• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » شەرقى تۈركىستان پاجىئەسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە

شەرقى تۈركىستان پاجىئەسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە

ئاپتورى: دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى (خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى مۇدىرى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى باش كاتىبى)

دېكتور: ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر (ئۇيغۇر رادىئو – تېلىۋىزىيەسى)

ئىزدىنىش – 1

شەرقى تۈركىستان پاجىئەسى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچار بولغان ئاسارەت ۋە زۇلۇمنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرى

شەرقى تۈركىستان پاجىئەسى ، ئۇيغۇرلار دۇچار بولغان ئاسارەت ۋە زۇلۇمنىڭ سەۋەپلىرىنى ئىزدىگەن ۋاقىتتا ئومۇمەن 18- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا باشلانغان خىتاي- مانجۇ ئىستىلاسى، ياقۇپخان بەدەۋلەت تەرىپىدىن  قۇرۇلغان “قەشقەرىيە دۆلىتى” (1863-1878) زامانىدىكى ئىنگىلىز ئويۇنلىرى، 1933- يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان “شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى”  ۋە  1944- يىلى  ئىلىدە قۇرۇلغان  “شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئاغدۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلارنى قامال قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان  خىتاي-رۇس ھەمكارلىقى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە 1949- يىلىدىن بېرى داۋام قىلىپ كىلىۋاتقان قىزىل خىتاي ھاكىمىيىتى قاتارلىق سەۋەپلەرنى قاتار تىزىپ چىقىمىز.

ئەمما بۇ ساناپ چىققانلىرىمىز بۇگۈنكى ئەھۋالنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ چىقارغان تاشقى ئامىللاردۇر. داۋاملىق  بۇلارنى تىلغا ئېلىش بىلەن قانائەتلىنىش پەقەتلا تارىخىمىزنى، ئۆتمۈشنى ئەسلەش ۋە چوڭقۇر ئاھ تارتىپ،  جىق بولسا دۈشمەنلىرىمىزنى تىللاپ قويۇش ۋە شىكايەت قىلىپ قويۇشقا يارايدۇ.

بىزنىڭ مەقسىتىمىز نىمە؟ بېشىمىزغا كەلگەن بالايى- ئاپەتلەرنىڭ مەسئ‍ۇلىيىتىنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇپ “زالىم خىتاي، ئىككى يۈزلىمىچى رۇسلار،  نەيرەڭۋاز ئىنگىلىزلەر” دەپ پۇخادىن چىققىچە تىللىۋېلىشمۇ ياكى دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇپ، ئازاتلىق كۆرىشىدە غەلبە قىلىشمۇ؟ ئەگەر شەرقى تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر نىجاتلىق يولى ئىزدەيدىغان بولساق،ئالدى بىلەن ئۆتمۈشىمىزنى مۇھاكىمە قىلىشىمىز، بۇگۈنكى پالاكەتكە زىمىن تەييارلىغان ئىچكى ئامىللارنى قېزىپ چىقىرىشىمىز، سەۋەپلەرنى ئېنىقلاپ ئۇنىڭغا  كۆرە چارە تەدبىر قىلىشىمىز  ، يەنى ھەقىقى نىجاتلىق ئۈچۈن توغرا يولنى تېپىشىمىز كىرەك.

ئالدى بىلەن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرىشىمىز كېرەككى، بىز يۇرتىمىز شەرقى تۈركىستاننى خىتايغا تارتقۇزۇپ قويدۇق.

قانداق تارتقۇزۇپ قويغانلىقىمىزنى تۆۋەندىكى سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى ئىزدەش ئارقىلىق چۈشىنىپ يېتەلەيمىز:

تارىخ بويىچە كاتتا دۆلەتلەر قۇرغان، ئىنسانىيەت تېخى قەبىلە ھاياتى ياشاۋاتقاندا، دۆلەت تەجىرىبىللىرىنى جەملەپ، دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ كىتابىنى يەنى «قۇتادغۇ بىلىگ»نى يازغان بىر ئەجداتنىڭ نەۋرىللىرى بۈگۈن قانداق بولۇپ ئۆز تۇپراقلىرى بولغان شەرقى تۈركىستاندا دۆلەتسىز، ئاسمىنىدا بايراقسىز، جامە- مەسجىتلىرى ئەزانسىز، بويۇنتۇرۇق ئاستىدا ئېزىلىپ پۈكۈلگەن بىر خەلق ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى؟

11- ئەسىردە ئەرەپلەرگە تۈركچە ئۆگۈتۈش،  ئىنسانىيەتكە تىلشۇناسلىقنى ئۆگۈتۈشنى ھۆددىگە ئالغىدەك غايىگە ئىگە، تا ئۇ دەۋىردە دۈنيا خەرىتىسىنى يۇمۇلاق سىزغىدەك  بىلىم مەرىپەت ئىگىسى، ئىنسانىيەتكە كىيىم  كېچەكلەرىنى دەزمال سېلىپ كىيىشنى ئۆگەتكىدەك مەدەنىيەتلىك بىر ئەجداتنىڭ نەۋرىللىرى بولغان ئۇيغۇرلار  بۇگۈن قانداق بولۇپ ئۆزىنىڭ دەردىنى توغرا چۈشەندۈرشتىن يوقسۇن، مۇھاكىمە، ئاڭقىرىما قابىلىيىتىنى يوقاتقان، ھەر تۈرلۈك مەنىۋى ئالدىنىشقا، قايمۇقتۇرۇلۇشقا ۋە قوللىنىلىشقا مەيىللى  بىر خەلققە  ئايلىنىپ قالغان؟

شەرقى تۈركىستان زېمىنى تارىخى يىپەك يولىنىڭ ئاساسلىق ئۆتۈش يولى بولۇپ، ئۇ دەۋىرلەردە خەلقارالىق تىجارەتچىلەر، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتى. ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ ئۇزاق جايلىرىدىنمۇ خەۋىرى بولۇپ تۇراتتى. كارۋان سارايلار ئىنسانلىقنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى مىھمانخانا مەدىنىيىتىنى تەشكىل قىلاتتى. 15 -ئەسىردىن كىيىن يىپەك يولىنىڭ  قۇرۇقلىقتىن دېڭىزغا كۆچۈپ كېتىشى، يەر يۈزىدە دېڭىزغا ئەڭ ئۇزاق رايون بولغان شەرقى تۈركىستاننىڭ تاشقى دۈنيا بىلەن بولغان مۈناسىۋىتىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىگە بۇ شەكىلدە يېڭىلىقلاردىن، تەرەققىياتلاردىن خەۋەرسىز قېلىپ،  بارغانسىرى ئىچىگە قامىلىپ قالغان بىر جەمىيەتكە ئايلىنىپ قېلىشىغا سەۋەپ بولغان بولىشى مۈمكىن.  ئەمما ۋە لىكىن، تارىخىى قەيىتلەر ۋە ھۆججەتلەرىنى قوچىغان ۋاقتىمىزدا ھەقىقى سەۋەپلەرنىڭ بۇنىڭدىنمۇ  كۆپ ۋە مۇھىم بولغانلىقى كۆرۈلمەكتە.

1. ئۇيغۇرلار بۇرمىلانغان دىنى ئېقىملارغا ئەگىشىپ، ئۆسەك پەتىۋالارغا چوقۇنۇپ ،ئىسلامنىڭ ھەقىقى روھىدىن ۋە مىللي قىممەتلەرىدىن ئۇزاقلاشقانسىرى جاھالەت پاتقىقىغا پاتقان.

مەلۇم بولغىنىدەك، شەرقى تۈركىستان زېمىنى قاراخانىلار  دۆلىتى( 840- 1212)،  ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتى (9-13- يۈز يىل) دىن كىيىن، ئەركىنلىكىنى پايتەختى ياركەنت بولغان سەئىدىيە خانلىقى دۆلىتى (1514-1696) بىلەن داۋام قىلغان. سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدىكى ئومۇمىي ئەھۋالنى “تەۋارىھ-ئى مۇسىقىييۇن” (مۇزىكىچىلەر تارىھى) ناملىق ئەسەردىكى قەيىتلەردىن كۆرمەكتىمىز.

ئەسەردە شۇنداق بىر بۆلۈم بار: «مۇسىكىنىڭ  13- پىرى قىدىرخان ياركەندىدۇر، بۇ ئەزىزدەك بۇ فەندە ماھارەت كۆرسەتكەن ئۇستا ئازدۇر. بۇ ئەزىز كۆپىنچە ئەمىر نىزامەددىن ئالىشىر نەۋايى ھەزرەتلېرىنىڭ  غەزەلىياتلارىدىن ئېيتار ئىدى. ئالەمگە بۇنىڭ كەبى  ھوش ئاۋاز كىشى كەلمىگەندۇر. ئىراقتىن ، تەبرىزدىن،  ھارەزمى، سەمەرقاند، ئاندىجان، ئىستانبۇل ، كەشمىر ، بەلھ، شىراز قاتارلىق ئۇزاق شەھەرلەردىن  مۇسىقى ئۆرگىنىشكە كەلگەن شاگىرتلېرى بار ئىدى. راۋابنى، خۇشتارنى بۇ ئازىز كەشىپ قىلدى. ھەم شائىر ئىدى».  يەنى بۇنىڭدىن 16- ئەسىردىكى ياركەنتكە، ئىستانبۇل قاتارلىق  دۈنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مۇزىكا ئۆگۈنۈش ئۈچۈن تالىبلارنىڭ كېلىدىغانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز.

خۇددى بۇگۈن ئىنگىلىزچە ئۆگۈنۈش ئۈچۈن دۈنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن  ئوقۇغۇچىلار لوندونغا بېرىۋاتقاندەك ، ئۇ دەۋىردە سەنئەت، مۈزىكا ئۆگۈنۈش ئۈچۈن دۈنيانىڭ ھەر قايسى  جايلىرىدىن ئوقۇغۇچىلار ياركەنتكە بارىدىكەنتۇق. دېمەككى 16- ئەسىردە شەرقى تۈركىستان يەنىلا دۈنيانىڭ مەدەنىيەت مەركىزى ئىدى. ئۇ دەۋىردە مەلىكە ئاماننىساخان ۋە ئۇستاز قىدىرخان ياركەندى تەرىپىدىن ئ‍ۇلى سېلىنغان، تەرتىپلەنگەن. «ئۇيغۇر 12 مۇقامى» ئۇيغۇر-تۈرك مەدىنىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ  ئاز “دىۋانى لۇغاتىت-تۈرك” ۋە “قۇتادغۇ بىلىك” قەدەر مۇھىم مەدەنىيەت  مىراسى بولۇش بىلەن بىرگە،  كۈنىمىزدە ئۇيغۇرلارنىڭ يۇنەسكو تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنغان ئەڭ قىممەتلىك  مىللى مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن بىرى بولماقتا. لېكىن 20- ئەسىرنىڭ  باشلىرىغا كەلگەندە شەرقى  تۈركىستان زېمىنىدا جاھالەتنىڭ ھاكىم بولغانلىقى،خەلقىمىزنىڭ ئاسارەت ئاستىدا ئېزىلمەكتە بولغانلىقى يەنە بىر تارىخى ئەسەردە كۆرۈلمەكتە. 1914 -يىلى، ئىستانبۇل ۋالىدە سۇلتان مەكتىپىنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىسى ئاھمەت كەمال، ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى تالات پاشانىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن، شۇ ۋاقىتتا ئىستانبۇل چاپا تىبابەت  فاكۇلتىتىدا ئوقۇۋاتقان  ئۇيغۇر ياش يىگىت مەسۇت سابرىنىڭ  ئۇستىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرىشى نەتىجىسىدە،  ھەجدىن قايتىپ ئىستانبۇلدىن ئۆتكەن شەرقى  تۈركىستانلىق ھاجىلارنىڭ ئىچىگە ئارىلىشىپ  قەشقەرگە بارغان.

ئەھمەت كامال ئىلقۇلنىڭ شەرقى تۈركىستان ۋە خىتاي سەپىرى 1914-يىلى 2-ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 1920-يىلى 6- ئاينىڭ 18- كۈنىگىچە 6 يىل 4 ئاي داۋام قىلغان بولۇپ، قەشقەردە  ۋە  ئاتۇشتا «جەمئيەتى خايرىيەيى ئىسلامىيە» تەشكىلاتلارىنى قۇرغان ۋە «دارۇلمۇئاللىمىن-ئى ئىتتىھات» نامىدا مەكتەپلەر ئاچقان.

بۇ كىشى سەپىرىدىن كىيىن قەلەمگە ئالغان «تۈركىستان ۋە چىن يوللېرىدا ئۇنۇتۇلمىغان خاتىرالار» دىگەن  كىتابىدا، شەرقى تۈركىستاننىڭ ئومومى ئەھۋالى مۇنداق تەسۋىرلىگەن  «….. مەيلى ئۆلىما، داموللا ۋە ياكى يۇرتتىكى بايلار دەپ ئاتالغان زاتلار بولسۇن بۇ مەدەرەسەلەرگە زامانغا لايىق بىر شەكىل بېرىش جەھەتتە كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكى ئۈچۈن مۇتەئەسسىپ گۇرۇپپىلارنىڭ كۆپىيىشىگە، جاھالەتنىڭ يېيىلىشىغا سەۋەپ بولغان بولۇپ، بۇ بۈيۈك تۈرك دىيارىنى ۋە خەلقىنى، بۇ پەرۋاسىزلىق،  غەپلەتكە پاتۇرغان ۋە پالەچ قىلىپ قويغان ئىكەن….»

بىر ۋاقىتلاردا ئىستانبۇل ۋە باشقا قوشنا شەھەرلەردىن ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلغان مەدىنىيەت مەركىزى بولغان شەرقى تۈركىستان ، 250 يىلدىن كېيىن ئىستانبۇلدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىچىنى قارارتقىدەك دەرىجىدە جاھالەت گىردابىغا غەرق بولغان ئىدى. مەدەنىيەتتىن جاھالەتكە ۋە كىيىن ئاسارەتكە ئۇزىغان بۇ دەۋىر، شەرقى تۈركىستان تارىخىنىڭ ئەڭ قاراڭغۇلۇق دەۋرى بولۇپ “خوجىلار دەۋرى” دەپ ئاتالماقتا. خوجىلارنىڭ ھەقىقى كۈچكە ئىگە بولغان دەۋرى 16-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 17- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا توغرا كېلىدۇ. شەرقى تۈركىستاندا جاھالەتنىڭ ۋە ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقان ئاسارەتنىڭ ئۇرۇغىنى تېرىغان، خەلق ئارىسىدا ئاپپاق غوجا دەپ تونۇلغان ھىدايەتۇللاھ بۇ غوجىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۆرنىكىدۇر.

ھىدايەتۇللاھ فەرغانەدە دۈنياغا كەلگەن بولۇپ، دادىسى يۇسۇف بىلەن بىرلىكتە سائىدىيە خانىıقıغا ئابدۇللاھ خان دەۋرىدە (1638-1668) (3) كەلگەن. ياركەنت خانلıقىغا ئۇنىڭدىن بۇرۇن كەلگەن خوجىلار بىلەن ئارىسىدا خانغا يېقىن بولۇش، سارايغا پۇت سوقۇش، تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا ئىقتىدارغا ئورتاق بولۇش جىدىلى باشلانغان.

ھىدايەتۇللاھ 1677- يىلىدا سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى خانى بولۇپ قالىدىغان ئسمائىل خان تەرىپىدىن قوغلانغان بولۇپ ،كېيىن كەشمىر يولى بىلەن  تىبەتكە بارىدۇ. بۇدىست لىدەر 5- دالايلامادىن ئەسكىرى ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. لاما بۇ تەلەپنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان قالمۇقلارنىڭ خاني گالدانغا خەت يېزىپ بۇ تەلەپنىڭ ئورۇندىلىشىنى سورايدۇ. بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن گالدان بېشىدا ئاپپاق خوجا ۋە قوماندانلىرى بىلەن 12000 كىشىلىك قالمۇك قوشۇنىنى  ياركەنتكە ئەۋەتىدۇ. بۇ چاغ جۇڭغار خانلىقىنىڭ كۈچلۈك بولغان دەۋرى بولۇپ ،ئىسمائىل خاننىڭ ئەسكىرى كۈچى بۇ ئۇرۇشنى قازىنىشقا يەتمەي قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ مۇسۇلمان ئاپپاق غوجا ،بۇتپەرەس قالمۇقلارنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى  بىلەن ياركەنت خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ ئالتە شەھەرنىڭ خانى بولىدۇ.

تېخىمۇ مۇھىمى خەلققە ئۆزىنى “سەيىد” يەنى مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ نەسلىدىن كەلگەن دەپ تونۇتۇپ ،خەلقنىڭ دىنى ھىسسىياتىنى ئۆزىنىڭ شەخسى ئوبرازىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن قوللىنىدۇ. 
خەلقىمىز بولسا “پەيغەمبەرىمىز ئەرەبىستاندا دۈنياغا كەلگەن، مەلۇم بولغىنىدەك پەيغەمبەرىمىزنىڭ ئۈچ ئوغۇل، تۆت قىز  پەرزەنتى بولۇپ ئوغۇللىرى قاسىم ئىككى ياشتا، ئابدۇللاھ ئۈچ ئايلىق، ئبراھىم بولسا 18 ئايلىق ۋاقتىدا ۋاپات بولغان. نەۋرىلىرى ھز. ھەسەن بىلەن ھز. ھۈسەيىن كەربالادا شەھىت بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرىمىزنىڭ نەسلى بەك ئۇزۇن سۈرمىگەن. پەيغەمبەرنىڭ ۋاپاتىدىن مىڭ يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە فەرغانەدە تۇغۇلغان بىر كىشى قانداق بولۇپ پەيغەمبەرىمىزنىڭ نەسلىدىن كېلىدۇ؟” دەپ سوراش ئەقلىگە كەلمەي ئۇنىڭغا چوقۇنغان.

ئاپپاق غوجا ھىدايەتۇللاھ ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن كىيىن بىرىنجى ئىشى زىيالىلار،  سەنئ‍ەتكارلاردىن باشلاپ پۈتۈن ئىتىرازچىلارنى  قىلىچتىن ئۆتكۈزگەن. مەلىكە ئاماننىسا خان ۋە باشقا  مۇزىكشۇناسلارنىڭ سەنئەت  ئەسەرلەرىنى مەنئ‍ىي قىلغان، شەرىئەتكە خىلاپ دەپ ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرگەن. يەنە بىر تەرەپتىن قالمۇقلارغا بېرىلگەن ۋەدە بويىنچە ھەر يىل 3.5 تون كۈمۈش باج تۆلەنگەن بولۇپ، بۇ ھەر ئائىلىنىڭ كىرىمىنىڭ %55 قىسمىغا تەڭ كەلگەن. بۇ ئەھۋال ئاپپاق غوجا ئۆلگەندىن كىيىنمۇ داۋام قىلغان بولۇپ ،ئۇيغۇرلار  ھەم ماددى ھەم مەنىۋى جەھەتتىن زاۋاللىققا يۈز تۇتقان. بۇنىڭ بىلەن بىرگە خوجالار ئاراسىدىكى ئىقتىدار جىدىلى  خەلقىمىزنى “ئاقتاغلىقلار ۋە  قراتاغلىقلار” دەپ ئىككىگە بۆلگەن ئىدى.

بۇ ۋەزىيەتنى پۇرسەت بىلگەن چىڭ-مانجۇ خانلىقى 1755 يىلىدا ھەم قالمۇقلار ھەم غوجىلارنىڭ ئۈستىگە ئەسكەر ئەۋەتىپ  1757  -يىلى شەرقى تۈركىستانغا بولغان بىرىنجى ئىستىلاسىنى تاماملىغان. غوجىلارنىڭ ئەڭ كۆپ تەسىر كۆرسەتكەن يەرلىرى “ئالتە شەھەر” بولۇپ، غوجىلارغا ئائىت 33 مازارنىڭ ئەڭ مەشھۇرى قەشقەردىكى ئاپپاق غوجا (1626- 1694) مازارىدۇر. بۇ مازار خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك قوغدىلىش نۇقتىسى دەپ بېكىتىلگەن. شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىشغال قىلىنىشىدا كاتتا تۆھپىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي دۆلىتى ئاپپاق غوجا مازىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە. خىتايدىن ۋە دۈنيانıڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە بۇ مازارلıق چوقۇم كۆرسىتىلىدۇ.
شەرقى تۈركىستاندا ھېلىمۇ داۋام قىلىۋاتقان ئاسارەت دەۋرى مانا مۇشۇ ئاپپاق غوجا ئىسمى بىلەن باشلانغان.
تېخىمۇ ئاچچىق- كۈلكۈلىك بولغىنى: فارسچە “ئالەم” مەنىسىدىكى “ئافاق” كەلىمەسى بىلەن “غوجا” كەلىمىسى بىرلەشكەندە “ئالەمنىڭ غوجىسى ” مەناسىغا كېلىدۇ. لېكىن ئۇيغۇرچە “ئاپاق” دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار “بەك ئاق” مەنىسىدە “ئاپپاق” دەپ ئاڭقىرىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن قارا بەختىنىڭ سەۋەپچىسى بولغان  بۇ كىشىگە “ئاپپاق غوجا”دەپ چوقۇنغان.

بۇنىڭغا ئوخشاش ئۆرنەكلەردىن كۆرىۋالغىلى بولىدىكى، ئۇيغۇرلار بۇرمىلانغان دىنى ئېقىملارغا ئەگىشىپ، پىرى تۈركىستان ئاھمەت يەسىۋى ھەزرەتلەرىنى تاشلاپ ، ئۆسەك پەتىۋاچىلارغا چوقۇنۇپ،ئىسلامنىڭ ھەقىقى روھىدىن ۋە مىللى قىممەتلەرىدىن ئۇزاقلاشقانسىرى جەھالەت پاتاقلىقىغا پاتقانلىقى ئاچچىق بىر ساۋاق بولۇپ ئالدىمىزغا چىقماقتا.

2. ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلغان ئاسارەت، جاھالەت ئۇيغۇرلاردىكى ئىجتىمائى مەسۇلىيەتچانلىق روھىنى ئاجىزلاتقان،سەمىمىيەت ۋە ئۆز-ئارا ئىشەنچ ئۇقۇمىنى  خۇنىكلەشتۈرگەن.

مۇستەقىللىقىنى يوقۇتۇپ قويغان ئۇيغۇرلار بارغانسىرى ھاكىمىيەتكە قارشى پاسسىپ تىركىشىش ئۇسۇلى شەكلىدە “مېنىڭ نىمە كارىم” دىگەن يولنى تاللىغان، “تۆگە كۆردۈڭمۇ؟ ياق” دەپ بېشىنى ئىچىگە تىقىۋىلىپ ئەتراپىغا دىققەت قىلمايدىغان، ھىچ بىر ئىش بىلەن كارى بولمايدىغانغا  ئادەتلەنگەن. “مىنىڭ ئۆزەمنىڭ ھۆكۈمىتىم ئەمەسقۇ” دەپ قاراپ ،جەمىيەتكە قارشى مەسۇلىيەتچانلىقنى كېرەكسىز دەپ قاراشقا كۆنۈپ كەتكەن. ئۆزلىرىنى باشقۇرىدىغانلارغا ئىتائەت قىلماسلىق، يول يورۇقلارنى ئورۇندىماسلىق، ئۆتكەلنى ئەپلەپ سەپلەپ ئۆتىۋىلىش، باھانە تېپىش يەنى يالغان گەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان.

ئاڭلىق بىر جەمىيەت ئۈچۈن ئېلىپ ئېېيتقاندا ،بۇ خىل ئۇسۇللار ئىشغالچى دۈشمەنگە قارشى ئۆزىنى قوغداش ۋە ھەتتا كۆرەش قىلىش مىخانىزمىسىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشى مۇمكىن ئىدى.

ئەمما، ئۇيغۇرلاردا ئاسارەت بىلەن جاھالەت ئىرماش-چىرماش بولۇپ بىرلىكتە داۋام قىلغانلىقى ئۈچۈن ،بۇ ئۇسۇللار خاتا ئاڭقىرىلغان بولۇپ سەمىمىيەتسىزلىك، مەسۇلىيەتسىزلىك، ئاسانلا يالغان گەپ قىلىش – ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز- ئۆزىگە زىيان بېرىدىغان  ئىجتىمائى ئىللەتكە  ئايلىنىپ قالغان. غوجىلارنىڭ قىلمىشلىرىغا قاراپ ھىچ كىم ھىچ كىمگە ئىشەنمەيدىغان بولغان.

ئۇيغۇرلار ئۆز بىشىغا قابىلىيەتلىك بولسىمۇ، كوللىكتىپ ھەرىكەت قىلىش روھى ۋە قابىلىيىتى ئاجىزلاپ كەتكەن. ئۇيغۇر جەمىيىتىدە قەھرىمانلارنىڭ يالغۇز قېلىشى،  قوزغىلاڭلارنىڭ ئاۋام خەلىققە يېيىلالماسلىقى،  ھەتتا 2 قېتىم قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنىڭمۇ كەڭ كۆلەمدە پۈتۈن خەلقنىڭ جان پىدالىق بىلەن قوغدىشىغا ئىرىشەلمىگەنلىكىمۇ ،يۇقىرىدىكى ئىجتىمائى ئىللەتلەرنىڭ تەسىرىدىن بولغان دىيىشكە بولىدۇ.

بۇ ئىللەتلەر بۇگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا گۈمانخورلۇق ھالىتىدە ياشىشىغا، ئىتتىپاقسىزلىقىغا، بۆلۈنۈپ پارام- پارچە بولىشىغا، دوستلىرىنىڭ كۆڭلىدىن چۈشۈشىگە، دۈشمەنلىرىنىڭ كۆزىدە كىچىكلەپ مەسخىرە قىلىنىشىغا ۋە خورلىنىشىغا سەۋەپ بولماقتا.

ئۇنداقتا بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن نىمە قىلىش كىرەك؟

ئىزدىنىش پروگراممىزنىڭ ئىكىنجى بۆلۈمىدە بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختۇلۇپ ئۆتەيلى.

ئىزدىنىش – 2

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ تەقاززاسى ۋە مىللەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن قىلىشقا تېگىشلىك ۋە قىلغىلى بولىدىغان ئىشلارغا تۆۋەندىكىچە ئىزاھات بەرمەكچىمەن:

1. ئۇيغۇر جەمىئىيىتىدە توپ يەكۈن روھى تازىلىق سەپەرۋەرلىكى قوزغاپ، يوقۇلۇپ كەتكەن ئەسىلى قىممەتلىرىمىز- سەمىمىيەت، ساداقەت ۋە ئۆز-ئۆزىگە ئىشەنچ قاتارلىق ئۇقۇملارنى يېڭىدىن تىكلەپ چىقىشىمىز كىرەك.

بۇگۈن شەرقى تۈركىستاندا خىتاي زۈلمىدىن باشقا يەنە، بۇرمىلانغان دىنى ئېقىملارنىڭ يېيىلىشى بىلەن پەيدا بولغان دىنى كۆزقاراش پەرقلىرىمۇ ئۇيغۇرلانى بۆلمەكتىدۇر. “جەننەت ئانىللىرىڭىزنىڭ ئاياغلىرى ئاستىدىدۇر” دىگەن ھەدىس-ئى شەرىپنى يوققا چىقىرىپ ئانىسىنى، سىڭلىسىنى، تۇپرىقىنى خىتايغا تاشلاپ بېرىپ، جەننەتنىڭ دەرۋازىسىنى “دارۇل ھارپ” بولغان سۇرىيەدە ئىزدەش كېرەكلىكىگە، بۇنىڭ بىر “ئىسلامى جىھات” بولغانلىقىغا ئىشەندۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنڭ بارلىقىمۇ بىر ھەقىقەتتۇر.

ھازىردىن ئىتىبارەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىنجى ئېھتىياجى ھەقىقى ۋە ئۆز ئىسلامى تەربىيەنىڭ تەرتىپلىك بىر شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىشىدۇر. بۇ جەھەتتە تۈركىيەنىڭ دىنىي تەلىم تەربىيە تەجىربىسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ توغرا يولدۇر. ئىستانبۇلدىكى سۈلەيمانىيە جامىسىنىڭ ھويلىسىدا بىر لەۋھە داۋاملىق ئېسىقلىق بولۇپ، لەۋھەدە مۇنداق يېزىقلىق: دىن سەمىمىيەتتۇر.

بۇگۈن نوپۇسى مۇسۇلمان بولغان دۆلەتلەر ئىچىدە ،دىنى كۆزقاراش پەرقى سەۋبىدىن ئىنسانلارنىڭ بىر- بىرلىرىنى چەتكە قاقمايدىغان ۋە بىر- بىرلىرىنى بوغۇزلىمايدىغان دۆلەت تۈركىيەدۇر. دىنى مەسىلىلەر بىلەن دۆلەت ئىدارىسى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئەڭ توغرا ھەل قىلغان دۆلەتمۇ تۈركىيەدۇر. بۇ سەۋەپلەر تۈپەيلى ئەڭ تەرەققى قىلغان مۇسۇلمان دۆلەتىمۇ تۈركىيەدۇر.

“دىن – سەمىمىيەتتۇر”،  “ھىچ  ئۆلمەيدىغاندەك ئىشلە، ئەتە ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل”، “ئاللاھتىن ئۈمۈد كېسىلمەس” دىگەنگە ئوخشاش ئوچۇق، ھاياتقا باغلىغۇچى، سۆيگۈ ۋە مەسۇلىيەتچانلىق بەخىش قىلىدىغان پەلسەپىلەر بىلەن توپيەكۇن روھى تازىلىق ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، خەلقىمىز ئالدى بىلەن روھى مەيخۇشلۇقتىن قۇتقۇزىلىشى كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ قارا خانىلار دۆلىتى دەۋرىدە ئىسلامنىڭ بايراقدارلىقىنى قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىش بۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يېڭىدىن تىكلەش كېرەك.

بۇ ئىش بۈگۈنكى شەرتلەردە شەرقى تۈركىستان زىمىنىدە بىۋاستە ئىجرا قىلىنالماسلىقى مۇمكىن، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتە باشلامچىلىق قىلىشى كېرەك.

بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلار ئومومىي يۈزلۈك ئۆز- ئۆزىگە بىر سۆز بېرىشى كېرەك: “مەن بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا ۋە قەۋم- قېرىنداشلىرىمغا زىيانلىق ئىش قىلمايمەن، زەرەرلىك سۆز قىلمايمەن”.

بۇنى كونترول قىلىدىغان بىر مېخانىزم يوق،  ئەمما “دىن سەمىمىيەتتۇر” دەستۇرى بىلەن ھەر ئۇيغۇر يۇقىرىدا ھەر زامان، ھەر يەردە ھەممىنى بىلىپ ۋە كۆرۈپ تۇرىدىغان ياراتقان ئىگەمنىڭ بارلىقىنى ئۇنۇتماسلىقى، بۇ ئاڭ بىلەن ئۆز ئۆزىنى كونترول قىلىشى، ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن سۆزۈنى تۇتىشى كېرەك.

بۈگۈن ھەر ئۇيغۇرنىڭ ئائىلەسىدە، سۇلالىسىدە ياكى دوست، ئاغىنە-ئىنىلىرى دائىرىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يوق يەرگە قولغا ئېلىنغان، زىندانغا تاشلانغان، يوق بولۇپ كەتكەن ،ھەتتا ئۆلۈپ كەتكەن بىرىلىرى مۇتلەق بار.

خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىن “سەن ئۆل مەن تىرىلەي” دىگەن بۇ يولدىن يالتىيىپ قالمايدىغانلىقى، بۇ ۋەھشى نىيىتىدىن قەتئ‍ىي ۋاز كەچمەيدىغانلىقى ئوچۇق ئاشكارە كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. ھەر كىم ئۆز ئائىلىسىنىڭ ۋە خەلقىنىڭ كېلەچىكىنى ئويلىغان ۋاقتىدا بۇ سەمىمىيەتنى تىكلەشتىن باشقا يول بولمىغانلىقىنى، ئەكسى تەقدىردە پات يېقىندا يوق بولۇپ كېتىدغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلەيدۇ.

ھەممەيلەننىڭ بىرەر نەپەر سۈپىتى بىلەن ئايرىم ئايرىم قەھرىمانلىق داستانلىرى يېزىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما ھەممە كىشىىنىڭ ھىچ بىر توسقۇنلۇققا ئۇچرىماستىن قىلالايدىغان ئىشى بار، ئۇ بولسىمۇ:

ياراتقان ئىگىسىگە، تۇغۇپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىسىغا قارشى سەمىمىيەت ۋە سۆيگۈ باغلاش،

ئۆزى ئائىت بولغان خەلقىگە، جەمئ‍ىيەتكە ھەتتا ئىنسانلىققا قارىتا مەسۇلىيەتچانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقتىن ئىبارەتتۇر.

2. ئۇيغۇرلار مىللي ۋە مەنىۋى كىملىكلىرى ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇق قۇرۇشنى، ماكانغا ۋە زامانغا قاراپ كىملىكلىرىنى توغرا ئىپادە قىلىشنى ئۆگىنىشى كېرەك.

ھەممىگە مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار ئادەم بىلەن ھاۋۋانىڭ پەرزەنتلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنساندۇر، “توققۇز ئوغۇز، ئون ئۇيغۇر” تەبىرى بويىچە ئېلىپ ئېيتقىنىدا تۈركتۈر،

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلىپ ئىسىمىنى ئابدۇلكەرىمخان دەپ ئۆزگەرتكىنىدىن بېرى يەنى 1100 يىلدىن بېرى مۇسۇلماندۇر.

بۇ كىملىكلەر بىر- بىرىنى تولۇقلاش ئەھمىيىتىگە ئىگە بولۇپ، ئارىسىدا پەقەت بىرىنىلا كەسكىن تاللىۋىلىش، ھەتتا بۇ كىملىكلەرنىڭ بىرىسىدە ئالاھىدە چىڭ تۇرىۋىلىش ئۇيغۇرلارنى بۆلىدۇ، يالغۇزلاشتۇرىدۇ.

تارىختىن دەرس ئېلىپ مىللىي ۋە مەنىۋى كىملىكلىرىمىز ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇق قۇرغان ۋاقتىمىزدا ئۇيغۇر جەمئ‍ىيىتىنىڭ ئورتاق نۇقتىسى كۆپىيىدۇ، ئىجتىمائى ئىتتىپاقلىق مۇستەھكەملىنىدۇ. بولۇپمۇ دىنى مەسىلىلەردە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن بەكرەك دىندار كۆرۈشكە، ئىنسانلارنى دىنى ۋاجىبلارنى ئورۇنلاش دەرىجىسىگە قاراپ باھالاشقا ۋە جەمئ‍ىيەتنى دىندار- دىنسىز دەپ بۆلۈشكە، قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئاللاھنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىشقا كىرىشمەسلىكى كېرەك. چۈنكى ئىبادەتمۇ، قاباھەتمۇ مەخپىدۇر. داۋراڭ سالماي، خەققە كۆرسەتمەي، جىمجىت شەكىلدە دىنى ۋەجىبەلىرىنى ئورۇنلاۋاتقان مۆمىنلەرمۇ ئاز ئەمەس. ” ئىمان بىلەن پۇلنىڭ كىمدە بولغانلىقى مەلۇم بولماس” ھەر كىم ئۆزىگە ئىگە چىقىشى، دىنى جەھەتتە ئۆزىنىڭ مەسۇلىيەتىنى بەجا كەلتۈرىشى كېرەك.

بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بۈگۈن شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى چۈشەندۈرگەندە ماكان ۋە مۇھىتقا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.

ئىسلام دۈنياسىغا خىتاپ قىلغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىللىرىنى بەكرەك تەكىتلەش كېرەك. بۇ شەكىلدە ئىسلام دۇنياسىدىن  ئۇيغۇرلارغا ساھىپ چىقىشىنى، ئەركىنلىك كۆرىشىگە دەستەك بېرىشىنى تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ.

تۈرك دۈنياسىغا خىتاپ قىلغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ  تۈرك مىللىتىنىڭ تەركىبىدىكى  ئەڭ ئاساسلىق ئۇنسۇر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكە بولىدۇ، تۈرك مەدەنىيەتىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى ئەسكەرتىش كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇدىيەت كۆرىشىنىڭ  تۈرك مىللىتىنىڭ ئورتاق داۋاسى ئىكەنلىكى،  تۈرك دۈنياسىنىڭ ۋىجدانى بۇرچى، مىللى ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى ئۇرغۇلاش كېرەك.

ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىغا، ئاسيادىكى مۇسۇلمان بولمىغان ياپۇنىيە ۋە كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ھەتتا خىتاي خەلقىگە خىتاپ قىلغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ 20-30 مىليون نوپۇس بىلەن ئىنسانلىق ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكى،  ئىنسانلىقنىڭ قەدىم مەدەنىيەت تارىخىدە جىددى تۆھپىلىرى بولغانلىقى ئۇرغۇلانسا بولىدۇ.

بۈگۈن زامانىۋىي دۇنيانىڭ ئورتاق قوبۇل قىلغان ئومومىي ھەق -ھۇقۇق ئۇقۇمى دائىرىسىدە قولغا ئېلىنغىنىدا ئىنسان ھەق -ھۇقۇقلىرىنىڭ خىتاي ھۈكۈمىتى تەرىپىدىن تالاڭ قىلىنغانلىقى، ئاسىمىلاتسىيە سىياسىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق ئەسلىدە ئىنسانلىققا قارشى ئىشلەنگەن جىنايەت ئىكەنلىكى قاتارلىق ھەقىقەتلەرنى تەكىتلەش كېرەك.

تۈرك- ئىسلام  دۇنياسىنىڭ نوپۇسى بىر  مىليارد 800 مىليون بولۇپ، دۇنيادا ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 5.5 مىليارد نوپۇس باركى بۇ جەمىئ‍يەتكە  توغرا خىتاپ قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇدىيەت كۆرىشىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.

ئۇيغۇر داۋاسىنى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق داۋاسى سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى يېقىنقى زامانلاردا ب د ت دا، ياۋرۇپا ۋە ئامىرىكىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر تېخىمۇ ئېنىق ئىسپاتلىدى.

3. مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئەۋلات تەربىيەسىگە چوقۇم ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئۇيغۇر فەنومەنلەر يېتىشىپ چىقىشى كېرەك.

ئانا تىل تەربىيەسى بىلەن ھۇلنى ساغلاملاشتۇرۇپ، جەمىئ‍يەتتە كۈچ ۋە سۆز ساھىبى بولىدىغان، ئىنسانلارنىڭ دىققىتىنى تېز جەلپ قىلىدىغان پۈتۈن كەسىپلەردە پەرزەنتلەرىمىز يېتشىپ چىقىشى كېرەك.

ئۇيغۇرلاردىن دۈنياغا مەشھۇر بىلىم ئادەملىرىمىز، سەنئ‍ەتچىللىرىمىز، سپورتچىللىرىمىز بولىشى كېرەك.

ناسادا بىر ئۇيغۇر ئاستىرونوت مارسقا چىققاندا بېشىدا دوپپا، باغرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىز بىلەن پوز بەرگىنىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى.

ھولليۋوئودتا بىر ئۇيغۇر كىنو سەنئ‍ەتچىسى مەشھۇر بولسا ،دۇنيا مېدىياسىدا بېشىدا دوپپىسى بىلەن پوز بەرگىنىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ باقايلى.

“تىبەتتە 7 يىل” دىگەن فىلىمنى كۆرگەنلەر مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىمنى تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنىدۇ.

NBA دە بىر ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچى كۇماندا كېيىمىدە ئۇيغۇرچە “تۇرسۇن، ئەركىن ياكى دولقۇن “دىگەندەك ئىسىملەر بىلەن توپ ئوينىسا نىمە دىگەن چوڭ تەشۋىقات بولار.

مۇھەممەد سالاھقا ئوخشاش مەشھۇر بىر ئۇيغۇر پۇتبولچىمىز بولسا ئۇنىڭ ھەيرانلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا بولغان تەشۋىقات ئەھمىيىتىنى ئويلاپ كۆرەيلىك.

لىۋەرپوئول كوماندىسىدىكى پۇتبولچى مۇھەممەد سالاھ مەيداندا بوراندەك ئۇچۇپ گول ئاتقاندىن كېيىن لىۋەرپوئولنىڭ تەرەپتارلىرى: “ئەگەر بىرقانچە توپ يەنە ئاتسا مەنمۇ مۇسۇلمان بولىمەن” دەپ چۇقان كۆتەرگەن.

بىر ئۇيغۇر پۇتبولچى بۇنىڭغا ئوخشاش ئۇستا بولسا، تەرەپتارلىرى: “ئەگەر تۇرسۇن بىر قانچە توپ ئاتسۇن، مەن ئۇيغۇر بولىمەن” دىسە داۋايىمىزنىڭ ئاقىۋىتىگە قانچىلىك بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكىنىنى ئويلاپ يېتىش قىيىن ئەمەسقۇ.

ئۇيغۇر فەنومەنلىرىنى يېتىشتۈرىشىمىز كېرەك، فەنومەنلەر شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا بەك مۇھىم رول ئوينايدۇ.

4. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بارلىق ئىمكانلارىنى توپلاپ ئۇيغۇر مۇزىيىلىرى، مەدەنىيەت- سەنئ‍ەت مەركەزلىرى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

مۇسۇلمانلىق ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە 1.6 مىليارت ئىنساننىڭ ئورتاق مەنىۋى  كىملىكىدۇر.

ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە قىلىدىغان، داۋايىمىزنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە توغرا تونۇتىدىغان، ئەركىنلىك كۆرىشىمىزنىڭ ھەقلىق داۋا ئىكەنلىكىگە دۇنيانى قايىل قىلىدىغان ئامىل بولسا -ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس مەدىنىيەت- سەنئ‍ىتى، تارىخىدۇر. ئىنسانىيەت مەدەنىيەت غەزىنىسىگە قوشقان تۆھپىللىرىدۇر.

مەسىلەن، تۇرپاندىكى كارىز مەدەنىيىتى، دۇنيادا ئەمسالى بولمىغان ‘ئۇيغۇر 12 مۇقامى’’، خوتەننىڭ گىلىمى، ئىپەك- ئەتلەس رەختلىرى، قەشقەرنىڭ ئالىملىرى، كۇچارنىڭ ناخشا ئۇسۇللىرى ۋە لەغمىنى، لوپنۇرنىڭ سەنەملىرى، غۇلجىنىڭ مەشرەپلىرى، قۇمۇلنىڭ ئارىتۈرك ۋە پالگانتۇر ئىسىملىرى، لەرزان خۇش چاقچاق  مەشرەپ ئويۇنلىرى… ۋە بۇ تەشۋىقاتلار ئارقىلىق ئاق كۆڭۈل، جاپاكەش، ئۆزى ئاچ قالسىمۇ مۇساپىرغا دەستۇرخان قۇرىدىغان پىداكار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ،ئەركىنلىككە ئەڭ ئاز باشقا مىللەتلەر قەدەر ھەققى بارلىقىنى دۇنياغا چۈشەندۈرۈلەيمىز ۋە ئىنسانىيەتنىڭ سەمىمىي ياردىمىگە ئېرىشەلەيمىز.

5. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەت مەدىنىيىتىگە قوشقان تۆھپىللىرى مۇئەييەنلەشتۈرىلىشى كېرەك.

تارىخ يارىتىش، يېڭىلىقلار ئىجاد قىلىش جەھەتتە ماھىر بولساقمۇ، يېزىق بىلەن قەيت قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىمىز ۋە كۆپ قېتىم يېزىق ئۆزگەرتكەنلىكىمىز ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان مۇھىم ئىجاتلىرىمىزغا ئىگە چىقالمىدۇق.

قەغەز، كومپاس قاتارلىق ئىجادىيەتلەر دۈنياغا خىتاي كەشپى دەپ تونۇلماقتا. بىز لەغمەن دەپ ئات قويغان، ماركو پولونىڭ ساياھەتنامىسىدە ياركەنتتە كۆرۈپ ئۈگۈنۈپ كەتكەنلىكىنى ئوچۇق يازغان بولىشىغا قارىماي، لەغمەننىڭ خىتاي مەدىنىيىتى دەپ تونىلىشىمۇ قاتتىق ئۆكۈنۈشلۈك بىر ۋەقەدۇر.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەت مەدىنىيىتىگە قوشقان ئەمما ئىگە چىقالماي باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويغان قانچىلىك تۆھپە- ئىجاتلىرى بولسا ھەممىسى قېزىپ چىقىرىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتايچە، ئەرەپچە، فارسچە، رۇسچە قاتارلىق تىللاردا يېزىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجاتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن قەيتلەر كۆزدىن كەچۈرلىشى كېرەك.

ئۇيغۇر ئاكادىمىكلار بۇ ۋەزىپەلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئورنىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەت ئائىلىسىنىڭ شەرەپلىك بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەۋجۇتلىقىنى داۋام قىلدۇرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

ئۇيغۇرلار بولمىغان بىر تۈرك دۈنياسىنىڭ خېمىرتۇرۇچى بولمىغان خېمىردەك تۇتمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارسىز بىر ئىنسانىيەت ئائىلىسىنىڭمۇ مۇز ئۈستىگە سېلىنغان بىنادەك چۆكۈپ كىتىدىغانلىقىغا دۈنيانى قايىل قىلىشىمىز كېرەك.

6. ئىلىم- پەن، يۇقىرى تېخنولوگىيە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۆرىشى ئۈچۈن ئۈمۈد قاينىقى بولماقتا.

ھەممىگە مەلۇم، خىتاي ھۆكىمىتى شەرقى تۈركىستاندىكى ئىرقى قىرغىنچلىقىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى پىچاق، قىڭراق، پالتا- توقماق قاتارلىق شەخسىي ئەسۋاپلارنى قەيت ئاستىغا ئالدى ۋە زىنجىر بىلەن باغلاپ تار دائىرىدىن چىقالمايدىغان قىلىپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا چىدىماي قوزغىلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولدى. ھەقىقەتەنمۇ خەلقىمىزنىڭ قولىدا تۆمۈرنىڭ پارچىسىمۇ قالمىغان، قارشىلىق كۆرسىتىدىغان ھىچ ئامال قالمىغان ئىدى.

ۋەتەندىكىلەر ئەمدى  چارىسىزلىكتىن ئۆزىنى تاشلىۋىتىدىغان بولدى دەپ ئۈمىتسىزلىنىۋاتقان ۋاقتىمىزدا تېخنولوگىيە ئىمداتىمىزغا يېتىشتى. ئەقىل پاراسەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرى تىك-توك  ئارقىلىق ۋەتەندىكى پاجىئەنى دۇنياغا خەۋەر بېرىشنىڭ يولىنى تاپتى. ئەزىم ۋە ئىشەنچىمىز يوقالمىغان  مۇددەتچە چارە تاپقىلى بولىدىكەن دىگەن ئۈمۈد يېڭىدىن جانلاندى.

ئۇنىڭ ئۈچۈن تېخنولوگىيەگە چوقۇم ئىگە بولىشىمىز كېرەك.دىن سەمىمىيەتتۇر دەستۇرىغا رىئايە قىلساق دىنىمىز ۋە سەمىمىي ئىمانىمىز بىزنى قوغدايدۇ، خۇددى بۇگۈنگىچە بىزنى خىتتايلىشىپ كېتىشتىن ساقلىغاندەك. مىللى مەدىنىيەت-سەنئىتىمىزگە ئىگە چىقىپ مىللى كىملىكىمىزنى ئىلىم- پەن ۋە يۈكسەك تېخنولوگىيە بىلەن ئۆزلەشتۈرسەك مىللىتىمىز چوقۇم نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ، قۇتسال ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستان چوقۇم ئازات بولىدۇ.

خۇلاسە قىلىدىغان بولساق، شەرقى تۈركىستان دەۋاسىنى يىغلاش تەمى بولۇشتىن قۇتقۇزۇپ چىقىرىشىمىز كېرەك.

شەرقى تۈركىستان داۋاسىنى ئېلىپ بارغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھۇقۇقىنى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداشتا ئىنسانىيەتكە بويۇن پۈكۈشنىڭ ئورنىغا تارىختىن بېرى ئىنسانىيەتكە بەرگەن تۆھپىلىرىمىزنىڭ ھېسابىنى سورۇشىمىز كېرەك. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەتكە ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچ بىلەن خىتاپ قىلىشىمىز كېرەك.

بىز بىچارە بىر مىللەت ئەمەسمىز، تارىختىن بېرى ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ كەلگىنىمىزدەك، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تېخىمۇ مۇھىم تۆھپىلەر قوشالايمىز.

– داۋامى كېيىنكى ساندا، پات ئارىدا…

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top