سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » سۆيگۈ ۋە ئىتىقات

سۆيگۈ ۋە ئىتىقات

(ھېكايە)
ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

 

بۇ دۇنيا بىر ئۆي، كۆڭۈل بولسا دۇنيا!

– جالالىدىن رۇمى

 

ئىلىنىڭ تاشلەپكە دېگەن يېرىدە ئەخمەت ماشىنچى دېگەن كېشىنىڭ دۇكانى بار ئىدى. دۇكان تۆت كوچىنىنىڭ جەنۇبى دوخمۇشىدىلا بولۇپ، بىر دېرىزىلىك كېچىكلا دۇكانتى. تاشلەپكىنىڭ تۆت ئېغىزىغا جايلاشقان قاتار-قاتار دۇكانلار بولسا شۇ دائىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋات بىر شەھەر بازىرىنى بەرپا قىلغان ئىدى.

ئەخمەت ماشىنچىنىڭ دۇكانىنىڭ دېرىزىسى تالاغا قاراپ تۇرغانلىغى ئۈچۈن، كوچىدا ئۆتكەن-كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك كۆرۈپ تۇراتتى. بۇ بازاردىكى چوڭلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە تونۇش كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇچسىدىكى كىيىم-كېچەكلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۆزۈ تىككەن ئىدى. ئەخمەت ماشىنچى بۇ بازاردىن ئانچە يىراق بولمىغان تۆرەم مەھەلىسىدە ئولتۈراتتى. مۇشۇ سەۋەپتىن بۇ ئەتراپتىكى ھەممە كېشىنى ئاساسەن تونۇيتتى. ئۆز قولى بىلەن تىككەن بەزى چابانلار ئۇنىڭ قولىدىن ئەڭ ئاز دېگەندە بىرقانچە قېتىم ئۆتەتتى. بەزىدە سارجىدىن تىكىلگەن كونا چاپانلارنى ئۆرۈپ قايتتىدىن تىكسە، بەزىلىرىنىڭ ئەستىرىنى يىڭىلاپ يېپ-يېڭى قىلىۋىتەتتى. بۇرۇلكىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ پۇشقاقلىرىنى قىسقارتسا، بەزىلىرىنىڭكىنى ئۇزارتارتى؛ بەزىلىرىنىڭ بەللىرىنى كېڭەيتسە، بەزىلىرىنىڭكىنى تارايتتاتتى. ئىش قىلىپ ياشانغان خىرىدارلار ئەكەلگەنلا ئىشنى قايتۇرماي ئەستايىدىللىق بىلەن ھەممىسىنى قىلاتتى. ياشلار بولسا بۇ ماشىنچىخانىغا كۆپ كىرىپ كەتمەيتتى، نىگاندا بىرە ياش يىگىت يېڭىلا ئالغان بۇرۇلكىسىنى قىسقارتقىنى كىرىپ قالمىسا، ئادەتتە ساپ چوڭلارنىڭلا ئىشلىرىنى قىلاتتى. چۈنكى چوڭلار ئەخمەت ماشىنچىنىڭ قەدرىنى بىلەتتى. ئۇنىڭ ھۈنەرگە پۇختا، ئىشنى سېلىق ھەم ساختىلىق ئىشلەتمەي قىلىدىغانلىغىغا ئىشىنەتتى. دېمىسىمۇ ئەخمەت ماشىنچى ئىشنى ھەقىقەتەن ئەستايىدىل قىلاتتى. كىيىمنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمىلىرىدىن ھېساپلىنىدىغان ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك، مەيدە، غول، يەڭ، ياقا، بەل، كاسا، پۇشقاق قاتارلىق ئادەملەرنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشىدىكى ھەر بىر چوڭ-كىچىك مۇسكۇللار ۋە ئۆگىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۆلچەملەرگە شۇنچىلىك دىققەت قىلاتتى. خېرىدارنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشىدىكى ئالاھىدىلىكلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ تۇرۇپ شۇنچىلىك توغرا ئۆلچەپ ۋە تەبىئىي تالالىق رەختلەر بىلەن خىمىيىۋى تالالىق رەختلەرنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن كىرىشىش خۇسۇسىيەتلىرىنى نەزەرگە ئېلىپ تۇرۇپ، شۇنچىلىك ئۆلچەملىك قىلىپ پىچاتتى ۋە ناھايىتى گۈزەل قىلىپ تىكەتتى.

ئەخمەت ماشىنچىنىڭ ئىشى بەك كۆپ ئىدى، ئۇ بىرچەتتىن يېڭى زاكاس قىلغان كىيىملەرنى تىكسە يەنە بىر چەتتىن كونا كىيىملەر ئۆزگەرتىش ئىشلىرىنى قولدىن بەرمەيتتى. بولۇپمۇ ئۇ ھۈنەرگە ئالاھىدە پۇختا بولغاچقا، ئۇنىڭ قولىدىن چىققان كاستۇم-بۇرۇلكىلار ئىگىسىگە شىپپىدەك كىلەتتى – دە، ئۇ كىشىنى ئۆزىدىن ئاز دېگەندە ئون ياش ياشارتىۋېتەتتى. كاستۇم – بۇرۇلكىلارنىڭ مەيلى ئەستەلىكىگە بولسۇن، مەيلى يانچۇقلۇقىغا بولسۇن ۋە ياكى مۇرە، ياقا، پەشلەرنىڭ سارۇشكىلىرى قاتارلىقلارغا كېتىدىغان ماتىرياللارغا بولسۇن ھەممىسىگە ھەم يېڭى ھەم سۈپەتلىك ماتېرىياللارنى ئىشلىتەتتى. ھەرگىز قىزىل كۆزلۈك قىلمايتتى. بولۇپمۇ خېرىدارلارنىڭ ئەكەلگەن رەختلىرىنى سوقۇۋالىدىغان ناشايان ئىشلاردىن قەتئىي يىراق ئىدى. ھە راس ۋەدە بەرگەن ۋاقىت ئىچىدە قىلالىسا ئىشنى قوبۇل قىلاتتى، قىلالمىسا يالغان سۆزلىمەي، ئۆزىنىڭ پۈتتۈرۈپ بېرىدىغان ۋاقتىنى ئىنىق قىلىپ ئېيتتاتتى. ھەممە ئادەم ئەخمەت ماشىنچىنى تونىغاچقا قولىدا ئىش ئۇزۇلمەيتتى. ئىشقىلىپ ئەخمەت ئومدان ئادەم ئىدى. بىراق مۇشۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ بېشىغا ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن پالاكەتلەر ئۇنى مەنىۋى جەھەتتىن كۆپ خورىتىۋەتكەن ئىدى. ئەسلىدە ئۇنىڭ بەخىتلىك بىر ئائىلىسى بار ئىدى، ۋاپادار ئايالى ئىككى ئوغلى بىلەن ئادەتتىكى پۇراقلاردەك نورمال خاتىرجەم بىر ھاياتنى ياشاپ كېتىۋاتاتتى. چوڭ ئوغلى ئوتتۇرمەكتەپنى پۇتتۇرۇپلا تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغانتى ۋە ئالما’ئاتا بىلەن غۇلجا ئارلىغىدا قاتتىراپ يۇرۇپ ئومدانلا روناق تىپىپ قالغان ئىدى. ئەمما، يىقىندا ۋەزىيەتنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگۈرىشى بىلەن ھەممە نەرسە ئاستۈن-ئۈستۈن بولۇپ، پاستپورتلىرىنى ئاساسقاتلامنىڭ كادىرلىرى تارتىۋىلىپ، ئۆزىنى يىغىۋىلىش لاگىرغا ئېلىپ كەتكەن ئىدى. ئارقىدىنلا «كۆتۆرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال» دېگەندەك ئەخمەتنىڭ ئون بەش ياشلىق ئىككىنچى ئوغلى دەريا بويىغا سۇ ئۇزگىنى بىرىپ، ئېقىپ كېتىپ قازا بولغاھ ئىدى. بالىنىڭ قېرىقىنى ئۆتكۈزۈپ تۇرىشىغىلا، چوڭ ئوغلىنى پالەش ھالەتتە ساقچىلار ئۆيىگە ئېكىلىپ قويۇپ، ھېچ ئىش بولمىغاندەك گەپ-سۆزمۇ قىلماي كېتىپ قالغان ئىدى. قەددى-قامەتلىك، ئېلىكى تولغان يىگىرمە ئۈچ ياشلىق بۇ بەقۇۋەت يىگىت ئاتالمىش ئۇ «تەربىيەلەش مەكتىۋى» دە يارىم يىل تۇرۇپلا، ئەنە شۇنداق پالەش ھالدىكى قۇرۇق بىر ئىسكىلىتقا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. بالىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ يۈرەك باغرى پۇچۇلىنىپ كەتكەن ئەخمەت ماشىنچى ئايالى بىلەن ئۇنى دەرھال دوستۇرخانىغا ئاپارغان بولسىمۇ، دوختۇرلار «ھازىر بەلنىستە ئورۇن يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىنىڭ كېسىلى ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قاپتۇ، ئەڭ ياخشىسى ئۆيدە كۇتۇڭلار» دەپ، ئەخمەت ماشىنچىنىڭ ئايالىنىڭ زارلىنىپ يالۋۇرۇشلىرىغىمۇ قارىماي، دوختۇرخانىنىڭ چىقىش ئىشىكىنى كۆرسىتىپ قويغان ئىدى. بەختسىز ئاتا-ئانا ئوغلىنى ئۆيگە ئەچىقىپ بار ئاماللارنى قىلىپ كۈتىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئامما ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتمەيلا بۇ رەپتارى پەلەك بىلەن خوشلىشىپ، ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان ئىدى. ئىككى پەرزەتتىنى ئۆز قولى بىلەن قارا تۇپراققا كۆمۇپ قويغان ئەخمەت ماشىنچىنىڭ ئايالى بولسا، بالا دەردىگە چىدىماي ئىزتىراپ ئىچىدە بۇ ئالەمدىن ۋىدالاشقان ئىدى. ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن بالا-قازالارغا يۈرىگى چىدىماي، نېمە قىلارىنى بىلمەي گاڭگىراپ قالغان ئەخمەت ماشىنچى ئاللادىن ئۆزىگە ئۆلۈم تىلەپ ھاياتنى داۋام قىلىشقا مەجبۇر قالغانتى. بۇ دۇنيادا ئادەم بالىسىغا ئۆز ئۆزىگە ئۆلۈم تىلەشتىنمۇ بەتەر ئازاپ بولمىسا كېرەك؟

مانا مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە غۇلجا خەلقىنىڭ جۈملىدىن پۈتۈن بىر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بېشىغا ئەنە شۇنداق كۆرۈلمەس بالالارنىڭ ئايىغى ئۇزۇلمەي كېلىۋاتاتتى. ئەخمەت ماشىنچىدەك كۇرمىڭلىغان ئاممىنىڭ يۈرەكلىرى دەردتىن لەقتە-لەقتە ئىدى. گايى ئاتا-ئاتىلار بالىلىرىدىن ئايرىلسا، گايى بالىلار ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلىپ يېتىم قىلىۋاتاتتى، گايى ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى لاگېرغا قامالغان بولسا، قايى ئايللارنىڭ ئەرلىرى بىر كۈندىلا تۇيۇقسىز غايىپ بولۇپ كېتىۋاتاتتى. ئەنە شۇلارنىڭ قاتارىدا تۇرىدىغان ئەخمەت ماشىنچى بۇ ھاياتتىكى ئۆز بىشىغا كەلگەن بالالاردىن شۇنچىلىك ئازاپ ئىچىگە چۆككەنكى ھەتتا ئاللاھقا ئىسيان قىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇ شۇنچىلىك ئېغىر روھى بوھران ئىچىدە قالدىكى، كۆپ ۋاقىتلىرىدا ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ خۇداغا يالۋۇراتتى. ئۇ ئۆزىدەك بىر قېرىنىڭ بېشىغا ئۆلۈم كەلمەي، ياپمۇ ياش ئىككى ئوغلىنىڭ بېشىغا كەلگەنلىكىدىن زارلىنىپ، بىر چەتتىن خۇداغا كايىپ ئاچچىقلانسا، يەنە بىر چەتتىن بۇ ئادالەتسىز دۇنياغا ئىسيان قىلاتتى. ئۆكۈنۈش ئىچىدە بىئارام بولۇپ، يۈرەكلىرى ئۇۋۇدىكى كەپتەر باشكىلىرىدەك تىپىرلايتتى.

ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە دۇكانغا ئاپاق ساقاللىق بىر بوۋاي، ھاسىسىغا تايانغان ھالدا ئاددى سالام بېرىپ كىرىپ كەلدى. بوۋاي ئەخمەت ماشىنچىنىڭ كونا تونۇشلىرىدىن ئىدى. ئەخمەت ماشىنچى ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدۇشۇپ ئولتۈرۈپ، ئۆز دەرتلىرىنى تۆكۈشكە باشلىدى. «ئەمدى ياشاشنى خالىمايمەن پىرىم، ئاللاھ بۇ جىنىمنى ئالسا قۇتۇلسام. ئاللاھتىن تىلىگىم پەقەتلا بۇ. مەن بۇ ھاياتتا ھېچقانداق ئۈمىدى بولمىغان، تۇگەشكەن بىر ئادەممەن، ھازىر مەن روھى بەدىنىدىن ئايرىلغان بىر مۇردىدەك بولۇپ قالدىم» دېدى.

ئاق ساقال: «ئەخمەت سەن بۇنداق گەپلەرنى دەپ ھېچ ياخشى قىلماۋاتىسەن. ئاللاھنىڭ ئىشىغا بىر نېمە دېيەلمەيسەن، ساڭا ياشاشنى نېسىپ قىلغان ئىكەن، ئۇنداقتا سەن ياشىشىڭ كېرەك، ئەڭ توغرىسى بۇدۇر. سېنىڭ ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پىتىپ قىلىشىڭنىڭ سەۋەبى نېمە بىلەمسەن؟ چۈنكى سەن ئۆزەڭ ئۈچۈن، ئۆز بەختىڭ ئۈچۈن ياشاشنى ئويلاۋاتىسەن»

خىزىر سۈپەت بۇ بوۋاينىڭ گەپلىرىنى تازا ئاڭقىرالمىغان ئەخمەت ماشىنچى :« ئۇنداقتا بۇ دۇنيادا باشقا نېمە ئۈچۈن ياشىساق بولاتتى؟» دەپ، تەئەججۇپ بىلەن بوۋايغا دىۋەيلىگەندەك تىكىلدى.

ئاق ساقال: «باشقىلارنىڭ بەختى ئۈچۈن ياشىشىڭ كېرەك، باشقىلارنىڭ بەختى ئۈچۈن ياشاش دېمەك ئاللاھ ئۈچۈن ياشاش دېمەكتۇر. مادامىكى ئۇ ساڭا ھايات بەردى، سەنمۇ ھاياتىڭنى ئۇنىڭغا بېغىشلىشىڭ ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ياشىشىڭ كېرەك. مۇشۇنداق ئىتىقات بىلەن ياشىغاندا ھەم ئۆزۈڭگە ھەم ئەتراپىڭدىكىلەرگە سۆيگۈ بىلەن قارايسەن، ھە راس بېشىمىزغا بۇ زۇلۇملارنى سېلىۋاتقان ئۇ قارا نىيەت زالىملارغا نەپرەت بىلەن، ئىنتىقام ئاتەشى بىلەن قاراشنىمۇ، ۋاقتى-زامانى كەلگەندە باتۇرلۇق بىلەن قارشى تۇرۇشنى بىلىش كېرەك» دەپ، دۇكاندىن سىرتىقا قاراپ قويدى. ئاق ساقالنىڭ دىمى سىقىلغاندەك قىلغاچقا،ئۆزىنى بېسىپ بىردەم تۇرىۋالغاندىن كېيىن، كەسكىن قىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇلۇغ ئاللاھ قۇرئان كېرىمنىڭ تەغابۇن سۈرەسىنىڭ 11-ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ ‹كىشىگە يەتكەن ھەرقانداق مۇسىبەت پەقەت ئاللاھنىڭ قازاسى بىلەن يېتىدۇ. كىمكى ئاللاھقا ئىشىنىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى سەۋرگە يېتەكلەيدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر›. ئۇلۇغ ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ئىتىقاتىنى، ئىماندىكى سەمىمىيەتلىرى ۋە ئاللاھقا بولغان قۇللۇقىنىڭ دەرىجىلىرىنى ئوتتۇرغا چىقىرىش ئۈچۈن ھەر خىل بەلالار بىلەن سىنايدۇ. بۇنداق چاغدا بىز ئىنسانلار سەۋر قىلىشىمىز لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئەتراپىمىزدىكى بىزدىنمۇ ناچار ئەھۋالدا قالغان قېرىنداشلىرىمىزگە سۆيگۈ بىلەن ياردەمدە بولساق ئۆزىمىز چۈشكەن بۇ روھى چۈشكۈنلۈكتىن قۇتۇلىمىز. ئەمما ئىنتىقامىمىزنى ئېلىشنى ھەرۋاقىت ئۇنتۇپ قالمايمىز. پەيتتى كەلسە ئەلۋەتتە ئىنتىقامنى ئالىمىز. سەن ھازىر مېنىڭ دېگىنىم بويىچە، مۇشۇ يامان كۈنلەردە، يامان كۈنگە قالغان ئۆز قىرىنداشلىرىڭغا ياردەم قىلىشنى كۆڭلىڭگە پۇككىن. ئەنە سۇنداق قىلساڭ ھەممە نەرسە سەن ئۈچۈن ئاسانلىشىدۇ.»

ئەخمەت ماشىنچى بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن:« ئاللاھ ئۈچۈن قانداق ياشايمەن؟» دېدى.

ئاق ساقال: «ئۇلۇغ ئاللاھ ئىنسانلارنى قانداق ياشاش توغرىسىدا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن، مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىزگە يىگىرمە ئۈچ يىل جەريانىدا ئاستا-ئاستا ۋەھى ئارقىلىق قۇرئان كەرىمنى چۈشۈرگەن. سېنىڭ ساۋادىڭ بولغاندىكىن قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئوقۇ. بۇ ئارقىلىق بۇ ھاياتتا قانداق ياشاشنى ئۆگىنىسەن. قۇرئان ئىنسانغا ھەرنەرسىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ» دەپ قۇرئاندىكى يۈسۈپ پەيغەمبەرنىڭ ھېكايىسىنى قىسقىچە بايان قىلدى:

«ھەزرىتى يۈسۈپ ئۆزىنىڭ ھەسەتخور قېرىنداشلىرىنىڭ زىيانكەشلىگىگە ئۇچراپ بىر قۇدۇققا تاشلىنىدۇ، قۇدۇقتىن سودىگەرلەر كارۋانى تەرىپىدىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، مىسىرنىڭ قۇل بازىرىدا سېتىلىدۇ. خىزمەتچى بولغان ئۆينىڭ خانىمى زىلەيخا ئۇنىڭغا كۆيۈپ قالىدۇ ۋە ئاخىرى ئۇنى زىناغا مەجبۇرلايدۇ، ئەمما لېكىن يۈسۈپ قەتى’ي رەۋىشتە رەت قىلىدۇ ۋە تۆھمەتكە ئۈچراپ زىندانغا تاشلىنىدۇ. يىللارچە زىنداندا ياتقان ھەزرىتى يۈسۈپ ھېچ ئۈمىدسىزلەنمەي سەۋر قىلىدۇ. ئاللاھقا ھېچ بىر ۋاقىت ئىسيان قىلمايدۇ ۋە ئاخىردا زىنداندىن چىقىپ، ئۆز ئاقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ بىر قاتار پايدىلىق ئىشلارنى قىلغاندىن كېيىن مىسىرغا ۋەزىر بولىدۇ. ئىنساننى بالا ۋە مۇسىبەتلەردىن پەقەت ئاللاھلا قۇتقۇزىدۇ، پۈتۈن دەرتلەرنىڭ دەرمانى ئاللاھ ئىكەنلىگىگە ئىشىنىشىمىز كېرەك. ھېچ بىر ۋاقىت ئۈمىدسىزلەنمەسلىگىمىز لازىم. ئۈمىدسىزلىككە چۆكۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش دىنىمىزدا چوڭ گۇناھتۇر. بۇ جان ئاللاھنىڭ ئىنسانغا بەرگەن ئەڭ چوڭ ئامانىتىدۇر. بۇ ئامانەتنى ئاللاھ ئۆزۈ ئالمىغىچە ئۆزىمىز قوغدىشىمىز، روھ بەدەندە بولىدىكەن ئاللاھتىن ئۈمىدىمىزنى ئۇزمەسلىگىمىز لازىم. شۇڭا ئاللاھنىڭ بىز ئىنسانلارغا چۈشۈرگەن مۇقەدەس كىتابى قۇرئاننى ئوقۇش ئارقىلىق روھىمىزغا شىپا تاپىمىز. قۇرئان ئىنسانلارنىڭ ھەم بىئولوگىيەلىك ھەمدە پىسخولوگىيىلىك كېسەللىرىگە شىپالىقتۇر. ئۇلۇغ ئاللاھ يۈسۈپ سۈرەسىنىڭ 57- ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: ‹ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نەسىھەت بولغان، دىللاردىكى دەرتكە شىپا بولغان، مۆمىنلەرگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان قۇرئان كەلدى.»

ئاق ساقال بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق خۇندى ئۇسسۇزلۇقتا جان تالىشىۋاتقان قۇشنىڭ ئاغزىغا سۇ تامچىتقاندەك ئۇلۇغ ئىش قىلغان ئىدى. ئەخمەت ماشىنچىنىڭ مۇزلىغان يۈرىگى ئىللىدى. ئاق ساقالنىڭ ئاۋازلىرى نازۇك بىر قەلىپتىن چىقىۋاتقان بىر مۇڭدەك تۇيۇلدى. ئاق ساقالنىڭ نۈر باسقان يۈزىدىكى شۇنچىلىك ئىنچىك ئادەمنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان سىزىقلاردىن بىر مۇقەدەس يول كۆرۈنگەندەك بولدى.

 

ئۇ كۈن ئاق ساقال خوشلوشىپ ماڭغاندىن كېيىن، ئەخمەت ئۇۋىلىرىدا تۇخۇملىرنى يېرىپ چىقىپ، يېڭى بىر ھاياتقا خوشاللىق بىلەن قۇچاق ئاچقان قۇشلاردەك دۇكاندىن سىرتقا چىقتى، قىشنىڭ سوغ، ساپ ھاۋاسىدىن چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىپ قەددىنى رۇسلاپ، ئەتراپقا ھەيرانلىق بىلەن بىر نەزەر تاشلىدۇ، ھەممە نەرسە ئاستا -ئاستا كۆزىگە ئىللىق، گۈزەل كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئۇ ئۇدۇل ئۆيگە بېرىپ، قورادىكى ئۆزۈ ياسىۋالغان مۇنچىغا كىرىپ يۇيىندى ۋە پاكىز كىيىملىرىنى كىيىپ، خۇددى مېھمانغا بارىدىغاندەك ياسىنىپ كەتتى. ئاندىن كۆمەخانىسىغا تىقىپ قويغان ئۇيغۇرچە قۇرئان كىتابنى ئالدى. ئەسلىدە ئەخمەت ماشىنچى قۇرئاننى ئالغاندىن بۇيان ھېچ ئوقۇپ باقمىغان ئىدى. ئەمما ئۇ بۇ كىتابنىڭ مۇقەددەس كىتاب ئىكەنلىكىگە چىن ئىمانى بىلەن ئىشەنگەچكە، ئۆز كۆز قارچۇغىسىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، پاكىز چىت گۈللۈك رەختكە ئوراپ، نەچچە ۋاقتىن بېرى تىقىپ ساقلاپ كەلگەن ئىدى. ئۇ قۇرئانن ئىككى قولى بەلەن سول كۆككىسىگە چىڭڭىلا بېسىپ تۇرۇپ: « بۇ مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش ماڭا مۇشۇ قاراڭغۇ زامانلاردا نېسىپ بولغان ئوخشايدۇ. قېنى ھەقتائالانىڭ بۇيرۇغانلىرىنى بىر ئوقۇپ چىقاي» دەپ ئويلىدى – دە، ئۇدۇل ھوجۇر ئۆيىگە كېرىپ، كەچلىك تاماقنىمۇ يىمەي، «بىسمىللاھىررەھمانىرەھىم» دەپ، ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتى. ئوقۇغانسېرى ئۇنىڭ كۆڭلىدە راھەت بىر ھېس پەيدا بولۇشقا باشلىغان ئىدى. شۇڭا قۇرئاننى قولىدىن چۈشۇرمەي ئوقىدى. شۇندىن كېيىن ھەر كۈنى قۇرئان ئوقۇشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالدى. بەزى كەچلىرى يېرىم كېچىنىڭ بوپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماي قالاتتى. قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ روھى-كەيپىياتىدا شۇنداق ئېسىل ئۆزگۈرۈشلەر بولۇشقا باشلىغان ئىدى. ئېغىر كېسەلدىن ساقايغان كېشىنىڭ بۇ دۇنياغا يېڭىدىن كېلىپ قالغىنىدەك بىر تۇيغۇدا ئىدى. ئۆي ۋە دۇكانلىرىنى پاكىز تازلاپ، رەتلەپ، ئۆزىنىمۇ تۇزەشتۇرۇپ، پاكىز كېيىنىپ نامازنىمۇ باشلىۋالغان ئىدى.

 

بۇرۇن كۈنلىرىنى داۋاملىق ئايالىنى، باللىرىنى ئويلاپ، ئۇلارنى كۆز ئالدىدا جانلاندۇرۇپ، ئاھ-زارلىنىپ ئۆتكۈزگەن بولسا، ئەمدى ھازىر ئۆتكەن ئىشلارنى ئويلىماي «شۈكرى بولسۇن يا رەمبىم!» دەپ كۈنلىرىنى مەنىلىك، سۆيگۈ بىلەن ئۆتۈزىدىغان بولدى. ئاق ساقال بىلەن سۆزلىشتىن بۇرۇن ئۇيەر بۇيەرلەرگە بىرىپ چاي-پاي ئىچەتتى، ئالدىغا ھاراق-شاراب كەپ قالسا پوش دىمەي گۇپپىدە قوياتتى. بەزىدە كونا ئاغىنىلىرى بىلەن ئاشپۇزۇلغا كېرىپ ھاراق ئىچىپ، مەس دەلدەڭشىگەن ھالدا تۆرەم مەھەلىسىگە كېلىدىغان چاغلىرىمۇ يوق ئەمەس ئىدى. يولدا ئوڭ-تەتۇر گەپلەرنى دەپ، بەزىدە كۈلسە بەزىدە يېغلايتتى، ياكى بىرەسىگە سوقۇلۇپ، ئارقىسىغا بېشىنى سىڭايان قىلىپ بۇرۇلۇپ قاراپ، بىرنېمىلەرنى دەيتتى. ھازىر بولسا بۇ ئىللەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن بىراقلا قۇتۇلغان ئىدى. بەخىتلىك ۋە تەرتىپلىك بىر ھايات بارلىققا كەلگەن ئىدى. تاڭ سەھەر ئەزان تولاش بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، مەھەلە مەسچىتكە چىقىپ جامائەت بىلەن ناماز قىلاتتى. ئىشلىرىدىمۇ ئىلگىرلەش بولىۋاتاتتى. سەھەردە دۇكاننىڭ ئىشىكىن «بىسمىللاھىررەھمانىرەھىم» دەپ ئېچىپ، ئىشنى «بىسمىللاھىررەھمانىرەھىم» دەپ باشلايتتى. ئىش بولسىلا باش كۆتۈرمەي پۈتكىچە قىلاتتى. كەچتە ئۆيىگە بارغاندا قۇرئاننى ئوقۇشنى قولدىن بەرمەيتتى. ئوقۇغانسېرى ئاللاھنىڭ ئۆزىدىن نېمە ئىستىگەنلىگىنى، بۇ ھاياتتا قانداق ياشاشنىڭ كېرەكلىگىنى، ھەقىقى ئىتىقاتنىڭ ئۆزۈ سۆيگۈ مۇھەببەت ئىكەنلىگىنى تونۇپ يېتىۋاتاتتى. قەلبى بارغانسېرى يورۇيتتى، ھۇزۇر ئالاتتى. قاراڭگۇ كېچىلىرى ھويلىغا چىقىپ، يۇلتۇزلۇق ئاسمانلارغا تويماي باقاتتى.« ئىھ، ھايات! » دەپ، تولۇن ئايغا قاراپ خىتاپ قىلىپ « بۇ دۇنيا ھەرقانچە غەم-غۇخقا، ئازاب-ئوقۇبەتبەتلەرگە، جاپا-مۇشەقەتلەرگە تولغان بولسىمۇ، ئىنسان نەپەسلا ئالدىكەن ھايات يەنىلا گۈزەل! قول-پۇتلىرىمىز سۇنغان تەغدىردىمۇ، مەھرىبان ئۇلۇغ ئاللانىڭ قانات ئاتا قىلىشىدىن ئۈمىدىمىزنى كەسمەسلىكىمىز كېرەك. مانا شۇنداق قىلغاندىلا بۇ ھاياتنىڭ يولى ئۇزۇلمەيدۇ. ئىرادىلىك ئادەم دەرد-ئەلەم ئىچىدىمۇ، ئۆزىگە تۇچلۇق بەخت يارىتىپ، ھاياتىنى كۆڭۈللىك ئۆتكۈزىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. كۈرەشچان باتۇر ئادەملەر بەختسىزلىك ئىچىدىن بەخت يولىنى ئىزدەپ تاپىدۇ!» دەپ، شائىرانە ھېسيات بىلەن ئۆز ئۆزىگە خىتاپ قىلاتتى.

ئۇ ھەپتىدە بىر كۈن دەم ئېلىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالدى. دەم ئالاغان ئاشۇ كۈنى ئۆزىنىڭ كىرقاتلىرىنى يۇيۇپ، ئۆيلەرنى پاكىز تازىلاپ، ھەممە يەرنى سەرەمجانلاشتۇرۇپ، شۇنچىلىك رەتلىك قىلىۋېتىدىغان بولدى. مانا بۈگۈنمۇ ئۇ دەم ئالغان بولۇپ، پۈتۈن ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ، تاماقنىمۇ ئۆزۈ ئېتىپ يەپ، ھەممە يەرنى سەرەمجانلاشتۇرۋەتكەندىن كېيىن، ئادىتى بويىچە قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن، دېرىزە تۆۋىگە قويۇلغان ئۈستەلنىڭ يېنىدا ئولتۈردى. تالادا قار دانچىلىرى يەڭگىل-يەڭگىل يەرگە قاراپ چۇشۇپ، پۈتۈن پاسكىنچىلىقنىڭ ئۈستۈنى يېپىپ، كوچىنى خۇددى خاتا يېزىلغان خەتلەر پاكىز ئۆچۈرۋېتىلگەن دەبتەر ۋارىقىدەك قىلىپ قويغان ئىدى. ئەنە شۇ تىنماي ئاسماندىن چۈشىۋاتقان قارلار بىز ئىنسانلارغا يېڭى بىر كەلگۇسىنى يارىتىش ئىمكانىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھاياتلىق يولىمىزنى ئاقارتىۋاتقاندەك قىلاتتى.

ئەخمەت ماشىنچى ئاسماندىن تىنماي چۇشىۋاتقان قارلارغا تىكىلىپ قاراپ ئولتۇرۇپ، ئۇلارنى بىر-بىرلەپ كۇزەتتى. يەرگە قاراپ چۇشىۋاتقان كۇرمىڭلىغان قارلارنىڭ بەزىلىرى بىر نۇقتىغا كەلگەندە ئېھتىيارسىز توختاپ، ئۆزىگە ئوخشاشدىغانلارنى ئىزدەۋاتقاندەك ئۇياق-بۇياقلارغا قاراپ تىڭىرقاپ تۇرغاندا، تۇيۇقسىز كەلگەن سوغۇق شاماللار ئۇلارنى ئۇچاتىپ ئەكىلىپ دېرىزىگە ئۇراتتى. ئەمما ئۇلار بىر-بىرىگە شۇنچىلىك مۇلايىم، شۇنچىلىك پاك ۋە نازۇك ئىدى. قارلارنىڭ بۇ ئېسىل ئالىجاپلىقىنى ئويلىغان ئەخمەت ماشىنچىنىڭ يۈزىدە تەبەسسۇم ئەكىس ئەتتى. قارلار ئۇنىڭ ئىچىدىكى ساپ بىر تۇيغۇنى ئويغىتىۋاتاتتى. ئۇ يەرگە چۈشكەن ھەر بىر قار دانچىلىرىغا قاراپ، ھاياتنىڭ قانچىلىك پاكىز ۋە ساپ، بىغۇبار ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەندەك بولدى. ئەمدى ئۇ قۇرئاننى قولىغا ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىدى. «ئاللاھ ھەقىقەتەن زەررىچىلىك زۇلۇم قىلمايدۇ. ئەگەر كىشىنىڭ زەررىچىلىك ياخشىلىقى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ھەسسىلەپ زىيادە قىلىدۇ، ئۆز دەرگاھىدىن بۇيۇك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ» (نىسا سۈرەسىنىڭ 40-ئايىتى)

ئەخمەت ئويلىدى ئىنساننىڭ ئۆزۈ ئىگە بولغانلىرى بىلەن قولدىن بىرىپ قويغانلىرىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئاللاغا شىكايەت قىلىش، ئىسيان قىلىش، خىرس ۋە ھەسەت قىلىشى مۇمكىن. ھەتتا چۈشكىنلىشىپ ئۆزىنى ئۆزۈ نابۇت قىلىش يولىغا يۈزلىنىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئاللاھقا شۈكرى قىلىپ، ئۆز ھالىمدىن رازى بولۇشۇم لازىم. مەن ئۆز ئىمكانلىرىم بىلەن ھەتتا باشقىلارغا ياردەم قىلىشىم كېرەك. قىيىنچىلىققا يولوققان ئىنسانلارغا ئۆز مېھرى-مۇھەببىتىم بىلەن يىقىنلىشىپ، ئۇلارنىڭ مەسىللىرىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرىنى تىپىشىم كېرەك. ئۆز خەلقىم مۇشۇنداق قىيىنچىلىققا يولۇققاندا مەن جىم تۇرسام بولمايدۇ. قولۇمدىن نېمە كەلسە شۇنى قىلىشىم لازىم. مانا مۇشۇنداق ئالىجاپ ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق باشقىلارغا نەسىھەت قىلغاندىن كۆرە ئۇلگە بولىدىغان ئىنسان بولۇشىم كېرەك دەپ ئويلىدى. دەل مۇشۇ پەيتتە ئۆزىنى روھىنىڭ تېنىدىن ئايرىلىپ، نۈرغا ئوخشاش بوشلۇقتا لەيلەپ يۇرگەندەك ھېس تۇيغىغا كېلىپ قالغان ئىدى. ئۇ قۇرئاننى داۋاملىق ئوقۇدى، ئاخىرى چارچىغان كۆزلىرى ئۇيقۇغا كەتتى.

 

بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق ئىدى. قۇياشنىڭ مىڭلىغان نۈرلىرى تۆرەم مەھەلىسى كىيگەن تەبىئەت تونىنى ئاق ياقۇتەك چاقنىتتىۋەتكەن ئىدى. بەزىدە تۇيۇقسىز كەلگەن ئاچچىق شامال پۈتۈن قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غەلبە قىلغاندەك پاكار ئۆگزىلەر ئۈستىدىكى قارلارنى سۈپۈرۈپ، ئاللاقاياقلارغا ئۇچۇرتىۋېتىپ باراتتى. بۈگۈن نېمىشكىدۇ ئەخمەت ماشىنچى ناھايىتىمۇ ھاياجاندا ئىدى. ئىچىدە پەيدا بولغان ئېسىل چۈشەنچىلەر ئۇنى خوشاللىق ۋە بەخىتكە مۇيەسسەر قىلغان ئىدى. ئۇ كوچىدىكى ئاپاق قارلارنى دەسسەپ دۇكىنىغا يېتىپ كېلىپلا، ئۆز ئىشىنى باشلىۋەتكەن بولسىمۇ نېمىشكىدۇ دۇكانغا بىرسى كېلىدىغاندەك دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ-قاراپ قوياتتى. دېرىزە تۆۋىدىن بىرلىرى ئۆتسە دەرھال ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىگىگە دىققەت قىلىپ قارايتتى. كوچىدا تونۇيدىغان تونىمايدىغان بىرمۇنچە ئادەملەر ئۇياتىن-بۇياققا ئۆتۈپ تۇرىۋاتاتتى. بىراق ئىچىلىرىدىن دىققىتىنى تارقىدەك بىرەسى كۆرۈلمەيتتى. بىر ۋاقىتتا دېرىزىنىڭ يېنىدا، بېشىغا سېرىس ياڭلىق ئارتىۋالغان، ئۇچىسىغا كونا كۇلرەڭ پاختىلىق چاپان كىيگەن، پۇتىغا ئۇپراپ ماكچىيىپ كەتكەن توپلەي كىيۋالغان، ئۆڭۈپ كەتكەن شىمى ئۆزىگە سەل قىسقا كېلىپ قالغاچقا نېپىز ناسكى كىيۋالغان پۇتىنىڭ ھوشىقى كۆرۈنۈپ قالغان، قولىدا گۈللۈك يالاڭ ئەديالغا ئورىۋالغان بىر بالىنى چىڭ باغرىغا بېسىپ تۇتۇپ تۇرغان بىر ياش ئايال پەيدا بولۇپ قالدى. ياش ئايالنىڭ تەڭقى-تۇرقىدىن بۇ يەرگە سىرتىن كەلگەنلىگى چىقىپلا تۇراتتى. ئۈستى – بېشى يالاڭ بولسىمۇ بۇ قاتتىق سوغاققا بەرداشلىق بەرگۇدەك ساغلام ۋۇجۇدى بار دى. بالىنىڭ يۈزىنى سوغۇق شامالدىن قورۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مەيدىسىگە يىقىپ تۇتۇپ تۇراتتى. ئەمما بالىنى بۇنداق قاتتىق سوغۇقتا تالادا كۆتۈرۈپ ئۇزۇن تۇرۇشقا قەتئىي بولمايتتى. ئەخمەت ماشىنچى قىلىۋاتقان ئىشنى توختۇتۇپ، بۇ ياش ئايالنىڭ ئىش-ھەركەتلىرىنى سۇزۇپ قاراپ ئولتۇردى، شۇ ئەسنادا قۇلىقىغا بالىنىڭ يېغا ئاۋازى يەڭگىل ئاڭلىنىشقا باشلىدى. ياش ئايال بالىسىنى يېغىسىدىن توختىتىش ئۈچۈن پەپىلەشكە ئۇرۇندى ۋە تىنماي ئۇياق-بۇياققا باڭاتتى. ئەمما ھېچ ئامال قىلىپ بالىنىڭ يېغىسىنى توختىتالمىدى. ئەخمەت ماشىنچى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقتى ۋە «ھەي كىزىم» دەپ يەڭگىل ۋاقىراپ تۇرۇپ، ياش ئايالغا قول ئىشراتى قىلدى. ياخش ئايال بۇرۇلۇپ ئەخمەت ماشىنچىغا قارىدى. ئەخمەت ماشىنچى :« بۇ بالا بىلەن نېمىشقا سوغاقتا تۇرۇسىز؟ بالىنى دۇكاننىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ، ياخشىراق يۆگەۋىلىڭ، كېلىڭ بۇياققا قىزىم»دەپ، تەبەسسۇمغا تولغان چىرايى بىلەن ياش ئايالغا دۇكاننى ئىشارەت قىلدى.ياش ئايال نېمە قىلىشىنى بىلمەي ھاڭۋېقىپ تۇراتتى. كۆز ئالدىدا بىرسى ئۇنى دۇكانغا كىرىشكە تەكلىپ قىلىۋاتاتتى. ياش ئايال دەرھال ھۇشىنى يېغىپ ئىشىك تۆۋىگە كەلدى ۋە سالام بەردى. بۇ چاغدا بالىنىڭمۇ يېغىسى توختىغان ئىدى. ئەخمەت ماشىنچى ياش ئايالنى دۇكانغا باشلاپ كىردى.

 

«ئولتۇرۇڭ! بۇ يەردە قىزىم» دەپ، بىر ئورۇندۇڭنى قولىغا ئېلىپ، ئىچىدە گۇكۇرەپ كۆيىۋاتقان ئاتەشنىڭ دەستىدىن بويۇنلىرى قىزىرىپ كەتكەن مەشنىڭ يېنىغا قويدى ۋە «مەشنىڭ يېنىدا ئولتۈرۈڭ. بۇ يەردە ئازراق ئىسىنغاچ بالىڭىزنى ئومدانراق ئوراۋېلىڭ قىزىم» دېدى، ئەخمەت ماشىنچى ئىچىدىن كۆيىنىپ. ئاندىن مەشنىڭ يېنىغا قويۇپ قويغان چۆگىندىن بىر پىيالىغا ئىسسىق چاي قۇيۇپ ياش ئايالغا سۇندى. «ئىسسىق ئىچىڭ قىزىم، ئىچىڭىز ئىسسىنسۇن» دېدى. ئارقىدىنلا ئەخمەت ماشىنچى ئىش ئۈستىلى تەرەپكە بىرىپ ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولدى. ئايال چاينى ئىچىپ بولۇپ، ئەخمەت ماشىنچى تەرەپكە بىر قاراۋەتكەندىن كېيىن، سەل قورۇنغاندەك قىلىپ، ئەتراپقا يەنە بىر قارۋەتتتى – دە، ئەخمەت ماشىنچىنىڭ ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ، سەل خاتىرجەم بولغاندەك قىلىپ، بالىسىنى ئىمىتىشكە كىرىشىپ كەتتى. ئاندىن ئالدىراپلا ئىمىتىپ بولغان بالىسىنىڭ كىيىملىرىنى تۇزەشتۇرۇپ، نېپىز ئەدىيالغا ئومدان ئوراپ بولغاندىن كېيىن، ئۆز ئىشىگە كىرىشىپ كەتكەن ئەخمەت ماشىنچىغا قاراپ:« رەخمەت تاغا، مەن ئومدان ئىسسىنىۋالدىم. بالامنىمۇ ئومدان يۆگىۋالدىم، ئەمدى مەن چىقاي» دېدى. ئەخمەت ماشىنچى ياش ئايالنىڭ ئەمدى خىلە خاتىرجەم بولۇپ قالغانلىغىنى كۆرۈپ، تالادا كىمنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنداق سوغاق كۈندە بوۋاق بىلەن نەردىن كەلگەنلىگىنى سۆرىدى. ئەخمەت ماشىنچىنىڭ مېھرىبانلىق بىلەن سۆرىغان بۇ ئادەتتىكى سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىشنىڭ ئورنىغا، ياش ئايال تۇيۇقسىز يىغلاپ كەتتى. قايغۇلۇق زەڭگەر بىر جۇپ كۆزىدىن ئاققان ياشلار سۇلغۇن چىرايىنى توختىماي يۇيىۋاتاتتى. ئەخمەت ماشىنچىغا بۇ ياش ئايالنىڭ يېغىسى كۆزى بىلەن ئەمەس بەلكى يۈرىگىدىن يىغلاۋاتقاندەك، ئېقىۋاتقان ياشلار ئۇنىڭ يۈرەك قانلىرىدەك بىلىندى. ئەخمەت ماشىنچى خاتا بىر سوئالنى سوراپ قويغان ئوخشىمامدىمەن دەپ ئويلاپ، نېمە دىيىشىنى بىلمەي لام-جىم دېمەي تۇرۇپلا قالدى. ئۆزىگە تولىمۇ ماسلاشقان گىرىمسىز لەۋلىرىنى ئۇمچەيتكەن ئايال بېشىنى قۇچىغىدىكى بالىسىغا يېقىن ئەكەلگىنىچە بۇقۇلداپ يېغلاپ تۇرۇپ، نېپىز لەۋلىرىنى تىترىتىپ سۆز ئاچتى «بىز ئەسلىدە توغراق يېزىسىدىن ئىدۇق. بۇندىن بىر يىل بۇرۇن شەھەرگە يولدىشىم بىلەن بىرگە تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن كەلگەن. بىز كۆنچە مەھەلىسىدە بىر ئېغىز ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۈردۈق، يولدىشىم تۆت كوچىدىكى بىر ئاشخانىدا ئاشپەزلىك قىلاتتى، مەن بولسام شۇ ئاشخانىدا قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇپ، تازلىغىنى قىلاتتىم. كۈنلىرىمىز دەسلەپتە يامان ئەمەس ئۆتتى، ھەتتا ئازراق پۇلمۇ ئىختىسات قىلاغان ئىدۇق. ئەمما بىر كۈنى تۇيۇقسىز كەچتە ئۆيىمىزگە ناتۇنۇش ئادەملەر باستۇرۇپ كېرىپ، يولدۇشۇمنىڭ بېشىغا قارا خالتىنى كىيگۇزۇپلا تۇتۇپ ئېلىپ كەتتى. شۇندىن بىرى يولدىشىمدىن ھېچ خەۋەر ئالالمىدىم، بارمىغان يېرىم قالمىدى. كىملەرنىڭ نېمە سەۋەپتىن ئېلىپ كەتكەنلىگىنى بىلەلمىدىم. تۆت ئاينىڭ ئالدىدا بالام تۇغۇلدى،شۇنىڭ بىلەن ئىشتىنمۇ قالدىم. نەچچە ئايدىن بىرى قول ئىلكىمدىكى ئازراق پۇللارنى ئۆي ئىجارىسى بىلەن قوساققا يەپ تۇگەتتىم. ئەمدى ئىشلىمىسەم بولمادىغان يەرگە كېلىپ قالدىم. قۇچىقىمدىكى بوۋاق بىلەن بۇرۇنقىدەك ئىشلارنى قىلالمايمەن، شۇڭا بالا باققۇچى بولاي دەۋاتىمەن، كىچىك بالىلار بولسا ئۆز بالام بىلەن بىرگە قوشۇپ باقاي دەپ ئويلىغان ئىدىم. بىر تونۇشۇم مۇشۇ ئەتراپتىكى بىرسىنىڭ ئادېرىسىنى بەرگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇياقلارغا كەلگەن ئىدىم، ئەمما بەرگەن ئادرەس بويىچە ئۆينى تاپالمايۋاتىمەن» دەپ يانچۇقىغا قولىنى تىقىپ، بىر پارچە پۇكلىشىپ كەتكەن قەغەزنى ئەخمەت ماشىنچىغا تەڭلىدى. ئەخمەت ماشىنچى دەرھال ياش ئايال سۇنغان قەغەزنى قولىغا ئېلىپ ئوقۇغاچ، كەچ كۇزدە شاختىن ئۇزۇلۇپ يەرگە چۈشكەن ئالمىدەك ئىزىلىپ كەتكەن يۈرىكىنىڭ ئىشتىن ئىشتىن سوقۇشلىرىنى تۇيدى. ئاندىن بېشىنى كۆتۈرۈپ:«بۇ ئادېرىستىكى ئۆي، مۇشۇ دۇكاننىڭ ئارقا تەرىپىدىكى سۇڭگامېن دوستۇرخانىسىنىڭ ئائىلىكلەر قوراسىدىكى بىنانىڭ ئادېرىسى ئىكەن. ئارقا تەرەپكە ئۆتسىڭىزلا زادى ئۇ بىنا چوقچىيىپ كۆزگە كۆرۇنىپلا تۇرىدۇ»دېدى. ئاندىن قولىدىكى قەغەزنى ياش ئايالغا قايتۇرۇپ بېرۋېتىپ، يانچۇقىدىن 100 سوملۇق پۈتۈن پۇلدىن بىرنى چىقىرىپ ياش ئايالغا تەڭلىدى. ياش ئايال قەتئىي رەت قىلدى، ئەمما ئەخمەت ماشىنچى كەسكىن قىلىپ:« بالىڭىز ئۈچۈن يەيدىغان بىرنەرسىلەرنى ئېلىڭ قىزىم، بالىڭىزنى ئويلاڭ!» دەپ پۇلنى قولغا مەجبۇر تۇتقۇزدى ۋە تام تۆۋىدىكى ئىشكاپنى ئىچىپ، ئىچىدىن بىر يۇڭلۇق ئەديالنى ئالدىدە ياش ئايالغا تەڭلەپ تۇرۇپ:« قىزىم بالىڭىزنى قىلىنراق ئوراۋېلىڭ، بۇ ئەديال بىر ئاز كونا ئەمما بالاڭىزنى ئىسسىق تۇتۇشقا يارايدۇ» دېدى. ياش ئايال بالىسىن ئومدان يەنە بىر قېتىم ئورۇۋالغاندىن كېيىن، قۇرۇپ قالغان يوپۇرماقتەك تىترەپ تۇرغان يۈرىگىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئېگىلىپ ئەخمەت ماشىنچىغا تەشەككۈر ئېيتتى. ئەخمەت ماشىنچى ئوشۇق – تۆشۇك گەپمۇ قىلماي، ياش ئايالنى تالاغا ئۇزۇتۇپ چىقتى ۋە تىترىگەن بىر ئاۋاز بىلەن «قىزىم ئەگەر ئىش تاپالمىسىڭىز ئۇدۇل مېنىڭ يېنىمغا كىرىڭ، مەن بىر ئامالىنى قىلىمەن» دېدى. ياش ئايال بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ، ئۆز مىننەتدارلىغىنى ئىپادىلەپ، مەزمۇت قەدەم تاشلاپ دۇكاننىڭ ئارقا تەرەپتىكى كوچىغا قاراپ مېڭىپ، كۆزدىن بىردەمدىلا غايىپ بولدى.

 

ھايات ھەقىقەتەن گۈزەل بىر نەرسە، پۈتۈن دەرتلەر، پۈتۈن نادامەتلىك تەغدىرگە قارىماي ئىنسانلار ئۆز تۇرمۇشى ئۈچۈن، ئۆز ئەۋلاتلىرى ئۈچۈن، ئۆز مىللىتى ئۈچۈن جاپا چىكىشتىن قورۇقمايدۇ. شۇڭا ھايات كارۋانلىرى مېڭىۋاتقان يول تۇگىمەيدۇ، ھاياتلىق يولى ئۈزۈلمەيدۇ.

ئەخمەت ماشىنچى دۇكانغا قايتىپ كىردى. دۇكاننىڭ ئىچى يورۇق ئىدى، دېرىزە يۈزىدە ئەكس ئەتكەن كۈننىڭ رەڭمۇ-رەڭ نۈرىلىرى دۇكاننىڭ ئىچىگە چۈشۈپ تۇراتتى. ئەمدى ئۇ ئۈستىنى بېسىپ تۇرغان بىر يۇكتىن قۇتۇلغاندەك بولۇپ، ئۆزىنى يەڭگىل ھېس قىلدى. ئۆزىنىڭ ۋىجدانى بۇرچىنى ئادا قىلىپ كۆڭلى يورۇپ قالغاندەك بولدى. ئۇ ئۆز ئۆزىگە « يا راببىم! بىزنىڭ بېشىمىزغا قانداق مۇسىبەتلەرنىڭ كىلىشىدىن قەتئىي نەزەر، بىزنى بىر-بىرىمىزگە بولغان سۆيگۈ، مېھرى-شەپقەتتىن ئايرىما. ئېغىر كۈنلەردە ساڭا سىغىنىشنىڭ ئۆزۈ نېمە دېگەن بەخت ھە!» دەپ، كىيىم تىكىش پاشىنىسىنىڭ تەپكۈچىنى يەڭگىل تېپىپ، ئۆز ئىشىغا كىرىشىپ كەتتى.

 

2020-يىلى 14-ئاپىرىل، گېرمانىيە

 

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش