سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا (3)

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا (3)

روسىيە قوراللىق قوزغىلاڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشمى بىلەن پەسەيگەن خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئۆلكىسى – شىنجاڭغا كۆز تىكمەكتە.

«شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نى قۇرغان ۋە مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا خىتاينىڭ بۇرۇنقى زۇلۇملىرى سەۋەبلىك كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىرى ماركىسىست ئەمەس، بەلكى روسىيەگە مايىل مىللەتچىلەردۇر.

1947-يىلى ئىشلەنگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى خەرىتىسى

ئا. دوك بارنېت (A. Doak Barnett)

چىكاگو كۈندىلىك پوچتا خەۋەرلىرى – ئالاھىدە رادىئو خەۋىرى، 1948

ماناس دەرياسى بويى، شىنجاڭ، خىتاي، 2-ئۆكتەبىر


تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

بۇ يەردە، يەنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ باي ئۆلكىسىنىڭ ئىلى دەريا ۋادىسىدا «ھوشيارلىق بىلەن كۈتۈش» داۋام قىلماقتا. تېخى ئاخىرى چىقمىغان تۆت يىللىق ئىلى قوزغىلىڭىدىن مەمنۇن بولغۇچىلار ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بىلەن ئالدىنقى سەپلەرنى قولدا تۇتۇپ تۇرغان بۇ جايدىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى، ئەمما ھېچ ئۇنتۇلمىغان سايىسى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ (بەت ئاسىتىدىكى خەرىتىگە قاراڭ).

پەقەتلا 16 نەپەر يالغۇزلۇق تارتىپ تۇرغان خىتاي ئەسكىرى ماناس دەرياسىنىڭ بۇ قىرغىقىدىن كېچە-كۈندۈز قارشى قىرغاقتىكى ئالتە نەپەر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ غۇۋا شولىسىنى كۈزىتىپ تۇراتتى. بۇ يىگىتلەر تېخى ئېتىراپ قىلىنمىغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى»نىڭ قوزغىلاڭچى قىسىملىرىنىڭ قارشى قىرغاقتىكى ئاخىرقى قاراۋۇلخانىسىنى تەشكىل قىلاتتى. لېكىن بۇ ئازغىنە ساندىكى قاراۋۇللارنىڭ ئارقىسىدا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاق ئورۇنلاشقان 100مىڭغا يېقىن خىتاي ئەسكەرلىرى ۋە قوزغىلاڭچىلار تەرەپتىكى تەخمىنەن 15مىڭدىن 20 مىڭغىچە ئىلى قىسىملىرى تۇراتتى.

بەزىدە «ئاسىيانىڭ يۈرىكى» دەپ ئاتىلىدىغان شىنجاڭ ناھايىتى بىپايان ۋە تېخى ئېچىلمىغان رايون بولۇپ، تاغلار، قۇملۇقلار ۋە بوستانلىقلاردىن تەشكىل قىلىنغان 650 مىڭ كۇۋادرات مېل كېلىدىغان زىمىن ئىدى. ئىلى رايونى ئۆلكىنىڭ ئەڭ باي رايونى بولۇپ، روسىيەنىڭ قازاق جۇمھۇرىيىتى بىلەن چېگرىلىنەتتى. موڭغۇل خەلق جۇمھۇرىيىتى شىنجاڭنىڭ شەرقىگە، ئافغانىستان غەربىگە، ھىندىستان ۋە تىبەت بولسا جەنۇب ۋە جەنۇبىي شىمالىغا جايلاشقان ئىدى. بۇ ئۆلكىدە تۆت مىليون ئاھالە بار بولۇپ، ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ پەرقلىق ۋە ھەرخىل ئارىلاشما ھېسابلىناتتى.

ئاز سانلىق خىتايلارنىڭ ھاكىمىيىتى

ئاھالىنىڭ تۆتتىن ئۈچىنى ئۇيغۇرلار، يەنى ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇسۇلمان تۈركىي خەلق تەشكىل قىلاتتى. ئۇنىڭدىن قالسىلا ئۇرۇشقا ماھىر، ئات ئۈستىدىلا يۈرىدىغان چارۋىچى قازاقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئىچىملىكى «قىمىز» دەپ ئاتىلاتتى (ئېچىتىلغان بايتال سۈتى). سان جەھەتتىن ئۈچىنچى ئورۇندىكىسى خىتايلار بولۇپ، گەرچە سان جەھەتتىن ئاران %6 بولسىمۇ، تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن خىتاي بولمىغان زور كۆپچىلىك خەلق ئۈستىدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزەتتى. كۈچلۈك خىتاي گېنىرال شىڭ شىسەي ئون يىلغا يېقىن ھۆكۈم سۈردى. ئۇ 1932-1933 يىللاردىكى ئۇيغۇر قوزغىلىڭى ۋە مۇسۇلمان خىتايلار (تۇڭگانلار)نىڭ كەڭسۇ ئۆلكىسىدىن كېلىپ قىلغان تاجاۋۇزى نەتىجىسىدىكى قالايمىقانچىلىقلاردا ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىۋالغان ئىدى. روسلار شىڭ شىسەينى ماشىنىلاشقان ھەربىي قىسىملار ۋە ئايروپىلانلار بىلەن قوللىغان بولۇپ، ئۇ ئۆز مۇختار ھاكىمىيىتىنى روسىيەنىڭ ياردىمى ۋە مەسلىھەتى بىلەن تاكى 1943-يىلىغىچە، يەنى روسىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ياۋروپا فرونتىدا قاتتىق زەربە يەپ چېكىندۈرۈلگەنگە قەدەر يۈرگۈزەلىگەن ئىدى. روسلارنىڭ كېتىشى بىلەنلا شىڭ شىسەينىڭ ھاكىمىيىتى قەبىھلىشىپ، پارتلاش نۇقتىسىغا كېلىپ قالغان 1944-يىلى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن ئۇنى يۆتكەپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا 1911-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆلكە رەئىسىنى، يەنى ۋۇ جۇڭشىننى تەيىنلىدى.

قوزغىلاڭ باشلاندى

لېكىن، يېڭى رەئىس ۋەزىپىسىگە كېلىپ ئورۇنلىشىۋالغۇچە ئەشەددىي مىللەتچىلەر قوزغىلاڭ باشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ياردىمىدە ئۆلكىنىڭ روسىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان بۇرجىكىدىكى رايونلاردا بارلىق خىتاي گازارمىلىرىنىڭ سۈرۈپ يوقىتىپ، بۇ رايونلارنى ئۆز قولىغا ئالدى. 1945-يىلى كۈزگە كەلگەندە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى خىتاي كومۇنىستلىرى بىلەن نۇرغۇنلىغان مۇزاكىرىلەردە بولغان جاڭ جىجۇڭنى پرېزىدېنتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە بۇ جايغا ئەۋەتتى ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك سۆھبەتتىن كېيىن، 1946-يىلى ئىيۇندا تېنچلىق بىتىمى ئىمزالاندى. ئىلى رەھبەرلىرى نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا تەيىنلەنگەن بىر تۇراقسىز بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللەندى. ئەمما ھەر قايسى تەرەپلەر ھوقۇق تالىشىپ، ئۆتكەنكى يىلنىڭ (1947) بىرىنچى يېرىمىدا قالايمىقانچىلىقلار ۋە جاي-جايلاردا يەرلىك قوزغىلاڭلار ئېشىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى نەتىجىسىدە يېڭىدىن مەيدانغا كەلدى.

1947-يىلى ماي ئېيىدا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى خىتايغا مايىل مەسئۇد سابىرىنى ئۆلكە رەئىسلىكىگە تەيىنلىگەندە ئىلى تەرەپنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، بىرلەشمە ھۆكۈمەت غۇلاپ چۈشۈپ، ئىلى تەرەپ ئۆلكە مەركىزى بولغان دىخۇا (ئۈرۈمچى)دىن غۇلجاغا كەتكەن،ۋە ھازىرقى قاتمال ھالەت باشلانغان ئىدى. گەرچەغۇلجادىكى ئىلى تەرەپ بۆلگۈنچىلىك خاھىشلىرىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىي مۇستەقىل بولغان ۋە «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ھاكىمىيەت قۇرۇلغان ئىدى. بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئۆز ئارمىيەسى ۋە ئاق ئاي-يۇلتۇزلۇق، يېشىل رەڭلىك بايرىقى بار ئىدى.

رەھبەرلىرى روسىيەگە مايىل

غۇلجا ھۆكۈمىتى ئاساسەن ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرى، مەسىلەن ھەربىي رەھبەر ئىسھاقجان (ئىسھاقبېك مونونوۋ)، سىياسىي رەھبەر ئەخمەتجان (قاسىمى)، شۇنداقلا رەخىمجان (سابىرھاجى) ۋە سەيپىدىن (ئەزىزى)گە ئوخشاش باشقا رەھبەرلەر روسىيەگە ناھايىتى مايىل كىشىلەر ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە تېخى ئېنىقلانمىغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، كۆپ ساندىكى روس مەسلىھەتچىلەر  ئىلى رايونىدامەۋجۈت ئىكەن ۋە سوۋېت ياردەملىرىمۇ داۋام كېلىپ تۇرىۋېتىپتۇ. ئىلى ھۆكۈمىتى ئاساسىي جەھەتتىن مىللەتچى ھاكىمىيەت بولۇپ، ماركىسىست ئەمەس ئىكەن. ئۇلارنىڭ خىتاي كومۇنىستلىرى بىلەن باغلىنىشى بارلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. بۇ مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ سەۋەبلىرى مۇرەككەپ بولۇپ، مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا شىڭ شىسەي مەزگىلىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان خىتاي زۇلۇمى سەۋەبلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن. شۇنداقتىمۇ روسىيەنىڭ بۇ رايونغا جاسۇسلۇق كۆزەينىكىنى داۋاملىق تىكىپ تۇرىدىغانلىقىدا ھېچ شەك يوق.

بۇ رايون ئۇزۇندىن بېرى روسىيەنىڭ مەنپەئەت دائىرىسى ئىچىدە بولغان. ئىقتىسادىي جەھەتتىن بۇ رايون روسىيەگە يۈزلەنگەن. بۇ رايوندىكى ئەڭ ئاساسلىق ئۈچ دەريا ئاخىرى بېرىپ سوۋېت چېگراسى ئىچىدىكى كۆللەرگە قۇيۇلىدىغان بولۇپ، قۇرۇقلۇقتا ئالاقە قىلىش ناھايىتى قولايلىق. شۇنداقلا بۇ رايوندىكى خەلقلەرنىڭ سوۋېت مەركىزىي ئاسىياسىدىكى خەلقلەر بىلەن يېقىن تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتى بار. شىنجاڭنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى كېرەك. ئىلى قوزغىلاڭچىلىرى مۇختار (ئاپتونوم) ھاكىمىيىتى بىلەن قولىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقان رايونلار شىنجاڭنىڭ ئون مەمۇرىي رايونىنىڭ ئۈچىنى ۋە ئومۇمىي نوپۇسنىڭ بەشتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ئۈچ رايون ئىلى ۋادىسىغا جايلاشقان ئۆلكىدىكى ئەڭ ئېسىل تېرىلغۇ يەرلەرنى، ئالتايدىكى ئەڭ ئېسىل يايلاقلارنى، شىخۇغا جايلاشقان ئۆلكىدىكى بىردىنبىر نېفىتلىكنى، ئارشاڭ ۋە كۆكتوقايغا جايلاشقان ئۆلكىدىكى ئىككى ۋولفرام كانىنى ۋە ئالتاي تاغلىرىدىكى باي ئالتۇن كانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى ھاۋا ئۇرۇشلىرىدىكى مۇھىم ئورنىنىڭ روسىيەنىڭ ئېسىگە كەلمەسلىكى ئېھتىمالغا ناھايىتى يىراق. بۇ ئۆلكە مەركىزىي ئاسىيادىكى بەش سوۋېت رېسپوبلىكالىرىدىكى يېڭىدىن ئېچىلغان سانائەت رايونلىرىغا بارىدىغان ئەڭ قولايلىق ھاۋا يوللىرىنىڭ قارشىسىغا توغرا كېلىدۇ.

مەنبە: ئامېرىكا «سېينت لۇيىس پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 1948-يىلى 3-ئۆكتەبىردىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.


شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسى ۋە خىتاي دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسى كۆرسىتىلگەن خەرىتە ( 1945-يىلى 11-سېنتەبىر).

مەنبە: تەيۋەن دۆلەتلىك تارىخ سارىيى. 


مەزكۇر خەۋەرنىڭ گېزىتكە بېسىلغان ئەسلى نۇسخىسى:

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش