سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » بىز قاچان مۇستەقىل بولىمىز؟ 

بىز قاچان مۇستەقىل بولىمىز؟ 

ئاپتورى: پىدائىي

ئۇيغۇر مىللىتى يوقۇلۇش گىردابىغا يېقىنلىشىپ قالغان نۆۋەتتىكىدەك ھالقىلىق پەيتتە مۇستەققىللىقنىڭ مىللەتنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن بىردىن بىر چىقىش يولى بولۇپ قالغانلىقىنى تونۇپ يەتمىگەن ئۇيغۇر بولمىسا كىرەك.

ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قېتىم خەۋەر چىققىنىدا، بەزى دوستلۇرۇمنىڭ كىچىچە ئۇخلىيالمىغانلىقىنى ئېيتىپ «قاچانمۇ بۇ خىتتايلاردىن قۇتۇلارمىز؟ قاچانمۇ مۇستەقىل بولارمىز؟» دىيىشلىرى مىنى ئويغا سالىدۇ.

بىز زادى قاچان مۇستەقىل بولىمىز؟ 

جاۋاپ ناھايىتى ئاددىي، بىز مۇستەقىللىققە لايىق بولغان چېغىمىزدا ئاندىن مۇستەقىل بولالايمىز.

بىز تېخىچە بىرىمىز شەرقى تۈركىستان جۇمھورىيتىنى مۇستەملىكىدىن ئازات قىلىمىز دىسەك، يەنە بىرىمىز ئۇيغۇرىستان جۇمھورىيىتى قۇرىمىز دەپ، يەنە بىرىمىز بۈيۈك تۈركىستان دىيارىدا خىلافەت قۇرىمىز دىسەك، يەنە بىرىمىز شىنجاڭ جۇمھورىيىتى قورىمىز دەپ، يەنە بىرىمىز ھەقىقىي ئاپتونومىيە بەرسە مەيلىتى دىسە، يەنە بىرلىرىمىز دىموكراتىك خىتتايدا خاتىرجەم ياشىساق مەيلىتى دەپ، يەنە بىرلىرىمىز بولسا بولدى بىز تۈگىدۇق، سىڭگەن نېنىمىزنى يەيلى دەپ يۈرۈيمىز. كۆپىنچە تەشكىلاتلىرىمىز تېخىچە دۇككان شەكلىدە، نە سىستىملىشىش، نە كەسىپىيلىشىش، نە كۆلەملىشىش يوق. خەلق ئىچىدە كۆكرەك كىرىپ ئالدىغا چىققانلار ناھايىتى ئاز، بېشىنى ئىچىگە تىقىپ يۈرگەنلەر ساماندەك. داۋا ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلمىغانلار خاتىرجەم، داۋا ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشاي دەپ چىققانلارنىڭ ئارقىسىدا يىتىپ ئاشقۇدەك تۆھمەت، ھاقارەت. ھازىرقى ھالىتىمىزدىكى چېچىلاڭغۇلۇق، گاڭگىراش ۋە تېڭىرقاشلار بىزنىڭ مۇستەقىللىققە لايىق ئەمەسلىكىمىزنى مانا مەن دەپ ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ.

 ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا مۇستەقىللىققا لايىق بولالايمىز؟ 

بىرىنجىدىن، بىزدە ئەڭ ئاۋۋال كۈچلۈك مۇستەقىللىق ئىرادىسى يىتىلىشى كىرەك. مۇستەقىللىق شۇئارىمىزدا سەمىمىي بولىشىمىز لازىم.

يەنى مۇستەقىللىق ئۈچۈن شەخسى مەنپەئەتىمىزنى، ئائىلىمىزنى، ئۇرۇق-تۇققان دوست بۇرادەرلىرىمىزنى، جېنىمىزنى ۋە مېلىمىزنى قۇربان قىلالايدىغان بولىشىمىز كىرەك.  مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلسام خىتتاي ۋەتەندىكى مال مۈلكۈمنى مۇسادىرە قىلارمىكى ، تىجارەت يولۇمنى توسۇپ قويارمىكى، ئائىلەمنى، ئۇرۇق تۇققان دوست بۇرادەرلىرىمنى سولاپ قويارمىكى، مىنى قەستلەپ قويارمىكى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تۈگىمەس «…مىكى» لاردىن ئەنسىرەپ يۈرسەك خىتتاي قىلغۇلىقىنى قىلىۋىرىدۇ ، بۇ ئەنسىرەشلىرىمىز جىم ياتساقمۇ بىر بىرلەپ رىئاللىققا ئايلىنىشى مومكىن. كۈرەش قىلغىنىمىزدا بولسا بۇلارنىڭ بەزىلىرىنى قوغداپ قالالىشىمىز، ئەڭ يامان بولغاندىمۇ جىم ياتقانچىلىك ئەھۋال يۈز بىرىشى مومكىن. دىمەك تۆلەيدىغان بەدىلىمىز ئوخشاش بولغان ئىكەن بىزنىڭ تاللىيالايدىغىنىمىز ياكى بېشىمىزنى ئىچىمىزگە تىقىپ ۋىجدان ئازابىدا ياشاش، ياكى ئائىلە، ئۇرۇق تۇققان، دوست بۇرادەر ۋە مىللىتىمىزنى قوغداش يولىدا دۈشمەنگە قارشى يىگىتلەرچە ياشاش. ئۈمۈتكى ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، مۇستەقىللىقنىڭ ھالاۋىتىنى تېتىپ، بۇ دۇنيادا ئۇرۇق تۇققان دوست بۇرادەرلىمىزنىڭ ئالدىغا ، ئاخىرەتتە ياراتقۇچى زاتنىڭ ئالدىغا يۈزىمىز يورۇق ھالدا بېرىشقا نسىپ بولغاي.

قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ ئىرادىمىز «يا مۇستەقىللىق يا ئۆلۈم!» بولىشى، ئاغزىمىزدىن چىققىنى ئەمەلىي ھەركىتىمىزدە ئىپادىلىنىشى كىرەك.

ئەمدى ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى: مەندە شۇنداق ئىرادە بارمۇ؟ بولسا شۇ ئىرادەمدە قانچىلىك سەمىمىيتىم بار؟

ئىككىنجىدىن، بىزدە مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىز ۋە پارتىيە-تەشكىلاتلىرىمىز ئىتراپ قىلىدىغان ۋە قوللايدىغان بىر مەركىزى ئورگان بولىشى كىرەك.

بۇ ئورگان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە خەلقىمىزگە ۋەكىللىك قىلالىشى ، مۇستەققىللىق كۆرىشىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە يىتەكچىلىك ۋە نازارەت رولىنى ئوينىيالىشى ۋە ۋاقتى كەلگەندە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىللەپ ۋەتەننىڭ ئىدارىي ھوقۇقىنى تەمتىرىمەستىن ئۆتكۈزىۋېلىپ تاكى خەلق ئىچىدە ئادىل سايلام ئۇيۇشتۇرۇپ فونكىسىيەلىرى تولۇق بولغان بىر دۆلەت سىستىمىسىنى بەرپا قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولىشى كىرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن خىتتاي ئەتىلا ۋەيران بولۇپ پارچىلىنىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ۋەتىنىمىز يەنىلا چېن چۈەنگو باشلىق شۇ بىر ئۇچۇم خىتتاينىڭ قولىغا قېلىشى ۋە يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن خەلقىمىزنىڭ كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشى تۇرغانلا گەپ. مەركىزى ئورگاننى ۋۇجۇتقا چىقارماستىن ئۆمۈر بويى ھازىرقى ئەھۋالىمىزنى داۋام قىلساقمۇ مۇستەققىللىق بىزگە نىسىپ بولماسلىقى مومكىن. چۈنكى پۇرسەت تەييارلىقى بارلارغا، تۇتالىغانلارغا مەنسۇپ بولىدۇ. مەيلى خىتتاي ئىقتىزادى چىكىنىپ خىتتاي دۆلىتى ئاجىزلىسۇن، مەيلى خىتتاي ئامىركا بىلەن ئۇرۇشقا كىرىپ قالسۇن، ۋە ھەتتا خىتتاي پارچىلىنىپ كەتسۇن بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزدا بۇ پۇرسەتلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى تۇتالمايمىز. پەقەت ۋە پەقەت كۈزەتكۈچى ۋە ئاھ چەككۈچى بولىمىز خالاس.

ئۇنداقتا مەركىزى ئورگاننى قانداق قۇرۇپ چىقىمىز؟ 

بۇنىڭ ئۈچۈن بىرىنجى قەدەمدە تەشكىلاتلىرىمىز ئەزالىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى ياكى پارتىيە شەكلىگە ئۆزگىرىشى كىرەك. خەلقىمىزمۇ ئۆزى توغرا كۆرگەن پارتىيە-تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇپ ئەزالىق بەدەل پۇلى تۆلەش، ئورۇنلاشتۇرۇلغان پائالىيەتلەرگە ئاكىتىپ ئاۋاز قوشۇش ئارقىلىق داۋاغا ئەمەلىي كۈچ چىقىرىشى كىرەك . مەۋجۇت پارتىيە-تەشكىلاتلارنىڭ ھېچ قايسىسىنى توغرا كۆرمىگەنلەر ئۆزلىرى يېڭى بىر پارتىيە-تەشكىلاتنى قۇرۇپ چىقسۇنكى داۋاغا قاتناشماسلىقنى نۇمۇس دەپ بىلىشى كىرەك. تاكى مۇھاجىرەتتە مەلۇم پارتىيە-تەشكىلاتقا ئەزا بولمىغان بىرمۇ ئۇيغۇر قالمىغىنىدا خەلقنىڭ كۈچى پۈتۈنلەي داۋاغا مەركەزلەشكەن بولىدۇ ، تەشكىلاتلىرىمىزمۇ كۈچىيىدۇ.

ئىككىنچى قەدەمدە ئەزا توپلاشقا مۇئەييەن مۇددەت بەلگىلىنىپ شۇ مۇددەت توشقاندا ئەزا سانى مۇئەييەن ساندىن ئاشقان پارتىيە-تەشكىلاتلار ئەزا سانىغا قاراپ ھەر مانچە ئەزاغا بىردىن ۋەكىل چىقىرىدۇ، ئەزا سانى مۇئەييەن سانغا توشمىغان پارتىيە-تەشكىلاتلار باشقا چوڭراق پارتىيە-تەشكىلاتلارغا قوشۇلۇپ ياكى ئۆزىگە ئوخشاش كىچىك تەشكىلاتلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ ئورتاق ۋەكىل چىقىرىدۇ، ھەرقايسى پارتىيە-تەشكىلاتلار چىقارغان بۇ ۋەكىللەردىن بىر مەركىزى ئورگان تەشكىللىندۇ ۋە يۇقىرىدا ئېيتىلغان فونكىسىيەلەرنى ئۆتەيدۇ.

بۇ لاھىيە قارىماققا كونا ۋە چوڭراق پارتىيە-تەشكىلاتلىرىمىزغا ئادىل بولمىغاندەك تۇيۇلىشى مومكىن، ئەمما ۋەتەن مۇستەقىللىقى ئۈچۈن پايدىلىقلا بولىدىكەن تۆردىن چۈشۈپ يېڭى ۋەياكى كىچىك تەشكىلاتلىرىمىز بىلەن بەراۋەر ھەمكارلىشش كىرەكلىكىنى تەشكىلات رەھبەرلىرىمىز ئوبدان بىلىدۇ دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ۋەتەن مۇستەقىللىقى ھەرقانداق شەخس ياكى تەشكىلاتنىڭ مەنپەئەتى ياكى يۈز ئابرۇيىدىن چوقۇم ئۈستۈن تۇرىشى كىرەك . كونا تەشكىلاتلىرىمىز داۋانى مۇشۇ كۈنگىچە داۋام قىلىپ كەلدى، خەلقىمىز ئۇلارنىڭ تۆھپىسىگە كۆز يۇمماسلىقى، ئۇلارغا كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن بىرىپ قەھرىمانلىق مۇئامىلىسىنى قىلىشى كىرەك ئەلۋەتتە.

ئۈچۈنجىدىن، پارتىيە-تەشكىلاتلىرىمىز كەسىپىيلىشىشى، سىستىمىلىشىشى، ھەر ئىشنىڭ بېشىدا شۇ ئىشنىڭ ئەھلى بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى كىرەك.

كەسىپىيلىشىش دىگەندە ھەممە تەشكىلات ھەممە ئىشقا چات كىرىمەستىن قايسى تەشكىلاتنىڭ قايسى ساھەدە ئەۋزەللىكى بولسا كۈچىنى شۇ ئىشقا مەركەزلەشتۈرۈش، ئۆزىنىڭ ساھەسىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى شۇ ساھەگە مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلارغا يوللاپ قويۇش كىرەك. شۇنداق بولغاندا كۈچ مەركەزلىشىدۇ، ئىش ئۈنۈملۈك بولىدۇ، ئىسراپچىلىق بولمايدۇ.

سىستىمىلىشىش دىگەندە تەشكىلات خىزمەتلىرى تۈرلەرگە ئايرىلىشى، ئېنىق بولغان ۋەزىپە تەقسىماتى، نازارەت، مۇكاپات-جازا ۋە سايلام تۈزۈمى بولىشى، جەمىئىيەتكە قارىتا سۈزۈك بولىشى كىرەك. تەشكىلات ئىقتىدارلىقلارنى جەلىپ قىلالىشى، ئىشنىڭ ئەھلى ئىش بېشىغا چىقىرىلىدىغان شارائىت ھازىرلىشى كىرەك.

خەلقىمىز ئىچىدىكى «قەلەم» بىلەن شۇغۇللىنالمىغانلار چوقۇم «ئەلەم» گە تەييارلىق قىلىشى كىرەك. كاللىمىزدا شۇ ئېنىق بولسۇنكى ۋەتىنىمىزنىڭ شەرت-شارائىتىدا تىنىچلىق بىلەن مۇستەققىل بولۇش دەيدىغان ئىھتىماللىق يوق، باشقىلار ئۇرۇش قىلىپ ئېلىپ بىرىش ئىھتىماللىقى تېخىمۇ يوق. باشقىلار بەك قىلىپ بىرەلىسە بىزگە ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ياردەم بىرەلىشى مومكىن ، ئەمما ئۇرۇش مەيدانىدا قان تۆكىدىغنى يەنىلا بىز بولىشىمىز كىرەك.

 سورىغىم كىلىپ قالدى: سىز ھەركۈنى بەدەن چېنىقتۇرىۋاتامسىز؟ قۇرال ئېتىشنى مەشىق قىلدىڭىزمۇ؟ مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزدە ئەسقاتىدىغان تېخنىكا ۋە ماھارەتلەردىن قايسىلىرىنى ئىگەللىدىڭىز؟

تۆتىنجىدىن، توغرا بولغان داۋا ئەخلاقىنى يىتىلدۈرىشىمىز كىرەك.

تەشكىلاتلىرىمىز ھەرۋاقىت داۋانىڭ مەنپەئەتىنى تەشكىلاتنىڭ مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن قويالىشى، «داۋانى بىزلا ياخشى قىلالايمىز، بىزلا قىلىشىمىز كىرەك، باشقىلار ئىلەشتۈرمىسۇن» دەيدىغان داۋا قورۇقچىلىقىدىن ساقلىنىشى، داۋا يولىدا كۈرەش قىلىۋاتقان باشقا تەشكىلات ۋە شەخىسلەرگە ھۇجۇم قىلماسلىقى، بىر بىرىنىڭ قىلغان ئىش پائالىيەتلىرىدىن قۇسۇر تېپىپ كەينىدىن گەپ تارقىتىشنىڭ ئورنىغا ھەمكارلىق ئورنۇتۇپ كەم يەرلىرىنى تولۇقلىشى، كونا-يېڭى، چوڭ-كىچىك تەشكىلاتلار ئۆز ئارا تۆر تالاشقاننىڭ ئورنىغا باراۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلىپ ھەمكارلىق ئورنىتىشى  لازىم.

خەلقىمىزمۇ تەشكىلات ۋە شەخس ئايرىماستىن داۋا ئۈچۈن پايدىلىق ئىش قىلغانلارنى ئىلھاملاندۇرۇشى، قوللىشى، قوغدىشى، مۇكاپاتلىشى، داۋا ئۈچۈن زىيانلىق ئىش قىلغانلارنى تىلى ۋە قولى بىلەن توسۇشى، ئىلمىي يۇسۇندا ياخشىلىققا يىتەكلىشى، خاتالىقىدا جاھىللىق قىلغانلارغا زەربە بىرەلىشى ۋە يىتىم قالدۇرالىشى كىرەك. بۇنىڭ ئەڭ ئاددىي مىسالى: فېيسبۇك ۋە ۋاتساپتا بىر ياخشى مەزمۇن يوللانسا ئۇنى ماختايدىغان سۆز ياكى بەلگىلەرنى يوللاپ ئىلھام بىرىش، ھەمبەھىرلەش ياكى باشقا توپلارغا يوللاش؛ يامان مەزمۇن يوللانسا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بىرىش، ھەمبەھىرلىمەسلىك ياكى باشقا توپلارغا يوللىماسلىق، باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى چىرايلىقچە كۆرسىتىپ بىرىپ تۈزىتىشكە دەۋەت قىلىشنىڭ ئورنىغا غەيۋەت ۋەياكى تۆھمەت قىلغانلارغا دەرھال رەددىيە بىرىپ جىمىقتۇرۇش قاتارلىقلاردۇر. بۇ ئىشلار پۇل كەتمەيدىغان، كۈچ كەتمەيدىغان، ھەر بىر ئۇيغۇر تىلى ۋە بارمىقى بىلەنلا قىلالايدىغان ناھايىتى ئاددى ئەمما ئەھمىيىتى چوڭ ئىشلاردىندۇر. ئەپسۇس ھازىر شۇنىمۇ قىلالمايۋاتىمىز. قولىمىزدىن كەلمەي ئەمەس سەل قاراشتىن ياكى ھورۇنلۇقتىن ۋەياكى سەمىمىيەتسىزلىكىمىزدىن قىلالمايۋاتىمىز.

خوش، بۇندىن بۇرۇنقىسىغۇ كەتتى، بۇندىن كىيىن قىلالامدۇق؟

شۇنى ئېنىق تونۇپ يىتەيلىكى زىيانلىق ئىشلارغا ئىچىمىزدە قارشىلىق كۆرسىتىپ تېشىمىزدا سۈكۈت قىلىدىغان ئاجىز ئىمان بىلەن بىز مۇستەقىلققە لايىق بولالمايمىز.

خۇلاسە كالام، بىز مۇستەقىللىققە لايىق بولغان مىنۇتتىن باشلاپ قىسقا بولغاندا ئىككى يىل، ئۇزۇن بولغاندا 10 يىل ئىچىدە مۇستەقىللىقمىزنى قولغا كەلتۈرەلىشىمىز مومكىن.

كۆپچىلىك بىلەن ئويلىغانلىرىمىنى ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بىسمىللاھ دەپ بۇ تۇنجى يازمامنى يېزىپ چىقتىم. ئەلۋەتتە مەن ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەر بىردىنبىر تەكلىپ ئەمەس، يەنە باشقا ھەرخىل تەكلىپلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىشىنىمەن. قېرىنداشلىرىمنىڭ خاتالىقلىرىمنى كۆرسىتىپ بىرىشىنى ۋە ئۆز كۆزقاراشلىرىنىمۇ ئورتاقلىشىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

2020-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش