• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » تيەنجىندىن شەرقىي تۈركىستانغا «مۇقىملىق ساقلاش» ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن بىر خىتاينىڭ گۇۋاھلىقى

تيەنجىندىن شەرقىي تۈركىستانغا «مۇقىملىق ساقلاش» ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن بىر خىتاينىڭ گۇۋاھلىقى

خىتايچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەكرەم ئىلك

2017-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر سائەت 4 ۋاقتى ئىدى. ئاسمان بۇلۇتلۇق ھەم ئىنتايىن قاراڭغۇ. 25 ساقچى باشچىلىقىدىكى ئاپتوبۇس كارۋىنى شىنجاڭنىڭ ئۇرۇمچى شەھرىدىكى بەشىنچى تۈرمىگە كىرىپ كەلدى. بارلىق ئاپتوبۇسلارنىڭ نومۇر تاختىلىرى ئېلىۋېتىلگەن ۋە چىراغلىرى ئۆچۈرۈلگەن. ئۇ يەردە بىر گۇرۇپپا بىزنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ ، ئارىسىدا ئاپتوماتلىق 150 نەپەر ئالاھىدە ساقچى ئەسكىرى ، 200 نەپەر ساقچى ۋە 300 نەپەر ئېغىر كېسىلگەن جىنايەتچىلەر باركەن. پىلىموت سەپلەنگەن برونىك ماشىنىلارمۇ باركەن. بۇ يەرنى بۈگۈنمۇ گۇگۇل يەرشارى خەرىتىسىدە كۆرگىلى بولىدۇ. ئېغىر كېسىلگەن جىنايەتچىلەر بۇ يېڭى كەلگەنلەرنى قىيناشقا تەييار بولۇپ تۇرۇپتۇ.

ماشىنا ئىشىكىنى ساقچىلار بىر-بىرلەپ ئاچقاندىن كېيىن تەخمىنەن ئون كۈن ئىلگىرى ئۆز يېزىسىدا قولغا ئېلىنغان 1500 يەرلىك ئاھالە ئىچىدىن چىقتى.

ئون كۈن ئىلگىرى، تەخمىنەن 2000 ئازادلىق ئارمىيە ئەسكىرى يېرىم كېچىدە يېزىنى قورشىۋالغان ، شۇ يەردىكى ئادەملەر ھەممىسى قولغا ئېلىنغان. ھەر بىر ئائىلىدىكى كىشىلەر بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىلىپ، باشقا-باشقا مەكتەپلەرگە ۋاقىتلىق تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلگەن. بەش دىخان قېچىشقا ئۇرۇنغاندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ ئادەملەر ئىككى كۈن ئىلگىرى ئۆزگەرتىپ نىقابلانغان ئاپتوبۇسقا قاچىلانغان. بەزى كىشىلەر 28 سائەت توختىماي يۈرگەن ئۇزۇن مۇساپە جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەن.

ئۇلارغا قارا نىقاب، كويزا ۋە كىشەن تاقالغان بولۇپ، ھەر ئىككى تۇتقۇن بىر-بىرىگە باغلانغان. مەھبۇسلارنىڭ تەخمىنەن %30 ئى 60 ياشتىن ئاشقان ئەرلەر، ئارىسىدا تەخمىنەن 30 نەپىرى 90 ياشتىن ئاشقانلار. شۇنداق، ئۇلار 90 ياشلىق بوۋايلارنىمۇ قولغا ئالغان! نۇرغۇن مەھبۇسلار مېيىپ، بەزىلىرى قارىغۇ ، بەزىلىرىنىڭ بىر پۇتى، بەزىلىرىنىڭ ئىككىلا پۇتى يوق.

ئادۋوكات ئىلتىماس قىلىشقا، نارازىلىق ئەرزى قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇلارغا 5 يىلدىن 10 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدى. 10 يىلدىن ئارتۇق كېسىلگەن مەھبۇسلار باشقا مەخپىي جايلارغا ئەۋەتىلدى. بۇ تۇتۇلغانلار ئاساسلىقى ئىككى خىل جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن:

1. ئىغۋاگەرچىلىك جىنايىتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ بالىلىرى بەك كۆپ.
2. جەمىئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئامما توپلاش جىنايىتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ساقاللىرى ۋە ئۇزۇن چاچلىرى بار.

بارلىق شەخسىي مال-مۈلۈك مۇسادىرە قىلىندى ۋە ۋەيران قىلىندى.
تەكىتلىمەكچىمەن:
بارلىق شەخسىي كومپيۇتېر، يان تېلېفون، پۇل، كىيىم-كېچەك، ئاياغ. . . مال – مۈلۈكلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان مەھبۇسلار ھېچنېمىسى يوق يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغىلا ئوخشاپ قالغان. مۇسادىرە قىلىنغان بۇيۇملارغا تالون يوق، ھېچنىمە يوق! ھەممە نەرسە چەكلەنگەن، ھەتتا بىر پارچە قەغەزنىمۇ ساقلاشقا بولمايدۇ.

ھەممەيلەننىڭ چېچى چۈشۈرۈلگەن، ھىچ قانداق چاچقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. كېيىنكى ئىككى يىلدا، بۇ مەھبۇسلارنىڭ سىرتتا سۈنئىي ھەمراھ تەرىپىدىن سۈرەتكە تارتىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇلارغا بىرەر قېتىم ئاپتاپسىنىش پۇرسىتىمۇ بېرىلمىدى.

دەسلەپكى ئۈچ كۈندە سۇ تەمىنلەش ماشىنىسى بولمىغاچقا، ئىچىدىغان سۇ يوق بولدى. بۇ يېڭى تۈرمىنىڭ قۇرۇلۇشى تۈگىمىگەن ئىدى، شۇڭا مەھبۇسلارنىڭ بەزىلىرى ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ كەتتى. ھەر كۈنى يېرىم كېچىدە قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ئەسكەرلەر بىلەن كېلىپ، مەھبۇسلارنىڭ جەسەتلىرىنى ئېلىپ كەتتى.

ھەر بىر تۈرمە كامىرى 12 مەھبۇس ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە 40 تىن ئارتۇق مەھبۇس ياتقان. مەھبۇسلارنىڭ ئۇخلايدىغان ئورنى يوق، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت ئۇخلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دائىم ئۇلارنى نۆۋەت بىلەن ئىشلەشكە بۇيرۇيدۇ، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ساقچىلار ئۇلاردىن بىر-بىرىنى نازارەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

2017-يىلى 6-ئايدىن 9-ئايغىچە، 300 دىن ئارتۇق مەھبۇس تاياق زەربىسىدىن ئۆلگەن.

بۇ تۈرمە يېڭىدىن سېلىنغان بولۇپ، قۇرۇلۇش 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى تاماملانغان. كېيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە بۇ جايغا 25 مىڭدىن ئارتۇق مەھبۇس قامالغان. بۇ تۈرمە بەشىنچى تۈرمىنىڭ ئىككىنچى تارمىقى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئادرېسى: جۇڭگۇ شىنجاڭ ئۇرۇمچى شەرقىي ۋوگزال يولى 1331-نومۇر. پوچتا نومۇرى 830013
GPS ئورنى: N 43° 56’28 “
E 87° 34’45 “

ج ك پ شىنجاڭدا 500 دىن ئارتۇق كېڭەيتىلگەن تۈرمە ۋە جازا لاگېرى قۇردى. بۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بالىلار تۈرمىلىرى ، ئاياللار تۈرمىلىرى ، تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرى ، تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى ، ئەمگەك لاگېرلىرى، زەھەرلىك چېكىملىك داۋالاش مەركەزلىرى ، كەسپىي مائارىپ ۋە تەربىيىلەش مەركەزلىرى (جازا لاگېرلىرى) ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەربىيىلەش بازىسى (جازا لاگېرلىرى) ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى ، سانائەت باغچىسى (ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرى)، زاۋۇتلار (ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرى) ۋە تۇرالغۇغا رايۇنلار ئىچىگە يوشۇرۇنغان نۇرغۇن قارا تۈرمىلەر. بۇلار ئەدلىيە ئىدارىسى ۋە سىياسىي ۋە قانۇن كومىتېتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان بۇ ئەسلىھەلەردە 3 مىليونغا يېقىن بىگۇناھ ئادەملەر قامالغان. “

مەنبە:https://twitter.com/Beacon__News/status/1248994029947072512?s=19&fbclid=IwAR14n1njg3Ps6J_7Nwy0b3RSDbDYcTVXkhRjzv3Sj4TbvERSv-9GXMbomJA

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top