سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق ئورگانلار

ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق ئورگانلار

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئارزۇ بەشىرى

قىسقىچە مەزمۇنى: ھەرقايسى دۆلەتلەر تەرىپىدىن مەنئىي قىلىنغان ھەرىكەتلەرنىڭ ، جازاسى بېكىتىلمىگەندە ياكى بۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ سورىقىنى قىلىش شۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىختىيارلىقىغا قالدۇرۇلغاندا ،بۇنىڭ خەلقئارالىق جىنايەت دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ ۋە بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغانلار خەلقىرالىق جازا مەھكىمىسىدە سوراققا تارتىلالمايدۇ. ھازىرغا قەدەر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك بولغان مىللىي ۋە خەلقئارالىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىنىش ئارقىلىق بۇ جىنايەت تۈپەيلى قىلىنغان سوراق جەريانىدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىنغانلىقى ۋە خۇلاسىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئېرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، مەھكىمە، سوراققا تارتىش، خەلقئارا جازا مەھكىمىسى

1. ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەت ئۇقۇمى

ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەلقئارالىق ئۆلچەملەر نۇقتىسىدىن تېخنىكىلىق باھالانغان ۋە خەلقئارالىق ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى پىرىنسىپلار ئىچىدە ئەڭ ئېغىر تاجاۋۇزچىلىقلارنىڭ بېشىدا كەلگەن مۇھىم ۋە ماھىيەتلىك جىنايەتتۇر. ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىرقىيغا ، دىنىغا ، سىياسىي قاراشقا ياكى ئېتنىك يىلتىزىغا باغلىق بولغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان بىر جامائەتنىڭ قەستەنلىك بىلەن سېستىمىلىق بىر شەكىلدە يوقۇتىلىشىدۇر. باشقىچە ئېيتقاندا بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىدىن ئايرىلىشى ۋە ھايات سەھنىسىنى يوقۇتىشىنى مەقسەت قىلىپ ،ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىۋېتىلىشىدۇر. ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى خەلقئارالىق جازا مەھكىمىلىرىنىڭ سوتلىنىش دائىرىسىگە كىرگەن ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ ۋەھشى جىنايەتتۇر.
ئىرقىي قىرغىنچىلىق كەلىمىسى Genocide كەلىمىسىنىڭ تەرجىمىسى سۈپتىدە ئۇيغۇرچىدە ئورۇن ئالغان. Genocide ئاتالغۇسىنى تۇنجى قېتىم لەمكىن قوللانغان. ئىرقىي قىرغىنچىلىق چۈشەنچىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە مەنا جەھەتتىن بىر ئىدىيەنى شەكىللەندۈرىشىگە سەۋەپ بولغان ۋەقە، گېتلىرنىڭ يەھۇدىلارنى ئىرىق سۈپىتىدە يامان ۋە زىيانلىق دېگەن ئەقىدىسى بويىچە كوللىكتىپ يوقۇتۇشنى مەقسەت قىلغان ۋە بۇ توغرىسىدا تەمكىنلىك بىلەن پىلانلانغان دائىرىدە ۋەيران قىلىشنى ئالدىن بەلگىلىگەن يوقۇتۇش سىياسىتىدۇر. ناتسىسىلارنىڭ قىرغىنچىلىقلارغا بىر پولشا يەھۇدىسى سۈپىتىدە گۇۋاھچى بولغان ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇقۇمىنى راۋاجلاندۇرغان. لەمكىن ، يۇنانچىدا ئائىلە ، ئىرىق ، قەبىلە مەنىسىدە كەلگەن Genoc سۆزى بىلەن لاتىچىدە ئۆلتۈرمەكچى مەنىسىدە كەلگەن Cide سۆزىنى بىرلەشتۈرۈپ Genocide ئاتالغۇسىنى شەكىللەندۈرگەن. لەمكىن 1944-يىلى نەشىر قىلىنغان «ئىشغال ئاستىدىكى ياۋروپادا مۇھىم نۇقتا رەھبەرلىكى» ناملىق ئەسىرىدە گىرمانىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى بولۇپمۇ يەھۇدىي ۋە سىگانلارغا قوللانغان ناتسىس ئىجرائىيەتلىرىنى ئەتراپلىق تەتقىق قىلىپ ئانالىزلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق تېمىسى ئاستىدا قېلىپلاشتۇرغان. لەمكىننىڭ قارىشىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىر مىللەتنىڭ ئەزالىرىنى ئۆلتۈرۈپ يوقۇتىشتىن بەكرەك قەستەنلىك بىلەن پىلانلىق ھالدا ھەرخىل ھەرىكەتلەردە نىشان قىلىنغان مىللەتنىڭ ئاساسىنىڭ ئۇلىدىن يوق قىلىنىشىدۇر. بۇنداق بىر پىلاننىڭ سەۋەپلىرى خاسلىقى بولغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى مىللىي بىر كوللىكتىپ ئەزالىرى بولغانلىقى ئۈچۈن شەخسىيەتلىرىگە قارشى ئەمىلىيلەشتۈرۈلگەن بىر كوللىكتىپ سۈپىتىدە ئارنۇمۇسىنىنىڭ ، ساغلاملىقىنىڭ ، ئەركىنلىكىنىڭ يوقىتىلىشى ۋە بۇ كوللىكتىپنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ، دىنىنىڭ ، مىللىي ھېسىياتنىڭ ، تىلىنىڭ ، مەدەنىيىتىنىڭ ، سياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ پارچىلىنىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. لەمكىننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېنىقلىمىسى مەدەنىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لەمكىننىڭ ئېنىقلىمىسى ئىنتايىن كەڭ كۆلەملىك ۋە بىرمۇنچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېنىقلىنىسىنى بىرلەشتۈرگەنلىكى ئۈچۈن نەزەرىيە جەھەتتە تەنقىدلەنگەن ئۇنىڭدىن باشقا ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىي جامائەتلەر جىنايەتنىڭ قوغدىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن. لېكىن ،ئۇنۇتۇلماسلىقى كېرەك بولغان نۇقتا قوغدىلىدىغان تۆت گۇرۇپمۇ مۇقىم ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغانلىقى ئىقتىساد ، سىياسەت ۋە مەدىنىي جامائەتلەردەك ئۆزگىرىشچان بولمىغانلىقىدۇر. لەمكىن ئوتتۇرىغا قويغان (Genocide) كەلىمىسى بىلەن مەنىسىنى تاپقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇقۇمى: كوللىكتىپ ئۆلتۈرۈش ، قىرغىنچىلىق ، ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرىدىن پەرقلىق بىر ئەھۋالنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق قانۇنلۇق تونۇلغان ۋە روشەن ئارتۇقچىلىقلىرى بولغان بىر تۈركۈم ئىنسان توپىنىڭ بىر پىلان دائىرىسىدە ۋە ئالاھىدە بىر مەقسەت بىلەن يوقىتىش مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىر جامائەت ئىنساننىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدۇر. بۇ يوقىتىش مەقسىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشقا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىدىن ئايرىيدۇ بولۇپمۇ كوللىكتىپ قەتلىئاملار نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئالدىن پىلانلىنىپ پىلانلانمىغىنىنى تەكشۈرمەستىن، دەسلەپتىلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تەسۋىرلەش توغرا بىر قاراش بولمايدۇ.

1944- يىلىدا قوللىنىلغاندىن كىيىن 1948-يىلى ئىرقىي قىرغىنچىلىق شەرتنامىسىغىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاتالغۇسىنىڭ تار دائىرىدە قوللانغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز . ئەمىليەتتە نۇرىنبەرگ سوراقلىرى جەريانىدا گەرچە ئەيىپلىگۈچى شىكايەت نامىسىدە قوللانغان بولسىمۇ نۇرىنبەرگ ۋە توكيو مەھكىمىلىرىنى قۇرغان نىزام نامىلەردە ياكى مەھكىمە قارارلىرىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق كەلىمىسى ئىشلىتىلمىگەن. ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇستەقىل بىر جىنايەت سۈپىتىدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ بىر تۆۋەن دەرىجىسى دەپ چۈشەندۈرۈلگەن.

لەمكىننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاتالغۇسى ب د ت نىڭ ماتىرياللىرىدا ئورۇن ئالغان. تۇنجى قېتىم 1946- يىلىدا ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەلقئارالىق بىر جىنايەت دەپ بېكىتىلگەن ۋە ھازىرغا قەدەر خەلقئارالىق كېلىشىملەرد ۋە ئىچكى قانۇنلاردا قوللىنىلىۋاتىدۇ. ئىرقىي قىرغىنچىلىق خۇسۇسىدىكى تۇنجى مۇھىم لاھىيە 206-نۇمۇرلۇق ب د ت ئومۇمىي يىغىن قارارى يۆنىلىشىدە 1948-يىلىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش كېلىشىمى (ئىرقىي قىرغىنچىلىق كېلىشىمى) نىڭ قوبۇل قىلىنىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. بۇ كېلىشىم بىلەن ئىنسانلىق قەدىر قىممىتىنى ئېغىر دەرىجىدە خورلايدىغان بۇ جىنايەتنىڭ تىنىچلىق ياكى ئۇرۇش دەۋرلىرىدە قايتا يۈزبەرمەسلىكى ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەر ھەمكارلىشىشقا چاقىرىلغان ئىدى. ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئۇرۇش دەۋرىدە يۈز بېرىشى جىنايەتنىڭ خاراكتىرىنى ئۆزگەرتمەيدۇ .ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىغا نىسپەتەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق چەكلىمىسى بىر ئاساسىي بەلگىلىمىدۇر . دۆلەتلەر بۇ چەكلىمىگە قارشى ھېچ قانداق بىر كېلىشىم ئىمزالىيالمايدۇ. بۇنداق بىر كېلىشىم يوق ھېساپتىدۇر. قانۇنىي بىر ئەقىدىنى ئىپادىلەيدىغان ئۆرپ – ئادەتكە نىسپەتەنمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ. ئۆرپ – ئادەت دۆلەتلەرنىڭ مىللەتلەر ئارىسىدىكى ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مەلۇم تېمىلاردىكى قانۇنى ئېتىقاتىغا تايانغان قوللانما ۋە ئادەتلىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ باشقىچە ئېيتقاندا دۆلەتلەرنىڭ ئۇزۇن زاماندىن بېرى قانۇنى بولغان ئېتىقادىي بىلەن رىئايە قىلغان ئەمەلىي ئادەتلىرى مىللەتلەر ئارا ئۆرپ – ئادەتنى شەكىللەندۈرگەن. ئۆرپ -ئادەتنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان قوللانما، مۇۋاپىق ۋە بىر خىل بولغاندا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى قاتناشقاندا ۋە ئەمەلىيلىشىشكە رىئايە قىلىشقا سەۋەپ بولغان بىر قانۇنىي پىرىنسىپ بولغاندا ئۆرپ – ئادەت قائىدە يوسۇن بولىدۇ. بەزى قائىدە – يوسۇنلارنى ئۆرپ -ئادەتنىڭ بىرقىسمى ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن مىللىي ياكى خەلقئارالىق چۈشەندۈرۈشلەرنى كۆزئالدىغا كەلتۈرۈشى لازىم. خەلقئارالىق جازا قانۇنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆرپ -ئادەتلەردىن مەيدانغا كەلگەن. ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەلقىرالىق بىر جىنايەتتۇر ۋە بۇ جىنايەتنى ئىىشلىگەنلەر جازاسىز قالمايدۇ.

ئىرقىي قىرغىنچىلىق، 1948-يىلى 9-دېكابىردا قوبۇل قىلىنىپ 1951-يىلى 12-يانۋاردا قانۇنلاشتۇرۇلغان. ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش كېلىشىمىنىڭ 2-ماددىسىدا ، رىم نىزامنامىسىنىڭ 6-ماددىسىدا، سابىق يۇۋىسلاۋىيە خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى نىزامنامىسىنىڭ 4-ماددىسىدا ۋە رۇئاندا خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى نىزامنامىسىنىڭ 2-ماددىسىدا ئوخشاش ئېنىقلىما بېرىلگەن . ئېنىقلىمىلاردىكى بىرلا پەرق بىرىدە كېلىشىم دېيىلسە باشقىلىرىدا نىزامنامە ئاتالغۇسى قوللىنىلغان.

ئىرقىي قىرغىنچىلىق شەرتنامىسىنىڭ 2-ماددىسىغا ئاساسەن، ئىرقىي قىرغىنچىلىق مىللىي ،ئېتنىك ،ئىرقىي ياكى دىنىي بىر جامائەتنى پەقەتلا بۇ سۈپەتلەر سەۋەبىدىن بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى يوقىتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنى قىلىشتۇر:

1. جامائەت ئەزالىرىنى ئۆلتۈرۈش

2. جامائەت ئەزالىرىغا ئېغىر جىسمانىي ياكى ئەقلىي جەھەتتە زىيانكەشلىك قىلىش.

3. بىر جەمىئەتنىڭ ئەزالىرىنى قەستەن بۇلارنىڭ جىسانىي جەھەتتىن بىر قىسمىنىڭ ياكى ھەممىسىنىڭ يوق بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئالدىن پىلانلانغان ھايات شەرتلىرىگە زورلاش.

4. جامائەت ئىچىدە قەستەن تۇغۇتنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان مەقسەتلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىش.

5. جامائەتكە مەنسۇپ بولغان بالىلارنى باشقا گۇرۇپقا مەجبۇرىي يۆتكەش.

يۇقىرىدا كۆرسىتىلگىنىدەك ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى جىنايەتنىڭ مەنىۋىي ئېلىمىنتى پەيدا قىلغان. بۇنداق ئەھۋالدا مۇھىم بولغان مەسىلە جىنايەت ئىشلىگۈچىلەرنىڭ خۇسۇسىي غەرىزىدۇر. ماددىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە ماددىي ئىلمېنىتقا ئائىت بولغان تاللانغان ھەرىكەتلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرىلىشى جىنايەتنىڭ شەكىللىنىش نۇقتىسىدىن يېتەرلىك ئەمەس. بۇ ھەرىكەتلەر يەنە «مىللىي، ئېتنىك، ئىرقىي ياكى بىر كوللىكتىپنى» ئالاھىدە نىشانغا ئېلىپ بۇلارنىڭ بىر قىسمىنى بولسىمۇ يوقۇتۇش غەرىزىدە ئىشلىنىشى كېرەك. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار تەۋە بولغان جامائەتنىڭ كىملىكىگە ئائىت ئالاھىدىلىكلەر جىنايەت ئىشلىگۈچىلەرنىڭ بۇ قىلمىشلارنى ئەمەلىيلەشتۈرىشىگە سەۋەپ بولماقتا. يۈز بەرگەن قىلمىشلار بىر جامائەتنى يوقىتىش مەقسىتىدىكى پىلاننىڭ بىر قىسمى بولسا ياكى مۇشۇنداق بىر مەقسەت بولسا بۇ قىلمىش ئېرقىي قىرغىنچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولمايدۇ.

شەرتنامىدە سىياسىي جامائەتلەرگە قارشى پائالىيەتلەرنىڭ ۋە ئاز سانلىقلارنىڭ مەدەنىيىتىنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ يوقىتىشنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھېساپلانماسلىقى شەرتنامىنىڭ ئەمىلىلىشىش دائىرىسىنى بەكلا تارايتىۋەتكەن ئىدى، بۇ سەۋەپتىن شەرتنامە قانۇنلاشقان 1951-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە بولغان جەرياندا، بىر قانچە ئالاھىدە ئەھۋالدىن باشقا ئەمەلىلەشمەسلىكى قاتتىق ئەكىس تەسىرگە يول ئاچقان ئىدى. شەرتنامىنىڭ ھېچ بىر پايدىسى بولمىغانلىقى سۆزلەنگەن ئىدى. بولۇپمۇ قوغدىلىدىغان جامائەتلەرنىڭ ئىچىگە سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي جامائەتلىرىنىڭ تەۋە بولماسلىقى ئېنىقلىمىنى شەخسلەرگە قارشى ئەمىلىيلەشتۈرۈلگەن پائالىيەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى جامائەتنىڭ ياشىغان مۇھىتىغا قارىشى پائالىيەتلىرىنىڭ ئېنىقلىمىدا ئورۇن ئالالماسلىقى ئەقىلگە مۇۋاپىق گۇماندىن بەكرەك شەخسى غەرىزى بارئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشنىڭ قىيىن بولىشى (قىسمەن) چۈشەنچىسىنىڭ ئېنىقلىنىشى ۋە ئۆلچىلىشىنىڭ ئىمكانسىزلىقى ئۆلگەن ئادەم سانى قانچىگە يەتكەندە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەشتىكى قىيىنچىلىقلار ،ئىرقىي قىرغىنچىلىق شەرتنامىسىدا ئورۇن ئالغان ئېنىقلىمىغا بېرىلگەن تەنقىدلەردە مەيلى شەرتنامىدە ياكى نىزامنامىدە بولسۇن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن ھەرىكەتلەر سانالغاندا قوللىنىلغان such as ئۇيغۇرچىدىكى مەنىسى (غا ئوخشاش) بولغان ئىپادىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن ھەرىكەتلەرنىڭ چەكلىك ساندىكى Numerus) Clausus) بولمىغانلىق مەنىسىنى ئىپادىلىشى بىز دەۋاتقان بۇ گۇرۇپنىڭ تامامەن ياكى قىسمەن يوقىتىلىشىغا سەۋەپ بولىدىغان باشقا مەكتەپلەرنىڭمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. مىللىي ، ئېرقىي ،دىنىي ۋە ئېتنىك يىلتىزىغا تايانغان تۆت جامائەتنىڭ قوغدىلىنىشىنى نەزەرگە ئالغاندا ناتسىسلارنىڭ ھەمجىنىس مۇھەببەتلىشىدىغانلار ۋە 300 مىڭدىن ئارتۇق ئەقلىي مېيىپلەرنى ياشاش قىممىتى يوق دەپ ئۆلتۈرۋېتىشى، ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەر يۇقىرىدا ئېيتىلغان جامائەتلەرنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈلمىگەنلىكتىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دائىرىسى ئىچىدە ھېساپلانمىغان.

ئاد خوك كومېتىتى تەييارلىغان دەسلەپكى لاھىيەدە سىياسىي جامائەتلەر بولسىمۇ شەرتنامىنىڭ 2-ماددىسىدە قوغدىلىدىغان جامائەتلەر ئارىسىدا تىلغا ئېلىنمىغان . ئىرقىي قىرغىنچىلىق سۆزىنىڭ ئىجادچىسى لەمكىننىڭ ئۆزى سىياسىي جامائەتلەرنى شەرتنامە دائىرىسىنىڭ سىرتىدا تۇتۇش تەكلىپىنى بەرگەن (1) 96 نۇمۇرلۇق قاراردىن پەرىقلىق ھالدا ھەم سىياسىي جامائەتلەر ھەمدە باشقا جامائەتلەر شەرتنامىنىڭ سىرتىدا تۇتۇلغان. تارىختا ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن ۋە ئەڭ كۆپ پۇقرانىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپچى بولغان كۆرەشلەر سىياسىي مەقسىتى بىربىرىگە زىت بولغان جامائەتلەر ئارىسىدا يۈزبەرگەن. مەسىلەن كامبوتژادا پولپوت سىياسىي تۈزۈمىنىڭ قىلمىشى ۋە ئىككى مىليونغا يېقىن پۇقرانىڭ ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كەلگەن قىرغىنچىلىقلار شەرتنامىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېنىقلىمىسىنىڭ سىرتىدا قالغان. ئوخشاش شەكىلدە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىي جەريانىدىكى ئۆلۈملەرمۇ ئېرقىي قىرغىنچىلىق ھېساپلانمىغان.

سابىق يۇۋىسلاۋىيە خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىنىڭ بىرمۇنچە قارارلىرىدا بەزى ئالاھىدە ھەرىكەتلەردىن باشقا بوسنا ھەرسەكتە سىرپلارنىڭ ئېتنىك تازىلىشىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جازاسىنىڭ سىرتىدا قالغان.

ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن كۆرەش قىلىش خەلقئارالىق قانۇن نۇقتىسىدىن قارىغاندا ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق شەرتنامىسىگە ئەزا بولغان ۋە بولمىغان بارلىق دۆلەتلەر ئۈچۈن بىر مەجبۇرىيەتكە ئىشارەت قىلىنماقتا . بۇ نۇقتىدىن بەزى دۆلەتلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىق شەرتنامىسىگە ئەزا بولمىغان بولسا بۇ ئەھۋال شۇ دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق ئورگانلار

ئا — ئومۇمىي ئەھۋال

دۆلەتلەر ئارا ئىمزالانغان جازا قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى كېلىشىملەر قۇللۇق ياكى قاراقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان ۋە بۇ ھەرىكەتلەرنى جىنايەت سۈپىتىدە تونۇغان كېلىشىملەردۇر.
جەمىئىيەتكە ئارىسىدىكى دائىما ۋە ئۈزلۈكسىز مۇناسىۋەتلەرگە باغلىق بولغان بەزى جىنايەتلەرنىڭ خەلقئارالىق بارلىق ئەنئەنىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ جىنايەتلەرنىڭ خەلقئارالىق قانۇن دائىرىسىدە سوتلىنىش ئىمكانىيىتى يارىتىلغان. خەلقئارالىق جىنايەتلەر نۇقتىسىدىن قارىغاندا ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى مەسىلىسى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈش ئەھۋالىغا قاراپ پەرقلىق بولماقتا. ئامرىكىنىڭ قارىشىچە بۇ تۈر جىنايەتلەر دۆلەتنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى ئىچىدە بولۇشى ۋە بۇ كىشىلەر ئەسكىرىي مەھكىمىلەردە جازالىنىشى كېرەك. خەلقئارالىق سوتنىڭ ئەمەلىيلىشىنى قوللايدىغان ياۋروپا قىتئەسىدىكى كۆپۈنچە دۆلەتلەر جىنايەتچىلەرنى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىن قارىماقتا ۋە بۇ شەكىلدە ھۆكۈم قىلىشنىڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى ئويلىماقتا. بىزنىڭچىمۇ خەلقئارالىق مەھكىمىلەر كۆرسەتكەن جىنايەتلەرگە ھۆكۈم قىلىش مەسىلىسى يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى مىللىي مەھكىمىلەر سوراقنى باشلىيالماسلىقى ياكى باشلىسىمۇ داۋاملاشتۇرالماسلىقى مۇمكىن. سىياسىي مۇرەسسە قىلىش ئۈچۈن نازارەت قىلىشنى خالىماسلىقى مۇمكىن ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي ئىنسان ھەقلىرىگە قىلىنغان ئېغىر زىيانكەشلىكلەرگە ئۈنىنى چىقارماسلىقى پەقەت ئۆز مەنپەئەتلىرى زىيانغا ئۇچرىغاندىلا ئاندىن ،ھەرىكەتكە ئۆتۈشى سوراقلارنىڭ خەلقئارالىق مەھكىمىلەردە بولىشىنى زۆرۈر تاپماقتا. شۇ سەۋەپتىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىشلىگەنلەرمۇ بۇ شەكىلدە جازالاندۇرىلىدۇ.

ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن 1945-يىلى 8-ئاۋغۇستا تۈزۈلگەن لوندون شەرتنامىسىنىڭ 2-ماددىسىغا ئاساسەن نۇرىنبەرگ ھەربىي جازا مەھكىمىسى 1946-يىلى 19-يانىۋار كۈنى بىر قارارنامە بىلەن خەلقئارالىق ئۇزاق شەرق ھەربىي جازا مەھكىمىسى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا غالىپ بولغان دۆلەتلەر تەرپىدىن قۇرۇلغان.

يۇقىرىدا ئېيتىلغانلاردىن كىيىن 1948-يىلى 9-دېكابىر كۈنى قوبۇل قىلىنىپ، 1951-يىلى 12-يانىۋار كۈنى 260 A نۇمۇرلۇق ب د ت ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارى بىلەن قانۇنلاشقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش شەرتنامىسى بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى جىنايەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشى ئەمىيلىلەشتى. ئىرقىي قىرغىنچىلىق شەرتنامىسىنىڭ تۇنجى ماددىسىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەيلى تىنچ مەيلى ئۇرۇش دەۋرىدە ئىشلەنگەن بولسۇن بىر دۆلەتلەر قانۇنى جىنايىتى ئىكەنلىكىنى ۋە شەرتنامە تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ بۇ جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاندۇرۇشقا كېپىل بولۇشى ،2-ماددىسىدا جىنايەتنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە ماددىي ئېلېمېنتى، 3- ماددىسىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش ئۈچۈن ھەممكارلىشىشنىڭ بىۋاستە ۋە ئوچۇق ئاشكارا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تەشەببۇس قىلغان ۋە قاتناشقانلارنىڭمۇ جازالىنىدىغانلىقى، 4- ماددىسىدا بۇ جىنايەتنى ئىشلىگەنلەر ئارىسىدا رەھبەر جامائەت خادىمى ئالاھىدە شەخىسكە ئوخشاشلارنىڭ ئايرىماستىن ھەممىسىنىڭ جازالىنىدىغانلىقى، 5-ماددىسىدا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كېلىشىم ھۆكۈملەرگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىچكى قانۇنلاردا زۆرۈر بولغان قانۇن تۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى، 6-ماددىسىدا شەرتنامىدا تىلغا ئېلىنغان قىلمىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن جىنايەتكە تەۋە بولغان كىشىلەرنىڭ جىنايەت ئىشلەنگەن دۆلەتتىكى ياكى خەلقئارالىق بىر جازا مەھكىمىسىدە سوتلىنىلدىغانلىقى، 7-ماددىسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشى بولغان كىشىلەرنىڭ كېلىشكۈچى دۆلەتلەر تەرىپىدىن بۇخىل ئەھۋاللاردا ئۆز قانۇنلىرىغا ۋە قانۇنلاشقان كېلىشىملەرگە ئاساسەن جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى، 8- ماددىسىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن ب د ت غا مۇراجىئەت قىلىشى، 9- ماددىسىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىشلىنىشىگە مەسئۇل بولغان دۆلەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەزا دۆلەتلەرگە خەلقئارالىق ئادالەت دىۋانىغا بېرىش ھوقۇقى بېرىلىدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن. بۇ ھوقۇق ئۇزۇن يىللار قوللنىلمىغان ، بۇھوقۇق تۇنجى قېتىم 1993-يىلدا بوسنا -ھەرسەك، سىربىيە – قاراتاغقا داۋا ئېچىش ئۈچۈن قوللانغان.

ب — نۇرىنبەرگ ۋە توكيو ئۇزاق شەرق خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى

نۇرىنبەرگ ۋە توكيو ئۇزاق شەرق خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىنىڭ ھەر ئىككىسى پەقەتلا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىشلەنگەن جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن غالىپ دۆلەتلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ئاد خوك (خۇسۇسىي) پەۋقۇلئاددە زاستاتىللار ئۆمىكى بولمىغان ۋە كوللىكتىپ سوراق قىلىنىدىغان ھەربىي سوت مەھكىمىسىدۇر. بۇ سوت مەھكىمىلىرى ئۇرۇشتا ھەممە تەرەپلەردە ئىشلەنگەن بارلىق جىنايەتلەرنى سوتلاش ئۈچۈن قۇرۇلمىغان بولغاچقا پەقەتلا مەغلۇپ بولغان دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلىرىگە باغلىق ھالدا ئالاھىدە سۈپەتتە قۇرۇلغانلىقتىن ئوبىكتىپ ئادالەتكە كېپىللىك قىلىدىغان ۋەزىپىلىرىمۇ يوق ئىدى. بۇ سەۋەپتىن سوت مەھكىمىلىرى دائىم خەلقئارالىق جازا سېستىمىسى قۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغان. نۇرىنبەرگ سوت مەھكىمىسى ئۇرۇش جىنايەتلىرىگە خاسلىق مەسئۇلىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنبەسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغانلىقتىن پەقەت دۆلەتلەرنىڭلا ئەمەس بەلكى شەخسلەرنىڭمۇ خەلقئارالىق قانۇنغا مۇناسىپ ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكى بۇ سوت مەھكىمىسىنىڭ قۇرۇلىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان.

ئەسلىدە بۇ سوت مەھكىمىلىرىنىڭ كۆرۈنۈشتىكى قۇرۇلۇش مەقسىتى : ئادالەتنى ئەمەلىيلەشتۈرمەك ، بۇزۇلغان دۇنيا تەرتىپىنى يېڭىدىن تۈزۈش بولسىمۇ ئاساسلىق مەقسىتى مەغلۇپ بولغان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىش ئىدى.
نۇرىنبەرگ سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتلاش ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرگەن جىنايەتلەر نۇرىنبەرگ نىزامنامىسىنىڭ 6-ماددىسىغا ئاساسەن تىنچلىققا قارشى جىنايەتلەر ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەردۇر . نۇرىنبەرگ سوت مەھكىمىسىدە دەسلەپكى سوراقلار 1905-يىلى نويابىردا باشلانغان ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ناتسىسى رەھبەرلىرىدىن 22 سى سوتلانغان. ئۈچى ئۆلىۋالغان ، ئۈچى گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنغان ۋە باشقىلىرى جازالانغان. نۇرىنبەرگ سوت مەھكىمىسىدە ئەيىپلىگۈچى ناتسىسس رەھبەرلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن بولسىمۇ بۇ ئاتالغۇ نۇرىنبەرگ نىزامنامىسىنىڭ ئاساسلىق بولغان مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملىرى ئارىسىدىن ئورۇن ئالمىغانلىقى ئۈچۈن سوت مەھكىمىسى بۇ جىنايەتلەرنى نىزامنامىنىڭ 6-ماددىسىنىڭ 3-ئابزاسىدا ئورۇن ئالغان ۋە ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى ۋە ئۇرۇش جەريانىدا پۇقرارلارنىڭ ئۆلتۈرىلىشى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىلىشى سۈرگۈن قىلىنىشى ۋە باشقا ئىنسانلىقتىن چىقىپ كەتكەن مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىشى بىلەن ئۇرۇش جىنايەتلىرىگە باغلىق ھالدا سىياسىي، ئىرقىي ياكى دىنىي سەۋەپلەر بىلەن قىلىنغان زۇلۇم دەپ تەسۋىرلەندۈرگەن . ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىدىن جىنايى جاۋاپكارلىققا ھۆكۈم قىلىنغان.

نۇرىنبەرگ سوت مەھكىمىسى ئۈچۈن بېرىلگەن سەلبىي باھالاردىن بىرى ،ئېچىلغان سوتلاردا كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارغا ئىرادىسىنى تاڭغانلىقى، تەنقىدنىڭ ئەڭ قاتتىقى بولسا « قانۇنسىز جىنايەت ۋە جازا بولمايدۇ » دېگەن ئونېۋىرىسال پىرىنسىپنىڭ دەپسەندە قىلىنىپ ئۆتمۈشكە يۈزلىنىپ قانۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدە بولغان.

ئۇنىڭدىن باشقا سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەدلىيە ۋە ئىدارى ھەيئىتىنىڭ تامامەن ئۇرۇشتا غالىپ كەلگەن دۆلەت گىراژدانلىرىدىن تەشكىل تاپقانلىقى سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇستەقىل ۋە بىتەرەپلىكىگە گۇمان تۇغدۇرماقتا ۋە بۇ پەيدا قىلغان ئەقىلگە مۇۋاپىق گۇمان قىلىنغان تەنقىدنىڭ ھەقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

نۇرىنبەرگ سوت مەھكىمىسى ئۈچۈن بېرىلگەن بىر ئىجابىي باھا بولسا ، نىزامنامىدە بار بولغان خەلقئارالىق جازا قانۇنىي جىنايەتلىرىنىڭ ، كىيىن قۇرۇلغان خەلقئارالىق جازا مەھكىمىلىرىنىڭ نىزامنامىلىرىدا ئۆرنەك قىلىنغانلىقىدۇر.

توكيو ئۇزاق شەرق خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى نۇرىنبەرگ مەھكىمىسىدىن پەرقلىق ھالدا ئىتتىپاقداش ئارمىيە باش قوماندانى ئېلان قىلغان 1946-يىلى 19-يانىۋاردىكى بىر قارارنامە بىلەن قۇرۇلغاندۇر. قانۇنىي دائىرىسىگە نىزامنامىنىڭ 5-ماددىسىدا ئورۇن ئالغان تىنچلىققا قارشى جىنايەتلەر ئەنئەنىۋى ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر كىرگۈزۈلگەن. بۇ سوت مەھكىمىسى 25 ياپون گىراژدانىنى سوتلىغان ۋە ھەممىسىنى جىنايى جاۋاپكارلىققا ھۆكۈم قىلغان.

نۇرىنبەرگ ۋە توكيو سوتچىلىرىنى سانىغا ئوخشاش ئىجرائىيە پەرقلىرىدن باشقا ئەڭ مۇھىم بولغان بىر پەرقى نۇرىنبەرگ مەھكىمىسىدە مىللىي سوتقا نوپۇز بېرىلىپ توكيو مەھكىمىسىدە مىللىي سوتقا نوپۇز بېرىلمىگەن.
بارلىق سەلبىي پىكىرلەرگە قارشى ئونىۋېرسال قەدىر قىممەتلەرگە ئېرىشىدىغان قىيىن ئۆتكەنلەردىن ئۆتۈپ، بۇ قەدىر قىممەتلەرگە ئېرىشىش جەريانىدا بىرمۇنچە كىشىلەرنىڭ ناھەق مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى ئويلىغاندا، بۇ مەھكىمىلەرنىڭ قۇرۇلىشى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ بۈگۈن ئىگە بولغان قەدىر قىممەتلىرى ئۈچۈن قەدەم بېسىلغانلىقىنى ئېيتىش خاتا ئەمەستۇر.

س — ئاد خوك مەھكىمىلىرى

ئاد خوك مەھكىمىلىرى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭەش مەجلىسى قارارلىرى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ ئەمىلىيلەشتۈرۈلگەن بەزى ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە قۇرۇلغان. ۋە پەقەتلا بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ھادىسىلەرنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلىرىنى سوتلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئۆتكۈنچى ۋە پۇقراۋى سوت مەھكىمىلىرىدۇر. بىزگە نىسپەتەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق شەرتنامىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم يېتەرسىزلىكى جىنايەت ئىشلىگۈچىلەرنىڭ جازالىنىشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان بەلگىلىك بىر ھۆكۈم ئىجرائىيەتى باشقىچە ئېيتقاندا يېڭىش ۋە يېڭىلىش پەرقلەندۈرۈلمەيدىغان مۇستەقىل ۋە بىتەرەپ بىر خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىنىڭ بولىشىدۇر. خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى قۇرۇلغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئىككى قېتىم قۇرۇلغان بۇ مەھكىمىلەر نىزامنامە ۋە ھوقۇق دائىرىلىرى بىلەن قۇرۇلىشى پىلانلىنىۋاتقان دائىمىي خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىنىڭ قۇرۇلىشى ئۈچۈن باشلامچى ۋە ئۆرنەك بولغان. بولۇپمۇ سابىق يۇگۇسلاۋىيە خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىنىڭ قۇرۇلۇش خىزمىتىنىڭ تېزلىشىشىگە سەۋەپچى بولغان. تۆۋەندە بۇ مەھكىمىلەرنىڭ تەتقىق قىلىمىز.

1. سابىق يۇگۇسلاۋىيە خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى

23 مىليون نوپۇسقا ئىگە فىداراتسىيە تۈزۈمىدىكى كۆپ مىللەتلىك بىر دۆلەت بولغان سابىق يۇگۇسلاۋىيەدە سىرپلار بۈيۈك سىبىريەنى قۇرۇشنى پىلانلاپ 1992-يىلى مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان بوسنا ئەرسەك رەھبەرلىكىدىن ئايرىلغانلىقىنى بوسنا سىرپ جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە 1993-يىلىدا مۇستەقىل بوسنا -ھەرسەك ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزىي ساراي بوسنانى قورشىۋالغان . ب د ت ئىتتىپاقداش ئارمىيەسى ھېچقانداق رول ئوينىمىغان يۈز بەرگەن زىيانكەشلىكلەرگە تاماشىبىن بولۇپ قالغان. 1992-يىلى مارتتا، ئېتنىك تازلاش نامى بىلەن مۇسۇلمان ئاياللارغا قارىتا سېستىمىلىق باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە قۇللاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى باشلىغان. سىبىريەدە 1995-يىلى ئىيۇندا سىرپلار مىڭلارچە مۇسۇلمان ئەرلەرنى بالىلارنىمۇ ئايرىماستىن قەتلى قىلغان. مەخسۇس مۇسۇلمانلارغا قارىتا ھۇجۇم قىلغان. 1992-يىلى بىلەن 1995-يىللىرى ئارىسىدا پىراۋۇسلاۋىيە دىنىدىكى سىرپلار بىلەن مۇسۇلمان بوشناكلار 1993-يىلىدا مۇسۇلمان بوشناكلار بىلەن كاتولىك خورۋاتلار ۋە 1991-يىلى بىلەن 1992-يىللىرى ئارىسىدا كاتولىك خورۋاتلار بىلەن پىراۋۇسلاۋىيە دىنىدىكى سىرپلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 300 مىڭ ئىنسان ئۆلگەن ۋە 2 مىليون ئىنسان مەجبۇرىي كۆچۈشكە توغرا كەلگەن. ئەمەلىي يۈز بەرگەن بۇ ئۇرۇشتا دىققەتنى تارتىدىغان ئەڭ مۇھىم نۇقتا بولسا ئۈچ ئېتنىك گۇرپقا تەۋە بولغان خەلق ئەسكەرلىرى ۋە دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ قارمۇقارشى چىقىشىدۇر. يۇقىرىقى تەپسىلاتلارغا كىرمەستىن ، بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ نەتىجىسى يۇگۇسلاۋىيەدە مەيدانغا كەلگەن ئىنسانىي ھوقۇقلارنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا سەۋەپچى بولغان كىشىلەر سوتلىنىپ جازالىنىشى ئۈچۈن ، ب د ت بىخەتەرلىك مەجلىسىنىڭ 1993-يىلى 25 – مايدا چىقارغان 827-نۇمۇرلۇق قارارى بىلەن ب د ت شەرتىنىڭ 7-قىسمىغا ئاساسەن سابىق يۇۋىسلاۋىيە خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىنىڭ قۇرۇلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىلگەن ۋە بۇ قاراردىن كىيىن مەھكىمە لاخايەدە قۇرۇلغان.

سابىق يۇگۇسلاۋىيە خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىگە كەلگەن تۇنجى داۋا بولغان تادىك داۋاسىدا گۇماندار سابىق يۇگۇسلاۋىيە خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىنىڭ ب د ت شەرتىگە زىت ھالدا قۇرۇلغانلىقىنى پەرەز قىلسىمۇ، مەھكىمىنىڭ قۇرۇلىشى ب د ت شەرتىنىڭ 41- ماددىسىغا ئاساسلانغان ۋە قانۇنلۇقلىقى ئىسپاتلانغان مەھكىمىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىگە كىيىن قىلىنغان ئېتىرازلاردا تادىك قارارىغا تەۋە قىلىنغان . مەھكىمىنىڭ قۇرۇلىشى ئاساسلانغان قوراللىق قىسىم ئىشلىتىش زۆرۈر بولمىغان شارائىتلار تېمىسىدىكى 41-ماددىدا بىخەتەرلىك مەجلىسى قارارلىرىنى يۈرگۈزۈشتە قوراللىق قىسىم ئىشلەتمەسلىكى ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەكلىكىنى بېكىتىدۇ ۋە ب د ت ئەزالىرىنى بۇ تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەكلىپ قىلىدۇ دېيىلگەن.

مىللىي، ئېتنىك، ئىرقى ياكى دىنى جامائەت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى يوقۇتىشنى مەقسەت قىلغانلىقتىن مەنئي قىلىنغان قىلمىشلار سابىق يۇگۇسلاۋىيە خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى نىزامنامىسىنىڭ 4-ماددىسىدە ئىرقى قىرغىنچىلىق سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلغان ۋە مەھكىمىنىڭ سوتلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن قىلمىشلاردۇر.

1992 – يىلىمايدا بوسنىلىق مۇسۇلمانلار بىلەن خورۋاتلار تۇتۇلغان يىغىۋېلىش لاگىرىدا يۈزلەرچە ئىنساننى ئۆلتۈرۈش ۋە يارىلاندۇرۇش جىنايىتى ئىشلىگەن Goran Jelisic سابىق يۇگۇسلاۋىيە خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىدە سوتلانغان. سوت جەريانىدا شەخسى غەرەزنىڭ بار يوقلۇقىنى بىلىش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغان گۇۋاھچىلارنىڭ ئىپادىلىرىدە ،Jelisic نىڭ مۇسۇلمانلارغا بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئاياللارغا نەپرەتلىنىدىغانلىغىنى، بۇ ئاياللارنى تۇغماس قىلىۋېتىش كېرەكلىگىنى، بۇ شەھەرگە مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كەلدىم دىگەنلىگىنى بايان قىلىپ، Jelisic نىڭ زىيىنىغا ئىپادە بەرگەن. مەھكىمىگە ئاساسەن ،Jelisic نىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىقىپ كەتكەن قىلمىشلىرىدا گۇمان يوق ، ئەمما گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرىدا مۇناسىۋەتلىك رايوندا توقۇنۇش مەيدانغا كېلىشتىن بۇرۇن، گۇماندارنىڭ نورمال بىر ئىنسان ئىكەنلىكى، كېيىنچە شۇنداق بىر بىنورمال ئادەمگە ئايلىنىپ قالغانلىقى سۆزلەنگەن. مەھكىمىنىڭ قارىشىچە بۇ بىنورمال خارەكتىرى بىلەن جىنايەتلىرىدە مەخسۇس مۇسۇلمانلارنى تاللىغانلىقى توغرىدۇر، لېكىن بۇ جىنايەتلەر پەقەت ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بىلەن ئىشلەنگەن بولۇپ، شەخسى غەرەزنىڭ مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكى ئېنىق بېكىتىلەلمىگەن ئىكەن. جازا سوتى جەريانىدا گۇماندارنىڭ قىلمىشلىرىدىن بارلىققا كەلگەن نەتىجە بىلەن ئېرىشكەن ئىسپاتلارلارنىڭ باھالىنىشى بىلەن مەنىۋى ئېلىمىنت بېكىتىلىنىپ، بىر جامائەتنى يوقۇتۇش غەرىزى تەپتىش تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلالمىغانلىقتىن، شۈبھىدىن گۇماندار پايدىلىنىدىغان ئۇنۋېرسال پرىنسىپ بويىچە Jelisic سابىق يۇگۇسلاۋىيە خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ھۆكۈم قىلىنمىغان . سابىق يۇگۇسلاۋىيە خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى كارادزىچ ۋە ملادىچ داۋاسىدا ئېتنىك تازىلاش ۋاستىلىرىنىڭ ۋە يوقۇتۇش ھەرىكەتلىرىنىڭمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق غەرىزىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغانلىقىنى ،ئۇنىڭدىن باشقا ماددىدا تىلغا ئېلىنمىغان لېكىن جامائەتنىڭ ئاساسلىق ئېلمىنىتلىرىغا قارشى بۇزغۇنچىلىق غەرىزى بىلەن قىلىنغان ھەرىكەتلىرىنىڭمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق نىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سابىق يۇگۇسلاۋىيە خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى نىزامنامىسىنىڭ 7-ماددىسىنىڭ 2-ئابزاسىغا ئاساسەن جىنايەت سادىر قىلغۇچىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە سالاھىتى ئۇنىڭ جازا مەسئۇلىيىتىنى يوققا چىقىرالمايدىكەن يەنى دۆلەت رەئىسى بولسىمۇ جازاسى تۆۋەنلىتىلمەيدىكەن ۋە يوققا چىقىرىلمايدىكەن. 7- ماددىسىنىڭ 3- ئابزاسى بويىچە يۇقىرى تۆۋەن ئىشلىگەن جىنايەتلىرىدىن مەسئۇلىيەتى سۈرۈشتە قىلىنىدىغان ئۇنىڭدىن باشقا شۇ ماددىنىڭ 4- ئابزاسى بويىچە باشلىقىنىڭ بۇيرىقىنى ئىجراقىلىشى قانۇنلۇق دەپ قوبۇل قىلىنمايدىكەن.

ئۇرۇش جەريانىدا ئىشلەتكۈزگەن ھەرىكەتلەر سەۋەبىدىن سىبىريە دۆلەت رەئىسى سلوبودان مىلوسەۋىچقا سابىق يۇگۇسلاۋىيە خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىدە ئېچىلغان سوت داۋاملىشقۋاتقاندا بۇ كىشىنىڭ يۈرەك كېسىلى سەۋەپلىك ئۆلۈمى 2006.03.11) بىلەن سوت ئاخىرلاشقان.

سابىق يۇگۇسلاۋىيە خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىنىڭ ماكان ۋە زامان نۇقتىسىدىن ھوقۇق دائىرىسىدە نىزامنامىنىڭ 8- ماددىسىدا 1991-يىلى 1-يانىۋاردىن ئېتىبارەن باشلىغان مەزگىلدە سابىق يۇگۇسلاۋىيە سوتسىيالىستىك فېۋرال جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇپراقلىرىنى ھاۋا ساھەسىنى ۋە دېڭىز تەۋەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈمرانلىق دائىرىسىدە ئىشلەنگەن ھەرىكەتلەر نۇقتىسىدىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
سابىق يۇگۇسلاۋىيە خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى نىزامنامىسىنىڭ 9- ماددىسى بويىچە سابىق يۇگۇسلاۋىيە خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى مىللىي مەھكىمىلىرىدىن ئۈستۈندۇر ۋە ئىختىلاپ چىقسا سابىق يۇگۇسلاۋىيە خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىگە بارىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سابىق يۇگۇسلاۋىيە خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىنىڭ ئىچكى تۈزۈمىدە ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ مىللىي مەھكىمە قارارىنىڭ سابىق يۇگۇسلاۋىيە خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىگە باغلانمايدىغانلىقى بىلدۈرىلگەن . سابىق يۇگۇسلاۋىيە خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىنىڭ نىزامنامىسىنىڭ 10-ماددىسىدە سابىق يۇگۇسلاۋىيە خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىدە سوتلانغان بىر كىشى non bis in idem پىرىنسىپىغا ئاساسەن تەكرار سوتلىنالمايدۇ پەقەت ئىنسانىي ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغان بەزى جىددىي ئەھۋاللاردا سابىق يۇگۇسلاۋىيە خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىدە تەكرار سوتلىنالايدۇ. بۇ ئەھۋاللار ئىنساننىڭ ئېغىر بىر جىنايەت دەپ تەسۋىرلەنگەن ھەرىكەتتىن سوتلىنىشى سوتنىڭ مۇستەقىل ياكى بىتەرەپ بولماسلىقى مىللىي مەھكىمىدە نازارەتنىڭ ھەققانىي بىر شەكىلدە بولمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .

سابىق يۇگۇسلاۋىيە خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى نىزامنامىسىنىڭ 24- ماددىسىدا مەھكىمىنىڭ ئۆلۈم، مال-مۆلۈك بارلىق ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قېلىشتەك جازالارغا ھۆكۈم قىلالمايدىغانلىقى پەقەتلا تۈرمىگە قاماش جازاسىغا ھۆكۈم قىلالايدىغانلىقى بىلدۈرىلگەن. پەقەت نىزامنامىنىڭ 24- ماددىسىنىڭ 3- ئابزاسىدا قولغا كەلتۈرىلگەن كىرىملارنىڭ قانۇنلۇق ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇلۇپ بېرىلىشى قارار قىلىنغان. سابىق يۇگۇسلاۋىيە خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى نىزامنامىسىنىڭ 29- ماددىسىنىڭ 2- ئابزاسى بويىچە مەھكىمىنىڭ جىنايەت گۇماندىرلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىش تەلىپىگە بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ماسلىشىشى زۆرۈردۇر. 1997-يىلىدىن كىيىن سىرپ ھۆكۈمىتى مەھكىمە بىلەن ھەمكارلىشىشتا كەسكىن پوزىتسىيەدە بولغان. ھاكىمىيەتنىڭ ئالمىشىش نەتىجىسىدە يېڭى كەلگەن ھۆكۈمەت مۇناسىۋەتلەرنى مۇستەھكەملەش ئارزۇسىدا ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى قولغا ئېلىش ۋە تاپشۇرۇپ بېرىشتە ئاسانلىق يارتىپ بەرگەن، بۇنىڭغا بىنائەن 2001-يىلى 29- ئىيۇلدا سلوبودان مىلوسەۋىچ مەھكىمىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

ئاخىرىدا شۇنى ئىپادە قىلىشىمىز كېرەككى ، بوسنا سىرپ ھۆكۈمىتى ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرمىغان تەقدىردە ياۋروپا بىرلىكى ۋە شىمالىي ئاتلانتك ئەھدى تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلارغا كىرەلمەيدىغانلىقىنى بىلگەچكە بۇ كىشىلەرنى قولغا ئېلىش ۋە تاپشۇرۇپ بېرىشكە ئوبدان ماسلاشقان، سىرپ ھۆكۈمىتىنىڭ 2008-يىلىدا رادوۋان كارادزىچنى قولغا ئېلىشىمۇ دەل شۇنى كۆرسىتىدۇ. بەزى گۇماندارلارمۇ خەلقئارالىق سوت مەھكىمىلىرىدە سوتلىنىشتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلىپ ئۆزلىكىدىن تەسلىم بولغان.

2. رۇئاندا خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى

1.دۇنيا ئۇرىشىدىن كىيىن بېلگىيەگە بۆلۈپ بېرىلگەن رۇئاندادا خىزمىتى يوق رۇئاندالىقلارنى قەھۋە ئېتىزلىرىدا مەجبۇرىي ئىشلىتىش ۋە بۇ يەردە ئىشلىمىگەنلەرنى قامچا بىلەن جازالاشتەك قائىدىلەر بېكىتىلگەن. بېلگىيە ھۆكۈمىتى 9% نوپۇسقا ئىگە بولغان تۇتسىلارنى، 90% ئەترپىداا نوپۇسقا ئىگە بولغان خۇتۇلارغا قارشى قوللاش مەقسىتىدە ئىرقىغا ئاساسەن بىرمۇنچە ئايرىمچىلىقلارنى قىلغان. ھەممە ئادەمگە ئىرقىنى كۆرسىتىدىغان كىملىكلەر تارقىتىلغان، بېلگىيە ھۆكۈمىتى كېسەللەردىن تارتىپ ئىشقا ئېلىنغۇچىلارغىچە ئىرقى ئايرىمىچىلىقنى باشلىغان. ياخشى كۆرۈنگەنلەر ياكى بايلار تۇتسى دەپ چۈشىنىلىشكە باشلىغان. 1950-يىلىدىن كېيىن بېلگىيەدە ئەركىنلىكنى ھىمايە قىلىدىغان ئېقىملارنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خۇتۇلارنى قوللاشقا باشلىغان ۋە رۇئاندا 1962-يىلى مۇستەقىل بولغان. مۇستەقىل بولغاندىن كىيىن ھاكىمىيەتتىكى خۇتۇ مىللەتچىسى بىر سىياسەتنى يولغا قويغانلىقى ئۈچۈن يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە نۇرغۇن تۇتسى ئۆلگەن. دەسلەپتە پارلامىتتىكى تۇتسىلار خىزمەتتىن بوشۇتىلغان ۋە كىيىن سۈرگۈن بولۇشقا مەجبۇر بولغان 1980-يىلىغىچە خوشنا دۆلەتتىكى تۇتسى نوپۇسى 500 مىڭغا يەتكەن. لېكىن ئۇلار دۆلىتىگە قايتىش ئۈچۈن تەشكىللىنىشكە تىرىشقان.

بولۇپمۇ سان جەھەتتە ئۇگاندادا كۆپ بولغان تۇتسىلار ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن بەزى چاغلاردا روئاندانىڭ ئىچىگە سوقۇنۇپ كىرىپ زوراۋانلىق قىلغان. خۇتۇلارمۇ دۆلىتىدە قېلىپ قالغان تۇتسىلارغا قاتتىق تاجاۋۇز قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭ ئىنتىقامىنى ئالغان. 1944-يىلى ئاپىرىلدا ۋەھشىيانە قەتلىقىلىش باشلىنىپ ئاشقۇن خۇتۇلار خۇسۇسەن تەربىيە كۆرگەن تۇتسىلارنى ۋە بىلىملىك خۇتۇلارنى قەتلى قىلغان. رۇئاندادىكى چېركاۋلار بۇ ۋەھىمىدىن قاچقان كىشىلەرنىڭ پاناگاھى ئەمەس بەلكى جىنايەت ئىشلەنگەن ماكانلارغا ئايلانغان. ئاپىرىلدىن ئىيۇلغىچە چىققان ئىچكى ئۇرۇشتا 800 مىڭ ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولغان ئىنسان ئۆلگەن. يەنى خەلقنىڭ ئاز بولغاندا 10% تى ئۆلتۈرۈلگەن. پەقەت ئارمىيە ۋە خەلق ئەسكەرلىرىنىلا ئەمەس بەلكى خۇتۇ پۇقرالىرىنىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن ۋە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ بۇنداق كۆپ بولىشىغا يول ئاچقان ئەڭ مۇھىم سەۋەپ ھاكىمىيىتى ۋە دۆلەت كۈچىدىن تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشمەكچى بولغان خۇتۇ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئاچ كۆزلىكىدىن ئىبارەت.

ب د ت ۋە شىمالىي ئاتلانتك ئەھدى تەشكىلاتى ئارمىيەسى ئارىلاشمىغان، غەرب دۆلەتلىرىمۇ كېلىشتۈرگۈچى بولمىغان ، يۈز بەرگەن ھادىسىلەرگە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار تۈزۈك ئارىلاشمىغان. بۇنىڭ بىر سەۋەبى بۇ ۋەقە يىراق ئافرىقىدا يۈز بەرگەنلىكى ۋە غەرب دۆلەت ئىدارە قىلغۇچىلارنىڭ يۈز بەرگەن ئەھۋالغا ئۈنىنى چىقارماستىن ۋىجدانلىرىنى ئىت يەپكەتكەنلىكىدىن بولغان.

يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەقەلىرىنى جازاغا تارتىشنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بىر مەھكىمە قۇرۇلىشى كېرەكلىكىنى لازىم تېپىپ ، شەخسەن چاقىرىق قىلغان رۇئاندا ھۆكۈمەت باشلىقلىرى كىيىنچە تەلەپلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى ئۈچۈن مەھكىمىنىڭ قۇرۇلىشىغا قارشى چىققان .

يۈز بەرگەن بۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن نىھايەت ب د ت بىخەتەرلىك مەجلىسى 1994-يىلى 8- نويابىردا 955-نۇمۇرلۇق قارار بىلەن ب د ت شەرتنامىسىنىڭ 7-قىسمىغا ئاساسەن رۇئاندا خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى قۇرۇلىشى قوبۇل قىلىنغان. مەھكىمىنىڭ قۇرۇلىشى ب د ت شەرتىنىڭ 7-قىسمىغا قانۇنلۇق شەكىلدە ئاساسلانغان ۋە نىزامنامىنىڭ كىرىش سۆزىدە يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك رۇئاندا ھۆكۈمىتىنىڭ مەھكىمە قۇرۇش مەقسىتىدىكى تەلىپىگە ئورۇن بەرگەن.

كانياباشى قارارىدا رۇئاندا خەلقىرالىق جازا مەھكىمىسىنىڭ قانۇنى ھوقۇق دائىرىسى بولمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ئېتىراز قىلىنغانلىقى ئۈچۈن تادىك قارارىغا تەۋە بولغان ۋە ئېتىراز رەت قىلىنغان. پەقەت كىيىنچە رۇئاندا خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى چىقارغان كارامىرا قارارىدا مەھكىمە قۇرۇلىشىنىڭ قانۇنىلىقىنى تەكشۈرۈشنىڭ قانۇنى دائىرىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ قانۇنىي دائىرىسى يۆنىلىشىدىن قىلىنغان ئېتىراز رەت قىلىنغان.

رۇئاندا خەلقىرالىق جازا مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم ھوقۇقى 1994-يىلى 1-يانىۋار بىلەن 1994-يىلى 31-دىكابىر ئارىسىدا رۇئاندا چىگرىسى ئىچىدە ياكى خوشنا دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەلقئارالىق ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھېساپلانغان ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىگەنلەرنىڭ ياكى بۇ ھەرىكەتلەرنى ئىشلىگەن رۇئاندا گىراژدانلىرىنىڭ سوتلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رۇئاندانىڭ سىرتىدا قىلىنغان قىرغىنچىلىقلارمۇ مەھكىمىنىڭ ھۆكۈم دائىرىسىگە كىرىشىنىڭ سەۋەبى بۇ قىلمىشلارنى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلەر ئارىسىدا رۇئاندا گىراژدانلىرىنىڭ بولغانلىقى ۋە بۇ قىرغىنچىلىقلارنىڭمۇ رۇئاندادىكى ئىچكى ئۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقىدىندۇر.

رۇئاندا خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى نىزامنامىسىنىڭ 2-ماددىسىدا تىلغا ئېلىنغان «مىللىي، ئېتنىك ئىرقىي ياكى دىنىي جامائەتنى تامامەن ياكى قىسمەن يوقۇتۇش غەرىزى بىلەن ئىشلەنگەن» ھەرىكەتلەردىن بىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

رۇئاندا خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى ئاكايەسۇ قارارىدا بۇ ھەرىكەتنىڭ جامائەت ئەزالىرى بىر ياكى كۆپ كىشىگە قارشى ئىشلىنىشى لازىملىقىنى يەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن بىر كىشىنىڭ ئۆلتۈرلىشىمۇ ڭيېتەرلىك بولىدىغانلىقى بىلدۈرىلگەن. رۇئاندا خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى رۇتاگاندا ۋە مۇسىما قارارلىرىدا جامائەتنىڭ جىسمانىي مەۋجۇتلىقىنىڭ بىرقىسمى ياكى تامامەن يوقىتىلىشى جامائەت ئەزالىرىنىڭ ھاياتىنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇش بولماستىن بەلكى جامائەتنىڭ يوقىتىلىشىغا يول ئاچىدىغان يېمەك ئىچمەك بەرمەسلىك ئۆيدىن چىقارماسلىق ، ئېھتىياجلىق بولغان تىببىي مۇلازىمەتلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئەھۋالغا چۈشۈرىلىشى قاتارلىقلار بولىشى مۇمكىن دېيىلگەن ۋە بۇ گۇماندارلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ.

رۇئاندا خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى كايىشېما ۋە رۇزىندانا قارارلىرىدا ئىشلەنگەن جىنايەتلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دىيىش ئۈچۈن شەخسى غەرەز تېپىلىشىنى ئىپادە قىلغان جىنايەتچىلەرنىڭ پوزىتسىيەسى ھادىسىلەرگە قاتناشقانلىقىنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك ئىسپات بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن شەخسى غەرىزى بار دېگەن چۈشەنچە بىلەن ھەرىكەت قىلغان. گۇماندارلارنىڭ كونتورۇللىقى ئاستىدىكى شەھەر بازارلاردىكى تۇتسىلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرلىشى تۇتسىلارنى ئۆلتۈرگەن خۇتۇ جەڭچىلىرىنى ماشىنىلاردا توشىغانلىقى گۇماندارلارنىڭ تۇتسىلار ئۆلتۈرۈلگەندە ناخشا ئېيتىشىپ (ئىشىڭىزنى قىلىڭ) دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىشى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دەلىللەرنىڭ نەتىجىسىدە رۇئاندا خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى ئۇلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغان دەپ ھۆكۈم قىلغان.

رۇئاندا خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى نىزامنامىسىنىڭ 22- ماددىسىدا ئۆلۈم پۇل – مال بارلىق ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىش قاتارلىق جازالارغا ھۆكۈم قىلالمايدىغانلىقى پەقەتلا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلالايدىغانلىقى 26- ماددىسىدا مەھكىمىنىڭ جىنايەت ئىشلىگۈچىلەرنى ئۆزىگە تاپشۇرۇپ بېرىش تەلىپىگە پۈتۈن دۆلەتلەرنىڭ ماسلىشىشى زۆرۈر دېگەن ھۆكمى ئورۇن ئالغان.

ئاخىرىدا شۇنى ئىپادىلەش كېرەككى سابىق بىر باش مىنىستىر بىرمۇنچە سابىق مىنىستىرلار يۇقىرى قاتلام ھوقوقدارلارنىڭ سوتلىنىشىدىن قارىغاندا رۇئاندا خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى سابىق يۇگۇسلاۋىيە خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىدىن مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان.

د — خەلقئارا جازا مەھكىمىسى

رۇئاندادا ئەمىلىيلەشتۈرۈلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرى ۋە يۇگۇسلاۋىيەدىكى ئېتنىك تازىلاش خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى يۆنىلىشىدىكى پائالىيەتلەرنى تېزلەتكەن ، ئامرىكىغا ئائىت بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ بىر تېرورىست ھۇجۇمى بىلەن چۈشۈرىلىشى ۋە تېرورىست گۇماندارلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى ھۆكۈمەتلەرنىڭ رەت قىلىشى قاتارلىق ھادىسىلەر مەھكىمىنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.

خەلقئارالىق جىنايەتلەر پەقەت جىنايەت سادىر بولغان دۆلەتتىلا ئەمەس بەلكى بارلىق خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان جىنايەتنىڭ سادىر قىلىنىش سەۋەبى بىلەن باشقا دۆلەتلەرگە بىۋاستە تەسىرى بولمىسىمۇ لېكىن بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولىدىغان جىنايەتلەردۇر. بۇنداق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان كىشىلەرنىڭ جىنايەتلىرىنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلەنگەن دەپ ھېسابلىغان بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى قانۇنلىرى ئونېۋىرىسال قانۇنى ھوقۇق دائىرىسىنى ئۆزئىچىگە ئالغان پىرىنسىپقا ئاساسەن جىنايەت سادىر قىلغۇچىنى قولغا چۈشۈرگەن ھەربىر دۆلەتنىڭ جىنايەت سادىر قىلغۇچىنى سوتلاش ياكى سوتلىيالايدىغان دۆلەتكە تاپشۇرۇپ بېرىشى زۆرۈر ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مىللىي مەھكىمىلەرنىڭ خەلقئارالىق جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارنى يېتەرلىك ھالدا جازاغا تارتالماسلىقىدىن بىر خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىگە ئېھتىياج تۇغۇلغان. 1994-يىلىدا ب د ت ئومۇمىي كېڭەش مەجلىسى خەلقىرالىق بىر جازا مەھكىمىسى قۇرۇلۇش يۆنىلىشىدىكى خىزمەتلىرىنى تېزلەتكەن ۋە 1995-يىلى ئىككى ئايرىم يىغىندا تەشكىللەنگەن ئالاھىدە كومىتىتنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئالاھىدە كومىتىت ب د ت ئومۇمىي كېڭەش مەجلىسىگە خەلقئارالىق جازا دىۋانىنىڭ قۇرۇلىشى ئۈچۈن ئالدىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدىغان بىر تەييارلىق كومىتىتى قۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغان. ب د ت بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلغان ۋە 1995-يىلى دېكابىردا تەييارلىق كومىتىتى قۇرۇلغان.

ب د ت ئومۇمىي كېڭەش مەجلىسى تەرىپىدىن تونۇلغان مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىللەنگەن ۋە خەلقئارالىق ھوقۇقنىڭ قانۇنلىشىشى ئۈچۈن تەييىللەنگەن خەلقئارالىق قانۇن كومىتىتى باشلامچى سابىق يۇگۇسلاۋىيە خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى ۋە رۇئاندا خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىگە ئوخشايدىغان بىر جازا مەھكىمىسىنى پىلانلىغان ئىدى. ب د ت ئومۇمىي كېڭەش مەجلىسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن خەلقىرالىق قانۇن كومىتىتى خەلقىرالىق جازا مەھكىمىسىنىڭ دەسلەپكى لاھىيە نىزامنامىسىنى ۋە دوكلاتىنى تەييارلىغان ئىدى. 1994-يىلىدا ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىغا سۇنۇلغان بۇ دەسلەپكى لاھىيە نىزامنامىسى ۋە دوكلاتى خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن. تەييارلىق كومىتىتى يىغىنلىرىدا «ئۆز ئارا تولۇقلاش خۇسۇسىيىتى» دەپ نام بېرىلگەن مىللىي مەھكىمىنىڭ نازارەتچىلىك قىلىشقا رازى بولماسلىقى ياكى نازارەت قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان ئەھۋالدا قوللىنىلدىغان بىر مەھكىمىنىڭ قۇرۇلىشى ئالدىنقى پىلانغا ئايلانغان ۋە شەكىللەنگەن ئالاھىدە كومىتىت ئادالەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۆلچىمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن سادىر بولغان خەلقئارالىق جىنايەتلەردە قوللىنىلدىغان قائىدە پىرىنسىپلارنى ھۆكۈمدە ماقۇللانغان مۇجۇمەللىكلەرگە تاشلاپ قويماستىن بۇ پىرىنسىپلارنى مەھكىمىنىڭ نىزامنامىسىغا كىرگۈزۈش كېرەكلىكى خۇلاسلانغان.

مەۋجۇت بولغان مۇقۇمسىزلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش تېخىمۇ ياخشى تۈزۈلگەن بىر ئاساس شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىتالىيەنىڭ رىم شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى قۇرۇلىشىغا دائىر ب د ت رىم دېپلوماتىك خەلقئارالىق يىغىنى 1998-ييىلى 15- ئىيۇلدىن 17-ئىيۇلغىچە 160 دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان. 1995- يىلىدىن 1998- يىللىرى ئارىسىدا ئالاھىدە كومىتىت ۋە تەييارلىق مەخسۇس ھەيئىتىنىڭ مەسىلىلەرنىڭ كۆپىنچىسىگە قارار قىلالمىغانلىقتىن بۇ مەسىلىلەر ھەل قىلىنمىغان. نىزامنامە دەسلەپكى لاھىيەسىدىمۇ مۇھىم يېتەرسىزلىكلەر بولغان. خەلقئارالىق يىغىننىڭ مۇقەددىمىسىدە بىر مۇنچە مەسىلىلەر سىياسىي خاراكتىرى تۈپەيلىدىن مۇجۇمەل بولۇپ قالغان. خەلقئارالىق يىغىن جەريانىدا ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى دەۋالىرى قوبۇل قىلىنغان ۋە ئىجرا قىلىندىغان قانۇنى پرىنسىپال مەسىلىلەر ، دۆلەتلەر ئارىسىدا كەڭ دائىرىدە تارتىشىدىغان مەسىلىلەر بولغان. مەسىلەن ، نىزامنامىدە ئورۇن ئالغان جىنايەت تۈرلىرىدىن قايسىسى قارماققا مەھكىمىنىڭ سالاھىيەتلىك بولىشىغا ، نىزامنامىدە بىر يىغىن خاتىرىسى قوشۇمچە قىلىنىپ دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قارار بېرىش تەرىپىدىكى تەكلىپى ۋە بۇ تەكلىپكە قارشى بولغان دۆلەتلەرنىڭ كەسكىن قارارى ۋە كۈچلۈك قارشىلىقى بىلەن رەت قىلىنغان. خەلقئارالىق يىغىننىڭ نەتىجىسىدە خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىنىڭ نىزامنامىسى بۇ يىغىنغا قاتناشقان 120 دۆلەت ۋەكىلىنىڭ قوللىشى بىلەن 1998-يىلى 17- ئىيۇندا قوبۇل قىلىنىپ ئىمزاغا قويۇلغان. بۇ نىزامنامىدە قوشۇمچە سۈپىتىدە ئەينى تارىختا ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى تەرىپىدىن بىر تەييارلىق مەخسۇس ھەيئىتى قۇرۇلىشى ئالدىن كۆرەر بىر ھەل قىلغۇچ تەدبىر دەپ قوبۇل قىلىنغان ئۇسۇل ۋە دەلىل پىرىنسىپلىرىنىڭ باشقا ئالاھىدە ئېنىقلىمىلارغا چۈشىدىغان شەكىلدىمۇ جىنايەت تەركىپلىرىنىڭ ھازىرلىنىشى ئۈچۈن تەييارلىق مەخسۇس ھەيئىتىگە ھەرخىل ۋەزىپىلەر بېرىلگەن. تەييارلىق مەخسۇس ھەيئىتى جىنايەت تەركىپلىرىنى ۋە ئۇسۇل پرىنسىپلىرىنى ھازىرلاپ 2000-يىلى 30- ئىيۇلدا تاماملىغان. خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىنى باشلىيالىشى ئۈچۈن بۇ نىزامنامىنى كىيىنچە 60 دۆلەتنىڭ قوللىشى لازىم بولىدۇ. 2000-يىلى 31- دېكابىرغىچە ئىمزا قويۇلغان توختامنامىنىڭ نەتىجىسىدە مەھكىمە 2002-يىلى 1-ئىيۇندا گوللاندىيەنىڭ لاخەي شەھرىدە قۇرۇلغان ئىدى. تەييارلىق مەخسۇس ھەيئىتى خىزمەتلىرىنى مەھكىمە نىزامنامىسىنىڭ ئەمەلىيلەشكەن تارىخىدا تاماملىغان. پەقەت 2002-يىلى سىنتەبىرگىچە داۋاملاشقان.
رىم نىزامنامىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە مەھكىمىنىڭ قۇرۇلىشى بىلەن «جىنايەتتە ۋە جازادا قانۇنىيلىك پىرىنسىپى » ۋە ئالاھىدە مەھكىمىلەرنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلماسلىق مەسىلىلىرىدە بۇرۇن قۇرۇلغان مەھكىمىلەرگە قارىتىلغان تەكلىپ پىكىرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ. پەقەت نىزامنامىنىڭ ئىجراقىلىنىشىدا بەزى دۆلەتلەرنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ۋە دۆلەتلەرنىڭ جازالىنىشى مۇمكىنچىلىقلىرىنىڭ تارىيدىغانلىقى ئېنىقتۇر بۇنىڭدىن باشقا مەھكىمە ۋە نىزامنامىنىڭ جازا ھۆكۈملىرىنى تاماملايدىغان ئارتۇقچىلىقى بولسىمۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى قانۇنلىرىدىكى ھوقۇقلىرىغا ئارىلىشىدىغان بولغاچقا ئاجىز دۆلەتلەرگە ئاۋارىچىلىق كەلتۈرىدىغاندەك تەسىر بېرىدۇ .

خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى ئىنتايىن مۇھىمدۇر. چۈنكى تۇنجى قېتىم ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ۋە ئۇرۇش جىنايىتىگە ئوخشاش قىلمىشلارنى نازارەت قىلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن خەلقئارالىق جامائەت دائىمىي بىر ھوقۇقلۇق ئورگاننى قوللىنىدۇ ئۇنىڭدىن باشقا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ نازارەت قىلىنىشى ۋە جازالىنىشى ھەققىدە خەلقئارالىق جامائەت كەسكىن پوزىتسىيە بىلدۈرۈش جەھەتتىنمۇ خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى مۇھىم بىر نۇقتىدۇر .

نىزامنامە 13 قىسىم ۋە 128 ماددىدن تۈزۈلگەن. خەلقارالىق جازا مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم قىلالايدىغان جىنايەتلەرنى، بۇ جىنايەتلەرگە ھۆكۈم قىلغاندا رىئايە قىلىنىدىغان ئۇسۇل قائىدەلەرنى ۋە مەھكىمىنىڭ تۈزىلىشىنى بىلدۈرىدىغان قانۇنى بىر ھۆججەتتۇر. خەلقارالىق جازا مەھكىمىسى بارلىق خەلقارالىق جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت بولغان ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، ئۇرۇش جىنايىتى ۋە تاجاۋۇزچىلىق جىنايەتلىرىنى سادىر قىلغان يەنى خەلقارالىق جازا مەھكىمىسى نىزامنامىسىنىڭ 5-ۋە 8-ماددىلىرى ئارىلىقىدىكى جىنايەت ئىشلىگەنلەرنى ۋاقت چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن ھۆكۈملەرنى ئىجرا قىلمىغانلىغىدىن سوتقا تارتىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان.مەھكىمە سايىسىدە ۋەقە سادىر قىلغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىگە كېپىللىك قىلىنىپ ، جىنايەت سادىر قىلغان بولسا جازالىنىدۇ، ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغانلارنىڭ جىنايەتتىن كېلىپ چىققان زىيانلىرى تولۇقلىنىدۇ ۋە كەلگۈسىدە بۇ جىنايەتلەرنىڭ سادىر بولماسلىقى ئۈچۈن بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ قالىدۇ.

نىزامنامىنىڭ 17-ماددىسىغا ئاساسەن خەلقارالىق جازا مەھكىمىسى مىللىي مەھكىمىلەرنى تولۇقلىغۇچى خارەكتىرىدىكى بىر مەھكىمە بولغانلىقى ئۈچۈن نىزامنامىسىدە تىلغا ئالغان جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان كىشىلەرنىڭ سوتقا تارتىلىشى ئۈچۈن مىللىي مۇراجەت قىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتمەسلىكى ياكى ھەرىكەتكە ئۆتسىمۇ خالىماسلىق پوزىتىسىيەسىدە بولغاندا ئارىغا كىرىدۇ. لىكىن بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىدارلىق بولغان بىر ساھەدە ئىشلەنگەن بىر خەلقارالىق جىنايەتنى ئشلىگۈچى ئۆز گراژدانى بولغان گۇماندار ياكى گۇماندارلارغا قانۇنەن ئارئلاشمسلىقى ياكى ئارىلىشالماسلىقى خەلقئارادا يۈز قىزارتقۇچى ھادىسىدۇر.

نىزامنامىنىڭ 124-ماددىسىغا ئاساسەن، بىر دۆلەت نىزامنامىگە ئەزا بولغاندا ئۆز گراژدانلىرىدىن ياكى ئۆز دۆلىتىدە سادىر بولغان ئۇرۇش جىنايىتى قىلمىشلىرىدا خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم چىقرىشر ھوقۇقىنى نىزامنامە تەستىقلىنىپ يەتتە يىل بولغىچە قوبۇل قىلمىغانلىقىنى بايان قىلغاندىن باشقا ئەھۋالدا نىزامنامىگە چېكىنىش يولى قويۇپ ئەزا بولغىلى بولمايدۇ.

خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم قىلىش ھوقوق دائىرىسىگە كىرگەن تۇرۇقلۇق دۆلەت بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغانلارنى ئۆز قانۇنلىرىدا تۈزگەن جازا ھۆكۈملىرى بىلەن سوتلىماقچى بولسا ، دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق ھوقوقىغا ئاساسەن خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى نىزامنامىسىنىڭ 1-ماددىسى بويىچە خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ھوقوقى ئەمەلدىن قالىدۇ.

نىزامنامە تەستىقلانغاندىن كېيىن ،نىزامنامىگە ئەزا بولغان دۆلەت نىزامنامىگە ئەزا بولغاندىن كېيىن سادىر قىلىنغانلىقى پەرەز قىلىنغان جىنايەت ئۈچۈن خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ھوقوقىنى قوللىنىشنى تەلەپ قىلالايدۇ يەنى خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ھوقوقىنى قوللىنىشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن نىزامنامىنى تەستىقلاش كېرەك. پەقەت نىزامنامىگە ئەزا بولمىغان بىر دۆلەتمۇ مەھكىمىنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ھوقوقىنى بىر پارچە يازما بايان سۇنۇش ئارقىلىق قۇبۇل قىلاليدۇ. ئۇ دۆلەتتىمۇ يازما بايان سۇنۇلغاندىن كېيىنكى جىنايەتلەر ئۈچۈن خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ھوقوقى كۈچكە ئىگە بولىدۇ،ئەكسىچە بولغاندا بۇ ئەھۋال “جازا ئۆلچەملىرىنىڭ زامان نۇقتىسىدىن قارىغاندا گۇماندارلارنىڭ زىيىنىغا ئارقىغا يانالماسلىق” پرىنسىپىنى دەپسەندە قىلىدۇ.

نىزامنامىنى تەستىقلىمىغان ،نىزامنامىگە ئەزا بولمىغان بىر دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىق جەھەتتىن نىزامنامىدە تىلغا ئېلىنغان جىنايەتلەر سادىر بولغان ئەھۋالدا جىناياتنى سادىر قىلغۇچىلار نىزامنامىگە ئەزا بولغان بىر دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولسا نىزامنامىنىڭ 12-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمە ھوقوقلۇق بولىدۇ.

خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى نىزامنامىسى مەھكىمىگە جىنايەت تەركىپلىرى ،ئۇسۇل ۋە دەلىل قائىدىلىرىگە ئوخشاش ئايرىم تۈزۈلگەن مەسىلىلەردە ئۆز ھوقوقىنى شەكىللەندۈرۈش جەھەتتە كۆپ ھوقۇق بېرىلمىگىنىگە قارىماي نىزامنامىنىڭ 21-ماددىسى مەھكىمىگە بېرىلىدىغان قارارلاردا دەسلەپكى ئىزاھاتلارغا تايىنىش زۆرۈر بولماقتا.

نىزامنامىدە مەھكىمىنىڭ پەقەتلا رىئال كىشىلەرگە ھۆكۈم چىقىرىش ھوقوقىغا ئىگە ئىكەنلىكى ،نىزامنامىنىڭ 25-ماددىسىدا جىنايەت سادىر قىلغان ۋاقتىدا 18 ياشتىن تۆۋەن بولغانلارنى سوتلاش ھوقوقى يوقلىقى تىلغا ئېلىنغان. 86-ماددىسىدا ئەزا دۆلەتلەرگە مەھكىمە بىلەن ھەمكارلىشىش مەسئۇلىيىتى يۈكلەنگەن ۋە 98-ماددىسىدا دۆلەت رەئىسلىرىدىن تارتىپ ھېچكىمگە قانۇنى كەچۈرۈم قىلىنمىغان. نىزامنامىدە تىلغا ئېلىنغان بىر جىنايەتنىڭ سادىر قىلىنغانلىقىنىڭ نىزامنامىگە ئەزا دۆلەتلەردىن بىرى ياكى ب. د. ت بىخەتەرلىك كېڭەش مەجلىسىنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن ياكى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ،مەھكىمىنىڭ سوت ئېچىشى نىزامنامىنىڭ 14-ۇە 15-ماددىلىرىغا ئاساسلانغاندۇر. 2002-يىلى 1-ئىيۇندا ھەرىكەتكە ئۆتكەن خەلقارالىق جازا مەھكىمىسىدە دېموكراتىك كونگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن 2004-يىلى مايدا دېموكراتىك كونگو جۇمھۇرىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ،ئۇگاندا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن 2004-يىلى ئىيۇندا ئۇگاندا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ، بدت بىخەتەرلىك كېڭەش مەجلىسىنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن 2005-يىلى ئىيۇندا سۇدان ۋە دارفۇر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ،ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن 2007-يىلى مايدا ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان تەكشۈرۈشلەر باشلىتىلغان. قىلىنغان سوراقلار نەتىجىسىدە ئەڭ ئاخىرىدا سۇدان دۆلەت رەئىسى ھەققىدە ئىرقى قىرغىنچىلىق ،ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىگەنلەگى پىكرى بىلەن قولغا ئېلىش قارارى چىقىرىلغان ،لېكىن سوتنىڭ دەرھال ئېچىلىشى مەسىلىسىدە بدت بىخەتەرلىك كېڭەش مەجلىسىنىڭ بەش دائىمى ئەزاسى ئارىسىدا پىكىر پەرقى ئوتتۇرىغا چىققان. نىزامنامىنى 2009.07.21 دە 139 دۆلەت ئىمزالىغان، 110دۆلەتمۇ تەستىقلىغان.

ئە — باشقا خەلقئارالىق ئورگانلار

1. ب د ت بىخەتەرلىك كېڭەش مەجلىسى

بىخەتەرلىك كېڭەش مەجلىسىنىڭ ب د ت شەرتىنىڭ 7-قىسمىدا تەھدىت دەپ قارالغان تېنچلىقنىڭ بۇزۇلۇشى ۇە تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشى يۈز بەرگەن ئەھۋاللاردا بۇ قىسمىدا ئېتىراپ قىلىنغان ھوقۇق دائىرىسىدە چىقىرىلىدىغان ئالاھىدە خارەكتىرلىك بىر قارار بىلەن خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ھوقوقىنى قوللىنىش ئۈچۈن قىلىدىغان ئىلتىماسى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. لېكىن بۇ ئىلتىماسنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن بىخەتەرلىك كېڭەش مەجلىسى دائىمىي ئەزالىرىنىڭ قارارنى رەت قىلماسلىقى كېرەك بولىدۇ. مەسىلەن كېڭەش مەجلىسىنىڭ دائىمىي ئەزالىرىدىن بولغان خىتاينىڭ قوشۇلماسلىقى بىلەن ھەرقانداق بىر ۋەقەنىڭ بىخەتەرلىك كېڭەش مەجلىسى قارارى بىلەن خەلقارالىق جازا مەھكىمىسىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقىرىلىشى مۇمكىن ئەمەس.

بىخەتەرلىك كېڭەش مەجلىسىنىڭ بىر ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ جىنايەتنىڭ سادىر بولۇش ئېھتىمالى بولغان بىر ئەھۋالدا تەپتىش دائىرىسىگە ئەۋەتىش ۋە بۇنىڭ بىلەن تەپتىش ئورگانىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەن ئىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بىخەتەرلىك كېڭەش مەجلىسىگە ئېتراپ قىلىنغان ۋە ئۇزارتقىلى بولىدىغان 12 ئايلىق سۈرىدە تەكشۈرۈش ۋە جازا نازارەتلىرىنى كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. شەرت شارائىت ئۆزگەرمىگەن تەقدىردە قارار يېڭىلىنىشى مۇمكىن .

ئامېرىكا، بوسنا ھەرسەكتە تىنچلىق ئارمىيەسى ھەرىكەتلىرىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم قىلىش ھوقۇق دائىرىسىگە كىرمەسلىكىگە ئائىت بىر قارار چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەگەر تەلىپى ئورۇندالمىسا بۇنىڭ بىلەن ب د ت ھەرىكەتلىرىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى ۋە بوسنا ھەرسەكتىكى تىنىچلىق ئارمىيەسى ھەرىكىتىنى رەت قىلىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالغان. باشقا دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئەيىپلىگەن. پەقەت ئامرىكىنىڭ بوسنا ھەرسەكتىكى تىنىچلىق ئارمىيە ھەرىكىتىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىشىنى رەت قىلىشى بىلەن ئامرىكىنىڭ بۇ تەلىپىنى قوبۇل قىلغان.

بىخەتەرلىك كېڭەش مەجلىسىنىڭ لازىم بولغاندا ھوقۇقىنى قوللىنىش ئارقىلىق مەجبۇرلىغۇچى تەدبىرلەرگە ماسلىشىش ئۈچۈن شىمالىي ئاتلانتك ئەھدى تەشكىلاتىدىن پايدىلنالايدىغان مەخسۇس خەلقئارالىق ئادالەت دىۋانىنىڭ 1986-يىلىدا نىخاراۋۇگادىكى ئەسكىرىي ۋە يېرىم ئەسكىرىي پائالىيەتلەر داۋاسىدا كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەن دوستانە چارىنىڭ يېتەرسىز بولىشى ياكى بۇ چارىنىڭ نەتىجىسىز بولۇپ قېلىشى ھۆكۈمگە تايىنىدۇ.

كېڭەش مەجلىسىنىڭ تەكشۈرلۈشنى توسۇپ قويۇش ھوقۇقىمۇ بار نىزامنامىنىڭ 16-ماددىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلىشىچە كېڭەش مەجلىسى مەھكىمىنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىنى قوللىنىشنى توسۇپ قىلالايدۇ. 2002-يىلى 12-ئىيۇندا قوبۇل قىلىنغان 1422 نۇمۇرلۇق قارار بىلەن ئامېرىكا ، بۈيۈك بېرىتانىيە ، خىتاي ،فىرانسىيە ۋە روسىيە فىدراتسىيەسىدىن تەشكىل تاپقان بىخەتەرلىك كېڭەش مەجلىسىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسىنىڭ بىرسى نازارەت قىلىشنى ئۆزىگە بېرىلگەن رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئاساسەن توسىيالايدۇ. تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى بېكىتىش تىنىچلىق ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ ساقلىنىشى ئۈچۈن ئالىدىغان تەدبىرلەرنى قارارلاشتۇرۇش ۋە تەۋسىيەدە بۇلۇنۇش ب د ت بىخەتەرلىك كېڭەش مەجلىسىنىڭ خاسلىقىدۇر.

2. خەلقئارا ئادالەت دىۋانى

ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش توختامنامىسىنىڭ 9-ماددىسىغا ئاساسەن ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا چىققان ئىتتىپاقسىزلىقلار مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەردىن بىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ۋە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ توختامنامىغا چېكىنىش قەدىمىي قويماسلىق شەرتى بىلەن خەلقئارالىق ئادالەت دىۋانىغا ئېلىپ چىقىلىدۇ . خەلقئارا ئادالەت دىۋانى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقسىزلىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى داۋا قىلىدىغان بەزىلىرىگە بۇ مەسىلىدە بەك ئەھمىيەت بەرمىگەن يەنى بەزىلىرىگە ئىلتىماس قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى بەرمىگەن. ھوقۇقى بەلگىلىك بىر جۇغراپىيەلىك رايون بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغان ئونېۋىرىسال بىر مەھكىمىدۇر. خەلقئارالىق ئادالەت دىۋانى دۆلەتلەر ئارا قانۇنىي ئىتتىپاقسىزلىقلارنى تەكشۈرۈپ قارار چىقىرىپ ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن كېڭىشىپ پىكىر بېرىش ئارقىلىق ھوقۇقلىرىنى قوللىنىدۇ. خەلقىرالىق ئادالەت دىۋانى چىقارغان قارارلار ئاۋاز كۆپلىكى بىلەن چىقىرىلىدۇ. قەتئىي بولىدۇ. دۆلەتلەرنىڭ چىقارغان قارارلارغا مۇتلەق ماسلىشىش مەجبۇرىيىتى بار لېكىن مەجبۇرلىغۇچى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى بىر كۈچ يوق.

خەلقئارا ئادالەت نىزامنامىسىنىڭ 36-ماددىسىنىڭ 2- ئابزاسىدا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق ئادالەت دىۋانىنىڭ مەجبۇرىي ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىنى ئېتراپ قىلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرىلگەن. بۇنىڭغا بىنائەن خەلقئارالىق ئادالەت دىۋانى نىزامنامىسىغا ئەزا بولغان گىرىتسىيە 1976-يىلى ئەگە دېڭىزىدىكى دېڭىز تەۋەلىكى مەسىلىسىنى خەلقئارالىق ئادالەت دىۋانىغا ئەزا بولغان لېكىن مەجبۇرىي ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىنى قوبۇل قىلمىغان تۈركىيەگە قارشى ئادالەت دىۋانىغا ئېلىپ چىققان ئەمما ھوقۇق يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن خەلقئارالىق ئادالەت دىۋانىدا رەت قىلىنغان.
خەلقئارالىق ئادالەت دىۋانى نىزامنامىسىنىڭ 38-ماددىسىنىڭ 1- ئابزاسىدا كېلىشىملەردىن كىيىن قانۇنلارنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپلىرىدىن سىرت پۈتۈن پىرىنسىپ ۋە قائىدىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆرپ ۋە ئادەتكە ئاساسەن تۈزۈلگەن كىيىنچە ھوقۇقنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپلىرى مەنبە قىلىنىپ كۆرسىتىلگەن.

ئىرقىي قىرغىنچىلىق شەرتنامىسىنىڭ 9-ماددىسىغا ئاساسەن 1993-يىلى 20-مارتتا بوسنا -ھەرسەكنىڭ سىبىريە -قاراتاغقا قارشى ئاشقان ۋە خەلقىرالىق ئادالەت دىۋانى قاراپ چىققان تۇنجى داۋانىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۆز قارىشىنى كۈچەيتكەنلىكى ئۈچۈن تارىخى بىر ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقى بىلدۈرىلگەن. 2007-يىلى 26- فېۋرالدا داۋا ھەققىدە چىقىرىلغان قاراردا ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بىرمۇنچە مەسىلىلەر بولۇپمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىنغان ئەھۋال ئاستىدا دۆلەتلەر مەسئۇل بولىدىغان شەرت شارائىتلار چۈشەندۈرۈلگەن. خەلقئارا ئادالەت دىۋانىنىڭ قارار چىقارغۇچە داۋاملىشىدىغان ئىجرائىيەتكە ئاساسەن دۆلەتلەرنىڭ مەجبۇرىيەتى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مەسئۇلىيىتى بولغانلارنى جازالاش بىلەن چەكلەنگەن ئېچىلغان داۋادا داۋا قىلىنغۇچى تەرەپنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق شەرتنامىسىنىڭ دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ ئالدىن كۆرەلمەيدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغانلىقىغا قارىماي خەلقئارالىق ئادالەت دىۋانى ئىرقىي قىرغىنچىلىق شەرتنامىسىنىڭ 1-ۋە 9- ماددىسىنى خۇلاسىلاپ دۆلەتلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى سادىر قىلىنىشىنى مەنئىي قىلىشى بىلەن نەتىجىلەنگەن ۋە بۇ جىنايەت سادىر قىلىش سەۋەپلىك دۆلەتلەرنىمۇ مەسئۇلىيەتكە تارتىلدىغانلىقى قارارغا كىرگۈزۈلگەن. قوللىرىدا بار بولغان ئەقىلگە مۇۋاپىق ھەرخىل ئىمكانىيەتلاردىن پايدىلىنىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر . خالىغان نەتىجىنىڭ قولغا كەلمەسلىكى دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتكە تارتىلىشىنى توسۇۋالالمايدۇ ۋە دۆلەت قولىدىكى بارلىق ئىمكانىيەت بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنى قوللانمىغان بولسا ياكى بىخەستەلىك قىلسا دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيىتى تۇغۇلىدۇ. خەلقئارالىق ئادالەت دىۋانى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدىن ھېچكىم جاۋاپكارلىققا تارتىلمىغان ئەھۋاللاردىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدىن ياكى بۇ جىنايەتكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتكە تارتىلدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن خەلقىرالىق ئادالەت دىۋانى بىر دۆلەتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق
سادىر قىلغانلىقىدىن ئەيىپلىنىشى ئۈچۈن بۇ شىكايەتنىڭ مۇتلەق ئىسپات كۈچۈگە ئىگە ئىلمېنىتلار بىلەن ئىسپاتلىنىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن . خەلقئارالىق ئادالەت دىۋانى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن (شەخسى غەرەز) ئېلمىنىتىغا ھالقىلىق ئەھمىيەت بەرگەن. چىقارغان قاراردا توقۇنۇش ئەسناسىدا بەزى مەھەللىلەردە ۋە بوسنا -ھەرسەكتىكى ئەسىر لاگىرلىرىدا كەڭ كۆلەملىك قەتلىئاملار يۈز بەرگەنلىكى كۈچلۈك پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. قۇربانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قوغدىلىدىغان جامائەتلەردىن ئىكەنلىكى ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ سېستىمىلىق ھالدا نىشانغا ئېلىنانلىقى ئاشكارىلانغان. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، خەلقئارالىق ئادالەت دىۋانى بوسنا -ھەرسەكلىك مۇسۇلمانلارغا كەڭ كۆلەملىك قەتلىئاملارنىڭ شەخسى غەرەز بىلەن قىلىنغانلىقىغا قايىل بولمىغان . خەلقئارالىق ئادالەت دىۋانى بوسنا ھەرسەكتە توختىماستىن يۈز بەرگەن ئېغىر قەتلىئاملارنىڭ زۇلۇم ۋە خورلاش بولغانلىقىنى يەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق شەرتنامىسىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى تەستىقلىغان ، ئەمما بۇلارنىڭ سىرەبرەنىستا دا ئىشلەنگەن ھەرىكەتلەرنىڭ سىرتىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاقىۋىتىنى پەيدا قىلمىغان دەپ خۇلاسە قىلغان . سىبىريەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ سادىر بولغانلىقىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، خەلقئارالىق ئادالەت دىۋانى يۈز بەرگەن قەتلىئاملارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تەلىماتى بىلەن بولمىغانلىقىنى بەزى رەھبەرلەرنىڭ تەلىماتى بىلەن قىلغانلىقىنى دېيىش ئارقىلىق داۋا قىلىنغان سىبىريە قاراتاغ دۆلىتىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى مەنسۇپ بولمايدىغانلىقىغا دائىر بىر قارار چىقارغان.

3. يەرلىك ياكى رايون خاراكتېرلىك ئورگانلار

پەقەتلا بىر قانچە داۋا ئۈچۈن دەل ئەھمىيەتلىك خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىنىڭ قۇرۇلىشى بىخەتەرلىك مەھكىمىسىگە ئوخشاش سەۋەپلەر بىلەن ئەمەلىيلىشەلمىدى. بۇ سەۋەپتىن ھازىرقى يۈزلىنىش بولسا يېرىم خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىنىڭ قۇرۇلىشىدۇر . مىللىي ھۆكۈم چىقىرىش سېستىمىسىنىڭ ۋەيران بولىشى ياكى مىللىي ھۆكۈم چىقىرىش سېستىمىسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن قاتتىق چېكىنىشى ۋە بۇ چېكىنىشكە ئىچىدە ئادىل ھۆكۈملەرنىڭ چىقىرماسلىقى نەتىجىسىدە بىرلەشمە مەھكىمىلەر قۇرۇلغان يېرىم خەلقئارالىق ياكى بىرلەشمە جازا مەھكىمىلىرىنىڭ قۇرۇلىشى ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا جەھەتتىن خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسىگە نىسپەتەن تېخىمۇ قولايدۇر.

بۇ مەھكىمىلەر ئەسلىدە مىللىي ھۆكۈم چىقىرىش ئورگانلىرىدۇر، ئەمما ئۆزگىچە شەكىللەردە قۇرۇلۇپ بەزى خەلقئارالىق ئالاھىدىلىكلەر بېرىلگەن سىئەررا لېئونە ئالاھىدە مەھكىمىسى ب د ت بىلەن تۈزۈلگەن مەخسۇس بىر كېلىشىم بىلەن 1996-يىلى 30-نويابېردىن كىيىن بۇ دۆلەتتە سادىر بولغان ۋە خەلقئارالىق ئىنسانىي ھوقۇق بىلەن مىللىي ھوقۇقلارنىڭ ئېغىر دەرىجەدىكى دەپسەندە بولىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەرىكەتلەرنىڭ سەۋەبى بىلەن مەسئۇلىيەت دەرىجىسى يۇقىرى بولغانلارغا ھۆكۈم چىقىرىدىغان مەھكىمىدۇر. بۇ مەھكىمە پەقەتلا خەلقئارالىق جىنايەتلەرگە ھۆكۈم چىقارماقتا. ئەينى ۋاقىتتا قەستەن ئۆلتۈرۈش ، باسقۇنچىلىق قىلىش ، كوللىكتىپ ۋەيران قىلىش ، تېرور ھەرىكەتلىرى ، قۇللاشتۇرۇش بۇلاڭچىلىق قىلىش ، جىنسىي پاراكەندىچىلىك ، ئۆسمۈرلەرگە قورال ئىشلىتىش ۋە ب د ت تىنچلىق ئارمىيەسى ۋە ئىنسانىي ياردەم خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىشتەك قىلمىشلارنىمۇ ئەيىپلەپ ھۆكۈم چىقىرىشقا باشلىغان.

لىۋان ئالاھىدە مەھكىمىسى بىخەتەرلىك كېڭەش مەجلىسىنىڭ ب د ت شەرتىنىڭ 7-قىسمىدا ئېتراپ قىلىنغان ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە چىقارتىلغان بىر قارار بىلەن لىۋان رەئىسى رافىق خارىن سۈيقەستىنىڭ تەكشۈرلىشىدە لىۋان مۇراجىئەت ئورۇنلىرىغا ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر مەھكىمىدۇر. مەھكىمىنىڭ ئەسلى ۋەزىپىسى خارىن ۋە بىرمۇنچە كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە ، يۈزلەرچە كىشىنىڭ يارلىنىشىغا سەۋەپچى بولغان سۈيقەستكە مەسئۇل بولغانلارنىڭ سوراققا تارتىلىشى بولسىمۇ كېلىشكەن تەرەپلەر ئارىسىدا كېلىشىم تۈزۈلگەن تەقدىردە 2004-يىلى 10-ئاينىڭ بىرىدىن 2005-يىلى 12-ئاينىڭ 12سىگىچە يىللىرىدىن خېلى بۇرۇن يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنىڭمۇ يۇقىرىدا ئېيتىلغان ھۇجۇملار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى ۋە خاراكتىرى ئوخشاش بولغان ئەھۋالدا مەھكىمىنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش دائىرىسىگە كىرىدۇ.

كامبودژا ئالاھىدە دائىرىلىرى ب د ت بىلەن پەقەت كامبوجا قانۇن سېستىمىسىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىگە كىرىدىغان جىنايەتلەرنىڭ سادىر بولىشىنى نازارەت قىلىشتا ھەمكارلىشىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ۋە مىللىي خاراكتىرى كۈچلۈك بولغان. 1975-يىلى 4-ئاينىڭ 17 سىدىن 1979-يىلى 1-ئاينىڭ 6- سىگچە بولغان مەزگىلىدە جىنايەت سادىر قىلغانلارنى ھۆكۈم قىلىدىغان دائىرىلەردۇر . كامبوجا ئالاھىدە دائىرىلىرىنىڭ قۇرۇلىشىغا دائىر قانۇنلارغا ئاساسەن بۇ دائىرىلەر ئادەم ئۆلتۈرۈش ، قايناش ، دىنىي مەقسەتلىك زۇلۇم، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر 1949-يىلى جەنۋە شەرتنامىسىنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىشى ، قوراللىق توقۇنۇشلاردا مەدەنىيەتلەرنىڭ يوقىتىلىشى خەلقئارادا قوغدىلىدىغان كىشىلەرگە قارشى ئىشلەنگەن جىنايەتلەرگە ھۆكۈم قىلىشقا مەسئۇلدۇر. ھاكىملىرى ب د ت ئومۇمىي سېكرىتارى تەييارلىغان تىزىملىكتىن مىللىي دائىرىلەر تەرىپىدىن تاللىندىغان ھاكىملاردۇر. 2008-يىلى ئاۋغۇستا تۇنجى گۇماندار ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ۋە جەنۋە شەرتنامىسىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلغان.

شەرقىي تېمۇر ۋە كوسوۋادىكى ئالاھىدە دائىرىلەر ب د ت بىخەتەرلىك كېڭەش مەجلىسى تەرىپىدىن ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن ئۆتكۈنچى ئىدارىنى بېرىلگەن ھوقۇق پىرىنسىپلار دائىرىسىدە قانۇن تۈزۈش ۋە بەزى ھوقۇقلار بىلەن قوراللاندۇرغان، جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل قىلغان. كوسوۋا ئۇرۇش ۋە ئېتنىك جىنايەت مەھكىمىسىنىڭ قۇرۇلىشى كوسوۋا ب د ت ئۆتكۈنچى ئىدارىسى ئالاھىدە كومىتىتى تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنغان لېكىن قۇرۇلالمىغان. بۇ مەھكىمە قۇرۇلۇشنىڭ ئورنىغا مىللىي رايونلاردا ۋەزىپە ئۆتىگەن ھاكىملارنىڭ بىتەرەپلىكىدىن گۇمانلانغان ئەھۋالدا گۇماندار ياكى ئەيىپلىگۈچىنىڭ تەلىپى بىلەن بۇ ھاكىملارنىڭ خەلقئارالىق رايونلاردا ۋەزىپە ئۆتىگەن ھاكىملار بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. ئىجرائىيەتكە لازىم بولغاندا ياكى داۋالاردا سوت كۆپىنچە خەلقىرالىق رايونلاردا ۋەزىپە ئۆتىگەن سوتچىلىلاردىن تەشكىل تاپقان مەھكىمە ھەيئەتلىرى بىلەن ئېچىلىدۇ .

شەرقىي تېمۇر رايونىدا يىللاردىن بېرى ئىشلەنگەن جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ب د ت تەرىپىدىن ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن بىر تەكشۈرۈش كومىتىتى قۇرۇلغان بولۇپ ،بۇ كومىتىت خەلقئارالىق جازا مەھكىمىسى قۇرۇلىشىنى تەۋسىيە قىلغان. لېكىن بۇنىڭ ئورنىغا ئۆتكۈنچى ئىدارىنىڭ چىقارغان بىر قانۇنى بىلەن خەلقئارالىق تەركىپلەر قوللىغان مىللىي سوت مەھكىمىسى ئىشلىتىلگەن مەخسۇس ئاشكارا مۇنازىرە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان. ئىككى چەتئەللىك بىر يەرلىك سوتچى ئۇيۇشتۇرغان مەخسۇس ئاشكارا مۇنازىرە يىغىنلىرىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر، ئۇرۇش جىنايەتلىرى ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ، جىنسىي پاراكەندىچىلىك ، قىيناش قەستەن ئۆلتۈرۈش جىنايەتلىرىنى ئىشلىگەنلەر شەرقىي تېمۇردا ئىشلەنگەنلا بولسا كىمگە قارشى ئىشلەنگەنلىكىگە قارىماستىن سوتلىنىدۇ . مەخسۇس ئاشكارا مۇنازىرە يىغىنلىرىدا شەرقىي تېمۇر گىراجدانلىرىغا قارشى ئىشلەنگەن ۋە ئىشلەنگەن ئورنى مۇھىم بولمىغان جىنايەتلەرمۇ سوتلىنىدۇ . ئىشلەنگەن جىنايەتلەرنىڭ بۇ مەخسۇس ئاشكارا مۇنازىرە يىغىنلىرىدا سوتلىنىشىنىڭ شەرتى 1999-يىلى 1-ئاينىڭ بىرىدىن 1999-يىلى 10- ئاينىڭ 25- كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئەمەلىيلەشكەن بولىشى كېرەك. ئەمما 2005-يىلى مايدا بۇ مەخسۇس ئاشكارا مۇنازىرە يىغىنلىرى ئەمەلدىن قالغان ۋە خەلقئارالىق جىنايەتلەرنى سوتلاش ۋەزىپىسى مەھكىمىلەرگە قېلىپ قالغان.

خۇلاسە
ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ باشقا جىنايەت تۈرلىرى بىلەن ئارىلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نىشان قىلىنغان جامائەتنىڭ بېكىتىلىشى ۋە شەخسى غەرەزنىڭ نەق مەنىسى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلىشى ۋە بولۇپمۇ بۇ سانالغانلارغا ئاساسەن تەسۋىرلىنىشى شەرتتۇر. ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدە شەخسى غەرەزنى ھېچ بىر گۇمانىغا ئورۇق قويمىغىدەك دەرىجىدە ئىسپاتلىماق قىيىن بولغانلىقتىن بۇ چۈشەنچە يېڭىدىن كۆزدىن كەچۈرىلىشى ۋە بۇ جىنايەت پىلانلانماستىن ئىشلەنمەيدىغانلىقى ئۇنۇتۇلماسلىقى كېرەك. ئەلۋەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كىرمەيدىغان قىلمىشلار ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ياكى باشقا جىنايەت گۇرپلىرىغا كىرىدۇ لېكىن سادىر بولۇش نۇقتىسىدىن بۇ پەرق مۇھىمدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ چۈشەنچە ئىشلەنگەنلىكى ئېنىق بولغان جىنايەتلەرنىڭمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەت دائىرىسىدىن چىقىپ كېتىشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش