You Are Here: Home » داڭلىق كىشىلەر » گەندىنىڭ سەمىمىيەتى

گەندىنىڭ سەمىمىيەتى

پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت

تولۇق نامى موھانداس كارامچاند گەندى. ھىندىلار ئۇنىڭغا «ماھاتما»، «باپۇ» دەيدۇ. «ماھاتما» ئۇلۇغ روھ، «باپۇ» ئاتا دېگەن مەنىدە. يەنى گەندى ھىندىستاننىڭ روھى ۋە ئاتىسىدۇر.

مەن ئۇنىڭ سەمىمىيەتىگە ھەيران. ئۇ كۈرەشنى ئاۋۋال ئۆزىدىن باشلىغان. ئالدى بىلەن ئىچىدىكى شەيتاننى، قورقاقلىقنى ۋە ئىشەنچىسىزلىكنى يېڭىشكە تىرىشقان. تەڭرىنىڭ ھەقىقەت، ھەقىقەتنىڭ تەڭرى ئىكەنلىكىگە، تەڭرى ۋە ھەقىقەتنىڭ مۇتلەق غەلبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. بۇ ئىشەنچىنى تىكلىگەندىن كېيىن قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەشكە ئاتلانغان ۋە بۇ يولدا تۆلەشكە تېگىشلىك ھەر تۈرلۈك بەدەلنى تۆلىگەن. نۆۋىتى كەلگەندە ھاجەتخانا تازلىغان، پەيىتى كەلگەندە يىپ ئىگىرىپ رەخت توقۇغان، ۋاقتى كەلگەندە تۈرمىلەردە ياتقان، زۆرۈر بولغاندا ئاچلىق ئېلان قىلغان. ھاياتى بويىچە گۆش يەپ باقمىغان، پەقەت مىۋەلا يېگەن.

ئەسلىدە ئۇمۇ ئەركىن دۇنيادا، مەدەنىي ياۋرۇپادا راھەت ياشاش پۇرسىتى ۋە ئىمكانىغا ئىگە ئىدى. لېكىن گەندى مىللەتنىڭ قۇتۇلۇشىنى شەخسىي قۇتۇلۇشتىن ئەلا كۆرگەن.

1887-1891- يىللاردا لوندوندا قانۇن ئوقۇغان گەندى 1893-يىلى خىزمەت بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىغا ماڭغاندا پويىزدا 1-دەرىجىلىك ئورۇن بىلەتى بولۇشىغا قارىماي ھىندىستانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئولتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ ۋە تۇنجى قېتىم ئېغىر ئىرقىي كەمسىتىشكە ئۇچرايدۇ. مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئافرىقا ۋە ئاسىيالىقلارغا تۇتقان ئىرقچى ۋە ئايرىمچى پوزىتسىيە ۋە مۇئامىلىىسى ئۇنىڭ ئويغىنىشىغا سەۋەپچى بولىدۇ. ئۇ جەنۇبىي ئافرىقىدا ئالدى بىلەن «ھىندىلارنىڭ كۆز قارىشى» ناملىق بىر گېزىت چىقىرىدۇ، 1894-يىلى ناتال ھىندى قۇرۇلتىيىنى قۇرۇپ ئاسىيالىق ئىشچىلارنى بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەتراپىغا توپلايدۇ ۋە مۇستەملىكىچى ھۆكۈمەتنىڭ ئايرىمچىلىق سىياسەتلىرىگە بويسۇنماسلىققا چاقىرىدۇ. ھۆكۈمەت قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى قامايدىغان يەر تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن ئاخىرى گەندى بىلەن كېلىشىشكە مەجبۇر بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن گەندى تۇنجى غەلبىگە ئېرىشىدۇ. ئۇ جەنۇبىي ئافرىقىدا يەتتە يىل بويىچە مۇستەملىكىچى ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەڭسىز، ئادالەتسىز، ئىرقچى ۋە ئايرىمچى سىياسەت ۋە مۇئامىلىسىگە قارشى ئىشچىلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ كۈرەش قىلىدۇ ۋە مەلۇم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. كۈرەشتە زوراۋانلىق ئۇسۇلىنى قەتئىي رەت قىلىدۇ.

گەندى ئافرىقىدىن ھىندىستانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ ھىندىلارنى تەشكىللەپ مۇستەملىكىچى ھۆكۈمەتكە قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ جەرياندا نۇرغۇن قېتىم قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان بولسىمۇ، يۈز مىڭلىغان ھىندىلارنىڭ تۈرمە ۋە سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نامايىشلىرى نەتىجىسىدە قويۇپ بېرىلىدۇ. گەندى ھىندى خەلقىنى پاسسىپ تىركىشىشكە، ئىنگىلىزلار بىلەن ئىش بىرلىكى ۋە ھەمكارلىق قىلماسلىققا چاقىرىدۇ. ئىنگىلىز ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ئەڭ قاتتىق زەربە 1930-يىلى گەندى تەشكىللىگەن مەشھۇر «تۇز روھى يۈرۈشى» بولىدۇ. چۈنكى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ھىندىستاندا تۇز ئىشلەپچىقىرىشنى چەكلەپ تۇز سودىسىنى مونوپول قىلىۋالغان ۋە بۇنىڭدىن كۆپ ئىقتىسادىي پايدا ئالغان. 400 كىلومىتىر مۇساپىلىق تۇز يۈرۈشى نامايىشى نەتىجىسدە ئەنگىلىيىنىڭ ھىندىستاندىن كېلىدىغان ئىقتىسادىي كىرىمى ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدۇ. ھىندىستاندا تۇز ئىشلەپچىقىرىش ئىنگىلىز قانۇنلىرىغا خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن گەندى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ، لېكىن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلار نەتىجىسىدە يەنە قويۇپ بېرىلىدۇ. گەندى بۇنىڭغا قارشى تۇز يۈرۈشىنى تەشكىللەپ ھىندىلارنى تۇزنى دېڭىزدىن چىقىرىشقا، ئەنگىلىيەدىن تۇز ئالماسلىققا چاقىرىدۇ. گەندى بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي ھىندىلارنى يىپ ئىگىرىپ رەخت توقۇشقا، رەختنى ئەنگىلىيەدىن ئالماسلىققا تەشۋىق قىلىدۇ. ئۆزى باش بولۇپ يىپ ئىگىرىپ رەخت توقۇيدۇ. بۇ چاقىرىق ۋە تەشەببۇسلارغا يۈز مىڭلىغان ھىندى ئاكتىپ ئاۋاز قوشىدۇ. چۈنكى ھىندى خەلقى گەندىگە ۋە ئۇنىڭ سەمىمىيەتىگە، ئىرادىسىگە، يولىغا، مەقسەت ۋە نىشانىغا  چەكسىز ئىشەنگەن.

گەندىنىڭ پۈتۈن پائالىيەتلىرىگە يول كۆرسەتكەن نەرسە «ساتياگراھا»دىن ئىبارەت پەلسەپىۋى ئۇقۇم بولغان. ساتياگراھا «ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش»، «ھەقىقەتكە ساداقەت بولۇش»، «روھ كۈچى» ۋە «سۆيگۈ كۈچى» دېگەن مەنىلەرگە كېلىدۇ. گەندى قۇرال كۈچى ئىشلىتىشنى ئىزچىل رەت قىلغان. گەندىنىڭ كۈرەش ئۇسۇلى كېيىنكى ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق جەڭچىلىرىگە ئىلھام ۋە ئۆرنەك بولغان.

گەندى مىللىي كۈرەشتە «ئاممىۋى ئىتائەتىسزلىك» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇسۇلدىنمۇ ئۆنۈملۈك پايدىلانغان. ئاممىۋى ئىتائەتسىزلىك  قانۇنلارنى ۋە ھۆكۈمەت سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشنى نىشان قىلىدىغان، جامائەتچىلىك ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان، زوراۋانلىققا تايانمايدىغان، ۋىجدانىي، لېكىن ھاكىمىيەت تەرىپىدىن قانۇنلۇق دەپ قارالمىغان سىياسىي پائالىيەتتۇر. دۆلەتنىڭ مەخپى ھۆججەتلىرىنى ئاشىكارىلاش، ئولتۇرۇۋېلىش، ئىش تاشلاش، ئىمزا توپلاش، ئاچلىق ئېلان قىلىش ۋە يوللارنى توسۇۋېلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئاممىۋى ئىتائەتسىزلىك ئۇقۇمى دائىرىسىگە كىرىدۇ.

گەندى تاللىۋالغان كۈرەش يولى گەرچە بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن مۇۋاپىق بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ سەمىمىيەتى، غەلبە ۋە مۇستەقىللىققە بولغان قەتئىي ئىشەنچىسى بىز ئۈچۈن بىر ئۆرنەك ۋە مودېل بولالايدۇ. بۈگۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەڭ جىددىي ئېھتىياج بولۇۋاتقان نەرسە ئۈمىد ۋە قەتئىي ئىشەنچتۇر. جەمئىيەتىمىزدە دۈشمەن  چوڭ، دۈشمەن كۈچلۈك، بىز ئاز، بىز ئاجىز دەپ ئۈمىدىنى يوقىتىپ قويغان، ئارىسالدى بولۇپ تۇرغان، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمايۋاتقان، تاپقان ناننى يەپ خاتىرجەم تېنچ ئولتۇراي دەۋاتقان كىشىلەر يوق ئەمەس. شۇنىمۇ ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، ھەر قانداق دۈشمەننىڭ چوقۇم بىر ئاجىز نوقتىسى بولىدۇ. داستان ۋە چۆچەكلىرىمىزدە قەھرىمان يىگىتلەر يېڭىلمەس دەپ قارالغان غايەت چوڭ دىۋە ۋە ئەجدەرھالارنى ئەڭ ئاجىز نوقتىلىرىنى تېپىپ زەربە بېرىش ئارقىلىق يېڭىدۇ. شۇڭا ئۈمىتسىزلەنمەي چارە تەدبىر تېپىشقا تىرىشىش لازىم. ئەگەر قىلغان ئىشىڭىزنىڭ ھەق ۋە ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ئىشەنسىڭىز ھەق ۋە ھەقىقەتنىڭ چوقۇم غەلبە قىلىدىغانلىقىغىمۇ ئىشىنىشىڭىز كېرەك. گەندى مانا مۇشۇنداق ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن غەلبە قىلالىغان.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top