سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » داڭلىق كىشىلەر » ئەخمەتجان قاسىمى مۇستەملىكە تارىخىدىكى ئەڭ جەزبىدار ئۇيغۇر رەھبىرى (2)

ئەخمەتجان قاسىمى مۇستەملىكە تارىخىدىكى ئەڭ جەزبىدار ئۇيغۇر رەھبىرى (2)

نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

ئەخمەتجان قاسىمى كىم؟ ئۇ كىمنىڭ دوستى؟ كىمنىڭ رەھبىرى؟

بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى ئالدى بىلەن خىتاينىڭ كېيىنكى بۇرمىلانغان تارىخىي ھۆججەتلىرى ۋە باھالىرى ئەمەس ۋە ياكى بۈگۈنكى ئادەملەر ئەمەس، بەلكى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى بىرگە قۇرۇشقا قاتنىشىپ بىرگە كۈرەش قىلغان سەپداشلىرى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋە ئەخمەتجان قاسىمىنڭ ئەينى ۋاقىتتىكى دۈشمەنلىرىنىڭ سۆزلىرى ھەم باھالىرىدىن ئىزدەيمىز!

دېمەك، بۇ سوئاللارغا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ 5-يىللىق كۈرەش سەپداشلىرى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ پولكوۋنىكى، مىللىي ئارمىيە ئىستىخبارات بۆلۈمى باشلىقى، 1950-1980-يىللاردىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمەنلىرىدىن بىرى زىيا سەمەدى (1914-2000) ئۆزىنىڭ «ئەخمەت ئەپەندى»، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېرلىرىدىن ئاسىم باقى «خۇنزىرلىق»، سابىت ئابدۇراخمان «ئۇيغۇرنامە»، مەسىمجان زۇلپىقاروف «سەرراپ» ۋە باشقا ئەسەرلەر ئارقىلىق ئەڭ دادىل جاۋاب بېرىپ بولغانىدى.

ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئەڭ يېقىن سەپدىشى، 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى، “ئازادلىق تەشكىلاتى” نىڭ ئەزاسى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بىرلىكتە بارلىق ھۆكۈمەت ئىشلىرىنىڭ پروگراممىلىرىنى تۈزگەن ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى (1914-2005) ئەپەندىنىڭ ھايات ۋاقتىدا كەمىنە نەبىجان تۇرسۇنغا قالدۇرغان: “ئەخمەتجان قاسىمىدەك قابىل ۋە خەلق سۆيگەن ئۇيغۇر رەھبىرى تېخى يېتىشىپ چىقمدى. مۇنداق داھىيلار بىر قانچە يۈز يىللاردا بىر قېتىم چىقسا كېرەك، مەن پۈتۈن ھاياتىمدا نى-نى ئوغلانلارنى، مانا مەن دېگەن داڭلىق رەھبەرلەرنى كۆردۈم. لېكىن ھازىرغىچە ئەخمەتجاندەك رەھبەرنى تېخى كۆرۈپ باقمىدىم. ئەخمەتجاندەك ئاق كۆڭۈل، ساپ نىيەت، راستچىل، ئەخلاق-پەزىلەتلىك، بىرلا كۆرگەن ئادەمنى ئۆزىگە تارتىۋالالايدىغان، ئىنتايىن بىلىملىك، سىياسىيون، ناتىق، قەيسەر، دۈشمەنگە ئېگىلمەس، باشقىلار ئۈچۈن ئۆلۈشكە تەييار، خەلقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلۈمگە ئاتىغان ۋە ئۆلۈمگە ھەر ۋاقىت تەييار تۇرالايدىغان، باشقىلار يىغلىمىسۇن، ئازابلانمىسۇن ئۇنىڭ ئورنىغا مەن ئازابلىناي، مەن يىغلاي دەيدىغان مۇنداق ئىنسان بالىسىنى تېخى مەن كۆرمىدىم” دېگەن سۆزلىرى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ ئەتراپلىق جاۋابىدۇر.

ئۇنداقتا ئەخمەتجان قاسىمى كىمنىڭ دۈشمىنى؟ ئۇنى كىملەر ئۆچ كۆرگەن؟

ئەخمەتجان قاسىمى خىتايلار ئەڭ ئۆچ كۆرگەن ئۇيغۇر رەھبىرى

1946-يىلى، 6-ئايدا ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرى ئاستىدا ۋە ۋاسىتىچى بولۇپ ئوتتۇرىغا چۈشۈشى نەتىجىسىدە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن بىتىم ئىمزالاپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە قاتنىشىشقا مەجبۇر بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەرەپتىن رەئىس ئەلىخان تۆرە قاتارلىق ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ كۆرسىتىشى ۋە قوشۇلۇشى بىلەن ئەخمەتجان قاسىمى شەرقىي تۈركىستان، يەنى ئىلى تەرەپتىن بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ، ئۈرۈمچىدە تۇردى (رۇسىيە تارىخچىسى ۋ. ئا، بارمىن. شىنجاڭ 1941-1949-يىللىرىدىكى سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە. بارنائۇل 1999. رۇسچە).

ئەخمەتجان قاسىمى 1946-1947-يىلى شەرقىي تۈركىستان تەرەپتىن بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ خىزمەت ئۆتىگەن جەريان شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىلىرى بىلەن خىتاي ھەربىي-مەمۇرىي دائىرىلىرى ئارىسىدا شىددەتلىك ۋە يۈزمۇ-يۈز سىياسىي كۈرەش مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. جاڭ جىجوڭ ئۆزىنىڭ جاڭ كەيشى باشچىلىقىدىكى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرى ئارىسىدا بەرگەن سىياسىي دوكلاتىدا ئۆزىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئىلى تەرەپ بىلەن ئىنتايىن ئېغىر سىياسىي كۈرەشنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. خىتاي گومىنداڭ تارىخچىسى جاڭ داجۈننىڭ «شىنجاڭدىكى 70 يىللىق بوران-چاپقۇن» ماۋزۇلۇق كىتابىدا قەيت قىلىشىچە، بىرلەشمە ھۆكۈمەت مەزگىلىدە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار شۇنچىلىك ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنكى، ھەتتا بىرلەشمە ھۆكۈمەت رەئىسى جاڭ جىجوڭ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قوشۇلىشىسىز ھەر قانداق مۇھىم قارارنى چىقىرالمىغان، ھەممە ئىشتا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئېغزىغا قارايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان. 25 كىشىلىك ھۆكۈمەت ئەزالىرى يىغىنىدا گەرچە غۇلجا تەرەپتىن تۆت كىشى بولسىمۇ، ئەمما ئەخمەتجان باشلىق تۆت كىشىنىڭ قارشى ئاۋاز بېرىش بىلەن بىرەر قارارنى ئېلىش مۇمكىن بولمىغان، جاڭ جىجوڭ لەنجۇ بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسىدا پويىز يولى ياساشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئەخمەتجاننىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ، بۇ قارار قالدۇرۇلغان، جاڭ جىجوڭ يەنە شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنى تيەنشەن ئۇنىۋېرسىتېتى قىلىپ ئۆزگەرتىپ، نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە قارايدىغان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئەخمەتجاننىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ئەمەلگە ئاشمىغان.

ئەخمەتجان قەشقەرگە ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنى ۋالىي، تۇرپانغا ئابدۇراخمان مۇھىتىنى ھاكىم قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا جاڭ جىجوڭ ئامالسىز قوشۇلغان، ئەمما ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنى قوراللىق باستۇرۇش تەرەپدارى، ئۆلكىدىكى 100 مىڭ كىشىلىك خىتاي ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى، ئىككى قولى ئۇيغۇرلارنىڭ قېنى بىلەن بويالغان گېنېرال سوڭ شىليەن قاتارلىق خىتاي ھەربىي-سىياسىي باشلىقلىرى جاڭ جىجوڭنى بۇنداق يول قويۇش بىلەن ئەيىبلىگەن. سوڭ شىليەننىڭ خاتىرىلىشىچە، خىتايلار ئارىسىدا تېزلا جاڭ جىجوڭ ئەخمەتجاننىڭ ئېغزىغا قاراپ ئىش قىلىدۇ، ئەخمەتجانسىز ھېچقانداق قەدەم باسالمايدۇ دەيدىغان گەپلەر تارالغان (سوڭ شىليەن. شىنجاڭدىكى ئۈچ يىلدا كۆرگەنلىرىم ۋە ئاڭلىغانلىرىم. خىتاي تارىخ ماتېرىياللىرى نەشرىياتى، 1996-يىلى نەشرى، تور نۇسخىسى، خىتايچە).

ئۆلكىدىكى مەركەز ئەۋەتكەن رەئىس، ئەڭ ئالىي خىتاي رەھبىرى گېنېرال جاڭ جىجوڭ، خىتاي قوشۇنلىرى باش قوماندانى سوڭ شىليەن، باش كاتىپ ليۇ مېڭچۈن، مۇئاۋىن گارنىزون قوماندانى داڭ بىگاڭ، ئۈرۈمچى ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ليۇ ياجې، 78-كورپۇس كوماندىرى يېچىڭ، ئىچكى ئىشلار نازىرى تۇڭگان ۋاڭ زېڭشەن (جالالىدىن)، ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى چۇۋۇ، خىتاي تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى ليۇ زېروڭ ۋە باشقا بارلىق خىتاي ھەربىي-مەمۇرىي باشلىقلىرى، ھەتتا گومىنداڭ جۈنتوڭ ۋە جۇڭتون جاسۇسلۇق ئورگانلىرى باشلىقلىرى، گومىنداڭ پىرقىسى باشلىقلىرى ئەخمەتجان قاسىمى ئالدىدا باش ئېگىشكە، ئۇنىڭ ئالدىدا ئارتۇق سۆزلەشكە پېتىنالماسلىققا مەجبۇر بولغان بولۇپ، ئۇلار ئەخمەتجان قاسىمىنى ئەڭ ئۆچ كۆرگەن ۋە يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئىقتىدارى، تەسىر كۈچى ۋە سالاپىتىگە قايىل بولۇپ، ھۆرمەت قىلىشقا مەجبۇر بولغانىدى. شۇڭا ئۇلار، مەخپىي يىغىنلارنى ئېچىپ، ئەخمەتجان قاسىمىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش، ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش چارىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ، 25-فېۋرال خىتايلار نامايىشىنى تەييارلىغانىدى. قىسقىسى، خىتاي شوۋىنىست مىللەتچىلىرى ھېسابلانغان مەزكۇر ئەمەلدارلار ئۈچۈن ئەڭ قورقۇنچلۇق ۋە ئەڭ كۈچلۈك ئۇيغۇر پەقەت ئەخمەتجان قاسىمى ئىدى خالاس، ئۇنداق بولۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئۇنىڭ ئارقىسىدا نەچچە ئون مىڭ كىشىلىك مۇنتىزىم ۋە قۇدرەتلىك شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى ۋە كەڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى بار ئىدى.

خىتايلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ھۆكۈمرانلىق تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇر باشلىققا قارشى نامايىش قىلدى، ئۇ بولسىمۇ ئەخمەتجان قاسىمى ئىدى. 1947-يىلى، 25-فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىدە 10 مىڭغا يېقىن خىتاي ھەربىي، ساقچى ۋە پۇقرالىرى نامايىش قىلىپ،«يوقالسۇن ئەخمەتجان!»، «ئەخمەتجاننى ئۆلتۈرەيلى» دەپ شوئار توۋلاپ، قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ، ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇشى ۋە ئۇنىڭ بۇ خىتايلار ئالدىدا قەددىنى تىك تۇتۇپ، خىتاي گېنېراللىرىنى نامايىش تارقىتىشقا مەجبۇر قىلىشى. بۇ جەريان ئەخمەتجان قاسىمىنى ئەڭ كۆچ كۆرگەن گومىنداڭ تارىخىچىسى جاڭ داجۈن ئۆزىنىڭ «شىنجاڭدىكى 70 يىللىق بوران-چاپقۇن» ناملىق ئەسىرىدە تەپسىلىي تەسۋىرلەيدۇ. (شۇ ئەسەرگە قاراڭ، 12-توم، 7330-7333-بەتلەر)

ئەينى ۋاقىتتا ئەخمەتجان قاسىمىنى ئەڭ ئۆچ كۆرگەنلەر پەقەت خىتايلارلا ئەمەس ئەلۋەتتە، خىتاينىڭ قول چوماقلىرى، ئۆز مەنپەئەتلىرىنى ئۈچۈن دىنىنى، مىللىتىنى ساتقان نەپسانىيەتچى، پىتنىچى ئۇيغۇرلارمۇ، قازاقلارمۇ بار ئىدى، مەسىلەن ئاقسۇ ۋالىيسى، ئۆزىنى ئىسلام ئۆلىماسى ۋە خوجا ئاتىۋالغان سەيىدئەخمەت خوجا، خوتەن ۋالىيسى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ھەم رەقىبى، كىچىكىدىن خىتايچە ئوقۇپ، ئۆزىنى خادىڭباڭ دەپ ئاتىۋالغان نۇربەگ، قۇمۇل ۋالىيسى يولۋاس شۇنىڭدەك خىتايغا تايىنىپ، ئۇيغۇرلارغا قارشى تۇرۇپ ۋە ئۆز مەنپەئەتلىرىنى تىكلىگەن خىتايپەرەس قازاقلاردىن، ئۇيغۇرغا نىسبەتەن ئەشەددىي مىللەتچىلىك خاھىشىغا ئىگە ئۈرۈمچى ۋالىيسى خادىۋاڭ، مالىيە نازىرى جانىمقان، مۇئاۋىن باش كاتىپ سالىس ھەم تۈركىستان نوغايباي قاتارلىقلار ئىدى. بۇلار سوڭ شىلىيەن قاتارلىق خىتاي شوۋىنىستلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئەخمەتجاننى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكەتلىرى، تەھدىت سېلىش ۋە نامايىشلارنى ئېلىپ بارغانىدى.

گەرچە ئۈچ ئەپەندى ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن ۋەتەن ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تايىنىدىغان تاشقىي كۈچ مەسىلىسىدىكى چوڭراق ئىختىلاپ ۋە باشقا بىر قىسىم سىياسىي ئىدىيە مەسىلىسىدىكى كىچىك ئىختىلاپلارغا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئارىسىدىكى بۇ ئىختىلاپلار ئەخمەتجان قاسىمى ئۆچ كۆرۈش دەرىجىسىگە يەتمىگەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قابىلىيىتى ۋە ئىقتىدارىغا ھۆرمەت قىلغان ئىدى. (بۇ ھەقتە قاراڭ: ئەيسا ئالىپتېكىن، ئەسىر شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن. ئىستانبۇل، 1985-يىلى، تۈركچە نەشرى). ۋاھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئىلى ئىنقىلاپچىلىرى، يەنى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىلىرىنى «رۇسلارنىڭ قول چومىقى» ۋە «رۇسپەرەس» دەپ سۆكۈشلىرى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرغان ئىلى ئىنقىلابىنى ئەشەددىي ئۆچ كۆرىدىغان خىتايلارغا ماس كەلگەن ۋە خۇش قىلغانىدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش