سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » جەمىئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن مېدىيا ۋە سىياسەت مۇناسىۋىتىگە نەزەر

جەمىئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن مېدىيا ۋە سىياسەت مۇناسىۋىتىگە نەزەر

دوكتور ئەلى ئارسلان

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مۇھەممەت ئابدۇمىجىت

قىسقىچە مەزمۇنى

مېدىيا بىلەن ئۇنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتى ئوتتۇرىسدا ئۆز-ئارا تايىنىشنى ئاساس قىلغان ئورتاق مۇناسىۋەت مەۋجۇت. مېدىيا ئىقتىسادىي سەۋەبلەر ۋە خام ئەشيا ئېھتىياجى (ئۇچۇر) تۈپەيلى بۇ مۇھىتلارغا تايىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇنى (مېدىيانى) چۆرىدەپ تۇرغان مۇھىتلار  چۈشەنچە ۋە ئوي-پىكىرلىرىنى كەڭ ئاممىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن مېدىياغا ئىھتىياجلىق. مېدىيا ئاۋامنىڭ ئاۋازى، كۆزى ۋە قۇلىقىمۇ؟ ياكى ئۇلار جەمئىيەتتىكى كۈچلۈك ۋە ھۆكۈمران گۇرۇپپىلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىدىغان، (ئاتاش توغرا بولسا) ئۇلارنىڭ دۇمبقىنى چالىدىغان، بۇ ئاكتىپ كۈچلەرنىڭ قولى سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىدىغان يېتەكچى قوراللارمۇ؟ ئۇ سىياسىي سەرخىللارغا، تەدبىر بەلگىلەش جەريانىنى كونترول قىلىدىغان ئاكتىيۇرلارغا ئاۋامنىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلامدۇ؟ ياكى جەمىئىيەتتىكى ئاكتىپ كۈچلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئەڭ كۈچلۈك قورالى سۈپىتىدە جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىنى كونترول قىلىش ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزىقىشى، دىققىتى ۋە ئىنېرگىيەسىنى باشقا ساھەلەرگە بۇرىۋىتىش ۋەزىپىسىنىمۇ؟ بۇ تەتقىقاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى مۇشۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشىشتىن ئىبارەت.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: مېدىيا سەرخىللىرى، سىياسىي سەرخىللار، ئىككىنچى ھۆكۈمەت ياكى باشقا ھۆكۈمەتلەر

كىرىش

مېدىيا بىلەن ئۇنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتى ئوتتۇرىسدا ئۆز-ئارا تايىنىشنى ئاساس قىلغان ئورتاق مۇناسىۋەت بار. مېدىيا  ئىقتىسادىي سەۋەبلەر ۋە خام ئەشيا ئېھتىياجى (ئۇچۇر) تۈپەيلى بۇ مۇھىتلارغا تايىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇنى (مېدىيانى) چۆرىدەپ تۇرغان مۇھىت چۈشەنچە ۋە ئوي-پىكىرلىرىنى كەڭ ئاممىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن مېدىياغا ئىھتىياجلىق. مېدىيا ئاۋامنىڭ ئاۋازى، كۆزى ۋە قۇلىقىمۇ؟ ياكى ئۇلار جەمئىيەتتىكى كۈچلۈك ۋە ھۆكۈمران گۇرۇپپىلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىدىغان، (ئاتاش توغرا بولسا) ئۇلارنىڭ دۇمبقىنى چالىدىغان، بۇ ئاكتىپ كۈچلەرنىڭ قولى سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىدىغان يېتەكچى قوراللارمۇ؟ ئۇ سىياسىي سەرخىللارغا ، تەدبىر بەلگىلەش جەريانىنى كونترول قىلىدىغان كۈچلەرگە ئاۋامنىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلامدۇ؟ ياكى جەمئىيەتتىكى ئاكتىپ كۈچلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئەڭ كۈچلۈك قورالى سۈپىتىدە جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىنى كونترول قىلىش ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزىقىشى، دىققىتى ۋە ئىنېرگىيەسىنى باشقا ساھەلەرگە بۇرىۋىتىش ۋەزىپىسىنىمۇ؟ شۈبھىسىزكى، پەرقلىق كىشىلەر بۇ ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سوئاللارغا پەرقلىق جاۋاب بېرىدۇ (ئارسلان، 1999). ئەمما تاراتقۇلارنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىجتىمائىي كۈچ ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق پاكىت. ئۇنىڭدا ئىجتىمائىي قۇرۇلما ئىچىدە كۈچ، بايلىق ۋە ئابرويغا ئېرىشىش ئۈچۈن يۇقىرى ئۈنۈملۈك قوراللار بار.

مېدىيانىڭ شەخسلەرنىڭ سىياسىي پوزىتسىيەسى ۋە ھەرىكىتىگە تەسىر قىلماسلىق، بولۇپمۇ بېلەت تاشلاش جەريانىدا ئۇلارنىڭ سىياسىي مايىللىقىغا  تەسىر كۆرسەتمەسلىك كۈچى بار. تەتقىقاتچى رىۋېرس (1982) بۇ تېمىدا مۇھىم تەتقىقاتلارنى قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا مېدىيالىرىنى «ئىككىنچى ھۆكۈمەت» دەپ تەسۋىرلىگەن. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى شەخسلەرنىڭ سىياسىي يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە سىياسىي قارار چىقىرىش مېخانىزمى، سىياسىي رەھبەرلەر ۋە ھۆكۈمەتكە ناھايىتى كۈچلۈك بېسىم پەيدا قىلىدۇ. رىۋېرس تەكىتلىگەندەك (1982، 213)، ھۆكۈمەت سىياسىتىنى شەكىللەندۈرىۋاتقان مەزگىلدە، مېدىيامۇ باشقا بىر قىسىم ئىجتىمائىي كۈچلەرگە ئوخشاش يېتەكچى ۋە شەكىللەندۈرگۈچ كۈچ سۈپىتىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. دۆلىتىمىزدە 1980-يىللاردىكى ۋە 990-يىللاردا يۈز بەرگەن سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەقەلەر ئەسلەنگەندە، بۇ مەسىلە تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ.

مەسىلەن، مېنىڭچە كۆپچىلىك بۇ يىللاردا بىر قىسىم داڭلىق ژۇرنالىستلارنىڭ داچىسىدا قۇرۇلغان پارلامېنت ئەزالىرى بازارلىرىنى ياكى قىسمەن نەپ بەدىلىگە بەزى مۇخبىرلارنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۆكۈمەت سودىلىرىنى ئاسانلا ئېسىگە ئالالايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى يېپىق ئىشىكنىڭ ئارقىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بولۇپ، پەقەت ئاز ساندىكىلىرىلا ئاممىغا ئاشكارلىنىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.  بۇ خىل پائالىيەتلەر ھەم مېدىيانىڭ ئىناۋىتىگە داغ چۈشۈرىدۇ  ھەم بۇرۇندىنلا گۇمانىي نەزەردە قارىلىدىغان سىياسىئونلارنى ئاۋامنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈرىدۇ، شۇنداقلا جامائەت پىكىرىنى رەنجىتىپ، خەلقنىڭ دېموكراتىيەگە بولغان ئىشەنچىسىنى كىمەيتىۋىتىدۇ. بۇ خىل ئەگرى مۇناسىۋەتلەردىن باشقا، بۈگۈن بەزىدە بەزى سىياسىئونلار ۋە سىياسى پارتىيەلەرنى قوللاشنى، بەزىدە نىشان قىلىپ تاللانغان سىياسەتچىلەر ۋە پارتىيەلەرنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىشنى ئادەتتىكى كۈندىلىك خىزمەت دەپ قارايدىغان خەۋەر ۋە پروگراممىلارنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. بولۇپمۇ 1980-يىلدىن كېيىنكى تۈركىيەدە بۇ خىلدىكى مىساللارنى كۆپەيتىپ ساناش ھەرگىز قىيىنغا چۈشمەيدۇ؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەسكە ئېلىنغاندا، بۈگۈن تۈركىيە مېدىيالىرىنىڭ كۈچى ۋە دۆلىتىمىزدىكى مونوپوللۇققا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان مېدىيا-سىياسەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ دەرىجىسى & ئۆلچىمى ھەققىدە دېگۈدەك ئانچە كۆپ گەپ قالمايدۇ.

مېدىيا ۋە سىياسەت

رېۋىرس، ئامېرىكا جەمئىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى مۇنداق خۇلاسلەيدۇ، (رېۋىرىس ، 1982: 7-20): «ئامېرىكىدا (پەقەت بىرلا ھۆكۈمەت يوق) بەلكى ئىككىنچى ھۆكۈمەتمۇ بار. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ (شۇنداق بىر كۈچى باركى) ھەم ئالدىنقىلارنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ۋە كونترول قىلىش ھەم ئالدىنقىسى بىلەن ئاۋامنىڭ مۇناسىۋىتىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى بار. بىرىنچىسى، ھەممە ئادەم بىلىدىغان رەسمىي، سىياسىي ھۆكۈمەت.  بىز «باشقا ھۆكۈمەت» دەپ ئاتايدىغان ئىككىنچى ھۆكۈمەت بولسا  دۆلەتلىك خەۋەر قاناللىرىنى قول ئىلكىدە تۇتىۋاتقان مېدىيادۇر ».

ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن مېدىيانىڭ تەسىرىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، 1930-يىلدىن 1960-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا بەزى ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتچىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان «مېدىيا شەخس ۋە جەمىئىيەتكە ئانچە-مۇنچە تەسىر  كۆرسىتىشى مۇمكىن، ھەتتا روشەن تەسىر كۆرسىتەلمەسلىكى مۇمكىن» دېگەن كۆز قاراشلىرى بۈگۈن مەنىسىنى يوقاتتى.

مېدىيانىڭ سىياسەتكە بولغان بىۋاسىتە تەسىرىنى كۆزىتىش ۋە ئۆلچەشنىڭ بۈگۈنكىدەك شارائىتتىمۇ، مۇشۇنداق مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ خاراكتېرى سەۋەبىدىن يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش كېرەك.  قانداقلا بولمىسۇن، مېدىيانىڭ ۋاسىتىلىك تەسىرىنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي پەنچى بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق. مېدىيانىڭ شەخس ۋە جەمىئىيەتكە كۆرسىتىدىغان يوشۇرۇن ياكى ئەمەلىي تەسىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، بۇ تەسىرلەرنىڭ دەرىجىسى ۋە ئۆلچەشچانلىقى سوتسيولوگىيەلىك رېئاللىق. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتچىلىرى رۇبىننىڭ (1981: 170-180) ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ سىياسەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى سىياسىي كۈچنى قايتا تەشكىللەش ، قايتىدىن تەرتىپلەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم دەرىجىدە پايدىلانغىلى بولىدۇ، دېگەن قارىشى بىلەن ھەمپىكىردە.

بۈگۈنكى دۇنيادا مېدىيانىڭ بۇ قەدەر كۈچلۈك بولۇشى ۋە سىياسىي ساھەدە ئويناۋاتقان رولى سەۋەبىدىن سىياسىيونلار ۋە سىياسىي پارتىيەلەر مېدىيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە بۇنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ. بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك مېدىيا سەرخىللىرىمۇ ھازىرقى جەمىئىيەتتىكى ئەڭ مۇھىم سەرخىل گۇرۇپپىلارنىڭ بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۈگۈنكى دېموكراتىك جەمئىيەتلەردە مېدىيا ۋە مېدىيا سەرخىللىرى ئومۇمەن «تۆتىنچى كۈچ» دەپ ئاتىلىدۇ. تۆتىنچى كۈچنىڭ كۈچى بەزىدە سىياسىي سەرخىللارنىڭ كۈچىنىڭ ئۆلچىمىگە يېتىدۇ، بەزىدە ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

ئەمدى، مېدىيا بىلەن سىياسەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ شەكلىگە كەلسەك: تەتقىقاتلاردا مېدىيا بىلەن سىياسىي پارتىيەلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىككى ئاساسلىق ماۋزۇ ئاستىدا يىغىنچاقلىغىلى بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

1. ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر

2. ئىدېئولوگىيەلىك مۇناسىۋەتلەر

مېدىيا سەرخىللىرى بىلەن سىياسىي سەرخىللارنىڭ مۇناسىۋىتى ئۆز-ئارا مەنپەئەتنى ئاساس قىلىدۇ. گرانت (1995: 84-88) مېدىيا بىلەن ئۇنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ: مېدىيا بىلەن سىياسەت ئوتتۇرىسىدا تەسىس قىلىنغان بۇ «ئال گۈلۈم ، بەر گۈلۈم» مۇناسىۋىتىنى ھاكىمىيەتتىكى سىياسىي سەرخىللار بىلەن مېدىيا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە تېخىمۇ ئاسان كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئەڭ ئاددىي شەكىلدە، مېدىيا مەزكۇر پارتىيەنىڭ مېدىيا ئورگىنىدەك شۇ سىياسىي پارتىيەگە خىزمەت قىلالايدۇ؛ شۇ پارتىيەنىڭ ئوي پىكىرىنى جامائەتچىلىككە يەتكۈزۈپ، قوللىغان سىياسىي گۇرۇپپىنىڭ ئاساسلىق كۆز قارىشى ۋە ئىدىيەسى، بەزى مەسىلىلەردە پارتىيەنىڭ ئىدىيەسى ۋە سىياسىتىگە ماس ھالدا پروگىرامما ئىشلەپ تارقىتىش ئارقىلىق شۇ پارتىيەگە پايدىلىق جامائەت پىكىرىنى يارىتىش ئۈچۈن مۇھىم خىزمەتلەرنى ئورۇندىيالايدۇ؛ يەنە ئاشۇ نىشاننى بويلىغان ئاساستا، مېدىيا ئۆزى قوللىغان پارتىيەنىڭ رەقىبى بولغان قارشى تەرەپ سىياسى پارتىيەگە ياكى پارتىيەلەرگە ھۇجۇم قىلىش، ئۇلارغا قارشى تارقىتىش قىلىش ۋە قارشى پىكىرلەرنى قوللاش ئارقىلىق ئۆزى قوللىغان پارتىيەنىڭ جامائەتچىلىك نەزىرىدىكى ئورنى ۋە بېلەت تاشلاش يوشۇرۇن كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان خىزمەتلەرنى بىجا كەلتۈرەلەيدۇ.

بىر سىياسىي پارتىيە مېدىيانىڭ قوللىشى بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندا،  بەدەل تۆلەش نۆۋىتى ئۇ سىياسىي پارتىيەگە كېلىدۇ. ئۇ ئېرىشكەن ھوقۇق نېمەتلىرىنىڭ ھېچ بولمىغاندا بىر قىسىمىنى سايلام مەزگىلىدە ئۇلار ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بىباھا خىزمەتلەر بەدىلىگە  قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئورتاقلىشىش ئۇلارنىڭ نورمال ۋەزىپىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ: زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇلارغا (قوللىغۇچى مېدىياغا) ئىنتايىن ئەۋزەل شارائىتتا كېرېدى قاناللىرى  ئېچىلىدۇ، بەزىدە  پارلامېنتتا قوللىغۇچىلىرىنىڭ زىيىنىغا قانۇن ماقۇللىنىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن (سىياسىيلار) ھارماي كۆرەش  قىلىدۇ . قوللىغۇچىلار (سىياسىيلار) بەزىدە سادىق دوستلىرىغا پايدىلىق قانۇن- قارارلارنىڭ بالدۇرراق ماقۇللىشىنى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى ئايىمايدۇ ياكى ۋاپا بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئاممىۋى ئورگانلارنىڭ ئېلان ۋە تەشۋىقات خامچوتىغا ئاجرىتىلغان مەبلەغلەردىن «خىزمەت بەدىلى» گە ھېساپلاپ مەرتلەرچە كۆپرەك بېرىدۇ.

ماركسىسزمچى  مۇتەپەككۇرلار مېدىيانى جەمئىيەت كۈچ قۇرۇلمىسىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، مېدىيا جەمئىيەتتىكى ھۆكۈمران ئورۇنلارنىڭ نۇقتىئىنەزىرنى شەكىللەندۈرۈش رولىغا ئىگە بولۇپ،  پەيتى كەلگەندە ئۇلارنى يېڭىچە قىياپەتتە جابدۇپ، ئۇلارنى قايتىدىن شەكىللەندۈرەلەيدۇ. شۈبھىسىزكى، مېدىيا  جەمئىيەتتىكى ئاكتىپ كۈچلەر ئىچىدىكى پەقەتلا بىر كۈچتىن ئىبارەت . بۇ ئىجتىمائىي كۈچلەر  بىر-بىرى بىلەن ئۆز-ئارا قويۇق ئالاقە ۋە مۇناسىۋەت ئچىدە تۇرىدۇ. مېدىيانىڭ ھەم جەمىئىيەتكە ھەم  باشقا ئىجتىمائىي كۈچلەرگە تەسىر كۆرسىتىش كۈچى بولغاندەك، بۇ خىل ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭمۇ مېدىياغا نىسبەتەن بەلگىلىك تەسىر كۈچى بار. بىز «ھاكىمىيەت سەرخىللىرى» دەپ ئېنىقلىما بېرەلەيدىغان سىياسىي كۈچكە ئىگە سىياسىي سەرخىللارنىڭ ھېچ بولمىغاندا مېدىياغا بېسىم ئىشلىتىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش ھوقۇقى بار.  ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تەسىر كۈچىنى مېدىياغا پات-پات ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن ئىشلىتىدىغانلىقى دائىم  ئۇچرايدۇ. ھەتتا، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بۇ سىياسىي سەرخىللار «مەخپىيەتلىك» ياكى «دۆلەت بىخەتەرلىكى» قاتارلىق ئاساسلارنى كۆرسىتىپ،  خالىسا مېدىيانىڭ ئۇچۇر ئىگىلەش ۋە ئۇچۇر توپلاش ئەركىنلىكىگىمۇ چەكلىمە قويالايدۇ.

ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان سەرخىللارنىڭ مېدىياغا، بولۇپمۇ تېلېۋىزىيە ئورگانلىرىغا قىلغان بۇ خىل بېسىملىرىنى ئازدۇر-كۆپتۇر تەرەققىي قىلغان ياكى تەرەققىي قىلىۋاتقان جەمئىيەتلەردە ئۇچرىتىش مۇمكىن. ئېتزونىي (Etzioni 1993: 183-4) تەكىتلىگەندەك، بەزى ھۆكۈمەتلەرنىڭ تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى قىسمەن نازارەت ئاستىدا تۇتىدىغانلىقى، بەزىدە پروگراممىلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋىتىدىغانلىقى ياكى پروگىراممىنى پۈتۈنلەي چەكلەيدىغانلىقىغا (دائىر ھادىسىلەر) ئەنگىلىيەدىن ئامېرىكىغىچە بولغان بارلىق تەرەققىي قىلغان جەمئىيەتلەردە ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئوخشاش كۆز قاراش شۈبھىسىزكى دۆلىتىمىز (تۈركىيە) گىمۇ ماس كېلىدۇ. ئېلىمىزدە ئاڭلىتىشنى قىسمەن چەكلەش ياكى پروگراممىلارنى پۈتۈنلەي ئېلان قىلماسلىق قاتارلىق ئىجرائاتلار ، بولۇپمۇ 1980-يىللاردا ۋە 1990-يىللاردا دائىم  كۆرۈلگەن.

ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرېلاندىيە ئازادلىق ئارمىيىسى (IRA) رەھبەرلىرىنىڭ ئىدىيەسىنىلا ئەمەس، بەلكى رەسىملىرىنىڭمۇ ئېلان قىلىنىشنى ئىنتايىن قاتتىق چەكلىگەنلىكى ھەممىگە ئايان. يەنە ئەنگىلىيەدە، 1988-يىلى ساچېر ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە ، يىگىرمە نەچچە كىشى «ئاممىۋى مەخپىيەتلىك قانۇنى» (1911-يىلدىكى رەسمىي مەخپىيەتلىك قانۇنى) غا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. 1990-يىلىنىڭ بېشىدا بۇ قانۇننى قايتا تۈزىتىش ئارقىلىق يېڭى «ئاممىۋى مەخپىيەتلىك قانۇنى» تەييارلانغان. ئېتزونىي (1993: 184) تەكىتلىگەندەك، ئەنگىلىيە ھۆكۈمەتلىرى دائىم BBC نىڭ مۇھىم باشقۇرۇش ئورۇنلىرى ۋە مۇدىرىيەت ئەزالىرىغا ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمەت سىياسىتى ۋە سىياسىي چۈشەنچىسىنى قوللايدىغان كىشىلەرنى تەيىنلەش ئارقىلىق مېدىيانى كونترول قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان.

BBC دىكى جون رېكىس (Stanworth & Giddens ،1974: 218) كۆرسەتكەندەك، خىزمەتچىلىرى ئاساسەن ئوكسفورد، كامبرىج قاتارلىق داڭلىق سەرخىل ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن تەربىيەلەنگەن ئاخبارات ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن BBC ئەنگىلىيەدىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېتىراپ قىلىنىشىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك.  بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، سىياسىي سەرخىللار نۆۋىتى كەلگەندە دۇنيادىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاخبارات تەشكىلاتلىرىغىمۇ مۇداخىلە قىلالايدۇ ، قانداق ئېلان قىلىش، نېمىنى ئېلان قىلىش ياكى ئېلان قىلماسلىقنىمۇ قارار قىلالايدۇ.

ئومۇمىي باھا ۋە خۇلاسە

بۇ تېمىنى قىسقىچە خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، مېدىيا بىلەن سىياسەت ئوتتۇرىسىدا «ئۆز-ئارا مەنپەئەتنى» ئاساس قىلغان ناھايىتى قويۇق مۇناسىۋەت بار. مېدىيا ساھەسىدىكى ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلار سىياسىي تۈزۈمگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ سايلام تۈزۈمى، سىياسى پارتىيەلەر، سىياسىي رەھبەرلىك، قىسقىسى، سىياسەتنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى رولى بۇ ئەھۋالنىڭ تەسىرىگە كۆرۈنەرلىك ئۇچرايدۇ. سىياسىي سەرخىللار ئۆزلىرى ئۈچۈن كۈچلۈك ئاممىۋى ئاساس تىكلەش ۋە قارار چىقىرىش جەريانىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ، قىسقىسى ، ھەم ھاكىمىيەتكە چىقىش ھەم  كۈچ قۇدرەتكە ساھىپ بولۇش ئۇچۈن مېدىيانىڭ قوللىشىغا موھتاج . ئۇنىڭدىن سىرت مېدىيا يەنە ئىجتىمائىي ھەرىكەتچانلىق ۋە سەرخىللارنىڭ باردى-كەلدى پائالىيەتلىرى جەريانىدا سىياسىي سەرخىللارغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ۋاقتى كەلگەنىكەن،  ئامېرىكىدىن  بەزى مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى.  ئامېرىكىدىكى ۋەزىيەتنى رۇبىن ئېلىپ بارغان تەتقىقاتقا ئاساسەن تەكشۈرۈپ باقايلى: رۇبىن (1981) تەتقىقاتىدا ئامېرىكىدىكى مېدىيا سەرخىللىرى ۋە ئورگانلىرى بىلەن سىياسىي پارتىيەلەر-پرېزىدېنتنىڭ مۇناسىۋىتىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىدا سىياسەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق يولى كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش بولۇپ، بۇ پەقەت تەسىرى كۈچلۈك مېدىيانىڭ ياردىمى بىلەنلا مۇمكىن بولىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغاچقا، پرېزىدېنت ئىشخانىسى جامائەت پىكىرى شەكىللەندۈرش ئۈچۈن مېدىيا بىلەن ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتنى ئۇدا داۋاملاشتۇرغان. بولۇپمۇ  خەۋەرلەرنىڭ شەكلى ۋە مەزمۇنىنى بەلگىلەشتە بۇ مۇناسىۋەت ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولغان. رۇبىن (1981: 75)  بۇ ئەھۋاللارنى  كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى تېئودور روزۋېلىتنى تۇنجى زامانىۋى «مېدىيا پرېزىدېنتى» دەپ تەسۋىرلەيدۇ.

«رۇبىن (1981) يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان ئەسىرىدە يەنە ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى مېدىيا بىلەن سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش جەريانىنىڭ شەكلى ۋە خاراكتېرىدىكى: ئۆزگىرىشلەرنى تەكشۈرىدۇ ۋە مۇنداق يەكۈنگە كېلىدۇ: سىياسەت ۋە مېدىيا ئورگانلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە كۈچىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەر ئىككى ئورگانغا يېقىندىن تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشلەر ئىككى ئورگاننىڭ ئىچكى ھەرىكەتچانلىقىنىلا ئەمەس، بەلكى بۇ ئورگانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ شەكلى ۋە سۈپىتىنىمۇ ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. بۇ مەسىلىگە مېدىيا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئاممىۋى ئالاقە ساھەسىدىكى تەرەققىيات ۋە ئاممىۋى تاراتقۇلاردىكى تېخنىكا تەرەققىياتى ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ھاياتىنىڭ خاراكتېرى ۋە مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي ، ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە تەىسر كۈچىدىمۇ مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنى مەيدانغا كەلتۈردى (رۇبىن، 1981: 2-3).

قىسقىسى، گەرچە ئاخبارات ساھەسى ۋە سىياسىي ئورگانلار قارىماققا مۇستەقىل ئورگاندەك قىلسىمۇ، ئەمما بۇ ئورگانلارنى بىر-بىرىدىن پۈتۈنلەي مۇستەقىل دېيىشكە بولمايدۇ. بۇ ئورگانلار پەقەت قىسمەن مۇستەقىل بولۇپ، مەلۇم دەرىجىدە بىر-بىرىگە بېقىنىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ زامانىۋىي جەمىئىيەتلەردىكى ئاساسلىق ئىجتىمائىي ئورگانلارغا نىسبەتەن «مۇتلەق مۇستەقىللىق ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكى» ھەققىدە بەس قىلىش مۇمكىن ئەمەس. يۇقىرىدىكى مىسالدا ئېنىق كۆرسىتىلگەن بۇ ئەھۋالنى ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىئىنەزىرىنىڭ تېرمىنولوگىيىسى ئارقىلىق ئەڭ ياخشى تەسۋىرلەشكە بولىدۇ: بۇ ئۇقۇملارنىڭ بېشىدا «نىسپىي مۇستەقىللىق» ۋە «نىسپىي ئاپتونومىيە» تۇرىدۇ.

بەزى ماركىسىزمچى مۇتەپەككۇرلارنىڭ قارىشىچە، مېدىيا سايلاملاردا، بولۇپمۇ ئەركىن دېموكراتىك دۆلەتلەردە ئىنتايىن ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. ئۇ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىدە بەزىدە مۇراسىملارنى كۆپتۈرۈپ مۇبالىغىلەشتۈرۈشتە، ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىنى قانۇنىيلاشتۇرۇشتا خېلى مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. ئاۋاز بېرىش، «ۋەكىللىك دېموكراتىيە، سىياسىي باراۋەرلىك، كوللېكتىپ خەلق ئىرادىسى ياكى ئۇلۇسنىڭ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئۆزى بەلگىلەش»، غايىلەرنىڭ جانلىق تۇتۇلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر پەقەت  نىشانغا يېتىشكە ياردەم بېرىدىغان سىمۋوللۇق بەلگە خاراكتېرلىك ياكى ئىدىيەۋى جەريان بولۇش بىلەنلا چەكلىنىدۇ (Barrett & Braham, 1995:62).

 Makale başlığı: Medya – politika ilişkisi üzerine sosyolojik bir değerlendirme

Makale kaynağı: © Uluslararası İnsan Bilimleri Dergisi ISSN: 1303-5134 www.insanbilimleri.com

Kaynakça:

ARSLAN, A. (2001-a), Dünyada ve Türkiye’de Medya Gerçeği, Tokat: Gaziosmanpaşa

Üniversitesi, Sosyoloji Bölümü (Yayına hazır kitap).

ARSLAN, A. (1999), Who Rules Turkey: The Turkish Power Elite and the Roles, Functions

and Social Backgrounds of Turkish Elites, Guildford: University of Surrey, Department

of Sociology (PhD Thesis).

BARRETT & Braham (1995), Media, Knowledge and Power, London: Routledge.

ETZONI, H. (1993), The Elite Connection, London: Polity Press.

RİVERS, W.L. (1982), The Other Government: Power and the Washington Media, New York:

Universe Books.

RUBİN, B. (1981), Press, Party and Presidency, London: Norton.

SCANNELL, et. al. (1992), Culture and Power: A Media, Culture and Society Reader, London:

Sage.

STANWORTH, P. & Gıddens, A. (1974), Elites and Power in British Society, London:

Cambridge University Press.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش