• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » «ھېسسىي ئەقلى ئۈستۈنلەر قانداق كىشلەر؟» ماقالىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى ئويلار

«ھېسسىي ئەقلى ئۈستۈنلەر قانداق كىشلەر؟» ماقالىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى ئويلار

ئىدىرىس مەھدى

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئىنسانلارنىڭ مېڭسىنىڭ بىئولوگىيىلىك ماددىي تۈزۈلۈشى ۋە ئۇنىڭ فىزىئولوگىيىلىك فونكسىيىدە ئىنسانلار ئارىسىدا ئادەتتە پەرقىلەر ئانچە چوڭ بولۇپ كەتمەيدۇ. لېكىن مۇئەييەن بىر ئادەمنىڭ تالانتلىق ياكى ئەقىللىق بولۇپ قىلىشى، يەنە باشقا بىر مۇئەييەن بىر ئادەمنىڭ ئانچە تالانتلىق ياكى ئانچە ئەقىللىق بولماي قىلىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن مەزكۈر ئادەمنى تۆرەلدۈرگەن ئاتا- ئانسىنىڭ گېنىنىڭ قانداق بولۇشى ۋە قۇشۇمچە ھالدا ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ قانداق بولۇشى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. دېمەكچى،ئادەمنىڭ ئەقىلى ئادەم مېڭسىنىڭ بىئولوگىيىلىك جەھەتتىكى ساغلاملىقى، بىئولوگىيىلىك تۈزۈلۇشى – مېڭسىنىڭ ھەجىمى – چوڭ كىچىكلىكى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھۈجەيرەلەرنى سىغىمچانلىقى – كۆپ – ئازلىقى ۋە ئۇنىڭ فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىسىنىڭ ئىشلەش ئىختىدارىغا باغلىق بولىدۇ. بۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسى تۇغما بولىدۇ. (مېدىتسىنا تەتقىقاتچلىرى 20-ئەسىرنىڭ بۈيۈك تالانتى ئېنستېىننىڭ ئىلىمىي تەتقىقات ئۈچۈن تەقدىم قىلغان بېشىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئېنستېىننىڭ مېڭسىنىڭ ھەم ھەجىم جەھەتتىن، ھەم سىغىمچانلىقى – ھۆجەيرەلەرنىڭ مىقدارى جەھەتتىن ئادەتتىكى ئادەملەرگە نىسپەتەن پەۋقۇلئاددە چوڭ ۋە كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىغان.). ئادەمنىڭ ئەقىلى بولسا ئەمەلىيەتتە ئادەمنىڭ ئادەم مېڭسىنىڭ بىئولوگىيىلىك ئورگانىزمىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيە ئىقتىدارنى ئىشلىتىش قابىلىيىتى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئادەم ئېرىشىدىغان كونكرىت نەرسە بولماستىن بەلكى ئادەم ئۆز ھاياتىدا دۇچ كېلىدىغان ئەمىلىي مەسىللىلەرنى ھەل قىلىدىغان ئەقىلىي ئىقتىدار يەنى ئادەتتە ئېيتىلىپ كىلىۋاتقان ئەقىلدۇر. ئادەمنىڭ قېرىشى بىلەن بۇ خىل بىئولوگىيىلىك ئورگانىزم ۋە ئۇنىڭ فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىسىنىڭ تۇغما ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان شەرت ئاستىدا ئادەم مېڭسىنىڭ بىئولوگىيىلىك ماددىي تۈزۈلۈشى ۋە فىزىئولوگىيىلىك فونكسىيىسىنىڭ ئىقتىدارى (قابىلىيىتى) نىسپەتەن مۇقىم بولۇپ ئاسان ئۆزگەرمەيدۇ. ئادەم مېڭسىدە پەيدا بولىدىغان بۇ ئەقىلنىڭ دەرىجىسى بولمايدۇ، مىقدار ۋە سۈپەت جەھەتتىن مۇقىم بولىدۇ، پەرق پەقەت ئىنساننىڭ تاشقى دۇنيادىكى مەۋجۇدىيەتنى تونۇش دەرىجىسىدە بولىدۇ، يەنى ئادەم ئۆمۈر بۈيى ئۆز مېڭىسنىڭ بىر خىل فىزىئولوگىيىلىك فونكسىيىسىنىڭ ئىقتىدارى (قابىلىيىتى) بىلەن ئۆتىدۇ. ئادەم مېڭسىدە پەيدا بولىدىغان ئابستراكت ئۇقۇم (ئىدىيە) پەقەت ئادەم مېڭسىدىن تاشقىرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان شەيئىنىڭ ئادەم مېڭسىغا تەسىر قىلىشى ئارقىلىق ئادەم مېڭىسىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك فونكسىيىسىنىڭ تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارنىڭ خىزمەت قىلىشى بىلەن پەيدا بولىدىغان ئىنكاس (ئىدىيە). بۇ ئىنكاسنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ۋە بىر تەرەپ قىلىنىشى ئادەملەرنىڭ مېڭسىنىڭ بىئولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى ۋە ئۇنىڭ فىزىئولوگىيىلىك فونكسىيىسىنىڭ خىزمەت قىلىش قابىلىيىتىنىڭ پەرقىلىق بولۇشى تۈپەيلىدىن پەرقىلىق بولىدۇ. بۇ جەرياندا ئادەم ئەقىلى بۇ ئىنكاسلارنى قانداق قوبۇل قىلىش ۋە قانداق بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت فونكسىيەلىك رول ئوينايدۇ. مېڭنىڭ ئۆزىدە ئەقىل بولمايدۇ. ئۇ پەقەت ئەقىلىنى پەيدا قىلالايدىغان بىر ماددا– ئورگانىزمدىن ئىبارەت. بۇنى تەخمىنى ھالدا داڭلىق ماركىلىق ئاپتوموبىل بىلەن داڭقى چىقمىغان ماركىلىك ئاتوموبىلنىڭ پەرقىگە تەقلىت قىلىشقا بولىدۇ. داڭلىق ماركىلىق ئاپتوموبىلىنىڭ ماددى ئاساسى ياخشى ۋە سۈپەتلىك بولۇش بىلەن بىرگە مەزكۈر ئاپتوموبىلنىڭ ھەر قايسى دېتاللىرىنىڭ فونكسىيىلىك رولىنى جارىي قىلدۇرۇشى داڭقى چىقمىغان ماركىلىق ئاپتوموبىلغا نىسپەتەن كۆپ ياخشى ۋە ئۈستۈن بولىدۇ.
مەلۇم بىر ئادەمىنىڭ بارغانسىرى ئەقىللىق بولۇپ كۆرۈنىشى ياكى مۇۋاپىقىيەت قازىنىشى ئۇنىڭ تۇغما ئەقىلىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى بولماستىن بەلكى مېڭسىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك فونكسىيىلىك رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۈرغانلىقنىڭ نەتىجىسى.
پەلسەپە جەھەتتىن سۆزلىگەندە ئادەمىنىڭ بىلىش جەريانى ھېسسىي بىلىش ۋە ئىدراكىي بىلىشتىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچقا بۆلىنىدۇ. تاشقى مەۋجۇت شەيئىنىڭ ئادەم مېڭسىغا ئەڭ دەسلەپ تەسىر قىلغان ئىنكاس ھېسسىي بىلىش كاتېگورىيىسىگە مەنسۈپ بولۇپ، بۇ ھېسسىي بىلىش يۈزەكى بولىدۇ. ئەگەر بۇ ھېسسىي بىلىش بىر قانچە قېتىم تەكرارلىنش بىلەن بىرگە مەزكۈر ئىنكاسلارنى قوبۇل قىلغان ئادەم بۇ ئىنكاسلار ھەققىدە ئويلانسا، ئۇچاغدا بۇ كىشىنىڭ مېڭىسىدە مەزكۈر ئىنكاسلارغا قارىتا ئىدىراكىي بىلىش ھاسىل بولىدۇ. («ھېسسىي ئەقىل ئۈستۈنلەر قانداق كىشلەر» ماۋزۇلۇق ماقالىدا بايان قىلىنغان «ھېسسىي ئەقىل ۋە زېھنىي ئەقىل» ئۇقۇملىرى بەلكىم «ھېسسىي بىلىش ۋە ئىدراكى بىلىش» ئۇقۇملىرىىڭ ۋارىيانتى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئەقىلنىڭ مۇنداق «ھېسسىي ئەقىل ۋە زېھنىي ئەقىل » دىن ئىبارەت ئۇقۇملىرىنىڭ ئىلىملىكى مېدىتسىنا ئىلىمى ۋە پەلسەپە ئىلىمى تەرىپىدىن تا ھازىرغىچە ئىسپاتلانمىدى.) ئەگەر ئادەمنىڭ بىلىمى گورىزونتال ۋە ۋېرتىكال سىزىقلار بۇيىچە كۆپەيگەنسىرى ۋە ئەمىلىي تەجرىبىسى مول بولغانسىرى مېڭسىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك فونكسىيىلىك رولىنى ئۈنۈملۈك جاريى قىلدۈرۈش قابىلىيىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەزكۈر ئادەم ئەقىللىق كۆرۈنىدۇ.
ئادەتتە ئادەملەرنىڭ ھېسسىي بىلىش باسقۇچىدىن ئىدىراكىي بىلىش باسقۇچىغا ئۆتۈشىگە سەرپ قىلىدىغان ۋاقتىدا پەرق بولىدۇ. بۇ جەھەتتە ئەقىللىق ئادەملەر ئادەتتىكى ئادەملەرگە قارىغاندا ئاز ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ خىلدىكى كىشلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ پۇرسىتى كەلگەندە، پۇرسەتنى باشقىلارغا قارىغاندا بالدۇر تۇتۇپ ئالىدۇ. («مىكروسوفىت» كومانىيەسىنىڭ ئورتاق قورغۇچىسى پول ئەلېن ۋە «ئامازون» كومپانىيىسىنىڭ قورغۇچىسى جېف بېزونلار بۇ خىل تىپتىكى كىشلەردۇر.) خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۇدا، قانۇن، مېدىتسىنا ۋە پېداگوگىكا قاتارلىق كەسىپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات ئارقىلىق ئەقىلىي ئىقتىدارنىڭ كېيىنكى كەسپىي ئوتۇق بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىنىڭ مەنپىي ياكى نول بولۇپ چىققانلىقى بىلەن ئەقىلىي ئىقتىدارنىڭ كەسپىي ئوتۇق قازىنىشتىكى ھەل قىلىغۇچ رولىنى ئىنكار قىلىشقا ياكى سەل قاراشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ مەزكۈر تەتقىقاتقا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇرسەت كەلگەندە ھېسسىي بىلىش باسقۇچىدىن ئىدىراكىي بىلىش باسقۇچىغا ئۆتۈشىگە سەرپ قىلغان ۋاقتى ئەقىللىق ئادەملەرگە قارىغاندا كۆپ بولغان بولىشى مۇمكىن. ئەقىللىق ئادەملەر پۇرسەتنى تېزلىك بىلەن تەھلىل قىلىپ، ھۆكۈمنى تېز چىقىرىپ، يېتىپ كەلگەن ئوتۇق ئوتۇق قازىنىش پۇرسىتىنى تۇتۇپ ئالغان. شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشقا كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىغان بۇ ئوقۇغۇچىلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ پۇرسىتىدىن قۇرۇق قالغان.
ئەندى، « ھېسىداشلىق قىلىش، پايدىلىق پىكىر- تەلەپلەرنى بېرىش، باشقىلارغا ياردەم بېرىش، ئوي- خىيالىڭىزنى كونترول قىلىش …» قاتارلىقلانىڭ ھەممىسىدە ئادەم مېڭسىنىڭ شەيئىنى بىلىش (شەيئى بىلەن تونۇشۇش) دىكى «ئىدىراكى بىلىش باسقۇچى» يەنىلا ھاللىق رول ئوينايدۇ. بۇ بىر قاتار ئىشلار يەنە ئادەمنىڭ تەربىيەلىنىشى ياكى خىزمەت جەريانىدا قوللىنىدىغان ئۇسۇل ۋە تاكتىكا قاتارلىق ئامىللارغىمۇ باغلىق. ئەلۋەتتە «ھېسسىي بىلىش باسقۇچى» مۇ مۇھىم. بولۇپمۇ پەن- تېخنىكا ساھەسىدە نۇرغۇن يېڭىلىق ۋە كەشپىياتلارنىڭ ئىجاد قىلىنىش جەريانلىرى « ھېسسىي بىلىش باسقۇچى » بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. لېكىن ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئادەم مېڭسىنىڭ شەيئىنى بىلىش (شەيئى بىلەن تونۇشۇش) دىكى «ئىدىراكى بىلىش باسقۇچى» ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، «ھېسسىي بىلىش» كە ئارتۇقچە بېرىلىپ كېتىش كۆپۈنچە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا «ئىجتىمائىي ئاپەت» كەلتۈرۇپ چىقىرىدۇ
قىسىقىسى، ھازىرقى زاماندىكى مۇرەككەپ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتا «ھېسسىي بىلىش باسقۇچى» قا تايىنىپ ئىش قىلغاندىن كۆرە «ئىدىراكى بىلىش باسقۇچى» تايىنىپ ئىش قىلغان ئەۋزەل.

2020-يىلى 29-فېۋرال

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top