ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2-قېتىملىق «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2020-يىلى 18- ۋە 19- يانىۋار شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » مۇزلىغان شەھەر (3)

مۇزلىغان شەھەر (3)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

3-ماي گېنىرال جاڭ جىجۇڭ غەربىي شىمال ھەربىي-مەمۇرى مەھكىمىسىنىڭ مۇدىرى ۋە “شىنجاڭ” ئۆلكىسىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىپ كەلدى. مەسئۇت ئەپەندى بولسا تەپتىشلىككە تەيىنلەنگەن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۈچ ئەپەندى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قۇرماقچى بولغان تۈركىستان مىللەتچى پارتىيەسىنى قۇرۇش ئۈچۈن، كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، مەركەز بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرسىدىكى بىتىم رەسمى ئەمەللىشىدىغان باسقۇچقا قەدەم باسقانلىقى ۋە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلدىغانلىقى ئۈچۈن، گومىنداڭ تەرەپ بۇلارنى باھانە قىلىپ، پارتىيەنى قۇرۇشقا ئىمكان بەرمىدى. بۇنداق بىر تارىخىي ۋەزىيەتتە ئىيسا ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇلار «ئالتاي نەشرىياتى» نى قايتا جانلاندۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ پىكىر ۋە ئىدىيەلىرىنى ئالتاي مەجمۇئەسىنىڭ تۈركىسى ئاستىدا، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان زېمىنىغا كەڭ يېيىش كۈرىشىگە ئاتلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۇلار «ئەرك» ناملىق كۈندىلىك گېزىتنى نەشىردىن چىقىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇردى. بۇ گېزىتنىڭ باش مۇھەررىرى مۇھەممەدئىمىن ئەپەندى، ياردەمچى مەھەررىرى پولات قادىرى بولدى. پولات قادىرى بولسا يىگىرمە يەتتە ياشلاردىكى بوي-بەستى ئورۇق، ئېگىز كەلگەن، پىشانىسى كەڭ، قاشلىرى قارا، غورۇلايكۆز، يۈزى سەل يۇمۇلاق، قۇلاقلىرى سەل چوڭ، بۇرنى ئېگىز، لەۋلىرى نېپىز، ئېغىزى كىچىك، شالاڭ ساقال-بۇرۇتلىرى پاكىز قىرىلغان، ئاق ئۆڭلۈك، زىيالى سۈپەت ئوغلان ئىدى. ئۇ ئەينى چاغدا ئۈرۈمچىدە كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ، گالىستۇك قاداب, پوزۇر ياسىنىپ يۇرۇيدىغان ياشلار ئىچىدىكى، بىلىملىك، مىللەتچى ياشلارنىڭ ئەڭ ئالدى ھېساپلىناتتى. پولات قادىرىنىڭ روھى ۋە ئۇنىڭ ئەردەمى ئۇنى ئۆز مىللىتى ئۈچۈن تىنماي خىزمەت قىلىشقا ئۇندەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن, ئۈ, ئۆزىدە مەۋجۇت بولغان بارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن مىللىتىگە ھارماي خىزمەت قىلىدىغان جەڭچىگە ئايلانغان ئىدى. ئۇ ھەر داۋانىڭ ئۇستا سىياسەت، ياخشى تەشۋىقات بىلەن ۋە پۈتۈن كۈچ – قۇۋىتى ئۇچىغا مۇجەسسەملەنگەن قەلەم بىلەن غەلبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. شۇ ۋەجىدىن «ئالتاي نەشرىياتى» نىڭ گۈللىنىشى ۋە «ئەرك» گېزىتىنىڭ تېخىمۇ مول مەزمۇنلار بىلەن خەلققە يۈزلىنىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. ئەنە شۇ ئارزۇ-ئىستەكلەرگە تولغان بىر قەلب بىلەن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى نەشىريات ئىشلىرىغا ئاتىغان ئىدى. پولات قادىرىنىڭ ئەنە شۇنداق تىرىشچانلىقى بىلەن نەشىرياتنىڭ ئىشلىرى باشقىچە يۇرىشىپ كەتتى. بولۇپمۇ بۇ گېزىتكە تۈرك تارىخىي، ئەدەبىياتى، پەلسەپەسى ۋە سىياسەتكە ئائىت ماقالىلار ئۈزۈلمەي چىققاچقا خەلقنىڭ قىزغىن سۆيۇپ ئوقۇيدىغان گېزىتىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. بەزىدە بىر پۈتۈن تۈرك تارىخىغا ئائىت ماقالىلار ئىلان قىلىنسا, بەزىدە سىياسەتكە ئائىت ماقالىلار ئىلان قىلىنىپ تۇراتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە مىللەتنى ئەڭ قىززىقتۇرىدىغىنى ئەدەبىيات ژانىرلىرى ئىدى. ئەدەبىيات بىر مىللەتنىڭ ئەڭ گۈزەل تىل ئۇسلۇبىنى قوللىنىپ تۇرۇپ، شۇ مىللەتنىڭ روھى دۇنياسىنى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى، پىسخىكىسىنى، پەلسەپەسىنى ۋە تارىخىي بىلەن سىياسەتلىرىنى ئېستېتىك يۇسۇندا ئىپادىلەپ بىرىدىغان بىلىم بولغاچقا، بۇ بىلىم مىللەتنى ئۆزىگە ئالاھىدە مەپتۇن قىلغان ئىدى. «ئەرك» كۈندىلىك گېزىتىدە شېئىر، نەسىرلەرنى ئىلان قىلىشتىن باشقا يەنە ھېكايىلەرمۇ ئىلان قىلاتتى. بولۇپمۇ مەسئۇت ئەپەندىنىڭ مول مەزمۇنلۇق، بەدىھىي كۈچكە تولغان قىسقا ھېكايىلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىززىقىشىنى ئالاھىدە تارتقان ئىدى. يىقىندا ئۇنىڭ چوڭچىڭدىكى چاغلىرىدا يازغان «ئىلى دەرياسى»ناملىق نەسىرى «ئەرك» گېزىتىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئوقۇرمەنلەرنى چوڭۇر ئويغا سېلىپ، تەپەككۈر دېڭىزلىرىنىڭ قىرغاقلىرىغا باشلاپ بارغان ئىدى. مەسئۇت ئەپەندى «ئىلى دەرياسى» ناملىق نەسىرىدە, ئۆزىنىڭ يۇرتىدىكى ئىلى دەرياسىغا بولغان سېغىنىشلىق ھېسياتلىرىنى، ئۆكۇنىش ۋە ئىزتىراپلىرىنى، ئۇنىڭدىن كۈتكەن ئۈمىد، ئىستەكلىرىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى ناھايىتى يۇقۇرى بەدىھى تىل بىلەن ئىپادىلەپ، شۇ دەرۋنىڭ سىياسىنى ئارقا كۆرىنىشىنى ئاجايىپ بەدىھى ماھارەت بىلەن ئەكس ئەتتۇرۇپ بەرگەن ئىدى. مانا بۇ ئەدەبىياتنىڭ چەكسىز كۈچى. گەرچە بۇ ئەسەر قەلەم بىلەن يېزىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئەسەرنى مەسئۇت ئەپەندى مىللەتنىڭ قان ياشلىرىنى سىياھ قىلىپ يازغان، چۈنكى بۇ ئەسەرگە پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ روھى چۇغلانغان ئىدى. يەنى ئەسەر بۇنداق يېزىلغان, –

“سالام ئىلى دەرياسى!

سەن بىز بىلەن ئەزەلدىن بىرى دوست بولۇپ كەلمەكتىسەن. سەن ھەرزامان بىزنى قوللاپ-قۇۋەتلىدىڭ، ئۇسسىغاندا، ئۇسسىزلىقىمىزنى قاندۇراتتىڭ. مانا ھازىرقى خاتىرجەمسىز كۈنلەردە يېنىڭنى پانا تارتىپ كەلدۇق. قايغۇ-ھەسرەتلىرىمىزنى ساڭا تۆكۇپ، ئىچىمىزنى بوشاتتۇق، ئەمدى سەل يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلىۋاتىمىز. سەنمۇ بىز ئېيتقان بۇ دەردلەرنى ئاڭلىمىدىڭ ئەمەس ئاڭلىدىڭ. بارلىق يوشۇرۇن ۋە ئاشكارە ئىشلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى بىلگەچكە، بىزنى شۇنچىلىك ئومدان تۇنۇپ يەتتىڭ. بىزمۇ سېنى ئومدان بىلىمىز، چۈنكى، بىز بىر ۋەتەننىڭ ئەۋلاتلىرى. بىر تاۋاقتا ئاش يېگەن، بىر بۇردا ناننى تەڭ بۆلىشىپ يېگەن سەپداشلاردىن بەتەر يىقىن دوستلاردىن بولىمىز. سېنىڭ بىز بىلەن بولغان دوستلىقىڭ بۇنىڭ بىلەنلا قالمايدۇ، يەنە بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ بىللە ماڭغان بىر يولنىڭ يولچىلىرى بولىمىز. بىلەمسەن؟ سەن بىزگە ئاتا يوللۇق! بىزدە ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ ئوخشاش يولنىڭ يولچىلىرى بولۇشنىڭ قانچىلىك قەدىرلىك ۋە ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ بىز سېنىڭ بۈيۈك ۋە ئۇلۇغ نامىڭنى پۈتۈن جاھانغا يېيىپ، جۈملەئالەمگە تونۇتتۇق ۋە سېنى ياخشى كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلدۇق.

جانىم ئىلى!

سېنىڭ قىزلىق سۈپەتلىرىڭ بىزنىڭ تارتىنچاقلىقىمىزغا، بىزنىڭ يىگىتلىكىمىز سېنىڭ نۇمۇسچانلىقىڭغا يوشۇرۇنغان ئەمەسمۇ؟ ئەمدى ساڭا نېمە بولدى؟ بىردىنلا بىزدىن يۈز ئۆرىپ، باشقا يادلار بىلەن ۋە دۈشمەنلەر بىلەن بىللە كۈلىشنى خالاپ قاپسەن…
سەنمۇ بۇنى ئومدان بىلىسەن! ھېچ بىر زامان بۇنداق قىلىقلار ساڭا ياراشمايدۇ! سېنىڭدىن بۇنداق ۋاپاسىزلىقنى ھېچ كۇتمىگەن ئىدىم. تا بۈگۈنگىچە سېنىڭ لاي ۋە سۈزۈك سۇلىرىڭغا قانچىلىك كۆز ياشلىرىمىز ۋە قانلىرىمىز ئارلىشىپ كەتتى. سەن بىزنىڭ قان ۋە ياشلىرىمىزنى ئۆزۈڭ بىلەن بىرگە ئېلىپ يېراق-يېراقلاردىكى كەڭ دالالارغا، چۆللەرگە ۋە دېڭزلارغا ئاپىرىپ تۆكۇش جەريانىدا مىليونلىغان ئىنسانلارنى ئوزۇق بىلەن تەمىنلىدىڭ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئاچكۆز ۋە نەپسانىيەتچى دۈشمەنلەرنى ئۆزۈڭگە مەپتۇن قىلىپ، ئۆزۈڭ تەرەپكە تارتىپ ئەكەلدىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئەقلىگە ھەرخىل ھېلە-مېھكىر، سۇيقەستلەرنى سالدىڭ. بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ بىر ئومدان سۇكىناتىمىز ۋە ئېسەنلىكىمىزنىڭ بۇزىلىشىغا سەۋەپچى بولۇپ قالدىڭ.
يولداشلىق، دوستلۇقنىڭ ئاقىۋىتى ماشۇمۇ؟ بىزدىن نېمە ئۈچۈن رەنجىدىڭ؟ نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك غەمكىن تۇرىسەن؟ نېمە ئۈچۈن يەنە ئۆركەشلىمەيسەن؟ دائىم ئەتراپىڭغا قاراپ ھاڭۋىقىپ تۇرىسەن، ئۇدۇل كۆزىمنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ باقمايسەن، ياكى خىجىل بولىۋاتامسەن؟
سەن خىجىل بولۇشقا ھەقلىق. بۇمۇ ئوغۇل بالىچىلىقنىڭ، ۋاپادارلىقنىڭ ئالامىتى. بۈگۈنكى كۈندە، بىزنىڭ يادلاردىن تۇتقان دوستلىرىمىزمۇ يۈز ئۆرىپ، بىزدىن قىچىشقا باشلىغان چاغدا، سېنىڭ بىزدىن يۈز ئۆرىشىڭگە، تەتۇر قاراشلىرىڭغا بىر نېمە دېيەلمەيمىز. پەقەت خىجىل بولۇشنىڭ ئۆزىنى بىر پەزىلەت دەپ بىلىمىز. ھەي، نى نى قاغانلارنىڭ چېدىرلىرىنى مول رىسقىلار بىلەن تەمىن ئەتكەن تاغ سۇلىرى، بىز سېلەرنىڭ بۈيۈكلىكىڭلاردىن، ئۇلۇغلىقىڭلاردىن قورقۇپ بەزىدە ئىگىلسەك، بەزىدە سۆيدۇق، بىز بۇ ئىشلارنى شۇنداق ئوخشايدۇ دەپ بىلدۇق. ئەمدى سېلەر سۇكۇت قىلىپ تۇرۇشنى قاچانغىچە داۋاملاشتۇرىسىلەر؟ ياكى سېلەر دۈشمەن تەرەپكە ئۆتۇپ كەتتىڭلارمۇ؟ سېلەردە زۇلۇمغا ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرىدىغان بىر كۈچ ۋە نامۇس قالمىدىمۇ؟ نېمە ئۈچۈن مىدىرلىمايسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن ياد ئەلنىڭ زالىملىرى ئۈستىگە سەل بولۇپ كەلمەيسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىك تۇرغان باشلىرىنى ئەزمەيسىلەر؟ ئالىيىپ قارىغان كۆزلىرىنى ئويمايسىلەر؟ دوستلۇق ۋە قىرىنداشلىق دېگەن شۇمۇ؟
ئانا تۇپراقلىرىمىزنى دۈشمەننىڭ پاسكىنا خەيلىرىنىڭ بۇلغاشلىرى، قاتتىق ئۆتۈكلىرىنىڭ تىلغاشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ يامان كۆز بىلەن ھومۇيۇپ قاراشلىرى سېلەرنى ھېچ رەنجىتمىدىمۇ؟ ياكى بولمىسا سېلەر قارا يۈرەك، يىلان چايانلارنى تۇتىمىز دەپ، ئاۋارە بولىۋاتامسىلەر؟ بىلىسىلەرغۇ، ئۇلار بەرىبىر بىر بولۇپ ئىسسىق ئۇۋۇلىرىغا كىرىپ كىتىدۇ. سىرتتا يەنە سېلەر بىلەن بىز يالغۇز قالىمىز. بۇنداق بولىشىنى كۇتىۋاتامسىلەر يا؟
ئاز قالدى، ھېچ بىر زامان ئۈمىدىمىزنى ئۇزمەيلى!
ئەي گۈزەل! لاتاپەتلىك ئىلى دەرياسى!

سەن خۇددى سەرۋى دەرىخىدەك، ئانىسى ئەكىلتىپ سۆيمىگەن قىزدەك نازلىنىپ ئاقماقتاسەن. سېنىڭ بۇژغۇن چىقىرىپ، ئۆركەش ياساپ ئاققان كۈنلىرىڭ بولاتتىغۇ. شۇنداق چاغلاردا سەن بىزنى ئالامەت قورقىتىۋىتەتتىڭ. مېھرىلىك لەۋلىرىنىڭ بىلەن ھېچ ئاياق بېسىلمىغان قىرغاقلارنى سۆيۇپ كېتەتتىڭ.
مىڭ ئەپسۇس، ئۇ سەن سۆيۇپ قانمىغان ھەيۋەتلىك قىرغاقلار ۋە قىيا تاشلار بۈگۈن دۈشمەننىڭ ئاياقلىرى ئاستىدا چەيلىنىپ يەنجەلمەكتە ۋە ئاغرىق ئازابىدىن ئېڭرىماقتا. سەن بۇلارغا قانداقمۇ چىداۋاتقانسەن؟ سېنىڭ ئۆزلۈكىڭگە، مەۋجۇتلىقىڭغا، تارىختىن بۇرۇن بار بولغان غورۇرىڭغا ھېچ تەگمىدىمۇ؟ سەن ئۆزۈڭنىڭ كۈچىنى، تاشقىن سەللىرىڭنى نېمىگە ساقلاۋاتىسەن؟
ئەمدى ئۆركەشلەپ، جۇشقۇنلاپ، تاشقىن ياساپ دۈشمەنلىرىنىڭ بوغ! سېنىڭ كۈچىڭ ئالدىدا، ئۇ ئەبگاھلار چېچ ئىش قىلالمايدۇ. پەقەت بىر مىدىرلىساڭ ۋە شۇنداق قىلىشقا جۈر ئەت قىلساڭ، شۇنىڭ ئۆزۈ كۇپايە. ياكى قورقۇۋاتامسەن؟ بۇ قورقۇنچ دېگەن سۆزنى ساڭا ئىشلىتىشكە تىلىم بارمايدۇ. چۈنكى، بۇ سۆز ساڭا ھېچ ياراشمايدۇ. ئۇنداق ئەمەسمۇ يا؟ سېنىڭ جاۋاب بەرمەي جىم تۇرىۋاتقانلىقىڭدا باشقا بىر سەۋەپنىڭ بارلىقىنى بىلدىم. ئۈزۈلمە! ئۇنداق غەمكىن ۋە ھەسرەتلىك ئاقما! سەن، بىزنىڭ سېنى ياخشى قوغدىيالمىغانلىقىمىزنى، ساڭا نانكۆرلۈك قىلغانلىقىمىزنى يۈزىمىزگە سالما. قارا بىزگە، نېمە قىلماقچى بولغانلىقىمىزنى بىلىمىز. سېنىڭ بىزدىن قانچىلىك پىداكارلىق قىلىشنى كۇتىۋاتقانلىقىڭنى جۈملە ئالەم بىلىدۇ.
ئازراق چىدا..
قانداق پىداكارلىق قىلىدىغانلىقىمىزغا بىر قارا ۋە كۈزەت”،-

بۈگۈن 1946-يىلى 1- ئىيۇل. كۈن چۈش بولماستىنلا ئاسماندا ئوتتەك قىزارغان كۈندىن باشقا بىر پارچىمۇ بۇلۇت كۆرۇنمەيتى. پىژىلداپ تۇرغان ئاپتاپتا، ئۈرۈمچىنىڭ تېمپىراتورىسى تازا كۆتۈرۈلگەن ئىدى. شەھەرنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ تۇرغان تاغ-داۋانلاردىن تارتىپ،ساي تاشلىرىغىچە ھەممىسى ئوت بولۇپ قىززىپ، جاھاننىڭ تىنىغىدىن ئىسسىق ھور چىقىۋاتاتتى. كۈن چوغدەك ئۇيۇپ قاتقان بولۇپ، كۆكنى كۆيدۈرۈپ، ئالەمنى ئاتەشتەك قىزارتىۋەتكەن ئىدى. تەبىئەت يالقۇنلىنىپ قوغ تەكتىگە پاتقان ئىدى. پۈتۈن شەھەر قاغچىراپ، ئاھالە قاق بولۇشقا مەجبۇر بولغانتى. بۇنداق ئىسسىقتا ئىچىلغان قىزىل گۈللەرمۇ ناماششەمگە بارماي تۇرۇپلا پولۇشىپ قالاتتى ۋە ئىچىلىشقا ئاز قالغان غۇنچىلار ئىچىلماي تۇگىلىپلا قىلىپ، قۇرۇپ كېتەتتى. تاڭ يورىماي تۇرۇپ چىللىغان غورازمۇ، كۈن بويى ھورۇنلۇق قىلىپ كاتەكتىن چىقماي، قونداقتا مۇگدەپ ياتاتتى. كۆزلىرىنى چاپاق باسقان كوچا ئىتلىرى بولسا ئىسسىقتىن نەپەس ئېلىشى قىسىلىپ، تىللىرىنى بىر غىرىچ ساڭگىلتىپ، نەردە سايە تاپسا شۇ يەردە يېتىپ ئۇخلايتتى. ئاددا-ساندا كەالگەن خېرىدارلارنىمۇ كۈتۈشكە خوش ياقمىغان دۇكاندارلار، دۇكالىرىنىڭ ئالدىدا سوغۇق چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ، بىر-بىرسى بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ لاپ ئېتىۋاتاتتى. ئىشقا رايى بارمىغان مەدىكارلار بولسا تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، بۇ ھۆكۈمەتتىن ئاللىقانداق ئۈمىدلەرنى كۇتۇپ پاراڭ سوققىشاتتى. يەنە نۇرغۇن ئادەملەر مەيدان تەرەپكە قاراپ ئالدىراپ كېتىۋاتاتتى. مانا بۈگۈن 30 مىڭدىن ئوشۇق ئادەم يىغىلغان مەيداندىكى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى جاڭ جىجۇڭ، مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان ئەپەندىم، مەسئۇت ئەپەندى، ئىيسا ئەپەندى ۋە ئىشاقبېك، بۇرغان شەھىدى ۋە باشقا مەركەزدىن كەلگەن رەھبەرلەرنىڭ ھەممىسى ھاياجان ئىلكىدە تەرلەپ – پىشىپ ئولتۇشقان ئىدى. يىغىندا ئالدى بىلەن رەئىس جاڭ جىجۇڭ «پۈتۈن ئۆلكىدىكى قېرىنداشلارغا مۇراجەت» ناملىق نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە ئۆز ۋەدىلىرىنى بىلدۇرۇپ مۇنداق دېدى: ”….. مەن ئۆلكە رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كۆپچىلىك ئالدىدا شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، چوقۇم پۈتۈن ئۆلكە خەلقىنىڭ ئاددىي چاكىرى سۈپىتىدە تۇرۇپ، پۈتۈن ئۆلكە خەلقى ئۈچۈن سەمىمىي-ساداقەتلىك بىلەن خىزمەت قىلىمەن. مۇنىڭدىن كېيىن خەلقنىڭ دەرد-ئەلىمىنى قانداق ھەل قىلىش، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى قانداق يارىتىش يولىدا پۈتۈن ئەقلىي ۋە جىسمانىي كۈچۈمنى ئايىمايمەن. بۇرۇنقى شىنجاڭ چوڭ زىندان ئىدى، دېدۇق. ئەمدى بىز شىنجاڭنى ئەركىنلىك، باراۋەرلىك گۈلزارىغا ئايلاندۇرىمىز. بىز بۇرۇن شىنجاڭ خەلقى دائىم تەپرىقىچىلىك، تېرورلۇق ۋەھىمىسى ئىچىدە ياشاپ كەلدى، ئەتىگەن تۇرسا كەچكە كۆزى يەتمەيدىغان بولۇپ قالغانىدى، دېدۇق. ئەمدى بىز ھەربىر ئادەمنى تىچ-خاتىرجەم، شاد-خۇرام، تۇرمۇشقا ئىگە قىلىمىز. بىز بۇرۇنقى ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ زور كۆپچىلىكىنى خىيانەتچى، چىرىك ئەمەلدارلار، دېدىق. ئەمدى بىز ئەمەلدارلىرىمىزنى ساغلام، ساپ، تىرىشچان ھەمدە خەلق ئۈچۈن سەمىمىي خىزمەت قىلىدىغان ئەمەلدارلاردىن قىلىپ چىقىمىز. بىز ئۆتمۈشتىكى شىنجاڭ خەلقىنى ئېزىلگەن، ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىنغان خەلق، دېدۇق. ئەمدى بىز ئادەمگە ئەركىنلىك ۋە بەخت بېرىپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى زۇلۇم، ئېكىسپىلاتاتسىيەدىن مەڭگۈ خالىي قىلىمىز. ئومۇمەن، مۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ھەممىلا ئىشىدا ئۆتكەنكى بارلىق يامان ھادىسە، يامان ئادەتلەرنى پاك-پاكىز سۈپۈرۈپ تاشلاپ، دەۋر بۆلگۈچ يېڭى كەيپىيات، يېڭى ھايات يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك……”،-

ئەمما جاڭ جىجۇڭنىڭ سۆزلىگەن جاراڭلىق نۇتۇقى شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدە كۆتۈرۈلگەن گۈلدۇرقاراس چاۋاكلارنىڭ ساداسى ۋە ئاياقلار ئاستىدىن كۆتىرىلگەن چاڭ-توزاڭلار بىلەن بىرگە ھاۋادا لەيلەپ، يەنە شۇ جاينىڭ ئۆزىگە تىنىپ كەتتى. خەلققە ئاتا قىلغان ھوزۇرى بولسا پەقەت ئىسسىق كۈنلەردە يەرگە سەپكەن سۇدەك بىردەمدىلا سىڭىپ كەتتى ۋە كەلتۇرگەن بەخت-سائادىتى بولسا سەپكەن سۇنىڭ سالقىن ھاۋاسىدەك تىزلا ئۇچۇپ كەتتى.……

(داۋامى بار)

مەنبە: “يول” ناملىق تارىخىي روماننىڭ “مۇزلىغان شەھەر” ناملىق 10-بابى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش