سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ۋىرۇستىن كېيىنكى دۇنيا ۋە شەرقىي تۈركىستان

ۋىرۇستىن كېيىنكى دۇنيا ۋە شەرقىي تۈركىستان

پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت

دەسلەپتە كاپىتالىزمغا قارشى ئوتتۇرىغا چىققان خىتاي كومىنىستلىرى 1979- يىلىغا كەلگەندە باشتىكى نىشان ۋە غايىسىدىن ۋاز كېچىپ لىبرال دۆلەت كاپىتالىزىمى سېستىمسىنى  يولغا قويغان ۋە لىبىرال دۇنيانىڭ ئىمكان ۋە پۇرسەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ساختا ۋە ئەرزان مال سېتىش ئارقىلىق چۆنتىكىنى تولدۇرۇشقا باشلىغان ئىدى. كېيىنكى مەزگىللەردە خۇدىنى بىلەلمەي كۆرەڭلەپ دۇنيانى سورايمەن دەپ تۇرۇۋاتقاندا، ئۇلۇغ ئاللاھ زالىم نەمرۇتنى كىچىك بىر چىۋىن بىلەن ھالاك قىلغاندەك، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان زەررىدىنمۇ كىچىك بىر ۋىروس بىلەن خىتاينىڭ شىرىن چۈشىنى بوزۇۋەتتى.

ۋىرۇس خىتاينىلا ئەمەس، خىتاينىڭ چۆنتىكىنى تولدۇرغان لىبىرال كاپىتالىست سېستىمىنى، دۆلەت ۋە شىركەتلەرنىمۇ ۋەيران قىلىشقا باشلىدى.

جەمئىيەت تەرتىپى قالايماقان بولۇپ كۈندىلىك ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر  پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.

خەلقنىڭ جانى، مالى ۋە مەنپەئەتى قاتتىق خەۋپ ئاستىدا.

بۇ قورقۇنۇچلۇق ۋەزىيەت كىشىلەرنى مەۋجۇت دۇنيا ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي سېستىمىسى ھەققىدە دە تالاش قىلىشقا، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھايات ۋە تەغدىر ئۈستىدە ئويلىنىشقا مەجبۇرلىماقتا.

نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭدىن كېيىنكى دۇنيادا ھېچبىر نەرسە بۇرۇنقىغا ئوخشاش بولمايدۇ دەۋاتىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە خىلمۇ خىل پەرەز، تەخمىن ۋە تەسسەۋۋۇرلارىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇۋاتىدۇ.

دۇنيا ئىقتىسادى بۇھرانغا دۇچ كېلىدۇ دەۋاتقانلار بار.

ئىشسىزلىك كۆپىيىپ جەمئىيەتتە قالايماقانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ دېگۈچىلەرمۇ يوق ئەمەس.

يەرشارىلىشىش توختايدۇ…

دۇنيا ئىقتىسادىي سېستىمىسى يېڭىدىن قۇرۇلىدۇ…

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ مەۋجۇدىيەتى يېڭىدىن كۆزدىن كەچۈرىلىدۇ…

ئۇلۇس دەۋلەتلەر كۈچلىنىپ مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرى ئۇلغىيىدۇ…

يات ئۆچمەنلىكى ۋە كۆچمەن دۈشمەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ…

دۆلەتلەر مىللىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن چىگىرا ۋە دەرۋازالارىنى تاقاپ بېكىنمە ھالەتكە ئۆتىدۇ…

ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدا تىركىشىش كۈچىيىدۇ، ھەتتا ھەربىي توقۇنۇش يۈز بېرىدۇ…

ئىنسانلار يۇقىرى تېخنولوگىيىەلىك ئەسۋاپلارنىڭ كونترولى ئاستىدا ياشايدىغان بولىدۇ…

قانۇنلار ئۆزگىرەيدۇ…

پالان بولىدۇ پۇستان بولىدۇ، ۋاھاكازا… دەۋاتىدۇ.

دېمىسىمۇ دۇنيانىڭ داۋالغۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز ھىس قىلىپ تۇرۇپتۇق.

بۇ ۋەزىيەت شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا قانداق پۇرسەت ۋە ئىمكانلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟

ئالدى بىلەن مەسىلىگە ئىجابىي جەھەتتىن قاراشقا تىرىشايلى:

خىتاي ئىقتىسادى كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر شەكىلدە تېز تۈۋەنلەشكە باشلىدى. بۇ مىليونلىغان خىتاينىڭ ئىشىسز ۋە ئاچ قېلىشى دېمەكتۇر. بۇ ئەھۋال جەمئىيەتتە قاتتىق بىر داۋالغۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

تاشقى جەھەتتىن، خىتاي كورونا ۋىرۇسى سەۋەپلىك دۇنيانىڭ لەنىتىگە ئۇچراۋاتىدۇ. خىتايغا ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت كۈنسايىن ئېشىپ بارماقتا. نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتايدىن يىراقلاشىشقا، ئارىغا چەك-چېگرا ۋە مۇساپە قويۇشقا باشلىدى. خىتاي مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان تەغدىردىمۇ مالنى ساتىدىغان خېرىدار تاپالماسلىقى مۇمكىن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە قاتارلىق بەزى دۆلەتلەر خىتاي ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇپ تىرلىيون دوللارلىق تۆلەم تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەگەر ۋىرۇسنىڭ سۇنئىي ياسالغانلىقى ئىسپاتلىنىپ قالسا بۇ ئەرزلەرنىڭ ئەمەلىيلەشىش ئىھتىمالى بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئەمەلىيلىشىدىغان بولسا، خىتاينىڭ تۈگەشكىنى شۇ.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە، خىتاي خەلقى كومىنىست ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشى، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭ باشچىلىقىدا ھەرقايسى ئۆلكەلەرمۇ مۇستەقىللىق يولىغا قاراپ مېڭىشى مۇمكىن. ئۆز ئىچىدە پارچىلىنىپ بىردىن كۆپ دۆلەت شەكىللەنگەن خىتاي دۇنياغا تەھدىت سالالمايدىغان بولىدۇ.

ئەمدى مەسىلىگە سەلبىي جەھەتتىن قارايدىغان بولساق، بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئېيتقاندەك، كورونا ۋىرۇسىىدىن كېيىن خىتاي زور كۈچ بولۇپ دۇنيا سىياسىي سەھنىسىگە چىقىپ قالسا ياكى چېگراسىنى تاقاپ ئۆز ئىچىگە بېكىنىۋالسا، شەرقىي تۈركىستان خەلقى تېخىمۇ ئېغىر كۈنلەرگە قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇچۇر-ئالاقە ئۈزۈلىدۇ. دۇنيانىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش يول ۋە ۋاستىلىرى ئازىيىدۇ.

نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا خىتاي كومىنىست پارتىيىسى ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى بېسىملار نەتىجىسىدە گۇمران بولۇش ئىھتمالى يۇقىرىدەك تۇرىدۇ. فاشىست كومىنىست ھاكىمىيەتنىڭ غۇلاپ چۈشىشى خىتايدا ھەرقايسى ئۆلكىلەر، رايونلار، شەھەرلەر ۋە كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا يېڭى رىقابەت ۋە خىرسلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا پۇلدىن باشقا، ئورتاق ئىدىئولوگىيە ياكى ئورتاق دىنىي ئىتىقاتقا ئىگە بولمىغان خىتاي جەمىئىيەتى ئورتاق بىر گەۋدە شەكىللەندۈرەلمەيدۇ.

تارىخ بىزگە يېڭى بىر پۇرسەتنى سۇنۇپ بېرىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇ داۋالغۇشتا مۇستەقىللىققا ئېرىشىش ئىمكانى ناھايىتى يۇقىرى.

شۇڭا مۇنداق ھالقىلىق پەيتلەردە بىرلىك ۋە ئۆملۈككە، پىلانلىق، نىشانلىق ۋە سېستىمىلىق ھالدا ھەرىكەت قىلىشقا ھەر ۋاقىتتىكىدىن كۆپرەك ئىھتىياجىمىز بار. كەڭ قاناتلىق ۋە ۋەكىل خاراكتېرى كۈچلۈك بىر ئۈست بىرلىك شەكىللەندۈرەيلى دىگەندە كۆزدە تۇتۇلغان نوقتا بۇ ئىدى.

2020-يىلى 1-ماي، ئىزمىر – تۈركىيە

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش