سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » مۇزلىغان شەھەر (6)

مۇزلىغان شەھەر (6)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

1948-يىلنىڭ نورۇز بايرىمى يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۈرۈمچىدە تېخى باھارنىڭ شەپىسى يوق ئىدى. شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى دېھقانلار تېخى يازلىق تېرىقچىلىق ئىشلىرىغا ئانچە-مۇنچە بولسىمۇ مىدىرلاپ قوياي دېسە، ھاۋانىڭ ئەلپازى ھېچ ئىمكان بەرمەيۋاتاتتى. بۇ يىلقى باھارنىڭ ھاۋاسى ئۆتكەن يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلىگە قارىغاندا ئومدانلا سوغۇق بولۇپ، كۆكلەم قۇشلىرى تېخى سايرىمىغانتى، ھاشارەتلەر قىشلىق ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، ئۇۋۋېسىنى تېخى تېشىپ چىقمىغان ئىدى. قۇياش كۈندىن-كۈنگە ئىسسىغاندەك قىلغىنى بىلەن، ئەگىز سۇيى تاشمىغان، يوللارنىڭ يۈزى تەرلىمىگەن ئىدى. كوچىلارنىڭ بۇلۇڭلىرىدىكى توڭلار تېخى ئېرىمەي، چىركىن يۈزىنى كۆككە قارىتىپ تۇراتتى. دەرەخلەر تېخى بىخ بىلەن پوتلا چىقارمىغان بولۇپ، قىشىچە كۆيگەن كۆمۈرنىڭ ئىسلىرىدا قاپقارا بولۇپ قارىداپ كەتكەن يالاڭاچ شاخلىرى تۆمۈر شىۋىقتەك تۇپ-تۇز تۇراتتى. بۇرۇنلاردا مۇنداق چاغلاردا باھارنىڭ كېلىشى بىلەن تەڭ ئاۋامنىڭ كەيپىياتىغا ئالاھىدە كۆتۈرۈلۈپ كېتەتتى. مانا بۇ بۇ يىل، كىشىلەرنىڭ چىرايىدىن بۇرۇنقىدەك باھار شەيدالىقى شاراپىتىدىن ھېچ بىر ئىپادە يوق ئىدى. يۇرۇش-تۇرىشلىرىدىن، كىيىم-كېچەكلىرىدىن، روھى – كەيپىياتىدىن، باھارنى ئەنداز قىلغان تەسۋىرى ئىپادىنى كۆرگىلى بولمايتى. ئەڭ بولمىدى دېگەندە قىشىچە ئۆيىگە بىكىنىپ ياتقان كىشىلەر، باھاردا پارلىغان قۇياشنىڭ ئاستىدا ئەركىنلىكنىڭ تەمىنى تىتىش ئۈچۈن كوچىلارغا چىقاتتى. ھازىر بولسا كوچىلاردا ئادەملەر ناھايىتى شالاڭ ئىدى. پەقەت ئەتراپتىكى تاقىر تاغلاردىن ئەسكەن سوغۇق شامال پۇتۇن ئەخلەت-چاۋالارنى ئۇچۇرتۇپ ئەكىلىپ، ئۈرۈمچى كوچىلىرىنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرغىچە تىقىۋەتكەن ئىدى. ئەخلەتلەر ئارىسىدىن رىسقىنى ئىزدەپ يۇرگەن قاغىلار ھەر يەردە كۆزىڭىزگە چىلىقاتتى. چۈنكى قاغىلار كېتىپ، ئورنىغا قالغاچ تېخى قايتىپ كەلمىگەن ئىدى. ئەمما، مۇھەممەدئىمىن ئەپەندى ئالتە ئايلىق نەنجىڭدىكى ئۇنۇمسىز پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈنۈگۈنلا قايتىپ كەلگەن ئىدى. ئەسلىدە بۇلتۇر 20-سېنتەبىر گېنىرال جاڭ جىجۇڭ مۇھەممەدئىمىن ئەپەندىگە ئۆزىنىڭ باش كاتىبى ئارقىلىق نەنجىڭغا بېرىشقا دەۋەت قىلغان ئىدى. مەخسەت :«ئۆلكىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مالىيەسى يەتمەيدۇ. بۇنىڭغا مەركىزى ھۆكۈمەت ياردەم قىلماقچى. ئەلۋەتتە بۇ مالىيە ياردەمنى مەركەزدىن تەلەپ قىلىش تەمىرات نازارىتىنىڭ ۋەزىپىسى. شۇنىڭ ئۈچۈن نەنجىڭغا بېرىپ، مەركىزى ھۆكۈمەت كىشىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ كەلسىڭىز ياخشى بولىدۇ» دېگەنلەردىن ئىبارەت ئىدى. شۇ تەشەببۇس بىلەن يولغا چىققان مۇھەممەدئىمىن ئەپەندى، نەنجىڭدىكى گومونداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك دۆلەت رەخبەرلىرى بىلەن نەچچە قېتىملاپ كۆرۈشكەن بولسىمۇ، ھېچقانداق ئۇنۇمگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى. چۈنكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئەمدىلا ياپون ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا، يەنە كوممۇنىسلار بىلەن ئىچكى ئۇرۇش قىلىۋاتقان بۇنداق پەيتتە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىقسادى تەرققىياتى ئۈچۈن مالىيە ياردەم قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. تېخى ئەكسىچە شەرقىي تۈركىستاندا ئالتۇن ۋە كۆمۈر كانلىرىنى جىددى ئېچىپ، ئۇنىڭدىن كىرگەن ئىقتىسادى كېرىمنى ئۆزلىرىنىڭ كوممۇنىسلار يوقۇتۇش ئۈچۈن كېتىدىغان ئىقتىسادىنىڭ مەنبەسى قىلىشقا تىرىشىۋاتاتتى. ئەسلىدە بۇ مۇھەممەدئىمىن ئەپەندىنىڭ يولىغا مەخسەتلىك قۇرۇلغان پۇسۇ ئىدى. جاڭ جىجۇڭ بولسا، مۇھەممەدئىمىن ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئەربابلىرىدىن ئەخمەتجان ئەپەندى قاتارلىق رەخپەرلەر بىلەن بولغان يىقىن مۇناسىۋېتىدىن ئەندىشىلەنگەن ۋە مۇھەممەدئىمىن ئەپەندىنى شەرىقىي تۈركىستان خەلقىنى ئالى مۇختارىيەتكە ئېرىشتۇرۇش يولىدىكى ئاكتىپ سىياسى پائالىيەتلىرىدىن ۋاقىتلىق بولسىمۇ يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق بىر ئويۇننى ئوينىغان ئىدى. مۇھەممەدئىمىن ئەپەندىنىڭ نىيەتى خالىس ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ تۇتقان يولىمۇ گۈزەل بىر يول ئىدى. دوستلىرىنىڭ يوللىرى تارلىشىپ، ئالغا ئىلگىرلەش قىيىنلىشىۋاتقان جىددى پەيتتە، دادىللىق بىلەن “يولۇڭ يولۇمدۇر!” دەپ، دوستلىرىغا يار-يۆلەكتە بولۇشقا تىرىشىۋاتاتتى. ئەمما مەھجۇت ۋەزىيەت بۇنىنغا يول قويمايۋاتاتتى ۋە جاڭ جىجۇڭ بارلىق ھېلە-نەيرەڭلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزىگە قارشى كۈچنى بۆلۇۋېتىشكە ئۇرۇنغان ئىدى.

مۇھەممەدئىمىن ئەپەندى گەرچە بۇ قېتىمقى يولچىلىقتا كۆزلىگەن ھەققىي مەقسىدىگە يېتەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما نەنجىڭدىكى ۋاقىتلىرىدا مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىدىن ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان كۆپلىگەن پايدىلىق كىتابلارنى ئەكەلدۇرۋالغان ئىدى. نۇرغۇن قىممەتلىك كىتابلارغا ئىگە بولۇشنىڭ ئۆزىمۇ بىر بەخت ھېساپلىناتتى. چۈنكى ئۇ، كىتابنىڭ ئىنسان روھىنىڭ ئوزۇقى ئىكەنلىكىنى ھەممىدىن ئومدان بىلەتتى .مانا ئەمدى ئۈرۈمچىگە ساق-سالامەت قايتىپ كەلگەن كۈننىڭ ئەرتىسى, جەنۇبى زالدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان نورۇز كېچىلىكىگە قاتنىشىپ، سەپداشلىرى بىلەن بىرگە ئولتۇراتتى. شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە زالنىڭ ئىچى چىرايلىق ياسىنىۋالغان ئوغۇل-قىزلار، ئەر-ئاياللار ۋە ھۆكۈمەت ئەربابلىرى بىلەن لىق تولغانتى. ئۈچ ئەپەندى قاتارلىق ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ئەڭ ئالدىنقى رەتتىن ئورۇن ئېلىشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ چىرايىنى بىر خىل جىددى ھاياجان ئەسىرگە ئالغان ئىدى. ئۇلار سەھنىدىكى قىزىل رەڭلىك پەردىنىڭ چاققانراق ئىچىلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۆتىۋاتاتتى. پەردىگە قاراپ ئولتۇرغان تاماشىبىنلارنىڭ ھەممىسى خۇددى كىچىك بالىلاردەك ھاياجانلىنىپ، سەۋەرسىزلىق بىلەن جايىلىرىدا جىم تۇرالماي، ئۇياق-بۇياققا بىدىرلىشىۋاتاتتى. ئۇلار ھاياجان بىلەن ھېسياتقا تولغان كۆزلىرىنى ئۇدۇلىدىكى پەردىدىن ھېچ ئۇزمەيتتى. چۈنكى بۈگۈن نورۇز ئۈچۈن مەخسۇس تەيارلانغان، مەسئۇت ئەپەندىنىڭ قەلىمى بىلەن يېزىلغان «نىياز قىز»ناملىق ئەسىرىنى دىرامىلاشتۇرۇپ، قويۇلىش ئالدىدا تۇراتتى. مانا ئەمدى سەھنىنىڭ ئارقىسىدىكى ماھىر مۇزىكانتنىڭ ناخىلى بىلەن تەمبىرىنىڭ تارىسىنى چېكىشىدىن چىققان يېقىملىق مىلىئودىيەگە ئەگىشىپ، قىزىل رەڭلىك پەردىنىڭ ئىككى قانىتى، ئاستا-ئاستا ئىككى ياققا قايرىلدى. دەل شۇ چاغدا يەڭگىل بىر ئاۋاز ئاڭلاندى ۋە رىياسەتچى قىز سەھنىگە چىقتى. قىزنىڭ ئېگىز، ئۇرۇق بويىغا خويمۇ ياراشقان “خوجەنە نۇسخا” دەپ ئاتىلىدىغان كۆك ئەتلەستىن تىكىلگەن ئۇزۇن كۆينەك، قىزنىڭ ئەۋرىشىم بەدىنىنى خۇددى كۆك لىنتىدەك سوزۇلۇپ جىلۋە قىلىپ ئاققان قاش دەرياسىدەك كۆرسىتىپ تۇراتتى. چىمەن دوپپىسىدىن سېرىلىپ چۈشكەن ئىككى ئۆرمە ئۇزۇن چاچلىرى، نازۇك چىۋىقتەك بېلىدىن تۆۋىنىگە لەرزان تاشلىنىپ قىزنى تېخىمۇ جەزبىدار قىلىۋەتكەن ئىدى. بەرق ئۇرۇپ تۇرغان قىيغان قەلەمدەك قاشلىرى ئاستىدا، يۇلتۇز كەبى نۇر چېچىپ تۇرغان بۇلاق كۆزلىرى تاماشىبىنلار ئارىسىدىكى ياش يىگىتلەرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلماي قالمىغانتى. قىزنىڭ يۈزلىرى سەھنىگە چۈشكەن چىراق نۇرلىرىدا، خۇددى قۇياش نۇرىدا يالتىراپ تۇرغان ئاناردەك نۇر چاچاتتى. تازا مەي باغلىغان جىنەستىدەك لەۋلىرىدىن تۆكۈلگەن نورۇز تەبرىك سۆزلىرى تاماشىبىنلارنىڭ ھاياجانلىرىغا تېخىمۇ جۇشقا قاتقان ئىدى. قىز تەبرىك سۆزىدىن كېيىن مۇھەممەدئىمىن ئەپەندى يازغان «توپلان مىللەت» ناملىق شېئىرنى شۇنچىلىك ھېسياتقا تولغان شېرىن ئاۋاز بىلەن دېكلاماتسىيە قىلدى:

*

«توپلان مىللەت»

*

بېشىمىزدا ئۇلۇغ مىللەت سەۋداسى
جان جىگەرلەر بۇ ۋەتەننىڭ شەيداسى
شوئارىمىز ئەركىنلىكنىڭ داۋاسى
مىللى بىرلىك دەردىمىزنىڭ دەۋاسى
توپلان مىللەت توغرا يولدا يۈرەيلى.

*

بىرلىك بىلەن يۈرگەن مىللەت يوقالماس
يۈرگەن مىللەت ئورتا يولدا ھېچ قالماس
يۈرەيلى بىز، بىزنى كىشى تۇتالماس
توپلان مىللەت توغرا يولدا يۈرەيلى.

*

يۈكسەك ئەخلاق بىزگە قول چىراغ
ئەخلاق بىلەن يۈرەيلى بىز باش ئاياغ
مىللى بارلىق ئەركىنلىكگە چوڭ ياراغ
ئىشلەيلى بىز چۆللىرىمىز بولسۇن باغ
توپلان مىللەت توغرا يولدا يۈرەيلى.

*

قىزنىڭ ئۇزۇن يەڭلىك ئەتلەس كۆڭلەكىنىڭ يەڭلىرىدىن چىقىپ تۇرغان بەرگىي قىياقتەك قوللىرىنىڭ ھەركەتلىرىگە شۇنچىلىك ماسلاشقان دېكلىماتسىيەسى پۈتۈن تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. زالدىن كۆتۈرىلگەن چاۋاك ئاۋازلىرى ئۇزۇنغىچە داۋام قىلدى. قىز ئەمدى دىراممىنىڭ رەسمى باشلىنىدىغانلىغىنى ئېلان قىلىپ، ئىككى قولىنى كۆكسىگە قويۇپ سالام بەرگەندىن كېيىن پەردە ئاستا-ئاستا يېپىلدى. «نىياز قىز»ناملىق بۇ ئەسەرنى بەش پەردىلىك دىرامما قىلىپ، سەھنىلەشتۇرۇلگەن ئىدى. بىرىنچى پەردىسى بولسا نىياز قىزنىڭ كىچىك چاغلىرىدىكى ئۆز ئاتا-ئاناسى بىلەن بولغان بەختلىك تۇرمىشى ئەكس ئەتتۇرىلگەن سەھنە ئىدى. قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىللىق مېھرىدە ياپ-يېشىل يايلاقتىكى قوزىچاقلاردەك ئۇياقتىن-بۇياققا سەكرەپ،شۇنچىلىك ئەركىن-ئازادە، بەختىيار بىر ھاياتتا ئۆسۈۋاتقان كۆرىنىشى تاماشىبىنلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۇدەك ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىغا باشلاپ ئەكەتكەن ئىدى. سەھنىدىكى دېكراتسىيە، ئاكتۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى، ئۇلارنىڭ نەپىس ھەركەتلىرى سەھنىنىڭ تۆۋېنىدە ئولتۇرغان كۆرۈلمەنلەرگە، ھەقىقەتەن بۇ ھاياتنىڭ قەدىر قىممىتىنى تونىتىش بىلەن، بىرگە يەنە بەدىھىي ئەسەرلەر ئاتا قىلىدىغان ئېستىتىك زوقتىن بەھرىمان قىلغۇزغان ئىدى.

ئارىدىن ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن پەردە يەنە ئىككى ياققا قايرىلىش بىلەن تەڭ، سەھنىدىكى پۈتۈن چىراق بىردىنلا يورۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ كۆزلىرىنى ئۆزىگە قاراتتى. ئەگەر كۈچلىك بىر نۇر قاراڭغۇ سەھنىنى بىردىنلا يورۇتمىغان بولسا ئىدى، سەھنىگە تىكىلىپ تۇرغان يۇزلىگەن كۆزلەرنى بۇنچىلىك ھاياجانغا سالمىغان بولاتتى. شۇ قىزنىڭ سەھنىدىكى ھالىتى كۆكتىكى قۇياشتەك سەھنىڭ ئالدىدىكى كۆرۇلمەنلەرنىڭ يۈزلىرىنى يورۇتىۋەتكەن ئىدى. پۈتۈن تاماشىبىنلار قىزغا قاراپ تاشتەك قىتىپلا قالغان ئىدى. ئۇنىڭ تەرقى-تۇرقىنى سۈرەتلەش ئۇنداق ئاسان ئەمەس ئىدى. قىزنىڭ ھەققىي ئۇيغۇر قىزى ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرغان چېھرىدە بۇيۇك بىر پاكلىقنىڭ ئالامىتى روشەن كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بولۇپمۇ قىزنىڭ ئۈستى-بېشىدىكى كېيىملىرى شۇنچىلىك ياراشقانكى، تاماشىبىنلارغا بۇ كىيىملەرنى ئۇ قىز ئۆز قولى بىلەن پېچىپ تىككەندەك تۇيغۇ ئاتا قىلاتتى. چۈنكى قىزنىڭ تەققى-تۇرقىدىن قولىنىڭ چىۋەرلىكى، ئىشقا بولغان يۇكسەك ئىشتىياقى ۋە خۇيىنىڭ گۈزەللىكى مانا مەن دەپ، چىقىپلا تۇراتتى. كىيىم-كېچەكلىرىگە تاللىغان رەخلەرنىڭ نەپىسلىكى قىزنىڭ گۈزەللىكى بىلەن قوشۇلۇپ سەھنىدە بىر دەستە گۈلدەك كۆرۈنەتتى. قىزنىڭ گۈزەللىكى ئالدىدا، زالدا چىرايلىق ياسىنىپ ئولتۇرغان ئەڭ چىرايلىق قىزلارنىڭمۇ گۈزەللىكى گۇڭگالىشىپ قالغان ئىدى. بۇ قىز دەل نىياز قىزى ئىدى. نىياز قىزى ئاتا-ئانىسىنىڭ بىر تال بالىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسمىنى “نىياز قىز” دەپ قويغان ئىدى. چۈنكى نىياز قىزدىن ئاۋۋال تۇغۇلغان قىرىنداشلىرى تۇغۇتتا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، قىز تۇغۇلغان چاغدا دادىسى “خۇدايىم بۇ قىزىمنىمۇ ئېلىپ كېتىدۇ” دەپ ئويلاپ، “خۇدايىم بۇ قېتىم قىزىمنى ماڭا نىياز ئەيلەر” دېگەن ئۈمىد بىلەن، ئىسمىنى “نىياز قىز” دەپ قويغان ئىدى. دادىسىنىڭ تېلىكى ئىجابەت بولۇپ، قىز ھايات قالغانتى ۋە بىر ئومدان چىرايلىق چوڭ بولۇپ، ئون ئىككى ياشقا تولغان ئىدى. كۈندىن – كۈنگە بوي تارتىپ، قىزىل گۈلدەك ئىچىلىپ چوڭ بولىۋاتقان قىزىنىڭ ئۈستىگە چاڭ قوندۇرماي چوڭ قىلىۋاتقان ئاتا-ئانىسى شۇنچىلىك بەختىيار ئىدى. ئەمما، بۇ بەختلىك كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى، بۇ قېتىم قىزىدىن ئاۋۋال ئاتا-ئانىسى ئۇ ئالەمگە ۋاقىتسىز سەپەر قىلغانتى. قىز يالغۇز بېشى بىلەن بۇ ھاياتتا يېتىم قالدى ۋە ھاممېسىنىڭ ئۆيىگە سىغىندى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۇشى بىلەن ھاممېسى نىياز قىزنى يەكلەشكە باشلىدى ۋە ئۆينىڭ پۈتۈن قاتتىق-قۇرۇق ئىشلىرىنى قىلدۇرغاننى ئاز دەپ، كۈندە دېگىدەك ئۇراتتى. ئاتا-ئاناسىنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەرتىۋالىق نازۇك قىزى ئەمدىلىكتە ھاممېسىنىڭ قولىدا قاتتىق زۇلۇمغا ئۇچراۋاتاتتى. بىر كۈنى ھاممىسى نىياز قىزغا قاتتىق غەزەپلىنىپ، قولىدىكى پىچاقنى نىياز قىزغا قارىتىپ ئاتتى. بۇ كەسكىن پىچاق كېلىپ قىزنىڭ بىشىغا كېلىپ تىگىپ، يېرىۋەتكەن ئىدى. قىزنىڭ ئاھ-زارلىرىنى ئاڭلىغان خوشنىلار بۇ ۋەقەنى ئۇدۇل بېرىپ شۇ دەۋردە ناھىيەنىڭ پۈتۈن دەۋا ۋە مەمۇمۇرى ئىشلىرىغا مەسھۇل بولغان تۇڭگان ھاكىمغا مەلۇم قىلسىھ ئۈچۈن، باش كۆزى قان قىزنى ھاكىمنىڭ قوراسىغا يۇتۇلەپ ئەكەلگەن ئىدى. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كۆزى چۈشۇپ يۇرگەن بۇ قىزىل گۈلنىڭ، بۈگۈن ئۆزلىگىدىن ئالدىغا ئەرز ئېيتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن تۇڭگان ھاكىم، دەرھال پۈرسەتنى قولدىن قاچۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن،-

ھە، ئەھۋالنى بىلدىم. ھازىرچە قىز ماشۇ يەردە قالسۇن. بېشىدىكى يارىسىنى ئەڭ ئۇستا ھېكىملەردىن بىرسىنى چاقىرىپ ئەكىلىپ تاڭدۇرۇپ، داۋالاتقۇزىمەن. ئاندىن ئومدان ساقىيىپ ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، بۇ داۋانى ئۆز قولۇم بىلەن بىر تەرەپ قىلىمەن،- دەپ، جامائەتنىڭ ئاغزىغا قۇرۇق سوسكىنى سېلىپ، يولغا سېلىپ قويغانتى ۋە قىزنىڭ يارىسىنى تاڭدۇرۇپ، ئۆيدىكى خىتمەتچىلىرىگە ئومدان كۈتكۈزگەن ئىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۇشى بىلەن ھاكىمنىڭ ئۆيىدە تۇرىۋاتقان قىز، بىر ئومدان ئەسلىگە كېلىپ، رەڭگى رويى ئوڭشۇلۇپ، ياڭاقلىرى ئاناردەك قىزىرىپ، تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتكەنتى. مانا ھازىر تاماشىبىنلارنىڭ كۆز ئالدىدا ۋاللىدە زاھىر بولغان سەھنىدىكى كۆرۈنۈش، دەل ھاكىمنىڭ قوراسىدىكى خوتەننىڭ يەرلىك قول-ھۈنەرۋەنچىلىك ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ، چىرايلىق نەقەشلىنىپ بېزەلگەن ئايۋانىدا، ئىش قىلىشقا تەرەددۇت قىلىپ تۇرغان نىياز قىز ئىدى. قىز ئايۋان ۋە قورادىكى ئىشلارنى قىلىۋاتقاندا، يىراقتىن شەھۋانى ھەۋەسلىرى جىرتاق كۆزلىرىدىن بالقىپ چىقىپ تۇرغان ھاكىم، ئۆز ئوۋىنىڭ پېيىدا يۇرگەن تۈلكىدەك، ماراپ قاراپ تۇرىدۇ. دەل شۇ چاغدا ئۆيدىن سىرتقا چىققان ھاكىمنىڭ دومباق بودەك خوتۇنى قورادىكى بولىۋاتقان ئىشلارنى پەملەپ،-

بۇ ئىتنىڭ كۇچىكى بېشىمىزغا بالا بولىدىغان بولدى،- دەپ، ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەيدۇ. خوتۇنىنىڭ پەيلىنى كۆرگەن ھاكىم دەرھال قورانىڭ ئارقاسىدىكى باغ تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھاكىمنىڭ خوتۇنى بولسا، قورانى قېتىقىنىپ سۈپۈرىۋاتقان نىياز قىزنىڭ ئارقىسىدىن تۇيۇقسىز كېلىپ، خۇددى كىچىك قوزۈنى ئۆتكۈر تىرناقلىرى بىلەن قامىلاپ ئالغان بۇركۇتتەك، قىزنىڭ ئۇزۇن ئۆرمە چاچلىرىدىن قامىلاپ تۇتۇپ، باشلىرىغا رەھىمسىزلىك بىلەن ئۇرىدۇ. ھەسەت ئۆتىدا پۇچۇلۇنۇپ قاردىغان يۈرىكىنىڭ ئازاپلىق دەردىنى، گۇناھسىز قىزدىن، پۇخانىدىن چىققىچە ئېلىۋالغان ھاكىمنىڭ خوتۇنى، غىتىلداپ ئۆينىڭ ئىچىگە كېرىپ كېتىدۇ. ئېغىر جىسمانى ۋە روھى زۇلۇمغا ئۇچىرىغان قىزنىڭ ئەلەملىك ياشلىرى يېتىم كىيىكنىڭ كۆزىدىن تۈكۈلگەن قانلىق ياشتەك، سۈزۈك يۇمران يۈزىگە ساقىپ ئاقىدۇ. قىزىل گۈلنىڭ ياپراقلىرىدەك تىترەپ تۇرغان، تاياق زەربىسىدىن قاناپ كەتكەن نېپىز لەۋلىرىدىن تۆكۈلگەن ئەلەملىك نىدالار ۋە سەھنىدىكى تراگېدىيەلىك كۆرۈنۈشلەر تاماشىبىنلارنىڭ يۈرەكلىرىنى لال قىلىپ، كۆزلىرىدىن ياشلارنىڭ ئەگىپ ئۆتۈشۈگە سەۋەپ بولىدۇ. قىز قورانىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرۇپ، بۇ ئۈستى ئوچۇق زىنداندىن قىچىپ قۇتۇلىشنى ئويلايدۇ. ئەمما نەرگە بارىدۇ؟ كىمنى پانا تاپىدۇ؟ مۇڭلۇق مۇزىكىدىن كېيىن پەردە ئاستا-ئاستا يېپىلىدۇ.

ئۈچىنچى پەردە باشلىنىدۇ. بۇ قېتىم قىزنىڭ ھاممېسىنىڭ خارابىلىققا چۆككەن ئۆيى ۋە ئۆينىڭ ئالدېدىكى قاقاس سەينەدا تۇرغان جادە چىراي ھاممېسىنىڭ كۆرۇمسىز گەۋدىسى تاماشىبىنلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولىدۇ. شۇ ئارلىقتا نىياز قىزى قوراغا ئۈستى-بېشى يىرتىلغان قىياپەتتە، يىغلىغان پېتى دەرۋازىدىن خويلىغا يۈگرەپ كىرىدۇ. تۇيۇقسىز قوراغا كىرگەن قىزنىڭ بۇ ۋەيرانە قىياپىتىنى كۆرگەن سەلەيخان ئاتلىق ھاممېسى نېمە قىلارىنى بىلمەي ھودۇقۇپ كېتىدۇ ۋە ئەنسىزچىلىك ئىچىدە لېۋىنى چىشلەپ تۇرۇپلا قالىدۇ. چۈنكى داۋا تېخى ئاخىرلاشمىغان بولغاچقا بېشىغا پالاكەت كېلىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. زالىم ھاكىمنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىشىدىن قورقۇپ، ئالاقزادە بولغان سەلەيخان ئۆزىنىڭ ئىچىدە ئويلىغان ئەندىشەلىرىنى تاماشىبىنلارغا قاراپ تۇرۇپ ئېيتىدۇ. دەل شۇ چاغدا ھاكىمىڭ ئۈچ قوراللىق تۇڭگان ئەسكىرى يۈگەرگەن پېتى قورانىڭ ئىچىگە كېرىپ كېلىدۇ. بۇ چاغدا نىياز قىز قورققىنىدىن دەرھال ھاممىسىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتىۋالىدۇ، بەلكى قاتتىق قورقۇپ كەتكەن قىز،- ئۆزىگە دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەر جاي، خۇددى تۈكۈلۈپ تۇرغان شور تامدەك تۇرغان سەلەيخاننىڭ گەۋدىسىنىڭ ئارقىسى دەپ،- ئويلاپ، ئىختىيارسىز شۇنداق قىلغان بولغۇيتى. ئەمما جادا سەلەيخان ئويلىمىغان يەردىن مەدەكتەك گەۋدىسىنى ئىشتىك بۇراپ، نىياز قىزنىڭ نازۇك بىلەكلىرىدىن قاماغلاپ تۇتۇپ، تۇڭگان ئەسكەرلەرنىڭ ئالدىغا بىر باغلاپ يۇمران چۆپنى ئاتقاندەك ئاتتىدۇ. ئەسكەرلەر ئاچ قالغان چىلبۆرىلەدەك قىزغا ئېسىلىدۇ ۋە ئېلىپ ماڭماقچى بولىدۇ. قىز ئۆز ھاممېسىغا يالۋۇرىدۇ. سەلەيخان رەمسىزلارچە قىزنى ھاقارەتلەپ تىللايدۇ. ئاخىرى ئەسكەرلەر، چۆرىلىرى چۇگۇلۇپ كەتكەن ئانار گۈللۈك گېلەمنى سۆرەپ مانغاندەك، قىزنى قورادىن سۆرەپ ئېلىپ كېتىدۇ. سەھنىدىكى ۋەقەلىكنىڭ رىۋاجلىنىشىغا ماسلاشتۇرۇپ، تەڭكەش قىلىنغان مۇزىكىنىڭ رېتىملىق مۇڭ-زارى، ئاكتورلارنىڭ دىئالوگلىرى، نىياز قىزنىڭ چارىسىزلىك ئىچىدە چارە ئىزدەپ، يەنە چارىسىز قالغانلىغى، قىزنىڭ ھاممېسىغا يالۋۇرغان چاغدىكى ھەسرەتلىك زارلىنىشلىرى، تاماشىبىنلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى نىياز قىزنىڭ چۇۋۇلغان سۇمبۇل چاچلىرىدەك تال-تال چۇۋۇۋەتكەن ئىدى.

نىياز قىز ھاكىمنىڭ ئۆيىگە مەجبۇرى ئەكىتىلگەندىن كېيىن. يەنە داۋاملىق ھاكىمىڭ خوتۇنىنىڭ خورلىشىغا ئۇچرىغان ئىدى. زۇلىمىدىن قىچىپ يەنە سەلەيخاننىڭ قىشىغا قېچىپ كېلگەنتى. ئەمما ھاكىمنىڭ ئەسكەلىرى يەنە تۇتۇپ ئەكەتكەن ئىدى. ئەينى چاغدا تۇڭگانلارنىڭ قانلىق قىرغىنچىلىقىدىن ئۆلگىدەك قورقۇپ كەتكەن خەلق، بۇ زۇلۇمغا قارشى چىقالمىغانتى ۋە بىر ئوغۇل بالا چىقىپ بۇ پاش-پاناسىز قىزغا ئىگە چىقالمىغان ئىدى.

دىرامما يەنە باشلىنىپ، پەردە ئىچىلىدۇ، بۇ قېتىم سەھنىدىكى دېكىراتسىيەدە قۇملۇق چۆل يولىدا كېتىۋاتقان بىر ئات ھارۋىسى كۆرۈنىدۇ. دېكىراتسىيەنىڭ يېنىدا، چۆل گۈلىدەك يالغۇز ئولتۇرغان نىياز قىز كۆرىنىدۇ. ئەسلىدە ھاكىم نىياز قىزىغا پۈتۈنلەي ئېرىشىش ئۈچۈن، خوتەندىن ئۈچ ئايلىق ھارۋا يولى ئۇزاقلىقتىكى ئۆزىنىڭ يۇرتى بولغان گەنسۇدىكى ئانىسىنىڭ قىشىغا، زورلۇق بىلەن قىزنى يولغا سالىدۇ. نىياز قىز ئۆزۈ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىپ، ئۇزاق ياد ئەللەرگە كېتىشكە مەجبۇر قالىدۇ. بۇ يول شۇنچىلىك ئۇزاق بولغاچقا, 80 كۈن ئات ھارۋىسى بىلەن يۇرۇشكە توغرا كېلىدۇ. ھارۋا يىگانە قىزنى ئېلىپ، دەشتى چۆللەردىن، قاقاس تاغلاردىن، ئورمانلاردىن ئۆتۈپ، ياد ئەللەرگە قاراپ يولدا كېتىۋاتاتتى. بۇ چاغدا نىياز قىز تېخى ئون تۆرت ياشتا ئىدى. ئون گۈلىنىڭ بىرى ئىچىلمىغان قىز، پۈتۈن ئۈمىدلىرىنى يۇتتۇرۇپ، ھەسرەتلىك نىدالار بىلەن، گۈزەل، غېرىپ بېشىنى يىپەكتەك يۇمشاق ئىككى قولىنىڭ ئاراسىغا ئېلىپ، چىڭڭىدە سىقىپ تۇتۇپ، قاپقارا بۇتا كۆزلىرىدىن تۆكۈلگەن مۇنچاق-مۇنچاق ياشلىرىنى، زەيتۇن رەڭلىك ئەتلەس كۆڭلەكىنىڭ ئېتەكىگە تامچىتىپ، ئادەمنىڭ ئىچىنى سېرىۋېتىدىغان بىر مۇڭلۇق ئاۋاز بىلەن ناخشا ئېيتتىدۇ. بۇ ناخشىنىڭ تېكىسىنى بولسا، شۇ تاپنىڭ ئۆزۈدە، مۇھەممەدئىمىن ئەپەندىنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇرغان، چىرايلىق كىيىنگەن، قاپقارا چاچلىرى ئارقىغا قايرىلغان، قويۇق قاشلىرى ئاستىدىكى ئۆتكۈر كۆزلىرىدىن ئاققان ياشلار بىلەن نەملەنگەن نۇرلۇق يۈزىنى نىياز قىزىنىڭ ئەلەملىك تۇرقىدىن ئالماي، تىكىلىپ ئولتۇرغان شائىر يىگىت ئابدۈرېھىم ئۆتكۈر يازغان ئىدى. تاماشىبىنلارنىڭ يۈرەك تارىلىرىنى تىترىتىپ، كۆزلىرىدىن ھىجران ياشلىرىنى ئاققۇزۇشقا سەۋەپ بولغان، بۇ ناخشا بولسا شائىرنىڭ «يۇرتۇم قالدى» ناملىق شېئىرىنىڭ پىغانلىق مىسرالىرىغا ئاتاپ ئىشلەنگەن ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتىلغان ناخشا ئىدى.

*

مەن تۇغۇلۇپ ئويناپ ئۆسكەن
قىزىلگۈلدەك باغلار قالدى.
ئېگىز-ئېگىز خوي چىرايلىق
ياقۇت تاشلىق تاغلار قالدى.

*

بۇغا-مارال پادا-پادا
ئويناپ يۇرگەن سايلار قالدى.
تاغ باغرىدا ئويناپ سەكرەپ
بىتىچاقلار، تايلار قالدى.

*

ئېگىز تاغنىڭ يان باغرىدا،
سۇلار ئېقىپ ھەريانىدا،
قۇشلار سايراپ كەڭ قوينىدا،
يېشىل-يېشىل قىرلار قالدى.

*

ئەگىپ-ئەگىپ بويلاپ ئاققان،
چۇرۇق-چۇرۇق ئويناپ ئاققان،
ئاق كۈمۈشتەك پالىلدىغان،
بالدىن تاتلىق سۇلار قالدى.

*

سۇ بويىدا شىلدىرلىشىپ،

تەزم بىلەن باش ئېگىشىپ,
مەن يېتىمنى ئۇزىتىشىپ،
لەيلى-مەجنۇن تاللار قالدى.

*

جىمجىت كوچا، ئايدىڭ كېچە،
بۇلاق بويلاپ، باغچە-باغچە،
يۇلتۇز ساناپ تاڭ ئاتقۇچە،
ئويناپ ئۆتكەن چاغلار قالدى.

*

چۆللەر ئارا غېرىپ باشىم،
قۇرىمايدۇ كۆزدە ياشىم،
قىيامەتلىك قېرىنداشىم –
كۆيۈمچانىم دوستلار قالدى.

*

قالدى يۇرتۇم، قالدى تەختىم،

قالدى مېنىڭ ھۈر جەننىتىم.
ياۋ قولىدا قارا بەختىم،
ئالتۇن بۆشۈك يۇرتۇم قالدى.

*

ياش شائىر ئابدۈرېھىم ئۆتكۈر، بۇ ناخشا تېكىسىنى ئۆز قولى بىلەن پايانسىز ئانا يۇرتنىڭ گۈل-چېچەكلىرى، دەل-دەرەخلىرى، كىيىك-ماراللىرىنى، مىللەتنىڭ ئاھ-پىغانلىرىنى، ھەسرەتلىك جۇدالىقلىرىنى ۋە ۋىسال ۋەسلىگە يېتىشتەك ئارزۇ-ئارمالىرى ئىپادىلەن گەن، ۋەكىل خارەكتىرلىك شېئىرلىرىدىن بىرى ئىدى. ياش شائىرنىڭ يېقىندىن بۇيان يېزىۋاتقان شېئىرلىرى تېماتىك جەھەتتىن زاماننىڭ زۇلىمىدىن زارلىنىش، چۇقان سېلىش ۋە ھۆرلۈككە ئىنتىلىش ۋە ئاۋام خەلق ئويغۇتۇشنى مەخسەت قىلغان شېئىرلار ئىدى. مانا بۇ شېئىرلاردا ئوتتۇرغا قويۇلغان پىكىرلەر ناھايىتى ئۆتكۈر، شېئىرىي ھېسياتقا باي ۋە ئوبرازلىق بولۇشتەك خۇسۇيەتلەرگە ئىگە بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن، ئاڭلىغۇچىنى چەكسىز تەپەككۇر بوشلۇقىغا باشلاپ كىرىش بىلەن تەڭ، ئاجايىپ رەڭدار ئېستېتىك زوق ئاتا قىلىپ، كىشىنى ئىلھام بۇلاقلىرىنىڭ لېۋىدە سەييارە قىلغۇزاتتى ۋە تەپپەككۇر قاراڭغۇلىقىغا پاتقانلىغىنى ئويلاپ يېتەلمىگەنلەرنىڭ قۇلاق تۇۋىدە چوقان سالاتتى. مانا شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە نىياز قىزنىڭ كىشىنىڭ قەلبىنى لەقتە-لەقتە قىلىدىغان، ھەتتا بۇلبۇلنىمۇ ھەيران قالدۇرىدىگان پىغانلىق ئاۋازىغا تەڭكەش قىلىنغان مۇزىك كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدە بىدادلىق سىتەمنىڭ يارىسىنى قاناتقان ئىدى. ئۇلار سەھنىدىكى نىياز قىزىغا تەققاس، بۇ غەپتارى پەلەكنىڭ زۇلىمىدىن قۇتۇلۇپ، شۇ باھاردا، تاڭ قورازىنىڭ چىللىشىغا تولىمۇ تەشنا ئىدى. ناخشىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، پەردە ئاستا-ئاستا يېپىلىشقا باشلايدۇ. ئاندىن يەنە ئازراق ۋاقىت ئۆتە ئۆتمەيلا، ئەڭ ئاخىرقى پەردە ئىچىلىدۇ. تاماشىبىنلارنىڭ كۆز ئالدىدا، قىزىل تۈۋرۈكلۈك ئۆيلەرنىڭ دېكراسىيە كۆرىنىشى كۆرىنىدۇ. قورادا نىياز قىز يۈزىنىڭ نۇرى قاچقان قىياپەتتە، يۇرتىنى سېغىنىش ھەسرەلىرى ئىچىدە، خىياللار چۆلىدە تەنھا كېزىدۇ ۋە بىردەمدىن كېيىن ئۆينىڭ ئىچىدىن ياشانغان تۇڭگان ئايال چىقىپ كېلىدۇ ۋە قىزنىڭ بېشىنى سېلاپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قىلغان قىلمىشلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئەسلىدە ۋەقە مۇنداق ئىدى: نىياز قىزى بۇ يۇرتقا كەلگەندىن كېيىن ھاكىمنىڭ ئانىسى بۇ چىرايلىق ئۇيغۇر قىزىنى ئۆزىنىڭ 20 ياشلاردىكى ئوغلىغا ئۆيلەندۇرمەكچى بولىدۇ ۋە نىكاھ قىلماقچى بولغان كۈنى نىياز قىزى، ھۇجرىنىڭ ئىشىگىنى ئىچىدىن ئېتىۋېلىپ، ئېسىلىپ ئۆلىۋالماقچى بولىدۇ. قىز ئالدىن تەيارلاپ قويغان ئارقاننى ئۆينىڭ تورىسىدىكى لىمغا باغلاپ ئۆزىنى ئاسىدۇ. ئەمما بۇ تراگېدىيەنى ئۆز ۋاقتىدا بايقىغان باشقا ئۆيدىكى كىشىلەر، دەرھال ئۆينىڭ ئىشىكىنى چىقىپ كىرىپ، نىياز قىزنى قۇتۇلدۇرىۋالىدۇ. بۇ ۋەقەدىن كېيىن قىز ئۇزۇن مەزگىل ھوشىغا كەلمەي ئاغرىپ يېتىپ قالىدۇ. ياشانغان تۇڭگان ئايال ئىنساپقا كېلىپ، نىياز قىزغا ئىچ ئاغرىتىپ، غەمخورلۇق قىلىپ، مېھرى-شەپقەت ياغدۇرىدۇ. ھازىرقى سەھنىدىكى كۆرىنىش بولسا، دەل شۇ نىياز قىزغا ئىچ ئاغرىتىپ تەسسەللى بىرىۋاتقان چاغدىكى سەھنە ئىدى. ياشانغان تۇڭگان ئايال نىياز قىزغا،-

ئۆز مىللىتىنىڭدىن بىرسى چىقسا، چوقۇم شۇنىڭ بىلەن ئۆيلەندۇرۇپ، ئۆز يۇرتىڭغا يولغا سېلىپ قويىمەن،- دەپ، ۋەدە بېرىدۇ ۋە ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيگە قاراپ كىرىپ كېتىدۇ. سەھنىدە يالغۇز قالغان نىياز قىز؛ تاماشىبىنلارغا ھەسرەتلىك بېقىپ، گۈزەل ھىياللارنى كۆڭلۈدىن كەچۈرۈشكە تىرىشىپ، ئۈمىد بىلەن ئۈمىدسىزلىك ئاراسىدىكى دالىدا كېزىپ يۇرىدۇ. دەل شۇ چاغدا مۇڭلۇق مۇزىكا چىلىنىدۇ ۋە نىياز قىز ئۆز يۇرتىنى سېغىنىپ،«ئۇززال مۇقامى»نىڭ 1-مەشرەپ نەغمىسىدىكى بابا رەھىم مەشرەپ غەزەلىنى ئېيتىدۇ؛-

*

جاھاندا نېمە ياخشى، ئاتا بىرلەن ئانا ياخشى،
مۇزەررەتلىك قېرىنداشتىن ۋاپادار ئاشىنا ياخشى.
مۇھەببەت بۇيىدىن بىر زەررە لەززەت ئالمىغانلارنىڭ،
دىماغىغا ئۇلارنىڭ مىسلى ئاھۇيى خوتەن ياخشى.
يىراقتىن دىلرەباغا ئاشىنالىق ئانچە خوپ ئەرمەس،
كېچە-كۈندۈز ئانىڭ يانىدا بولماققا ۋەتەن ياخشى.

*

ئاندى شەھنىنىڭ قىزىل پەردىسى ئاستا-ئاستا يېپىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دىرامما ئاخىرلىشىدۇ.

ئېھ! شۇنى بىلىڭلاركى بۇ دىرامما بىر خىيالى ھېكايە ياكى رومان ئەمەس. دىراممىدىكى ھەممە ئىشلار راس. يەنى شۇنچىلىك دەرىجىدە رېئاللىققا ئۇيغۇنكى، دىراممىنىڭ ھەربىر ۋەقەلىكلىرىگە، كۆرۈلمەنلەر ئۆزلىرى بىۋاستە شاھىت بولغاندەك، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەندەك، ھەر كىمنىڭ يۈرىكىدە ئايان بولغان ئىدى. دىرامما كۆرگۈچىلەرنىڭ پسىخولوگىيەسى بىلەن مەنىۋىي دۇنياسىدا، خۇددى قاتتىق بىر يەر تەۋرەشتە قالغان ئادەمدەك، سىلكىنىش يۈز بەرگەن ئىدى. دېمەك ئىشغالىيەت ئاستىدا قالغان مىللەتنىڭ مىللىي ئەدەبىياتى، شۇ رېئال ھاياتتىكى ئۆزىگە خاس بولغان سىياسى ۋە ئىجتىمائىي مەسىللەرنى ئوبرازلىق تەپپەككۇرنىڭ ۋاستى بىلەن تېخىمۇ روشەن يورۇتۇشى لازىم. ھايات چىنلىقىنى سەنئەتنىڭ ۋاستىسى بىلەن، كەڭ ئاممىنىڭ كۆز ئالدىدا جانلاندۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ قاراڭغۇ زىنداندا زەنجىرلەنگەن مەنىۋى دۇنياسىنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۇرۇپ، ئۆلگەن روھلىرىنى تىرىلدۇرۇپ، مەۋجۇت مەسىللەرگە بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ۋە ئىشغالىيەتچىلەرگە قارشى غەزەپ-نەپرىتىنى قوزگۇتۇپ، ئاسارەتكە قارشى جەڭگە سېگنال چېلىشى كېرەك. شۇڭا مىللىي ئەدەبىيات، رېئال ئىجتىمائىي جەمىيەت بىلەن ماس قەدەمدە يول ئېلىپ، مىللەتپەرۋەر گۈزەل سەنئەتنى نامايەن قىلغان بولۇشى لازىم. يازغۇچى ۋە شائىرلار ۋە سەنئەتكارلار ئۆز ئەسەرلىرىدە چوقۇم مىللىي روھنى نامايەن قىلىدىغان ئەسەرلەرنى ئۆزىنىڭ ئىجايدىيەت نىشانى قىلىش كېرەك. يازغۇچىلار پىشقان يېزىقچىلىق ماھارىتى بىلەن، ئۆزىدە جۇغلانغان بىلىملىرى، تىل سەنئىتىنىڭ كارامىتى، تەسەۋۋۇر قۇۋىتى قاتارلىق بىلىملىرىنى ئوبيېكتىپلاشتۇرۇپ، يۈرەك-دىلىنى قەغەزگە پۈتۈپ، ئېسىل ئەسەرلەرنى ئىجات قىلىشى كېرەك. بولۇپمۇ مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ يازغۇچى ۋە سەنئەتكارلىرى ئىلغار ئىدىيە، كۈچلۈك مىللىي روھ ۋە يۈكسەك پەزىلەتكە ئىگە بولۇشى تېخىمۇ زۆرۇر. گەرچە يازغۇچى بىرە ھېكايە ۋە دىرامما ۋە ياكى رومان يازسىمۇ ئەمەلىيەتتە بۇ، ئۇ يازغۇچىنىڭ ئىدىيەسى ۋە پەزىلىتىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ قەغەز يۈزىگە پۈتۈلىدۇ. كىتابخان يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندا، ئېستىتىك زوق ئېلىش بىلەن بىرگە يەنە ھاياجانلىنىدۇ، مەنىۋى دۇنياسىدا يۇكسىلىش بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە يازغۇچىنىڭ پىكىر-ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا مۇستەملىككە ئەللەرنىڭ يازغۇچىلىرى ئۆز ئىجادىيەتلىرىگە شۇنداق تەلەپ قويىشى لازىمكى، ئەسەرلىرىدە ئوتتۇرغا قويماقچى بولغان ئىدىيەسى بولسا، ماتىماتىكىدىكى تەڭلىمە سىزىقىدىن تۆۋەن تۇرىدىغان سانلار ئەمەس، بەلكى ئۆز مىللىتىنىڭ زېھنىي قابىليىتىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان نەمۇنە ئەسەرلەر بولىشى لازىم. بۈگۈن ماشۇ مۇزلىغان شەھەردە ئوينالغان دىرامما ۋە ئۇنىڭدا ئېيتىلغان ناخشىلار ئەنە شۇ مىللەتنىڭ قەلبىدىكى سۆزلىرىنى سۆزلىگەن ۋە ئۇنى بەدىھى ئەسەر سۈپىتىدە تاماشىبىنلارنىڭ كۆز ئالدىدا جانلاندۇرۇپ ئۆتكەن. بۇ ئارقىلىق كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى زوراۋانلىق يولى بىلەن ۋە مەدەنىيەتنى مەدەنىيەت بىلەن يوق قىلماقچى بولىۋاتقان سىتەمكار بىر زاماندا، مىللەتنىڭ ئۇۋاللىق ۋە خارلىقتا قالغان ماددى ۋە مەنىۋى دۇياسىغا قاراپ سۇكىناتتا تۇرماي، بەلكى يالقۇنلۇق مەنىۋى چىراق ياققان.

ئېھ! بۇ كۈنلەر، مۇزلىغان شەھەردە مۇزلىغان يۈزلىرىمىزگە چۈشكەن، مۇزدەك ياشلارنىڭ تامچىسى بىلەن مۇزدەك ئۆتۇپ كېتىۋاتىدۇ. كىتابلارغا “ھەر نەرسىنىڭ شىپاسى ۋاقىت” دەپ، يازىدىكەن، ئەمما ئۆتۇپ كەتكەن ۋاقىت زادى نېمىگە شىپا بولىدۇ؟ ۋاقىت ئۇيغۇر مىللىتىگە ئاچچىق ئەلەمگە تولغان تارىختىن باشقا بىر نەرسە قالدۇرۇپ كەتمىدىغۇ. ئۇنداقتا كەلگۇسىدىكى ۋاقىت ھەقىقەتەن مىللەتنىڭ قانىغان يارىسىغا شىپا بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ توغرا، مۇمكىن بولمىغاننى مۇمكىن قىلىش ئۈچۈن، ئۆتمۇشتىن ساۋاق ئېلىپ، ئاسارەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن يول ئېلىشى كېرەك. كېلەچنىڭ ئىشىكىنى كەچمىشنىڭ ئاچقۇچى ئاچىدۇ.

ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك كىتابخان شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ شانلىق ھاياتىغا بېغىشلاپ يېزىلغان «يول» ناملىق تارىخىي روماننىڭ 10-بۆلۈمى تۇگدى. قالغان بۆلۈملىرىنى پات يېقىندا رومان نەشىردىن چىققاندا قولۇڭىز ئېلىپ تۇرۇپ ئوقۇغايسىز.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش