• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق

شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق

تارىم توغراق

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تۈرلۈك سىياسىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق مىللىي كادىر ۋە زىيالىيلارنى باستۇرۇشى

خىتاي پۈتۈن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىي ماقۇللىغان دۆلەت كونستىتۇتسىيەسىدە ( دۆلەت ئاساسىي قانۇنىدا ) بەلگىلەنگەن پۇقرالارنىڭ نۇتۇق سۆزلەش، يىغىلىش ۋە نامايىش قىلىش قاتارلىق كىشلىك ھوقۇقلىرى بولىسمۇ، بۇ ھاكىممۇتلەقلىق دۆلەتتە بۇ ھۆقۈقلار پەقەت قەغەز ئۇستىدە قالغان بولۇپ، ھېچكىم ھېچقاچان بۇ كىشلىك ھۆقۈقلاردىن بەھرىمان بولۇپ باققان ئەمەس. خىتايدا كىمكى خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قولىقىغا خۇش ياقمايدىغان گەپ قىلىپ قويسىلا، شۇ زامان نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنغان.

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركسىتاننى ئىشغال قىلىشى بىلەنلا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە مۇڭغۇل  قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ  ھەر قانداق ھەققانىي سىياسىي پائالىيەت –  ھەركەتلىرى جۇملىدىن مىللىي باراۋەرسىزلىك، مىللىىي زۇلۇمغا قارشى سۆز- ھەركەتلىرى  ۋە نامايشلىرى  قاتتىق باستۇرۇلغان.

1949- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارىكۆل رايونىدىن قازاق قەبىلىسىنىڭ ئالتە قۇۋمىنىڭ ئەر- ئايال ۋە بالىلار بولۇپ 40 مىڭ ئادەم ئۆپچۈرىسىدە چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشنى مەقسەت قىلىپ، نامى چىققان جەنۇپ تەرەپكە يورۇشنى باشلىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۆسقۈنلىقغا ئۆچراپ، خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسىنىڭ بومباردىمانچى ئايرۇپىلانلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىشغا ئۆچراپ ، كەشمىرگە يېتىپ كەلگەندە ئاران 3000  ئادەم  ھايات قالغان. ( م. رافىق خان : « خىتايدىكى ئىسلام دىنى» دىكى مەلۇمات، , Delhi , Natinal  academy, 1963  Islam  In  China   Rafiq  Khan   .M Idia ,  كېيىنرەك  بۇ ئادەملەر ب د ت تەرىپىدىن تۈركىيەدە  ماكانلاشتۈرۈلغان.

1951- يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى غەربىي شىمال مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ « شىنجاڭدا مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قۇرۇشقا دائىر پىكىر ئېلىش » كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، شۇ يىلى مارتتا غۇلجىدا چاقىرىلغان پىكىر ئېلىش مەجىلىسدە مەجلىس ئىشتىراكچىلىرى بىردەك ئوتتۇرغا قويغان « كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر ئاپتونوم رېسپۇبلىكسى بولىشى كېرەك » دىن ئىبارەت بىر يۇرۇش پروگرامما خاراكتىرلىك  مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىگە دائىر  پىكىر- تەلەپلىرى خىتاي كومپارتىيىسى غەربىي شىمال بيۇروسىنىڭ « شىنجاڭ شۆبە بيۇروسى » تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىت قىلىنىپ، پۈتۈنلەي خاتا دەپ خولاسە چېقىرىلدى.  غۇلجىدىكى مەزكۈر پىكىر ئېلىش مەجلىسىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى 51 كىشى بولغانلىقتىن ، بۇ مەجلىس تارىختا « ئەللىك بىر چىلەر مەجلىسى » دەپ ئاتالدى.

1951- يىلى مايدا ئالتاي پارتىزان ئەترىتىنىڭ قوماندانى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئەزاسى، قۇشۇمچە ئالتاي ۋالىسى ئوسمان ئىسلامغا  خىتاي ھۆكۈمىتى  تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپ ئىجرا قىلىندى.

1951 – يىلدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان « ئەكسىلئىنقىلابچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى »،« ئۈچكە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى »  ۋە  « بەشكە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى »  قاتارلىق سىياسىي ھەرىكەتلەردىن باشلاپ، خىتاي كومپارتىيىسى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە ئوفىتسېرلىرىنى يوقىتىشقا باشلىدى. مىللىي ئارمىيىنىڭ ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ئابدۇغۇپۇر سابىرھاجى ( شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئەزاسى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى رەھىمجان سابىر ھاجىيوۋنىڭ ئاكىسى ( ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى مۇقاباي قۇرجاقانوۋ ( قازاق ) لارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى.  مىللىي ئارمىيە باش شتابنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئارقا سەپ تەمىنات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى پولكونىك پەخرىدىن رەسۇلوۋ خۇجا ( ئۆزبېك )  قاتارلىقلار « يولۋاس » بولۇپ، قەھرىتان قىشتا ئۇرۇمچى «  تىنچىلىق ئۆستىڭى » نى چاپتى. ئاتلىق پولك كوماندىرى  پودپولكونىك سۇپاخۇن سوپۇرۇۋقا تۆھمەت  چاپلىنىپ زەربىگە ئۇچرىدى. 1952- يىلى شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ سەرگەردىلىرى فاتىخ باتۇر ( تاتار ) ۋە غىنى باتۇر ئىككىسى تەقىپ قىلىنىپ گەنسۇ مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ سىياسىي فاكۇلتېتىدا سىياسى ئۆگىنىشكە مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇلدى. پولك كوماندىرى پودپولكونىك، 5- كورپوس دىۋىزىيە  شىتاپ باشلىقى خەمىت ئەلىيوۋ ( تاتار ) 1951 – يىلى ئۆكتەبىردە شىنجاڭ ھەربىي رايون يۇقۇرى دەرىجىلىك سىياسىي كۇرسىدا ئوقۇپ، 1952 – يىلى  نويابىردا كۇرسنى تاماملىغاندىن كېيىن تۆۋەنگە چۆشۈرۈلۈپ ،شىنجاڭ ئۆكتەبىر ئاپتوموبىل رېمونت زاۋوتىدا دىرېكتور بولۇپ ئىشلىدى.

خىتاي كومپارتىيىسى غەربىي – شىمال بيۇروسى « شىنجاڭ شۆبە بيۇروسى » نىڭ سېكرېتارى ۋاڭ جىن «شىنجاڭ» دا يەرلىك مىللەتلەرنى ئاسىىسمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ساقاللىرىنى چۈشۈرۋېتىشتەك بولمىغۈر ئىشلار بىلەن شۇغۇللاندى. مىللىلارنىڭ نارازلىقى قوزغىلىپ كەتكەنلىكى سەۋەبى بىلەن خىزمىتى «شىنجاڭ» دىن يۆتكىلىپ، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مىنىستىرلىكىگە مىنىستىر بولۇپ تەيىنلەندى.

1951- يىلدىن باشلانغان «ئىجارە كېمەيتىش، زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش» ۋە 1952- يىلدىن باشلانغان «يەر ئىسلاھاتى» قاتارلىق بىر قاتار سىياسى ھەركەتلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى يەر ئىگىلىرىنىڭ يەرلىرى تارتىۋېلىندى، بىر قىسىم باي ۋە يەر ئىگىلىرىگە «زومىگەر» دېگەن قاپاقنى كىيدۈرۈپ ئاتتى. 1954- يىلدىن باشلانغان «كوپىراتسىيلەشتۈرۈش» ئارقىلىق ئەندىلا يەرگە ئىگە بولغان دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋالدى. بۇ سىياسى ھەرىكەتلەرگە ئۇلاپلا 1955- يىلدىن باشلانغان «مىللىي بۇرژۇئازىيە سۇدا- سانائەتچىلىرىگە قارىتا سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش» شۇئارى بىلەن  شەخىسى ئىگىلىك بىلەن دۆلەت ئىگىلىكنى بىرلىكتە ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، يەرلىك مىللىي سۇدا- سانائەتچىلەر ۋە چارۋىدارلارنىڭ مال- مۇلۈكلىرىنى بولاپ ئالدى.

1958- يىلى «شەخسلەرنىڭ ئوي مۈلۈكىگە قارىتا سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش» ئېلىپ بېرىپ مىللىلارنىڭ تۇرالغۇ – جاي مولكىنى تارتىپ ئالدى.

1958- يىلدىن باشلانغان «كومۇنىلىشىش» ھەركىتى شەرقىي تۈركىستان دېھقان- چارۋىچىلىرىنى پۈتۈنلەي نامرات ھالغا چۆشۈرۈپ قويدى.

ماۋزېدۇڭ 1958 – يىلدىكى « چوڭ سەكرپ ئېلگىرلەش » تە خىتاي ۋە مىللىي كادىرلارغا « يالغان سۆزلەش » نى ئۆگەتتى. « پولات- تۆمۈر تاۋلاش ھەرىكىتى » دە « پۈتۈن خەلق پولات تاۋلاش بىلەن مەشغۇل بولۇپ يېزا ئىگىلىكىنىڭ تاشلىنىپ قىلىشى، 1959– 1961- يىللاردا يۈز بەرگەن چوڭ تەبىئىي ئاپەت، سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ قەرىزلىرىنى پۈتۈنلەي يىمەكلىككە تايىنىپ تۆلەش ۋە ئافرىقادىكى بەزى دۆلەتلەرگە ھەقسىز يىمەكىلىك قاتارلىق نەرسىلەرنى ياردەم قىلىشتەك سىياسەتلەرنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى نەتىجىسىدە پەيدا بولغان ئېغىر ئاچارچىلىق  دەستىدىن  40 مىليوندىن كۆپ ئادەم ئۆلۈپ كەتتى. ». تۆمۈر رۇدا مەنبەلىرىنى ۋەيران قىلدى.    1959–1961- لاردا خىتايدا يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتتە گەرچە شەرقىي تۈركىستاندا تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرمەي، يېزا ئىگىلىكىدە ئىلگىرىكى يىللاردەك مول ھوسۇل ئېلىنغان بولسىمۇ،ئاشلىق ئامبارلىرىدا ئاشلىق تۇرۇقلۇق دېھقانلارغا ئاشلىق تارقىتىپ بەرمەسلىكى تۈپەيلى ئاقسۇ ۋىلاىيىتى باي ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردا ئېغىر ھالدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشتەك ئەھۋاللار سادىر بولدى.  ئاشلىقلار خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە يۈتكەلدى

1956- يىلى ماۋزېدوڭ خىتايدىكى زىيالىيلارنى ئالداپ قىلتاققا چۈشۈرۈپ، ئەدىبىنى بىرىش ئۈچۈن  « بارچە ئېقىملار بەس- بەستە سايرىسۇن، ھەممە گۈللەر تەڭ ئېچىلسۇن » دېگەن شوئار ئوتتۇرغا قۇيدى. 1957- يىلى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا « ئېچىلىپ سايراش » دولقۇنى ۋە « ئىستىل تۈزىتىش » ھەرىكىتى كۆتۈرۈلدى.  شۇنىڭ بىلەن 1957 – يىلى زور تۈركۈمدىكى خىتاي زىيالىيلىرى ياخشى  نىيەت بىلەن ئىسىل پىكىر- تەكلىپلەرنى بەردى. لېكىن ماۋزېدوڭ زىيالىيلارنى سۆزلىتىپ بولغاندىن كېيىنلا « ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى » نى قوزغاپ، ئولارنى جازالاپ « ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرى » لىرىغا يولغا سالدى.

بۇ سىياسىي ھەرىكەت شەرقي تۈركىستاندا مىللىيلار ئۈچۈن ھەم « ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش »  ھەم « يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش » ھەركەتلىرى بىلەن ئۆز ئەكسىنى تاپتى.

1957- يىلى 12- ئاينىڭ 16- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ « يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەشكە سەپەرۋەرلىك قىلىش بويىچە كېڭەيتىلگەن يىغىنى » ئېچىلدى.

بۇ قېتىملىق « مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەشتە » «  ش ئۇ ئا ر پارتكوم »  نىڭ دائىمىي ئەزاسى، پارتكوم سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى سەيدۇللا سەيپۇللايوۋ،« ش ئۇ ئا ر پارتكوم » نىڭ دائىمىي ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، « ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋ ۋە ئەسئەت ئىسھاقوۋ، « ش ئۇ ئا ر پاتكوم تەشۋىقات بولۇمى » نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نور سادىروۋ، « ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى سىياسىي- قانۇن كومتېتى » نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىبراھىم تۇردى، « ش ئۇ ئا ر مەدەنىيەت نازارىتى » نىڭ نازىرى، يازغۇچى، دراماتورك زىيا سەمىدى، «  ئۇرۇمچى شەھەر باشلىقى » ئابدۇرېھىم سەئىدى ، « ئىلى قازاق ئوبلاستى » نىڭ مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى ئابدۇرېھىم ئەيسا، «  جۇڭگو پەنلەرئاكادېمىيىسى شىنجاڭ شۇبىسىنى قۇرۇش تەييارلىق ھەيئىتى » نىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مۇدىرى ئۇيغۇر سايرانى قاتارلىق بىر تۈركۈم مىللىي يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارغا «  مىللەتچى» ياكى « ئوڭچى » قالپاقلىرى كىيدۈرۈلدى. سەيدۇللا سەيپۇللايوۋ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر يىغىنىدا ماۋزېدوڭ تەرىپىدىن « 什么拉夫  »  دەپ ئاتىلىپ تەنقىدلەندى.

ئۇيغۇر سايرانى  « شىنجاڭدا قوللۇق تۈزۈم مەۋجۇت ئەمەس. » دېگەنلىكى ئۇچۈن « ئوڭچى » بولۇپ قالغان ئىكەن. شۇ مەزگىللەردە جەمئىيەتتە ئابدۇرېھىم ئەيسا ئابدۇرېھىم ئەيسا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالدى،دېگەن خەۋەر تارقالغان. ( خىتاي ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ ئابدۇرېھىم ئەيسا ئۆلۈمى ھەققىدە تارقاتقان رەسىمىي خەۋىرى)

زىيا سەمىدى ھەممە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ئاقسۇغا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلىشكە سۈرگۈن قىلىندى. ئابدۇرېھىم سەئىدى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى. (ئابدۇرېھىم سەئىدىنىڭ مىللەتچى بولۇپ قىلىشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبى شۇ يىللاردا «  شىنجاڭ گېزىتى » دە  ئىلان قىلىنغان باش ماقالىغا ئاساسلانغاندا ئۇرۇمچى شەھەردىكى ئىمارەت قۇرۇلۇشلىرىنى مىللىي پاسۇندا ياساپ چىقىش ئىكەن،يەنى مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە مەركىزىي شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىكەن. ماقالىدا قاپاق ئېسلغان مىللىي پاسوندىكى ئىمارەتلەر سىزىلغان رەسىملەرمۇ قىستۇرۇلۇپ بېرىلگەن.)   سەيدۇللا سەيپۇللايوۋنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى بارلىق ۋەزىپىلىرى ئېلىپ تاشلىنىپ، قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيلىقىغا ئەۋەتىلدى. مۇھەممەتئىىمىن ئىمىنوۋ « ش ئۇ ئا ر پارتكوم » نىڭ دائىمىي ھەيئىتىنىڭ ئەزالىقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىدىن قالدۇرۇلدى. ئەسئەت ئىسھاقوۋمۇ  ش ئۇ ئا ر پارتكوم » نىڭ دائىمىي ھەيئىتىنىڭ ئەزالىقى قالدۇرۇلدى.  نور سادىروۋ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانىگە خىزمەتكە چۆشۈرۈلدى. ئىبراھىم تۇردىنىڭ خىزمەت دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلىپ،« ش ئۇ ئا ر خەلق ئىشلار نازارىتى » نىڭ نازىرى بولدى. ئۇيغۇر سايرانى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئادەتتىكى خىزمەتچى ئورنىدا ئىشلىتىلدى.

بۇ قېتىملىق « مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى » ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيىسى شەرقىي تۈركىستاندا 1930 – يىللاردىن بۇيان يېتىشىپ چىققان زور بىر تۈركۈم گەپ ئاڭلىماس « ياغاچ قۇلاق » ھەر مىللەت كادىر- خىزمەتچى ۋە زىيالىيلىرىنى يوقاتتى.

« ش ئۇ ئا ر پارتكوم »  سېكرىتارى ۋاڭ جىن ئۇيغۇرلاردىن « تەكەللۇپسىز ھالدا تەنقىد پىكىر- تەكلىپلەرنى بېرىش» نى تەلەپ قىلغاندا،بەزى مىللىيلار ئاپتونومىيەنىڭ يالغانلىقىدىن شىكايەت قىلسا، بەزى مىللىيلار سوۋېت ئۇسلۇبىدىكى « ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى » قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەركەتنىڭ نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاندا  مىللىيلار ئىچىدە بىر  تۈركۈم « ئوڭچى» ۋە «يەرلىك مىللەتچى» لەر پەيدا بولدى. ئۇلارمۇ خىتاي زىيالىيلىرىغا ئوخشاش قىسمەتكە دۇچ كەلدى. بىر قىسم مىللىي « مىللەتچى »  ۋە «  ئوڭچى » لار « ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدان » لىرىغا پانالدى. « ئاقىۋەتتە تازىلاش ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئۇرۇمچىدە ئالاھىدە پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئالتە ئاي نازارەتچىلىك قىلىشى بىلەن 100 مىڭ كىشى تەكشۈرۈلگەن،830  كىشى قولغا ئېلىنىپ سوتقا تارتىلغان، 53   كادىرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. ( ئەنگلىيە، كرىستيىن تايلى: « تىنجىماس ئۇيغۇر دىيارى» دىن، 2006- يىل نەشرى) .

« < بۇ ۋاقىتتا << شىنجاڭ گېزىتى>>  ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئاساسلىق تەھرىرلەرنىڭ بىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان نىزامىدىن ھۈسەيىن ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزىنى قىيناپ كېلىۋاتقان مىللىي مەسىلىگە دائىر بىر قاتار خاتالىقلارنى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ ۋە << ئېچىلىپ سايرايدۇ >>  >، < 1958- يىلىدىكى كومپارتىيە قوزغىغان << ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى>> دە << پارتىيەگە قەلب تاپشۇرۇش >> ، كەڭ – كۇشادە << ئېچىلىپ سايراش >>  دېگەن چاقىرىق ۋە قوزغىتىش بىلەن مەن ئۇزۇندىن بۇيان ئىچىمنى قىيناپ كەلگەن چوڭ- كىچىك مەسىلىلەردىكى پىكىر- تەلەپلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.  ۋەتەننىڭ كېلەچىكى، ئىچكىرىدىن كۆچمەن كۆچۈرۈش، ھەممىلا يەرنى خەنزۇلاشتۇرۇش، تارىخىمىزنى بۇرمىلاش قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە << ئېچىلىپ سايرىدىم >> .  راست گەپلەر بىلەن پاكىتلارنى كەلتۈرۈپ سۆزلىدىم. << ياخشى سايرىدىڭ! >>  دەپ مۈرەمگە قېقىپ قويۇشتى ئۇلار. بىرەر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن << پارتىيەگە قارشى سۆز قىلغانلار>> غا قارشى ھەرىكەت قوزغىتىلدى. مىللىيلار بويىچە بىرىنچى بولۇپ كۈرەشكە تارتىلدىم. كۈرەش 76 كۈن داۋام قىلدى. مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرىم ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىرىم سۈپىتىدە مېنى تالاشقا ۋە پاش قىلىشقا باشلىدى. << ئەشەددىي دۈشمەن >> ، << ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى >>  بولۇپ كەتتىم. >، < << شىنجاڭ گېزىتى>> ئىدارىسىنىڭ مىللىي تەھرىر بۆلۈملىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئوڭچى- يەرلىك مىللەتچىلەرگە قارشى كۈرەشتە ئەشەددىي ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ رېئاكسىيون ئەپتى- بەشىرىسى تولۇق ئېچىپ تاشلىنىپ، ئۇنىڭ رېئاكسىيون سۆز- ھەرىكەتلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىلدى. پاش قىلىنغان ماتېرىياللاردىن شۇنى كۆرۈش مۇمكىنكى، ئەشەددىي ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ تۈپ ئىدىيەسى ئاپتونوم رايونىمىز شىنجاڭنى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدىن ئايرىپ، << مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى>> قۇرۇش بولۇپ، ئۇ مۇشۇ رەزىل غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پىلانلىق، پروگراممىلىق ۋە ئىزچىل رەۋىشتە ھەرىكەتلىنىپ كەلگەن. >، < مەرھۇم نىزامىدىن ئەپەندى تۈرمىدە يېزىپ قالدۇرغان ئەسلىمىسىدە ئۆزىنىڭ 1959- يىلى 4- ئاينىڭ 14- كۈنى ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر، غوپۇر چوڭ قاتارلىق كەسىپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە << شىنجاڭ گېزىتى>>  ئىدارىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىندا رەسمىي قولغا ئېلىنغانلىقىنى يازىدۇ. >  ».

«يەرلىك مىللەتچىلك قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» دىكى « مىللەتچى ئۇنسۇر » دېگەن بۇ سىياسىي تېرمىن شۇ بىر قېتىملىق ھەرىكەت بىلەن تۈگەپ قالماستىن، بەلكى خىتاي كومپارتىيسىنىڭ قولىدىكى مىللىي كادىر- خىزمەتچى ۋە زىيالىيلىرىغا ھەر زامان، ھەر ۋاقىت كيېگۈزۈلىدىغان تېپىلماس بىر « ئەگۈشتەر» گە ئايلىنىپ قالدى. بۇنىڭ تىپىك مىسالى،1959- يىلى 20 ياشلىق شائىر ھاجى مىرزاھىد كېرىمى « ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق» شېئىرى تۈپەيلى« مىللەتچى » بولۇپ ئەيىبلىنىپ، 13 يىل تۈرمىدە ياتقان ھەمدە يەتتە يىل ئائىلىسىدە نەزەربەند قىلىنغان.

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىملىق ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئوپېراتسىيىسىدە ياش ۋاقىتىدا يازغان بىر پارچە شېئىرى تۈپەيلي « يەرلىك مىللەتچى » سىياسىي قالپىقىنى كىيىگەن ئەدىب ھاجى مىرزاھىد كېرىمىمۇ تۇتقۇن قىلىنىشتىن مۇستەسنا بولمىدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ خەۋىرىچە : « قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ پېنسىيىگە چىققان تەھرىرى، ئەدىب ھاجى مىرزاھىد كېرىمى يېقىندا 11 يىللىق كېسىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە ئۇنىڭ كېسىلىشىگە << يۈسۈپ خاس ھاجىپ >> قاتارلىق رومانلىرى ۋە بىر تون كىيدۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزى سەۋەب بولغان. ئەدىب 1959 ‏- يىلى، يەنى 20 ياش ۋاقتىدا << ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق>> ناملىق شېئىرى سەۋەبلىك << يەرلىك مىللەتچى >> بولۇپ ئەيىبلىنىپ، 13 يىل تۈرمىدە ياتقان ۋە يەتتە يىل ئائىلىسىدە نەزەربەند قىلىنغان ئىدى. ئۇ بۇ يىل سوتلانغاندا يېشى 80 گە ئۇلاشقان، سالامەتلىكى بىر قاتار كېسەللىكلەر بىلەن چىرمالغانكەن. >،< ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ << يۈسۈپ خاس ھاجىپ >>، << جۇدالىق >>، << مىرزا ئابابەكرى >>، << سۇلتان سەئىدخان >>  ۋە <<  سۇلتان ئابدۇرىشىتخان >> قاتارلىق بەش رومانى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئىنكاستا يەنە مەزكۇر رومانلاردا، ئۇيغۇرلارنىڭ سەلتەنەتلىك ھاياتى، يەنى قاراخانىيلار دەۋرى ۋە سەئىدىيە خانلىق دەۋرى تېما ۋە ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولغاچقا، بۇ كىتابلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي شامالدا، گۇمانلىق كىتابلارنىڭ ئەڭ بېشىدىن ئورۇن ئالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. >  »

1962- يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي- سوۋېت مۇناسىۋېتىدە ئۈستىنلىككە ئىگە بولۇش، يەرلىك مىللەتلەرنى باستۇرۇش، ئىگىسىز قالغان مال- مۈلۈك ۋە ئۆي- زىمىنغا ئىگە بولۇش ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ  « شىنجاڭ » دا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىلىرىنى تاقىۋېتىش مەقسىتىدە غەرەزلىك ھالدا چېگرانى ئېچىپ قۇيۇشى بىلەن ئىلى ۋە چۆچەكتىن ئاچارچىلىق دەستىدىن قىينالغان 120 مىڭ يەرلىك مىللەت ئادەم ( خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلان قىلغان ستاتىستكىلىق سان)  سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى. (سەيدۇللا سەيدۇللا : « مەن شاھىت بولغان ئىشلار » دىكى مەلۇمات ) شۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى بىرتەرەپتىن سوۋېت ھۆكۈمىتىنى قۇتراتقۇلۇق قىلدىڭلار،دەپ ئەيىپلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن سوۋېت تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا  قالغان ئۇرۇق- تۇغقانلىرى–  كادىر، خىزمەتچى ۋە يەرلىك ئاۋام كىشلەرگە « قاچقانلارنى سىلەر قاچۇردىڭلار» دەپ بوھتان چاپلىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلەرنىڭ مال- مۈلكى ۋە ئۆي- زىمىنلىرىنى ئىگەللەپ ئالدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇمچى، غۇلجا، قەشقەر،ئالتاي ۋە چۆچەكلاردە  تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىلىرىنى تاقىۋەتتى.

سوۋېتكە چىقىپ كەتكەن مۇساپىرلار موسكۋا رادېئو ئىستانسىيىسىدە « مىليونلارچە خەنزۇنىڭ غەربىي شىمالغا ئېقىپ كىرىۋالغانلىقى، ئۇ يەردىكى يەرلىك پۇقرالارنىڭ قاقاس چۆللەرگە سۈرگۈن قىلىنىۋاتقانلىقى، قۇرسىقى تويمايدىغان نورمىلاردا جازالىنىۋاتقانلىقى، قازاق، ئۇيغۇر ۋە قىرغىز قىزلىرىنىڭ مەجبۇرى ھالدا ئائىلىسىدىن ئېلىپ چىقىلىپ، خەنزۇلار بىلەن توي قىلىشقا زورلانغانلىقى، ئۆلۈم ئازابىدا ئىڭراۋاتقانلىقى » نى ئاڭلاتقان.  ( « تىنجىماس ئۇيغۇر دىيارى »).

1962-  يىلى ئاپتونوم رايوندا ئېلىپ بېرىلغان « رېۋىزىئونىزمغا قارشى تۇرۇش كۈرىشى » دە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىن كەلگەن كادىرلاردىن ئەسئەت ئىسھاقوۋ، ئەنۋەر جاكۇلىن ( « ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى سىياسىي قانۇن ئىشخانىسى»  نىڭ مۇدىرى، قازاق )، ئەنۋەر خانبابا ( « ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت —  مائارىپ ئىشخانىسى » نىڭ مۇدىرى، ئۆزبېك )، ئابلىمىت ھاجىيوۋ (« ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى مالىيە —  سودا ئىشخانىسى » نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى )  ۋە توختى ئەلىموۋ ( « ش ئۇ ئا ر ئالىي سوت » نىڭ باشلىقى ) لار قاتارلىقلار  تەنقىد ئوبيېكتى قىلىندى.

رېۋىزىئونىزمغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە گومىنداڭ ئارمىىيىسى بىلەن جان تېكىپ جەڭ قىلغان مىللىي ئارمىيىنىڭ ئوفىتسىر- جەڭچىلىرىنىڭ ھىچ قايسىى زەربە يىمەي قالمىدى.

كۆكرەك كېرىپ چىقىپ، گومىنداڭ  ئارمىيىسىنىڭ ئۈچ پوتەيىنى ئارقا- ئارقىدىن پارتلىتىپ، مىللىي ئارمىيە قىسملىرىنىڭ ئىلگىرىشى ئۈچۈن يول ئاچقان، جەڭدىن كېيىن مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شتابى تەرىپىدىن « كۈرەش قەھرىمانى» نامى بېرىلگەن  ۋە خىتاي « ج ك پ مەركىزىي  ھەربىي ئىشلار كومىتېتى» تەرىپىدىن « جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى» نىڭ كۈرەش قەھرىمانى دەپ باھالانغان ھەمدە مەملىكەتلىك كۈرەش قەھرىمانلىرى يىغىنىغا قاتناشقان زېھرۇللا نادىروۋ ،« يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش »  ۋە « رېۋىزىئونىزمغا قارشى تۇرۇش » ھەرىكەتلىرىدە  تەنقىدلىنىپ،1962-  يىلى دىكابردا كەڭسايدا ئەمگەككە سېلىنغاندا،زەيكەش كولاۋېتىپ ئىش ئورنىدا ئېچىنشلىق ئۆلۈپ كەتكەن.

1957- يىلدىكى « ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى»، « ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» ،1962- يىلدىكى« رېۋىزىئونىزمغا قارشى تۇرۇش كۈرىشى » ۋە  1966- يىلدىكى « مەدەنىيەت  ئىنقىلابى» قاتارلىق سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى شەرقىي تۈركىستاندا ئاساسەن مىللىي كادىر- خىزمەتچىلەر ۋە زىيالىيلارغا زەربە بېرىش بىلەن ئاياقلاشتى.

1962- يىلدىن باشلاپ  يېزا- قىشلاقلاردا يۈگۈزۈلگەن« سوتسىيالىستىك تەربىيە ھەركىتى » دە يېزا — قىشلاقلاردىكى ئاساسىي قاتلامدىكى نۇرىغۇن يەرلىك مىللىي ئەترەت كادىرلارغا زەربە بېرىلدى.

1950- يىلدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان، كەينى ئۆزلىمىگەن سىياسىي ھەركەتلەر ۋە سىياسىي بېسىم دەستىدىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر تۈركۈم كادىرلىرى ۋە مىللىي ئارمىيىسىنىڭ بىر قىسىم ئوفىتسېر- جەڭچىلىرى سالامەتلىكلىرىدىن ئايرىلىپ ئۆلۇپ كەتتى. 1940-  يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق  ۋە ئازادلىق ئىنقىلابى دەۋرىدە ئاكتىپلىقنىڭ ئىپادىسى يۈزىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى گراژدانلىقىغا ئۆتكەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ زور بىر تۈركۈم كادىرلىرى، ئوفىتسېر-  جەڭچىلىرى،   زىيالىيلىرى ۋە زور بىر تۈركۈم ئاۋام خەلق ( شەرقىي تۈركىستاندا تۇغۇلغان رۇسلاردىن باشقا بىر تۈركۈم رۇسلار ئەسلى چارروسىيەنىڭ گراژدانى بولغان بولسىمۇ، لېكىن روسىيە ئوكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئۇلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گراژدانلىق سالاھىيىتى بولمىغان.) ياشاپ ئۆگەنگەن ۋە قان- تەرى سېڭگەن شەرقىي تۈركىستاننى تاشلاپ،ئامالسىز چەت ئەل– سوۋېت ئىتتىپاقىغا پانالىنىش ئۈچۈن چېقىپ كەتتى. مەسىلەن:

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ كادىر ۋە زىيالىيلىرىدىن : ھۆكۈمەت ئەزاسى، قوشۇمچە باش كاتىپى ئابدۇرۇپ مەخسۇم؛ ھۆكۈمەت ئەزاسى، قوشۇمچە مالىيە مىنىستىرى ۋە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، « ش ئۇ ئا ر مالىيە نازارىتى » نىڭ مۇئاۋىن نازىرى ئەنۋەر مۇسابايۇۋ؛ ھۆكۈمەت ئەزاسى، ئىچكى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى پاۋىل پاپولوۋىچ موسكاليوۋ ( رۇس) ، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى ۋاققاس ھاجى مىرشانوۋ ( تاتار) ئىنقىلاپچىل ياشلار تەشكىلاتى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، « ش ئۇ ئا ر نازارىتى » نىڭ نازارى ياقۇپبەگ (ئۆزبېك )؛ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ پولكونىكى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى « دۆلەت ناخشا – ئۇسسۇل، ئوپىرا ئۆمىكى » نىڭ باشلىقى،« ش ئۇ ئا ر مەدەنىيەت نازارىتى » نىڭ نازىرى،« ش ئۇ ئا ر ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى» نىڭ رەئىسى  زىيا سەمىدى؛ « شىنجاڭ گېزىتى » گېزىتلىرىنىڭ مۇخبىرى مۇنىر يېرزىن (تاتار)  بۇندىن سىرت يەنە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن « شىنجاڭ مۇزېي » غا تەييارلىق ھەيئىتىنىڭ نىڭ مەسئۇلى يۇسۇپبېك مۇخلىس قاتارلىقلار بار.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئارمىيىسى–  مىللىي ئارمىيىدىن:  مىللىي ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى، « شىنجاڭ ھەربىي رايون » نىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى گېنېرال مايور زۇننۇن تىيىپوۋ، مىللىي ئارمىيە باش شتابى ئارقا سەپ تەمىنات بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇدىرى پولكونىك پەخرىدىن رەسۇلوۋ خۇجا ( ئۆزبېك )، مىللىي ئارمىيەنىڭ مۇۋەققەت باش قوماندانى،5- كورپۇسنىڭ باش قوماندانى فادىي ئىۋانوۋىچ لىسكىن ( رۇس )؛ مىللىي ئارمىيە پولك كوماندىرى،5- كورپۇسنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى، « شىنجاڭ ھەربىي رايون » نىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى گېنېرال مايور مەرغۇپ ئىسھاقوۋ (تاتار) قاتارلىقلار بار. ( شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىنى يېزىش- تەھرىرلەش كومتېتى: « شنىجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» دىكى مەلۇماتلار،1995– يىل نەشرى)

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئالىي ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، « شىنجاڭ  ئۆلكىلك مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتى» نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دوكتور پولات ئالىمى (ئۆزبېك)  ۋە تۇڭگان ئاتلىق پولكىنىڭ كوماندىرى،« شىنجاڭ ئۆلكىلىك سودا بانكىسى ئىلى شىرىكىتى » نىڭ باشلىقى، « شىنجاڭ مالىيە ئىنستۇتى » نىڭ مۇدىرى مەنسۇر لومىيوۋ ( تۇڭگان ) لار سوۋېت ئىتتىپاقىغا چېقىپ كەتمەكچى بولغانلىق تۈپەيلى ئاساسەن ئۆمۈر بۇي ئىشسىز قالدى.

1949- يىلى خىتاي كومپارتىيىسى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغالىيەت قىلغاندىن باشلاپ « شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئازاتلىق ئىنقىلابى » نىڭ كادىرلىرى ۋە مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى چەكلەش ۋە ئۇلارنى چەتكە قېقىش  ۋە زەربە بېرىپ يوقىتىشتەك قىلىمىشلار بىلەن شۇغۇللاندى. 1960- يىللاردا « ش ئۇ ئا ر پارتكوم » نىڭ  سېكرېتار ۋاڭ ئىنماۋ « جەنۇپلىقلار بىلەن شىماللىقلارنى تېزگىنلەش » تەدبىرىنى قوللىنىپ ، يېزا كادىرلىقتىن ئۆسۈپ،ناھىيە دەرىجىلىك كادىر بولغان تۆمۈر داۋامەتنى « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون » نىڭ  مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىشى « شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» دىن كەلگەن كادىرلارنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ۋاقىت- سائەتى كەلگەنلىگنىڭ بېشارىتى بولۇپ قالدى.

مىللىي كادىر- خىزمەتچىلەر ۋە زىيالىيلارنى يوق قىلىشتىكى ئەڭ دەھشەتلىك بولغىنى 1966– 1976-يىللاردىكى ئاتالمىش « مەدەنىيەت ئىنقىلابى » دىن ئىبارەت سىياسىي ھەرىكەت بولدى. بۇ ھەرىكەتتە شەرقىي تۈركىستان  مىللىي  مۇستەقىللىق  ئىنقىلابىدىن (شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىن ) كەلگەن كادىرلار ۋە  مىللىي  ئارمىيە ئوفىتسېر–  جەڭچىلىرى،1930- يىللاردىن بۇيان يېتىشىپ چىققان مىللىيى زىيالىيلار ۋە  1949–  يىلدىن كېيىن يېتىشىپ چىققان ھەر دەرىجلىك  مىللىي رەھبىرى كادىرلار ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن مىللىي زىياللىيلارنىڭ ھەممسى دېگۈدەك ئاتالمىش « مەدەنىيەت ئىنقلابى » نىڭ زەربە بېرىش ئوبيېكتىپغا ئايلاندى. خىتاي دائىرلىرى ساختا ھالدا مۇتلەق كۆپ  قىسمى  شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەسئۇل كادىرلىرىدىن تەركىپ تاپقان، « ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى » نىڭ رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزى باشچىلىقىدىكى بىر « پارتىيە ئىچىدە كاپتالىزىم يولغا ماڭغان ئۇنسۇرلەر» دىن تەركىپ تاپقان « ئەسىلئىنقىلابىي گۇرۇھ » نى قوراشتۇرۇپ چىقارغان ئىدى، لېكىن ماۋزېدۇڭ سەيپىدىن ئەزىزىنى ساقلاپ قىلىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، بۇ « ئەسىلئىنقىلابىي گۇرۇھ » نىڭ باشلىقى بۇرھان شەھىدىگە ( جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ) ئالماشتۇرۇلۇپ، ئابدۇللا زاكىروۋ ( « ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى» نىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى )، پاتىقان سۇگۇربايوۋ ( « ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى » نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قازاق ) ، ئەسئەت ئىسھاقوۋ، ئەنۋەر جاكۇلىن ، ئەنۋەر  خانبابا، ئابلىمىت ھاجىيوۋ، ياسىن خۇدابەردى ( ئۇرۇمچى شەھەر باشلىقى)، نۇسرەت شەھىدى ( «  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى » نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، تاتار ) لاردىن تەركىپ تاپقان « بۇرھان شەھىدى باشچىلىقىدىكى ئەسىلئىنقىلابىي گۇرۇھ » نى قايىتىدىن قوراشتۇرۇپ چىقىرىپ، ئاممېۋى كۆرەش چوڭ يىغىنلىرىدا كۈرەش قىلدى، سازاىي قىلدى. بۇ گۇرۇھدىكى كىشلەرنىڭ بىر قسمىنى تۈرمىگە سولىدى، بىر قىسمىنى ئەمگەك مەيدانلىرىدا ئېغىر ئەمگەكلەرگە سالدى، چۇشقا باقتۇردى. ئاتالمىش « مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دا بۇ مىللىي مەسئۇل كادىرلاردىن مۇھەممەتئىىمىن ئىمىنوۋ، ئەسئەت ئىسھاقوۋ ۋە ئەنۋەر جاكولىنلار تۈرمىلەردە قازا تاپتى. ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دا خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي « سىياسىي مەھبۇس » لەرگىمۇ ئۆلۈم جازاسى بەردى. بۇنىڭ تىپىك مىسالى «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى» دىكى تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىسى توختى قۇرباندۇر.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 5- كورپۇسىنىڭ سىياسىي بولۇمىنىڭ سابىق مۇدىرى نورۇيۇۋ. باۋدۇن  ۋە  5- كورپۇس 13- دىۋىزىيە ئارقا سەپ بولۇمىنىڭ  سابىق كومىسسارى ،قۇشۇمچە مۇدىرى،  قەشقەر شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ سابىق قوماندانى ئىمىنوۋ ھامۇت،  شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئەزاسى، « تىنچلىق سۆھبىتى» دە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتنىڭ سۆھبەت ۋەكىلى،« شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى» نىڭ سابىق مۇئاۋىن نازىرى رەھىمجان سابىر ھاجى؛ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئەزاسى، « تىنچلىق سۆھبىتى » دە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتنىڭ سۆھبەت ۋەكىلى،« شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى » نىڭ سابىق ھۆكۈمەت ئەزاسى ئولبولخەيرى تۆرە (قازاق)؛ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتنىڭ مىللىي ئارمىيىسىنىڭ سىياسىي مۇئاۋىن باش قوماندانى ( سىياسىي كومىسسارى )، « ش ئۇ ئا ر سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى » نىڭ  سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوۋ ۋە مىللىي ئارمىيە باش شىتابىنىڭ باشلىقى،مىللىي ئارمىيە ھەربىي مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، « شىنجاڭ ھەربىي رايونى  ھەربىي تەييارلىقلار باشقارمىسى » نىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇرىشىت تۇردىيوۋ ۋە قۇمۇللۇق سېيىت باتۇر قاتارلىقلار مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا زەربىگە ئۆچراپ ۋاپات بولۇپ كەتتى. 5-  كورپۇس 13- دىۋىزىيە ئارقا سەپ بولۇمىنىڭ  سابىق كومىسسارى ،قۇشۇمچە مۇدىرى،  قەشقەر شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ سابىق قوماندانى ئىمىنوۋ ھامۇت زەربىگە ئۆچرىدى.

«ئاتالمىش» مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا يەنە ئەدەبىيات- سەنئەت ساھاسىدىكى يەنە  زور بىر تۈركۈم مىللىي سەرخىللەرگە زەربە بېرىلدى. تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتىھى،ئالىم نىغمەت مىڭجانى(قازاق)،ئالىم ئىمىن تۇرسۇن، شائىر ۋە ئەدەبىياتشۇناس ئەھمەد زىيائى، شائىر تېيىپجان ئېلىيوۋ، شائىر- يازغۇچى ۋە ئەدەبىياتشۇناس ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر، شائىر نىم شېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامى، تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوۋ، يازغۇچى شۈكۈر يالقىن (ئۆزبېك)، شائىر ۋە تارىخچى تۇرغۇن ئالماس، شائىر ئەرشىدىن تاتلىق، تەرجىمىشۇناس توختى باقى ئارتىشى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ۋە ئەدەبىياتشۇناس ئەسقەر ھۈسەيىن، يازغۇچى ۋە تارىخچى تېيىپجان ھادىم قاتارلىقلار « سىنىپىي دۆشمەن »گە ئايلىىنىپ كۆرەش قىلىندى.

1985- يىلى 12- دېكابردىكى ئۇرۇمچى شەھەردە مىللىي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مىللەتلەر ( مىللىي ) باراۋەرلىكىنى ھەققىي تۈردە ئەمەلگە ئاشۇرۇش، خىتاي كۆچمەنلىرىنى « شىنجاڭ » غا كۆچۈرۈشنى توختىتىش، مىللىي مائارىپقا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىش، « ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى » نىڭ رەئىسىنى خەلق بىۋاستە سايلاش، مىللىيلارغا نىسپەتەن پىلانلىق تۇغۇش بەلگىلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە « شىنجاڭ » دىكى ئاتوم بومبىسى سىناق مەيداننى بىكار قىلىش قاتارلىق تەلەپلەر بۇيىچە بىر نەچچە كۈن ئۆتكۈزگەن نامايشلىرى خىتاي دائىرلىرىنىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا ئۆچرىدى. بەزى ئوقۇغۇچىلار تۇتقۇن قىلىندى، بەزى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن ھايدالدى.

1988- يىلى 25- ماي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىمۇ رەھمىسىزلەرچە باستۇرۇشىغا ئۆچرىدى. بۇ قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىنىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى بولغان ، ھازىر دۇنيا ئۇيغۇر قورۇلتىنىڭ رەئىسى دۇلقۇن ئەيسا شۇ قېتىملىق نامايىشتىن كېيىن مەكتەپتىن ھايدالغان.

1990- يىلى 5-  ئاپرېل كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېيتقا بىر ئاي قالغاندا مەسچىتلەرنىڭ مەجبۇرىي تاقىلىپ پىچەتلىنىشىدىن نارازى بولغان بارىن يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك، مىللىي باراۋارلىك،خىتاي كۆچمەنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كېلىشىنى توختىتىش ۋە مىللىيلارغا قارىتىلغان پىلانلىق توغۇشنى بىكار قىلىش تەلەپلىرى يۈزىدىن ئۆتكۈزگەن نامايىشى ۋە ئۇلارنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا ساقچىلار تەرىپىدىن باستۇرۇلۇشلىرى بىلەن پارتىلغان بارىن قوزغىلىڭى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى —  مۇنتىزىم ئارمىيىسى ۋە ساقچىلىرى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلۇپ، قەتلىئام يۈرگۈزۈلدى. بارىن قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىسى  زەيدۇن يۈسۈپ قاتارلىق مىڭلاپ- مىڭلاپ قوزغىلاڭچىلار ئۆلتۈرۈلدى.

1997- يىلى5 – فېۆرال كۈنى غۇلجا شەھەردىكى ياشلار ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ قولغا ئالغان « مەشرەپ بېشى» ۋە دىنىي ئۇستازلارنى قويۇپ بېرىش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تەلەپ قىلىش، مىللىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش ۋە مىللەتلەر باراۋەرلىكنى تەلەپ قىلىش يۈزىدىن ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق نامايىشى ساقچىلار تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلدى.  ساقچىلار ئوق ئىېتىپ نامايىشچىلاردىن 100 دىن ئوشوق  ئادەمنى ئۆلتۈردى. 1600 كۆپ ئادەم قولغا ئېلىندى. « ئېتشلارغا قارىغاندا 5- فىۋرال كۈنى قولغا ئىلىنغانلارنى ئۈستى ئوچۇق بىر مەيدانغا ئەكېلىپ ئۇلارغا شىلانكىدا مۈزدەك سۇ چاچقان ۋە قار ئۈستىدە يالاڭ ئاياغ مېڭىشقا مەجبۇرلانغان.       مۇزلاپ ئۇشۇپ كەتكەنلەرنىڭ پۇت- قوللىرىنىڭ بارماقلىرى دوختۇرخانىدا كېسىۋېتىلگەن. ئېغىر دەرىجىدىكى ئۈششۈك يارىدارلىرىنىڭ فوتوگرافلىرىنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى تەكشۈرگۈچىلەر كۆردى. » ( « تىنجىماس ئۇيغۇر دىيارى » دىن ) .   مانا بۇ دەھشەتلىك « غۇلجا قانلىق 5 –  فېۆرال  ۋەقەسى» .

2009- يىل5- ئىيۇل بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار گۇاڭدوڭ ئۆلكسى شاۋگۇەن جايدىكى خىتايلار ئۇلارنىڭ بىر قانچە تۇقغانلىرىنى ئۆلتۈرۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئادالەتلىك تەلەپ قىلىپ « ش ئۇ ئا ر پارتىكوم » بىناسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا ئۆتكۈزگەن نامايىشىدىن ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ غەرەزلىك ھالدا خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئۇتتۇرىسىدا قانلىق مىللىي توقۇنۇش پەيدا قىلىپ،« 5- ئىيول قىرغىنچىلىقى » نى كەلتۇرۇپ چىقاردى. بۇ ۋەقە سادىر بولغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت دائىرلىرى ئۇيغۇرلارنى قانلىق باستۇردى، يۇزلىگەن ئۇيغۇرنى ئۆلتۈردى، مىڭلىغان ئۇيغۇرنى  تۈرمىلەرگە تاشلىدى.

خىتايي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانخور ساقچىلىرىغا خالىغان ۋاقىت ۋە خالىغان جايدا مىللىيلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈدىغان ھوقۇق بېرىلگەن. « 2013 – يىلى 23 – ئاۋغۇست پوسكام ناھىيىسىدە خىتاي ساقچىلىرى << بومبا ياساش قاتارلىق تېررورلۇق ئىشى بىلەن شۇغۇللاندى >> دېگەندەك تۆھمەتلار بىلەن ئۇيغۇرلاردىن 12 ئادەم ئۆلتۈرۈپ ، 20 نەچچە ئادەمنى ياردارلاندۈردى. قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا 30  ئارتۇق ئادەم بار ئىكەن. بۇ  ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ يىلقىچى يېزىسىدا 20 نەچچە ئادەم ئوخشاش تۆھمەت بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ».

ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇقى، قانۇنىي ھوقۇقى، مىللىي ئاپتونومىيە ھوقۇقى ۋە مىللىي باراۋەرلىكىنى تەلەپ قىلغۇچى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى، مەركىزىي مىللەتلەر ئونىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختى خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن 2014-  يىلى 15-  يانۋار قولغا ئېلىنىپ، « بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللىي قۇتراتقۇلۇق » جىنايىتى ئارتىلىپ، شۇ يىلى 23-  سېنتەبر  مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

2014- يىلى 28- ئىيۇل كۈنى سەھەردە يەكەندە « ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى » يۈز بەردى. يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىدىكى بىر قانچە ئۇيغۇر ئائىلە ئاياللىرىنىڭ ھېيت ھازىرىلىقىغا قارشى تۇرىشى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشى سەۋەپىدىن قوزغالغان دېھقانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلىپ ئۆتكۈزگەن نامايىشى خىتاى ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك دائىرلىرى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلدى.

«شۇ قېتىملىق ۋەقەدىن بىر يىلغا ۋاقىت ئۆتكەندە فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 2015- يىلى ئاپرېل ئېيىنىڭ ئاخىرى ئېلىشقۇ يېزىسىدىكى زىيارىتى جەريانىدا…شۇ ۋاقىتتا يەرلىك ئاھالىلەردىن بىرنەچچىسى ئەينى ۋاقىتتا بەش يۈزدىن ئارتۇقراق دېھقاننىڭ كەتمەن- گۈرجەكلىرىنى كۆتۈرگىنىچە ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىسىگە قارشى يېزا بازىرىدا نامايىش قىلغانلىقىنى، ھەربىي ۋە ساقچىلارنىڭ نامايىشچى دېھقانلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ ئۇلارنى تارقىلىپ كېتىشكە بۇيرۇغانلىقىنى، ئارقىدىنلا تاراسلاپ ئوق ئېتىلىشقا باشلىغانچە كوچىدا ئۇچرىغانلىكى ئۇيغۇرنىڭ ئوققا يەم بولغانلىقىنى، شۇنىڭدىن كېيىنمۇ نەچچە يۈز كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. شۇ ۋاقىتلاردا رادىيومىز مۇخبىرلىرى ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردا ئېلىشقۇ بازىرىدىكى خىتاي دۇكاندارلاردىن بىرى « ئاز دېگەندىمۇ بىرەر مىڭ ئادەم ئۆلدىغۇ، دەيمەن . » دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. »

30 يىللىق ھاياتى خىتايدا ئۆتكەن، 19 يېشىدىن باشلاپ قايتا تەربىيە نامىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مارالبېشى ناھىيەسىگە جايلاشقان بىڭتۇەن 3- دېۋىزىيەسىدە  9 يىللىق « قايتا تەربىيە » كۆرگەن ئامېرىكىلىق يازغۇچى تېرىسا بۇكزاكى خانىم : « مېنىڭچە مەيلى قانداق ئىرق، مىللەت بولسۇن، قانداق مەدەنىيەت ياكى قانداق ئېتىقاد ياكى ئۆرپ- ئادەت بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر بۇلار كەمسىتىش ياكى باستۇرۇشقا باھانە بولماسلىقى كېرەك. مانا بۇ مېنى ئەڭ ئازابلايدىغان مەسىلە. مېنىڭچە بۇ كومپارتىيەنىڭ تولىمۇ ياۋۇزلۇقى ياكى دىكتاتورىلىقىنىڭ ئىپادىسى. بۇ مېنىڭ بىڭتۇەندىكى خىتايلار ئارىسىدا تۇرغان ۋاقتىمدىلا كۆرگەن ۋە ھېس قىلغانلىرىم. چۈنكى، ئەينى چاغدا بىڭتۇەندىكى خىتايلار ئۆزلىرىمۇ دوزاخ ئىچىدە ياشاۋاتقان تۇرۇقلۇق، ئۆزلىرىنى قالتىس چاغلايتتى. ئۇلار ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، قازاقلار بولسۇن ئۇلارنى كەمسىتەتتى. ».

فاشىست شى جېنپىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ( خىتاي ئىمپېرىيىسىنىڭ ) 1949- يىلى شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەملىكە قىلىۋالغاندىن تارتىپ نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك سىياسىي ھەرىكەتلەر ۋە باستۇرۇشلار ئارقىلىق « شىنجاڭ » دىكى يەرلىك مىللەت خەلقلىرى بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنى ھەم يوقۇتالماي ھەم ئاسسىمىلياتسىيە قىلالمىغانلىقىنىڭ تەجرىبە- ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش ۋەزىيىتىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، قىسمەن ئۇيغۇرلاردىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزگەن مىللىي باراۋارسىزلىك، مىللىي زۇلۇم، ئىقتىسادىي باراۋەرسىزلىك ۋە دىنىي ئېتىقاد سىياسەتلىرى ۋە مىللىي باستۇرۇلۇشلىرىغا بولغان قىسمەن زوراۋانلىق قارشىلىقلىرىنى باھانە قىلىپ ، 2017- يىلدىن باشلاپ  شەرقىي تۈركىستاندا  ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا ئىنسانىيەتكە قارشى بولغان ۋەھشىيانە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى روياپقا چىقاردى

نۆۋەتتە، خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى « دىنىي ئەسەبىيلىك »، « بۆلگۈنچىلىك » ۋە « ئىككى يۈزلىمىچىلىك قارشى تۇرۇش » دېگەندەك سىياسىي ھەرىكەتلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش بىلەن ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈرك مۇسۇلمانلىرى، تۇڭگان ۋە تاجىك مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا مىللەتلەرگە بولۇپمۇ  ئۇيغۇر تۈرك مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا كەڭ كۈلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن فاشىستلەرچە شۇغۇلانماقتا. بىر نەچچە مىليۇندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستانلىق تۈرك مۇسۇلمانلىرى ، تۇڭگان ۋە تاجىك مۇسۇلمانلىرىنى ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەت ئۆتىمەي جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سۇلاپ، قىيىن- قىستاقلارغا ئالماقتا،خىتاي گۇدىپاي جاللاتلار تۇتقۇنلارنى ۋەھشىلەرچە ھەر خىل دەھشەتلىك ئۇسۇل ۋە ۋاسىتىلار ئارقىلىق، ئادەم  كۆرسىمۇ، چىداپ تۇرالمايدىغان تەن جازالىرى بىلەن قىيىنىماقتا.  ئۇلار تۇتقۇنلارنى ئادەم قىيىنايدىغان « يولۋاس » ئورۇندۇقتا سائەتلەپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇش، پۇت- قولى كويزا- كىشەنلىك ھالدا سائەتلەپ ئىسىپ قويۇش، بەدىنىگە توك چېتىپ قويۇش، تىرناقلىرىنى يۇلۇپ ئېلىش، بەدىنىنى تاماكا بىلەن كۆيدۈرۈش، ئىتقا تالاتقۇزۇش، سۇ كۆلچىكىگە سائەتلەپ چىلاپ قويۇش، ئاچ قويۇش، سۇ بەرمەسلىك، تاھارەت قىلىشقا رۇخسەت بەرمەسلىك ۋە ئۇخلاتماسلىك قاتارلىق ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشلىرى بىلەن ئازاپلىماقتا، ئۆلتۈرمەكتە. مىللىي ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىپ نومۇسىغا تەگمەكتە. ھەتتا بىگۇناھ تۇتقۇنلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئورگان ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانماقتا. تۇتقۇن قىلىنمىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈرك مۇسۇلمانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق دىكتاتورلىق رېجمى ئاستىدا كۈن ئۆتكۈزمەكتە.

خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا، نۆۋەتتە تاجاۋۇزچى خىتاي ئىمپېرىيىسى خەلقئارا جامائەتنىڭ قاتتىق قارشىلىق قىلىشىغا قارىماستىن، شەرقىي تۈركىستاندا يۈگۈزۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى بولغان ئىرقىي ئىرغىنچىلىقىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك مىللەتلىرىنى بۇ زىمىندىن يوقىتىش ئۈچۈن ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق تۈركىي مىللەتلەر ۋە باشقا يەرلىك مىللەت خەلقلىرىنى جازا لاگېرلىرىغا سۆلاپ ئۆلتۈرمەكتە،

جەمئىيەتدە قالغان يەرلىك خەلقلەر يوقىرى تېخنولوگىيە ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك نازارەت ئاستىدا كۈن كەچۈرمەكتە. خىتاي كومپارتىيىسى خەلقلەرنىڭ كىملىكىنى ئۆزگەرتىش ئۇستىدە ھازىرقى زاماننىڭ ئەڭ ئېلغار پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى قوللىنىپ، بۇ كىشلارنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ غايىسىغا لايىق « پراگراممىلاشقان » ئادەملەرگە ئايلاندۈرۈش بىلەن ئەپلەشمەكتە.

نۆۋەتتە، شەرقىي تۈركىستاندا تۈرك مۇسۇلمان مىللەتلەر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەر بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھېچقانداق سىياسي ۋە كىشلىك ھوقۇقلىرى يوق بولۇپلا قالماستىن، ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قىلش بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىملىكلىرىنى يوقىتىش ئالدىدا تۇرۇپلا قالماستىن،يەنە پۈتۈن مىللەت تەرىقىسىدە يوقۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا. ئۇلارنىڭ پۈتۈن تەقدىرى خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى.

شەرقىي تۈركىستان تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىملىكىنى يوقىتىش

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى ئۆتمۇشتىكى خىتاي سۇلالە ۋە ھۆكۈمەتلىرى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ 70 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلالمىغانلىقىنىڭ تەجرىبە- ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، بىر مىللەتنى ئاسسىمىلياتسىيە ئۈچۈن ئىشنى شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيەت ( كىملىك ) ئالاھىدىلىكىلىرىنى تۈپتىن يوقىتىش — مىللەت روھى، تىل-  يېزىقى، دىنىي ئىتىقادى، مەدىنىيتى ۋە ئىقتىسادىنى بەربات قىلىشتىن باشلاش كىرەك ئىكەن، يەنى شۇ مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى ۋە ئۈسىتقۇرۇلمىسىنىڭ پۈتۈن قۇرۇلمىلىرىنى يۇقىتىشتىن باشلاش كىرەك ئىكەن، دېگەن ئاڭغا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن،ئۇلار ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مۇدھىش ئىشنى–  ئۇيغۇرنىڭ  مىللەت مەۋجۇدىيەت ( كىملىك)  يەنى ئۇيغۇرلۇق ئالاھىدىلىكىلىرىنى يوقىتىشتىن باشلىدى.

بىر مىللەتنىڭ مەجۇدىيەتلىكىدىكى ( كىملىكىدىكى ) ئەڭ تۈپكى ئامىللارنىڭ بىرى شۇ مىللەتنىڭ ئېتنىك بىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى بولسا، يەنە بىر ئامىلى شۇ مىللىتىنىڭ نامىدۇر ھەمدە بۇ نام بىلەن پەخىرلىنىش روھىدۇر. مىللەت نامى دەل شۇ مىللەتنىڭ مەجۇدىيەتلىكىنىڭ( كىملىكىنىڭ) ئوبىيېكتىپ (رېئال) سىمۋولىدۇر. بۇ مىللەت نامى– كىملىكى بولسا نۇرغۇن كاتېگورىيەلەرنى– مىللەت روھىى ، ماكانى تىلى- يېزىق ، دىنىي ئېتىقادى، تارىخى، ئارخېئولوگىيىسى، ئېتنوگرافىيىسى، مەدەنىيەت – مائارىپى، ئەدەبىيات – سەنئىتى، سىياسەت- مەمۇرىيىتى، ئىقسىسادى ، قوراللىق كۈچلىرى ۋە تۇرمۇش ئۆرپە ئادەتلىرى قاتارلىقلارنى يەنى شۇ مىللەتنىڭ مىللىي ئىقتىسادىي ئاساسى ۋە ئۈسىتقۇرۇلمىسىنىڭ پۈتۈن قۇرۇلمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2017- يىلدىن بۇيان خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت كىملىكىدىكى  ئەڭ تۈپكى ئامىللارنىڭ بىرى بولغان ئېتنىك بىئولوگىيىلىك ئامىل ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەر خىل يولسىز ۋە ئىنسان قىلىپدىن چىققان ئۇسۇل ۋە ۋاستىلار بىلەن ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا. خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلمىساڭ، ئاتا- ئاناڭ ، ئاكا- ئۇكاڭ، ھەدە- سىڭللىرىڭ ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىڭ مەڭگۈ جازا لاگېرلىرىدىن چىقمايدۇ، دەپ تەھدىت سالماقتا. شۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي شەرقىي تۈركىستاندىكى بەزى ناھىيەلىرىدە مەجبۇرلانغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتايلار بىلەن كوللېكتىپ توي موراسىملىرى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇر قىزلىرىنى تۈركۈم- تۈركۈملەپ مەجبۇرىي ھالدا خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە يۈتكىمەكتە.  ئەقلاقسىزلىق، نومۇزسسىزلىك ۋە شەرمەندىچىلىكتە دۇنيادا تەڭدىشى يوق، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خىتاي كوممۇنىستلىرى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك بىئولوگىيىلىك ئامىل ئالاھىدىلىكلىرىنى  يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان قانداقتۇر  ئاتالمىش « قوشماق تۇغقان بولۇش » سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى بىلەن ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەت ئۆتەلمەي جازا لاگېرلىرىغا سولانغان ئەرلەرنىڭ ئويلىرىگە زورلۇق- زومبۇلۇق بىلەن باستۇرۇپ كېرىپ قونماقتا.

خىتاي كومپارتىيىسى  ۋە ھۆكۈمىتى « خىتاي دۆلەت  تىرىتورىيەسى » ئىچىدە ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈرك  قوۋملىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتىش ئۈچۈن  ئىشنى ئۇلارنىڭ دەل بۇ مىللەتلەرنىڭ مىللەت كىملىكىنى يەنى مىللىي ئىقتىسادىي ئاساسى ۋە ئۈسىتقۇرۇلمىسىنىڭ پۈتۈن قۇرۇلمىلىرىنى يۇقىتىشتىن باشلىدى. پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بۇ ئىرقىي  قىرغىنچىلىقىنى دەرھال توختىتىش ھەققىدىكى قەتئىي تەلەپلىرىغا پەرۋا قىلماي، خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۆزلىرىنىڭ يىرتقۇچلۇق ماھىيىتىنى تۆلۈق ئاشكارلاپ ھىچ  قانداق ۋاستە تاللىماي، بۇ  فاشىستلىق پىلانىنى ئەمەلىيىلەشتۈرۈش ئۈچۈن غالجىرلەرچە كېرىشىپ كەتتى.

گېرمانىيەلىك ئىسلامشۇناس پروفېسسور پائۇلا شرودې شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى مۇنداق تەسۋىرىلدى : « بۇ يەردە بىر ئىنسان ئۆزى تولىمۇ خاتا دەپ قارىغان بىر ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلىنىدۇ. مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋاقتىمدا دەل مۇشۇنداق ئەھۋاللارغىمۇ دىققەت قىلغانىدىم. باشقا بىر نەرسە يېيىش ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنى پەرقلەندۈرۈش، يەنى مۇسۇلمان بىلەن مۇسۇلمان بولمىغانلارنى ئايرىشتا ھالال ۋە ھارام يېمەكلىكلەر، پاكىز ۋە مەينەت نەرسىلەر بىلەن ئوزۇقلىنىش، يەنى چوشقا گۆشى بىلەن ئوزۇقلىنىش ۋە ئوزۇقلانماسلىق ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيىتىدىكى كىملىكىنى ئېنىقلىشىدا ئالاھىدە سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە. بۇ خىل سىمۋوللۇق مەنە تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن قارىلىدىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە چوشقىنىڭ مەينەت ئىكەنلىكىگە ئوخشاش ناھايىتى كۆپ چۈشەنچىلەر بىلەن باغلانغان بىر نازۇك تېما. ئەگەر ئۇيغۇرلار ئۆز ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنى ناھايىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان جەمئىيەت قارىشىغا قارشى بىر ئىش قىلىشقا مەجبۇرلاش، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى ئاشۇ كۈچلۈك جەمئىيەت تۈزۈلمىسىدىن يىراقلاشتۇرۇش، ئۇلارنى باشقا بىر خىل ئادەم قىلىپ ئۆزگەرتىش مەقسىتىدە قىلىنغان ئىشلاردۇر. بىزنىڭ بۇ كۈنلەردە كۆرىۋاتقىنىمىزمۇ دەل مۇشۇنداق ئەھۋالدۇر. بۇنداق قىلمىشلارغا مەجبۇرلاش ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ نازۇك كىملىك قارىشىغا دەخلى-  تەرۇز يەتكۈزگەنلىكتۇر. ».

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى،سەن  بىر مىللەتنىڭ كىملىكىنىڭ مۇھىم ئالامەتلىرىدىن بولغان مىللەت روھىى، ماكانى، تىلى- يېزىق ، دىنىي ئېتىقادى، تارىخى، ئارخېئولوگىيىسى، ئېتنوگرافىيىسى،  مەدەنىيىتى، ئەدەبىيات – سەنئىتى قاتارلىقلارنى زوراۋانلىق بىلەن يوقىتىپ، خىتايلارنىڭ كىملىكىگە ئوخشاپ قالغان يەنى خىتايلارغا (جۇڭخۇالارغا) ئوخشاش تىل ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە بولۇپ قالغان ئۇيغۇرلارغا  سىلەر خىتايدىكى  مىللەتلەرنىڭ بىرى  دېسەڭ ، سىلەرنىڭ  بۇ  گېپىڭلار جىڭ باسامدۇ؟!

شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن جاللات شېڭ شىسەي شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە چىداپ بولغۇسىز زۇلۇملارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق  مۇسۇلمان  تۈرك مىللەتلەرنىڭ كىملىكى– مەۋجۇدىيەتلىكىگە چىقىلمىغان ئىدى. لېكىن، خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى تۈرمە، جازا لاگېرى ۋە جەمىئەتتە بولمىسۇن، بارلىق تۈرك مىللەتلىرىگە قارىتا « دۆلىتىم جۇڭگو» ، « مىللىتىم جۇڭخۇا» دېگەنلەرنى زوراۋانلىق بىلەن تېڭىپ، ئۇلارنىڭ مىللەت كىملىكىنى ئۆزگەرتىشكە ئورۇنماقتا.

تۆۋەندە  خىتاي كومپارتىيىسى ۋە خىتاي جۇڭخۇا ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىملىكىنى يوقىتىش جەھەتتىكى ئىسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئايرىم- ئايرىم كاتېگورىيەلەر بۇيىچە بايان قىلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىملىكىنى يوقىتىش جەھەتتىكى جىنايەتلىرى

نۆۋەتتە خىتاي جۇڭخۇا ئىمپېرىيىسى ھازىرقى زاماندىكى مۇستەملىكىسى بولغان شەرقىي تۈركىستاننى مەڭگۈلۈك ئۆزىنىڭ زىمىنى قىلىۋېلىش ئۈچۈن يەرلىك  مىللەتلەر بولۇپمۇ مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەر جۇملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىملىكىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت بولغان ئىنسانىيەتكە قارىشى جىنايەت بىلەن جىددى ۋە ۋەھشىلارچە شۇغۇللانماقتا. خىتاي جۇڭخۇا ئىمپېرىيىسىنىڭ بۇ جىنايىتى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلارغا سولاش ئارقىلىق ئۆلتۈرۈپ تۆگىتىش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ ئۇلارنى خىتاي مىللىتىگە ئوخشىتىپ قويۇشتىن ئىبارەت. جۇڭخۇا ئىمپېرىيىسىنىڭ بۇ ئاسسىمىلياتسىيىسى كۆپ تەرەپلىمە مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ مەزمۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادنى يوقىتىشتىن ئىبارەت.

دىن بىلەن تېررورلۇق ھەركەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ھىچ قانداق «  قانداشلىق » مۇناسىۋەت مەۋجۇت ئەمەس. ئىسلام دىنىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئىسلام دېگەنلىك تېررورلۇق دېگەنلىك ئەمەس. بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر سادىر بولغان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىر قۇر تەتقىق قىلىنسا، تىررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ ھەر خىل مىللەت ۋە ھەر خىل دىن ياكى دىنسىز ئادەملەر ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ مەلۇم بۇلىدۇ.  ئەملىيەتتە « ئىسلام » دېگەن بۇ ئەرەپچە سۆز « ئىتائەت » قىلىشتىن ئىبارەت لېكسىكىلىق مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى « تىنچلىق يولى بىلەن بىردىنبىر ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە  بويسۇنۇش » دېگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ، ئەسىرلەر داۋامىدە دۇنيادىكى مىليون –  مىليونلىغان  مۇسۇلمانلار تىنچ يول بىلەن بىردىنبىر خۇداغا — ئاللاھغا ئېتىقاد قىلىپ ئۇنىڭ ئىرادىسىگە بۇيسۇنۇپ كەلگەن.

ئىسلام دىنى «تىنچ يول بىلەن ئاللاھقا بويسۇنۇش» دىن ئىبارەت ماھىيەتلىك مەنە بىلەن يۇغۇرۇلغانلىقتىن ھەتتا ئامېرىكىدا « 11- سېنتەبر » ۋەقەسى سادىر بولغاندىن كېيىن بەزى كىشلەر بۇ يەردىكى مەلۇم مەسچىتلەرنى ۋەيران قىلماقچى بولۇپ ئۇرۇنغاندا  ئىسلام دىنىنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان نېگىزلىك ماھىيىتىنى چۆشەنگەن خرىستىئانلار كۆكرەك كېرىپ  چىقىپ، پىدائىيلىق بىلەن جەمىئەت تىنچىغىچە بىر مەزگىل كېچە- كۈندۈزلەپ، ھەر قايسى مەسچىتلەرنى مۇھاپىزەت قىلغان.  ھەي، شى جىنپىڭ، چېن چۋەنگو، سەنلەرنىڭ ئىسلام دىنىنى دېمەي تۇرايلى، ئۆزەڭلەرنىڭ خىتايلارنىڭ داۋجاۋ ى( 道教)  دىنى توغرۇلۇق ئاز- تولا بىلىمىڭلار بارمۇ- يوق؟

دۇنيادىكى بارلىق دىموكىراتىك دۆلەتلەر ئەگەر مەملىكەتلىرىدە تېررورلۇق ۋەقەلىرى سادىر بولسا،خىتاي ھۆكۈمىتىدەك ئاللاق- جاللاق بولۇپ، نىمە قىلىشنى بىلەلمەي قىلىپ، تەلۋىلەرچە ئىش قىلماستىن، شۇ ۋەقەگە چېتىشلىك كىشلەرنى قانۇن بۇيىچە بىر تەرەپ قىلماقتا، دۆلەتنىڭ تېررورلۇققا تاقابىل تۇرۇش قابىلىتىنى ئۆستۈرمەكتە ۋە پۇقرالىرىنىڭ تېررورلۇق قارشى تۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرمەكتە. بۇنىڭ ئەكىسچە، مەركىزىي خىتاي ھۆكۈمىتى يەرلىك ھۆكۈمەتكە « شىنجاڭ » دا يۈز بەرگەن ئانچە- مۇنچە « تېررورلۇق » ۋەقەلىرىنى قانۇن بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىشقا كۆرسەتمە بېرىشنىڭ ئورنىغا، قىنى- قىنىغا پاتماي « ياخشى بولدى، ھەممسىنى بىر يولىلا جايلايمىز» دېيىشىپ، قاقاقلىشىپ،گۇلقەقەلىرى ئېچىلىپ، غەرەزلىك ھالدا بۇ ۋەقەلەرنى سۇيىئىستېمال قىلىش بىلەن بىرگە يەنە يەرلىك خىتاى ھۆكۈمىتى دائىرلىرىنىڭ « شىنجاڭ » دىكى « تېررورلۇق »  ۋەزىيىتىنىڭ  « ئېغىر ۋە جىددىيلىقى » نى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە كۆرسۈتۈپ ئىسپاتلاش ئۈچۈن سۇيىقەستلىك بىلەن پىلانلىغان « تېررورلۇق » ۋەقەلىرىنى دەستەك قىلىپ،« ئىسلام دىنىغا بارلىق تېررورلۇق ھەركەتلىرىنىڭ تۈپ ئىدېئولوگىيە مەنبەئەسى، < شىنجاڭ > غا تېررورلۇق ھەركەتلىرىنىڭ ماكانى، ئۇيغۇرلارنى تېررورچى » دەپ دىئاگنوز قۇيۇپ، ئىسلام دىنىنى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا يوقۇتۇش ۋە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى بىر تەرەپتىن يوقىتىش، بىر تەرەپتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت سۇيىىقەستلىك شۇم نىيىتىگە يەتمەكچى بولدى . قىسقىسى، « جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا » دېگەندەك، خىتاي كومپارتىيىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى «  تېررورلۇق » نى تۈپ يىلتىزىدىن قىرقىشنى باھانە قىلىپ، « بىر چاممىدا ئىككى پاختەكنى سوقماق» نى پىلانلاپ خىتايدا ئىسلام دىنى ۋە بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمانلىرى ، تۇڭگان   ۋە تاجىك مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىملىكىنى يوقاتماقچى.

خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ 2018- يىل 4- ئاينىڭ 19- كۈنى تارقاتقان « < نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئىسلام دىنى خىزمىتى ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھىسى >> دەپ ئاتالغان 24- نومۇرلۇق ھۆججىتىدە ھەرقايسى ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلاردىن << خىتاي دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلام دىنىي ئېتىقاد رايونلىرىدا خىتاي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن يىراقلىشىش ياكى يوقىتىش خاھىشى >> چەكلەش ياكى تۈزىتىش تەلەپ قىلىنغان. ھۆججەتتە بولۇپمۇ ئىسلام دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى بولغان مەسچىتلەر قۇرۇلۇشى، دىنىي ئۇسلۇبتىكى كىيىنىش، دىنىي پائالىيەت، دىنىي ئېتىقاد ئادەتلىرى، دىنىي تەلىم- تەربىيە ۋە ئەرەب تىلى ئۆگىنىشى قاتارلىقلاردا <<  ئەرەبلىشىش  >> كە چەكلىمە قويۇش تەلەپ قىلىنغان. > دېيىلگەن. ».

ھەي، خىتاي دائىرلىرى ئۆزەڭلەرنىڭ نىمە ھەققىدە سۆزلەۋاتقىنىڭلارنى ئۆزەڭلەرنىڭ قولۇقىڭلار ئاڭلاۋاتامدۇ- قانداق؟ ئۆزەڭلەر سۆزلەۋاتقان تېمىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەنتىقلىق مۇناسۋەتنىڭ بار- يوقلىقىنى بىلەمسىلەر- قانداق؟  ئىسلام دىنى بىلەن خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئارىسىدا قانداقمۇ مۇناسىۋەت بولسۇن؟ ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ دىنى بىلەن شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى ئارىسىدا مۇئەييەن مۇناسىۋەت مەۋجۇت.  مەسىلەن، خىتايلارنىڭ داۋجاۋ دىنىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن مۇئەييەن مۇناسىۋىتى مەۋجۇت. ئىسلام دىنىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋېتى مەۇجۇت.  ئىسلام دىنى ئەرەپ  ئىدېئولوگىيىسى ۋە ئەرەپ مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىدا شەكىللەنگەن بىر خىل دىن.  ئەرەپ مىللىتىدىن باشقا مىللەتلەر ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن  ئسلام دىنىنىڭ ئاساسىدا بۇ دىنغا ئۆز مىللتىنىڭ بەزى ئۆرپە- ئادەتلىرىنى بىرلەشتۇرۇپ، ئۆز مىللىتىگە خاس بولغان يەرلىك تۈسنى ئالغان ئىسلام دىنى ئېتىقادى ۋە مەدىنىيىتىنى شەكىللەندۇرگەن. شۇڭلاشقا، قانداق قىلىپ ئىسلام دىنىنىڭ « خىتايدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان خىتايلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ ئەنئەنىسىدىن يىراقلىشىش » دىن گەپ ئېچىش مۇمكىن؟ گەپنىڭ پوستكاللىسى، سەنلەرنىڭ بۇنداق گەپلىرىڭلار « بىزنىڭ مەقسىتىمىز خىتايدا ئسلام دىنىنى يوقىتىش » دېگەن گەپنىڭ  ھازىرچە ۋارىيانتى،خالاس.

گەرچە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇندا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بار دەپ ئېنىق يېزىلغان تۇرۇقلۇق، خىتاي دائىرىلىرى تۈرك مۇسۇلمانلىرى ، تۇڭگان ۋە تاجىك مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىسلامىي پەرزلەرنى ئادا قىلىشغا توسقۇنلۇق قىلماقتا  ۋە چەكلىمەكتە. ئىسلام  دىنىنىڭ   ئىبادەت سورۇنى–  مەسچىتلەر«  مەسچىتلەرنى ئىخچاملاشتۇرىش » باھانىسى بىلەن  چاقتۇرۇ لماقتا. « <<  ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى >> نىڭ خەۋىرى بۇيىچە ئېيتقاندا خوتەن شەھەر ئىچى ۋە ئەتراپىدا چېقىۋېتىلگەن قەدىمىي مەسچىتلەردىن ئاۋرال مەسچىتى، نۇرلۇق جامەسى، ھېيتگاھ مەسچىتى، بەيتۇللاھ مەسچىتى، بەيتۇلمەمۇر مەسچىتى، جۇجان دەرۋازا مەسچىتى ۋە ئاتبازىرى مەسچىتى قاتارلىق 13 مەسچىت ئىكەن. »،« ئاقسو توقسو ناھىيىسىنىڭ يۇلتۇز باغ بازىرىدىكى20 مەسچىتتىن11چېقىۋېتىلگەن. ».  ئەركىن رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلىمىنىڭ ئاڭلىتىشىچە، قومۇل شەھەرىدىكى 800 دىن ئارتۇق مەسچىتدىن 80 نەچچىسى ساقىلىنىپ قىلىپ، قالغانلىرى چېقىۋېتىلگەن. ساۋان ناھىيىسىنىڭ شۇمۇگو دېگەن جايدىكى تۇڭگانلارنىڭ بىر مەسچىتى ئۇقتۇرۇشسىز چېقىپ تاشلانغان. »، « يېقىندا ئەنگىليەدىكى بىر تور بەتنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىكى 800 يىللىق ھېيتگاھ جامەسىنى چېقىۋەتكەنلىكىنى دەلىللىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ». خىتاى دائىرلىرى  رەزىللىكتە شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، نامازخانلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مەسچىتلەرنى چېقىپ، چىرايىدا ئۆزگۈرۈش بولغان نامازخانلارنى جازالىغان. خىتاي چىقىلماي قالغان مەسچىتلەرنى قەدەممۇ قەدەم ھەر خىل تىجارەت قىلىش ئورۇنلىرىغا ئۆزگەرتمەكتە. ئاز ساندىكى ساقلىنىپ قالغان مەسچىتلەر يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ كېچە- كۈندۈز قاتتىق نازارىتى ئاستىدا تۇرماقتا. يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرلىرى مەخسۇس كادىرلارنى بەلگىلەپ، مەسچىتلەردە تۇغۇزۇپ، نامازخانلارنىڭ پۈتۈن پائالىيەتلىرىنى كۆزەتمەكتە. ناماز ئوقۇش ئۇچۇن مەسچىتلەرگە كېرىشتە نامازخانلارنىڭ قوللىرىدا ناھىيىدىن يوقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن تارقىتىلغان كىنىشكا ھازىر بولۇشى شەرت. « خىتاينىڭ <<  يەر شارى ۋاقتى گېزىتى >> نىڭ 10- ئىيۇندىكى ئىنگلىزچە خەۋىرىدە بۇ يىللىق روزا ھېيت ھارپىسىدا پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە يەنە خىتاي دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى 1‏- ئىيۇن چىقارغان ئۇقتۇرۇشىدىن نەقىل ئېلىنىپ، مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇيدىغانلارنىڭ چوقۇم كىنىشكا ئېلىشى كېرەكلىكى، كىنىشكىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورگاننىڭ تەستىقلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ».

دىنى تەلىم تەربىيە قەتئىي چەكلەنگەن. كىمكى بۇ ئىش بىلەن شۇغۇللانسا، تۈرمىگە تاشلانغان. «  ئاتۇشنىڭ ئازغان كەنتىدىكى تىجارەتچى ۋەلى مەمەت لاگېردا جان ئۈزگەن.  ۋەلى مەمەتنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ۋەلى مەمەت 10 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا پەرزەنتلىرىنىڭ قۇرئان ساۋاتىنى چىقىرىش ئۈچۈن مەھەللىدىكى بىر ئائىلىۋى دىنىي مەكتەپكە بەرگەن. بۇ قىلمىش ئۆتكەن يىلغا كەلگەندە دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى دەپ قارىلىپ، ئۇنىڭ تۇتۇلۇشىغا سەۋەب بولغان. »، « قىرغىزىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقان 40 ياشلار چامىسىدىكى مەمەتجان ئېلىنىڭ ئاتۇشتا بۇنىڭدىن 15 يىللار ئىلگىرى ئالەمدىن ئۆتكەن مەشھۇر دىنىي زات رۇستەم قارىھاجىنىڭ ئۆلۈم مۇراسىمىدا شاھادەت بارمىقىنى كۆتۈرۈپ تەكبىر ئىشارىتى قىلغانلىقى ئۈچۈن لاگېرغا سولانغان. ».

ئىسلام دىنىغا ئائىت  ھەر قانداق كىتاب- ژورناللار ۋە بۇيۇملارنى ئىشلىتىش چەكلەنمەكتە، ھەتتا بۇ كىتاب- ژورنال ۋە بۇيۇملار يىغىشتۇرۇلماقتا ۋە كۆيدۈرلمەكتە؛ بۇ بۇيۇملارنى ساقلىغانلار جازا لاگېرىغا سۇلانماقتا. ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى– « قۇرئان كەرىم » نى ئويدە ساقلاشقا رۇخسەت قىلماي، تەشكىلگە تاپشۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇرلىماقتا. ھاتتا كىشلەردىن مەجبۇرىي يىغىپ ئېلىنغان « قۇرئان كەرىم » باشقا دىنىي كىتابلار بىلەن بىرگە قوشۇپ دۆۋە- دۆۋە قىلىپ كۆيدۈرمەكتە. خىتاي دائىرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ساۋان ناھىيىسىدە  « قۇرئان كەرىم » نى دۇۋىلەپ كۈيدۈرۈشى ئۇلارنىڭ جىناىي قىلمىشىنىڭ  تىپىك  مىسالى. بالىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلنىڭ لېكسىكىسىدىكى ئەرەپچە – فارىسچە سۆزلەر بىلەن قۇيۇلغان ئىسملىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىماقتا. نۆۋەتتە ھەر قايسى جايلاردىكى مېيىت يۇيىدىغان ئەر- ئاياللار تۇتۇن قىلىنىپ كەتكەنلىكتىن مۇسۇلمانلارنىڭ مېيىت چۈشۈرۈش ۋە دەپىن قىلىش ئىشلىرى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.  قەبرىستانلاردا قەبرلەرنى سېمونتتن نەچچە قەۋەتلىك قىلىپ قورۇشقا كېرىشتى. تۇراقلىق ئاھالىلارنىڭ مۇتلەق كۆپى ئۇيغۇرلار بار يەرلەردە جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنى قورۇپ، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ مېيىتلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۆرپە- ئادەتلىرىغا زىت ھالدا مېيىتلارنى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىشقا ھەدەپ تەييارلىق قىلماقتا.

پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئىدارە- ئورگانلىرىدا مۇسۇلمان خىزمەتچىلەرنى ئاتېئىزمچى بولۇش، ھالال- ھارامنى پەرقلەندۈرمەسلىك ۋە ھەر ۋاقىت خىتايچە سۆزلەشكە مەجبۇرىي قەسەم قىلدۈرماقتا. خىتاي مەمۇرىيەتلىرى خىتاي ئاشخانىلىرىدا زىياپەت  تەييارلاپ، ئۇيغۇر كادىرلارنى تەشكىللەپ، ئۇلارغا  توڭگۇز گۆشنى يېگۈزمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردە مىللىي ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئسلام دىنىغا قارشى بولغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلماسلىك ئۈچۈن قەسەم قىلدۈرماقتا. يېزىلاردا دېھقانلارغا مەجبۇرىي ھالدا چوشقا باققۇزماقتا. رامازان ئىيىدا مۇسۇلمانلارنىڭ روزى تۇتۇشىنى چەكلىمەكتە. رامازان ئىيى مەزگىلىدە خىتاي دائىرلىرى زىياپەتلەرنى تەييارلاپ مۇسۇلمانلارنى مەجبۇرلاپ چۇشقا گۆشى يېگۈزمەكتە، ھاراق ئېچكۈزمەكتە.

«چېڭدۇ شەھىرىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، مەمۇرىي خىزمەت ئىشلەۋاتقان يۈسۈپ رىشىت ئۆزىنىڭ << دوستۇم، سەن ماڭا مۇسۇلمانچە ئاشخانا كۆرسىتىپ، ئاۋارە بولما >> سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھالال يېمەك ئادىتىنىڭ نۇرغۇن قۇلايىسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، يېمەك- ئىچمەك پەرھىزىنى ئۆزگەرتىشنىڭ << ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش >> كە ئالاقىدار زور مەسىلە ئىكەنلىكى، شۇڭا ئۆزىنىڭ << ھارال- ھارام >> دەپ ئايرىپ ئولتۇرماسلىقنى قارار قىلغانلىقىنى ئىلان قىلغان. ».  « ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئالتاينىڭ قابا ۋە بۇرچىن ناھىيەلىرىدە چوشقا گۆشى يېيىشنى رەت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن 400 دىن ئارتۇق قازاق ئوقۇغۇچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى…. ئالتاي شەھەرلىك 1‏- ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە بۇرچىن ناھىيەلىك 1‏- ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، تۇتقۇنلاردىن 20 نەچچە نەپىرىنىڭ بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ قولتۇق بازىرىغا تەۋە ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى. ».

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى ئاتالمىش « قايتا تەربىيەلەش مەركىزى » دېگەندەك ۋېۋىسكىلارنى ئېسۋالغان  يېپىق جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلار– ئۇيغۇر، قازاق ،قىرغىز،  ئۆزبېك، تاتار،سالار، تاجىك ۋە توڭگان قاتارلىق  مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىنى ئاتالمىش « دىنىي ئەسەبىلىك» ۋە « دىنىي ئاشقۇنلۇق » دېگەندەك يوقىلاڭ گۈناھلار بىلەن ئەيىپلەپ، قانۇنىي رەسمىيەتسىز ھالدا  ئۇلارنى تۈركۈم – تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىپ، بۇ مۇدھىش جازا لاگېرلارغا سۆلاپ،« مىڭە يۇيۇش » يەنى « قىزىللاشتۈرۈش » تەربىيىسىنى ئېلىپ بارماقتا.  « قىزىللاشمىغانلار » نى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىشتەك جىنايەت بىلەن شۇغۇللانماقتا.  رۇقىيە پەرھاتنىڭ تۈرمىدىكى قىسمەتلىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. رۇقىيە پەرھات ئىسلام دىنى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، 9 ياشتىن 16 ياشلاردىكى ئۇن نەچچە بالىلارغا دەرىس بىرېۋاتقاندا  ساقچىلار تەرىپىدىن بالىلار بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنىپ، 9 يىلغا كېسىلىپ تۈرمىگە تاشلانغان.  ئۇ بالىلار بىلەن بىرگە قېيىن- قىستاق ۋە تەن جازالىرىغا ئۆچرىغان. ئۇلارنى ئىتلارغا تالاتقۇزغان. كىچىك بالىلاردىن تۆت- بەشى قۇرقۇپ كېتىپ، نەق مەيداندا جان ئۆزگەن.  « < قاراقاشنىڭ زاۋا يېزىسى تۆگەتوغراق كەنتىدىكى بانۇخان روزىمەمەت ئىسىملىك 40 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال ئۆتكەن ھەپتە تۈرمىدە جان ئۈزگەن. > ،<  بۇ يىل 40 نەچچە ياشلارغا كىرگەن، 3 بالىنىڭ ئانىسى بولغان بانۇخان روزىمەمەت قاراقاش ناھىيىسىدىكى ئاتالمىش بوستانكۆل << تەربىيىلەش مەركىزى >> بىلەن يانمۇ يان جايلاشقان بوستانكۆل تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ھاياتىدىن ئايرىلغان. > ، < بانۇخان روزىمەمەت << توپلىشىپ تەبلىغ ئاڭلاش >> جىنايىتى سەۋەبلىك 11 يىللىق كېسىلگەن ئىكەن. > ».

ھەي، خىتاي ھۆكۈمىتى، سەنلەر باستۇرۇش ۋاسىتلىرىنى ئىشلىتىپ شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارنى مەجبۇرىي ھالدا خىتايشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ جىنايى قىلمىشڭلارنىڭ چارروسىيەنىڭ ئايال پادىشاھىII يېكارتېرنانىڭ  XIX ئەسىردە 200 مىڭ مۇسۇلمان تاتارنى مەجبۇرىي خرىستىيان قىلغانلىقىدىن نىمە پەرقڭلار قالدى؟   ( ئامېرىكا، گاۋىن ھامىلى : « ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى تېزسلىرى »  دىن،2008- يىل نەشرى)

گېرمانىيەلىك ئىسلامشۇناس  پروفېسسور پائۇلا شرودې « بۇنداق بىر خەۋەرگە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.  ئەسلىدە چوقۇم قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك بىر سەۋەب ئېنىق بولغان بولسا ئىدى ياكى بىر گۇناھ سادىر قىلغان بولسا ئىدى، ئۇنىڭ تۇتۇلۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولاتتى. باشقىلارمۇ ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلغانلىقىنى بىلگەن بولاتتى.  بۇنداق بىر مەلۇمات بولغاندىلا باشقىلار ۋەقەنىڭ جەريانىنى كۆزىتەلەيتتى.  قولغا ئېلىنىش سەۋەبىنى بىلەلەيتتى. ئەپسۇسكى، ھېچكىمنىڭ خەۋىرى بولماستىن، ئۇنىڭ ئىز- دېرەكسىز غايىب بولۇشى ھەقىقەتەن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئىش. ».

ھەي،خىتاي كوممۇنىستلىرى، سەنلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا قانداقتۇر « دىنىي ئەسەبىلىك » ۋە « دىنىي ئاشقۇنلۇق » دېگەندەك بولمىغۇر گۈناھلارنى چاپلاپ، ئۇلارنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە تاشلاۋاتىسىلەر. ئەندى كېلىپ گەنسۇ، نىڭشا، يۇننەن ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگانلار ۋە تۈرك سالار مۇسۇلمانلارنىڭمۇ نورمال ئىسلام دىنىي پائالىيەتلىرىنىمۇ چەكلەۋاتىسىلەر. ئۇلارنىڭ مەسچىتلىرىگە  قاريتا بۆزغۈنچىلىك قىلىش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنۋاتىسىلەر. يۇننەن ئۆلكىسىدىكى 1600- يىللىرى سېلىنغان قەدىمىي تارىخىي مەسچىتنى يەرلىك مۇسۇلمان تۇڭگانلارنىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن چاقماقچى بولىۋاتىسلەر؟ ئەندى سەنلەر گەنسۇ، نىڭشا ۋە يۇننەنلىك مۇسۇلمان تۇڭگانلارنىڭ دىنىي ئىتقادىغا بۆزغۈنچىلىق قىلىۋاتقىنىڭلارنى قانداق چۆشەندۈرۈسىلەر؟ ئۇلارمۇ سەنلەر « شىنجاڭ » دا تۆقۈپ چىقارغان قانداقتۇر « دىنىي ئاشقۇنلۇق »، « دىنىي ئەسەبىيلىك »، « بۆلگۈنچىلىك » ۋە « ئىككى يۈزلىمىچىلىك » لەر بىلەن ھەپلىشۋېتىپتىمۇ؟ سەنلەرنىڭ گەنسۇ، نىڭشا، يۇننەنلىك مۇسۇلمان تۇڭگانلار ۋە مۇسۇلمان تۈرك سالارلارغا قارىتا يۈرگۈزۋاتقان جىناىي قىلىمىشڭلار شۇنى ئېنىق ئاشكارلاپ بېرىدىكى، سەنلەرنىڭ شۇم نىيتڭلار پەقەت « شىنجاڭ » دىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن خىتاي مىقىياسىدا ئىسلام دىنىنى يوق قىلىش بىلەن بىرگە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنى ۋە خەلقلەرنى يوقىتىشتىن  ئىبارەت.

«فىرانسىيە ئاۋازى » نىڭ 7- يانۋاردىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 5- يانۋار كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىنگلىزچە تور بېتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى 8 ئىسلام دىنىي جەمئىيەتلىرى خادىملىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن 5 يىللىق «  ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇش » پىلانىنى ماقۇللىغانلىقى ئېلان قىلىنغان . ».

«بۇ يىل ياز پەسلىدىكى ساياھىتى جەريانىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئەھۋالنى ئېنىقلاپ بېقىشقا بەل باغلىغان بولسىمۇ، جوئاننا سىمىس باشقا چەتئەللىكلەرگە ئوخشاشلا يەرلىك كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىشكە قادىر بولالمىغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: < قەشقەردە مەن نۇرلان مېھمانخانىسىغا چۈشتۈم. ئەسلىدە بۇ مېھمانخانىنىڭ ئىسمى <<  سۇلتان مېھمانخانىسى >> ئىكەن. بۇ نام بەك سەزگۈر دەپ قارالغاچقا ئۇنىڭ نامى ئاشۇنداق ئۆزگەرتىلىپتۇ. بۇنىڭدىن ئازراقلا ماڭساق ھېيتگاھقا بارغىلى بولىدۇ. ھېيتگاھقا كىرىپ قارىسام تاملارغا نەقىش قىلىپ ئويۇلغان ئەرەبچە تېكىستلەر ئۆچۈرۈلۈپ، ئورنىغا << مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بەخت، بۆلگۈنچىلىك ئاپەت >> دېگەندەك تەشۋىقاتلار ئېسىپ قويۇلۇپتۇ. مەن ئىلگىرى زىيارەت قىلغان بىرنەچچە مەسچىتكە بېرىپ باقسام ھەممىسىگە پېچەت سېلىپ قويۇپتۇ. يول بويىدىكى ئايالدىن بۇ مەسچىتكە كىرىدىغانلار نەدە، دەپ سورىسام << ھەممىسىنى ئەكەتتى >>  دېدى. نەگە ئېلىپ كەتكەنلىكىنى سورىسام ئۇ ئايال ئۈندىمىدى. بىز بۇ يەردە لاگېرلار ھەققىدە كەڭ- كۇشادە پاراڭلاشقان بىلەن ئۇ جايدا كىشىلەر لاگېر ھەققىدە سۆز قىلىشتىنمۇ قورقىدىكەن. مەن يول بويىدا گۈللەرنى سۇغىرىۋاتقان بىر بوۋاينى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن بىر نەرسە سورىماقچى بولۇپ ئاغزىمنى ئۆمەللىشىمگە ئۇ << ئارقىڭىزغا يېنىڭ. ماڭا سۆز قىلماڭ. سىز بىلەن گەپلەشسەم تۈگىمەس بالاغا قالىمەن>>، دەپلا گەپنى ئۈزۈۋەتتى. ».

30 يىللىق ھاياتى خىتايدا ئۆتكەن ئامېرىكىلىق يازغۇچى تېرىسا بۇكزاكى خانىم مۇنداق دېدى: « < ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ قورقۇنچلۇق مەسىلە. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئېتىقادى بار كىشىلەرنى كونترول قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلار ئېتىقادتىن قورقىدۇ. ئۇلار كاتولىك مۇخلىسلىرىدىن، خرىستىئان مۇخلىسلىرىدىن، مۇسۇلمانلاردىن، فالۈنگوڭ مۇرىتلىرىدىن قورقىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلاردا ئېتىقاد بولغىنى ئۈچۈن. چۈنكى، مەيلى ئۇيغۇرلار بولسۇن، يەر ئاستى خرىستىيان مۇرىتلىرى بولسۇن، ياكى فالۈنگوڭ مۇرىتلىرى بولسۇن ئۇلار كوممۇنىزىمغا ئىشەنمەيدۇ، كومپارتىيەگىمۇ ئىشەنمەيدۇ. ئەمما بۇ دۆلەتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن كومپارتىيە كىشىلەرنىڭ پەقەت ئۆزلىرىگىلا ئىشىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما ئېتىقادى بولغان بۇ كىشىلەر ئەمەلىيەتتە كومپارتىيەگە ئىشەنمەيدۇ. مانا بۇ مەسىلىنىڭ ھالقىلىق يېرى. مەن بۇنى ئەينى چاغدىلا ھېس قىلىپ يەتكەن ئىدىم. كومپارتىيە ئېتىقادى بولغان كىشىلەردىن بەك قورقىدۇ. >، < ئۇيغۇرلار، قازاقلار، قىرغىزلار شىنجاڭدا ياشاۋاتقىنىغا 1000 يىللاردىن ئاشقان مىللەتلەر. بۇ ئۇزۇن مەزگىللىك تارىختا ھېچقانداق خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇلارنى باشقۇرغان ئەمەس، ئۇلارغا كاشىلا قىلغان ئەمەس. چۈنكى، ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا ئېھتىياجى يوق ئىدى. ئۇلار ناھايىتى تىنچ ئىناق ھالدا ئۇ جايلاردا ياشايتتى. كېيىنكى چاغلاردىكى مەنچىڭ ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭخۇا مىنگو دۆلىتىمۇ يەرلىكتىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بۇ مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ئارىلاشمىغان ئىدى. پەقەت كومپارتىيە دەۋرىدىلا بۇ خىل دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىسى پەيدا بولدى. > ».

ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئېلان قىلىنغان خالىد بەيدون تەرىپىدىن يېزىلغان « خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىسلام دىنى چوقۇم داۋالاش كېرەك بولغان << روھىي كېسەل >> » ناملىق ماقالىدا « ئاپتور << ئاتلانتىك >> ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى سىگال سامۇئەل خانىمنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ھەققىدىكى دوكلاتىمۇ نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، دوكلاتتا تۇتقۇنلارنىڭ ئىسلام دىنىدىن ۋاز كېچىشكە، ئىسلام ئەقىدىسىنى ئەيىبلەشكە زورلىنىدىغانلىقى، شۇنداقلا ھەر كۈنى نەچچە سائەت خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى مەدھىيىلەيدىغان قىزىل ناخشىلارنى يادلاشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقى بىرمۇ بىر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلاتتا يەنە ئەر تۇتقۇنلارنىڭ چېچىنىڭ مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىلىپ، ئىسلام دىنىدا ھارام بولغان چوشقا گۆشى ۋە ھاراق- شارابنىڭ مەجبۇرىي يېگۈزۈپ- ئىچۈرىلىدىغانلىقىمۇ ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. >، < ئاپتورنىڭ ماقالىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ << مېڭە يۇيۇش >> پروگراممىسىدىن كىچىك بالىلارمۇ قېچىپ قۇتۇلالمىغان. لاگېرغا ئەكېتىلگەن ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلىرى مەجبۇرىي ھالدا ھۆكۈمەت ئېچىۋالغان دارىلئېتاملارغا ئاپىرىپ قويۇلغان. ئاپتورنىڭ دېيىشىچە، بۇنداق قىلىشنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ دىنىي ئەقىدىسى ۋە مىللىي كىملىكىنى بىراقلا ئۈزۈپ تاشلاش ئىكەن. بۇ خىل دارىلئېتاملار تاشقى دۇنياغا << مەكتەپ >> دەپ تونۇشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئۇ يەردىكى بالىلار دىنسىزلىق ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلىشقا، خىتاي كىيىم- كېچەكلىرىنى كىيىشكە شۇنداقلا ئائىلىسىدىكىلەردىن ۋاز كېچىشكە قاراپ يۈزلەندۈرۈلۈۋاتقان ئىكەن.> ».

قىسقىسى، خىتاي جۇڭخۇا ئىمپېرىيىسى شەرقىي تۈركىستانغا ئەبەدىي ئىگە بولۇش  مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا سۆلاپ قىيناپ ئۆلتۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قالغان ئۇيغۇرلارنى تەلتۆكۈس ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر كىملىكىدىكى  ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى بولغان ئىسلام دىنىي ئېتىقادىنى  سىستېمىلىق ھالدا يوقاتماقتا.      

ئۇيغۇرلارنى نوپۇس جەھەتتىن «ئاسسمىلياتسىيە» قىلىش

1949- يىلدىن ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان نوپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا يەرلىك مىللەتەر ئىگەللىگەن. خىتايلار بۇ يەردىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ پەقەت %5 ئۆپچۆرىسىدە بولۇپ، 200 مىڭ ئەتراپىدە خىتاي بار ئىدى. ھازىر بۇ يەردە تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسملار ۋە « شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قورۇلۇش ئارمىيە كورپۇسى » نىڭ نوپۇسىنى ھىساپلىمىغاندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايلارنىڭ نوپۇسى % 45  دىن  ئېشىپ كەتتى.

«1941 – يىلى شەرقىي تۈركىستاندا 187  مىڭ خىتاي نوپۇسى بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %5.0 نى ئىگەللەتتى. (چاڭ چىن يى : << شىنجاڭدىكى يەرلەردىن پايىدىلىنىش  ۋە كۆچمەنلەرنى يەرلەشتۇرۇشنىڭ ئىمكانىيەتلىرى>> »)، « شەرقىي تۈركىستاندا 1953-  يىلى خىتاي نوپۇسى 299000  گە يېتىپ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %6.1 ئىگەللىدى، 1964 يىلى 2445400 يېتىپ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %32.9     ئىگەللىدى،1982-  يىلى 5284000 يېتىپ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %40.4 ئىگەللىدى. 1990-  يىلى 5695400 يېتىپ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ % 37.6 ئىگەللىدى. 2000- يىلغا كەلگەندە 7497700 يېتىپ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %40.6 ئىگەللىدى. » ( ئامېرىكا، س. فرېدېرىك ستار( مۇھەررىر) : « شىنجاڭ »، 2004 , America,  s . Frederick Starr (editor) XINJIANG   دىكى   مەلۇماتلار).

تەبىئىي جۇغراپىيە جەھەتتىن قارىغاندا شەرقىي تۈركىستان كىلىماتى ئومۇمەن قۇرغاق، ھۈل- يېغىن كەمچىل، سۇ مەنبەلىرى مول ئەمەس، يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان بىر رايون.  يەرلىك ئاھالىلار ئاساسەن سۇ مەنبەلىرىغا يېقىن بولغان بوستانلىق ۋادىلار ۋە يامغۇر- يېشىن كۆپ بولغان تاغلاردا ئولتۇراقلاشقان. يېزا ئىگىلىكىك ۋە چارۋىچىلىقنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى بولسا ئۇيغۇر، شىبە، ئۆزبېك، سالار ۋە داغۇر دېھقانلىرى ئاساسەن ئۆلكە يەرلەرنى ئىگەللىگەن؛ قازاق، مۇڭغۇل، قىرغىز ۋە تاجك چارۋىچىلىرى تاغلار ۋە تۈزلەڭ يايلاقلارنى ئىگەللىگەن؛«  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قورۇلۇش ئارمىيە كورپۇسى »  يېڭى ئېچىلغان بوز يەرلەرنى ئىگەللىگەن ھەمدە سۇ مەنبەلىرىنىڭ يوقىرى ئېقىنلىرىنى كونترول قىلغان . سۇ بىلەن تەمىنلەش ئىمكانىيىتى بار  بولغان بوز يەرلەر ئاساسەن ئېچىپ تۈگۈتىلگەن ئەھۋالدا. بۇ رايون خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو- سوۋېت مۇناسىۋېتى بۇزۇلغاندىن كېيىنكى چېگرا رايونلىرىنى تەرەققىي قىلدۈرماسلىق سىياسىتى، چېگرا رايونلارنىڭ تەرەقىياتىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك ۋە ئالدى بىلەن دېڭىز ياقىلىرىدىكى جايلارنى تەرەققى قىلدۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلىرىنىڭ كاساپىتىدىن زامانىۋى سانائەت ئانچە تەرەققى قىلمىغان، يېزا ئىگىلىكىك ئاساسەن ئادەم ئەمگەك كۆچى ۋە ئات – ئۇلاغقا كۆچىگە تايىنىدىغان ئەھۋالدا.  « شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قورۇلۇش ئارمىيە كورپۇسى » نىڭ يېزا ئىگىلىكى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي كۆچىگە تايىنىپ ئانچە — مۇنچە ماشىنىلاشقان.

مۇشۇنداق بىر تەبىئىي شارائىت ئاستىدا خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي كۆچمەنلىرىنى مىلليونلاپ يۆتكەپ، بۇ يەرنى پۈتۈنلەي ئىگەللەپ خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن (« خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق باش سېكرېتارى خۇياۋباڭ غەربىي شىمالنىڭ جۇڭگو نوپۇسىنىڭ 200  مىليونىنى ئازادە سىغدۇرالايدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ، 20- ئەسىرنىڭ ئاغىرغىچە يەنە شىنجاڭغا بەش مىليون كۆچمەن يۆتكەش پىلانىنى ئىشەنچىلىك ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. »، « تىنجىماس ئۇيغۇر دىيارى » دىكى مەلۇمات) شۇ دەۋرلەردە پەقەت يەرلىك مىللەتلەرنى كۆپىيىشنى كونترول قىلشتىن باشقا ئامالى يوق ئىدى. شۇڭلاشقا، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-  يىللىرىدىن باشلاپ، مىللىيلار ئۈچۈن پىلانلىق توغۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارغا بىر پەرزەتلىك، قازاقلارغا ئىككى پەرزەتلىك بولۇش تۈزۈمىنى بەلگىلىگەن ئىدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن ئۆتمەي مىللىيلارغا قاراتقان پىلانلىق توغۇش تەدبىرىنىڭ مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلشىنىڭ ئۇنۇملىك چارىسى ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدى، چۇنكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى يەنىلا كۆپەيدى. يەنە كېلىپ «شىنجاڭ» دا تىرىلغۇ يەر ۋە سۇ مەنبەسى شۇنچىلىكلا، ھەممىسى ئىشلىتىمەكتە. مۇنداق ئەھۋالدا يەرلىك مىللەتلەرنى بىر تەرەپ قىلمىسا، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ئۆزلىرىگە بېسىم بولىۋاتقان مىليونلىغان خىتايلارنى بۇ يەرگە يوتكەپ ئەكىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىگە كۆزى يەتتى.

نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە يۈز مىلليونلغان ئۇشۇقچە نوپۇسىنى شەرقىي تۈركىستان رايونىغا كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشتا بۇ رايوندا تۇرالغۇ جاي، تېرىلغۇ يەر ۋە  سۇ مەنبەسى قاتارلىق مەسىللىلەرنى ھەل قىلىشتا زور قېيىنچىلىقلارغا دۈچ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «جەنۇبنىڭ سۇينى شىمالغا يۇتكەش پىلانى»  تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سۇ ئىنشائاتىنىڭ ئىككىسى تاماملانغاندىن كېيىن (بۇ سۇ ئىنشائاتلىرىنىڭ ئىككىسى چاڭجىياڭ دەرياسنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىن شىمالغا– بېيجىڭ ۋە تىيەنجىڭ رايونلىرى، يەنە بىرسى تىبەت ئېگىزلىكىدىكى سۇ مەنبەلىرىدىن سېرىق دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا قويۇلىدىغان سۇ ئىنشائاتى،  بۇ سۇ ئىنشائاتىنىڭ قۇرۇلۇشى قېيىن، مۇرەككەپ ۋە تەننەرقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا تېخى باشلانمىدى.) خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە شەرقىي تۈركىستانغا  يۇتكەيدىغان سۇ مەنبەلىرى ئاساسەن قالمىدى. خەلقئارالىق قانونلارنىڭ بەلگىلىمىلىرى ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ نارازلىقىنى قوزغاپ قويۇشتىن ۋاقىتىنچە ئەنسىرىگەن خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى  ئىچكى دەريالارنى پۆتۈنلەي بوغالماي تۇرغان ئەھۋالدا، خىتاي كۆچمەنلىرىگە ياشاش ئۈچۈن زىمىن ھازىرلاش مەقسىتىدە، غەرەزلىك ھالدا « تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش »، « بۆلگۈنچىلىك »،« دىنىي ئاشقۇنلۇق »،« دىنىي ئەسەبىيىلىك » ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» دېگەندەك سىياسىي سەپسەتەلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، ئەينى زامانىسىدىمۇ  شەرقىي تۈركىستاندا ھىچ بىر ئاساس سالالمىغان « پان تۈركسىزم » ۋە « پان ئىسلامىزم » دېگەندەك تارىخىي ئارخىپقا كېرىپ كەتكەن سىياسىي سەپسەتەلەرنى قايتا كۆتۈرۈپ چىقىش ئارقىلىق ئۇيغۇر، قازاق  ۋە  قىرغىز قاتارلىق مۇسۇلمان تۈرك مىللەتلىرى، مۇسۇلمان تۇڭگان ۋە تاجىك مىللەتلىرى قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى  بۇ زىمىندىن يوقىتىشتىن ئىبارەت شۇم نىيەتكە كەلدى.

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مىللەتلەرنى يوق قىلىشتىكى ئىستىراتېگىيىلىك رەزىل پىلانى شۇندىن ئىبارەتكى، بىر تەرەپتىن تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىنى زور دەرىجىدە قۇرۇپ تۇتقۇن قىلىشنى سىستېمىلاشتۇرۇپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارچە بۇ مىللەتلەرنى بىر رەتتىن تۈركۈم- تۈركۈملەپ تۈتقۈن قىلىش ئارقىلىق بۇ گۇناھسىز تۇتقۇنلارنىڭ بىر قىسىمىنى تۈرمىلەردە ئۆلتۈرۈش، بىر قىسمىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردىكى تۈرمىلەرگە يوتكەپ ئۆلتۈرۈش، بىر قىسىم « ئىپادىسى ياخشى » بولغانلارنى لاگېردەك زاۋۇت- كارخانىلاردا قۇل ئورنىدا ئىشلىتىش  ۋە بىر قىسمىنى خامۇش قىلىپ جەمئىيەتكە قويۇپ بىرىش بۇلسا، يەنە بىر تەرەپتىن  جەمئىيەتتە تۇتقۇن قىلىنمىغان كىشلەر ئۇچۇن مەخسۇس ئارخىپ ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆتمۇشنى تەكشۇرۇپ، «مەسىلە بار» ياكى « ھۆكۈمەتكە نارازلىقى بار ئىكەن » دەپ تونۇغانلارنى داۋاملىق جازا لاگېرلىرىغا يوللاش بىلەن بىرگە ئېشىپ قالغان ئۆزلىرى «مەسىلىسى يوق» ۋە «يۇمشاق قولاق» دەپ تونۇغان كىشلەرنى« پروگراممالاشتۇرۇلغان «ماشىنا ئادەم» لەرگە ئايلاندۇرۇپ قويماقچى.

بۇندىن سىرت خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى كەسكىن رەۋىشتە ئازايتىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە مىليونلاپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇلتۇراقلاشتۇرۇشقا جاي تەييارلاشتىن ئىبارەت رەزىل پىلانىنى ئەمىلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن تۈرمە ۋەجازا لاگېرى سىستېمىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە داۋاملاشتۈرۈش بىلەن بىرگە  يەرلىك مىللەتلەرنىڭ قۇرامىغا يەتكەن ياش ئەر- ئاياللارنى  بولۇپمۇ بويىغا يەتكەن ياش قىزلارنى « ئېشىنچا » ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش « پەتىۋا » سى بىلەن خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە يوتكىمەكتە.

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى  قازاقىستان ھۆكۈمتى بىلەن كېلىشىپ، لاگېرلاردا تۇتقۇن قىلىنغان بىر تۈركۈم قازاقلارنىڭ قازاقىستاننىڭ دۆلەت تەۋەلىگىگە ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلدى. «بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 9 – يانۋار ئالمۇتا شەھىرىدىن بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلاردىكى قازاق مەھبۇسلاردىن ئىككى مىڭ كىشىنى قويۇپ بېرىشكە ماقۇل بولغانلىقىنى ئېيتقان. قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ << بۇ ئىككى مىڭ كىشى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ خىتاي ۋەتەنداشلىقى بىكار قىلىنىپ، قازاقىستان ۋەتەنداشلىقى ئىلتىماس قىلىشىغا يول قويۇلىدۇ > >  دېگەن».

خىتاي ھۆكۈمىتى  شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرك مىللەتلىرىنى ئازايتىش  ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىگە ياشاش زىمنىنى تەييارلاش مەقسىتىدە شەرقىي تۈركىستانلىق بىر تۈركۈم قازاقلارنى قازاقىستانغا ھايدىۋېتىشىنى ئاللاقاچان خېلى يىلللار ئىلگىرى ئاستىرتىن پىلانلىغان ئىدى. ئەينى زامانىدىكى خىتاي دۆلىتىنىڭ رەئىسى جياڭ زېمىن قازاقىستان ھۆكۈمتىدىن « شىنجاڭ » نىڭ قازاقىستانغا چېگراداش جايلاردا ياشايدىغان قازاقلاردىن كۆپرەك ئادەمنى قوبۇل قىلشىنى ئۆتۈنگەن ئىدى. بۇ قېتىملىق بىر تۈركۈم قازاقلارنىڭ قازاقىستانغا كۆچۈشى ئەمەلىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاستىرىن پىلانلىغان قازاق تۈركلىرىنى « شىنجاڭ » دىن ھايداپ چېقىرىشتىن ئىبارەت بولغان پىلانىنىڭ ئەمىلىيلىشىنىڭ بىر قىسمىدىن ئىبارەت، خالاس.

مىللىي تىل – يېزىق جەھەتتىكى «ئاسسىمىلياتسىيە»

تىل بىر مىللەتنىڭ روھىدۇر. خىتايدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ مىللىي يېزىقىنى ئۆزگەرتىش « جۇڭگولۇقلار نۇقتىسىدا تۇرۇپ قارىغاندا بۇ كۆرۈك مۇھىم. چۈنكى ئۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى جۇڭگولۇقلارغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، ئاسسمىلياتسىيە قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. » (« تىنجىماس ئۇيغۇر دىيارى» ).

1956- يىلدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى  تۈرك مىللەتلىرىنىڭ يېزىقلىرىغا قارىتا  « يېزىق ئۆزگەرتىش » كە تۈتۈش قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋېتى ياخشى يىللىرى ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، شىبە، ئۆزبېك، تاتار قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىقىلىرىنى سلاۋيان ھەرپىنى ئاساس قىلغان قىلغان يېڭى يېزىقلارغا ئۆزگەرتىشكە سۈكۈت قىلغان بولىسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەستىن بۇ مىللەتلەرنىڭ يېزىقلىرىنى سىلاۋىيان ھەرپىنى ئاساسدا ئۆزگەرتىشنىڭ خەۋىپلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقتىن، مىللىي رەھبىرى كادىرلاردىن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ يېزىقىلىرىنى سلاۋيان يېزىقىغا ئۆزگەرتىش قارارىنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق باش مېنىستىرى جۇئىنلەي 1957-  يىلدىكى چىڭداۋ مىللەتلەر مەجلىسىدە بەرگەن دۇكلاتىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر يىزىق ئۆزگەرتكەندە خىتاي تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئېلىپبە لايىھىسى ئاساسىدىكى لاتىن ھەرپىنى قوبۇل قىلىش ھەققىدە كۆرسەتمە بەردى. شۇنىڭ بىلەن « يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەركىتى » دە ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىقلىرىنىڭ خىتاي تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئېلىپبە لايىھىسى ئاساسىدىكى لاتىن يېزىقىغا ئۆزگەرتىلمەي، سىلاۋىيان ھەرپى ئاساسىدىكى يېزىقلارغا ئۆزگەرتىلىككە « بۆلگۈنچىلىك » دەپ دىئاگنوز قويۇلۇپ تەنقىد قىلىندى.  شۇندىن كېيىن 1958-  يىلى  بېيجىڭدا چاقىرىلغان ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل- يېزىق يىغىىنىدا سىلاۋىيان يېزىقى  ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، خىتاي تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئېلىپبە لايىھىسى ئاساسىدىكى لاتىن يېزىقىنى قوبۇل قىلىش قارار قىلىندى. 1959- يىلى ئۇرۇمچىدە ئېچىلغان تىل- يېزىق مۇھاكىمە يىغىنىدا « شىنجاڭ » دىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ يېزىقلىرىنى خىتاي تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئېلىپبە لايىھىسى ئاساسىدىكى لاتىن يېزىقىغا ئۆزگەرتىش رەسمىلەشتى.

1962- يىلى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ « رېۋىزىئونىزمغا قارشى كۆرەش » قىلىش ھەرىكىتىنىڭ باھانىسى بىلەن ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز تىللىرىغا تۈمەنلەپ خىتايچە سۆز ۋە ئاتالغۇلار قوبۇل قىلىندى. بولۇپمۇ تەبىئىي پەن دەرسلىك كىتابلاردىكى بارلىق خەلقئارالىق تېرمىنلار خىتايچە ئاتالغۇلارغا ئۆزگەرتىلدى. (خىتايچە ئاتالغۇلار شۇنچىلىك كۆپ قوبۇل قىلىندىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر تىلشۇناسى تۇرسۇن رەخىموۋ ئۇتتۇرا ھەجىملىق بىر «خەنزۇ تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا كېرگەن سۆزلەر لۇغىتى » نى تۈزۈپ موسكىۋادا نەشىر قىلدۇرۇش دەرىجىسىگە يەتكەن ئىدى.) نەتىجىسىدە مىللىيلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۈشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈشىدا ئەمىلىي قېيىنچىلىقلار يۈز بەردى. مىللىيلارنىڭ بۇ خىتايچە سۆز ۋە ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلماسلىقى تۈپەيلى بۇ خىتايچە سۆز ۋە ئاتالغۇلار ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز تىللىرىنىڭ لېكسىكىسىدىن ئاخىرى سېقىپ چېقىرىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق باش مېنىستىرى جۇئىنلەينىڭ « ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىق ئۆزگەرتكەندە خىتاي تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئېلىپبە لايىھىسى ئاساسىدىكى لاتىن ھەرپىنى قوبۇل قىلىشى كىرەك » دېگەن كۆرسەتمىسى  بۇيىچە بىر قۇر تەييارلىق خىزمەتلەردىن كېيىن 1965- يىلى1 –  يانۋاردا « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتى» نىڭ سابىق رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزى خىتاي تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئېلىپبە لايىھىسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق لاتىن يېزىقلىرىنى رەسمىي قوللىنىش ھەققىدە پەرمان ئېلان قىلدى. لېكىن ئۇيغۇر ۋە قازاق كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇزۇن يىللىق قەتئىي قارشىلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە،1982 -يىلىغا كەلگەندە بۇ سۇنئىي ھالدا ئىجاد قىلىنغان  ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز لاتىن يېزىقلىرى ئەمەلدىن قالدۈرۈلۈپ، ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز يېزىقلىرىنى قوللىنىش ئەسلىگە كەلتۇرۇلدى. بۇ ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز خەلقلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋان ھۆكۈمرانلىق تارىخى ئاستىدا قولغا كەلتۈرگەن بىردىنبىر زور غەلبىسى بولۇپ قالدى.

گەرچە ھەر دەرىجىلىك « مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە ھاكىمىيەت تۈزۈمى » ئورنىتىلغان رايون، ئوبلاست، ناھىيە ۋە يېزا- قىشلاق قاتارلىق مەمۇرىي جايلار بولسىمۇ، ھەممىسىدە كېيىنكى يىللارغا كەلگەندە ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا خىتاي تىل- يېزىقى ئىشلىتىلدى. پارتىيە- ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى پەقەت خىتاي يېزىقىدا تارقىتىلىدىغان بولدى. تەرجىمانلار ئىشخانىلىرى كەينى- كەينىدىن تاقالدى. ئىدارە- ئورگانلاردا مىللىيلار خىتايلار بىلەن بىللە يىغىن ئاچىدىغان بولدى.  مىللىي ئەمەلدارلارمۇ خىتايچە دوكلات بېرىدىغان بولدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى 30 يىللىق يەرلىك مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسيە قىلشىنىڭ ئۈنۈملىك ۋە نەتىجىلىك بولماسلىقىنىڭ تەجىرىبە- ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، مىللىي تىل بىلەن ئوقۇش- ئوقۇتۇش  مېتودى بىلەن يەرلىك مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ بولالمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەندىن كېيىن قىرغىزىستانلىق يازغۇچى چىڭگىز ئايماتوۋنىڭ رۇسچە- قىرغىزچە ئىككى تىللىق بولۇشىدىكى «ئۇتۇقلۇق تەجربىسى» نى ئۆرنەك ئېلىپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-  يىللىرىدا ئۇرۇمچى شەھەر باشلىقى ھامدۇن نىياز نامىدىن « قۇش تىللىق » بولۇشنىڭ  ئەۋزەللىكلىرى ھەققىدە «شىنجاڭ گېزىتى» دە ماقالا ئىلان قىلىش قاتارلىق بىر قۇر تەييارلىق خىزمەتلەردىن كېيىن « شىنجاڭ » دا مىللىي باشلانغۇچ  مەكتەپلەردە « قۇش تىللىق » ئوقۇ- ئوقۇتۇش مىتودىنى يولغا قويدى.

2012- يىلللاردىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش مەقسىتىىدە  شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ھەر قايسي جايلاردا ئۇيغۇر بالىلىرىنى كىچىكىدىن خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيەلەپ چىقىدىغان ھەپتىلىك ھەقىسىز يەسىللەرنى ئاچتى.

بۇ قېتىملىق پۈتكۈل ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان دەھشەتلىك ئېرقىي قىرغىنچىلىقتا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن تۈزۈش- بەلگىلەش ئالىي ئورگانى— پۈتۈن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتايىنىڭ ئۇچۇق ئېلان قىلىنغان ھېچبىر قارارىسىز، ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەت ئۆتۈمەي، مۇستەبىت چېن چۇەنگو ئۆز ئالدىغا  « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون » بۇيىچە ھەر دەرىجىلىك « مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىلىك ھوقۇق » لارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، « شىنجاڭ » بۇيىچە ھەر دەرىجىلىك « مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىلىك » ھۆكۈمەت ئىدارە- ئورگانلاردا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، مۇڭغۇل ۋە شىبە تىل- يېزىقلىرىنى قوللىنشنى چەكلەش، مىللىي كادىرلارنىڭ خىتايچە سۆزلىشنى بېكىتىش ۋە نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان مىللىي مەكتەپلەردە  جار سېلىپ يۈرگۈزۈلۈپ كەلگەن ئاتالمىش« قۇش تىللىق » ئوقۇش-ئوقۇتۇش نەزەرىيەلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپدىن تارتىپ تا ئالىي مەكتەپكىچە مىللىي تىل- يېزىقتا ئوقۇش- ئوقۇتۇشنى توختىتىش ھەمدە مەكتەپلەردە مىللىي تىلدا سۆزلەشنى چەكلاش قاتارلىق بىر قاتار قانۇنسىز ئەمىر- پەرمانلارنى چىقاردى. ئىمكانىيىتى بولسىلا، بارلىق مىللىي مەكتەپلەرگە خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى سەپلەشتۇرۇلماقتا، مىللىي ئوقۇتقۇچى- خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن بۆشاتماقتا. مەكتەپلەردە مىللىي تىللاردا سۆزلەشنى چەكلىمەكتە، كىمىكى مىللىي تىلدا ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق سۆزلەپ قويسا، « تەربىيەلەش ئورنى » غا ئەكەتمەكتە. باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنى خىتايچە كىيىندۈرۈپ، كوزىنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇندۇرماقتا. يېزا- قىشلاقلاردا ھەقسىز ھەپتىلىك يەسلىلەرنى قۇرۇپ ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ بالىلىرىنى يېغىۋېىلىپ،بالىلارغا خىتاي تىلى ئۆگىتىپ،خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيەلىمەكتە. دارىلتاملارنى ئېچىپ، ئاتا- ئانىلىرى جازا لاگېر ۋە تۈرمىلەردىكى قارانچۇقسىز قالغان مىللىي بالىلارنى يىغىۋېلىپ،بۇ بالىلارغا كېچىكىدىن خىتاي مەدەنىيىتىنى سېڭدۈرماقتا.

نۆۋەتتە،ئىجتىمائىي ئالەقىلەردە، دۆكانلارنىڭ ۋېۋىسكىلىرى ۋە كۆچا- يوللارنى كۆرسىتىدىغان بەلگىلەردىكى مىللىي يېزىقتىكى خەتلەر قاتارلىق بارلىق مىللىي يېزىقى بار نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزگەرتىلىپ، خىتاي يېزىقىغا ئالماشتۇرماقتا. ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، مۇڭغۇل ۋە شىبە يېزىقلاردا چېقىدىغان قىسمەن گېزىت- ژورناللار نەشىر قىلىنىشتىن توختىتىلدى. يەرلىك يەر ناملىرى خىتايچىغا ئۆزگەرتىلمەكتە.

قىسقىسى، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاكىمىيىتىنى « مەڭگۇلۇك » ساقلاش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تىل- يېزىقىدىن باشقا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تىل- يېزىقلارنى يوقىتىشتىن ئىبارەت رەزىل نىيىتىنى ئەمەلىيىلەشتۇرۇشكە كىرشتى. مىللىي تىل- يېزىقلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىدارە- ئورگانلىرى، مەكتەپلەردە ئىشلىتىلىشى كەسكىن رەۋىشتە مەجبۇرىي بۇيرۇق بىلەن قالدۇرۇپلا قىلىنماستىدىن، يەنە كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا خىتاي تىلى بىلەن سۆزلىشىش زورلاش خاراكتىرىدە تەشۋىق قىلىنماقتا. مۇشۇ زىمىستان سوغۇق قىشتا كۆچىلاردىكى تاملارغا دۇسكا ئېسىپ قويۇپ ياشانغان مىللىيلارنى « دۆلەت تىلى » نى ئۆگىنىشكە مەجۇرلىماقتا.

«<ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەرقايسى مەكتەپلەردە چەكلىنىشىگە ئەگىشىپ، نۆۋەتتە بىر قىسىم جايلاردا  ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدىمۇ چەكلىنىشكە ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. يېقىندا قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان << دۆلەت تىلىنى ئۆگىنىپ ۋەتەننى سۆيەيلى >>  تېمىسىدىكى خەۋەر مۇشۇ ئەھۋالنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. >،< سەپەرۋەرلىك يىغىنىدىن كېيىن ھەرقايسى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەر، شۇنىڭدەك يەسلىلەر بىردەك <<  ئائىلىۋى تەربىيە >> نىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغانلىقى، ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا- ئانىلارنىڭ دۆلەت تىلى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. >، < شۇنىڭغا ئۇلاپلا ھەممەيلەننىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ھەق- ناھەق مەسىلىلەرنى بىلىۋېلىشى، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىدىن ساقلىنىشى كەڭ تەشۋىق قىلىنغان. >، < خەۋەردە ئالاھىدە قىلىپ ناھىيەلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ << ئاتا- ئانىلارغا مەكتۇپ >> نامىدا ئوچۇق خەت باستۇرۇپ تارقاتقانلىقى تەكىتلىنىدۇ. مەزكۇر ئوچۇق خەتتە  << دۆلەت تىلىنى ئۆگىنىش ۋە ۋەتەننى سۆيۈش>> پائالىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش، شۇنىڭدەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىنى خىتايچە ئۆگىنىشكە، سۆزلەشكە ۋە قوللىنىشقا يېتەكلەش، شۇ ئارقىلىق << دۆلەت تىل- يېزىقىنى كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەتكە ئېلىپ كىرىش >> دەۋەت قىلىنىدۇ. >، < ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، << بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۇرۇنۇشىنىڭ يەنىمۇ بىر بالداق يۈكسىلىشى >> دەپ كۆرسەتتى. > ».

خىتاي دائىرلىرى يەنە دىنىي زاتلارنى ئىشقا سېلىپ، خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەشۋېق قىلماقتا. « 2018 يىلى 11- نويابىر كۈنى قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى مەمەت جۈمە << دۆلەت تىل- يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىگە ئاكتىپلىق بىلەن سىڭەيلى >>  سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلغان. مەزكۇر ماقالە << تەڭرىتاغ تورى >> نىڭ خىتايچە تور بېتىگە بېسىلغان. …. ماقالىدە يەنە مەمەت جۈمەنىڭ خىتاي تىل- يېزىقىنى ياخشى ئۆگەنگەندىلا خەلقنىڭ ئىجادچانلىق ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، يۇقىرى مائاشلىق خىزمەتكە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەشەببۇسىمۇ ئالاھىدە بايان قىلىنغان. … ئۇ يەنە ئاتالمىش << تەربىيەلەش مەركەزلىرى >> نى ماختاپ، دۆلەت تىلىنى بىلمەيدىغانلارنىڭ ھازىر ئۇ يەردە يازالايدىغان ۋە ئوقۇيالايدىغان بولغانلىقىدىن ئۆزىنىڭ مەمنۇن ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدۈرگەن. ». نوۋەتتە، خىتاي دائىرلىرى ئىماملارنى « دۆلەت تىلى » يەنى خىتاي تىلى ۋە خىتاي ئۆرپە- ئادەتلىرىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىماقتا.

بۇ يىل نويابردا 1952- يىلى تەسىس قىلىنغان « شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل- يېزىقىنى تەتقىق قىلىپ ئىسلاھ قىلىش ھەيئىتى»، كېيىن « مىللەتلەر تىل- يېزىق كومىتېتى » غا ئۆزگەرتىلگەن «  شىنجاڭ » دىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقغا دائىر ئىشلارغا مەسئۇل ھۆكۈمەت ئورگانى رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل- يېزىقلىرىنى قوللىنىشىغا خاتىمە بىرىش ۋە بۇ جايدا ياشاۋاتقان بارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە خىتاي تىل- يېزىقىنى قوللىنىشىنىڭ سىگىنالى رەسمىي چېلىندى.

مىللىي مائارىپ سىستىمېسىنىڭ «ئاسسىمىلياتسىيە» قىلىنىشى

مىللىي مائارىپ سېستىمىسىنىڭ « ئاسسىمىلياتسىيە » قىلىنىشى خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىملىق مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىنى تەلتۆكۈس ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە قىرىپ يۇقىتىش ئوپىراتسىيىسىدە ئەڭ يوقىرى پەللىگە چىقىپ، ئۆزىنىڭ خىتاي مائارىپ سېستىمىسى تەرىپىدىن « ئاسسىمىلياتسىيە » قىلىنىشتىن ئىبارەت تراگېدىيىلىك مۇساپىسىنىڭ ئاخىرى  باسقۇچىنى بېسىپ تۈگەتتى.

1950- يىللارنىڭ يېرىمىدىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي مائارىپ سىستىمېسىنى پارچىلاپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا باشلىغان. شۇ يىللاردا ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بىر مەكتەپتە ئوقۇيدىغان مەكتەپلەرنى قۇردى. خەس مىللىي ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيدىغان مەكتەپلەردە خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئوقۇيدىغان سىنىپلارنى ئاچدى. كېينىرەك مۇنداق سىنىپلار كۆپۈيۈپ، مىللىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى ئىگەللەپ، مەكتەپ باشقۇرۇش  مەمۇرىيەت  ھوقۇقلىرى تەدرىجىي ھالدا خىتاي كادىر- خىزمەتچىلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن شارائىت بولسىلا، مىللىىي باشلانغۇچ – ئوتتۇرا  مەكتەپلەر خىتاي ۋە مىللىي ئوقۇغۇچىلار ئارىلاش ئوقۇيدىغان مەكتەپلەرگە يۈزلەندۈرۈلدى.

ئىجتىمائىي پەنلەر دەرسلىكلىرىدە خىتاي مەدەنىيىتى كۆپلەپ تەشۋېق قىلىندى. تارىخ دەرسلىكلىرىدە پۈتۈنلەي خىتاي تارىخى سۆزلەندى. ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىگە كۆپلەپ خىتاي يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلۈشكە باشلاندى. دەرسلىكلەردە خىتايچە ئاتالغۇلار پەيدا بولۇشقا باشلاندى. 1958- يىللاردىن باشلاپ ئورتا مەكتەپلەردە ماۋزېدوڭ ئەسەرلىرى ئۆگىنىشكە باشلاندى. كېيىنرەك مىللىي ( مىللىي ۋە خىتاي ئوقۇغۇ- چىلار ئارىلاش )  ئۇرتا مەكتەپلەردە پۈتۈنلەي خىتاي تىلى بىلەن دەرس ئۆتۈلىدىغان مىللىي سىنىپلار ئېچىلدى.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئورتا ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداش رېسپۇبلىكىلىرىغا چىقىپ ئالىي مەكتەبلىرىدە ئوقۇش پروگراممىسى 1960- يىللاردىكى  جۇڭگو – سوۋېت دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋېتىنىڭ يامانلىشى تۈپەيلى  ئۆزۈلۈپ قالغان ئىدى، لېكىن ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋېتى ياخشىلانغاندىن كېيىنمۇ بۇ پروگراممىسى زادى ئەكسىگە كەلمىدى. بۇنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى « ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى » نىڭ  قىسمەن ھوقۇقلىرىنى چەكلەش بولسا، يەنە بىرى ئىتتىپاقداش رېسپۇبلىكىلارنىڭ « شىنجاڭ » غا بولغان سىياسىي تەسىرىنى تۆساشتىن ئىبارەت ئىدى. ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياستى يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكىمۇ « ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى » بىلەن ئورتا ئاسىيادىكى رېسپۇبلىكىلار ئۇتتۇرسىدىكى مائارىپ جەھەتتىكى ئىلمىي مۇناسىۋەتلەر تولۇق ئەسىلىگە كەلمىدى.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھان سوئاللىرىنىڭ  تەبىئىي  پەنلەر  قىسمى  پۈتۈنلەي  خىتايچە  ئالىي  مەكتەپكە   كىرىش  ئىمتىھان  سوئاللىرىدىن  تەرجىمە قىلىنىدىغان بولدى. شۇ يىللاردىن باشلاپ مىللىي باشلانغۇچ مەكتەپلەردە «  قۇش تىللىق ئوقۇتۇش » مۇ باشلاندى.  شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدە خىتاي دۆلىتىدىكى ئۇتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغان  مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلەرنىڭ بىلىم ئېلىش  ۋە ئۆزلەشتۈرۈش سەۋىيەسى  نۆۋەتتە خىتاي دۆلىتى بۇيىچە ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۆشۈپ قالدى.

سانائەت ۋە تىببىي قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلار مۇتلەق كۆپ دەرسلەر خىتاى تىلىدا ئۆتۈش تەلەپ قىلىندى. « شىنجاڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى » ۋە « قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى » دا گەرچە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۆپ يىللىق ئەجىر سېڭدۈرۈشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈش بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پەنلەر بۇيىچە پۈتۈنلەي ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتنىڭ بۇ قېتىملىق ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى يوقۇتۇش ھەركىتىنىڭ زەربىسى بىلەن پۈتۈنلەي بەربات بولدى.

نۆۋەتتە يەسلى تەربىيسىدىن تارتىپ تا ئالىي مەكتەپلەرگىچە بولغان مائارىپتا ئۇيغۇر ،قازاق، قىرغىز، موڭغۇل ۋە شىبە تىل- يېزىقلىرى بۇيىچە ئوقۇش- ئوقۇتۇش ئېلىپ بىرىش مۇتلەق چەكلىنىپ، خىتاي تىل- يېزىقى بىلەن ئوقۇش- ئوقۇتۇش ئېلىپ بىرىلىش كەسكىن مەمۇرىي بۇيرۇق ئارقىلىق يولغا قويۇلدى.

«قاراقاش ناھىيىسىنىڭ زاۋا يېزا 2 ‏- ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى نۇسرەت ئەھەدباقى خىتاي تىلىنى ياخشى بىلمىگەچكە بەزىدە دەرس ۋاقتىدا بەزىدە خىزمەتداشلىرى بىلەن سۆزلەشكەندە ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. مەكتەپ رەھبەرلىرى ئۇنى خىزمەت ئورنىدا ئۇيغۇرچە سۆزلىمەسلىك ھەققىدە بىرنەچچە قېتىم ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ ئاخىرقى قېتىم بىر ئوقۇغۇچىسىغا خىتايچە سۆزلەپ چۈشەندۈرەلمىگەن بىر مەسىلىنى خالىي بىر جايدا ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرگەن. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان مەكتەپ رەھبەرلىرى ئەھۋالنى قانۇن ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلغان. نەتىجىدە 2018 ‏- يىلى 3‏- ئاينىڭ بېشىدا ئۇ لاگېرغا ئەكېتىلگەن. ».

«ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەۋاتقان بەزى خىتاي ئوقۇتقۇچىلار يېقىندا « زىمىستان » تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى مەكتەپلەرگە قاماپ، ئۇلارغا ئومۇميۈزلۈك خىتاي مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى سىڭدۈرمەكتە ئىكەن. قەشقەردىكى ليۇ چى ئىسىملىك بىر خىتاي ئوقۇتقۇچى « زىمىستان » تورىنىڭ مۇخبىرىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە ئاساسەن « پۈتۈن ئۇيغۇر بالىلار خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشى ۋە خىتاي ئورتاق تىلىدا سۆزلىشىشى، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ تاشلىنىشى كېرەك » لىكىنى بىلدۈرگەن. ».

خىتاي ھۆكۈمىتى مۇستەمىلكە قىلىۋالغان شەرقىي تۈركىستاننى « ئەزەلىدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى ، بۇ زىمىندا ئەزەلدىن خۇاڭدىنىڭ ئەۋرە- چەۋرەلىرى ياشىغان.» دېگەن ئويدۈرما سەپسەتىسىنى خەلقئارادا ئىسپاتلاش  ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىگە ياشايدىغان ماكان تەييارلاش ھەمدە بۇ زىمىندىكى ھاكىمىيىتىنى ئەبەدى  ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن بۇ تۇپراقتا ئەسىرلەر بۇيى ياشاپ كەلگەن يەرلىك مىللەتلەرنى يوقىتىشتىن ئىبارەت ئنسانىيەتكە قارشى مۇدىھىش ۋە رەزىل پىلانىنى تۈزگەندىن كېيىن ئاتا- بوۋا سۇلالىرىدىن مىراس قالغان ھاكىمىيەتنى ساقلاش ئۈچۈن زىيالىيلارنى ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت سىياسىتىنى ئىشقا سېلىپ ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتا ئىرقىي قىرغىچىلىقنى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ سەرۋەرلىرىنى يوقىتىشتىن باشلىدى.

2017- يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى جىددىيلەشتۈردى.  ئۇيغۇر سەرۋەرلىرىنى تۈركۈم- تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىپ تۈرمە- جازا لاگېرلىرىغا تاشلىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بەرسە، بەزىلىرىنى تۈرمە- جازا لاگېرلاردا تەن جازاسى بىلەن ئۆلتۈرمەكتە. بۇ خىل تەقىبنىڭ ئەڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچرىغان ئورۇنلاردىن بىرى « شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى » نىڭ مەكتەپ رەھبەرلىكىدىكى مىللىيلار ۋە فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى بولدى.  مەكتەپ رەھبەرلىكىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلاردىن سابىق مەكتەپ مۇدىرى ، سابىق مۇئاۋىن پارتىيە سېكرتارى دوكتور تاشپولات تېيىپ (ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن) ؛ سابىق مەكتەپ مۇدىرى، سابىق مەكتەپ مۇئاۋىن پار تىيە سېكرتارى ۋەلى بارات ؛ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى دىلمۇرات غۇپۇر. فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە نۇرغۇن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان، تونۇلغان بىلىم ئىگىلىرى توپلانغان جاي.  مەزكۈر ئىنستىتۇتنىڭ پروفېسسورلاردىن ئابدۇكېرىم راھمان، ئارسلان ئابدۇللا، غەيرەتجان  ئۆسمان؛ دوكتولاردىن زۇلپىقار بارات ئۆزباش، راھىلە داۋۇت، ئابدۇرېھىم راھمان ۋە نەبىجان ھەبىبۇللا  قاتارلىقلار تۇتقۇن قىلىندى.  يەنە بىرىسى  قەشقەر پىداگوككا ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، مەكتەپ رەھبەرلىكىدىن  مەكتەپ مۇدىرى پروفېسسور ئەركىن ئۆمەر، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، پروفېسسور مۇختەبەر ئابدۇغۇپۇر، پروفېسسورلىرىدىن دوكتور گۇلنار ئوبۇل، قوربان ئوسمان ۋە « قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ سابىق باش مۇھەرىرى، ئىسىمشۇناس مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى قاتارلىقىلار تۇتۇن قىلىندى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلىمىنىڭ 2018-  يىلى 22-  نويابر تور بېتىدە تۆۋەندىكى خەۋەرنى بەردى: « < خىتاينىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە ئىلمىي ساھەدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى ياكى قاماق جازاسى بېرىشى ۋە شۇنداقلا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشى ياۋروپادىكى لىبېرال ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان بىريۇسسېل ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قاتتىق ئىنكاسىنى قوزغىغان.>، < مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت ئۆتكەن ھەپتە رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەقىب قۇربانلىرىغا ئايلانغان ئۇيغۇر ئۇنىۋېرسىتېت خادىملىرىغا ھەمدەمدە بولىدىغانلىقى، ياۋروپادىكى باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلارنى خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ھېسداشلىق قىلىشقا ۋە خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى ئاشكارا تەنقىد قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىريۇسسېل ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ ۋە ئىلمىي ساھەدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى تۇتقۇن قىلىشىغا ئىنكاس قايتۇرغان تۇنجى غەرب ئۇنىۋېرسىتېتىدۇر.>، < بىريۇسسېل ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باياناتىدا بۇ ئاكادېمىكلارغا ھېچقانداق ئاشكارا سوت ئېچىلمىغانلىقى، رايوندىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ چەتئەل تەتقىقاتچىلىرىغا غەيرىي رەسمىي تاقالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، فرانسىيە، گوللاندىيە ۋە بېلگىيەلىك كەسىپداشلىرىنىڭ ئاكتىپ ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا يەنە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پىكىر ۋە ئاكادېمىك ئەركىنلىككە بولغان تەۋرەنمەس مەيدانى تەكىتلىنىپ، مۇنداق دېيىلگەن: << بىريۇسسېل ئۇنىۋېرسىتېتى يەنە بېلگىيە ۋە ياۋروپادىكى باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلارنى خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىكلىرى دۇچ كېلىۋاتقان تەقىبنى تەنقىد قىلىشقا، بۇ ئارقىلىق ئۇلارغا ھەمدەمدە بولۇشقا چاقىرىدۇ. شىنجاڭ ۋە ئۇنىڭ سىرتىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا غايىب بولغان كەسىپداشلىرىمىزغا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى ئىشەنچلىك. بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىش كەسىپداشلىرىمىزنىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە تۈرمىگە تاشلىنىشىنى قۇلايلاشتۇرىدۇ. شۇڭا بىريۇسسېل ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى بىلىم ۋە ئىلىم- پەن ئەركىنلىكى نامىدىن بۇ سۈكۈتنى بۇزۇپ تاشلاپ، سىياسىي دائىرىلەر بەرپا قىلغان ئىدېئولوگىيەلىك رامكىدىن قۇتۇلۇشقا، بىريۇسسېل ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغان كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. >> ».

مىللىي مەدەنىيەت  جەھەتتىكى ئومۇمىيۈزلۈك قىرغىنچىلىق

«ئۇيغۇرلار مىلادىدىن بۇرۇنقى III  ئەسىرلەردىن بۇرۇنلا تەڭرىتاغ ۋادىلىرى، كوئىىنلۇن، قاراقۇرۇم تاغلىرى، تارىم ئويمانلىقى، جۇڭغار ئويمانلىقى، ئالتاي تاغلىرىنىڭ غەربىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاپ، ئۆزىنىڭ پارلاق مەدەنىيىتىنى، ئۇزاق تارىخىنى ياراتقان. »  (« قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانلار» دىن ).

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۆپىتىدە يوقىتىشنى ئۇلارنىڭ ھاياتى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان دىنىي ئېتىقادى– ئىسلام دىنىنى شەرقىي تۈركىستاندا  تۈپتىن يوق قىلىۋېتىشتىن باشلاش بىلەن بىرگە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت مەۋجۇدىيەتلىك ( كىملىك) ئالامەتلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغان پۈتكۈل ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى بەربات قىلىشتىن باشلىدى. چۈنكى « جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلار ئاكادېميىسى ئاز سانلىق مللەتلەر ئەدەبىيات تەتقىقات ئورنى » نىڭ باشلىقى لاڭ يىڭ «  جۇڭگو ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى <<  قۇتادغۇبىلىك >>  تېمىسىدىكى ئىلمىي ماقالىسىدا:  ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادىيە 10-  ئەسىدىلا ( 8-  ئەسىر دەپمۇ ئېيتىلىۋاتىدۇ)  27  پەردىلىك  قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى << مايترى سىمىت >> بولغان. 11-  ئەسىردە دۇنياغا مەشھۇر شېئىر دراما <<  قۇتادغۇبىلىك  >>  دۇنياغا كەلگەندە، سۇڭ سۇلالىسىنىڭ تىياتىرلىرى ۋە جەنۇپ كۈيلىرى تېخى تەرەققىي قىلمىغاندى. » ( لاڭ يىڭ : «  جۇڭگو ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى <<  قۇتادغۇبىلىك >> »، « قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانلار» دىن)  ۋە گېرمانىيە ھامبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تۈركشۇناس ئا. ۋ. گابائىن « قارا قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى » دېگەن ئىلمىي ئەسىرىدە: « ھازىرقى تۇرپاندىن تېپىلغان قوليازملاردىن قارىغاندا، تۈرك ۋە ئۇيغۇر يېزىقلىرىدا يېزىلغان سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ ۋەقەلىكى خەنزۇچە سەھنە ئەسەرلىرىنىڭكىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. » ( ئا. ۋ. گابائىن: «  قارا قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى »  ( 850-  يىلدىن 1250- يىلىغىچە ) »، « قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانلار» دىن )  دەپ يازغانلىرىدەك  ئۇزۇن تارىخىي  مەدەنىيەتكە ئىگە ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنىڭ تولىمۇ مۈشكۈل ئىكەنلىكىگە كۆزى يەتكەن خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدىنىيىتىنى يوقىتىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتى. خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى بىتچىت قىلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارغا خىتاي (جۇڭخۇا)  مەدىنىيىتىنى قوبۇل قىلدۈرۈپ سېڭدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى.

خىتاي دائىرلىرى «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى » دېگەندەك  سەپسەتىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتاي مەدىنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۈرلىماقتا. ئەمىلىيەتتە «جۇڭخۇا» دېگەن سۆزگە  «  ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلىنىڭ لۇغىتى  »   ( 第6 版  汉语词词典) نىڭ بەرگەن  ئىزاھىتى

تۈۋەندىكىچە: «قەدىمكى زاماندا خۇاڭخى ۋادىسى ئەتراپى << جۇڭخۇا >> دەپ ئاتالغان. بۇ جايلار خەنزۇ مىللىتىنىڭ دەسلەپ شەكىللەنگەن جايى ئىدى.»، دەپ بېرىگەن ئىدى. دېمەك، « جۇڭخۇا مىللەتلىرى » دېگەن ئۇقۇم ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەمەس. جۇڭخۇا مىللەتلىرى دېمەك، ماھىيەتتە خىتاينىڭ ئەپسانە- رىۋايەتلىرىدىكى خىتاي ئىمپېراتورى– خۇاڭدىنىڭ ئەۋرە- چەۋرەلىرى، دېگەننىڭ باشقىچە بىر خىل ئاتىلىشىدۈر. «جۇڭخۇا مىللەتلىرى» دېگەن بۇ ئاتالغۇنى خىتاي ھۆكۈمرانلىرى «خىتاي دۆلىتى  تېررىتورىيىسى ئىچىگە كىرىگۈزۋالغان زىمىن» دىكى مىللەتلارنى ئاسسىمىلياتسسىيە قىلىشىنى مۇددىئا قىلىپ، ئويدۇرۇپ چىقارغان، ئىرقىي يوقىتىش مەنىسىنى ئىچىگە سىڭدۈرگەن بىر ئاتالغۇدۇر. «جۇڭخۇا مىللەتلىرى» دېگەن بۇ ياسالما ئاتالغۇ  ئەمەلىيەتتە خىتاي دېمەكتۈر.

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى قەدىمىي مىللەتلەردىن بىرى بولغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىي مىراسلارغا باي پۈتكۈل ئىدېئولوگىيە ۋە مەدەنىيىتىنى — پەلسەپەسى، ئەدەبىيات – سەنئىتى، مۇزىكىسى، تارىخى، ئارخېئولوگىيىسىى، ئېتنوگرافىيىسى، قول ھۈنەر سەنئىتى، مېمارچىلىقى، خەتتاتچىلىقى ۋە ئۆرپە- ئادەتلىرى قاتارلىقلارنى بۇ جاھاندىن ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن بىرگە پۈتۈنلەي يوقىتىۋېتىشقا كېرىشتى.

كلاسسىك ئەدەبىيات – سەنئەت تەشۋېق قىلىنمايدىغان بولدى. تارىختا ئۆتكەن ئۇيغۇر مەشھۇرلىرى — سۇتۇق بۇغراخان، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى، ئەھمەد يۈكنەكى، مىرزا مۇھەممەد ھەيەدەر كوراگان، ئاماننىساخان، نۇزۇگۇم، ئەمىرئابدۇرۇسۇل بەگ، سادىر پالۋان، مۇسابايوۋ، ھۆسەنباي ۋە باۋۇدۇنباي (مۇسابايوۋلار)، تۆمۈر خەلپە، مۇللا مۇسا سايرامى،موللا بىلال نازىمى، تۆمۈر خەلپە، ئابدۇقادىر داموللا، قۇتلۇق شەۋقى، مەمتىلى تەۋپىق، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئابدۇلېرىمخان مەخسۇم، مەخسۇت مۇھىتى،مەھمۇت مۇھىتى، جوجىنىياز ھاجىم، ئەخمەتجان قاسىمى،زۇنۇن تيېىپوۋ، غېنى مەمەتباقى ( غېنى باتۇر)، رىزۋانگۈل، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، تۇردى ئاخۇن ( مۇقامچى )، قاتارلىقلار سۆزلەنمەيدىغان بولدى، بۇ ئۆتكەن مەشھۇرلەر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەھىبىسىدىن غايىپ بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت غەزىنىسىگە قوشقان مەشھۇر مەدەىنىي مىراسلىرى– « قۇتادغۇبىلىك »، « تۈركىي تىللار دىۋانى »، « ئەتەبەتۇل- ھەقايىق »، « تارىخى رەشىدىي » ۋە « ئون ئىككى مۇقام »  قاتارلىق مەشھۇر كلاسسىك ئەسەرلىرىنى كىتابخانىلاردا كۆرگىلى بولمايدىغان بولدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زاماندىكى نادىر ئەسەرلىرى – ئەدەبىيات – سەنئەت، تىل، تارىخ ۋە ئېتنوگرافىيە قاتارلىق سەھەلەرگە دائىر ئاجايىپ ئەسەرلىرى، مەسىلەن، « ئىز »، « زىمىن »،« ئانا يۇرت »، « يۈسۈپ خاس ھاجىپ »، « مەھمۇد قەشقەرى»،« ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى »، « ئۇيغۇرلار »، « ھونلارنىڭ قىسىغىچە تارىخى»، « قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانلار»،« ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنوگرافىيىسى»، « قەدىمكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، « ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تېزىسلىرى »،« شىنجاڭ ئىسلام تارىخى» ۋە « ئىسلام مەدەنىيىتىگە دائىر بىلىملەردىن ئۈنچىلەر» قاتارلىق ئەسەرلىرى ھەمدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ناماياندىسى ھەمدە پلاتفورما خاراكتېرلىك گىگانت ئەسىرى– ئالتە توملۇق « ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى »،« ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى»،« ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاكۇستىكىلىق قانۇنىيەتلىرى »،« ئۇيغۇر تىلىنىڭ مورفولوگىيىسى»، « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ خوتەن دىيالېكىتى »، « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنور دىيالېكىتى»، « ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمىسلللىرى ئىزاھلىق لۇغىتى»، « ئىسىم قويۇش قوللانمىسى» ۋە «دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم يەر ناملىرى ھەققىدە » قاتارلىق كىتابلىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتدىن غايىپ بولدى.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  ھازىرقى زاماندىكى ھەر ساھەدىكى مەشھۇرلىرى– شائىر ۋە ئەدەبىياتشۇناس ئەھمەد زىيائى، مۇقامشۇناس ۋە كومپوزىتور زىكرى ئەلپاتتا، سەنئەتكار قەمبەرخان، سەنئەتكار ھاجى راخمان، يازغۇچى زۇنۇن قادىرى، شائىر نىم شېھىت ئەرمىيە ئېلى سايرامى،تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتىھى، شائىر- يازغۇچى ۋە ئەدەبىياتشۇناس ئابدۇرېھىم ئۈتكۈر، ئالىم ئىمىن تۇرسۇن، تىلشۇناس خەمىت تۆمۈر، تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوۋ، تىلشۇناس ۋە لۇغەتشۇناش ئابلىز ياقۇپ، شائىر،تىلشۇناس ۋە لۇغەتشۇناش غەنىزات غەيۇرانى، تىلشۇناس ئامىنە غاپپار،تىلشۇناس تۇردى ئەخمەت، تىلشۇناس نەسۇرۇللا يۇلبۇلدى، رەسسام غازى ئەمەت، تارىخشۇناس ھاجى نۇر ھاجى، شائىر تىيىپجان ئېلىيوۋ، شائىر ۋە تارىخشۇناس تۇرغۇن ئالماس، يازغۇچى زوردۇن سابىر، ئالىم، ئەدەبىياتشۇناس ۋە مەدەنىيەتشۇناش ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن، ئەدەبىي تەنقىدچى مۇھەممەد پولات، ئىسلام دىنى ئالىمى ۋە تەرجىمان مۇھەممەد سالىھ داموللا، يازغۇچى مىرزاھىد كېرىم، سەنئەتكار پاشا ئىشان،  ئېتنوگراف ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا، بىئوگراف شىرىپ خۇشتار، كارتوگراف نىياز كېرىمى، ئەدەبىياتشۇناس ئەسقەر ھۈسەيىن، ئەدەبىياتشۇناس ئابدۇكېرىم راھمان ، ئەدەبىياتشۇناس ئازات رەھمىتۇللا سۇلتان ،ئىسىمشۇناس مۇتەللىپ سىدىق، تەرجىمان، نەشرىياتچى ۋە ئىسلام دىنى تەتقىقاتچىسى ھاجى خۇجائابدۇللا ئوسمان، شائىر- يازغۇچى ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئوبزۇرچى يالقۇن روزى، يازغۇچى ئەخەت تۇردى، يازغۇچى ئايشەم ئەخەت،يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل، يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى، يازغۇچى پەرھات جىلان  ۋە شائىرە چىمەنگۈل داۋۇت قاتارلىقلار ھەم سۆزلەنمەيدىغان بولدى؛ ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى يىغىشتۇرۇلدى، كۆيدۈرۈلدى، ئۆزلىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە تاشلاندى . بۇ سەرۋەرلەردىن بەزىرىلىرى بۇ زۇلمەتلىك تۈرمىلەردە جان ئۈزدى، بەزىلىرى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، بەزىلىرى قاتتىق قېيىن-  قىستاقىنىڭ زەربىسىدىن سالامەتلىكىدىن ئايرىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيىتىگە  ئائىت كىتاب-  ژورناللار نىڭ نەشىر قىلىنىشى چەكلەندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا دائىر كىتاب- ژورناللار يىغىشتۇرۇلماقتا، كۆيدۈرۈلمەكتە.

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن خىتاي دېموكراتىك زىيالىيلىرى ۋە خىتاي يېزىقىنى بىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي يېزىقىدا نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت كىتاب- ژورناللاردىن پايدىلىنىپ كەلگۈسىدە «تەتۇر ھىساپ» ئېلىشىدىن ئەنسىرىسە، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايدا خىتايلىشىپ كەتكەن ھەر قايسى مىللەت كىشلىرىگە تارىختا «ئۇيغۇر مىللىتى» دېگەن مىللەت بولمىغان «چۆشەنچە» سىنى بېرىش ئۈچۈن خىتاي يېزىقىدا نەشر قىلىغان كىتاب- ژورناللارنى ھەم كۆيدۈرۈلمەكتە.

بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مىللىي نەشرىياتچىلىق ۋەيران بولدى. « خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا 2017- يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ نەشرىيات ساھەسىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئاتالمىش <<مەسىلىلىك كىتابلار>> نى بېكىتىپ چىققان ۋە بۇ خىل كىتابلارنى يازغان، تەھرىرلىگەن ۋە تەستىقلىغانلارغا قارىتا تۇتقۇن قىلىش دولقۇنى قوزغىغان. ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان 1000 دىن ئارتۇق كىتابنىڭ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشر قىلغان 600 دىن ئارتۇق كىتابنىڭ <<مەسىلىلىك كىتاب>> دەپ بېكىتىلگەن. ئاتالمىش << مەسىلىلىك كىتاب>> لارنى يازغان، تەھرىرلىگەن ۋە تەستىقلىغانلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان.»، «قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدىن بولتۇر ۋە بۇ يىل ئىچىدە تۇتۇلغانلار ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، مەزكۇر نەشرىياتتا 49 نەپەر ئىشچى- خىزمەتچى بارلىقى، بۇلاردىن 4 نەپىرىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكى، قالغان 45 نەپەر نەپەر خادىمدىن 14 نەپىرىنىڭ  %30  ، پىرسەنتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى».

ھەر قايسى رادىئو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىيەلىرىدە ساقلانغان مىللىي مەدەنىيەتكە دائىر ئاڭلىتىش لېنتىلىرى ۋە ۋدېئو – سىنئالغۇ فىلىم لېنتىلىرى كۆيدۈرۈلماقتا. ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىزلارنىڭ مەدەنىيەت — سەنئىتىگە ئائىت ھىچ قانداق يېڭى پروگرامما ۋە كونسېرتلار كۆرسىتىلمەيدىغان ۋە ئاڭلىتىلمايدىغان بولدى. « شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىيىسىنىڭ دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك رېژىسسور مۇختەر بۇغرا، رېژىسسور مەخمۇتجان سىدىق، رىياسەتچى زۇلپىقار، تېخنىك ئەخمەتجان مەتروزى، ئىستانسىيە خادىمى ئابلەت زەيدىن ۋە بىر قىسىم ئاۋاز ئارتىستلىرى تۇتۇن قىلىندى. ».

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان نەتىجىلىك مىللىي تەبىئىي پەن ئالىم ۋە تەتقىقاتچىلىرنى تەجرىبىخانىلاردىن يىراقلشتۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىپ كەلدى.

سەرۋەر خەلقسۇيەر ئارتىسلار ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەت ئۆتەلمەي تۇتقۇن قىلىندى. داڭلىق ناخشىچى ئابدۇرىھىم  ھېيىت، داڭلىق ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇن  ۋە داڭلىق كومېدىيە ئارتىسى  ئادىل مىجىت تۇتقۇن قىلىندى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلىمىنىڭ 2019- يىلى 17- يانۋار كۈنىدىكى تور بېتىدە « لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر مۇزىكا تەتقىقاتچىسى، دوكتور راچېل ھاررىس خانىم << يەر شارى پوچتىسى >> گېزىتىدە بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئەدىب ۋە سەنئەتكارلىرىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇمنى ئاڭلاتتى. ئۇ <<شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى>> دەپ نام بەرگەن ماقالىسىدە 2017- يىلىنىڭ ئاخىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان سەنۇبەر تۇرسۇندەك ئەل سۆيگەن بىر ناخشىچىنىڭ لاگېرغا قامىلىشىنى رايوندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە يەرلىك خەلقلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنىڭ ئەڭ جانلىق ئۆرنىكى دەپ كۆرسەتكەن. » دېگەن خەۋەر بېسلدى.

ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياستى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن مەدەنىيەت ساھەسىدە راۋاجلانغان خەلقئارالىق بولۇپمۇ ئورتا ئاسىيادىكى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان ئۆزئارا بېرىش- كېلىش ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە خاتىمە بېرىلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى شەھەرلىرىنى بۇزماقتا، قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ ساياھەتچىلەر ئۈچۈن بۇزۇلماي قالغان كىچىكىنە بىر قىسمى خۇددى كارتون  فىلىملاردىكى كۆچا، ئوي ۋە ئادەملەردەك بولۇپ قالغان. باشقىچە ئېتساق، خۇددى ئۇرۇمچى شەھىرىدىكى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي» نىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىگە ئوخشاپ قالغان. مىللىي تۈسى قويۇق بولغان بارلىق دۇكان ۋە رېستورانلارنى تاقاتقۈزماقتا.

ئۇرۇمچىدىكى «مىراج» رېستورانى خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن تاقالدى. «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر رېستورانىنى تاقاشتا مەزكۇر رېستوراننىڭ قويۇق ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبتىكى بېزەك ۋە نەقىشلىرىنىڭ <<بۆلگۈنچىلىك>> ۋە << ئاشقۇنلۇق>> ئىدىيەلىرىنى ئويغىتىش ۋە تەرغىب قىلىش رولى بار دېگەننى باھانە قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. ». قەشقەر،ئۇرۇمچى ۋە غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئاۋات ئۇيغۇر بازارلىرى چۆلدەرەپ قالدى.

ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى يېزا- قىشلاق، كەنت- شەھەرلەردە، ھاتتا ئادەم قەدىمى باسمايدىغان جايلارغىمۇ خىتايچە قۇرۇلۇش ياڭزىسىدىكى ياڭزىمۇياڭزا راۋاق- دارۋازىلارنى سالماقتا. ئەسلىدە بار بولغان مىللىي پاسۇندىكى ئىمارەت ۋە قۇرۇلۇشلارنى بۇزدۇرماقتا. قىسقىسى، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرك مۇسۇلمان مىللەتلىرىنىڭ مىللىي تۈس- پۇراقىنى ئالغان بارلىق مەۋجۇدىيەت  خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يوقىتىش  ئوبيېكتىغا ئايلاندى.

قازاق ۋە قىرغىز مىللەتلىرىنىڭمۇ ئەدەبىيات — سەتئىتىمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەدەبىيات – سەنئىتىگە ئوخشاش قىسمەتكە دۇچ كەلدى. قىرغىزلارنىڭ دۇنياغا مەشھۇر «ماناس» داستانى بۇ دۇنيادىن يوقالدى.

1950-  يىللاردىن باشلاپ خىتاي دائىرلىرى تۈركۈم- تۈركۈم مىللىي ئوقۇغۇچىلارنى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئورتا ۋە ئالىي مەكتەبلەردە تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ئىڭىغا خىتاي مەدىنىيىتىنى سىڭدۈرۈپ، مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتايلىشىش مۇساپىسىنى قىسقارتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى.

«2018- يىلى قەشقەر شەھىرىدە زىيارەتتە بولغان مەزكۇر ئامېرىكىلىق ساياھەتچى بۇرۇندىن << ئۇيغۇر مەدەنىيىتى جۇغلانغان جاي >> دەپ تەرىپىنى ئاڭلاپ كەلگەن قەشقەر كوچا ئۆيلىرى مەھەللىسىدە ئىككى كۈن ساياھەتتە بولغان. … بۇ قىسقىغىنە ئىككى كۈن جەريانىدا ئۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يوق قىلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ قاتتىق بىئارام بولغان. ».

نۆۋەتتە، خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى تەشۋىقات ئاپاراتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىساندىكى مۇسۇلمان تۈرك مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى يوق قىلىپ، ئۇلارغا خىتاي مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈشتەك  ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قارشى جىناىي قىلمىشلىرىنى يوشۇرماقچى بولماقتا.

خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى بۈگۈن، يەنى 15- نويابىر كۈنى «شىنجاڭدىكى مەدەنىيەتلەرنىڭ قوغدىلىشى ۋە تەرەققىياتى»  ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلغان. «شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مەزكۇر كىتابتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەتلىرىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى قوغدىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇۋاتقانلىقى تونۇشتۇرۇلغان. خەۋەردە نەقىل ئېلىنىشىچە، مەزكۇر كىتابتا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ شى جىنپىڭ دەۋرىدە يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقى، بۇ باسقۇچنىڭ مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزئارا ئالمىشىش ۋە سىڭىشىش باسقۇچى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن».

ئەمەلىيەتتە ، ئاتالمىش «شى جىنپىڭ دەۋرى» دىكى شى جىنپىڭنىڭ رەزىل مەقسىدى خىتايدىكى خىتاي مىللىتىدىن باشقا مىللەتلەرنى  خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. «سىڭىشىش» سۆزى ئەمىلىيەتتە شى جىنپىڭنىڭ « ئاسسمىلياتسىيە» سۆزنىڭ ئورنىدا ئىشلەتكەن سۆزىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. مەزكۈز ئاق تاشلىق كىتابتا دېيىلگەندەك «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەتلىرىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى قوغدىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇۋاتقان» بولسا، ئۇنداقتا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت- سەنئىتىنىڭ سەرخىللىرى قەيەرگە كەتتى؟ ئۇلار تۇيۇقسىز غايىپ بولۇپ كەتتىغۇ؟  ھەجەپ، ئۇلارنى كۆچىلاردا ئۆچراتقىلى بولمايدىغۇ؟ ئەھۋالغا قارىغاندا سەنلەر ئۇلارنى ئالەمشۇمۇل ئايروپىلانلارغا ئۇلتۇرغۇزۇپ، يىراق ئالەمگە ئۇزۇن مۇددەتلىك « راھەت » ساياھەتكە جۆنەتۋەتىڭلارمۇ- قانداق؟ كىتابخانىلاردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت- سەنئىتىگە دائىر كىتاب- ژورناللار تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتىغۇ، ئۇلارنى كىتابخانىلاردا تاپقىلى بولمايدۇ- غۇ، ئۇلارنى جىن يوتۇپ كەتتىمۇ- نىمە ياكى ئۇلارنى چەت ئەللىكلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن مۇزېيڭلارغا تېزىپ قويدىڭلارمۇ- نىمە؟ نىمە ئۈچۈن ھىچ قانداق قانۇنىي رەسمىيەت ئۆتىمەستىن، ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئىلمىي مۇئەسسەسەلەردە دەرس ئۆتىۋاتقان ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پروفېسسور، ئالىم- مۇتەخەسسىس ۋە تەتقىقاتچىلارنى ئالا قويماي تۇتقۇن قىلىپ، تۈرمە ۋە يېپىق جازا لاگېرلىرىغا تاشلايسىلەر؟ نىمە ئۈچۈن بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى يوقىرى كۆتۈرۈشكە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان مىللى نەشىرىيات مۇئەسسەسەلىرى ئېغىر بۆزغۈنچىلىققا ئۆچرىدى؟سەنلەر دېگەندەك « ئۇيغۇرلارنى مەدەنىيەت- سەنئىتى ياخشى قوغىدىلىۋاتقان» بولسا،ئۇنداقتا، نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا خىتايچە كۈيلەكلەرنى كېيىگۈزۈپ، خىتايچە ئۇسسۇللارنى  ئوينىتىسىلەر؟ ئۇلار ئوينايدىغان مىللىي ئۇسسۇلى يوق مىللەتمۇ؟  نىمە ئۈچۈن مىللىي پۇراق تۈسى كۆچلۈك بولغان رسىتورانلار پىچەتلىنىپ كەتتى؟ نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى پۇراققا مول ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر تەركىۋى قىسمى بولغان «  مەشرەپ » نى ئۆتكۈزۇشكە يول قويمايسىلەر؟  نىمە ئۈچۈن « مەشرەپ » ئۆتكۈزگەنلەرنى تۇتۇن قىلىسلەر؟

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ «ئاق تاشلىق» كىتابىدىكى « رايوندىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل- يېزىقىدا دىنىي ۋە مەدەنىيەتكە  ئائىت  كىتابلارنى نەشر  قىلىش ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.  ھەر مىللەت خەلقىنىڭ

قىلىندى. ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادىغا ئائىت ئەسەرلەر قوغدالدى. » دېگەن ئىبارىلەر قىپقىزىل يالغانچىلىق.

«مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دا خىتاي كومپارتىيىسى خىتاي  ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيتىنى سوتسىيالىستىك شەكىل ۋە مەزمۇنغا ئىگە قىلىشقا ئورۇنغان بولسا، بۇ نۆۋەت ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى  ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن بىللە يوقىتىش نىيىتىگە كەلدى.

گەپنىڭ قىسقىسى، چوچۇرىنى خام سانىغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى زامانىسىدىكى خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى ئارقىلىق مانجۇر مىللىتىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۇسۇل- چارىسى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن سىۋىلىزاتسىيە ( مەدەنىيەت) جەھەتتىن خىتاي مىللىتىگە قارىغاندا تېخىمۇ  ئۇزۇن قەدىمىي سىۋىلىزاتسىيە ئىگە بولغان ئۇيغۇر مىللىتىنى خىتاي مەدىنىيىتى بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر مىللىتىنى  مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسمىلياتسىيە قىلىشىنى تېخمۇ كۆچەيتىش بىلەن بىرگە ، دۆلەت ھاكىمىيەتنىڭ دېكتاتورلۇق فونكىيىسىنى ئىشقا سىلىپ، زوراۋانلىق كۆچى بىلەن شەرقىي تۈركىستان زىمىنىدا ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقىتشنى قارار  قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۇتۇش قىلدى.

ئىقتىسادىي جەھەتتە نامراتلىقتا تۇتۇش

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا باشتىن- ئاخىر بۇ يەردىكى يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا ئۇلارنى نامراتلاشتۇرۇپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش تەدبىرىنى قوللاندى . ئۇلار بۇ تەدبىرنىڭ تېز ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى ياخشى چۈشۇنۇپ يەتكەن . ئەمىلىيەتتىمۇ نامرات مىللەتلەرنىڭ ئىقسىسادى كۆچلۈك مىللەتلەر تەرىپىدىن ئاسان  ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىش  ئەھۋالى تارىخدا كۆپ كۆرۈلگەن.

1949- يىلى خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەملىكە قىلغاندىن كېيىن ئەسلى ئانچە تەرەققى تاپمىغان بۇ رايوننى تەرەققى قىلدۈرۈشنىڭ ئورنىغا، بۇ بايلىققا تىنىپ كەتكەن بۇ جاينىڭ بايلىقىنى خالىغانچە بۇلاڭ- تالاڭ قىلىشقا باشلىدى. ( شەرقىي تۈركىستاننىڭ نېفىت ۋە يەر ئاستى گاز زاپىسى « خىتاي دۆلىتى » نىڭ نېفىت ۋە يەر ئاسىتى گاز زاپىسىنىڭ /31، كۆمۈر زاپىسى % 40 ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشى % 60 نى ئىگەللەيدۇ). بۇ يەرنىڭ بايلىقلىرىنى—  كان بايلىقلىرى، يېزائىگىلىك ، چاۋرىچىلىق ۋە ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى بولۇپمۇ نېفىت، گاز ۋە نادىر مىتاللىرىنى، قىسقىسى قولىغا چىققۇدەك نەرسە بولسىلا، ئۆزلۈكسىز ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تۆشىدى.

خىتايدا «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش» قاتارلىق بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەر يولغا قۇيۇلغاندىن كېيىن، گەرچە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى  چوڭ غەربىي شىمالنى تەرەققى قىلدۈرۈشتىن ئىبارەت كاتتا پىلانىنى ئۇتتۇرغا قويغان بولسىمۇ،ئۆزلىرىنىڭ دېڭىز بۇيلىرىنى ئەۋۋەل تەرەققى قىلدۈرۈشدىن ئىبارەت پىلانىدىن ۋاز كېچەلمەي، بۇ  چوڭ غەربىي شىمالنى تەرەققى قىلدۈرۈشتىن ئىبارەت « ئۇلۇغۋار» پىلانى قەغەز ئۇسىتىدىلا  قالدى.

«<خىتاي دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى ئىككى كۈن ئاۋۋال خىتايدىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە چوڭ شەھەرنىڭ 2018‏- يىلدىكى دەسلەپكى 3 ئايلىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلدى. >، < خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۆرسەتكۈچىدە كۆرسىتىلىشىچە، تىبەت بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتايدىكى كىرىمى ئەڭ تۆۋەن رايون بولۇپ، 30- ۋە 31‏- ئورۇننى ئىگىلىگەن. شاڭخەي شەھىرى خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ كىرىمى ئەڭ يۇقىرى شەھەر بولۇپ، پۇقرالارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان 3 ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 17 مىڭ 277 يۈەن دەپ ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن قالسا بېيجىڭ شەھىرى، جېجياڭ ئۆلكىسى، جياڭسۇ ئۆلكىسى ۋە تيەنجىن شەھىرى پۇقرالارنىڭ كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ئالدىنقى 5 ئۆلكە- شەھەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. > ، <خىتاي ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ كۆرسەتكۈچىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى پۇقرالارنىڭ بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 3 ئېيىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 4593 يۈەن، تىبەتنىڭ 3136 يۈەن ئىكەن. خوڭكوڭدا چىقىدىغان <<  جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى >> نىڭ خەۋىرىدە، يۇقىرىقى رايونلاردىكى پۇقرالارنىڭ كىرىمى ئۆسكەندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئۇلار بىلەن خىتاينىڭ شاڭخەي، جېجياڭ ۋە تيەنجىنگە ئوخشاش رايونلىرىنىڭ كىرىم پەرقىدىكى ھاڭنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. >، < بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كىرىم پەرقىدىكى بۇ غايەت زور ھاڭنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى پەيدا قىلغان. ئامېرىكادىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، ئامېرىكا پرىنسىتون ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىلمىي خادىمى دوكتور چېن كۇيدې ئەپەندى بۇ رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق كىشىنى چۆچۈتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. >، < ئۇ مۇنداق دەيدۇ: << 2018- يىلنىڭ 1- چارىكىدىكى ستاتىستىكا شۇنى كۆرسىتىدۇ، شىنجاڭ ۋە شىزاڭنىڭ دېڭىز بويىدىكى شاڭخەي، بېيجىڭدەك شەھەرلەر بىلەن بولغان كىرىم پەرقى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە. بۇ ئەھۋال ئىزچىل مەۋجۇت ھادىسە بولۇپ، دېمەك يەنە داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ خەلق تۇرمۇشى ۋە كىرىمىدىكى پەرقنىڭ بۇنچىلىك زور بولۇشى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ. بۇ پەرق ئۇزۇن يىللىق مەسىلە دېيىلسىمۇ، لېكىن بۇ ھاڭنىڭ ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كېلىشى ۋە ئۇنىڭ داۋاملىق چوڭىيىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يولغا قويۇۋاتقان سىياسىتىگە باغلىق بولماي قالمايدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي سىياسىتىگە باغلىق بولۇپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى خىتاينىڭ شىنجاڭ ۋە شىزاڭدا يولغا قويۇۋاتقان قاتتىق تەقىب قىلىش، قاتتىق چەكلەش سىياسىتىگە، ئۇلارنىڭ باشقا ئۆلكىلەر ۋە خەلقئارا بىلەن بولغان ئىقتىسادي ئالاقىسىنى قاتتىق چەكلىشىگە مۇناسىۋەتلىك. >> >، < ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ پەرقنىڭ كېيىنكى 30 يىللىق ئىسلاھات دەۋرىدە تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: << بۇ پەرق ئاساسەن خىتاينىڭ سىياسىتى تۈپەيلى ئۇيغۇرلار بارغانسېرى ئارقىغا چېكىنىپ، قورسىقى ئارانلا تويىدىغان، ھەتتا بەزى رايونلاردا قورسىقىمۇ تويمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ دەلىل- ئىسپاتى دېسەك بولىدۇ. 80‏- يىللاردا بىر خىتاي پروفېسسورنىڭ يازغان بىر كىتابى بار ئىدى. << جىرانىڭ ئىچىدىكى خىتاي>> دېگەن. شۇنىڭدا يېزىلىشىچە، تاكى 50‏- يىللارغىچە بىزنىڭ ۋەتەننىڭ ئومۇمىي كىرىمى ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسى خىتايغا سېلىشتۇرغاندا، 20 نەچچە پىرسەنت يۇقىرى ئىدى. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ئىسلاھاتتىن كېيىن ئۇلارنى قەستەن نامرات قالدۇرۇشنىڭ ئالدىدا ياخشى ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ سىياسىي ھازىرقى بۇ زور پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.  > ».

2000 –  يىللارغا كەلگەندە « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق » پارتىكومنىڭ سابىق سېكرېتارى ۋاڭ لو چىۋەن 1950- يىللاردا بۇ رايوندا ئاساس سېلىنغان ئېغىر- يېنىك سانائەتنىڭ بارلىق زاۋۇد ۋە كارخانىلىرىنى خانىۋەيران قىلدى.  ئېشىپ قالغان قالدۇقلىرىنى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىركەتلەرگە سېتىپ بەردى.

بۇ ئۆلكىنىڭ قەيەرىدىن بولمىسۇن يەر ئاستى بايلىقى تېپىلسا، شۇ يەردە تېرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئاھالىلار باشقا يەرلەرگە مەجۇرىي كۆچۈرۈلۈش بىلەن خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن ئىشچى- خىزمەتچىلەر يۆتكەپ كېلىندى. بۇنىڭ تىپىك مىسالى پوسكام نېفىتلىقى ئېچىلغاندا ئەنە  شۇنداق بولغان.

بۇ رايون ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن سۈپەتسىز  ماللار بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكتىن يەرلىك مىللىي سانائەت خانىۋەيران بولدى. قىسقىسى، بۇ جاي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپتىن چەت ئەللەرگە  تاۋار توشۇيدىغان ئۆتېڭىگە ئايلىنىپ قالغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەت ئىچىدىكى بازىرى كاسسات ماللارنى سېتىش بازىرىغا ئايلىنىپ قالغان.

2000- يىلى 5- مايدا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئاچقان « شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋىلايەت- ناھىيەلەرنى خىتاينىڭ 19  ئۆلكە- شەھەرلىرىگە « نوقتىلىق ياردەم » بېرىدىغان رايون دېگەن نامدا بۆلۈپ بەردى. شۇندىن باشلاپ، بۇ ئۆلكە- شەھەرلەردىن كەلگەن قاراقچىلار شەرقىي تۈركىستاندا ئۆزلىرىنىڭ خالىگىنىچە بۇلان- تاراجىنى باشلاۋەتتى. كانلار،تەبىئى بايلىقلار ۋە يەرلىك يىرىك شىركەتلەر بۇ ئۆلكىلەردىكى شىرىكەتلەر سېتىپ بېرىلدى ياكى كۆتۈرەگە بېرىلدى. ھەر تۈرلۈك بانا- سەۋەپلەربىلەن يەرلىك زاۋۇت- كارخانىلار ۋە كانلارنى تاقىدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىيىسىنىڭ ئاڭلىتىشىچە، « < خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2010- يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىللىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشى 10 مىليون توننىدىن ئاشىدىغان كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى يەرلىك كۆمۈر كانلاردىن تەخمىنەن 300 دىن ئارتۇق كۆمۈر كان بۇيرۇق بىلەن تاقالغان. >، < خىتاي شىركەتلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن كۆمۈر كانلىرىدىن ئىلى دىيارىدىكى پىلىچىخاڭ كۆمۈر كېنى، ئۈرۈمچى تىك قۇدۇق كېنى، بورتالا كۆمۈر كېنى قۇمۇلنىڭ تارانچى كۆمۈر كېنى ۋە چۆچەك كۆمۈر كېنى قاتارلىق كانلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن. > ».

يەرلىك زاۋۇت- كارخانا، شىركەتلەر، مۇلازىمەت ئورۇنلار ۋە دوكانلارنىڭ   ئۈزلۈكسىز تاقىلىشى سەۋەبىدىن يەرلىك مىللەت كىشلىرىنىڭ ئەسلى تۆۋەن تۇرمۇش سەۋىيەسى تىخىمۇ ناچارلىشىپ كەتتى. « خىتاي دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى ئىككى كۈن ئاۋۋال خىتايدىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە چوڭ شەھەرنىڭ 2018‏-يىلدىكى دەسلەپكى 3 ئايلىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلدى. خىتاي دائىرلىرىنىڭ كۆرسەتكۈچىدە كۆرسىتىلىشىچە، تىبەت بىلەن « ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» خىتايدىكى كىرىمى ئەڭ تۆۋەن رايون بولۇپ، 30- ۋە 31‏- ئورۇننى ئىگىلىگەن.».

«ئۈرۈمچى ليۇداۋان رايونىغا قاراشلىق تىكقۇدۇق كۆمۈر كېنى 2010- يىلى بۇيرۇق بىلەن تاقالغاندىن بۇيان ، مەزكۇر كاندىكى كۆمۈر كولاشقا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامداۋاتقان 1500 ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئىشچى ئىشسىز قالغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ھەر خىل تىرىكچىلىك يوللىرىنى ئىزدەشكە مەجبۇر قالغان. ».

يەرلىكلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى كۈنسايىن تۆۋەنلىشىنىڭ ئەكىسىچە خىتاى كۆچمەنلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى كۈنساناپ ئۆسمەكتە. «ئامېرىكادىكى << بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى گېزىتى>>  ىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى پىتىر مارتېن يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن ۋە قورغاس قاتارلىق جايلىرىدا زىيارەتتە بولغان. ئۇ 10 كۈنلۈك زىيارەت داۋامىدا كۆرگەنلىرىنى 24- يانۋار كۈنى << خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ مەركىزىدىكى زور ساقچى دۆلىتى >> ماۋزۇسىدا <بۇ يىل 67 ياشقا كىرگەن ۋە ئون يىل بۇرۇن خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىدىن ياخشىراق تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كەلگەن بىر خىتاي ئايال بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى مىسال كەلتۈرگەن. ھازىر ئۇ ئايالنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىككى ھاراق دۇكىنى بار ئىكەن. >  » .

خىتاي دائىرلىرى شەھەر ۋە كەنت ئەتراپى ۋە ئايرودروملارنى گۈزەللەشتۈرۈش ۋە باشقا باھانە- سەۋەپلەر بىلەن يەرلىك ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تۇڭگان، مۇڭغۇل ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ دېھقان ۋە چارۋىچىلارنىڭ يەر ۋە ئوتلاقلىرىنى مەجبۇرىي تارتىپ ئالماقتا.

ھەي، قاراقچى خىتاي ھۆكۈمىتى، ئېسىڭدە تۈت،  سېنىڭ شەرقىىي  تۈكىستاندىن بۆلاپ كېتىپ بارغىنىڭ  «ئاپپاق غۇجامنىڭ  ئۇمىچى ئەمەس»، ھەقسىز ئالغىنىڭنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە قوسۇسەن!

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى بۇ قىتىمقى ئۇيغۇرلارنى كىملىكىنى يوقىتىش ئىبارەت ئىستراتېگىيىلىك ئوپېراتسيىسىدە ئىسلام دىنىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئەسىرلەر بۇيى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى يوقۇتۇشقا قول سالدى. ئۇلار بۇ ئۆلكىدىكى مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئىسلام دىنى ئاساسىدا شەكىللەنگەن تۇرمۇش ئۆرپە- ئادەتلىرىنى ئۆلچەم قىلىپ تەرەققىي قىلغان مىللىي سانائەت، شىركەت ۋە مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى خانىۋەيران قىلدى. مىللىي زاۋود – كارخانىلار، مىللىي دۇكانلار، مۇلازىمەت ئورۇنلىرى — ئومۇمەن مىللىي خاسلىققا ئىگە بولغان بارلىق تىجارەتلەر تاقالدى، پىچەتلەندى، مىللىي سانائەتچىلەر- كارخانىچىلار لاگېر- تۈرمىلەرگە تاشلاندى، ئىقتسادى مۇسادىرە قىلىندى، بۇ زاۋۇد- كارخانىلاردا ئىشلاۋاتقان مىللىي ئىشچى-  خىزمەتچىلەر ئىشسىز قالدى، تۇرمۇش كەچۈرۈش مەنبەسىدىن ئايرىلدى.

يېزا- قىشلاقلاردا قانۇنسىز تۇتۇن قىلىشنىڭ ئاقىۋېتىدە ئۇ يەرلەردە ئەمگەك كۈچى يېتشمەسىلىك ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەن. « مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەرنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدا، نوپۇسنىڭ % 50 ئاتالمىش تەربىيەلەشكە ئەكېتىلگەنلىكى ئۈچۈن، مەھەللىلەردە ئەمگەك كۈچى ئاساسەن قالمىغان. ئالاقىدار خادىملاردىن بىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئاتالمىش تەربىيەلەشكە ئەكېتىلگەنلەرنىڭ ئائىلىسىنى تاشلىۋەتمىگەنلىكى؛ ئۇلارنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. بۇ خادىمنىڭ دېيىشىچە، دائىرىلەر ئاھالىلەرنىڭ تۈرلۈك پەسىل خاراكتېرلىك دېھقانچىلىق ئىشلىرىدىن باشقا، ئۆي رېمونت قىلىش ئىشلىرىغا قەدەر جىسمانىي ئەمگەكلەرنى << پىدائىيلار>> گۇرۇپپىسىغا قىلدۇرغان. بۇ پىدائىيلار گۇرۇپپىسى يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە تۆۋەنگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپا ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن. ».

نۆۋەتتىكى كەڭ كۆلەملىك قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان يېزا- قىشلاقلاردىكى ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۈنسېرى ئېغىرلاشۋاتقان ۋەزىيەتتە خىتاي دائىرلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنى كەسكىن ۋە تېز سۈرئەتتە ئازايتىش ھەمدە ئۇلارنى ئاسسمىلياتسىيە قىلىۋېتىشتىن ئىبارەت رەزىل نىيىتىنى ئەمىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن « ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش » نى باھانە قىلىپ، مىللىي ياش ئەر- ئاياللارنى تۈركۈم- تۈركۈملەپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە « سەپەر»گە ئاتلاندۈرماقتا. « << شىنجاڭ گېزىتى >> نىڭ 14- يانۋاردىكى خەۋىرىدە مەكىت ناھىيەسىدىن 800 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشنىڭ ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلارغا بېرىپ زاۋۇتلاردا ئىشلەمچىلىك قىلىش ئارقىلىق  <<  باي بولۇشقا ئاتلانغانلىقى >>  ئالاھىدە خەۋەر قىلىنغان. خەۋەردە مەكىتتىن ئۆتكەن يىلى 2900 دىن ئارتۇق ياش ئىچكىرىگە ئەۋەتىلگەنلىكى شۇنىڭدەك < >ئوشۇقچە ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش <> نامىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىچكىرىگە ئاپىرىپ زاۋۇتلارغا ئىشچىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنى << باي >>  قىلغانلىقى يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىلگەن. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر ئىزچىل بۇنى رەت قىلىپ << خىتايدىكى خىتاي پۇقرالىرى ياراتمايۋاتقان تۆۋەن مائاشلىق  خىزمەتنى  ئۇيغۇرلارغا  بېرىش  بىلەن  ئۇيغۇرلار  باي  بولالمايدۇ.  بۇنىڭدا   >جىننىڭ  قەستى  شاپتۇلدا    <  دېگەندەك ئىشلار بولۇۋاتىدۇ. >>  دېگەن ئىدى. ».

جۇڭخۋا مىنگو دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تاجاۋۇزچى قالدۇق ئارمىيىسىدىن تەشكىل تاپقان،كۆچمەن خىتايلارنىڭ ئۇۋىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك مىللەتلەرنى باستۇرۇش قۇراللىرىدىن بىرى بولغان « شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش كورپۇسى » نىڭ بەرپا بولىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى، قازاق ۋە قىرغىز چارۋىچىلار ئۈچۈن بىر چوڭ ئاپەت بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زور ئىقىسادىنى ئارقا تېرەك قىلغان بۇ كورپۇس شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزا- قىشلاقلىرىدا زورلۇق- زومبۇلۇق  قىلىپ، مۇنبەتلىك بوز يەرلەر ۋە سۇ مەنبەلىرىنىڭ موللىرىنى ئىگەللەپ ئالدى.  يەرلىكلەر بىلەن بۇ « كورپۇس » ئوتتۇرىسىدىكى يەر ۋە سۇ مەسىلىرىدە سادىر بولغان جېدەل- ماجىرالاردا ھۆكۈمەت دائىرلىرى ھەر دايىم ئۆزلىرىنىڭ گېپنى ئاڭلايدىغان « يومشاق قۇلاق » مىللىي كادىرلار ياكى شۇ مىللەتنىڭ ئاق ساقاللىرىنى ئارىغا سېلىپ قويۇپ، جېدەل- ماجىرالار ھەر قېتىم  مەزكۈر « كورپۇس » نىڭ پايدىسىغا  ھەل قىلىندى . مەزكۈر كورپۇسنىڭ تارىم دەرياسىنىڭ باش ئېقىمىنى بۆغۇپ ئالغانلىق تۈپەيلى تەكلىماكان چۆللىكىدىكى قوملارنى ئەسىرلەر بۇي تىزگىنلەپ تۇرغان تۇرغاقلار قۇرۇشقا باشلاپ، قوملار ھەر يىلى ئون نەچچە مېتىرلەپ ئۇيغۇر يېزىلىرىغا بېسىپ كەلمەكتە.

نۆۋەتتە، خىتاي دائىرلىرى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ لاگېرلاردىكى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئەمگەك كۈچىدىن پايدىلىنىپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقا رۇخسەت قىلغان. خىتاينىڭ « تەيدا كىيىم- كېچەك شىركىتى » خوتەندىكى يىغىۋېلىش لاگېرىدا قورۇلغان كىيىم- كېچەك زاۋۇتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىپ، ئامېرىكىدىكى « باجىر تەنتەربىيە كىيىملىرى شىركىتى » گە ساتقان. خىتاي دائىرلىرى يەنە « ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش » باھانىسى بىلەن ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۈرك مىللەتلىرىنىڭ ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلمىغان يىگىت- قىزلىرىدىن تۆمەنلەپ ئىچكى ئۆلكىلەردىكى زاۋۇت- كارخانىلارغا ئىشچىلىققا يۆتكەپ، يوقنىڭ ئورنىدىكى ئايلىق مائاش بېرىپ، قاتتىق رېجىم ئاستىدا ئون نەچچە سائەت قۇلدەك  ئىشلەتمەكتە.

«ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دىرېكتورى لۇئىسا گىرېۋ خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلەپ: < ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلاردا <<زامانىۋى قۇللۇق>>  دەپ ئاتىلىدىغان بۇنداق بىر ۋەزىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، دېدى. <ئۇ سۆزىدە <<خەلقئارادىكى ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا ئائىت قانۇنلاردا بىر كىشىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا، ئۇنى مەلۇم بىر ئورۇندا مەجبۇرىي تۇتۇپ تۇرۇشقا بولمايدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن>> دەپ كۆرسەتتى.».

ئۇيغۇرلارنى ئۆز ماكانىدىن ئايرىپ  ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش

خىتاي كومپارتىيسى ۋە ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى خىتايدىكى ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش جەھەتتىكى تەجرىبە – ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، بىر مىللەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنىڭ يەنە بىر ئۈنۈملۇك ئۇسۇلى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىدىغان مىللەت ئاھالسىنى تارقاقلاشتۇرۇش يەنى بۇ مىللەتنى ئۆز ماكانىدىن ئايرىپ، خىتايلارنىڭ ئارىسىغا تارقىتۋېتىش كېرەك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى.  شۇڭلاشقا،ئۇلار بۇ قېتىم قوزغىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مۇسۇلمان تۈرك مىللەتلىرىنى دىن، سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىن باستۇرۇپ، ئۇلارنى ئومۇميۈزلۈك ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە يوقىتىش ئوپېراتسىيىسىدە ئۇلارنى بۆلۈپ- بۆلۈپ ئىدارە قىلىش ئۈچۈن، مىللىيلارنى خىتايلار ئۇلتۇراقلاش رايونلارنىڭ مەركەزلىرىگە تارقاقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتىگىيىلىك تاكتىكىسى يەنى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنى «  ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشلىتىپ، مىللىيلارنى باي قىلىش » دىن ئىبارەت رەزىل پىلاننى ئىجرا قىلىپ، ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ياش قۇرامىدىكىلەرنى ئىچكى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش ۋە شۇ جايدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە يۇقىتىش، يەرلىكتە قالغان قېرى- چۈرىلەرنىڭ ئۆلۈمىنى كۆتۈش، بۆش قالغان جايلارغا خىتايلارنى تولغۇزۈش ئارقىلىق «شىنجاڭ» نىڭ دېموگرافىيىسىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت ئىستراتىگىيىلىك باش نىشانىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەكچى.

ئۇلار «مىلليلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش» دىن ئىبارەت رەزىل مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن مىللىيلار زىچ ئۆلتۇراقلاشقان جايلاردىكى مىللىي ئاھالىلارنى تارقاقلاشتۇرماقتا. چەت- ياقا جايلاردا ئولتۇراقلاشقان يەرلىك مىللەت ئاھالىلىرىنى «تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش» باھانىسىدا ئۇلارنىڭ تىرىكچىلىكىنى قەتئىي ئۆيلاشماي، مەجبۇرىي ھالدا كەنت- بازارنىڭ ئەتراپىغا سېلىنغان «ھەربىي گازارما »لارغا كۆچۈرۈپ، ئۇلارنىڭ يەر- زىمىنلىرىنى ئىگەللىمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى « << يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش >> نامىدا، ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرتىدىن يىراق بولغان يات جايلارغا يۇتكىمەكتە. « < << شىنجاڭ گېزىتى >> نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا 2 مىليون 729 مىڭ ئادەم قېتىم ئاتالمىش <<  ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى >>  نى يۆتكەپ  ۋەزىپىسىنى بالدۇر ئورۇندىغان. >، <  بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەن ئادەم سانىنىڭ ئۆزىلا 25 مىڭ نەپەردىن ئاشقان. >، <  يېقىندا خىتايچە << تەڭرىتاغ تورى>>  تارقاتقان بىر خەۋەرىگە  قارىغاندا، <<  يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى >> گە ئاساسەن بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 3 پەسلىدە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلگەن ئادەم سانىنىڭ 25 مىڭ 199 نەپەرگە يېتىپ، ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلدىن 7637 نەپەر كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى >، <  <<  ئىقتىساد گېزىتى >>  نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەلگەن ئادەم سانى كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن بولۇپ، پەقەت خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئۆزىدىلا ئالدىنقى 3 پەسىلدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن ئادەم سانى 9045 نەپەر ئىكەن. >، <  خىتايچە <<  تەڭرىتاغ تورى >> نىڭ يەنە بىر خەۋىرىدە << خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدىن 109 نەپەر ئاتالمىش ئارتۇق ئەمگەك كۈچى ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكەلگەن. >> >، < خىتايچە <<  تەڭرىتاغ تورى >>  نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يۆتكەش بىلەن ئەنخۇي ئۆلكىسىدە ئىشلەۋاتقان خوتەنلىك ئىشلەمچىلەرنىڭ سانى 600 گە يەتكەن. >، < خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ << ئېشىنچا >> ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەۋاتقان بىر شارائىتتا ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن جەمئىي يۈز مىڭ خادىم قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. >، <<بىڭتۇەن گېزىتى>>  نىڭ  6- نويابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە بۇ يىل ئىچىدە بىڭتۇەننىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلارنى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى 100 مىڭغا يەتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن».

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلىمىنىڭ 2019- يىلى 5- مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «يېزا ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرى» نى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا تەشكىللىك ھالدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ۋە رايوندىكى سانائەت بازىلىرىغا يۆتكەپ، ئۇيغۇر يېزا ياشلىرىنى جەنۇبتىكى ۋىلايەت- ئوبلاستلاردىن باشقا رايونلارغا تارقاقلاشتۇرماقتا ئىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ يىل «يېزا ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرى» نى يۆتكەشنى 2 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان. دائىرىلەر ئۆتكەن يىلى 2 مىليون 800 مىڭ « يېزا ئېشىنچە ئەمگەك كۈچى» نى يۆتكىگەن ئىدى».

سىياسىي تەشكىلات ۋە مەمۇرىيەت جەھەتتىكى «ئاسسىمىلياتسىيە»

1949-  يىلى خىتاي كومپارتىيىسى شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي ئىشغال قىلغاندىن كېيىن گەرچە شەرقىي تۈركىستان جۈمھۇرىيىتىدىن قالغان سىياسىي تەشكىلات «شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» ( 1933 – يىلدىكى ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ئارقىمۇ ئارقا قورۇلغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرى 1950- يىلغا كەلگەندە «شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» نىڭ تەركىبىگە قوشۋېتىلگەن ئىدى.)  ئۆز خىزمىتىنى داۋام قىلدۇرغان بولسىمۇ،  1950-  يىلى6  ئايغا كەلگەندە مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ نامى «شىنجاڭ خەلق دېموكراتىيە ئىتتىپاقى» غا ئۆزگەرتىلدى. 1954 يىلى 9-  ئايغا كەلگەندە بۇ «ئىتتىپاق»  ئۆزىنىڭ «تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ بولدى» دېگەن باھانە بىلەن تارقىتىۋېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر، قازاق،موڭغۇل ۋە قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەر ئۆزلىرى نىسپىي مۇستەقىل ھالدا ئىدارە قىلدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتىدىن مەھرۇم قىلىندى. «ئىتتىپاق» نىڭ بىر تۈركۈم مەسئۇل كادىرلىرى ئالدى- كەينى بولۇپ خىتاي كومپارتىيىسىگە قوبۇل قىلىنىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇ رايوندا ئىش يۈرگۈزۈشىنىڭ تايانچ كۈچلىرىگە ئايلاندى.

ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەت ۋە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇ رايوندا دەماللىققا ئىشقا سالىدىغان كادىرلىرىنىڭ كەمچىل بولۇشى ھەمدە شۇ  چاغدا بۇ يەردىكى ئاھالىلارنىڭ %95 يەرلىك مىللەتلەردىن بولغانلىقى تۈپەيلى خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان جۈمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ زور تۈركۈمدىكى كادىرلىرىنى ئىشلىتىشكە موھتاجى چۈشتى. شۇ چاغلاردا «شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت» ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى مائارىپ، دىھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ، ئورمانچىلىق ، سوت – ئەدلىيە قاتارلىق نازارەت- ئىدارىلىرى ھەمدە يەرلىك ئىدارە- ئورگانلاردىكى كادىر- خىزمەتچىلەرنىڭ كۆپچىلىكى يەرلىك مىللەتلەردىن ئىدى.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئېچكىرى ئۆلكىلەردىن تۈركۈم- تۈركۈملەپ خىتاي كادىرلىرىنى بۇ رايونغا يۆتكىشى ۋە زور كۈلەمدە خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئېقىپ كېلىشى نەتىجىسىدە بۇ رايوندىكى مىللەتلەر ئارسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ نىسبىتى (  دېموگرافىيىسى ) جەھەتتە چوڭ ئۆزگىرىشلەر كۆرۈنۈشكە باشلاندى.

شۇنىڭ بىلەن  بىرگە خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى  بۇ ئۆلكىدە ئاساسەن مىللىي  كادىر- خىزمەتچى ۋە مىللىي زىيالىيلارغا قارتىلغان ھەر خىل سىياسىي ھەركەتلەرنى («يەرلىك مىللەتچىلەرگە قارشى تۇرۇش»، «رېۋىزىئونىزمغا قارشى كۆرەش»  ۋە «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» قاتارلىق سىياسىي ھەرىكەتلەرنى) ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق قەدەممۇ قەدەم مىللىي كادىر- خىزمەتچىلەر ۋە مىللىي زىيالىيلارغا بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان جۈمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىدىن كەلگەن كادىرلار ۋە ئوفىتسېرلارغا تۈرلۈك سىياسىي قالپاقلارنى كىيىگۈزۈش ياكى كادىرلارنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ۋە ياكى قىسقارتىشتەك ھەر خىل باھانە- سەۋەبلەر بىلەن  بۇ مىللىي كادىر- خىزمەتچىلەر كۆپ قىسمىنى دۆلەت ئىدارە – ئورگانلىرىدىن سېقىپ چىقاردى.

گەرچە بۇ ئۆلكىنىڭ « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى » دېگەن نامى بولسىمۇ،  بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى مائارىپ، دىھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق، سوت – ئەدلىيە قاتارلىق نازارەت- ئىدارىلەر ھەمدە يەرلىك ئىدارە- ئورگانلاردىكى مىللىي كادىرلار بارماقتا ساناپ بەرگۈدەكلا قالدى. مەمۇرىيەتتە بىر قانچە مىللىيلارغا ئەمەل بېرىپ ئۇلتۇرغۇزۇپ قويغان بولسىمۇ ، بۇ مىللىي ئەمەلدارلارنىڭ ھىچ قانداق ئەمىلىي ھوقۇقى يوق ،پەقەت « خوجا كۆرسۈن » ئۈچۈن.

نۆۋەتتە، بۇ رايوندا ھۆكۈمەت ئىدارە- ئورگانلاردا ئىشلىمەكچى بولغان بەلگىلىك چەكتىكى مىللىي كادىرلار تامامەن خىتايلاشقان بولىشى شەرت. بەزى ئىدارە- ئورگانلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشچى- خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئوختۇرۇشلىرىدا ئاشكارە  ھالدا « مىللىيلار قوبۇل قىلىنمايدۇ » دەپ يازىدىغان بولدى.

قوراللىق كۈچلەر جەھەتتىكى «ئاسسىمىلياتسىيە»

1949- يىلى شەرقىي تۈركىستان خىتاي كومپارتىيسىنىڭ ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىنقىلابى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى شەرقىي تۈركىستان جۈمھۇرىيىتىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى– 15 كىشلىك مىڭ كىشلىك ئۆپچۆرىسىدىكى مونتېزم مىللىي ئارمىيىسىنى« ئاسسىمىلياتسىيە » قىلىشقا  قول سالدى.

1949- يىلى 20 – دېكابر جۇڭگو خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى شەرقىي تۈركىستان جۈمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئارمىيىسى–  مىللىي ئارمىيسىنى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 5 – كورپۇسقا  ئۆزگەرتكەنلىكى ھەققىدە رەسمىي بۇيرۇق ئېلان قىلدى. بۇيرۇقدا بىر باش قوماندانلىق شتابى،ئالتاي ۋە شىخو  شۇبە قوماندانلىق شتابلىرى،3  ئاتقۇچى پولكى، 6 ئاتلىق پولكى،1  ئاتلىق مۇستەقىل دىۋىزىيونگە ئىگە جەمئىي 14 مىڭ كىشلىك ئەسكىرى بار  بولغان شەرقىي تۈركىستان جۈمھۇرىيىتىنىڭ قوراللىق كۈچى– مىللىي ئارمىيىسى  خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 5- كورپۇسى ( ئىككى دىۋىزىيە — 13-  ۋە 14- دىۋىزىيىلەردىن تەركىپ تاپقان)  قىلىپ ئۆزگەرتىلدى، دېيىلگەن. دەل شۇ كۈنى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماۋزېدوڭ 5 – كورپۇسنىڭ رەھبەرلىكىنى تەيىنلەش بۇيرۇقى ئىلان قىلدى. مىللىي ئارمىيەنىڭ ئوفىتسېر- جەڭچىلىرىدىن تەركىپ تاپقان 5- كورپۇسنىڭ باش قوماندانلىق باش شتابى ۋە دىۋىزىيىلەرنىڭ قوماندانلىق شتابلىرىنىڭ ھەممىسىگە يوقىرى دەرىجىلىك  خىتاي ئوفىتسېرلىرىنى سەپلىدى. مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومتىتىنىڭ رەئىسى ماۋزېدۇڭنىڭ بويرۇقى تۆۋەندىكىچە ئىدى:

 «مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومتىتىنىڭ بويرۇقى»

فادىيوۋ. ئىۋان. لېسكىن جوڭگۇ خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 5- كورپوسىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەنسۇن.

دۇن شىڭيۇن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 5 – كورپوسنىڭ سىياسى كومىسارلىقىغا تەيىنلەنسۇن.

مەرغۇپ ئىسھاقوۋ جۇڭگو خەلق  ئازادلىق ئارمىيىسى 5 – كورپوسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانلىقىغا ، قوشۇمچە  شتاپ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنسۇن.

زاھىر ساۋدانوۋ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 5 – كورپوسىنىڭ مۇئاۋىن سىياسى كومسارلىقىغا تەيىنلەنسۇن.

باۋدۇن نورىيوۋ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 5 – كورپوسىنىڭ سىياسىي بۆلۈم مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنسۇن.

رەئىس ماۋزېدۇڭ

1949 – يىل 20 –  دىكابر »

1952-  يىلىنىڭ بېشىدا خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 15- پىيادىلەر دىۋىزىيىسى 5 – كورپۇسنىڭ تەركىبى قىسمىغا كىرگۈزۈلدى. شۇنىڭ بىلەن خەس مىللىي قوراللىق قىسمنىڭ مىللىي تەركىبى جەھەتتە  ئۆزگۈرۈش ھاسىل بولدى.

1953- يىلغا كەلگەندە  ھەربىي قىسىملارنى قىسقارتىش ۋە ئېخچاملاش باھانىسى بىلەن مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بۇيرىقىغا ئاساسەن 5- كورپۇسنىڭ باش ئورگىنى ئىلى ھەربىي رايون ئورگىنىغا، ئۇنىڭ 13-  ۋە 14- دىۋىزىيىلىرى قىسقارتىلىپ، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇستەقىل 3-  ۋە 4 –  مۇستەقىل ئاتلىق پولكلىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، دۆلەت موداپىئە قىسىملىرى بولدى. 5- كورپۇسنىڭ مىڭغا يېقىن ئوفىتسېر- جەڭچىلىرىنى جامائەت خەۋبسىزلىك قىسىملىرىغا يۆتكىۋەتكەندىن تاشقىرى ئېشىپ قالغانلىرى پۈتۈنلەي « شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش كورپۇس » نىڭ 3  –  ۋە 4- دىۋىزىيىلىرى بولۇپ تەشكىللەندى. شۇنىڭ بىلەن 5- كورپۇسنىڭ زۇنۇن تىيىپوۋ، مەرغۇپ ئىسھاقوۋ ( تاتار)، زايىر ساۋدانوۋ، مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋ، بايچۇرىن رەفىق (تاتار)؛ ئايتۇغان يونىچىۋ ( تاتار) ۋە مالىك گىمادىيوۋ( تاتار) قاتارلىق ئالىي دەرىجىلىك قوماندانلىرى مىللىي قىسملارغا بىۋاستە كوماندىرلىق قىلىشتىن چەتلەشتۈرۈلىدى.  1954- يىلى 8 ئوكتەبر 5- كورپۇس رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ( بۇ مەلۇمات  خىتايچە، ۋېي جىۋاڭ : « شانلىق مىللىي ئارمىيە » دىن ، 1915-  يىل نەشرى،年版 2015 , « 光荣的民族军 » :魏 庄  )

1960- يىللاردا مىللىي ئارمىيەدىن قالغان مۇستەقىل 3-  ۋە 4 –  مۇستەقىل ئاتلىق پولكلىرىمۇ تارقىتۋېتىلدى. شۇندىن كېيىن « خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى » دە مىللىي ئەسكەرلەرنىڭ قىسىم بىرلىكى ئۇدېلىيە- ئىزۋود بىلەن چەكلىنىدى. خىتاي مەمۇرىيەتلىرىنىڭ « ھالال- ھارام» لىقنى ئايرىماسلىق بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئىجراسى بىلەن بەلكىم ئارمىيەدىكى بۇ مىللىي بۆلۈملەرمۇ پات يېقىندا ئەمەلدىن  قالدۇرۇلىشى  پەرەزدىن يىراق ئەمەس.

* * *

يۇقىرىقى بايانلار بىر تەرەپتىن نۆۋەتتە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئەڭ ئېغىر ئىرقىي دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش ئارقىلىق يەرلىك مىللەتلەرنى قېرىپ يوقۇتۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى دەلىللەپ بەرسە، بىر تەرەپتىن خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر ھاكىممۇتلەقلىك ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، « زالىمنىڭ زۇلۇمى ئاشسا، زاۋاللىقى يېقىنلىشىدۇ. » دېگەن ھەقىقەتدەك ئۇلارنىڭ فاشىست ھاكىمىيىتىنىڭ زاۋاللىققا يۇزلەنگەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top