ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2-قېتىملىق «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2020-يىلى 18- ۋە 19- يانىۋار شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ۋەزىيەت ئانالىزى » دۇنيا قانچە قالايمىقان بولسا خىتاي شۇنچە مۇقىم

دۇنيا قانچە قالايمىقان بولسا خىتاي شۇنچە مۇقىم


خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر خىتاي تەتقىقاتچىنىڭ ئانالىزى: «دۇنيا قانچە قالايمىقان بولسا خىتاي شۇنچە مۇقىم»

جېڭ يۇڭنىيەن

خىتايچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ئەخمەتجان تۇراق

«دۇنيا قالايمىقان، چۈنكى پۈتكۈل ۋەزىيەت ئۆزگىرىۋاتىدۇ، كەلگۈسىگە توغرا ھۆكۈم قىلىش ناھايىتى تەس. خەلقئاراغا نىسبەتەن، خىتاي يەنىلا مۇقىم، بولۇپمۇ خەلقئارا كونا تەرتىپنى داۋاملاشتۇرۇش تەس، يېڭى تەرتىپ تېخى شەكىللەنمىگەن ئەھۋالدا، خىتاي ئۈچۈن ئومۇمىي مۇقىملىقىنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم.»

«خوڭكوڭ ئىككىنچى قېتىم خىتاي قوينىغا قايتىپ كېلىشى كېرەك»

2019-يىلى دۇنيا خۇددى بىر قازاندا قاينىغان ئۇماچقا ئوخشاش، ئىلگىرى يېنىك داۋالغۇپ تۇراتتى، ھازىر ھەر تەرەپتىن كۆپۈك چىقىشقا باشلىدى: ئامېرىكىدا سايلام يېقىنلاپ كەلدى، پىرىزدېنت ترامپ دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەيىبلىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ ئاق سارايدىكى ئورنىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك؛ ئەنگلىيە سايلىمى ئەمدىلا ئاخىرلىشىشىغا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىشكە يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتى. فرانسىيە سېرىق جىلىتكە ھەرىكىتى بىر يىلدىن كۆپرەك داۋام قىلدى، پىرىزدېنت ماكرون يەنە پېنسىيە تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشقا ئۇرۇندى، نەتىجىدە مەملىكەت بويىچە كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلاشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؛ لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى چېكىدىن ئاشقان سولچىللىق بىلەن چېكىدىن ئاشقان ئوڭچىللىق ئوتتۇرىسىدا ئۇياقتىن – بۇياققا مېڭىپ، ئىقتىسادمۇ بىردەم يۇقىرى – بىردەم تۆۋەن بولدى . . . نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى دۇنيادىكى ئەڭ مۇقىم رايون، لېكىن خىتاي – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ، ئېنىقسىزلىق كۈچىيىدۇ.

ئەڭ تىپىك ئىپادىسى شۇكى، خوڭكوڭ ئۆتكەن يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان مۇقىملىق، قانۇن ئىدارە قىلىش، ئېچىۋېتىلگەن شەھەر ھالىتى، تېز سۈرئەتتە جەمئىيەت پارچىلىنىشى، زورلۇق – زومبۇلۇق قىلىشتەك داۋالغۇش ۋەزىيىتىگە ئايلاندى. لېكىن خوڭكوڭدىكى مالىمانچىلىق ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ئومۇميۈزلۈك خىتاي مىللەتچىلىك كەيپىياتى قوزغالدى، خوڭكوڭ رادىكاللىرى ۋە پەردە ئارقىسىدىكى كۈچلەرگە قارىتا، ئىچكى ئۆلكىلەردە «مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى قەدىرلەش» تەك ئورتاق تونۇش ۋە ئىتتىپاقلىق ئىپادىلەندى.

«خوڭكوڭدا بۇ قېتىم ئۇدا داۋالغۇش بولدى، دەرۋەقە مۇرەككەپ ئارقا كۆرۈنۈش بار، لېكىن ئاساسلىقى يەنىلا ئىچكى قىسىمدا مەسىلە كۆرۈلدى. ئەگەر ئىچكى قىسىم مۇقىم بولسا، سىرتنىڭ ئارىلىشىشى ئىنتايىن تەس.» جېڭ يۇڭنيەن مۇخبىرغا: روشەن سېلىشتۇرما شۇكى، قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر ، زوراۋان ئۇنسۇرلار يۈكسەك دەرىجىدە تەشكىللىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، خىتاينى، خوڭكوڭنى سۆيىدىغان، ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان كىشىلەر بولسا ئىستىخىيەلىك ھەم چېچىلاڭغۇ بولۇپ، كېيىنكىسىنىڭ مۇتلەق مۇقىم كۈچ شەكىللەندۈرۈشى تەسكە توختايدۇ دېدى.

جېڭ يۇڭنىيەن مۇنداق دەپ قارايدۇ: خوڭكوڭ مەسىلىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ھەل قىلىش ئۇسۇلى بولسا «ئىككىنچى قېتىم خىتاي قوينىغا قايتىپ كېلىشى»، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ قەلبىنى، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ قەلبىنى ھەقىقىي خىتايغا قايتۇرۇپ كېلىش

«ھازىر چەتئەل پاسپورتى كۆتۈرۈۋالغان بەزى كىشىلەر خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا مۇھىم ۋەزىپە ئۆتەۋاتىدۇ، بۇنى سىنگاپوردا تەسەۋۋۇر قىلىش تەس. ئۇنىڭدىن باشقا، خوڭكوڭدا تۇرغىنىغا يەتتە يىل توشقاندا قانۇنلۇق پۇقرا بولۇپ، سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ، بۇ تۈزۈمنى ئىسلاھ قىلىش كېرەك. خوڭكوڭنى خوڭكوڭلىقلار ئىدارە قىلىشتا ھەقىقىي خىتاي پۇقراسى بولغان خوڭكوڭلىقلار ئىدارە قىلىش كېرەك، ئەگەر خىتاينى ئېتىراپ قىلمىساق، خوڭكوڭنى قانداقمۇ ئېتىراپ قىلغىلى بولسۇن؟ ھازىر ئۇ ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر ئاغزىدا خوڭكوڭ ئۈچۈن دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار خوڭكوڭنى ئېتىراپ قىلغان قىياپەتكە كىرىۋالغان چەتئەل ئېتىراپ قىلغۇچىلىرىدۇ».
مەنپەئەتدارلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، مۇستەملىكە مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى، چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەت سىڭىپ كىرىشى… تۈرلۈك ئامىللارنىڭ تەسىرىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈگىتىش قىيىن بولۇپ، خوڭكوڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى، بولۇپمۇ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ئۇزاققىچە ھەل قىلغىلى بولمايتتى.

خوڭكوڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئالاھىدە ۋالىسى دۇڭ جيەنخۇادىن ئالاھىدە ۋالى لىن جېڭيۆئېغىچە جامائەت تۇرالغۇ ئۆي تۈزۈمى ئورنىتىشنى ئويلىغان، ئىلگىرى سىنگاپورغا بېرىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، قىيىنچىلىق كۆپ بولۇپ، ئاخىرىدا ئەمەلىيلەشمىدى. ھازىر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى داۋەن رايونى بولغاچقا، بەزى تۈرلەر ۋە قۇرۇلۇشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاسانلاشتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىچكى ئۆلكىلەر بەزى سىياسەتلەرنى مۇۋاپىق يولغا قويۇپ، خوڭكوڭ ئاھالىلىرىنىڭ داۋان رايونىدىن ئۆي سېتىۋېلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سېتىۋېلىشىغا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللاندى.

ئىقتىسادىي ۋاسىتە ئەلۋەتتە مۇھىم، تېخىمۇ تۈپ ھەل قىلىش يولىدا يەنىلا تەربىيە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. جېڭ يۇڭنىيەن مۇنداق دېدى: خوڭكوڭ-ئەنگلىيە دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئوقۇتۇش سېستىمىسىدا غەربنىڭ قىممەت قارىشى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، خىتاي قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ئومۇمىي تونۇش تەربىيەسىدە كومپارتىيەگە، خىتايغا قارشى نۇرغۇن مەزمۇنلار يەنىلا مەۋجۇت، بەزى ئوقۇتقۇچىلار پاكىتقا پىسەنت قىلماي خىتاي ھۆكۈمىتىنى خۇنۈكلەشتۈردى، بەزى تاراتقۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كىشىلەرگە قارا چاپلىدى، بۇ خىل مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەن خوڭكوڭ ياشلىرىنىڭ توغرا سالاھىيەت تونۇشى ۋە مەدەنىيەت تونۇشىنى شەكىللەندۈرۈشى ناھايىتى تەس.

«ئامېرىكا كاپىتالى خىتاي بازىرىدىن ۋاز كېچىشكە ئامالسىز»

خوڭكوڭ مەسىلىسىنىڭ كەينىدە خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ تىركىشىشى بار. 2019 – يىلى 12 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئىككى يىلغا يېقىن سودا سۈركىلىشىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئاخىرى بىرىنچى باسقۇچلۇق ئىقتىساد – سودا كېلىشىمى ھۆججىتىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. لېكىن ئىلگىرى ئامېرىكا تەرەپنىڭ كۆپ قېتىم تەكرارلىشى بازارنى پۈتۈنلەي خاتىرجەم قىلالمىدى، ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم گېپىدە تۇرمامدۇ؟ بەزى خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتاينى چەكلەش ۋە بېسىشى ئاللىقاچان سودا كاتېگورىيەسىدىن ھالقىپ كەتكەن، ئىقتىساد – سودا كېلىشىمى ئىمزالاش – ئىمزالىماسلىقى بەلكىم «ئۇنداق مۇھىم ئەمەس».

جېڭ يۇڭنىيەن بۇ خىل قاراشقا قارشى تۇردى. ئۇ مۇخبىرلارغا ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى دوكتور كىسسىنگېرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنى نەقىل كەلتۈردى، «ئامېرىكا بىلەن خىتاي سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ تاغ ئېتىكىگە كېلىپ بولدى»، «ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش (قۇراللىق ئۇرۇش) يۈز بەرسە، ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنى ۋەيران قىلغانغا قارىغاندا تېخىمۇ چاتاق بولىدۇ». دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىككى ئىقتىسادى گەۋدە، بولۇپمۇ خىتاي دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان.

خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ تىنچلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلىشى دۇنيا ئەندىزىسىگە پايدىلىق، دۇنيا ئىقتىسادىغا پايدىلىق. شۇڭا قانداقلا بولمىسۇن ئامېرىكا بىلەن كېلىشىم ئىمزالاشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتىمەن. ھازىر خاپا بولىدىغان ۋاقىت ئەمەس، بىرىنچى باسقۇچلۇق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، ئەمدى ئۇرۇشقاچ پاراڭلاشساقمۇ چاتاق يوق، لېكىن چوقۇم داۋاملىق سۆزلىشىمىز كېرەك.
جېڭ يۇڭنىيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر دۇنيا قالايمىقانچىلىقىنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى شۇكى، كەلگۈسىدىكى ئېنىقسىزلىق بەك چوڭ، كۆپچىلىكنىڭ ئىشەنچىسى كەمچىل. ھەر قېتىم خىتاي – ئامېرىكا سۆھبىتىدە بۆسۈش بولسىلا، دۇنيا كاپىتال بازىرى شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆرلەيدۇ، ئەكسىچە بولسا تۆۋەنلەپ، خىتاي – ئامېرىكا ئىناقلىقىنىڭ ئىجابىي رولىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
بىر قىسىم ئامېرىكا ئەرباپلىرى ئۈمىد قىلغان ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈل – كېسىل ئۈزۈۋېتىشكە كەلسەك، جېڭ يۇڭنىيەن بۇداق قارىمىدى : «ئامېرىكا پولاتتەك مۇستەھكەم ئەمەس. ئامېرىكا ئىشتات تەرەپدارلىرى بىلەن ھەربىي تەرەپ بەلكىم مۇناسىۋەتنى ئۈزمەكچى بولسا كېرە ، لېكىن ۋال سترېت كوچىسى بۇنى خالىمايدۇ. ۋال سترېت كوچىسىنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى قوللىشى خىتاينىڭ تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئېچىۋېتىلىپ، ئۇلارنىڭ پۇل تېپىشىنى ئۈمىد قىلغانلىق. پەقەت ئامېرىكا يەنىلا بىر كاپىتالىستىك دۆلەت بولىدىكەن، پەقەت خىتاينى سىرتقا ئېچىۋېتىپ، خىتاي – ئامېرىكنى پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىش مۇمكىن ئەمەس.

كاپىتالنىڭ ئوبوروت جەريانىدا قىممىتى ئاشىدۇ. خىتاي پات ئارىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىستېمال بازىرى بولۇپ قالىدۇ، ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە توپى يەنىلا تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، جېڭ يۇڭنىيەن ئامېرىكا كاپىتالىنى خىتاي بازىرىدىن ۋاز كېچىشكە ئامالسىز دەپ قارايدۇ. ئامېرىكا ۋاز كەچسىمۇ ياپونىيە ۋاز كەچمەيدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرمۇ ۋاز كەچمەيدۇ، بۇنى ئامېرىكا قوبۇل قىلالامدۇ؟ خىتاي ئۆزى ئېچىۋېتىلگەن بولغاچقا، ئامېرىكا، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكىدەك غەرب گۇرۇھى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ، كوللېكتىپ خىتاي بىلەن سودا قىلمايدۇ.
بىراق، گەرچە مۇتلەق ئايرىۋېتىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، نىسپىي ئايرىۋېتىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. جېڭ يۇڭنىيەننىڭ قارىشىچە، بەزى ساھەلەردە خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى بېقىنىش دەرىجىسى ئاجىزلايدۇ، لېكىن بۇ يامان ئىش ئەمەس. ئىلگىرى نۇرغۇن خىتايلار ئامېرىكىنىڭ تېخنىكىسىغا ئىزچىل تايىنىشنى خىيال قىلاتتى، كىرىزىس تۇيغۇسى يوق ئىدى، ھازىر بىر – بىرىدىن ئايرىۋېتىلگەندىلا، ئاندىن مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئېڭىنى قوزغىتىپ، ھەقىقىي خىتايلارغا تەۋە نەرسىلەرنى ياساپ چىققىلى بولاتتى .
جېڭ يۇڭنىيەننىڭ مۇخبىرغا مۆلچەرلىشىچە، كەلگۈسىدىكى دۇنيادا ئىككى سىستېما، ئىككى بازار بولىدىكەن: بىرى ئامېرىكىنى مەركەز، يەنە بىرى خىتاينى مەركەز قىلىدىكەن؛ بىر قىسىم دۆلەت ۋە رايونلار ئاساسلىقى ئامېرىكا بىلەن سودا قىلىدۇ، يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەر خىتاي بىلەن سودا قىلىدۇ، يەنە بىر قىسىم ئىككى تەرەپ سودا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.

«ئۈچ قاتلاملىق كاپىتال چوقۇم تەڭپۇڭ بولۇشى كېرەك»

خىتاي – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، خىتاي «ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىش» نى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىقتىسادىي ساھەدىن تەدرىجىي ھالدا ئىجتىمائىي، سىياسىي ساھەگە كېڭەيدى.

جېڭ يۇڭنىيەن ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ئىسلاھاتىنى ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ ئېلىپ بېرىش، ئالدى بىلەن ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئاندىن ئىجتىمائىي ئىسلاھات، سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش كېرەك، دەپ قارىغان.

«بىر دۆلەتنىڭ قەد كۆتۈرۈشىدە، ئۇنىڭ بىر يۈرۈش يېڭى تۈزۈم سىستېمىسىنىڭ بارلىققا كەلگەن – كەلـمىگەنلىلىگە قاراش كېرەك،GDP يۇقىرى، ئېگىز بىنالار كۆپ بولۇپلا قالماستىن، ماكرولۇق ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، خىتاي ھازىر مۇشۇ باسقۇچقا كەلدى.

ئىسلاھات شەخسىي مەنپەئەت، تارماق مەنپەئەتى، گۇرۇھ مەنپەئەتىنىڭ ۋاسىتىسى ئەمەس، بەلكى خىتاي جەمئىيىتىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنى ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئۈچ ساھە تۇرالغۇ، داۋالاش، مائارىپ، ئىقتىسادىي مەسىلە بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت مەسىلىسىدۇر.

ئەگەر قانچە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلسا، جامائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى شۇنچە يۇقىرى بولسا، ئۇ يەنىلا ئىسلاھاتچىلارنىڭ نىشانىمۇ؟ سىز ئۆزىڭىزنىڭ تارماق مەنپەئەتى، يەرلىك مەنپەئەتىنى قوغلىشامسىز ياكى پۈتكۈل جەمئىيەت، پۈتۈن دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرەمسىز؟ ئىسلاھات نامىدا كىچىك كوللېكتىپ مەنپەئەتىنى قوغلىشىش ئۇسۇلىنىڭ چوقۇم ئالدىنى ئېلىش كېرەك».

دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى بولسا كونا تېما، بۈگۈنكى پۇقراۋى كارخانىلارمۇ ئوخشاشلا ئىسلاھات مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە. 2019 – يىلى جەمئىيەتتە كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىغان «996 خىزمەت تۈزۈمى» بۇنىڭ تىپىك مىسالى. پۇقراۋى كارخانىلار خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ناھايىتى زور تۆھپە قوشتى، شۇنداقلا تېخىمۇ ئادىل، ئاشكارا رىقابەت مۇھىتىغا موھتاج، لېكىن بۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق دېگەنلىك ئەمەس.

پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ‹ئائىلە قانۇنى› دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلسا بولمايدۇ. ئەگەر دۆلەت قېلىپلاشتۇرمىسا، تىزگىنلىمىسە، مۇقەررەر ھالدا مەسىلە كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، ئىنتىرنىت تېخنولوگىيەسى ساھەسىدە، بەزى پۇقراۋى كارخانىلار مونوپول ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇ دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇنمۇ؟ ئەگەر كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى نورمىدىن ئارتۇق ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە مەجبۇرلىسا، ئالاقىدار تارماقلار ئاۋاز چىقىرىشى كېرەكمۇ؟ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئەلۋەتتە قىيىن يېرى بار، لېكىن ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك جايلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزگەرتىش كېرەك.

جېڭ يوڭنىيەن تارىختىن نۆۋەتتىكى مەسىلىنىڭ جاۋابىنى تېپىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: پۇقراۋى كاپىتال خىتاي تارىخىدا ئىزچىل مەۋجۇت، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشتىن – ئاخىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەھمىيىتىگە ئىگە. «خىتاينىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئۈچ قاتلاملىق كاپىتالى بار: دۆلەت ئىلكىدىكى، دۆلەت ئىلكىدىكى ۋە پۇقراۋى ئارىلاشما، پۇقراۋى كاپىتال. يېقىنقى زامان ئەجنەبىيچىلىك ھەرىكىتىدىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلار دۆلەت كارخانىلىرىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، ھۆكۈمەت نازارەت قىلىش، سودىگەرلەر باشقۇرۇش ۋە ھۆكۈمەت بىلەن سودىگەرلەر بىرلىشىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، يەنە نوقۇل سودىگەرلەر باشقۇرۇلىدۇ. بۇ ئۈچ قاتلاملىق كاپىتالنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش تەقسىماتى بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردە رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ، لېكىن تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشى كېرەك.

«تارىختا، ئومۇمەن دۆلەت كاپىتالىغا پۇقراۋى كاپىتال كېرەك بولمىسىلا، ياكى ئەكسىچە، پۇقراۋى كاپىتال دۆلەت كاپىتالىنى كېرەك قىلمايدىغان سۇلالە بولسىلا، خىتايدا چوڭ كىرىزىس يۈز بېرىدۇ، مەيلى ۋاڭ ماڭ يېڭى سىياسىتى بولسۇن ياكى ۋاڭ ئەنشى قانۇن ئۆزگەرتسۇن، جەمئىيەت مۇقىم، تەرەققىي قىلىپ گۈللەنگەن مەزگىلدە بولسۇن، بۇ ئۈچ قاتلاملىق كاپىتال چوقۇم تەڭپۇڭ بولىدۇ. جېڭ يۇڭنيەن، ھازى خىتادا بەزىلەر ئاشقۇن سولچى بەزىلەر ئاشقۇن ئوڭچى ئىددىيەدە. بەزىلەر ئومۇميۈزلۈك خۇسۇسىيلاشتۇرۇش، دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىشلەتمەسلىك دەپ قارايدۇ؛ بەزىلەر پۇخراۋى كارخانىلار تارىخى بۇرچىمنى تاماملىدىم، تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىقسام بولىدۇ دەيدۇ. مېنىڭچە مەيلى قايسى خىل لايىھە بولسۇن، ھەممىسى زور كرىزىس كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۈچ قاتلاملىق كاپىتال كىم كىمنى يوقىتىش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى قانداق قىلىش، قانداق قېلىپلاشتۇرۇش مەسىلىسى، ئۈچ قاتلاملىق كاپىتال تەڭپۇڭ بولسىلا، جەمئىيەت ھەرگىز قالايمىقان بولمايدۇ، بىز تېخى ئۇنچىلىك مەغرۇرلىنىدىغان ۋاقىتقا كەلـمىدۇق دېدى».

2020- يىلى خىتاي ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلىمەكتە.
جېڭ يۇڭنىيەن مۇنداق دەيدۇ: نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش گەرچە مۇتلەق نامراتلىقنى يوقاتسىمۇ، ئەمما نىسپىي نامراتلىقنى تۈگىتىشتە يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. خىتاي خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ھەقىقىي، مىللىي دارامەتنى يەنىمۇ ئۆستۈرگەندىن باشقا، كىشىلەرمۇ مائارىپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ مۇكەممەل، تېخىمۇ پىشقان ئىجتىمائىي كاپالەتكە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 2018 – يىلى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان (GDP) كىرىمى 9608 ئامېرىكا دوللىرى، خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ بولسا 48 مىڭ 700 ئامېرىكا دوللىرى بولغان. «خىتايلار ئۆزىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈشىمىز كېرەك، لېكىن ئۇنداق مەغرۇرلىنىدىغان ۋاقىتقا تېخى يېتىپ كەلمىدى، خىتايلار يەنە داۋاملىق تىرىشىشى كېرەك. 2020 – يىلىدىن كېيىن 2035 – يىلىغا بارغاندا قانداق ماڭىدۇ، 2050 – يىلىغا بارغاندا قانداق ماڭىدۇ؟ ئىدراكىنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم.» بولۇپمۇ ھازىرقى باسقۇچتا، ئامېرىكا تەشۋىشلىنىش، ھەتتا ۋەھىمە ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ، خىتاينى نامراتلىق دەۋرىگە قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن، خىتاي ئەقلىنى ساقلاشقا تېخىمۇ موھتاج.

«ئەگەر خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئەقىل – ئىدراكنى ساقلىسا، دۇنيا تىنچ بولىدۇ، ئەگەر ھەر ئىككى تەرەپ ئەقىل – ئىدراك بولمىسا، مۇقەررەر ھالدا سېندىد پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ.» جېڭ يۇڭنىيەننىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا خىتاينى تىرىشىپ توسقان چاغدا، خىتاي ئەكسىچە تېخىمۇ ئوچۇق، كەڭ قورساق بولۇشى كېرەك.

مەسىلەن، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك، خۇاۋېيغا ئوخشاش كارخانىلار پاتېنت تېخنىكىسىنى قوغداشقا ئېھتىياجلىقمۇ؟ ئەلۋەتتە زۆرۈر، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. يەنە ھۆكۈمەتنىڭ تولۇقلىما مەسىلىسى بار، دەسلەپكى مەزگىلدە بىز مىللىي سانائەتنى يۆلەيمىز، ھازىر ئۇلار ئۆسۈپ يېتىلدى، ئۇلارنى ئۆز رىقابەت كۈچىگە تايىنىپ، خەلقئارا بازارغا يۈزلىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك. شۇڭا مەيلى ئىسلاھات بولسۇن، ئېچىۋېتىش بولسۇن، ھەممىسى خىتاينىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن.

جېڭ يۇڭنىيەن خىتاينى «مىڭ سۇلالىسى» دىن تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەشنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. مىڭ سۇلالىسى بىكىنىۋالغانلىقى ئۈچۈن قۇدرەت تاپماي تۇرۇپلا ۋەيران بولۇشقا يۈزلەندى. «خىتاي ئېچىۋېتىلگەن مۇھىتقا موھتاج، ھازىرقىدەك بىكىنمە ۋە دىكتاتۇرلۇق تۈزۈم خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسىز. چۈنكى تەرەققىياتتا ئومۇمىي مىقدارغىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى سۈپەتكە قاراش كېرەك. پەقەت 1 مىليارد 400 مىليون ئادەم پۇختا ئىش قىلسا، خىتاي بويىچە تۈزۈلمە ئەڭ ياخشى تۈزۈلمە بولىدۇ».

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش