سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ۋەزىيەت ئانالىزى » تۇ لۇڭ: ئەمدى سۈكۈتنى بۇزىمەن!

تۇ لۇڭ: ئەمدى سۈكۈتنى بۇزىمەن!

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

تۇ لۇڭ

تەرجىمان: دىلنۇر ئۆزتۈرك

ۋۇخەندە تۇغۇلغان يېڭى نەسىل (1990-يىلىدىن كىيىن تۇغۇلغان) بىر خىتاي ياشنىڭ خىتابى. «بۇ ھاياتىم بويىچە ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ئاۋازىمنى چىقىرىش بوينۇمنىڭ بۇرچىدۇر.»

ئۇلار  بېيجىڭدىكى 2-سىنىپ (سىرتتىن كەلگەن) نوپۇسلارنى تازىلاشقا باشلىغاندا ئۇلارغا دېدىمكى: مەن توختىماي كۆرەش قىلدىم، مەن 2-سىنىپ گراژدان ئەمەس، مەن تازىلاشقا ئۇچرىماسلىقىم كېرەك.

ئۇلار شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان) دا يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنى قۇرغاندا مەن ئۆز-ئۆزۈمگە دېدىمكى: مەن ئاز سانلىق مىللەت ئەمەس، مەن زىيان -زەخمەتكە ئۇچرىمايمەن.

نۆۋەت شاڭگاڭغا كەلگەندە مەن ئۆز-ئۆزۈمگە دېدىمكى: مەن نامايىش قىلمايمەن، قارشى چىقمايمەن، مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

پەقەت بۈگۈنگە كەلگەندىلا شۇنى چۈشەندىمكى، سىياسەت بىزگە، ھەر بىرىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بىز سىياسەتكە ئارىلاشمىساق بىزنىڭ ئەڭ ئاساسى ھوقوقلىرىمىزمۇ كاپالەتكە ئىگە بولمايدىكەن.

سۈكۈت قىلىشنى رەت قىل!

ۋۇخەندە توغۇلغان يىڭى نەسل (1990-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان) خىتاي ياش: بۇ ھاياتىم بويىچە ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ئاۋازىمنى قويۇپ بېرىش بوينۇمنىڭ بۇرچىدۇر.

تۇ لۇڭ (تاقما ئىسىم) ۋۇخەندە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بىر خىتاي بولۇپ، 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلاردىن.

مەن بۇ يىل 26 ياشقا كىردىم، بىر ئىنتېرنېت شىركىتىدە ئىشلەيمەن. شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) ۋە شياڭگاڭدىكى ئەھۋاللارنى بىلەتتىم، لېكىن ماڭا ئانچە تەسىرى بولمايدىغۇ دەپ چۈشەنگەچكە پەرۋاسىز قارىغان ئىدىم. ئەمما بۇ قېتىمقى ۋەقە مېنىڭ يۇرتۇمدا ئەتراپىمدا يۈز بەردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتراپىمدا بىر مۇنچە ئىنسان بۇ ۋەقە تۈپەيلى كېسەل بولدى ۋە ئۆلدى. (ئارقا كۆرۈنۈشدىكىسى ۋۇخەن دوختۇرخانىسى) بۇنىڭغا يەنە بەرداشلىق بېرەلمىدىم، چۈنكى مەنمۇ ئۆزۈمنى ئۇنداق مەسۇم ھېس قىلمايتىم.

مەن دائىم مەخپى ھالدا كۈزىتەتتىم، ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىپادە بىلدۈرمىدىم، مەنمۇ سۈكۈتتە قالغان كۆپچىلىكنىڭ بىرى ئىدىم. مەن ئۇزۇن بىر مەزگىل ئۆزۈمنى سوراققا تارتتىم، ئۆز -ئۆزۈمگە دېدىمكى: مۇخبىر بولالمىساممۇ، خەتەرلىك ئىشلارنى قىلالمىساممۇ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ كۆپ يالغان سۆزلەشنى خالىمايمەن.

مېنىڭ بۇرۇنقى پىلانىم ئۇلارغا ماسلىشىپ تېخىمۇ كۆپ يالغان سۆزلىمەسلىك ئىدى، مەن سۈكۈت قىلىشىم مۇمكىن ئەمما يالغان ئېيتالمايمەن.

ھازىر خىتايدا بۇنى ئەمىلىلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتى يوقتەك قىلىدۇ. شۇڭا ھازىرقى چۈشەنچەم شۇ: مەن نېمىشقا بىر قېتىم ئۆزۈم بولالمىغىدەكمەن؟

ئەمەلىيەتتە چەنچۇشى ۋە فاڭبىڭنىڭ ماڭا بولغان تەسىرى ئانچە چوڭقۇر بولمىدى، لى زېخۇا ماڭا بەك قاتتىق تەسىر قىلدى.

ئۇ CCTV نىڭ مۇخبىرى بولۇپ، كەسپى جەھەتتە ئىستىقبالى پارلاقتى، لېكىن ئۇ بىزنىڭ بۇرۇنقى قارىشىمىز بويىچە سەزگۈر سىياسى تېمىلارغا يېقىن كەلمەيتتى، ئۇ پەقەتلا ۋۇخەندە كۆرگەنلىرىنى (گۇۋاھچى بولغانلىرىنى) سۈرەتكە ئالغانتى. ئۇنىڭ مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان سۆزى بولسا قولغا ئېلىنغان ۋاقتىدىكى سۆزلىرى ئىدى. مېنىڭچە ناھايىتى ياخشى سۆزلىدى. (ئارقا كۆرۈنۈشدىكى يېزىق: لى زېخۇا خەلق مۇخبىرى)

“مەن ئەمدى يەنە سۈكۈت قىلىشنى خالىمايمان ،مەنمۇ سەيجىنيىغا ئوخشاش ئالدىنقى سەپكە بېرىپ ،2004-يىلىدىكى تارتىشما جەريانىدا بېيجىڭدىكى سارس بىلەن كۆرەش  دەك فىلىم ئىشلەشنى خالايمەن.” بۇ ۋەقەدە مېنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگىنى ۋەقەنىڭ ئۆزى ئەمەس بەلكى ئىنسانىيەتكە كەلگەن بۈيۈك ئىمتىھان ئىدى،چۈنكى بۇ كۈنلەردە بەك كۆپ نەرسىلەرنى كۆرگەن ئىدىم.

مەن خىتايلارنى “قېرى بوۋاق” دەپ ئاتايمەن، بۇ “قېرى بوۋاقلار” پۈتۈن دۇنيا ماڭا قەرزدار، دېگەن خاتا چۈشەنچىسى بىلەن نىمە قىلىۋاتىدۇ؟ ھازىر خىتايدا بىنورمال بىر ئۈمىدۋارلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە. مەن ھەتتا بەزى خەۋەرلەرنى كۆردۈم. «پۈتۈن دۇنيا خىتايغا ئۆزۈر قەرزدار» دىگەندەك. ھەتتا مۇنداق دەپتۇ : “بۇ قېتىمقى ۋىروس ئاپىتى بولمىغان بولسا، خىتاينىڭ بۇ قەدەر ئۇلۇغلۇغىنى بىلەلمىگەن بولاتتىم.” ۋۇخەنلىكلەر ھازىرغىچە ئۆلىۋاتىدۇ، ھازىرغىچە زەخمەت كۆرىۋاتىدۇ. لېكىن ئۇلار چىقىپ: بۇ ۋىروس ئامېرىكىدىن كەلگەن، قاراڭلار چەتئەللىكلەر نىمە دىگەن يارىماس ھە! پەقەت بىزنىڭ خىتايلارلا ئەڭ ياخشى ئىش قىلىدۇ.” دەيدۇ.

نېمە دىگەن قورقۇنۇچلۇق! دېمەك خىتايدا داۋاملىق ياشىماقچى بولسىڭىز قىلىشىڭىز كېرەك بولغان ئىككى ئىش بار. ئىككىلىسىنى قىلالىسىڭىز تېخى ياخشى.

1. ئەقلىي قابىلىيىتىڭىزنى يوقاتماق

2. ۋىجدانىڭىزنى يوقاتماق.

يېقىنقى يىللاردا ئۆزۈمگە شۇنداق دەيدىغان بولۇپ قالدىم. ۋىجدانىمنى يوقۇتالمايمەن. ئەقلىمدىن ئازمايمەن… خاپا بولماڭ. بەزى ئىشلارنى چۈشىنىمەن. سەن مۇقۇملۇقنى قوغدىماقچى پالان پۇستان. لېكىن ئۇ قەدەر شەرەپسىز بولمىساڭلار بولمامدۇ. ھېچ بولمىغاندا (بۇ ئەھۋاللارنى ۋۇخەندىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار يوشۇرۇپ مەركەزنىڭ خەۋىرى بولمىغان) دېگەن بولساڭمۇ يەنىلا ساڭا ئىشەنگەن بولاتتىم. لېكىن سەن ھازىر ماڭا بۇ ۋىرۇس ئامېرىكىدىن كەلگەن، ئامېرىكا ئۇرۇش قوراللىرى بۇ ۋىرۇسنى ئېلىپ كەلگەن دەۋاتىسەن. بۇ دېگەن ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈش.

مۇخبىر: سىز 2008-يىلىدىن ئىلگىرى ۋەتەنپەرۋەر ئىكەنلىكىڭىزنى ئېيتتىڭىز. ئۇ چاغلاردا سىزمۇ ئۆزىڭىزنى كىچىك قىزىل مىللەتچىلەردىن بىرى سۈپىتىدە كۆرەمتىڭىز؟

– مېنىڭچە ئۆزۈمنى كىچىك قىزىل مىللىيەتچى دىيەلمەيمەن. 2008-يىللىرىدا بۇ دۆلەتنىڭ بىر مۇنچە مەسىلىلىرى بار ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. لېكىن ئۈمىدىم بار ئىدى، ئىشەنچىم بار ئىدى.

مۇخبىر: ھازىرچۇ؟

– قالمىدى، مېنىڭچە خىتايدىكى كىچىك قىزىللار ۋەتەنپەرۋەرلەر ئەمەس، ئۇلارنىڭ سۆيگىنى ۋەتەن ئەمەس، مىللەتمۇ ئەمەس. ئۇلارنىڭ سۆيىدىغىنى ھاكىم مۇتلەقلىق تۈزۈم. تەكرارلايمەن ئۇلار نېمە بولسا بولسۇن يېنىدىكىلەرگە بىر ياخشى ھايات بەرگەنلىكىنى ئويلايدۇ. بارلىق كىچىك قىزىل مىللەتچىلەر بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان كىشىلەر ئەھۋال ئۆز بېشىغا كەلمىگۈچە ئىنسان قېنىغا مىلەنگەن ھور ناننى يېيىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن «بىز تەلەيلىك ئىكەنمىز، بىتەلەيلەرگە ئامال يوق» دېيىشىدۇ. ئۇلار بۇ ئەھۋال ئۆزلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەندە ئاندىن ئويغۇنىدۇ.  مەن ئۆزەمنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن شۇنداق دەيمەن: مەن بۇ قېتىملىق ۋەقەدىن قۇتۇلدۇم، تەلەيلىك ئىكەنمەن. قۇتۇلالماسلىقنىڭ ئۆزىمۇ بىر قۇتۇلۇشتۇر.

لېكىن بۇ ۋەقەدىن قۇتۇلۇپ چىقىشىم ۋۇخەن ۋەقەسىدىن ساق قۇتۇلغان بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن پۈتۈن ھاياتىم بويىچە ئۆلگەنلەرنىڭ ئاۋازى بولۇش مەسئۇلىيەتىم بار.  بۇ مېنىڭ بۇ ھاياتىمدىكى قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان قەرىزىمدۇر.

تۇ لوڭ بېيجىڭدىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى. بۇ ئاپەت تۈگىگەندىن كىيىن خىتايدىن چىقىپ كېتىشنى ئارزۇ قىلماقتا.

مەنبە: https://www.voachinese.com/a/coming-of-age-during-an-epidemic-202020312/5325562.html

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش