• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زىيا سەمەدى ۋە زوردۇن سابىر قاتارلىقلاردىن ئۇيغۇر تراگېدىيەسىگە دىئاگنوز

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زىيا سەمەدى ۋە زوردۇن سابىر قاتارلىقلاردىن ئۇيغۇر تراگېدىيەسىگە دىئاگنوز

نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىن باشلانغان ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىمىزنىڭ بۈيۈك پىشۋا – نامايەندىلىرىدىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ قەتىل قىلىنغانلىقىغا 87 يىل توشتى، لۇتپۇللا مۇتەللىپ قەتىل قىلىنغانلىقىغا 75 يىل، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىغا 25 يىل توشۇشقا بەش ئايلا قالدى. شۇنىڭدەك يەنە مىللەت تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش يولىدىكى  سابىت داموللا، خوجا نىياز ھاجىم، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق خەلق ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنىڭ شېھىت بولغان  تارىخىي كۈنلىرىگىمۇ ئاز قالدى!

يىللار، ئايلار، كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلىشىپ، چاقماق تېزلىكىدە ئۆتۈش بىلەن بىز ئەربابلىرىمىزنىڭ تۇغۇلغان چىسلالىرىنى ئەمەس، ھەتتا ھاياتتىن كەتكەن ۋە ياكى قەتىل قىلىنغان  كۈنلىرىنىمۇ ۋە ئۇنىڭ ھەقىقىي سەۋەبلىرىنىمۇ  ئۇنتۇپ كېتىشكە قاراپ كېتىپ بارماقتىمىز، ئېچىنىشلىق يېرى ئۆز قەھرىمانلىرىمىزنى تېخى ھەقىقىي چۈشىنەلمەيۋاتىمىز! ئۇنىڭ ئورنىغا، تەنقىد ئەمەس، تىللاش، ئاغرىنىش ئەمەس، تۆھمەت قىلىش، ئۆكۈنۈش ئەمەس، سۆكۈش پىسخىكىسى قەدەممۇ-قەدەم ئۈستۈنلۈككە كېتىپ بارماقتا.

كۆز ئالدىمدا  زىيا سەمەدى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر ۋە باشقا نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ مىللىتىمىز  تارىخى سەلتەنەتلىرى ۋە تراگېدىيەلىرىگە  بېغىشلانغان تارىخىي رومانلىرى تۇرۇپتۇ.  بۇ رومانلاردىكى قەھرىمانلارنىڭ بەزىلىرى باتۇر تەڭرىقۇتتىن باشلاپ 20 ئەسىر، بەزىلىرى 10 ئەسىر، بەزىلىرى بەش-ئالتە ئەسىر، يەنە بەزىلىرى 2 ئەسىردىن بىر ئەسىرگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىلگىرى بىزدىن خوشلاشقان بولسىمۇ، لېكىن  بىز بۈگۈن ئوخشاشلا ئۇلار بىلەن بىرگە ياشىماقتىمىز! ئەلۋەتتە  بىز تارىخىمىزنىڭ قارا داغلىرىنى ياراتقان ۋە يارىتىۋاتقان   مۇناپىق، خائىنلار بىلەنمۇ ۋە شانلىق سەلتەنەتلىرى بىلەن قەھرىمانلىقلىرىنى ياراتقان بۈيۈك ئادەملەر بىلەنمۇ ئوخشاشلا بىرگە ياشىماقتىمىز!

ۋەكىل خاراكتېرلىك ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىمىزنىڭ  يىراق ئۆتمۈشكە ئائىت ئەسەرلىرى  مىللەتنىڭ شانۇ-شەۋكەتلىك سەلتەنەتلىرىگە ۋە ئۇنى  قايتا تىكلەش ئارزۇلىرىغا بېغىشلانغان بولسا، 19- 20-ئەسىر ۋەقەلىرىگە بېغىشلانغان  رومانلىرى  ئەمەلىيەتتە، بىردەك ھالدا تىپىك تراگېدىيە سەھنە ئەسىرىدىن  ئىبارەتتۇر! ئەلۋەتتە، بۇ، شەرق كلاسسىك ئەدەبىياتىدا مەشھۇر بولغان قىز-يىگىتنىڭ مۇھەببەت تراگېدىيەسى ئەمەس، بەلكى بىر خەلقنىڭ سىياسىي تراگېدىيەسىدىن ئىبارەت ئىدى. بۇ ئەسەرلەردە   ئىنسانىيەت مەنىۋىدۇنياسىغا  بۇرۇندىن  تونۇش بولغان « لەيلى-مەجنۇن،»، «پەرھات-شېرىن»، «تاھىر –زۆھرە» ۋە «رومېئو-ژۈلېتا» لارنىڭ ئىشقى-مۇھەببەت ئوتىدا پۇچىلىنىپ، سەۋدا بولغان ئاچچىق قىسمەتلىرى ئەمەس، بەلكى مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيانىڭ  سىياسىي، سودا-ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت تارىخىغا زور ھەسسە قوشقانلىقى دۇنيا شەرقشۇناسلىرى تەرىپىدىن ئىككى ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئىزچىل تۈردە تەكرار تەكىتلىنىپ كېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇزاق يىللار دۆلەتسىز، ئەركسىز، ئىگىسىز  قالغان، شۇنىڭدەك  بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئېغىر زۇلۇملىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان  بىر خەلقنىڭ ئېچىنىشلىق سىياسىي قىسمەتلىرىنى ئۆزگەرتىش يولىدىكى كۈرەشلىرى ھەم مەزكۇر كۈرەشنىڭ غەلىبە خۇشاللىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاچچىق تراگېدىيە بىلەن تولغان كۆز ياشلىق بەتلىرى پۈتۈلگەنىدى!

ئەگەردە، 20-ئەسىر ئۇيغۇر ھاياتىنى كۈچلۈك رىژىسسورنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى تراگېدىيەلىك درامىغا ئوخشىتىش توغرا كەلسە، «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن»، «ئانا يۇرت»،  «يىللار سىرى»،  « ئەخمەت ئەپەندى»لەر 20-ئەسىر ئۇيغۇر تراگېدىيەسىنىڭ ئۇلانما پەردە كۆرۈنۈشلىرى، ئۇيغۇر خەلقى بۇ تراگېدىيەدىكى ئارتىسلاردىن ئىبارەت  دەپ كەسكىن ئېيتىش مۇمكىن. بۇ تراگېدىيەلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە كۇلمىناتسىيەسى  ئۇنىڭدىكى ئارتىسلار تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى رىژىسسورلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان بولۇپ، پەردە ئارقىسىدىكى رىژىسسور مەزكۇر تراگېدىيە ئەسىرىنىڭ ھەممە كۆرۈنۈشلىرىنى بەلگىلەش كۈچىگە ئىگە، ئۇ كىمنىڭ ئۆلۈشى، كىمنىڭ ياشىشى، كىمنىڭ كۈلۈشى، كىمنىڭ يىغلىشى ۋە باشقىلارنى ئۆز خاھىشى ۋە ئارزۇسى بويىچە قارار قىلىدۇ ھەم ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

مەزكۇر ئۇيغۇر تراگىدىيەسىدە ئۆلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇردۇر! تۆمۈر خەلىپە، سابىت داموللا، خوجا نىياز ھاجىم، ئەخمەتجان قاسىمى!  ھاقارەت قىلىنىدىغانلارمۇ، تۆھمەتكە ئۇچرايدىغانلارمۇ، رېئاللىق ۋە شارائىت بىلەن ھېسابلاشماي ھەم ئەمەلىيەتتىن چىقىش قىلىنمىغان ھالدا  ئەيىبلەشكە ئۇچرايدىغانلارمۇ ئەنە شۇلاردۇر! خانى ۋەيران بولىدىغانلار، يىغا-زارى قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇردۇر! خائىنلارمۇ ئۇيغۇردۇر! نادانلارمۇ ئۇيغۇرلاردۇر! بىر-بىرىنى ساتىدىغانلارمۇ، ھاقارەتلەيدىغانلارمۇ ئەنە شۇ ئۇيغۇرلاردۇر!  ئەمما ساق سالامەت قالىدىغانلار، ھاقارەتكە ئۇچرىمايدىغانلار، نەلەرگىدۇ بىر يەرلەرگە كېتىپ، رىژىسسورنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ھېچكىمگە يامان بولماي، نورمال ياشايدىغانلار ۋە  يەنىلا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدىغانلار باشقىلاردۇر!

ئۇنداقتا نېمىشقا ھەممە ئاپەت ئۇيغۇرلارغا تەۋە بولدى؟ جاۋاب بىرلىكى رىژىسسورلار ئۇيغۇرلار ئۆز دەريالىرى، ئۆز تاغلىرى، ئۆز زېمىنلىرى، ئۆز بايلىقلىرىنىڭ ئىگىسى، ئۇلارنىڭ  شۇ ئۆز تۇپراقلىرىدا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تۇغۇلغانلىقىم، ئۇلارنىڭ باشقا ھېچقانداق يەردىن تۇپراق ياكى ھۆكۈمرانلىق دەۋاسى يوقلۇقى، ئۇلار ئۆز يېرى ۋە ئۆزلىرى ئۈچۈن كۈرەشكە ئاتلانغانلىقى، قىسقىسى، ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ يەرلىرىگە قېچىشنىمۇ خالىمايدىغانلىقىنى  ياخشى بىلىدۇ.

رىژىسسورلار يەنە بۇ تراگېدىيەدە كىملەرنىڭ ستالىننى، كىملەرنىڭ جاڭ كەيشىنى، كىملەرنىڭ ماۋزىدۇڭنى مەدھىيەلىشىنىمۇ بەلگىلىمىگەن دەيسىز؟! ئەلۋەتتە، بۇ يېقىنقى 100 يىللىق تراگېدىيە ئىدى!

قىسقىسى، ئۇيغۇر تراگېدىيەسىنىڭ بىرىنچى پەردىسىنى ئاچقانلار ئۇنىڭ ئاخىرقى پەردىسىنىمۇ قانداق يېپىشنى ئاللىقاچان بەلگىلەپ بولغان ئىدى.

خۇددى مەشھۇر ئۇيغۇر ئەدەبىيات نامايەندىسى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئېيتقاندا نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوغلانلىرى قەبرىسىز قالدى! ئۇيغۇرلار ھەتتا بار قەبرىلىرىدىنمۇ ئايرىلدى ۋە ئايرىلماقتا!   ھەتتا كۆز ئالدىدىكى بار قەبرىلەرگە ئۆز خالىغانچە بېرىپ دۇئا قىلىپ قويىدىغانلاردىن قانچىسى بار نامەلۇم!  بۇنىڭدىن 5- 6 يىللار ئىلگىرى 1930-يىللار خوتەن ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھاكىمىيەت قۇرغان ۋە تارىخ تىكلەپ بەرگەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا مەرھۇمنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىپ، دۇئا قىلىش ئىستىكىمگە  ھەمراھ بولۇپ بارىدىغان قېرىنداشلىرىمدىن پەقەت ئىككىلا ئادەمنى تەسلىكتە تاپقانىدىم! ئىشىنىمەنكى،بۇنىڭغا ئوخشاش يەنە نۇرغۇن ئۆز خەلقى ئۈچۈن  جان-پىدا بولغان، ئازاب چەككەن، تەر تۆككەن قەبرىلەر «يۇلغۇن قىزارغان دالادا» ئەمەس ئەركىن دۇنيادا كۆز ئالدىمىزدا ئوخشاشلا ياتسىرىماقتا. ئىشىنىمەنكى، بۇمۇ ئاشۇ رىژىسسورلار كەلتۈرۈپ چىقارغان پسىخىكىلىق، روھى ئاقىۋەتلەرنىڭ ئىپادىلىرىدىن بولسا كېرەك!

بىر مىللەت، بىر دۆلەت ئۆز تارىخىنى ياخشى تەتقىق قىلىش، ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى بىلىش ۋە بىلدۈرۈش ھەم تىكلەش شۇنىڭدەك خاتالىقلار، كەمچىللىكلەرنىڭ سەۋەبلىرىنى يەكۈنلەش، مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئارقىلىق  ئۇنى كېلەچەك ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئەڭگۈشتەر سۈپىتىدە قوللىنىدۇ. شۇڭا ئۇنى مىڭلىغان تارىخشۇناسلىرىنىڭ قاتتىق سەۋرچانلىق بىلەن تەتقىق قىلىشى، ئەتراپلىق ئۆگىنىشى، توغرا ۋە رېئال يەكۈنلەرنى چىقىرىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىدۇ، تارىختىن، ئۆتمۈشتىن  تارىخچىلار، مۇتەخەسسىسلەر يەكۈن چىقىرىدۇ، ھەرگىز ئۇنىڭدىن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، تۆمۈرچىلىك،  سودىگەرچىلىك ۋە  ياكى باشقا ھەر خىل كەسىپ مۇتەخەسسىسلىرى، بولۇپمۇ  مەكتەپ تەربىيەسىنى يېتەرلىك كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولمىغان ئادەملەر چىقارمايدۇ، لېكىن سۆزلەش ھوقۇقى بولىدۇ ئەلۋەتتە.

زىيا سەمەدى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر ۋە باشقىلار ئەنە شۇ ئۇيغۇر قىسمەتلىرىنى، قىسقىسى ئۇيغۇر  تراگېدىيەسىنىڭ پەردە كۆرۈنۈشلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاچچىق نالىلىرىنى يەنىلا ئۇيغۇرلارغا، بولۇپمۇ يېڭى ئەۋلادلارغا چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارغا تارىخنى كېلەچەك ئۈچۈن پايدىلىنىشقا، توغرا خۇلاسە چىقىرىشقا ۋە تراگېدىيەدىن قېچىشقا  تەۋسىيە قىلغانىدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top