سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مەدەنىيەت بوستانى » ئاماننىساخان نەفىسىي تەتقىقاتى يولىدا

ئاماننىساخان نەفىسىي تەتقىقاتى يولىدا

(ئەدەبىي خاتىرە)

پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

مۇقەددىمە

«دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» بولغان 2008-يىلنىڭ 25-ئىيۇل كۈنى، بەيجىڭدىن قىرىق نەپەر ئوقۇغۇچىنى باشلاپ ئوپالغا بارىپ،  بۈيۈك تىلشۇناس ئالىم بوۋامىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلغاندا، نەقەدەر ھاياجانلانغانلىقىمىز، نەقەدەر شادلانغانلىقىمىز ھەلىمۇ ئەسىمدە. شۇ يىلى، ئاشۇ مۇبارەك پائالىيەت ئاخىرلاشقان چاغدا، ھاياجانلىق شاگىرتلار بىلەن مەسلىھەتلەشىپ، ياندۇرقى يىلى، يەنى 2009-يىل ياركەندكە بارىپ، ئىپتىخارلىق مومامىز ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىينىڭ قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلىپ، مەرھۇمە تەۋەللۇتىنىڭ 475 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، گۈل-چەچەك ياپىشنى قارار قىلغان ئىدۇق. بىراق، مۇئەييەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇ قارارىمىزنى ئەمەلىيلەشتۈرەلمەي قالدۇق.

ئەمما نىيىتىمىز خالىس ئىدى. ياخشى نىيەت يارىم دۆلەتتۇر. شۇڭا، مۇشۇنداق بىر پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈش پىكىرىمىزدىن ۋاز كەچمەدۇق. ئەمدى، نەزەرىمىزنى مەزكۇر ئىپتىخارلىق مومامىز تەۋەللۇتىنىڭ 480 يىللىقى بولىدىغان 2014-يىلىغا ئاغدۇردۇق. مۇئەييەن بىر پائالىيەت دەگەن زۆرۈر ئالدىن تەييارلىق ئەمگەكلەر بىلەن زىننەتلەنگەندە، ئاندىن ئۇ تارىخ ئۈچۈنمۇ رىئاللىق ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا ھەقىقىي قىممەتلىك ۋە ئەمەلىي ئەھمىيەتلىك بولىدۇ. مۇشۇنداق ياخشى ئوينىڭ ھەيدەكچىلىكى ۋە زۆرۈرىي تەييارلىق ئىھتىياجىدىن، 2013-يىل 18-ئاۋغوست كۈنى، بەش نەپەر دوكتور، ماگىستىر ئاسپرانت شاگىرتىم ۋە مەن بولۇپ ئالتىمىز چۆل كەزىپ، تاغ ئاتلاپ، شەھرى ياركەندكە ئاماننىساخان تەتقىقاتى ۋە ئاماننىساخان دەۋرىگە ئائىت ۋەسىيقەلەر مۇتالىئە ۋە مۇھاكىمەسى ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان ئىلمىي زىيارەتكە باردۇق. ئاساسلىق مەقسەتىمىز ياركەندتىكى ئاماننىساخان تەتقىقاتى ئەھۋالىنى دەل ئۆزىدە تۇرۇپ ئۆگرەنىش، ئاماننىساخاننىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى، تۇغۇلغان مەھەللەسى قاتارلىق ماۋزۇلاردا ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بۇ جەھەتتىكى ئىختىلاپلارنى ئىمكان بار تۈگەتىپ، 2014-يىلى پايتەخت بەيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگۈسى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئورتاق تەييارلىق قىلىش ئىدى.

بۇ بىر تەشكىللىك ئىلمىي زىيارەت بولغاچ، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىتى رەھبەرلىك ئورگانىنىڭ تونۇشتۇرۇش خەتى قاتارلىق رەسمىيەتلەرىمىز قولىمىزدا تولۇق ئىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئىھتىيات يۈزىسىدىن بىر نەپەر ياركەندلىك ئوقۇغۇچىمىزنى ئالدىن ئالاقەلاشىپ تۇرۇشقا ئەۋەتكەنىدۇق. 18-ئاۋغوست ئەتىگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت توققۇزلاردا، ياركەند ناھىيەلىك كۇتۇبخانانىڭ ئالدىدا ھەممەمىز جەم بولدۇق.

ياركەند ناھىيەلىك كۇتۇبخانا مەزكۇر ناھىيەنىڭ جەنۇبىي تەرەپىدىكى  تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئالدى تەرەپى جەنۇبغا يۈزلەنگەن شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان كۆپ قەۋەتلىك كاتتا ئەگىز بىنادا ئىكەن. بىنانىڭ ئالتىنجى قەۋەتى ئۇيغۇرچە كىتابلار بۆلۈمى، 5-قەۋەتى بولسا ھانزۇچە كىتابلار بۆلۈمى ئىكەن. بىز ناھىيەلىك مەدەنىيەت ئىدارەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قارىنداشىمىزنىڭ بىز ئالدىن ئەۋەتكەن ئوقۇغۇچىمىزغا بەرگەن تەلىفونلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 5- قەۋەتتىكى ھانزۇچە كىتابلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ليۇ خانىمنى ئىزدەدۇق. ليۇ خانىم خەۋەردار بولغاچ، بىر ئاپاراتورنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ-تۆرت كىشى بىلەن بىزنى 5-قەۋەت ھانزۇچە كىتابلار بۆلۈمىنىڭ ئىشىكىدە كۈتۈۋالدى. بىز قىزغىن كۆرۈشتۇق ۋە كەلىش مەقسەتىمىزنى ئەيتتۇق. ليۇ خانىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلارى تونۇشتۇرۇش خەتلەرىمىزنى كۆرۈپ ۋە ئۆزلەرىمىزنى قىسقاچە تونۇشتۇرۇشلارىمىزنى ئاڭلاپ بولغاندىن كەيىن، بىزنى 5-قەۋەتنىڭ غەرب تەرەپ ئەڭ چەتىدىكى «قەدىمىي ئەسەرلەر مۇتالىئەخانىسى» (古籍阅览室) دەگەن ئۇيغۇرچە-ھانزۇچە خەتى بار بىر ئاغىز 15-20 كۋادىراتمىتىر كەلەر بىر خاناغا باشلاپ كىردى. خانانىڭ دەرىزەگە ياقىن يەرىدە، ئورۇندۇق قويۇلغان تۆرت كىشىلىك مۇتالىئە ئورنى باركەن. ئىككى يۈز ئون ئالتە پارچە قوليازما (چاغاتاي ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە ۋە پارسچە) بارلىقىنى ئەيتتى. قوليازمالار چىرايلىق ھەم مۇستەھكەم ئەينەك جىھازا ساندۇقچەلەر ئىچىدە ئىكەن. ئەينەك ئۈستىدىن كۆردۇق. قولغا ئالىپ، ۋاراقلاش مەنئىي قىلىنغان ئەھۋالدا ئىكەن. ئاپاراتور بىزنى ئوڭ، سول ۋە ئۇدۇل تەرەپلەرىمىزدىن توختاماي سۈرەتكە ئالىپ تۇردى. ئۇيغۇرچە كلاسسىك تىلدىكى قوليازما ئەسەرلەرنىڭ ھانزۇ تىلىدىكى ئەسەرلەرنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇھاپىزەت ۋە كونتروللۇقىدا بولۇشى بىزنىڭ بۇ قاتىملىق ئىلمىي زىيارەتىمىزدىكى بىر يورۇق نۇقتا بولدى. ئەسلىدە، بۇ مىراس ئەسەرلەرنى بۇرۇندىن باشقۇرۇپ كەلگەن مەدەنىيەت ئىدارەسىدا بىرەر يارىمتى ئۇيغۇر  خىزمەتچىمۇ باركەنمىش، بىراق، زىيارەت ئەسناسىدا بىزگە ئۇچراشتۇرۇلمادى. ۋەسىيقەلەرنى قۇلۇپلاقلىق ساندۇقنىڭ ئۈستىدىن كۆردۇق. زىيارەتىمىز 30-40 مىنۇت داۋاملاشتى. ليۇ خانىم نازاكەت بىلەن ئۇزاتىپ قويدى.

زىيارەتىمىزنىڭ بۇ ھالىدىن خەلىلا ئىسەنكىرەپ قالدۇق: ئاستانەدىكى بىر ئالىي مەكتەپنىڭ مەخسۇس ۋەسىقەشۇناسلىق ئوقۇ-ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللانىۋاتقان ئىككى دوكتور، تۆرت ماگىستىردىن تەشكىل تاپقان بىر ئىلمىي ئۆگرەنىش-تەكشۈرۈش ئۆمەكى شۇنچە ئۇزاقتىن كەلىپ نەمەنى ئۆگرەندۇق، نەمەنى تەكشۈرۈپ بىلدۇق؟ قەدىمىي شەھەر ياركەندتە بىزنىڭ كەسىپداش، مەسلەكداشلارىمىز يوقمۇ زادى؟ نەمەدۇر بىر نەرسە ئەسىمگە كەلگەندەك بولۇپ، بۇ ئەتراپلارنى مەندىن ياخشى بىلىدىغان ساۋاقدىشىم «جۇڭگو مىللەتلەرى» ژۇرنالىنىڭ باش مۇھەررىرى، نازىر دەرىجەلىك كادىر ساۋاقداشىم تۇرۇپ باراتقا تەلىفون قىلدىم. تەلىفوندا زىيارەت ئەھۋالىمىزنى دوكلات قىلدىم: نۆۋەتتە، ئۇيغۇر مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان نەفىسىي قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلىشقا كەتىۋاتقانلىقىمىزنى، يۇقىرى دەرىجەلىك كادىرلار بىزگە ھەمراھ بولماسىمۇ، ۋەسىقە -يادىكارلىق مۇھاپىزەتى ۋە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانىۋاتقان كەسىپداشلارىمىز بىلەن نەق مەيداندا ئىلمىي سۆھبەتتە بولۇش ئارزۇيىمىزنىڭ بارلىقىنى ئەيتتىم. مەزكۇر نازىر دەرىجەلىك كادىر ساۋاقداشىم ئون بەش مىنۇتقا قالماي، تەلىفون قايتۇردى. ئۇ: « ياركەند ناھىيەسىنىڭ بىر مۇئاۋىن سەكرىتارى تونۇشۇمغا تەلىفون قىلدىم. ئاماننىساخان نەفىسىي قەبرىگاھىغا بارىۋەرىڭلار. مۇئاۋىن سەكرىتارنىڭ يىغىنى بار ئىكەن. ئەمما ئۇ مۇناسىۋەتلىك كادىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، زىيارەتىڭلارنىڭ نەتىجەلىك بولۇشىغا ياردەم قىلىدىغان بولدى» دەدى. بىز خوشھال ھالدا، كۈتۈپخانا ئالدىدىن ئۆتىدىغان «باراتBRT» (تىز سۈرئەتلىك ئاپتوۋۇز)قا ئولتۇرۇپ، ئۇدۇل ئاماننىساخان نەفىسىي قەبرىگاھى تامان يۈرۈپ كەتتۇق.

