• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » ئۇيغۇر تائاملىرى

ئۇيغۇر تائاملىرى

چۈشەنچە

ئۇيغۇر تائاملىرى ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ياشاش ئېھتىياجىنى تەمىن ئېتىپ، ھەر قايسى تارىخ ۋە ئېكولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرگە ماشلىشىش يۈزىسىدىن خىلمۇ خىل ئېتىلىپ، پەسىل ئۆزگىرىش، كۈندىلىك ئوزۇقلۇق ئېھتىياجى ۋە مىجەزنى تەڭشەشكە ئۇيغۇنلاشتۇرغان.

بىز ھازىر ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تۇرلىرىنىڭ كۆپلۈكى، شەكلىنىڭ خىلمۇ خىللىقى ، ئېتىلىش ھۈنەر سەنئىتىنىڭ ئىنچىكلىگى، سۈپىتى ۋە قۇۋۋىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. بىزلا ئەمەس ئۇيغۇر تائاملىرى تېتىپ كۆرگەن ھەر قانداق ساياھەتچى ۋە مىللەت بۇ نۇقتىنى ھېس قىلالايدۇ. بۇنداق مول تۈر كۆپ تائام مەدەنىيىتى دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەردە ئاز كۆرۈنىدۇ.

ئۇيغۇر تائاملىرى ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ياشاش ئېھتىياجىنى تەمىن ئېتىپ، ھەر قايسى تارىخ ۋە ئېكولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرگە ماشلىشىش يۈزىسىدىن خىلمۇ خىل ئېتىلىپ، پەسىل ئۆزگىرىش، كۈندىلىك ئوزۇقلۇق ئېھتىياجى ۋە مىجەزنى تەڭشەشكە ئۇيغۇنلاشتۇرغان.

ئۇيغۇر تېبابىتى ھۆكۈمالىرىنىڭ قارىشىچە، ئىنسانلار مەدەنىيەت دەۋرىگە كېرىشتىن ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى بىر مەزگىلگىچە، كۈندىلىك تائام ھەم ئوزۇقلۇق ھەم دورىلىق رولىنى ئوينىغان. شۇڭا بەدەندە ھەر قانداق ساقسىزلىق كۆرۈنگەندە، ئالدى بىلەن ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

ئەجدادلىرىمىز تائاملارنى خۇسۇسىيىتىگە قاراپ، غىزايى مۇتلەق (ئوزۇقلۇق رولىنى ئوينايدىغان يېمەكلىك )، غىزايى داۋا (ئىستېمال قىلغاندا ئوزۇقلۇق بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۈنۈمى دورىلىق رولىنى ئوينايدۇ)، داۋايى غىزا ( كېسەل داۋاش مەقسىتىدە ئىستېمال قىلىنىدىغان، كېيىن ئۈنۈمى قوشۇمچە ئوزۇقلۇق رولىنى ئوينايدىغان يېمەكلىك) دەپ ئاتىغان.

تۈرى

غىزايى مۇتلەق

ئاساسەن ئاشلىق زىرائەتلەردىن تەييارلانغان تائاملار بولۇپ، ئۇنى ئىستېمال قىلغاندا بەدەننى تۇتۇپ تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

غىزايى داۋا

ئاساسەن گۆش تۇرىدىكى ھايۋانىي يېمەكلىكلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن (سۈت، تۇخۇم) تەييارلانغان يېمەكلىكلەر بولۇپ، بۇلار ئالدى بىلەن ئوزۇق بولۇشنى مەقسەت قىلىمىز، ئەمما ئۇنىڭ نەتىجىسى بەدەننى چىڭ تۇتۇپلا قالماي بەزى ئۇششاق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

داۋايى غىزا

ئاشلىق گۆش ۋە كۆكتاتلارغا ھەرخىل دورا خۇرۇچلارنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، تەييارلىنىدىغان تائاملار بولۇپ بۇنداق يېمەكلىكلەرنى بىز ساقسىزلارغا بېرىمىز داۋالاش مەقسىتىدە بولىدۇ.

ئەجدادلىرىمىز ئادەم مىزاجىنىڭ ھۆل، سوغۇق، قۇرۇق، ئىسسىق، بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئاساسەن تائاملارنى قويۇق، سۇيۇق، گۆشلۈك، گۆشسىز، گاھىدا ئۇنلارنى ئاساس قىلىپ، گاھىدا ئۇن بىلەن مېۋىلەرنى بىرلەشتۈرۈلۈپ، گاھىدا ئۇن، مېۋە، گۆش، كۆكتاتلارنى بىرلەشتۈرۈپ تائام تەييارلىغان. ھازىر بىز ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان 1000 خىلدىن ئارتۇق ئۇيغۇر تائاملىرى مانا مۇشۇ مىزاج تەڭشەش ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، خىلمۇخىللاشقان ۋە تۈرى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ بارغان.

كۆرۈنۈشىگە قاراپ

سوغۇق يېمەكلىك (ئىشتىھانى ئېچىش ۋە تاماق سىڭدۈرۈش ئۈچۈن تەييارلانغان ھەر خىل كۆك بېزەكلەر، سوغۇق سەيلەر، پىشۇرۇلغان سوغۇق يېمەكلىكلەر)، سۇيۇق تائاملار (سۇيۇقئاش، چۆچۈرە، شويلا)، قويۇق تائاملار (لەڭمەن، پولۇ، مانتا، سامسا)، نانلار، كاۋاپلار، تاتلىق – تۇرۇملار، ئۇسسۇزلۇقلار (چايلار، ھۈممەللەر، شەربەتلەر)، مۇراببا قاتارلىق تۈرلەرگە بولىنىدۇ.

ئېتىلىش ئۇسۇلىغا قاراپ

ئېتىلىش ئۇسۇلىغا قاراپ ئاساسلىق تائاملار مۇنداق بۆلىنىدۇ، پولۇلار، قاسقان تائاملىرى (مانتا باشقا ھوردا پىشۇرۇلىدىغان تائاملار)، تونۇر تائاملىرى (نان، گۆش نان، سامسا)، مايدا پىشۇرۇلغان تائاملار (ساڭزا، پوشكال، قۇيماق، سامبۇسا)، سۇيۇقئاشلار، چۆچۈرىلەر، لەڭمەنلەر، ھورنانلار، دۈملىمىلەر، ئۆپكە-ھېسىپلار، شورپىلار، كاۋاپلار، ھالۋىلار، قورمىلار، سوغۇق يېمەكلىكلەر، تاتلىق-تۈرۈملەر، ئۇسسۇزلۇقلار قاتارلىق تۈرلەرگە بولىنىدۇ.

ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﯞﺍﻕ ﻧﺎﻥ-ﭼﺎﻱ (ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ ﻳﺎ ﻛﻪﺷﺘﻪ ﺳﯜﺗﻠﯜﻙ ﭼﺎﻱ)، ﭼﯜﺷﺘﻪ ﺑﯩﺮﯞﺍﻕ ﺋﺎﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﯩﺰﺍﻟﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﻠﯩﻖ ﺋﺎﺵ ﺋﺎﺩەﺗﺘﻪ، ﻛﯚﭖ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﯩﻚ ﺧﯧﺮﯨﺘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺳﯘﻳﯘﻕ ﺋﺎﺷﻨﯩﯔ ﺋﯘﻥ، ﮔﯚﺵ،ﻣﺎﻱ، ﭘﯩﻴﺎﺯ، ﭼﺎﻣﻐﯘﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﯕﻴﯘ، ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯧﺮﯨﺘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ، ﭘﻮﻟﯘ ﮔﯜﺭﯛﭺ، ﻣﺎﻱ، ﮔﯚﺵ، ﭘﯩﻴﺎﺯ، ﺳﻪﯞﺯە ﻗﺎﺗﺎﺭﻟىقلاﺭﺩﯨﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ. ﺑﻪﺯﯨﺪە ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﭼﺎﻳﺪﺍ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻣﯘﺭﺍﺑﺒﺎﻻﺭﻣﯘ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻛﻪچلىك ﭼﺎﻳﺪﺍ ﻳﺎﺯ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺯﯛﻡ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻮﻏﯘﻥ، ﻗﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﯕﺎﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺭﯛﻙ ﻣﯧﻐﯩﺰﻯ، ﻛﯩﺸﻤﯩﺶ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯦﻲ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەﻙ ﻛﻪﭼﻠﯩﻜﻰ ﺳﯘﻳﯘﻗﺌﺎﺷﻤﯘ ﺋﯩﭽﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺩەﺗﺘﻪ ﺋﯘﻥ ﺗﺎﻣﯩﻘﻰ ﯞە ﮔﯚﺵ، ﻗﯩﻴﻤﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﺮەﻙ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەﻙ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ-ﻛﻪﻳﻨﯩﺪە ﻗﯩﺰﯨﻖ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩەﻡ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻥ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﺩەﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻗﻮﻝ، ﻗﻮﺷﯘﻕ، ﭼﻮﻛﯩﺪﺍ ﻳﯧﻴﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ شەكىل تۈرلىرى

1.ﺳﯘﻳﯘﻕ-ﺳﻪﻟﻪﯓ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭ

ﺋﯘﻣﺎﭺ، ﺋﺎﺗﯩﻼ، ﻳﺎﻣﺎ، ﺷﻮﮔﯜﺭﯛﺵ، ﻣﺎﺷﺨﻮﺭﺩﺍ، ﺋﺎﻕ ﺋﺎﺵ، ﺳﯘﻳﯘﻗﺌﺎﺵ.

ﺳﯘﻳﯘﻗﺌﺎﺵ -ﺋﯘ ﭼﯚﭘﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﯞە ﺋﯩﺘﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺋﯜﮔﺮە،ﻳﺎﻛﻰ ﺧﺎﻡ ﻗﯩﻴﻤﺎ، ﻗﻮﺭﯗﻣﺎ ﺋﯜﮔﺮە، ﻛﻪﺳﻤﻪ، ﻗﯘﺷﻘﺎﭺ ﺗﯩﻠﻰ ﻛﻪﺳﻤﻪ، ﺋﯜﺯﯛﭖ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺳﯘﻳﯘﻗﺌﺎﺵ، ﭘﻮﺳﯩﻼﻕ ﺋﺎﺵ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪەﻙ ﻳﻪﺗﺘﻪ-ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺧﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.

2.گۆش تۈرىﺋﺎﺩەﺗﺘﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﻴﯩﻠﯩﺪﯗ:

ﺷﻮﺭﭘﺎ، ﺋﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﺎﻕ ﺷﻮﺭﭘﺎ، ﻗﻮﺭﯗﻣﺎ ﺷﻮﺭﭘﺎ، ﭼﻪﻳﻨﻪﻙ ﺷﻮﺭﭘﺎ ﺩەﭖ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺪﯗ.

ﻛﺎﯞﺍﭖ، ﺋﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺯﯨﺦ ﻛﺎﯞﺍﭖ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍﻣﭽﻪ ﻛﺎﯞﺍﭖ، ﻗﯩﻴﻤﺎ ﻛﺎﯞﺍﭖ، ﺗﻮﻧﯘﺭ ﻛﺎﯞﺍﭖ، ﺗﺎﯞﺍ ﻛﺎﯞﺍﭖ، ﻗﺎﺯﺍﻥ ﻛﺎﯞﺍﭖ، ﺑﺎﺭﺍﯞەﺕ ﻛﺎﯞﯨﭙﻰ، ﻛﯚﻣﻤﻪ ﻛﺎﯞﺍﭖ، ﺩﯛﻣﻠﯩﻤﻪ ﻛﺎﯞﺍﭖ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪەﻙ ﺗﯜﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪﯗ.

ﺳﯜﺭ ﮔﯚﺵ، ﺋﯘ ﻗﻮﻱ، ﺋﺎﺕ ﮔﯚﺷﻠﯩﺮﻯ ﺗﯘﺯﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﺴﻘﺎ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ.

ﻗﯧﺰﺍ، ﺋﯘ ﺋﺎﺕ ﮔﯚﺷﻰ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺯﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﺕ ﺋﯜﭼﯩﻴﯩﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ﺳﯜﺭﮔﯚﺷﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯩﺴﻼﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ.

3.ﻗﻮﺭﯗﻣﺎ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭ:

ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﻮﺭﯨﻤﺎ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ. ﺑﯘﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻖ، ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺩەﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻏﯩﺰﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ. ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﯗﻣﺎ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺗﯧﻴﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺋﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯘﻥ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﯩﻚ، ﮔﯜﺭﯛﭺ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﯩﻚ ﻗﻮﺭﯗﻣﺎ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺩەﭖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺪﯗ.

ﺋﯘﻥ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﯩﻚ ﻗﻮﺭﯗﻣﺎ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭ: ﺑﯘ، ﻟﻪﯕﻤﻪﻥ، ﭘﻪﺭﻣﺎﻥ، ﻗﻮﺭﺩﺍﻕ، ﻧﺎﻥ ﻗﻮﺭﺩﺍﻕ ، ﻗﯩﻴﻤﺎ ﻗﻮﺭﺩﺍﻕ، ﭼﯚﭖ، ﻳﺎﭘﻤﺎ، ﺳﯩﻘﻤﺎﻕ، ﺯﺍﯓ، ﺗﺎﻟﻘﺎﻥ، ﺷﻮﺟﯘﺭﺍ (ﮬﺎﺯﯨﺮ ﭘﯩﻨﺘﺎﯓ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯘەﻧﺘﺎﯓ ﺩەﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ) ﯞە ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻗﻮﺭﯗﻣﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.

ﮔﯜﺭﯛﺵ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﯩﻚ ﻗﻮﺭﯨﻤﺎ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭ: ﺑﯘ ﭘﻮﻟﯘ، ﺷﻮﻳﻼ، ﺑﻪﺗﺘﻪ، ﮔﺎﯕﭙﻪﻥ، ﮬﯧﺴﯩﭗ، ﺳﯩﯖﺪﯗﺭﻣﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.

4.ﻗﯩﻴﻤﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭ:

ﻗﯩﻴﻤﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭ ﻣﺎﻧﺘﺎ، ﭼﯜﭼﯜﺭە، ﺟﯘﯞﺍﯞﺍ، ﺳﺎﻣﺴﺎ، ﭘﻪﺭﻣﯘﺩە، ﺧﻮﺷﺎﯓ، ﮔﯚﺵ ﻧﺎﻥ، ﭘﯚﺭە، ﺗﯘﺭﻣﻪﻝ، ﺗﻪﭘﻤﻪﻙ، ﻣﯘﻧﺪەﻙ، ﺷﻮﯕﮕﯘﺗﻤﺎﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.

5.ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ:

ﮬﺎﻟﯟﺍ، ﺑﯘﻟﯩﻤﺎﻕ، ﺷﯧﻜﻪﺭ ﻣﺎﻧﺘﺎ، ﺭﯨﺸﺎﻟﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.

تائاملار

ئۇيغۇر تائاملىرى چوڭ جەھەتتىن 50 خىلدىن، ئۇششاق بۆلۈنگەندە 1000خىلدىن ئېشىپ كېتىدۇ، بۇ تائاملارنى تۈجۈپىلەپ ئۆ خۇرۇچلىرى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ تەييارلايدىغان بولساق ئېغىزغا تېتىغۇدەك تائاملارنى ئېتەلەيمىز.

لەغمەن

1.ئۆي لەغمەن

2.گۆش قورۇما لەغمەن

3.پالەك لەغمەن

4.چامغۇر لەغمەن

5.توخۇ قورۇمىسى لەغمىنى

6.قۇرۇق قورۇلغان لەغمەن

شورپىلار

1.ئاق شورپا

2.ياپراقچە گۆش شورپىسى

3.گۆشلۈك تۇخۇم شورپىسى

4.كۆپ خۇرۇچلۇق شورپا

5.ئادەمگىياھ توخۇ شورپىسى

6.قۇم قازان قوۋۇرغا شورپىسى

7.قوي گۆشى شورپىسى

8.ئارپا شورپىسى

9.چامغۇر شورپىسى

10.قوۋۇرغا گۆش شورپىسى

11.سېرىق شورپا

12.داڭقان شورپىسى

13.قىيما شورپىسى

14.كەپتەر شورپىسى

15.توخۇ گۆشى شورپىسى

16.موزاي گۆشى شورپىسى

17.قوتاز گۆشى شورپىسى

18.قاسقان شورپىسى

19.قۇمغان شورپىسى

20.چەينەك شورپىسى

21.ساماۋەر شورپىسى

22.كۆكتات شورپىسى

23.ئۆپكە -ھېسىپ شورپىسى

24.باچكا شورپىسى

25.ئۇستىخان شورپىسى

26.چۈچۈمەل شورپىسى

27.ئاچچىق-چۈچۈك ئاق شورپا

28.ئوغۇز شورپا

29.قېمىز شورپىسى

30.پەمىدۇر شورپىسى

31.قېتىق شورپىسى

32.ماش شورپىسى

33.تۇخۇملۇق پالەك شورپىسى

34.قىيمىلىق شورپا

35.قايناتما شورپا

36.بەلىش گۆش شورپىسى

37.تاۋۇز شورپىسى

38.پىنتوزىلىق ئۇستىخان شورپىسى

39.سەۋزە شورپىسى

40.قوناق شورپىسى

41.قىيمىلىق غول پىياز شورپىسى

42.باغۋەن شورپىسى

43.قورۇما شورپا

44.قورۇما توخۇ شورپىسى

45.قورۇما قىيما شورپىسى

46.ماش ئۈگرە شورپىسى

47.تۈگۈنەك شورپىسى

48.كۆكتات قورۇما شورپىسى

49.تۇخۇم قورۇما شورپىسى

50.غاز شورپىسى

51.ئۆردەك گۆشى قورۇما شورپىسى

52.قىرغاۋۇل گۆشى قورۇما شورپىسى

53.ئات گۆشى قورۇما شورپىسى(دىققەت بۇ شورپىدا ئات گۆشى قورۇلمايدۇ سۇدا پۇشۇرۇپ ئاندىن قورۇلغان شورپىغا سېلىنىدۇ)

55.كۇمىلاچ گۆش شورپىسى

سۇيۇقئاشلار

1. ئۈگرە

2. زىياپەت ئۈگرىسى

3. قىيمىلىق ئۈگرە

4. گۆشلۈك ئۈگرە

5. قورۇما ئۈگرە

6. قۇشقاچ تىلى ئېشى

7. كۇچار سۇيۇقئېشى

8. پۇرچاق ئېشى

9. قارلىغاچ تىلى

10. ئاق شورپا ئېشى

11. ئۈزۈپ تاشلاپ سۇيۇقئاش

12. يىيىپ ئۈزۈپ تاشلىغان ئاش

13. شىنتۈگۈر

14. سىقماق ئاش

15. يوبدان

16. تۈرمەل ئاش

17. خولوپئاش

18. دۈگىلەك قىيمىلىق سۇيۇقئاش

19. خام قىيمىلىق سۇيۇقئاش

20. كۆك پۇرچاق سۇيۇقئېشى

21. كېسىپ ئۈزگەن سۇيۇقئاش

22. ئاق پۇرچاق سۇيۇقئېشى

23. قېتىق سۇيۇقئېشى

24. مەنچىزە

25. چۆپ شورپا

26. سۈتلۈك سۇيۇقئاش

27. بىمار ئېشى

28. شورپا سۇيۇقئېشى

29. ھاردۇق ئېشى

30. نان قايناق

31. نورۇز ئېشى

32. كاشكاپ سۇيۇقئېشى

33. ئۈزۈپ تاشلىغان ئاش

34. ماشلىق ئۈگرە

35. سۆك ئېشى

چۆپ ئاشلار

1. ئارتۇش چۆپى

2. ئىلى چۆپى(غۇلجا چۆپى)

3. قورۇما چۆپ

4. قايماق چۆپ

5. گۆشسىز چۆپ

6. نان چۆپ

7. نارىن چۆپ

8. گۆشلۈك چۆپ

9. كۆك چۆپ

10. توخۇ گۆشلۈك كەسمە چۆپ

11. توخۇ گۆشلۈك بۇرما چۆپ

12. گۆشلۈك سېرىق پۇرچاق چۆپى

13. قىيمىلىق چۆپ

14. ياڭاق چۆپى

15. تۇتماچ

16. پالەك چۆپى

17. يىمىرمە چۆپ

18. شور تويىن

19. كەسمە چۆپ

20. تاسما چۆپ

21. يېشىل چۆپ

22. ئاپېلسىنلىق چۆپ

نارىنلار

1. نارىن (1)

2. نارىن (2)

3. گاداي نارىن

4. گۆش نارىن

5. قوزا گۆشى نارىنى

6. ئات گۆشى نارىنى

7. گۈرۈچ نارىن

8. ساپ گۆش نارىن

چۆچۈرە

چۆچۈرە – ئۇيغۇر تائاملىرى ئىچىدە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، قۇۋۋەتلىك تائاملىرىدىن بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

چۆچۈرىگە چىڭ خېمىر يۇغۇرۇلىدۇ. 500 گىرام ئۇنغا 300 گىرام سۇ، بىر تۇىۇم، بىر ئاش قوشۇق تۇز سېلىنىدۇ. ئاندىن يۇغۇرۇپ ياخشى چەيلەپ تىندۇرۇمىز. خېمىر ئوبدان تىندۇرغاندا پاكىز يول لۆڭگە بىلەن مەخسۇس ئىشلىتىدىغان قەغەزگە يوگەپ قويسا ياخشى بولىدۇ. ئاندىن ئۇنى زۇۋۇلا قىلىپ، قولىمىزدا ياپلاقلاپ نوغۇش بىلەن يېيىپ، ئوڭ ۋە تەتۇر دەستە قىلىپ قاتلاپ كېسىپ جىلتە تەييارلايمىز. ھەر بىر جىلتىگە بىر چاي قوشۇقتا قىيما سېلىپ تۇخۇم سېرىقى چوڭلىقىدا چۆچۈرە تۇگىمىز.

سېمىز قوي گوشىدىن بىر كىلوگىرام ئۇششاق توغراپ، 200 گىرام پىيازنى ئاۋال ياپىلاقلاپ، ئاندىن گۆشكە ئارلاشتۇرۇپ، ئازراق سۇ چېچىپ دەملەپ تۇرۇپ چاچقۇ بىلەن ئۇششاق چانايمىز. ئاندىن تېتىغۇدەك شاكاراپ، قارىمۇچ، كاكاۋىچىن سېلىپ ئارلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلاپ ئۇنىڭدىن چۆچۇرە تۈگۈشكە باشلايمىز.

چۆچۈرە تۇرلىرى :

1.چۆچۈرە

2.ياۋا زىرە كۆكى چۆچۈرىسى

3.قورىما شورپىلىق چۆچۈرە

4.شورپىلىق چۆچۈرە

5.زۇۋۇلا چۆچۈرە

6.ماي چۆچۈرىسى

7.كۆك چۆچۈرىسى

8.پۆرە چۆچۈرىسى

9.سۈزمە چۆچۈرىسى

10.قايماق چۆچۈرە

11.قورۇما چۆچۈرە

12.تۇخۇم چۆچۈرىسى

13.سۇ چۆچۈرىسى

14.ئۆگرا چۆچۈرە

15.مۇندەك(قۇمقازان چۆچۈرىسى)

16.ئەرۋاھ ئېشى (ياد ئېتىش تامىقى)

17.بولدونى(ئۈزۈم چۆچۈرىسى)

18.مېغىز چۆچۈرىسى

19.قىزىلبۇداش چۆچۈرىسى

20.يالپۇز چۆچۈرىسى

21.لويلا چۆچۈرىسى

22.پىننە چۆچۈرىسى

23.قوناق ئۇنى چۆچۈرىسى

24.جىگەر چۆچۈرىسى

25.موندىلەك

ئۇماچ

ئوماچ-ئاساسەن ئائىلىۋى تاماق تۇرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن مىجاز تەڭشەش ئېھتىياقى تۈپەيلىدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئوماچ، كىشىلەرنىڭ ئەتىۋارلىق يىمەكلىكىگە ئايلانماقتا. بولۇپمۇ يۇقۇرى ئىستېماللىق كىشىلەر تۇرمۇش تەرتىۋىنى مۇنتىزىنلاشتۇرۇپ، ئوماچ ئىچىشنى كۈندىلىك ئىستىمالدىكى مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى قىلماقتا. ئىلگىرى ئوماچ ئىچېش نامراتلىقنىڭ بەلگىسى بولسا، ئەمدىلىكتە ئۇ يۇقۇرى ئىستىماللىق كىشىلەرنىڭ كۈدىلىك يىمەكلىگى بولۇپ قالدى.

ئېتىش ئۇسۇللىرى – ئاساسەن قۇرۇق سۇغا تەييارلىغان خۇرۇچلارنى سېلىپ قاينىتىشتىن ئېبارەت بولۇپ، سىزنىڭ قايسى خىل ئوماچنى تاللىشىڭىزغا باغلىق.

ئوماچ تۇرلىرى :

1.ئىماتا

2.بۇلغاما

3.ئۇن ئومىچى

4.شورپا ئومىچى

5.تۇرۇپ ئومىچى

6.ئەلا سورۇقلۇق تېرىق ئومىچى

7.سۆك ئومىچى

8.سېمىز ئومىچى

9.بۇغداي ئومىچى

10.كەندىر ئۇرۇقى ئومىچى

11.قوناق ئۇنى ئومىچى

12.ئارپا ئۇنى ئومىچى

13.گۈرۈچ ئۇنى ئومىچى

14.سۇپساق ئوماچ (گۆشسىز ئوماچ)

15.تۇخۇم ئومىچى

16.غورا ئومىچى

17.تۈگۈنەك ئومىچى

18.چامغۇر ئومىچى

19.سەۋزە ئومىچى

20.گۆش ئومىچى

21.مېڭە ئومىچى

22.تەڭنە ئومىچى

23.ئەۋزور

24.سۈت زېڭى

25.قېتىق زېڭى

26.ئالىقات زېڭى

27.شەربەت زېڭى

28.بېدە زېڭى

29.ماي زېڭى

30.كۆتات زېڭى

31.شوخلا زېڭى

32.قورىما زاڭ

33.قوناق يارمىسى

34.چۈلە

35.يەجمە

36.شودىردام

37.چېچىلماق

38.ۋاپادان

39.شىلەمپەت

40.ئاتىلا

41.قورىغان ئوماچ

42.بېدە ئومىچى

43.گۆش سالغان ئوماچ

44.چامغۇر سالغان ئوماچ

45.گۈلە سالغان ئوماچ

46.قورقغان سىقماق

47.گۆش سالغان سىقماق

48.بېدە سالغان سىقماق

49.ماش سالغان سىقماق

50.چامغۇر سالغان سىقماق

51.گۈلە سالغان سىقماق

52.خەندىلەك

53.شۇڭغۇتماق

54.كۆجە

55.قېتىق كۆجىسى

56.سىقماق ئاش

خوردا

1.شوۋىگۈرۈچ

2.خوردا

3.ماشىوردا

4.غورا شورپىسى

5.چەينەك خوردا

6.قاسقان شورپا گۈرۈچ

7.پۇرچاق شورپىسى

8.دۈگلەك قىيمىلىق خوردا

9.تۇخۇم خوردىسى

10.تۇخۇم خوردىسى

11.قورۇما شورپا گۈرۈچ

12.سۆك ئېشى

13.كۆكۋاش ئېشى

14.يارما ئاش

15.سەۋزىلىك ماش خوردا

مانتالار

1.پېتىر مانتا

2.شورپىلىق مانتا

3.گۆش مانتا

4.كاۋا مانتا

5.ئەنجۈر مانتىسى

6.بۇغا يېلىنى مانتىسى

7.پىدىگەن مانتىسى

8.گۈللۈك مانتا

9.ماي مانتىسى

10.بولاق مانتا

11.كۈدە مانتا

12.شېكەر مانتا

13.بېدە مانتا

14.كۆكپىياز مانتىسى

15.دۈمبە گۆش مانتىسى

16.قۇيرۇق ماي- بېغىر مانتىسى

17.بېھى مانتىسى

18.بېھى-گۆش مانتىسى

19.ئۇچەي-قىرىن مانتىسى

20.يېسىۋىلەك مانتىسى

21.كۆكتات مانتىسى

22.قۇش گۆش مانتىسى

23.چۆچۈرە مانتىسى

24.ئات ەۆشى مانتىسى

25.بۇغا گۆشى مانتىسى

26.ئارقار گۆشى مانتىسى

27.ياڭاق مانتىسى

28.ئۈندۈرمە مانتىسى

29.تۈگۈنەك مانتىسى

30.سەۋزە مانتىسى

31.كەرەپشە-پىنتوزا مانتىسى

32.ياۋاكۈدە (ساسۇڭ)مانتىسى

33.قاتكۆك مانتىسى

34.مايسا مانتىسى

35.قىزىلچا مانتىسى

36.پىدىگەن مانتىسى

37.چوكا پۇرچاق مانتىسى

38.يېسىۋىلەك مانتىسى

39.گۈرۈچ مانتىسى

40.تاۋا مانتىسى

41.چاققاقئوت مانتىسى

42.ياۋا زېرە كۆكى مانتىسى

43.يېشىلكۆكتات پېتىر مانتىسى

44.چاۋا ماي مانتىسى

45.مايدا پىشىرۇلغان مانتا

سامسىلار

1.تونۇر سامسىسى

2.كاۋا سامسىسى

3.ۋاراق سامسىسى

4.بولدۇرغان سامسا

5.تۇخۇم – كۈدە سامسىسى

6.قىزىلبۇغداش سامسىسى

7.ئۆي سامسىسى

8.مېۋە سامسىسى

9.قاق سامسىسى

10.بولتاق سامسا

11.كۆكتات سامسىسى

12.تۈرلۈك گۆش سامسىسى

13.قۇش گۆشى سامسىسى

14.پەرمۇدە

15.قاتلىما سامسا

16.قۇش گۆشى سامسىسى

17.كاۋا پەرمۇدىسى

18.قۇيماق سامسا

19.پوشكال سامسا

20.رەڭلىك سامسا

21.شېكەر قىيمىلىق قاتلىما سامسا

22.كۈنجۈتلۈك قاتلىما سامسا

23.ماي سامسا

24.تۇخۇم-كۆدە سامسىسى

25.ياڭاق سامسىسى

26. پەلەك سامسىسى

27.پېتىر گۆش گىردە

28.بولاق گۆش گېردە

پولۇلار

1.پولۇ

2.توي پولۇسى

3.قېزا باسقان پولۇ

4.بۆرەك،جىگەر باسقان پولۇ

5.ئاشمانتا

6.توخۇ باسقان پولۇ

7.بەسقەسەم پولۇ

8.شاد پولۇ

9.قورۇما پولۇ

10.سېرىق ماي پولۇسى

11.يىلىك پولۇسى

12.قاينىتىلغان پولۇ

13.قاسقان پولۇ

14.چامغۇر پولۇسى

15.گۆشلۈك پولۇ

17.گۆشسىز پولۇ

18.توخۇم پولۇسى

19.سۈتلۈك پولۇ

20.بېھى پولۇسى

21.تېرىق پولۇسى

22.بۇغداي پولۇسى

23.ماش-گۈرۈچ پولۇسى

24.كۆكتات باسقان پولۇ

25.ئاق ئاش

26.يارما پولۇ(1)

27.يارما پولۇ(2)

28.مايسىز پولۇ

29.قىيمىلىق پولۇ

30.نوقۇتلۇق پولۇ

31.ئۈزۈملۈك پولۇ

32.پەردىلىك پولۇ

33.تۈگۈنەكلىك پولۇ

34.پىدىگەنلىك پولۇ

35.ئۈچ رەڭلىك پولۇ

36.ئەنجان پولۇسى

37.سۈتلۈك قوناق پولۇسى

38.سۈتلۈك يارما پولۇسى

39.ئۇلار باسقان يارما پولۇسى

39.سۆك پولۇسى

40.تاتلىق پولۇ

41. تېز پىشىدىغان پولۇ

42.بەتتە پولۇلار

43.بەتتە پولۇ

44. ئاق بەتتە پولۇ

45.قوناق ئۇنىدا تەييارلانغان بەتتە پولۇ

46.تېرىق بەتتە پولۇ

47.تۈگۈنەك بەتتە پولۇسى

48.پۇرچاق بەتتىسى

49.قۇش گۆشى بەتتە پولۇسى

50.ماش-گۈرۈچ ئاش

51.ئاق دۈملىمە

52.گۆشلۈك قورىما گۈرۈچ

53.تۇخۇلۇق قورۇما گۈرۈچ

54.سۆك ئاش

55.سېڭدۈرمە

شويلىلار

1.شويلا

2.كۆجە شويلا

3.سۆك شويلىسى

4.سۈتلۈك شويلا

5.تۈگۈنەك شويلىسى

6.ئاق پۇرچاق شويلىسى

7.سويا پۇرچاق شويلىسى

8.كۆك ۋاش شويلىسى

9.بېھى شويلىسى

10.خام شويلا

11.قارا شويلا

12.سەۋزە شويلىسى

13.چامغۇر شويلىسى

14.سۈرگۆش شويلىسى

15.شويلا گۈرۈچ

16.تاتلىق شويلا

17.مېغىزلىق شويلا

18.ماشخوردا

19.گۈرۈچ بۇلمىقى

20.قوناق بۇلمىقى

21.تۈگۈنەك بۇلمىقى

كاۋاپلار

1.پاقلان گۆشى كاۋىپى

2.قورۇما جىگەر كاۋىپى

3.زەرچىۋە-سىڭىز كاۋىپى

4.دۈملىمە كاۋاپ

5.ياپما كاۋاپ

6.تىكلىمە كاۋاپ

7.توشقان گۆشى كاۋىپى

8.جاڭگال قاقلىما بالىق كاۋىپى

9.توپاق كاۋىپى

10.ياغاچقا ئۆتكۈزۈلگەن قورۇما كاۋاپ

11.ئوغلاق گۆشى كاۋىپى

12.توخۇ گۆشى كاۋىپى

13.قارا جىگەر كاۋىپى

14. تال كاۋىپى

15.تۆش گۆشى كاۋىپى

16.نان-كاۋاپ

17.سارغايتىپ پىشۇرۇلغان بېلىق كاۋىپى

18.چاۋا مايغا ئورالغان سان كاۋىپى

19.پۈتۈن بەرە كاۋاپ

20.جەج كاۋاپ

21.قىيما كاۋاپ

22.جىگەر كاۋاپ

23.قۇيرۇق ماي جىگەر كاۋىپى

24.پوستۇما كاۋاپ

25.بۆرەك كاۋاپ

26. ئۈچەي كاۋاپ

27.ئۈچەي-بۆرەك كاۋىپى

28.پىششىق گۆش كاۋىپى

29.ئاچچاق ئۈچەي كاۋاپ

30.كالا گۆشى كاۋىپى

31.قۇيقا قۇلاق

32.تىل-جاغ كاۋىپى

33.پاتاڭ كاۋىپى

34.سۆڭەكلىك گۆش كاۋىپى

35.كۆممە كاۋاپ

36.غاز كاۋىپى

37.زىخلىق بېلىق كاۋىپى

38.تاۋىدا پىشۇرۇلغان بېلىق كاۋىپى

39.پۈتۈن تونۇر كاۋىپى

40.ئۈتلەنگەن كاۋاپ

41.زىخچە كاۋاپ

42.چاۋا ماي جىگەر كاۋىپى

43.گۆش،تۇخۇم ئارلاش كاۋاپ

44.قىيما ياپما

45.گۆش سامسا

46.تۇخۇ ياپما

47.جىگەر سامسىسى

48.بېلىق ياپما

49.چاۋا ماي كاۋىپى

50.قازان ياپما

51.تاۋا كاۋاپ

52.تاۋا ياپما

53.جەز زىقچە كاۋاپ

54.ياپما جىگەر

55.تاۋا تال كاۋىپى

56.چۈچۈمەل قوۋۇرغا قازان كاۋىپى

57.دوخاپكا قوۋۇرغىسى

58.قورۇما كاۋاپ

59.تۇخۇ قورىما كاۋاپ

60.قىيما توقاچ

61.قىيمىلىق سامسا

62.قىيما<پەلتۇ>

63.توخۇ ياپما

64.توخۇ قىيما كاۋىپى

65.بېلىق قىيما كاۋىپى

66.قىيما قويماق

67.گۆش<كەلتۇ>

68.بۆرەك ياپما

69.ياغ بەررە كاۋاپ

70 توخۇ پاچىقى كاۋىپى

71.توخۇ گۆشى كاۋىپى

72.كۆتاتلىق چۈجە كاۋاپ

73.قورۇما كاۋاپلىق چۆپ ئاش

74.قاقلانغان بېلىق گۆشى

75.كۆممە قېرىن

76.ياقما كاۋاپ

77.شىرنە كاۋاپ

78.سوقما كاۋاپ

79.دۈملىمە كاۋاپ

80.دۈمبە جىگەر كاۋاپ

81.كۆممە كاۋاپ

82.تونۇر زىق كاۋىپى

83.بەل كاۋىپى

84.قىيمىلىق تاۋا كاۋاپ

85.قازان كاۋىپى

86.ئۆردەك گۆشى كاۋىپى

87.باچكا كاۋاپ

88.ئۈچەي كاۋاپ

89.بۆرەك كاۋاپ

90.قۇشقاچ كاۋاپ

91.قوۋۇرغا كاۋاپ

92.بېلىق كاۋىپى

93.كۆتاتلىق قىيما كاۋاپ

94.قانات كاۋىپى

ئۆپكە-ھېسىپ

1.ھېسىپلار

2.ھېسىپ

3.ياغلەق ھېسىپ

4.تۇخۇم ھېسىپى

5.تېرىق ھېسىپى

6.قاسقان ھېسىپ

7.بوغما ھېسىپ

8.ئاچچاق ئۈچەي ھېسىپى

9.چوڭ ئۈچەي ھېسىپى

10.قۇيغان ئۆپكە(1)

11.قۇيغان ئۆپكە (2)

12.تۇخۇم ئۆپكىسى (1)

13.تۇخۇم ئۆپكىسى(2)

14.سۈت ئۆپكىسى(1)

15.سۈت ئۆپكىسى(2)

16.قوناق ئۇنى ئۆپكىسى(1)

17.قوناق ئۇنى ئۆپكىسى(2)

18.كۆكۋاش ئۆپكە

19.جىگەر ئۆپكە

20.گۈرۈچ ئۇنى ئۆپكىسى

21.قايماق ئۆپكە

22.چوڭ ئۆپكە

23.قورۇما ئۆپكە

24.كالا-پاچاق

25.قېرىن

گۆشنانلار

1.گۆشنان

2.قازان گۆشنېنى

3.مايدا پېشىرۇلغان گۆشنان

4.پېتىر گۆشنان

5.قىيما گۆشنان

6،كاۋا گۆشنېنى

7.بېدە پورىسى

8.پۆرە گۆشنېنى

9.گۈرۈچ گۆشنېنى

10.گۈرۈچ ئۇنى گۆشنېنى

11.تېرىق گۆشنېنى

12.جۆۋەندە گۆشنان

13.تۈگۈنەك گۆشنېنى

14.ئارپا گۆشنېنى

15،قوي گۆشى گۆشنېنى

16.توغاچ گۆشنېنى

17.شوخلا – مۇچلۇق قازان نېنى

دۈملىمىلەر

1.مەررە گۆش

2.قوي گۆشى دۇملىمىسى

3.پاقلان دۈملىمىسى

4.ئوغلاق دۈملىمىسى

5.توپاق دۈملىمىسى

6.توشقان دۈملىمىس

7.قاسقاندا پىشۇرۇلگەن قوۋۇرغا گۆش قېيمىلىق كاۋاپ

8.سۈزۈك شورپىلىق غاز گۆشى دۈملىمىسى

9.قۇچقاچ گۆشى دۈملىمىس

10.دۈملەنگەن قوي گۆشى

11.ئۆز تەملىك قوي پاچىقى

12.غولپىياز تەملىك ئۆردەك دۈملىمىس

13.مەززىلىك بۆدۈنە

14.سامساق تەملىك قوۋۇرغا

15.بارىكۆل قوۋۇرغا گۆشى

16.قىزارتىپ دۈملەنگەن بۆدۈنە

17.كوزىدادۈملەنگەن كالا گۆشى

18.سۆك دۈملىمىسى

19.پۈتۈن توخۇ

20.بەش خىل تەملىك قويگۆشى

21.نان ئۈستىگەن ئېلىنغا سان گۆشى

22.بېلىق گۆشى دۈملىمىسى

23.جەرەن گۆشى دۈملىمىسى

24.بۇغا گۆشى دۈملىمىسىى

25.چۈجە دۈملىمىسى

26.جىگەر دۈملىمىسى

27.ساماۋەر مەررە گۆشى

28.ئات گۆشى قېزىسى

29.نانتەك

30.قورۇما گۆش

31.گۆش دۈملىمىسى(1)

32.گۆش دۈملىمىسى(2)

33.دۈملىمە قۇۋۇرغا گۆشى

34.توخۇ دۈملىمىسى(1)

35.توخۇ دۈملىمىسى(2)

36.كوزىدا دۈملەنگەن توخۇ

37.تازلىق دۈملىمە

38.قۇش گۆشى دۈملىمىسى

39.چۈجە دۈملىمىسى(1)

40.چۈجە دۈملىمىسى(2)

41.قاسقان دۈملىمىس

42.قازان دۈملىمىسى

43.بېلىق دۈملىمىسى(1)

44.بېلىق دۈملىمىسى(2)

45.بېلىق دۈملىمىسى(3)

46.دۈملىمە قىيما

47.قىيما دۈملىمىسى

48.دۈملىمە تال

49.دۈملىمە جىگەر

50.دۈملىمە باچكا

51.دۈملىمە چاۋا تۇرمىسى

52. بۆرەك تۇخۇم

53.تۈگۈنەك دۈملىمىسى

54.پىدىگەن دۈملىمىسى

55.دۈملىمە تۇخۇم تۇرمىلى

56.تاۋا دۈملىمىسى

57.پەمىدۇر دۈملىمىسى

58.بېھى دۈملىمىسى

59.دۈملىمە تەشپۇت

60.تونۇت دۈملىمىسى

61.كاۋا دۈملىمىسى

62.سەككىز خۇرۇچلۇق كاۋا دۈملىمىسى

63.دۈملىمە تاۋۇز شورپىسى

گۆش گىردىلەر

1.پېتىر گۆش گىردىلەر

2.گۆشگىردە

3.بولدۇرۇلغان گۆش گىردە

4.قات-قات گۆشگىردە

5.كاۋا گۆشگىردىسى

6.تاتلىقگۆشگىردىسى

7.بېھى گۆشگىردىسى

8.قېيزا گۆشگىردىسى

9.قۇش گۆشگىردىسى

10.باش گۆشى گۆشگىردىسى

11.جۆۋەندە گۆشگىردە

12.قىيمىلىق يۆگەلمە(پىرىشكە)

مەنبە: ئىزدىنىش تورى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top