• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » بىزدىكى زىدىيەتلىك كۆز قاراشلار

بىزدىكى زىدىيەتلىك كۆز قاراشلار

دوختور مەمەت ئېمىن
بىز كۆڭلىمىزدە خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئاجىز كۆرسۈتۈپ، خەلقىمىزنى ئۈمۈتلەندۈرۈپ، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈستىدىن غالىپ كىلىشنى ئويلىغان بولساقمۇ، بىراق ئەمىلىيىتىمىزدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھەر جەھەتتىن كۈچلۈك كۆرسىتىپ، ئارىمىزدا ۋەھىمە پەيدا قىلىۋاتىمىز.
بىز رىياللىقنى توغرا بىلىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا قارىتا چارە تەببىرلەرنى ئىلىشىمىز بەك موھىم، بىراق رىياللىققا ئۇيغۇن بولمىغان ھالدا خىتاينى پەن-تېخنىكا جەھەتتە باشقىلار ئىگەللىيەلمىگەن تېخنىكىلارنى ئىگەللەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ گېن ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا تەسىر قىلىدىغان ۋىرۇس ۋە ياكى بىئولوگىيەلىك قورال ياساپ بولدى قىلىپ كۆرسىتىش، بىزگە نىسبەتەن قانچىلىك پايدا ئەكىلىدۇ؟ بۇ مەسىلە توغرسىدا ھەممەيلەن ياخشى ئويلۇشۇپ باقساق.
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ خەلقئارادىكى بىردىن-بىر ئەۋزەللىكى ئۇنىڭ پۇلى. خىتاي ھۆكۈمىتى 50-يىللاردا شەخىسلەردىن مۇسادىرە قىلىۋالغان يەر-زىمىننى سىتىپ، ئۆي مۈلۈكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئۇ يەر بۇ يەردىن ئوغۇرلىغان تېخنىكىسى ۋە ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە تايىنىپ ئىشلەپ چىقارغان ماللارنى كۆپلەپ ئىكىسپورت قىلىش ئارقىلىق پۇل تاپتى. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ پۇلغا تايىنىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ئۆزىگە قاراتتى.
خىتاي ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ گېنىنىمۇ ئامىرىكىنىڭ ئۈسكۈنلىرىگە، ئامىرىكىنىڭ تېخنىكىسىغا ۋە ئامىرىكىنىڭ مۇتەخەسىسسلىرىگە تايىنىپ تەكشۈرگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت شۇ ئىقتىسادى كۈچىگە تايىنىپ، 1000 تالانت پىروگىراممىسى نامى ئاستىدا، كۆپلىگەن چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرىنى پۇل بىلەن سېتىۋېلىپ، ئۇلارنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتە ئامىرىكا ھۆكۈمىتى مەسىلىنىڭ ماھىتىنى تونۇپ يېتىپ، بەزى ئامىرىكىلىق مۇتەخەسىسسلىرىنى جازاغا تارتىۋاتىدۇ. ئەمىلىيەتتە خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئەڭ تۆۋەن بولغان ھاكىمىيەت بولۇپ، پەن-تېخنىكا جەھەتتە ئەگەر غەرىبنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالسا، پالەج ھالغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى خۇاۋىي يولۇقىۋاتقان كىرزىسلاردىن كۆرۈۋېلىش ئۇنچە قىيىن ئەمەس.
بىز خىتاينىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى ئەمىلىيەتنى تەكىتلىسەك، خىتاينى چوڭ كۆرسەتكەن بولىدىكەنمىز؛ بىراق، بىز خىتاينى پەن-تېخنىكا جەھەتتە ئالاھىدە چوڭ كۆرسىتىپ، ھازىر باشقا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە تېخى ئىمكان بولمىغان تەتقىقاتلارنى قىلىۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ گېنىنى تەتقىق قىلىپ، پەقەت ئۇيغۇرلارغا تەسىر قىلىدىغان ۋىرۇسلارنى ياساپ بولدى، ئۇيغۇرلارغا قارشى تۇرىدىغان بىئولوگىيەلىك قوراللارنى ياساپ بولدى، پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى قىرىۋىتىدۇ دەپ ۋەھىمە پەيدا قىلساق، ئۇ خىتاينى بۈيۈتكەن بولمايدىكەن. بۇ قانداق بىر مەنتىقە؟
ھازىر بىز تەشۋىق قىلىۋاتقان بۇ ۋەھىمەلەر ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ئويغىتارمۇ؟ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ئۈمۈتلەندۈرەرمۇ؟ ئۇيغۇرلاردا تېخىمۇ كۆپ ئىشەنچ پەيدا قىلارمۇ؟ بىز ئويلاپ باقايلى، ئەگەر بىز كۈندە خىتايلار پۈتۈن ئۇيغۇرنىڭ گېن ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ۋىرۇس ئىشلەپ چىقىرىپ بولدى، ئۇيغۇرلارنى قىرىپ تامامەن يوق قىلىدۇ ياكى 60-70 % ئۇيغۇر ئاللا بۇرۇن قىرىلىپ ئۆلۈپ بولدى دىسەك، خەلقىمىز بىراقلا ئويغۇنۇپ كېتەرمۇ؟ ياكى خەلقىمىز ئۇنىڭدىن بىراقلا ئۈمۈتلىنىپ، خىتاي ئۆلۈم گىرداۋىغا كەپتۇ دەپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، دەرھال مۇستەقىل بولۇپ كىتەرمۇ؟ ياكى دۇنيا ئۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ كېتىپ، بىزنى مۇستەقىل قىلىپ قويارمۇ؟
ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە ھېچكىمنى ئەيىپلىمەكچى ئەمەس. مەن پەقەت ئويلىغانلىرىمنى دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئارقىلىق، كۆپچىلىكنىڭ بۇ جەھەتتە ئويلاپ بىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
مىنىڭچە، بىز خەلقىمىز ئىچىدە ۋەھىمە پەيدا قىلىش ئارقىلىق خەلقىمىزنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئۈمۈتلەندۈرۈش مەقسىتىگە يىتەلمەيمىز. مىنىڭچە، بىز چوقۇم خىتاينىڭ دۇنياغا بولغان تەھدىتىنى ئاساس قىلىپ تەشۋىق قىلىپ، بىزنىڭ تەقدىرىمىز بىلەن دۇنيانىڭ تەقدىرىنى، بىزنىڭ مەنپەتىمىز بىلەن دۇنيانىڭ، بولۇپمۇ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ مەنپەتىنى ئۆز ئارا باغلاشقا تىرىشىشىمىز كىرەك، بولمىسا ھېچكىم بىزگە ئىچىنى ئاغرىتىپ، بىزنى مۇستەقىل قىلىپ قويمايدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top