەكلىك بولغان كۈچ ئىدىيەدۇر ۋە ئۇنىڭ ئېڭىدۇر. مىللەتنىڭ ئۆلگەن روھىنى تىرىلدۇرۇپ ۋە ئۇنى ھەركەتكە كەلتۇرۇپ بىر نۇقتىدغا مەركەزلەشتۇرۇپ، غايەت زور كۈچكە ئايلاندۇرمىساق، مىللىتىمىز ئۆز ئەركىنلىكىدىنلا ئەمەس بەلكى يەنە، نوۋەتتىكى ماركىزملىق ماتېريالىستىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سېلەرگە شۇنداق خىتاپ قىلىمەنكى، ماشۇ مەجلىستە ئولتۇرغان ھەربىر ياش ئۆز ئەتراپىدىكى مۇناسىۋەتلىرىگە تايىنىپ، تۈرك مىللەتچىلىك ئىدىيەسى تەشۋىق قىلىش، تەرغىپ قىلىش ھەركىتىنى كەڭ قانات يايدۈرۈش كېرەك. چىنلىقلار بىلەن توي قىلىدىغان،ئۇلارنىڭ مەدەنىيەتلىرىگە ھەۋەس قىلىدىغان قىلمىشلاردىن ساقلىنىش كېرەك. نۆۋەتتە مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن ئىلىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرى ئارىسىدا جىددى تىچلىق كىلىشىمى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن سۆھبەتلەر ئېلىپ بىرىلىۋاتىدۇ. بۇ تىچلىق كېلىشىمنىڭ تۈرك مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىش ئاساستا ئېلىپ بىرىلىشىغا بارلىق كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە دەرھال ھەركەتكە ئۆتۈپ گېزىت-جۇرنال چىقىرىدىغان، ئەدەبىيات سەنئەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا مىللىي ئاڭنى، مىللىي سىياسى قاراشنى يىتىلدۇرىش ئارقىلق، دەسلەپكى قەدەمدە تۈرك مىللىتىنىڭ مۇختايرىيەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز. بىز دائىم بەختىمىزنى سىرتىن ئىزدىدۇق، ھىلىھەممۇ سىرتقا يۆلىنىپ ئۆز ئەركىنلىكىمىز قولغا كەلتۇرىمىز داۋاتىمىز، ئەسلى بەخت ئىچىمىزدە. بىز ئۆزىمىزگە تاينىشىمىز، ئۆز كۈچىمىز بىلەن ئۆز ئەركىنلىمىزنى قولغا كەلتۇرۇشكە تىرىشىشىمىز لازىم.بىز تۆلىگەن بەدەللەرگە تۇشلۇق بىر نەتىجىگە ئېرىشىشىمىز كېرەك! ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا بۇ يولدا ئۆلگەن شېتھىتلىرىمىزنىڭ روھلارى قورۇنۇپ قالىدۇ. قىيامەتتە ئۇلارنىڭ ئىككى قولى ياقىمىزغا ئېسىلىدۇ! بۇ ھاياتتا ئادەم ئۈچۈن ئەڭ چوڭ پۇشمانلىق، پۇشايمان بولۇپ قالماي دەپ، قورقۇپ قىلمىغان ئىشلىرىدۇر. بىز ھەرگىز ئىش قىلىشتىن، كۈرەش قىلىشتىن قورماسلىقمىز كېرەك. بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك تارىخىي بىر دەۋردە جىم تۇرىۋېلىشنى ئۆزۈ بىر گۇناھ! چىنلىقلار بىلەن بولغان سىياسى كۈرەشتە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كوممۇنىزم ئىدىيەسىگە قارشى كۈرەش سەپلىرىدە سېلەردەك ئوت يۈرەك مىللەتچى ياشلارنىڭ بىزنىڭ يېنىمدا بولۇشىڭلارنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمىز. بىزدە ئىشلەيدىغان تاپشۇرۇق، ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىللەر بەك كۆپ، ئەمما ئۇ تاپشۇرقلارنى ئىشللەيدىغان، مەسىللەرنى ھەل قىلىدىغان سېلەردەك ئوقۇغۇچىلار يوق. بىز سېلەرگە مۇختاج، سېلەر بىزنىڭ يېنىمىزدا تۇرامسىلەر؟،-

پۈتۈن زالدىكى ياشلار بىردەك “تۇرىمىز!” دەپ توۋلىدى. ھەتتا بەزى ياشلار ھاياجانلانغانلىقىدىن تارام-تارام ياشلارنى تۆكىۋاتاتتى. “ئەردەم باشى تىل” دەپ، مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىنىڭ بۇ تەسىرلىك نۇتقى زالدىكى پۈتۈن ياشلاردا ناھايىتى زور تەسىر قوزغىغان ئىدى. ئارقىدىن ھاياجانلانغان ياشلار كەينى-كەينىدىن سۆزگە چىقىپ،يىللاردىن بۇيان دەرتلىرىنى ئېيتىشقا ئىمكان تاپالمىغان ياشلار، ئىچىدىن ئۆرتۈپ چىققان مۇڭ-زارلىرىنى تەسىرلىك ئىبارىلەپ، كۆپچىلىككە ئاڭلاتتى. بەزىلىرى بۇ يولدا ئۈچ ئەپەندى بىلەن ئاداقىچە بىرگە ماڭىدىغانلىقىنى جاراڭلىق شوئارلار بىلەن نامايەن قىلدى. شۇندىن كېيىن بۇ يىغىننىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە پۈتۈن ئۈرۈمچى مىقياسىدا مىللەتچىلىك ئىدىيەسى توغرىسىدا غۇل-غۇل قوزغالدى ۋە بۇ يىغىلىشتىن نارازى بولغان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسى ۋۇ جۇڭشىن بىلەن باش قوماندا جۇ شاۋلياڭلار، ئۇلارنى جاڭ جىجۇڭغا شىكايەت قىلدى. ئەسلىدىلا بۇ ئىككىسى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا قارشى ئېقىمدىكىلەر ئىدى، ئۇلار ئىزچىل ھالدا مەركىزىي ھۆكۈمەتتىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلىپ، مىللىي ئىنقىلاپنى قانلىق باستۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتاتتى. ئەمدى ئۈچ ئەپەندىنىڭ پائالىيىتى ئۇلارنىڭ تازا چىشىغا تەككەن ئىدى. ھەم بۇ ئىشنى باھانە قىلىپ، ئۈچ ئەپەندىنى مەركەزگە يوللاۋېتىش ئۈچۈن ھەركەتكە ئۆتتى. ئۇلار بۇ پۈرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەركىزى ھۆكۈمەتكە تېلگىرام بېرىپ ئۈچ ئەپەندىنى شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى. نەتىجىسىدە مەركەزدىن ئاگاھلاندۇرۇش كېلىپ، ئىككىنچى مۇنداق يىغىلىشنى قىلماسلىق توغرىسىدا ئۈچ ئەپەندىگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى ۋە شۇ يىغىندا سۆزگە چىققان ياشلارنى نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، ئۈچ ئەپەندى بىلەن كۆرىشىشنى مەنىي قىلدى….

(داۋامى بار)
«يول» ناملىق تارىخىي روماننىڭ «مۇزلىغان شەھەر» ناملىق 10-بابىدىن ئىلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش