سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ۋەزىيەت ئانالىزى » شەرقىي تۈركىستاندا ”دېموكراتىك ئۇيغۇر جۇمھۇرىيىتى“ قۇرۇلـىدۇ

شەرقىي تۈركىستاندا ”دېموكراتىك ئۇيغۇر جۇمھۇرىيىتى“ قۇرۇلـىدۇ

پىروفېسسور دوكتور سايىت يىلـماز 

(تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى ئەخمەتجان تۇراق، تەھرىر سۈبھىنۇر ئۆمەر ۋە ئابدۇلھەمىد قاراخان)

ئىلاۋە: بۇ يازما تۈركىيەدىكى بىر خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پىروفېسسورىنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، مەيلى رىئاللىققا ماس كەلسۇن ياكى كەلمىسۇن، بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھەر ۋاقىت كەلگۈسى ھەرخىل سىنارىيولارغا تەييار بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى ۋە خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى دۆلىتىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىگە ئىشەنچ ۋە  ئۈمىد بىلەن قارىشىمىز كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ ماقالىنىڭ خاتا بولۇپ قالغان بەزى مۇھىم سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئۇشبۇ ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. 

ئاسىيانىڭ ياۋروپاغا بولغان سەپىرى، شەرقىي تۈركىستاندىن باشلايدۇ.

بىز ئاستا-ئاستا مالىمانچىلىققا پېتىپ قالغان دۇنيادا مۇقىملىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى بىر دۇنيا ئۇرۇشىغا قاراپ يېقىنلاۋاتىمىز.  بۇ ئۇرۇش خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلىدىغاندەك قىلىدۇ، ئەمما 2035-يىلغىچە بولغان تەييارلىق باسقۇچى ئۈچۈن، ياۋرو-ئاسىيادا بۇ ئۇرۇشنىڭ غەربتىكى ئارقا پەردىسى تەييارلىنىۋاتىدۇ.  بىز بۇ ئۇرۇشنىڭ تەپسىلاتلىرىنى 2017-يىلى «بۈيۈك ياۋرو-ئاسىيا پىلانى (پىروجېكتى) (ب ئا پ)» ناملىق ماقالىمىزدە چۈشەندۈردۇق. ب ئا پ؛ مانجۇرىيە، ئىچكى موڭغۇلىيە، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە خوڭكوڭ قاتارلىق جايلاردا چىققان قوزغىلاڭدىن پايدىلىنىپ، خىتايغا زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ. سەھنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۈرك دۇنياسى بار، يەنى تۈركىستان جۇغراپىيىسى.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۆزىگە سادىق بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى بارلىققا كەلتۈردى. خىتايغا بارسىڭىز، ھەممە نەرسە سىزگە نورمال ھەتتا جەننەتتەك كۆرسىتىلىدۇ.  ئەمما شەرقىي تۈركىستان نالە-پەرياد قىلىۋاتىدۇ.  بىز يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ خەۋەرلەرنى ئېلىشقا باشلىدۇق، چۈنكى ئۇ يەردىكى زۇلۇم ئاشتى ۋە باستۇرۇش ھەر جەھەتتىن تېزلەشتى. بۇ ماقالىدە ياۋرو-ئاسىيا پىلانىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىكى تەرەققىياتلىرى، دېموكراتىك ئۇيغۇر جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۈرىشى ھەققىدە توختىلىمىز.  قانداقلا بولمىسۇن، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە ب ئا پ ھەققىدە خۇلاسە چىقارساق تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى

تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان تۈركىستان، 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا چار روسىيە ۋە مانجۇ-خىتاي خانلىقىنىڭ ھەر خىل ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.  1924-يىلغىچە، بىز بۈگۈن ئوتتۇرا ئاسىيا دەپ ئاتايدىغان بۇ يەرنىڭ رەسمىي ئىسمى «تۈركىستان» ئىدى.  روسلار تۈرك نامىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئورنىغا «ئوتتۇرا ئاسىيا» ئۇقۇمىنى ھاسىل قىلدى. بۈيۈك تۈركىستاننىڭ غەربىي قىسمىنى چار روسىيە، شەرق تەرىپىنى مانجۇ-خىتاي ئىمپېرىيىسى ئىشغال قىلدى.  ئۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، خىتايلار ئىشغال قىلغان تەرەپ شەرقىي تۈركىستان، رۇسلار ئىشغال قىلغان تەرەپ غەربىي تۈركىستان دەپ ئاتالدى. غەربىي تۈركىستاندىكى تۈرك قەبىلىلىرى پارچىلىنىپ، ئايرىم مىللەت بولۇشقا مەجبۇر بولدى؛ ئۇلارنى پارچىلاپ كىملىكلىرىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن يېڭى دۆلەتلەر ياساپ چىقىرىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن قازاقىستان، تۈركمەنىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە ئەزەربەيجان ھازىرقى غەربىي تۈركىستاندا يەر ئالـماقتا.  ئەسىرگە ئېلىنغان شەرقىي تۈركىستان بولسا مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرەلمىدى ۋە قىزىل كومىنىست خىتاينىڭ مۇستەملىكە ئۆلكىسىگە ئايلىنىپ قالدى.

تارىختا شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا نۇرغۇن تۈرك ئىمپېراتۇرلۇقلىرى، دۆلەتلىرى ۋە بەگلىكلىرى قۇرۇلدى. مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقىغا ئىگە شەرقىي تۈركىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش 1757-يىلدىن باشلاپ داۋام قىلماقتا. 235 يىلدىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستانلىقلار مۇستەقىل بولۇش ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلىپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇردى (1864-يىلى ياقۇپ بەگ دۆلىتى، 1933-يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، 1944-يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى)، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆمرى قىسقا بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولمىدى. خىتاي ھۆكۈمەتلىرى تارىختىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۆرەشلىرىنى باستۇرۇپ كەلگەن. 1864-يىلى خىتاي ئەپيۇن ئۇرۇشى، تەيپىڭ قوزغىلىڭى قاتارلىق داۋالغۇش ئىچىدە تۇرغاندا، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي مۇسۇلمانلىرى (تۇڭگانلار) ۋە ئۇيغۇرلار قوزغىغان كەڭ قوزغىلاڭ بۇ رايوندىكى خىتاي ئىستىلاسىغا خاتىمە بەردى. ئوسمانلى سۇلتانى ئابدۇلھەمىد خان 1864-يىلى قۇرۇلغان مۇستەقىل دۆلەت قەشقەرىيەنى قوللىدى ۋە ئۇلارنى يالغۇز  قويمىدى.

خىتاي 1876-يىلى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ، 1884-يىلى 18-نويابىر 19-شىتاتنى ئېلان قىلدى. شەرقىي تۈركىستان نامىنى خىتايچە مەنىسى «يېڭى ئىشغال قىلىنغان زىمىن» دىگەن مەنىدىكى «شىنجاڭ» غا ئۆزگەرتتى. دېمەك «شىنجاڭ» سۆزى شەرقىي تۈركىستانغا خىتاينىڭ تاجاۋۇز قىلغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. 1930-يىللاردا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭ 1933-يىلى قەشقەردە بىرىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى (شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى) نىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى.  تارىختا بۇ تۈرك زېمىنىدا قۇرۇلغان تۇنجى زامانىۋى شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى 1937-يىلى يىقىلدى. سەۋەبى روسىيە زامانىۋى قوراللار بىلەن تەمىنلەنگەن ھەربىي قىسىمنى شەرقىي تۈركىستانغا (بۇ يەردە خىتاي ۋالىسى شىڭشىسەيگە ياردەم قىلىش نىيىتىدە) ئەۋەتتى. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ قىسقا مۇددەتتىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان رۇسلارنىڭ ياردىمى بىلەن يەنە مىللەتچى خىتاي قۇماندان تەرىپىدىن كونترول ئاستىدا قالدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا روسىيە ئارمىيىسى شەرقىي تۈركىستاندىن چېكىنىپ چىقتى. 1943-يىلى مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسلارنىىڭ ئورنىنى ئالغاندىن كىيىن، رۇسلارنىڭ پىلانى يەنە بىر قېتىم ئۆزگەردى.

خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستان

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە روسىيەدىن قورال ياردىمىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر تۈركلىرى 1944-يىلدىن 1949-يىلىغىچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى بىلەن ئىككىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. سوۋېت ئىتتىپاقى، 1949-يىلدىن ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى خىتايغا قارشى 80 قوچقارغا بىر مىلتىق ۋە 100 پاي ئوققا ئېرىشىشنى قوللىدى. ماۋنىڭ قوشۇنلىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ بولغاندا، مىللەتچى خىتاي قوماندانى دۆلەتنى كوممۇنىست خىتايلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدى. خىتاي دۆلىتى كوممۇنىستلارنىڭ قولىغا ئۆتكەندە، روسىلارنىڭ خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى يەنە ئۆزگەردى. 1949-يىلى، خىتاي -روسىيە كېلىشىمىگە ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستان پرېزىدېنتى ئەخمەتجان قاسىم باشچىلىق قىلغان 6 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى موسكۋاغا سۆھبەتلىشىشكە چاقىرىلدى. شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى يولباشچىلار موسكۇۋادا قېيىن قىستاققا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇلار ئولتۇرغان ئايروپىلان ھاۋادا پارتلاپ، ئايروپىلان ۋەقەسى يۈز بەرگەندەك كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىندى. شۇ يىلى، شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان خىتاي شۇنىڭدىن باشلاپ مىليونلارچە بوۋاق-بالا ۋە قۇرامىغا يەتكەن ئۇيغۇر تۈركلىرىنى قەتلى قىلدى.  1949-يىلى 20-ئۆكتەبىر كوممۇنىست خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلدى. ئوسمان باتۇر 1952-يىلغىچە پارتىزانلىق ئۇرۇشى بىلەن كومىنىست خىتايلارغا داۋاملىق قارشى تۇردى. ئاخىرىدا، شەرقىي تۈركىستان ئارمىيىسىدىن بىر قىسىم كىشىلەر ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ چەتئەلگە چىقتى.

1949-يىلدىن باشلاپ، رايوندا كۆپ قېتىم مىللىي توقۇنۇش يۈز بەردى. 1955-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ، شەرقىي تۈركىستان دۆلەت سالاھىيىتىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ئاپتونوم رايون دەپ ئېلان قىلىندى. خىتاي ھۆكۈمىتى «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە» سىياسىتىگە ئەمەل قىلغاندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، دۆلەتنى مىللەتلەرگە ئايرىپ، بەزى رايونلارغا ئىمتىيازلىق ھوقۇق بەردى. «مىللەتلەرگە ئايرىش خىزمىتى» بىلەن، خىتايلار ۋە 55 ئاز سانلىق مىللەتكە سالاھىيەت بېكىتتى. خىتايلار سىرتىدىكى مىللەتلەرگە ئايرىلغان رايۇنلارنى «ئاپتونوم رايۇن» دەپ ئاتاپ، ئۇلارنىڭ تىلىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، مەلۇم دەرىجىدە مال-مۈلۈك، بىخەتەرلىك ۋە خەلق ئەسكەرلىرى تۇرغۇزۇش، رايون خارەكتىرلىك قانۇن چىقىرىش ۋە مائارىپ تەربىيىسى بېرىش قاتارلىق ھوقۇقلار بېرىلدى. ئەمەلىيەتتە، خىتاي كوممۇنىستلىرى ناھايىتى مۇكەممەل پىلان بىلەن تۆۋەندىن يۇقىرىغا مىللىي ئاپتونومىيە قۇردى. مەسىلەن، ئۇلار شەرقىي تۈركىستان ئىچىدە يەنە ئالدى بىلەن قازاق، قىرغىز، تۇڭگان، موڭغۇل، تاجىك ۋە شىبەلەرگە ئاپتونومىيە ئوبلاست ۋە ئاپتونومىيە ناھىيەلەرنى تەسىس قىلدى، ئاندىن ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيەلىك رايۇن بەرگەن بولدى.  ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلسىمۇ، ئەمما يەرلىك ئاپتونومىيە سىستېمىسىدا ئۇلارنىڭ سۆز ھەققى بولمىدى. كومىنىست خىتايلار ئاپتونوم رايونلاردىكى مەمۇرىي قاتلاملاردىكى ھوقۇقنى تارقىتىش ئارقىلىق، ئاپتونومىيە ھوقۇقى بار مىللەتلەرنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىپ، ھوقۇقلارنى بۆلىۋەتتى.

1949-يىلى ماۋ خىتاي دۆلىتىنىڭ كونتروللۇقنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان ئەڭ ئېزىلگەن ۋە مەدەنىيەت ئىنقىلابى تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتا ئەڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچۇرىغان جاي بولدى. خىتايلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ:

– مىللىي ئارمىيەسىنى يوق قىلدى،

– دۆلەت ئورگانلىرىدىكى يەرلىك كادىرلارنى ئالداپ سېتىۋالدى،

– ئىزچىل ئاسسىمىلياتسىيە بېسىمىنى ئاشۇردى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار داۋاملىق شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىشتەك نۇرغۇن ئۇسۇللارنى قوللاندى.

كۈنىمىزدە شەرقىي تۈركىستاندىكى توقۇنۇشلار 10 يىل ئەتراپىدا داۋاملىشىپ، قەشقەر ۋە خوتەن شەھەرلىرىنى نىشان قىلىنماقتا. ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى داۋاملاشماقتا. خىتاي ئوچۇق ئاشكارە ئىنسانلارنى قەتلى قىلماقتا، خىتايدا پات-پات ئېتنىك توقۇنۇشلار يۈز بېرىدۇ، ئەمما خىتاي تاراتقۇلىرى بۇلارنى تارقاتمايدۇ. 4-5 مىلىيۇن شەرقىي تۈركىستانلىق خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلىرىگە قامالدى ۋە بىر قىسمى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلدى. شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئاتالمىش مەدەنىيلىشىش نامىدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتىدۇ. جازا لاگىرى ۋە تۈرمىلەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىر تەرەپتىن خىتاي مەدەنىيىتىگە ئاسمىلاتسىيە بولۇش خەۋىپىگە دۇچ كەلسە، سىرىتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئاتالمىش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسى بىلەن خىتاي زاۋۇتلىرىدا قۇل ئىشچى ياكى ئەرزان ئىشچى سۈپىتىدە مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان قانداق يەر؟

بىر قىسىم ئۇيغۇرلار 1950-يىللىرىدىن باشلاپ باشقا چەتئەلگە كۆچۈشكە باشلىدى. رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شەرقىي تۈركىستاندا 11 مىليون، رەسمىي بولمىغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسەن 20-25 مىليون ئۇيغۇر ياشايدۇ.  بۇنىڭغا 1 مىليون ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنى قوشۇش كېرەك.  تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە 60 مىڭ (كۆپرەكى زەيتىنبۇرنۇ، سەفاكۆي ۋە فاتىھتە) ئۇيغۇر بولۇپ تۈركىيە ئىچىدە جەمئىي 70 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدۇ. داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار ۋە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە تۈركىيە خەلقىمۇ، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ دەل ۋاقتىدا ئېنىق خەۋەرگە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقى پەقەت شەرقىي تۈركىستاندىلا ئەمەس، ھەتتا تۈركىيەدىمۇ چەكلەنگەن.

خىتايدا ھەر بىر تۈركىستانلىققا كۆز قۇلاق بولىدىغان خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى بار بولۇپ قاتتىق كونترول قىلىنماقتا. خىتايدىكى 56 مىللەتنىڭ 10 ى مۇسۇلمان، پەرەز قىلىنغاندەك مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ياكى ئۆزبېك ئەمەس. خىتاي تۇڭگانلىرى بۇ دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ 40 % نى تەشكىل قىلىدۇ.  ئەگەر خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى قولدىن بېرىپ قويسا، بېيجىڭنىڭ تۈركىستان ۋە كاۋكازدىن ئېنېرگىيە يۆتكەش ئىستراتېگىيىلىك پىلانى يوققا چىقىپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە ، شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىدە كەم بولسا بولمايدۇ.  ئاسىيانىڭ ياۋروپاغا يۈرۈش قىلىشى شەرقىي تۈركىستاندا باشلىنىدۇ.

نېفىت، ئۇران، ئالتۇن ۋە تەبىئىي گاز قاتارلىق مول ئىستراتېگىيىلىك بايلىقلارغا ئىگە بولغان شەرقىي تۈركىستان خىتايدىكى يەر ئاستى بايلىقىنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ بايلىقلارنىڭ كۆپلىكىگە قارىماي، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركلەر نامراتلىق ئىچىدە ياشايدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، خام ئەشيانىڭ 85% ى شەرقىي تۈركىستاندىن تەمىنلەنگەن بولۇپ، خىتايغا توشۇلىدۇ ۋە ئۇ يەردىكى سانائەت ئەسلىھەلىرىدىن قىلىنغان كىرىم بېيجىڭغا يۆتكىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى زاۋۇت-كارخانىلاردا كۆپىنچە خىتايدىن كەلگەن كۆچمەن خىتايلار ئىشلەيدۇ.  بۈگۈنكى كۈندە، شەرقىي تۈركىستاندا 30 شەھەر ۋە 106 ناھىيە بار، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاننى 1 مەركىزى شەھەر، 5 ۋىلايەت ۋە 5 ئاپتونوم رايونغا بۆلۈپ باشقۇرىدۇ. بۈيۈك تۈركىستان ۋە ياۋرو-ئاسىيانىڭ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ قىزىقىدىغان بىر رايۇن؛ ئۇ روسىيە، خىتاي ۋە ھىندىستاننىڭ چىگىش نوقتىسى. خىتاينىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ توپىلاڭ قوزغىشىدۇر. شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلاردىن باشقا، قازاق، قىرغىز، تاتار ۋە ئۆزبەك قاتارلىق تۈرك خەلقلىرىمۇ ياشايدۇ.

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىشغال قىلغان دۆلەتلەردىكى تەبىئىي بايلىقلىرىدىن پايدىلانغاندا، كونتروللۇقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلەرنى يەرلەشتۈرۋاتىدۇ. ئىدارە ئورگان ۋە قانۇن بەلگىلەش ئىزچىل خىتاينىڭ باشقۇرىشىدا بولماقتا. ئاتالمىش ​​خەلق جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالغان بۇ دۆلەت خىتايلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان بۇ دۆلەتتۇر، ۋە شۇنداقلا خىتايدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ تۈرمىسىدۇر. خىتاي جاھانگىرلىرى، خىتاي كۆچمەنلەرنى بۇ ئاتالمىش ​​ئاپتونومىيىلىك رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۇغۇت چەكلەش ئارقىلىق بۇ تۇپراقلارنىڭ ئەسلى ئىگىلىرىنى ئاز سانلىق مىللەتكە ئايلاندۇرۇشقا ۋە ئاسمىلاتسىيە قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاي ئىشغال قىلغان رايونلاردىكى خەلقلەرنىڭ سۆز ئەركىنلىكى يوقتۇر. خىتايدىكى ئاپتونوم رايۇنلارنىڭ مەمۇرى ھوقۇقى خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ قولىدا بولۇپ، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەمۇرى خادىملىرى قولىدىن ھىچ ئىش كەلـمەيدىغان قورچاق كادىرلاردۇر. گەرچە رەسمىي رەقەمگە تايانغاندا خىتايدا تەخمىنەن 23 مىلىيون مۇسۇلمان بولسىمۇ، ئەمما ئورتاق كىملىك ​​يارىتىش مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەھشىيلىكى

كومىنىست خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىكى 1950-يىلدىن باشلاپ بىر قانچە زىمىنى كەڭرى دۆلەتلەرنى يۇتۇۋەتتى؛ مانجۇلارنىڭ دۆلىتى مانجۇرىيە (1945) ، موڭغۇللارنىڭ ۋەتىنى ئىچكى موڭغۇلىيە (1947)، تۈركلەرنىڭ ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستان (1949) ۋە تىبەت (1950). خىتاي مېلىنى ياخشى كۆرۈدىغان تۈركىيەلىك داھىلەر زېمىن پۈتۈنلۈكىنى تەشەببۇس قىلغان خىتاي بولسا، بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇستەملىكىچى ئىمپېرىيەدۇر.  1952-يىلى ئوسمان باتۇرنى تۇتۇۋالغان خىتاي ئارمىيىسى ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈردى.  1953-يىلى، خىتاي ب د ت نىڭ دائىملىق ئەزاسى بولۇش ئۈچۈن غەربنىڭ بېسىمى ئاستىدا شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق بېسىۋېلىنغان دۆلەتلەر ئۈچۈن ئاپتونومىيە ئۇقۇمىنى قوللاندى. 1964-يىلىغىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستان ئارمىيىسىنى سىستېمىلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىنقىلابى ئارقىلىق ئاسسىمىلياتسىيە قىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ئوسمان باتۇر قاتارلىق قوماندانلار بىلەن بىللە داۋاملىق خىتايغا قارشى جەڭ قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش ئورگىنى ئامېرىكا ۋە گىرمانىيەدەدۇر. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقى غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن كۈزىتىلىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ئالقىشقا ئېرىشكەن ئۇيغۇر رەھبەرلەردىن رابىيە قادىر ۋە دولقۇن ئەيساغا تۈركىيەگە كىرىشكە رۇخسەت بېرىلمەيۋاتىدۇ. رابىيە قادىر ۋە دولقۇن ئەيسا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمەن دەپ ئېلان قىلىندى.

1991-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن 2009-يىلىنىڭ بېشىغىچە شەرقىي تۈركىستاندا ۋەزىيەت بىر قەدەر تىنچ ئىدى. 2009-يىلى يازدا يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى، ئەمما زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيمىز. بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب شۇكى، خىتاي ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندىكى ئالاقىنى قامال قىلىدۇ، چەتئەل بىلەن ئالاقىنى ئۈزىدۇ. گەرچە خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇ ۋەقەلەردە 196 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى دىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى دىدى، بۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلار بەلكىم خىتاي ئىلان قىلغان ساندىن 3-4 ھەسسە كۆپ بولۇشى مۇمكىن.  تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ باياناتلىرىدا كەم دېگەندە 500 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەردە مىڭلىغان يارىلانغانلار ۋە تۈرمىگە ئېلىنغانلارنىڭ بارلىقى يەنە خىتايلار تەرىپىدىن ئاشكارا بولدى. تۈركىيەدىكى ھەر خىل ئۇيغۇر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى سانائەت شەھىرى گۇاڭدۇڭدىكى بىر زاۋۇتتا تۈركلەرنىڭ ياتىقىغا ساقچىلار ۋە يەرلىك كىشىلەر بېسىپ كىرىپ زاۋۇتتا يۈزلىگەن ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇرۇمچىدىكى بۇ ۋەقەلەرگە نارازلىق بىلدۈرگەن تۈركلەرگە ئاپتوماتىك قوراللار بىلەن ئوت ئېچىلغان، ئوچۇق قىرغىنچىلىق ۋە مىللىي تازىلاش بۈگۈنمۇ داۋاملاشماقتا.

2001-يىلى 11-سېنتەبىردىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى «بۆلگۈنچى»، «تېرورچى» ياكى «ئەكسىل ئىنقىلابچى» دەپ ئەيىپلەش ئۈچۈن باھانە ئىزدىدى. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا 145 تۈرمە ۋە 30 دىن ئارتۇق جازا لاگېرىنى ئاچتى. تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا مىڭلىغان مەسچىتلەر ۋەيران بولدى. بېيجىڭ ئەۋەتكەن مەخسۇس خادىملار ئۆزلىرى گۇمان قىلغان ۋە شىكايەت تاپشۇرۇپ ئالغان ئۆيلەرنى خالىغانچە ئاختۇرۇشقا باشلىدى.  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي «ھاشار» نامىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ھەقسىز ئەمگەككە سېلىپ كونا زۇلۇم ۋە زىيانكەشلىك ئۇسۇللىرىنى قايتا قوللىنىشقا باشلىغان. مەۋسۇملەردە ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدىن كەم دېگەندە بىر ياش كۈنىگە ئون ئىككى سائەت ھەقسىز ئىشلىگەن مەلۇماتلار بار.  بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغانلارغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى 30 كۈن قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. مەجبۇرىي ئەمگەكچىلەر لاگېرلاردا قالىدۇ ۋە ئۆگىنىش جەريانىدا كومىنىزىم ئىدىئولوگىيەسىدىن دەرس ئالىدۇ. خىتاي، شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئەركىن ئالاقىسىنى ئۈزدى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتكەن ئالاھىدە خادىملىرى مەسچىتلەرنى كۈزىتىدۇ ۋە بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغانلارنى ئېنىقلاپ جازالايدۇ. ئۇيغۇرلار ئىسلامنىڭ سۈننىي ھەنەفى ئەقىدىسىدىندۇر.  شەرقىي تۈركىستاندا بالىلارغا دىنىي تەلىم بېرىش ۋە ئون سەككىز ياشتىن تۆۋەنلەرگە قۇرئان كەرىم ئۆگىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

بىز بۈيۈك ياۋرو-ئاسىيا پىلانى (پىروجېكتى) نىڭ قايسى باسقۇچىدا؟

بۈيۈك ئوتتۇرا شەرق پىلانى (پىروجېكتى) ئوتتۇرا شەرقتە تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن باسقۇچقا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقان پەيتتە، بۇنىڭدىن كېيىنكى بۈيۈك ياۋرو-ئاسىيا پىلانى (پىروجېكتى) توغرىسىدىكى تەپسىلاتلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.  بۈيۈك ياۋرو-ئاسىيا پىلانى (پىروجېكتى) نىڭ ئۈچ چوڭ نىشانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىران، روسىيە ۋە خىتاي. غەرب ئىستىخباراتى ئىرانغا قىسقا مۇددەتلىك (5-2 يىل)، روسىيەگە ئوتتۇرا مۇددەتلىك (5-15 يىل)، خىتايغا ئۇزۇن مۇددەتلىك (15-25 يىل) تەييارلىق قىلماقتا.  داۋاملىشىۋاتقان بۈيۈك ئوتتۇرا شەرق پىلانى (پىروجېكتى) دە، سۈرىيە ۋە ئىراققا مۇناسىۋەتلىك ھېساباتلار ئايدىڭلاشتى. ئىرانغا قارىتا پىلان 4-5 يىل بۇرۇنلا باشلىدى. ئىراننىڭ ئىشغالىدىكى جەنۇبىي ئەزەربەيجان ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، توقۇنۇش كاۋكاز رايونىغا كېڭىيىدۇ ۋە يېڭى توقۇنۇش يۆنىلىشى روسىيەنى پارچىلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئوتتۇرا شەرقتە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان سۈنئىي دۆلەتلەرگە قارىتا قايتىدىن خەرىتىلەر سىزىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى ئىران قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئوتتۇرا شەرقنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن دۆلىتى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پارچىلىنىشى بولىدۇ.  ھازىر «شام ئىسلام دۆلىتى» دەپ ئاتالغان مىلىتانلار ياۋروئاسىياغا كۆچمەكتە.  باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، «ھاشارات يەيدىغان ھاشارات» ئىستراتېگىيىسى بىلەن قوراللىق مىلىتارىستلارغا «تېرورلۇق تەشكىلاتى» ۋە «ئەركىنلىك جەڭچىسى» نىڭ رولى بېرىلىپ، يېڭى توقۇنۇش سەھنىسى تەييارلىنىۋاتىدۇ. خىتاي توغرىسىدىكى سىنارىيەلەرگە كەلسەك، غەرب ئىستىخباراتى تەييارلىق قىلماقتا.  تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

– خوڭكوڭ (ئەنگىلىيە)

– ئىچكى موڭغۇلىيە (گېرمانىيە ئىستىخپاراتى)

– مانجۇرىيە (ياپونىيە)

– تىبەت (ئامېرىكا) ۋە

– شەرقىي تۈركىستان (ئامېرىكا)

ياۋرو-ئاسىيا پىلانى (پىروجېكتى) دائىرىسىدە، يېقىنقى ئىككى يىلدا بىر قىسىم پىلاندا كېچىكىشلەر بولدى؛

– مانجۇرىيەدە، ياپونلار قوزغىلاڭ چىقىرىش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتالمىدى. مانجۇرىيەدە مانجۇلار ئاسمىلاتسىيە بولغانلىقتىن، ياپونلار ھەق تەلەپ قىلالمايۋاتىدۇ، ئەمما ئۇلار ئىككى سائەت ئىچىدە بۇ يەرنى ئىگىلىۋالالايمىز دەيدۇ.

– ئىچكى موڭغۇلىيەدىمۇ ئوخشاش، چۈنكى خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيەسى بۇ يەردىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. قانداقلا بولمىسۇن، مانجۇرىيە ۋە ئىچكى موڭغۇلىيە ئۈچۈن غەرب كۈچلىرى بىۋاسىتە ھۇجۇمغا ئۆتىشى مۇمكىن.

– تىبەتتە، 1959-يىلدىكى قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندا، دالاي لاما چەتئەلگە قېچىپ چىقىپ، تىبەت مۇستەقىللىقىنىڭ چەتئەلدىكى ھامىسىغا ئايلانغان. تىبەتنىڭ بۇددىزم مەدەنىيىتى خىتاينىڭ ئېغىر بېسىمى ئاستىدا ئىشلارنى قىيىنلاشتۇرىۋاتىدۇ.

– شەرقىي تۈركىستان ماۋدىن بۇيان خىتاي زۇلۇمغا ئۇچرىغان ۋە ئاسمىلاتسىيەگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، خىتايغا قارشىلىق كۆرسەتكەن يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بولۇپ، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ساقلاپ كەلدى. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل بىلىپ كەلمەكتە.

– خوڭكوڭ بولسا 1999-يىلى ئەنگىلىيەلىكلەر قالدۇرۇپ كەتكەن قارشىلىق مىخانىزىمىدىن شارائىت ھازىرلايدۇ.

شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق قوللىغۇچىلىرى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە گېرمانىيە. بۇنىڭدىكى مەقسەت يېقىن كەلگۈسىدىكى خىتاي بىلەن بولىدىغان ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى خىتاينىڭ ئاسىيا قىتئەسىدىكى تەسىرىنى ئاجىزلىتىش.  ئامېرىكا كېچىلىرى سۈرىيە ۋە ئىراقتىن «شام ئىسلام دۆلىتى» نىڭ مىلىتارىستلىرىنى ئايروپىلان بىلەن ياۋرو-ئاسىياغا توشۇدى. شىمالدىكى ھىندىستان-خىتاي چېگراسىدىن قازاقىستانغىچە بولغان چوڭ چەمبىرەكنىڭ ئەتراپىغا ئەسكىرى بازىلار قۇرۇلدى. ئامېرىكىنىڭ ئەسكىرى بازىلىرى ئاساسلىقى ئافغانىستان، قازاقىستان ۋە ھىندىستاندا. ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) شەرقىي تۈركىستانلىق غازاتچىلارنى سۈرىيەدىن ئافغانىستانغا كۆچۈردى، ئافغانىستاندىكى ئەسكىرى لاگېرلاردا ئالتە مىڭ ئادەم تەربىيلىنىۋاتىدۇ. ب د ت تەرىپىدىن ئامېرىكىغا خەلقئارا قانۇن ياردىمى بېرىلىۋاتىدۇ.  ۋاتىكان ماددى بويۇم ۋە ئىقتىسادى ياردەم بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. تۈركىيە بولسا روسىيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزماسلىق ئۈچۈن بۇ پىلاندىن ئۇزاق تۇرۇۋاتىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان پىلانى يەنە بىر قىسىم ياۋرو-ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركمەنىستان «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن نامدىن بىئارام ئىدى.  قازاقىستاننىڭ نارازىلىقى بىلەن دۆلەتنىڭ ئىسمى «شەرقىي تۈركىستان» دىن «دېموكراتىك ئۇيغۇر جۇمھۇرىيىتى» گە ئۆزگەرتىلدىغان بولدى. غەرب كۈچلىرىمۇ بۇ ئىسىمنى قوبۇل قىلدى.

تۈرك دۇنياسى بۈيۈك ياۋرو-ئاسىيا پىلانى (پىروجېكتى) نىڭ يادروسى. ئىراننىڭ  «% 50» ى تۈرك ھەم تۈركىيە بىلەن تۈركىستان دۆلەتلىرىنىڭ ئارىسىدا. بۇنىڭغا قارشى ئىران ئافغانىستانغا تەسىرى ئاستىغا ئېلىشقا تېرىشىۋاتىدۇ ۋە بۇ دۆلەتتىكى ھازارا تۈركلىرىنى ئاناتولىيەگە قوغلاشنى تەھدىت قىلىپ، «يا شىئە بول ياكى بۇيەردىن كەت» دەۋاتىدۇ.  ھىندىستاندا موڭغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىن قالغان بىر تۈركۈم تۈرك نوپۇسى بار، ئەمما ئۇلار ئۆز تىلىنى ئۇنتۇغان بولۇپ، بۇ تۈركلەرنى ئۆزىگە قايتۇرۇش كېرەك.

شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك نۆۋەتتىكى كۈنتەرتىپ

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىسمى ئامېرىكىدا ياشايدىغان رابىيە قادىر ۋە گېرمانىيەدىكى دولقۇن ئەيسا. رابىيە قادىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى، دولقۇن ئەيسا بولسا قۇرۇلتاينىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى. بۇ ئىككى كىشىنىڭ تۈركىيەگە كىرىش مەنئى قىلىنغان. تۈركىيە بۇ ئىككى ئۇيغۇر باشچىنى فەتھۇللاھ گۈلەنگە باغلاپ ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى ۋە ماددى مەبلەغ ئاجراتمىدى.

1976-يىلى خىتاي ب د ت دا دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىنغاندا بىر كېلىشىم ئىمزالانغان ئىدى، ئۇ بولسىمۇ 1915-يىلدىن باشلاپ تۈزۈلگەن بارلىق كېلىشىملەرنى قوبۇل قىلىش. بۇ ماددىنىڭ روھىغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستان 2026-يىلىدا خىتاي ئىشغالىيىتىدىن رەسمىي قۇتۇلۇشقا قانۇنى جەھەتتىن ھوقۇقلۇق. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ يول باشچىلىرى پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىق يولىنى ئىزلەپ، ب د ت دىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ رەسمىي دۆلەت دەپ تونۇشىنى تەلەپ قىلىپ، مۇستەقىللىق يولىغا تەييارلىق قىلماقتا. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا پەقەت بىر بالىلىق بولۇش تۈزىمىنى يولغا قويۇش، خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش ۋە شىئەلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت سىياسەتلەرنى قوللىنىلىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركلىكنى يوقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ ۋەزىيەتتە كەلگۈسىگە قارىتا  تەييارلىقلار تىزلىشىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا خىتايغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندا خىتايغا قارشى ئۇرۇشىدىغان ئەسكەر سانىنىڭ 2 مىليونغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

بۇ مەزگىلدە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە ئەھمىيەت بېرىلىۋاتىدۇ،  ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە گېرمانىيە ئاخبارات ئورگانلىرى شەرقىي تۈركىستانلىق پائالىيەتچىلەرنى سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ، خىتايغا قارشى تەشۋىقات ئۇرۇشى ئىلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

تۈركىيەنىڭ زوڭۇلداك ۋىلايىتىدىن بولغان ئارسىنال پۇتبولچىسى مەسۇت ئۆزئىل تونۇلغان پۇتبولچى، ئۆزى تۈرك، سۈننىي مۇسۇلمان، گېرمانىيە پۇقراسى ۋە ئەنگىلىيەدە ياشايدۇ، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا مەدەت بېرىپ يازغان ئىنكاسى كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.

2019-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندوندا ئىش بىجىرىش ئورنى ئاچتى.

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان قارشىلىق ھەركىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدە خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشغا ئېرىشى مۇھىم ئورۇندا تۇرماقتا، بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىشلار بولۇشى مۇمكىن:

– ئۇيغۇر پارلامېنتىنىڭ قۇرۇلۇشى؛ غەرب 300 كىشىلىك ئۇيغۇر پارلامېنتىگە كىرىدىغانلارنى ئېنىقلاۋاتىدۇ، پات يېقىندا قۇرۇلىدۇ،

– پارلامېنىت رەئىسى سايلاپ چىقىلىدۇ،

– ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ،

– جۇمھۇررەئىسى سايلاپ چىقىلىدۇ،

– «دېموكراتىك ئۇيغۇر جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلىدۇ.

– شەرقىي تۈركىستان مىللىي خەۋىپسىزلىك كومىتېتى قۇرۇلۇپ، ھەربىي ئىستراتېگىيەلەر بېكىتىلىدۇ ۋە بۇ مىللىي خەۋپسىزلىك كومىتېتى خىتايغا قارشى ئۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان پارلامېنتى قۇرۇلۇپ، جۇمھۇررەئىسى، باش مىنىستىر ۋە پارلامېنت رەئىسى ئېنىق بولغاندىن كېيىن، خەلقئارا قانۇن جەھەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قانۇنىي سالاھىيىتى تاماملىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستان پارلامېنتى قۇرۇلغاندىن كېيىن 2020-يىلى ماي ئېيىدا ب د ت نىڭ كۈنتەرتىپىگە كېلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلىتىدە بولىدىغانلىقى قارار قىلىندى، ئۇ بەلكىم ئاۋسترىيەنىڭ ۋيېنادا بولۇشى مۇمكىن.

بۇ پىلانغا ئاساسەن، خىتايغا قارشى ھەقىقىي كۆرەش 2020-يىلى 2-ئايدا باشلاندى، ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەر خەلقئارانىڭ دىققىتىنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا جەلپ قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ.

خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك كۆرەش مەزگىلىدە، خىتاي دىپلوماتلىرى، خىتاي شىركەتلىرى ۋە خىتاي سودىگەرلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ دۇنيا خارەكتىرلىك بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

نىشان 2032-يىلغىچە شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش.

خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، بىز ھازىر قانۇنى ھەقلىق سالاھىيەت قازىنىش ۋە خىتايغا قارشى جامائەت پىكىرىنى يارىتىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىمىز. «دېموكراتىك ئۇيغۇر جۇمھۇرىيىتى» پارلامېنتى قۇرۇلغاندا، مەخپىي كېلىشىم خىتاينىڭ ئالدىدا قويۇلىدۇ.

نەتىجە

ئامېرىكا بىلەن خىتاي رىقابىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇرۇشقا ئايلىنىش ئېھتىمالى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىنتايىن مۇھىم ئاچقۇچلۇق رول ئويناۋاتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە ئەڭ ئېغىر قارشىلىق بىلدۈرگەن رايونغا ئايلاندى ۋە ئۇ خىتاي ئىچىدىكى تەھدىت مەركىزىگە ئايلاندى. كەلگۈسى ئامېرىكا-خىتاي ئۇرۇشىدا، غەرب كۈچلىرى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى ئۇيغۇر رايونىنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ دەپ قارالسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۆرىشى بولسا خىتاي تەرىپىدىن ئىشغالغا ئۇچرىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مىللىي ھۆرلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان مۇقەددەس كۆرەشتۇر. بۇ كۆرەش خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە قارشى ھەقلىق بىر ئىسياندۇر. بىز بۇ كۆرەشكە ئىدىئولوگىيەلىك باشقا نەزەر بىلەن قارىيالمايمىز. شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلىيە مەسىلىسىمۇ ئوخشاشلا بىر ئىنسانىيەت مەسىلىسىدۇر. يۇقۇتۇلۇشقا دۇچ كەلگەن مەدەنىيەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بىر كۆرەشتۇر.

كەلگۈسى 25 يىلدىكى چوڭ ئويۇننىڭ مۇھىم نۇقتىسى ياۋرو-ئاسىيا ۋە تۈرك دۇنياسىدۇر. ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئاساسلىق كۈچلەرنىڭ كەلگۈسىدىكى رىقابەت سەھنىسى بولغان ياۋروئاسىيادىكى ئورتاق نىشان بولسا بۇ جۇغراپىيەنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مۇھىملىقى ۋە يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىققا ئىگە تۇپراقنىڭ ئىگىلىرى بولغان ياۋرۇ-ئاسىيا تۈركلىرىدۇر. شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەقەلەرنىڭ ئارقىسىدا پەقەت ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى بار دەپ ئويلىغانلار، بۇ يەردىكى خىتايلارنىڭ ئىشغالىيىتىنى ۋە 235 يىلدىن بۇيان خىتاي ئىشغالىيىتىكە قارشى تۇرغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنى چۈشەنمەيدۇ. تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكى ۋە ئەركىنلىكىنى ئويلايدىغانلار جىددى بۇ ئىشقا كىرىشىشى ۋە ياۋرۇ-ئاسىيادىكى بۇ چوڭ ئويۇننىڭ ئويۇنچۇقلىرى بولـماستىن، بەلكى بۇ ئويۇننىڭ مۇھىم باش رولچىلىرىدىن بىرى بولۇشىمىز كېرەك. چۈنكى يۇقىرىدىكى بۈيۈك ياۋرۇ-ئاسىيا پىروجېكتى بىزسىزمۇ روياپقا چىقىدۇ. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ رەھبەرلىرى تۈركىيەگە كىرىشكە يول قويۇلمايۋاتىدۇ، تۈركىيە رەسمىي قوللىمايۋاتىدۇ.

قىسقا مۇددەتلىك ئىقتىسادى مەنپەئەت ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈرك دۇنياسىدىكى قېرىنداشلىرىمىزدىن يۈز ئۆرۈشكە ھەققىمىز يوق. مىڭ يىل ئىلگىرى بىز بىلەن بىرگە ياشىغان ۋە خىتاينىڭ ئېغىر زۇلىمى ئاستىدىمۇ يەنىلا كىملىكىلىرىنى ساقلاپ قالغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئالدىدا بىزنىڭمۇ قېرىنداشلىق بۇرچىمىز بار، بۇنى ئەسلا ئۇنۇتمايلى.

2019-يىلى 27-دېكابىر

ئەسلى مەنبەسى: Doğu Türkistan’da Demokratik Uygur Cumhuriyeti kuruluyor… Prof. Dr. Sait Yılmaz

https://www.academia.edu/41435681/Doğu_Türkistanda_Demokratik_Uygur_Cumhuriyeti_kuruluyor

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش