• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » مىللىي مەنپەئەت ۋە بۆلۈنۈش

مىللىي مەنپەئەت ۋە بۆلۈنۈش

خالمۇرات ئۇيغۇر ئەلسۆي

خىتاينىڭ جازا لاگېرى سىياسىتى 2017-يىلى ئاپرىلدىن باشلانغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار بىر يىلغا يېقىن سۈكۈتتىن كېيىن، 2018-يىلىنىڭ بېشىدا قارشىلىق ھەركەتلىرىنى ئومۇمىي يۈزلۈك باشلاشقا باشلىدى. خىتاينىڭ لاگېرلارغا تۇتقان كىشىلەر دائىرىسى يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بولغان، ئەر-ئايال، زىيالىي-زۇۋانىي، دىنىي-دىنسىز، مىللەتچى-ئۈممەتچى، سىياسىي-پۇخراۋىي كاتىگۇرىيىسىدىكى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، بۇ قېتىملىق قارشىلىق ھەركىتىگە شۇ كاتىگۇرىيىلەرنىڭ ھەممىسىگە، ھەتتا ئۇنىڭدىن ھالقىغان كاتىگۇرىيىلەرگە تەۋە كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كىرىشكە باشلىدى. دېمەك ھەقىقىي مەنىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك قارشىلىق ھەركىتى «ئۈرۈمچى قىرغىنى» دىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم كەڭ كۆلۈملىك سەپەرۋەر بولدى. قازاقىستاندىكى سېرىكژان بىلەش باشلىق ئاتاژۇرتچىلار سىياسىي ھەركەت بولۇش قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەش بىلەن، سىياسىي قاراشلار ۋە ئارزۇلارنى ئىپادىلەشتىن خالىي ھالدا دىققىتىنى پەقەتلا لاگېردىكى قېرىنداشلىرىنى قۇتقۇزۇشقا قاراتقان ھەركەتنى باشلىغان بولسا، كېيىنچە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىنمۇ بەزىلەرنىڭ قازاق شوۋىرنىزمىنى چىقىش قىلغان بۈيۈك قازاقچىلىق تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار «خىتاي بۆلۈنۈپ كەتسە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدا قازاق دۆلىتى قۇرىمىز» دېگەن ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئۇلارنىڭ قازاقچە چىقارغان ۋىدىئۇ ۋە يازمىلىرىدىن كۆرەلەيمىز. بۇ ئىشلارنىڭ سېرىكژان بىلەن ئالاقىسى يوق دەپ قارايمەن، بۇ يەردە قېرىنداشلارنىڭ بۇ ۋەقەلەرنى چوڭايتماسلىقىنى سورايمەن. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئاتاژۇرتقا ئوخشاش، «سىياسىي قاراشلارنى قايرىپ قويۇپ، لاگېردىكىلەرنى قۇتقۇزايلى» دېگەن مودېلدا ھەركەت قىلغانلار بولدى، ئۇنىڭ ئەكسىنچە «مۇستەقىل بولماي قۇتۇلالمايمىز، شۇڭا لاگېر مەسىلىسىنى قايرىپ قويۇپ، ئادەملەر سەپەرۋەر بولغاندا مۇستەقىللىقنىلا تەرغىپ قىلايلى» دېگۈچىلەرمۇ بولدى. بۇ مەسىلىلەرنى ئىلمىي چۈشۈنۈش ئۈچۈن، ئۆگۈنۈش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم، مانچېستىر ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شاۋن بېست ئەپەندىمنىڭ 2005-يىلى نەشىر قىلغان «ئىجتىمائىي بۆلۈنۈشلەرنى چۈشۈنۈش» دېگەن كىتابىنى ئوقۇدۇم. جەمئىيەتنىڭ قانداق قىلىپ ئوخشىمىغان قاتلام، سىنىپ ۋە مەزھەپلەرگە ئايرىلىدىغانلىقىنى شۇ كىتابتىن چۈشەندىم. ئەسلىدە جەمئىيەتنىڭ بۆلۈنىشى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل سەۋەبلەردىن شەكىللىنىدىكەن:

بىرىنچىدىن، ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي قاراشتىكى كىشىلەر ياكى توپلۇملار ئوخشىمىغان قاراشلارغا مۇرەسسە قىلمىغاندا، جەمئىيەت بۆلۈنىدىكەن.

