سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » ۋەتەن ھەسرىتى

ۋەتەن ھەسرىتى

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئېيتقان سۆزلىرى قۇلىقىغا يىقىملىق كۈيدەك ئاڭلانغان ئەيسا بەگ، ئابايتتىن بېرى ئېسىگە كەلگەن قەدىمى يۇنان پەيلاسوپى پلاتوننىڭ «دۆلەت» ناملىق كىتابىنىڭ خىتايچە تەرجىمە نۇسخىسىدىكى يەتتىنچى بابىدىن ئالغان تەسىراتىنى مۇشۇ سۆھبەتتە مۇھەمەمد ئىمىن بۇغرا بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردى بولغاي، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە سۆز ئېلىپ :«مېنىڭچە نۆۋەتتىكى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەھۋالىنى پەيلاسوپ پلاتوننىڭ ‹دۆلەت› ناملىق ئەسىرىدە قەيت قىلىنغان كۈن چۇشمەس ئۆڭكۈر ئىچىدىكى زەنجىر بىلەن كىشەنلەنگەن ئادەملەرگە ئوخشاتقۇم كېلىدۇ. ئەينى چاغدا پلاتون ئىنسانلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەھۋالىنى روشەن يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن، قاراڭغۇ بىر ئۆڭكۈر ئىچىدىكى مەھكۇملارنىڭ دۇنياسىنى مىسالغا ئېلىپ چۇشەندۇرگەن. بۇ ئارقىلىق بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ پەقەت كۆزى بىلەن كۆرگەنلا نەرسىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى، شەكىلگە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقىي مەنادىن يىراقلىشىپ, خاتا پىكىر، خاتا ئىدىيەلەرنىڭ قۇلىغا ئايلانغانلىقىدىن ئىبارەت قۇللۇق ئىدىيەنى تەنقىت قىلغان. يەنى بۇرۇن بىر يەر ئاستى ئۆڭكۈر ۋە ياكى بىر غاردا بىر مۇنچە ئادەملەر كىچىكىدىن تارتىپ، پۇت-قوللىرى زەنجىرلەر بىلەن كىشەنلەنگەن ھالدا، ئۆز ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم ياشايدىكەن. ئۇلار جايىدىن قىمىرلىيالمىغاچقا پەقەت شۇ قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئالدىنىلا كۆرەلەيدىكەن، ئارقىسىغا ياكى ئىككى يېنىغا قارايمايدىكەن. ئۇلارنىڭ ئارقىسىغا ئادەم بويىدىن ئېگىزرەك تام قوپۇرىلغان ئىكەن. تامنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئېگىز بىر يەردە دائىم يېنىپ تۇرىدىغان ئوت بار ئىكەن, ھەم يورۇق دۇنياغا تۇتىشىدىغان ئۇزۇن تىك يولمۇ بار ئىكەن. شۇ پۇت-قولى ھەتتا بويۇنلىرى زەنجىرلەنگەن، يورۇقلۇققا تەتۇر قاراپ ئولتۇرغان ئادەملەر بۇرۇن ھېچ كۆرۈپ باقمىغان نەرسىلەرنىڭ ئۇياقتى-بۇياققا مېڭىپ يۈرگەنلىكىنى پەقەت ئالدىدىكى ئۆنكۈرنىڭ تاملىرىغا چۈشكەن سايىلەردىن كۆرۈدىكەن. يەنى ئۇ كۆرگەن سايىلەردە ھەر يوغان قۇلاقلىرى بار، باشلىرى ئاجايىپ غەلىتە ھايۋانلارغا  ئوخشايدىغان ۋە قوللىرىدا دائىم ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىغان ئاجايىپ – غارايىپ نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرىنىدىكەن. ھەتتا قۇلاقلىرىغا ئاجايىپ غەيرى ئاۋازلار ئاڭلىنىدىكەن. ئەسلىدە ئۇلارنىڭ كۆرۈۋاتقىنى تامنىڭ ئارقىسىدىكى تىك يولدا مېڭىپ يۇرگەن كىشىلەرنىڭ سايىسى بىلەن تام تۈۋىدە مېڭىپ يۇرگەن ئادەملەر قوللىرىدا تىك تۇتۇپ كۆتۈرۋالغان نەرسىلەرنىڭ سايىسى ئىكەن. ئاڭلاۋاتقان غەلىتە ئاۋازلار بولسا ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىنىڭ ئاۋازى ئىكەن. ئەمما، ئۇلار ھەققىي نەرسىنى سايە بىلەن ئارلاشتۇرۋېتىدىكەن، سايىنى راست دەپ، ئۇ تەرەپتىكى كىشىلەرنىڭ ھەققىي ئوبرازىنى كۆز ئالدىغا ئەكىلەلمەيدىكەن. ھەتتا ئۇ تەرەپتىن چىققان ئاۋازنى ئارقىسىدىكى تامدىن كەلگەن ئاۋاز دەپ بىلىدىكەن.

دېمەككى مەھكۇملارنىڭ بۇنداق خاتا ھۆكۈم چىقىرىشىغا سەۋەپ بولغان ئۇچۇرلار بولسا، ئۇلارنىڭ كۆز ۋە قۇلاقلىرى ئارقىلىق سايىلەردىن ئىگە بولغان ئۇچۇرلاردۇر. ئەمدى ئۇلارنىڭ بۇنداق خاتا ھۆكۈملەرنى قىلىشتىن ۋە سايىلەردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قول-پۇتلىرىدىكى، بويۇنلىرىدىكى زەنجىرلەرنى پاچاقلاپ تاشلىشى كېرەك ۋە يورۇقلۇقنى توراپ تۇرغان ئارقىسىدىكى تامنى ئۆرۈپ، ئۆڭكۈردىكى مەھكۇملۇق ھاياتىدىن تەل-تۆكۇس ئازات بولۇشى كېرەك. ئاندىن يورۇقلۇققا تۇتاشقان تىك يولنى بويلاپ مېڭىپ، يورۇق دۇنياغا چىقىشى لازىم. يورۇق دۇنيادا قانداق ھەيران قالارلىق بىر ياخشى ھاياتنىڭ بارلىقىنى كۆرۈشى كېرەك. نىھايەت ئۇلار ئۆزلىرىنى باغلاپ تۇرغان كىشەنلەردىن قۇتۇلۇپ يورۇقلۇققا چىقىپتۇ. بىراق ئۇلارنىڭ كۆزلىرى قۇياشنىڭ نۇرىغا چىدىماپتۇ، بەدەنلىرىنىڭ تېرىلىرى كۆيۇپ ئاغرىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن بەزىلىرى يەنىلا ‹ئاشۇ قاراڭغۇ ئۆڭكۇردىكى ھاياتىمىز ياخشىكەن› دەپ، كۆزنى ئېچىپ قاراشقا جاسارەت قىلالماي ئارقىغا يىنىپتۇ. چۈنكى ئىنسان ئۆزىنىڭ كۆنۈپ قالغان نەرسىلىرىدىن ئايرىلىشى بەكمۇ تەسكە توختايدۇ. كونا ئادەتلىرىنى بىردىنلا چۆرۈپ تاشلىشى ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى جاپادىن قورقىدىغان، يېڭىلىقنى ئاسان قوبۇل قىلمايدىغان جاسارەتسىز، جۈرئەتسىز كىشىلەر مەڭگۈ قۇللۇقتا ئۆتىدۇ. يالغاننى راس، سايىنى ھەققى نەرسە دەپ شەكىلگە ئىشىنىپ، مەنادىن قاچىدۇ. ئەمدى چاقناپ تۇرغان قۇياشنىڭ نۇرىغا ئاستا-ئاستا كۆنگەنلەر ۋە ئازراق ئاغرىققا چىدىغانلار بولسا, بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، يېڭى دۇنيانىڭ، يورۇق ماكاننىڭ قانچىلىك راھات ۋە گۈزەللىكىنى ھېس قىپتۇ. چۈنكى ئادەمدە كۆزىنى ئېچىپ قاراش جاسارىتى بولغاندىلا تەپەككۈر قىلىشقا، سۆزلەشكە، قول تىقىپ ئىشلەشكە جۈرئەت قىلالايدۇ. ئۇلار ئەنە شۇداق جاسارەتكە، جۈرئەتكە ئىگە بولغاچقا كۈندۇزلىرى يورۇق دۇنيادا ئېقىۋاتقان سۈپ-سۈزۈك سۇلارنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ يىقىملىق شىلدىرلاشلىرىنى ئاڭلاپ، رەڭمۇ-رەڭ قۇشلارنىڭ كۆپ-كۆك ئاسمان قەھرىدە پەرۋاز قىلىپ ئۇچۇرلىرىدىن ئاجايىپ زوق ئاپتۇ. ئۇنداق غەلىتە قورقۇنچلۇق سايىلەردىن ئەبەدى يىراقلىشىپتۇ. كېچىلىرى بولسا چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلار بىلەن زىنننەتلەگەن ئاسمانىدىكى تولۇن ئاينى كۆرۈپ ‹ھە! جاھان دېگەن مۇشۇ ئىكەندە› دەپ، توغرا تەپپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپتۇ.

كۈنلەر، ھەپتىلەر، ئايلارنىڭ ئۆتۈشى، پەسىللەرنىڭ ئالمىشىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ، دۇنيانىڭ رىتىملىرىنى، ھاياتنىڭ مىزانىنى ھەققىي ماھىيىتى بىلەن چۈشىنىپتۇ. ئوممۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ھەممە نەرسىنىڭ مەنبەسى قۇياش، يورۇقلۇق ئىكەنلىكىنى بىلىپ، قاراڭغۇ ئۆڭكۈر بىلەن يورۇق بىر دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ نەقەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى ئىدراك قىپتۇ. ئەمما مېنىڭچە بۇنداق بىر يورۇق دۇنياغا ئىگە بولۇش ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس. ئۇلار ئۆزىنى ئۇزۇن زاماندىن بېرى كېشەنلەپ تۇرغان زەنجىرلەرنى پاچاقلاپ تاشلاپ، قاراڭغۇ ئۆڭكۈردىن چىقىشى ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. شەرتسىز بوي سۇنۇش، مۇتلەق ئۆزىنى تاشلاۋېتىشتەك بۇ قۇللۇق ئىدىيەدىن ۋە سايىنى ھەققىي نەرسە دەپ، راس بىلەن يالغاننى ئايرىيالمايدىغان نادانلىقتىن قۇتۇلۇپ, ھەقىقەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇزۇن مۇندەتلىك كۈرەش يولىغا ئاتلىنىشى كېرەك. چۈنكى ئۇلار باشقىلار تەرىپىدىن تەن ۋە روھلىرى زۇلۇمغا ئۇچرىغان، ئوي-پىكىرلىرى ماناپول قىلىنغان بىچارە ۋە پاسسىپ ئادەملەردۇر. ئەڭ يامان يېرى شۇكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇ قاراڭغۇ ئۆڭكۈردىكى تۇرمۇشىدىن رازى. مانا بۇ نېمە دېگەن تراگېدىيەلىك بىر ئەھۋال ھە؟ چۈنكى ئۇلار قۇللۇققا كۆنۈپ قالغان. ھەتتا ئۇلار ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سۇنۇلغان ياردەم قوللارنى خوشنۇتلۇق بىلەن قارشى ئالمايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇ تۇرمۇشىنى بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياشى تۇرمۇش دەپ بىلىدۇ. ئۆزىنىڭ كاللىسىدىكى ئويلىرىنى ئەڭ توغرا ئوي، ئەڭ توغرا پىكىر دەپ تونۇيدۇ. كۆرگەن سايىلەرنى ھەقىقىي نەرسە دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئۇلار شۇ قاراڭغۇ ئۆنكۈردە تۇرۇپ، ئالدىدىن باشقا بىر يەرنى كۆرمىگەن. ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى سېلىشتۇرىدىغان ئىككىنچى بىر ھاياتنى كۆرمىگەن. شۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرۇپ ھۆكۈم چىقىرىشتىن ۋە پەرق ئېتىش قابىليىتىدىن مەھرۇم قالغان.

ئەمدى بىزنىڭ ۋەزىپىمىز خەلقىمىزنى قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ سىرتىغا چىقىرىش ئۈچۈن, بۇ دۇنيادا قاراڭغۇ ئۆڭكۈردىنمۇ باشقا بىر دۇنيانىڭ بارلىقىنى، بۇ دۇنيانى پارلاق قۇياشنىڭ يورۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشەندۇرۇشىمىز كېرەك. مانا بۇلار پەقەت تەربىيە بىلەن، مائارىپ بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇزۇن مۇندەتلىك ئاقارتىش ھەركىتىدۇر ۋە ئىدىيەۋى كۈرەشتۇر. مائارىپ بىر ئادەمنىڭ ئىدىيەسىنى تەربىيەلەيدىغان، ئۇنىڭ روھىغا خىتاپ قىلىپ ئاڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدىغان بىردىن بىر قورال. مائارىپ ئارقىلىق خەلقىمىزنى كۆرمىگەن كۆرىدىغان، ئاڭلىمىغان ئاڭلايدىغان، سەكىلگە ئىشىنىشتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ماھىيەتنى تونۇپ يىتىدىغان ھۆر ئىرادىگە ئىگە قىلىپ تەربىيەلەپ چىقالايمىز. چۈنكى مائارىپ ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلىدىغان تەربىيەلەش سېستىمىسى بولۇپ، ئەگەر بىز مائارىپ ئارقىلىق بالىلىرىمىزغا ئەركىنلىكنىڭ تەمىنى تېتىتىپ قويىدىغان بولساق، ۋاقتى كەلگەندە ئاشۇ ئەركىنلىك ئۈچۈن ھېچ ئىككىلەنمەي جانلىرىنى پىدا قىلىدۇ. شۇڭا بىز مائارىپ ئارقىلىق قارانڭۇ ئۆڭكۈردىكى خەلقىمىزنىڭ يۈزىنى يورۇقلۇققا يۈزلەندۇرىشىمىز لازىم. يورۇقلۇقنى توراپ تۇرغان تاملارنى ئۆرۈپ تاشلاپ، ھەقىقەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئالدامچى كۆرۈنىشلەر بىلەن تولغان يالغانچى، ئەكسىيەتچى ئىجتىمائىي جەمىيەتتىن ئازات قىلىشىمىز كېرەك. ئەمما مائارىپنى راۋاجلادۇرۇش بىر ئىككى ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. بۇنىڭغا بىر دۆلەتنىڭ ئۈستۈن قۇرۇلمىلىرى ياردەمدە بولۇشى كېرەك. نۆۋەتتە ئۆزىمىزنىڭ مۇستەققىل دۆلىتى بولمىغاندىن كېيىن، مەن يۇقۇردا دېگەندەك مەۋجۇت ئىمكانلىرىمىزدىن پايدىلىنىپ ۋاقتىنچە گو مىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە تايىنىپ تۇرۇپ ئېلىپ بارىمىز. بۇ ئارقىلىق ھېچ بىر زامان قانائەتلىنىپ قالماي قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم بولۇشقا سەۋەپ بولغان كېشەنلەرنى چىقىپ تاشلاپ، قاراڭغۇلۇقتىن ئايدىڭلىققا قاراپ سوزۇلغان مۇشكۇل يولنىڭ يول باشچىلىرى بولۇشىمىز كېرەك. شۇڭا مەن پلاتوننىڭ ‹دۆلەت› ناملىق كىتابىدىكى بۇ ئايدىڭلىققا ۋە ئەركىنلىكككە ئېرىشىش كۈچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ‹ئۆڭكۈر ئوخشىتىشىنى› بەكمۇ ياشى ئوخشۇتۇش دەپ قارايمەن»

دېمىسىمۇ بۇ مىللەت بۇ ھاياتتا سايىلەرگە، سەكىللەرگە چوقۇنماي، ھەقىقەتنى تونۇپ يەتسە، خىيال ئالەمىدە قانائەت ھاسىل قىلىپ ياشىماي، يورۇقلۇققا ئىنتىلگەن بولسا ئىدى، ھەقىقەتەن ئەركىنلىكنىڭ تەمىنى تېتىپ، مۇستەققىل بىر دۆلەتنىڭ ھىمايىسىدە گۈزەل بىر ھاياتنى ياشىغان بولاتتى. كۆزى ئايدىڭلىققا ئادەتلەنگەن قوۋم قولۇغا تاياق-توقماق ئېلىپ قوزغۇلۇپ ئېرىشكەن بىر كۈنلۈك ئەركىنلىك ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مەڭگۈ داۋام قىلىدىغان ئازاتلىققا ئېرىشىش يولىنى تاللايدۇ.

مەنبە: ھەبىبۇللا ئابلىمىت ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلغان «يول» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش