ئاشقۇنىزىم
ئۇيغۇرلار ئاجايىپ ۋە ئاجايىپ پەرىقلىق بىر مىللەتكى ئۆزى قۇبۇل قىلغان بارچە نەرسىگە ھەدىدىن زىيادە ئاشقۇنلۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە مەسئۇلىيەت بىلەن قارايدۇ . يەنە شۇنداق ئالاھىدىكىمىز باركى ھېچقاچان ئۆز ئارا ئېتىراپ قىلىشمايمىز ، ھەمىشە سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ باشقۇرىشىغا بوي سۇنىمىز! ئىسمىنى، جىسمىنى، چىرايىنى كۆرمىگەن بۇلۇڭ پۇچقاقلاردىكى ئىنسانلار سىرلىق ۋە ئاقىل كۆرىنىپ كىتىدۇ، ئەمما ئەتراپىمىزدىكى ئىقتىدار ئىگىلىرىگە ھېچ ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ !
بىزنىڭ دىنى تارىخىمىزغا قاراپ باقىدىغان بولساق 11-ئەسىردىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ۋە شۇ زاماندىكى بۇددىزىمنىڭ ماكانى بولغان ھىندىستاندىمۇ تاپقىلى بولمايدىغان ئەڭ چوڭ بۇتخانىنى كۇچاغا بەرپا قىلغان!
ئىسلامنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىنمۇ ، ئىسلامنى شۇنچىلىك چىق تۇتقانكى ئەگەر ئىسلام دىنى تۆمۈر جىسىم بولغان بولسا بۈگۈن مىجىلىپ ھېچنەرسىسى قالمىغان بولاتتى، بۇلۇپمۇ ئاخىرقى 20 يىلدا ھەقىقەتەن ئېغىرلاپ كەتتى ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھەتتا 2012 – 2013 لەردە ئىسلامنىڭ بەش پەرىزىنى توللۇق قىلغان ئەمما تاماكا چەككەن بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئۆيىدىن تاماق يېمىدۇق، ئاتا-ئانىمىزنى «تاغۇتلۇق» بىلەن ئەيىپلەپ ئۇلارنىمۇ ئىزدىمىدۇق ھەتتا كىچىشىپ كەتتۇق ، ۋەتەندەك گۈزەل ئانا ماكانىمىزنى تاشلاپ نەچچە مىڭ كىلومېتر يىراقلىقتىكى ئەرەپلەرنىڭ ئىچكى ئۇرشىغا قاتنىشىپ نۇرغۇنلىغان پىداكار ، جەسۇر ، ئوت يۈرەك ، جەڭگىۋار قېرىنداشلىرىمىزدىن ئايرىلدۇق ، ھەتتا بۈگۈنكىدەك ئېغىر كۈنلەردىمۇ، ۋەتەن ياكى ئۇيغۇر دېسەم مىللەتچى بولۇپ قالىمەن، ياكى مەلۇم پارتىيە ياكى تەشكىلاتقا قەسەم قىلىپ ئەزا بولسام دىندىن چىقىپ كىتىمەن، ۋە ياكى ئىسلامنى پىرىنسىپ قىلمىغان تەشكىلات ۋە پارتىيە شەيتان، باشلىرى پىرئەۋىن دېگەندەك پىكىر ۋە ئىدىيە بىلەن چەتئەلدە ھايۋانچىلىك قەدىر-قىممىتىمىز يوق ھالەتتە ياشاشقا رازى بولدۇق!
چەتئەلدىكى ئىنقىلاپ تارىخىمىزغا قاراپ باقساقمۇ بۇرۇن چىققانلار بەك كونا كىيىن چىققانلار بەك يېڭى ئەمما ھېچقايسىدا بىر پىكرنى قۇبۇل قىلىش روھى ۋە چۈشىنىدىغانغا ئەقلى يوق ! بۈگۈنكى كۈنلەردە پەردە ئارقىسىدا نۇرغۇن ئۇيۇنلار ئوينىلىۋاتىدۇ، بۇ ئويۇنغا بەزىلەر بىلىپ خىتاينىڭ تەرىپىنى تۇتىۋاتىدۇ، بەزىلەر بىلمەي ئەگىشىۋاتىدۇ ۋە يەنە بەزىلىرى ئۆز نام-ئابرويى، تاينى يوق ھوقۇقى، بۇرۇندىن قىكىۋاتقان يالغانچىلىقى سەۋەپلىك ئۆز خاھىشى بويىچە ھەركەت قىلىپ خىتاينىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناۋاتىدۇ!
يەنە بىر تەرەپتىن توختىماستىن قۇرۇلمىغان دۆلەتنىڭ ئىسمىنى تالاش تارتىش قىلىۋاتىدۇ! دېمەك بىز مەيلى دىنى مەيلى مىللىي ۋە ياكى سىياسىي جەھەتتىن بولسۇن ئۆزىمىز تاللىغان يولدا يۈرۈشتە ئاجايىپ مۇستەھكەم مەيلى ئۇ يول خاتا بولسۇن ياكى توغرا بولسۇن ئېتراپ قىلمايمىز ۋە قىلالمايۋاتىمىز!
ئەڭ ئاددىي بىر مىسال؛ ئۇيغۇرىستانمۇ ياكى شەرقىي تۈركىستانمۇ؟
ئۇيغۇرىستان دېگەن نام بىلەن دۆلەت قۇرىمىز دېگۈچىكەر، ئەگەر شەرقىي تۈركىستان دېسەك بۇ ئىسىم پانتۈركىزىمنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ، 1944 مەمتىمىن بۇغرا ئەپەندىملەر مۇشۇ ئىدىيە تۈپەيلى ۋەتەننىڭ خىتايغا بۆلۈپ بېرلىشىگە سەۋەپ بولغان، بىز يەنە شۇ ئىدىيەنى ئوتتۇرغا قويساق ئوخشاش ئاقىۋەتتە قالىمىز ۋە بۇ ئۇيغۇرنىڭ زىمىنى شۇڭا ئۇيغۇر نامى بىلەن ئاتىلىشى كېرەك دەيدۇ.
شەرقىي تۈركىستان دېگۈچىلەر بولسا بۇ ئىسىم بىلەن ئىككى قېتىم جۇمھۇرىيەت قۇرۇلدى، ۋەتەندە يالغۇز ئۇيغۇرلارلا يوق بەلكى قازاق، قىرغىز، تاجىك بار شۇڭا ئۇيغۇر نامىنى ئىشلەتسەك ئۇلار بىلەن يەنە ئۇرىشىمىزمۇ بىز شەرقىي تۈركىستان كىملىكى ياساپ چىقىشىمىز كېرەك دەيدۇ . (بۇ تالاش تارتىشقا كىرسەك بىرمۇنچە سۇئال جاۋاپلار بار)
يۇقاردا دىيىلگەن مىساللار بىزنىڭ ئۆز پىكرىمىزدە جاھىللارچە چىڭ تۇرىۋېلىشىمىزنىڭ كىچىككىنە بىر كارتىنىسى خالاس!
ئەمما مېنىڭ ئىچىمنى تاتلايدىغان بىرلا نەرسە نېمە ئۈچۈن مۇشۇ ئىشلارنى تالىشىمىز ! بىزگە ئەڭ مۇھىمى نېمە ؟ دۆلەتنىڭ ئىسمى ۋاقتى كەلسە بىر ئىسىم خالاس! بايرىقى لاتا! بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بىزنىڭ ۋەتەننىڭ مڭستەقىللىقىدەك ئۇلۇغ ئىشنىڭ ئالدىدا ھېچ ئىش ئەمەس!
تېخى بىرسى سېنى ئىسمىنى ئۇيغۇرىستان دە ياكى شەرقىي تۈركىستان دە مەن ياردەم قىلاي دېمىدى ! ھەم باشقىلار بىزنىڭ دۆلەتنىڭ ئىسمىغا ۋە بايرىقىغا قىزىقمايدۇ ! پەقەت ئۇلارنىڭ قىزىقىدىغان نەرسى بىزنىڭ قانداق دۆلەت قۇرۇش غايىمىز ! بىز ئۇيغۇر نامى بىلەن دۆلەت قۇرىمەن دەپ پانتۈركچىلىكنن ۋە پانئسلامچىلىقنى ئوتتۇرغا قويساق بەلكىم ياردەم قىلماسلىقى مۇمكىن ، شەرقىي تۈركىستان دېگەن بام بىلەن بولسىمۇ مەن نورمال دۆلەت بولىمەب دېسەك قارشى چىقماسلىقى مۇمكىن ، دېگەندەك بۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ ھالقىلىق مەسىلە بىزنىڭ ۋەتەن مۇستەقىل بولسۇن ئىسمى مۇھىم ئەمەس ! ئىسمى نېمە بولسا بولسۇن بىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىغا قويغان دۆلەت سېستىمىمىز مۇھىم ! ھازىر بىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىمىز تۇغۇلمىغان بالىغا ئىسىم تاللاپ ئۇرۇشىۋاتقان ئىنسانلارغا ئوخشايدۇ ! بۇ يەردە ئەڭ مۇھىم نەرسە نېمە ؟! بالىنىڭ ساق-سالامەت تۇغۇلىشى، بالا تۇغۇلسا ئىسىمنى قويساق بولىدۇ ، بولمىسا ئىسىمنى قويغۇدەكمۇ يەر تاپالمايمىز!
بۈگۈن بىزنىڭ تالىشىدىغان مۇزاكىرە قىلىدىغان تېمىمىز ، ئىشىمىز قانداق قىلساق ۋەتەننى مۇستەقىل قىلالايمىز دېگەن تېما بولىشى كېرەك، ۋە بۈگۈنكى ۋاقتىمىز كىم نېمە پىلاننى ئوتتۇرغا قويدى ئويلىنىپ قايسىمىزنىڭ پىكرى توغرا ، ئانالىز قىلىپ بىر يەرگە كىلىدىغان ۋاقىت!
مۇھىم مەسىلە باشقا تەرەپتە قاريرىلىپ قېلىپ كىچىك ئىشلارغا ئېسىلىۋېلىش بىزنى تۈگەشتۈرىدۇ!
بۈگۈن بىزدە ئۈلۈمگە تەييار روھ، ئىنقىلاپقا لايىق جاسارەت، مۇستەقىللىقىمىزگە توللۇق ئىشەنچ، ئاخىرغىچە بەل قويىۋەتمەي ماڭالايدىغا تەۋرەنمەس ئىرادە كېرەك!
يا مۇستەقىللىق، يا ئۆلۈم!
2020-يىلى 14-ماي، ئىستانبۇل