• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (2) ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ يولخېتى

ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (2) ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ يولخېتى

ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (2) ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ يولخېتى

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

 

1947-يىلى 8-ئىيۇل

قارىغاندا مەن پۈتۈن جاھانكەزدىلىكىم ئىچىدىكى ئەڭ ھاياجانلىق بىر سەپەرگە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئوخشايمەن. بۈگۈن ھېلىقى ماڭا تۈركچە «سىزنى سۆيىمەن» دېيىشنى ئۆگىتىپ قويغان ۋە بۇرۇن ئوقۇتقۇچى بولغان ئىنقىلابچى (ئەخمەتجان قاسىمى) ماڭا ئۈچ پارچە شىنجاڭنىڭ سوۋېت چېگراسىغا يېقىن ئىلى-غۇلجىغا كىرىش رۇخسەت خېتىنى بەردى. مەن ئاۋۋال خىتاي-سوۋېت ھاۋا يوللىرىنىڭ ئايروپىلانى بىلەن،كېيىن بولسا ۋەزىيەت جىددىي بولغانلىقى سەۋەبلىك جىپ ماشىنىلار ئارقىلىق مەنزىلىمگە ئۇلاشقۇدەكمەن (تولىمۇ قىزىقارلىق،-ھە؟). ماڭا تۇنجى ئۈلۈش خەۋەر ئۆلكىلىك ھەربىي كوماندىردىن، يەنى گېنىرال پاتتوننىڭ خىتايچە نۇسخىسىدىن كەلدى. ئۇ ماڭا ئۆلكىلىك مەسلىھەت كېڭىشى (يەرلىك ھۆكۈمەت)نىڭ ئۇزۇن مۇددەت كېلىشەلمەسلىك ئىچىگە سولىنىپ قالغان بارلىق سۆھبەتلەرنى توختاتقانلىقىنى ئېيتتى. گېنىرال تولىمۇ سىلىق-سىپايە ۋە كېلىشكەن بولسىمۇ، مەن رايىشلارچە ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ، ئۈمىد كۈتۈپ ئولتۇرمايتتىم. مەن بىر چۈشتىن كېيىن ئولتۇرۇپ، ئۆلكىلىك مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەقىقەتەن خىزمىتىدىن توختىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈش مەقسىتىدە قوزغىلاڭچى ئەخمەتجانغا روسچە خەت تەييارلىدىم. مەن ئۈچ پارچە لۇغەتتىن پايدىلانغان بولساممۇ، نۇرغۇنلىغان خاتالاردىن خالىي بولالمىغان بولسام كېرەك. ئەمما مەن خەتنى ئەخمەتجانغا ئېلىپ بارغان ۋاقتىمدا ئەخمەتجان ئۆيدە بولۇپ، مەن بىلەن كۆرۈشۈشنى تولىمۇ خالايدىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. ئۆزگىچە تىكىلگەن ئاق كۆينەك، قىرلاپ دازمال سېلىنغان ئىشتان ۋە يېشىل رەڭلىك مۇسۇلمانچە دوپپىسى بىلەن ئۇ تولىمۇ سالاپەتلىك بىر ياش قوزغىلاڭچىدەك كۆرۈنەتتى. ئۇ خەتنى ئوقۇۋاتقان چېغىدا مەن يېزىقچىلىقتىكى خاتالىقلىرىم ھەققىدە پىچىرلاپ ئەپۇ سورىغاچ تۇردۇم. مەن قايتىۋاتقان چاغدا ئۇ ناھايىتى چاققانلىق بىلەن رۇسچە «بىر مىنۇت، سىزگە بېرىدىغان نەرسەم بار ئىدى» دەپ ئۈلگۈردى. ئۇ ماڭا ئوچۇق كۆڭ رەڭلىك لىپاپقا سېلىنغان، تۈركىيچە يېزىلغان ئۈچ پارچە خەتنى ئۇزاتتى. مەن ھاياجاندىن ئايلىنىپ چۈشەيلا دېدىم، چۈنكى كېيىنكى نۆۋەتلىك سوۋېت ئايروپىلانىنىڭ پەيشەنبە كۈنى كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. ھازىرچە مۇشۇ جايدا توختىتىشىم كېرەك، قايتىپ كېلىمەن.

 

1947-يىلى 10-ئىيۇل

دىخۇادا بۈگۈن 96 گرادۇس (فاھرىنھايت). مەن يېقىندىن بۇيان دوپپا سېتىۋىلىش بىلەنلا بولدۇم. قارا، قىزىل، يېشىل، ھەتتا ئالما ئۇرۇقى ۋە ئالتۇنرەڭ يىپلاردىن تىكىلگەن نەپىس مۇسۇلمانچە دۇخاۋا دوپپىلارنىڭ ھەر بىرى 40 سېنت ئالتۇن ئىدى. بازارنى تېپىش ئۈچۈن بىز جىپ ماشىنىسى بىلەن غول يولدىن ئايرىلىپ، قۇشخانىلارنىڭ ئەتراپىدىكى يوللارنى يىلانباغرى ئايلىنىپ يۈردۇق. قۇشخانىلارنىڭ ئىشىك ئالدىدا كالىنىڭ ئىچ باغرلىرى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئاينىتىدىغان ھالەتتە تۆمۈر ئىلمەكلەرگە ئېسىقلىق بولۇپ، ئۈستىگە ئاپتاپ ۋە توپا چاڭ چۈشۈپ تۇراتتى. قاراڭغۇ ۋە تولىمۇ ئاددىي دۇكانلاردا يۈز كۆزىگە قورۇقلار چۈشكەن، ساقال-بۇرۇتلىرى مايلاشقان، خۇشخۇي تۈركىي كىشى دوپپا سېتىۋاتقان بولۇپ، ئۇ باھا تالىشىشقا تولىمۇ ئامراق ئىدى.

ناھايىتى تېزلا ئەتراپقا كىشىلەر ئولاشتى ۋە دىققەت تېزدىنلا مېنىڭدەك ئامېرىكىلىققا، بولۇپمۇ مېنىڭ كىيىم-كېچىكىمگە يۆتكەلدى. سودىنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن بىز خىتاي-سوۋېت ھاۋا يوللىرىنىڭ ئىشخانىسىغا، يەنى ئىنجىل دەۋرىدىن قالغاندەك كونا، لاي تاملىرى ھاك بىلەن سۇۋالغان بىر قوروغا كەلدۇق. تورۇسلىرى پەس كەلگەن، تاختايلىق پوللىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن بىر ئۆيدە ئارىلاش ئىرقلىق بىر رۇس ئايال ئۈستى تولۇپ كەتكەن خىتايچە ئۈستەل ئالدىدا، دېھقان چىراي بىر رۇس كاتىپ بولسا كونىرىغان ئىش ئۈستىلى ئالدىدا ئولتۇراتتى. تامغا ئېسىلغان بىر پارچە دۇنيا خەرىتىسى بۇ ئۆينىڭ قۇرۇق زىنداندەك ھالىنى ئازراق بولسىمۇ يېپىپ تۇراتتى. مەن 3 يېرىم ئامېرىكا دوللىرىلىق (350 شىنجاڭ دوللىرى) بېلىتىمنى ئېلىشىم كېرەك ئىدى. مېنىڭ رۇس شوپۇرۇم دىمىترىي تەرجىمانلىق قىلىپ بېرىۋاتاتتى. قارىغاندا دوستۇم سوۋېت باش كونسۇلى ساۋلىيېۋمۇ شۇ ئايروپىلاندا موسكۋاغا قايتىشى كېرەك بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن ماڭا بۇ ئايروپىلاندا ئورۇن يوق ئىكەن. پەمىمچە كېلەر ھەپتە كېلىشىم لازىم ئوخشايدۇ.

شۇ ئەسنادا، يەنى تۆنۈگۈن ئاخشام مەن بىر قېتىملىق سوراققا دۇچ كەلدىم. خىتاينىڭ بۇ جايدىكى بىرىنچى نۇمۇرلۇق گېنىرالى جاڭ جىجۇڭ، يەنى غەربىي شىمال باش شىتابىنىڭ قوماندانى، ماڭا كىچىكرەك ئائىلە زىياپىتى بەردى. قاتار-قاتار «دوستانە» سۆھبەتلەر ۋە تېگىدە گەپ بار چاقچاقلارنىڭ ھەممىسى تەرجىمە قىلىنىپ بېرىلسە، بۇ نېمىدىگەن ئاجايىپ سوراق،- ھە؟ بۇ گېنىرال 50 ياشلاردا بولۇپ، چۈشۈرۈلگەن چېچى، چاققان ھەرىكىتى ۋە ئالمىدەك مەڭزلىرى بىلەن كىشىگە 25 ياشدەك تەسىر بېرەتتى. مەن ئىتتىكلا بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ بىر مەيدان ئويۇن ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىدىم. مېنىڭ ئۇنى دوگ (مەن ئۇنى شەخسەن ياخشى بىلەتتىم)، پاكستون (ئامېرىكا كونسۇلى) ئەر-ئاياللار، ۋە گېنىرالنىڭ ئايالى ۋە قىزى ئالدىدا زىيارەت قىلىشىم كۈتۈلگەن ئىكەن. مېنىڭ بۇنىڭغا تاۋىم يوق بولۇپ، سوئاللىرىممۇ تەييار ئەمەس ئىدى. مەن مەقسىتىمنى توغرا چۈشەندۈرەلمىگەن بولسام كېرەك، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي دىپلوماتى ماڭا «سىزنىڭ بۇ جايدىكى ۋە ئىلى تەرەپتىكى ئېنىقلاشلىرىڭىزغا مېنىڭ جاۋابىم شۇكى، خىتايچە بىر ماقال بىلەن ئېيتقاندا <قاغا ھەممىلا جايدا قاپقارا>» دەپ جاۋاب بەردى. مەن «ياكى ھەممىلا جايدا <قىزىل>» دەپ قوشۇپ قويدۇم. مەن ئىلى تەرەپتىكىلەرنىڭ سوۋېت ۋەتەنداشلىقى ھەققىدە سورىغاندا، ئۇ ماڭا ھەر ئون كىشىدىن يەتتسى قورقۇنچتىن ياكى ئۆز مەيلى بىلەن سوۋېت ۋەتەنداشلىقىنى قۇبۇل قىلغان دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ كىشىلەرنىڭ ئەسلىدە روسىيەلىك بولۇپ (ھەم رۇسىيەلىك ھەم مۇسۇلمان)، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەنداشلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى باھانە قىلماقتا ئىكەنلىكىنى دېدى. ئۇ كىشىلەرگە ياقمىغان شەكىلدە غۇلجىدا ۋولفرام كانى ئېچىلىۋاتقانلىقى، شىخۇ ۋە ئالتايدا نېفىت قېزىلىۋاتقانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى. مىلىتارىست شىڭ شىسەي رۇسىيە بىلەن ئۈلپەت چاغلىرىدا شىخۇدىن نېفىت قېزىلغان ئىدى. ئۇ روسىيە بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەندىن كېيىن، رۇسلار نېفىت قۇدۇقلىرىنى (سېمونت بىلەن؟) پىچەتلەپ، ئۈسكۈنە ۋە ئەسۋابلىرىنى يۆتكەپ كەتكەن ئىدى. نېفىت قېزىشنىڭ شۇندىن كېيىنمۇ ئىپتىدائىي ئۇسۇللار بىلەن داۋاملاشقانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ. ھازىر بولسا ئالتايدا كەڭ كۆلەمدە كان ئېچىلىۋاتقانلىقى ۋە نېفىت قېزىلىۋاتقانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلىرىمىز بار.

بۇ خىلدىكى ھىيلە-نەيرەڭلەر بىلەن تولغان مۇھىتتا ئۈستۈن كېلىش ئۈچۈن، مەن قوزغىلاڭ رەھبىرى ئەخمەتجان بەرگەن تونۇشتۇرۇش خەتلىرىدىن بىرىنى قارا كۆزلۈك ۋە دوپپىلىق كىچىك بالىلار، توخولار ۋە بەللىرى پۈكۈلگەن خىزمەتكارلار بىلەن تولغان ھويلىدىكى ئېغىلغا ئوخشاپ كېتىدىغان لاي ئۆيلەردىن بىرىدە تۇرىدىغان، تۇرقى غەلىتە، سالام سائەتلىك، ۋىجىك بىر كىشىگە كۆرسىتىپ باققىلى باردىم. خىتايغا ماھىل بۇ كىشى 20 يىل بۇرۇن سۈرىيەدە ئېنگىلىزچە ئۆگەنگەن ئىكەن. مەن گەرچە خەتنى ئۇنىڭغا ئوقۇتۇشتىن ئەيمەنسەممۇ، بىخەتەرلىكىمگە كاپالەتلىك قىلىشنى، بولۇپمۇ ئەخمەتجاننىڭ پېچەتلەنگەن خەت ئىچىدە بىرەر نەرسە يوشۇرغان يوشۇرمىغانلىقىنى بىلىشنى بەكمۇ خالايتتىم. ئۇ ھېچنىمىنى يوشۇرمىغان ئىكەن. تۈركىي تىلدا يېزىلغان خەتتە تولۇق ھەمكارلىق قىلىش تەلەپ قىلىنىپتۇ. بۇنىڭدىن باشقا مەن زىيارەت قىلماقچى بولغان ۋە سىياسىي يۈزى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان بۇ ھاكىمىيەتكە نىسبەتەن تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولغان بولدۇم. مەن ئەسكەرلەر، قوراللار ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق لازىمەتلىكلەرنى ساناش ۋە ھەممە نەرسىلەردە ئېيىقنىڭ پەنجىسىنى (سوۋېت تەسىرىنى) ئىزدەش ھەققىدە يوليورۇق ئالدىم. مەن باشقىلار سېزىپ قېلىشتىن بۇرۇن ھېكايەمنى پۈتتۈرۈپ، ئۆزۈم بىلەن ساق ئېلىپ چىقالىساملا بولاتتىغۇ. ئاھ، تەڭرىم، نېمىدېگەن تەلەي بۇ،-ھە؟

 

(داۋامى بار)

ئالدىنقى قىسىمى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدا: ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (1)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top