• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » مەڭگۈ تاشلاردا ئۇيغۇر ئىسمى

مەڭگۈ تاشلاردا ئۇيغۇر ئىسمى

نۇرىددىن ئىزباسار

ئۇيغۇر ئىسمى، ئورخۇن-يېنىسەي يېزىقىدا يېزىلغان مەڭگۈ تاشلاراد 10 يەردە ئۇچىرايدۇ. بۇلاردىن شىنە ئۇسۇ مەڭگۈ تېشىنىڭ شىمالى يۈزىنىڭ 3-قۇرىدا ئون ئۇيغۇر، بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشىنىڭ شەرقى يۈزى 37-قۇرىدا، تەس مەڭگۈ تېشىنىڭ غەربى يۈزى 4-قۇرىدا. شىمالى يۈزىنىڭ 1- ۋە 5- قۇرىدا، شەرقىي يۈزىنىڭ 1-قۇرىدا، جەنۇبى يۈزىنىڭ 4-قۇرىدا، تارىئات مەڭگۈ تېشنىڭ شىمالي يۈزىنىڭ 2-قۇرىدا ، سۇجى مەڭگۈ تېشىنىڭ 1-قۇرىدا ، يېڭىسەي دەرياسى بويىدىكى ئىيمە مەڭگۈ تېشىنىڭ 7- قۇرلىرىدا بولسا ئۇيغۇر شەكلىدە يېزىلغان. بۇ كۈنىمىز تەلەپپۇزىدىكى ئۇيغۇر شەكلى بىلەن ئوخشاشتۇر. بۇ ئۆرنەكلەر ئىچىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى تارىختا يېزىلغىنى بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى بولۇپ، بۇ تاشنىڭ شەرقى يۈزىنىڭ 37-قۇرىدا شۇنداق يېزىلغان ئىكەن:

—ئاڭا سۈڭۈشدۈم، سۈسىن سانچدىم، ئىچىكىمگە ئىچىدى، بودۇن بولتى، ئۆلۈگمە ئۆلتى، سەلەنگە قۇدى يۈرىپان قاراغان قىسىلتا ئەۋىن بارقىن ئاندا بوزدۇم، يىشقا ئاغدى، ئۇيغۇر ئەلتەبەر يۈزچە ئەرىن ئىلگەرۈ تېزىپ باردى–

يەشمىسى: ئۇ يەردە ئۇرۇشتۇم، ئەسكەرلەرىنى (نەيزەگە) سانجىدىم، ئىچىمگە قېتىلغانلارنى ئىچىمگە ئالدىم، بودۇن بولدى، ئۆلگەن ئۆلدى. سەلەنگە بويى يۈرۈب قاراغان كېچىگىدە ئۆيىنى-بارقىنى بوزغۇن قىلدىم، يېشىل تاغلارغا ئاغدى(يۆنەلدى)، ئۇيغۇر ئىلتەبىرلەرى يۈزدەك ئەرلىرى بىلەن شەرققە قاراپ قاچتى.

يېڭىسەي دەرياسى بويىدىكى ئىيمە مەڭگۈ تېشىنىڭ 7-قۇرىدا ئۇيغۇر ئىسمى شۇنداق كېچىدۇ:

—تەڭرى ئەلىمگە ئەر ئەردەمىم ئۈچۈن ئۇيغۇر قا(غا)ندا بەرۈ كەلتىم—

ئەر كەك ئەردەملىگىم ئۈچۈن، تەڭرى بەرگەن يۇرتۇمغا ئۇيغۇر قاغانىدىن بەرى (قايتىپ) كەلدىم.

ئىيمە مەڭگۈ تېشى ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرىدە يېزىلغان بولۇپ 840- يىلى قاغانلىق يېقىلىشتىن بۇرۇن تاشلارغا ئويۇلغاندۇر،

مەنبە: ئەرخان ئايدىن. يەنىسەي يازىتلارى، كونيا، كۈمەن يايىنلارى-2015

ئەرخان ئايدىن. ئۇيغۇر يازىتلارى، ئىستانبۇل، بىلگە كۈلتۈر سانات يايىنلارى-2018

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top