سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئوپقان

ئوپقان

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

تاڭ قۇياشى جاھاننى يورۇتۇپ، تەبىئەت يۈزىگە چۈشكەن قىروۋلارنى جۇلالاندۇرۇپ تۇراتتى. ياپراق تۆككەن چىنارلار، ئىسسىق بەلۋاغلارغا قايتقان تۇرنىلارنىڭ مۇڭلۇق ساددا سايرىشىغا قاراپ تۇرىشاتتى. قۇرتقوڭغۇزلار ئىڭراپزارلىنىپ يەر تەكتىگە مۇككەن ئىدى تاغدىن ئەسكەن ئاچچىق شامال تالگىياھلارنى سوقۇپ، پەسىلنى ئايرىپ، كۈزنى قوغلىماقتا ئىدى. چوققىلىرى يالتىراپ نۇر چېچىپ تۇرغان يېراقيېراقدىكى بەھەيۋەت تاغلار، يولچىلارنىڭ يولىغا قاراپ قالغان ئىدى. ئەنە شۇ چاغدا ئىككى ئەپەندى ئۆز ئائىلىسىدكىلىرى بىلەن يىغازارا ئىچىدە قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى ۋە جامائەت بىلەن بىربىرلەپ قۇچاقلىشىپ سالاملاشتى. ئۇلار ئالدىن تەيارلانغان چوڭ چېدىرلارغا يەرلەشكەندىن كېيىن ، ئۆزارا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلاشتى ۋە بۇندىن كېيىن ۋاقىتنى چىڭ تۇتمىسا بولمايدىغانلىغىنى ئېيتىشىپ، جىددى يول تەيارلىقىغا چۈشۈپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ بارلىق تەيارلىقلار تەق بولغاندا يەنى 14-نويابىر يارىم كېچىدە، جاھاننى قاپقاراڭغۇلۇق باسقاندا، مۇھەمەد ئىمىن ئەپەندى ۋە ئىيسا ئەپەندىلەر ئۈستباشلىرىنى تىگىشتۇرۇپ، ئەردەم، پولات قادىرلار بىلەن بىرگە سانجۇدىن يوشۇرۇن ئايرىلدى. ئۇلارنىڭ بۇ سەپىرى ھەقىقەتەن مۇشەقەتلىك بىر سەپەر ئىدى. ئۇلارنىڭ ئالدىنى توراپ تۇرغان بىربىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن تاغ تىزمىلىرى، ئېگىزپەس ئېدىرلار، سانساناقسىز كېچىكلەر، چەكسىز دالادەشتىلەر بولسىمۇ، ئەمما، ئۇ ئىككىسىنىڭ ۋاقتى چاغ ئىدى. ئەرك يولىدا قانچىلىك توسالغۇلار بولسا ئۇلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈشكە ئىشەنچىسى كامىل ئىدى. ئۇلار يوللاردا يوشۇرنۇپ يۈرۈپ مېڭىپ 15- دېكابىر كۆرلەن دېگەن يەرگە يېتىپ كېلىپ، ئارقىسىدىن ھېلىقى ئىككى ئەسكەر ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە سەپەرداشلىرىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى ساقلاپ تۇردى ۋە ئۇلارمۇ 16-دېكابىر كۈنى يېتىپ كەلگەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ بۇ كارۋان ھېچكىم بىلمەيدىغان تاغ يوللىرىنى بىلىدىغان ئىككى ئەسكەرنىڭ يول باشلىشى بىلەن بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە خەتەرلىك داۋانلاردىن ئېشىپ، ساناقسىز مۇزدەك تاغ سۈلىرىدىن كېچىپ، بىر ھەپتە يول يۈرگەندىن كېيىن، كۆك ئات چېگرا قاراۋۇلخانىسىدىن يانداپ ئۆتۇدىغان ئېگىز قارلىق داۋاننىڭ باغرىغا قاش قارىيىشقا يىقىن يېتىپ كەلگەن ئىدى. «بۆرىنى تۆت پۇتى باقىدۇ» دېگەندەك، يولچىلار ئۆز ھاياتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن، ئەنە شۇنداق ئادەمزات مېڭىپ باقمىغان يوللارنى كېزىپ، كېچەكۈندۈز تىنماي يول يۈرۈپ، يېنىدىكى ھەمرايى بىلەن پاراڭ سېلىشقىمۇ ۋاقىت ئاجىرىتالماي كېتىۋاتاتتى. ئۇلار داۋاندىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئىككى تاغ ئاراسىدىكى جىلغا يولىنى بويلاپ قاتمۇقات تاغنىڭ ئىچىگە كېرىپ كەتتى، ماڭغانسېرى ئېگىزلەپ كېتىۋاتقان تاغلار قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن ئىدى. ئەمدى ئۇلارنىڭ يەنە ئىلگىرلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. سىرلىق زاۋال قاراڭغۇسى تۆت تەرەپتىن قىستاپ كەلگەچكە, ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە غۇۋالىشىپ كەتكەن ئىدى. شۇڭا ئۇلار شۇ يەردە تۇنەپ، سەھەردە يەنە يولىنى داۋام قىلماقچى بولۇپ، مۇۋاپىق بىر جاينى راسلاپ، يۇكتاقىلارنى ئاتنىڭ ئۈستىدىن چۈشۇرۇپ، تۈگۈنبوغچىلارنى يېشىپ، چېدىرلارنى تىكىشتى. ئاندىن يولغا ئېلىۋالغان ئەڭ ئاخىرقى قۇرۇق ئوتۇنلارنى يىقىپ، چاي قاينىتىپ، مايلىق توقاچلار بىلەن قوساقلىرىنى تويغۇزۇپ يېتىشقا تەرەددۇت قىلدى. ئەتراپ ھەقىقەتەن سوغۇق ئىدى. قېلىن قارلار بىلەن چۈمكەنگەن قورام تاشلار باشلىرىنىڭ ئۈستىدە ساڭگىلاپ تۇراتتى. ئەردەم ئەتراپنى كۈزۈتۈپ تۇرۇش ئۈچۈن، چېدىردا ياتماي قېلىن چۇۋىسى ئىچىگە چۈمكىنىپ، بىر يوغان تاشنى دالدا قىلىپ، ياتقان ئىدى. ئۇ دېمى ئىچىگە چۈشكەن ھالدا ئەتراپقا نەزەر تاشلىدى. ئۇنىڭ ئەتراپىنى يوغانيوغان قورام تاشلار ۋە ھەيۋەتلىك قىيالار ئوراپ تۇراتتى. بۇ قورقۇنچلۇق ۋە ئېگىز چوققىلار باغرىدا، ئەردەم ئۆزىنى بىر چىكىتتەك ھېس قىلدى. بۇ كېچە ئۇ تەبىئەتنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق يۈزىنى مۇشۇ چەتياقا يەرلەردە كۆرگەن ئىدى. ئۇنىڭ چاچ ساقاللىرى پاخپايغان ۋە قاپقارا قاشلىرى ئاستىدىكى خۇن قالمىغان كۆزى پىلدىرلاپلا قالغان ئىدى. جۇدىگەن يۈزى تاتارغان بولۇپ، ئۇنىڭ ياداڭغۇلۇقىدىن سۆز ئېچىش مۈمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇ ئەمدى كۆككە قارىدى. كۆككە كۆزىنى تىككەندە، ئۆتمۇشنىڭكىدەك كىشىلەرگە تونۇش بولغان ئۆتكۇر يالتىراق نۇر كۆزىنىڭ ئىچىدە پەيدا بولغان ئىدى. چوققىلارنىڭ ئۈستىدە يىرتىق پەردە پارچىلىرىدەك ساڭگىلاپ تۇرغان قارا بۇلۇتلار ئەمدى ئاستائاستا سۈزۈلۈشكە باشلىغانتى. ئىچىنى يورۇتىۋاتقان بۇ مەنزىرگە ئۇزۇنغىچە تىكىلىپ ئولتۇردى. ئارىدىن ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندە تىزما تىزما تاغ ئۆركەشلىرى ئۈستىدىن تولۇن ئاي ئۆزىنىڭ گۈزەل يۈزىنى ئەردەمگە قاراتتى، دۇردانە يۇلتۇزلار جىمىرلاپ سامادا چاقنىدى. ئەممە ئاي بىلەن يۇلتۇزلار ئۆز ۋەتىنىدە كۆرگەن گە قارىغاندا تېخىمۇ ئېگىزدەك تۇيۇلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرۋىن يۇلتۇزى سامادا كۆرۇنمەيتتى. بىراق ئەتراتىكى سوغۇق شامالمۇ ئەمدى جىمىغان ئىدى.يەر ۋە كۆكتە ھەممە نەرسە، سەھەردە دۇئاغا تۇرغان بوۋاينىڭ قەلبىدەك تېچ ئىدى. زۇۋان سۈرمەي ياتقان بۇ دۇنيادا، ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئۆزىنىڭ نەپەس ئاۋازىدىن باشقا بىر ئاۋاز ئاڭلانمايتتى. ئۇ پىھان ھالدا، ئۈستىدە ماراپ ياتقان تولۇن ئاينىڭ شولىسىدا خەلىغىچە تولغۇنۇپ ياتتى. مېڭىسىنى ئەنسىز، دەردلىك خىياللار چۇلغىۋالغان ئىدى. ئۇ بۇ تاغلار ئاراسىدا ئەرتە قۇياشنىڭ قايسى تەرەپتىن چىقىدىغانلىغىنى بىلمەيتتى ۋە يولنىڭ ئاخىرىدا ئۇنى قانداق قىسمەتلەرنىڭ كۇتىۋالدىغانلىغىمۇ ئۇنىڭغا مەجھۇل ئىدى. ئاخىرى ئۇنىڭ كۆزى ئۇيقۇغا ئېلىشتى ۋە بىردەم ئۆتمەي چۈشنىڭ قوينىغا كىرىپ كەتكەن ئىدى:

«ھاۋا گۈلدۈرلەۋاتقان بىر كەچىدە ئەردەمنىڭ دادىسى مەسۇم ئۇستا ئۇنىڭغا سۇمۇرغ باشلىق پىچاقنى تەڭلەپ تۇراتتى. ئەردەم پىچاقنىڭ قولىغا ئېلىشى بىلەن تەڭ، ھاۋا قاتتىق گۈلدۈرلەپ، كۆكتە چاقماقلار قارا بۇلۇتلارنى يېرىپ چاقتى ۋە بىر تال نۇر قولىدىكى پىچاقنىڭ دەستىسىدىكى سۇمۇرغنىڭ بېشىغا چۈشتى. دەل شۇ چاغدا دادىسى كۆزدىن غايىپ بولدى – دە، قولىدىكى سۇمۇرغ باشلىق پىچاق چوغدەك قىزىرىپ، بىردىنلا رىۋايەتلەردىكى ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈپ، ئەسىرلەرگە شاھىت بولۇپ ئۆلگەن سۇمۇرغ ئوت ئىچىدە قايتا تۇغۇلغاندەك پىچاققا جان كىرىپ تىرىلگەن ئىدى. توزدىن كۆركەم قاناتلىرىنى كەڭ يېيىپ، ئاققۇنىڭكىدىن گۈزەل گەۋدىسىنى مەغرۇر تۇتۇپ تۇرغان سۇمۇرغ ئەردەمنىڭ ئالدىدا زۇۋانغا كېلىپ: ‹ كەل زامان ئىچىدە ئۇچۇپ، ماكان ئىچىگە نەزەر سېلىپ، ماكان ۋە زامانسىز دۇنياغا ئاپىراي سېنى› دېدى. ئەردەممۇ ھېچ ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايلا:‹كەل سۇمۇرغىم، بىز ئۇچايلى! سەن مېنى ئۆز مىللىتىم تەپەككۇرىدا ساقلىغان تارىخ ماكانلىرىغا ئەكەتكىن. سەن مېنى ئانا ۋەتەننىڭ سامان بوشلۇقىنىڭ قەھرىگە ئېلىپ ئۇچۇپ، ئانا تۇپراقلىرىمنى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم سەييارە قىلغۇزغىن! كەل مېنىڭ جان دوستۇم سۇمۇرغىم! سەن مېنى مۇھەببەتنىڭ نادىر ئۈلگىسى، ئاشقنىڭ گۈزەل سىمبولى، ئالتۇن سۈتىدە پەرىزاتتەك چۆمۈلىۋاتقان ۋە ساما قەھرىدە ئالەمگە تەببەسسۇم بىلەن قاراپ، ئۆز جامالىنىڭ نۇرىنى چېچىۋاتقان ماھىپەيكار پەرۋىننىڭ يېنىغا ئېلىپ چىققىن. سەن مېنى ۋىسالىمغا يەتكۇزۇپ، ئىشىق مەجنۇنلۇقىنىڭ چۆلىدىن قۇتقازغىن! مەن شۇ ساماندا پەرۋىن بىلەن بىرگە مۇھەببەت ۋە ئەرك، ئەقىلئىدراكنىڭ يېمىرىلمەس، ئەڭ پاك قەلئەسىنى سالاي! مېنى بۇ جۇدالىقتىن، ئون بەش يىللىق ھىجراندىن قۇتقازغىن.يەنە مېنى جۇدالىق يوللىرىغا سېلىپ، قارا بۇلۇتلارنى سۈرۈپ ئەكىلىدغان قارا بوراننىڭ ئىچىگە تاشلاپ قويما. ئاھ پەريادلىرىم بىلەن بىرگە بۇ غەپتارى پەلەكتىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، ئالتۇن كۇكىلىلىق بالىدەك ئۈستۈڭگە مىنىپ ئۇچاي! يەر يۈزىدە يېتەلمىگەن ئاشقىمنىڭ ۋىسالىغا كۆك يۈزىدە يېتەي!› دەل مۇشۇ پەيتتە، سۇمۇرغ بىر قانات ئۇرۇپلا، ئەردەمنى ئوڭ قاناتىنىڭ ئۈستىگە ئالدى ۋە بىر ئىرغىپ ئۇنى مۈرىسىگە ئولتۇرغۇزدى – دە، ساماغا كۆتۈرۈلدى ۋە بىر قانات ئۇرۇشى بىلەن تەڭ پۈتۈن تاغ ئۈستىدىكى ئاپاق قېلىن قارلار قومۇش پۇپۇكىدەك توزۇپ، جاھاننى ئاق نۇرلۇق ئۇچقۇنلار قاپلىدى. ئۇ سۇمۇرغنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، زېمىنغا قارىدى، ئۇنىڭ كۆزىگە بۇ زېمىن قاپقارا تېگى يوق بىر ئوپقاندەك كۆرۈندى ۋە پۈتۈن ئىنسانلار ئۇنىڭ ئىچىدە ۋاقىراپجاقىرسىمۇ ئاۋازى چىقماي ھەممسى تىلسىز قىلىپ، پۇتقوللىرىنى شۇ قاراڭغۇ بوشلۇقتا لەيلەپ، بارغانسېرى تۆۋەنگە چۆكۈپ كېتىۋانقانلىغىنى كۆرگەندەك بولدى ۋە سۇمۇرىغىم توختادەپ ۋاقىراپ، چاچراپ ئويغىنىپ كەتتى. ئۇ جۇۋۇسىنىڭ ئىچىدىن بېشىنى چىقاردى، ئۈستبېشىنى قار قاپلىغا ئىدى. ئەتراپ ئاق داستىخان سېلىنغاندەك بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە لەپشىپ چۈشۈۋاتقان قار ئۇچقۇنلىرىنىڭ شىرشىر قىلغاندەك ئاۋازىدىن باشقا بىر ئاۋاز يوق ئىدى. ئاسماننىڭ بىردىنلا قارداپ، ھاۋانىڭ بۇنچىلىك تېز ئۆزگىرىپ كەتكىنىنى ئەقلى ئالماي، دۇنيانىڭ شەپقەتسىزلىكىگە يەنە بىر قېتىم ئىشەندى.ئۇنىڭ يۈرىكى قاتتىق سوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ توختىماي ئىشتىك ئىشتىك نەپەس ئېلىۋاتاتتى. ئۇ قولىنى قوينىغا سېلىپ، قويان يانچۇقىدىكى سۇمۇرغ باشلىق پىچاقنى ئېلىپ، قىنىدىن سۇغۇرۇپ چىقىرىپ، سىنچىلاپ قارىدى. سۇمۇرغنىڭ كۆزىدىكى ياقۇت، بۇ زۇلمەتلىك كېچىدە، ئۇنىڭ كۆزىگە ئوتقاشتەك چاقناپ تۇرغان ھەققىي سۇمۇرغنىڭ كۆزىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى. ئاندىن ئۇ، پىچاقنىڭ دەستىسىنى ئاستا سېلاپ قويۇپ، يەنە قېنىغا كىرگۇزۇپ، قوينىغا سالدى. ئاندىن بېشىنى كۆتەردى، ئەتراپىدىكى قورام تاشلارنىڭ قارلار بىلەن قاپلانغان سۇرلۇك گەۋىدىسى، چۈشتىن ئويغانغان ئەردەمنى مەسخىرە قىلغاندەك غادىيىپ تۇراتتى. ئەردەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ دۇنيا ئۆز قىممىتىنى يوقاتقان ئىدى. بۇ ھاياتتا ئۇنىڭغا قالغىنى پەقەت ئۆتكەن ئۆمرۈدىكى خاتىرلەرلا ئىدى. ھازىر ئۇ بولۇپ ئۆتىۋاتقان كۆپ ئىشلارغا پەرۋاسىز قارايتتى. ئەردەم ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۈستبېشىدىكى قارلارنى قېقىپ چۈشۈرۋېتىپ، كۆيىشىپ كەتكەن پۇتلىرىنى ئۇياقبۇياققا مىدىرلىتىپ، ئالدىدا قارلار ئاستىدا ياتقان ئىككى تەرىپى قورام تاشلار بىلەن ئورالغان ئۆركەشكە قارىدى. مانا ئەمدى تاڭ ئېتىش بىلەن تەڭ مۇشۇ ئۆركەشنى بويلاپ مېڭىپ تاغدىن ئۆتسىلا مەڭگۈلۈك ئەركىنلىككە ئېرىشەتتى. ئەمما ئۆز ۋەتىنىدىن ئەبەدى ئايرىلاتتى. يەنى ئەركىنلىككە ۋەتەننى تىگەشكەندەكلا بىر ئىش ئىدى. ئەمما ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ تېنى ئەركىن دۇنيادا ئەركىن ياشىغىنى بىلەن روھى مەڭگۈ ۋەتەندە مەھبۇستا قالاتتى. چۈنكى ئۇ بىر قېتىم ۋەتەنسىزلىكنىڭ دەردىنى تارتقان بولغاچقا، بۇنداق بولۇشىنى ئۇنىنغا ئايان ئىدى.

 

يولچىلار تاڭ سۈزۈلۈش بىلەن تەڭ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، تازا ئومدان ناشتا قىلىۋالغاندىن كېيىن، ئاتئۇلاقلىرىنى راسلاپ، تەق قىلىپ يەنە يولىغا راۋان بولدى. بۇ چاغدا قارمۇ توختاپ، ھاۋا ئىچىلىپ، ئېگىز چوققىلار ئاراسىدىن ئاپتاپ چاقناپ، مېھرىلىك نۇرلار يولدا چېچىلىپ تۇراتتى. ئۇلار داۋاننىڭ ئۈستىگە ئۆرلەپ ماڭغانسېرى يول تىكلەشتى. قار باسقان يەرلەرگە ئۆرلىگەنسېرى ئاتلارنىڭ مېڭىشى قىيىنلاشتى. بولۇپمۇ ئەردەم يۆتىلەپ كېتىۋاتقان ئاتنىڭ تاقىلىرى ئۇپراپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن، تىيلىپ ياخشى ماڭالمايۋاتاتتى. ئۇلار ئالدىراپلا يولغا چىققانلىقى ئۈچۈن ئاتلارنىڭ تاقىلىرىنى يېڭىلاشقىمۇ ۋاقىت چىقىرالماي يولغا چىققان ئىدى. ئەمدى « ئالدىرغان يولدا قالار» دېگەندەك بىر ئىش بولمىسا بولاتتى. يەنە شۇنداقتىمۇ ئەردەم باشقا سەپەرداشلىرىنىڭ ئالدىدا، مۇھەمەمد ئىمىن ئەپەندى بىلەن ئىيسا ئەپەندىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئارقىسىدا كېتىۋاتاتتى. ئالدىدا كېتىۋاتقان پولات قادىر بولسا، ئەردەمگە بۇرۇلۇپ بۇرۇلۇپ قاراپ قوياتتى. تاغنىڭ ئىچىگە كىرگەنسېرى سوغۇق شامال كۈچىيىپ، يول بارغانسېرى تارىيىشقا باشلىغان ئىدى.يولچىلار ۋە ئاتلار ھاسىراپ، نەپەس ئېلىشلىرى تېخىمۇ قىينىلىشقا باشلىغانتى. مېڭىۋاتقان يول ھەقىقەتەن خەتەرلىك يوللار ئىدى. ئەمدى ئۇلار ئوڭ تەرىپى تاغ، سول تەرىپى تىك ئۇچۇرۇملۇق يولغا چىقىپ قالغان ئىدى. مۇشۇنداق يوللار ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كىتىپ قالسا ھەقىقەتەن خەتەرلىك بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يول دېڭىز يۈزىدىن بەك ئېگىز بولغاچقا، ھاۋا شالاڭلىشىپ، يولچىلار ئاغزى بىلەن نەپەس ئېلىپمۇ ئۆزلىرىگە نەپەس يېتىشتۇرەلمەي قېلىۋاتاتتى. ئاتلارمۇ ھاسىرەپ، قارا تەرگە چۆمۇلگەن ئىدى. ئۇزۇن سەپەردە جۇدەپ، ماغۇرىدىن كەتكەن ئاتلارنىڭ، كىرىپ كەتكەن بېقىنلىرى بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسىيىپ تۇراتتى. ئوڭ تەرەپتىكى تاغدىن ساڭگىلاپ تۇرغان قورام تاشلار ئۇلارنىڭ باشلىرى ئۈستىدە دىۋەيلەپ تۇراتتى. يولچىلار ئۇلارنىڭ باشلىرى ئۈستىگە چۈشۈپ كېتىشىدىن خۇدۈكسېرەپ، ئىختىيارسىز بويۇنلىرىنى ئېگىپ مېڭىشاتتى. ئۇلار بۇ يوللاردىن تېززرەك ئۆتۈپ، كەڭ بىر دالاغا چىقىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىۋاتاتتى. ئەمما ھەممە ئىش ئادەمنىڭ ئارزۇسىغا تەس كېلىدىغان بۇ دۇنيادا، چىقى چۈش ۋاقتىدا يولنىڭ ئەڭ خەتەرلىك نۇقتىسىغا ئۇلاشقان ئىدى. بۇ يوللار تارلىقىغا باقماي شۇنچىلىك ئەگىر – بۈگېر بولۇپ، جەينەكتەك دوقاللىرى بەك كۆپ ئىدى. مانا ئەمدى ھاۋا قارداپ، ئاسماننى قارا بۇلۇتلار قاپلاشقا باشلىدى. بۇنداق چاغدا بۇ يەردە قاپسىلىپ قىلىش بەكمۇ خەتەرلىك ئىدى. شۇڭا بۇ يولدىن قانچە تېز ئۆتۈپ كەتسە يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن شۇنچە ياخشى بولاتتى. تاغلىق يوللار كۆپ مېڭىپ كۆنۈپ كەتكەن ئاتلارمۇ بۇ يوللاردا ماڭغاندا توختىماستىن ئارىسالدا ئويلۇنۇپ قىلىپ توختاپ قالاتتى. سول تەرەپتىكى ئۇچۇرۇپ بولسا، پۈتۈنلەي قار مۇزلار بىلەن تولغان بولۇپ، سەللا بىخەستەلىك قىلسا، تىگى يوق ئوپقانغا يەم بولاتتى. ئەمدى شامال چىقىپ،قار ئۇچقۇنلىرى يولۇچىلارنىڭ ئۈستىگە يىغىشقا باشلىدى. يولۇچىلار سوغۇقتا غالغال تىترەپ، پارپار پاقىراپ تۇرغان كۆزلىرىدن باشقا ھەممە يېرلىرىنى قىرو قاپلاپ، پۇتلىرىنىڭ ئاستىدىكى قار بارغانسېرى قىلىنلاشقا باشلىغان ئىدى. مۈز قاپلىغان تاغنىڭ بېشى ئاسمانغا تاقاشقان بولۇپ، چۈشىۋاتقان قارلار بېلىق قاسراقلىرىدەك پارچە پارچە مۇزلارنىڭ ئۈستىدىن سېرىلىپ يولغا چۇشىشىۋاتاتتى. قار بىلەن كۆمۈلۈپ كەتكەن يولنى پەرق ئىتىش بەكمۇ تەسكە توختاۋاتتى. ئەردەم ئارقىدا قالغنالارنىڭ يېتىشىۋېلىشى ئۈچۈن قەدىمىنى ئاستىلاتتى. چۈلۋۇرىدىن يۆتلىۋالغا ئېتىمۇ، ئازراق دەم ئېلىپ مېڭىۋاتقانقىنىغا رازىدەك قىلىپ، بويۇنلىرىنى تولغاپ قوياتتى. ئەردەمنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقانلار خېلە ئۇزۇراپ كەتكەنتى. ئەردەمنىڭ ئالدىغا بىر جەينەكتەك دوقال چىقتى. بۇ يەردىن ئاۋايلاپ ئۆتمىسە سول تەرەپ تېگى يوق ئوپقان ئىدى. ئۇ ئاستا ئېتىنى يۆتىلەپ مېڭىپ دەل شۇ جەينەككە كەلگەندە پۈتىنىڭ ئاستىدا ئاللىقانداق بىر نەرسە مىدرلاۋاتقاندەك ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ بىر ۋاقىرغان ئاۋاز ئاڭلاندى. ئالدىدا كېتىۋاتقان مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى دەرھال بۇرۇلۇپ ئارقىسىغا قارىدى. ئارقىدا جەينەكتەك دوقالنى قاپلىغان قار توزاڭلارنى كۆرۈپ داڭ قېتىملا قالدى. ئارقىسىدا كېلىۋاتقان ئەردەم كۆرۈنمەيتتى. پەقەت كۆز ئالدىغا كۆرۈنۈپ تۇرغىنى تۆۋەندىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىۋاتقان قار توزانلىرىدن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. دېمەك ئەردەم قەيەگىدۇر بىر يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ يا ئۆزۈ، يا ئېتى يولدا يوق ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى ھېلىلا ئۆتكەن جەينەكتىن قار توزۇپ تۇراتتى. مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى بىردىنلا ئەقلىھوشۇنى تاپقاندەك بولدى – دە، دەرھال ئېتىنى قويۇپ قويۇپ ئارقىسىغا يۇگرەپ كەلدى. ئاھ، ۋەدارىھا! كۆرمەمدىغان بۇ مەھشەرگاھنى، يول پۈتۈنلەي سېيرىلىپ، تۆۋەنگە كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەن ئىدى. كۆرۈنۈپ تۇرغىنى تېگى يوق ھاڭ ئىدى. ئەردەم ھايتھۇيت دېگۈچىلا ئوپقانغا يەم بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ يەردىن داۋاملىق قار توزۇۋاتاتتى. مۇھەمەمد ئىمىن ئەپەندى، بار كۈچى بىلەن « ئەردەم !، ئەردەم دەپ ۋاقىراشقا باشلىدى. ئەمما ئەتراپتىن قورقۇنچلۇق بىر سادا كېلىۋاتاتتى. بۇ سادا دەل مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىنىڭ ئاۋازى بولۇپ، بۇ ئاۋاز تاغلارنىڭ ئەسىرلەپ ياتقان جىمجىتلىقىنى بۇزۇشىدىن كۈلدۈرلىگەن ئەكس سادالار ئىدى. مۇھەمەمد ئىمىن ئەپەندى قار توزۇپ تۇرغان جايغا شىددەتلىك ئېتىلىپ بېرىپ، قانداقتۇ بىر غەيرى كۈچنىڭ تۇركىسى بىلەن ئۆزىنى توختىتىۋالدى – دە، ئارقاسىغا سەنتىرلىپ، تەسلىكتە گەۋدىسىنىڭ تەڭپۇڭلىغىنى ساقلىۋالدى. ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغىنى تېگى يوق، ئوپقان تۇراتتى. ئوپقان دەل شۇ جەينەكنىڭ ئۇدۇلىدا بولۇپ، يولنى پۈتۈنلەي ئوتتۇرىدىن ئۇزۇپ تاشلىغان ئىدى. ئەردەمنىڭ ئارقىسىدىن ئىز بېسىپ كېلىۋاتقانلارنىڭ بۇ يولدىن ئۆتۈشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى يەنە بار كۈچى بىلەن « ئەردەم! ئەردەمدەپ، ۋاقىردى. يەنە شۇ تاغدىن كەلگەن ئەكس سادا ئاڭلاندى. ئۇچاغقىچە مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىنىڭ ئايالى يۇگرەپ كەلدى، مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى، قولى بىلەن شەرەت قىلىپ يىقىن كەلمەسلىكنى بۇيرىدىچارىسىز قالغان مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى ئوپقان لېۋىدە  نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇراتتى. ئەمما تۇرغان يېرى شۇنچىلىك خەتەرلىك ئىدى، سەل ئالدىغا داجىسىلا پۇتىنىڭ قىيىپ كېتىش ئېھتىمالى يوق ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۇ ئۆزىنى ئاستائاستا كەينىگە تاشلاپ، ئوپقان تۇۋىدىن يىراقلاشتى. بارغانسېرى قاپقارا كۆرۈنىۋاتقان ئوپقان ئاستىدىن سوغۇق بىر ھاۋا كېلىۋاتاتتى. بۇ چاغدا ئىيسا ئەپەندى بىلەن پولات قادىرمۇ يېنىغا كەلمەكچى بولدى ۋە لېكىن مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى ئۇلارنى يېنىغا يىقىن كەلگۇزمىدى. چۈنكى يەنە قانداق بىر پالاكەتلەرنىڭ بۇلۇشىنى بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيتتى. مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى يەنە بىخەستەلىك قىلىپ قويۇپ،باشقىلارنىڭمۇ بالاقازاغا ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارنى ئۆزىگە يىقىن يولاتمىدى ۋە كاللىسىغا دەرھال بىر ئەقىل كەلگەندەك بولدى – دە، دەرھال قارغا دۇم ياتتى، ئاندىن زادى نېمە بولغىنىنى تېخىمۇ ئىنىقراق بىلىش ئۈچۈن،ئالدىغا قاراپ سۈرۈلدى. بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئەقلىگە سىغدۇرالماي، ئېغىر ئەلەم ئىچىدە يىلان چېقىۋالغاندەك تولغۇنۇپ، ئوپقاننىڭ لېۋىگە سۈرۈلۈپ كەلدى. بىردىنلا ئالدىدا پاقىراپ تۇرغان قىپقىزىل نەرسىنى كۆردى. ئۇ ئاستا ئۇ نەرسىنىڭ ئۈستىنى قولى بىلەن سۈزۈپ ئاچتى. كۆز ئالدىدا تۇرغىنى ئەردەمنىڭ سۇمۇرغ باشلىق پىچىقى ئىدى. پىچاق غىلاپسىز قارنىڭ ئارىسىدىن چىقان ئىدى. ئۇ بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارغا زادىلا ئىشەنگۈسى كەلمەي، يەنە ئالدىغا بويانداپ تۇرۇپ، تۆۋەنگە قارىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى بىردىنلا بىر قۇرقۇنچ ۋە ئۆكۈنۈش ئەلىمى چۇغلىۋالدى. ئۇ قار ئۈستىدە ئازاپلىق ئېڭراپ نېمە قىلارىنى بىلمەي، تۆۋەنگە يەنە سىنچىلاپ قارىدى، ئۇنىڭدا ھازىر ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان بىر كۈچ بار ئىدى. ئۇ شۇ كۈچنىڭ تۇركىسى بىلەن يەنە ئازراق ئالدىغا سۈرۈلدى ۋە يەنە بوينىنى سوزۇپ تۆۋەنگە قارىدى. تۆۋەندىن توختىماي كۆتۈرۈلۈپ چىقىۋاتقان قار توزانلىرى ئۇنىڭ يۈزىنى قاپلىۋلادى. مۇھەمەمد ئىمىن ئەپەندى جەينىكىنى قارنىڭ ئۈستىگە تېيەپ تۇرۇپ، قولى بىلەن يۈزكۆزلىرىگە يېپىشىۋالغان قارلارنى سۈرتۈۋەتتى. ئاندىن ئوپقاننىڭ ئاستىنى تېخىمۇ ئىنىق كۆرۈنۈشكە باشلىدى. يول يانغا سېرىلىپ، پۈتۈنلەي ئېقىپ كەتكەن بولۇپ، ئاستى كۆز يەتكۈسىز چوڭقۇر ھاڭ ئىدى. ئۇ تۆۋەنگە قاراپ يەنە ئەلەملىك توۋلىدى. ئەمما سەل ئۆتكەندىن كېيىن تۆۋەندىن يەنە شۇ ئەكس سادادىن باشقا بىر ئاۋاز كەلمىدى. ئۇ بىرىدنلا بۇققۇلداپ يىغلاپ كەتتى. كۆزلىرىدىن ئاققان ياشلار ئۇنىڭ ساقال باسقان يۈزلىرىنى ھۆل قىلىۋەتكەن ئىدى. ئۇ دۇم يېتىپ تۇرۇپ، ئاشۇ ئالدىدىكى تەكتىتۈۋى كۆرۈنمەس ئوپقانغا قاراپ خىقىرغان ئاۋاز بىلەن ھۆكۈرەپ يىغلىدى. ئۇ يەنە، بار ئاۋازى بىلەن «ئەدەم!، جېنىم ئىنىم نەردە سەن؟ سەن ماڭا يۇرتۇمنىڭ بىردىنبىر تەۋەرۈكى ئەمەسمىدىڭ! ئەردەم! ئەردەمدەپ توختىماي نالە قىلىپ ۋاقىرايتتى، ئۇنىڭ كۆزلىدىن بۇلدۇقلاپ تۆكۈلۈۋاتقان ياش دانچىلىرى ئوڭ قولىدا چىڭ سىقامداپ تۇتىۋالغان پىچاقنىڭ سۇمۇرغ باشلىق دەستىسىگە قۇيۇلىۋاتاتتى. ئۇ ئەمدى بۆلەكچىلا غەيرەتكە كېلىپ، ئارقىسىغا سۈرۈلۈپ ياندى، ئۇ ئوپقاننىڭ لېۋىدىن بەش قەدەمچە سۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، نېرىدا نېمە قىلىشىنى بىلمەي قاراپ تۇرغان ئىيسا ئەپەندى بىلەن پولات قادىرغا قاراپ « دەرھال ئارقان ئەكىلىڭلار، ئەردەمنى ھاڭدىن تارتىپ چىقىرىمىز» دەپ ئۇلارغا قاراپ ئىشتىك يۇگەردى. ئۇلار يۇگرەپ بېرىپ ئاتلىرىنىڭ ئۈستىلىرىدىكى ئارقانلارنى ئالدى. مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى قولىدىكى ئەردەمنىڭ پىچىقى بىلەن ئاتلىرىنىڭ چۈلۋېرلىرىنى، تېرە تاسمىلارنى، ھەتتا نوختا ۋە قۇشقۇنلارنىڭ تاسمىلىرىدىن تارتىپ كېسىۋېلىپ، چېدىر تىكىشكە ئىشلىتىدىغان خادا تاياققا بىربىرلەپ ئۇزۇنىسغا قىلىپ باغلىدى. جىددىلىكچىلىكتىن تىترەپ تۇرغان قولى بىلەن تاياقنى تۇتقان مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى، كۆزىگە ھېچ نەرسە كۆرۈنمىگەن ھالدا، ئوپقاننىڭ يېنىغىراق بېرىپ يەنە دۇم ياتتى – دە، ئاستائاستا سۈرۈلۈپ ئىلگىرلىدى. ئۇ ئەردەمنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشقا شۇنچىلىك ئالدىراپ، جەينىكىنى قارنىڭ ئۈستىگە تېيەپ تۇرۇپ شۇنچىلىك تېز ئالدىغا قاراپ سۈرۈلدى. ئۇنىڭ بۇ ھاياتتا پەقەت سۈرۈلۈپ ماڭمىغان يولىلا قالغان ئىدى. مانا ئەمدى بۇ سۈرۈلۈپ ماڭىدىغان يولنىمۇ ماڭماقتا ئىدى. ئەمدى ئۇ بارلىق يوللارنى مېڭىپ بولۇپ، ئەنە شۇ كۆز ئالدىدىكى تەكتى كۆرۈنمەس ئوپقاننىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئەلەملىك نالە قىلىپ،تاياقنى قولىدا چىڭ تۇتۇۋېلىپ، ئۇچىدىكى ئارقاننى ھاڭغا چۈشۈردى، ئۇ تاياقنى مىدىرلىتىپ تۇرۇپ، ۋاقىردى. ئەمما ئۇنىنغا ھېچكىم جاۋاب بەرمىدى، پەقەت ئاڭلىنىۋاتقانقىنى يەنە شۇ ئۆز ئاۋازنىڭ ئەكس ساداسىدىن باشقا ئاۋاز ئەمەس ئىدى. ئارقاننىڭ ئۇچىنىمۇ بىرسى تۇتقاندەك قىلمىدى. ئۇ ئارقاننىڭ ئۇچىنىڭ ھاڭنىڭ تۈۋىگە يەتمەي، مەجھۇل بىر بوشلۇقتا لەيلەپ تۇرغانلىغىنى ئەقلىدىن كەچۈردى. يەنە شۇنداقتىمۇ بىر كىچىككىنە ئۈمىد بىلەن، قولىدىكى ياغاچنى ئۇياق بۇياققا بىرنەچچە قېتىم مىدىرلاتتى. ئەمما ھېچبىر ئۆزگۈرۈش يوق ئىدى. ئۇ ئەمدى چارىسىز ھالدا بېشىنى سەل كۆتۈرۈپ، ئۇدۇلىغا قاراپ، چوقچىيىپ تۇرغان تاغنىڭ جەينىكىگە قاراپ ۋاقىردى « ئادەم بارمۇ، ئارقىدىكىلەر يېتىپ كەلدىڭلارمۇ؟ ئاۋازىمنى ئاڭلاۋاتامسىلەر؟ » ئەمما ئۇياقتىن ھېچبىر ئاۋاز كەلمەي تۇرۇپلا، ئۆزىنىڭ ئاۋازى ئۆزىگە ياندى. دېمەك ئارقىسىدا كېلىۋاتقانلارنىڭ ئاۋازى يا بۇياققا ئاڭلانمايتتى، يا مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىنىڭ ئاۋازى ئۇياققا ئاڭلانمايتتى. ئەردەمنى يۇتۇپ كەتكەن ئوپقان ئارقىسىدا كېلىۋاتقان بىرمۇنچە ياخشلار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئاراسىدىكى ئالاقىنى پۈتۈنلەي ئۇزۇپ تاشلىغان ئىدى. بىربىرسى بىلەن كۆرۈشىدىغان يول پۈتۈنلەي ئۇزۇلگەن ئىدى. تاغ جەينىكىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكىلەر ئەمدى مەڭگۈلۈك بۇياققا ئۆتەلمەيتتى. ئۇلارنىڭ ئەمدى ئارقىسىغا يانماقتتىن باشقا بىر چارىسى يوق ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى دۇم يېتىۋېرىپ، پۈتۈن بەدىنى مۇزلاپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئەمدى قولىدىكى تاياقنى تارتىپ ئېلىپ ئارقىسىغا غەزەپ بىلەن ئاتتى ۋە ئالدىدا قاپقاراڭغۇ كۆرۈنۈپ تۇرغان ئوپقاننىڭ تۈۋىگە قاراپ يەنە ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى. بۇ ئۇنىڭ مەسۇم ئۇستىنىڭ تەۋەرۇكۇ بولغان ئەردەمنىڭ ۋاپاتىغا ئاتىغا ھاز يىغىلىرى ئىدى. بەلكى بۇ تا بۈگۈنكىچە ھېچ بىر زامان ئاۋاز چىقىرىپ يىغالاپ باقمىغان يىغىلىرىنىڭ يىغىندىسىدۇر. ئۇ ئەمدى ئىككى ئىنىسى شاھ مەنزۇر بىلەن ئامىر شاھىپ شېھىت بولغاندا ۋە ئەرەن بىلەن ئەبەيدۇللا، ھامۇت دېھقانلار شېھىت بولغاندىمۇ يىڭلىيالماي قالغان ئىچىدىكى يىغىلارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ ئالدىكى تويماس ئوپقاننىڭ ئىچىگە تۆكىۋاتاتتى. بۇ يېغا بولسا مۇشۇ كەپگىچە ئۆزىنىڭ يولىدا شېھىت بولغان مىڭلىغان باھادىر ئەزىمەتلەر ئۈچۈن دەردئەلەمدىن ئۆرتىنىپ كەتكەن يۈرىكىدىن ئېتىلىپ چىققان قان يېغىلارنىڭ ئۆزۈ ئىدى. ئۇ ئاھ ۋاھ قىلىپ ئاللاھغا ئىسيان قىلىۋاتقىنىمۇ يوق، پەقەت ۋە پەقەتلا بېشىغا كەلگەن بۇ زۇلۇملارنى قوبۇل قىلالمايۋاتاتتى. مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى زۇلۇم، دەرت ۋە ئازاپ ئىچىدىكى بۇ ھاياتنى قابۇل قىلالماي، بۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھاياتى بويىچە جەسسۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ قېتىم بۇ يولدا ھەقىقەتەن چارىسىزلىك ئىچىدە ئەلەملىك تولغۇنۇپ يېتىپ قالغان ئىدى. بىراق كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى ئۇنىڭ روھىغا تىرەك بولۇپ، ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويۇشتىن ساقلاپ قىلىۋاتاتتى. ئۇ ئەمدى مۇزلاپ قىتىپ كەتكەن بەدىنى كەينىگە سۈرۈپ، ئاستائاستا كەينىگە ياندىن، ئوپقان لېۋىدىن سەل يىراقلاشقاندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇردى، ئۇ مۈدۈرۈلىدى، ئاندىن ئارقىغا بۇرۇلۇپ، ئۆزىگە تەلمۇرۇپ قاراپ تۇرغان قېرىنداشلىرىغا ۋە كۆزلىرى ياش بىلەن تولغان ئايالىغا قاراپ بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئىلگىرلىدى. ئۇ ئەمدى ئىرادىسىنىڭ يولچىسى ئىدى. ئۆزىنىڭ بارلىق ئۈمىدلىرىنى ئەردەم بىلەن بىرگە ئاشۇ قاراڭغۇ ئوپقاننىڭ ئىچىگە تاشلاپ قويۇپ, ئالدىغا قاراپ يول ئېلىۋاتاتتى. ئۇ ئۇدۇل بېرىپ ئايالىنى قوچاقلاپ يەنە ئۇن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. ئىيسا ئەپەندى كېلىپ، ئۇنىڭ مۇرىسىنى يەڭگىل سېلىنىدى.

 

ئەمدى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن بىر يول تۆۋەنگە قاراپ سوزۇلۇپ ياتاتتى. بۇ يول ھەرقانچە قورقۇنۇچلۇق ۋە قېيىن دەپ قارالغان تەغدىردىمۇ، شۇ ئارقىسىدا قالغان ئوپقانچىلىك قورقۇنچلۇق ۋە زالىم ئەمەس ئىكەنلىكى ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىدى. ئەمدى ھاۋا تېخىمۇ تېز ئۆزگىرىپ، ئاينىماقتا ۋە يوللار گۇڭگا كۆرۈنۈشكە باشلانغان ئىدى. ھۇپتەن قاراڭغۇسى بېسىپ كېلىۋاتاتتى، شۇڭا ئۇلار بۇ يەردە يەنە ئۇزۇن تۇرماي يولىنى داۋاملاشتۇرۇشقا توغرا كەلدى. ئۇلار قالغان يولنى پىكىرلىرى بىلەن، ئەقىلى بىلەن، روھى بىلەن بىرگە مېڭىشقا نىيەت قىلغان ئىدى. ئەمدى ئالدىدىكى تۆۋەنگە تۇتاشقان يولنى بويلاپ مېڭىپ، پەسكە چۈشسىلا، ئۇ يەر ھىنستانغا تەۋە ئىدى. شۇ يەردە ئورمانلىقلار بولۇپ، يانلىرىدىن شىددەتلىك تاغ سۈلىرى ئېقىپ تۇراتتى. تەبىئەتنىڭ ئەنە شۇنداق مۇقەددەس جايلىرى ئادەتتە مانا شۇنىڭدەك ئادەم ئايىغى باسمايدىغان چەتياقا يەرلەرگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ئەمما مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس ئۈمىدىنى ئارقىسىغا تاشلاپ قويغان ئىدى. ئەمدى ئۇنىڭ روھىغا باشقىدىن بىر ئۈمىدنىڭ قونۇشىنى كەلگۇسى تارىخ بەلگىلەيتتى. ئۇ ئەردەمنى مەڭگۈ ئېسىدىن چىقارماسلىققا ئانت ئىچتى. ئەمدى ئۇنىڭدا قالغىنى پەقەت ئۆزىنىڭ ئىرادىسىلا ئىدى. ئۇ ئەمدى ھاياتنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر بىلىش ئۈچۈن، ئەڭ تار ۋە ئەڭ كەڭ يوللاردا ماڭماقچى بولدى ھەم بۇ يولنى ئىرادىنىڭ كۈچى بىلەن باسماقچى بولۇپ، ئۆزىگە ئۆزى ۋەدە بەردى.

 

ھېچ بىر دەردئەلەمنىڭ ئوتى مەڭگۈلۈك بولمايدۇ، ھامان بىر كۈنى ئۆچىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئورنىنى باشقا بىر دەردئەلەم ئالىدۇ. شۇڭا ئىنسان دەردئەلەم ئوتىدا تاۋلىنىۋاتقانلىغىنى ئارقىسىغا تاشلاپ ماڭغان يوللىرىدىن بىلىدۇ. ئەنە شۇ يول خاتىرلىرىنى ۋاقىت تارىخ بەتلىرىگە پۈتىدۇ. ۋاقىت ئۇلۇغ پۈتۈكچى. ئۇ، بېسىپ ئۆتۈلگەن يوللارنى خاتىرلەپ، تارىخ سەھىپىلىرىگە قالدۇرىدۇ. ئۆلۈم قالغانلار ئۈچۈن بىر ئىمتىھان! مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى ئۈچۈن ھايات بولسا يولدىكى مۇجادىلە! ھەركىم ئۆزىگە نە زامان، نەردە، نېمە بولىدىغانلىغىنى ئالدىن بىلەلمەيدۇ. شۇڭا بۇ دۇنيا بىر سىناقتىن ئىبارەت. ئۈستىگە يۈك يۇكلەنگەن تۆگە چۆل يولىغا قانداق راۋان بولغان بولسا، ئەردەمنىڭ روھىمۇ ئۆز ماكانىغا شۇنداق راۋان بولغان ئىدى. ئەردەم بىلەن پەرۋىن ئىككىسى ۋىساللىرىنى مەشھەرگە، ھېكايىلىرىنى بۇ دۇنياغا قالدۇرۇپ مەڭگۈلۈك كەتتى. مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى بولسا ئۆز سەپداشلىرى بىلەن يەنە يولىنى داۋام قىلدى. ۋەتەن چېگرىسىدىن ھالقىغان چاغدىكى ۋەتەن تۇيغۇسى ھەقىقەتەن مۇقەددەس ۋە ۋىجدانى بىر تۇيغۇدۇر. بۇنى پەقەت ئات ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، ۋەتەن تۇپراقلىرىنى ئارقىغا تاشلاپ، بىر قەدەم بىر قەدەمدىن يىراقلىشىۋاتقان ئادەملا چوڭقۇر ھېس قىلالايدۇ. ئەنە شۇنداق تۇيغۇ مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىنىڭ روھىنى چۇلغۇۋالغان ئىدى. مانا شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ شىكەستىلەنگەن كۆڭلىدىن ناۋايىنىڭ مۇنۇ ئىككى مىسرا بېيىتى كەچتى:

 

ۋەتەن تەركىنى بىر نەپەس ئەيلىمە،

يەنە رەنجۇ غۇربەت ھەۋەس ئەيلىمە!

 

مەنبە: بۇ ئەسەر پات يېقىندا «تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرياتى» تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىدىغان ھەبىبۇللا ئابلىمىتنىڭ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ھايات تارىخىغا بىغىشلاپ يازغان «يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

 

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش