You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » قىرىق يىلدا نەشىردىن چىققان لۇغەت، يۈز يىلغا تاتىيدىغان ئىلمىي قۇدرەت

قىرىق يىلدا نەشىردىن چىققان لۇغەت، يۈز يىلغا تاتىيدىغان ئىلمىي قۇدرەت

«چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى» ھەققىدە ئەسلەمەلىك ئوبزۇر

پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

مەرھۇم ئۇستاز خەمىت تۆمۈر بىلەن پەقىر ئابدۇرەئوپ پولات 1976-يىل 9-ئايدا تۈزۈشكە باشلاپ، 1992-يىل 2-ئايدا، ئورىگىنالىنى پۈتتۈرۈپ نەشرىياتقا تاپشۇرغان لۇغەت «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى» مىلادىيە 2016-يىل 3–ئايدا، ئاز كەم قىرىق يىل بولغاندا، بەيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرەپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقاتىلدى. بارەكاللاھ، سۆيۈنچلۈك ۋە مۇبارەك بولغاي!

سەمىمىيەتىم بىلەن دەسەم، مەن نەشىرىياتچى- ژۇرنالىستلارنى يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلار بىلەن ئوخشاش بولغان قىممەت تارازىسىدا قويۇپ باھالايمەن. بەلكى تەخى ئۇلارنى بەكرەك ھۆرمەتلەيمەن. چۈنكى، ئۇلار يازغۇچى، شائىر ۋە ئىلمىي تەتقىقاتچى ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلەرىنى لىللاھ باھالاپ، ئۇ ئامانەت ئەمگەكلەرنى نەشىر قىلىپ، خەلق ئامماسى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپ بەرىدىغان ئەڭ خالىس ۋە تۆھپەكار ئىنسانلاركى، ئۇلار ياشىل چىراق ياقىپ بەرمەسە، سەنىڭ ئەمگەكىڭ ھەر قانچە ئالتۇن بولۇپ كەتسەمۇ، ئەخلەت قاتارىدا سانالىپ، بىر بۇلۇڭدا توپا باسىپ تۇرۇۋەرىدۇ!

شۇنداق، مەرھۇم ئۇستازىمىز خەمىت تۆمۈر بىلەن مەن ئابدۇرەئوپ پولات 1976- يىل 9- ئايدىن باشلاپ، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى» ناملىق ئوتتۇز مىڭچە تاق ۋە بىرىكمە سۆز ئىزاھلانماسى مۆلچەرلەنگەن بىر لۇغەتنى تۈزۈشكە كىرىشتۇق. سۆز مادداسى (词条) مەنبەسى مەملىكەت ئىچىدە نەشىر قىلىنغان كلاسسىك تىل-ئەدەبىياتقا تالىق كىتاب-ژۇرناللاردىن باشقا، مەملىكەت سىرتىدا شۇ چاغقىچە نەشىر قىلىنغان تۈرلۈك تىللاردىكى مۇناسىۋەتلىك لۇغەت ۋە كىتابلار بولغاچ، ئۇلاردىكى چاغاتايچە سۆزلەرنى بىردىن-بىردىن تەرىپ كاپىيەن قىلىش مەنىڭ زىممەمدە بولدى. ئۇ چاغدا، كومپيوتەر تەخى بىزنىڭ قوللانمامىزغا كىرمىگەن بولغاچ، يازىش، كۆچۈرۈش پەقەتلا ئەمگەكچان قولىمىز بىلەن بەجىرىلەتتى. يەنە ئۇ زاماندا، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ساھەسىدە، لاتىن ھەرپىلىك ئۇيغۇر ياڭى يازىقى قوللانىلاتتى. مىڭبىر تەرسلىكتە كاپىيەن قىلىشنى ئاخىرلاشتۇرسام، لاتىن ھەرپىلىك ياڭى يازىق ئەمەلدىن قالىپ، يەنە ئەرەب ھەرپىلىك قەدىناس ئۇيغۇر يازىقىنى قوللانىدىغانغا پەرمان بولدى. شۇنىڭ بىلەن، مەزكۇر لۇغەتنىڭ ياڭى يازىقلىق كاپىيەنلەرىنى بىكار قىلىپ، ئۇلارنى ئەرەب ھەرپىدىكى كونا يازىقلىق كاپىيەنگە ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلدى.

مەيلى قانداق بولماسۇن، لۇغەت ئورىگنالىنى مانا شۇنداق تەكرارلانما ئەمگەكلەر بىلەن ئاخىرى كاپىيەنلەشتۈرۈپ بولدۇق. ئاندىن، ئۇنى ئەلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىپ، ئۆلچەملىك ئاق ئورىگنال قەغەزىگە كۆچۈردۇق. ئىملالىق، چىرايلىق يازىشنى تەلەب قىلىدىغان بۇ ئەمگەككە پىدائىي بولۇپ قاتناشقانلاردىن كۈنىمىزدىكى يازغۇچى ئەنۋەرھاجى مۇھەممەد ۋە رەژىسسور تاھىر ھامۇتلار ئاشۇ كەچۈرمىشلەرىمىزگە شاھىد بولۇپ تۇرۇپتۇ.

خەيرىيەت! مۇشەققەتنى يەڭىشنى شاراپەت بىلىپ ئىشلەپ، ساق ئون ئالتە يىلدا مەزكۇر  «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى» ناملىق دىۋە لۇغەتنىڭ ئۆلچەملىك ئورىگنالىنى تەييارلاپ پۈتكۈزدۇق. 1992- يىلنىڭ باشىدا، ئۇستازنىڭ تەلىماتى بويىچە، مەن ئابدۇرەئوپ پولات ئۇنى مەلۇم بىر نەشىرىياتقا ئاپىرىپ تاپشۇردۇم. تاپشۇرۇپ ئالغۇچى مەسئۇل كىشى كۈلەر يۈزلۈك، قىزغىن مۇئامىلەلىك ئىدى. كۆز ئالدىمدىلا، خىزمەتچى چاقىرتىپ، ئەسەرنى تىزىملاپ، نەشىر قىلىشقا قوبۇل بولغانلىقىنى بىلدۈردى. مەن خوشال ھالدا، ئىش ئورنۇمغا قايتىپ كەلدىم.

شۇ چاغدىن، ئالاھەزەل يەنە بىر يىل ئۆتكەندە، ئاتمىش ياشقا كىرىپ قالغان ئۇستاز خەمىت تۆمۈر ئەپەندىم كادىرلىق تۈزۈم-قائىدەسى بويىچە، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىدىكى مۇئاۋىن مەكتەپ باشلىقىلىق ۋەزىپەسىدىن ئىستىپا بەرىپ، نەپەر كادىر بولدى ۋە ئۇزۇنغا قالماي، ئانا يۇرتقا قايتىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يازىق كومىتەتىدە، تەتقىقاتچى سالاھىيەتى بىلەن ئىشلەيدىغان بولۇپ قالدى. ئۇستازىمىز ئۈچۈن، قىيماسلىق تۇيغۇسى ئىچىدە، ئۇزاتىش پائالىيەتلەرى قىلدۇق. مەن بىر ئۇزاتىش پائالىيەتىدە، مۇنۇ قەسىدەمنى نۇقتالىق نۇتۇق قىلىپ ئوقۇدۇم:

*

ئۇستاز قەسىدەسى

*

ياش ئىدۇق، گۆدەك ئىدۇق بەيجىڭغا كەلگەن چاغدا بىز،

بۇرنىمىزدىن تامچىلاپ تۇراتتى ئانا سۈتىمىز.

*

ياش ئىدۇق، ساددا ئىدۇق پەمۇ پاراسەتتە كىچىك،

ئويلاغان ئۇچۇشنى بىلمەيتتۇق قەيەرگە چۈشىمىز.

*

باش بولۇپ ئۇستاز خەمىت، نۇرنىسا خانىم شۇ چاغ،

سىلاغان مىھرى بىلەن «كەلگىن بالام» دەپ باشىمىز.

*

بەردى ئۇلار ئەجرى قىلىپ ئىلىم-ھىكمەتتىن دەرس،

كۆرسەتىپ ئىرپان يولىن دەدى: «ئەنە ئىقبالىڭىز».

*

بولدى ئۇستاز تەئلىمى ھەر قاچان دەستۇر گويا،

ئۇچراغان قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش قورالىمىز.

*

ئۆتتى كۈنلەر، ئۆتتى ئۆمۈر، نەچچە ئون يىللار ئەنە،

ئانا يۇرت، ئەزىز دىيار، يىراقتا ئاتا-ئانامىز.

*

يوق پۇشايمان شۇندامۇ، ياڭرار كۆڭۈلدىن بىر سادا:

«مىھرىبان ئۇستاز بىلەن ئۆتكەن ئۆمۈرگە رازى بىز!»

*

ھە، بۈگۈن ئۇستاز چىقىپتۇ يۇرتقا يۆتكەلمەك سەپەر،

ئايرىلىش ئەجەبمۇ تەسكەن، «ئۇھ!» چەكەر دىل تارىمىز.

*

قەلبىمىزنىڭ تۇرقى شۇ تاپ مىسلى تارىم دولقۇنى،

كۆڭلىمىزنىڭ تۆرىدە مىھمان غەيۇر ئوبرازىڭىز.

*

قەلبىمىزدە مىڭ پىكىر، مىليون پىكىر ئۆركەش ياسار،

جەملەسەك بىر جۈملەگە مۇنداق بولۇر دۇئايىمىز:

*

«نەدە بولسا،  ئى، ئۇستاز، بولغاي سالامەت تەنىڭىز،

تەڭرىتاغدەك بەجىرىم، ئۇزاق بولغاي ئۆمرىڭىز،

*

بۇ بىزنىڭ ئارمانىمىز، ئىرادەمىز، مۇرادىمىز!».

1992-يىل، 27-ئىيۇن، بەيجىڭ.

*

شۇ ئەسنادا، مەزكۇر لۇغەتىمىزنى تاپشۇرۇپ ئالغان ھەلىقى مەسئۇل كىشى مەنى چاقىرتىپتۇ. دەرھال بەرىپ، ئىشخاناسىغا كىرسەم، ئۇ يوغان بىر پارتىلاتقۇچ دوراسىدەك مەھكەم بۇقۇچلاپ چىگىلگەن ۋە ھىچبىر قول تەككۈزۈلگەنلىكىدىن ئىز-ئەسەرمۇ يوق لۇغەت ئورىگنالىمىزنى دوقۇسلاتقان ھالدا، قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى ۋە:

– كۆتۈر بۇ لۇغەتىڭنى، ئاداش! بۇ يەر خەمىت تۆمۈر، ئابدۇرەئوپ پولات نەشىرىياتى ئەمەس، خەلق ئامماسىنىڭ نەشرىياتى. كىتابلارىڭدىن نەچچەنى نەشىر قىلىپ، چىقىرىپ بەردۇق، بىر پىيالە سوغۇق سۈيۈڭنىمۇ كۆرمەدۇق. كۆتۈر! ماۋۇ بىر نەمەڭلەرنى ئەمدى، باشقا نەشىرىياتقا ئاپىرىپ چىقىرىشىۋال!،- دەدى.

ئويلاپ قارىسام، نەشرىياتچىنىڭ دەگەنلەرى يالغانمۇ ئەمەس ئىدى. راست، شۇ چاغقىچە بىر نەچچە پارچە كىتابىمىزنى مەزكۇر نەشىرىيات نەشىر قىلىپ بەرگەنىدى. ئەمما، كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ ئەمگەكىمىزنىڭ ھالال، شۇ چاغلارنىڭ ئۆزىدە مەملىكەت ئىچىدە، مۇنداق بىر مۇكەممەل لۇغەت تەخى نەشىر قىلىنىپ باقماغان، تولامۇ قىممەتلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ئەمگەك ئىكەنلىكىمۇ ئەمەلىيەت ئىدى. شۇڭا، نەشىرىياتچىنى بىردەم «ئەپەندىم» دەسەم، بىردەم «ئاكا» دەپ، ئىلتىماسىمىزنى تەكرار-تەكرار قەيت قىلىپ، يالۋۇردۇم گويا. مۇتلەق ئۈنۈم بەرمەدى. ئىلاجسىز، لۇغەت ئورىگنالىمىزنى قايتۇرۇپ كەلىپ، خەمىت ئەپەندىمنىڭ ئۆيىگە كىردىم. بولغان ۋەقەنى ئەينەن دوكلات قىلدىم. ئەپەندىم مىللىي موخۇركا تاماكاسىدىن ئاچچىق قىلىپ يۆگەپ، بىر تال چەكتى. ئۆينىڭ ئىچى بىردەمدىلا لىق ئىسقا تولدى، ئۇستاز-شاگىرت ئىككىلەمىزنىڭ ئىچى ئاچچىق ئىچىدە تولغاناتتى.

-زىيالىيلار قوشۇنىمىزنىڭ ئەھۋالى مۇشۇنچەلىك،- دەدى ئۇ ئۇزاق سۇكۇتتىن كەيىن،-  نەمە دەيمىز ئەمدى؟ بوپتۇ، مەن بۇنى ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ، ئۇ يەردىكى نەشىرىياتلارغا تەڭلەپ باقاي.

شۇنداق قىلىپ، لۇغەتىمىز ئۇستاز خەمىت تۆمۈر ئەپەندىمگە ھەمراھ بولۇپ، ئۈرۈمچىگە كەتتى. قىسمەت، لۇغەتىمىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كەچۈرمىشلەرى ئوڭايراق ۋە قولايراق بولغان بولسا كىمنىڭ دەردى-ھە؟! سىلەردىن ھىچكىممۇ ئويلاپ باقماغان بولغىيدى، ئى، ئوقۇرمەنلەرىم! مەزكۇر لۇغەتىمىزنىڭ ئورىگىنالى يەنە ساق ئون يىل ئۆتكەندىن كەيىن، ئاشۇ مەن تونۇش كارتون قەغەزلىك يۆگەك، ئاشۇ مەن تونۇش شوينا-تاناپلار بىلەن چىگىلگەن پەتى بەيجىڭغا قايتىپ كەلدى. 2002-يىلى يازدا، بەيجىڭدىكى پەرزەنتلەرىنى يوقلاپ كەلگەن ئۇستازىمىز خەمىت تۆمۈر ئەپەندىم مەزكۇر لۇغەت ئورىگنالىنى قايتىدىن قولۇمغا تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ، مۇنۇلارنى بايان قىلدى:

«قايتىپ بارىپلا ئۈرۈمچىدىكى بىر نەشىرىياتقا تاپشۇردۇم بۇ لۇغەت ئورىگنالىنى. ئۇ يەردە، ئىككى يىل تۇردى. ئارقادىن، يەنە بىر نەشرىياتقا تاپشۇردۇم، ئۇ يەردە، تاكى مەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل- يازىق كومىتەتىدىن پىنسىيەگە چىققىچە تۇردى. بىر كۈنى چاقىرتىپتۇ، بارسام، مەسئۇل نەشىرىياتچى:

-لۇغەتىڭىزلەر يامان ئەمەس ئىكەن،- دەدى ئۇ ئىرەڭسىزلىك بىلەن- ئەمما، ھەجىمى بەك چوڭ ئىكەن. بۇنىڭغا بىز پۇل چىقىرىپ بولالماغۇدەكمىز شۇ تۇرۇقتا. مەنىڭچە، سىز يەنىلا بۇ لۇغەتىڭىزنى ئاشۇ ئۆمۈر تەرىڭىزنى ئايىماي تۆككەن كۇلى (口里ئىچكىرى ئۆلكە) رىڭىزغا ئاپىرىپ، شۇ يەردە چىقىرىۋالساڭىز بولغۇدەك، مەرھەمەت!

-شۇنداق دەگەنىچە لۇغەتنى قولۇمغا كۆتۈرتۈپ قويدى، قاراڭ،- دەدى ئۇستاز خەمىت تۆمۈر تولامۇ خىجىلچىلىق ۋە نائىلاجلىقتا قالغان بىر تەرزدە،- ھەي،… ئامالسىزلىقتىن يەنە سىزگە ئەكەلدىم. كىم بىلىدۇ، ئەگەر ئۆمۈرۈم يەتمەسە، بۇ ئەمگەكنى نەشىر قىلدۇرۇش سىزگە ئامانەت قالدى-دە، ئەمدى!

ئۇستازىم سۆزىنى تۈگەتىپ، باشىنى چايقاپ تۇرۇپ، ئاغىر خۇرسەنىپ قويدى. ئارامىزدا، ئۇزۇنغا سوزۇلغان سۇكۇنات ھۆكۈمران بولدى شۇ چاغ.

بۇ ھىكايەتنى مۇشۇ يەردە ئۈزۈپ قويۇپ تۇراي. ئەمدى، سەن زادى نەمە دەمەكچى، دەسەڭلەر، مەنىڭ شۇ چاغدىكى ئاچچىق تەسىراتىم شۇ: «خەرىدارىڭ بولماسا، زىيبالىقىڭ نە كەرەك» دەگەندەك، ئىلىم ئەمەس، ئەمەل-مەنسەپ ھاكىم مۇتلەقلىق قىلىدىغان دۇنيادا، سەن ھەر قانچە دۇردانە ئەسەر يازىۋەتسەڭمۇ، ژۇرنالىست-نەشىرىياتچى ئاكاڭ خەرىدار بولماسا، ساڭا شاپائەت قىلماسا، ئەسەرىڭنى نەشىر قىلدۇرۇش مۇشەققەتلىكتە-تەرسلىكتە، ئۆزۈڭ بولساڭ، بىچارەلىكتە-نەسلىكتە قالىۋەرىدىكەنسەن!

مىلادىيە 2006-يىل 9-ئاينىڭ 15-كۈنى، دۆلەت ئىشلەرى مىنىستىرلىقى ئىلىم-پەن گۇرۇپپاسىنىڭ ئەزاسى (国务院学科组成员)، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مەكتەپ باشلىقى، ئاتاقلىق تىلشۇناس خەمىت تۆمۈر ئەپەندىم يەتمىش بەش ياشىدا، ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولۇپ كەتتى. ۋاي، دەرىخا! راست دەگەندەك، مەزكۇر «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى»نى نەشىر قىلدۇرۇشقا ئۇستازىمىزنىڭ ئۆمۈرى يەتىشمەدى.

ئۇستاز خەمىت تۆمۈر ۋاپات بولغاندىن كەيىن، مىراس ئەمگەك «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى»نى نەشىر قىلدۇرۇش ئۇزۇن سەپەرىنى مەن داۋاملاشتۇردۇم. 2009-يىل 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئوقۇتقۇچىلار بايرامى مۇناسىۋەتى بىلەن، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى چىن ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى پروفەسسور، دوكتور ۋىن رىخۇەن (文日焕) ئەپەندىنى زىيارەت قىلدىم. زىيارەت ئەسناسىدا، مەن ئۇنىڭغا مەزكۇر لۇغەتنىڭ تۈزۈلۈش ۋە نەشىرگە سۇنۇلۇش جەريانىنى تاڭىرقاشلىق ۋە ھاياجان ئىلكىدە تۇرۇپ ھىكايە قىلىپ بەردىم. ئاخىردا، ئۇنىڭ قوللاپ قويۇشىنى، مۇمكىن بولسا، لۇغەت نەشىر قىلدۇرۇش چىقىمى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ياردەم قىلىشىنى تىلەپ يازغان ئىلتىماسىمنى ئىھتىرام بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا قويدۇم. چاۋشيەن مىللەتىدىن بولغان بۇ مۆھتەرەم بىلىم ئادەمى شۇ قەدەر مۇھىم قورال كىتاب بولغان مەزكۇر لۇغەتنىڭ قىسمەتىدىن تۇيغۇلانغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە دەرھال بىر ئىككى تەلىفون ئارقالىق، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كەيىن، ھايال قىلمايلا، ئىلتىماسىمغا ئەللىك مىڭ يۇەن خەلق پۇلى تەستىقلاپ بەردى. مەن ئۇنىڭغا مەرھۇم ئۇستاز خەمىت تۆمۈر نامىدىن ۋە ئۆز شەخسىمدىن سەمىمىي رەھمەت ئەيتتىم!

2009-يىل 9-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئەللىك مىڭ يۇەن نەق پۇل بىلەن مەزكۇر لۇغەت ئورىگنالىنى كۆتۈرۈپ بارىپ، مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئىشىكىنى ئەدەب بىلەن قاقتىم. ياقۇپ مۇھەممەتروزى مۇدىر ۋە قەيسەر قۇربان، ئەخمەتجان ھوشۇر مۇئاۋىن مۇدىرلار ئىززەت بىلەن قارشى ئالدى. مەقسەت-مۇددىئانى چۈشەنگەندىن كەيىن، ئۇستاز خەمىت تۆمۈرنىڭ ئۆز زامانىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارىدىن بولمىش بۇ ئەپەندىلەر بىر ئاغىزدىن: «بۇ لۇغەت تۈزۈلىۋاتقان چاغدا، بىزلەرمۇ ئۇستاز خەمىت تۆمۈرنىڭ ئوقۇغۇچىلارى بولۇپ، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىدە ئوقۇۋاتقان ئىدۇق ۋە جاپالىق ئەمگەكلەرىڭىزلەردىن خەۋەرىمىز بار ئىدى. ھالا بۇ كۈنگە كەلگەندە، بۇ ژىرىك ئەسەرنى سۈپەتلىك قىلىپ نەشىر قىلىپ بەرىش بىزنىڭ زىممەمىزگە چۈشكەنلىكىدىن شەرەپ ھىس قىلىمىز» دەپ ئىپادە بىلدۈرۈپ، لۇغەت ئورىگنالىنى قوبۇل قىلدىلەر. تەبىئىيكى، مەن تولامۇ مەمنۇن بولدۇم.

خۇللەس كەلام، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى» (تۈزگۈچىلەر: خەمىت تۆمۈر، ئابدۇرەئوپ پولات) نىڭ ئاز كەم قىرىق يىللىق ئىسسىق-سوغۇق كەچۈرمىشلەرنى باشىدىن كۆچۈرۈپ، 2016-يىل 3–ئايدا نەشىردىن چىقىپ تارقاتىلغانلىقى ئۇيغۇر نەشىرىياتچىلىق تارىخىدا ئانىق بىر بەت ئەسلىمە قالدۇرۇشقا ۋە مىسال قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر غوللۇق ئىشتۇر، ئەلبەتتە!

ئەمدى، مەزكۇر لۇغەتنىڭ بۇ چاغقىچە نەشىر قىلىنغان ئوخشاش ماۋزۇدىكى لۇغەتلەردىن پەرقى ۋە روشەن ئالاھىدەلىكلەرى ئۈستىدە قىسقىچە توختالاي:

بىرىنجى، مەزكۇر «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى» چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقى تەتقىقاتىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ياڭى سەۋىيەسى گەۋدىلەندۈرۈلگەن لۇغەت بولدى. ئالايلۇق، بۇ چاغقىچە نەشىر قىلىنغان ئوخشاش ماۋزۇدىكى لۇغەتلەردە، «چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىدا يىگىرمە سەككىزدىن ئوتتۇز ئۈچكىچە ھەرپ قوللانىلغان» (قاراڭ: «چىن قامۇسى» قاتارلىق مۆتىۋەر لۇغەتلەرگە) دەيىلگەن، يەنى ھەتتا ھەرپ سانىمۇ ئىنتاڭ، چەكى توختاماغانلىقى قەيت قىلىنغان بولسا، مەزكۇر «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى»دە، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە قوللانىلغان ھەرپلەرنى مەنبە قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭدا، «ئەلىف، بە، پە، تە، سە، جىيم، چىيم، ھە، خە، دا:ل (قوش چەكىت ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشنى ئىپادىلەيدۇ)، زا:ل، رە، زە، ژە، سىين، شىين، سا:ت، زا:ت، ئىتقى، ئىزغى، ئەين، غەين، فە: ، قا:ف، كا:ف، گا:ف، لا:م، مىيم، نۇ:ن، ۋا:ۋ، ھا:ۋ، يا: ، ڭا: ، ھەمزە، ۋا:ۋ ئەلىف، يا:ئەلىف» ئاتالىدىغان جەمئىي ئوتتۇز ئالتە ھەرپ قوللانىلغانلىقى ئانىق زاكون ۋە مول پاكىتلار بىلەن كۆرسەتىلگەن بولدى.

ئىككىنجى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا، «ئا، ئە، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ، ئى (تىل ئارقا  ї)، ئى ( تىل ئالدى i)» بولۇپ، جەمئىي سەككىز سوزۇق تاۋۇش ئىشلەتىلگەنلىكى ۋە بۇ ئارادا، «ئې e»، يەنى «ئېيىق» تىكى «ئې» ئوقۇلىدىغان سوزۇق تاۋۇشنىڭ مەۋجۇد بولماغانلىقىنى يەتىپ ئاشقۇدەك مىساللار بىلەن ئىسپاتلاپ كۆرسەتىپ بەردى.

ئۈچىنجى، مەزكۇر «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى»نىڭ ئاخىرىغا چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىنىڭ ئەلىپبەسىگە، يەنى چاغاتاي ئۇيغۇرچە ھەرپلەرگە تايانىپ، سۆزلەم ۋە ئۇنىڭ ئۇقۇم-مەئنەسىنى ئىزدەگىلى بولىدىغان ئاچقۇچ بەرىلدى. بۇ ئارتۇقچىلىقى بىلەن، مەزكۇر لۇغەت شۇ چاغقىچە نەشىر قىلىنغان باشقا لۇغەتلەردەك سۆز-كەلىمەلەرنى چاغاتايچە سۆزلەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقى بىلەن يازىلغان ئوقۇلغۇسى (ترانسكرىپسىيەسى) بويىچەلا ئەمەس، بەلكى يەنە چاغاتاي ئۇيغۇرچە ۋەسىقەلەردىكى ئەسلىي ھەرپلەرنىڭ ئۆزى ئاساسىدا سۆزلەم ئىزدەگىلى بولىدىغان تۇنجى لۇغەت بولۇپ قالدى.

تۆرتىنجى، مەزكۇر لۇغەتتە، كەڭ سەھىپە ئاجراتىپ، پۈتكۈل چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقى دەۋرىدە ئىشلەتىلگەن ئەنئەنىۋى تۈرك-ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ كلاسسىك شەكلىنى تەپسىلىي كۆرسەتىشكە ۋە ئۇلارنى ئوچۇقلاپ ئىزاھلاشقا ئالاھىدە ئەتىبار بەرىلدى. مەسىلەن،  ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى «توققۇز»نىڭ كلاسسىك شەكلى بىر يەردە «توقۇز» كۆرۈنسە، يەنە بىر يەردە ئۇنىڭ ئىپتىدائىي شەكلى «توكۇس» ئىملاسى ۋە تەلەپپۇزىدا كۆرۈلىدۇ. بۇ ھال ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىدا كەڭ ئىشلەتىلىدىغان «تەلتۆكۈس» (قاراڭ: «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى» (قىسقارتىلماسى) 290–بەت، 1999-يىل، شىنجياڭ خەلق نەشىرىياتى) بىرىكمە سۆزىنىڭ ئەتىمولوگىيەسى ئەسلىدە، «تەل» سۆزى بىلەن ئۆز زامانىسىدىكى ئەڭ چوڭ تاق سان بولغان «توكۇس»دىن تۈزۈلگەن بىرىكمە «تەل توكۇس» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەھمىيەتلىك يەرى شۇكى، بۇ بىر بىلىك ئەمەلىيەتتە، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى «توققۇزى تەل، توققۇزى تەل بولماق» ئىدىئومى بىلەن «تەلتۆكۈس» بىرىكمەسىنىڭ ئالاقەسى، شەكىللەنىشى ۋە قوللانىلىش جەريانى قاتارلىقلارنىمۇ بىلىۋالىشىمىزغا ياردەم قىلىدۇ، ئەلبەتتە.

بەشىنجى، «نەۋائىي: بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇر شائىرى ئەلىشىر ئىبنى غىياسۇددىننىڭ لەقەبى» (قاراڭ: مەزكۇر لۇغەت 650-بەت، يۇقىرىدىن 19-قۇر). مانا بۇ ئۇيغۇر لۇغەتچىلىك تارىخىدا، بۈيۈك بوۋامىز ئەلىشىر نەۋائىينىڭ كىملىكىنى، مىللەت تەۋەلىكىنى دۇدۇقلاماي، تىلنى چايناماي، سۆز ئەتىمولوگىيەسى، ئۇقۇم-مەئنەسى ۋە لۇغەت ئاساسى بىلەن ئانىق قىلىپ كۆرسەتكەن تۇنجى لۇغەت بولغانلىقىمۇ ئۆزگەچە قىممەتكە ئىگە بىر ئالاھىدەلىكتۇر.

ئالتىنجى، ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى مەزكۇر فورماتى ئون ئالتە كەسلەم، بىر مىڭ ئىككى يۈز ئون بەتلىك، ھەجىمى مىليون خەتلىكتىن ئارتۇق كەلىدىغان دىۋە ئەسەر «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى»نى پاكىز ئولتۇرۇپ، باشتىن ئاخىر كۆڭۈل قويۇپ بىر مۇتالىئە قىلىپ چىقسا، ئۆزىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل-يازىقىنى بىلسەمۇ، ئۇنىڭ مۇرەككەپ شەكلى بولغان چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىنى بىلمەيدىغان نىمساۋاتلىق ھالەتىدىن جەزمەن قۇتۇلىدۇ. بۇ ئارقالىق، بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى ئەلىشىر نەۋائىي ئەسەرلەرى ۋە ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرىنىڭ ترانسكرىپسىيە-ئوقۇلغۇسىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ بوز ھالەتتىكى ئەسلىي يازىق شەكلىنىمۇ راۋان ئوقۇيالايدىغان ۋە تولۇق چۈشەنەلەيدىغان پۈتۈن زىيالىي بولالايدۇ، چوقۇم!

چۈنكى، بۇ – قىرىق يىل تۈجۈبىلەپ تۈزۈش، قىرىق يىل شاللاش-سۈزۈش ۋە قىرىق يىل سەپ يارىپ ئۈزۈش نەتىجەسىدە، شەرەپ بىلەن نەشىردىن چىققان لۇغەت بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەم بولغانى ئەڭ ئاز يۈز يىلغا تاتىيدىغان ئىلمىي قۇدرەتتۇر، شەكسىز!

2016-يىل 6-ئاينىڭ 6-كۈنى دۈشەنبە، كاشغارىيە.

2020-يىل 4-ئاينىڭ 24-كۈنى جۈمە، كالىفورنىيە.


ئىلاۋە: بۇ ئەسەر پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، تامامەن ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top