You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى ۋاقىتلىق نىزامنامىسى

شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى ۋاقىتلىق نىزامنامىسى

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، مەزكۇر نىزامنامە تەيۋەن دۆلەتلىك تارىخ سارىيىدا ساقلىنىۋاتقان ۋە 1947-يىلى ئىيۇلدا دوكلات سۈپىتىدە يې شيۇۋفىڭ (葉秀峰) تەرىپىدىن جىياڭ جېشىغا يوللانغان «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار ئىتتىپاقى ۋاقىتلىق نىزامنامىسى» (東土耳其斯坦革命青年團暫行簡章) ناملىق خىتايچە ئارخىپ ھۈججىتىدىن تەرجىمە قىلىندى. گەرچە بۇ ئارخىپ ھۈججىتىنى يوللىغۇچىنىڭ ئىلاۋىسىدە «ئەسلى نۇسخىسىمۇ قوشۇپ ئەۋەتىلدى» دېيىلگەن بولسىمۇ، ئارخىپلاردىن ئۇيغۇرچە نۇسخىسى تېپىلمىدى. ئۇيغۇرچىدىن خىتايچىغا تەرجىمە قىلىشتا سادىر قىلىنغان ئاتالغۇلاردىكى بەزى خاتالىقلار تۈزىتىلدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بەلگىسى ئۇنىڭغا ئائىت تارىخىي سۈرەتلەر ئاساسىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.


شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى

ۋاقتلىق نىزامنامىسى

شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ بەلگىسى

1-باب: ئاساسىي پرىنسىپ

1-ماددا: مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىسمى «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى».

2-ماددا: شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستان زىمىنىدا ياشايدىغان بارلىق ياشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلاردا خەلقچىل روھنى يېتىلدۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ پارلاق كېلەچىكى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ياشلارنىڭ ئىلغار بىلىم-ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئەڭ ئالىي مەقسىتى ھېسابلايدۇ ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ.

3-ماددا: شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى بىر سىياسىي گەۋدە بولۇپ، ئۇ خەلقچىللىقنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىدۇ.

4-ماددا: شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ مەقسەت-مۇددىئاسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن خەلق ئاممىسىنىڭ خەلقچىل ھەرىكەتلىرىنى ھىمايە قىلىش ۋە خەلقنى ئازاد قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ ۋە تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئۇيۇشقان كۈچى ۋە قەتئىي ئىرادىسى، شۇنداقلا دۇنياۋىي خەلقچىللىقنىڭ ياردىمىگە تايىنىدۇ.

2-باب: ئەمەلىي ۋەزىپىلىرى

5-ماددا: ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستان خەلقى، بولۇپمۇ كەڭ ياشلارنىڭ ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە كەلگەن بولۇپ، ئۇ بۈيۈك نويابىر ئىنقىلابىنىڭ غەلبىسىنى ساقلاپ قېلىش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ:

1- شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سىياسىي ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، خەلقچىل سىياسەتنى مەركەز قىلغان ھالدا، خەلقچىل ھوقۇقلارنى ھىمايە قىلىدۇ ۋە ھەر قايسى جايلاردا ھەققانىي كۆرەش قىلىدۇ.

2- شەرقىي تۈركىستان زىمىنىدا ياشايدىغان ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى سەمىمىي ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە ھوقۇقتىكى باراۋەرلىك ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ.

3- ياشلارنىڭ ئىتتىپاقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى قۇۋۋەتلەيدۇ، شۇندقلا ۋەتەننىڭ خەلقچىل سېسىتىمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كېڭەيتىشكە توسالغۇ بولىدىغان ھەرخىل ئۇنسۇرلار ۋە مۇستەبىتلىككە قارشى بارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كۆرەش قىلىدۇ.

4- ۋەتەندىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ ئادالەت قارىشىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى ئالغا سۈرۈش ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ.

5-ئىنقىلابىي قوغدىنىش قىسىملىرىنىڭ ھەربىي ۋە مەمۇرىي بىلىم سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسىياتىنى كۈچەيتىش، ۋە مەشىق ئارقىلىق خەلقنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن قۇربان بېرەلەيدىغان جەڭچىلەرنى تەييارلاپ، ئادالەت ۋە خەلقچىللىق ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ.

6-جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر ساھەنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

7-مىللي مەدەنىيەت ئىشلىرىنى كېڭەيتىدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

8-دۆلەت مەمۇرلىرى، ئىشچىلار ۋە دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ.

9-دىنىي مىللىي مەدەنىيەتنى قەتئىي ھىمايە قىلىدۇ ۋە مىللىي باراۋەرلىك پرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ.

6-ماددا: شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر مىللەت ياشلىرىدا ئىنقىلاب ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغان ھەقىقىي ئاڭنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئەمەلىي چارىلەر ئارقىلىق تەشكىلات ئەزالىرىنى چېنىقتۇرىدۇ:

1-ھەقىقىي ئىنقىلابىي ئاڭنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەزالارغا مەخسۇس لېكسىيەلەر ۋە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىلىرى، ئىمكانىيەت يار بەرگەندە تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

2-ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى قانۇنلۇق ھالدا ھەرخىل گېزىت-ژورنال ۋە كىتابلارنى نەشىر قىلىدۇ.

3-ياشلارنىڭ تەن ساقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەرخىل تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ.

4-ياشلارنى ئىلمىي ۋە مەدەنىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

5-ھەر قايسى مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن سىياسىي تەربىيە جەھەتتە ھەمكارلىشىدۇ.

3-باب: تەشكىلاتقا كىرىش رەسمىيەتلىرى

7-ماددا: مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ پرىنسىپلىرىنى قۇبۇل قىلىپ، رەھبەرلىكىگە ئەگىشىدىغان، تەشكىلات مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارلىرىغا شەرتسىز بويسۇنۇپ، بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىدىغان، تەشكىلاتنىڭ بەدەل پۇلىنى ۋاقتىدا تاپشۇرىدىغان، تەشكىلاتنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان، شەرقىي تۈركىستان زىمىنىدىكى 18 ياشتىن 35 ياشقىچە ھەرقانداق ياش مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا بولۇشقا لاياقەتلىك.
ئىلەۋە: ئەگەر تەشكىلات جەمئىيەتتىكى ئىلغار زاتلارنى قۇبۇل قىلىشقا لايىق كۆرسە، يۇقىرىدىكى ياش چەكلىمىسى قويۇلمايدۇ.

كاندىدات ئەزا

8-ماددا: مەزكۇر تەشكىلاتقا كىرىشنى ئىختىيار قىلغۇچى ياشلار تەشكىلاتقا كىرىش ئىلتىماسى ۋە مۇناسىۋەتلىك تەرجىمھال جەدۋىلىنى تەشكىلاتنىڭ يەرلىك شۆبىلىرىگە ياكى كومىتېتلىرىغا تاپشۇرۇشى كېرەك.

9-ماددا: كاندىدات ئەزالىققا ئىلتىماس قىلغۇچى چوقۇم ئاز دېگەندە ئىككى رەسمىي ئەزا تەرىپىدىن كېپىل بولۇپ تونۇشتۇرۇلۇشى، يەرلىك شۆبە تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ، رايونلۇق كومىتېت، ناھىيەلىك كومىتېت تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىنىپ تەستىقلانغاندىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېتنىڭ قارارى بىلەن كاندىدات ئەزالىققا قۇبۇل قىلىنىدۇ ۋە مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ تەستىقى ئۈچۈن يوللىنىدۇ.
ئىلاۋە: كېپىل بولغۇچى ئەزالار مەزكۇر كاندىدات ئەزا ئۈچۈن تولۇق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

10-ماددا: كاندىدات ئەزانى تەشكىلات مۇھىتىغا ماسلاشتۇرۇش ۋە سىياسىي كۆز قارىشىنى سىناش ئۈچۈن، دەسلەپكى قەدەمدە ئالتە ئاي ۋاقت سىناق مەزگىلى قىلىپ بېكىتىلىدۇ.

11-ماددا: تەشكىلاتنىڭ مەركىزىي كومىتېتى ۋە ھەر قايسى كومىتېت ئەزالىرىنىڭ تەسىتقىدىن ئۆتكەن ئىلتىماس قىلغۇچىلار سىناق مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرمەستىن، بىۋاستە تەشكىلات ئەزالىقىغا قۇبۇل قىلىنىدۇ.

12-ماددا: سىناق مەزگىلىنى تاماملىغان ۋە يەرلىك تەشكىلات شۆبىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن كاندىدات ئەزالار، ئىككى نەپەر رەسمىي ئەزانىڭ كاپالىتى ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن رەسمىي ئەزالىققا قۇبۇل قىلىنىدۇ.

13-ماددا: كاندىدات ئەزالىققا ئىلتىماس قىلغان كىشى تەرجىمھال جەدۋىلىنى تاپشۇرۇپ، يەرلىك شۆبە تەرىپىدىن تەستىقلانغان كۈنى تەشكىلاتقا كىرىش بەدىلى ۋە ئايلىق بەدەل پۇلىنى تاپشۇرىدۇ. تەشكىلاتقا كىرىش بەدىلى ئايلىق بەدەل پۇلىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

ئا. ئايلىق مائاشى بارلاردىن ھەر ئايدا بىر تىيىن، ئوقۇغۇچىلاردىن يېرىم تىيىن (ئىشچىلاردىن ئاساسىي ئۆلچەمدە بەدەل پۇلى ئېلىنىدۇ)

ب. شەخسىي تىجارەتچىلەر ئەھۋالغا قاراپ ۋە مەمۇرلار مائاشىغا سۇندۇرۇپ بەدەل پۇلىنى تۆلىسە بولىدۇ.

س. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئوفېتسىرلاردىن تەشكىلاتقا كىرىش بەدىلى ئېلىنىدۇ، جەڭچىلەردىن ئېلىنمايدۇ.

14-ماددا: مۇستەبىت ھاكىمىيەت دەۋرىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردا ئىشلىگەن ۋە مەخسۇس ۋەزىپە ئالغان كىشىلەر ئۆزى بىلەن ئەڭ ئاز دېگەندە ئۈچ يىللىق تونۇشلۇقى بار ۋە ئوخشاش ئورۇندا ئىككى يىل بىللە خىزمەت قىلغان ئۈچ نەپەر رەسمىي ئەزا كېپىل بولغاندىلا رەسمىي قۇبۇل قىلىنىدۇ.

15-ماددا: كاندىدات ئەزا رەسمىي ئەزا بولغاندا قەسەم بېرىپ تەشكىلاتقا كىرىشى كېرەك (ھەر دەرىجىلىك تارماقلاردىكى ھەيئەتلەر ئۆز تەۋەسىدىكى تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ قەسەم بېرىشىگە نازارەتچىلىك قىلىشى كېرەك)

قەسەم

مەن ئۆز ئىختىيارىم بىلەن، سەمىمىي ھالدا شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىردىم. تەشكىلاتنىڭ تۈزۈملىرىگە قەتئىي بويسۇنىمەن ۋە تاپشۇرغان بارلىق ۋەزىپىلىرىنى شەرتسىز ئورۇندايمەن. ئىلغارلىقىم ۋە ئىقتىدارىمنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقچىل روھنى قانات يايدۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا ھەر قانداق قىيىنچىلىقتىن قورقمايمەن. ئەگەر قەسىمىمگە خىلاپلىق قىلسام، تەشكىلات بەرگەن جازانى قۇبۇل قىلىشقا رازىمەن (ھەر قايسى مىللەت كىشىلىرى ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادى بويىچە قەسەم بەرسە بولىدۇ).

ئىلاۋە: قەسەم بېرىپ بولغاندىن كېيىن مەركىزىي كومىتېت تەييارلىغان ئەزالىق كېنىشكىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ. ئەزالار مەزكۇر كېنىشكىنى يۈتتۈرمەسلىكى كېرەك.

ئەزالارنىڭ ھوقۇق دائىرىسى

16-ماددا: ئەزالارنىڭ تەشكىلاتقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەسىلىلەرنى ئەركىن مۇھاكىمە قىلىش ھوقۇقى بار. لېكىن قارار ئېلىنغاندىن كېيىن چوقۇم قەتئىي بويسۇنۇشى كېرەك.

17-ماددا: تەشكىلاتنىڭ مەمۇرىي يىغىنلىرىدا تەشكىلاتنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ھەر دەرىجىلىك تارماقلىرىنىڭ مەسئۇل خادىملىرىغا نىسبەتەن تەنقىدلەش ھوقۇقى بار.

18-ماددا: تەشكىلات ئەزالىرى ئارىسىدىكى مەسىلىلەر ھەل قىلىنىدىغان چاغدىكى يىغىنلارغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىش ۋە قاتنىشىش ھوقۇقى بار.

19-ماددا: ھەر بىر ئەزانىڭ تەشكىلاتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلىرىغا تەلەپلىرىنى بىۋاستە بىلدۈرۈش ھوقۇقى بار.

20-ماددا: ھەر بىر ئەزانىڭ ئوقۇش ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىغا قاتنىشىش ھوقۇقى بار.

21-ماددا: كاندىدات ئەزالارنىڭ سىياسەتكە قاتنىشىش ھوقۇقى بار. رەسمىي ئەزالارنىڭ بولسا سايلاش، سايلىنىش ۋە نۇتۇق سۆزلەش ھوقۇقى بار.

22-ماددا: تەشكىلات ئىشلىرى ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، جىسمانىي جەھەتتىن خورىغانلارنىڭ ماددىي تەمىناتتىن بەھرىمان بولۇش ھوقۇقى بار.

ئەزالارنىڭ ۋەزىپىلىرى

23-ماددا: ئەزالار تەشكىل چىقارغان قارارلار، كۆرسەتمىلەر ۋە ھازىرقى ۋەزىيەتكە لايىق ھالدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلەرگە قارشى چىقماسلىقى كېرەك.

24-ماددا: ئەزالار چوقۇم تەشكىلنىڭ ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىشى، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلىشى، كۆڭۈل بۆلۈشى، يار-يۆلەكتە بولۇشى، شۇنداقلا تەشكىلنىڭ ئىززەت-ئابرويىنى ساقلىشى كېرەك.

25-ماددا: ئەزالار كەسكىن، ئىرادىلىك ۋە ئىستىلى دۇرۇس بولۇپ، ئاممىنىڭ ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى، ھەرقانداق ۋاقتتا، ھەرقانداق جايدا ھەققانىيەت ۋە ئادالەت ئۈچۈن كۆرەش قىلىپ، ئاممىنىڭ تەشكىلگە نىسبەتەن ئىشەنچىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى، خەلق ئاممىسىنى تەشكىلاتقا جەلپ قىلىشى كېرەك.

26-ماددا: ئەزالار تەشكىلنىڭ ئىنتىزامىغا ۋە بارلىق قارارلىرىغا قەتئىي بويسۇنۇشى، تەشكىل بۇيرىغان ۋەزىپىلەرنى شەكسىز ئورۇندىشى كېرەك.

27-ماددا: ئەزالار ھەرقانداق ۋاقتتا ۋە ھەرقانداق جايدا چوقۇم تىرىشىپ ئۆگىنىشى ۋە شۇ ئارقىلىق سىياسىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

28-ماددا: ئەزالار خەلقچىل روھ بىلەن خەلقچىل سىياسىي تۈزۈمنى ئاساس قىلغان ھالدا مىللەتنىڭ ھەقىقىي باراۋەرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرەش قىلىشى كېرەك.

29-ماددا: سۆز ۋە مەتبۇئاتتىكى بارلىق ئەركىنلىكلەردىن پايدىلىنىپ، ئەزالار ئۆزلىرى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ سىياسىي سېستىما ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەر ھەققىدىكى بىلىملىرىنى تولۇقلاپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە خىلاپ ھەرىكەت قىلغۇچى ئۇنسۇرلارنىڭ ئىدىيەلىرىنى تەنقىد قىلىشى كېرەك.

30-ماددا: ئەزالار تەشكىل ئالغان مەخپىي قارارلارنى ھەرقانداق خەتەرلىك شارائىت ئاستىدىمۇ ئاشكارىلاپ قويماسلىقى كېرەك.

31-ماددا: يەرلىك قوغدىنىش قىسىملىرىدىكى ئەزالار ھەربىي بىلىملەر ۋە ماھارەتلەرنى ئىگەللەش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.

32-ماددا: قىز-ئاياللار ئەزالار باراۋەرلىك پرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، بارلىق ئەزالارنىڭ ھۆرمىتىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

33-ماددا: ئەزالار تەشكىلات ۋە ۋەتەن خەلقنىڭ ئىستىقبالىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا چۈشكۈنلۈك، مەسئۇلىيەتسىزلىك قاتارلىق ناچار ئادەتلىرى بولماسلىقى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ساداقەتمەن، تىرىشچان ۋە چىدامچان روھنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

34-ماددا: خەلق تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆستۈرۈش مەقسەت قىلىنغان پائالىيەتلەردە ئەزالار ئۈلگىلىك رول ئوينىشى كېرەك.

35-ماددا: ئەڭ يۇقىرى قاتلامدىكى رەھبەرلەردىن تارتىپ، ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى خىزمەتچى خادىملارغىچە تەشكىلاتنىڭ ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى ۋە سادىر قىلغۇچىلار بىلەن قەتئىي كۆرەش قىلىشى كېرەك.

36-ماددا: ئەزالار مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قانۇنلۇق نەشىر بويۇملىرى دائىرىسىدىن سىرت باشقا جايلاردا تەشكىلگە قارشى، تەشكىلاتنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان ۋە تەنقىدلەيدىغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. ئەزالار بۇنداق سۆز ھەرىكەتلەردە بولماسلىقى ۋە ھەرقايسى جايلاردا تەشكىلاتنىڭ ئىززەت ئابرويىنى ساقلىشى كېرەك.

37-ماددا: ئەزالار ئەزالىق گۇۋاھنامىسىنى كۆز قارچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشى كېرەك.

38-ماددا: ئەزالىق بەدەل پۇلىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشى كېرەك.

4-باب: تەرتىپ

39-ماددا: تەشكىلات ئەزالىرى ئۆز كەمچىلىكلىرىنى تۈزىتىش ۋە «ئىنقىلابچىل ياشلار»نى ئەمەلىي شارائىتنىڭ تەلەپلىرىگە ماسلاشتۇرغان ھالدا قۇرۇپ چىقىشنى مەقسەت قىلىپ بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

40-ماددا: ئەزالار چوقۇم تەشكىلاتنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئورگانلىرى ئورۇنلاشتۇرغان يىغىنلارغا قاتنىشىپ ئۆزىنى يېتىلدۈرۈشى ۋە ۋەزىپىلەرنى چوقۇم ئورۇندىشى كېرەك.

41-ماددا: تەشكىلاتنىڭ ئىنتىزامىغا ۋە كۆرسەتمىسىگە قەتئىي بويسۇنغان، جاپاغا چىداپ كۆرەش قىلىش روھى بىلەن تەشكىل تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلغان ئەزالار تۆۋەندىكىچە تەقدىرلىنىدۇ:

1- ئومۇمىي يىغىندا ئاغزاكى تەقدىرلىنىدۇ.

2- نەتىجىلىرى ۋە خىزمەت روھى گېزىتكە بېسىلىپ تەقدىرلىنىدۇ.

3- مەركىزىي كومىتېت تەرىپىدىن مۇۋاپىق تەقدىرلىنىدۇ ياكى ماددىي بۇيۇملار تەقدىم قىلىنىدۇ.

4- تەشكىل تەرىپىدىن تەقدىرلەنگەن ئەزالار ۋە كاندىدات ئەزالار باشقا رەسمىي ۋە كاندىدات ئەزالار تەرىپىدىن ھۆرمەت قىلىنىدۇ.

42-ماددا: تەشكىلاتنىڭ ئىنتىزامىغا بويسۇنمىغان ۋە تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىيالمىغان رەسمىي ۋە كاندىدات ئەزالارغا تۆۋەندىكىچە چارە كۆرۈلىدۇ:

1- ئايرىم ھالدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلىدۇ.

2- ئومۇمىي يىغىندا تەنقىدلىنىدۇ.

3- ئومۇمىي يىغىندا ئەنگە ئېلىنىدۇ ۋە يىغىن خاتېرىسىگە يېزىلىدۇ.

4- گېزىتكە بېسىلىپ تەنقىدلىنىدۇ ۋە ئاخىرقى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ.

43-ماددا: تەشكىلاتنىڭ ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان ۋە پوزىتسىيە ۋە ھەرىكەتتە ئالاھىدە خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئەزالار خاتالىقىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ مەركىزىي كومىتېت ياكى رايونلۇق كومىتېت ئەزالىرى قارارىغا ئاساسەن جازالىنىدۇ.

ئىلاۋە: ئەزالارنى تەشكىلاتتىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك بولىدۇ.

5-باب: (بۇ بابنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان)

44-ماددا: خەلقچىللىقنى مەركەز قىلغان ھالدا تۆۋەن دەرىجىلىك ئورگانلار يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارغا قەتئىي بويسۇنۇشى كېرەك. ئەركىن مۇنازىرىلەردىن كېيىن چىقىرىلغان قارارلارغا تۆۋەن دەرىجىدىكى ئورگانلاردىكى ئەزالار قەتئىي بويسۇنۇشى كېرەك.

45-ماددا: مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگانلىرى تۆۋەندىكىچە:

1- مەركەز تەرەپتىن

ئا. مەملىكەت مىقياسىدا ئەزالارنىڭ ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى

ب. ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا ھەيئەتلەر كومىتېتى

س. ھەيئەتلەر كومىتېتىدە ھەر قايسى تارماق كومىتېتلار

د. مەركىزىي كومىتېت

ئې. مەركىزىي كومىتېتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تارمىقى ئۆز دائىرىسى ئىچىدە ۋە 46-ماددىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئىش ئېلىپ بارسا بولىدۇ، لېكىن مەركىزىي كومىتېت دائىمىي ئەزالىرىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەك.

46-ماددا: مەزكۇر تەشكىلات ھەر جايلاردا قۇرغان تارماقلاردا رەسمىي ۋە كاندىدات ئەزالار ئۈچتىن ئارتۇق بولسا چوقۇم ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى قۇرۇشى ۋە رەسمىي ئەزادىن بىر كىشى گۇرۇپپا باشلىقى بولۇپ تەيىنلىنىشى كېرەك.

47-ماددا: مەركىزىي كومىتېتتا تەيىنلەنگەن ياكى ئومۇمىي قۇرۇلتايدا سايلانغان ئۈچ كىشىدىن تەركىپ تاپقان تەپتىش بۆلۈمى تەسىس قىلىنىدۇ.

48-ماددا: ھەرقايسى دەرىجىلىك ئورگانلار تۆۋەندىكى نۇقتىلار بويىچە تەسىس قىلىنىشى كېرەك:

1-مەركىزىي كومىتېتتا بىر رەئىس، بىردىن ئۈچكىچە رەئىس ئورۇنباسارى، كاتىباتلىق، سىياسىي تەربىيە بۆلۈمى، مەمۇرىي بۆلۈم، خوجىلىق بۆلۈم، نەشىرىيات بۆلۈمى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنىدۇ. مەركىزىي كومىتېت خىزمەت دائىرىسىگە قاراپ ھەر قايسى بۆلۈملەرگە نازارەتچى ۋە مەمۇرىي خادىم قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى كىشىلەرنى ھەر قانداق ۋاقتتا كۆپەيتىپ ياكى ئازايتىپ سەپلىسە بولىدۇ.

2- ھەر قايسى رايونلاردىكى كومىتېتلاردا بىر رەئىس، بىردىن ئىككىگىچە مۇئاۋىن رەئىس ۋە كاتىباتلىقتىن باشقا، مەركىزىي كومىتېتقا تەۋە ھەر قايسى بۆلۈملەرگە بىردىن نازارەتچى تەيىنلىنىدۇ.

3-ھەر قايسى ناھىيەلەر ئۆز تارماقلىرىدا بىردىن باشقۇرغۇچى ۋە بىردىن كاتىب تەيىنلەيدۇ. باشقا ۋەزىپىلەرنى نازارەتچى ئەھۋالغا قاراپ بېكىتسە بولىدۇ.

4-رايونلۇق تارماقلار ئەزالىرىنىڭ سانىغا ئاساسەن بىردىن باشقۇرغۇچى، بىردىن بوغالتىر، ئۆگىنىش گۇرۇپپىلىرىغا بىردىن گۇرۇپپا باشلىقى تەيىنلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار ئەزالار سانىغا ئاساسەن خىزمەتچى خادىملارنى كۆپەيتىشكە توغرا كەلسە، مەركىزىي كومىتېت رەئىسى ۋە رەئىس ئورۇنباسارىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەك.

49-ماددا: ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە كومىتېت ھەيئەتلىرىنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە بەلگىلىنىدۇ:

ئا. ئومۇمىي قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى سانى ئەزالار سانىغا ئاساسەن كومىتېتتىكى ھەيئەتلەرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ.

ب. يەرلىك كومىتېتلار مەركىزىي كومىتېتتىكى 13 كىشىنى بېكىتىدۇ.


ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى تونۇشتۇرۇلغان رادىئو پروگراممىسى: 1940-يىللاردىكى «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى» مۇساپىسى

مەنبە: تەيۋەن دۆلەتلىك تارىخ سارىيى (國使館)

مۇناسىۋەتلىك ئارخىپ ھۈججىتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن تاللانمىلار:

 

 

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top