You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » نېمە ئۈچۈن خىتاي سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ تەھدىت؟

نېمە ئۈچۈن خىتاي سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ تەھدىت؟

توم روگان (Tom Rogan)

ئەلبىل ھەسەن تەرجىمىسى

سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچ جەھەتتىن ئېيتقاندا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ھاكىمىيىتىدىكى خىتاينىڭ ھازىر ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان تەھدىتى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئېشىپ كەتتى.

بۇ ئىككى «چوڭ مەخلۇق» ئوتتۇرىسىدا ئوخشاشلىقلار بار.

ئىككىلا دۆلەت ھاكىممۇتلەق پارتىيىگە سادىق بولۇشنى تەرغىب قىلىدۇ، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ئەل بولۇشىنى ئاخىرقى مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ شەرتى دەپ قارايدۇ. لېكىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى تەھدىت خاراكتېرىدىكى ئوخشاشلىقلار مۇشۇلاردىن ئىبارەت، خالاس. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، كوممۇنىستىك خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كۆپ ياخشى. موسكۋا رەقىبىنى بىۋاستە كونترول قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسا، بېيجىڭ ئالدى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش- تاللاش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاندىن ئۇلارنى كونترول قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ك گ ب غا تايىنىپ غەربنىڭ تېخنىكىسىنى ئوغرىلاشقا تىرىشقان بولسا، خىتاي دۆلەت ئىچىدىكى خاككېر ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنى تەڭ ئىشقا سالدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىن ھالقىپ كېتىشكە ئۇرۇنغان بولسا، شى جىنپىڭ ئىتتىپاقىمىزنى پارچىلىدى ھەمدە بىزنىڭ مۇداپىئەدە ئاجىز ھالقىمىزنى نىشان قىلدى.

بىز بۇ نۇقتىغا تەرتىپ بويىچە سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن قاراپ باقايلى.

بېيجىڭ ئىدېئولوگىيىسى بۇرمىلانغان كوممۇنىزمنى مەركەز قىلغان. دائىمىي كومىتېت خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىغا، خىتاينىڭ يەر شارىۋىې خگېمونيا (كۈچتۈڭگۈر) بولالايدىغانلىقىغا ۋە ئۇ نىشانغا قانداق يەتسە بولىۋېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئەگەر شى جىنپىڭ باشقا چەت ئەل دۆلەتلىرىنىڭ ساداقىتىگە ئېرىشەلىسە، ئۇ چەتئەلنى بېيىتىشنى خالايدۇ. خىتاينىڭ ياردەم بېرىش تەرەپلىرىنى ئافرىقا ۋە ئاسىيادا كۆردۇق ۋە خىتاي ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىگە نەچچە يۈز مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالدى. بۇ بېيجىڭنىڭ سىياسىي چىرىكلىك تورىنى ئەۋج ئالدۇردى. لېكىن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار غەرب ئەللىرىدە ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلىدى.

خىتاي ئەرزان تاۋار ۋە زور سېلىنمىنىڭ سايىسىدە ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى ئۈچ چوڭ دۆلەتتە ئۆزىنىڭ سىياسىي تەسىر كۈچىنى زورايىتتى. ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئويۇنىنى ئوخشاشلا ھىيلىگەرلەرچە ئېلىپ باردى. خىتاي مۇنداق دېدى: خىتاي غەربنىڭ دېموكراتىيە ئەندىزىسىگە ھۆرمەت قىلىدۇ ھەمدە پەقەت ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشىمايدىغىنى، خىتاي غەربتە كوممۇنىزم بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىمايتتى، بۇنىڭ بىلەن غەرب سىياسىئونلىرى بېيجىڭنىڭ تەسىرىنى تېخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلدى ھەم خىتاي دوستلۇقىنى خەلقىگە ئىشەندۈردى. خىتاينىڭ تىرىشچانلىقى توسالغۇغا ئۇچرىغان جايلاردا، مەسىلەن، ئاۋسترالىيە ۋە كانادادا، خىتاي ھازىر جىددىي تەھدىتكە ئايلاندى.

بايلىق ياكى رىيازەتنىڭ بىرلىكتە تەمىنلىنىشى غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەردە كۆپەيدى. قانداقلا بولمىسۇن، غەرب سىياسىئونلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، خىتايغا ئۆزىنىڭ دوستانە بايانلىرىغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ئاممىغا ئىقتىسادىي يۈكنى يۈكلىشى ئاسان ئەمەس ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى دۇچ كەلگەن غايەت زور خىرىس شۇ بولدىكى، دۇنيا سوۋېتتىكى تۆۋەن تۇرمۇش سەۋىيىسى ۋە سىياسىي زۇلۇمىنى تېزلا تونۇپ يەتتى ھەم سوۋېت بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلىشنى خالىمىدى. لېكىن خىتاينىڭ تاۋار ئارقىلىق چەت ئەللىكلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىغانلىقىنى، ھەتتا كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ساياھەتلەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى (بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە يېقىندا خوڭكوڭ قاتارلىق ھازىرقى زامان شەھەرلىرىگە بەرگەن ياردىمىنى) كۆرگەندە ئەقىلگە مۇۋاپىق، ھەتتا قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ دەپ قارىدى. ھالبۇكى، قولىدىكى كويزىنى كۆرگەندە بەك كېچىككەن بولاتتى.

خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئەندىزىسى ئوخشاشلا ھېيلىگەرلىككە تولغان.

شۇنداق، خىتاينىڭ ئىقتىسادى ماھىيەتتە قوماندانلىق ئەندىزىسى، لېكىن ئۇنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە پايدا ئېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئىگىلىكىنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان. خىتاي بىر تەرەپتىن مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن سانائەت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ ئەقلىي- مۈلۈك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. خىتاي كومپارتىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولسىمۇ، لېكىن شى شەخسنىڭ بايلىق ۋە ھوقۇقىنىڭ مەركەزلىشىپ تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە جوسىف سىتالىن، نىكىتا خرۇشچىۋ ھەتتا مىخاي گوربەچىۋىدغا قارىغاندا خېلىلا سەۋرچان ئىدى.

ئېكسپورت پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقى ئىقتىسادىنىڭ ئاز بىر قىسمى، لېكىن خىتاينىڭ ئېكسپورت ئىگىلىكى ئۇنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك گۆھىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەنە پۈتۈن دۇنيادىكى ئىستېمالچىلارنى نۇرغۇن تاۋارغا ئېرىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى نەپكە ئېرىشتۈردى. خىتاينىڭ غايەت زور ئىمپورت بازىرىمۇ نۇرغۇن چەت ئەللىكلەرنى بېيىتتى. بۇنىڭ بىلەن بېيجىڭ ئۆزىنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت تەشۋىقاتىنى بازارغا سېلىشقا باشلىدى: گەرچە بىز قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان بولساقمۇ، بىز بىلەن سودا قىلىش ھەمدە بىزنىڭ دوستىمىز بولۇش ياخشى ئىش.

ھەقىقەتتە بولسا، خىتاي پەردە ئارقىسىدا قائىدىلەرنى بۇزۇپلا قالماي، ھەممىنى چۆرۈپ تاشلىۋەتكەن ئىدى.
خىتاي دۇنيا سودا قائىدىسى ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ ھەر يىلى نەچچە تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىدىغان ئەقلىي-مۈلۈك ھوقۇقىنى مەنسىتمىدى. خىتاي ئىقتىسادنى مەركەز قىلغان كىشىلەر ئاممىۋى سۇغۇرتىدىن پايدىلىنىپ فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى قاتارلىق ئاخبارات مۇلازىمىتىگە قارشى تەشكىلاتلارغا تاقابىل تۇردى. لوبىيچىلىق قىلغۇچى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىيوننىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەسىر كۈچى ھەرىكىتى ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە بولسا بىر خىل خىتاي ئىقتىسادىي مودېلى بولۇپ، بۇ خىل مودېل تاۋارلىرىنى كۆپلەپ ئېكسپورت قىلىش، ئەركىن سودىنى ۋە چەت ئەل ھۆكۈمىتىنى كونترول قىلىش ھەمدە باشقىلار ئىجاد قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل، زېھىن ۋە ۋاقىت سەرپ قىلغاننى ئوغرلاش ئاساسىدا داۋام قىلىدۇ. بۇ ماقالە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان خىتاينىڭ ئىقتىسادقا قوماندانلىق قىلىش ئۇسۇلىدىكى نۇقسانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئۇنداقتا خىتاي ئارمىيىسىچۇ؟

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىگە سەرپ قىلغان خىراجىتى خىتاينىڭكىدىن تەخمىنەن ئۈچ ھەسسە كۆپ، لېكىن بۇ رەقەمدە ئۈچ نوقتا سەل قارالغان. ئالدى بىلەن، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى سېرژانتلىرىنىڭ مائاشى ئامېرىكا سېرژانتلىرىنىڭ مائاشىنىڭ تەخمىنەن 15\1 گە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، خىتاي بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوغرىلاش ئارقىلىق، بەش بۇرجەكلىك بىنا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتتىكى خىراجەتلەرنى تىجەپ قالىدۇ. ئۈچىنچى، خىتاي مۇھىم نۇقتىنى تور، باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئاسمان ئۇل- قورال سىستېمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باشقا يەر شارى كۈچى دېگەندەكلەرگە قارىتىپ باقمىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، سوۋېت ئىتتىپاقى كۆپ ساندا تانكا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە خادىملارنى ئىشلىتىپ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا جەڭ ئېلان قىلغان ئىدى. لېكىن خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشىنى رەت قىلىشقا مەركەزلەشتى. خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھ قوراللىرى، ئاۋىياماتكا قىرغۇچى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ۋە ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان ھاۋا مۇداپىئە ھەربىي پاراخوتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا سىياسىيونلىرىنى قارار چىقارغاندا ۋاقتىنچە توختىتىشنى مەقسەت قىلغان. جەڭ مەيدانىدا بولسا، خىتاي 21 – DF باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىدىغان ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسى ۋە 26 – DF باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىدىغان ئامېرىكا بازىسىنىڭ فلوتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاندىن خىتاي ئۇرۇش توختىتىش تەلىپىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. بۇ بىر چۆچۈگەن پارلامېنت ئۈچۈن ئەقىلگە مۇۋاپىق بولسىمۇ، لېكىن خىتايغا قائىدىنى ئۆزگەرتىشنىڭ گېئو-پولىتىك غەلىبىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ.

مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، بېيجىڭ ئۆزىنىڭ ئىلغار سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ ئامېرىكا جەمئىيىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئامېرىكا تور ئۇرۇشىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك ئىقتىدارىنى يوقىتىپ، ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى قانائەتلىنىشكە ئۆزگەرتىشنى پىلانلىدى. ئېسىڭىزدە بولسۇن، مۇستەبىت شى جىنپىڭ ئۆز خەلقىگە زۇلۇم قىلىشنى تاللاش ئارقىلىق بولسىمۇ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ ۋە شۇنداق قىلىدۇ.

خىتاي ئاسىيانىڭ سىرتىدىكى ئامېرىكا ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلالمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلمايدۇ، چۈنكى بېيجىڭنىڭ ئۇرۇش قوزغېشى ھاجەتسىز.

ئامېرىكا ئارمىيىسى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى قورال- ياراغ، مەشىق ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكى جەھەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۈستۈن تۇراتتى. خىتاي بولسا بۇنداق ئەھۋالدا ئەمەس. ئاۋسترالىيە بىلەن ياپونىيە ناھايىتى قالتىس ئىش قىلىۋاتىدۇ؛ ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان ھەمكارلىقى شەكىللىنىش باسقۇچىدا؛ ئەنگىلىيىدىن باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا كېمە ئەۋەتىشنى خالىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ ساندىكى ئاسىيا -تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى ۋاشىنگتوننى پەقەت ۋاقىتلىقلا قوللايدۇ. ئامېرىكىنىڭ خىتاينى بېسىپ چۈشەلەيدىغان بىردىنبىر ئۇرۇش رايونىنى تور، دېڭىز ئاستى، يىراق مۇساپىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان ۋە يادرو ساھەسىدە بولىدۇ.

ئاخىرىدا، يۇقىرىقىلار بىزگە مۇنداق بىر ئاددىي تەشەببۇسنى قىلىدۇ: ئەگەر بىز 21 – ئەسىردە ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى خەلقئارا تەرتىپنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلساق، ئەڭ ياخشىسى ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلايلى. خىتاي مۈشۈكئېيىق، ئەرزان مايكا ۋە تەبەسسۇم بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ، لېكىن بىز نۇرغۇن دۆلەتلەردىن كېيىنكى ئىككىسىگە ئېرىشەلەيمىز. خىتاينىڭ ئۇزاتقان قولىنى قوبۇل قىلىش بەدىلىگە كەلگۈسىمىزگە كويزا سېلىنىدۇ ۋە ئەركىن بولمىغان بىر كەلگۈسىگە ئېلىپ بارىدۇ. كەلگۈسىدە نامراتلىق ھەم جازا لاگېرى ھاكىمىيىتىنىڭ يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلغان بولىمىز.

مەنبە: Washington Examiner  Why China is a bigger threat than the Soviet Union

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top