You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دەۋرىمىز ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىك پىكىر ھاياتىغا قوشقان تۆھپىسى*

مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دەۋرىمىز ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىك پىكىر ھاياتىغا قوشقان تۆھپىسى*

نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى، ئامېرىكا)

11 -ئەسىرنىڭ بۈيۈك ئېنسىكلوپېدىيەلىك ئالىمى، تۈركولوگىيە ئىلمىنىڭ ئاتىسى مەھمۇد كاشغەرىي ۋە بۈيۈك پەيلاسوپ، مۇتەپەككۇر شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ گەرچە بۇنىڭدىن 1000 يىل ئىلگىرى دۇنيادىن ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۈيۈك ئەسەرلىرى ««تۈركىي تىللار دىۋانى» بىلەن « قۇتادغۇ بىلىك» ئارقىلىق  ئۇيغۇر – تۈرك خەلقلىرىنىڭ  ئىنسانىيەت مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقۇچى مىللەت سۈپىتىدە  ئېتىراپ قىلىنىشىغىمۇ ھەسسە قوشتى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تۇغۇلغىنىغا بۇ يىل 1000 يىل توشتى. لېكىن، ئالىملارنىڭ ئارىسىدا ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان يىلى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراش مەۋجۇت بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى  پەرەز قىلىشتىن كېلىپ چىققان. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تۇغۇلغان يىلى ھەققىدىكى قاراشلار تۆۋەندىكىچە: تۈركىيە ئالىملىرىدىن يۈسۈپ دىلاچار:  1018 -يىلى [1]، رەشىت رەھمەتى ئارات 1019 – يىلى [2]، رۇس ئالىملىرىدىن «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ رۇسچە تەرجىمىسىنى ئىشلىگۈچى  ئىۋانوف ،1015-1016 – يىللىرى [3]، ئۇيغۇر ئالىمى ئەزىز نارىبايېف، 1010 – يىلى دېگەن قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇر، خىتاي، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك ۋە غەرب ئالىملىرىمۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان يىلى ھەققىدە يەنە باشقا ۋە ئوخشاش سانلىق ئۇچۇرلارنى، مەسىلەن، 1010 -يىلى، 1015 – يىلى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسىمۇ لېكىن، ئۇنىڭ تۇغۇلغان يىلىنىڭ 1015-1017 -يىلى بىلەن 1019 -يىلى قارىشى ئاساسەن مۇقىملاشقان قاراشتۇر.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ باشتىكى پايتەختى بالاساغۇن، يەنى قۇزئوردىدا يۇقىرى مەلۇماتلىق، يۇقىرى تەبىقە ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ياشلىق ھاياتىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزگەن ۋە مىلادىيە 1069-1070 – يىللىرى ئارىسىدا 18 ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ « قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ چىقىپ ئۇنى شەرقىي قاراخانىيلار خانى تابغاچ قارا بۇغراخانغا تەقدىم قىلغان ۋە «خاس ھاجىپ» ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

مەھمۇد كاشغەرىي بولسا، تەخمىنەن، 1026 – ياكى 1028 -يىللىرى  قەشقەرگە يېقىن ئازىغدا تۇغۇلغان. لېكىن يەنە بەزى مەنبەلەردە ئىسسىق كۆل بويىدىكى بارسخاندا تۇغۇلغان دېيىلىدۇ. ئۇ تەخمىنەن 1057 -يىللىرى ئوردىدىكى ئىچكى ماجىرادا دادىسى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن قېچىپ كېتىپ باغدادقا بېرىپ، شۇ يەردە ياشاپ، «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسەرنى يازغان. ئۇ، تەخمىنەن 1080 – يىللىرى قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، تەخمىنەن 1101 – يىلى، ۋە ياكى 1126 -يىلى ۋاپات بولۇپ ئوپالغا دەپنە قىلىنغان. ئۇنىڭ قەبرىسى تارىختا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ھەزرىتى موللام قەبرىسى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن [4].

مەھمۇد كاشغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى (دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك)» نى 1074 -يىلى باغدادتا تاماملاپ، خەلىپىگە تەقدىم قىلغان.

1. مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئېنسىكلوپېدىيەلىك ئالىم ۋە مۇتەپپەككۈرلا ئەمەس بەلكى زامانىسىنىڭ كۈچلۈك مىللەتپەرۋەرلىرىدۇر

تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىنىڭ ئەڭ قەدىمىي مەدەنىيەت مەنبەلىرى شۇنىڭدەك تۈركىي مەدەنىيەت جۇغراپىيەسىنىڭ ئايرىلماس پارچىسى ھېسابلىنىدىغان قەشقەر دىيارىدا تۇغۇلۇپ ياشىغان، تۇنجى قېتىم ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان  ئۇيغۇر-تۈرك دۆلىتى – قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ شاھزادىسى ھېسابلانغان مەھمۇد كاشغەرىي بىلەن قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ۋەزىرى، يەنى خاس ھاجىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپلار ئۆز دەۋرىنىڭ ئۆز دۆلىتى، يەنى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ قۇدرەت تېپىشى، تۈركىي خەلقلەرنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشقان ۋە بۇ ساھەدە ئىزدەنگەن بۈيۈك مىللەتپەرۋەرلەر ئىدى.

مەھمۇد كاشغەرىي ئۆز ئەسىرىدە ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىي قوۋملارنىڭ تىلى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، ناخشا-قوشاقلىرى ھەم تۈركىي قوۋملارنىڭ جايلىشىشى ۋە باشقا تۈرلۈك ئەھۋاللىرى ھەققىدە قىممەتلىك مەلۇماتلارنى توپلاش، تەتقىق قىلىش ھەم ئۆز نۆۋىتىدە بۇ بىلىملەرنى ئۆز دەۋرىنىڭ ئوقۇرمەنلىرىگە بىلدۈرۈش  ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتىكى ياۋرو-ئاسىيانىڭ يايلاق ۋە دېھقانچىلىق رايونلىرىغا كەڭ تارقالغان ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قوۋملارنىڭ مىللىي ، سىياسىي ھەم مەدەنىيەت كىملىك شۇنىڭدەك بىرلىك ۋە ئۆملۈك ئىدىيەلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشقان پىكىر ئادىمى ۋە ئىدېئولوگ ئىدى. ئەرەب تىلىنى ئاساس قىلغان ئىسلام دۇنياسىدا تۈركىي تىللىق خەلقلەر جۈملىدىن  مەدەنىيەتلىك قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ھەمدە  ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشەلەيدىغان تۈركىي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يورۇتۇشقا تىرىشقان مەھمۇد كاشغەرىي زامانىسىنىڭ كامالەتكە يەتكەن مىللەتپەرۋەرى ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرنى ئەرەب تىلى ئارقىلىق ئىزاھلاپ، ئاقىۋەتتە يەنە ئۇنىڭ مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئالىي رەھبىرى بولغان خەلىپىگە تەقدىم قىلىشىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ تۈرك-ئۇيغۇرلۇق مىللىي روھىنىڭ ئەرەب، پارس ھەتتا مۇسۇلمان ئۈممەت كىملىكىدىن پەرقلىق ئۆزگىچىلىككە ئىگە روھقا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ بولسا تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىدا تۇنجى قېتىم زور ھەجىملىك دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئەخلاق، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشنىڭ تۈرلۈك يوللىرىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى ئىدى. ئۇنىڭ نەزىرىدىمۇ ئۇيغۇر تۈركىي خەلقىنىڭ قۇدرەت تېپىشى، قۇدرەتلىك دۆلەتتە ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن ياشاشنى تەرغىب قىلغۇچى مىللەتپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر ئىدى. ئۇنىڭ مەھمۇد كاشغەرىيدىن پەرقلىق تەرىپى ئۇ ئەسەرنى ئۆز ۋەتىنىدە تاماملاپ ئۆز پادىشاھىغا تەقدىم قىلدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىدىكى مىللىيلىك روھى ئورتاق ئىدى.

2. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسەرنى يېزىشتىكى مەقسىتى

«قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ 3 خىل كۆچۈرمە نۇسخىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭدىكى بېيىتلار سانى ھەرخىل. قاھىرە نۇسخىسىدا 5400 بېيىت بولسا، پەرغانە نۇسخىسىدا 6095 بېيىت باردۇر، ۋىيېننا نۇسخىسى بىرئاز تولىقسىزدۇر. ئەسەر ئەڭ دەسلەپتە ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسەرنى قەشقەردە پۈتتۈرگەن ۋاقتىنىڭ  50 ياشلار ئەتراپىدا ئىكەنلىكى ئاساسەن بىردەكلىككە ئىگە يەكۈندۇر [5]. ئەسەردىكى مەزمۇنلار، ئۇنىڭ دىداكتىك ۋە پەلسەپەۋى ھەم ئەخلاق قاراشلىرى ئۇنىڭ دەل يېشى توشقان، كۆپنى كۆرگەن ۋە ئۇزۇن ۋاقىتلار ئىزدەنگەن مەزگىلىگە تەۋەدۇر.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ شۇ دەۋردىكى خەلقىگە ۋە دۆلىتىگە سادىق، مەسئۇلىيەتچان بىر مۇتەپەككۇر بولۇپ، ئۇ، «قۇتادغۇ بىلىك» ئەسىرى ئارقىلىق قاراخانىيلار سۇلالىسىدىكى ئىچكى ماجىرا ۋە ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن ھەيۋىتىنى ۋە قۇدرىتىنى يوقاتقان دۆلەت قۇرۇلمىسىنى يېڭى بىر تۈزۈم ۋە مۇقىملىققا يۈزلەندۈرۈشنى، ئىنسان ھاياتىنىڭ مەنىسىنى، ئىنساننىڭ خەلق ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلەپ، خەلقنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ پەلسەپەسىنى بەرپا قىلىشنى، ھەم دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدارلىرى، دۆلەت ئەربابلىرى، شاھزادىلەر ھەم بەگ- ئەمەلدارلارغا، ھەر ساھە كىشىلىرىگە توغرا قىممەت قاراش، ئەخلاق قارىشى ۋە دۆلەت ھەم ۋەتەن قارىشى تىكلىشىگە يول كۆرسەتمەكچى بولغان. چۈنكى، مىلادىيە 1041 -يىلى قاراخانىيلار سۇلالىسى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەندىن كېيىن، شەرقىي تەرەپتىكى قاراخانىيلار سۇلالىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇيغۇرلار دىيارى ۋە يەتتىسۇ، پەرغانە ۋادىسى ھەم ئىسسىق كۆل بويلىرىغىچە بولغان رايونلارنى، غەربىي تەرەپتىكى سۇلالە بولسا ماۋارائۇننەھر قاتارلىق كەڭ جايلارنى ئىدارە قىلدى. بىراق، بۇ خاندانلىق ئىلگىرىكى دەۋرىدىكىدەك بىرلىككە كەلگەن قۇدرەتلىك چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى يوقىتىپ قويغانىدى.

دېمەك، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشاپ، بۇ ئەسەرنى قاراخانىيلار خانىغا تەقدىم قىلغان دەۋر شارائىتى؛ قاراخانىيلار خان جەمەتىدە ئىچكى بۆلۈنۈش كېلىپ چىقىپ، قاراخانىيلار سۇلالىسى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. ھۆكۈمدارلار ئارىسىدا زىددىيەتلەر كۈچەيگەن بىر ۋاقىت ئىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مىللەتنىڭ پارچىلىنىشى، دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشىغا قارشى تۇرغۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ غايىسى تېخىمۇ قۇدرەتلىك ۋە بىرلىككە كەلگەن قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئىدى. شۇڭا ئۇ قۇدرەتلىك ۋە ئادىل، ھەققانىي، ھەم خەلق بەختلىك بولغان دۆلەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر قاتار قاراشلىرى، تەشەببۇسلىرى ۋە تەربىيەلىرىنى بەرگەن بولۇپ، بۇلار تۆۋەندىكىچە: بىرىنچىدىن، دۆلەتنى ئىقتىسادى جەھەتتە ھەر خىل تەدبىرلەر بىلەن كۈچلەندۈرۈش. ئىككىنچىدىن. ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئىگە، خەلق تۇرمۇشى باياشات دۆلەت بولۇش، ئۈچىنچىدىن، دۆلەتنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچكە ئىگە ھاكىمىيەت بولۇش. تۆتىنچىدىن، ئەقىلگە ئۇيغۇن، ئادالەتلىك قانۇنلارنى يولغا قويۇپ، بۇ قانۇنلارغا دۆلەت ئەربابلىرىدىن ئاددىي پۇقرالارغىچە ھەر كىمنىڭ ئىتائەت قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. بەشىنچىدىن، جەمئىيەتتە ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە، ھۈنەرۋەن، كاسىپتىن دېھقان، چارۋىچىغىچە بولغان بارلىق ساھەلەردىكى كىشىلەرگە قانداق ياشاش، ئۆز دۆلىتى، ھاكىمىيىتى ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلىش، قانداق قىلغاندا دۆلەتنىڭ سادىق پۇقراسى بولۇش، ئادەملەر ئارا، مېھرىبانلىق، كۆيۈمچانلىق، سەمىمىيلىك، راستچىللىق ۋە باشقا بارلىق ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشەببۇسلىرىدا بولۇش.

3. مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ ئىدىيەۋى قاراشلىرى

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ تۈپ ئىدىيەلىرىنى ئاشۇ قاراخانىيلار سۇلالىسى، تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىدىن ئىبارەت ئۇيغۇر دۆلەتلىرىنىڭ ۋە تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىنىڭ ھاياتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ۋە سېلىشتۇرۇپ شۇنداق يەكۈنلەش مۇمكىن.

1) ئۇلاردىكى مىللىي، يەنى ئورتاق «بودۇن» ئىدىيەلىرى

ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلار بىلەن قېرىنداش تۈركىي قەبىلىلەر قاراخانىيلار دەۋرىدە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، ئىسلامنىڭ دىنىي قېرىنداشلىق ۋە ئۈممەت چۈشەنچىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، مۇسۇلمانچىلىقنىڭ پەرھىزلىرىنى سادىقلىق بىلەن ئىجرا قىلسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىكى ئەسلى كۆپ ئەسىرلەردىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلگەن ئۆزلىرىگە خاس بولغان مىللەت، خەلق، يەنى «بودۇن» چۈشەنچىلىرى ئىزچىل داۋاملىشىپ، ئۆزلىرىنى ئەرەبلەر ۋە پارسلاردىن ئېتنىك ئالاھىدىلىكلىرى بويىچە ئايرىپ قارىغان ئىدى.

مەرھۇم ئىنىم، پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ ئۆز ئەسىرىدە يەكۈنلىشىچە، تۈركىي خەلقلەردىكى «بودۇن» چۈشەنچىسى، يەنى «بودۇن» بىلەن خەلق ۋە دۆلەت بىرلەشتۈرۈلگەن چۈشەنچە كۆك تۈركلەر دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى، ئۇيغۇر ئورخۇن قاغانلىقى دەۋرىدىلا مۇكەممەللىشىش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن ئىدى [6]. بۇ خىل ئىدىيە ئەمەلىيەتتە ھازىرقى مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيەلىرى كاتېگورىيەسىگە مەنسۇپ بولۇپ، بۇ قاراخانىيلار ۋە تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى دەۋرىدە تېخىمۇ كۈچەيگەن ئىدى. «تۇنيۇقۇق»، «كۈل تېكىن»، ۋە «مۇيۇنچۇر » ئابىدىلىرىدە شۇنىڭدەك مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسەرلىرىدە مەزكۇر مىللىي ئىدىيە، يەنى ئاشۇ 8 – ئەسىردە يوللۇغ تېكىن خاتىرىگە ئالغان ۋە تەكىتلىگەن ھەر قايسى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ بىرلىكى، ئىتتىپاقلىق ئىدىيەسى يەنە روشەن ھەم تەكرار شەكىلدە ئىپادە قىلىنغان ئىدى. دېمەككى، 8 – ئەسىردىكى مەزكۇر بارلىق تۈركىي قەبىلىلەرنى بىر سىياسىي ۋە ئېتنىك گەۋدە ئاستىغا توپلاش غايىسى قاراخانىيلار ۋە تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىدا تېخىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، مەھمۇد كاشغەرىي ئۆز ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئېنىق قىلىپ، تۈركىي خەلقلىرىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ھاكىمىيەت ئىدارە قىلىپ كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت ئۆزگىچە سىياسىي كىملىكىگە ئالاھىدە يۇقىرى باھا بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭغا كۈچلۈك مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيەسى سىڭدۈرۈلگەن ئىدى. مەھمۇد كاشغەرىي تەكىتلىگەن «تۈركلەر» ئۇقۇم دائىرىسى جەھەتتىن بىر تەرەپتىن قاراخانىيلار سۇلالىسىنى قۇرغان ۋە تەشكىل قىلغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن بارلىق تۈركىي قەبىلىلەرنى كۆزدە تۇتاتتى.

ئەنە شۇ نۇقتىدىن مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلاردا « تۈرك» قوۋمىدىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسى كۈچلۈك بولۇپلا قالماستىن ئۇلار بۇ ئىدىيەنى تەرغىب قىلغانىدى. بۇ خىل ئىدىيە ھەتتا سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان دەۋرىدىن تارتىپ كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، قەشقەر رايونى ئىسلاملاشقاندىن كېيىنمۇ قاراخانىيلار سۇلالىسى، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان، ئۇنىڭ ئوغلى مۇسا بۇغراخان ۋە ھارۇن بۇغراخانلار ھەربىي يۈرۈشلىرى شەرقتىكى ۋە باشقا بۇددىزمدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى رايونىغا قاراتماستىن بەلكى، پارس يەنى تاجىك تىللىق سامانىيلار سۇلالىسى [7]، بۇخارا ۋە سەمەرقەنتلەرنى ئىشغال قىلىشقا قاراتتى. خوتەن بىلەن بىر مەزگىل ئۇرۇش قىلىپ، خوتەن قاراخانىيلارغا بويسۇندى ۋە ئىسلاملاشتى ھەمدە تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى بىلەن بىر مەزگىل ئۇرۇش قىلغان بولسىمۇ، ئەمما، قاراخانىيلار سۇلالىسى يەنىلا كۇچارنىڭ شەرقىگە كېڭىيىش ئۇرۇشى قىلماستىن قاراخانىيلار بىلەن تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى تەڭ مەۋجۇت بولۇش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى.

خۇلاسىلىگىنىمىزدە مەيلى قەشقەرنى مەركەز قىلغان قاراخانىيلار، مەيلى تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى بولسۇن ئۇلاردا ئوخشاش مەۋجۇت بولغان ئورتاق بودۇن، ئورتاق  قوۋم، يەنى مىللىي ئىدىيە ئۇلار ئارىسىدا ئۇزۇنغا سوزۇلۇشى ۋە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولغان ئۇرۇشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى چەكلەپ، ئىككى تەرەپنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش يولىنى تاللىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد كاشغەرىي قاتارلىق بۇ بۈيۈك ئالىملاردا ئەنە شۇنداق ئورتاق ئۇيغۇر-تۈركىي قوۋم – بودۇن چۈشەنچىسى يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە ئىدى.

2) مەدەنىيەت گۈللىنىش ئىدىيەسى 

مەرھۇم ئىنىم دوكتور ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ خۇلاسە قىلىشىچە، ئەھمىيەتلىك نۇقتا شۇكى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەزكۇر ئىككى گەۋدىسى ياشىغان ئىسلامى قاراخانىيلار سۇلالىسى بىلەن بۇددىزم مەملىكىتى تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىدا ئۇيغۇر- تۈركىي مەدەنىيىتى ئوخشاش رەۋىشتە خۇددى بەيگىگە چۈشكەندەك تەڭ تەرەققىي قىلدى. ھېچ قايسىسى بىر – بىرىنىڭ ئارقىسىدا قالمىدى[8].

ھەقىقەتەن، قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى 11 – ئەسىر بولغان بولسا، ئوخشاشلا تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىدىمۇ شۇ دەۋر ئەڭ يۈكسەك دەۋر بولغان ئىدى. دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىردىكى   ئۇيغۇر-تۈركىي دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولغان  تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىمۇ خۇددى قاراخانىيلار دۆلىتىگە ئوخشاش  ئۆز تىلىغا  ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. ئۆز يېزىقىنى ۋە تىلىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ئىمكانىيىتى ياراتتى. شۇ  سەۋەبتىن تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىدا مەتبەئە تېخنىكى تەرەققىي قىلىپ، قانچىلىغان كىتابلار  ئۇيغۇر يېزىقى ۋە تىلىدا بېسىپ تارقىتىلدى [9].

قەشقەردە مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزلىرىنىڭ بۈيۈك ئەسەرلىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» بىلەن «قۇتادغۇ بىلىك» نى دۇنياغا كەلتۈرگەن بولسا، تۇرپان تەۋەسىدە سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ۋە باشقا پەيلاسوپلار، شائىرلار ئىجاد قىلدى ھەمدە ئەڭ بۇددىزم ئەسەرلىرىنى ھەر خىل تىللاردىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدى. ئۇلاردىكى پەلسەپەۋى تەپەككۇر ئالدىنقىسى ئىسلام دىنىنى يادرو قىلغان ئىسلامى پەلسەپە، كېيىنكى بۇددىزمنى ئاساس قىلغان بۇددىزم پەلسەپەسى بىلەن يۇغۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىكى كىشىلىك جەمئىيەت ، تەبىئەت، سىياسىي- ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت، ئەخلاق ۋە ئېستېتىك تەپەككۇرلاردا يەنىلا ئورتاقلىقلار بار ئىدى. ئۇلاردىكى دۆلەتچىلىك كۆز قارىشى، ۋەتەنپەرۋەرلىك كۆز قارىشى، مىللەت- قوۋم قارىشى ۋە مىللىي تىل قارىشى بىردەك ئىدى. ھەر ئىككىلىسى ئۆزلىرىنىڭ تىللىرىنىڭ  ئۇيغۇر -«تۈرك تىلى» ئىكەنلىكى، «تۈركلەرنىڭ بۈيۈك» خەلق ئىكەنلىكى، دۆلەت ۋە ھاكىمىيەتنىڭ بىر خەلق ۋە قوۋمنىڭ ھاياتىدا ئەڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇندا تۇرۇشى كېرەكلىكى شۇنىڭدەك ھۆكۈمرانلارنىڭ ئادىل ۋە خەلقپەرۋەر بولۇشىغا ئائىت تەپەككۇرلار بىردەك ئىدى. ھەر ئىككىلا خاندانلىقنىڭ قاغانلىرى ئوخشاشلا مەرىپەتپەرۋەر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار دەۋرنىڭ ئەڭ قابىلىيەتلىك ۋە ئەقىللىك كىشىلىرى، يەنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد كاشغەرىي، سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭدەك پەيلاسوپ، تىلشۇناس ۋە ئالىملارنى ئۆز يېنىدا تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ بۈيۈك ئەسەرلەرنى يېزىشى، تەرجىمە قىلىشى ياكى تەرجىمە ئىشلىرىنى تەشكىللىشى شۇنىڭدەك مەدرىسىلەر- مەكتەپلەرنى ئېچىپ يۈزلىگەن تالىپلىرىنى يېتىشتۈرۈشىگە ئىمكانىيەت ياراتتى. خۇددى قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى قەشقەردە مەدەنىيەت قانداق تەرەققىي قىلىپ، قەشقەر شەرق -ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك-ئىسلام مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولسا، بۇددىزم ئېتىقادىدىكى تۇرپاننى مەركەز قىلغان جايلاردىمۇ ئۇيغۇر بۇددىزم مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى، سەنئىتى، شېئىرىيەت، پەلسەپە، تەرجىمىچىلىك ۋە باشقىلار يۇقىرى دەرىجىدە راۋاجلىنىپ، بۇ جاي شەرق بۇددىزم مەدەنىيىتى مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغانىدى.

3) ئورتاق دۆلەتچىلىك، ئورتاق تىل ۋە ئورتاق مىللىي ئىدىيىۋى بايلىق قاراشلىرى

تارىخىي پاكىتلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان پۈتۈن تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىي گىرۋەكلىرىدە تاكى كۇچار- بۈگۈرگىچە بولغان رايونلاردا ئىسلامىيەتنى ئومۇملاشتۇرۇپ بولغان قاراخانىيلار سۇلالىسى شىمالىي سوڭ سۇلالىسىدىن بۇددىزم ئېتىقادىدىكى تۇرپان ئۇيغۇر ئىدىقۇتلۇقىنى يوقىتىشتا ياردەملىشىش ۋە ماسلىشىشنى تەلەپ قىلماستىن بەلكى تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، گەنسۇ ۋە چىڭخەي ئەتراپىنى بازا قىلغان تاڭغۇتلار دۆلىتىگە جازا يۈرۈشتە ماسلىشىشنى تەلەپ قىلدى.

گەنجۇ ئۇيغۇر دۆلىتى تاڭغۇتلار تەرىپىدىن يوقىتىلىپ، ئۇيغۇر قەبىلىلىرى قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ تەرەپ-تەرەپكە تارقاپ كەتكەندىن كېيىن، قاراخانىيلار سۇلالىسى تاڭغۇتلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ۋە بۇ ئۇرۇشتا  شىمالىي سوڭ سۇلالىسىنىڭ ماسلىشىشى ۋە ھەمكارلىشىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولۇپ، مەخسۇس خوتەندىن ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن ئىدى.  قاراخانىيلارنىڭ تاڭغۇتلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش پىلانىنى تۈزۈشىگە سەۋەب بولغان يەنە بىر ئامىل مىلادى 1008 – يىلى يۈسۈپ قادىرخان خوتەننى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، قەدەممۇ-قەدەم خوتەن دۆلىتىگە تەۋە بولغان بارلىق زېمىنلارنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ شەرق تەرىپى تارىم ۋادىسىنىڭ جەنۇبى ۋە شەرقىي جەنۇبىنى بويلاپ، تاكى  گەنسۇ ۋە چىڭخەي چېگراسىغىچە يېتىپ بارغانلىقىنى جەزم قىلىش مۇمكىن.  ئەمما، مىلادىيە 1036 -يىلى، گەنجۇ ئۇيغۇر دۆلىتى يوقىتىلغاندىن كېيىن پۈتۈن خېشى كارىدورىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چىڭخەي ۋە گەنسۇ رايونلىرى تاڭغۇتلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئۆتۈپ، تاڭغۇتلار قاراخانىيلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى  خوتەننىڭ شەرقىي تەرەپلىرىگە تەھدىت سالدى.   قاراخانىيلار سۇلالىسى  ئىلگىرىدىن شىمالىي سوڭ سۇلالىسى بىلەن دىپلوماتىك  ئالاقە قىلىپ، كەلگەن ئۇدۇن خان جەمەتى ۋە ئاق سۆڭەكلەر گۇرۇھىدىن پايدىلىنىپ، شۇلارنى ۋاسىتە قىلىپ شىمالىي سوڭ بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ئۈچۈن بىر قانچە قېتىم ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن ئىدى. ئۇدۇن ئەلچىلىرى مىلادىيە 1093 -يىلى شىمالىي سوڭ ھۆكۈمىتىگە تاڭغۇتلارغا قارشى جازا يۈرۈش  قىلىش ھەققىدە ياردەملىشىشكە ئائىت مەكتۇپ يوللىغان بولسىمۇ، ئەمما شىمالىي سوڭ بۇنى رەت قىلدى. بىراق قاراخانىيلار سۇلالىسى ئۇدۇندىن   يەنە ئەلچى ئەۋەتىپ، 1094-1098 -يىللىرى ئارىسىدا تاڭغۇتلارنىڭ پاراكەندە سېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، «شۇڭا قوشۇن تارتىپ، گەنجۇ، شاجۇ  ۋە سۇجۇدىن ئىبارەت ئۈچ ئايماققا  ھۇجۇم قىلماچىمىز» دەپ بىلدۈرگەن[10]. سوڭ پادىشاھى بۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ ،ئەمما ئەلچىلەرنى ياخشى كۈتۈش بىلەن جاۋاب بەرگەن. روشەنكى، شىمالى سوڭ سۇلالىسى  تاڭغۇتلارغا قارشى ئۇرۇشتا  قاراخانىيلارغا ماسلىشىشنى رەت قىلغان. ھەتتا، 1081 – يىلى ئۇدۇن خانى قەبىلە  ئاقساقىلى ئاشىنانى  شىمالى سوڭغا مەكتۇپ بىلەن ئەۋەتتى. ئەلچى پادىشاھغا ئۆزلىرىنىڭ يول بويى سېرىق  ئۇيغۇر  ۋە چىڭتاڭ ئەللىرىنىڭ يەرلىرىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكى، پەقەت قىتانلارنىڭلا بۇلاڭ تالاڭ قىلىشىدىن  قورققانلىقىنى بىلدۈرگەن [11]. بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ روشەنكى، بۇ بىزگە قاراخانىيلار سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىنىڭ گەرچە بۇددىزم ئېتىقادىدا بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىر مىللەت، بىر خەلق ئىكەنلىكىنى، ئۆز ئىچىدە ئۇرۇش قىلىش زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى، ئەكسىچە گەنجۇ ئۇيغۇر دۆلىتىنى يوقىتىپ، گەنسۇ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغان تاڭغۇتلارغا جازا يۈرۈشى قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشەنگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.

مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۆز ئەسىرىدە بارلىق تۈركىي قەبىلىلەرنى بىر تىل ۋە بىر مىللەت رامكىسى ئاستىدا چۈشىنىش روھى پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي قارىشى بولماستىن، بەلكى بۇ ئىدىيە قاراخانىيلار ھاكىمىيەت قاتلىمىغا، ئالىم- مۇتەپەككۇرلارغا ۋە باشقىلارغا ئورتاق ئىدى. بۇ خىل ئورتاقلىق ئىدىيەۋى پىكىرلىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسىرىدىمۇ باشتىن ئاخىرى يادرولۇق ئورۇن تۇتتى.

مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلار ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادى كۈچلۈك ئەھلى مۇسۇلمان ئىكەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭ ئىسلام ئەقىدىلىرىگە بولغان سادىقلىقىنى نامايان قىلىش بىلەن بىرگە يەنە قەدىمكى تۈركلەرنىڭ تەڭرى ئېتىقاد چۈشەنچىلىرى بىلەن ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋردىكى ئىسلامىيەت ئېتىقادىنى بىر- بىرى بىلەن زىددىيەتلەشتۈرمەيدۇ. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تەڭرى چۈشەنچىسى ئېنىق بولۇپ، ئۇ تۈركلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ خاتىرىلىگەن [12]. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىسلام بىلەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىسلامدىن ئىلگىرى ئېتىقادلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ئۇ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ قەدىمىي ئېتىقاد چۈشەنچىلىرىنى ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى دۇنيا قاراشلىرى، تەبىئەت قاراشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجتىمائىي، سىياسىي، مەدەنىيەت قاراشلىرى تەركىبىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن. مەرھۇم ئىنىم ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ئۆزىنىڭ 2002 – يىلى، قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە پەيلاسوپ ئەزىز نارىنبايېفنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇر پەلسەپەسى تەتقىقاتى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ئۆز دىسسېرتاتسىيەسىدە ئوتتۇرىغا قويۇشىچە قەدىمكى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ئىپتىدائىي ئېتىقادلىرى، تەڭرىزم ھەتتا بۇددىزم چۈشەنچىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان شېئىر- قوشاقلىرى، ماقالە – تەمسىللىرى، ئېتنوگرافىيەلىك ئۇچۇرلىرى ۋە باشقىلارنى تۈركىي – ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت نەمۇنىلىرى مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۈچۈنمۇ ئورتاق مەنىۋى بايلىق بولغان. ئۇلار ھەرگىزمۇ ئىسلامدىن ئىلگىرىكى تۈرك ۋە ئۇيغۇر دۇنيا قاراشلىرى ۋە پەلسەپەۋى قاراشلىرىنى ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن تاشلاندۇق نەرسە دەپ قارىماي، ئىسلام دەۋرىدىكى ئۇيغۇر -تۈرك پەلسەپەۋى قاراشلىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرگەنىدى. مەھمۇد كاشغەرىي ئۆز ئەسىرىدە ئۆزىنىڭ  ئېتىقادى كۈچلۈك ئەھلى مۇسۇلمان ئىكەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭ  ئىسلام ئەقىدىلىرىگە بولغان  سادىقلىقىنى   نامايان قىلىش بىلەن بىرگە يەنە  قەدىمكى تۈركلەرنىڭ تەڭرى ئېتىقاد چۈشەنچىلىرى بىلەن ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋردىكى  ئىسلامىيەت ئېتىقادىنى  بىر-بىرى بىلەن زىددىيەتلەشتۈرمەيدۇ. ئۇنىڭ  ئۈچۈن ئېيتقاندا   ئىسلام  بىلەن  تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىسلامدىن ئىلگىرى ئېتىقادلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش مەۋجۇت ئەمەس ئىدى [13].

مەسىلەن؛ مەھمۇد كاشغەرىي ئۆز ئەسىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددىزم ئەقىدىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سۆزلەردىن «تويىن» سۆزى ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ؛ «تويىننىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ دىنىي باشلىقى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ مۇسۇلمانلاردىكى ئىمام ياكى مۇپتى بىلە ئوخشاشلىقى. تويىننىڭ ھەر قېتىم بۇددانىڭ ھەيكىلى ئالدىدا نوم ئوقۇيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش بىلە بىرگە يەنە بۇنىڭ ئۈچۈن مىسال سۈپىتىدە «تويىن بېشى ئاغرىسا، قامۇغ تويىن بېشى ئاغرىماس» دېگەن ماقال- تەمسىلنى كۆرسىتىدۇ [14].

ئۇ ھەرگىزمۇ مەزكۇر ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلىش بىلەن ئىلگىرى ياراتقان مەدەنىيەت ۋە شانلىق سىياسىي ئۆتمۈشىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەسى تۇتمىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئالىپ ئەر تۇنگا ۋە ئافراسىياب دەۋرلىرىگە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئىسكەندەر زۇلقەرنەين بىلەن بولغان كۈرەشلىرىگە تۈركىي- ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شانلىق ئۆتمۈشى نۇقتىسىدىن قارىغان ئىدى. ئەلۋەتتە، ئالىپ ئەر تۇنگا ۋە ئىسكەندەر زۇلقەرنەين دەۋرىدە ئىسلامىيەت ئېتىقاد چۈشەنچىلىرى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.

مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلار ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق تىكلىگەن مۇقەددەس ۋە كۆپ ئەسىرلىك ئۇيغۇر تۈركىي دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسى چۈشەنچىلىرى ھەم ئۇيغۇر- تۈركىي تىلىنىڭ ئەرەب تىلىدىن قېلىشمايدىغان، ھەر قانداق ژانىرلاردىكى بۈيۈك ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى مۇكەممەل يېزىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە باي ۋە گۈزەل تىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش روھىنىڭ پەقەت ئۇلارغىلا خاس بولماستىن بەلكى بۇ پۈتۈن قاراخانىيلار سۇلالىسى ھاكىمىيەت قاتلىمى ۋە جەمئىيىتىدىكى ئومۇمىي يۈزلىنىش ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشىمىز مۇمكىن.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆز ئەسىرىدە ئىلگىرى سۈرگەن دۆلەتچىلىك پىكىرلىرى، ئىجتىمائىي جەمئىيەت قاراشلىرى پەقەت بىرلا دەۋرنىڭ مەھسۇلى بولماستىن، بەلكى ئۇلار ئۇيغۇر -تۈركىي خەلقلەرنىڭ قەدىمدىن تارتىپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن دۆلەت، ھاكىمىيەتچىلىك قاراشلىرى، تەجرىبە ۋە ئۇسۇللىرىنى توپلاپ ھەم ئۇنى ئانالىز قىلىشقا شۇنىڭدەك بۇ ئىدىيەلەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولغان ئىدى. شۇڭا كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، قاراخانىيلار سۇلالىسىدىكى دۆلەتچىلىك سىستېمىسى، يەنى دۆلەت تەشكىلاتى، ئىدارە- باشقۇرۇش تۈزۈملىرى، يەنىلا ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكى، كۆك تۈركلەر ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئەنئەنىلىرىنى ئىسلامىي پىرىنسىپلارغا ماسلاشتۇرغان ھالدا داۋاملاشتۇرۇش بولدى. دېمەك، قاراخانىيلار سۇلالىسى ئىسلامىي مۇسۇلمانلار دۆلىتىگە ئايلىنىش بىلەن تەڭلا ئۆزىنىڭ ئەسلىدىن مەۋجۇت بولغان ۋە مىراسخورلۇق قىلىپ كەلگەن كۆپ ئەسىرلىك دۆلەت- ھاكىمىيەت ئەنئەنىلىرىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنى ئىنكار قىلىۋەتمىگەن ئىدى.

دوكتور ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ۋە يەنە بىر قىسىم ئوتتۇرا ئاسىيا پەلسەپە ئىدىيەلەر تارىخى تەتقىقاتچىلىرى ئارىسىدا قەشقەر ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرىكى كۆپ ئەسىرلەر جەريانىدا ئۆزلىرىگە سىڭدۈرۈپ ئەۋلادتىن ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن غەيرى ئىسلامىي خاراكتېرگە ئىگە كۆز قاراشلىرىنىڭ قالدۇق تەسىرلىرىنى 11 – ئەسىردە ياشىغان ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق ئەسىرىدىمۇ سېزىشكە بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئەسەردىكى كۆپلىگەن سىياسىي، دۆلەتچىلىك قاراشلىرى ئىجتىمائىي قاراشلار، ئەخلاق قاراشلىرى ۋە باشقا تەرەپلەر ھەرگىز قاراخانىيلار ئۇيغۇرلىرى ئىسلامنى قوبۇل قىلىش بىلەنلا پەيدا بولغان ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۆزلىرى قوبۇل قىلغان يېڭى ئېتىقادنىڭ پەلسەپەۋى قاراشلىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن ئىدى. ئېنىقكى، قاراخانىيلار سۇلالىسىدىكى تۈركىي -ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىسلامىيەت دەۋرىگە كىرىشتىن ئىلگىرى كۆپ ئەسىرلىك دۆلەتچىلىك -سىياسىي ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۆز تارىخىدا ھون ئىمپېرىيەسى، كۆك تۈركلەر ئىمپېرىيەسى، ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسى ۋە تۈركەشلەر قاغانلىقى، قارلۇقلار قاغانلىقى قاتارلىق دۆلەتلەر دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى ھەمدە كۆپ ئەسىرلىك ۋە مول مەزمۇنلۇق ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيەت تەرەققىيات مۇساپىلىرىنى بېسىپ ئۆتكەن ئىدى. مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇلار ئۆزلىرىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، تېخى ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغىنىغا تەخمىنەن ئازغىنە كەم بىر ئەسىر بولغان مىلادىيە 11 – ئەسىرىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، ئۆزلىرىدە ئەسلىدىن مىڭ يىللار چوڭقۇر يىلتىز تارتقان تۇرمۇش ئۆرپ -ئادەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت ئۈلگىلىرىنى بىكار قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ بىر قانچە مىڭ يىللىق مەدەنىيىتىنى ئىسلام ئېتىقادى بىلەن بىر يولىلا پۈتۈنلەي بىكار قىلىۋېتىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

شۇڭا قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي قەبىلىلەر ئۆتمۈشى ۋە مەدەنىيەت نەمۇنىلىرى، ئوخشاشلا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ۋە تۈركىي خەلقلەر ۋە دۆلەتلەر سىياسىي، مىللىي ، مەدەنىيەت ھەم پەلسەپەۋى ئىدىيە تارىخىنىڭ ئاساسلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ۋە ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن تارىخىي ئەنئەنىلەر ئۇلارنى ئورتاقلىق تانىسىغا باغلايدۇ خالاس.

خۇلاسىلىگەندە، ئىسلامىي ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر دۆلىتى قاراخانىيلار بىلەن بۇددىزم ئۇيغۇر دۆلىتى تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىدىكى تۈپ پەلسەپەۋى – ئىدىيەۋى ئورتاقلىق ئۇيغۇر- تۈركىي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەم ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش شۇنىڭدەك ئۇنىڭ باشقا مەدەنىيەت ۋە تىللار بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇشىنى ھەتتا باشقا مەدەنىيەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئەقلىي، سىياسىي- ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت تەپەككۇرى ئىدى. ئەلۋەتتە، ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان قاراخانىيلار ئۇيغۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمان بولغان تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ نەزىرىدە تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكى بۇددىزم ئېتىقادىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قوۋملار غەيرى دىندىكىلەر سۈپىتىدە قارالسىمۇ، ئەمما تۈركىي مىللىي قېرىنداشلىق قارىشى يەنىلا ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىدى دەپ پەرەز قىلىشقا ھەقلىقمىز.

ئىككى خىل دىنىي ئېتىقادتىكى ئۇيغۇر- تۈركىي قەبىلىلىرى ئەسلى ئۆزلىرىگە ئورتاق بولغان ۋە كۆپ ئەسىرلەردىن بۇيان ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى، ئەخلاق ۋە كىشىلىك قاراشلىرى شۇنىڭدەك سىياسىي، ئىجتىمائىي قاراشلىرىنى داۋاملاشتۇردى ھەم تېخىمۇ راۋاجلاندۇردى. ئۇلاردىكى بۇ خىل بىر قاتار ئورتاقلىقلار ئۇلار ئارىسىدا ئۇزۇن مەزگىللىك تىنچلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ داۋاملىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. قاراخانىيلار سۇلالىسى ھەربىي كۈچ، زېمىن دائىرىسى، نوپۇس، ئىقتىساد جەھەتلەردىن تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىدىن كۆپ ئۈستۈن تۇرۇشى ھەتتا پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا جايلاردىكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئارقا سەپ تايانچىسى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرىگە قارىماي،يەنىلا ئۆزىدىن ئاجىز تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇنى ئىسلاملاشتۇرۇش ئۇرۇشىغا ئاتلانمىدى. بۇ ئىككى خانلىق ئارىسىدا ئۇرۇش بولغانلىقى راست، ئەمما ئۇرۇش ئۇنچە كەڭ ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك بولغان ئەمەس ۋە  قاراخانىيلار قوشۇنلىرى قوچۇ، بەشبالىق قاتارلىق مۇھىم شەھەرلەرگە ،يەنى  تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى زېمىنلىرىگە  ئىچكىرىلەپ  ھۇجۇم قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.  ئەگەر ئۇنداق كەڭ ۋە قاتتىق ئۇرۇشلار  بولسا مەھمۇد كاشغەرىي ئۇنى تىلغا ئېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما ئۇ تاڭغۇتلارنىڭ گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە قىرغىنچىلىقىنى ئېچىنىش ھېسسىياتى بىلەن تىلغا ئالىدۇ [15]. ئومۇمەن بىر خەلق كۇچارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، بۈگۈر ئەتراپىنى   چېگرا قىلىپ [16]، ئىككى خىل ئېتىقادقا ئايرىلدى . ئەلۋەتتە بۇددىزمنىڭ ئەڭ قەدىمىي  مەدەنىيەت مەركىزى كۇچار مەھمۇد كاشغەرىي دەۋرىدە ئاللىقاچان قاراخانىيلار تەركىبىدە بولغان  ھەم  بۇ يەردىكى بۇددىست ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان ئىدى [17].

4. مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۈگۈنكى تۈرك خەلقلىرى دۇنياسىنىڭ مىللەتپەرۋەرلىكىدىكى رولى

سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن يېڭى مۇستەقىل تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا سىياسىي تارىخ، مەدەنىيەت تارىخى بەرپا قىلىشى شۇنىڭدەك مىللەتپەرۋەرلىك ھەم ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەلىرىنىڭ كۈچىيىشى جەريانىدا مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەل فارابى، ئەھمەد يەسەۋى ، ئەلىشىر نەۋائي ۋە باشقا كۆپلىگەن ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيەت  نامايەندىلىرى ھەمدە بۇ خەلقلەرنىڭ ھاكىمىيەت بەرپا قىلىش ۋە باسقۇنچىلارغا قارشى كۈرەشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسىي تارىخىي جەريانىدىكى ئەربابلىرى، باتۇرلىرى ھەم ئەل سۆيگەن ئادەملىرى ئوخشاشلا مىللىي روھنى كۈچەيتكۈچى سىمۋول قىلىپ تىكلەندى.

مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىق بۈيۈك مەدەنىيەت ئەربابلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى خەلقلىرىنىڭ  مىللەتپەرۋەرلىك ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەم مىللىي كىملىك تۇيغۇلىرىنىڭ تىكلىنىشى ھەم راۋاجلىنىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان بولۇپ، بۇ ئەربابلار مەزكۇر خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىن ئورۇن ئالدى.

مەسىلەن، قىرغىزىستاندا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى 2002 -يىلى  يۈسۈپ بالاساغۇنى ئۇنىۋېرسىتېتى دەپ ئاتالدى. قىرغىزىستان دۆلەت بانكىسىنىڭ 1000 سوملۇق پۇلغا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ رەسىمىنى ئويدى، قىرغىزىستاندا كۆپلىگەن كوچىلار، ئورۇنلارغا شۇ نام بېرىلدى. ئۆزبېكىستاندىمۇ شۇنداق،

2015 – 2016 -يىلى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى خاتىرىلەپ، مەخسۇس خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى نەشر قىلدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد كاشغەرىي قىرغىز خەلقىنىڭ، جۈملىدىن قىرغىزىستاننىڭ بۈيۈك مەدەنىيەت نامايەندىلىرى ۋە مىللىي سىمۋوللىرى تەرىقىسىدە ئۇلۇغلىنىپ، دەرسلىكلەر، دۆلەت تارىخى كىتابلىرى ۋە باشقىلاردىن كەڭ ئورۇن ئالدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد كاشغەرىي ئوخشاشلا ئۆزبېكلەرنىڭ بۈيۈك مەدەنىيەت نامايەندىسى سۈپىتىدە ئۇلۇغلىنىش بىلەن دۆلەت تارىخىدا مۇھىم سالماقنى ئىگىلىدى.

ھەتتا قازاقىستان ئەبۇ باسىر فارابىنىڭ نامىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈپ، ئالمۇتا قاتارلىق شەھەرلەردىكى چوڭ كوچىلارغا، دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى، تەتقىقات ئورۇنلىرى قاتارلىق جايلارغا فارابىنىڭ نامىنى قويدى.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ تۈركىي خەلقلەردە يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد كاشغەرىي، ئەلفارابى ۋە باشقىلارنى ئۆز ھازىرقى زامان مىللەتپەرۋەرلىك سىمۋوللىرىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى بىر تەرەپتىن تۈرك خەلقىنىڭ ئورتاق بايلىقى دېسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنى بۈگۈنكى زامان ئېتنىك تەۋەلىكى جەھەتتىن ئۆزلىرىگە باغلاش خاھىشى مەۋجۇت.

لېكىن، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئېتنىك، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تارىخنى قانچە چوڭقۇر چۈشەنگەنسېرى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى بىلەن باشقا تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدىكى باغلىنىشلار ۋە ئورتاقلىقلارنىڭ كۆپلىكىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ئەسلىدىن ئورتاق بولغان مەدەنىيەت تارىخىنى پارچىلاپ، ئۆز ئالدىغا قىلىۋېلىشنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. قازاقلار، قىرغىزلار، ئۆزبېكلەر، تۈركمەنلەر ۋە ئۇيغۇرلار مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىقلاردىن قانچە پەخىرلىنىپ، ئۇنىڭ ھەققىدە شۇنچە كۆپ تەتقىق قىلىشى ۋە بىلىشى ۋە چۈشىنىشى ئاخىرقى ھېسابتا ئۇلارنى بىر-بىرى بىلەن تېخىمۇ باغلاپ، مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مىڭ يىل بۇرۇن كۆزلىگەن غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشقۇسى.

5. ئۇيغۇرلارنىڭ مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەققىدىكى تونۇشى، تەتقىقاتلىرى ۋە چۈشەنچىلىرىنىڭ كېڭىيىشى

مەھمۇد كاشغەرىينىڭ  تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى ھېسابلانغان قەشقەرنىڭ ئوپال يېزىسىدىكى ئازىغ كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن ھەم شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانلىقى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بالاساغۇندا تۇغۇلۇپ، قەشقەردە ياشاپ، شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتقا تايانغان مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەۋلادلىرى ھەم يۇرتداشلىرى ھېسابلانغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇ زاتلارنى  ئومۇميۈزلۈك بىلىپ ھەم چۈشىنىپ، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىكى بۈيۈك شەخس ۋە مىللىي مەدەنىيەت روھىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تىكلىشى  20 -ئەسىرگە مەنسۇپتۇر.

تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا مەھمۇد كاشغەرىي دەپنە قىلىنغان ئۇنىڭ قەشقەر ئوپالدىكى مازىرى يەرلىك ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن « ھەزرىتى موللام مازىرى» دەپ ئاتىلىپ ئەسىرلەردىن بېرى  ئۇلۇغلىنىپ ۋە تاۋاپ قىلىنىپ كەلگەن. «ھەزرىتى موللام مازىرى»نىڭ شەيخلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر بۈيۈك ئۆلىماسىغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتى تۈپەيلىدىن ئەۋلادتىن -ئەۋلادقا بىر-بىرىگە ۋارىس بولۇپ، مازارنى ئاسراپ ۋە قوغداپ، كىشىلەرگە «ھەزرىتى موللام» مازىرىغا دەپنە قىلىنغان بۇ زاتنىڭ بۈيۈك ئالىم، بۈيۈك بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ، كىشىلەرنىڭ 1000 يىلدىن بۇيان مەزكۇر ئۇلۇغ زاتنى ئۇنتۇپ قالماي، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتى ۋە سۆيگۈسىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ھەمدە كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىشى ھەتتا دەۋرىمىزگە يېتىپ كېلىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتلىك رول ئوينىدى. ئەلۋەتتە، ئەسىرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مەزكۇر مازارغا تاۋاپ قىلىۋاتقان ئاۋام خەلق مەزكۇر مازاردا ياتقان زاتنى  بۈيۈك ئالىم دەپ چۈشەنسىمۇ، لېكىن  ئۇنىڭ 11 -ئەسىردىكى تۇنجى قۇدرەتلىك تۈركىي ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ شاھزادىسى ۋە ئېنسىكلوپېدىيەلىك ئالىمى ھەمدە تىلشۇناسى مەھمۇد كاشغەرىي ئىكەنلىكىنى ئومۇمىي يۈزلۈك بىلمىگەنلىكى ئېھتىماللىققا يېقىن. ئەمما، شۇ دەۋرنىڭ بىلىم ئادەملىرى، ئۆلىمالىرى بۇ زاتنىڭ كىملىكىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆزلىرى يازغان كىتابلىرى، شېئىرلىرىنى مەخسۇس « ھەزرىتى موللام مازىرى »غا ۋەخپە قىلغان  ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە مەھمۇد كاشغەرىيگە بولغان ئالىي ھۆرمىتى ۋە سۆيگۈسىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. مەسىلەن، 19 – ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك ئۇيغۇر شائىرلىرى ۋە زىيالىيلىرىدىن مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي ( 1725 – 1849 ) ئابدۇرېھىم نىزارى ( 1767 – 1850)، تۇردۇشاخۇن غېرىبى ( 1802 -1862) ۋە باشقىلار ئۆز ئەسەرلىرىدە  «ھەزرىتى موللام» نىڭ دەل مەھمۇد كاشغەرىي ئىكەنلىكىنى شەرھىلەپ، ئۆز ئەسەرلىرىدە بۇ زاتقا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن. ھەتتا مىلادى 1836 – 1837 – يىللىرى ئارىسىدا مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي « مەسنەۋى شېرىپ» ناملىق كىتابىنىڭ مۇقاۋىسىغا بىر «ۋەخپىنامە» يېزىپ، بۇ كىتابىنى «ھەزرىتى موللام مازىرى»غا ۋەخپە قىلغان. مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي ئۆزىنىڭ ۋەخپە قىلىش ھۆججىتىدە  «مەسنەۋى شېرىپ « ناملىق كىتابىنى قەشقەرنىڭ ئوپال دېگەن يېرىدىكى  «ئېرىق بۇلاق» يېنىغا دەپنە قىلىنغان ھەزرىتى مەۋلان، دىننىڭ قۇياشى، قەلەم ساھىبى ، ھۈسەيىن ئوغلى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مازىرىغا مۇتلەق ۋەخپە قىلغانلىقىنى يېزىپ، بۇ ھۆججەتكە ئەينى ۋاقىتتىكى قەشقەرنىڭ مەشھۇر ئۆلىمالىرى، شائىرلىرى، مۇددەرسلىرىدىن نەزەر ئاخۇنۇم، ئابدۇرېھىم نىزارى، نورۇزاخۇن، تۇردۇشاخۇن غېرىبى، تۇردى شەيخ ئاخۇنۇم، موللا غوجىلاق ۋە زەيدىن قۇرۇلبەگ قاتارلىق كىشىلەر ئۆز مۆھۈرلىرىنى باسقان. مەزكۇر ھۆججەت قەشقەرىيە خەلقىنىڭ 19 -ئەسىردىكى ئەسىردىكى مانجۇر-خىتاي تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى كۆپ قېتىملىق كۈرەشلىرى، 20 -ئەسىرنىڭ 30 -يىللىرىدىكى مىللىي ئىستىقلالىيەت كۈرەشلىرى شۇنىڭدەك 1949 -يىلىدىن كېيىنكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئاپەتلىك مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، 1980 -يىلىغا كەلگەندە ،ھۆججەتنى ساقلىغان ئاتاقلىق قەشقەر ئۆلىماسى مىرھۇسەيىن قازى بۇنى  مەھمۇد كاشغەرىينى تەتقىق قىلغان ئىبراھىم مۇتەيى، مىرسۇلتان ئوسمان قاتارلىق ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مەھمۇد كاشغەرىينىڭ كىملىكى ۋە ئۇنىڭ يۇرتى ھەمدە ۋاپات بولغان جايىنى بېكىتىشىگە ھەسسە قوشتى [18]. ئەلۋەتتە، بۇ ھۆججەتنى ساقلاش يولىدا بىر قانچە ئەۋلاد ئادەملەر جانلىرىنى پىدا قىلدى ھەمدە ئازاپ-ئوقۇبەتلەر چەكتى.

ئۇيغۇرلارنىڭ 20 – ئەسىردە  مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنى تونۇشى، تەتقىق قىلىشى ھەمدە ئومۇمىي يۈزلۈك بىلىش جەريانىنى ئىككى باسقۇچقا ئايرىش مۇمكىن. بىرىنچى باسقۇچ 1949 – يىلىدىن ئىلگىرى. ئىككىنچى باسقۇچ 1949 – يىلىدىن كېيىن.

بىرىنچى باسقۇچتا ، يەنى 20 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا شەرقىي تۈركىستان مۇرەككەپ ئىجتىمائىي- سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ئۆزگىرىش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈردى. 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىسلام دۇنياسى جۈملىدىن تۈرك دۇنياسىدا كۆتۈرۈلگەن يېڭىچە مەدەنىيەت – مائارىپ ھەرىكىتى شەرقىي تۈركىستانغىمۇ يېتىپ كەلدى. ئىستانبۇل، قازان قاتارلىق جايلاردا تەربىيە كۆرگەن ئۇيغۇر، تۈرك ۋە تاتار زىيالىيلىرى بۇ جايلاردا نەشر قىلىنغان تۈرك تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەرنى ئوقۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇلارنى شەرقىي تۇركىستانغىمۇ ئېلىپ كىرىشكە باشلىدى.  تۈركىيە ، مىسىر ۋە باشقا جايلاردا تەربىيە كۆرگەن قەشقەرنىڭ ئاتاقلىق زىيالىيلىرىدىن قۇتلۇق ھاجى شەۋقى، شەمشىدىن داموللا، مەمەت ئەلى تەۋپىق قاتارلىقلار ئەينى ۋاقىتتا  مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئەسىرى بىلەن تونۇشلۇق بولۇپلا قالماستىن بەلكى، بۇ زاتنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېخىمۇ كەڭ بىلدۈرۈش ئۈچۈن  «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى ئۇيغۇر تۈركچىسىگە تەرجىمە قىلىش ئىشلىرىغا كىرىشكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ 1937 – يىلى ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشمىغان.

1949-1944 – يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىمۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى تەرجىمە قىلىش ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، جۇمھۇرىيەت رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ بىۋاسىتە تەشەببۇسى بىلەن 1946 -يىلى ئەرەب تىلىنى ياخشى بىلگەن ئىسمائىل داموللام «دىۋان» نىڭ مەلۇم قىسىمىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان بولسىمۇ، بىراق تولۇق تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىش مۇمكىنچىلىكى ئەمەلگە ئاشماي قالدى.

ئەينى ۋاقىتتا يەنە 1945 -يىلىدىن 1949 -يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان مەسۇد سەبىرى بايقوزى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە ئىسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان مىللەتچىلىرى تۈرك تارىخى تەتقىقاتى ۋە تۈرك تارىخى بىلىملىرىنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا كېڭىيىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى تونۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆپ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلار بۇ مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن «ئالتاي نەشرىياتى»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ كۇتۇپخانىسى» قۇرغان ھەمدە ئالتاي ژۇرنىلى، ئەرك گېزىتى قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللارنى نەشر قىلغان ئىدى. ئۇلار تۈركىيەدە نەشر قىلىنغان « قۇتادغۇ  بىلىك» ۋە تۈرك تارىخىغا ئائىت كۆپلىگەن كىتابلارنى، شۇ قاتاردا بەسىم ئاتالاينىڭ تۈركچە تەرجىمە نۇسخىسىنى ئەكەلدۈرگەن ئىدى. 20 – ئەسىر ئىلىم ساھەسىدىكى تۇنجى «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق ئومۇمىي تارىخ كىتابى يازغان، مەشھۇر سىياسەت ئەربابى ۋە تارىخچى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، « ئۆلكە تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى پولات قادىر تۇرپانى، «ئاسىيانىڭ يۈرىكى -شەرقىي تۈركىستان» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان قاتارلىقلار مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇلارنىڭ دەۋرىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىلدۈرۈش جەھەتتە كۆپ ئەمگەك سىڭدۈردى. غۇلجىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدىمۇ ئەخمەتجان قاسىمى، ئەلىخان تۆرە قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ تەسىرى ئاستىدا مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ دەۋرلەر تارىخى خەلققە كەڭ تەشۋىق قىلىنغانىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ ئەسىرى بىلەن شۇنىڭدەك يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسىرى بىلەن ئومۇمىي خەلق دائىرىسىدە تونۇشۇش ھەم تەتقىقات يۈرگۈزۈشىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى 1949 -يىلى، بۇ ئۆلكىدە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھاكىمىيىتىنىڭ ئورنىتىلىشىدىن كېيىن، باشلانغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللىي كىملىك ۋە مىللىي ئاپتونومىيە چېگرىلىرىنى ئايرىش سىياسىتىنىڭ ئۈلگىسى بويىچە، 50 -يىللاردا خىتاي تەۋەسىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئايرىش ۋە بېكىتىش، بولۇپمۇ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ نام بېرىلگەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاتار، ئۆزبېك قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئايرىم مىللىي كىملىكىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تارىخ مەدەنىيەت تىل ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە باشقىلار ئۈستىدىن كەڭ كۆلەمدە تەتقىقات ئېلىپ باردى. مانا شۇ جەرياندا، كۆپلىگەن ئۇيغۇر كىلاسسىك قول يازما ئەسەرلىرى توپلاندى ۋە ئەخمەت زىيائىي قاتارلىق ئالىملار «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، لېكىن، ئۇزۇن ئۆتمەي باشلانغان سىياسىي ھەرىكەتلەر تۈپەيلىدىن بۇ ئىش توختاپ قېلىپ، تاكى 70 -يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە مەھمۇد كاشغەرىي تەتقىقاتى خىزمىتى قولغا ئېلىنمىدى.

1978 -يىلىدىن كېيىن، ئىبراھىم مۇتىي، مىرسۇلتان ئوسمان، ئىمىن تۇرسۇن، ئەخمەت زىيائىي، ھاجى نۇرھاجى قاتارلىق ئالىملار شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەركىبىدە تۈركىي تىللار دىۋانىنى تەرجىمە قىلىش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، 1980 -يىلى، دىۋاننى ئۈچ توم بويىچە نەشر قىلدى. ئارقىدىنلا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر قاتارلىق ئالىملار يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق ئەسىرىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى شېئىرىي نۇسخىسىنى تەييارلاپ نەشرىدىن چىقاردى.

«تۈركىي تىللار دىۋانىنى» نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىشى ئۇيغۇر، خىتاي ۋە باشقا مىللەت ئالىملىرىنىڭ «دىۋان» ، مەھمۇد كاشغەرىي ۋە قاراخانىيلار سۇلالىسى تەتقىقات قىزغىنلىقىنىڭ قوزغىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ ئەسىرى ھەققىدىكى تەتقىقات ئۇيغۇرلار بىلىم ئادەملىرىنىڭ مۇھىم تەتقىقات ئوبيېكتى بولۇپ قالدى. مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ ئەسىرى تارىخ، تىلشۇناسلىق، ئەدەبىياتشۇناسلىق ، ئىنتومولوگىيە ، ئېتنوگرافىيە، پەلسەپە ھەم باشقا تۈرلۈك ساھەلەر بويىچە تەتقىق قىلىنىپ، كۆپلىگەن ماقالىلار ۋە كىتابلار ئېلان قىلىندى. 1950 – يىلىدىن تاكى ھازىرغىچە مەھمۇد كاشغەرىي ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى» توغرىسىدا ئۇيغۇر تىلىدا 500 پارچىدىن ئارتۇق ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى ھېسابلاپ چىقىلغان. 1980 – يىللاردا يەنە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ « قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق ئەسىرىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىي نۇسخىسى ۋە نەسرىي نۇسخىلىرىنىڭ نەشر قىلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ساھەدىكى چۈشەنچىلىرىنى چوڭقۇرلاتتى. يېقىندا ئەسەرنىڭ « ئاۋازلىق » نۇسخىسىنىڭ تارقىتىلىشى بىلەن كەڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەممە قاتلىمى بۇ ئەسەردىن بەھر ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى.

1990 – يىللىرى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مازىرى قايتا رېمونت قىلىنىپ ياساپ چىقىلدى ھەمدە بۇ جايغا مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھەيكىلى ئورنىتىلدى.

2005 -يىلى، قەشقەردە مەھمۇد كاشغەرىي  تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چوڭ بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا 100 دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس مەخسۇس ئىلمىي ماقالە ئوقۇدى.

ئومۇمەن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ « قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق  ئەسىرى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش، بىلىش ۋە تەتقىقاتلار قەدەممۇ-قەدەم پەيدا بولغان ۋە راۋاجلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلىرىدا تۈركىيە ئالىملىرى، رۇسىيە-سوۋېت ۋە ياۋروپا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتلىرىمۇ مۇھىم رول ئوينىدى.

6. ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ باھاسىدىكى مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ

مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئېتنىك، يەنى قەبىلە كېلىپ چىقىشى جەھەتتىن بۈگۈنكى كۈندىكى قايسى تۈركىي خەلققە مەنسۇپ دېگەن سوئالنىڭ  ئىلىم ساھەسىدە خېلى بۇرۇنلا تۇغۇلغانلىقى مەلۇم. بۇ مەسىلە ھەققىدە  تۈركىيە، غەرب، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھەم خىتاي، ياپونىيە ۋە باشقا دۆلەت ئالىملىرى ئارىسىدا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن. لېكىن، قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر قالغانلىقىنى تەشكىل قىلغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن بىرى ياغمالار تەرىپىدىن قۇرۇلغانلىقى ئاساسەن مۇقىملاشقان يەكۈنىدۇ [19].  ئەلۋەتتە، بۇ مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتىدىن بولغان شاھزادە ئىكەنلىكى تۈپەيلىدىن، قاراخانىيلار سۇلالىسىنى زادى قايسى تۈركىي قەبىلە قۇرغان؟ قايسى تۈركىي قەبىلە ۋە ياكى ئۇرۇغ مەزكۇر دۆلەتنىڭ خان جەمەتىنىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلغان دېگەندەك مەسىلىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇ مەسىلە ئايدىڭلاشماي تۇرۇپ، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ كېلىپ چىقىش كىملىكى ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن يەكۈن چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس. بىراق، بىرلا ئاسان جاۋاب شۇكى مەھمۇد كاشغەرىي ئۆز ئەسىرىدە تۈرك ئېتنونىمىنى ئەڭ ئۈستۈن قويغان بولۇپ، تۈركلەر 22 قەبىلىدىن تەشكىل قىلغان، دېمەك مەھمۇدنىڭ نەزىرىدە ئەينى ۋاقىتتىكى ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتالغان تۈركىي تىلدا سۆزلەشكۈچى قوۋم-قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق نامى تۈرك بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى مەزكۇر خەلققە تەۋە دەپ قارىغان. دېمەك، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ زادى قايسى قوۋمدىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەي ئۆتۈشى تاسادىپىي ئەمەس بولۇپ، بۇ بەلكى ئۇنىڭدىكى ئورتاق تۈرك چۈشەنچىسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.

يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ ئوخشاشلا ئۆز ئەسىرىدە تۈرك قوۋمى ئۇقۇمىنى قوللانغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ خىل ئورتاق قوۋم ئىدىيەسى مەھمۇد كاشغەرىي بىلەن بىردەكتۇر. بۇ نۇقتا ئۇنىڭ ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە پەقەت ئۇيغۇر ئالىملىرى، زىيالىيلىرىلا  مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ئۇيغۇر مىللىتىگە تەۋە دەپ قارايدۇ. شۇنىڭدەك پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ بۈيۈك بوۋىسى دەپ ھېسابلايدۇ ھەم بۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ئۇيغۇر دەپ قارىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارنى بىر قانچە نۇقتىدىن چۈشىنىش مۇمكىن.

بىرىنچىدىن. ئېتنىك مەنبە ۋە تىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. بۇ مەھمۇدنىڭ خان جەمەتى ھېسابلانغان نەسەبى ۋە قاراخانىيلار سۇلالىسىنى قۇرغان يادرولۇق قەبىلىنىڭ كىملىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇيغۇر تارىخچىلىرى ۋە خەلقئارادا خېلى كۆپ قسسم  مۇتەخەسسىسلەر بىردەك ھالدا قاراخانىيلار سۇلالىسىنى ئۇيغۇرلار قۇرغان دەپ ھېسابلايدۇ. بۇ نۇقتىئىنەزەر مۇتلەق كۆپ سانلىق خىتاي تارىخچىلىرى تەرىپىدىنمۇ ئېتىراپ قىلىنغان شۇنىڭدەك تەشەببۇس قىلىنغان بولۇپ، بىر قىسىم رۇس،  ياپون، خىتاي ۋە ئۇيغۇر تارىخچىلىرىنىڭ قارىشىچە، مىلادىيە 840 -يىلى موڭغۇليەدىكى قارابالغاسۇننى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر قاغانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تارمىقىنىڭ تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبى ۋە پامىر ئەتراپىغا كۆچۈپ كەلگەنلىكى ھەمدە شۇ يەردىكى ئۇيغۇر -تۇركىي قەبىلىلەر بىلەن بىرلىكتە  قاراخانىيلار سۇلالىسىنى بەرپا قىلغانلىقىنى، تارىم-تۇرپان ۋادىسىغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر تارمىقىنىڭ ئۇيغۇر  قەبىلىلىرى  بىلەن  بىرلىكتە تۇرپان ئىدىقۇت دۆلىتىنى بەرپا قىلغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ. ئۇيغۇر ۋە خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ قارىشىچە، قاراخانىيلار سۇلالىسى قەشقەرنى پايتەخت قىلغان بولۇپ، بۇ خاندانلىقنىڭ خان جەمەت يادروسى ئۇيغۇرلار، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قۇرغان خاندانلىقىدۇر [20]. قاراخانىيلار سۇلالىسى تەتقىقاتچىسى پېتىر گولدېننىڭ قارىشىچە   ياغما قەبىلىسى بالدۇرراق قەشقەر  ئەتراپلىرىدا پائالىيەت قىلغان بولۇپ،  قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتىنى ئۇيغۇر ياغما قەبىلىسى تەشكىل قىلغانىدى [21].  قاراخانىيلار سۇلالىسى ئۇنىڭ بىرىنچى خانى سۈپىتىدە  كۈل بىلگە قادىرخاندىن باشلىنىدۇ [22].  قاراخانىيلار سۇلالىسىنى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ قۇرغانلىقى كۆز قارىشى كۆپ سانلىق ئالىملار تەرىپىدىن بۇرۇنلا تەستىقلانغان بولۇپ، سوۋېت ئالىملىرىدىن ئا. بېرنشتام، قاراخانىيشۇناسلىرىدىن داۋىدوۋىچ قاراخانىيلارنى ئۇيغۇر ياغما قەبىلىسى قۇرغانلىقى يەكۈنىنى چىقارغانىدى [23].

ئىككىنچىدىن تىل مەسىلىسى. ئۇيغۇر تىلشۇناس ئالىملىرى مەھمۇت كاشغەرىينى ئۇيغۇر دەپ بېكىتىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب ئۇنىڭ ئىشلەتكەن ئەدەبىي تىلىنىڭ خاقانىيە تىلى ئىكەنلىكىدۇر. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خاقانىيە تىلى، تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىدىكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن بىر تىل بولۇپ،  قاراخانىيلار سۇلالىسى تەۋەسىدىكى قەشقەرنى مەركەز قىلغان  تىل بىلەن تۇرپاننى مەركەز قىلغان تىل  دەل  ئۇيغۇر تىلىدۇر. ئۇيغۇر ئالىملىرى قاراخانىيلار دەۋرىدە ئىشلىتىلگەن  بۇ تىلنىڭ،  جۈملىدىن «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ تىلىنىڭ، يەنى خاقانىيە تىلىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئىكەنلىكىنى  كۆرسىتىدۇ [24].

ئۈچىنچىدىن، مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ زېمىن تەۋەلىكى مەسىلىسى؛ مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يۇرتى ھەققىدە ھەر خىل قاراش بار. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قىرغىز، قازاق ۋە باشقىلارنىڭ ئالىملىرى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئىسسىق كۆل بويىدىكى بارسخاندا، يۈسۈپ خاس ھاجىپنى بالاساغۇندا، يەنى ھازىرقى توقماق يېنىدا تۇغۇلغان ۋە شۇ يەرلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئالىملىرى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ دىۋاندىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ھەمدە خەلق ئىچىدىكى رىۋايەتلەر ھەمدە 19 – ئەسىردىكى مۇھەممەد سادىق كاشغەرىينىڭ ۋەخپە ھۆججىتى ئارقىلىق مەھمۇد كاشغەرىينىڭ، قەشقەر شەھىرىنىڭ يېنىدىكى ئوپال يېزىسىنىڭ ئازىغ كەنتىدە تۇغۇلغان ھەمدە ئۆز يۇرتى ھېسابلانغان شۇ جايغا دەپنە قىلىنغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئالىملىرىنىڭ نەزىرىدە مەھمۇد كاشغەرىي ئەينى ۋاقىتتا ئۆز ئىسمى مەھمۇدقا «كاشغەرىي»دىن ئىبارەت شەھەر ئىسمىنى تەخەللۇسى قىلىپ، قوشۇپ ئاتىشى، شۇنىڭدەك زامانداشلىرىنىڭمۇ شۇنداق ئاتىشى، ئۇنىڭ يەنىلا بۇ زېمىنگە تەۋە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. «ماخمۇت كاشغەرىي» دېگەن ئىسىم، كاشغەرلىك، يەنى بۈگۈنكى قەشقەرلىك دېگەن بولىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بالاساغۇندا تۇغۇلغان بولۇپ، بالاساغۇن قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ يازلىق پايتەخت شەھەرلىرىدىن بىرى ئىدى. بۇ شەھەردە ئەمەلىيەتتە شەھەرلەشكەن تۈركىي قەبىلىلەر ياشىغان بولۇپ، بۇ ئوخشاشلا ئورخۇن ئۇيغۇر قالغانلىقىنى يادرو قىلغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تەركىبىدىكى قەبىلىلەر ياشىغان جاي ئىدى. قەشقەر بارلىق ئۇيغۇر  تۇركىي قەبىلىلىرىنىڭ مەركەزلەشكەن جايى ۋە پايتەختى ئىدى [25]. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسىرىدە ئىشلەتكەن تىلىمۇ خاقانىيە تىلى، يەنى ئۇيغۇر تىلى ئىدى.

تۆتىنچىدىن، بۈگۈنكى ئېتنىك كىملىك بىلەن باغلىنىشلىق مەسىلە. يەنى بۈگۈنكى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدى»كى يەنى شەرقىي تۈركىستاندىكى  ئاساسلىق تۈركىي خەلق ئۇيغۇرلار ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 30 % قەشقەر ۋىلايىتىگە تارقالغان. قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېھقانچىلىق رايونلىرى ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلار بولۇپ، «قەشقەر» دېمەك «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى» دېمەكتۇر. بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا كۆپ ئەسىرلەر ئۆزلىرىنى «ئۇيغۇر» دېگەندىن كۆرە، «قەشقەرلىك» ۋە ياكى «مۇسۇلمان» دەپ ئاتىغانلىقى، «ئۇيغۇر» ئېتنىك نامىنىڭ 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن رەسمىيلىشىپ، ئومۇمىي يۈزلۈك مىللىي كىملىك سۈپىتىدە ئاتالغانلىقى ھەمدە پۈتۈن خەلقنىڭ بۇنى قوبۇل قىلغانلىقى ئېنىق بولۇشتىن قەتئىي نەزەر ئۇيغۇر تارىخچىلىرى، زىيالىيلىرى ۋە ئاۋام پۇقرالىرىنىڭ  نەزىرىدە بۇ جاي قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى بولۇپ كەلگەن.

7. مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتپەرۋەرلىكىگە تەسىرى

ھەر قانداق بىر خەلق ئۆز ئۆتمۈشىدىكى شانلىق مەدەنىيەت نامايەندىلىرىدىن پەخىرلىنىپ، ئۇنى مىللىي مەدەنىيەت سىمۋولى قىلىپ تىكلەشكە، ئۇنى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ مىللىي روھىنى تەربىيەلەش ۋە راۋاجلاندۇرشتا قىبلىنامە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى تەبىئىي.

18 – ئەسىردە شەرقىي تۈركىستان مەنچىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، تاكى 1877 – يىلى ياقۇپبەگ رەھبەرلىكىدىكى «يەتتە شەھەر دۆلىتى» يىمىرىلگەنگە قەدەر بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئىستىقلالىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مىللىي مەدەنىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن توختاۋسىز كۈرەش قىلدى. تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمى ئوچاقلىرى ھېسابلانغان  تارىم، تۇرپان ۋە ئىلى ۋادىلىرىدا ياشىغۇچى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداشنىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللىرىدىن پايدىلانغان بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئاڭلىق قاتلىمى ھېسابلانغان مەشھۇر زىيالىيلار ۋە بىلىم ئادەملىرى ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ۋە مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆز يۇرتىدىن چىققان بۈيۈك تارىخىي ئەربابلارنى مەدھىيەلەش، ئۇلارنىڭ ئىش -ئىزلىرىنى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇش مەقسىتىدە تارىخىي تەزكىرىچىلىككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، قاراخانىيلار سۇلالىسى، كېيىنكى سەئىدىيەلەر خاندانلىقى ھەمدە كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى خوجىلار ۋە بەدەۋلەت دەۋرىگە ئائىت كۆپلىگەن تەزكىرەلەر يېزىلغان ئىدى. ئەنە شۇنىڭ جۈملىسى سۈپىتىدە 19 – ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئالىم مۇھەممەد سادىق كاشغەرىينىڭ مەخسۇس كىتاب يېزىپ، ئۇنى مەھمۇد كاشغەرىي مازىرىغا مەخسۇس ھۆججەتلىك ۋەخپە قىلىشى ھەمدە مەزكۇر ھۆججەتكە شۇ دەۋرنىڭ بىر قانچە نەپەر زىيالىيلىرىنىڭ ئىمزا قويۇشى تاسادىپىي ئەمەس بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى بۇ مازاردا ياتقان ئىنساننى خەلقىگە تونۇشتۇرۇش ھەمدە كېيىنكى ئەۋلادلارغا يالداما قىلىشتىن ئىبارەت بولسا كېرەك.

20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىسلام دۇنياسى جۈملىدىن تۈرك دۇنياسىدا كۆتۈرۈلگەن يېڭىچە مەدەنىيەت-مائارىپ ھەرىكىتى شەرقىي تۈركىستانغىمۇ يېتىپ كەلدى. ئىستانبۇل، قازان قاتارلىق جايلاردا تەربىيە كۆرگەن ئۇيغۇر، تۈرك ۋە تاتار زىيالىيلىرى كېيىنكى ئەسىرلەردە  جاھالەت ئىچىدە قالغان شەرقىي تۈركىستاننى يېڭىچە ئىلىم-مەرىپەت نۇرلىرى بىلەن يورۇتتى. ئىستانبۇللۇق مەرىپەتچى ئەخمەت كامال ۋە ئىستانبۇلدا تەربىيە كۆرگەن شەرقىي تۈركىستانلىق مەسئۇد سەبىرى بايقوزى، تۇرسۇن ئەپەندى ھەمدە گېرمانىيە، رۇسىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولغان  ئاكا-ئۇكا مۇسابايلار، مەخسۇت مۇھىتى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە باشقا يۈزلىگەن مەرىپەتپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر بىلىم ئادەملىرى، تىجارەتچىلەر زامانىۋى مەكتەپلەر ئېچىپ، شەرقىي تۈركىستاندا مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ دولقۇنىنى قوزغاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېڭىدا مىللىي كىملىك، مىللىي روھ ۋە مىللەتپەرۋەرلىك ئاڭلىرىنى پەيدا قىلدى ھەمدە راۋاجلاندۇردى. ئەنە شۇ ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلەر ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي ئېڭىنى تىكلەش ئۈچۈن ئۆز مىللىتىنىڭ مىللىي تارىخى ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى خەلقىگە چۈشەندۈرمەي، خەلقنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شانلىق ئۆتمۈشىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرمەي مۇمكىن ئەمەسلىكى تونۇپ يەتكەن بولغاچقا ئۇلار تۈركىيە، رۇسىيە تاتارىستانى ۋە باشقا جايلاردا نەشر قىلىنغان تۈرك تارىخ كىتابلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئېلىپ كىردى.  تۈركىيە، مىسىر ۋە باشقا جايلاردا تەربىيە كۆرگەن قەشقەرنىڭ ئاتاقلىق زىيالىيلىرىدىن قۇتلۇق ھاجى شەۋقى، شەمشىدىن داموللا، مەمەت ئەلى تەۋپىق قاتارلىقلار ۋەكىل خاراكتېرلىك بولۇپ، بۇلار نەشرىياتچىلىق، مەرىپەتچىلىك يوللىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنى مىللەتچىلىك ئېڭى بىلەن تەربىيەلىدى . ئەنە شۇ ئاقارتىش ۋە ئويغىتىش ھەرىكەتلىرى 1931-1934 – ۋە 1945 – يىللىرى ئارىسىدا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا كۆتۈرۈلگەن مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ھەمدە بۇ ئىنقىلابلار نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىن كېيىن مەيدانغا تۈرك دۇنياسىدىكى ئىككىنچى مۇستەقىل تۈرك جۇمھۇرىيىتى- شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن خۇلاسىلانغان بولۇپ، يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان ۋە ئاتالمىغان كۆپلىگەن بىلىم ئادەملىرى مەزكۇر ئىنقىلابلاردا مۇھىم رول ئويناپ، يەنىلا تەشۋىقات-تەربىيە ھەم نەشرىيات – گېزىتچىلىك خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى. تارىخىي تەربىيە، مىللىي كىملىك ۋە مىللىي روھ ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىكى تەربىيە پائالىيەتلىرىدىكى مۇھىم تېما بولۇپ قالغان ئىدى. بولۇپمۇ، 1945 -يىللىرىدىن كېيىن،ئۇيغۇر سىياسىيونلىرى ۋە مەرىپەتچىلىرى ئۈچۈن تۈرك -ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر سەلتەنەتلىك قاغانلاردىن ئوغۇز، ئاتىللا، سۇلتان ساتۇق ۋە شۇ قاتاردا مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىق  ھۆكۈمرانلار، ئۆلىمالار ئۇلارنىڭ خەلقنى تەربىيەلەشتىكى سىمۋوللارغا ئايلاندى.

1944 – يىلى 12 – نويابىردا غۇلجىدا قۇرۇلۇپ، 1949 – يىلى ئاخىرلاشقان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىمۇ ئوخشاشلا ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتپەرۋەرلىك  ئىدىيەسىگە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، تارىخىي تەربىيە ئوخشاشلا مىللىي روھنى ئۆستۈرۈشتىكى ۋاسىتە قىلىنغان بولغاچقا، ئىلى ھۆكۈمىتى نەشر قىلغان گېزىت – ژۇرناللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش سىياسىي ھەم مەدەنىيەت تارىخى ۋە مەشھۇر ئالىملىرى ھەققىدە ماقالىلار پات-پات بېسىلىپ تۇراتتى. ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەشەببۇسى بويىچە، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى تەرجىمە قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇلدى.

ھەتتا مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى ئۆز نۇتۇقلىرىدا مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە، جۈملىدىن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى بېرىپ، « <قۇتادغۇ بىلىك> ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى بىر ئۇلۇغ  ئىلمىي ئابىدە» دېگەنىدى.

ئۇ، مەسىلەن، 1949 – يىلى، 6 – ئاينىڭ 6 -كۈنى  غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك، تاتار، رۇس ۋە باشقا مىللەت يازغۇچى-شائىرلىرى ھەم زىيالىيلىرى  قاتناشقان، رۇس كىلاسسىك شائىرى ئالېكساندر پۇشكىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 150 يىللىقىنى خاتىرىلەش چوڭ كۆلەمدىكى  مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ئالېكساندر پۇشكىننىڭ «ھەيكەل» ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى ۋە  ئالېكساندر پۇشكىننىڭ  رۇس ھەم ئىنسانىيەت ئەدەبىياتىغا قوشقان توپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قەدىمكى دەۋرلەردە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرى ۋە قالدۇرغان مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەكىتلەپ،  دەۋرىمىزدىكى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ئەنە شۇ قەدىمكى شانلىق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئەنە شۇ كىلاسسىكلارنىڭ ئىزلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ: «بىزنىڭ كونا چاپانلىرىمىز ئىچىدە ئۈمىدۋار كىشىلەر ناھايىتى كۆپ، بىزنىڭ ئەدەبىيات-سەنئىتىمىز تۈگىمەس بايلىق. بۇ  تۈگىمەس بايلىقىمىزنى خەلقىئالەم ئالدىدا نامايان قىلىش ئۈچۈن زۇنۇن قادىر، ئەلقەم ئەختەم، قۇرمانغالىدەك يازغۇچىلار كۆپلەپ چىقىشى كېرەك. نىمشېھىت ئەرمىيا  داموللامنىڭ ۋەتەن توغرىسىدا  يازغان شېئىرلىرىنى ئوقۇپ خېلى رازى بولدۇم. ئۇنىڭ شېئىرلىرى نەۋائينىڭ شېئىر يېزىش ئۇسلۇبىدا يېزىلىپتۇ. ئەجدادلىرىمىز مەدەنىيەت تارىخىمىزدا  بۈيۈك ئىشلارنى قىلغان. 11 – ئەسىردە يېزىلغان بۈيۈك ئەسەر «قۇتادغۇ بىلىك <ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى بىر ئۇلۇغ  ئىلمىي ئابىدە، ….ئاتاقلىق رۇس ئالىمى مالوف قاتارلىقلارنىڭ شەرق مەدەنىيەت تارىخىغا دائىر يازغان كىتابىدىكى مۇنداق بىر سۆز ئېسىمگە كەلدى؛ <17 – ئەسىرگىچە بەزى دۆلەت، بەزى مىللەتلەر تەرىپىدىن يېزىلغان بىر قىسىم ئەسەرلەر <قۇتادغۇ بىلىك> نى ئەينەك قىلغان بولۇشى مۇمكىن>» دەپ  تەكىتلەنگەنىدى [27].

ئەخمەتجان قاسىمى، سۆز نۇتۇقلىرىدا دائىم مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە  باشقا نامايەندىلەرنىڭ تۆھپىلىرى بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا مۇستەقىل دۆلەتلەرنى قۇرۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقانلىقىنى ۋە باشقىمۇ ياۋروپا كىلاسسىكلىرى، مەدەنىيەت نامايەندىلىرىنىڭ تۆھپىلىرى ھەم دۇنيا تارىخنىڭ مۇھىم باسقۇچلىرىنى  ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇت ھالىتى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرەتتى. بۇ، نۇقتىدىن ئەخمەتجان قاسىمى  قاتارلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنىڭ مەخمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە باشقا مىللىي سىمۋوللارنىڭ مىللىي روھنى كۆتۈرۈشتە نەقەدەر مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.

شۇنىڭدەك، 1946 – 1949 يىللىرى ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان مەسئۇد سەبىرى بايقوزى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قاتارلىق مىللەتپەرۋەرلەرنىڭ «يۈسۈپ خاس ھاجىپ كۇتۇپخانىسى» قۇرۇپ، دەرنەكلەر ئۇيۇشتۇرۇپ، تارىخ ئىلمىي پائالىيەتلىرىنى كېڭەيتىشى تاسادىپىي ھادىسە ئەمەس. «يۈسۈپ خاس ھاجىپ كۇتۇپخانىسى»  ئېھتىمال ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا بىرىنچى قېتىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ نامى بىر مەدەنىيەت ئورنىغا ئەبەدىيلىك ۋە ھۆرمەتلىك نام سۈپىتىدە قويۇلۇشى بولسا كېرەك. مەزكۇر « ئۈچ ئەپەندى» بۇ كۇتۇپخانا تۈركىيەدە نەشر قىلىنغان تۈرك تارىخىغا ئائىت يېزىلغان كۆپلىگەن كىتابلارنى ئەكەلدۈرۈپ قويغاندىن سىرت تۇنجى قېتىم «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ تۈركىيەدە تۈركچە چىقىرىلغان نۇسخىسىنى ئەكەلدۈرۈپ قويۇش بىلەن زىيالىيلارنىڭ بۇ ئەسەر بىلەن تونۇشىشىغا ئىمكانىيەت ياراتقانىدى.

ئەمما، نەشرىياتچىلىق ۋە مەتبۇئاتىنىڭ ئومۇملاشمىغانلىقى، خەلقنىڭ يەنىلا ئومۇمىي يۈزلۈك مەدەنىي-مائارىپ ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى ھەمدە تەتقىقاتچى-زىيالىيلارنىڭ قوشۇنىنىڭ ئازلىقى ۋە سىياسىي چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن مەھمۇد كاشغەرىي ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت ۋە سىياسىي تارىخ بىلىملىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك كېڭىيىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى. قىسقىسى، مەھمۇد كاشغەرىي ۋە  يۈسۈپ  خاس ھاجىپنى سىمۋول قىلغان مەدەنىيەت نامايەندىلىرى 20 – ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتپەرۋەرلىكىنىڭ شەكىللىنىشى، مىللىي روھىغا ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكى ۋە سىياسىي كىملىكىنى تىكلىنىشىگە بەگلىك رەۋىشتە تەسىر كۆرسەتتى دەپ قارىساق ئارتۇقچە بولمايدۇ.

لېكىن، مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي روھىغا كەڭ كۆلەمدە ۋە ئومۇميۈزلۈك تەسىر كۆرسىتىشى 20 -ئەسىرنىڭ 80 -يىللىرىدا ئۇنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئۈچ توم بولۇپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىشى ۋە ئارقىدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ « قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر قاتارلىقلار تەرىپىدىن نەزمى نۇسخىسى ۋە باشقا نۇسخىلىرىنىڭ نەشر قىلىنىشى

شۇنىڭدەك مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەققىدە ئەۋج ئالغان تەتقىقاتلار بىلەن باغلاش مۇمكىن. چۈنكى، بۇ ئەسەرلەرنىڭ نەشر قىلىنىشى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى زور ۋەقە بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل ئۆز تارىخىدىن خەۋەرسىز قالغان ئۇيغۇرلارغا، ئۆز مىللىي كىملىكىنى چۈشىنىش ھەم ئۆز شانلىق ئۆتمۈشىدىن پەخىرلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ شانلىق تارىخ ياراتقان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ، دەۋرگە ھەم كېلەچەككە ئۈمىد باغلاش ھەم يۈزلىنىشتەك مىللىي روھ ۋە سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت پىكىرلىرىنى ئاتا قىلدى. شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، شۇ ۋاقىتلارغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تېخى بىرەر ئۇيغۇر تارىخى كىتابى يوق ئىدى.

ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تۈرك تارىخى، مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەم باشقا مەدەنىيەت نامايەندىلەر ھەققىدىكى ماقالىلىرى پەقەت 70 – يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن ئېتىبارەن كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، خەلق شۇ ۋاقىتقىچە بولغان خىتاينىڭ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ناملىق سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىدە ئۆز ئۆتمۈشىنى، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكى، نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيدىغان، تولىمۇ نادان ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. چۈنكى، بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئېتنىك، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تارىخى ھەققىدە بىلىمگە ئىگە ئۇيغۇر ئالىملىرى، زىيالىيلىرى سىياسىي كۈرەشلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنغان، تۈرمىلەرگە  تاشلانغان ھەم خانىۋەيران بولغان، ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى ۋە باشقىلارغا ئائىت كىتابلار، كىلاسسىك قول يازما ماتېرىياللىرى كۆيدۈرۈۋېتىلىشتەك  مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقىغا دۇچ كەلگەن ئىدى. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ « قۇتادغۇ بىلىك»ىنىڭ يورۇققا چىقىشى ھەمدە  «بۇلاق»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، «قەشقەر پېداگوكىكا ئىلمىي ژۇرنىلى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلىرى»، «قەشقەر ئەدەبىياتى» ۋە باشقا ئىلمىي ئەدەبىي ژۇرناللارنىڭ ئارقىمۇ-ئارقىدىن نەشر قىلىنىپ، ئۇنىڭدا كۆك تۈركلەر، قاراخانىيلار سۇلالىسى، تۇرپان ئۇيغۇر ئىدىقۇتلۇقى دەۋرى شۇنىڭدەك مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەھمەد يۈكنەكى، ئەلىشىر نەۋائي، لۇتفى، ئاتايى، نۆۋبىتى، زەلىلى قاتارلىق ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى ئەسىرلەر شۇنىڭدەك يېقىنقى زامان كىلاسسىكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ شۇنىڭدەك مەزكۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات ۋە تارىخى ھەققىدىكى ماقالىلارنىڭ كۆپلەپ ئېلان قىلىنىشى ئۇيغۇرلاردا ئومۇمىي يۈزلۈك مىللىي ئويغىنىش دەۋرىنى ياراتتى.

مەھمۇد كاشغەرىي بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ھاياتىدىن ئورۇن ئالدى. مەھمۇد  كاشغەرىيگە بېغىشلانغان يۈزلىگەن شېئىرلار ۋە ناخشىلار مەيدانغا كەلدى. قانچىلىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ  پەرزەنتلىرىگە مەھمۇد ئىسمىنى قويغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقىش تەس. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قەبرىسىنى تاۋاپ قىلىش ئادەملەرنىڭ مۇھىم ئارزۇلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى، قىسقىسى قەشقەرگە كەلگەن ھەر قانداق بىر كىشى ئالدى بىلەن مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قەبرىسىنى يوقلىماي ئۆتمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس ۋەزىيەت شەكىللەندى. مەھمۇد كاشغەرىي ئۇيغۇرنىڭ ئىپتىخارى، ئۇيغۇرنىڭ غۇرۇرىغا ئايلانغان بولۇپ،  1980 – يىللاردا نۇر مۇھەممەد ئەركى ئىسىملىك قەشقەرلىك شائىر «پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇت ۋەتىنى» ناملىق شېئىرىنى ئېلان قىلىش بىلەن تەڭ ئۇنىڭغا مۇزىكا ئىشلىنىپ، خەلق ئىچىگە كەڭ تارقىلىپ، 20 يىللاردىن بەرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئاتاقلىق ناخشا سۈپىتىدە ئېيتىلىپ كېلىنمەكتە. بۇ ناخشا ئۇيغۇرلارغا  ئۆز ۋەتىنىدىن، ئۆز يۇرتىدىن، ئۆز مىللىتىدىن پەخىرلىنىشكە، ئۆزىدىن ئىپتىخارلىنىشقا چاقىرغان بولۇپ، مۇنداق دەپ خىتاب قىلىنغان.

پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇت ۋەتىنى،

كىمنىڭ بار ئاشۇنداق ئالىمى!

مەھمۇد كاشغەرىي يازغۇچىلار ۋە رەسساملارنىڭ قەلىمىدىنمۇ ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۇيغۇر يازغۇچىسى پەرھات جىلان 1993 -يىلى، «مەھمۇت قەشقەرى» ناملىق تارىخى رومانىنى نەشر قىلدۇردى.1995 -يىلى بۇ رومان ھەققىدە ئۈرۈمچىدىكى تەڭرى تاغ ژۇرنىلى ئۇيۇشتۇرغان، ئىبراھىم مۇتىي، شەرىپىدىن ئۆمەر قاتارلىق ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىملىرى ۋە باشقىلار قاتناشقان سۆھبەت يىغىنىدا ئەسەرگە يۇقىرى باھا بېرىلدى. ئارقىدىن يازغۇچى ئاتاقلىق رەسسام، پىروفېسسور غازى ئەمەت ئىلگىرى كېيىن ئىككى قېتىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ پورترېتىنى سىزغان بولۇپ، ئۇنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ مەھمۇد كاشغەرىينىڭ پورترېت سۈرىتى رامكىلارغا ئېلىنىپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ۋە بەزى جامائەت، مائارىپ ۋە خۇسۇسىي ئورۇنلارغىمۇ ئېسىلدى. ئۇنىڭ ھەيكىلى بولسا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ھەيكەلتىراشلىقىنىڭ بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە باھالاندى.

مەھمۇد كاشغەرىينىڭ نامىنى  مائارىپ ئورنىغا، باغچە ۋە ياكى مەدەنىيەت ئورنى ۋە ياكى بىرەر كوچىغا قويۇپ، ئەبەدىيلەشتۈرۈش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئارزۇسى بولۇپ، بىراق، بۇ ئارزۇ تېخى ھازىرغىچە  ئەمەلگە ئاشمىغان بولسىمۇ، بىراق، يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە خىتايدىكى بازار ئىگىلىكى تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، مەھمۇد كاشغەرىي نامىنىڭ سودا-ئىقتىساد ماركىسىغا ئايلانغانلىقى مەلۇم. بىراق، بۇ ئىشلارنىڭ ھازىرقى كۈنلەردە پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالغانلىقى مەلۇم.

يەنە شۇنى تەكىتلەش مۇمكىنكى ئاتاقلىق يازغۇچى مىرزاھىت كەرىمى ئىككى توملۇق « يۈسۈپ خاس ھاجىپ» رومانىنى نەشر قىلدۇرۇپ، خەلقىمىزگە ئۆز ئالىمىدىن پەخىرلىنىش، ئۆز مىللىي كىملىكىدىن پەخىرلىنىش روھىنى كۈچەيتتى. خەلق يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ دەۋرىنى بەدىئىي يول بىلەن چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى.

مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ  سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىلا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 80 – يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىدىمۇ مىللىي ئالاھىدىلىك ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، قەدىمكى تۈرك  ۋە ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى، قاراخانىيلار دەۋرىدىكى مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەم كېيىنكى ئەسىرلەردىكى  مەدەنىيەت نامايەندىلىرى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە بىر قەدەر سىستېمىلىق كىرگۈزۈلدى. بۇ ئەھۋال ياش ئەۋلادلارنىڭ  ئۆز مەدەنىيەت تارىخى ھەققىدە دەسلەپكى قەدەمدە بىر قەدەر ئەتراپلىق چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇشى شۇنىڭدەك ئوز مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنىڭ ئاشۇردى. ئەلۋەتتە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىدىكى بۇ مەزمۇنلار قىسقارتىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر پۈتۈنلەي باشقىچە ئەھۋال يۈز بەرمەكتە.

مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۇنياغا كەلگەنلىكىگە 1000 يىل توشقان بۇ كۈنلىرىمىزدە ئۇلار ئۇيغۇر مىللىي روھىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك سىمۋوللىرىغا ئايلانغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي روھى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولاپ، مىللىي كىملىكى ۋە دىنىي كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇش، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي مىللىي كىملىكىنى تۇرغۇزۇش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاساسلىق خەلق قەلبىدىن تازىلاش نىشانىغا ئايلاندى. مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن گەۋدىلەنگەن ئۇيغۇر مىللىي روھى، خىتاي «جۇڭخۇا مىللىتى» كىملىكىنىڭ كۈچلۈك رىقابەتچىسىگە ئايلانغانىدى. خىتاي ئىستراتېگىيەچىلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەخمەت يۈكنەكى، ئەلىشىر نەۋائي، ئابدۇرېھىم نىزارى ۋە باشقا يۈزلىگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت نامايەندىلىرىدىن ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئورنىغا كۇڭزى ۋە باشقا خىتاي كىلاسسىكلىرى ، خىتاي مەدەنىيەت ناماياندىلىرىدىن پەخرلىنىش روھى تىكلىنىشى كېرەك ئىدى.

دېمەك، مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلار مىڭ يىل ئىلگىرى تىكلىگەن مىللىي روھ، بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىنىڭ كۈچلۈك تايانچىسى ۋە مەنىۋى ۋە روھى ئوزۇق مەنبەسىگە ئايلانغانىدى.


* يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنگە نەزەر» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلەنگەن لېكسىيەنىڭ تەپسىلاتى. (2019 -يىلى، 11 -ئاينىڭ 23 -كۈنى، ۋىرگىنىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى).

پايدىلانغان ماتېرياللار:

[1]  Dilâçar, Agop (1988). 900. [i.e. Dokuz yüzüncü] yıldönümü dolayısıyle Kutadgu bilig incelemesi . Türk Dil Kurumu. p. 21.

[2] Yūsuf (Khāṣṣ-Hājib); Arat, Reşit Rahmeti (1979). Kutadgu bilig . Türk Dil Kurumu. pp. XXIII.

[3]  Юсуф Баласагуни – Благодатное знание (1983) – ПлатонаНет. … М.: Наука, 1983.

[4]  Rian Thum (2014). The Sacred Routes of Uyghur History. Harvard University Press. pp. 301

[5] Devereux, Robert (1985). “Yūsuf Khāss Hājib, Wisdom of Royal Glory (Kutadgu Bilig): A Turko-Islamic Mirror for Princes, Robert Dankoff, trans., Publications of the Center for Middle Eastern Studies, No. 16 (Chicago: University of Chicago Press, 1983). Pp. 291”. International Journal of Middle East Studies. 17

[6] ئابدۇرېھىم تۇرسۇن. قاراخانىيلار ۋە  تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىنىڭ ئىجتىمائىي-پەلسەپىۋى پىكىرلىرىدىكى ئورتاق ئامىللار.«ئانا يۇرت» ژۇرنىلى، تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى. ھەم تۈركىستان كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا.

 http://turkistanilibrary.com/sites/default/files/qaraxaniylar_we_idiqut_xanliqi_heqqide.pdf

[7] Бартольд В. В. История Туркестана // Бартольд В. В. Собрание сочинений (V. V. Bartold Eserliri. 2-tom. 1-qisim) . Т. 2. Ч. 1. С. 121. Гафуров Б. Г. Таджики. Древнейшая, древняя и средневековая история (B. G. Gapurof. تاجىكلار: قەدىمكى   ۋە ئوتتۇرائەسىرلەرتارىخى. 2-توم. دۇشەنبە. Т. 2. Душанбе: Ирфон, 1989. С. 86-95. (rusche)

[8]  ئابدۇرېھىم تۇرسۇن. قاراخانىيلار ۋە  تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىنىڭ ئىجتىمائىي-پەلسەپىۋى پىكىرلىرىدىكى ئورتاق ئامىللار.« ئانا يۇرت» جۇرنىلى، تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى. ھەم تۈركىستان كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا.

 http://turkistanilibrary.com/sites/default/files/qaraxaniylar_we_idiqut_xanliqi_heqqide.pdf

[9] Набиджан Турсун.  Краткий очерк культуры Уйгурского Турфанского идыкутства.( Nebijan tursun.urpan uyghur  idiqutluqi medeniyiti heqqide qisqiche bayan ). «Уйгуроведение в Казахстане: традиция и новация». Под. ред. А. Камалова. Алматы, изд-во «Наш мир», 2006. http://uighur.narod.ru. Mezkur mesile üchün yene töwendiki eserlerge qaralsun ;  М. И. Ерзин. Уйгур Совет мэтбуатининг тарихи. Алма-Ата, 1980, С.236;   Laszlo Rasonyi. Tarihte Türklük. Ankara, 1988, S. 111-113; А. Zeki Velidi Togan. Umumi Türk Tarihine Giris. Istambul, 1981, S.272 (a.b.s.d), S.99-100.

[10] سوڭ سۇلالىسى تارىخى. 490 -جىلت. ئەنەتكەك، ئۇدۇن قوچۇ تەزكىرىلىرى . «بەش دەۋر ۋە سوڭ، ياۋ جىن يۈئەن سۇلالىرى تارىخى»  شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى. 2011 ، ئۈرۈمچى. 204-205 -بەتلەر. ( ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى).

[11] سوڭ سۇلالىسى تارىخى. 490 -جىلت. ئەنەتكەك، ئۇدۇن قوچۇ تەزكىرىلىرى . «بەش دەۋر ۋە سوڭ، ياۋ جىن يۈئەن سۇلالىرى تارىخى»  شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى. 2011 ، ئۈرۈمچى. 204-205 -بەتلەر. ( ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى).

[12]  Robert Dankoff (2008). From Mahmud Kaşgari to Evliya Çelebi. Isis Press. p. 81

[13] Зифа-Алуа М. Ауэзова. Эпоха раннего мусульманства в отражении тюркских источников (на примере Диван Лугат ат-Турк Махмуда ал-Кашгари) ( Zifa alua M. Awizova.  Türkiy menbelerdiki Deslepki Musulmanliq  bayanliri . Maxmut Qeshqerining << türkiy tillar diwani >> asasida.«Уйгуроведение в Казахстане: традиция и новация». Под. ред. А. Камалова. Алматы, изд-во «Наш мир», 2006, С. 46-55

[14]  «تۈركىي تىللار دىۋانى»، ئۈرۈمچى، 1984 -يىل، 3 -توم .ئۇيغۇرچە نەشرى. 232 -بەت

[15] Махмуд ал-Кашгари Диван Лугат ат-Турк / З-А. М. Ауэзова. — Алма-Ата: Дайк-Пресс, 2005.( رۇسچە تەرجىمىسى.  982 -بەت) ; R. Каримова.   «Диван Лугат ат-Тюрк» Махмуда Кашгари как источник по истории и культуре Центральной Азии. ر.كەرىموۋا. ماخمۇت قەشقەرىنىڭ « دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نىڭ مەركىزىي ئاسىيا  تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە مەنبەلىك رولى توغرىسىدا.   Материалы международной конференции«Вклад Махмуда Кашгари в мировое культурное наследие», посвященная 1000-летнему юбилею М. Кашгари». Алматы.2014. Мир. с .23-24

[16] « تۈركىي تىللار دىۋان» ئۈرۈمچى، 1981 -يىل، 1 -توم .ئۇيغۇرچە نەشرى. 474 -بەت.

[17] А. Камалов. Махмуд кашгари об Уйгурском Турфанском княжестве  ( A.Kamalov.   <<maxmut qeshqeriy turpan Uyghur xanliqi heqqide>>). Материалы международной конференции«Вклад Махмуда Кашгари в мировое культурное наследие», посвященная 1000-летнему юбилею М. Кашгари». Алматы.2014. Мир.  S,27. R. Каримова.   «Диван Лугат ат-Тюрк» Махмуда Кашгари как источник по истории и культуре Центральной Азии.  Материалы международной конференции«Вклад Махмуда Кашгари в мировое культурное наследие», посвященная 1000-летнему юбилею М. Кашгари». Алматы.2014. Мир.  С.24

[18] ئىبراھىم مۇتىئىي ۋە مىرسۇلتان ئوسمانوف: «ماخمۇت قەشقەرىنىڭ يۇرتى، ھاياتى ۋە قەبرىسى» .تارىم، س-سان. ئۈرۈمچى. 1984

[19] James Milward. Eurasian Crossroads.  A Xinjiang History. P.54

[20] ليۇ زىشاۋ. ئۇيغۇر تارىخى . بېيجىڭ.1988. 1 -توم. 285 -بەت.

Wei Liangtao. Halahan Wangchao Shigao( ۋېي لياڭتاۋ. قاراخانىيلار سۇلالىسى تارىخى ئوچېركى)  ئۈرۈمچى.1986. 327 -بەت.   Lin Gan.Tujue Shi ( لىنگەن .   تۈرك تارىخى).  خۇخخوت.1989 -يىلى، 200 -بەت .ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى. 2002 -يىلى، 424 -بەت.   Zhang Yingliang. Zhongguo Minzushi (  جياڭ يىڭلياڭ. جۇڭگو مىللەتلەر تارىخى). بېيجىڭ.1990 -يىلى،466-467 -بەتلەر

[21] Golden, Peter. B. (1990), “The Karakhanids and Early Islam”, in Sinor, Denis (ed.), The Cambridge History of Early Inner Asia, Cambridge University Press, p.355-357

[22] Golden, Peter, B. 1990. P.355-356

[23] ئا.ن.بېرنشتام.  «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەر تارىخىنىڭ قىسسەلىرى» 1951 -يىلى، قازاق ئېلى نەشرىياتى. ئالمۇتا. 203 -بەت.

,E.A. Davidovich. The Karahanids.  Source for Karakhanid History,  p.126.

[24]. ئىمىن تۇرسۇن، «قۇتاتقۇ بىلىگنىڭ تىلى». «بۇلاق» ژۇرنىلى. مىرسۇلتان ئوسمان، خەمىت تۆمۈر ۋە ئامىنە غاپپار. «<قۇتاتقۇ بىلىك>تە ئىپادىلەنگەن ئەدەبىي تىل توغرىسىدا»، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى . س:2-3 -بەتلەر. 1995

[25]. س.موللاۋۇدوف، د.رەيھانوف،ئۇيغۇر  ئەدەبىياتى، 9، مەكتەپ نەشرىياتى، ئالمۇتا. 2005، 51 -بەت

[26] شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى. ئۈرۈمچى، 1995 -يىلى، 396 -بەت

[27] ماھىنۇر قاسىم. ئەخمەت ئەپەندىنى ئەسلەيمەن. مىللەتلەر نەشىرياتى. بېيجىڭ . 2014 -يىلى،  2 -كىتاب.1205-1206 -بەتلەر.


ئەسەر مەنبەسى: ئىزدىنىش ژۇرنىلى 2019-يىللىق 3/4-سان

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top