ئۇزاق قالماي، ئاماننىساخان قەبرىگاھىغامۇ يەتىپ كەلدۇق. كەڭ-ئازادە قەبرىگاھ مەيدانىدا، تەلىفوندا ۋەئدە قىلغانلارنىڭ كەلىشىنى كۈتتۇق. قىسمەت، يەنىلا ھىچكىم كەلمەدى. (كەيىن ئۇقساق، <ئالتە كىشىلىك بىر ئۆمەكنى بىر دوكتور مۇئەللىم باشلاپ كەپتۇ. <دوكتور> دەگەن قايسى دەرىجەلىك ئەمەلگە توغرا كەلەدۇر؟> دەپ خەلى ئۇزۇن تالاش-تارتىش قىلىپتۇمىش. ئاخىردا، <دوكتور>نىڭ ھىچقانداق بىر ئەمەل-مەنسەپ ئەمەسلىكىنى بىلگەندىن كەيىن، ھىچبىر كادىر ئالدىمىزغا چىقماپتۇمىش”)

ئاخىرى، ھەلىقى ياركەندلىك ئوقۇغۇچىمىزنىڭ يول باشلاغۇچى بولۇشى بىلەن، ئوتتۇز تۆرت پەلەمپەي ئارقالىق چىقىلىدىغان ئەگىز ۋە كۆركەم سالىنغان ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي مەقبەرە ئۆيىگە سالام بىلەن كىرىپ، ئىپتىخارلىق ئالىمە مومامىزنىڭ قەبرىسى ئالدىدا، چەكسىز ھۆرمەت، ئەزىزلەش ۋە ساغىنىش تۇيغۇمىز بىلەن ئەگىلدۇق. قەبرى ئۆيى تامىغا يازىلغان تونۇشتۇرمالارنى ئەستايىدىل ئوقۇدۇق. ئۇ يەردىن چىقىپ، قەبرىگاھ يانىدىكى قەدىمىي “ئالتۇنلۇقۇم” قەبرىستانىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ياتقان مەرھۇم سۇلتان سەئىدخان، سۇلتان ئابدۇررەشىدخان ۋە قەدىرخان ياركەندىي قاتارلىق تۆھپەكار ئەجدادلارىمىزنىڭ قەبرىلەرگەمۇ ئىھتىراملىق مىھرىمىز بىلەن گۈل-چەچەك ياپتۇق. قەبرىگاھتا، مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىگاھىدىكىگە ئوخشاش، كىچىكرەك بولسامۇ، «ئاماننىساخان نەفىسىي مۇزىى ئۆيى» دەگەندەك جاي كۆرۈنمەدى. شۇنداق بولسامۇ، مەن ئەتەي مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىدىن كۆتۈرۈپ كەلگەن «ئەسلىي يازىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى» ۋە «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى تەتقىقاتى» ناملىق ئىككى خاس ئەسەرنى مەزكۇر قەبرىگاھ ئىشلارىنى باشقۇرىدىغان مەسئۇل كىشىگە ھاۋالە بىلەن تاپشۇرىۋەتكۈم كەلدى. شۇ مۇددىئادا، ئاماننىساخان نەفىسىي مەقبەرە ئۆيىدىن چىقىشتا، سول تەرەپتە بولغان بىر بوتكا ئۆيگە كىردۇق. بۇ ئۆي بىر قاراشتا كىتابخاناغا، يەنە بىر قاراشتا سوغۇق ئىچىملىك ساتىش دۇكانىغا ئوخشايتتى. بىزگە يول باشلاغۇچىلىق قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچۇم مەزكۇر دۇكاندىكى ئاق-سارىق سەمىز بىر ئەر كىشىنى كۆرسەتىپ: «مۇشۇ ئاكامىز مۇشۇ قەبرىگاھنىڭ مەسئۇللارىدىن بىرى بولىدۇ» دەپ تونۇشتۇردى. مەن ھەلىقى سوۋغاتىمنى: «بۇ ئىككى ئەسەر ئاماننىساخان نەفىسىي مۇزىي ئۆيىگە قويۇپ قويۇلسا» دەپ ئەدەب بىلەن تاپشۇردۇم.

شۇنداق قىلىپ، بىزنىڭ ياركەنددىكى ئىلمىي زىيارەتىمىز بەلگەلەنگەن مۇددەتتىن يارىم كۈن بۇرۇن ئاياغلاشتى. گەرچە ياركەنددىكى كەسىپداشلارىمىز بىلەن ئۇچراشىپ، كەلەر يىلى، يەنى 2014-يىلى بەيجىڭدا ئۆتكۈزمەكچى بولغان «مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي تەۋەللۇتىنىڭ 480 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى» ھەققىدە «پىكىرلەشىمىز، بىلىك-ئىلىم ئالماشتۇرىمىز» دەگەن ئارزۇيىمىز ئاشۇ گۈزەل ئارزۇلۇقتا ئۆز پەتىچە قالغان بولسامۇ، قارىنداشلارىمىزدن ھىچبىر رەنجىگۈمىز كەلمەدى.چۈنكى، «سەكسەن قامچا ئۇرغان بىلەن يارىم ئۆزەمنىڭ»-دە!

مەخسۇس ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىينى خاتىرەلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا تەييارلىق

ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي مىلادىيە 1534-يىلى ئۇيغۇر يۇرتىنىڭ دولان دىيارىدا، بىر مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇر ئائىلەسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ياركەند خانلىقىنىڭ ئىككىنچى پادشاھى سۇلتان ئابدۇررەشىد خانغا خانىش بولغاندىن كەيىن، مەزكۇر تەرەققىيپەرۋەر پادشاھنىڭ قوللاشى ئارقاسىدا، ئوردادىكى مۇزىكاشۇناس قەدىرخان ياركەندىي قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى رەتلەپ مۇكەممەلەشتۈرگەن. ئۇ يەنە ئۆز ئۆمۈرىدە، «دىۋانى نەفىسىي» (نەفىسىي شىئىرلارى توپلامى)نى تۈزۈپ ئەلان قىلغان شائىرە، شۇنداقلا «ئەخلاقى جەمىلە» (گۈزەل ئەخلاق) ۋە «شۇرۇھۇل قۇلۇب» (قەلبلەر شەرھلەرى) قاتارلىق ئەخلاقشۇناسلىق ۋە مۇزىكاشۇناسلىققا دائىر نادىر ژىرىك ئەسەرلەرنى يازغان ئاتاقلىق ئالىمەدۇر. 2014-يىل ئۇنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىگە تۆرت يۈز سەكسەن يىل بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتەتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارى مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بەش يىلدىن بۇيان ئارمان قىلىپ كەلگەن بىر ئارزۇيىمىزنى ئەمەلىيلەشتۈرمەكچى بولدۇق.

بۇ چاغقىچە ئانا يۇرتىمىزدا، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ماۋزۇسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلارى، تۈرلۈك قۇتلامالار بولۇپ كەلدى ۋە بۇ خىل يىغىن ۋە قۇتلامالاردا مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىنىپ، تۆھپەلەرى ئىپتىخار بىلەن زىكىر- بايان قىلىنىپ كەلدى. ئەمما، سۈرۈشتۈرۈش ۋە تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولدىكى، مەخسۇس يىغىن بىلەن ئاماننىساخان نەفىسىينىڭ تۇغۇلغان يىلىنى خاتىرەلەش، بىرەر يۈز كىشىلىك مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەۋلادلارغا ئۆرنەك بولىدىغان تۈرلۈك تۆھپەكار ئەمگەكلەرىنى، ئوخشاماغان ئىلىم نۇقتالارىدىن تەتقىق قىلىدىغان كوللىكتىپ پائالىيەت مەملىكەت ئىچىدەمۇ، سىرتىدامۇ ھىچيەردە بولۇپ باقمىغان ئىكەن. بۇ ھال بىزنى بىر ئاز ھەيران قىلغاندىن باشقا،  مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىزنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، پائالىيەتنى جەزمەن ياخشى قىلىش، بەلەن ئۆتكۈزۈش ئىرادەمىزنى ھەسسەلەپ كۈچەيتتى.

بەيجىڭدامۇ بىرەر كوللىكتىپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈش، ئاممىۋى يىغىلىش قىلىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. ئىنچىكە ۋە مۇكەممەل بولغان رۇخسەت-ئىجازەت رەسمىيەتلەرىنى ئالدىن بەجىرىش  مەجبۇرىيەت. شۇڭا، ياڭى يىل كىرىپ، مەكتەپتە قىشلىق تەتىل ئاياغلاشقاندىن كەيىنلا، ئىلمىي زاكون ئاساسى يەتەرلىك ۋە تەپسىلاتلىق دوكلات يازىپ، ھەر دەرىجەلىك رەھبەرلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق. تەستىق ئالغاندىن كەيىن، پائالىيەت ئىشتىراكچىلارى بولغان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىينىڭ ھاياتى، ئىلمىي ئەمگەكلەرى ۋە ئۇلار ئۈستىدە بۇ چاغقىچە ئالىپ بارىلغان تەتقىقاتلار ھەققىدە ئىزدەنىشكە ئۇيۇشتۇردۇق؛ ئەدەبىيات ۋە يازىقچىلىق دەرسى ئۆتۈلىۋاتقان سىنىپ ئوقۇغۇچىلارىغا ئاتاقلىق يازغۇچى تۇرسۇن يونۇس 1996-يىل نەشىر قىلدۇرغان تارىخىي رومان «مەلىكە ئاماننىساخان»نى ئوقۇپ چىقىشقا، ئاماننىساخان نەفىسىينىڭ بالىلىق دەۋرى، ئائىلە تەربىيەسى، خانىش بولغاندىن كەيىنكى مەرىپەتپەرۋەرلىكى، تەشكىلاتچىلىقى، تەرغىباتچىلىقى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مۇزىكاچىلىقىغا قوشقان تۆھپەلەرى مەزكۇر روماندا قانداق دىتاللار بىلەن تەسۋىرلەنگەنلىكى ھەققىدە ئوبزور ۋە تەسىرات ماقالەلەرى يازىشقا ئۇيۇشتۇردۇق. ئەۋلادلار ئاكتىپ ئاۋاز قوشتىلار؛ ئىلمىي ماقالە، ئوبزور ۋە تەسىرات ماقالەلەرىنى شۇ قەدەر ياخشى يازدىلاركى، چىن دىلىمىزدىن شادلاندۇق، سۆيۈندۇق!

بىز ئۇيغۇر مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان نەفىسىي تەۋەللۇتىنىڭ 480 يىللىقىنى خاتىرەلەش ئىلمىي پائالىيىتىمىزنى بىر پۈتۈن ئاماننىساخان تەتقىقاتى يولىدىكى بىر ئىزدەنىش، بىر تىرىشچانلىق ۋە بىر خالىس ئەمگەك دەپ قارىغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنى ئىشىكنى ئاچىپ قويۇپ، مەسلەكداشلار بىلەن بامەسلىھەت قىلىشقا تىرىشتۇق. بۇ 2014-يىلنىڭ ئاماننىساخان مومامىز دۇنياغا كەلگەنلىكىگە تۆرت يۈز سەكسەن يىل تولغان يىل ئىكەنلىكىنى باشقا ھەممە قارىنداشلارىمىزنىڭمۇ سەمىگە سالىپ قويۇش مۇددىئاسىدا، «يەتىك ئالىمە ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي ھەققىدە» (بايان خاراكتىرلىك ماقالە)، «مەڭگۈلۈك ئامماننىساخان» (ناخشا تەكىستى) قاتارلىقلارنى يازىپ، ئۈلپەتداشلىقىمىز بار ژۇرناللار تەھرىر بۆلۈملەرىگە ئەۋەتتۇق. ئۇلارنىڭ ئىمكان بولسا، ژۇرناللارىدىن بىر نەچچە بەتنى «ئاماننىساخان نەفىسىي دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 480 يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز»گە ئايرىپ قويۇشىنى سەمىمىي تەۋسىيە قىلدۇق. بۇ ئىشىمىزدىن خەۋەر تاپقان شاگىرتلار چۇقۇرۇشۇپ دەدىلەركى: «مۇئەللىم، بۇ يازغانلارىڭىز ئۇ ژۇرناللاردا ئەلان قىلىنغىچە 2014-يىل ئاخىرلاشىپ بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭدىن، تورلاردا ئەلان قىلساڭىز، قارىنداشلار بالدۇر كۆرىدۇ، بالدۇر خەۋەر تاپىدۇ ۋە سىزنىڭ تۇيغۇڭىز بىلەن بالدۇر ئورتاقلاشىدۇ ئەمەسمۇ؟». بۇ تەكلىپنى ئاڭلاپ، سەل ئويلانىپ تۇرۇپ قالدىم-يۇ، ئاخىردا قوشۇلدۇم. «ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا»-دە، بالىلار ھەقلىق ئىدى.

شۇنداق قىلىپ، «يەتىك ئالىمە ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي ھەققىدە»، «مەڭگۈلۈك ئامماننىساخان» دەگەن ئەسەرلەرىمنى «بىسمىللاھ» دەپ، بىر قانچە تور بىكەتلەرىگە سۇندۇم. دەرۋەقە، تورداشلارىمدىن ئوخشاشماغان ئىنكاسلارنى ئالدىم: بەزى قارىنداشلارىم ماڭا ئوخشاش مەخسۇس ئاماننىساخان نەفىسىي تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانىدىغانلاردىن بولماغاچقامىكىن، ھەدەگەندەلا بىر ئاز قوپال تەگكەنلەرمۇ بولدى. ئۇلارنىڭ : «بىر دۇتار-راۋاب چالىدىغان نەغمىكەش خوتۇننى ‹ئالىمە›، تەخى ‹يەتىك ئالىمە› دەگىنىڭ نەمەسى؟»، «ئاماننىساخان نەغمە-ناۋا قىلىپ سۇلتان ئابدۇررەشىدخاننى ئازدۇرغاچ، دۆلەت مۇنقەرز بولغان»، «كۈي-مۇزىكا بىلەن شۇغۇللانىش، نەغمە-ناۋا قىلىش شەيتاننىڭ ئىشىدۇر» دەگەندەك ھۇجۇم ئوقلارى قۇلاق تۈۋىمدىن ۋىڭىلداپ ئۆتۈپ، تور ھاياتىمغا تەھلىكە سالغان كۈنلەرمۇ بولدى. بىراق، ماڭا مەسلەكداش بولغان تورداشلارىمنىڭ قۇۋۋەتلىك قەلەم ئارقالىق سەمىمىي قوللاشى، بولۇپمۇ بىكەت باشقۇرغۇچى قارىنداشلارىمنىڭ ئۆزلەرى مەيدانغا چىقىپ، ھىمايەتلىك شۇنداقلا ۋەزنەلىك ئىنكاسلارنى يازىپ قوغداشى مەنى مۇھاپىزەت قىلىپ قالدى. بۇ يەردە، ئاشۇ مەنىڭ بىلەن ھەممەسلەك بولغان تورداشلارىمغا ۋە ماڭا خالىس ھامىي بولغان تور بىكەت باشلىقلارىغا قولۇمنى كۆكسۈمگە قويۇپ تەئزىم قىلىمەن!

ئاماننىساخان نەفىسىي تەتقىقاتى يولىدا باشىمدىن ئۆتكۈزگەن بۇ كەچۈرمىشىمدىن ئالغان تەسىراتىم شۇكى، بىزدەك ياشى ئاتمىشتىن ئاشقان قەرىلارغا مۇشۇ ئۈندىدار زامانىدا ياشاش نەسىپ بولغان ئىكەن، تور دۇنياسىدىن خەۋەرسىز ۋە بەھرەسىز كەتسەك، كۆزىمىز كەينىدە كەتىپ قالغۇدەكمىز. قاراپ باق قارىنداشىم، سەنىڭ بىر پارچە ئەسەرىڭنى بىر نەچچە كۈن ئىچىدەلا مىڭلارچە ئادەم ئوقۇپ كۆرسە، بۇ نەمە دەگەن گۈزەل، گۈزەل بولغاندامۇ مىسلىسىز گۈزەل ئىش-ھە؟! يازغۇچىنىڭ ئەسەر يازىشى كىتابخان بىلەن ھال-مۇڭ بولۇش ئۈچۈنغۇ-ئاخىر؟! تور ئەدەبىياتى مەيدانىدىكى ھازىر جاۋابلىق، ھازىر ئىنكاسلىق ئەمەلىيەتتە، ساڭا خەلى كۆپ، ھەتتا بەكلا مۇھىم بولغان نەرسەلەرنى ھىس قىلدۇرىدىكەن، تەكرار مۇلاھىزە قىلدۇرىدىكەن، ئىما-ئىشارەت بىلەن ئۆگرەتىدىكەن. ئالايلۇق، مەن «يەتىك ئالىمە ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي ھەققىدە»، «مەڭگۈلۈك ئامماننىساخان» ماۋزۇلۇق ئەسەرلەرىمنى توردا ئەلان قىلغاندىن كەيىن، تورداشلار يازغان ئىنكاسلارنى دەڭسەپ، قايتا مۇلاھىزەمدىن ئۆتكۈزۈپ كۆردۈم. نەتىجەدە، مەزكۇر ئەسەرلەرىمدە: «كۈي-ناۋا دەگەن نەمە؟ ئۇ قانداق پەيدا بولغان؟ ئىسلامدا كۈي-مۇزىكا زادى بىدئەت نەرسەمۇ؟بىزنىڭ مۇزىكا-كۈيلەرىمىزنى ئەسلىدە كىملەر ئىجاد قىلغان؟» دەگەندەك زۆرۈر مەسىلەلەر قىسقاچە بولسامۇ شەرھلەنمەگەنىكەن. بۇ ھالدا، مەن دەرھال تۆۋەندىكى بىر پارچە ئەسەرنى يۇقىرىدىكى ئەسەرلەرىمگە تولۇقلاما قىلىپ يازىپ، تورداشلارىمنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم:

ئاماننىساخاندىن مىراس كۈي-ناۋا

(ناخشا تەكىستى)

*

كۈي-ناۋا تەڭداشسىز بىر روھىي غىزا،

بۇندا بىلگىن ئىنساندۇر ئاماننىسا.

چۈن بەرگەچ دەرس ئاڭا تۇنجى غەزەلخان-

ئەللەي ناخشاسىنى ياڭراتقان ئانا.

*

مەھمۇد ئات قويغاندا «ئاماننىسا» دەپ،

ئەۋۋەلەن ئوقۇغان تەكبىرى ئەزان.

ئۇ ئەزان ئاھاڭى يارقىن كۈي بولۇپ،

يۈرەككە ئورناغان، چىقماس ھىچ زامان.

*

بامدادنىڭ زامانى كەلگەن ھەر سەھەر،

جامەدىن ياڭراسا گۇلباڭگى سەمەد.(1)

سايرايدۇر بۇلبۇلمۇ شوخ خەندان ئۇرۇپ،

روھ بەرگۈچ ئەزاندىن ئالغاچقا مەدەت.

*

ئاتانىڭ قىرائەت كۈيى ناۋاسى،

ئانانىڭ تىلاۋەت قۇرئان ساداسى.

نەفىسىي ئۇستازغا بولغان خەزىنە،

كۈي- مۇقام تۈزۈشتە ئىلھام ئاساسى.

*

ئۇيغۇرنىڭ مۇقامى ياڭراغان چاغدا،

ئازىتقۇ جىن-شەيتان قاچارمىش يىراق.

شۇڭلاشقا ھەجچىلەر غەزەل- كۈي تۈزۈپ،

ئاتاپتۇ ئىسمىنى “مۇقام چۆلئىراق”.(2)

نەقرات:

ئاماننىساخاندىن مىراس كۈي-ناۋا،

ئۇيغۇرغا قىممەتتە مىسلى ئاش-ھاۋا.

*

2014-يىل 25-ئاپرىل، كاشغارىيە.

ئىزاھلار:

گۇلباڭگى سەمەد: نامازغا چىللاپ قىلىنغان ئەزان ساداسى.

ھەج سەفەرىگە بارغاندا، ئىراق چۆلىدىن ئۆتۈپ كەتىپ بارىپ ئىجاد قىلىپ، «چۆل ئىراق» ئات قويدىلار. (قاراڭ: «تەۋارىخى مۇسىقىييۇن» قوليازما قىسمى، 13-بەت. مىللەتلەر نەشرىياتى 1982-يىل نەشرى)

بۇ ئەسەرىم ئەلان قىلىنغاندىن كەيىن، خالىس نىيەتلىكنى ئاساس قىلغان ئۆز ئارا چۈشەنچەلەرىمىز ھەر ھالدا نىسبەتەن ياقىنلاشتى ۋە بىر بىرىنى ئىچىگە سىڭدۈردى بولغاي، تورداشلارىم ماڭامۇ، ئاماننىساخانغامۇ ئۇنداق سوغۇق تەگمەدى. ئىنكاسلار ئومۇمەن سىلىق-سىپايە، پىكىرلەر مۇزاكىرە ۋە سەمىمىي مۇھاكىمە تەرزىدە ئىدى.

دەمەك، تۆھپەكار مومامىز ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي تەتقىقاتى يولىدا، ھەر تەرەپلەمە ئىزدەنىش، ھەممەسلەك قارىنداشلارنىڭ كۆپرەك قوللاشىغا مۇيەسسەر بولۇش ئارزۇسىدا، تور مەيدانلارىنىمۇ كەزدىم، بەلكى ھەلىھەم كەزىۋاتمەن. راستىمنى دەسەم، تور مەيدانلارىنى كەزگەنسەرى «مەردنى مەيداندا سىنا» دەگەن ئۇيغۇر ئاتا سۆزىنىڭ تەگىگە بارغانسارى يەتىۋاتقاندەك بولىۋاتىمەن جۇمۇ!.

ئاماننىساخان تەتقىقاتى يولىدىكى ئابىدەلەر

ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 480 يىللىقىنى خاتىرەلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىمىزنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، بىزدىن بۇرۇن بۇ يولدا ماڭغانلارنىڭ ئەمگەك مىۋەلەرىنى بىردىن بىردىن تەرىشكە ۋە ئۇلارنىڭ تەتقىقات نۇقتالارى، تەتقىقات دائىرەلەرى ۋە تەتقىقات نەتىجەلەرىنى خالىس يەكۈنلەپ چىقىشقا توغرا كەلدى. مۇشۇ مەقسەتتە، شاگىرتلارنى تەشكىللەپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن بولۇپ، مەخسۇس ئاماننىساخان نەفىسىي ماۋزۇسىدا يازىلغان ئەدەبىي، ئىلمىي ۋە تونۇشتۇرما ئەسەرلەردىن ئوتتۇز ئۈچ پارچە توپلايالىدۇق. ئۇنىڭ ئىچىدىكى نىسبەتەن مۇھىملارى تۆۋەندەكىچە:

«مەلىكە ئاماننىسا» داستانى

ئاتاقلىق شائىر بوغدا ئابدۇللاھ تەرەپىدىن يازىلىپ، «تارىم» ژۇرنالىنىڭ  1981-يىللىق 6- سانىدا ئەلان قىلىنغان داستان «مەلىكە ئاماننىسا» ئۇيغۇر مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىينىڭ ئەسىرلەر مابەينىدە تىللاردا داستان بولۇپ كەلىۋاتقان ئاغىزاكى ھىكايەسىنى يازما داستانغا ئايلاندۇرغان تۇنجى دۇردانە ئەسەر سانالىدۇ. «جەنۇپتا، بىر سەھرا كەچەسى، يىگانە كۇلبەدە ئاي نۇرى. ئانانىڭ كۆزلەرى ئۇيقۇدا، ۋەلەكىن چىھرىدە غۇرۇرى» دەگەن ئۇيغۇر خەلق قوشاقلارىغا ئوخشاش يەڭگىل، ئەۋرىشىم ۋە ئوماق مىسرالار بىلەن باشلانغان بۇ داستان «خاتىمە» بىلەن قوشقاندا جەمئىي ئون بابقا بۆلۈنگەن. بىرنجى باب 14 كۇپلىت، 56 مىسرا؛ ئىككىنجى باب 25 كۇپلىت 100 مىسرا؛ ئۈچىنجى باب 28 كۇپلىت 152 مىسرا؛ تۆرتىنجى باب 12 كۇپلىت 48 مىسرا؛ بەشىنجى باب 13 كۇپلىت 52 مىسرا؛ ئالتىنجى باب 14 كۇپلىت 56 مىسرا؛يەتتىنجى باب 15 كۇپلىت 60 مىسرا؛ سەككىزىنجى باب 12 كۇپلىت 48 مىسرا؛ توققۇزىنجى باب 13 كۇپلىت 52 مىسرا؛ «خاتىمە» 6 كۇپلىت 24 مىسرابولۇپ، ئومۇمىي جەمئىي 648 مىسرا شىئىردىن تەركىب تاپقان بۇ داستان مۆتىۋەر شائىرىمىز بوغدا ئابدۇللاھنىڭ «ئانا» قاتارلىق نادىر ئەسەرلەرى قاتارىدا، خەلقىمىزنىڭ مەڭگۈ سۆيۈپ ئوقۇشى ۋە ئەزىزلەشىگە نائىل بولغۇسى.

«ئاماننىساخان» دىرامماسى

تارىخىي دىرامما «ئاماننىساخان » 1983-يىل ئاتاقلىق جامائەت ئەربابى، يازغۇچى، شائىر سەيپىدىن ئەزىزىي تەرەپىدىن يازىلغان. ئاپتور سەيپىدىن ئەزىزىي بۇ نادىر ئەسەرىنىڭ باشىدا بەرگەن «ئىزاھات»ىدا مۇنداق يازىدۇ:

1) ۋەقە 16-ئەسىرنىڭ بىرىنجى يارىمىدا، سۇلتان ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدە بولغان. ۋەقەنىڭ ئاساسلىق يۈز بەرگەن ئورنى ياركەند خانلىقىنىڭ مەركەزىي شەھىرى ياركەند.

ئەسەرنىڭ تۈپ مەقسەتى 16-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمەسى، مۇتەپەككۇر، شائىرە، مۇغەننىي (مۇزىكانت) ئاماننىساخاننىڭ ئوبرازىنى ۋە كۈرەش پائالىيەتىنى كۆرسەتىش. ئاماننىساخان سۇلتان ئابدۇررەشىدخانغا تەگىپ، ئورداغا كىرگەندىن كەيىن، ئىلغار كۈچلەرگە تايىنىپ، ئۆزىنىڭ جىددى كۈرەش پائالىيەتلەرى ئارقالىق، ئون ئىككى مۇقامنى رەتلەپ ۋە تولۇقلاپ چىقىدۇ. ئۆزىمۇ بۇ جەرياندا ئۆسۈپ يەتىلىدۇ ۋە بىر مۇنچە ئەسەر يازىدۇ.

زىددىيەتلەر كۈرەشى: ئەسەردە شۇ دەۋرنىڭ زىددىيەت ۋە كۈرەشلەرى كۆرسەتىلدى. ئاساسىي زىددىيەت ۋە كۈرەشلەر: مۇستەبىتلىك بىلەن ئەركىنلىك ئوتتۇراسىدا؛ دىنىي خۇراپاتلىق (ئىشانلىق) بىلەن ئۇنىڭغا قارشىلىق ئوتتۇراسىدا؛ ئىلغار ئەدەبىيات-سەنئەت بىلەن ئۇنىڭغا قارشىلىق ئوتتۇراسىدا (ئاساسەن مۇقام ئۈستىدە) بولىدۇ.

ئابدۇرەشىدخان ئومۇمەن ئىلغار، مەرىپەتچى ئادەم. ئۇ ئۆزى تەرەققىيپەرۋەر شائىر، مۇزىكاغا ھەۋەسكار بولۇپ، ئىلغار كۈچلەرنى قوللايدۇ. ئەمما، ئەكسىيەتچىل فىئودال كۈچلەرنىڭ پىتنە-ئىغۋالارىغا ئالدانىپ، خەلقنى، ئىلغار كۈچلەرنى باسىدۇ. كەيىن، چۈشەنىپ پۇشايمان قىلىدۇ ۋە ئىلغار تەدبىرلەرنى كۆرىدۇ.

سەئىدىيلەر دەۋرىدە ئىلغار مەئرىپەتچىلىك بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان؛ ئىنسانپەرۋەرلىك، ئەركىنلىك، ئادالەتلىك ۋە باشقالار مەۋجۇد ئىدى. ئەلۋەتتە بۇنداق تەرەققىيات ئۆز زامانىسىنىڭ فىئوداللىق تۈزۈمى رامكاسىدىن چىقالماغان ئىسلاھاتچىلىق ئىدى. شۇنداقتامۇ ئۇ نىسپىي ئىلغار تەرەققىيات ئىدى. بۇ تەرەققىيات ئەدەبىيات-سەنئەتتە ياخشى ئىپادەلەنگەن. سەئىدخاننىڭ، ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئۇ ئىلغارلىق بىلەن مۇناسىۋەتى بار. بۇ دىراممادا مۇزىكا (مۇقام) مەركەزىي نۇقتا قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، مەئرىپەتچىلىك مەپكۇرەلەرى توغراسىدا جىق توختالمادۇق.

غەزەل (ناخشا) تەكىستلەرىدىن بىر نەچچە غەزەل (بەيىت) تەكىستى تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئەسلىي يازغانلارى بولۇپ، بۇلار قوش تىرناق ئىچىگە ئالىندى. قالغانلارى ياڭىدىن يازىلدى. يازىشتا، ئەسەردىكى پىرسوناژلار (ئالىم، ئەدىبلەر)نىڭ ئۆز دەۋرىدىكى مەپكۇرە-كەيپىياتلارى، ئىستەكلەرى ئاساس قىلىندى. تەكىست مەزمۇنلارى ئاساسەن مۇزىكا (مۇقام) شۇناسلىق، ئەدىبلىك، خەلقپەرۋەرلىك، پەندى-نەسىھەت سۆزلەرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەسەر مۇزىكا (مۇقام)نى ئاساس قىلغانى ئۈچۈن، بەزى غەزەل (ناخشا) تەكىستلەرى مەزمۇن ۋە ئورۇن ياقتىن ئانچە باغلانمايدۇ. ئەمما، پۈتۈن ئەسەرنىڭ مەزمۇن-مەقسەتىدىن ئايرىلمايدۇ.» (ئالىندى: تارىخىي دىرامما «ئاماننىساخان» (32باسما تاۋاق 850×1168 فورماتلىق 122 بەتلىك ئەسەر)، ئىزاھات قىسمى، 1-2-بەتلەر. مىللەتلەر نەشرىياتى، 1983-يىل 2-ئاي نەشرى، بەيجىڭ)

مۇندىن ئوتتۇز نەچچە يىل بۇرۇن يازىلغان بۇ «ئىزاھات»نى ئوقۇغانىمىزدا، بىر تارىخىي ئەسەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يازىپ چىقىشنىڭ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭدا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن ئىلمىي تەتقىقات ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەندەلا، ئاندىن چەندەكىدەك ياخشى ئەسەر پۈتۈپ چىقىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، دىرامماتورگ سەيپىدىن ئەزىزىينىڭ بۇ تارىخىي ئەسەرنى يازىش ئۈچۈن، ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي ھەققىدە، تارىخي يازما خاتىرەلەر ئاساسىدا نەقەدەر ئىنچىكە تەتقىقات ئالىپ بارغانلىقىنى روشەن ھىس قىلىمىز. شۇڭلاشقا، تارىخي دىرامما «ئاماننىساخان»نى ئەدەبىي جەھەتتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك يازىلغان بىر دىرامما ئەسەر دەپ باھالاغاندىن باشقا، ئۇيغۇر مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي تەتقىقاتى يولىدىكى ۋەزنەلىك ئەمگەكلەردىن بىرى دەپ ھىسابقا ئالىمىز، ئەلۋەتتە.

«مەلىكە ئاماننىساخان» رومانى

ئاتاقلىق يازغۇچى تۇرسۇن يونۇس 1996-يىلى نەشىر قىلدۇرغان تارىخىي رومان «مەلىكە ئاماننىساخان» يالغۇز بىر ئەدەبىي ئەسەر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇيغۇر مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي تەتقىقاتىغا تالىق باشلامچى ژىرىك ئەمگەكلەردىن بولۇپمۇ سانالىدۇ.

مەزكۇر تارىخىي رومان «مەلىكە ئاماننىساخان» ( 32 فورماتلىق 494 بەتلىك. مۇھەررىرلەر: نۇرمۇھەممەد توختى، قادىر ئەكبەر؛ مەسئۇل مۇھەررىرى ئابدۇراخمان ئەبەي. 1996-يىل 9-ئايدا شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرەپىدىن نەشىر قىلىنغان. تراژى: ئون مىڭ سەككىز يۈز پارچە) كىتابىنىڭ باش مۇقاۋاسىغا ئاتاقلىق رەسسامىمىز مەرھۇم ئابدۇكەرىم نەسرىدىن سىزغان ئوڭ قولىدا پەي قەلەم تۇتقان ھالدا، ئىجادىيەت ئۈستىدە ئولتۇرغان ئاماننىساخان نەفىسىينىڭ رەسىمى بەرىلگەن. ئىچ مۇقاۋىغا يازغۇچى تۇرسۇن يونۇسنىڭ ئىجادىيەت ئۈستىدە ئىكەنلىكى خاتىرىلەنگەن سۈرەتى بەرىلگەن. شۇ چاغدىكى نەشىر ئادەتى شۇنداقمۇتىكىن، كىتابقا نەشرىيات سۆزىمۇ بەرىلمەگەن، مۇندەرىجەمۇ بەرىلمەگەن. كىتاب مەزمۇنى، يەنى  ئومۇمىي تەكىست «نىنچى باب» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان ھالدا يازىپ كەتىلگەن. بۇ رومان مەزمۇن ئورانى بويىچە ئون ئۈچ بابقا بۆلۈنگەن.

بىز 2014-يىل 4-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۇيغۇر تىل –ئەدەبىيات فاكۇلتەتى 2011-يىللىق سىنىپتىكى ئەۋلادلارغا مەزكۇر روماننى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئوقۇپ-مۇتالىئە قىلىپ، «ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىينىڭ بالالىق دەۋرى ۋە ئائىلە تەربىيەسى توغراسىدا»، «ئاماننىساخاننىڭ خانىش بولغاندىن كەيىنكى مەئرىپەتپەرۋەرلىكى ھەققىدە»، «ئاماننىساخاننىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپەسى توغراسىدا» ۋە «ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىينىڭ ئۇيغۇر مۇقامشۇناسلىقىغا قوشقان تۆھپەلەرى ھەققىدە» دەگەن تۆرت ماۋزۇنىڭ بىرسىنى تاللاپ، مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ماقالە يازىشنى مەۋسۇم ئارالىقى ئىمتىھان نەتىجەسىگە ھىساب بولۇش توختامى بىلەن مەجبۇرىيەتلىك تاپشۇرۇق قىلدۇق: ئوقۇدىلار، يازدىلەر ۋە تەشەككۇرلەر..

«مەلىكە ئاماننىساخان» رومانى ھەققىدىكى ئوبزۇر ۋە مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ماقالەلەر يازىلىپ بولغاندىن كەيىن، گۇرۇپپالارغا بۆلۈنۈپ ماقالەلەرنى ئوقۇپ، مۇھاكىمە قىلدۇق. ياخشى يازىلغانلارىدىن تۆرت پارچەنى تاللاپ، 9- ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلگۈسى بولغان ئىلمىي مۇھاكىمە چوڭ يىغىنىدا ئوقۇشنى قارار قىلدۇق.

مەلۇمكى، ھەقىقىي يازغۇچى ئەمەلىيەتتە، بىر ئىنسانشۇناس، يەنى ئىنسان تەتقىقاتچىسىدۇر. ئەمدى، بىر تارىخىي روماننى مۇۋەپپەقىيەتلىك يازىپ چىقىش يازغۇچىدىن يەتەرلىك دەرىجەدىكى تارىخ بىلىمىگە ئىگە بولۇشنى، ۋەقە-پىرسۇناژلارنى ھەم تارىخىي خاتىرەلەرگە ئۇيغۇن پىچىمدە دۇرۇس ھەم بەدىئىي ئەدەبىيات ئۆلچەكلەرىگە ئۇيغۇن ھالدىكى گۈزەل-يارقىن بايان قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىزنىڭ بىر ئايدەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، تارىخىي رومان «مەلىكە ئاماننىساخان» نى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىققاندىن كەيىنكى تەسىراتىمىز شۇكى، ئاتاقلىق يازغۇچىمىز تۇرسۇن يونۇس  يۇقىرىدا كۆرسەتىپ ئۆتۈلگەن بىلىك ۋە ئىقتىدارلارغا ساھىب بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇيغۇر مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي باش پىرسۇناژ بولغان بۇ تارىخي روماننى مۇۋەپپەقىيەتلىك يازىپ چىقالاغان. شۇڭلاشقا، بۈيۈك مومامىز ئاماننىساخاننى چىن دىلىدىن سۆيىدىغان ھەر بىر تارىم-تەكلىماكان ئوغۇل- قىزىنىڭ بىر ئوقۇپ چىقىشىغا ئەرزىيدىغان بۇ تارىخىي روماننى يازغۇچى تۇرسۇن يونۇسنىڭ ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي تەتقىقاتى يولىدىكى ئابىدە خاراكتىرلىك  ژىرىك ئەسەرى دەپ باھالاش بىلەن بىر چاغدا، خەت يازىش ۋە تەلىفون قىلىشلار ئارقالىق، مۇناسىۋەتلىك نەشىر ئورگانىنىڭ مەزكۇر روماننى قايتا نەشىر قىلىپ بەرىشىنى ئىلتىماس قىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمادۇق.

بالالار ئوقۇشلۇقى «كۈيلەر خانىشى مەلىكە ئامماننىساخان»

2003-يىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرەپىدىن نەشىر قىلىنغان بالىلار ئوقۇشلۇقى «كۈيلەر خانىشى مەلىكە ئامماننىساخان» (فورماتى 1029×787 م م ، 32 كەسلەم، 4 باسما تاۋاق؛ 121 بەت؛ مەسئۇل مۇھەررىرى ئەخمەت ئىمىن؛ تىراژى بەش مىڭ) ئاتاقلىق يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي تەتقىقاتى يولىدىكى تۆھپەكار ئەسەرى سانالىدۇ. ھەجمى جەھەتتىن تارىخىي پوۋىست دەيىشكە بولىدىغان بۇ ئەسەر 1. ئەمىنلىك كۈندىكى قۇتلۇق خەۋەر؛ 2. مۇزىكاغا ھەرىسمەن بوۋاق؛ 3. بالالىق ھەۋەس؛ 4. شائىرلار سۆھبەتىدە؛ 5. شىئىرغا ھەۋەس؛ 6. «نەفىسىي»؛ 7. پىتنە-پاسات؛ 8. سۇيىقەست؛ 9. ئوردادىن چىقىپ كەتىش؛ 10. مەھمۇد ئوتۇنچى؛ 11. «موللا قىز»؛ 12. ئايدىڭدىكى مۇقام ئاۋازى؛ 13. تويلۇق: بىر ئەرىق سۇ؛ 14. دۇمبۇل شىئىر؛ 15. تەلەپچان ئۇستاز؛ 16. پىغانلىق سۆھبەت؛ 17. جۇدالىق دەملەرى بولۇپ، جەمئىي ئون يەتتە كىچىك بابقا بۆلۈنگەن. باب ماۋزۇلارىدىنمۇ كىشىنى ئۆزىگە جەلب قىلىپ تۇرىدىغان بۇ ئەسەر، يەڭگىل، ئەۋرىشىم بالىلار تىلىدا، تولامۇ پاساھەتلىك بايان قىلىنغان.

«مەلىكە ئاماننىساخان» فىلىمى

مەملىكەت سىرتىدا ئەلان قىلىنغان ۋەزنەلىك ئەسەرلەرنىڭ يەنە بىرسى تۈركىيە جۇمھۇرىيەتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى غازىي ئۇنىۋەرسىتىتى كىنو-تەلىۋىزىيە ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ئادىلە ئابدۇلئەھەد خانىم يازغان «ئۇيغۇر كىنو-فىلىمچىلىكى ۋە تەڭرىتاغ كىنو ستودىيەسى» (Uygur sineması ve Tanrıdağ Film Stüdyosu) ماۋزۇلۇق ماقالە. تۈركىيە جۇمھۇرىيەتىدە چىقىدىغان «كىنو-تەلىۋىزىيە نەزەرىيەسى ۋە تەتقىقاتى ژۇرنالى» نىڭ 2007-يىللىق قىش پەسلى سانىغا باسىلغان بۇ ماقالەدە، ئۇيغۇر كىنوچىلىقىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى بايان قىلىنغاندىن باشقا، كونكرىت تەپسىلات ئىچىدە، سەيپىدىن ئەزىزىي يازغان تارىخىي دىرامماغا ئاساسەن، ۋاڭ يەن، ۋاڭ شىڭجۈن ئەپەندىلەرنىڭ رىژىسسورلۇقىدا، سەنئەتكار مۇنىرە ئەنسەردىن ۋە مۇراددىل ئابلىمىتلارنىڭ باش رولچىلىقىدا ئىشلەنگەن ۋە 1993-يىلدىن باشلاپ ئاشكارا قويۇلغان فىلىم «مەلىكە ئاماننىساخان»نىڭ تونۇشتۇرماسىغا خەلى سالماقلىق ئورۇن بەرىلگەن. بۇ ھال ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىينىڭ شانلىق ھاياتى كىنو سەنئەتى ئارقالىق ئىپادەلەنگەن مەزكۇر فىلىمنىڭ خەلقئارادامۇ بولۇشلۇق تەسىرگە ئىگە بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ دەپ قارايمىز.

«ئاماننىساخان» ژۇرنىلى

ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي توغرۇلۇق مەملىكەت سىرتىدا دۇنياغا كەلگەن ئەسەرلەرنىڭ غوللۇقراقلارىدىن بىرسى قىرغىزىستاندا نەشىر قىلىنغان «ئاماننىساخان» ژۇرنالى. بۇ ژۇرنالنىڭAMAHHИСAXAH (ئاماننىساخان) دەگەن سلاۋىيانچە چوڭ خەتلىك ژۇرنال ئىسمىنىڭ ئاستىغا YЙFYР AЯЛЛAР ABAЗИ  (ئۇيغۇر ئاياللار ئاۋازى) دەگەن مۇئاۋىن ماۋزۇ قويۇلغان. ئاماننىساخاننىڭ ئۆز ۋەتەندىكىلەر يا بىرەر مەكتەپ ۋە ياكى بىر كوچانىڭ ئىسمىنىمۇ «ئاماننىساخان» ئاتايالماي يۈرگەن ئەھۋالدا، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلارىنىڭ ئىنسان ھەر دائىم قولىغا ئالىپ ئوقۇپ، ئىلىم شارابىنى ئىچىپ تۇرىدىغان بىر ژۇرنالنىڭ ئىسمىنى «ئاماننىساخان» ئاتاپ كەلىۋاتقانلىقى ھەقىقەتەنمۇ شۇكرانلىق تەقدىرلەشىمىزگە ئەرزىيدۇ. بۇ ژۇرنال ئەمەلىيەتتە، پۈتكۈل ئۇيغۇر دۇنياسى بويىچە، ئاماننىساخان تەتقىقاتى يولىدا چاقناپ تۇرغان ئابىدە ئەسەر سانىلىدۇ، ئەلبەتتە!

مەزكۇر ژۇرنال ھەققىدە، تور دۇنياسىدىكى Word Online outlook.com دىن مۇنداق مەلۇماتقا ئەرىشتۇق: ئۇيغۇر ئاياللار ژورنالى «ئاماننىساخان» قىرغىزىستاندا نەشىر قىلىندىغان ئۇنىۋىرسال ژۇرنالدۇر. بۇ ژۇرنال  قىرغىزىستانلىق مەشھۇر ئەدىب، ژۇرنالىست نۇرمۇھەممەد قاراخان تەرەپىدىن  2010 – يىلىدىن باشلاپ نەشىر قىلىنغان. نۇر مۇھەممەد قاراخان، ئۇيغۇر، 1960-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇغۇلغان. 1979-يىلدىن 1983- يىلىغىچە قىرغىزىستان دۆلەت ئۇنىۋەرسىتىتىنىڭ سودا كەسپىنى پۈتتۈرگەن. توقسانلىق يىللاردىن باشلاپ ژۇرنال چىقىرىش ۋە باشقا ئىلمى ئەسەر يازىش ئىشلارى بىلەن شۇغۇللانىشقا باشلاغان. «ئاماننىساخان» ژۇرنالى 2010-يىلىدا 1-سانى (مۇقاۋاغا ئاتاقلىق رەسسام ئابدۇكەرىم نەسرىدىن سىزغان ئىجادىيەت ئۈستىدىكى ئاماننىساخاننىڭ رەسىمى بەرىلگەن) ۋە 2- سانى (ئاتاقلىق رەسسام غازىي ئەھمەد سىزغان ساتار بىلەن مۇقام ئورۇنلاۋاتقان ئاماننىساخاننىڭ رەسىمى بەرىلگەن) نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، 2012 –يىلى 3-سانى، 2013-يىلى بولسا، ئۇنىڭ 4- سانى نەشىر قىلىنغان. ئاپتورنىڭ بۇنىڭدىن باشقا «تادو»( (TADO، «ئىتتىپاق»، «ئىرپان» قاتارلىق ژورناللارىمۇ قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئاراسىدا كەڭ رەۋىشتە، سۆيۈپ ئوقۇلىدۇ.

بىز ئۆتكۈزۈلگۈسى «ئۇيغۇر مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي تەۋەللۇتىنىڭ 480 يىللىقىنى خاتىرەلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» غا تەييارلىق كۆرۈش جەريانىدا، مەزكۇر قىرغىزىسىتانلىق ئۇيغۇر ژۇرنالىست نۇرمۇھەممەد قاراخان ئەپەندى نەشىر قىلغان جەمئىي تۆرت سان «ئاماننىساخان» ژۇرنالىنىڭ مۇقاۋاسىنى توردىن چۈشۈرۈپ، يىغىن ئەسناسىدا ئاماننىساخان نەفىسىينىڭ ھاياتىنى ۋە ئۇنىڭ ھەققىدە ئۇيغۇر دۇنياسىدا ئالىپ بارىلغان تەتقىقاتلارنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىگەن خاس فىلىمىمىزنىڭ تەركىبىگە ئىپتىخار بىلەن كىرگۈزدۇق. شەكسىزكى، نۇر مۇھەممەد قاراخان ئەپەندىنىڭ ساھىبلىقىدا نەشىر قىلىنىۋاتقان «ئاماننىساخان» ژۇرنالى ھەقىقەتەنمۇ چىن دىلىمىزدىن سۆيۈنۈشىمىزگە ۋە قۇتلۇقلاشىمىزغا ئەرزىيدۇ!

بۈيۈك مومامىز ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي تۆرت يۈز سەكسەن بەش ياشتا داغدۇغىلىق خاتىرىلەندى

2014-يىل 5-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچ سائەت يەتتىدە، «ئۇيغۇر مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي تەۋەللۇتىنىڭ 480 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» (پانەل) مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىنىڭ يىغىن زالىدا، ئالدىن پىلانلانغان مۆرىتتە  داغدۇغالىق ئاچىلدى. بەش يىل تەييارلىق قىلىپ ئۆتكۈزگەن بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ساق ئۈچ يارىم سائەت داۋاملاشتى. يىغىنغا مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا، بەيجىڭدىكى باشقا ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللەرى قاتارلقلار بولۇپ ئىككى يۈز ئەللىكتىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. بەيجىڭ سەنئەت ئۇنۋەرسىتىتىدا بىلىم ئاشۇرىۋاتقان قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى خەتتات مۇختەر مۇئەللىم ئۆزى ھۆسنى خەت بىلەن يازغان مۇقام تەكىستلەرىنى يىغىن زالىنىڭ تاملارىغا ئاسىپ، يىغىنغا زۆرۈر گۈزەللىك ۋە كۆركەملىك تۆھپە قىلدى. يەنە شۇ مەكتەپتە بىلىم ئاشۇرىۋاتقان شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى مۇقام ئورۇنلاش كەسپىنىڭ لەكتورى ئەمەتجان مۇھەممەت مۇئەللىم ئۇيغۇر مۇقامىنىڭ ئونىنچىسى بولغان نەۋا مۇقامىدىن ئارىيە ئورۇنلاپ، يىغىننى ئەمەلىيەتچانلىق نۇرىغا پۈركەدى. يىغىندا، «ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي ھەققىدە تارىخىي خاتىرەلەر»، «مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان ئۈستىدە ئالىپ بارىلغان ئىلمىي ئىزدەنىشلەر»، «ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي ماۋزۇسىدا يازىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەر توغراسىدا»، «ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىينىڭ بالالىق دەۋرى ۋە ئائىلە تەربىيەسى توغراسىدا»، «ئاماننىساخاننىڭ خانىش بولغاندىن كەيىنكى مەئرىپەتپەرۋەرلىكى توغراسىدا»، «ئاماننىساخاننىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مۇقامشۇناسلىقىغا قوشقان تۆھپەسى» بولۇپ، جەمئىي بەش پارچە ئىلمىي ماقالە؛ «يازغۇچى تۇرسۇن يونۇسنىڭ ‹مەلىكە ئاماننىساخان› رومانى توغراسىدا» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ئەدەبىي ئوبزۇر، «مۇقام خانىشى ئاماننىساخان» ماۋزۇلۇق بىر پارچە شىئىر ۋە  «نەفىسىي ئىزلەرىڭدىن ئۈنمەكتە گۈللەر» ماۋزۇلۇق بىر پارچە نەسىر ئوقۇلدى. مەن يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچىسى بولۇش سالاھىيەتىم بىلەن ئاچىش نۇتقى سۆزلەگەن بولدۇم. نۇتقۇمنىڭ قىسقارتىلماسى تۆۋەندىكىچە:

مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى دەگىنىمىز، ئۇزاق ئەسىرلەر جەريانىدا، ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقى تەرەپىدىن ئىجاد قىلىنغان، مىلادىيە ئون ئالتىنچى ئەسىرگە كەلگەندە، ئاماننىساخان نەفىسىي باشلىق مۇقام پىشىۋالارى تەرەپىدىن رەتلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن ئۈچ يۈز ئاتمىش ئاھاڭلىق ئون ئىككى يۈرۈش نەغمە ۋە ئۇنىڭغا جۆرە قىلىنغان ئۈچ مىڭ تۆرت يۈز ئوتتۇز ئالتە مىسرا نەزمەدىن تەركىب تاپقان بۈيۈك مەدەنىيەت خەزىنەسىگە ئەيتىلىدۇ.

شۇنداق، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ئەنە شۇنداق بۈيۈك مىللىي مەدەنىيەت خەزىنەسى بولۇپ، دۇنيا مىللەتلەر مەدەنىيەت خەزائىنلەرى قاتارىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھبە قوشقان ھىدايەتكار پىشىۋا ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىيدۇر. ئۇ مىلادىيە 1534-يىلى، ئۇيغۇر ۋەتەنىنىڭ دولان دىيارىدا، بىر مەئرىپەتپەرۋەر ئائىلەدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ داداسى مەھمۇد قالۇن ۋە ساتارنى ياخشى چالىدىغان ماھىر مۇزىكانت ۋە ئۇيغۇر مۇقاملارىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئەيتىدىغان ئۇستا مۇقامچى ئىدى. ئاماننىساخان نەفىسىي مىلادىيە 1567-يىلى تۇغۇتتا شەھىدە بولغان. ئۇنىڭ مۇبارەك مەيىتى ياركەند خانلىقىنىڭ خان جەمەت قەبرىستانلىقى «ئالتۇنلۇقۇم»غا دەپنە قىلىنغان. ئۇنىڭ قەبرىگاھى بۈگۈنكى كۈنىمىزدە، ياركەند شەھرىدىكى مۇھىم بىر زىيارەتگاھ-تاۋاپگاھ بولۇپ كەلمەكتە ھەقلىق يۇسۇندا.

بىز مۇقام ئۇستازى، ئاتاقلىق ئالىمە ئاماننىساخان نەفىسىينى غۇرۇر بىلەن خاتىرەلەگەن ۋاقتىمىزدا، ئۇ بۈيۈك مومامىزنىڭ ئىشەنچلىك تارىخىي خاتىرەلەر، مۆئتىۋەر كلاسسىك ئەسەرلەر تەرەپىدىن تونۇشتۇرۇلغان ھايات كارتىناسىنى ئىپتىخار ۋە ئىھتىرام بىلەن كۆز ئالدىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىز مۇمكىن:

ئاماننىساخان نەفىسىي بالالىق ۋاقتىدىن باشلاپلا، مەئرىپەتپەرۋەر ئاتا مەھمۇدنىڭ تەربىيەسى ۋە تەئسىرىدە، ئۇيغۇر شىئىرىيەتى، ئۇيغۇر مۇزىكاسىغا ئىشتىياق باغلاغان تىرىشچان ئوقۇغۇچى، غايەلىك ئۆسمۈر بولۇپ، 13-14 ياشلارغا كىرگەن چاغىدا، ئۆزىنىڭ “نەفىسىي” تەخەللۇسى بىلەن يازغان شىئىرىنى پەنجگاھ مۇقامىغا سالىپ تەمبۇر بىلەن ئورۇنلاپ، ئۆز زامانەسىنىڭ شائىر پادىشاھى سۇلتان ئابدۇررەشىدخاننى ھەيران-ھەسلىكتە قالدۇرغان. بۇ دەلىل-ئىسپاتنى چىقىش قىلىپ شۇنداق دەيىشكە ھەقلىقمىزكى، ئاماننىساخان نەفىسىي ئەمەلىيەتتە، “4-5 ياشىدالا پۈتۈن-پۈتۈن شىئىرلارنى دەكلىماتسىيە قىلغان، 14-15 ياشلارغا كىرگەندە بولسا، نادىر ئەسەرلەرى بىلەن ئەل- جامائەتكە تونۇق ئۆسمۈر شائىر بولغان بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىي” (قاراڭ: لى گوشياڭ: “ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى”) دىن ئۇدۇم ئالغان ئىقتىدار ئىگەسى ۋە تالانت ساھىبىدۇر.

ئاماننىساخان نەفىسىي ياركەند خانلىقىنىڭ ئىككىنچى پادشاھى سۇلتان ئابدۇررەشىد خانغا خانىش بولغاندىن كەيىن، مەزكۇر تەرەققىيپەرۋەر پادشاھنىڭ قوللاشى ئارقاسىدا، ئوردادىكى مۇزىكاشۇناس قەدىرخان ياركەندىي قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى رەتلەپ مۇكەممەللەشتۈرگەن؛ ئۇ يەنە «ئىشرەتەڭگىز» (ھاياتنى جانلاندۇرۇش، ياشامنى گۈزەللەشتۈرۈش) ناملىق كۈي-مۇقامنى ئىجاد قىلغان؛ «دىۋانى نەفىسىي» (نەفىسىي شىئىرلار توپلامى) نى تۈزۈپ ئەلان قىلغان؛ شۇنداقلا، ئەخلاقشۇناسلىق ۋە مۇزىكانتلىققا ئائىت بولغان «ئەخلاقى جەمىلە» (گۈزەل ئەخلاق) ۋە «شۇرۇھۇل قۇلۇب» (قەلبلەر شەرھلەرى) قاتارلىق نادىر ژىرىك ئەسەرلارنى يازغان. ئەمدى، بىز مانا بۇ پاكىتلارنى ئاساس قىلىپ شۇنداق باھا بەرىشكە ھەقلىقمىزكى، ئاماننىساخان نەفىسىي ئۇنداق بامداد نامازىنى ئوقۇپ بولۇپلا: «يوتقان سوغۇپ بولغىچە كىرىپ، ئۇخلاۋالسا ساۋاب بولىدۇ» دەپ چۈشكىچە ئۇخلايدىغان ھورۇن مۇسۇلمان ئەمەس ئىدى. دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، سەھەر تورغايلارىنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرۈپ مۇقام ياڭراتىدىغان ھارماس مۇزىكانت، گۈلزار بۇلبۇللارىنىڭ زوقىنى قوزغاپ، كۆڭۈل جۇشقۇلارىدىن شىئىر تۈزۈپ ئوقۇيدىغان شائىرە، يۈرەكىگە ۋەتەن-مىللەت ئارزۇسىنى پۈكۈپ، ئەۋلادلارنى تەربىيەلەيدىغان ھىدايەتكار ئەسەرلەرنى يازىدىغان  مەسئۇلىيەتچان ئالىمە ئىدى. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ راھەتپەرەس خانىش بولۇشنى راۋا كۆرمەي، ۋەتەننىڭ ئەرتەسىنى، مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆز زامانەسىدا نىسبەتەن چاچىلاڭغۇ ھالەتتە تۇرغان ئۇيغۇر مۇقام كۈيلەرىنى سىستەمىلەشتۈرۈپ، مۇقام تەكىستلەرىنى رەتلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدە ھالەتى بىلەن ئەۋلادلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغان ئەمگەكى بىلەن ئۇيغۇر مۇزىكا-سەنئەت تارىخىدا مىسلىسىز بۈيۈك پىر-ئۇستازدۇر.

شۇنداق، ناخشا، كۈي-مۇزىكا ئىنسانىيەتنىڭ بىرىنجى دەرىجەلىك ياشىل روھىي غىزاسىدۇركى، ئۇ ئىنساننىڭ روھىنى جانلاندۇرىدۇ. ھەر قانداق بىر ئىنسان ئۆز ئاناسىنىڭ ئوغۇز سۈتى ئارقالىق تۇنجى ماددىي غىزانى قوبۇل قىلسا، مىھىربان ئانانىڭ ئاشۇ راھەتلىك ئۇيقۇ ئاتا قىلغۇچى يارقىن ئاھاڭ بىلەن ئوقۇغان ئەللەي ناخشاسىدىن تۇنجى ۋە ئەبەدىيلىك زۆرۈر بولغان مەنىۋى-روھىي ئوزۇق ئالىدۇ. شەكسىزكى، ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىيمۇ ناخشا ئوقۇشنى ئاناسىنىڭ ئەللەي ناخشاسىدىن ئۆگەنگەن؛ مۇزىكا-كۈي ئىجاد قىلىشتا بولسا، داداسى مەھمۇد ئۇنىڭغا «ئاماننىسا» دەپ ئات قويۇشتىن بۇرۇن قۇلاقىغا چىللاپ تۇرۇپ ئوقۇغان ياقىملىق تەكبىرى ئەزاندىن ئەندىزە ئالغاندۇر. بامداد نامازىغا، بەلكى ھەر قاتىملىق ناماز ئۈچۈن جامە مۇنارەلەرىدىن ياڭرايدىغان لەرزان-ياقىملىق ئەزان ئاھاڭىدىن ئىلھام ئالىپ، «بەياد» (يادلاش، ئاللاھنى ياد ئەتىش)، «چەببەيات» (يەنى شەب بەياد: ئاللاھنى كەچەدە ياد ئەتىش) دەگەن مۇقاملارنى ئىجاد قىلغان؛ مەككە-مەدىنە ھەرەملەرىگە ھەج قىلىش قىلىش ئۈچۈن كەتىۋاتقان ئۇيغۇر ھەجچىلەرى، ئىراقنىڭ چۆلىدىن ئۆتۈپ كەتىۋەتىپ غەزەل توۋلاپ، ناخشا ئوقۇپ، ئۆزلەرى ياڭىدىن ئىجاد قىلغان ئۇ ناخشا-كۈيلەرىگە «چۆلى ئىراق مۇقامى» دەپ ئات قويغاندۇر. (قاراڭ: «تەۋارىخى مۇسىقىييۇن»، قوليازما، 24-بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1982-يىل نەشرى)؛ ئەمگەكچان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارى مەخسۇس ئەمگەك قوشاقلارىنى توقۇپ، ئۇنى گۈزەل مۇقام ئاھاڭلارى بىلەن جاراڭلىق ئوقۇپ، ئەمگەك مۇشەققەتلەرىنى يەڭگەن بولسا،  تۇغۇت، توي-تۆكۈندەك شادىيانە ئىشلار ئۈچۈن، مەخسۇس شاتلىقنى ئىپادەلەيدىغان يارقىن-ياقىملىق ئاھاڭلار بىلەن ياڭرايدىغان توي ناخشالارىنى ئىجاد قىلىپ ئوقۇپ، تۇرمۇشلارىنى جانلاندۇرۇپ، رەڭدار بىزەپ كەلگەن. ھەتتا ئۆلۈم-مۇسىبەت ئۈچۈنمۇ ھەسرەتلەنىش، قايغۇرۇش، ھازادارلىق تۇيغۇسىنى ئىپادەلەيدىغان مۇڭلۇق ناخشا-كۈيلەرنى ئىجاد قىلىپ ئوقۇپ، ئۆزلەرىنىڭ ئىنسانىي تەزىيە كۆڭۈللەرىنى ئىپادەلەپ كەلگەندۇر. ئەمدى، پەخىر-ئىپتىخارىمىز بولغان ئاماننىساخان نەفىسىي مانا مۇشۇنداق ئەقىدەلىك ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارىنىڭ ھالال ئاغىز ئىجادىيەتلەرىنى خۇددى بۇغداي ئۈنچەلەرىنى تەرگەندەك بىردىن، بىردىن تەرىپ، جەۋھەر-گۆھەر توپلاغاندەك بىرمۇبىر توپلاپ، ئاخىرىدا بۈيۈك ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى كۈي- تەكىستلەرى بىناسىنى پۈتكۈزگەندۇر!

روشەنكى، بۈيۈك بوۋامىز ئەلىشىر غىياسۇددىن نەۋائىيدىن بىزگە مىليونلارچە خەتلىك يازما نادىر ئەسەر يادكار قالغان بولسا، بۈيۈك مومامىز ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىيدىن ئون ئىككى ۋاقىت يىگىرمە تۆرت سائەتلىك ھەر بىر سوتكا ھاياتنىڭ مۇئەييەن پەيتلەرىدە، زوق-شوق بىلەن تەرەننۇم قىلىنغان ۋە ئەبەدۇلئەبەد تەرەننۇم قىلىنىدىغان ئۈچيۈز ئاتمىش ئاھاڭلىق گۈزەل كۈيلەر بىلەن ئۇنىڭغا جۆرە قىلىنغان نەچچە مىڭ بەيىتلىك ئاغزاكى ناخشا -ئۆلۈمسىز ئەل ئىچى ئەدەبىيات خەزىنەسى بولۇپ بىزگە مىراس قالغاندۇر. ھالبۇكى، مۇشۇنداق تۆھپەكار، مۇشۇنداق مۆئتىۋەر ۋە مۇشۇنداق بۈيۈك مومامىزنى، شۇ قەدەر مۆھتەرەم ۋە شۇ قەدەر ئۇلۇغ ئالىمەمىزنى ھىچ بولماسا، ئون يىلدا بىر نۆۋەت بولسامۇ، خاس پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرەلەشكە ھەقلىق ۋە مەجبۇرىيەتلىك ئەمەسمۇ بىز-ئەجەبا!!؟

بىز بۈيۈك ئالىمە، بۈيۈك مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىينى خاتىرەلىگەن ۋاقتىمىزدا، ئاشۇ مۇقام رەتلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن 16-ئەسىردىن تارتىپ، بىزنىڭ مۇشۇ زامانىمىزغىچە بولغان ئارالىقتا، مۇقام خەزىنەمىزنىڭ ئامان-ئىسەنلىكىگە كاپالەت قىلغان، ئۇنىڭ قوغدالىشى ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە ھەقلىق رەۋىشتە يىلتىز تارتىشىغا ئۆز ھەسسەلەرىنى قوشقان تۆھپەكارلارىمىزنىمۇ تەشەككۇر تۇيغۇمىز بىلەن زىكىر قىلىپ تۇرىمىزكى:

ئۆز زامانىسىدا، خانىش ئاماننىساخان نەفىسىينىڭ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى كۈيلەرى ۋە تەكىستلەرىنى رەتلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن يەتەرلىك ئىمكانلارنى ياراتىپ بەرگەن، ئۇنى قوللاغان ۋە قوغداغان زات مەئرىپەتپەرۋەر شائىر، تەرەققىيپەرۋەر پادشاھىمىز سۇلتان ئابدۇررەشىد خاندۇر!

ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى نەچچە مىڭ مىسرالىق مۇكەممەل تەكىستلەرى بىلەن، (خەت تونۇماسىمۇ، نوتا بىلمەسىمۇ) ئەجدادتىن ئەۋلادقا ئۇلاپ يادقا ئوقۇپ، يادقا ئورۇنلاپ،  دەۋرىمىزگە يەتكۈزگەن گىگانت ئىنسان بۈيۈك ئۇيغۇر سەنئەتكارى، مۇقامشۇناس ئۇستاز تۇردى ئاخۇن كاشغەرىي ئاكادۇر.

ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى يوقالىپ كەتىش گىردابىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، نەچچە ئەۋلادتىن بۇيان مۇقامچىلىق بىلەن پەقىرانە ياشاپ كەلگەن مۇقام ئورۇنلاغۇچىلارنى ئىزدەپ تاپتۇرۇپ، مۇقام كۈيلەرى ۋە تەكىستلەرىنى زامانىۋى ئۈن-ئاھاڭ خاتىرەلىگۈچ ماشىنالار ۋاسىتەسى بىلەن لىنتا-سىمغا ئالىپ، ئۇنىڭ ئۈنالغۇلاشتۇرۇلۇشىغا ۋە نوتالاشتۇرۇلۇشىغا يەتەكچىلىك قىلغان زات تالانتلىق يازغۇچى، شائىر ۋە ئاتاقلىق جامائەت ئەربابى سەيپىددىن ئەزىزىيدۇر.

ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ تۇنجى قاتىم بەش سىزىقلىق نوتاغا ئالىنىشىغا يەتەكچىلىك قىلغان ۋە بىۋاسىتە ئەمگەك سىڭدۈرگەن زات خەلق سەنئەتكارى ۋە ئۇستاز مۇزىكاشۇناس ۋەن توڭشۇ ئەپەندىدۇر.

ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى بىلەن مۇقام ئاھاڭلارىنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك رەتلەنىپ، بەش سىزىقلىق نوتاسىنى، تەكىستلەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىدىكى ئوقۇلغۇسىنى، يەشىمىنى، خەنزۇچە تەرجىمەسىنى ۋە سۆزلۈك لۇغەتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون ئۈچ توملۇق مۇكەممەل گىگانت ئەسەر بولۇشىنى ۋە ئۇنىڭ تۇنجى VCD ۋە DVD پىلاستىنكالارىنىڭ ئىشلەنىپ تارقىتالىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن زات تالانتلىق يازغۇچى، شائىر ۋە داڭقلىق جامائەت ئەربابى تۆمۈر داۋامەت ئاكادۇر.

مىلادىيە 2005-يىل 5-ئايدا، بەيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرەپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئەسلىي يازىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى» (فورماتى 32 كەسلەم، 851 بەتلىك؛ كىتاب نومۇرى ISBN7-105-06934-1/J.547) ناملىق ژىرىك ئەسەر ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرىنىڭ ئاغىزاكى تەلەپپۇزلۇق شەكلى بىلەن ئاشۇ 16- ئەسىردىكى چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىدىكى ئەسلىي شەكلىنى تۇنجى بولۇپ بىر كىتاب ئىچىگە يۈكلەگەن، تەكىستلەرنىڭ ئوقۇلغۇسىنى ئەسلىي يازىق شەكلى ئاساسىدا تۈزەتىپ مۇكەممەللەشتۈرگەن نادىر ئەسەردۇر.

2005-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ كومىتەتىنىڭ خاس قارار ماقۇللاپ، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى «ئىنسانىيەت ئاغىزاكى غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى» دەپ ئەلان قىلغانلىقى مۇقام تەكىستلەرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر مۇقام خەزىنەسىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت سورۇنىدا پايدالانىش، ئاچىش، تەتقىق قىلىش ۋە قوغدالىش بويىچە، ھەقلىق ئورۇنغا ئىگە بولغانلىقىنىڭ مۇھىم دەلىلىدۇر.

ھىچ شەك يوقكى، شۇ قەدەر بۈيۈك مەدەنىيەت خەزىنەسىنىڭ ساھىبى بولغان ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ بۇ خاس مىللىي مەدەنىيەت ئابىدەسى بىلەن پەخىرلەنىشكە ھەقلىقتۇر. خىرىس، ئىمكان ۋە ئىمتىھان ئىچىدە قايناپ تاشقان ۋە ئاداققىي بەسلەشىش ئىچىدە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان بۈگۈنكى مەدەنىي رىقابەت دۇنياسىدا، خەلقىمىز، خۇسۇسەن ياش ئەۋلادلارىمىز بۈيۈك ئون ئىككى مۇقام ئۆز گەۋدەسىگە مۇجەسسەم قىلغان مەنىۋى بايلىقتىن ئۈنۈملۈك پايدالانىشنى ۋە ئۇنى ئۆزلەرىنىڭ ھەقلىق تەرەققىياتى ئۈچۈن سەرپ قىلىشنى ئوبدان بىلىشلەرى كەرەكتۇركى، بىزنىڭ ئۇيغۇر مۇقامى تەكىستلەرىنى تەتقىق قىلىشىمىزنىڭ، بىزنىڭ بۈيۈك ئالىمە، مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان نەفىسىينى چەكسىز غۇرۇر ۋە تويۇنغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇمىز بىلەن خاتىرەلەشىمىزنىڭ رىئال ۋە نەق ئەھمىيەتىمۇ دەل مۇشۇ يەردە!»

خاتىمە

نورمال چۈشەنچە بويىچە ئەيتقاندا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئىككى قاناتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىر قانات يازما ئەدەبىيات، يەنە بىر قانات بولسا، ئاغىز ئەدەبىياتىدۇر. ئەمدى، ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىنىڭ ئۇستاز پىرى بۈيۈك مۇتەپەككۇر شائىر بوۋامىز ئەلىشىر نەۋائىي بولسا، ئاغىز ئەدەبىياتىمىزنىڭ پىرى كامىلى مۆئتىۋەر مومامىز ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىيدۇر. ھالبۇكى، ئاماننىساخان نەفىسىي تەتقىقاتى خۇددى ئەلىشىر نەۋائىي تەتقىقاتىغا ئوخشاشلا ئەھمىيەت، جىدىيەت ۋە زۆرۈرىيەت بىلەن تەتقىقات كۈن تەرتىپىگە قويۇلۇشى، ئىز باسىپ تەپسىلىي ۋە ئىنچىكە مۇھاكىمەلەر يۈرگۈزۈلۈشى لازىم.

بولۇپمۇ، ئاماننىساخان نەفىسىي تەتقىقاتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇر قىز-ئاياللارىنى يەتەكلەشتە تەڭداشسىز مۇھىم ۋە زور رولغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتىشىمىز كەرەك. شۇ ۋەجدىن بىز 9-ماي ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي تەتقىقاتى يىغىنىدا قىز ئوقۇغۇچى-شاگىرتلارىمىزغا كۆپرەك سەھنە بەردۇق. ئۇلار ئۆز ئىلمىي ماقالە ۋە ئوبزۇرلارىدا،  بۈيۈك ئالىمە ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىينى ئۆرنەك قىلىپ، ئىلىم-مەئرىپەت بىلەن شۇغۇللانىش ئاڭىنى تەخىمۇ ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى ئىلىم-پەن ئۆگرەنىشى ئارقالىق، ۋەتەن-مىللەتنىڭ مەدەنىي تەرەققىياتىغا ئۆزلەرىنىڭ تەگىشلىك ھەسسەلەرىنى قوشۇش ئىرادەلەرىنى بىلدۈرۈشتى. يىغىن ئەھلى ئۇلارنىڭ ۋەدەلەرىنىڭ سەمىمىيەتچان يۈرەك قاتىدىن ئۇرغۇپ چىققانلىقىنى ئانىق ھىس قىلىشتى. يىغىن ئاخىرىدا، ئۇلار تولۇپ تاشقان ئىپتىخار تۇيغۇسى بىلەن دەكىلىماتسىيە قىلغان مۇنۇ شىئىر يىغىن زالىنى زىلزىلىگە كەلتۈردى:

مەڭگۈلۈك ئاماننىساخان

(ناخشا تەكىستى)

 *

ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەت بايلىقى ئىچرە،

ئون ئىككى مۇقامدۇر ئەلا دۇرەخشان.

ئون ئالتىنچى ئەسىردە رەتلەگەن ئۇنى،

نەفىسىي لەقەبلىك ئاماننىساخان.

داداسى مەھمۇد ھەم مۇقامچى ئىدى،

ساتارىغا كۈي بەرگەن پۈتكۈل دولان.

قەدىرخان ياركەندىي قولداشى، يەنە-

ئارقا تىرەك سۇلتان ئابدۇرەشىد خان.

ئەخلاقى جەمىلە، شۇرۇھۇل قۇلۇب،

نادىر كىتابلاردۇر نەفىسىي يازغان.

خوتۇن-قىزلار ئەخلاق تەربىيەسىدە،

مەڭگۈ پۈتمەس ئىلىم چەشمەسىن قازغان.

ئۇيغۇرنىڭ مۇقامى كۆك ئاسمان بولسا،

ئاماننىساخاندۇر ئۇندا ئاي، چولپان.

ئەۋلادلار جۆر بولۇپ كۈيلەر قاتىدۇ،

تارىم، تەكلىماكان، يەنە زەرەپشان.

نەقرات:

مەڭگۈلۈك ئۇستازسەن ئاماننىساخان،

سەن تاراتقان مۇقامدىن مەمنۇن جاھان!

2014-يىل 25-ماي، كاشغارىيە.

2020-يىل 18-ئاپرىل، كالىفورنىيە.


ئىلاۋە: بۇ ئەسەر پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش