سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئالما ساتقۇچى بالا

ئالما ساتقۇچى بالا

ھېكايە

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

بالىلارنىڭ كۆز ياشلىرى قۇرىمىغان يەر، جەھەننەمدۇر.
(خاتىرەمدىن)

قىشنىڭ مۇدھىش جۇدۇن كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، قەھرىتان سوغۇق ئىلكىگە ئالغان بىر ئۆينىڭ ئىچىدە، ئون ياشلاردىكى بىر بالا، سەككىز ياشلاردىكى سىڭلىسىغا ئەتىگەنلىك ناشتىلىق تەيارلاۋاتاتتى. بالىنىڭ تەيارلىغان ناشتىلىقى ئۆز ۋاقتىدا مېھرىبان ئاتا-ئانىسى تەيارلىغان ناشتىلىقدەك قايماقلىق ئەتكەنچاي، مايلىق توقاچ ۋە سارماي، ھەرخىل قۇرۇق يېمىشلەر بىلەن تەيارلانغان مۇختەشەم بىر ناشتىلىق بولماستىن، بەلكى ئاللاھنىڭ سۈيىنى ئەڭ ئاخىرقى ئوتۇن بىلەن قاينىتىپ، ئۆيدە قالغان ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە قاتتىق نان بىلەن تەيارلىغان ناشتىلىق ئىدى. بالا نۇر ۋە مۇلايىملىق تېمىپ تۇرغان كۆزلىرىنى مەشنىڭ يېنىدا ئوت سۇنۇپ تۇرغان سىڭلىسىغا تىكىپ تۇرۇپ،

– شىرەگە كەل نۈرزىيە، ئازراق بولسىمۇ قوسۇقىمىزنى تويغۇزىۋالايلى،- دەپ سىڭلىسىنى شىرەگە تەكلىپ قىلدى. شىرەنىڭ ئۈستىدە ئىككى چىنىگە قويۇلغان قايناق سۇ بىلەن، ئالقانچىلىك بىر پارچە قاتتىق نان بار ئىدى. قىز ئاكىسىنىڭ كۈلۈپ تۇرغان چىرايىغا قاراپ، يۇمران قەلبىدە، ئاشۇ چىنە ئىچىدىن يۇقۇرغا قاراپ كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئىسسىق ھوردەك، ئىسسىق بىر ئېقىم پەيدا بولغان ئىدى. قىز يەر ياقىلاپ، شىرەنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۈردى. بالا ناننى ئېلىپ، ئەپچىل كىچىك قوللىرى بىلەن كۈچەپ-كۈچەپ، ئوشتۇپ-ئوشتۇپ، سىڭلىسىنىڭ چىنىسىگە ھەممىسىنى سېلىۋەتتى. ئاندىن ھېچ ئىش بولمىغاندەك نېپىز لەۋلىرىنى چىنىسىنىڭ گىرۋىكىگە تەككۇزۇپ تۇرۇپ، قايناق سۈنى پۇۋلەپ-پۇۋلەپ ئوتلاشقا باشلىدى. سىڭلىسى ئوشتالغان نانلارنىڭ چىنىسى ئىچىدە، ئاستا-ئاستا يۇمشاۋاتقانلىقىغا قاراپ، كىچىككىنە يۈرەك-باغرىلىرى ئاشۇ نانلاردەك يۇمشاپ، ئىچ-ئىچىدىن ئېرىپ كېتىۋاتقاندەك، ئاكىسىنىڭ بۇ غەمخورلىقىدىن تەسىرلىنىپ، ياقۇت كۆزلىرىدىن ياش ئەگىدى ۋە ئۆزىنى زورىغا تۇتىۋېلىپ، چىنىسىدىكى يۇمشىغان نانلاردىن بىر قوشۇق ئېلىپ، ئاكىسىنىڭ چىنىسىغا سېلىپ قويدى. چىنىسىغا چۇشۇپلا ئېرىپ كېتىۋاتقان بىر قوشۇق ناننى كۆرگەن بالا، سىڭلىسىغا قاراپ شۇنچىلىك چىرايلىق تەبەسسۇم قىلدى ۋە چىنىدىكى ناننى قوشىقى بىلەن ئېلىپ، ئوماق ئېغىزىغا سېلىپ، تەمىنى ئومدان تىتىۋالاي دېگەندەك قىلىپ، ئېغىزىدا ئازراق ساقلىدى. مانا مۇشۇ بىر قوشۇق نان بالىنىڭ ھاياتىدا يېگەن نانلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ لەززەتلىك نان ئىدى. لەززەتلىك بولغاندىمۇ شۇنچىلىك كارامەت لەززەتلىك ئىدىكى، بالىغا بىر مۇقەددەس ناندەك تېتىپ كەتكەن ئىدى. گەرچە بۇ نان ۋاقتى ئۆتۈپ، قېتىپ قالغان نان بولسىمۇ، ناننىڭ تاتلىق بىر تەمى بار ئىدى. بۇ تەم بەكمۇ گۈزەل، مېزىلىك تەم ئىدى. بۇ نانغا قۇياشنىڭ، تۇپراقنىڭ، مېھرى-مۇھەببەتنىڭ پۇرىقى ئارلاشقان ئىدى. بالا ناننى ئېغىزىنىڭ ئىچىدە ئۇياق -بۇياققا ئۆرۈۋېتىپ، خۇددى بىر ئىبادەتنى، بىر مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئورۇداۋاتقاندەك تۇيغۇغى كېلىپ قالغاندەك قىلاتتى. بالا ئاخىرى كۆزى قىيمىغان ھالدا، ناننى ئاستا-ئاستا يۇتتى. ئاندىن چىنىسىنى ئىككى قولىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ تۇرۇپ، ناننىڭ قالدۇق ئۇۋاقلىرى ئارلىشىپ كەتكەن قايناق سۇنى بىراقلا ئوتلاپ ئېچىۋەتتى ۋە سىڭلىسىنىڭ قۇندۇز چاچلىرىنى كىچىك ئالقانلىرىنى بىلەن سېلاپ-سېلاپ قويۇپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، پەگادىكى ئاخشام قىشلىق كۆكتات ساقلايدىغان ئورىدىن ئەكىرىپ قويغان ئەڭ ئاخىرقى بىر سېۋەت ئالمىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۈردى. بالا سېۋەتتىكى يۈزى توپىغا مۇلۇنۇپ كەتكەن ئالمىلارنى بىر-بىرلەپ ئېلىپ، يېنىغا ئاۋايلاپ رەتلىك قىلىپ، قاتار-قاتار تىزدى. قۇرۇق سېۋەتنىڭ ئىچىگە ئۆزۈ ئالدىن تەيارلاپ قويغان بىر پارچە كىگىزنى قويۇپ، ئۇنى سېۋەتنىڭ يانلىرىدىكى تۆشۈكچىلەرنى تولۇق ئەتسۇن دېگەندەك قىلىپ، ئالقانلىرى بىلەن بېسىپ-بېسىپ تەكشى تۇزەشتۇردى. ئاندىن قولىغا بىر كىچىك لۆڭگىنى ئېلىپ، ئالمىنىڭ يۈزىدىكى توپىلارنى ئىھتىيات بىلەن سۈرتىشكە باشلىدى. ئالمىنىڭ يۈزىنى زىدە قىلىۋېتىشتىن ئەنسىرگەن بالا، قولىدىكى لۆڭگىنى ئالمىنىڭ يۈزىگە شۇنچىلىك ئاۋايلاپ سۈرتەتتى. بالا قولىدىكى ئالمىنى قانچە ئاۋايلاپ سۈرتكەتسېرى ئالمىنىڭ يۈزى شۇنچە سارغىيىۋاتقاندەك، ئالما قايتىدىن رەڭگە كىرۋاتقاندەك بولۇپ، خۇددى سۈغۇر مېيىدا پىشۇرۇلغان موڭغۇل بوغۇرسىقىدەك ساپسېرىق پاقىراپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ ھەر بىر ئالمىنى شۇنچىلىك ئىشتىياق بىلەن سۈرتۈپ، شۇنچىلىك پەم بىلەن سېۋەتنىڭ ئىچىگە تىزاتتى. سىڭلىسىمۇ ناشتىلىقىنى قىلىپ بولۇپ، ئاكىسىنىڭ قىشىدا كېلىپ ئولتۈرۈپ، ئۇنىڭ ھەربىر بىر ھەركەتلىرىگە شۇنچىلىك زەن سېلىپ تۇردى. خۇددى ئاكىسىنىڭ بۇ ھۈنۈرىنى ئۆگىنىپ قويۇشنىڭ ھەققىقەتەن مۇھىملىغىنى ئۆز كۆڭلىدە ئىدراك قىلغاندەك قىلىپ، ئالمىنىڭ يۈزىنىنى سۈرتۈشنى ئۆگىنىۋاتاتتى. سېۋەتنىڭ ئىچىگە تىزىلىۋاتقان ئالمىلارنىڭ بەزىلىرى جايىدىن مىدىرلاپ كەتسە، سىڭلىسىنى دەرھال تۇزەشتۇرۇپ قويۇپ، ئاكىسىغا قاراپ پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قوياتتى. ئالاھەزەل ئازراق ۋاقىت ئۆتە-ئۆتمەيلا، ئالمىلارنىڭ ھەممىسى پاكىز سۈرتۈلۈپ، سېۋەتكە تىزىلىپ بولىندى. بالا سېۋەتنىڭ ئىچىگە تىزىلغان ئالمىلارغا خەۋەس بىلەن قارىدى. ئالمىلار سېۋەتنىڭ ئىچىدە خۇددى ھۇپپىدە ئىچىلغان بىر دەستە سېرىق ئەتتىر گۈلدەك، شۇنچىلىك چىرايلىق، مۇھتەشەم كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

بالا ئۆز ھۈنىرىدىن مەمنۇن بولغاندەك، ئۆزىنى رۇسلاپ، مەغرۇر تۇردى ۋە سېۋەتنىڭ بىر يېنىدا تۇرغان كىچىكرەك ئالمىدىن بىرنى ئېلىپ، سىڭلىسىغا سۇندى. سىڭلىسى بېشىنى لىڭشىتىپ ئالمىنى ئېلىشقا ئۇنمىدى. بالا سىڭلىسىنىڭ نېمىنى ئويلاۋاتقانلىغىنى بىلدى بولغاي، قولىدىكى ئالمىنى يەنە جايىغا ئاۋايلاپ قويۇپ قويدى. چۈنكى بۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر سېۋەت ئالمىنى سېتىپ، ئۆيگە راسقۇت قىلىش كېرەك ئىدى. ئۆيدە ھازىر نە يەيدىغان نان، نە قالايدىغان كۆمۈر قالمىغان ئىدى. بۇلار سىڭلىسىغا ئاشۇ ئالدىدا پاقىراپ تۇرغان ئالمىلاردەك ئايان ئىدى. بالا ئورنىدىن تۇرۇپ، دېرىزىنىڭ يېنىغا كېلىپ سىرتقا قارىدى. شامالنىڭ كۈچى بىلەن ئۇچۇپ كەلگەن قار ئۇچقۇنلىرى، قىلىن مۇز تۇتقان دېرىزىگە تاراسلاپ ئۇرۇلىۋاتاتتى. بالا يەنە بىر پارچە كىگىز ئېلىپ ئالمىنىڭ ئۈستىنى ئومدان چۇنكىدى، ئاندىن تارازىنى ئېلىپ، سېۋەتنىڭ ئۈستىگە قويدى. سەھەردىلا ھەممە قىلىدىغان ئىشلىرىنى تەق قىلىپ بولغان بالا، ئۈستىگە پاختىلىق چاپىنىنى كىيدى، بېشىغا قۇلاقچىسىنى باستۇرۇپ-باستۇرۇپ كىيگەندىن كېيىن، سىڭلىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ، قىزنىڭ كىچىك ئاپئاق يۈزىنى ئىككى ئالقىنىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ ، يۇلتۇزدەك جىمىرلاپ تۇرغان كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ،- سىز ئۆيدە ئولتۈرۈپ تۇرۇڭ، ئالمىنى سېتىپ، ئۆزىمىزگە يەيدىغان نان ۋە مەشكە قالايدىغان كۆمۈر ئەكىلىمەن. سىز ھەرگىز ئەنسىرمەڭ. خاتىرجەم كىتابىڭىزنى ئوقۇپ ئولتۈرۈڭ. مەن كەچ قالمايلا كېلىمەن، مەن كەلگەندە مەشكە راسا ئوتنى قالاپ، ئۆينى تازا ئىسسىتىپ بىللە ئولتۈرۈپ چاي ئىچىمىز،- دەپ، قىزنىڭ مەڭزىگە مەڭزىنى يېقىپ قويدى. سىڭلىسى ئاكىسىنىڭ ئۆزۈ بىلەن بىرگە بازارغا ئاپارمىغىنىدىن سەل نارازى بولغاندەك قىلىپ، بالىغا تۇمشىقىنى ئۇشلاپ تۇرۇپ، تەمشەلدى. ئەمما ئاكىسىنىڭ پۈتۈن ئوي خىيالى ئاشۇ بىر سېۋەت ئالمىنى پۇل قىلىشتا بولىۋاتقانلىغىنى سەزگەن قىز، ئاكىسىغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي، ئاكىسىنىڭ ئالدىراشلىق ئىچىدە قىلىۋاتقان ھەركەتلىرىدىن پەخىرلىنىپ، يەنە شۇ پەرى يۈزىدە كۈلكىنىڭ جىلۋىسى ئەكس ئېتىشكە باشلىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىز ئاكىسىنىڭ ئۆزىنى ھېچ بىر زامان ئالداپ باقمىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئاكىسىغا بەكمۇ ئىشىنەتتى. ئاتا-ئانىسى بىراقلا لاگېرغا كىرىپ كەتكەندىن بۇيان، قىزنىڭ بىردىن-بىر باش پاناھى، تاغدەك يۆلەنچۈكى ئاشۇ ئەمدىلا ئون ياشتىن ئاشقان ئاكىسى بولۇپ قالغان ئىدى. شۇڭا قىز ئامال بار ئاكىسىنى خوش قىلىشى ئويلايتتى. ئاكىسىنى خوشال، ھاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغانلا ئىش بولسا قىلىشقا تىرىشاتتى. شۇڭا ھازىر ئاكىسىغا كۈلۈپ تۈرۈپ بېشىنى لىڭشىتىپ، ئاكىسىنى قوللاۋاتقانلىقىنى چىن دىلىدىن ئىزھار قىلغان ئىدى. بالىمۇ سىڭلىسىنى بۇ مۇز يىغىپ تۇرغان ئۆيگە يالغۇز تاشلاپ قويغۇسى يوق ئىدى. ئەمما تالا ئۆيدىن بەكرەك سوغۇق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالمىنى قاچان سېتىپ بولىدۇ، بۇ ئۇنىنغا نامەلۇم ئىدى. بۇنداق قاتتىق سوغۇقتا تالادا تۇرۇپ، بىر سېۋەت ئالمىنى سېتىشنىڭ ئۆزىمى ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئۇ ھەممىدىن ئومدان بىلەتتى.

بالا سېۋەتنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ، تۇتقۇچىغا ئوڭ قولىنى كىرگۇزۇپ، سېۋەتنى ئوڭ يانپىشى تەرەپكە يۆلەپ تۇرۇپ، سول قولى بىلەن ئىشىكنى ئىشتىرىپ ئىچىپ، ئىچىدە «بىسىملا راھمانى رەھىم» دەپ، ئوڭ پۇتىنى بوسۇغۇدىن ئارتىلتىپ ئېلىپ، قوراغا چىقتى، ئاندىن ئىنس-جىن كۆرۈنمەيدىغان، گۆرجىستان جىمجىتلىقىغا پۈرگەنگەن قوراغا بىر كۆز ئاتقاندىن كېيىن، دەرۋازا تەرەپكە قاراپ ماڭدى. دەرۋازىدىنمۇ خۇددى ئۆيدىن چىققان ئۇسۇل بويىچە چىقىپ، بازار تەرەپكە قاراپ يول ئالدى. كوچىدا ئادەملەر كۆرۈنمەيتتى. چۈنكى ئەتىگەندە ئىشقا ۋە ياكى بازارغا دۇكان ئاچقىنى ماڭىدىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى دېگۇدەك يېغىۋېلىش لاگېرىدا ئىدى. ھەتتا بەزىلىرىنىڭ نەرگە كەتكەنلىكىنى، نەلەرگىدۇ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، ھاياتمۇ ئەمەسمۇ ھېچكىم بىلمەيتتى. مەھەلىدە قالغانلار بولسا كىچىك بالىلار بىلەن قېرى بوۋاي-مومايلارغا قالغان ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆڭلى پەرىشان بولۇپ، ھەركىم ئۆز ھالى بىلەنلا بولۇپ كەتكەن ئىدى. بىرسىنىڭ يەنە بىرسى بىلەن ئانچە كارى يوق ئىدى. گەرچە ھازىر قىشلىق تەتىل ۋاقتى بولسىمۇ، ئەمما بۇرۇنقىدەك كوچىلارغا چىقىپ مۇز تېيلىيدىغان، كاڭكىي ۋە ياكى پىقىرغۇچ ئوينايدىغان، بىر-بىرسىگە قارنى پوملاپ ئېتىپ، قوغلۇشۇپ يۇگرەيدىغان، قاققاقلاپ كۈلىشىپ، خوشاللىقلىرىدىن ۋاقىرشىدىغان ئۇششاق بالىلارنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. مەھەلىدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى، ئۆز ھەلەكچىلىكىدە، ئۆيگە سولۇنۇپلا قالغان ئىدى.ئۇلارنىڭ نېمە يەپ، نېمە ئىچىۋاتقانلىغى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوقتى.

ئالما ساتقۇچى بالا ئازراق ماڭغاندىن كېيىن، سېۋەتنى يەرگە قويۇپ، سوغۇقتا مۇزلاپ كەتكەن قوللىرىنى ئۇۋۇلاپ تۇرۇپ، ئېغىزىغا ئاپاردى ۋە ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان ئىسسىق ھورنىڭ ھارارىتى بىلەن ئازراق ئىسسىتىۋالغاندىن كېيىن، يەنە سېۋەتنى ئېلىپ، ئوڭ بىقىنىغا نىقتاپ تۇرۇپ كۆتۈرۈپ، يولىغا راۋان بولدى. بالا شۇ رەۋىشتە يول مېڭىپ يۇرۇپ، نىھايەت بازارغا يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ئىشىكى تاقاق بىر دۇكاننىڭ ئالدىغا سېۋىتىنى قويۇپ، ئۈستىدىكى تارازىنى ئېلىپ يانغان قويغاندىن كېيىن، سېۋەتنىڭ ئىچىگە قولىنى سېلىپ، ھەم يوغان، ھەم ساپ-سېرىق سارغايغان بىر تال ئالمىنى ئېلىپ، كىگىزنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويدى. چۈنكى مۇشۇنداق قىلغاندا كىشىلەر بۇ بالىنىڭ ئالما سېتىۋاتقانلىقىنى بىلەتتى ھەمدە ئالمىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سوغۇقتا توڭلاپ قالماي كىگىزنىڭ ئىچىدە ئىسسىق تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولاتتى. بۇ ئۇسۇلنى ۋاقىتسىز ئالەمدىن ئۆتكەن بوۋىسىدىن ئۆگىنىۋالغان ئىدى.

بالا قايسى بىر غېرىدار كېلىپ ئالمامنى ئالاركىن دېگەن ئوي بىلەن، ئەتراپقا تەلمۇرۇپ قارىدى. كوچىدا كېتىۋاتقان ئادەملەر ئىنتايىن شالاڭ ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋا ئىنتايىن سوغاق بولۇپ، قەھرىتان سوغاق جاندىن ئۆتەتتى. يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار ئاچچىق سوغاقنىڭ دەستىدىن پەلتۇلىرىنىڭ ياقىلىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شارپىلېرىنى ئاغزى-بۇيرىغا يۆگىۋېلىشقان ھالدا ئىتتىك كېتىۋاتاتتى.بالا بىر چەتتىن مۇزلاپ كەتكەن ئىككى پۇتىنى بىر بىرىگە ئۇرۇپ، ئۇياتىن-بۇياققا مىدىرلاپ، ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇشقا ئۇرۇنسا، يەنە بىر چەتتىن قىرو باغلاپ كەتكەن كىرپىكلىرى ئاستىدىكى بىر جۈپ قارا كۆزلىرىنى غېرىدارنىڭ يولىغا تىكىپ تۇرۇپ، قىسىلىپ چىقىۋاتقان نازۇك بىر ئاۋاز بىلەن «ئالما ساتىمەن، ئالما، .ئالما ساتىمەن!» دەپ ۋاقىرايتتى. زېمىستان سوغاقنىڭ دەستېدىن ھېچ كىم بېشىنى كۆتۈرۈپ، بالىغا قارامايتتى. بالا ھېچ ئىرادىسىدىن يانماي داۋاملىق تىترىگەن ئاۋاز بىلەن «ئالام ساتىمەن، ئالما!..» دەپ توۋلايتتى.
ئارىدىن ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، بىر غېرىدار كېلىپ، بالىدىن بىر كىلوگرام ئالما ئالماقچى بولدى، بالا زوڭ ئولتۈرۈپ تۇرۇپ، مۇزلاپ قىزىرىپ كەتكەن قوللىرى بىلەن كىگىزنى قايرىپ، ئالمىلارنى چاققانلىق بىلەن ئېلىپ، تارازىنىڭ قاڭالتىر تەخسىسىگە ئاۋايلاپ – ئاۋايلاپ قويدى. ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ تارتى، گەرچە تارازىنىڭ چوكىسى موڭلاپ ئېتىپ كەتكەن بولسىمۇ، مەرتلىكلىك بىلەن بىرىنچى خېرىدار بولغاندىكىن، ئوشىقىنى ئېلىۋەتمەي، خېرىدارنىڭ سومكىسىغا ھەممىسىنى سېلىپ بەردى. خېرىدارمۇ بالىنىڭ مەرتلىكىدىن مەمنۇن بولغاندەك قىلىپ، قولىدىكى پۇلنى بالىغا ئىشتىكلا سۇندى. بالا پۇلنى ساناپ ئالغاندىن كېيىن، چاپىنىڭ يانچۇقىگاھ سېلىپ، يەنە كىگىزنى ئەپچىل قىلىپ چۆنكىگەندىن كېيىن، خىلىقى بىر تال ئالمىنى يەنە ئېلىپ، كىگىزنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويدى. بالا بۇ سودىسىدىن مەمنۇن بولۇپ، يۈزىگە ئازراق قان يۇگۇرگەندەك بولدى. ئۇ تارازىدا ئوشۇق تارتىۋەتكەنلىكىگە ھېچ پۇشايمان قىلمىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە خېرىدار خىتاي ئىدى. بوۋىسى دائىم خىتاي خېرىدارلارغا ئاشۇنداق تارازىنىڭ چوكىسىنى موللاق ئاتقۇزۇپ تارتىپ بېرەتتى.

بوۋىسىنىڭ دېيىشىچە «تارازىنى توغرا تارتىش بەكمۇ مۇھىم ئىكەن. ئۇ دۇنيادا، ئۇلۇغ ئاللاھ ئادەمنىڭ ھەمممە گۇناھىنى كۆچۈرگىنى بىلەن، كىشىنىڭ ھەققىنى يېگەن ئادەمنى زىنھار كۆچۈرمەيدىكەن. ناۋادا خىتايلاردەك ئىمانسىزلارنىڭ ھەققىنى يەپ قالسا، ئادەمنى پالاكەت باسقىنى باسقان ئىكەن. چۈنكى بۇلار ئىمانسىز بولغاچقا، ئۇ دۇنيادا ئۆزىنىڭ ھەققىنى يەۋالغانلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۆز ھەققى ئۈچۈن، شۇ كىشىنىڭ ئىمانىنى سوراپ تۇرۋالىدىكەن. شۇڭا خىتايلارغا ئالما ساتقاندا، چوقۇم بىرە تال ئالمىنى ئوشۇق بېرىپ قويۇش لازىم ئىكەن. چۈنكى تارازىنىمۇ ئادەم ياسىغانلىغى ئۈچۈن، تارازىدىمۇ خاتالىق كۆرۈلۈش ئىھتىمالدىن يېراق ئەمەس ئىكەن. مۇبادا بىلىپ بىلمەي خىتايلارغا ئالما كەم تارتىلىپ قالسا، بۇ دۇنيادا ئۇششۇقلۇق قىلغىنىنى ئاز دەپ، ئۇ دۇنيادىمۇ ئۇششۇقلۇق قىلىپ، ئىمانىمىزنى سوراپ تۇرۋېلىشى مۇمكىن ئىكەن» شۇنىڭ ئۈچۈن بالا ئالمىنى تارازىغا قويىۋاتقاندا، بوۋىسىنىڭ ئاشۇ سۆزلىرىنى ئەسكە ئالغان ئىدى.

ھاۋا ئەمدى بارغانسېرى قارداپ، بىر جۇدۇننىڭ ئالامىتىدىن بىشارەت بىرۋاتاتتى. كوچىدا ئادەملەر بارغانسېرى شالاڭلاپ كېتىۋاتاتتى. بالا خېلە ۋاقىتقىچە تۇرغان بولسىمۇ، ئالما ئالىدىغان بىرە خېرىدار كەلمىگەن ئىدى. كىگىزنىڭ ئۈستىدىكى ئالما تۇرغانسېرى قاتتىق سوغۇقتا ئۇششۇپ، پاقىراق ساپ-سېرىق رەڭگى ئۆچۈشكە باشلىغان ئىدى. ئاخىرى ئۇ بىر تال ئالما قورۇلۇپ، بوۋىسىنىڭ قۇرۇق باسقان يۈزىدەك پۇرلۇشۇپ كەتتى. بالىنىڭ يۈزلىرىمۇ سوغاقتىن تاتىرىپ كېتىۋاتاتتى، پۈتۈن بەدىنى دىر-دىر تىتتىرەيتتى.

ئىتىقلىق دۇكاننىڭ ئىشىكى ئالدىدا ياپمۇ-يالغۇز تۇرغان بالا خۇددى بىر مۇز پارچىسىدەكلا بولۇپ قالغان ئىدى. كىگىزنىڭ ئۈستىدە توغلاپ قورۇلۇپ قالغان بىر تال ئالمىغا قارىغان بالىنىڭ قېرو باسقان كۆزلىرىگە ياش كەلگەن ئىدى. ئەتراپتا ئالما سېتىۋالىدىغان بىرەر ئادەم كۆرۈنمەيتتى. بالا مۇزلىغانسېرى باش كۆزلىرىنى چاپىنىڭ ئىچىگە چۆككەم، تۇگۇلىشكە باشلىدى. بىر چاغدا قاياقتىندۇر بىر بازار باشقۇرۇشنىڭ كىچىك ئاپتوموبىلى كېلىپ، ئىچدىن ئىككى بازار باشقۇرغۇچى خىتاي چۈشتى-دە، بىرسى بالىنىڭ سېۋىتىگە ئېسىلدى، يەنە بىرسى تارازىنى بۇلاپ ئالغاندەك ئېلىپ، ئاپتومىبىلنىڭ كوزۇپكىسىغا ئاتتى. نېمە قىلىشىنى بىلمەي، داڭ قىتىپ قالغان بالا، ئۆزىنىڭ ئەس-ھۇشىنى بىلىپ بولغىچە، ئاپتوموبىل قانداق شەپە چىقارما كەلگەن بولسا، شۇنداق شەپە چىقارماي كېتىپ قالدى. ئەس-ھۇشىغا كەلگەن بالا دەرھال ۋاقىرغان پېتى ئاپتوموبىلنىڭ ئارىقىسىدىن چاپتى. ئەمما، بالىنىڭ ئۇششاق ئالغان قەدەملىرى ئاپتوموبىلغا قانداقمۇ يېتىشەلىسۇن دەيسىز. ئارقىسىدىن شۇنداق يالۋۇرۇپ ۋاقىرغان بولسىمۇ، ئاپتوموبىل ئارقىسىغا ئاچچىق قاپقارا ئىس-تۈتۈننى قالدۇرۇپ، كۆزدىن جىندەك غايىپ بولدى. بۇ بىچارە ئالما ساتقۇچى بالا ئاشۇ تۇرغان جايىدا مۇزدەك قار-مۇزنىڭ ئۈستىدىلا ئولتۈرۈپ قالدى. بالا ئۆز ئەرزھالىنى ئېيتىش ئۈچۈن كۆز يۇقى كۆزلىرىنى ئەتراپقا تىكتى. كوچىدا ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇدەك ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى. پەقەت ياش يۇقى مەڭزىگە چۈشىۋاتقان ئاپئاق قارلارلا ئۇنىڭغا تەسسەللى بىرۋاتقاندەك قىلىپ، مۇزدەك پاك يۈزىنى سېلىق-سېلىق سېلاپ تۇرۇپ، كۆز ياشلار ئىچىدە ئېرىپ، يەردىكى قارلارنىڭ ئۈستىگە ساقىپ چۇشىۋاتاتتى. بالا دەرھال ئېسىگە كېلىپ ئورنىدىن دەس تۇردى. چۈنكى ئۆيدە ئۇنىڭ يولىغا تەلمۇرۇپ قاراپ ئولتۇرۋاتقان سىڭلىسى نۈرزىيە بار ئىدى. بالا بىر كېلوگرام ئالما ساتقان پۇلنى يانچۇقىدىن ئېلىپ قارىدى. ئاندىن پۇلنى چىڭڭىدە سىقىمدىغان پېتى، ئۇدۇل نان ساتىدىغان ناۋاي تەرەپ قاراپ يۈرۈپ كەتتى. بالا ناندىن ئۈچنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئۆيگە قاراپ تېز-تېز قەدەم تاشلاپ ماڭدى. ئۇنىڭ كۆڭلى شۇنچىلىك پەرىشان ئىدى. پەرىشان بولغاندىمۇ شۇنچىلىك پەرىشان ئىدىكى، دۇنيادىكى پۈتۈن دەردلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ئەكەلسە، ئۇنىڭ ئاشۇ ئالمىدەك يۈرىكىگە لىق تولغان دەردلەر ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەي قالاتتى. ئۇ شۇنچىلىك ئۇنسىز يىغلاۋاتاتتىكى، ئۇنىڭ بۇ پىنھان يىغىسى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ يىغىسى ئىدى.

قار بارغانسېرى كۈچۈيۈپ ئاق تاش ئالمىدەك چۈشكىنى تۇردى. ئاچچىق سوغۇقمۇ بالىنىڭ يۈزىگە نەشتەردەك سانجىلىۋاتاتتى. ئۈچ تال نان سېلىنغان پىلاستىك خالتىنى تۇتقان بالىنىڭ نازۇك بارماقلىرى توڭلاپ، ئۇييۇشۇپ ئاغرىشقا باشلىغان ئىدى. ھارغىنلىقتىن قەدەم ئېلىۋاتقان كىچىك پۇتلىرى ئالمىشىپ، قانداقتۇ بىرنەرسىلەرگە پۇتلىشىپ كېتىۋاتاتتى. قارنىڭ يېغىشى كۈچەيگەنسېرى، پۈتۈن شەھەر توڭلاپ، ئاپئاق قارلىق تاغقا ئايلىنىپ قالغاندەك بولۇپ قالغان ئىدى. بالا ياشارغان كۆزلىرىنى توڭلاپ كەتكەن قوللىرى بىلەن سۈرتۈپ تۇرۇپ، ئۆيىگە قاراپ يول ئېلىۋاتاتتى. قارلار ياغماقتا، شىۋىرغان كۈچەيمەكتە. كوچىدا بۇ بالىنىڭ ھالىنى سورايدىغان بىرمۇ ئىنسان يوق. ئەمما بالا ئۆزۈ تەسەللىگە، مېھرىبانلىققا، سۆيگۈگىگە، ئاسراشقا، پەرۋىش قىلىشقا شۇنچىلىك مۇختاج تۇرۇپ، ئۆز سىڭلىسىنى ئويلىماقتا. سىڭلىسىنىڭ قوسىقىنى تويغۇزۇش، ئۆينى ئومدان ئىسسىتىپ ئۇنى خوش قىلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلماقتا ئىدى. بالا ئۆيىگە ئاز قالغاندا تۇيۇقسىز تىيلىپ كېتىپ، ئوڭدىسىغا شۇنچىلىك قاتتىق چۈشتى. ئۇنىڭ بېشىنىڭ ئارقا تەرىپى توڭ يەرگە دەھشەت قاتتىق تەگدى. ئەمما بالا ھېچ ئىش بولمىغاندەك، بېشىنىڭ ئاغرىقىنى سەزمىگەن ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۈستى-بېشىدىكى قارلارنى قىقىپ چۈشۈرۋەتكەندىن كېيىن، يەرنى قاتتىق – قاتتىق دەسسەپ يولىغا راۋان بولدى. چۈنكى ئۇنىڭ يۇمران قەلبىدىكى ئاغرىقى ۋە خورلۇنۇشى، ئۆزىنى يالغۇز ۋە چارىژ ھېس قىلىشتىكى روھى ئازاپلىرى ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىنىڭ ئاغرىقىنى تۇيمايدىغان ھالغا كەلتۇرۇپ قويغان ئىدى. زەربە يەۋاتقان يېرى، ئۇنىڭ ئاشۇ نوتىدەك بەدىنى ئەمەس، بەلكى بىغۇبار قەلبى ئىدى. بۇ دۇنيانىڭ ئەڭ بۇيۇك سائادەتلىرىدىن بىرى بولغان بالىنىڭ روھى ئېزىلگەن ئىدى. بالا ئۇدۇل ئۆيىگە كېلىپ، ئوتى ئۆچكەن مۇزدەك مەشنىڭ تۆۋىدە، غال-غال تىترەپ ئولتۇرغان سىڭلىسىنى چىڭڭىدە قوچاقلاپ تۇرۇپ، ھۆڭرەپ-ھۆڭرەپ يىڭلاپ كەتتى. ئۇ پۈتۈن دەردلېرىنى بۇ دۇنيادىكى بىردىن – بىر سىڭلىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىسسىق لەۋلىرى تەككەن سۈتتەك ئاق بويۇنلىرىغا تۆكتى. سىڭلىسىمۇ ئاكىسىغا ئېسىلىپ يىڭلاپ، ئاكىسىنىڭ پاك بويۇنلىرىنى ئۇنچىدەك كۆز ياشلىرى بىلەن ھۆل قىلىۋەتتى. ھاۋا بارغانسېرى قاراڭغۇلىشىۋاتاتتى. ئۆينىڭ ئىچى شۇنچىلىك سوغۇق ئىدى. مەشكە قالۇغۇدەك ھېچ نەرسە يوق ئىدى. ئۇلار بىرە نەرسىنى ئەكىلىپ قالاشنىمۇ ئويلىمايتتى. ھازىر ئۇلارنىڭ كاللىسى قۇپ-قۇرۇق ئىدى. پەقەت بىر – بىرىدىن بىر غىرىچمۇ ئايرىلمىسىلا شۇنىڭ ئۆزۈ ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بەخت ئىدى. ئۇلار بىر-بىرىگە قانچىلىك چىڭ يىپىشقانسېرى كۆز ئالدىغا تاغدەك يۆلەنچۈك دادىسى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئانىسى گۈل-چېچەككە پۈركەنگەن بېغىنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ، ئۇلارغا ئۇدۇل قاراپ قۇچاق ئىچىپ كېلىۋاتقاندەك كۆرۈندى. ئۇلارنىڭ ئۈستى-بېشىنى كۆپكۆك ئاسماندىن يېغىۋاتقان رەڭمۇرەڭ گۈل بەرگىلىرى پۈركىۋەتكەن ئىدى. ئىللىق قۇياشنىڭ ئون مىڭلىغان نۇرلىرى ئەتراپنى قاپلاپ، پۈتۈن قورانى يالتىراق نۇرلارغا چۆڭكىۋەتكەن ئىدى. ئەنە دادىسى بىلەن ئانىسى لەپپىلدەپ يېغىۋاتقان رەڭگارەڭ شۇنچىلىك يۇمشاق، شۇنچىلىك شېرىن، شۇنچىلىك گۈزەل گۈل بەرگىلىرى ئىچىدە ئۇلارغا قۇچاق ئېچىپ كەلمەكتە، ئۆزلىرىنىڭ ئوماق، سەبى بالىلىرىنى مېھرىلىك قوينىغا مەككەم باسماقتا ۋە شۇنداق چىڭ قۇچاقلىغان پېتى، ئاشۇ گۈل بەرگىلىرى ئىچىدە ھاۋاغا لەرزان كۆتۈرۈلمەكتە.

ئالما ساتقۇچى بالا مۇگدىگەن بىر جۇپ قاپقارا نۇرى ئۆشكەن كۆزلىرىنى ئاستا دېرىزىگە تىكتى، كاللەك-كالللەك قارلار كېلىپ قاپقاراڭغۇ دېرىزىگە تاراسلاپ ئۇرۇلىۋاتاتتى. سىرتا مۇدھىش قاراڭغۇلۇق، زېمىستان سوغۇق، دەھشەتلىك شېۋىرغان ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى. بالا ئۆزىنى چىڭ قۇچاقلاپ كۆزىنى يۇمغان سىڭلىسىگە قاراپ، ئاستا مۆگدىگەن كۆزىنى يۇمدى. ئۆينىڭ ئىچى بارغانسېرى مۇزلاۋاتاتتى، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۆينىڭ ئىچى تالادىن ھېچ پەرقى قالمىغان ئىدى. ئىككى سەبى بالا بىربىرسىگە گىرەلىشىپ شۇ پېتى قېتىپ قالغان ئىدى. ئالما ساتقۇچى بالىنىڭ نازۇك مەڭزىلىرىدە توڭلاپ قالغان ئىككى تامچە ياش سەھەردە دېرىزىدىن چۈشكەن قۇياشنىڭ نۇرىدا ئاق ياقۇتتەك يالتىراپ تۇراتتى. ئۆينىڭ ئىچىدىكى مۇدھىش سوغۇقتىن نىدا كەلدى:«مۇشۇ ئىككى بالىنىڭ تۆككەن كۆز ياشلىرىغا سەۋەپچى بولغانلار ئۆز گۇناھلىرىدا ھامان بىر كۈنى بۇغۇلماسمۇ؟!»

2020-يىلى 11-ماي، گېرمانىيە

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش