• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئانا تىل » ئانا تىلغا قانچىلىك ھەسسە قوشالايمىز؟

ئانا تىلغا قانچىلىك ھەسسە قوشالايمىز؟

مەخمۇتجان لىتىپ

ئىلاۋە: بۇ يازمىنىڭ ئەسلى 2013- يىلى 6- ئايدا ئىزدىنىش تورىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بەزى جايلىرىنى قىسقارتىش، ئازغىنە مەزمۇن تولۇقلاش ۋە ئازىراق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق قايتا يوللاندى. مەخسەت، ئانا تىلغا بولغان سەزگۈرلىكىمىزنى يۇقىرى كۈتۈرۈشكە چاقىرىق قىلشتىن ئىبارەت.
بۇ يازما ئانا تىل دۇچ كەلگەن خىرىس، بىزنىڭ ئانا تىلدىكى سەۋىيىمىز زادى قانچىلىك ۋەئۇنىڭغا قانداق كونكىرىت چارە قوللىنىش قاتارلىقلار ھەققىدە سوبىكتىپ كۆزقاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بەزى ھۆكۈم ۋە بايانلارغا تەپسىلى سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلارنى كۆرسۈتۈش مۇمكىن بولسىمۇ، بۇنداق ئىشلەش مەخسۇس بىر ئىلمىي تېمىغا ئۆزگۈرۈپ كىتىدىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن زور ۋاقىت ۋە ئىنچىكە ئەمگەك تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا بۇ يازمىنى يېزىشتا ھۆكۈملەردىن كىيىنكى پاكىت ۋە مىساللارنى تولۇق كۆرسىتىلمىدى. يەنە شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇشۇم كىرەككى، بۇ يازما «ئانا تىل» ھەققىدىكى يازما بولىشىغا قارىماي بەزى گىرامماتېكىلىق ۋە ئىملا جەھەتلەردە خاتالىقلار كۆپ ئۇچۇرىشى مۇمكىن. بۇ سەۋەپلەردىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزرەمنى قوبۇل قىلىشلىرىنى، بۇ يازمىنى پەقەت غەيرى رەسمىي بىر يازما سۈپىتىدە كۆرۈپ، ئەسلى تېمىغا نىسبەتەن قىمەتلىك پىكىرلىرىنى بىرىشلىرىنى سورايمەن!

غېرىپلاشقان ئانا تىل

ئانا تىلنى قوغداش ۋە تىرىلدۈرۈش ھازىرقى زىيالىيلارنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپلىرىنىڭ بىرى بولىشى كېرەك دەپ قارايمەن. چۈنكى تىل بىر مىللەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئامىللىرىدىن بىرى.
يىگىرمە-ئوتتۇز يىللار ئىلگىرى ۋەتىنىمىزدە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مائارىپىدا ئانا تىل ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن تاكى 90-يىللىرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگۈچە تەخمىنەن يىرىم ئەسىر ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر مائارىپ تىلى ئۇيغۇر تىلىدا بولۇپ ئانا تىلدا ئوقۇغان كىشىلىرىمىز ئىچىدىن ئاجايىپ پاساھەتلىك تەرجىمانلار چىققان ئىدى. مەسىلەن، خەنلەرنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىن «سۇ بويىدا»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» قاتارلىق ناھايىتى مول سۆز بايلىقى تەلەپ قىلىدىغان قەدىمى ئەسەرلەرنى ئاجايىپ پاساھەت ۋە بالاغەت بىلەن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ بۇ كىلاسسىك ئەسەرلەرنى يۇقىرى بەدىيلىكتە بىزگە سۇنالىغان. مانا بۇ ئانا تىلدا مائارىپ تەربىيسى ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىمىزغا نە قەدەر پىششىق ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ بەدىئىيلىكى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ ھېچقانداق تىلدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن ئېدى. بۇ يەردە تەكىتلىمەكچى بولغان يەنە بىر تەرەپ شۇكى، يات تىلنى ياخشى ئىگەللەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئانا تىلغا پىششىق بولۇش كېرەكلىكى، ئانا تىلدا مائارىپ تەربىيسى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ باشقا يات تىللاردا ئۇلاردىنمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يىتىش مۇمكىن ئىكەنلىكى بىر پاكىت ئىدى.

بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ۋەتەن ئىچىدىكى چەكتىن ئاشقان ئاسمىلاتسىيە سىياسىتى، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىل ئۈستىدىكى ھايات-ماماتلىق جىددىىي ۋەزىيىتى، ۋەتەن سىرتىدىكى ئازغىنە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ كېتىشى سەۋەبىدىن ئانا تىلىمىز ئىتىبارسىزلىشىشقا، ھاياتىمىزدىن بارا-بارا چىقىپ كېتىشكە باشلىدى. ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى، ئۇيغۇر تىلىدا مائارىپنىڭ پۈتۈنلەي دىگۈدەك ئۈزۈلۈپ قېلىشى. مائارىپ ساھەسىدىلا ئەمەس خەلق ئارىسدىمۇ ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ بوينى پۈكۈك قالدى. ھەرقايسى دۆلەتتە چېچىلىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نىڭ ئانا تىلغا بولغان سەزگۈرلىكى يىتەرلىك بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئەۋلات ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىشەلمەسلىكى كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ. چەت ئەلدە مائارىپ تىلى ۋە مۇھىت تۈپەيلىدىن بارا-بارا چوڭ بولىۋاتقان باللىرىمىزنىڭ تىلى ئۇيغۇرلۇقتىن نېسىۋىسىنى ئالالماي قېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدە بىر قەدەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولىشى، باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا تۈركلەرگە بولغان يېقىنلىق تۇيغۇسى ۋە شۇ يەردىكى تۈركلەر بىلەن ئارلىشىشى ، تۈركچە فىلىم ۋە تېلىۋېزىيە تىياتۇرلىرى… دېگەندەك ئامىللار تۈپەيلىدىن ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك تىلغان ئېغىش خاھىشى كۆرىلىشكە باشلىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ تىل يالغۇز مائارىپ ۋە تۇرمۇشتا غېرىپلىشىپ قېلىۋاتقان بولماستىن ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىمۇ كۈچىنىڭ بارا-بارا ئاجىزلاشقا باشلاۋاتقانلىقىنى بىر پاكىت دىيىشكە بولىدۇ.ئەدەبىيات-سەنئەت چوڭ بىر تېما بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە توختالمايمەن.

ئانا تىلدىكى سەۋىيە
بىر تىلنى بىلىشنىڭ تۆۋەن سەۋىيىسى مەخسەت ئۇقتۇرۇش بولسا يۇقىرى سەۋىيىسى شۇ تىلدا (پاساھەت ۋەبالاغەتلىك)يۇقىرى سەۋىيەدىكى سۆھبەتلەرنى قىلىش، زامانىۋى، كەسپىي بىلىملەرنى ئېغىزاكى ۋە يېزىقتا راۋان ئىپادىلەش، ئىلمىي ماقالىلەرنى شۇ تىلدا يېزىش ۋە كۆرۈپ چۈشىنىش ئىختىدارى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. تىل بىلەن پىكىر باغلىنىشلىق بولۇپ، سۆزدىكى رۇشەنلىك پىكىردىكى رۇشەنلىكنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ.« بىر ئادەمنىڭ گەپلىرى تەكرار، تىلى ئېغىر ھەم چۈشىنىكسىز، ئۆز-ئارا باغلىنىشسىز ۋە تۆۋەن سەۋىيەدە بولسا ئۇنىڭ زىھنىمۇ شۇنداق» دىگەن ئىكەن قايسى بىر دانىشمەن. بۇ مەنىدىن، تىل يالغۇز ئالاقە قۇرالى ئەمەس، تەپەككۇر قۇرالى دىيىلىدۇ، شۇڭا تىلنىڭ قانداق بولىشى تەپەككۇر بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.
ئەمدى بىز بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ تىلدا سەۋىيىمىز زادى قانچىلىك؟ كۆرۈپ باقايلى:
1. ئۇيغۇر تىلىدا مەخسەت ئۇختۇرۇش: سۆز بايلىقىمىز قانچە كۆپ بولسا بىراۋغا مەخسىدىمىزنى شۇنچە راۋان، توسالغۇسىز ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ ئىپادىلەشتە قىينالمايمىز؛ ئەكسىچە، سۆز بايلىقىنىڭ زىيادە تۆۋەنلىكى بەزىدە ئوخشاش تىلدىكى ئىككى ئادەمنىڭمۇ ئۆز-ئارا چۈشىنىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بىر تىلنىڭ سۆزلۈكلىرىنى تەخمىنەن ھالدا
1) تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدىكى سۆزلەر
2) خىزمەت ۋە ئالاقىگە چېتىلغانئوتتۇرا دەرىجىلىك سۆزلەر
3) كەسپىي، تارىخى ئۇقۇم ئاتالغۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك سۆزلەر
دەپ ئۈچ كاتىگورىيەگە ئايرىۋېلىشقا بولىدۇ. ئەڭ تۆۋەن سەۋىيدىكى سۆزلەر مەكتەپ يېشىغا توشقىچە تىل ساھىبى تەرىپىدىن تەبىئي ئىگەللىنىدىغان سۆزلەر؛ ئوتتۇرادەرىجىلىك سۆزلەر بولسا بەلگىلىك مائارىپ ۋە ئىجتىمايى مۇھىت جەرىيانىدا تەدىرىجىي ئىگەللىنىدىغان سۆزلەر؛ يۇقىرى دەرىجىلىك سۆزلەر بولسا مەخسۇس كەسىپ ئىگىللىرى، يازغۇچى- شائېرلار ساھىپ بولغان سۆزلۈكلەردۇر.
ئەمدى، كۆپىنچىللىرىمىز يازغۇچى، شائېر بولۇپ كەتمىگەن تەختىردىمۇ ھېچ بولمىغاندا ئوتتۇرا سەۋىيەدە سۆز بايلىقى توپلىغان بولۇشىمىز ئەقىلگە مۇۋاپىق بولىشى كىرەك ئىدى. ھالبۇكى، ئەبجەشلىشىپ كىتىپ بارغان سۆزلەر بىلەن، (قوللىرىنى يۆگەپ، دوللىرىنى قورۇپ) مەخسەت ئىپادىلەشتە قىيلىنىپ كىتىۋاتقان، گاچىلىشىپ قېلىۋاتقان كۆپىنچە كىشىللىرىمىزگە قاراپ، سۆز بايلىقىمىزنىڭ ھەقىقەتەن تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى، ئۆز ئانا تىلىمىزغا نىسبەتەنمۇ تۆۋەن سەۋىيەگە ھەم يېتىپ بولالمىغانلىقىمىزنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

2. ئۇيغۇر تىلىدا پىكىر يۈرگۈزۈش: تىل- تەپەككۇر ۋاستىسى. تەپەككۇر ئوبرازلىق (ھېسسىي) تەپەككۇر ۋە ئابىستىراكىت (مەنتىقىلىق) تەپەككۇر دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ئوبرازلىق تەپەككۇر شەيئىلەرنىڭ شەكلىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ يۈرگۈزۈلىدىغان باغلانما تەپەككۇر؛ ئابىستراكىت تەپەككۇر مەنتىقىلىق باغلانمىلار ئارقىلىق ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىدىغان جەرىيانلىق تەپەككۇر. مەيلى قانداقلا تەپەككۇر ئۇسۇلى بولمىسۇن، يەنىلا تىلغا تاينىدىغان بولۇپ،بىر ئادەمنىڭ قايسى تىل بىلەن دەسلەپتە تىلى چىققان بولسا شۇ تىلنىڭ مەنتىقىسى بويىنچە تەپەككۇر قىلىدۇ، سىتخيلىك ھالدا شۇ تىلنى ۋاستە قىلىپ تەپەككۇر قىلىدۇ. شۇڭا، تىلدىكى سەۋىيە بىلەن تەپەككۇر چەمبەر-چاس باغلانغان بولىدۇ. ھالبۇكى،ئانا تىلىدىن باشقا بىر تىلدا مائارىپ تەربىيسى كۆرگەن ئەھۋال ئاستىدا ئانا تىلدىكى سۆزلەرنى يىتەرلىك بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆز تىلىدىكى سۆزلىرى چالا ۋە پۇچۇق بولۇپ قالىدۇ، شۇڭائادەتتە تەپەككۇرى ئاستا ۋە گۇڭگا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

3. ئۇيغۇر تىلىدا ئىلمىي ئەمگەك: بۇ بىرقەدەر يۇقىرى سەۋىيە تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، كەسپىي خاراكتېرلىك ئىلمىي ماقالىلەر، ئوبزورلار مۇشۇ تۈرگە كىرىپ كىتىشى مۇمكىن. لىكىن،ئەڭ ئەقەللىيسى بىر تىل ساھىبى شۇ تىلدا ئاددى بىر مۇھاكىمە ماقالىسىنى ئۆلچەملىك شەكىلدە يازالىشى كىرەك ياكى تېخىمۇ تۆۋەن سەۋىيەدە شۇ تىلدا بىر مەكتۇپنى چۈشىنىشلىك، تەسىرلىك ۋە راۋان بىر شەكىلدە يازالىشى كىرەك.ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مائارىپ تەربىيسى كۆرگەن كىشىللىرىمىز ئىچىدە مۇشۇ تەلەپنى قانائەتلەندۈرەلمەيدىغانلار خېلى كۆپ چىقىشى مۇمكىن (بۇ گېپىم ئېغىر كەتكەن بولسا، سىز خالىغانچە تەكشۈرۈپ، سىتاتىستىكا قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ.) شۇڭا ئۆز تىلىمىزدىكى ئىلمىي ئەمگەك ھەممىلا كىشى قىلالايغان ئىش ئەمەس، لىكىن بۇنداقلارنىڭ سانى ئومۇمى توپنىڭ ئۆز تىلىدىكى سەۋىيەسىنى كۆرسۈتۈپ بىرىدىغان بەلگە بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

4. ئۇيغۇر تىلىدا سەنئەت: ھىكايە، شىئېر يېزىش كىشىنىڭ بەدىئىي دىتىغىلا ئەمەس، مۇھىمى ئۇنىڭ تىل سەۋىيسىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ئۇقۇم، ئاتالغۇلارنى ناھايىتى ئەۋرىشىم ھالدا ئەركىن قوللىنالمايدىغان ئادەم ياخشى بىر ئەسەر يازالمايدۇ. مەجازىى ئىپادىلەش ۋاستىللىرىنى ياخشى قوللىنالمايدۇ، ئاددىي سۆزلەرنى تەكرارئىشلىتىپ قويىدۇ، تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەيدىغان سۆز تاپالماي قالىدۇ ۋە ھاكازا… دىمەك، تىل بايلىقى ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات-سەنئەت تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يازغۇچى، شائېرنىڭ ياخشى ئەسەر يارىتالماسلىقى ئۇنىڭ تىل سەۋىيسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەلبەتتە ئوقۇرمەنلەرنىڭ تىل سەۋىيسىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.

يىغىنچاقلىغاندا، ئۆز-ئارا مەخسەت ئوختۇرۇشتىن تارتىپ ماقالە، ئەسەر يېزىشقىچە بولغان تىل سەۋىيە دائىرىسىگە قاراپ ئۆزىمىزنى دەڭسەپ باقساق ئۆز ئانا تىلىمىزدا قانچىلىك سەۋىيەدە ئىكەنلىكىمىز ئايدىڭ بولىدۇ. ئېنىقكى، مۇتلەق كۆپ ساندىكىللىرىمىزنىڭ ئانا تىل سەۋىيسىمىز تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا سەۋىيەدە بولۇش ئېھتىمالى چوڭ بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە مۇتلەق كۆپ ساندىكىلەر باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپ تەربىيسىنى ئانا تىلىدا ئالغانلار.
ئانا تىل دۇچ كىلىدىغان خىرىس ۋە بۇرۇچ
بىر تىلنى ساقلاپ قالىدىغانلار ياكى ۋەيران قىلىدىغانلار ئەلبەتتە ئۇنىڭ ساھىبلىرى. بىر ئەۋلات كىشىلەر ئەگەر ئۆز ئەڭگۈشتەرى، تەپەككۇر سەھنىسى بولغان ئانا تىلىغا جىددىي قارىمىغاندا، كىيىنكى ئەۋلاتلارغا ئانا تىلدا بەلگىلىك ئىلمىي ئەمگەك ھاسىلاتلىرى، تەپەككۇر مىۋىللىرى قالدۇرمىغاندا بۇ تىل ساھىبلىرى بارا-بارا تەپەككۇردىن يىراقلىشىپ ئىجادچانلىقتىن قۇرۇق قالىدۇ، ھەتتا ئەڭ تۆۋەن سەۋىيدىى سۆزلىشىپ مەخسەت ئۇختۇرۇشمۇ قىيىن بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەھۋال دەرۋەقە شۇ دەرجىگە بارغاندا بۇ تىل شۇ مىللەتنىڭ تىلى بولۇشقا مۇناسىپ كەلمەي قالىدۇ-دە، ئىستىمالدىن قېلىپ يوق بولۇش گىرداۋىغا بېرىپ توختايدۇ. بۇ ھەقىقەتەنمۇ قورقۇنچلۇق بىر ئاقىۋەت!
ھازىرقى ئەھۋالىمىزدا ئانا تىلدا بىلىم ئالغان ھەر بىرىمىزنىڭ بۇ تەپەككۇر ئەندىزىسىنى، بۇ گۈزەل تىلنى ئۆز سۆھبەت-بايانلىرىمىزدا ئۆلچەملىك ۋە ساپ بىر شەكىلدە قوللىنىشقا، ئۇنى باللىرىمىز، جىيەنلىرىمىزگە ۋە باشقىلارغا ئوخشاش شەكىلدە ئۆگىتىشكە تىرىشىپلا قالماي،ئۆز-ئارا ئانا تىلدا بىلىم ئالماشتۇرۇش، ئانا تىلدا ئىلمىي ئەمگەك مىۋىللىرىنى قالدۇرۇش كەيپىياتىنى يارىتىشقا كۈچەش ياكى كۈچ قۇشۇش مەجبۇرىيتىمىز بار.
تىلنىڭ ئۆلچەملىك ۋە ساپ ھالەتتە قوللىنىشىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا، كىچىكلەرگە ئۆگىتىشتەھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيتى بار، بۇ پەقەت شەخىسلەرنىڭ پوزىتسىيسىگە باغلىق بىر ئىش. ئانا تىلدىكى بىلىم ئالماشتۇرۇش، ئىجادى ۋە ئىلمىي ئەمگەك يۈزلىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش بۇ بىر ئەۋلات بىلىمدارلارغا بېرىلگەن تارىخى تاپشۇرۇقتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ تاپشۇرۇقنىڭ ياخشى ئورۇندىلىشى ياكى ئورۇندالماسلىقى بۇ تىلنىڭ كىيىنكى تەغدىرىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك!
ئانا تىلنى قوغداشتىكى كونكىرىت چارىلەر
ئانا تىلىنىڭ قەدرى ئۆتۈلگەن ئىكەن، ئانا تىل كىرزىسقا دۇچ كىلىۋاتقان ئىكەن بۇنىڭغا قارشى قانداق تەدبىر قوللىنالايمىز؟ ھەر بىرىمىزنىڭ قولىدىن نىمىلەر كىلىدۇ؟ تۆۋەندە كۆنكىرىت چارىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقايلى:

1. ئۇيغۇر تىلى لىكسىكىسىنى تەرتىپكە سېلىش
1) ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان سۆزلەرنى ۋەئۆلچەملىك شەكىلدە قوللىنىلىشىنى تىزىپ چىقىپ تارقىتىش؛
2) ئەسلى تىلىمىزدا بولغان، يات تىلى ئارلىشىۋالغان سۆزلۈكلەرنى تېپىپ چىقىپ،ئەسلى ئانا تىل بويىنچە قوللىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئەسكەرتىش؛
3) ئەسلى تىلىمىزدا بولمىغان يات تىل ئارلىشىۋالغان سۆزلەرنى تېپىپ چىقىپ، مۇۋاپىق سۆز ياساش، ھېچ بولمىسا قېرىنداش مىللەتلەردىن شۇ سۆزنى قانداق دىسە شۇ بويىنچە ئاتاش ياكى شۇ سۆزنىڭ تۈركچىسىنى ئىشلىتىش؛
بىز ئانا تىلىمىزدىكى سۆزلەرنى ئىشلىتىۋاتقان بولساقمۇ ئۆز تىلىمىزنى ئۆگىنىشكە باشقا تىللارنى ئۆگەنگەندەك ئىتىبار بەرمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ زادى قانچىلىك سۆزنى ئۆلچەمىلىك ۋە توغرا ئىشلىتەلەيدىغانلىقىمىزنى سىتاتىستىكىلاپ بېقىشىمىزغا بەكمۇ ئەرزىيدۇ. گەرچە ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىنى تىزىپ چىقىپ ئۆگىنىشتە سىزدىن بىرەر ئىنتاھان ئېلىنمايدىغان بولسىمۇ بۇ تىلنىڭ تەغدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم بىر ئىش! بىرەريات تىلدىن ئىنتاھان بىرىش ئۈچۈن نەچچە مىڭلىغان سۆزلەرنى يادلايسىز، سۆزلۈكلەرنى تۈرلەرگە ئايرىپ يازىسىز، تىكىست يادلايسىز. ئەمدى ئۆز تىلىڭىز ئۈچۈن ئازىراق كۈچ ۋە ۋاقىت چىقىرىپ قويۇڭ!

2. تىل ساقچىلىقى ۋە تىل ئوقۇتقۇچىلىقى
1) ئۆز-ئارا نازارەت قىلىش، تەۋسىيە قىلىش: ئەگەر ئۆزىمىز بۇ تىلنى قوغدىغۇچى بولساق، تىلنى بۇزغانلارغا، تىلنى مەنسىتمىگەنلەرگە ياكى بۇ تىلنى قوللانمايۋاتقان تىل ساھىبلىرىغا ئەسكەرتىش بېرىشپ قويۇش ۋە ئۆز تىلىمىزنى ئىشلىتىشكە تەۋسىيە قىلىش ھەققىمىز بار، بەلكى مەجبۇرىيتىمىز بار. سىز تونىمايدىغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ بىر-بىرى بىلەن گاھى ئۇيغۇرچە گاھى تۈركچە پاراڭ قىلىشقانلىقلىرىنى كۆرگىنىڭىزدە قانداق ئىنكاستا بولىشىڭىز مۇمكىن؟
2) باللىرىمىزغا، جىيەنلىرىمىزگە بۇ تىلنى ئائىلىلەردە ئۆگىتىش: باللارنىڭ تىلى ئۆيدە ئۇيغۇر تىلىدا چىقتى دەپ پەرەز قىلساقمۇ يەسلى ۋە باشلانغۇچتىن باشلاپ يات تىلىدا مائارىپ كۆرۈشكە باشلىغانلىقى ئۈچۈن بالا تەربىيەسىدە پۈتۈنلەي مائارىپقا تاشلاپ قويماسلىق كىرەك. باللار ئائىلىدە ئۆزىمىزنىڭ باللىرى. بىز بۇ بىر ئەۋلات ئانا تىلدا مائارىپ كۆرگەنلەر باللىرىمىزغا، جىيەنلىرىمىزگەئائىلىدە بۇ تىلنى پۈتۈن قىلىپ چوقۇم ئۆگۈتىشنى باشلىشىمىز زۆرۈر. ئۇيغۇر تىلىدىكى باللار چۆچەكلىرى، مەسەللەر، باللار قامۇسلىرى،… قاتارلىقلارنى تېپىپ چوقۇم ۋاقتىمىزنى چىقىرىپ ئانا تىلىمىزنى ئۆگىتىشكە باشلىشىمىز، باللارنىڭ ئۆگىنىشىگە، كەلگۈسىگە قاتتىق كۆڭۈل بۆلىشىمىز كىرەك. بىزنىڭ بۇ تىرىشچانلىقىمىز مەكتەپتىكى مۇنتىزىم تەربىيەدەك بولالمىسىمۇ زەررىچە پايدا ئېلىپ كەلسىمۇ ھېساپ، قولىمىزدىن كەلگەن ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىپ، قالغېنىنى ياراتقۇچى ئۆزىگە قالدۇرساق كۇپايە!
3) چەتئەللەردە ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇشنى جانلاندۇرۇش، ئانا تىل سىنىپلىرىنى، ئانا تىل مەكتەپلىرىنى ئىمكان قەدەر كۆپلەپ ئېچىش. رەسمىي بولمىغان قىسمىي زامانلىق ئوقۇتۇشتىن، رەسمىيلەشكەن پۈتۈن زامانلىق ئوقۇتۇشقا يۈزلىنىش. بۇ ھەقتە «ئانا تىلدا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى» دېگەن يازمىدا تەپسىلىي توختىلىدىغانلىقىم ئۈچۈن بۇ يەردە تېخىمۇ تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويمايمەن.
3. نەشىرياتچىلىق
1) ئۇيغۇر تىلىدا كىتابلارنىڭ بازىرىنى چىقىرىش، نەشىرياتلارنى راۋاجلاندۇرۇش: نەشىرياتچىلىقنىڭ تەرەققىياتى بۇ تىلنى ساقلاپ قېلىش ۋە تەرەققىي قىلىشتا كۆرىنەرلىك رول ئوينايدۇ. نەشىرياتچىلىقنىڭ تەرەققىياتى كىتاب ژورناللارنىڭ كۆپ چىقىرىلىشى، كۆپلەپ تارقىتىلىشى ۋە سېتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كىتابلارنىڭ كۆپلەپ سېتىلىشى كىتاب باھاسى ۋە سۈپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي يەنە بىر تەرەپتىن كىشىلەرنىڭ ساپاسى، كىتاپ ئوقۇش كەيپىياتى ۋە ئومۇملىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، كىتاپخانىنىڭ كۆپ بولىشى، كىتاپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ كۆپ بولىشى نەشىرياتچىلىقنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
2) يازغۇچىلارنى ئېلىھاملاندۇرۇش: يازغۇچى، ئاپتۇرلارنى كۆپلەپ يېزىشقا، بۇرۇندىن يېزىۋاتقان بولسا تېخمۇ ياخش يېزىشقارىغبەتلەندۈرۈشىمىز، كىتاپ، ژورنال سەھىپىللىرىنىڭ تېخىمۇ رەڭدار، ئامما ئوقۇپ چۈشىنىشكە مۇۋاپىق تېخىمۇ ئاددى ۋە جەلىپ قىلارلىق بولۇشقا دىققەت قىلىشىمىز لازىم. مېنىڭچە يازغۇچىلارنى ئېلىھاملاندۇرالايدىغانلار يەنىلا بىز ئوقۇرمەنلەر.
4. ئۇيغۇر تورچىلىقى
1) ئۇيغۇر تىلىدا مۇنازىرە مۇنبەرلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى، ئەپلەرنى ياساش، ئۇيغۇرچە يۇتۇبى قاناللىرىنى كۆپلەپ ئېچىش. گوگلى تەرجىمە ئىختىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۇيغۇرچە تور قامۇسلىرىنى تولۇقلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش
2) ئانا تىلغا مەخسۇس بىر تورسۇپىسى ۋە ئەپ بەرپا قىلىش: بۇنىڭدا لوغەت، تەرجىمە، مەخسۇس ئانا تىلنىڭ فونتىكىلىك، لىكسىكىلىق ۋە گىرامماتىكىلىك قانۇنىيەتلىرى، جۈملە قۇرۇلمىللىرى، تىكىست شەكىللىرى، باشقا تىلارغا تەرجىمە قىلىش ئۇسۇللىرى، يېڭى ياسالغان سۆزلەر ئوتتۇرىغا تاشلىنىدىغان ۋە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان سورۇن ھازىرلىنىشى ۋە ھەمىمىزنىڭ، بولۇپمۇ كەىسپ ئىگىللىرىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشۇشى بۇ تىلنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن قىلغان خەيرلىك ئەمگەك بولۇپ قالىدۇ!
ئاخىرقى سۆز
ئانا تىل كىرزىسقا دۇچ كىلىۋاتقان بۇنداق ۋاقىتتا بۇ تىلنىڭ ساھىبلىرى ئانا تىلى ئۈچۈن زەررىچە بولسىمۇ تۆھپە قوشۇشى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتتىن ئىبارەت! بىزنىڭ ئانا تىل سەۋىيىمىز ئۆز-ئارا مەخسەت ئۇختۇرۇشتىكى سۆزلىشىشلا بولۇپ قالماستىن كەسپىي ۋە ئىلمىي ساھەدە ئىپادىلىنىشى، شۇڭا ھەر كەسىپتىكىلەر ئۆز ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان ئانا تىل سۆزلۈكىنى بېيىتىشقا، ئانا تىلدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىشىمىز لازىم. تىلنى قوغداش ئۈچۈن چوڭ-كىچىك ھەرقانداق تەدبىر قوللىنىشتا ھەممە تەغدىرداشنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بۇ تىلنى قوغداپ قېلىشتىكى ئۈنۈملۈك يولدىن ئىبارەت.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top