سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » مۇزلىغان شەھەر (2)

مۇزلىغان شەھەر (2)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

شۇنىڭدىن ئىتېبارەن ئۈچ ئەپەندىنىڭ پائالىيىتىنى ھەرۋاقىت كۈزىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئارقىسىغا پايلاقچى قويۇپ، ئۇلارنى نازارەت ئاستىغا ئالدى. لېكىن ئۇلار ھەرقانچە قىلسىمۇ ئۈچ ئەپەندىنىڭ ھەركىتىنى پۈتۈنلەي چەكلىيەلمەيتتى. چۈنكى ئىلىدىكى شەرىقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن تېخى تىچلىق بىتىمى ئورنىتىپ بولالمىغانتى. بۇنداق نازۇك ۋەزىيەتتە ۋۇ جۇڭشىن قاتارلىق جاھىل كۈچلەر ئۈچ ئەپەندىگە قاتتىق قوللۇق قىلىشقا پىتىنالمايتتى. يەنە بىر تەرەپتىن جاڭ جىجۇڭ ئۈچ ئەپەندىنى ئۈرۈمچىگە ئەكىلىشتىكى مەخسىتىمۇ ئۇلارنىڭ مىللەتچىلىك ئىدىيەسىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۆزلىرىگە قارشى بولغان ئىنقىلاۋى كۈچلەرنىڭ ئىچىگە بۆلگۇنچىلىك ئۇرۇقىنى تىرىپ، ئۇنى پەرۋىش قىلىپ يېتىلدۇرۇپ، ئاخىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى بىر-بىرىگە دۈشمەن قىلىپ، بۆلۇپ پارچىلاپ ئىدارە قىلىش ئىدى.يەنە بىر جەھەتتىن جاڭ جىجۇڭ ئۈچ ئەپەدىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بولغان نەپرىتىنى سۆۋېت كونسۇلىغا ھەيۋە قىلىپ كۆرسىتىپ، تىچلىق بېتىمدا شەرقىي تۈركىستان زېمىندىكى قولدىن بېرىپ قويىدىغان مەنپەئەتلىرىنى، ئىمتىيازلىرىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈشنى مەخسەت قىلاتتى.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈچ ئەپەندىنىڭ پائالىيەتلىرىگە كۆرىنىشتە قارشى تۇرغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە كۆز يۇماتتى.بۇنداق بىر شارائىتتا ئۈچ ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنىنىڭ ئۇرىقىنى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىغا تىرىش ئۈچۈن، جىددى ھەركەتكە ئۆتتى. ئۇلار بىر تەرەپتىن مىللەتنىڭ ھەرقايسى سىنىپىي قاتلاملىرى بىلەن مۇناسىۋەت باغلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدىكى زىيالىلار ۋە ئۆلىمالار بىلەن ئالاقە ئورناتتى. ھەمدە يىپىق ۋە ئاشكارە ھەر خىل سۆھبەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مۇختارىيەت تەلەپ قىلىش ئىستىكىنى شەرقىي تۈركىستان سەرخىللىرىنىڭ ۋە ياشلىرىنىڭ ئېڭىغا سىڭدۇرۇش ئۈچۈن، ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ باردى. ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۈچ ئەپەندى پۇرسەت قوغلىشىپ يۇرۇپ ئىلىدىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىش پۇرسىتىگە ئاران ئېرىشتى. چۈنكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۈرۈمچىگە سۆھبەت ئۈچۈن كەلگەن ۋەكىللىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ناھايىتىمۇ مەخپى ئىدى. كۈندىلىك پروگراممىلىرىنى سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كونسۇلى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرىلاتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىدكى ئېگىز بويلۇق، قەددى-قامەتلىك، قاپقارا قويۇق بۇرۇت قويۇپ يۇرىيدىغان 40 ياخشلار چامىسىدىكى خۇش پىچىم كەلگەن رەھىمجان سابىرھاجى دەل مەسئۇت ئەپەندىنىڭ جىيەنى ۋە كۈي ئوغلى ئىدى. شۇ ئۇرۇق-تۇققاندارچىلىق مۇنسىۋىتى بىلەن مەسئۇت ئەپەندى ئۆز كۇيئوغلى بىلەن ئەخمەتجان ئەپەندى ۋە ئوبۇلخەيررى تۆرېنى ئۆزۈنىڭ تۇرىۋاتقان ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا چاقىرىپ ئالاھىدە داستىخان سالغان ئىدى. رەھىمجان سابىرھاجى بولسا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئىلى ئىنقىلاۋىنى پىلانلىغان «شەرقىي تۈركىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى»نىڭ رەھبىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىدى. ئۇلار ئەنە شۇ ئۇرۇق-تۇققانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن بىر ئارىغا كېلىپ ئاران كۆرۇشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانتى. بۇ قېتىمقى كۆرۇشۇشتە ئۈچ ئەپەندى ئىلىدىكى ئىنقىلاپ توغرىسىدا خىلە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولغانتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تىچلىق سۆھبىتىگە بولغان كۆز قاراشلىرىنى ۋە تەلەپلىرىنىمۇ ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتكەن ئىدى. بولۇپمۇ مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ مۇختارىيەت تەلەپ قىلىش مەپكۇرەسىنى بىر-بىرلەپ ئىبارىلەپ ئۆتتى ۋە ئەينى چاغدا لەنجۇدا گېنىرال جاڭ جىجۇڭغا بەرگەن تەكلىپ لايھەسىنىمۇ تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. يەنە ئۆزىنىڭ شەخسى پىكىرى سۈپىدە نۆۋەتتىكى تىچلىق سۆھبەتتى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپ قالار دېگەن ئوي بىلەن، بەزى جىددى مەسىللەرنىمۇ قايتا تەكىتلىدى ۋە ئۇدۇلىدا ئولتۇرغا ئەخمەتجان ئەپەندىمگە قاراپ،-

ئەخمەتجان ئەپەندىم، سىز بۇ قېتىمقى تىچلىق سۆھپىتىدە، پەقەت ئىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى بولۇپلا قالماستىن بەلكى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرك مىللىتىنىڭ ئىرادىسىگە، ئۈمىد-ئارزۇلىرىغا ۋەكىللىك قىلىسىز. بىز سىزنىڭ ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆز مىللىتىڭىزنىڭ مەۋقەسىدە تۇرىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمىز.لېكىن سېلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرى ئاستىدا تۇرۋاتىسىلەر. بۇ ھەممىسىزگە ئايان بىر مەسىلە. شەخسەن مەن ھېچ بىر زامان سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئىشەنمەيمەن. شۇنداقتىمۇ بىزلەر، سېلەرنىڭ يىنىڭلاردا تۇرىمىز. سېلەرنىڭ تىچلىق سۆھبىتىدە ھەممىمىز ئورتاق كۆزلىگەن نەتىجىگە ئىگە بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە قولىمىزدىن كېلىدىغان ياردەمنى قىلىمىز. چۈنكى بۇ قېتىمقى پۈرسەت بىز ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم، بۇنى تەكىتلىمىسەممۇ سىزگە ئايان. ئەنە شۇنداق پۇرسەت كەلگەن ئىكەن، ئۆز تەلەپلىرىمىزنى ئەتراپلىق ئويلۇشۇپ، دادىللىق بىلەن ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە قويۇش تۈرك مىللىتىنىڭ ھەققى،-

ئەلۋەتتە بۇ مېھماندارچىلىققا رەھىمجان سابىرھاجى بىلەن ئەخمەتجان ئەپەندىنىمۇ بىللە چاقىرىشتا بىر مەخسەت بار ئىدى. ئۇلارغا ئۈچ ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ نەچچە يىللاردىن بېرى ئېلىپ بىرىۋاتقان مۇجادىلىسىنىڭ مەخسىدىنى بىلدۇرۇپ قويۇش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ئويلىرىنى دەڭسەپ بىقىش ئىدى. مۇمكىن بولسا ئورتاق پىكىر بىرلىكى ئىچىدە، تىچلىق سۆھبىتى ئارقىلىق ياخشى بىر نەتىجىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلاتتى.
ئەخمەتجان ئەپەندى ئوتتۇز ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان، تەق-تۇرقى قاملاشقان، خۇش چىراي، كىچىك پىئېل كىشى ئىدى. دائىما ئورتا بوي تۇرقىنى تىكمۇ تىك تۇتۇپ يۇرگەنلىكى ئۈچۈن، ئېگىز كۆرۈنەتتى. ئۈستى-بېشىدىكى كىيىملىرى مەلەك ماشىنچىلار ئۆز قولى بىلەن ناھايىتى ئالاھىدە تىككەندەك بەكمۇ ياراشقان ئىدى. ئۇنىڭ كاستۇمىنىڭ ياقىسىدكى ئاي يۇلتۇزلۇق ئوردىن ئۆيدىكى ئېلىكتىر چىرىقىنىڭ نۇرىدا ۋال-ۋال قىلىپ يالتىراپ، ئۈچ ئەپەندىنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلپ قىلغانتى. قاراكۆك سارجا بۇرۇلكىسىنىڭ قىرلىرى ياخشى تاۋلانغان قىلىچنىڭ بىسىدەك ھېچ بۇزۇلماي تىك تۇراتتى. پاقىراپ تۇرغان قارا خۇرۇم شىپلىتىنىڭ رانتىسىدىكى موملانغان كاناپ يىپ بىلەن تىكىلگەن ئۇششاق تىكىشلەر، بىر تىزىق ئۇنچىدەك يالتىراق كۆرىنەتتى.قىسقا چاچ قويىۋالغان بېشىغا قۇياش، يول ۋە بۇغداي باشاقىدىن تەشكىل قىلغان ئالما چېچىكىدەك كۆرىنىدىغان سۈرەت كەشتىلەنگەن ئىلى تارانچىلىرىنىڭ بىغىرەڭ دۇخاۋا دوپپىسىنى كىيىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ كەڭ پىشنىسىنىڭ ئاسىتىدىكى قويۇق قاشلىرى، بىر جۇپ قارا قاشتېشىدەك چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى،ئۆزىگە ياراشتۇرۇپ قويۋالغان قاپقارا بۇرۇتى، پاقىراپ تۇرغان لەۋلىرى ئاراسىدىكى ئۇنچىدەك يالتىراپ تۇرىدىغان مەزمۇت چىشلىرى, ئۇنىڭ بۇغداي ئۆڭلۇك يۈزىگە شۇنچىلىك ياراشقان ئىدى. ئۇنىڭ چىرايدىكى ئۇرغۇپ تۇرغان جۇشقۇنلىقى بىلەن بەقۇۋەت گەۋدىسى ئۇنى تېخىمۇ جەسسۇر قىلىپ كۆرسىتەتتى. ئەخمەتجان ئەپەندىم ھازىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي بۆلۈم باشلىقى، ھۆكۈمەت ئەزاسى، ھەربىي ئىشلار ھەي ئىتىدىكى بەش ئەزانىڭ بىرى ۋە بۇ قېتىمقى تىچلىق سۆھبىتىنىڭ ۋەكىلى ئىدى. ئۇ، سورۇندىكى ھەممە سەپداشلىرىنىڭ سۆزلىرىنى بىر-بىرلەپ شۇنچىلىك دىققەت قىلىپ ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆز قاراشلىرىنى يوشۇرمايلا، خۇددى كونا تونۇشلار ئالدىدا پاراڭ قىلغاندەك، ئەركىن ئولتۇرۇپ ئىبارىلىدى،-

ئەلۋەتتە سىز ئېيتقاندەك ئۆز تەلەپلىرىمىزنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قويىمىز ۋە ئۇلارنىڭ تەكلىپلىرىنىنى ئويلۇشۇپ مۇزاكىرە قىلىمىز. كېلىشىم دېگەن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئۈستىگە تۇزىلىدۇ. ھەرگىز ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى دەپ، شۇنچە بەرگەن قۇربالارنى، تۆكۇلگەن قانلارنى زايە قىلىۋىتىدىغان ئىش بولمايدۇ. بۇ جەھەتتىن ھەممىمىز خاتىرجەم بولساق بولىدۇ! خەلق ماڭا ئىشىنىپ مېنى ۋەكىل قىلغان ئىكەن، ئەلۋەتتە خەلقىمنىڭ پۈتۈن مەنپەئەتىنى قوغاداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن ۋە ھەققانىيەت يولىدىن ھەرگىز يانمايمەن. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا تىنىچلىق سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا بىر نېمە دېيىشكە تېخى بالدۇر. بىرىنچى قېتىملىق سۆھبەتتە نۇرغۇن مەسىللەردە بىرلىككە كېلەلمىدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر خىل ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەك. بىز گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرسەتمە لايىھەسىنى كۆرۇپ، مۇزاكىرە قىلدۇق. بۇنىڭدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى قىلچە ئىتىبارغا ئېلىنماپتۇ. ئۇنىڭدىكى ئىبارىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇرۇندىن تارتىپ ئۇلار دەپ كىلىۋاتقان گەپلەر، ئەمما ئىجرا قىلىنماي قەغەز يۈزىدىلا قالغان. بىزنىڭ نۆۋەتتە تەلەپ قىلىۋاتقىنىمىز مۇختارىيەتتىن ئۈستۈن بولغان ئالىي مۇختارىيەت.يەنى بۇنىڭ ئىچىدە ئۆز مىللىي ئارمىيەمىزنى، ئۆز بايرىقىمىزنى ساقلاپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. مانا بۇ مەسىلىدە ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبەتتىمۇ كۆپ تالاش تارتىش بولىۋاتىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا بىزنىڭ قاراشلىرىمىز بىلەن سېلەرنىڭكىدە كۆپ پەرق يوق. بىزنىڭ ماڭغان يوللىرىمىز ھەر خىل بولغىنى بىلەن بەرىبىر بارىدىغان نىشانىمىز ئوخشاش. ئۇنىڭ ئۈچۈن بىز بىر-بىرىمىزدىن كۆپ گۇمان قىلمىساقمۇ بولىدۇ. بىزنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇغانلىقىمىز ۋە ئۇلارنىڭ قورال-ياراق ياردىمى بىلەن بۇ ئىنقىلاپنى قىلىپ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشىمىز،سېلەرنىڭ جۇڭخۇئا مىنگونىڭ ئىنساۋىدىن ئۈمىد كۈتۈپ، مۇختارىيەت ئالىمىز دەيدىغان ئىدىيەرىڭلارنىڭ ئارىسىدا پەرق يوق. تاللىغان ۋاستە ئوخشىمىغان بىلەن بەرىبىر نىشانىمىز ئوخشاش. ھەممىز ماشۇ مىللەتنىڭ نېنىنى يەپ، سۇيىنى ئىچكەن ئوغلانلىرىبىز. 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن باشلاپ نۆۋەتتىكى خەلق ئارا ۋەزىيەتكە قارىغاندىغان بولساق بەزى مىللەتلەرنىڭ كىم بولغانلىقى، ئۇنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى، نېمىنى قوبۇل قىلىپ، نېمىنى رەت قىلىشىنى كۆپ ۋاقىتلاردا دۇنيادىكى مۇھىم كۈچلەر بەلگىلەۋاتىدۇ. دېمەككى كۈچلۇك دۆۋلەتلەرنىڭ بىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىگە قارار بېرىشىدىن بۇرۇن، ئۇ ئۆزىنىڭ كىم بولغانلىغىغا قارار بىرەلمەيۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاجىزلار ئەڭ ئاخىرىدا مەغلۇپ بولىۋاتىدۇ. بۇنى مەن ئېيتمىساممۇ مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى ئۆزۈ ئومدان بىلىدۇ، دەپ قارايمەن. دائىم ئۇرۇشنى ئاجىزلار قىلغان بىلەن ھۆكۇمنى كۈچلۇكلەر بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاجىسلار داۋاملىق كۈچلۇك بولۇشنى ئويلىشى لازىم. بۈگۈنكى دۇنيادا ئاجىز مىللەتلەرنىڭ نېمىگە ئەھمىيەت بىرىدىغانلىغى ھېچقانداق مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى دۇنيانى كونتىرول ئاستىغا ئالغان كۈچلەرنىڭ ۋە دۆۋلەتلەرنىڭ نېمىگە كۆڭۇل بۆلىدىغانلىغىدا. ئۇلار دائىم بىزدەك مەزلۇملارنى ئۆزىنىڭ كۈچلۇك دۆۋلەت بولۇش يولىدىكى ۋاستىسى قىلىپ تاللاپ، مەخسەتكە يەتكەندە تاشلاشدۇ خالاس، بۇنىنغا ھەم تېراگېدىيەگە تولغان قانلىق تارىخ گۇۋاھ! شۇنىڭ ئۈچۈن بىزمۇ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ كۈچىدىن قانداق پايدىلىنىشنى، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئىنقىلاۋىنىڭ غەلبىسى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۈچىدىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلىشىمز لازىم. بۇنىڭ ئۆزۈ سىياسەت. سىياسەتنىڭ ئۆزۈ كۈچ. بۇ دۇنيادا كۈچلۈك بولغان ھەرۋاقىت ھەقلىق بولىدۇ. بىز سىياسەتكە تايىنىپ ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئارمىيەسىنى قانداق قىلىپ ساقلاپ قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرىشىمىزنىڭ ئۆزۈ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە. ھازىر بىزنىڭ قولىمىزدا 30 مىڭدىن ئوشۇق مىللىي ئارمىيەمىز بار. مانا بۇمۇ زور بىر كۈچ. بىز ماشۇ كۈچكە تايىنىپ ئادالەت ئىستەۋاتىمىز، دۆلەت ئىستەۋاتىمىز. دۆلەتسىز مىللەتنىڭ مىللىي روھى ئۆلىدۇ، مىللىي روھ ئۆلسە ۋەتەن مۇنقەرز بولىدۇ. ۋەتەن مۇنقەرز بولسا مىللەت پۈتۈنلەي يوقىلىشقا يۈزلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ غايىمىز ئۆزىمىز قۇرغان دۆلەتنى ئامال بار ساقلاپ قىلىش. ئەڭ بولمىغاندا ئالى مۇختارىيەتكە ئېرىشىش. ئەلۋەتتە بۇلارنى باشقىلار سەدىقە ۋە ئىئانە قىلىپ بەرمەيدۇ، ئۇنى بىز كۈرەش قىلىپ قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك، ئاندىن پەرۋىش بىلەن يېتىشتۇرۇپ، ئاسراش كېرەك، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە ئىش ئۆزىمىزنىڭ قۇدرىتىگە باغلىق،-

ئۇ ئاخىردا سۆزىنىڭ تونىنى كۆتۇرۇپ تۇرۇپ،- مىللىتىم ئېزىلگەن، تەڭسىزلىكتە تۇرغاندا، مەن بىر مىللەتچىمەن، مىللىتىم ئېزىلىشتىن قۇتۇلغان، تەڭلىككە ئېرىشكەن چاغدا مەن مىللەتچى ئەمەسمەن،- دەپ سۆزىنى كەستى.

ئەخمەتجان ئەپەندىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئۈچ ئەپەندى، بىر-بىرلىرىگە قاراپ، ئۇزاققىچە نېمە دىيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى. بولۇپمۇ مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىنىڭ ئەخمەتجان ئەپەندىگە بولغان ھۆرمىتى ئاشتى، ئۇ توغرىسىدىكى بەزى گۇڭگا تۇمانلار كاللىسىدىن تارىلىپ كەتتى. ئەخۋالدىن قارىغاندا ئەخمەتجان ئەپەندىنىڭ قاراشلىرى ئۇنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى ئوۋلىۋالغاندەك قىلاتتى. ئۇ شۇ چاغدىلا ئەتراپىنى مىللەتنىڭ ئۈمىدىنىڭ قورشاپ تۇرغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ بىرىدنلا پەيلاسوپ نىتچېنىڭ سۆزىنى ئەسكە ئالدى: “راس، ئادەم دېگەن لاي ئېقىن، شۇ لاي ئېقىننى سىغدۇرۇپ تازىلىۋېتەلەيدىغان دېڭىز كېرەك”، بەلكى بۇ دېڭىز شۇ ئالدىمدىكى يىگىتمىدۇ؟، دەپ ئويلىدى ئۇ ئىچىدە.

بۈگۈن ھاۋا دەھشەت ماناتلىق بولۇپ, سىبىريەنىڭ زەھەردەك ئاچچىق سوغىقى ئۈرۈمچىگە بېسىپ كەلگەن ئىدى. كوچىدا مۇزلاپ تىترەپ، شۇمشەيگەن تۇمشىقلىرىنى چاپىنىنىڭ ئىچىگە تىقىپ كېتىۋاتقان كىشىلەر چاققانراق ئىسسىق بىر يەرگە بىرىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىرايتتى.يوللار مۇز بولۇپ قېتىۋالغاچقا ھەممە يەر غىلتاڭ بولۇپ، يولچىلار قىينىلىپ ماڭالمايتتى. يول ياقىسىدكى دەرەخلەرنى قىلىن قىرو باغلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلگەن شاخلىرى، دار ئالدىدىكى گۇناھكاردەك يەردىن بېشىنى كۆتەرمەي تۇراتتى. ھاۋا بارغانسىرى قارداپ جاللاتنىڭ ئەپتىدەك سۈرلۈك ۋە زەھەرلىك بولۇپ ئۆزگىرۋاتاتتى. مانا ئەمدى تۇيىنى كۆرگىنى بولمايدىغان تۇتۇق ئاسماندىن ئاۋۋال ئۇششاق قار ئۇچقۇنلىرى چۇچىشكە باشلىدى، كېيىن بال قوشۇقتەك قارلار خۇددى ئاسماندىن بىرسى پوملاپ ئېتىۋاتقاندەك يولدىكى كىشىلەرنىڭ ئۈستى – بېشىغا يىغىشقا باشلىغان ئىدى. كۈچلۈك شامال ئەكىلىپ ئۇرغان ئاچچىق سوغۇق خۇددى بۈرگە چاققاندەك ئادەملەرنىڭ يۇزلىرىگە سانجىلىپ، ئىچىشتۇرۋېتىپ باراتتى. شامال يەنە كۈچىيىپ بورانغا ئايلانغان ئىدى. كاللەك-كاللەك قارلار ۋىجىلداپ ئۇچۇپ كېلىپ، يولدا ئاران قەدەم ئېلىۋاتقان كىشىلەرنى كۆمۈۋېتىپ باراتتى. دەرەخلەرنى ئۈستىدكى قىرو ۋە قارلار ئاتقان پاختىدەك ئەتراپقا توزۇشقا باشلىدى. قاتتىق بوران ئۆزىگە قارشى يول ئالغانلارنىڭ يولىنى كەسسە، ئۆزىنىڭ يۆلىنىشى بويىچە يول ئالغانلارنى ئىتتېرىپ ئۇچۇرتۇپ كېتىۋاتاتتى. مانا بۇ تەبىئەتنىڭ جازاسى. بىز نېمىنى خاتا قىلدۇق؟ نېمە ئۈچۈن تۇز يول ماڭالمايمىز؟ كۆزلىرىمىزنى ئاچالمايمىز؟ نېمە ئۈچۈن تەبىئەتمۇ بىزگە زۇلۇم سالىدۇ؟

بۈگۈن دەل 2-يانۋار بولۇپ غەربىي بىنانىڭ 2-قەۋىتىدىكى يىغىن زالىدا «11 بىتىم» ئىمزالىنىۋاتقان چاغ ئىدى. بىتىمنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە :

1-مەركىزى ھۆكۈمەت يەرلىك خەلققە ئۆزلىرى ئىشىنىدىغان يەرلىك زاتلارنى مەمۇرىي ئەمەلدارلىققا سايلاش ھوقۇقى بېرىدۇ.
2-ھۆكۈمەت دىنىي كەمسىتىشنى بىكار قىلىدۇ ھەمدە خەلققە تولۇق دىنىي ئېتقاد ئەركىنلىكى بېرىدۇ.
3-دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرى ۋە ئەدىلىيە ئورگانلىرىنىڭ خەت-ئالاقىلىرىدە دۆلەت تىلى ۋە مۇسۇلمان تىللىرى تەڭ قوللىنىدۇ. خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە سۇنغان ئەرز، ئولتىماسلىرىنى ئۆز مىللىتىنىڭ يېزىقىدا يېزىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.
4-باشلانغۇچە ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇش ھەر مىللەتنىڭ ئۆز تىلىدا بولىدۇ. لېكىن ئوتتۇرا مەكتەپلەردە دۆلەت تىلى مەجبۇر دەرس بولۇپ ئۆتىلىدۇ.ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش زۆرۈرىيىتىگە قاراپ، دەرس ئۆتۈشتە دۆلەت تىلى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ تىلى تەڭ قوللىنىدۇ.
5-دۆلەت مىلليى مەدەنىيەت بىلەن سەن ئەتنىڭ ئەركىن راۋاجلىنىشىنى تەمىن قىلىدۇ.
6-ھۆكۈمەت مەتبۇئاتتا، مەجلىسلەردە، نۇتۇق، سۆزلەردە ھۆرلۈكنى تەمىن قىلىدۇ.
7-ھۆكۈمەت خەلقنىڭ ئەمەلىي ئىشلەپچىقىش كۈچىگە ھەمدە ئۇلارنىڭ قۇدرىتىگە قاراپ باج نىسبىتىنى بەلگىلەيدۇ. خەلق ھۆكۈمەت ئالدىدا ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى چۈشەڭەندىن كېيىن، سېلىقنى ئۆزى كۆتۈرىدۇ. ئەمما، بۇ خىل مەجبۇرىيەتنىڭ مىقدارى خەلقنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تەسىر يەتكۇزمەسلىك ئۆلچەم قىلىنىدۇ.
8-ھۆكۈمەت سودوگەرلەرگە ئىچكى-تاشقى سودا ئەركىنلىكىنى بېرىدۇ. ئەمما چەت ئەللەر بىلەن سودا قىلغۇچى سودىگەرلەر مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن چەت ئەللەر ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن سودا شەرتنامىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش كېرەك.
9-خىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەركىبىنى مەركەز قولۇقلايدۇ. ئۇنىڭ ھەي ئەت ئەزالىرىنىڭ سانى 25 نەپەر بولىدۇ. 25 نەپەر ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ھەي ئەت ئەزاسىنىڭ 10 نى مەركەز بىۋاستە تەيىنلەيدۇ. مەركەز بىۋاستە بىۋاستە تەيىنلىنلەيدىغان ئون ھەي ئەت ئەزا رەئىس، باش كاتىپ، ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى، ماليىئە نازارىتىنىڭ نازىرى، ئىجتىمائىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى،مائارىپ نازاتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، تەمىنات نازارىتىنىڭ مۇئاۋىننازىرى، سەھىيە باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە ئىككى مەخسۇس ،ئەي ئەت ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەرقايسى ۋىلايەتلەردىكى خەلق ۋەكىللىرى كۆرسىتىپ مەركەز تەيىنلەيدىغان 15 ھە ئەت ئەزا ئىككى مۇئاۋىن رەئىس، ئىككى مۇئاۋىن باش ئاكتىپ، مائارىپ نازاتىنىڭ نازىرى، تەمىنات نازارىتىنىڭ نازىرى، سەھىيە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، ماليىئە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، ئىجتىمائىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە بەش مەخسۇس ھەي ئەت ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
10-مىللىي ئارمىيە قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.
11-ۋەقە يۈز بەرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىككى تەرەپ قولغا ئالغان زاتلار ۋەقە ھەل قىلىنغاندىن كېيىنكى 10 كۈن ئىچىدە قويۇپ بېرىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەرقانداق باھانە-سەۋەب بىلەن كەمسىتىلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

گەرچە بىتىمگە ھەر ئىككىلى تەرەپ قول قويغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يەنە نۇرغۇن مەسىللەر ھەل بولمىغان ئىدى. ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتى يەنە داۋاملىق ئېلىپ بىرىلىۋاتاتتى. بۇ جەرياندا ئۈچ ئەپەندى ئۆزىنىڭ مىللەتچىلىك ئىدىيەسى كەڭ تەرغىپ قىلىشقا باشلىغان ئىدى. چۈنكى ھەممە كىشىنىڭ دىققىتى بىتىمدە ئىدى. بۇنداق چاغدا ئۈچ ئەپەندىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زىتىغا تىگىدىغان تۈرك مىللەتچىلىك ئىدىيەسى تەرغىپ قىلىدىغان پانتۈركىزملىق ئىدىيە ئەلۋەتتە خىتايلارنىڭ ئومىچىغا تۇز سېپىپ تەمىگە تەم قىتىۋاتاتتى.ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ پائالىيىتىگە جاڭ جىجۇڭ چوماق سوقمىغانتى. پانتۈركىزملىق ئىدىيە بولسا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيەدىكى تۈرك مىللەتلىرىنى ئىدارە قلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ كۈچلەرنىڭ بىرى ئىدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇنداق بىر ئىدىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىدا بىغ ئۇرۇپ چىقىشى، ئۈرۈمچىدىكى سوۋېت كونسۇلىنى پەۋقۇلئاددە بىئارام قىلغان ئىدى، ھەتتا ئۇلار گېنىرال جاڭ جىجۇڭغا ئۈچ ئەپەندىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۇرىپ، ئۇلارنى شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدىن چىقىرۋىتىشنى تەلەپ قىلدى. بۇنداق بىر ۋەزىيەتنىڭ ئىككى تەرەپ تىچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بىرۋاتقان بىر مەزگىلدە شەكىللىنىشى، جاڭ جىجۇڭنىڭ قولىدىكى كوزۇرنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە سەۋەپ بولىۋاتقان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، جاڭ جىجۇڭ بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرى بىلەن تۇزگەن ئون بىر بىتىمنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدا مۇنازىرلىشىپ، جىددى سۆھبەتلەر ئېلىپ بارسا، يەنە بىر جەھەتتىن ئۈچ ئەپەندىنىڭ قويغان تەلەپلىرىنى ئامال بار ئورۇنلايدىغانلىقىغا ۋەدە بىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى پائالىيەتلىرىنى يۇرگىزىشىگە يول قويدى. بۇ ئارلىقتا جاڭ جىجۇڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرىنىڭ ئون بىر بىتىمگە مۇناسىۋەتلىك تەلەپلىرىنى مەركەزگە دوگلات قىلىش ئۈچۈن چوڭ چىڭغا بەرماقچى بولۇپ، ئۆزۈ بىلەن بىرگە ئۈچ ئەپەندىنىمۇ ئېلىپ بارماقچى بولىدۇ. ئەمما ئۈچ ئەپەندى قوشۇلمىغان ئىدى. لېكىن جاڭ جىجۇڭ كەلگۇسىدە قۇرىلىدىغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىشنى تاپىلاپ، ئاخىرى مەسئۇت ئەپەندى بىلەن ئىيسا ئەپەندىنى يىنىغا ئېلىپ چوڭ چىڭغا يۇرۇپ كەتتى. مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى بولسا مەركەزگە بارمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى قارارىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى بىلدۇرۇپ تۇرۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدە قالغان ئىدى. ئۇ, بۇ پۈرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆز ئۆيىدە ياشلار بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۈچرىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاۋانگارت ياشلارنىڭ تىزىملىكىنى تەيارلاپ، كەلگۇسىدە قۇرماقچى بولغان تۈركىستان مىللەتچى پارتىيەسىنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزىش خىزمەتلىرىنى جىددى ئىشلىدى.……

(داۋامى بار)

مەنبە: “يول” ناملىق تارىخىي روماننىڭ “مۇزلىغان شەھەر” ناملىق 10-بابىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش