ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2-قېتىملىق «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2020-يىلى 18- ۋە 19- يانىۋار شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » مۇزلىغان شەھەر (4)

مۇزلىغان شەھەر (4)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، بىتىمگە ئاساسەن ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردە خەلق سايلىمى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېللەتتى. بۇ سايلام ئارقىلىق خەلق تۆۋەندىن تارتىپ يۇقۇرغىچە ئەمەلىي ھوقۇققا ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتى تۇغۇلاتتى. ئەمما سايلامغا باشتىن ئاخىرى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا باشلىدى. شىمالدىكى ئۈچ ۋىلايەتتىن باشقا شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىدىن بولۇپ يەتتە ۋىلايەتتىكى خەلق سايلىمى پۈتۈنلەي گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قوراللىق ئارلىشىشى نەتجىسىدە ئوڭۇشلىق ئېلىپ بېرىلمىدى. مانا ماشۇنداق مەسىللەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئالدىن پەرەز قىلغان ئەخمەتجان ئەپەندىم، بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە تەمىرات نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان مۇھەممەدئىمىن ئەپەندىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەتلەردە ئېلىپ بېرىلدىغان سايلامغا نازارەتچىلىك قىلىشقا مەسھۇل قىلىپ تەيىنلىنگەن ئىدى. چۈنكى ئەخمەتجان ئەپەندى، مۇھەممەدئىمىن ئەپەندىگە ئىشىنەتتى. ئۇلارنىڭ ماڭغان يوللىرى باشقىدەك كۆرۇنسىمۇ، ئەمما بارىدىغان مەنزىلى ئوخشاش ئىدى. خۇددى ھەر دەريانىڭ ئاققان يولى ئايرىم بولسىمۇ، ئاخىرى بېرىپ دېڭىزغا قۇلغىنىدەكلا بىر ھەقىقەت ئىدى. ئەنە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەردەم مۇھەممەدئىمىن ئەپەندىنىڭ خاس مۇھاپىزەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 1946-يىلى ئۆكتەبىرنىڭ بېشىدىن 1947-يىلى فېۋرالغىچە قەشقەر، يەكەن ۋە ئانا يۇرتى خوتەنلەردە زىيارەتتە بولۇپ، تۆنۈگۈنلا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن ئىدى. بۈگۈن ئۆزۈ يالغۇز ئۆينىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپ، ئۆتكەن تۆت ئايدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى بىر-بىرلەپ ئوي – خىيالىدىن ئۆتكۈزگەچكە، ئۇنىڭ پۈتۈن روھىنى يۇرتى ھەققىدىكى ھەرخىل خىياللار كەينى-كەينىدىن كېلىپ ئورىۋالغان ئىدى. شۇڭا ئۇ، ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇپ تۇرغان تۆت تامدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئىختىيارسىز ئۆزىنى تالاغا ئاتقان ئىدى.

ئادەتتە فېۋرال كىرىش بىلەن تەڭ ئۈرۈمچىدە قىشنىڭ سوغۇقى تازا پەللىگە چىقاتتى. بۇنداق چاغلاردا ئۈرۈمچى ئاھالىلىرى مۇھىم ئىشلىرى بولمىسا تالا-تۈزگە چىقىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيتى. بولۇپمۇ بۇ يىل سوغۇق باشقا يىللارغا قارىغاندا تېخىمۇ قاتتىق بولغاچقا، ئادەملەرلا ئەمەس، بەلكى تەبىئەتمۇ قاتتىق سوغۇقتىن تىپتىنىق بولۇپ كەتكەن ئىدى. ھەتتا شۇنچە سوغۇققا بەرداشلىق بېرىدىغان ئىتلارنىڭمۇ كوچىلارنىڭ بۇلۇڭلىرىدا توغلاپ قالغانلىرى يوق ئەمەس ئىدى. شۇڭا بۇنداق قەھرىتان قىشتا كىممۇ تالاغا چىقىپ بىكاردىن بىكارغا ئايلىنىپ يۇرىيدۇ دەيسىز؟ ئەمما شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ئەردەم مەخسەتسىز ھالدا ئاققۇۋۇق ئەتراپىدە ئايلىنىپ يۇرەتتى. ئۇنىڭ ئالغان قەدەملىرى ئۆزىنى نەرگە ئاپىرىپ كېتىۋاتقانلىغىنى ئۆزۈ بىلمەيتتى. ئۇ، قىزىرىپ كەتكەن يۈزىنى يىڭنە سانجىغاندەك ئىچىشتۇرۋېتىپ بارغان ئاچچىق سوغۇققا پەرۋا قىلىپمۇ قويمايتتى. ھەتتا زەھەردەك سوغۇق ئۇنىڭ قاتتىق سۆڭەكلىرىدىن ئۆتۇپ، ئىچىدىكى ئىلىكىنىمۇ توغلىتىپ قويۋاتقانلىقىنى سەزمىگەن ھالدا، ئوي-خىيالغا ئەسىرگە چۈشۈپ، يولدا كېتىۋاتاتتى ۋە تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئەسقىتىۋاتقان مېڭىسىنىڭ ئاغرىمىغانلىغىغا شۈكرە قىلاتتى. بولۇپمۇ ئۇنىڭغا تەسىر قىلغىنى، پۈتۈن شەھەرنى توغلىتىۋېتىپ بارغان سوغۇق ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ جىنىغا تىگىپ، جىلە قىلىۋاتقىنى، كوچىلاردا ئاندا-ساددا كىتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئاياقلىرى ئاستىدىن چىققان قاراسلىغان ئاۋاز ئىدى. كوچىدا كېتىۋاتقان شۇ كىشىلەر قاتتىق ئاياقلىرى بىلەن توڭلىغان زېمىننىڭ يۈزىدىكى قارنىڭ ئۈستىگە، تىيىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، چىڭ دەسسىگىنىدە، خۇددى يەرنىڭ جىنى ئاغرىپ، ئېڭرىغاندەك چىققان ئاۋاز، ئەردەمنىڭ چۆكىرىپ كىيۋالغان قۇلاقچىسىنىڭ ئىچىدىكى قۇلىقىغا ئارام بەرمەيۋاتاتتى. مۇشۇ ئاۋازلارغا قوشۇلغان، ئەتراپتىكى باشقا گاراڭ – گۇرۇڭ ئاۋازلارنىڭ ھەممىسى بىرلىشىپ، ئۇنىڭ رېتىملىق ئوي-پىكىرلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۋېتىپ باراتتى. ئۇ ئەمدى چوڭ كوچىلاردا مېڭىشتىن جاق تويۇپ، شەھەرنىڭ ئارقا كوچىلىرىغا ئۆتتى. مۇزلىغان بۇ شەھەرنىڭ ئادەمسىز ئارقا كوچىلىرىدا توختىماي يول مېڭىپ، تەنلىرى توڭلاپ دۈگدىيىپ كەتكەن ئىدى. ئەمما مۇزلىغان گەۋدىسىگە يول باشچى بولىۋالقان روھى، چوغدەك ئاتەشلىك ئىدى. ئۇ بىر چەتتىن مېڭىپ، بىر چەتتىن توختىماي تەپەككۇر قىلىپ، ئانا يۇرتى خوتەندە كۆرگەن بىلگەنلىرىنى كىنو لىنتىسىدەك كۆز ئالدىدىن بىر-بىرلەپ ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.

ئۇ خوتەنگە قاراپ يولغا چىققاندا، شۇنچىلىك خوشاللىققا چۆمۇپ، پۈتۈن ئۆلگەن ھۈجەيرىسى قايتىدىن تىرىلىپ، ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئىنساندەك ھېس قىلغان ئىدى. ھەتتا خوتەندىكى بىر كۈنلىك بەختىنى، يۇرتىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى، بارلىق خوشاللىق كۈنلىرىگە تىگىشىۋېتىشكە رازى بولغانتى. يۇرتىغا چاققانراق بېرىشقا ھەممىدىن بەتەر ئالدىرايتى. يول بويى خوتەن گە بارغاندىن كېيىنكى قىلىندىغان ئىشلىرى توغرىسىدا پىلان تۇزەپ، كۆرىشىدىغان دوستلىرىنى خىيال قىلىپ ماڭغان ئىدى. پىلان ۋە خىيالنى قىلغانسېرى قەلبى يورۇپ، ئىچى ھوزۇرغا تولۇپ، كۆڭلى يايرىغان ئىدى. ئادەم دېگەننىڭ قەلبى ئالامەت ھېسياتقا باي، تەپەككۇر دۇنياسى ئاجايىپ كەڭرى بولىدىكەن. ھېسياتقا تولغان قەلب نېمىلەرگىدۇر تەلمۇرۇپ سوقسا، تەپەككۇرىدا ئاللىقانداق نەرسىلەرنى ئويلاپ، پىكىر قىلىپ پىلانلار تۇزەيدىكەن. ئۇ، ئۆز ئىچىدە، -خوتەنگە بارغان چاغدىكى خوشاللىقىم، خوتەندىن ئايرىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېسىل خوشاللىقىمدىن ھەسسىلەپ ئۈستۈن بولىدۇ،-دەپ, ئويلاۋاتاتتى. بولۇپمۇ ۋىسال لەززىتىگە ئېرىشمەي تۇرۇپ ئىچىنىشلىق ئايرىلغان ۋە لەختە-لەختە دەردكە تولغان بىر يۈرەكتە، ئارىدىن ئون ئىككى يىل ئۆتكەندە، بۇنداق بىر خوشاللىق تۇيغۇغا ھامىلە بولۇش ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس ئەلۋەتتە. مۇھەممەدئىمىن ئەپەندىمۇ بۇ قېتىمقى سەپەردىن بەكمۇ مەمنۇندەك كۆرۇنەتتى.ئۇنىڭ يۇرت ئەھلىدىن كۈتىۋاتقان ئۈمىدى زور ئىدى. ھەتتا ئۇنىڭغا كىچىككىنە بىر ئۈمىد يىتەتتى. شۇ نىگان – نىگان كۆرۇنۇپ قالىدىغان كىچىككىنە ئۇچقۇننى، ئۆزىگە مايىل قىلىپ، ئۇلغايتىپ، ئۇلۇغ يالقۇنغا ئايلاندۇرۇشقا ھېلىمۇ ھەم قۇدرىتىم يېتىدۇ، دەپ، ئويلاۋاتاتتى. ئەردەم بولسا ئۆز سۆيگۈسى بىلەن بىرگە ماڭغان دەريا بويلىرىنى، چاڭگاللاپ سۇ ئىچكەن سۈپ-زۈسۈك بۇلاقلارنى، رەڭمۇ رەڭ گۈللەر بىلەن بىزەلگەن ۋادىلەرنى، تۈرلۇك مېۋىلەرنىڭ ھىدى پۇراپ، كىشىنىڭ ئەقلىنى ئالىدىغان باغلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۇرۇپ، يۇرتىغا تىزراق يېتىپ بېرىشقا تەقەززا بولاتتى. ئۇ ئۆزىنى تەنھا بىر روھتەك، خۇددى ھاۋادا لەيلەپ ئۇچىۋاتقاندەك شۇنچىلىك يەڭگىل ھېس قىلاتتى. ئۇنى بۇنچىلىك ھاياجانلاندۇرغان كۈچ بولسا، ئۇلۇغ ئىگەم كۆڭلىگە سالغان مەڭگۈلۈك ئىشقىنىڭ جۇشقىسى ئىدى. ئىچىدە سۆيگۈسىنى خىيال قىلدۇرۋاتقان ھازىرقى كۈچ شۇنچىلىك قۇۋەتلىقكى، خۇددى تەسەۋۋۇرى رېئاللىقتەك كۆز ئالدىدا شۇنچىلىك جانلىق نامايەن بولغان ئىدى. تەسەۋۋۇرىدا قارقاشنىڭ كوچىلىرىدا كېتىۋاتاتتى، كوچىدىكى دەرەخلەر ئۇنىڭ ئىچىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىۋالغاندەك شاخلىرىنى يەڭگىل شىلدىرلىتىپ، قارشى ئېلىۋاتاتتى. يۇرتىنىڭ ساپ ھاۋاسىنى ئىچىگە چوڭقۇر تارتىپ، ئۆز نەپەسىنى كۆككە قارىتىپ بېرىۋاتاتتى. ئۇنى، يۇرتىنىڭ گۈزەل ھۆسنىگە ھۆسن قوشقان ھەربىر گىياھ، ھەربىر يوپۇرماق، ھەربىر گۈل، ھەربىر جانلىق جىلۋىلىنىپ قارشى ئېلىۋاتقاندەك تۇيىلىۋاتاتتى.

ئۇ، ئۇزۇن يىللار جەريانىدا نۇرغۇن ئەللەرنى كېزىپ، نۇرغۇن مىللەتلەر بىلەن تونىشىپ، نۇرغۇن تىللاردا سۆزلىشىپ، ئۆزىگە لايىق بىر دوست تۇتالمىغان ئىدى. ھەردائىم يالغۇز ئۆتۇپ، مۇھەممەدئىمىن ئەپندىنىڭ ئائىلىسىنى ئۆز ئائىلىسىدەك بىلىپ بۈگۈنگە قەدەر يېتىپ كەلگەنتى. ھەتتا بەزى قىزلارنىمۇ باشقىلار تونىشتۇرغان ئىدى. بۇ قىزلارمۇ ئەردەم بىلەن بۇ ھاياتنىڭ يولىنى ئاخىرغىچە مېڭىشقا كۆڭلىدىن رازى بولغان ئىدى. ئەمما ئۇ يەنىلا ھايات يولىنى يالغۇز مېڭىشنى تاللىغان ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ يولى ئىچىدە ئىدى. ئادەمنىڭ ئىچىدىكى يول ھەم پاك ھەم چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئورالغان بولىدۇ. بۇنداق يوللار بۇزۇلمايدۇ، ئۇپرىمايدۇ ھەر دائىم ئىنساننى نىجادىيەتكە باشلايدۇ. بۇنداق يوللاردا يۇرگەن ئادەمنىڭ كۆڭلى مەئىشەتتىن ئەمەس، مەنىۋى لەززەتتىن ئەمىن تاپىدۇ ۋە بۇنداق يوللار گۈل-گۈلىستانلىق بولۇپ، مۇھەببەت قىيامىغا يېتىدۇ. ئۇ، شۇ يوللاردا، تەسەۋۋۇر ئەينىكىگە بېقىپ، پەرۋىن بىلەن بىرگە ماڭاتتى. شۇڭا ئۇ شۇنچىلىك بەختلىك ئىدى، ئۇنىڭسىز نەپەس ئۇنىنغا ھارام ئىدى، ئۇنىڭسىز قەلبى ھېچ سوقمايتى. چۈنكى پەرۋىن ئۇنىڭ قەلبىگە ئائىت بولۇپ، قىزنىڭ بۇ دۇنيادا ئېرىشەلمىگەن بارلىق نەرسىلىرى ئەردەمنىڭ قەلبىدە ئامانەتتە ئىدى. بۇ ئامانەتلەرگە خىيانەت قىلىپ، ئۇنى باشقىلارغا بېرىشكە ئەردەمنىڭ كۆڭلى قانداق چىدىسۇن؟ ئەردەم بەرسىمۇ، ئۇنىڭ قەلبى ۋە روھى يول قوياتتىمۇ؟ قەلبسىز ۋە روھسىز تەننى باشقىلار نېمە قىلسۇن؟ ئەردەم ھەر قېتىم پەرۋىننى خىيال قىلغاندا ئۇنىڭ يۈرىكى چوڭىيىپ قالغاندەك بولۇپ، كۆكرەك قەپىزىگە پاتماي قالاتتى. سوقۇشلىرى تىزلىشىپ كۆكرىكىگە توختىماي سوقىلاتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىدا ھوزۇر بىر تۇيغۇ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، ئۆزىنى ئۇلۇغ بىر روھقا ئىگە ئادەملەردەك چاغلاپ قالاتتى. كىشىلەر,- ئىنسان ھاياتىنى چۈشكە ئوشايدۇ,- دىيىشىدۇ، ئەردەم بولسا كىشىلەر چۈش دەپ بىلگەن شۇ رېئاللىقنىڭ ھەقىقەتەن چۈش بولۇپ قىلىشىنى، ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى دۇنيانىڭ ھەقىقى رېئاللىق بولىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. چۈنكى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى دۇنيا ۋە كۆرگەن چۈشلىرى رېئاللىقتىن نەچچە ھەسسە ياخشى ئىدى. چۈنكى تەسەۋۋۇر ۋە چۈشلىرىدە ئازاپ بىلەن مۇھەببەت، دۈشمەن بىلەن دوست تەڭ مەۋجۇت ئىدى.

نىھايەت ئەردەم ئۆز يۇرتىغا يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن رېئال ھايات، ئۇنى شۇنچىلىك بەختسىز ۋە ئۈمىدسىز قىلغان بولسا، ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغانلىرى، كۆڭلۈدىكى خوشاللىقىنى يۇلۇپ ئېلىپ، ئورنىغا بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ دەر-ئەلەمنى تولدۇرۇپ قويغان ئىدى. بولۇپمۇ زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاران ساقىيىۋاتقان يۈرەك يارىسى قايتىدىن قاناشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولغان رېئال دۇنيا، ئۇنىڭ خوشاللىقلىرىنى، ئوي-پىلانلىرىنى، ئىچىلماي توزىغان قىزىل گۈل بەرگىسىدەك بىراقلا توزىتىۋەتكەن ئىدى. كۆزىگە كۆرۇنۇپ تۇرغان بۇ ماكان بۇرۇنقى خوتەن ئەمەس، بەلكى يەر ئاستىدىن قىزىۋىلىنغان، ئەسىرلەر بويى قۇم ئاستىدا قالغان خارابىلىققا ئوخشايتى. بىرمۇ ساق ئۆي، بىرمۇ تۇز تام، بىرمۇ سۇنمىغان دەرەخ يوق ئىدى. ئېرىقلار يەنە تىنىپ، ئېتىزلار قۇرۇپ كەتكەنتى. يوللار پۈتۈنلەي بۇزۇلغان بولۇپ، نورمال ئادەم بۇ يوللاردا قىيلىنىپ يول ئالالمايتى. ئەمما خوتەن خەلقى بۇ ئەسكى يوللارغا شۇنچىلىك كۆنگەنكى، ھەر بىر ئالغان قەدىمى بۇ يوللاردىكى غۇدۇر-بۈدۈرگە شىپپىدە چۈشەتتى. ئەلۋەتتە بۇنداق يوللاردا مېڭىپ كۆنگەن ئادەملەر، تۇپ-تۇز داغدام يولنى كۆرسە، غۇدۇڭشىشى مۇمكىن. چۈنكى ئادەملەر كۆنگەن نەرسىسىنى ھەممىدىن بەتەر توغرا دەپ قارايدۇ. يوللارنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى سان-ساناقسىز دەل-دەرەخلەر كېسىپ تاشلانغان بولۇپ، قالدۇق كۆتەكلەر ئۈستىدە، كىشىلەر سۇكۇت ئىچىدە باشلىرىنى ئېگىپ ئولتۇرشاتتى. خەلق بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسىلەپ نامراتلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇچىسىدا ساق كىيىم-كېچەك، قاچىسىدا يېگۇدەك تائام يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار شۇنچىلىك ياۋاشلاپ كەتكەنكى، خۇددى روھى بەدىنىدىن چىقىپ كەتكەن ئەرۋاقتەك، سالام بەرسىڭىز ئىلىك ئېلىشقىمۇ قورۇناتتى. مۇھەممەدئىمىن ئەپەندى بارغانلا يەردە تولۇق ھەربىي ھالەت يۇرگىزىلىپ، كوچىلار ئەسكەر ۋە ساقچىلار بىلەن تولۇپ كېتىدىغان بولغاچقا، خەلقنىڭ يۈرىكىدە دەھشەت پەيدا بولۇپ، مۇھەممەدئىمىن ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىشقا جۈرئەت قىلالمايتى.

بىر قېتىم كېرىيەدىكى 10 مىڭغا يېقىن خەلق يىغىلغان مەيداندا، مۇھەممەدئىمىن ئەپەندى نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا، گومىنداڭ ئەسكەرلىرى قەستەن ئېغۋا چىقىرىپ، شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدە يەتتە كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۇرۋەتكەن ئىدى. ھەتتا مۇھەمەمدئىمىن ئەپەندىنىڭمۇ ھاياتى خەۋىپ ئاستىدا قالغانتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەردەم مۇھەممەدئىمىن ئەپەندىنىڭ يېنىدىن ھېچ ئايرىلمىغانتى. پەقەت بىرلا قېتىم مىڭبىر مۇشەقەتتە پۇرسەت تېپىپ، دادىسى بىلەن ئەبەيدۇللا ۋە ئىلىخۇن تېۋىپ بىلەن پەرۋىننىڭ قەبرىسىگە بېرىپ قۇرئان ئوقۇپ، روھىغا دۇئا قىلىۋالغىنىلا قالغان ئىدى. ئىلاخۇن تېۋىپنىڭ ئۆيلىرى پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ، ئارقىسىدكى باغلار قۇرۇپ، ھەممە يەرنى چاتقال بېسىپ كەتكەن ئىدى. پەقەت پەرۋىن بىلەن ئىلاخۇن تېۋىپنىڭ قەبرە بېشىغا سايە تاشلاپ تۇرغان ھېلىقى جىگدە دەرىخىنىڭ بىر تال شىخىلا ساق قالغان بولۇپ، قالغان شاخلىرىنىڭ ھەممىسى قۇرۇپ كەتكەن ئىدى. دەريا سۇلىرى ئازلاپ، ئاستىدىكى تاشلار كۆرۇنىپ قالغانتى. ئەتراپتىكى سۈزۈك بۇلاقلارنىڭ كۆزلىرىگە تۇپا تىنىپ كەتكەن بولۇپ، ھەممە يەردە زۇلۇمنىڭ سۇكىناتى دەۋران سۇرۋاتاتتى. خەلق نەچچە يىلدىن بىرى قاتتىق زۇلۇم چەككەچكە ھەممسى ئۆز ھالى بىلەن ئاۋارە ئىدى. بارچە خەلق ئۆز قوسىقىنىڭ غىمىنى يەپ، قوساق توق بىر كۈننىڭ ئۆتكىنىگە يۇۋاشلىق بىلەن شۈكرە قىلىپ، ھېچكىم بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايتى. ئۇلار زۇلۇمغا قارشىلىق قىلىش كۈچىدىن مەھرۇم قالغان ئىنسانلار بولۇپ، ھەرۋاقىت بەدەل تۆلەشتىن ئۆزىنى شۇنچىلىك قاچۇراتتى. ھەتتا مۇھەممەدئىمىن ئەپەندى ئېغىزىنىڭ بىر قات تېرسى چۈشۇپ كەتكىچە نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇلارنى خەلق سايلىمىغا قاتنىشىشقا شۇنچە دەۋەت قىلسا، خۇددى بۇ سايلام ئۇلار ئۈچۈن ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق بىر كىچىك ئىشتەك كۆرۈنۈپ، ھېچ بىرىنىڭ كارى بولماي، ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، يەردىن بېشىنى كۆرتەرمەي يۈرىۋەرگەن ئىدى. بۇنداق ۋەزىيەتنى ئۆزىگە پۇرسەت دەپ بىلگەن نادان باي – غوجاملار بولسا، بىر قوشۇق ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ، مەۋجۇت ھۆكۈمەتكە يالاقچىلىق قىلىپ، قولىدىكى گال پىچىقى بىلەن كەمبەغەل دېھقانلارنىڭ ئۇستىخىنىغا چاپلىشىپ قالغان بىر چىمدىن گۆشنىمۇ شىلىۋېلىش ئۈچۈن قولىنى قانغا بوياشتىن يانمايۋاتاتتى. مەۋجۇت ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرى ئەمەلدارلىرى بولسا، خەلقنىڭ سۇكىناتىدىن مەمنۇن بولۇپ، ھۆكۈمرانلار بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ، مەمۇرى ھوقۇقنى يەنىلا ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۇزىۋالغانتى. بۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇلارنىڭ ھۇشىقى ئالچۇ چۈشۇپ، چۆتتىكى خەلقنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە كەلگەن ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن تولىۋاتاتتى. ۋىجدانلىق ئۆلىمالارنىڭ بىرىمۇ قالماي شېھىت بولۇپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلغانلىغى ئۈچۈن، قالغان ناكەس قارى-موللىلار ھە دېسە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان كانىيىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. بۇ ھامېلېئون قارى-موللىلارنىڭ كەڭ ئاممىغا قىپبېرىدىغان ئەڭ چوڭ ياخشىلىقى، نەزىر-چىراقتا قۇرئان تىلاۋىتى قىلىش ۋە توي-تۆكۇندە نىكاھ ئوقۇشلا ئىدى. بولۇپمۇ بۇ مەزگىللەردە ئۆلۈم-يېتىم كۆپ بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تاپاۋىتىمۇ يامان ئەمەس يۇرىشىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلار ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ھۆكۈمەت سىياسىتىگە قارشى چىقىشقا “ھارام” دەپ پەتىۋا بېرىپ، گاللىرىنى پوشكال بىلەن پولۇدا ياغلاپ، زۇۋانىدىن زۇلۇمغا قارشى چۇقان چىقماس بولۇپ كەتكەن ئىدى. مەيلى ماددى جەھەتتىكى دەردلەر بولسۇن، مەيلى مەنىۋى جەھەتتىكى دەردلەر بولسۇن ھەممىسىگە ئىسىم قويۇشنىڭ ئۆزىمۇ “ھارام” ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن خەلق ھارامدىن قورقاپ شۇنچىلىك ئىتائەتمەن بولۇپ كەتكەن ئىدى. ھاكسار خەلقى ئۇ دۇنيادىكى دوزاقتىن قورقۇپ، مۇشۇ دۇنيانىڭ ئۆزىدىلا دوزاقنىڭ كۈنېنى كۆرۈۋاتاتتى. ئەگەر ھەقىقىەتەن بۇ دۇنيادا دوزاق بار دېيىلسە، بۇ دوزاق دەل خوتەندە ئىدى. دوزاقنىڭ ئىشىكى ئالدىدا «بۇ يەردە ئۈمىدكە ئورۇن يوق» دېگەن خەتلەر يېزىلغىنىدەك، خوتەننىڭ قوۋۇقىغىمۇ شۇنداق خەتلەر يېزىلغاندەك قىلاتتى. چۈنكى زالىملار خوتەن خەلقىنىڭ بارلىق ئۈمىدلىرىنى تەل-تۈكۈس يوقاتقان ئىدى.

ئەردەم خوتەنگە كېتىۋىتىپ، ئۆز يۇرتىغا بولغان سېغىنىش ھېسياتلىرىنى ھاياجان بىلەن ئىبارىلەپ:“خوتەن جەننەتكە ئەڭ يىقىن يەر” دېگەن بولسا، ھازىر ئۇ:”خوتەن دوزاققا ئەڭ يىقىن يەر بولۇپ قاپتۇ” دېگەنلەرنى ئەقلىدىن ئۆتكۇزۇۋاتاتتى. خۇددى مەنسۇر ھاللاچ ئېيتقاندەك: ”دوزاق ئازاپلار تۇيۇلمايدىغان يەردۇر” دېگىنىدەك، خوتەنمۇ ئازاپ ۋە زۇلۇم تۇيىلمايدىغان پىنخان ماكانغا ئاللىقاچان ئايلىنىپ بولغان ئىدى.خەلق ئون يىلدىن ئوشۇق قاتتىق زۇلۇم تارتقاچقا، ھەددىدىن زىيادە قورقۇنچاق بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇلاردا نە ھاياجان، نە جۇشقۇ، نە مۇھەببەت، نە قەھرىمانلىق روھنىڭ زەررىچىلىرى قالمىغان ئىدى. بۇرۇنقى جەسسۇر خەلق مىسكىن، تىرىك روھلار ئۆلۈك، ئۈمىدلەر سۇنغان ئىدى. ئۇلارنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئەڭ چوڭ ئىش دۇئا قىلىش ئىدى. ئۇلارغا زەن سېلىپ قارايدىغان بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ ھالى قوللىرىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىدىن مەلۇم ئىدى. دۇئاغا كۆتەرگەن قوللارنىڭ قانچە قاداق چۈشكەنلىرىنىڭ ئۈستبېشى شۇنچە ۋەيرانە ئىدى. بۇنداق خەلقنى ھەرقانچە رىغبەتلەندۇرگەن بىلەنمۇ، بەرىبىر دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشقا بەلباغلىيالمايتى. ئۇلارنىڭ زۇلۇمغا قارشى نە كۈچى، نە غەزىپى قالمىغانتى. بۇنداق بىر ئەخۋال ئاستىدا بۇ قوۋمنىڭ ھەققانى غەزىپىنى قوزغاش ۋە ئامال قىلىپ ئۇلارغا غەيرەت كىرگۇزۇپ، ئۆلگەن جەڭگىۋار كۈرەشچان روھىنى تىرىلدۇرىشكە توغرا كېلەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنىڭ ھېس-تۇيغۇسىنى قوزغاش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەقىل-ئىدراكىنى ئۆستۇرۇش كېرەك ئىدى. ئەلۋەتتە بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆپ يىللىق تەربىيە لازىم. بىر ئىككى قېتىملىق تەسىرلىك نۇتۇق بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىشلار ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھەممەدئىمىن ئەپەندى ئۆز نۇتۇقلىرىدا ھەرقانچە چوقان سالغىنى بىلەن، ئەتراپىدىكى نادانلىقنىڭ زۇلمىتىدە، زىندان قاراڭغۇلۇقىدا قالغان “غار ئاھالىسى”دىن ئۇنىنغا ئەكس سادا چىقمىغان ئىدى. ئۇنى ھېمايە قىلىشقا خەلقتە جاسارەت قالمىغانتى ۋە بولىۋاتقان ئىشلارنى ئاڭقىرالماي، ئۈمىدسىز كۆزلىرىنى پاقىرتىپلا تۇراتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى كاللىسى سەل ئوچۇقلىرى ئازراق دارد-پەريات كۆتىرىپ، ئۆز قارشىلىقىنى بىلدۇرۇشكە تەمشەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاجىز ئاۋازلىرىنى، خۇنخورلارنىڭ تەلۋىلەرچە جار سېلىشلىرى بېسىپ چۈشكەن ئىدى. بۇنداق ئادالەتسىزلىك ھەممە يەرگە يىلتىز تارتقان جەمىيەتتە، مۇھەممەدئىمىن ئەپەندى نېمە قىلارىنى بىلەلمەي، خۇددى بايانسىز چۆلگە كىرىپ ئېزىپ قالغان ئادەمدەك تەمتىرەپ قالغان ئىدى. ئەمدى ئەردەممۇ ئۆزىگە شۇ قەبرىلەردىن باشقا ھەممە نەرسىسى ياد تۇيىلىدىغان يۇرتىنى تەرك ئېتىپ، تىزراق ئۈرۈمچىگە كېتىۋېلىشقا ئالدىردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇھەممەدئىمىن ئەپەندىنىڭ ھاياتى بۇ يەردە خەتەر ئىچىدە قالغان بولغاچقا، ئەردەمگە بولغان روھى بېسىپ ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئۈمىدىنى ئۈرۈمچىگە باغلاپ، شۇ يەردە بىر مۆجىزىنىڭ چېچەك ئىچىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ پۈتۈننلەي ئۆزگىرىپ كېتىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ خوتەن خەلقىنىڭمۇ تەڭرىنىڭ ئەزىزلىرىگە ئاتىغان كۈنلىرىدەك بەختلىك كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلدى.

جەننەتتىكى ئېرەم بېغىدا كۆزگە شۇنچىلىك كۆركەم تاشلىنىپ تۇرغان ئاجايىپ ئىككى تۈپ مېۋە دەرىخىنىڭ بىرى «بىلىم» دەرىخى، يەنە بىرى بولسا «ھايات» دەرىخى ئىدى. ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنى يوقتىن بار قىلغان ئۇلۇغ تەڭرى، ئۇ ئىككىسىگە، بۇ دەرەخلەرگە يىقىنلاشماسلىقنى بۇيرۇغان ئىدى. ئەمما، ئىچىدىكى ھەسەت كۈچىيىپ نەپرەتكە ئايلانغان شەيتان، ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋانى ئانىنى يولدىن ئازدۇرۇپ، ئۇلارغا، ئۇ ئىككى تۈپ دەرخنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،- «ھايات» دەرىخىنىڭ مېۋىسىگە ئېغىز تەككۈزگەن ئۆلمەيدۇ، «بىلىم» دەرىخىنىڭ مېۋىسىنى تېتىغان ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىدۇ،- دەپ، ئۇلارنى ۋەس-ۋەسكە سالدى. بۇنىڭ بىلەن ھاۋا ئانا ئۇدۇل بېرىپ،«بىلىم»دەرىخىنىڭ مېۋىسىنى يېدى ۋە ئادەم ئاتىمۇ ئۇنى يېدى. ئاقىۋەت تەڭرى ئۇلارنى جەننەتتىن زېمىنغا چۈشۈرۋەتتى ۋە شەيتاننىمۇ قوشۇپ زېمىنغا سۇرگۇن قىلدى. ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا گەرچە جەننەتتىكى راھات-پاراھەتتىن ئايرىلغان بولسىمۇ، بىلمەكلىك ئىقتىدارىغا ئېرىشتى ۋە چىنلىق، گۈزەللىك، مۇھەببەت ھېكمىتىگە نايىل بولدى، تەپەككۇر قۇۋىتىگە ئېرىشىپ، مۇھەببەت لەززىتىنىڭ پەيزىنى سۈردى. ھەمدە ئۇلار زېمىنغا چۈشۇش بىلەن تەڭ ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ نۇرلۇق چىرىقىنى يىقىپ، بىر قولىدا ئەقىلنىڭ يەنە بىر قولىدا سۆيگۈنىڭ مەشئىلىنى كۆتۈرۈپ، ھاياتلىق يولىنى يورۇتتى. بىلىم بىلەن مۇھەببەت ئۈچۈن شۇنچىلىك ئەجىر قىلىپ بەدەل تۇۋلىدى ۋە جاسارەت كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ بۇ گۈزەل زېمىن ئادالەت بىلەن ئادالەتسىزلىك ئوتتۇرىسىدىكى جەڭنىڭ جەڭ مەيدانىغا ئايلىنىپ قالدى. چۈنكى شەيتان ھېچ بىر زامان جىم تۇرمىدى. ئۇمۇ ئۆز مەقسىدى ئۈچۈن كۈرەش يولىنى داۋام قىلغان ئىدى. ئەنە شۇ ئادەم بىلەن ھاۋانىڭ پۇشتىدىن بولغان ئۇيغۇرلار جۈملىدىن خوتەن خەلقىمۇ بىلىم، مۇھەببەت ۋە ئەرك يولىدا كۈرەش قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆزلۈك تارىخىنى ياراتتى. بۇندىن كېيىنمۇ بۇ كۈرەشلىرى قىيامەتكىچە داۋام قىلىدۇ. بېشىغا قانداق قىسمەت كەلسە كەلسۇن، ئەرك ئۈچۈن قىلىنغان كۈرەشلەر توختاپ قالمىسۇن، بىلىمنىڭ يولى ئۇزۇلمىسۇن، مۇھەببەت ئۆلمىسۇن! ئەرك تەپەككۇرنىڭ قىممىتى، بىلىم ئەقىلنىڭ زىننىتى، مۇھەببەت ئۈمىدنىڭ چېرىقى. مۇشۇ بۈگۈنكى مەۋجۇت ھاياتتا، ئۆتمۈشتە ساپان سۆرەپ يەر تېرىغان، سېغىز لاي ئېتىپ ساپال بىلەن تۇچ ياسىغان، پىلە قۇرۇتى بېقىپ يىپ چىقىرىپ، يىپەك تۇقىغان، قاش تېشىنى چوقۇپ، نەپىس زىننەت بۇيۇمى ياسىغان، قىلىچ ئوينۇتىپ ياۋنى قوغلىغان شۇ خەلقنى، بۇ دەخشەتلىك توپاندەك زۇلۇم قاراڭغۇلۇقىدىن كىم قۇتۇلدۇرار؟ بىزگە نۇھ پەيغەمبەردەك قۇتقازغۇچى كېلەرمۇ ئەمدى؟ بۇ زۇلمەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەزرىتى نۇھ ياسىغان كېمىگە چۈشەمىزمۇ؟ بىز قاچاڭغىچە ئەپراتسىياپ ۋە بۇغرا قاراخانلارنىڭ يولىغا ئاتلانمايمىز؟ مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ يولى شۇلارنىڭ يولى ئەمەسمىدى؟ نېمە ئۈچۈن بۇ يولدىن ئۈركۈپ قاچىدۇ؟

ئەردەم تەئەججۈپ ئىچىدە شۇنداق سوئاللارنى ئۆزىگە ئارقا-ئارقىدىن قويدى، ھەمدە بۇ سوئاللارنى ئۆز يۇرتىنىڭ ئۈستىگە شۇ پىتى تاشلاپ قويۇپ، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قايتىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلەر ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بۇ يەرگىمۇ ئائىت ئەمەسلىكىنى تېخىمۇ ئومدان ھېس قىلغۇزغان ئىدى. ئۇ نەچچە يىلدىن بېرى بىر يەرگە ئائىت بولۇشنى ئىستەپ كېلىۋاتاتتى. مىڭ بىر مۇشەقەتتە ئۆزۈ ئەزەلدىن ئائىت بولغان يۇرتىغا كېلىپ، ئۆزۈنى ياد ھېس قىلىشى ئۇنىنغا بەكمۇ ھار كەلگەن ئىدى. ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغان كۈندىن باشلاپ يىلتىزىدىن قۇمۇرۇلغان توغراقتەك ھاياتنىڭ سەل سۇلىرى قاياققا ئاقسا، شۇ ياققا ئېقىپ، نەرگە ئاپىرىپ تاشلىسا، شۇ يەردە لەيلەپ يۇرگەن ئىدى. ئادەم شۇ توغراقلاردەك يىلتىز تارتقان يېرىدىن بىر قېتىم قومۇرۇلدىمۇ، ئۆز يېرىگە قايتا يىلتىز تارتالمايدىكەن. ئۆز يېرىگە ئائىت بولالمىغان ئادەم، باشقا يەرگە ھەرگىز ئائىت بولالمايدىكەن. خۇددى سەل ئېقىتىپ كەتكەن توغراقلاردەك بىر ئۆمۈر ئۇدۇل كەلگەن ياققا ئېقىپ يۇرىيدىكەن. بەزىدە ياد ئەللەرنى ماكان قىلىپ، بىر بۇلۇڭدا ياشىسىمۇ، ئەمما بىر ئۆمۈر سەرسان روھ بولۇپ ئۆتۈدىكەن. مانا ئەمدى ئەردەم ئۆزىنىڭ مەڭگۈ بىر يەرگە ئائىت بولالمايدىغانلىغىنى ھەققى تونۇپ يەتكەن ئىدى. دېمەك يىلتىزىڭ بىر قومۇرۇلسا مەڭگۈ بىر يەرگە يىلتىز تارتالمايسەن، ئۆمۈر بويى قايتا كۆكلىيەلمەيسەن. نە سايە تاشلايدىغان شاخلىرىڭ، نە شىلدىرلايدىغان يومۇرماقلىرىڭ، نە يوغان-يوغان غوللىرىڭ بولسۇن! ئەمما ئەردەم ئىچىدە مۇنداق ئويلىدى،-

بۇ يالغۇز بېشىمغا قانداق بالا كەلسە رازىمەن، مەن مۇھەممەدئىمىن ئەپەندىنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۆز خەلقىمنىڭ ماڭا ئوخشاش كۈنلەرنى كۆرمەسلىكى ئۈچۈن ھەر يەردە سەگەردار بولۇپ يۇرىشكە، ئاتەشتە چۇچۇلا بولۇپ يېنىشقا رازى. مەن يىلتىزسىز قالغىنىم بىلەن، مىللىتىمىنىڭ يىلتىزى ئەبەدى ئەبەد ئانا تۇپراقتا! مەن ئۆز خەلقىم ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن، بۇ كۈرەش يولى ئاسان بىر يول بولغان بولسا، ئەلۋەتتە بۇنچىلىك دەرد-ئەلەم چەكمەس ئىدىم، ئاشىقنىڭ ئوچىقىدا پۇچۇلماس ئىدىم. نېمە بولسا بولسۇن، مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ھەزرىتىمنىڭ يولى، مېنىڭ يولۇم!، ئاتالىرىمىز:“تۇپراققا سۇ تۆكۈلسە لاي بولىدۇ، قان تۆكۈلسە ۋەتەن بولىدۇ” دېگەن ئىكەن. شۇ ئانا يۇرتنىڭ قارا تۇپراقلىرى مىليونلىغان شېھىتلارنىڭ قانلىرى بىلەن بويالدى. شۇ چېلان رەڭلىك تۇپراقلار ئەبەدى بىزنىڭ ۋەتەنىمىز. مەيلى بىز قەيەردە بولساق بولايلى، بىزنىڭ قەلبىمىز ئەبەدى ۋەتەنگە قاراپ تەلپۇنىدۇ،-

ئۇ، مۇھەممەدئىمىن ئەپەندى بىلەن ساق-سالامەت ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن چاغدىن بېرى، ئۆزۈ يالغۇز شۇ خىياللار ئىچىدە، ئاچچىق سوغۇق شامال توزىتىۋاتقان قار ئۇچقۇنلىرى بىلەن بىللە، شەھەر كوچىلىرىدا ئۇياقتىن-بۇياققا ئۇچۇپ يۇرەتتى. مۇزلىغان شەھەرنىڭ كوچىلىرىنى ئۇزۇن ئايلىنىپ ئىچكى ئورگنالىرىنى ئۇششۇتۇپ قويغىنى تاسلا قىلىۋاتاتتى. ئەمما ئۇنىڭ مىڭىسىنى توختىماي چوقىلاۋاتقان خىياللارنىڭ ئايىغى چىقمايتتى. ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە مۆجىزىدەك ئىچىلىشنى كۈتكەن ئۈمىدلىرى تەبىئەت ۋە سىياسەتنىڭ سوغۇق ھاۋاسىدا مۇزدەك قىتىپ توڭلاپلا قالغان ئىدى. ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىشى ئۇياقتتا تۇرسۇن، ئەكسىچە بارغاسېرى يامانلىشىپ كېتىپباراتتى. ئۇ يوقاتقان ئۈمىدلىرىنى تىپىش ئەمەس، بەلكى ئىچىدىكى كىچىككىنە ئۈمىدنىڭ ئۇچقۇنلىرىنىمۇ يوقىتىپ قويۇش يولىغا كېتىۋاتقانلىغىنى ھېس قىلىپ، يۈرىكى قاپقانغا چۈشكەن كىچىك قۇشتەك پىلتىڭلاپ، توڭلىغان بۇرنىنىڭ ئۇچىنى توختىماي سىلايتتى. ھېچ بىر يەردە ئىللىقلىق كۆرمىگەن يۈرىكى، ئەمدىلىكتە تېخىمۇ مۇزلاپ، قېتىشقا باشلىغان ئىدى. بۇرۇن پەرۋىنگە ۋە پۈتۈن مىللەتكە سۆيگۈ بىلەن قۇچاق ئاچقان ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا قۇچاق ئىچىشقا تەييار تۇرغان بۇ يۈرەك، شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە سۆيگۈ – مۇھەببەت يوق، ئۈمىد يوق، جانغا-جان قاتىدىغان كۆز ياشلارنى ئاققۇزۇشقا سەۋەپ بولىدىغان ھېسيات يوق، ھەتتا ئەتراپىدا گۈزەل دۇنيانى يارىتىش ئۈچۈن يولغا چىققۇدەك كۈچمۇ يوق، جانسىز بىر پارچە گۆشتەك بىلىنىۋاتاتتى. ئۇ ئەتراپقا نەزەر تاشلىدى، ھەممە يەر قۇپ-قۇرۇق، سوغۇقنىڭ زۇلمەتلىك ھوۋلىشىدىن باشقا بىر تىۋىشمۇ يوق ئىدى. ھەممە نەرسە مۇز ئىچىدە ئىدى. ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە يېرىملىقىغا، روھىنىڭ ئازاپلىنىۋاتقانلىقىغا، ئۆزىنىڭ قانچىلىك بىچارە، قانچىلىك چارىسىز ئىچىدە قالغانلىقىغا، ئۈستىدىكى قوغۇشۇن رەڭلىق تىنىق ئاسمان بىلەن بۇ مۇزلىغان شەھەر شائىت ئىدى. مۇزلىغان شەھەرنى ۋە مۇزلىغان قەلبىنى ئېرىتىش ئۈچۈن ئەركىن بىر روھقا ئىگە بولۇشنڭ چارىسىنى ئىزدىمىسە ئەمدى بولمايتى. ئۆزۈ شۇنچىلىك كۆمۈلۇپ كېتىۋاتقان بۇ جەمىيەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ سىرلىرىنى ئىچىش ئۈچۈن ئۆزىنى شۇنچىلىك زورلاپ، ئۆز ئۆزۈگە چوقان سالاتتى. ئۆزىنى قانچە زورلىغانسېرى ئەقلىنى يوقۇتىپ قويغاندەك بولۇپ، چارىسىزلىكتىن قۇتۇلىش ئۈچۈن چارىسىز قىلىپ، كىچىك بالائىلاردەك بولۇپ قىلىۋاقتنلىغىنى تۇيىۋاتقاندەك بولدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ بارلىق كۆرگەن بىلگەنلىرىنى ئۇنتۇشنى ئويلايتتى. بىر زامانلاردا ئاتا-ئانىسى بىلەن، پەرۋىن ۋە ئىلاخۇن تىۋېپ بىلەن بەختلىك كۈنلەرنى ئۆتكۇزگەنلىكىنى ئەسلەپ، ئىچ-ئىچىدىن ئازاپلىناتتى. مانا بۇ ئەسلىمىلەرمۇ ئەمدى مۇز تۇتۇپ، كاللىسىدا بىر ئىنچىكە كىرىستالدەك قىتىپ قالغاندەك تۇيۇلدى. ئۇ ئەينى چاغدا ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا كۆكسىدە بىر بوشلۇق پەيدا بولغان ئىدى. بۇ قورقۇنچلۇق بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، بۇ قېتىم يۇرتىغا بېرىپ، مۇزدەك قارا تۇپراققا كۆكسىنى ياققان بولسىمۇ، ئەمما كۆكسىدىكى ئۇ بوشلۇقنى قايتا تولدۇرۇشقا ئىمكان بولمىغان ئىدى. مانا ئەمدى ئۇ بۇشلۇققا قار يىغىپ، مۇز تۇتۇشقا باشلىغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ھېسياتلىرىنى، بارلىق مۇڭ-زارلىرىنى، مۇزلىغان تەن ۋە روھىنى پەقەت قەلىمى ئۆتكۈر شائىرلارلا ئىپادىلەپ بىرەلەيتتى. بۇنىنغا يىقىندا «ئەرك» گېزىتىدە ئىلان قىلىنغان ياش شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ مۇشۇ «مۇزلىغان شەھەر» ناملىق شېئىرى تەققاس!

*

مۇزلاق كوچانىڭ تاملارى قىيسىق،
مەھزۇن شەھەرنىڭ دەملىرى سىقىق.
بۇلۇڭ – پۇشقاقنى قويماي چارلىدى-
قىشنىڭ ساقچىسى چېلىپ ئىسقىرىق.

*

كۈننىڭ ئەسىرى يوق، ھاۋا تۇمانلىق،
يەرلەر تىترىشۇر، مۇزلىغان جانلىق.
ھەر نە شادلىقىڭ جۇدادۇر ھايات،
ئاڭلىنۇر ھەر ئۈن مۇڭلۇق، پىغانلىق.

*

كۆزلەر غەزەبلىك، قاپاقلار تۈرۈك،
ھاياتنىڭ دېمى سىقىق ھەم ئۈزۈك.
مۇزلىغان شەھەر باھارنى چىرلاپ،
ئاچچىق ئۈن بىلەن چالاتتى گۈدۈك.

*

تۇرخۇن تۇۋىدە يىرتىق كۆن ئۆتۈك،
چورۇق تىترەيدۇ تاپىنى تۆشۈك.
مەسۇم گۆدەكلەر چىرايى سېرىق،
قولار سۇنۇلغان، بويۇنلار بۆكۈك.

*

دوقمۇش – دوقمۇشتا چولاق كەتمەنلەر،
دوغدىيىپ يۈرگەن، يىرتىق چەكمەنلەر.
پارچە نانغا زار، تېلىققان كۆزلەر،
چەرخلىرى سۇنۇق، يەمسىز تۈگمەنلەر.

*

مۇزلارمىش شەھەر، مۇزلارمىش ھېسار،
قوۋۇقلار سۇنۇق، كونا بىر مازار.
شەھەر ئۈستىدە لالما بۇلۇتلار،
ئوزۇق ئىزدەشىپ قىلىدۇ شىكار.

*

كۆزلەر غەزەبلىك، قاپاقلار تۈرۈك،
ھايادنىڭ يىپى ئۇلاق يا ئۈزۈك.
مۇزلىغان شەھەر باھارنى چىللاپ،
ئاچچىق ۋارقىراپ چالىدۇ گۈدۈك!

*

(داۋامى بار)
مەنبە: “يول” ناملىق تارىخىي روماننىڭ “مۇزلىغان شەھەر” ناملىق 10-بابىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش