ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2-قېتىملىق «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2020-يىلى 18- ۋە 19- يانىۋار شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » مۇزلىغان شەھەر (5)

مۇزلىغان شەھەر (5)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

قىش ئۆتۇپ, باھار كېتىپ، ياز باشلانغان بولسىمۇ، ئۈرۈمچى خەلقى تەبىئەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھېچ تۇيمايلا قالغان ئىدى. چۈنكى كۆڭۈل خاتىرجەم بولمىغان يەردە تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكلىرىدىن ھۇزۇر ئالدىغان تۇيغۇ نەدە دەيسىز. 1947- يىل 5-ئاينىڭ 21- كۈنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 2830- نومۇرلۇق ئاخباراتىدا ئېلان قىلىنغان ھۆكۈمەت پەرمانىدا: «جاڭ جىجۇڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوشۇمچە رەئىسلىكىدىن، ليۇ مېڭچۈن باشقا مۇھىم ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەيەت ئەزاسى، قوشۇمچە باش كاتىپلىقىدىن قالدۇرۇلدى، مەسئۇت ئەپەندى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋە رەئىسلىكىگە، ئىيسا ئەپەندى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوشۇمچە باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەندى، بۇرھان ئەپەندى نەنجىڭغا بېرىپ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرىدۇ.» دېيىلگەن ئىدى. بۇ پەرمان بىلەن تەڭ بىرلەشمۇ ھۆكۈمەت بۇزۇلىشقا قاراپ يۈزلەندى. چۈنكى بۇ قارار بىتىمدە بىكىتىلگەن ئورتاق قارارغا خىلاپ بولۇپ، گومىڭداڭ ھۆكۈمىتى ئۆز ئالدىغا قارار ئېلىپ، پەرمان چۈشۇرگەنلىكى ئۈچۈن ئىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى تەرەپنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. زاتەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى مەخسىتىمۇ ئوتتۇردىكى ئىتتىپاقلىقنى بۇزۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆز ئالدىغا ئىدارە قىلىشىنى ئويلاۋاتقان قارا نىيىتىنىڭ دەسلەپكى يۇزىنىڭ ئاشكارلىشىنى بولۇپ ھېساپلىناتتى. ئەمما مۇھەممەدئىمىن ئەپەندى ئىلى ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئەخمەتجەن ئەپەندى بىلەن مۇناسىۋېتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئامال بار خىتاي ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئويۇنلىرىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتاتتى.

ئىيۇن ئايلىرىنىڭ ئاخىرلىرى ئىدى. ئەخمەتجان ئەپەندى بىلەن مۇھەممەدئىمىن ئەپەندى ئۆزارا كەڭ كۇشادە سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن ئاقتاغقا ساياھەت قىلىش باناھاسى بىلەن چىققانتى. ئۇلار ياز كۈنلىرىدىكى ئۈرۈمچى شەھەرىنىڭ ئادەمنىڭ تېرىسىگە يىڭنىدەك سانجىلىدىغان ئىسسىق ئاپتىپىدىن قىچىپ، بۇ مەنزىرلىك تاغ باغرىغا كەلگەنلىكىنىدىن كۆپ مەمنۇن بولدى. ئۇلارنىڭ ئۈستىدە كۆپ-كۆك ئاسمان، ئاستىدا ياپ-يېشىل ئىكىنزار، ئەتراپىدا قىپقىزىل لەيلەقازاقلار گۈللىرى بىلەن پۈركەنگەن تاغلار يالتىراپ تۇراتتى. ئەخمەتجان ئەپەندى بىلەن مۇھەممەدئىمىن ئەپەندى ئىككى تاغنىڭ ئاراسىدىكى جىلغا يولدا پاراڭلىشىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا، ئوڭ تەرىپىدىكى ئېگىز تاغ چوققىسىدىن سېرىلىپ چۈشىۋاتقان سۇنىڭ شاقىرغان ئاۋازى يىراقتىن ئاڭلىنىپ تۇراتتى. شاقىراتمىدىن چۈشكەن تاغ سۈلىرى تاغ ئېتىكىنى بويلاپ، گۈزەل بىر ئۆستەڭنى ھاسىل قىلغان ئىدى. ئۇلار شاقىراتمىغا يېقىنلاشقانسېرى غۇر-غۇر چىقىۋاتقان سالقىن شامال ئۇششاق سۇ دانچىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە كېلىپ ئۇرۇلىشقا باشلىدى. ئەمدى شاقىراتمىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ھەر ئىككىلىسى يۇقۇرغا شۇنچىلىك زوق بىلەن قارىدى. تاغ سۈلىرى يۇقۇردىن تۆۋەنگە قاراپ چۈشكىچە، قىيا تاشلارغا ئۇرۇلۇپ، ئەتراپقا يالتىراق ئۇنچىلىرىنى چاچاتتى. سۇدانچىلىرى ھەم تازە ھەم مۇزدەك بولۇپ، ھەر كىمنىڭ يۈزىگە چاچرىسا شۇدەم شۇنچىلىك راھاتلىك بەخش ئىتتەتتى. تاغنىڭ پوكىنىنى بويلاپ تۆۋەنگە چۈشىۋاتقان سۇنىڭ سۈزۈك يۈزىنى، ئىككى ئادەمنىڭ غۇلىچى ئاران يېنتىدىغان بىر قېرى قارغاينىڭ ئىگىلىپ قالغان شاخلىرى سىلاپ تۇراتتى. ھاۋادا لىنتىدەك ساڭگىلاپ تۇرغان شاقىراتمىنىڭ ئىككى ياقىسىدا ئىچىلىپ كەتكەن رەڭمۇ-رەڭمۇ گۈللەر ھەرقانداق غەمكىن ئادەمنىڭ كۆڭلۈنى لال قىلماي قالمايتتى. ئۇلار بۇ مەنزىرە قاراپ بارلىق قايغۇلىرىنى، كاللىسىنى قويچىۋاتقان پىكىر ئىختىلاپلاررنى ئۇنتىغاندەك بولدى. تاغ سۈيى پەسكە چۈشكەندە شۇنچىلىك ئالدىراپ تىز ئاقاتتىكى، ئۇنىڭ ئېقىشلىرىغا قاراپ ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇيۇپ قالغاندەك بولۇپ قالدى. تاشتىن-تاشقا سوقىلىپ ئېقىپ كېتىۋاتقان سۇلار ئاجايىپ شارچىلارنى چىقىرىپ، شىررىلدىغان ئاۋازلىرىنى ئەتراپقا يايماقتا ئىدى. ئەنە شۇ شوخ سۇلار بىر-بىرىدىن قىزغىنىپ، ئالدىراشلىق بىلەن ئۇدۇل كەلگەن تاشنىڭ سېلىق يۈزىنى سۆيۇپ قاچاتتى. ئەخمەتجان ئەپەندى بىلەن مۇھەممەدئىمىن ئەپەندى شاقىراتمىنىڭ يان تەرەپتىكى جىلغا يولنى بويلاپ يۇقۇرغا قاراپ ماڭدى. ئادەم ئىزلىرى بار ھەم تار ھەم تىك بۇ يولدا، ياندىكى قارىغاي كۆچەتلىرىنى تۇتماي ئالدىغا قاراپ ئىلگىرلەش ھەقىقەتتەن قىيىن ئىدى. ئەممە ئىككى ئەپەندى ھېچ ئىككىلەنمەي ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، ھېچقانداق قىينالمايلا يەڭگىل يەڭگىل قەدەم تاشلاپ يۇقۇرغا قاراپ چىقىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلار ئەسلىدە سۇنىڭ كېلىۋاتقان مەمبەسىگە قاراپ چىقماقچى بولۇپ، يۇقۇرغا قاراپ يول ئالغانىدى. يەر يۈزىگە چۈشىش ئۈچۈن، شۇنچىلىك تەققەززالىق بىلەن ئېقىۋاتقان تاغ سۇيى، كۆك يۈزىدىكى پاقىراپ تۇرغان قۇياشنىڭ تازە نۇرلىرىدا، كۆكتىن تۆكۇلىۋاتقان جاۋاھىراتلاردەك ۋال-ۋۇل چاقناپ، بىر-بىرىنى قوغلۇشۇپ، پەسكە توختىماي دومۇلاۋاتاتتى. ئۇ ئىككىسى يۇقۇرغا قاراپ يەنە داۋاملىق ماڭدى، تاغنىڭ قاپ بېلىگە كەلگەندە، بىر تۇزرەك يەرگە كېلىپ توختىدى. ئەمدى دەم ئالغاچ ئەتراپقا بىر قۇر كۆز ئاتتى. ئاندىن بىرقانچە يەردە قارنىڭ ئېرىپ، ھاسىل قىلغان بۇلاقتەك سۈزۈك كىچىك كىچىك كۆلچەكلەرنى ھاسىل قىلغانلىقىنى كۆردى. ئۇلار كۆلچەكلەردىن ئېقىپ چىققان سۇ بىر يەردە بىرلىشىپ، ئاخىرى بېرىپ ئاشۇ تاغنىڭ قىيالىرىدىن تۆۋەنگە شاقىراپ ئېقىپ، غايەت كۈچلۇك بىر ئېقىننى ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدى. دېمەك تەبىئەت بىلەن ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ئاساسەن ئوخشاش. تاغدىن ئېرىگەن قار سۈلىرى يېغىلىپ كۆلچەكلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. شۇ كۆلچەكلەردىن تېشىپ ئاققان سۇلار، بىر يەرلەرگە كەلگەندە ئۆزارا بىرلىشىپ، ئۆز يولىنى بويلاپ تۆۋەنگە قاراپ ئېقىپ، دەريا-ئۆستەڭلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. ئاندىن ۋادىلاردا بوستانلىقلارنى بەرپا قىلىپ، بوستانلىقلارغا ئىنسانلار كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، يېزا – شەھەرلەرنى بىنا قىلىدۇ. دېمەك ئەڭ دەسلەپتە سۇ ئېقىنلىرى ئىنسانلارغا يول كۆرسەتكۈچى بولغان ۋە يوللارنىڭ پەيدا بولۇشىغا، ئاندىن ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ۋەسىلە بولغان. ئادەملەرمۇ شۇ قار سۇلىرىدىئەك ھېچ بىر مەخسەتسىزلا بىرلىشىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە غايەت زور بىر كۈچنى ھاسىل قىلغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ چىقىش ۋە قۇتۇلۇش يوللىرىنى تاپقان بولاتتى.

سۈزۈك سۇلارنى كۆرۇپ ئۆزىنى تۇتالمىغان ئەخمەتجان ئەپەندى، يەڭلىرىنى جەينەكلىرىگىچە تۇرۇپ، ئىككى قولىنى ۋە يۈزىنى يۇدى، ئاندىن سۇنى ئىككى ئالقىنىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ ئىچىشكە باشلىدى. سۇ گەرچە شۇنچىلىك مۇزدەك بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يېنىپ تۇرغان يۈرىكىگە شۇنچىلىك ياققان ئىدى. سۇنىڭ تەمىنى تېتىپ تۇرۇپ، سۆيۈنىپ ئىچىۋاتقان ئەخمەجان ئەپەندىنىڭ خوش كەيفىنى كۆرگەن، مۇھەممەدئىمىن ئەپەندى، ئەمدى چىداپ تۇرالمىدى. ئۇمۇ بېرىپ يەڭلىرى تۇرۇلگەن ئىككى قولىنى سۇنىڭ ئىچىگە تىقىپ، بىردەم تۇرغاندىن كېيىن، سۇنى ئالقىنىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ تۇرۇپ، ھوزۇر ئىچىدە ئىچىشكە باھسلىدى. بەلكى بۇ سۇ، ئۇ ئىككى ئەپەندىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئېگىز ۋە كۆككە ئەڭ يىقىن يەردىن ئىچكەن، ئەڭ تازە، ئەڭ مۇزدەك سۇ بولۇشى مۇمكىن. قۇياشنىڭ ئاستىدا كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇرغان سۇلار كىشىگە خۇددى كۆپكۆك دېڭىزنى ئەسلىتەتتى. سۇنىڭ يۈزىدىكى مىڭلىغان چاقنىغان نۇرلار كۆكتىن چۈشكەن يۇلتۇزلاردەك جۇلالىنىپ تۇراتتى. ئەگەر سىز شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە سەللا ۋاقىراپ گەپ قىلىدىغان بولسىڭىز، ئاۋازىڭىز تاغنى بويلاپ يۇقۇرغا ئۆرلەپ، كۆككلەرگە قەدەر يېتەتتى. يەڭگىل چىققان شامالنىڭ تەسىرىدە سۇ ئۈستىدە ئۇياق-بۇياققا قاچقان يەڭگىل دولقۇنلار پەيدا بولىۋاتاتتى. ئەنە شۇ چاغدا كۆك ئاسماننىڭ قەھرىدە، قامچىدىن ئۈركۈپ كەتكەن پادىلاردەك دەۋرىشىپ يۈرگەن ئاق بۇلۇتلار پەيدا بولدى. ئۇلار شۇ تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكلىرى ئىچىدە، كۆككە قانچە يىقىنلاشقانسېرى ئۆزلىرىنى شۇنچىلىك ھوزۇر ھېس قىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى. ھازىر ئۇ ئىككىسى، يەر جاھاننىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرىنىدىن، دەبدەبەلىرىدىن، چاڭ-توزاڭلىرىدىن، مىلتىق ئاۋازلىرىدىن، گۇلدۇر-قاراس ئالقىشلاردىن ئۇزاق ئىدى. پەقەت ئاڭلىنىۋاتقان تېۋىشلار بولسا، پاك سۇ بىلەن ياپ-يېشىل قارغايلارنىڭ شىلدىرلاشلىرىلا ئىدى. ئىككى يول باشچى بولسا، يېشىل زېمىن بىلەن كۆك ئاسمان ئارىسىدا گۈزەل سەييارە قىلىپ، ۋەتەن باغرىنىڭ ھايات گۈلىستانى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چۈشىنىپ، ھاياجانلىنىپ، بۇ گۈزەل ماكاندا يالغۇزلۇقنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرمەكتە ئىدى. سالقىن شامالنىڭ تۇيدۇرماستىن كېلىپ يۈزلىرىنى سىلاشلىرىدىن، تازە ھاۋانىڭ يەڭگىل كېلىپ نەپەسكە سوقۇلىشلىرىدىن، كۆكتە ئۇلارغا ھەۋەس بىلەن قاراپ تۇرغان قۇياشتىن، ئۈستىدە توپ-توپ ئاقۇلاردەك ئۇچۇپ يۇرگەن ئاپاق بۇلۇتلاردىن، ئۇلارغا ماراپ قاراۋاتقان ھېچ قول تەگمىگەن ياپ-يېشىل ياشىرىپ تۇرغان قارغايلاردىن باشقا ئەتراپتا ھېچ بىر نەرسە يوق ئىدى. دېمەك ئىنسان بالىسى يۇقۇرغا ئۆرلىگەنسېرى ھەقىقەتكە شۇنچە يېقىنلىشىدۇ. تەبىئەت بىلەن ئۆزۈ ئارىسىدىكى باغلىنىش تونىيالايدۇ ۋە ئۆز ئۆزىنى شۇنچە سۈزۈك تونۇپ يېتىپ، نىجادىيەتكە يېتىدۇ. بۇ ئۇلۇغ ھاياتنى شۇنداق شەيدالىق بىلەن كۈيلەشكە سەۋەپ بولغان، بۇ پىنھان شائانە ماكان بولسا ھەقىقەتەن جەننەتتىكى ئېرەم باغقا تەققاس! مۇھەممەدئىمىن ئەپەندى بۇ ئاجايىپ مەنزىرلەردىن ھاياجانلانلىنىپ، شائىرانە ھېسياتلىرى يەنە قوزغالدى-دە، ئۆزىنى شۇنچىلىك ئەركىن قويۋېتىپ، يەڭگىل بىر ئاۋاز بىلەن شېئىر ئوقۇدى:

*

ئۇلۇغ ۋەتەن، ئېرىغ تۇپراق، ئەزىز تۈركىستان
تارىخىدۇر ئۇزۇن ئوچۇق مۇقەددەس داستان
مەدەنىيەت ئاساسىنى ئەۋۋەل تاراتقان
تۈركىستاننى تەڭرى بىزگە مەڭگۈ ياراتقان
تا ئەزەلدىن ئەبەدكىچە ۋەتەن بىزنىڭدۇر.

*

ياشاپ كەلدۈك مىڭلارچە يىل بىز بۇ تۇپراقتا
جان بەردۈك بىز، شان ئالدۇق بىز ئۇشبۇ تۇپراقتا
ياراتىلدۇق، ھەم كۆمۈلدۈك بىز شۇ تۇپراقتا
تا قىيامەتكىچە بىز ياشايمىز ھەم بۇ تۇپراقتا
ۋەتەن بىزنىڭ، ۋەتەن بىزنىڭ، ۋەتەن بىزنىڭدۇر.

*

كېلىپ چۈشكەن كىشىلەر سانايمىز مېھمان
قونۇپ ئۆتكەن قاپىلىنى ئاتايمىز كارۋان
بېسىپ كىرگەن كۈچنى دەيمىز ھەقسىز ئەل ئامان
ئۆي ئىگىسى بولالماسلار ياخشى يا يامان،
كەلگەن كېتەر بىز قالۇرمىز، ۋەتەن بىزنىڭدۇر.

*

ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك كۈنى بارلىق بەختسىز كۈنلىرىنى ئۇنتۇلدۇرۋەتكەن ئىدى. دېمەك ۋەتەن سۆيمەك ئالدى بىلەن شۇ ۋەتەن تۇپراقلىرى ئۈستىدىكى تاغ-دەريالارنى، دەل-دەرەخلەرنى، چۆل ۋە ئويمانلىق قاتارلىق بارلىق تەبىئەتتىكى مەۋجۇداتلىرىنى سۆيۇشتىن باشلىنىدۇ.
ئەمدى ئۇلار بۇ گۈزەل مەنزىرىنىڭ پەيزى بىلەن،ئۆرۇلۇپ توغرىسىغا يېتىپ قالغان بىر قارغاينىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ قۇرۇق گەۋدىسى ئۈستىدە ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۈشتى.غۇر-غۇر قىلىپ چىقىۋاتقان تاغ شامېلى ئۇلارنىڭ بۇ دوستلۇق مۇھەببىتىنى ئۇچۇرۇپ ئالەمگە يايماقاتا ئىدى. ئەخمەتجان ئەپەندى نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەن يۈرەك سۆزىنى ئېيتتىپ سۆز باشلىدى،-

ھازىرقى ۋەزىيەتنى كۆرۇپ تۇرۇپتىمىز. بىزنىڭ گومىنداڭ بىلەن بىر يولدا مېڭشىمىزغا ھېچ بىر سەۋەپ قالمىدى. بىز ئۇلارنىڭ بېرىدىغان ئىمتىيازلىرىنى ئالىمىز دەپ ئەمەس، بەلكى بەرمىگەن ئەركىنلىكنى ئالىمىز دەپ، قولىمىزغا قورال ئېلىپ بۇ يولغا باش قويغان. بىز ئۆزىمىزنىڭ مەستەققىل دۆلىتىنى قۇرۇش، ئۆز خەلقىمىزنىڭ تەغدىرىنى ئۆزىمىز بەلگىلەشنى ئالى غايە قىلىپ بۇ كۈرەش يولىغا ئاتلانغان. مەن سۆۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جوڭگۇنىڭ ئەمەلى ئەخۋالىنى تەتقىق قىلىپ ۋە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن جوڭگۇ جەمىيىتى بىلەن رۇس جەمىيىتىنىڭ ئوممۇمى ئەخۋالىنى سېلىشتۇرۇپ، بىز ئاخىرقى مۇستەققىللىق غايىمىزگە يېتىش ئۈچۈن، چىن تۈركىستان بولغاندىن كۆرە، ئەڭ بولمىغاندا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر رېسبۇپلىكىسى بولغىنىمىز ئەۋزەل دېگەن، قاراشتىن ھېچ ۋاز كەچمەيدىغان قارارغا كەلدىم. چۈنكى جوڭگۇ بىلەن رۇسىيەنىڭ دۆلەت تۇزۇلمىسى، مەدەنىيەت ئەنەنىسى، سىياسى ئىدىيەسى، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات سۈرىتى ۋە باي نامراتلىق پەرقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر-بىرىگە تۇپتىن ئوخشىمايدۇ. جوڭگۇ جەمىيەتى بولسا رۇس جەمىيەتىگە قارىغاندا بەكمۇ قالاق. بۇ ئىككى چوڭ مىللەت سۆز ھەرىكەت، مىجەز خارەكتىر، ھېسيات ۋە قىممەت قاراش، دىنىي ئىتىقاد، كۇلتۇر قاتارلىق جەھەتلەردە بىربىرلىرىگە تۇپتىن ئوخشىمايدۇ ۋە ياشاۋاتقان جۇغراپىيەلىك شارائىتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى ئۇلارنىڭ مەسىللەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى، تەپەككۇر قاتلىمى، ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتلەردە، ئاجايىپ ئوخشىماسلىقلارنى مەيدانغا كەلتۇرۇگەن. بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا بىز خىتايلارغا قارىغاندا رۇسلارغا مايىلراق كېلىمىز. بۇ بىزنىڭ كەمچىلىكىمىز ئەمەس، بەلكى ئارتۇقچىلىقىمىزنىڭ ئىپادىسىدۇر. ھەر ئىككى دۆلەت ئۇرۇشنىڭ ئېغىر ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى جەھەتتىن تىز قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ھەمدە تاشقى جەھەتتىن جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن ماددى بۇيۇملار يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن، ئىچكى جەھەتتىكى قىيىنچىلىق ھەقىقەتەن ئېغىر. ئەمما جوڭگۇنىڭ ئەخۋالى بولسا ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر. مەن نەنجىڭغا قۇرۇلتايغا قاتنىشىش مۇناسىۋېتى بىلەن جوڭگۇنىڭ خىلە چوڭ شەھەرلىرىدە ئېكىسكۇرسىيەدە بولدۇم. كۆرگەن-بىلگەنلىرىم شۇنى ھېس قىلدۇردىكى، جوڭگۇنىڭ بىزنى ئەمەس، پەقەت ئۆزىنى قۇتۇلدۇرىشى ئۈچۈن بىرە ئەسىرگە يىقىن ۋاقىت كىتىدۇ. ئۇلاردىكى ۋەيرانچىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر. ئۇنىڭ ئۈستىگە جوڭگۇ جەمىيىتى تىچ جەمىيەت ئەمەس. ھازىرمۇ ئىچكى ئۇرۇش بولىۋاتىدۇ. ئادەم سانى ھەددىن كۆپ بولۇپ، تەڭدىن كۆپ خەلقى ئاچ-يالىڭاچ، ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان. مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن يول يولدىكى ۋوگىزاللاردا ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكىدىن قاچقان، قاياققا بېرىپ جان ساقلىشىنى بىلەلمەي، تەپتىرەپ يۈرگەن مىليونلىغان خىتاي پۇخرالىرىنى كۆردۇم. ئۇلار گاڭگىراش ۋە چۈشكۈنلۈكلەر ئىچىدە بىر چىقىش يولى تېپىش ئۈچۈن ھەرقانداق رەزىللىكلەرنى قىلىشقا تەييار. بۇ خىل روھى ھالىتى، يانلىرىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ياد مىللەتلەرگە ئاچ كۆزلۈك بىلەن قاراشلىرىدىن شۇنچىلىك روشەن بىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇلار بىز ئۈچۈن ناھايىتى قورقۇنچلۇق تەھدىد. ئۇنىڭ ئۈستىگە جوڭگۇ جەمىيىتىگە نەزەر سالىدىگاھن بولساق، خىتاي مىللىتىگە كونا مەدەنىيەتنىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن ئىكەن. ئادەم يېيىش، بۇلاپ-تالاش، قىرغىن قىلىش، بالىلارنى ئېلىپ سېتىش، ھەرخىل خۇراپى كارامەت ۋە كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش، تېخى نارىسىدە قىزلارنىڭ پۇتلىرىنى بۇغۇش دېگەندەك ناچار مىللىي خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە ئىكەن. ئەنە شۇلاردىن ئېرىشكەن جىسمانى ئازاپنى تېخى ئۆزىگە ھوزۇر دەپ بىلىدكەن. ھەتتا ئادەم گۆشىنى يەيدىكەن. بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى رەزىللىكلەر ئۇلارنىڭ نەزىرىدە گۈزەللىك ھېساپلىنىدىكەن.ئۇنى ئاز دەپ، مىللەتچىلەر بىلەن كوممۇنىسلار تىنماي ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئۇرۇشنىڭ بەدىلىنى ئاخىرى بىز ئۆتەيدىغاندەك قىلىمىز. مۇشۇنداق ئۆزۈ دۇنيادا ئارقىدا قالغان، ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھاتقا ئىھتىياجى بار. ئەمما بۇنىڭغا كۈچ- قۇدرىتى يەتمەيدۇ ۋە شارائىتىمۇ يار بەرمەيدۇ. مۇشۇنداق ھالەتتىكى بىر قالاق مىللەت بىزگە قانداقمۇ ياردەم قىلالىسۇن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەققىي ئىچكى مايھىيىتى ئاشكارلاندى. ئۇلار بىز تەلەپ قىلغان ئالىي مۇختارىيەتكە ئېرىشىش ئىستىكىمىزنى پۈتۈنلەي رەت قىلدى. بىزنى ئۆزلىرىنىڭ بىر ئۆلكىسى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىندىغانلىغى توغرىسىدىكى مەيدانىنى ئوچۇق مۇئەيەنلەشتۇردى.ئەمما، بىز بۇنداق بولۇشنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن رەت قىلىمىز. بۇ ئىنقىلاپنى خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قىلغان. ئىنقىلاپ مېۋىسىنى قوغداش ئۈچۈن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىمىز.
سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەلسەك ئۇلار ياۋروپانىڭ ئىلغار مەدەنىيەتىگە يىقىن. گەرچە ئۇلار ھازىر سورسىيالىستىك تۇزۇمدىكى بىر دۆلەت بولسىمۇ، بۇنىڭ بىزگە بولغان زىيىنى، جوڭۇنىڭ زىيىنىغا سېلىشتۇرغاندا چوڭ بولمايدۇ. ماركزم نەزەرىيەسى ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن. ئەمما لېنىن ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋى ئارقىلىق چار پادىشاھنى ئاغدۇرۇپ، ماركزم ئىدىيەسى ئاساسىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنى قۇردى. كۆپ دۆلەتنىڭ قوراللىق ئارلىشىشىنى مەغلۇپ قىلىپ، پۇرۇلىتارىياتنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۇردى. ئەمما بۇ دۆلەت تۇزۇلمىسى خەقىقىي ماركىزم ئىدىيەسىگە ۋارىسلىق قىلغان تۇزۇم ئەمەس. ماركسنىڭ قارىشىچە سوتسىيالىزم قورال كۈچى بىلەن ئەمەس، بەلكى تىچ يول بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. يەنى ئىشلەپچىقىرش كۈچلىرى تەرەققىي قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن چاغدا، ئىشلەپچىرىش كۈچلىرىگە ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن بىر نەچچە دۆلەتنىڭ بىرلىشى بىلەن سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇلىدۇ. بۇ دۆلەتلەردە ئۆزارا چېگرا بولمايدۇ، پۇل بىرلىكى ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئىشلەپچىرىش مۇناسىۋەتلىرى بولسا، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلاشتۇرىلىدۇ ۋە ئاخىرىدا سوتسىيالىزم تەرەققىي قىلىپ كوممۇنىزم جەمىيىتىگە يېتىپ بارىدۇ. كوممۇنىزم جەمىيىتى ئەسلى ماھىيەت جەھەتتىن خۇددى ئىنسانىيەت جەمىيتىنىڭ باشلانغۇچى بولغان ئىپتىدائىي جەمىيەت تۇزۇلمىسىگە ئوخشايدۇ. يەنى ھەركىم ئۆز كۈچىگە لايىق ئەمگەك قىلىدۇ، ئېھتىياجىغا قاراپ تەخسىمات ئالىدۇ. بۇ ھەرقانداق شەئىي تەرەققىي قىلىپ پەللىگە يەتكەندە، ئۆز ئەسلىگە قايتىدۇ دېگەن ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدۇ. ئەمما لېنىن ماركىسنىڭ نەزىريەسىنى ئۆزگەرتىپ پۇرۇلىتارىياتنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، قوراللىق ئىنقىلاپ قىلىش ئارقىلىق سوتسىيالىزىمنى مەجبۇر ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇنداق سوتسىيالىزىم ئىنسانىيەت جەمىيەتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن ئەمەس. چۈنكى ئىشلەپچىرىش كۈچلىرى قالاق بىر ھالەتتە تۇرۇپ، ھەممىگە ماس كېلىدىغان ئىشلەپچىرىش مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنداق ئۈستۇن دۆلەت قۇرۇلمىسىنى پۇرۇلىتارىيات دېكتاتتۇرىسىغا تايىنىپ ئۇزۇن مۇندەت ساقلاپ قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق دۆلەت خەلقنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالمايدۇ. خەلقسىز دۆلەت، دۆلەت بولۇپ تۇرالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتىگېيەمىزنى ئويلىغىنىمىزدا، ھازىرچە ئۈچ ۋىلايەتتىكى مەۋجۇت ھۆكۈمىتىمىزنى ساقلاپ قىلىش ئاساسىدا، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازاتلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىش. زادى ئامال بولمىغاندا، خىتاينىڭ ئاپتونومىيەسى ئەمەس، بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئىتتىپاقداش رېسپۇبلىكىسى بولۇپ تۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ نىسپى ئەركىنلىكىنى ساقلاپ قىلىش بىز ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارايمەن. بىز دائىم پالانىزم، پوكىنىزم، دەپ تالىشىۋاتىمىز. ئەسلىدە بىزگە بۇنداق پالانىزم، پوكىنىزم دېگەن بىر نېمىلەرنىڭ بىز بىلەن ئالاقىسى يوق. بىز ئۇيغۇرلار يېڭى ئىزم پەيدا قىلىدىغا مىللەت ئەمەس، يېڭى ئىزم قوبۇل قىلىدىغانمۇ مىللەت ئەمەس. بىزگە ياد ئىدىيەلەر كېلىپ قالسىمۇ، دەرھال ئۇنىڭ رەنڭى ئۆڭۇپ كېتىدۇ. باشقىلارنىڭ تەپەككۇرى بىلەن بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەقىقەتەن بىرنەچچە قەۋەت پولات تام بارلىقى روشەن. چۈنكى يېڭى ئىزمنى تىرىغۇچىلەر كېلىپ بىزگە ئۇرۇقىنى چاچسا، ئۇنىڭ ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان مەنىۋى مۇنبەت تۇپراق بىزدە يوق. شۇنداقلا يېڭى ئىزمنى تەشۋىق قىلىدىغان ناخشىلارغا تەڭكەش قىلىپ چالىدىغان سازەندە بىزدە يوق. شۇڭا بىز ئىزملارغا چىڭ ئىسىلۋالماي ئۆز يولىمىزدا مېڭىپ، سۇنىڭ ئېقىشىنى بويلاپ مېڭسىشىمىز كېرەك. بىز نۆۋەتتە دۆلەت قۇرۇشىمىزغا قايسى يول پايدىلىق بولسا، شۇ يولدا ۋاستە تاللىماي مېڭىشىمىزغا توغار كېلىدۇ. سىزدىن ئاخىرقى قېتىم شۇنى تەلەپ قىلىمەن ۋە بۇ توغرىسىدا ئىجابى جاۋابقا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن. يەنى سىز بىز بىلەن غۇلجىغا كېتىشكە ھېچ ئىككىلەنمەي ماقۇل بولۇڭ. بىز ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇت جۇمھۇرىيىتىنى قانچانغىچە ساقلاپ قالالىساق شۇ چاققىچە بىرلىكتە كۈرەش قىلىمىز.بىزگە ھازىر ئاخىرقى نۇقتا شۇنچە يىراق ۋە مەجھۇل كۆرۇنىۋاتىدۇ. لېكىن ئاخىرقى تەغدىرىمىزنىڭ نېمە بولىدىغانلىغى بىزگە گۇڭگا بولغانلى ئۈچۈنلا، بۇ يول بىز ئۈچۈن شۇنچىلىك جاپالىق ھەم مەنىلىك. شۇڭا يول ئۈستىدىكى بەزى پىكىر ئىختىلاپلارنى بىرياققا ئىشتىرىپ قويۇپ، ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئۈچۈن، ئاخىرى تېخى ئىنىق بىلىنمىگەن نۇقتىغا قاراپ مېڭىشىمىز لازىم. ئەمدى جاھان تىنچىغانغا قەدەر، مەۋجۇت ھۆكۈمىتىمىزنىڭ مەنپەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ، ئورۇنسىز ئىختىلاپلاردىن ۋازكەچسەك ۋە مەسىللەرگە توغرا قاراشتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرمىساق. ھەمدە ئۆزىمىز تۇرغان مەۋقەيىمىزنى، سەرگۇزەشلىرىمىزنى تەشۈرۈپ كۆرسەك، سىز بىلەن مېنىڭ پىكرىم ئوتتۇرىسىدا ئەسلىدە ھېچ بىر ئېختىلاپ يوق. ھەممىمىز ياڭراق ئاۋازىمىز بىلەن ۋە جانىمىز ھەم قانىمىز بىلەن ئۆز خەلقىمىزنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بارلىق ئەنەنىۋى ئىدىيە ۋە ئۇسۇللارنى بۆسۇپ چىقالايدىغان باتۇرلارنى يېتىشتۇرۇپ چىقىش يولىغا ئاتلىنىۋاتىمىز. بىر مىللەتنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە بەخت-سائادەتكە ئېرىشىشى، ئۇ مىللەتنىڭ مۇتلەق ئىھتىياجى بولۇپ، مۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن، شۇ مىللەتنىڭ ئۆزۈ زور تىرىشچانلىق ۋە پىداكارلىق كۆرسىتىشى كېرەك. نۆۋەتتە ئۈچ ۋىلايەتتىكى مۇستەققىل ھۆكۈمىتىمىزنى ئۇزاق مۇندەت ساقلاپ قىلىش ۋە تىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىسادى ۋە ھەربىي كۈچىمىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاۋۋال ئىقتىساسلىق ياشلارنى يېتىشتۇرۇپ چىقىشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ. ئىقتىساسلىق كىشىلەر كۆپ بولغان جەمىيەتتە ھەرقانداق ئىش ياخشى يۇرىشىدۇ. ئىقتىساسلىق كىشىلەرنى يېتىشتۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، مىللىي روھنى ئۆستۇرىش ۋە شەخسىلىكنىڭ قەدىر قىممىتىنى يۇكسەلدۇرۇشكە توغرا كېلىدۇ. مانا بۇ زۆرۈر خىزمەتلەرنى قىلىش ئۈچۈن سىزدەك يول باشچىلارغا ۋە ئىلغار پىكىرلىك زېھنى ئوچۇق زىيالىلار ئىھتىياجىمىز بار. ھازىر پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا ئىلغار زىيالىلار ئىلىغا قاراپ سەلدەك ئېقىۋاتىدۇ. مەن بۇنىڭدىن بەكمۇ سۆيۇنمەكتىمەن. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەنەنىۋى مائارىپىمىزنى ئىسلاھ قىلىپ،بۈگۈنكى دۇنيا تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان مائارىپ سېستىمىمىزنى قۇرۇپ چىقىمىز. ئىلىم-پەن تەرەققى قىلىپ، تېخى بىلىپ يېتەلمىگەن ساھالەرگە يۈرۈش قىلىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە، مۇسلمان دۇنياسىدا ئىلىم-پەندە ئىلگىرلەش بولماۋاتىدۇ. تەبىئىي پەن ساھاسىدىكى تەتقىقاتلار ۋە ئەمەلىي تەجىربىلەرنى قىلىشنىڭ ئورنىغا شەرھىلەشنى، ئىلغار پەن-تېخنىكىنى ئۆزلەشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا باھالاشنى دەسسىتىۋاتىدۇ. ئىلىمنىڭ ھەققىي ماھىيىتىنى چۈشىنىش سۇسلىشىپ، قارغۇلارچە يادلاش ئەۋج ئېلىپ، ئىجاتچانلىق يوقاپ كېتىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتچانلىقتىن يىراقلىشىپ، كونا ئەقىدىلەرگە مەپتۇن بولۇپ كەتتى. بۇرۇن ئىسلام دۇنياسىدا شۇنچە تەرەققى قىلغان ئاسترومىيە ئىلمىي بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تىلسىماتقا ئايلىنىپ قالدى.سىزگىمۇ شۇنداق ئايانكى ئىسلام ئەللىرى ھازىر بىر چەمبەرنىڭ ئىچىدىن چىقالماي، توختىماي پىقىراپ، ئۇيۇپ قالغان پىقىرغۇچتەك تۇرغۇن ھالەتتە تۇرماقتا. ئەمما بىز ئۇنداق پىقىراشنى ئەمەس، يولدا ئىلىگىرلەشنى خالايمىز.ئۇيغۇر مىللىتى ئەزەلدىن تارتىپ يېڭىلىق ياراتقان ۋە يېڭلىقلارنى تىز قوبۇل قىلىدىغان مىللەت. ھازىر بىز كونا ئەمرىمەرۇپلارنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ، يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشقا جۈر ئەت قىلىۋاتىمىز. ئەقىل-پاراسەتلىك قابىلىيەتلىك كىشىلىرىمىزنىڭ ئىلمىي ئەمگىكى نەتىجىسىدە يېڭى ئىجادىيەتلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۇرۇشكە تىرىشىۋاتىمىز. بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندىمۇ سىز بىلەن مەن ئورتاق كۆز قاراشتىكى، بىر يولنىڭ يولچىلىرى بولىمىز.بىز بىر يولدا ماڭساقلاپ كەلگۇسىدە ئەركىنلىق قۇياشى بىزنىڭ يۈزىمىزگە قاراپ چوقۇم كۈلىدۇ. بىز ئىككىلىمىز مىسىر پىرئەۋىنىنىڭ شۆكرىتىگە ۋە ئۇنىڭ مومىياسىغا قىزىققۇچىلاردىن ئەمەس. بىز ئەلۋەتتە پىرامىدانى ياساشقا كەتكەن ئەقىلگە، سەنئەتگە ۋە جاسارەتكە قىزىقىمىز. ياكى بىز راھەت – پاراغەتتە جەمشىتتەك بولغىمىز يوق، بىز جاھاننى سورىغان زۇقەرنەين ئەسكەرلىرىنىڭ قارنىدىن “ئالتۇن قان” ئاققۇزغان تۈرك ئەسكەرلىرىگە باش بولغان ئۆگەدەك يول باشچى بولۇشىمىز لازىم. جوڭخۇئا مىنگونىڭ ئاتىسى سۇن جۇڭشەن ئەپەندى رۇسسىيە ئىنقىلابىنى ماختاپ:«كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇرۇش پەقەت ئادالەتلىك بىلەن ئادالەتسىزلىك ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش بولىدۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئادالەتلىك ئاق تەنلىكلەر بىلەن ئادالەتلىك سېرىق تەنلىكلەر بىر يولدا ماڭىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. بىز بولساق ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن رۇسلارنىڭ نۆۋەتتە “ئادالەتلىك يول” دەپ قارىغان يولىغا مايىل بولۇپ، ئاخىرى ئۆزىمىزگە مەنسۇپ بولگان ئادالەتنىڭ يولنى چوقۇم تاپىمىز! ھازىر ھېچ بولمىغاندا ئۈچ ۋىلايەت خەلقى بولسىمۇ خىتايلارنىڭ بويۇنتۇرقىدىن قالغان تەڭسىزلىك ئەلىمىنى تارتمايۋاتىدۇ. ھەقىقىي ئازاتلىقنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارغا خاس خورلۇقنىڭ، ئېزىلىشنىڭ دەردىدىن قۇتۇلدى. بىزنىڭ تەغدىرىمىزنى پۈتكۈل تەپەككۈر ئىقتىدارىمىز يېتەكچىلىك قىلغان كۈرەش پائالىيەتلىرىمىز بەلگىلەيدۇ. ھەرگىز تۈرك ياكى مۇسۇلمان بولۇپ قالغانلىقىمىز بەلگىلىمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز كۈچلۈك دۈشمەنگە قارشى ئۆز تەغدىرىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان دەۋردە، بارلىق ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىشىمىز لازىم. ئەگەر بىز بىرلىك بولۇپ ئۇيۇشساقلا كەلگۈسىدە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئازاتلىق، ھۆرلۇككە چوقۇم مۇيەسسەر بولىدۇ! نۆۋەتتە بىز ئۈچۈن ئىتتىپاقلىق، كۆكتىكى قۇياشتىنمۇ بەتەر بىباھا!،-

ئەخمەتجان ئەپەندىنىڭ ئاستا ئالدىرماي قىلغان ۋەزىنلىك سۆزلىرى، مۇھەممەدئىمىن ئەپەندىگە تەسىر قىلمىدى ئەمەس ئەلۋەتتە تەسىر قىلغان ئىدى. لېكىن، مۇھەممەدئىمىن ئەپەندى بىرگە يولغا چىققان دوستلىرىدىن ئايرىلغۇسى كەلمىدى. چۈنكى بۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تۇتقان يولى بار ئىدى. ئۇ يولنىڭ ئۆزلىرىنى ئاخىرقى مەنزىلگە ئاپىردىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بولغان نەپرەت ئوتى ھېچ ئۆچمىگەن ئىدى. بۇركۇتنى ئۆلتۈرگەن ئۇنىڭ پىيىدىن ياسالغان ئوق بولغىنىدەك، خوجانىياز ھاجىمنى بوغۇپ ئۆلتۈرگەن جاللاتلارنىڭ، ئۆزۈ تاغدەك ئىشەنگەن سۆۋېت ئىتىپاقىنىڭ مەخسۇس تەربىيەلەپ ئەۋەتكەن جاسۇسلىرى ئىكەنلىكى، مۇھەممەدئىمىن ئەپەندىنىڭ غەزىپىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئەنە شۇنداق تراگېدىيەلىك تەغدىرگە مۇپتىلا بولۇپ قىلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەيتتى ۋە ئۆزىنىڭ باشلىرىغا كەلگەن بارلىق مەغلۇبىيەتلەرگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جاۋاپكار ئىكەنلىكىگە يۇزدە يۇز ئىشىنەتتى. شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرى “سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپدارلىرى” دەپ بىلگەن ئەخمەتجان ئەپەندى قاتارلىقلارغا تەل-تۆكۇس ئىشىنىپ كەتمەيتتى. ھەتتا مەسئۇت ئەپەندى رەئىس بولغاندىن كېيىن، ئىلى ئىنقىلاۋى تەرەپكە بولغان نارازىلىقى ئاشقان ئىدى. مىللەتنىڭ ئوممۇمى مەنپەئەتىدىن سەل چەتنەپ، خەلقنىڭ تەلەپلىرى ئەمەلگە ئاشماي، ئەخمەتجان ئەپەندى بىلەن ئارىسى سەل ئىچىلىشقا باشلىغان ئىدى. چۈنكى ئۆزلىرىنى “ئۈچ ئەپەندى” دەپ ھۆرمەتلەيدىغان قوللىغۇچىلىرىدىن ئەخمەتجان ئەپەندىمنى قوللايدىغان خەلق ئاممىسىنىڭ سانى نەچچە ھەسسە كۆپ ئىدى. شەرىقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدىكى ئامما ئاساسەن ئەخمەتجان ئەپەدنى تەرەپدارلىرىنى قوللايتتى. بۇنىڭ بىلەن مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ئىچىدىكى ھەسەت بىلەن قىزغانچاقلىق بىرلىشىپ قىرو باغلاپ، ئاخىرى ئۆچمەنلىك مۇزلىرىنى ھاسىل قىلغان ئىدى. بۇ مۇزنى ئىرىتىش ئۈچۈن مۇھەممەدئىمىن ئەپەندى خىلە كۈچىگەن بولسىمۇ ئاخىرى ئىرىمىگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن مۇھەممەدئىمىن ئەپەندى ئارلاشماي، ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇش يولىنى تاللىغانتى.

بۇ ئىككى تەرەپنىڭ تەرەپدارلىرى ئۆز ئارا ئوڭچى بىلەن سولچى مەسىلىسى ئۈستىدە تالاش -تارتىشقا چۈشكەندە، بۇلارنىڭ پىكىرلىرى ئاراسىدا بىربىرىگە قارشىلىق كۈچى بارلىققا كېلەتتى. ئەمەلىيەتتە بۇ خىلدىكى تالاش-تارتىشلار ئىككىسىنىڭ بىرسىنىڭ توغرا، يەنە بىرسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۇرمەيتتى. ھەقىقەتەن ھەر ئىككىسىنىڭ توغرا ۋە خاتا تەرەپلىرى بار ئىدى. بۇلار بىر-بىرىگە سەمىمىي بولغان بولسا، تالاش-تارتىش كۈچەيگەنسېرى بۇلارنىڭ خاتا نۇقتىلار چۆرۇلۇپ تاشلىنىپ، ئەڭ توغرا تەرەپلىرىلا ساقلىنىپ قالاتتى – دە، قالغان يولنى بىرلىكتە يۇرگىلى بولاتتى. لېكىن قايسىنىڭ توغرا قايسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى دائىم بۇنداق بىر مۇنازىرىدە ئايرىلغىلى بولىدىغان ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. شۇڭا دائىم بۇنداق قاراش پىكىرلەرنىڭ ھۆكۈمىنى يەنىلا تارىخ بېرىدۇ. كىمنىڭ ئىدىيەسى قانچە ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرسە شۇنچە توغرا بولىدۇ. بەزىدە ئىككى ئادەمنىڭ توغرىسى ئوخشاش بولماي، ھەربىرسىنىڭ توغرىسى ئۆزىگە توغرا بولۇپ، ئۇلار ھەر ئىككىلىسى ئۆز توغرىلىرىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدۇ. بۇ ئىككى توغرىنىڭ قايسىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى پەقەت ۋاقىتلا ئىسپاتلادۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن توغرىلارنى ۋاقىتنىڭ باھالىشىغا، تارىخنىڭ ھۆكۈمىگە تاشلاپ قويۇشتىن باشقا بىر يولىمۇ يوق.

ئاخىرى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە خەلقنىڭ مەنپەئەتلىرىنى تارتقۇزۇپ قويىشنى خالىمىغان ئەخمەتجان ئەپەندى 18-ئاۋغۇس كۈنى، ئائىلىسى بىلەن ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ غۇلجىغا قاراپ ئۇچۇپ كەتتى. ئۇ ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇپ مەنپەئەتلىرىنى قوغداپ، ئاي يۇلتۇزلۇق بايراقنىڭ ئىلىنىڭ پاكىس سۇ سىپىلگەن سالقىن كوچىلىرىدا مەڭگۈ جەۋلان قىلىشى ئۈچۈن بولسىمۇ ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىش يولىنى تاللىغان ئىدى. ھەقىقىي ياخشىلىق سۇغا ئوخشايدۇ، سۇنىڭ ئىنسانلارغا قىلغان ياخشىلىق چەكسىزدۇر، ئۇ ھېچقانداق نەرسە بىلەن رىقابەت قىلمايدۇ.ئەڭ قاراڭغۇ قۇدۇقلاردىمۇ سۈپ-سۈزۈك تۇرۇپ، ئۆز تەركىۋىنى ئۆرگەرتمەي تۇرىدۇ. ئەخمەتجان ئەپەندىنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەتكە قىلغان ياشىلىقى ئەنە شۇ سۇغا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ سۈزۈك سۇدەك قەلبى ۋە مەيۈسانە چىرايى ئۈرۈمچى خەلقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈلۈك يادىكار بولۇپ قالدى.
ۋاقىت ھەقىقەتەن بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئادىل قازىدۇر. ئۇ ھامان تارىخقا ئادىل ھۆكۈم قىلىدۇ.ۋاقىت سامان بىلەن بۇغداينى ئارىيدىغان تاغ شالماللىرىغا ئوخشايدۇ.ۋاقىت شامالدەك تىزلا ئۆتىدۇ، ئەمما ئەڭ توغرىسىنى ئايرىيدۇ. بىراق ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ تەغدىرىگە بېرىپ چېتىلىدىغان مەسىللەر ئۆز ۋاقتىدا ھەل قىلىنمىسا، پەيت قولدىن كېتىدۇ – دە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۇشى بىلەن ئاخۇ-زارلار بارغانسېرى ئاشىدۇ. ئاخىرى يۈرەكتە مەڭگۈ ساقايماس، ھەر ۋاقىت قاناپ تۇرىدىغان يارا پەيدا قىلىدۇ.

(داۋامى بار)
مەنبە: “يول” ناملىق تارىخىي روماننىڭ “مۇزلىغان شەھەر” ناملىق 10-بابىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش