• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ۋۇ جۇڭشىننىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بۆلۈش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەسى

ۋۇ جۇڭشىننىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بۆلۈش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەسى

ۋۇ جۇڭشىن (ئوڭدا) ۋە جىياڭ جېشى، 1945-يىلى، چۇڭچىڭ

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: شەرقىي تۈركىستان زىمىنىنى تۆت ئۆلكىگە بۆلۈپ باشقۇرۇش ھەققىدىكى مەزكۇر لايىھە ئەينى چاغدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئۆلكىسى رەئىسى ۋۇ جۇڭشىن تەرىپىدىن 1945-يىلى 15-ئاۋغۇست كۈنى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جىياڭ جېشىغا دوكلات شەكلىدە يوللانغان. بۇ چاغ دەل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسى گومىنداڭ قىسىملىرى بىلەن ماناس دەرياسى بويىدا تىركىشىپ تۇرغان مەزگىلگە توغرا كېلەتتى. مەزكۇر لايىھە پۈتۈنلەي خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك مەنپەئەتى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتى ۋە ھوقۇقلىرى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىنغان. جاللات شىڭ شىسەينىڭ ئورنىغا «مۆتىدىل» باشقۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن ۋۇ جۇڭشىننىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇنداق بىر تەكلىپنى سۇنۇشى، ئۇنىڭ قارا نىيىتىنى ئاشكارىلاپ، «بىر شىڭ شىسەي كەتتى، ئەمما ئىككى شىڭ شىسەي كەلدى» دېگەن سۆزنىڭ نەقەدەر توغرىلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. مەزكۇر لايىھەدە نەقىل كەلتۈرۈلگىنىدەك، شەرقىي تۈركىستاننى بۆلۈۋېتىش چىڭ ھاكىمىيىتى ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلىپ ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئۆلكىسىنى تەسىس قىلغان مەزگىلدىلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، گومىنداڭ ھاكىمىيىتىمۇ بۇ «ئۇدۇم»نى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشقان. خىتاي كومۇنىستلىرىمۇ ئۈشبۇ مۇددىئاسىنى 1955-يىلى ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلۇش ئالدىدىكى ھوقۇق تەقسىماتى ۋە ئاپتونۇم ئوبلاستلارنى تەسىس قىلىش جەريانىدا قىسمەن ئاشكارە قىلغان بولسا، يېقىندىن بۇيان «ئىككىنچى ئەۋلاد مىللىي سىياسەت»، «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى بىكار قىلىش» ۋە «شىنجاڭنى ئىككى ئۆلكە قىلىپ ئايرىش» قاتارلىق ناملار بىلەن غەيرىي رەسمىي قاناللار ئارقىلىق ئوچۇق شەپە بېرىدىغان ھالغا كەلدى. مەزكۇر لايىھەدىكى «ئەگەر ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن شەرت شارائىت پىشىپ يېتىلسە، نوپۇس ۋە ئىقتىساد مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەس ئەمەس» دېگەن قۇرلار ئىختىيارسىز ھالدا ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى ئەسكە سالىدۇ. گومىنداڭ بۇ لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويغان تۇنجى خىتاي ھاكىمىيىتى ئەمەس ئىدى ۋە ئاخىرقىسىمۇ بولۇپ چىقمىدى. 

مەزكۇر ھۈججەت ئەسلى مەخپىي بولۇپ، 2005-يىلى 18-سېنتەبىر كۈنى مەخپىيەتلىكى قالدۇرۇلغان.


شىنجاڭنى قۇرۇش ھەققىدە پىكىر ۋە تەكلىپ

شىنجاڭ ئۆلكىسى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ دالدىسى بولۇپ، غەربىي شىمالدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. پەقەتلا قولدا مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئايرىلىپ تۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن. بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى سۈرۈشتۈرگىنىمىزدە، ئىككى نۇقتىغا يىغىنچاقلىشىمىز مۇمكىن:

بىرىنچى، شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ يەر مەيدانى جەھەتتىن چوڭ بولۇپ، مەملىكەتتىكى بارلىق ئۆلكىلەرنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. يەنى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ تۆت ھەسسىسىگە، جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ 16 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ھازىرقى ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇندىن باشقا يەنە ئىچكى جەھەتتىن مىللەت تەركىبىنىڭ مۇرەككەپ بولۇشى، تاشقى جەھەتتىن خوشنا مەملىكەتلەر بىلەن چېگرالىنىشى، بىر ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىمكانلىرىنىڭ چەكلىك بولۇشى سەۋەبىدىن قىيىن ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ۋە كۆرۈنۈشتىكى ئەمىنلىكنى ساقلاش ھېچ ئاسانغا چۈشمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئۆلكىنى ئاكتىپ ھالدا ئىدارە قىلىش ۋە قۇرۇشتىن سۆز ئېچىش تېخى مۇمكىن ئەمەس بولۇپ، ھازىرچە قۇربىمىز يەتمەيدۇ.

ئىككىنچى، شىنجاڭ ئۆلكىسى مەملىكەت مەركىزىدىن يىراققا جايلاشقان، قاتناش يوللىرى قالاق بولۇپ، ئىچكىرىدىن پەقەت خېشى كورىدورى ئارقىلىق شىڭشىڭشىيا (ئارا يۇلتۇز) دىن ئۆتىدىغان بىرلا لېنىيە ئارقىلىق بارغىلى بولىدۇ. لېكىن، بۇ لېنىيەنىڭ بولۇپمۇ قۇمۇل ۋە ئەنشىدىن تارتىپ جيۇۋچۈەنگىچە بولغان 650 كىلومېتىرچە كېلىدىغان بۆلىكى قۇملۇق ۋە تاشلىق دالا بولۇپ، يېرى كەڭ بولسىمۇ مۇنبەت ئەمەس، قاقاسلىق ھەممە جاينى قاپلىغان ۋە ئاھالىسى ناھايىتى شالاڭ. مانا بۇ جاي جۇغراپىيەلىك نۇقتىدىن ئېيتقاندا تەبىئىي توسۇقنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بۇ خۇددى ئادەمنىڭ كېكىردىكى بوغۇلۇپ، نەپىسى يېتىشمىگەنلىكىگە ئوخشاشلا بىر ۋەزىيەت. شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ سەددىچىننىڭ سىرتىدىكى يېگانە بىر ئۆلكە بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىمۇ دەل شۇنىڭدا.

يۇقىرىدا ئېيتىلغانلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىل ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

  1. ئۆلكە دائىرىسىنى كىچىكلىتىش
  2. بوغۇز رايونلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش.

بۇلاردىن بىرىنچىسىنى بىزدىن ئاۋۋالقىلارمۇ كۆپ قېتىم كۆرسىتىپ، تەھلىل قىلىپ ئۆتكەن. زو زۇڭتاڭ ئۆلكە قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان چاغدا بۇ جاينى ئىككى ئۆلكە قىلىپ قۇرۇپ، ھەر بىرىگە بىردىن سەييارە سىلاۋچى(巡撫)ۋە بىردىن ۋالىي (總督) تەيىنلەشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇلاردىن بىرى ئۈرۈمچى (ھازىرقى دىخۇا)، يەنە بىرى بولسا ئاقسۇنى ئىدارە قىلاتتى. ھەتتا چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بەزى كىشىلەر (دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەجرىبىلەرنى نەقىل ئېلىپ ۋە خەرىتىلەر بىلەن كۆرسىتىپ) خۇنەن ۋە خۇبېي، شەندۇڭ ۋە شەنشى مىسالىغا تەقلىد قىلىپ شىنجاڭنى ئىككى ئۆلكىگە بۆلۈپ، تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىنى شەنبېي(شىمالىي تەڭرىتاغ) ئۆلكىسى، تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى قىسىمىنى شەننەن (جەنۇبىي تەڭرىتاغ) ئۆلكىسى قىلىش، ھەربىر ئۆلكىگە بىردىن سەييارە سىلاۋچى تەيىنلەش، ئۇلاردىن بىرى ئۈرۈمچىنى، يەنە بىرى بولسا ئاقسۇنى باشقۇرۇش، شۇنداقلا ھەربىر ئۆلكىگە بىردىن ۋالىي تەسىس قىلىپ ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە بۇ خىلدىكى تەكلىپلەر چۈشۈپ، تالاش-تارتىشلار بولۇپ تۇرغان. بۇلاردىن كېيىنكىسى گەرچە تېخى يېڭىلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، مۇھىملىقى جەھەتتىن ئالدىنقىسىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. بوغۇز رايونلارنىڭ جاپانى يېڭىپ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى مۇھىملىق جەھەتتىن چىن سۇلالىسى مەزگىلىدە سېلىنغان سەددىچىن سېپىلىدىن ۋە خەن سۇلالىسى مەزگىلىدە (كورىيە يېرىم ئارىلىدا) تۆت ئايماقنىڭ تەسىس قىلىنىشىدىن قېلىشمايدۇ. ھازىرچە بۇ ناھايىتى مۈشكۈل ۋە جاپالىق بولسىمۇ، مىللىي مەۋجۇتلۇقنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن زۆرۈردۇر. شۇڭا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە بىخەتەرلىك ئۈچۈن چوقۇم ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بۈگۈنكى ۋەزىيەتنى نەزەرگە ئالغاندىمۇ بۇ پىكىر يەنىلا توغرا. شۇنىڭ ئۈچۈن، چىن ۋە خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكىدەك قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىش روھى بىلەن قاقاس جايلارنى ئېچىش، چېگرا رايونلارنى قۇرۇپ چىقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

ئەنشى، يۈمىنگۇۋەن ۋە دۈنخۇاڭ قاتارلىقلار شەكىللەندۈرگەن بىر بەلباغ شىمالدا مازوڭشەن تېغى ئارقىلىق تاشقى موڭغۇلىيەگە، جەنۇبتا چىلىيەنشەن تېغى ئارقىلىق چىڭخەيگە تۇتىشىدىغان بولۇپ، كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ ۋە ئىقلىمىمۇ ناھايىتى ئۆزگىرىشچان. بۇ قەدىمدىن بۇيان غەربىي دىيارغا تۇتىشىدىغان مۇھىم بەلباغ بولۇپ، بىز ئۇنى ئىلكىمىزدە تۇتقاندا روناق تاپقان، قولدىن چىقارغاندا بولسا ئىسيانلار كۆتۈرۈلگەن. ئۆتكەنكى ۋەقەلەر ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇكى، ھازىرقى ۋەزىيەتنى ئوڭشىغىلى بولىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا بۇ جايلارنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى ناھايىتى بۈيۈك قىممەتكە ئىگە. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاز تېپىلىدىغان ماي كانى (نېفىتلىك)، يەنى يۈمىنگۇەن، تېخىمۇ ئاۋۋال ئېچىلىش ئۈچۈن پىلانلىنىشى كېرەك.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۆلكە دائىرىسىنى كىچىكلىتىش ۋە بوغۇز رايونلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن قۇرۇلۇش باشلاش ناھايىتى ئاقىلانىلىك. مەن شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ ھازىرقى رايونلىرىغا يەنە گەنسۇنىڭ ئالتىنچى مەمۇرىي رايونى (جيۇۋچۈەن) ۋە نىڭشيانىڭ ئېچىنا ئايمىقىنى قوشۇپ، قايتىدىن بۆلۈپ، جەمئىي تۆت ئۆلكە تەسىس قىلىشنى، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ۋە مەمۇرىي دائىرىسىنى تۆۋەندىكىچە بەلگىلەشنى تەۋسىيە قىلىمەن:

بىرىنچى، شەنبېي (شىمالىي تەڭرىتاغ) ئۆلكىسى: دىخۇادىن باشقۇرۇلىدۇ. ھازىرقى ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي ۋە دىخۇادىن ئىبارەت تۆت چېگرا رايون قوغداش مەمۇرىي مەھكىمەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىككىنچى، شەننەن (جەنۇبىي تەڭرىتاغ) ئۆلكىسى: كۇچادىن باشقۇرۇلىدۇ. ھازىرقى ئاقسۇ ۋە قاراشەھەردىن ئىبارەت ئىككى چېگرا رايون قوغداش مەمۇرىي مەھكىمەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۈچىنچى، كوئېنلۇن (قاراقۇرۇم) ئۆلكىسى: يەكەندىن باشقۇرۇلىدۇ. ھازىرقى كاشىغەر، يەكەن، خوتەن قاتارلىق ئۈچ چېگرا رايون قوغداش مەمۇرىي مەھكىمەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تۆتىنچى، ئەنشى ئۆلكىسى: ئەنشىدىن باشقۇرۇلىدۇ. ھازىرقى قۇمۇل ۋە جيۇۋچۈەن قاتارلىق ئىككى چېگرا رايون قوغداش مەمۇرىي مەھكىمەسى ۋە ئېچىنا ئايمىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قوشۇمچە:

بىرىنچى، شەنبېي ئۆلكىسىگە قاراشلىق جايلار بىرقەدەر چوڭ، لېكىن ھازىرقى ھالەتتە ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاي قاتارلىق ئۈچ رايوننىڭ ھېچقايسىسىنى دىخۇادىن ئايرىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، كېيىنچە شارائىت يار بەرگەن چاغدا يەنە بىر ئۆلكىنى قوشۇش مۇمكىن.

ئىككىنچى، دىخۇا شىمالىي شىنجاڭدىكى مۇھىم شەھەر بولۇپ، قولدىن چىقىرىشقا بولمايدۇ. ئەنشىنىڭ ئورنىنىڭ مۇھىملىقىمۇ خۇددى يۇقىرىدا بايان قىلىنغانغا ئوخشاش. كۇچار قەدىمقى كۈسەن دۆلىتى قۇرۇلغان جاي بولۇپ، شىمالى تەڭرىتاغلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبىدا بولسا چوڭ دەريانى تىزگىنلەپ تۇرىدۇ، غەربى كاشىغەر بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقى بولسا قاراشەھەرنى مۇداپىئە قىلىدۇ. تارىختىن بېرى قوغدىنىش قورغىنى دەپ نامى بار. خەن دەۋرىدە بەنچاۋ ۋە تاڭ دەۋرىدە ئەنشى باش قورۇقچىبەگى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ جايغا ئورۇنلاشقان. يەكەن، يەنى ياركەنت شەرقىي شىمالىدا ئاقسۇغا تۇتىشىدۇ، غەربىي شىمالدا كاشىغەر بىلەن ئۇلىنىدۇ، شەرقىدە خوتەننى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، شەرقىي جەنۇبىدا كوئېنلۇن (قاراقۇرۇم) تېغى ئارقىلىق ئافغانىستان ۋە ھىندىستان بىلەن چېگرالىنىدۇ. قەدىمدىن بېرى غەربتىكى بىزگە قارام مەملىكەتلەرگە تۇتىشىدىغان مۇھىم بىر يول ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا يۇقارىقى ئىككى جاينى شەننەن ۋە كوئېنلۇن ئۆلكىلىرىنىڭ مەركىزى قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، قۇمۇل ۋە بارىكۆل قاتارلىق جايلار چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە شىنجاڭدا ئۆلكە قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن گەنسۇ ئۆلكىسىگە تەۋە ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن جيۇۋچۈەن ۋە ئېچىنا ئايمىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ بىر ئۆلكە قىلىشقا بولىدۇ.

تۆتىنچى، نىڭشىيانىڭ ئېچىنا ئايمىقى ئەنشى ئۆلكىسىگە بۆلۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، سۈييۈەن ئۆلكىسىنىڭ ئېتوكى ئايمىقى نىڭشىيا ئۆلكىسىگە بۆلۈپ بېرىلسە بولىدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلار پەقەت بۇ لاھىيەنىڭ بىر مۇقىم رامكاسى بولۇپ، ئۆلكىلەرنىڭ چېگراسىنىڭ قانداق بەلگىلىنىشى، ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەرنىڭ قانداق تەڭشىلىشى ۋە كۆپەيتىلىشى پىرىنسىپلار بېكىتىلگەندىن كېيىن مەخسۇس خادىم ئەۋەتىلىپ، تەپسىلىي پىلانلاش ۋە ۋاقت قەرالىنى مۇۋاپىق بېكىتىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ۋە ئىجرا قىلىنىدۇ. يەنە شۇنى ئېيتىش كېرەككى، بۇ خىل قۇرۇلۇش لايىھەلىرى سىياسىي ۋە ھەربىي قۇرۇلۇشى ۋە مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ۋە شۇ بويىچە قارار چىقىرىلىدۇ. ئەگەر نوپۇس ۋە ئىقتىسادىي شارائىتلار يار بەرمىسە بۇ خىل لايىھەلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشى تولىمۇ تەسكە توختايدۇ. لېكىن ئەگەر سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىكى ئاساس مۇستەھكەم بولسا، نوپۇس ۋە ئىقتىساد قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى پەيدىنپەي ھەل قىلىش تەس ئەمەس.

ھەربىي جەھەتتىن قارايدىغان بولساق، گەنسۇ، نىڭشىيا، چىڭخەي ۋە شىنجاڭ قاتارلىق تۆت ئۆلكەنىڭ ۋەزىيىتى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە. دۆلەت مۇداپىئەسى جەھەتتىن تەبىئىي ھالدا بىر تۇتاش رايون بولۇپ، بۇلارغا بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىش كېرەك، ھەرگىزمۇ ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ. بۇ تۆت ئۆلكىنى (ئەگەر شىنجاڭ ئۆلكىسىنى بۆلۈش ئەمەلگە ئاشسا يەتتە ئۆلكىنى) بىر ھەربىي رايون قىلىپ، جىيۇۋچۈەندە ئەڭ ئالىي قوماندانلىق شىتابىنى قۇرۇش، بىر قەدەر يۇقىرى ھەربىي ھوقۇق بېرىش، شۇ ئارقىلىق سىياسىي جەھەتتىكى ھوقۇققا بولغان تەلەپنى تىزگىنلەش ۋە ماسلىشىش كېرەك.

پېقىر يۇقىرىدىكىدە يۈزەكى چۈشەنچىلىرىمنى ئۆزلىرىگە سۇندۇم، مۇناسىپ جايلىرى بارمىكىن؟

ھۆرمەت بىلەن

گومىنداڭ ھۆكۈمىتى رەئىسى جياڭ (جېشى) جانابلىرىغا

شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسى ۋۇ جوڭشىن

مىنگونىڭ 34-يىلى (1945-يىلى) 15-ئاۋغۇست

مەنبە: تەيۋەن دۆلەتلىك ئارخىپ سارىيى


ئەسلى ھۈججەت ھازىرمۇ تەيۋەن دۆلەتلىك ئارخىپ سارىيىدا ساقلانماقتا:

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top