ئىككىچندىن، مەلۇم بىر توپلۇم كەمسىتىلگەندە، ئىجتىمائىي چەتكە قېقىلىشقا ئۇچرىغاندا، ئۇلاردا قارشىلىق شەكىللىنىپ، شۇ قارشىلىقلاردىن شەكىللەنگەن چىگرالار ئەسلىدىكى بىر جەمئىيەتنى پارچىلايدىكەن.

ئۈچىنچىدىن، ئىجتىمائىي تەقسىماتلاردىكى پەرقلەردىن شەكىللەنگەن ئىقتىسادىي مۇئامىلە سىنىپلىرىدىكى پەرقلەر جەمئىيەتنى ئوخشىمىغان قاتلاملارغا ئايرىغاندا، ئۇلار ئارىسىدىكى زىددىيەتلەر تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلغاندا، سىنىپلار ئارا كۈرەش پارچىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جەمئىيەت بۆلۈنىدىكەن.
ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلاردىكى بۆلۈنۈش قانداق شەكىللەندى. ئەسلىدە ۋەتەندىكى چوڭ ئۇيغۇر ئىجتىمائىي جەمئىيىتىنىڭ سابگۇرۇپپىسى (ئەترىتى) ھالىتىدە، ۋەتەندىكى مۇئامىلىلەر ئۈزۈلمىگەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى مۇستەقىل بىر جەمئىيەت ئەمەس ئىدى. چۈنكى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىجتىمائىي، ئىقتىساىي ۋە سىياسىي ئالاقىلەر رەسمىي ھالدا شەكىللەنمىگەنىدى. خىتاينىڭ لاگېر سىياسىتىدىن كېيىن، ۋەتەن بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلىشى، ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ لاگېرلارغا سولىنىشى قاتارلىق ئامىللار، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلاردا ئالدى بىلەن ھېسسىيات جەھەتتىكى باغلىنىشنى شەكىللەندۈردى. بولۇپمۇ، لاگېر مەسىلىسى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر ئوچۇق تىلغا ئېلىنىدىغان، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ لاگېرلارغا سولانغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە سۆزلەشكە پېتىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرى ئارقىلىق يېڭى جەمئىيەت قۇرۇلمىسى شەكىللەندۈرۈشكە باشلىدى. لاگېر مەسىلىسىدە ئاۋانگرت بولغانلار بۇ سايبىر جەمئىيەتتە تونۇلۇشقا باشلاپ، تەسىر قىلغۇچىلاردىن بولۇشقا باشلىدى. بۇنىڭغا ئەسلىدىنلا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تونۇلغان ئوبرازلارنىڭ قوشۇلىشى بىلەن، جەمئىيەتنىڭ يېتەكچى قاتلىمى شەكىللەنگەن بولدى. ئۇيغۇر تور تېلېۋىزىيىلىرى، رادىئۇلىرى ۋە فەسبۇكتىكى تۈرلۈك ۋىدىئۇ، يازما ۋە رەسىملەر ئۇيغۇرلارنىڭ سايبىر مەدەنىيەت قاتلىمىنى شەكىللەندۈرۈشكە باشلىدى. بۇلار بىلەن بىرگە، ئەسلىدە مەۋجۇت بولغان قاراشلار سايبىر دۇنيادا بىر يەرگە كېلىپ، قاراشلار، ئىدىلوگىيىلەر توقۇنىشى تۇنجى بولۇپ، 2018-يىلى «ئاپتونۇمىيىچى» ۋە «مۇستەقىلچى» دېگەن شەكىلدە بولۇپ ئۆتتى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆزى يۈزلەنگەن جازا لاگېرىدىن كېلىپ چىققان خىرىس تۇيغۇسىدا شەكىللەنگەن تەپەككۇر بوشلۇقى، يەنى ئۆزى يۈزلەنگەن مەسىلىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى تونۇش باسقۇچىدىكى يېتەكچى قاراشنىڭ يوقلىقىدەك بوشلۇقنى شۇنداق تالاش- تارتىشلار تولۇقلاشقا باشلىدى. چۈنكى، شۇ تالاش تارتىشتىن ئويغانغان تەپەككۇر، ئۇيغۇرلاردا نىمىنىڭ ئەۋۋەل، نېمىنىڭ كېيىن بولۇش تەرتىپىنى، نېمىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىمىز، نىمىنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئارزۇيىمىز ئىكەنلىكىنى تۇرغۇزۇشقا ياردەمچى بولدى. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە ھېچقانداق نەرسە مۇتلەق بولمايدۇ. بۇنىڭ مىسالى، شۇ قېتىمقى تالاش تارتىشتا تاسقالغان گۇرۇپپىلار تۆۋەندىكىچە بولۇشى مۇمكىن:

بىرىنچى گۇرۇپپا: مۇتلەق مۇستەقىللىق بولمايدىكەن، بۇنداق پاجىئەلەر توختاپ قالمايدۇ، شۇڭا بۇ نۇقتىدا مۇرەسسە قىلىشقا بولمايدۇ. دىققىتىمىزنى پەقەت مۇستەقىللىق سىياسىي ھەركىتىگىلا قارىتايلى، لاگېر مەسىلىسى ئۆزلىكىدىن ھەل بولىدۇ.

ئىككىنچى گۇرۇپپا: ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە لاگېرلار مەسىلىسى، دىققىتىمىزنى شۇ مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرەيلى، سىياسىي قاراشلارنى ۋە سىياسىي كۈرەشلەرنى بۇ ئىشقا ئارىلاشتۇرمايلى. مۇستەقىل بولامدۇق، بولمامدۇق، بۇنىڭ بىلەن ئالاقىسى يوق.

ئۈچىنچى گۇرۇپپا: مۇستەقىللىق مەسىلىسىدە مۇرەسسە قىلمايمىز، ئەمما تۈر ۋە پىلان بويىچە ئىش قىلىشىمىز لازىم. ۋاقىت، زامان ۋە شارائىت چەكلىمىسى بويىچە بىز مۇرەسسە قىلىشنى خالىمايدىغان تېمىلارغا تاقىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بىلىشىمىز، ئۆز پىكىرىمىزنى ساقلىغان ئاساستا، مۇرەسسە قىلمىغان ھالدا، تۈر ۋە پىلانلىرىمىزنى ئىجرا قىلايلى.

تۆتىنچى گۇرۇپپا: ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم قۇتۇلسىلا بولدى، ئۇنىڭدىن باشقىسىغا قول تىقىشقا قۇربىتىم يەتمەيدۇ. ياكى سىياسىي بىر ھەرىكەتكە كىرىپ قېلىشنى خالىمايمەن، ئۇنىڭ پارچىسى بولمايمەن.

بەشىنچى گۇرۇپپا: مېنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ھېچقانداق بىر زىيانكەشلىككە ئۇچۇرمىدى، لاگېرلارغا سولانمىدى. شۇڭا، مەن سىڭگەن نېنىمنى يەي.

ئالتىنچى گۇرۇپپا: مېنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ساق-سالامەت، شۇنداقتىمۇ ئۆزەمنى ئاشكارىلىمىغان ھالدا پىكىر بايان قىلىمەن، چۈنكى مېنىڭ پىكىرىمنىڭ قىممىتى بار.

يەتتىنچى گۇرۇپپا: خىتاي بىلەن ھەمكارلاشسام ئۆيۈمدىكىلەر ساق قالىدىكەن، باشقا سىياسىي ئىشلار بىلەن چاتىقىم يوق.

ئەلۋەتتە، بۆلۈنگەن گۇرۇپپىلار يۇقىرىدىكى يەتتە گۇرۇپپا بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. شەخسەن ئ‍ۆزۈم شۇ ۋاقىتلاردا ئۈچىنچى گۇرۇپپىغا تەۋە بولغانلىقىم سەۋەبىدىن، باشقا گۇرۇپپىلارنىڭ مۇرەسسەلەشمەيدىغان تېمىلىرىم ئۆزەمنى قاچۇرۇشنى تاللىدىم، ۋە ئۆزەمنىڭ تۈر ۋە پىلانلىرىنى ئىجرا قىلىپ تاماملىدىم. 2019-يىلى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇنداق تالاش-تارتىشلاردىن خېلى يىراقلاشقان بولدى، چۈنكى ئۈچىنچى گۇرۇپپىدىكى سادانىڭ كۈچىيىشى ۋە جامائەت تەرىپىدىن كەڭ قوبۇل قىلىنىشى بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىدى. 2020-يىلىنىڭ دۇنيا تەڭپۇڭلىقىدىكى بۇزۇلۇشلارغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ دۇنيا تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلىشى بىلەن كېلىپ چىققۇسى يېڭى دۇنيا تەرتىپىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقىغا بولغان تەسەۋۋۇر ۋە ئىنتىلىش، ئۇيغۇرلاردا مۇستەقىللىق ئارزۇسىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىنىڭ سەۋەبى بولدى. بۇنىڭ بىلەن، مۇستەقىللىق تەرەپدارلىقى تېخىمۇ كۈچىيىپ، ھەتتا مەنمۇ ئەسلىدىكى تاكتىكىلىق ئىپادىلەشلەرنى ۋە ھەركەتلىرىمنى قايرىپ قويۇپ، مۇستەقىللىق ئىرادىمىزنى ئەمەلىي ھەركىتىمىز بىلەن ئىپادىلىشىمىز كېرەكلىكىنى، بۇ ئىنتىلىش ۋە ئارزۇنىڭ بىزنىڭ چۈشىمىز ئەمەس، بەلكى مىللىي غايىمىز ۋە ئىرادىمىز ئىكەنلىكىنى ئىشلىرىمىز ئارقىلىق ئىپادىلىشىمىز كېرەكلىكىنى تەرغىپ قىلىشقا باشلىدىم.

بىز يەنە بىر قېتىملىق ئىجتىمائىي بۆلۈنۈشكە يۈزلىنىۋاتىمىز. «مىللەت» ۋە «ئۇلۇس» تەرغىباتىنىڭ يانداش مەھسۇلى سۈپىتىدە كۈچىيىشكە باشلىغان «ئۇيغۇرىستان» ۋە «شەرقىي تۈركىستان» تالاش تارتىشى، ھازىر بەزى گۇرۇپپىلارنىڭ دوگماتىك تەرسالىقى بىلەن يىرىكلىشىش باسقۇچىغا كىرمەكتە. بۇ ئىككى ئىسىمدە پارتىيىلەرنىڭ قۇرۇلىشى، سىياسىي ئىدىلوگىيىدىن ھالدا، كىشىلەرنىڭ پەقەتلا ئىسىمگە قاراپ، ئۆزىنىڭ يۆنۈلىشىنى بەلگىلىشى بۇ بۆلۈنۈشنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، ۋە تېزلەشتۈرۈپ، قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكىنى كۆرسەتمەكتە. تۆۋەندىكىدەك ئوخمىغان گۇرۇپپىلار مەۋجۇت:

بىرىنچى گۇرۇپپا: دۆلەت ئىسمىنى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايمىز، ئۇنىڭدىن باشقا ئىسىم بىزنى پارچىلىۋېتىدۇ. ئۇ زېمىندا ئۇيغۇردىن باشقا قازاقلارنىڭمۇ ۋە باشقىلارنىڭمۇ ھەققى بار.

ئىككىنچى گۇرۇپپا: دۆلەت ئىسمىنى «ئۇيغۇرىستان» دەيمىز، چۈنكى ئۇ يەر ئۇيغۇرنىڭ يېرى، ئۇيغۇرنىڭ دۆلىتى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە شۇ يەردىكى ئاساسلىق ئاھالىنىڭ ئىسمىنى قويغان، ئەمدى بىز ئۇيغۇر نامىدا دۆلەت قۇرساق نىمىشقا بولمايدىكەن.

ئۈچىنچى گۇرۇپپا: مەيلى «ئۇيغۇرىستان» بولسۇن، «شەرقىي تۈركىستان» بولسۇن، ياكى «تۈركىستان»، ياكى «ئۇيغۇر» ياكى «ئۇيغۇرىيە» بولسۇن، ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە، ئىسىم ۋە تېرمىنلاردەك دوگماتىك مەسىلىلەرگە ئېسىلىۋالماي، مۇستەقىللىق كۈرىشىدە بىرلىشىشنى قولغا كەلتۈرەيلى. ئەمەلىي ھەركەتلەرنى قىلىشقا شارائىت يارىتايلى.

يۇقىرىقى ئۈچ گۇرۇپپىدىنمۇ باشقا گۇرۇپپىلارنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن، ئەمما ئۇلار ھەققىدىمۇ توختىلىق، بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ چۈشۈنۈكسىز قىلىپ قويۇشتىن ھەزەر ئەيلىدىم. شەخسەن مەن، ئۈچىنچى گۇرۇپپىغا تەۋە بولۇپ، مېنىڭ قارىشىمدا دۆلەت ئىسمى ھەققىدە تارتىشىشقا بىزنىڭ ھەققىمىز ۋە ھوقۇقىمىز يوق. چۈنكى، دۆلەت ئىسمىنى قويۇش شەرىپى شۇ دۆلەتنى قۇرغانلارغا تەۋە بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىر ئىسىم تالىشىش ۋە بۇ مەسىلىدە مۇرەسسەسىزلىك قىلىش بىمەنىلىك. بۇنداق دەپ قارىشىمدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب، ئەڭ مۇھىم مەسىلە بىزنىڭ ئەمەلىي تۈر ۋە پىلانلارنى لاھىيلىيەلىشىمىز ۋە ئۇلارنى بىرلىكتە ئىجرا قىلالىشىمىزدا. مەيلى سىز خالىسىڭىز «ئۇيغۇرىستان» دەڭ، ياكى «شەرقىي تۈركىستان»، ۋە ھەتتا «قاراخانىيلار»، «موغۇلىستان» دەڭ، قۇرۇلمىغان دۆلەتنىڭ ئىسمى ھەققىدە پۈتۈشەلمەي بىربىرىمىزنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈشكە تىرىشىشىمىز، خۇددىي بىر ئۆينىڭ بالىلىرىنىڭ ئوت كەتكەن ئۆيدە بىر-بىرى بىلەن چاچلىشىپ ئۇيۇنچۇق تالاشقىنىغا ئوخشايدۇ. مەن ئەڭ چۈشىنەلمىگىنىم، بەزى شەخسلەرنىڭ ھەتتە سىز ئويۇنچۇقنى تالاشمىسىڭىزمۇ ئارقىڭىزدىن كېلىپ چېچىڭىزغا ئېسىلىپ كۆيۈۋاتقان ئوتنى ئۆچۈرۈشىڭىزنى توسىنى. ئەجىبا بۇنىڭ پايدىسى كىمگە بولىدۇ؟

بىر دۆلەت دۆلەت نامىغا ساداقەت بىلدۈرگەنلىك بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا، خەلقىگە ۋە ئەڭ مۇھىمى مىللىي مەنپەئەتنى ئالىي مەنپەئەت دەپ تونىشىدىن شەكىللەنگەن قېرىنداشلىق ساداقىتىدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلىرى، كۈرەشلىرىدە قۇرۇلىدۇ. 1948-يىلىغا كەلگىچە سىيام دەپ ئاتىلىدىغان سۇكۇتاي پادىشاھلىقى 1238-يىلى قۇرۇلغان، ھازىر تايلاند دەپ ئاتىلىدۇ. 2010-يىلىغا قەدەر بېرما دەپ ئاتالغان دۆلەت، ھازىر مىيەنمار دەپ ئاتىلىدۇ. ئەسلىدە شەرقىي پاكىستان دەپ ئاتالغان دۆلەت ھازىر بانگېلىدەش دەپ ئاتىلىدۇ. ئەسلىدە جۇڭخۇا سوۋىت جۇمھۇرىيىدە دەپ قۇرۇلغان دۆلەت، ھازىر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتىلىدۇ. ئەجىبا، دۆلەت ئىسمىگە ساداقەت بىلدۈردۇق دېگۈچىلەر شۇ دۆلەتلەردە بولغان بولسا، ئىسىمنىڭ ئۆزگۈرىشى بىلەن ئىچكى ئۇرۇش باشلاشقا سەۋەب بولامتى؟ ئەڭ مۇھىم بولغىنى مىللىي مەنپەئەت، بۇ ئالىي مەنپەئىتىمىزنىڭ قىزىل سىزىقىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچىلەر مىللەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئەمەس، زىيىنىغا كەلگەن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەيلى سىياسىي قارىشىمىز قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ھەتتا دىنىي ئېتىقادىمىزنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، مىللىي مەنپەئەتىمىزنى قانائەتلەندۈرۈش كۈرۈشىدە بىرلىكتە سەبداش بولالايمىز. ئەمما، بىرلىكىمىزنى شەكىللەندۈرۈشكە، قېرىنداشلىق مۇھەببىتى ۋە ساداقىتىنى كۈچلەندۈرۈشكە زىيان سېلىش سىزنىڭ مىللىي مەنپەئەتىڭىزنى قانائەتلەندۈرەلەمدۇ؟

مىللىي مەنپەئەتىمىزنىڭ ئالىي مەنپەئەت ئىكەنلىكىدەك لېنىيىدىن چەتنىمىگەن ھالدا كۈرەشلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىشىمىز، مېنىڭ شەخسىي قارىشىمدا ئەڭ توغرا يۆنۈلۈش. بىر بىرىمىزنى ئوخشىمىغان سىياسىي قاراشلارغا، دوگماتىك پىكىرلەرگە زورلاش، قوشۇلمىغانلارنى دۈشمەن ۋە رەقىپ تۇتۇپ، ئۇلارنى خۇنۇكلەشتۈرۈشنى تاللاش، تىغ ئۇچىنى خىتايدىن ئۆزىمىزگە قارىتىش بىزنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ ۋە بىزنىڭ دۈشمەن ئالدىدىكى تەييارلىقىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. 1917-يىلى مۇستەقىل بولغان فىنلاندىيىدە سوۋىتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى فىنلاندىيە تاجاۋۇزىدىن ئەۋۋەل بولشىۋىكچىلەر گۇرۇھى بىلەن مىللەتچىلەر گۇرۇھى ئارىسىدا قۇراللىق قارشىلىق بولىۋاتقانىكەن. 1939-يىلى 30-نويابىر سوۋىت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ فىنلاندىيە تاجاۋۇزىغا ئىككى گۇرۇھكىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشلارنىڭ تاشلاپ قويۇپ، بىرلىكتە قارشىلىق قىلىپتىكەن. شۇ ۋاقىتلاردا فىنلاندىيە ئارمىيىسىدە ۋە ئارقا سەپ تەمىنات سېستىمىسىدا بولشىۋىكلارمۇ، مىللەتچىلەرمۇ، ھەتتا ناتسېسلارمۇ بولغانىكەن، لۇتېرىن مەزھىپىنىڭ خىرىستىئانلىرى، ئورتودوكلار ۋە مۇسۇلمان تاتارلارمۇ بولغانىكەن. ئۇلار بارلىق ئىدىلوگىيىلىك، دىنىي ۋە دوگماتىك توقۇنۇشلىرىنى قايرىپ قويۇپ، ئۆزدىن قانچە ئون ھەسسە كۈچلۈك دۈشمەنگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇپتىكەن. بولشىۋىكلىرى <كېلىۋاتقىنى بىز بىلەن ئوخشاش ئىدىيىدىكىلەر، ئۇلارغا قېتىلىپ ئىنتېرناتسىئونال قۇرايلى> دېمەپتىكەن، شۇنداق دېگەنلىرىنىڭ قاراشلىرى ئالقىشقا ئېرىشمىگەن، ئاخىرى ئۇلار مىللىي مۇناپىقلىق قىلىپ، سوۋىت تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلەرمۇ بولغانلىقى راست، ئەمما كۆلەم ھاسىل قىلمىغان. فىنلاندىيىنىڭ ئورتودوكلىرى «قارشى تەرەپكە كېلىۋاتقانلارمۇ ئورتودوكلار، ئۇلار بىز بىلەن دىنداش، ئۇلارغا قېتىلايلى» دېمەپتىكەن. چۈنكى ئۇلار مىللىي مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە بولمىغاندا، ئۆزىنىڭ ئوخشىمىغان قاراشلاردا، ئېتىقادلارغا ياشاش ھوقۇقىنىڭمۇ يوق بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن.

بىز ئۇيغۇر مىللەتچىسى بولۇشىمىز لازىم، ئۇيغۇر شوۋىرنېزمىچىسى ئەمەس. بەزى قېرىنداشلار مىللەتچىلىك دەپ ئويلىۋالغان ۋە تەرغىپ قىلىۋاتقىنى ئۇيغۇر شوۋىرنېزمى خالاس. مىللەتچىلىك يەنى ناشىنالىزم بىزنىڭ بىرلىكىمىزنى كۈچەيتىدۇ، بۇ ھەقتە باشقىچە قارىشىم يوق. ئەمما، ئۇيغۇر بىلەن تارىختىن بۇيان بىرلىكتە ياشاپ كەلگەن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاۋۋالقى ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيەت كۈرىشىدە قان كېچىپ بىرلىكتە كۈرەش قىلغان قازاق، قىرغىز ۋە موڭغۇل قاتارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى چەتكە قاقىدىغان، ئۇلار بىلەن ئارىمىزدىكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشنى تەرغىپ قىلىدىغان ئىدىيە ھەرگىزمۇ مىللەتچىلىك ئەمەس. سىياسىي مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىشتىن بۇرۇن، قېرىنداشلارنىڭ سىياسىي بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندا، مەدىنە دېھقانلىرىدىن تېرىقچىلىقنى ئۆگەنگەنىكەن. ئۆگەنمەي تۇرۇپ بىلىمەن دېيىش كىبىر ۋە مۇغەمبەرلىكتۇر. ئەگەر سىز دوختۇر، يەنى بىر تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولمىسىڭىز، سىزدىن بىر كېسەل كىشىنى، مەسىلەن ئەڭ ئاددىيسى سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بولغان كىشىنى ئالدىڭىزغا ئېلىپ كېلىپ، «بۇنى ئوپىراتسىيە قىلىڭ» دېسە، ھەرگىز تەنتەكلىك قىلىپ ئۇنى ئوپېراتسىيە قىلىشقا پېتىنمايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن. چۈنكى، سىز دوختۇر ئەمەس. بىر ئادەمنىڭ ھاياتىغا تاقىشىدىغان مەسىلىدە ئۇنداق تەنتەكلىك قىلمايسىزيۇ، نىمە ئۈچۈن پۈتۈن مىللەتنىڭ مەسىلىسىگە كەلگەندە ئۆگۈنۈشتىن، ئىزدىنىشتىن باش تارتىمىز؟ بۇ يەرە ئۆزەمنى ئۇنداق سالاھىيەتنى ھازىرلىدىم دېمەكچى ئەمەسمەن، بىرلىكتە تىرىشايلى، ئۆگۈنەيلى، ئۇنداق مەسىلىلەرنى شۇ كەسىپنىڭ ئەھلىلىرىگە ھاۋالە قىلايلى. بىز كۈرەشكە، يەنى مىللىي مەنپەئەتىمىزنى قانائەتلەندۈرىدىغان كۈرەشكە ئاتلىنايلى، قېرىنداشلىق ساداقىتىمىزدە بىرلىشەيلى دېمەكچىمەن.

ئاپتۇردىن ئىلاۋە: بۇ ئىلمىي ماقالە ئەمەس، قېرىنداشلارنىڭ خاتالىقلىرىمنى تۈزۈتۈپ، مېنىڭ يېڭى نەرسىلەرنى ئ‍ۆگۈنۈشىمگە ياردەمچى بولۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.

لۇغەت:
سابگۇرۇپپا-تارماق گۇرۇپپا، يەنى گۇرۇپپا ئەزالىرى يەنە بىر چوڭ گۇرۇپپىغا تەۋە، ئەمما بەزى ئالاھىدىلىكلىرى يەنى پرەقلىرى سەۋەبىدىن، ئەسلىدىكى گۇرۇپپا ئىچىدە قايتا بۆلۈنۈپ شەكىللەنگەن تولۇق مۇستەقىل بولمىغان گۇرۇپپا.

سايبىر- ئىنتېرنېتكە، كومپىيۇتېر تېخنىكىسىغا، ئۇچۇر تېخنىكىسىغا ۋە مەۋھۇم رېئاللىققا مۇناسىۋەتلىك كاتىگورىيە

شوۋىرنىزم-ئاشقۇن ۋە شىددەت خاراكتېرلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك. يەنى، ئۆزى تەۋە دەپ قارىغان مىللەت ياكى ۋەتەنداش كاتىگورىيىسىگە كىرمىگەن ھەر قانداق ئېتنىك، سىياسىي ۋە دىنىي قاراشتىكىلەرگە ھۇجۇم خاراكتېرلىك مۇئامىلە تۇتىدىغان ئاشقۇنلۇق.

دوگماتىك: ئۆلۈك پىرىنسىپلارغا، رېئاللىققا ئۇيغۇن بولمىغان قائىدىلەرگە ۋە چۈشەنچىلەرگە جاھىللارچە ئېسىلىۋېلىش

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top