You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » ئۇيغۇر چالغۇلىرى

ئۇيغۇر چالغۇلىرى

كامانچە

ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەڭ ئىپتىدائىي ئۇيغۇر چالغۇسى بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدا ئىشلەتكەن ئوقياغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان چەكمە چالغۇدۇر.

مىلادىيەنىڭ ئالدى – كەينىدە كامانچىنىڭ تارى (يىپى) بىر تالدىن كۆپ تاللىققا كۆپەيتىلىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇلۇش ئارقىلىق <غۇنقا> دەپمۇ ئاتالغان.

كامانچە بارلىق چەكمە چالغۇلارنىڭ ئەجدادى بولۇپ، بۇنىڭدىن بىر قانچە مىڭ يىل ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن ھەمدە مىلادىيەدىن ئىلگىرى ۋە مىلادىيەنىڭ ئالدى – كەينىدە خېلى ئۇزاق دەۋرلەرگىچە كەڭ قوللىنىلغان، گەرچە كامانچە توغرۇلۇق يازما ماتېرىياللاردا ئېنىق مەلۇمات كۆپ بولمسىمۇ، ئەمما Ⅲ ئەسىردە سىزىلغان باي ناھىيىسى <قىزىل مىڭئۆي> – لىرىنىڭ 38 – نومۇرلۇق ھۇجرىسىنىڭ تاملىرىدا ئۇنىڭ ئىنتايىن ئېنىق سىزىلغان رەسىمى ۋە سول قولىدا كامانچە تۇتۇپ، ئوڭ قول بارمىقى بىلەن تارنى ئىلىپ ساز چېلىۋاتقان <ئەرش نەغمىسى> سازەندىسىنىڭ ناھايىتى مۇكەممەل رەسىمى ھازىرغىچە ساقلانماقتا. كېيىنكى دەۋلەردە كامانچىنىڭ تارى (يىپى) ئورنىغا ئاتنىڭ قۇيرۇق قىلىنى باغلاپ، ئۇنى تارلىق چالغۇلارغا سۈركەپ ئاۋاز چىقىرىدىغان چالغۇلار (غېجەكنىڭ ئىپتىدائىي نۇسخىلىرى) كەشىپ قىلىنىپ، خېلى بىر مەزگىلگىچە ئۇلارمۇ <كامانچە> دەپ ئاتالغان ۋە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كامانچىلىق چالغۇ تۈرى مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان.

چىلتار

بۇ ئەڭ قەدىمكى ئۇيغۇر چالغۇلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كامانچىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى ۋە غۇنقانىڭ شەكلىدۇر. ئۇ تەخمىنەن 6 ~ 5 تارلىق بولۇپ، ھەجىمى غۇنقادىن كۆپ كىچىك بولغاچقا، ئۆرەغۇن ۋە يانتۇغۇنلاردەك قۇچاقتا ياكى يەرگە قويۇپ چېلىنماستىن، بەلكى سول قولدا تۇتۇپ، ئوڭ قول بىلەن تار ئىلىپ چېلىناتتىكەن.بەزى قەدىمكى زامان رىۋايەتلىرىدە ئۇنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىدۇ.

بورىيا

بۇ نەي ئائىلىسىگە تەۋە يەللىك چالغۇ بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى ئۆز ئارا ئوخشىمايدىغان بىر نەچچە تال قومۇشتىن ئۇزۇن – قىسقىلىق رېتى بويىچە يېرىم ئاي ياكى دۈگىلەك شەكىلدە جۈپلەپ ياسىلىپ، قىيپاش تۇتۇپ پۈۋلەپ چېلىنىدۇ. بۇ خىل چالغۇ ھازىر تۈركىيىدە ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.

يالغۇزەك

بۇ نەي ئائىلىسىگە تەۋە يەللىك چالغۇ بولۇپ، ئادەتتە تومراق قومۇشتىن ياسىلىپ، تۈز تۇتۇپ، بىر ئۇچىدىن پۈۋلەپ چېلىنىدۇ.ئۈستىدە 6 ~ 7 ئاۋاز تۆشۈكى بولىدۇ.

ئىسقىرت

بۇ نەي ئائىلىسىگە تەۋە يەللىك چالغۇ بولۇپ، سۆڭەك، قوينىڭ مۈڭگۈزى ۋە قومۇشتىن ياسىلىپ، پۈۋلەپ چېلىنىدۇ. ئۇ بىر تۆشۈكلۈك ۋە ئۈچ تۆشۈكلۈك ئىسقىرتتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. ئۈچ تۆشۈكلۈك ئىسقىرتنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن يەتتە سانتىمېتىر، بىر تۆشۈكلۈك ئىسقىرتنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن بەش سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. ئۇ ئىككى قولنىڭ باش بارمىقى ۋە كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىككى تەرىپىدىن تۇتۇپ، ئاۋاز تۆشۈكلىرىنى ئېچىپ – يېپىش ئارقىلىق ئوتتۇرىدىكى پۈۋلەش تۆشۈكىدىن پۈۋلەپ چېلىنىدۇ. ئىسقىرت ئادەتتە ئاۋاز دائىرىسى تار ۋە يۇقىرى بولغان مېلودىيىلەرنى چېلىش ھەمدە مۇزىكىلارغا تەبىئەت مەنزىرىلىرى ۋە قۇشلارنىڭ سايراشلىرى قاتارلىق ئاۋاز ئۈنۈملىرىنى قوشۇشتا ئالاھىدە رول ئوينايدۇ.

بالىمان

بۇ تۈز تۇتۇپ، پۈۋلەپ چېلىنىدىغان چالغۇ بولۇپ، پۈۋلەيدىغان ئۇچى ياپىلاقلىنىپ، توغرىسىغا ياغاچ قىستۇرۇلىدۇ. ئۈستىدە كۆپلىگەن تۆشۈكچىلەر بولىدۇ ۋە نەيگە ئوخشاش بارماقلار بىلەن بېسىپ چېلىنىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 28 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاۋاز تۈسى ئوتتۇرا ئاۋازغا مايىلراق بولۇپ، قومۇشنىڭ تىترىشىدىن پەيدا بولىدىغان ئاجايىپ يېقىملىق بىر خىل تۈسكە ئېگە. ئۇ خوتەن رايونىدا ناھايىتى كەڭ تارقالغان. ھازىرقى بالىمان سەككىز تۆشۈكلۈك بولۇپ، بارماق بېسىش قائىدىسى نەي بىلەن ئاساسەن ئوخشاش.

بالىمان ئەڭ قەدىمكى چالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، <قالۇنلار قامۇسى> دا <بىلى >دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدىن باشقا <پىپى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

شىنجاڭدىكى مىڭئۆي رەسىملىرىدە مەيلى خەن، جىن سۇلالىسى ياكى جەنۇبىي ياكى جەنۇبىي – شىمالىي سۇلالىلەردىن تاكى سۈي سۇلالىسىغىچە بولغان دەۋرلەردە بولسۇن، ھەممىسىدە بالىمان ھەققىدە ئېنىق تەسۋىرلەر بار. ئۇنىڭدا تەسۋىرلەنگەن بالىمانلار ئاساسەن يەتتە تۆشۈكلۈك. ئۇنىڭدىن باشقا تۇرپان مىڭئۆيلىرىدە يەنە قوش بالىمان (بىر – بىرىگە چېتىلغان) چېلىۋاتقان سازەندە رەسىمىمۇ ساقلانغان.

چوڭ بالىمان

بۇ نەي ئائىلىسىگە تەۋە يەللىك چالغۇ بولۇپ، ئۇ قومۇشتىن ياسىلىپ، تۈز تۇتۇپ پۈۋلەپ چېلىنىدۇ. بېزەكلىك ۋە قۇمتۇرا مىڭئۆينىڭ 16 – غارىدا يەتتە تۆشۈكلۈك بالىمان چېلىۋاتقان چېچى بۈدۈر، بۇرنى ئېگىز، ئورا كۆز بىر ئۇيغۇرنىڭ رەسىمى ساقلانغان.

كىچىك بالىمان

بۇ نەي ئائىلىسىگە تەۋە يەللىك چالغۇ بولۇپ، ئۇ قومۇشتىن ياسىلىپ، تۈز تۇتۇپ پۈۋلەپ چېلىنىدۇ. ھەجىمى چوڭ بالىماندىن كىچىكرەك ياسىلىدۇ.

قوش بالىمان

بۇ نەي ئائىلىسىگە تەۋە يەللىك چالغۇ بولۇپ، ئۇ ئىككى تال قومۇشتىن جۈپلەپ ياسىلىپ، تۈز تۇتۇپ پۈۋلەپ چېلىنىدۇ. بېزەكلىك مىڭئۆينىڭ 29 – غارىدا بەش تۆشۈكلۈك قوش بالىماننىڭ رەسىمى ساقلانغان.

سىبىزغۇ

بۇ نەي ئائىلىسىگە تەۋە يەللىك چالغۇ بولۇپ، قومۇشتىن ياسىلىپ، يانتۇ تۇتۇپ پۈۋلەپ چېلىنىدۇ.

دۈدۈك

بۇ يەللىك چالغۇ بولۇپ، قۇلۇلە قېپىدىن ياكى ئىچى ئويۇلغان دۈگىلەك ياغاچتىن ياسىلىپ، پۈۋلەپ چېلىنىدۇ.

چۇرا

بۇ 1 – 2 تۆشۈكلۈك پۈۋلەپ چېلىنىدىغان يەللىك چالغۇ بولۇپ، ئادەتتە ساپالدىن ياسىلىدۇ. تاشتىن ئويۇپ ياسىلىدىغانلىرىمۇ بار. چۇرىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا بوشلۇق بولۇپ، ئىچىگە مۇۋاپىق سۇ تولدۇرۇپ تۆشۈكىدىن پۈۋلەپ چېلىنىدۇ ھەمدە خىلمۇ خىل قۇشلارنىڭ سايرىشىغا ئوخشاش ئۈشقىرت ئاۋازلار چىقىرىلىپ تەڭكەش قىلىنىدۇ.

بۇرغا

بۇ يەللىك چالغۇ بولۇپ، كالا، ئۆچكە مۈڭگۈزى ياكى مىستىن ياسىلىپ، تۈز تۇتۇپ پۈۋلەپ چېلىنىدۇ.

سۇرناي

بۇ يەللىك چالغۇ بولۇپ، ياغاچتىن كارناي شەكلىدە ئىچى ئويۇلۇپ ياسىلىدۇ. مىستىن ياسالغانلىرى <مىس بۇرغا > دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۈز تۇتۇپ پۈۋلەپ چېلىنىدۇ.

قوۋرۇق

بۇ شەكلى ۋە چېلىنىشى ئېنىق ئەمەس.

(ئۆرەغۇن) تىك غۇنقا

بۇ غۇنقا ئائىلىسىگە تەۋە كۆپ تارلىق چەكمە چالغۇ بولۇپ، قۇچاقتا تىك قويۇپ، ئىككى قول بارماقلىرى بىلەن تارا ئىلىپ چېلىنىدۇ. ياۋروپادا <ئارپا> دەپ ئاتىلىدۇ. قىزىل مىڭئۆينىڭ 80 – غارىدا، قۇمتۇرا مىڭئۆينىڭ 58 – غارىدا ۋە قىزىل قاغا مىڭئۆينىڭ 23 – غارىدا بەدىنىگە رەڭدار شەلپەر ئوراپ ئۆرەغۇن چېلىۋاتقان يېرىم يالىڭاچ خانەندىنىڭ رەسىمى ساقلانغان.

(يانتۇغۇن ) يانتۇ غۇنقا

بۇ غۇنقا ئائىلىسىگە تەۋە كۆپ تارلىق چەكمە چالغۇ بولۇپ، يەرگە يانتۇ ياتقۇزۇلۇپ، قول بارماقلىرى تارا ئىلىپ ۋە سىيرىپ چېلىنىدۇ. دەسلەپتە 4 – 5 تارلىق بولۇپ، كېيىنچە 8 – 10 تارغا كۆپەيگەن. رايونىمىزدىكى مىڭئۆي تاشكېمىرلىرىدە رەسىمى بار.

(ئەنقاغۇن) سۇمۇرۇغ باشلىق غۇنقا

بۇ غۇنقا ئائىلىسىگە تەۋە ئەگمە شەكىلدىكى كۆپ تارلىق چەكمە چالغۇ بولۇپ، دەستىسىنىڭ ئۈستىگە ئەنقاقۇش (سۇمۇرۇغ) نىڭ باش شەكلى ياغاچتىن ئويۇپ بېكىتىلگەن. ئۇ قىيپاش تۇتۇپ چېلىنىدۇ. قىزىل مىڭئۆينىڭ 38 – غارىدا ۋە بېرەكلىكنىڭ 54 – غارىدا 10 تارلىق ئەنقاغۇننىڭ رەسىمى بار.

باربىت

بۇ كۆپ تارلىق چەكمە چالغۇ بولۇپ، يانتۇغۇننىڭ كېيىنكى ئەۋلادى. ئۇنى يەرگە ياكى ئۈستەلگە ياتقۇزۇپ، بارماقلار بىلەن تارا ئىلىپ چېلىنىدۇ. قۇمتۇرا مىڭئۆينىڭ 63 – غارىدا رەسىمى ساقلانغان.

رىباب

بۇ كۆپ تارلىق چەكمە چالغۇ بولۇپ، قۇچاقتا يانتۇ قويۇپ، بارماقلار بىلەن تار چېكىپ چېلىنىدۇ. قۇمتۇرا مىڭئۆينىڭ 68 – غارىدا رەسىمى ساقلانغان.

ئۈچتار

بۇ ئۈچ تارلىق چەكمە چالغۇ بولۇپ، بېشى كىچىك دۈگىلەك، دەستىسى ئۇزۇنراق، يانتۇ تۇتۇپ ئوڭ قول بارماقلىرى بىلەن تار چېكىپ، سول قولدا پەدە بېسىپ چېلىنىدۇ. قىزىل مىڭئۆينىڭ 77 – غارىدا رەسىمى ساقلانغان.

بەشتار

بۇ بەش تارلىق، كىچىك سوزۇنچاق چەكمە چالغۇ بولۇپ، يانتۇ تۇتۇپ، ئوڭ قول بارماقلىرى بىلەن تار چېكىپ، سول قولدا پەدە بېسىپ چېلىنىدۇ. قىزىل مىڭئۆي ۋە قۇمتۇرا مىڭئۆيلىرىنىڭ كۆپ سانلىقىدا ئۇنىڭ رەسىمى ساقلانغان.

راباب

بۇ تۆت تارلىق چەكمە چالغۇ بولۇپ، بېشى چوڭ، دۈگىلەك، ياپىلاقراق، دەستىسى ئىنچىكە، ئۇزۇن ياسىلىدۇ ھەمدە يانتۇ تۇتۇپ، ئوڭ قول بارماقلىرى ياكى زەخمەك بىلەن تار چېكىپ، سول قولدا پەدە بېسىپ چېلىنىدۇ. قىزىل مىڭئۆينىڭ 83 – غارىدا ئۈچ دانە تۈز دەستىلىك، بىر دانە ئەگرى دەستىلىك رابابنىڭ رەسىمى بار.

قوبۇز

بۇ كامانچىلىق چالغۇ بولۇپ، بېشى دۈگىلەك، يۈزلىكىگە تېرە كېرىلىدۇ. ھون تۈرك قوبۇزلىرى ھەققىدە جۇڭگو يىلنامىلىرىدە خاتىرىلەر بار. ھونگېرلارمۇ <كوبوز> دەپ ئاتايدۇ. ۋەن لىكوك 1905 – يىلى تۇرپاندىكى يارغۇلدىن قەدىمكى زاماندىكى قوبۇز چېلىۋاتقان ئوغۇل بالىنىڭ رەسىمىنى تاپقان.

قۇمۇق غىرجىكى

بۇ ئىككى تارلىق كامانچىلىق چالغۇ بولۇپ، ئىككى تارى ئارىسىغا قومۇش تارىشا قىستۇرۇپ، ئوڭ قولدا تارغا سۈركەپ، سول قولدا پەدە بېسىپ چېلىنىدۇ.

تاقىلداق

بۇ سوقما چالغۇ بولۇپ، ئىككى تال، بەزىدە 5 – 6 تال قىسقىراق كەلگەن ياپىلاق تاختايچىنىڭ بېشىنى بىر – بىرىگە يىپ ئۆتكۈزۈپ باغلاش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. قول بارماقلىرى ئارىسىغا قىستۇرۇلۇپ، ئاستى تەرىپىنى ئۆز ئارا سوقۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇدار ۋە رىتىملارغا تەڭكەش قىلىنىدۇ. بېزەكلىك مىڭئۆينىڭ 16 – غارى ۋە قۇمتۇرا مىڭئۆينىڭ 68 – غارىدا رەسىمى ساقلانغان.

كولدۇرما

بۇ سوقما چالغۇ بولۇپ، ساپ بېكىتىلگەن كىچىككىنە دۇمباقنىڭ ئىككى تەرىپىگە مونچاق ئېسىلىپ، قول بىلەن ئۇياق – بۇياققا ئايلاندۇرۇپ، سوقۇشتۇرۇپ چېلىنىدۇ.

بۇ ئەڭ قەدىمكى سوقما چالغۇ بولۇپ، ياپونىيىلىكلەر بېزەكلىك مىڭئۆيدىن ئېلىپ كەتكەن تام رەسىمىدە بۇرنى ئېگىز، ئورا كۆز، بومبا ساقال بىر ئۇيغۇر ئاقساقىلىنىڭ ئوڭ قولىدا كولدۇرما چېلىۋاتقان شەكلى جانلىق تەسۋىرلەنگەن.

جىڭراتقۇ

بۇ سوقما چالغۇ بولۇپ، ئۇ مىس ياكى تۇچتىن ياسىلىدۇ، <قوڭغۇراق> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كىچىك بولقا ئۇرۇپ چېلىنىدۇ.

چوڭ دۇمباق

بۇ سوقما چالغۇ بولۇپ، كەڭ سىلىندىرسىمان ياغاچ تۇڭنىڭ ئىككى تەرىپىگە تېرە كېرىلىپ ياسىلىدۇ ۋە يەرگە قويۇپ ئىككى قول ياكى توقماق تاياق بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدۇ. بېزەكلىك مىڭئۆينىڭ 16 – غارىدا رەسىمى ساقلانغان.

دارا دۇمباق

بۇ سوقما چالغۇ بولۇپ، ئىككى تەرىپىگە تېرە كېرىلىپ يۈزى كەڭ، بويى قىسقا ياسىلىدۇ. بويۇنغا ئېسىپ، قول بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدۇ. قۇمتۇرا مىڭئۆينىڭ 68 – غارىدا رەسىمى ساقلانغان.

مۇيان دۇمبىقى

بۇ سوقما چالغۇ بولۇپ، بىر تەرىپىگە تېرە كېرىلىپ، يۈزى سەل كەڭ، بويى ئوزۇنراق ياسىلىدۇ ۋە مۈرىگە ئېسىپ، ئىككى قول بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدۇ.

تۇتان ناغرىسى

بۇ سوقما چالغۇ بولۇپ، بىر تەرىپىگە تېرە كېرىلىپ، يۈزى سەل كىچىكرەك، بويى ئۇزۇنراق ياسىلىدۇ ھەمدە چوكا تاياق بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدۇ.

تەبىلۋاز

بۇ سوقما چالغۇ بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ بىر تەرىپى چوڭ، يەنە بىر تەرىپى كىچىك ياسىلىپ، چوڭ تەرىپىگە تېرە كېرىلىدۇ. بەزىلىرىنىڭ ئىككىلا تەرىپى چوڭ، ئوتتۇرىسى ئىنچىكرەك ياسىلىپ، ئىككى تەرىپىگە تېرە كېرىلىدۇ ھەمدە چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، پۇتنىڭ ئۈستىگە يانتۇ قويۇپ ئىككى تەرىپىدىن قول بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدۇ. قۇمتۇرا مىڭئۆينىڭ 68 – غارىدا رەسمى ساقلانغان.

كېش ناغرىسى

بۇ سوقما چالغۇ بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ بىر تەرىپى چوڭ، بىر تەرىپى كىچىك، بويى قىسقا ياسىلىپ، چوڭ يۈزىگە تېرە كېرىلىدۇ ۋە يەرگە قويۇپ ئىككى تال چوكا تاياق بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدۇ. بەزىلىرىنىڭ ئىككىلا تەرىپى چوڭراق، بويى قىسقا ياسىلىپ، ئىككىلا تەرىپىگە تېرە كېرىلىدۇ ھەمدە ياغاچ يانتۇ قويۇلۇپ، ئىككى تال چوكا تاياق ئۇرۇپ چېلىنىدۇ.

تەكشى دۇمباق

بۇ سوقما چالغۇ بولۇپ، شەكلى ۋە چېلىنىشى ئېنىق ئەمەس.

يان دۇمباق

بۇ سوقما چالغۇ بولۇپ، ئۇنىڭ بىر تەرىپى چوڭ، يەنە بىر تەرىپى كىچىك ياسىلىدۇ ۋە چوڭ تەرىپىگە تېرە كېرىلىدۇ. يان تەرەپكە ئېسىپ، قول بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدۇ.

چىلناغرا

بۇ سوقما چالغۇ بولۇپ، تەرىپى كىچىك، ئوتتۇرىسى چوڭراق، سوقىچاق ياسىلىدۇ ۋە ئىككى تەرىپىگە تېرە كېرىلىپ، يان تەرەپ سول پۇت تېقىمىنىڭ ئۈستىگە قىستۇرۇلۇپ، بىر قولىدا چوكا تاياق بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدۇ.

تاش قوڭغۇراق

بۇ سوقما چالغۇ بولۇپ، ئۇ تاشتىن ياسلىدۇ، بولقا بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدۇ.

دۈمداپ

بۇ سوقما چالغۇ بولۇپ، مىس ياكى تۇچتىن، دۈگىلەك گىرۋەكلىك پەتنۇس شەكلىدە ياسىلىدۇ ھەمدە بىر چېتىدىن يىپ ئۆتكۈزۈپ، ياغاچ جازىغا ئېسىپ قويۇپ ياكى سول قولدا كۆتۈرۈپ، ئوڭ قولدا ياغاچ توقماق بىلەن ئوتتۇرىسىغا ئۇرۇپ چېلىنىدۇ.

كومزەك

بۇ سوقما چالغۇ بولۇپ، <ساپال قاچا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۆپلىگەن ساپال تاۋاقلارغا بىر – بىرىدىن مەلۇم دەرىجىدە پەرقلىق ھالدائۆلچەملىك قىلىپ سۇ توشتۇرۇلۇپ، چوكا بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدۇ.

ئىكەمە

بۇ كامانچىلىق چالغۇ بولۇپ، شەكلى ۋە چېلىنىشى ئېنىق ئەمەس

ئۇد

بۇ <تەۋارىخى مۇسىيقىيۇن> دا خاتىرىلەنگەن ئوتتۇرا ئەسىرلەردە تارالغان 5 – 6 تارلىق چەكمە چالغۇ بولۇپ، ئۇنىڭ بېشى دۇتارغا ئوخشاش چوڭراق، ياغاچ تالالىرىدىن چاپلىنىپ ياسىلىدۇ. دەستىسى قىسقا، يۈزلىكىگە تاختاي قويۇلۇپ گېتارغا ئوخشاش چوڭ، دۈگىلەك ئاۋاز تۆشۈكى ئېچىلغان. ھازىر تۈركىيىدە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىۋاتىدۇ.

نەي

بۇ نەي ئائىلىسىگە تەۋە يەللىك چالغۇ بولۇپ، قەدىمكى زامانلاردا سۆڭەكتىن ياسالغان (ئىككى – ئۈچ تۆشۈكلۈك). كېيىنچە قومۇشتىن ياسىلىدىغان بولدى، يانتۇ تۇتۇپ پۈۋلەپ چېلىنىدۇ. بۇ ئۈستىدە 7 ~ 8 ئاۋاز تۆشۈكى بولىدۇ.

بۇرغا

بۇ يەللىك چالغۇ بولۇپ، كالا، ئۆچكە مۈڭگۈزى ياكى مىستىن ياسىلىپ، تۈز تۇتۇپ پۈۋلەپ چېلىنىدۇ.

سۇرناي

بۇ يەللىك چالغۇ بولۇپ، ياغاچتىن كارناي شەكلىدە ئىچى ئويۇلۇپ ياسىلىدۇ. مىستىن ياسالغانلىرى <مىس بۇرغا > دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۈز تۇتۇپ پۈۋلەپ چېلىنىدۇ.

كارناي

بۇ بۇرغا ۋە سۇرنايلارغا ئاساسەن ئۆزگەرتىلىپ ياسالغان چالغۇ بولۇپ، <بەش خۇ> ئۇيغۇرلىرىنىڭ قەدىمكى بۇرغىسىنىڭ ئەۋلادىدۇر. ئۇ ئاۋازى بوم، ھەشەمەتلىك، ھەيۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن <نەرە> دەپمۇ ئاتالغان. كارناينىڭ شەكلى سۇرنايغا ئۇخشىشىپراق كەلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن كۆپ ئۇزۇن، ھەجىمىمۇ چوڭ ياسىلىدۇ. ئۇ دەسلەپتە ياغاچتىن، كېيىن مىستىن ياسالغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 5.1 – 2 مېتىرغىچە بولىدۇ. بەزىلىرىنىڭ 3 – 4 مېتىرغا يېتىدۇ.

كارناي بۇرغىغا ئوخشاش پۈۋلەپ چېلىنىدىغان چالغۇ بولۇپ، ئاۋازى بوم، ھەيۋەتلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلكى ياكى بوم – ئىنچىكلىكى تامامەن ئۇنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقى ۋە ھەجىمىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. كارناي چوڭ تىپتىكى كارناي بېشى ۋە ئۈچ تال مىس تۇرۇبىنىڭ ئۇلىنىشى ئارقىلىق ياسىلىدۇ. كارناينىڭ ئاۋاز تۆشۈكى بولمىغاچقا، پەقەت بىر نەچچە تەبئىي ئاھاڭنىلا چېلىشقا بولىدۇ.

كارناي دەسلەپتە <چوڭ بۇرغا> دەپمۇ ئاتالغان. ئۇ موڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى جەريانىدا ئەرەب ئەللىرىگە كەڭ تارقالغان. پەقەت مىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندىلا، ئاندىن كارناي دەپ ئاتالغان.

قوۋۇز

بۇ يەللىك چالغۇ بولۇپ، ئېغىز بىلەن پۈۋلەپ، بارماق بىلەن چېكىپ چېلىنىدۇ. ئادەتتە تۆمۈر، قوۋۇز، قومۇش ۋە يىپ قوۋۇز قاتارلىق ئۈچ خىل شەكلى بار.

بەرباب

بۇ 4 – 5 تارلىق، كەڭ يۈزلۈك چەكمە چالغۇ بولۇپ، تىك تۇتۇپ (قەدىمكى زاماندا يانتۇ تۇتۇلغان)، ئوڭ قول بارماقلىرى بىلەن تار چېكىپ، سول قولدا پەدە بېسىپ چېلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەگرى ساپلىق (تۆت تارلىق) ۋە بەش تارلىق ئىككى خىل نۇسخىسى بار. قىزىل قاغا، قۇمتۇرا، بېزەكلىك قاتارلىق مىڭئۆيلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇنىڭ ئېنىق سىزىلغان رەسىمى بار.

راۋاب

راۋاب ئۇيغۇر چالغۇلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقان ۋە مىللىتىمىزنىڭ بىردىنبىر ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە چالغۇسىدۇر. ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ناھايىتى چاققان، ئىشلىتىشكە ئەپلىك بولغاچقا، خەلقىمىز مەيلى سەھنىدە بولسۇن ياكى ئىش – ئەمگەك، سەپەرلەردە بولسۇن، ئۇنى ئېلىپ يۈرۈپ، خالىغان چاغدا چېلىپ كۆڭۈل ئاچالايدۇ. راۋاب چالغاندا، راۋابنىڭ بېشى ئوڭ قول بېلىكىمىز بىلەن ئوڭ مۈرە ئالدىدىكى قولتۇققا تىرەپ، يانتۇ كۆتۈرۈلۈپ چېلىنىدۇ. چېلىش ئۇسۇلى قۇلاي بولغانلىقتىن، مەشرەپلەردە ئولتۇرۇپ ياكى سەپەرلەردە يول يۈرۈپمۇ چېلىشقا بولۇۋېرىدۇ.

ئۇيغۇر راۋابىنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، ئۇلار <قەشقەر راۋابى>، <دولان راۋابى>، <قومۇل راۋابى>، <چاپلىما راۋاب>، <باس راۋاب> ۋە قەدىمىيرەك بولغان <قويچى راۋابى> قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ.

راۋاب قۇلاق ئورنى، دەستىسى ۋە راۋاب بېشى (ئەكىس سادا قاپىقى) دىن ئىبارەت ئۈچۈقىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. بېشىنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى تەرىپىگە يەرلىك ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلغان بىر جۈپ قوچقار مۈڭگۈزىنىڭ شەكلى ئورنىتىلغان بولۇپ، راۋاب ھۆسنىگە كۆركەم زىننەت بىر جۈپ قوچقار مۈڭگۈزىنىڭ شەكلى ئورنىتىلغان بولۇپ، راۋاب ھۆسنىگە كۆركەم زىننەت بېغىشلاپ تۇرىدۇ. بۇرۇن راۋابنىڭ يۈزىگە ئات ياكى ئېشەك تېرىسى كېرىلەتتى. ھازىر يۇقىرى سۈپەتلىك راۋابلارغا ئاساسەن يىلان تېرىسى ئىشلىتىلىدىغان بولدى. راۋاب كۆپرەك ياڭاق، ئۆرۈك ۋە چىنار ياغاچلىرىدىن ياسىلىدۇ. قەدىمكى راۋابلارغا قوي – ئۆچكە ئۈچىيىدىن تار ئېشىلىپ سېلىناتتى. ھازىر ھەممىسىگە ئاساسەن پولات سىم ئىشلىتىلىدۇ.

قەشقەر راۋابى

قەشقەر راۋابىنىڭ دەستىسىگە كىرىچتىن ياكى سۇلياۋ يىپتىن 20 نەچچە پەدە باغلىنىدۇ. بېشى دۈگىلەك يېرىم شار شەكلىدە ياغاچتىن ئويۇلۇپ، يۈزىگە يىلان تېرىسى كېرىلىپ ياسىلىدۇ. شۇڭىلاشقا، <ئويما راۋاب> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يۈزلىكىنىڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن 13 سانتىمېتىر، ئادەتتە 6 – 7 تال سىم تار سېلىنىدۇ ھەمدە بىرلا ئالدىنقى تارى ئاساسىي مېلودىيە ئورۇنداش ئۈچۈن، قالغانلىرى قوشۇمچە ئاككورد ياكى سادا قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئاۋازى ياڭراق، جۇشقۇن بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 90 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ.

قەشقەر راۋابىنىڭ سىرتقى ياغاچ يۈزىگە سۆڭەك ياكى سۇلياۋدىن خىلمۇ خىل گۈزەل مىللىيچە نەقىشلەر قويۇلۇپ، ئالاھىدە ئىشلىنىدۇ. بۇ خىل راۋاب قەشقەر رايونىدا كۆپرەك قوللىنىلغاچقا، <قەشقەر راۋابى > دەپ ئاتالغان.

دولان راۋابى

بۇئەڭ قەدىمكى راۋابلارنىڭ بىرى بولۇپ، دەستىسى بەربابقا ئوخشاش كەڭ ياسىلىدۇ. دولان راۋابىنىڭ دەستىسىگە ئادەتتە پەدە باغلانمايدۇ. بۇ ئۇنى ناھايىتى ئەپچىل سىيرىپ چېلىش، بەزى ئالاھىدە مىللىي پۇراقلارنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ياخشى شەرت – شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن. دولان راۋابىنىڭ يۈزلۈكىنىڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن 20 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى 90 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. كۆپىنچىسىگە 15 – 19 غىچە تار سېلىنىدۇ. بۇنىڭدىكى ئۈچ تال تارى ئاساسىي تار بولۇپ، باشقىلىرى قوشۇمچە ئەكىس سادا قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. قىسقا ئىككى مۈڭگۈزى باش قىسىمىدىن سەل يوقىرىراق ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئۇسلۇبتا نەقىش قويۇلغان. دولان راۋابى ئۈجمە ۋە ئۆرۈك ياغىچىدىن ياسىلىپ يۈزلۈكىگە ئات، ئېشەك تېرىسى كېرىلىدۇ. بۇرۇنقى نۇسخىلىرىغا ئۈچەي تار سېلىناتتى. ھازىر ئاساسەن پولات سىم سېلىنىدىغان بولدى. ئۇنىڭ باش قىسمى ياپىلاقراق، كەڭ كەلگەچكە، ئادەتتە قۇچاققا يانتۇ قويۇپ چېلىنىدۇ. بۇ خىل راۋاب ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەكىت، مارالبېشى، ئاۋات ناھىيىسى قاتارلىق دولان رايونلىرىغا كەڭ تارقالغاچقا <دولان راۋابى> دەپ ئاتالغان.

قۇمۇل راۋابى

قۇمۇل راۋابىمۇ قەدىمكى راۋابلارنىڭ بىرى بولۇپ، ياسىلىش شەكلى چوڭ جەھەتتە دولان راۋابىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بىراق، قۇرۇلمىسىدا مەلۇم پەرقلەر بار.

قۇمۇل راۋابى راۋاب بېشى، پەدە قويۇلغان كەڭرەك ئۇزۇن دەستىسى، پەدە قويۇلمايدىغان تارراق قسىقا دەستىسى ۋە قۇلاق ئورنى قاتارلىق تۆت قىسىمدىن ياسىلىدۇ. قۇلاق ئورنى ئۈچ بۈرجەك شەكلىدە بولۇپ، ئالتە دانە قۇلاق بېكىتىلگەن. راۋاب دەستىسىنىڭ يۇقىرىقى قىسىمى دولان راۋابىغا ئوخشاش ياسىلىپ پەدە قويۇلمايدۇ. تۆۋەنكى قسىمى كەڭرەك بولۇپ، مىستىن 14 دانە پەدەو قويۇلىدۇ.

قۇمۇل راۋابى كۆپىنچە ئۈجمە ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. راۋاب بېشى (ئەكىس سادا قاپقى) ياغاچتىن ئىچى ئويۇلۇپ، سوقىچاق ۋە ياپىلاقراق ھەمدە سەل چوڭراق ياسىلىدۇ. سوقىچاق بېشىنىڭ كەڭ دىئامېتىرى 23 سانتىمېتىر، تار دىئامېتىرى 20 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. پەدە قويۇلمىغان دەستىسى 15 سانتىمېتىر، پەدە قويۇلغىنى 28 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 85 سانتىمېتىر.

قۇمۇل راۋابىنىڭ يۈزلىكىگە بۇرۇن ئات، ئېشەك تېرىسى كېرىلەتتى ھەم ئۈچەيدىن تار ئېشىپ سېلىناتتى. ھازىر ئومۇمەن يىلان تېرىسى كېرىلىپ، پولات سىم سېلىنىدىغان بولدى. ئۇنىڭ 13 تال تارى بولۇپ، ئالدىنقى ئالتە تال تارى ئاساسلىق چېلىنىدىغان تار، قالغانلىرى ئەكس سادا قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. قۇچاقتا يانتۇ قويۇلۇپ، سول قولدا پەدە بېسىپ (كۆپىنچە بىرىنچى قول ئورنىدا)، ئوڭ قولدا زەخمەك بىلەن تار چېكىپ چېلىنىدۇ.

قۇمۇل راۋابىنىڭ خىلمۇ خىل مىللىي پاسوندىكى نەقىشلەر ئويۇلىدۇ. بەزىلىرىگە ھەتتا ئۈنچە – ياقۇتلار قويۇلۇپ نەپىس ياسىلىدۇ. بۇ خىل راۋاب شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇمۇل ۋىلايىتى تەۋەسىدە كۆپرەك قوللىنىلغاچقا <قۇمۇل راۋابى> دەپ ئاتالغان.

قويچى راۋابى بىر قەدەر ئىپتىدائىي بولغان قەدىمكى راۋاب بولۇپ، شەكلى ئاساسىي جەھەتتىن قەشقەر راۋابىغا ئوخشىشىپراق كېتىدۇ. بىراق، ياسىلىشى ئاددىي، راۋاب بېشى سەل چوڭ، دەستىسىمۇ ئۇزۇنراق كېلىدۇ. 10 نەچچە پەدە باغلىنىدۇ. يۈزلىكىگە ئات، ئېشەك تېرىسى كېرىلىپ ئۈچ تال ئۈچەي تار سېلىنىدۇ. چېلىش ئۇسۇلىمۇ ئاساسەن قەشقەر راۋابى بىلەن ئوخشاش.

قويچى راۋابى

قويچى راۋابىنىڭ ياسىلىشى ئاددىي بولغاچقا، ئۇيغۇر ئەمگەكچى خەلقىنىڭ ئېتىز – ئېرىق، تاغ – ئېدىرلاردا بىر تەرەپتىن مال بېقىپ، بىر تەرەپتىن كۆڭۈل ئېچىشقا ئىنتايىن ماس كەلگەن. شۇڭىلاشقا، كىشىلەر ئۇنى <قويچى راۋابى> دەپ ئاتاشقان. بۇ خىل راۋاب خوتەن دىيارىنىڭ چەت – ياقىلىرىدا ھېلىمۇ ئىشلىتىلىپ كېلىنىۋاتىدۇ.

چاپلىما راۋاب

بۇ ئۈجمە ۋە ئۈرۈك ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. بۇ خىل راۋاب ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرى سابىق ئۈرۈمچى مىللىي چالغۇ ئەسۋابلار زاۋۇتى تەرىپىدىن قەشقەر راۋابىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ، ئىسلاھ قىلىنىپ ياسالغان يېڭى نۇسخىدىن ئىبارەتتۇر.

بۇ خىل راۋابنىڭ بېشى دۇتارغا ئوخشاش ياغاچ تالالىرىدىن يېرىم شار شەكلىدە چاپلىنىپ ياسىلىپ، يۈزىگە يىلان تېرىسى كېرىلىپ، دەستىسىگە پۈتۈنلەي مېتالدىن پەدە قويۇلىدۇ. باش (ئاساسلىق) پەدىلەر ئارىلىقى ئەنئەنىۋى راۋابلاردەك بوش قالدۇرۇلماستىن، 12 تەكشى ئاھاڭلار تىزىلمىسى قائىدىسى بويىچە باشتىن – ئاياغ تولۇق پەدە بېكىتىلگەن بولىدۇ.

بۇ خىل راۋابنىڭمۇ سىرتقى ياغاچ يۈزىگە سۆڭەك ۋە سۇلياۋدىن گۈللۈك نەقىشلەر قويۇلۇپ ياسىلىدۇ. ئۇنىڭغا جەمئىي بەش تال سىم سېلىنىدۇ. بۇ خىل راۋابنىڭ ئاۋازى جاراڭلىق، مۇڭلۇق بولۇپ، سىرتقى شەكلى ۋە ھەجىمى قەشقەر راۋابىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. چېلىش ئۇسۇلىمۇ قەشقەر راۋابى بىلەن ئوخشاش.

باس راۋاب

بۇ تۆۋەن ئاۋازلىق راۋاب دەپمۇ ئاتىلىدۇ. <باس > دېگەن سۆز نېمىسچە دەپ يېزىلىپ، <تۆۋەن>، <تۆۋەن ئاۋازلىق> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىل راۋابنىڭ سىرتقى شەكلى ۋە تۈزۈلۈشى ئومۇمەن چاپلىما راۋاب بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. بىراق، ھەجمى چوڭراق بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 1 مېتىردىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭغا جەمئىي ئۈچ تال بوم تار (ئېشىلگەن پولات سىم) سېلىنىدۇ. بۇ خىل راۋاب ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئوركېستىرىدا مۇھىم بولغان تۆۋەن ئاۋازلىق چالغۇ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە باش قىسمى ئوڭ پۇت تېقىمىنىڭ ئۈستىگە قويۇلۇپ، يانتۇ تۇتۇلۇپ چېلىنىدۇ.

ئۇمۇمەن، راۋاب (بۇرۇن <راباب> ۋە <رەباب> دەپمۇ ئاتالغان) بەربابنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى بولۇپ، <تەۋارىخى مۇسيقىيۇن> دا < 16 – ئەسىردە ياشىغان ياركەنتلىك مۇزىكا ئۇستازى قېدىرخان ياسىغان> دېيىلگەن.

تەمبۈر

بۇ قەدىمكى مۇزىكا ئوركېستىرىدىكى بەش تارلىق بەربابتىن تەدرىجىي ئۆزگىرىپ مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، دۇنخۋاڭ مىڭئۆي تاشكېمىرلىرىدىكى رەسىملەرگە ئاساسەن ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن باشلاپ (سۈي، تاڭ دەۋرلىرىدە) قىسقا ساپلىق شەكىلدىن تەدرىجىي ئاساستا ئۇزىرىپ، ئۇزۇن ساپلىق ھالىتىگە كەلگەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

تەمبۈر ئۇزۇن دەستىلىك چالغۇ بولۇپ، تەخمىنەن 140 سانتىمېتىر كېلىدۇ. بېشى نەشپۈت شەكلىدە سوزۇنچاقراق، ياغاچتىن ئويۇلۇپ ياكى ياغاچ تالالىرىدىن چاپلىنىپ ياسىلىدۇ. يۈزلۈكى ۋە دەستىسى ئادەتتە كۆپرەك ئۈجمە ياغىچىدىن ياسىلىپ، 30 غا يېقىن پەدە قويۇلىدۇ ھەمدە سىم تار سېلىنىپ، بارماق ئۇچىغا سىم ناخۇل بېكىتىلىپ چېكىپ چېلىنىدۇ. باش قىسمى ئوڭ پۇت تېقىمى ئۈستىگە قويۇلۇپ، دەستىسى سەل تىكرەك تۇتۇلىدۇ.

تەمبۈرنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، دەستىسى ئۇزۇن بولغانلىقتىن تارسىمۇ ئۇزۇن بولۇپ، ئاۋازى ئاجايىپ مۇڭلۇق، ئەكىس سادالىق ۋە يۇقىرى تەسىرچانلىققا ئىگە.

تەمبۈرنىڭ دەستىسى، بېشى قاتارلىق ئورۇنلارغا سۆڭەك ۋە سۇلياۋدىن گۈللۈك نەقىشلەر قويۇلىدۇ. ئۇ كۆپىنچە مۇقام ۋە مەشرەپلەدە يالغۇز ياكى باشقا چالغۇلار بىلەن بىللە ئورۇندىلىدۇ، بولۇپمۇ مۇقام سىستېمىسىدا ئۇنىڭ تۇتقان ئورنى ساتار بىلەن ئوخشاش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. تەمبۈر ئىلى ۋە ئاقسۇ رايونلىرىدا كۆپرەك تارالغان.

تەمبۈر بەش تارلىق بولۇپ، ئالدى تەرەپتىكى بىر جۈپ تارى مەخسۇس مېلودىيە ئورۇنداش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. تەمبۈرنىڭ ئاۋازى يۇمشاق، مۇڭلۇق، سادالىق بولۇپ، يۇقىرى تەسىرچانلىققا ئىگىدۇر.

پەنجىتار <>بۇ باش قىسمى ئاساسەن تەمبۈرگە ئوخشاش ياسىلىپ، بېشىنىڭ ئىككى تەرىپىگە راۋابنىڭ مۈڭگۈزىدىن ئۆزگىچە ھالدا ياپىلاقراق، كۆركەم، قۇلاقسىمان ئويما نەقىش بېكىتىلىدۇ. پەدىلىرىمۇ ئاساسەن تەمبۈرگە ئوخشاش بولۇپ، بەش دانە سىم تار سېلىنىدۇ، ئەمما، دەستىسى قىسقا، تەخمىنەن 1 مېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. باش قىسمى ۋە دەستىلىرىگە تەمبۈر – راۋابلارغا ئوخشاش سۆڭەك، رەڭلىك سۇلياۋدىن خىلمۇ خىل كۆركەم نەقىشلەر قويۇلۇپ ياسىلىدۇ. چېلىش ئۇسۇلى تەمبۈرگە ئوخشاش، بىراق ناخۇل ئىشلەتمەي زەخمەك بىلەن چېلىنىدۇ. ئوڭ پۇت تېقىمىنىڭ ئۈستىگە قويۇلۇپ، دەستىسى سەل تىكېرەك تۇتۇلىدۇ. تارلىرىنى تەڭشەش ئۇسۇلىمۇ ئاساسەن تەمبۈر ۋە چاپلىما راۋاب قاتارلىقلارغا ئوخشاش. ئاۋاز تۈسى تەمبۈردىن يۇقىرى، ياڭراق، چاپلىما راۋابتىن جاراڭلىق، مۇڭلۇق كېلىدۇ. شۇڭلاشقا، بەزىلەر پەنجىتارنى يۇقىرى ئاۋازلىق تەمبۈر دەپمۇ ئاتىشىدۇ.

پەنجىتار

بۇ باش قىسمى ئاساسەن تەمبۈرگە ئوخشاش ياسىلىپ، بېشىنىڭ ئىككى تەرىپىگە راۋابنىڭ مۈڭگۈزىدىن ئۆزگىچە ھالدا ياپىلاقراق، كۆركەم، قۇلاقسىمان ئويما نەقىش بېكىتىلىدۇ. پەدىلىرىمۇ ئاساسەن تەمبۈرگە ئوخشاش بولۇپ، بەش دانە سىم تار سېلىنىدۇ، ئەمما، دەستىسى قىسقا، تەخمىنەن 1 مېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. باش قىسمى ۋە دەستىلىرىگە تەمبۈر – راۋابلارغا ئوخشاش سۆڭەك، رەڭلىك سۇلياۋدىن خىلمۇ خىل كۆركەم نەقىشلەر قويۇلۇپ ياسىلىدۇ. چېلىش ئۇسۇلى تەمبۈرگە ئوخشاش، بىراق ناخۇل ئىشلەتمەي زەخمەك بىلەن چېلىنىدۇ. ئوڭ پۇت تېقىمىنىڭ ئۈستىگە قويۇلۇپ، دەستىسى سەل تىكېرەك تۇتۇلىدۇ. تارلىرىنى تەڭشەش ئۇسۇلىمۇ ئاساسەن تەمبۈر ۋە چاپلىما راۋاب قاتارلىقلارغا ئوخشاش. ئاۋاز تۈسى تەمبۈردىن يۇقىرى، ياڭراق، چاپلىما راۋابتىن جاراڭلىق، مۇڭلۇق كېلىدۇ. شۇڭلاشقا، بەزىلەر پەنجىتارنى يۇقىرى ئاۋازلىق تەمبۈر دەپمۇ ئاتىشىدۇ

دۇتار

بۇ ئۇزۇن دەستىلىك چالغۇ بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 130 سانتىمېتىر، بېشى يوغان نەشپۈت شەكلىدە، كۆپرەك ئۈجمە ياغىچىنىڭ تالالىرىدىن چاپلىنىپ ياسىلىدۇ. يۈزلۈكى تەمبۈرگە ئوخشاش نېپىز ئۈجمە ياغىچىنىڭ تاختىسىدىن ياسىلىدۇ. دەستىسىگە كىرىچتىن 15 دانە پەدە باغلىنىدۇ. ئىككى تال ئۈچەي ياكى يىپەكتىن ئىشلىگەن (ئالدى زىل، كەينى بوم) تار سېلىنىپ، باش قىسمى ئوڭ پۇت تېقىمى ئۈستىگە قويۇلۇپ، يانتۇ تۇتۇلۇپ، قول بارماقلىرى بىلەن بىۋاستە چېكىپ – سوقۇپ چېلىنىدۇ. ئاۋازى مۇڭلۇق، ئۆزى چېلىپ ئۆزى ناخشىا ئېيتىشقا قۇلايلىق. شۇڭلاشقا، كۆپىنچە تەمبۈر قاتارلىق چالغۇلار بىلەن بىللە ياكى يالغۇز ئورۇندىلىدۇ. دۇتار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشىدا ئەڭ كەڭ ئۇمۇملاشقان چالغۇ بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىۋى تۇرمۇش شارائىتىدا خەلقىمىزنىڭ مۇزىكىلىق ھېسسىياتىنى تەربىيلەش ۋە يېتىلدۈرۈشىدە رولى ئىنتايىن زور. دۇتارنىڭ دەستىسى، بېشى قاتارلىق ئورۇنلارغا سۆڭەك ۋە سۇلياۋدىن تۈرلۈك مىللىيچە نەقىشلەر قويۇلۇپ نەپىس ياسىلىدۇ. تارلىرى <چوڭ ساز> <كىچىك ساز> دىن ئىبارەت ئىككى خىل تەڭشىلىدۇ.

قالۇن

بۇ ئادەتتە ئۈجمە ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. ئەكىس سادا ساندۇقى پەلەمپەي شەكلىدە بولۇپ، ئالدى تار، كەينى كەڭرەڭ، سول تەرىپى ئەگرى، ئوڭ تەرىپى تۈز بولىدۇ. ئۇ ئاساسەن جازىغا ياكى يەرگە تۈز ياتقۇزۇلۇپ، ئوڭ قولىنىڭ باش، كۆرسەتكۈچ ۋە ئوتتۇرا بارماقلىرى بىلەن تارنى ئىلىپ، سول قولدا باسقۇچ ئارقىلىق تارنى بېسىش ۋە سىيرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق چېلىنىدۇ. قالۇننىڭ ئاۋازى يېقىملىق ۋە تېيىلما ئاھاڭلارغا باي بولۇپ، بىر خىل پەۋقۇلئاددە تەۋرىنىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

قالۇننىڭ 16، 18، 24 ۋە 40 نەچچە تارلىق شەكىللىرى بار بولۇپ، ھەر بىر تارى جۈپ سىم قىلىنىپ بىر تەبىئىي ئاھاڭغا تەڭشىلىدۇ ۋە تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ تەبئىي ئاۋاز باسقۇچلىرى رېتى بويىچە تىزىلغان بولىدۇ.

قالۇن قەدىمكى چالغۇلارنىڭ بولۇپ، خەلقئارادىكى كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار ئۇنى 870 – 509 – يىللىرى ئارىلىقىدا ياشىغان بۈيۈك ئۇيغۇر قارلۇق ئالىمى ۋە مۇزىكىشۇناس <ئەبۇنەسىر مۇھەممەد فارابى ئىجاد قىلغان> دەپ قارايدۇ.

<قالۇن تۈركلەرنىڭ شەرققە كۆچۈشى ۋە ئىسلامىيەتنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئومۇملاشقان. ئۇ ئىسلام – تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ مەھسۇلىدۇر>.

ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مەكىت، مارالبېشى، ئاۋات قاتارلىق ناھىيىلىرىدە قالۇننىڭ ئىپتىدائىي شەكلى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇ دولان مۇقامىنىڭ مۇھىم تەڭكەش قىلغۇچى چالغۇلىرىنىڭ بىرى.

چاڭ

بۇ قەدىمكى چەكمە چالغۇلار تۈرىگە تەۋە بولۇپ، خىلمۇ خىل شەكىلدىكى مۇزىكىلار، بولۇپمۇ شاد – خۇرام ھېسسىياتقا ئىگە ئۇسسۇل مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداشقا ناھايىتى ماس كېلىدىغان چالغۇلارنىڭ بىرى. ئۇ جۈپ قول بىلەن ئىككى تال چۇكا تاياق ئارقىلىق تارغا ئۇرۇپ – سوقۇپ چېلىنىدىغان بىر خىل چالغۇ بولۇپ، بەزىدە ئالاھىدە ھېسسىيات تەلىپىگە بىنائەن سول قول بارماقلىرى تارنى چېكىپ بېسىپ قويۇپ بېرىش ئارقىلىق قالۇنسىمان تېيىلما ئاھاڭ شەكلىدىكى تەۋرىنىش پەيدا قىلىپ، مۇزىكىنىڭ يېقىملىقلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەكىس سادا ساندۇقى قالۇنىغا ئوخشاش كەڭ، ياپىلاق بولۇپ، ئالدى تار، كەينى كەڭرەك، ئىككى تەرىپى ئوخشاش ياسىلىدۇ. ئۇنىڭ قوش پازىلىق (چوڭراق)، يالغۇز پازىلىق (كىچىكرەك) ئىككى خىل نۇسخىسى بار. ئادەتتە ئۈچ ياكى تۆت پولات سىمى بىر گۇرۇپپا قىلىنىپ، بىرلا ئاھاڭغا تەڭشىلىدۇ. چاڭنىڭ دەسلەپتە 2 – 3 گۇرۇپپا ئاۋازلىق شەكىللىرى بولغان. ھازىر يېڭىدىن ئىسلاھ قىلىنغانلىرى تۆت گۇرۇپپىدىن ئاشىدۇ.

چاڭنىڭ تەڭشىلىشى يەتتە ئاھاڭلىق تەبىئىي ئاۋاز باسقۇچلىرى تەرتىپى بويىچە ئۈچ ياكى تۆت قۇر تىزىلغان ھالەتتە بولىدۇ. ئۇ جازىغا ياكى يەرگە تۈز ياتقۇزۇلۇپ، بامبۇكتىن ياسالغان بىر جۈپ چوكا بىلەن چېلىنىدۇ. چوكىنىڭ ئۇچىغا رېزىنكە ياكى كىگىز قويۇلغان بولۇپ، ئاۋازى جاراڭلىق، تولۇق سادالىق بولىدۇ.

دىلتار

بۇ يېقىنقى زامانلاردىن بىرى مەيدانغا كەلگەن قوش ئىقتىدارلىق چالغۇ بولۇپ، ئۇنى شىنجاڭ مۇقام ئامسامبىلىنىڭ چالغۇ ياساش ئۇستىسى ئابدۇللا مەجنۇن 1986 – يىلى ياساپ چىققان.

دىلتار ئۈجمە ۋە ئامۇت ياغاچلىرىدىن ياسىلىدۇ. ئۇ كامانچىلىق ۋە چەكمە چالغۇلارنىڭ ئىقتىدارى بىرلەشتۈرۈلگەن قوش ئىقتىدارغا ئىگە ئۇنىۋېرسال چالغۇ. ئۇنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 551 سانتىمېتىرى، 30 تال سىم تار سېلىنىدۇ. ئۇزۇن دەستىلىك كامانچلىق قىسىمىنىڭ ئاۋازى مۇڭلۇق، سىلىق، ئۇزۇنلۇقى 120 سانتىمېتىرى، 14 تارلىق بولۇپ، بىرلا تارى ئاساسلىق ئورۇندىلىدىغان تار، قالغانلىرى ئەكىس سادا ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ ھەمدە قۇچاقتا تىك قويۇلۇپ كامانچە سىيرىپ چېلىنىدۇ. قىسقا دەستىلىك چەكمە قىسمىنىڭ ئاۋازى ياڭراق، جۇشقۇن، ئۇزۇنلۇقى 85 سانتىمېتىرى، 16 تارلىق بولۇپ، ئىككى جۈپ ئاساسلىق چېلىنىدىغان ۋە ئاھاڭلىرىغا تەڭشىلىدۇ، قالغانلىرى سادا ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ ھەمدە قۇچاقتا يانتۇ قويۇپ زەخمەك بىلەن چېلىنىدۇ.

دىلتارنىڭ بېشى چوڭ ۋە ياپىلاقراق بولۇپ، ئىككىلا چالغۇ دەستىسى ئۈچۈن ئۇنىۋېرسال ئەكىس سادا قايتۇرۇش رولى بويىچە لايىھىلەنگەن. ئۇ پۈتۈن ياغاچتىن ئىچى ئويۇلۇپ ياسىلىپ، يۈزلۈكىگە نېپىز تاختاي قويۇلىدۇ. باش قىسمى يۈزلۈكىنىڭ ئاستىغا قانات كېرىپ پەرۋاز قىلىۋاتقان بۈركۈتنىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، دىلتارنىڭ ھۆسنىگە ئالاھىدە ھۆسىن قوشقان. بۈركۈتنىڭ قۇيرۇقى چالغۇنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش رولىغا ئىگە.

يۈزلۈكىگە مۇزىكا گىربېنىڭ شەكلى ئويۇپ چىقىرىلغان بولۇپ، ھەر ئىككى دەستىسىنىڭ ئۈستىگە ياغاچتىن ئويۇپ ياسالغان. قۇببە شەكىللىك مۇنار بېشى بېكىتىلىپ مىللىي ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن ھەمدە ئۈستىگە مىللىي پاسوندا نەقىشلەر ئويۇلغان.

دىلتار 1988 – يىلى دۆلەت دەرىجىلىك پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، شۇ يىلى ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن <جۇڭگو قول ھۈنەر – سەنئەت بويۇملىرى كۆرگەزمىسى> گە قويۇلغان ھەمدە توكيۇ، لوندون قاتارلىق چەت ئەل چوڭ شەھەرلىرىدە ئورۇندىلىپ خەلقنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان.

دىلتار بىلەن ئورۇندالغان مۇقاملاردىن ئارىيىلەر مەملىكەت بويىچە 2 – ۋە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

ساتار

بۇ كۆپىنچە ئۆرۈك، ئۈجمە ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 140 سانتىمېتىرى ئۆپچۆرىسىدە بولۇپ، ئۇيغۇر ئوركېستىرى ئىچىدىكى مۇھىم كامانچىلىق چالغۇلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ بىر تال ئاساسلىق چېلىنىدىغان پولات سىمى ۋە 13 تال قوشۇمچە ئەكس سادا قايتۇرغۇچى سىمى بولىدۇ. دەستىسىگە كىرىچتىن 18 دانە پەدە باغلىنىپ (ھازىر ئاساسەن سۇلياۋ قويۇلىدىغان بولدى)، سول پۇت تېقىمى ئۈستىگە تىك قويۇلۇپ، سول قولدا پەدە بېسىپ، ئوڭ قول بىلەن كامانچە سىيرىش ئارقىلىق چېلىنىدۇ.

ساتارنىڭ ئاۋازى سىلىق، مۇڭلۇق بولۇپ، ئۇ مۇقام ئورۇنداشتىكى ئاساسلىق چالغۇدۇر. كۆپىنچە مۇقاملارنىڭ بېشىدىكى مۇقامى ۋە بەزى مۇزىكىلارنىڭ چاچما ئۇدارلىق جايلىرىدا باشلامچىلىق رول ئوينايدۇ.

ساتار تەمبۈر ئاساسىدا يېقىنقى دەۋرلەردە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئۇزۇن دەستىلىك كانامچىلىق چالغۇ. قەدىمكى زاماندا ئىشلىتىلگەن ساتار <پەنجىتار> شەكلىدىكى قىسقا ساپلىق، كامانچىلىق چالغۇ بولۇپ، ئۇ 18 – ئەسىردىن باشلاپ تەدرىجىي ھالدا دەستىسى ئۇزارتىلىپ ھازىرقى ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن.

دولان غىرجىكى

دولان غىرجىكى قەدىمكى غىرجەك ھەر خىل غېجەكلەرنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي شەكلى بولۇپ، ھازىر دولان ۋە قۇمۇل رايونلىرىدا كۆپرەك ساقلىنىپ قالغان. ئۇلار <دولان غىرجىكى> ۋە <قۇمۇل غىرجىكى> دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.

دولان غىرجىكى ئەڭ قەدىمكى غىرجەكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بارلىق غىرجەكلەرنىڭ ئەجدادىدۇر. ئۇنىڭ باش قىسمى (ئاۋاز قاپىقى) ئۈجمە ياغىچىدىن ياپىلاقراق يېرىم شار شەكلىدە ياسىلىدۇ. دېئامېتىرى 16 سانتىمېتىرى (بەزىلىرىنىڭ 41 سانتىمېتىرى ئەتراپىدا)، يۈزلۈكىگە ئۆچكە ۋە يىلان تېرىسى كېرىلىدۇ. تېرە كېرىلگەن يۈزلۈكى سەل تارراق بولىدۇ. ئىككى تال ئاساسلىق ئورۇندىلىدىغان تارى ۋە 10 نەچچە تال ئەكىس سادا تارلىرى بولىدۇ. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 80 سانتىمېتىرى، سول پۇت تېقىمى ئۈستىگە قويۇلۇپ، سول قولدا پەدە بېسىپ، ئوڭ قولدا كامانچە سىيرىش ئۇسۇلى بىلەن چېلىنىدۇ. ئاۋازى گۈزەل، مۇڭلۇق بولىدۇ. بۇ خىل غىرجەك ئاساسەن تارىم دەرياسى بويلىرىدىكى دولان بوستانلىقىلىرىدا كۆپرەك تارقالغانلىقتىن <دولان غىرجىكى> دەپ ئاتالغان.

قەدىمكى غىرجەك بۇرۇنلا مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە كەڭ تارقالغان بولۇپ، خەنزۇچە تارىخنامىلەردە <خۇچىن، ئېرخۇ> دەپ ئاتالغان ھەم چىڭ سۇلالىسىنىڭ تارىخنامىلىرىدىمۇ تۈرك تىلى تەلەپپۇزى بويىچە <غىرجەك> (哈尔扎克) دەپ خاتىرىلەنگەن.

قۇمۇل غىرجىكى

قۇمۇل غىرجىكىمۇ قەدىمكى غىرجەكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن ئۈجمە ۋە توغراق ياغاچلىرىدىن ياسىلىدۇ (بەزىلىرى تۆمۈر ۋە مىستىنمۇ ياسىلىدۇ). غىرجەكنىڭ بېشى (ئاۋاز قاپىقى) كۆپىنچە ئۇزۇنچاق سىلىندىر شەكلىدە ياسىلىدۇ (ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تارقالغان غىرجەكلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تىك ئۆتكۈزۈلۈپ بېكىتىلگەن بولۇپ، يۈزلۈكىگە ئۆچكە ۋە يىلان تېرىسى كېرىلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 90 سانتىمېتىر، يۈزلۈكىنىڭ دېئامېتىرى 12 سانتىمېتىر، سىلىندىرسىمان بېشىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 18 سانتىمېتىر، كامانچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 65 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ).

قۇمۇل غىرجىكى ئىككى تارلىق بولۇپ، بىر قانچىلىغان ئەكىس سادا تارلىرى بولىدۇ، چېلىنىدىغان تارى بىلەن دەستىسىنىڭ ئارىلىقى كەڭرەك ياسىلىدۇ. سول پۇت تېقىمى ئۈستىگە تىك قويۇلۇپ، سول قولدا پەدە بېسىپ، ئوڭ قولدا كامانچە سىيرىش ئارقىلىق چېلىنىدۇ. ئاۋازى مۇڭلۇق ۋە سىلىق بولىدۇ. كامانچىسىنىڭ تىلى ئىككى تارىنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇلغان بولۇپ، سىرتتىكى زىل تارى <سىرتقى تار>، ئىچىدىكى بوم تارى <ئىچكى تار> دەپ ئاتىلىدۇ ھەمدە چالغاندا بىردە سىرتقا، بىردە ئىچىگە سۈركەش ئۇسۇلى ئارقىلىق چېلىنىدۇ.

بۇ خىل غىرجەك ئاساسەن قۇمۇل بوستانلىقلىرىدا كۆپ ئىشلىتىلگەچكە <قۇمۇل غىرجىكى> دەپ ئاتالغان.

غىرجەك

بۇ خىل غىرجەك (يۇمىلاق باشلىق غىرجەك) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرى سابىق ئۈرۈمچى مىللىي چالغۇ ئەسۋابلار زاۋۇتى تەرىپىدىن قايتا ئىسلاھ قىلىنىپ، ئۆزگەرتىلىپ ياسالغان.

قەدىمكى يۇمىلاق باشلىق غىرجەكنىڭ سېپى سۆگەت ياغىچىدىن، بېشى جىگدە ياغىچىدىن ئويۇپ، شارسىمان شەكىلدە ياسىلىپ، يۈزىگە ئات ياكى ئېشەك تېرىسى كېرىلەتتى. ھازىرقى يېڭىدىن ئىسلاھ قىلىنغان يۇمىلاق باشلىق غىرجەكلەر ياڭاق، ئۈجمە، ئۆرۈك، چىنار ياغاچلىرىدىن ياسىلىپ، خەرەك ئاستىدىكى ئاۋاز تىيىكى دەسسىتىلىدىغان ئوتتۇرا قىسمىغا يىلان تېرىسى كېرىلىپ، يۈزلۈكىگە نېپىز تاختاي قويۇلىدۇ. شارسىمان قاپقىنىڭ ئالدى – كەينىدە كۆپلىگەن تۆشۈكچىلەر ئېچىلىپ، ئىچكى قىسمىدا پەيدا بولىدىغان ئەكىس سادا ئاۋازلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىلىدۇ. غىرجەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 70 سانتىمېتىر، بۇرۇنقى نۇسخىلىرى 2 – 3 تارلىق بولغان. ھازىرقى نۇسخىلىرى تۆت تارلىق بولۇپ، تار يۆگەيدىغان قۇلاق ئورنى ئالاھىدە مىللىي ئۇسلۇبتا ئويۇپ ياسىلىدۇ ھەمدە سۆڭەكتىن خىلمۇ خىل كۆركەم نەقىشلەر قويۇلىدۇ. قەدىمكى غىرجەكلەرگە ئات قىلىدىن ئېشىلگەن تارلار سېلىناتتى. ئۈچ تال ئاساسىي تار 4 گرادۇسلۇق مۇناسىۋەت بىلەن تەڭشىلىپ كامانچە بىلەن سۈركەپ چېلىنسا، ئىككى بېقىنىدىكى بەشتىن جەمئىي ئون تارى مەخسۇس ئەكىس سادا ئۈچۈن ئىشلىنەتتى. ھازىرقى ئىسلاھ قىلىنغان غىرجەكلەرگە تۆت دانە تار سېلىنىپ (ئىسكىرىپكىغا ئوخشاش) قالغان ئەكىس سادا تۈرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ھەمدە 5 گرادۇسلۇق مۇناسىۋەت بويىچە تەڭشىلىدىغان بولدى.

غىرجەك ئاساسەن سول پۇت تېقىمى ئۈستىگە تىك قويۇلۇپ، سول قولدا تار بېسىپ، ئوڭ قولدا كامانچە بىلەن سىيرىپ چېلىنىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر ئوركېستىرىدا كۆپرەك قوللىنىلىدىغان كامانچلىق چالغۇ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ يۇقىرى ئاۋازى ئۆتكۈر، ئىنچىكە، تۆۋەن ئاۋازى توم، غوڭۇلدىغان شەكىلدە بولىدۇ.

غىرجەك ئۇيغۇر ئوركېستىرىدا ئاساسلىق مېلودىيە ئورۇندىغۇچى مۇھىم چالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، بەزىدە يالغۇزمۇ ئورۇندىلىدۇ. ئۇ ئوركېستىردا <يۇقىرى ئاۋازلىق غىرجەك> دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بېرى گەۋدىسى سول يوغانراق بولغان <ئوتتۇرا ئاۋازلىق غىرجەك> لەرمۇ ياسىلىپ مىللىي ئوركېستىرلاردا ئىشلىتىلمەكتە.

باس غىرجەك

بۇ يۇقىرىقى يېڭىدىن ئىسلاھ قىلىنغان غىرجەكنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن چوڭايتىپ ياسالغان تۆۋەن ئاۋازلىق چالغۇ بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي ئوركېستىرىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭ ئومومىي قۇرۇلمىسى ۋە ياساش ئۇسۇلى غىرجەك بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، بىراق ھەجمى چوڭ، ئاۋازى تۆۋەن بولۇپ، ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ يەرگە تىكلەپ، سول قولدا پەدە بېسىپ، ئوڭ قولدا كامانچە تارتىش ئارقىلىق چېلىنىدۇ.

باس غىرجەكنىڭ ئېگىزلىكى چوڭ ئىسكىرىپكا بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، تۆت تار سېلىنىدۇ. چېلىش ئۇسۇلىمۇ كۆپ پەرقلەنمەيدۇ.

قۇشتار

قۇشتار دەستىسىنىڭ ئۈستىگە بۇلبۇلنىڭ شەكلى ئويۇپ ياسىلىدىغان بولغاچقا، بۇرۇن ئۇ <قۇشتار> دەپ ئاتالغان. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ نامى خاتا ھالدا <خۇشتار> دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى چاپلىما راۋابقا ئوخشاش ياغاچ تاختايلىرىدىن چاپلىنىپ، يېرىم نەشپۈتسىمان شەكىلدە ياسىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاۋازى سۈزۈك ۋە جاراڭلىق كېلىدۇ، بويى تەخمىنەن 50 سانتىمېتىر. يۇمىلاق باشلىق غىرجەككە ئوخشاش تۆت تارلىق، 5 گرادۇسلۇق مۇناسىۋەت بويىچە تەڭشىلىدۇ. قۇشتار قەدىمكى غىرجەك ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان چالغۇ بولۇپ، چېلىش ئۇسۇلى ۋە تەڭشىلىشى غىرجەك ۋە ئىسكىرىپكا بىلەن ئوخشاش.

بۇ خىل قۇشتار ئوركېستىردا <يۇقىرى ئاۋازلىق قۇشتار> دەپ ئاتىلىدۇ. يېقىندىن بېرى گەۋدىسى سەل يوغانراق بولغان <ئوتتۇرا ئاۋازلىق قۇشتار> لارمۇ ياسىلىپ، ئۇيغۇر ئوركېستىرىدا ئىشلىتىلمەكتە. ئۇنىڭ تارلىرىنىڭ تەڭشىلىشىمۇ ئوتتۇرا ئىسكىرىپكا بىلەن ئوخشاش.

باس قۇشتار

بۇ يۇقىرىقى قۇشتارنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن چوڭايتىلىپ ياسالغان تۆۋەن ئاۋازلىق چالغۇ بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي ئوركېستىرىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى ۋە ياساش ئۇسۇلى قۇشتار بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، بىراق ھەجمى چوڭ، ئاۋازى تۆۋەن بولۇپ، ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ يەرگە تىكلەپ، سول قولدا پەدە بېسىپ، ئول قولدا كامانچە تارتىش ئارقىلىق چېلىنىدۇ.

باس قۇشتارنىڭ ئېگىزلىكى چوڭ ئىسكىرىپكا ۋە باس غىرجەك بىلەن ئوخشاش بولۇپ، تۆت تار سېلىنىدۇ، تەڭشىلىشى ۋە چېلىش ئۇسۇلىمۇ پەرقلەنمەيدۇ.

تەبىلۋاز

ۇ سوقما چالغۇ بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ بىر تەرىپى چوڭ، يەنە بىر تەرىپى كىچىك ياسىلىپ، چوڭ تەرىپىگە تېرە كېرىلىدۇ. بەزىلىرىنىڭ ئىككىلا تەرىپى چوڭ، ئوتتۇرىسى ئىنچىكرەك ياسىلىپ، ئىككى تەرىپىگە تېرە كېرىلىدۇ ھەمدە چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، پۇتنىڭ ئۈستىگە يانتۇ قويۇپ ئىككى تەرىپىدىن قول بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدۇ. قۇمتۇرا مىڭئۆينىڭ 68 – غارىدا رەسمى ساقلانغان.

ناغرا

ناغرا تەبلىۋازلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى. تەبىلۋاز دەسلەپتە ئاساسەن قول بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىپ، كېيىنچە تەدرىجىي ھالدا چوكا تاياق بىلەن چېلىنىدىغان ئۇسۇلغا ئۆزگەرتىلىپ ناغرا بارلىققا كەلگەن.

ناغرا دۇمباق تىپىدىكى قەدىمكى سوقما چالغۇلارنىڭ بىرى. ئۇ تەبىلۋاز قاتارلىقلاردىن كېيىنرەك، تەدرىجىي ھالدا قېپىنى ياغاچ، مىس ۋە چويۇندىن ياساش ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلغان. ناغرا ئۈستى كەڭ، ئاستى تار قىلىنىپ مېتالدىن قۇيۇلغان چېلەكسىمان چۆچەكنىڭ چوڭ يۈزىگە ئېشەك ياكى موزاي تېرىسى كېرىلىپ، تېرىگە باغلانغان كىرىچىلارنىڭ ئۇچىنى ناغرا چۆچىكىنىڭ كىچىكرەك كەلگەن تۆۋەن تەرىپىگە چىڭ تارتىپ باغلاپ ياسىلىدۇ. ھازىرقى ناغرىلارنىڭ يۈزىگە كېرىلگەن تېرىسى ئاساسەن ۋېنتىلانغان تۆمۈر جازا ئارقىلىق تارتىلىپ چىڭىتىلىدىغان بولدى.

مۇزىكا ئورۇنداشتا بىر نەچچە ناغرىلار بىر گۇرۇپپا قىلىنىدۇ. ئۇلار چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك ناغرا دەپ ئۈچ خىل بولىدۇ، يەنە بىر چوڭ دۇمباقمۇ بولىدۇ. يەنە بىر چوڭ دومباقمۇ بولىدۇ. بۇلار بىر – بىرىدىن 4 – 5 ياكى 8 گرادۇسلۇق ئاھاڭ ئارىلىقى پەرقلىنىدۇ. كىچىك ناغرىنىڭ ئېگىزلىكى 20 سانتىمېتىر، يۈزىنىڭ دىئامېتىرى 25 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە، چوڭ ناغرىنىڭ ئېگىزلىكى 30 سانتىمېتىر، يۈزىنىڭ دىئامېتىرى 35 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. چوڭ دۇمباقنىڭ ئېگىزلىكى 54 سانتىمېتىر، يۈزىنىڭ دىئامېتىرى 48 – 50 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. ھەممىسى ئوخشاشلا دۇمباق چوكىسى (تايىقى) بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدۇ (چوڭ دۇمباق يالغۇز چوكا بىلەن، كىچىك ناغرىلار قوش چوكا بىلەن چېلىنىدۇ).

داپ

بۇ سوقما چالغۇ بولۇپ، چەمبەرسىمان تار ۋە نېپىزرەك كەلگەن ئەگمە لەمپە ياغاچنىڭ بىر تەرىپىگە تېرە كېرىلىپ يۈزى كەڭ ياسىلىدۇ ۋە قول بارماقلار بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدۇ.

ساپايى

بۇ قەدىمكى زامان سوقما چالغۇلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، دەسلەپتە ياۋا ئۆچكىنىڭ مۈڭگۈزىدىن ياسالغان. ھازىرقى ساپايى ئۆرۈك، ياڭاق ۋە ئۈجمە ياغاچلىرىدىن ياسىلىدۇ. ئادەتتە ئۇ ئىككى تال دۈگىلەك ياغاچ ساپنى بىر – بىرىگە جۈپلەپ، ئۈستىگىرەك ئورۇنغا ئىككى تال چوڭ تۆمۈر ھالقا بېكىتىلىپ ياسىلىدۇ (بەزىدە بىر تال ياغاچ ساپتىن ياكى ئۆچكە مۈڭگۈزىدىنمۇ ياسىلىدۇ). ھەر بىر تۆمۈر ھالقىغا 10 نەچچە تالدىن ئۇششاق تۆمۈر ھالقىلار ئۆتكۈزۈلگەن بولىدۇ. ساپايىنى تىك كۆتۈرگەندە كىچىك تۆمۈر ھالقىلارنىڭ ياغاچ ساپقا تېگىشىدىغان ئورنىغا ئاۋازى جاراڭلىق چىقىش ئۈچۈن قەلەي بېكىتىلىدۇ.

ساپايى چالغان چاغدا ياغاچ ساپنىڭ ئاستىدىكى تەرىپىدىن چىڭ تۇتۇپ، جەينەك ۋە قول بوغۇملىرىنىڭ ئەركىن – ئازادە ھەرىكىتى ئارقىلىق ياغاچ ساپ يۇقىرى – تۆۋەنگە ئۇدارلىق، رىتىملىق ھالدا ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ، تۆمۈر ھالقىلار ياغاچنىڭ سېپىغا بىر خىل ئۇداردا ئۈزلۈكسىز تەگكۈزۈلىدۇ. نەتىجىدە، مۇزىكا رىتىمىغا تەڭكەش قىلىنىدۇ. ساپايىنىڭ دەستىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 46 سانتىمېتىر، چوڭ ھالقىنىڭ دىئامېتىرى 9 سانتىمېتىر، كىچىك ھالقىلارنىڭ دىئامېتىرى 3 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. چېلىش جەريانىدا ساپايىنىڭ يۇقىرىقى ئۇچى ۋە تۆۋەنكى ئۇچىنى ئۇدارغا كەلتۈرۈپ ھەر بىر سىلكىگەندە ئوڭ مۈڭگۈز، قول، يەر ۋە باشقا جايلارغا يېنىك تەگكۈزۈپ قويۇلىدۇ.

قوشۇق

بۇ ئۇيغۇر مۇزىكىسى ۋە مەشرەپلىرىدە كەڭ قوللىنىلىپ كېلىنىۋاتقان مۇھىم سوقما چالغۇلارنىڭ بىرى. ھازىرقى مۇزىكا ئوركېستىرلىرىدا ئىشلىتىۋاتقان قوشۇقلارنىڭ شەكلىمۇ تاقام قوشۇقلىرىغا ئوخشاش ياسىلىدۇ. ھەجىمى سول يوغانراق بولۇپ، ئۈستىگە خىلمۇ خىل نەقىشلەر چۈشۈرۈلۈپ نەپىس ئىشلىنىدۇ. ئۇ كۆپرەك ئۆرۈك، ئالما، چىلان ياغاچلىرىدىن ياسىلىدۇ.

قوشۇق چېلىشتا، ئوڭ قولدا بىر جۈپ قوشۇقنىڭ سېپى چىڭ تۇتۇلۇپ، قوشۇقلارنىڭ دۈمبىسى بىر – بىرىگە توغرىلىنىپ، سول قول ئالىقانغا ۋە بەدەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا (مۈرە، تىز ۋە باشقا جايلارغا) ھەمدە يەرگە ۋە باشقا جىسىملارغا سوقۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئىككى قوشۇقنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولىدىغان خىلمۇ خىل رېتىملىق ئاۋازلار مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىنىدۇ.

تاش

بۇ بەزىلەر تەرىپىدىن چاقچۇق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئىككى جۈپ ياپىلاق ئېللىپىسسىمان تاشتىن ئىبارەت بولۇپ، ھەر بىر قولدا بىر جۈپتىن تۇتۇپ، بارماقلارنىڭ ياردىمى بىلەن بىر – بىرىگە سوقۇپ، تاۋۇش چىقىرىش ئارقىلىق مۇزىكا ئۇدارلىرىغا تەڭكەش قىلىنىپ، خىلمۇ خىل رىتىملاردا چېلىنىدۇ. ئۇيغۇر مۇزىكىسىدا تاش ئىشلىتىشمۇ خېلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمكى ئۇسلۇبلارنىڭ بىرىدۇر. ئېللىپىسىمان تاشنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 5.1 سانتىمېتىر، ئۇزۇن دېئامېتىرى 10 سانتىمېتىر، قسىقا دېئامېتىرى 6 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.

تاش چالغاندا ئۇنىڭ بىرى ئالىقانغا قويۇلىدۇ، يەنە بىرى بارماقلار ئارقىلىق ئالىقاننىڭ ئۇچى تەرىپىگە يېرىم قىستۇرۇلۇپ، بىر – بىرىگە يېنىڭ سوقۇشتۇرۇش ئارقىلىق ناھايىتى سۈزۈك، يېقىملىق بولغان رىتىم ئاۋازلىرى چىقىرىلىپ مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىنىدۇ.

جاللا

بۇ سوقما چالغۇ بولۇپ، ئۇيغۇرلار جاڭ – جاڭ دەپمۇ ئاتايدۇ. مىس ياكى تۇچتىن بىر جۈپ قىلىنىپ، تەخسىسىمان، ئوتتۇرىسى تومپايغان ھالدا ياسىلىدۇ (بەزىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تېرە كېرىلىدۇ) ھەمدە تومپىيىپ چىققان ئۇچىدىكى تۆشۈككە ئۆتكۈزۈلگەن يىپتىن تۇتۇپ، ئىككى دانە تەخسە يۈزىنى بىر – بىرىگە سوقۇشتۇرۇپ چېلىندۇ. بېزەكلىك مىڭئۆينىڭ 29 – غارىدا بىر جۈپ مىس جاللانىڭ رەسىمى ساقلانغان بولۇپ، بۇ قەدىمكى ئىدىقۇت مۇزىكىسىدا جاللانىڭ قوللىنىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

دۈمداپ

بۇ سوقما چالغۇ بولۇپ، مىس ياكى تۇچتىن، دۈگىلەك گىرۋەكلىك پەتنۇس شەكلىدە ياسىلىدۇ ھەمدە بىر چېتىدىن يىپ ئۆتكۈزۈپ، ياغاچ جازىغا ئېسىپ قويۇپ ياكى سول قولدا كۆتۈرۈپ، ئوڭ قولدا ياغاچ توقماق بىلەن ئوتتۇرىسىغا ئۇرۇپ چېلىنىدۇ.

مەنبە: ئىزدىنىش تورى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top