• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » رومان

رومان

رەسىمدە، چاناققەلئە ئۇرۇشىغا ئاتلاتغان تۈرك بالا ئەسكەرلەر

ئاپتورى: زىيا گۆكئالپ

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ھەبىيبۇللاھ مەتقۇربان

تۈنۈگۈن يەنە ھېلىقى يوچۇن پەيلاسوپ بىلەن پاراڭلىشىپ قالدۇق. ئۇنىڭدىن مۇنداق سورىدىم:

− ياشلىرىمىزدىن بىر قىسمى بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر قىسمى ئىقتىساد ئىشلىرىغا يۈزلىنىپ كەتتى. بۇلار كىتاب ئوقۇيالمايدۇ. ھالبۇكى ھازىرقى ياۋروپا مەدەنىيىتى «كىتاب» نى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر ئەڭ كۆپ ئوقۇغان مىللەتلەر ئەڭ مەدەنىيەتلىك خەلق ھېسابلىنىدۇ. بىزمۇ ياشلىرىمىزدا كىتاب ئوقۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىشمىز كېرەك؟

ئۇ مۇنداق دېدى:

− ھازىر بىزنىڭ ئىچىمىزدە ئوقۇلۇۋاتقان كىتاب پەقەت «رومان» دۇر. ئەللىك – ئاتمىش يىللار ئىلگىرى بىزدە رومان دەيدىغان نەرسە يوق ئىدى. ئەھمەد مىتھات ئەپەندى تۈرك خەلقىنى رومان ئوقۇشقا كۆندۈرۈۋەتتى. بىر مۇنچىلىغان رومان كىتابلىرىنى تەرجىمە قىلدى. يەنە نۇرغۇن رومانلارنى ئۆز تەپەككۇرىغا تايىنىپ يېزىپ چىقتى. يەنى رومانچىلىقنى پەيدا قىلدى.

ئەھمەد مىتھات ئەپەندىدىن بۇرۇن بىر قانچە رومان تەرجىمە قىلىنغان ئىدى. مەسىلەن، ئالېكساندىر دۇمانىڭ «Kont Monte Kristo» ناملىق ئەسىرى ئەڭ قىزىقىپ ئوقۇلغان روماندۇر. تېئودور كاساپ ئىسىملىك بىر رىملىق بۇ روماننى تەرجىمە قىلىپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىدى. ئەھمەد مىتھات ئەپەندى تۈرك خەلقىنىڭ رومانغا بولغان قىزىقىشى ۋە ئېھتىياجىنى چۈشىنىپ يېتىپ، «كېمىچى ھەسەن بىلەن دېھقان ھۈسەين» ناملىق روماننى يازدى. ئۆز تىلىمىزدا يېزىلغان بۇ تۇنجى رومان ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئەھمەد مىتھات ئەپەندى شۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر قانچە رومان يازدى. ھەممىسىدە چۈشىنىشلىك تۈرك تىلىنى ئىشلەتتى. ئۇنىڭ رومانلىرى ئەدەبىي رومانلار قاتارىغا كىرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەدەبىي رومانچىلىققا ئاساس سالغان بايراقدارغا ئايلاندى.

بىز سامىي پاشازادە سەزائىي بەگنىڭ «سەرگۈزەشتە» ناملىق ئەسىرى بىلەن ئەدەبىي رومانچىلىق ساھەسىگە قەدەم قويغان بولدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن خالىد زىيا بەگ «سەرۋەتى فۇنۇن» توپىنىڭ رومانچىسى بولدى ۋە بىر قانچە ئەسىرى ئارقىلىق ئەدەبىي رومانچىلىق ساھەسىنى جانلاندۇردى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بىزنىڭ ئىچىمىزدە ئىككى خىل رومان نەشر قىلىنىپ ھەم ئوقۇلۇپ كەلمەكتە:

1. ھۈسەين رەھمى بەگ (گۈرپىنار) ۋە شۇ تىپتىكى يازغۇچىلار بولۇپ، بۇلار ئەھمەد مىتھات ئەپەندىگە ئوخشاش خەلقكە ھۇزۇر بېغىشلاشنى ھەم ھۇزۇر بېغىشلاش ئارقىلىق ئەسەرلىرىگە جەلب قىلىشنى خالايتتى.

2. ئەدەبىي روماندۇر.

بىزدىكى ئەدەبىي رومان ھازىر ئىككى مۇھىم تەرەققىياتنى باشتىن ئۆتكۈزدى: بىرىنچىسى رومانلارنىڭ گۈزەل تۈرك تىلىدا يېزىلىشى، ئىككىنچىسى مىللىي تۇرمۇشنى تەسۋىرلەپ بېرىشكە تىرىشقانلىقىدۇر.

خالىدە خانىم (خالىدە ئەدىب ئادىۋار) بىلەن ياقۇپ قادىرىي (قارا ئوسمان ئوغلى) ۋە رىشات نۇرى (گۈنتېكىن) بەگلەر مەيلى تىل جەھەتتىن، مەيلى مەنە جەھەتتىن بولسۇن ئىنتايىن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى روياپقا چىقاردى.

گەرچە ئۆز تىلىمىزدا بىر قانچە مىللىي رومانلار يېزىلغان بولسىمۇ، مېنىڭچە يەنىلا مىللىتىمىزنىڭ رومانغا بولغان ئېھتىياجى قامدالغىنى يوق. تۈرك خەلقى ھازىر روماندىن باشقا نەرسە ئوقۇمىغاندىكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىتاب ئوقۇش مەدەنىيلىكنىڭ ئۆلچىمى بولغاندىكىن، دەۋرىمىز مائارىپچىلىرىمۇ رومانچى بولۇشى كېرەك.

ئاھ رومانچىلار! ئاھ رومانچىلار!

سىلەر ھازىر قولۇڭلاردا بار پۇرسەتنىڭ قىممىتىنى ئازراق بولسىمۇ ھېس قىلغان بولساڭلار، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خەلقنىڭ ئەخلاقىنى ئۆزگەرتەلەيتتىڭلار.

ھەر كۈنى بىر مۇنچىلىغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھادىسلىرى يۈز بەرگەنلىكىنى گېزىتلاردا ئوقۇۋاتىمىز. بۇلاردىن يۈزدە توقسان توققۇزىدا رومانلارنىڭ تەسىرى بار. رومانلارنىڭ پسىخىكىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى زوردۇر. رومان بىر تەرەپتىن خەلقتىن ئالسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقكە بېرىدۇ.

خالىد زىيا بەگنىڭ «كۆك ۋە قارا» ناملىق رومانىدىكى ئەڭ يارقىن پىرسۇناژ بولغان ئەھمەد جەمىل سەرۋەتى فۇنۇن توپىنىڭ جانلىق بىر سىمۋولىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

رىشات نۇرى بەگنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «چالىقۇشى» رومانىدىكى پەرىدەنىڭ ئوبرازىمۇ بۈگۈنكى تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. لېكىن مەيلى ئەھمەد جەمىل بولسۇن ياكى چالىقۇشى بولسۇن، بىر قېتىم ئەدەبىيات تۈسىنى ئالغاندىن كېيىن دەۋرنىڭ ياشلىرىغا تەسىر كۆرسەتتى. سەرۋەتى فۇنۇن دەۋرىدە نۇرغۇنلىغان ياشلار بەئەينى ئەھمەد جەمىلگە ئوخشاش ھېسسىياتتا بولۇشقا ۋە شۇنداق تەپەككۇر قىلىشقا باشلىدى.

چالىقۇشى يېزىلغاندىن كېيىن ياش قىزلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى چالىقۇشى چاغلايدىغان بولدى. ئەھمەد جەمىل بىلەن چالىقۇشى ئوبرازلىرى ئەدەبىياتنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشقا قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنىڭ ئەڭ يارقىن مىساللىرىدۇر. ھەر ئىككىسىنىڭ بۇنداق كۈچكە ئىگە بولۇشى بۇرۇنقى خەلق تۇرمۇشىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلىگەنلىكىدىندۇر.

ئەدەبىيات دېگىنىمىز شۇنداق بىر پەرى قىزىدۇركى، ئەسەرگە كىرسە ئۇنى جانلاندۇرىدۇ. شېئىر بىلەن مۇزىكا بۇ پەرىنىڭ قاناتلىرى بولۇپ، رومان مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەندۇر.

رومان شۇنداق قالتىس بىر رەسسامدۇركى، پەلكۈچى توز قۇيرۇقىدىندۇر. شۇنداق بىر شائىردۇركى، قەلىمى ئالتۇندىندۇر. شۇنداق بىر مۇزىكانتتۇركى، سازى ئاق ئالتۇندىندۇر.

بىزدىكى رومانچىلىق تېخى تەربىيىۋى رولىنى جارى قىلدۇرالىغىنى يوق. ياشلارغا سىڭدۈرمەكچى بولغان پۈتۈن ھېس – تۇيغۇلار، ئىرادىلەر ۋە پىكىرلەرنى رومان ئارقىلىق ئىنتايىن قولاي سىڭدۈرگىلى بولىدۇ. لېكىن تولىمۇ ئەپسۇسكى، بىزدە يېزىلغان ئەدەبىي رومانلارنىڭ سانىمۇ ئاز، ساپاسىمۇ تۆۋەن بولۇپ، رومانلاردىكى باش پىرسۇناژلارنىڭ كۆپىنچىسى جانلىق ئوبراز يارىتالمىغان.

ناۋادا بىز ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە ھەم ئەينەكلىك رولىنى ئۆتەيدىغان، ھەمدە تەسىر قوزغىيالايدىغان ئاكتىپ كۈچ بولغان بۇنداق بىر قورالدىن تولۇق پايدىلانماقچى بولساق، ياۋروپا تىللىرىدا قانچىلىك رومان ۋە ھېكايىلەر يېزىلغان بولسا، شۇلارنىڭ ھەممىسىنى «ياخشى تىل ئۇسلۇبى» بىلەن ئۆز تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىشىمىز كېرەك. بۇ تەرجىمىلەر ھەم ئەدەبىياتنى، ھەم تىلىمىزنى بېيىتىدۇ. شۇنداقلا كۇتۇپخانىلىرىمىزنىمۇ موللاشتۇرىدۇ.

تەرجىمە قىلىشقا تېگىشلىك ئەدەبىي رومانلار ئىنتايىن كۆپ. بۇلارنىڭ ئىچىدىن بىزگە پايدىلىق بولغانلىرىنى دەرھال تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىپ چىقىشىمىز كېرەك. بۇ ئەدەبىي رومانلار تىلىمىزدا غايەت زور بىر كۇتۇپخانا بەرپا قىلىشى كېرەك.

بىر روماننى قاتتىق بېرىلىپ ئوقۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ «رومانتىك» بولۇشى شەرت. شۇڭا رومانتىك تەرجىمە قىلىشتىن باشلاش لازىم. تەرجىمە قىلىنغان رومانلاردىن بىر «رومان كۇتۇپخانىسى» قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. بۇ شۇنداق بىر كۇتۇپخانىدۇركى، پۈتۈن كىتابلارنى ھۇزۇرلىنىپ ئوقۇغىلى بولسۇن! تەربىيىۋى خاراكتېردىكى ئەسەرلەرگە تولسۇن!

خىلمۇخىل تىللاردا يېزىلغان رومانلارنى تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ. تەربىيىۋى خاراكتېردىكى مىللىي رومانلارمۇ ئۆز تىلىمىزدا چوقۇم يېزىلىشى كېرەك. بۇ تېمىدا ئۆز تىلىمىزدا يېزىلغان رومانلار نېمىشقا ئاز؟ مىللىي رومانلىرىمىز نېمىشقا كەم؟

رومان يېڭى دەۋرنىڭ داستانىدۇر. خۇددى داستانلار قەدىمكى دەۋرنىڭ رومانلىرى بولغىنىدەك. روماننىڭ ئاساسلىق پىرسۇناژلىرىنىڭ «رومان قەھرىمانلىرى» دەپ ئاتىلىشىمۇ مۇشۇ سەۋەبتىندۇر.

قەھرىمانلار ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

بىرى، دىنىي قەھرىمانلار بولۇپ، بۇلار «يېرىم تەڭرىلەر» دەپ ئاتىلىدۇ ھەمدە بۇلارغا چوقۇنۇلىدۇ.

ئىككىنچىسى، داستانلار ۋە رومانلاردىكى ئەڭ مۇھىم ئوبرازلاردۇر.

رومان سۇبيېكتىپ ئاڭنى ئوبيېكتىپ رېئاللىق شەكلىدە جانلىق قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ. سەنئەت كۈچى ۋە ھېسسىياتى بىلەن ھەر بىر ئاڭنى ئوبيېكتىپلاشتۇرالمايدىغان يازغۇچى ياخشى رومانچى بولالمايدۇ. سۇبيېكتىپ تەپەككۇر قىلىش رومانچىلىققا زىيانلىقتۇر. سۇبيېكتىپ تەپەككۇر قىلىش ئىلمىي ئىش بولۇپ، سەنئەت ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنى چۈشىنىشتىن تۇغۇلىدۇ. سەنئەتكاردا بىر بالا روھى ياكى ئىپتىدائىي بىر ئىنسان بار بولۇپ، سەنئەتكارلار شۇلارغا ئوخشاش پەقەت ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىلا كۆرىدۇ.

رومان تارىختىنمۇ توغرا تارىختۇر دەيدىغان گەپ بار. مېنىڭچە رومان ئوبيېكتىپ بىر جەمئىيەتشۇناسلىقتۇر. ئەڭ ئېغىر مەسىلىلەرنى رومان ھەل قىلالايدۇ. بۇ دەۋردە جەمئىيەتشۇناس بولمىغان بىر يازغۇچى ياخشى رومانچى بولالمايدۇ. ياخشى بىر رومانچى بولۇش ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىقىنى، مىللىتىمىزنىڭ ۋە دەۋرىمىزنىڭ پسىخولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىپ كۆزىتىش كېرەك.

ھازىر بىزگە خاس بىر قىسىم ئىجتىمائىي مەسىلىلەر بار بولۇپ، بۇنداق مەسىلىلەر ياۋروپادا يوق. ھازىر نىكاھلىنىشتا، ئاجرىشىشتا ۋە مىراستا باراۋەر بولۇش پىرىنسىپى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلۈۋاتقان تۈرك ئائىلە ئىنقىلابى بىزگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم ئىجتىمائىي مەسىلىدۇر. چۈنكى ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنىڭ ھۈجەيرىسى ئائىلىدۇر. دېموكراتىك بىر جەمئىيەتتە ئائىلىمۇ دېموكراتىك بولۇشى كېرەك. جۇمھۇرىيەت تۈزۈلمىسىدىكى بىر دۆلەت ئىچىدىكى ئائىلىمۇ جۇمھۇرىيەت پىرىنسىپلىرىغا مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. دېموكراتىيەنىڭ ئاساسى باراۋەرلىك، جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاساسى ئەركىنلىكتۇر. شۇنداق بولغانىكەن، ئائىلىمۇ باراۋەرلىك ھەم ئەركىنلىك پىرىنسىپلىرىغا ئاساسلىنىشى كېرەك.

خۇددى ياۋروپا مەكتەپلىرىدىمۇ ئائىلە مەسىلىسىنى ھەل قىلغىنى رومان بولغىنىدەك، بىزدىكى ئائىلە مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدىغىنىمۇ شۇ روماندۇر.

رومان بىزگە نىسبەتەن كۆڭۈللۈك بىر مەكتەپتۇركى، بۇ مەكتەپتە بىز ئېھتىياجلىق بولغان ھەر قانداق نەرسىنى ئۆگىنەلەيمىز. ئۇ شۇنداق بىر مەكتەپتۇركى، بىز ئۆيىمىزدە ئولتۇرساقمۇ ئالدىمىزغا كېلىدۇ. ھەم كۆڭلىمىزنى ئاچىدۇ، ھەم مەلۇماتلىق قىلىدۇ.

رومان ئالدىمىزغا قەدەر كەلگەن بىر تىياتىردۇركى، ئۇنى ھۇجرىمىزدىن چىقماي ئولتۇرۇپمۇ تاماشا قىلالايمىز.

رومان بىزگە نىسبەتەن جانلىق بىر مۇزېيدۇركى، ئۇ يەردە ئەسلىي ئوبرازلارنىڭ جانلىق ھەيكەللىرىنى كۆرەلەيمىز.

رومان بىزگە نىسبەتەن بىر ئەسىردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىر سائەتلىك كۆرۈنۈش ئىچىگە سىغدۇرالايدىغان بىر قورالدۇر.

يىغىپ ئېيتقاندا، رومان بىزگە نىسبەتەن ھەممە نەرسىدۇر. ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

(جۇمھۇرىيەت، 1924 – يىل، 23 – سېنتەبىر)

مەنبە: زىيا گۆكئالپنىڭ «چىنار ئالتى يازىلارى» ناملىق ئەسىرى، توكەر نەشرىياتى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top