• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئۇيغۇر ئاسىملاتسيە دېموگرافىيەسى

ئۇيغۇر ئاسىملاتسيە دېموگرافىيەسى

دوكتور قاھار بارات

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسىملاتسيەلىشىشى ھەر بىر دۆلەتتە ئوخشىمىغان تىل، سىياسى تۈزۈم ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت ئاستىدا داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان ھەر بىر بازار ۋە يېزىلار ئارسىدىكى پەرقلەر شۇ قەدەر چوڭكى بىر يۇرتنىڭ ھىكايە ۋە تەجرىبىسىنى يەنە بىر يۇرتقا تاڭغۇسىز. بىزنىڭ ئاسىملاتسيەگە تاقابىل تۇرۇش مەقسىدىمىز بىر بولغىنى بىلەن ھەر قايسى رايونلاردىكى كونكرىت شارائ‍ىتلارغا ئاساسەن قوللۇنىدىغان تەدبىرلىرىمىز ئايرىم.

رايونلارنىڭ ئەھۋالى

ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسىملاتسيەلىشىش دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. تەشكىلات ۋە مائارىپچىلېرىمىز بۇ ھەقتە مەخسۇس جەمىيەت تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ئۆز رايونىمىزدىكى بۇ ئۇيغۇر كېمىسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە چۆككەنلىكى ھەققىدە بىر رىئال مەلۇمات تەييارلىسۇن. بۇلار ئائىلىمىزنىڭ نۇمۇسى ۋە جامائىتىمىزنىڭ نۇمۇسى. پاكىتقا كۆز يۇمۇش ۋە باشقىلاردىن يوشۇرۇش بىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر سۇغا پاتۇرىدۇ، خالاس.

ئۆزبېكىستان ۋە تۈركىيەدەك دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلار قېرىنداشلارنىڭ ئىسسىق قوينىدا ياشاۋاتقىنى بىلەن ئۇنداق مۇھىت ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسىملاتسيەلىشىشىمۇ تىز. بالىلىرىمىزنىڭ ئۆزبېكچە ۋە تۈركچە تىللېرى تىز چىقىپ مەكتەپ پۈتتۈرگىچە سېپى ئۆزىدىن شۇ يەرلىك بولۇپ كېتىپ بارىدۇ.

ئۆزبېكىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسىملاتسيەسى ئ‍ەڭ ئېغىر. تارىختىن بېرى بىز ئەسلى بىر ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك ئېلىدە ياشاپ كېلىۋاتقان يەرلىك شەھەرلىكلەر ئىدۇق خالاس. رۇس ۋە خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى يەرلىك بەگلىكلەرنى ئۆز ئالدىغا يېڭى-يېڭى دۆلەت ۋە مىللەتلەرگە بۆلۈۋەتتى. ئۆزبېكىستان بىنا بولغاندىن كېيىن فەرغانىدىكى ئىككى مىليونغا يېقىن ئالتە شەھەرلىكلەر بىر تاياقتا ئ‍ۆزبېك بولۇپ كەتتى. شۇندىن كېيىن بارلىق ئۇيغۇر مەكتەپ، نەشرىيات ۋە تىياتىرلار بىر-بىرلەپ تاقالدى. ئۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدا قان تۆكمەي تارتقان بىر ئەڭ چوڭ زىيان. ئۇنىڭ سەۋەپلېرى: بىرىنچى، بىز تىل جەھەتتە ئۆزبېكچىگە ئەڭ يېقىن بىر گۇرۇپپىغا تەۋە ھەمدە كلاسسىك ئەدىبىياتىمىزمۇ ئورتاق بىر چاغاتاي ئەدىبىياتى. ئىككىنچى، ئۆز ۋاقتىدا ئۆزبېكىستان رىسپوبلىكىسى نوپۇس تىزىملىغاندا ئۇيغۇرلارنى ئ‍ۆزبېك بولىسەن دەپ زورلىغان. ئۈچىنچى، ئۆزبېكلەرنىڭ مىللىي غۇرۇرى كۈچلۈك. مەسىلەن ئۇلار قەشقەر خوتەنلەرگە بېرىپ يۈز يىل ياشىسىمۇ ئ‍ۆزلىرىنى ئۇيغۇر دىمەيدۇ. ئۇيغۇر بىلەن ئۆزبېكنىڭ پەرقى ئاز بولغاچقا ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇنلىرى شۇ چاغدا بىر ئۆرۈلۈپلا ئۆزبېك بولۇۋېلىپ كەمسىتىلمەي ياشاشنى لايىق بىلگەن. تۆرتىنچى، ئۇيغۇرلاردا مىللىي غۇرۇر ئاجىز ۋە بۇ بىزنىڭ نەگىلا بارساق ئاسىملاتسيەلىشىپ كېتىپ بارغانلىقىمىزنىڭ بىر سەۋەبى. بەشىنچى، مۇستەقىل بولۇپ تا بۈگۈنگە قەدەر ئۆزبېك ھۆكۇمىتى تارىخىي سەۋەنلىكلىرىنى تونۇپ، ماۋۇ قېرىندىشىمىزغا ئۇۋال بولدى دىگەن يەرگە كەلگىنى يوق.

تۈركىيە ئۇيغۇر ئاسىملاتسيەسىدە ئىككىنچى خەتەرلىك دۆلەت. بۇ دۆلەتتىن بىزگە ھىچكىم تۈركچە سۆزلەيسەن دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگىنى يوق. ئەمما تۈركىيە تۈرك ۋە ئىسلام دولەتلىرى ئىچىدە ئەڭ تەرەققىي قىلغان بىر رەھىمسىز كاپىتالىستىك دۆلەت. بىزدەك تەييار نان يەپ چوڭ بولغان تەجرىبىسىز ياش كۆچمەنلەر ئ‍ۈچۈن بۇ يۇرتتا جان بېقىپ كېتىش ئوڭاي ئەمەس. نۇرغۇنلىرىمىز تېخىچە تۈرك دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ ساخاۋىتىگە مۇھتاجمىز. تۈركچە ئۆگىنىش ئۆزبەكچىدىن سەل تەس ئەمما باشقا تىللاردىن نەچچە قات ئوڭاي. تۈركىيە بىزنىڭ ئىككىنچى ئانا ۋەتىنىمىز. ھىچكىم بىزنى شۇلارچىلىك قانات ئاستىغا ئېلىپ باقمىدى. بىز تۈركلەرنىڭ قايناق ھاياتىغا باشچىلاپ كىرىپ كىتىپ بارىمىز. تۈرك تىلى جان بېقىپ قېلىشىمىزنىڭ كۆۋرۈكى ۋە مائارىپىمىزنىڭ ئالدىنقى شەرتى. بالىلىرىمىز كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە تۈركچىنى سۇدەك سۆزلەپ يۈرۋاتىدۇ.

ئەرەبىستان بىر دىننىي پادىشالىق دۆلەت. ئۇ دۆلەتنى يەتتە مىڭ شاھزادە سورايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەنلەشكەن تارىخى ئۇزۇن بولسىمۇ بەرىبىر باشقا چەت ئەللىكلەردەك ئۇ يەردىكى قانۇنىي ۋە ئىجتىمائىي ئورنى تۆۋەن. شۇنداق بىر بۇرۇقتۇم ھايات ئىچىدە ئۇيغۇرلار بىر-بىلەپ ئ‍ۇ كۆرەڭ ئەرەبلەرنىڭ تىلىنى ئۆگىنىش ۋە ئەرەب بولۇپ كېتىشنى بىر چىقىش يولى دەپ تاللىغان.

ئامېرىكا. كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە ئەنگىلىيەلەر دۇنيانىڭ ئنگلىز تىلى جاھانگىرلىرى. ئۇلار ئالدىدا بىز تۈگۈل فرانسۇز، گېرمان، رۇس ۋە ئىسپان قاتارلىق كۈچلۈك تىللارمۇ تەسلىم بولماقتا. يەر شارى خاراكتىرلىك كاپىتالىستىك ئىقتىسادىي سىستېما ئنگلىزچىنى كۈندىن كۈنگە قۇدرەتلىك ئورتاق تىلغا ئايلاندۇرماقتا. غەرپ دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە بىزگە سۇنئى بېسىم يوق. ئەگەر تىلىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاپ قالىمىز دىسەك قوللايدۇ. قالغانلىرى ئۆزىمىزگە باغلىق.

قازاق، قىرغىزلار ئۇلۇغ رۇس تىلىدىن قۇتۇلۇپ بولالمايۋاتقان ۋە ئۆز تىلى مائارىپلىرىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇپ بولالمايۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئۇيغۇر مائارىپى تېخىمۇ تىڭىرقاپ قالدى. ئۇ يۇرتلاردا بىز ئۈچۈن ئاسىملاتسيەلىشىش خەۋىپى يوق. سوۋېت مائارىپى ئۇيغۇرلاردىن ئاجايىپ ئىسىل زىيالىلارنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئىدى. سوۋېت پارچىلىنىپ رۇس تىلى بىر ئاز سانلىق مىللەتنىڭ تىلىغا ئايلىنىپ قالدى. نىمە بولسۇن بولمىسۇن ئۇتتۇرا ئاسىيا بەرىبىر ئۇيغۇر ئالىي مائارىپىنىڭ كۈچلۈك بازىسى بولۇپ قالىدۇ. ئاكا-سىڭىل شۆھرەت مايىسەم قاتارلىق چوڭ ئالىملارمۇ شۇ يەردىن كەلگەن.

ئىجتىمائىي قاتلاملاردىكى ۋەزىيەت

ئادەم ئون كىسەلدە ئۆلمەيدۇ بەلكىم بىرسىدىلا ئۆلىدۇ. چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ داۋالىرى خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىقى، لىدېرلارنىڭ ساتقىنلىقى، تار مىللەتچىلىك، بۆلگۈنچىلىك ۋە رادىكاللىق دىگەندەك ھەر خىل سەۋەپلەرنىڭ بىرەرسىدە ۋەيران بولۈپ كېتىشى مۇمكىن. بىز بىجىڭدىكى شى جىنپىڭنى تىللاپلا قالماي ئەينى ۋاقىتتا ماۋۇ خەتەرلەرنىڭمۇ ئالدىنى ئېلىشىمىز، قوشۇنىمىزنى تازىلىشىمىز ۋە ئ‍ۆز نەپسىمىز بىلەن جىھاد قىلىشىمىز كىرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كىسەللەرنى يوق دەپ مۇشۇنداق ياتىۋەرسەكمۇ ئەللىك يىل ئىچىدە ھەممىمىز ئاسىملاتسيە بولۇپ ئۈن-تۈنسىز پارغا ئايلىنىپ بولىمىز.

بىزدە پائالىيەتتە ئاكتىپلار ئون پىرسەنت. ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ھازىرقى دۇنياۋىي سادالىرى مۇشۇ بىر سىقىم ئۇيغۇرنىڭ ئەجىر ئەمگەكلىرىدىن مەيدانغا كەلدى. مانا بۈگۈن ئۇيغۇرنى دۇنيا تونۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنى تەستىقلىدى. بىز ئەتمالىم بىر ئۆلۈمدىن ساق قالدۇق. ئارىمىزدا پاسسىپلارنىڭ ئۇ قەدەر كۆپ بولۇشى ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن خىتاينىڭ بېسىمى، تۇرمۇشنىڭ ئېغىرچىلىقى ۋە ئ‍ۈمىتسىزلىكلەردىن كېلىپ چىققان. پاسسىپلار جامائەتنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماي ئۇزلىرىنى سىياسىي بېسىم ۋە پىتنە-پاساتلاردىن خالى تۇتقىنى بىلەن ئۇلارغا كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ جازا بالىلىرىنىڭ يابانچى بولۇپ كېتىپ بارغانلىقى. ئايرىلغاننى بۆرى يەپتۇ. ئۇلارنىڭ ئارسىدا كونىلارنىڭ بالىلىرى بۇ كەمگىچە ئاساسەن تۈگەپ بولدى. ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇيغۇرسىز ياشاش ۋە ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغان نەۋرىلەرنىڭ ئارسىدا قېلىش بىر ئېچىنارلىق ئىش. بىز ئۇلارنى يېنىمىزغا تارتالمىدۇق. زاللارنى ئىجارىگە ئېلىپ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئ‍اقساتماي ماڭدۇرۇشنىڭ ئورنىغا پۇل يىغىپ مەدەنىيەت مەركىزى سالىمىز دەپ ئوتتۇز يىلنى بىھۆدە ئۆتكۈزۋەتتۇق.

پاسسىپلارنىڭ ئارىسىدا بالىلىرى ئ‍ەڭ كۆپ ئاسىملاتسيە بولۇپ كېتىۋاتقانلار زىيالىلار. زىيالىلېرىمىزدىكى بىر چوڭ ئىدىيەۋىي كىسەل تەمەننالىق. ئۇلار مەن ماگىستېرلىقنى ئېلىپ بولدۇم، نامايىشقا چىقمىساممۇ سەندىن ئەلا دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك قىسىمى توقسەنىنچى يىللاردا چەتئەللەرگە ئوقۇشقا چىققان بىرىنچى ئەۋلات ئۇيغۇرلار. ئۇ يىللاردىكى ياشلېرىمىزنىڭ مەشغۇلاتى ئاساسەن ئوقۇش بىلەن ئىشلەشلا بولۇپ ئۇيغۇرنى كورسە كوزگە سۈرتكىدەك ھالەتتە ئىدى. ئانا تىلى مەكتىۋى ۋە مەدەنىي پائالىيەت دىگەنلەر كېيىنكى گەپلەر. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىش تاپقانلار ئاساسەن بىر يۇرتتا تۇرمايدۇ. ئۇ خىلدىكى چېچىلاڭغۇ، يالغۇز ھايات ئاسىملاتسيەگە يەم بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. بىرىنچى ئەۋلات ئۇيغۇرلاردىن بالىلىرىمىزنىڭ كۆپى كېتىپ قالدى. ھەممىمىزنىڭ دەردى ئىچىمىزدە. چوڭلار ۋە زىيالىلار بۇ ئىبرەتلىرىمىزنى خەلققە تارتىنماي ئېيتايلى، دەردىمىزنى مىللەت ئاڭلىسۇن. بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، ئۇنداق بالىلىرىنى يابانچى قىلىۋەتكەن زىيالى ئاپىلاردىن تىل ئۇقمايدىغان ئۆي خوتۇنلىرى ياخشى.

ئۈچىنچى تۈركۈمدىكىلەر پانالىق تىلەپ، ساياھەت قىلىپ ۋە باشقا ھەر خىل يوللار بىلەن چەتكە چىققان ھەقىقىي رەۋىشتىكى مۇھاجىرلار. ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ ئىش تېپىپ مۇستەقىل ياشاش كۈچى ئاجىز. شۇڭا ئۇلار ئاساسەن قونغان يەرلىرىدىن چىقماي، تاپقان ئىشلىرى بىلەن جېنىنى بېقىپ يۈرىدۇ. ئۇلار بىزدەك خام خىياللارنى ئاز قىلىدۇ، تۇرمۇشتا تەجرىبىلىك ۋە مەلۇم دەرىجىدە مەھەللىۋىي ھاياتى بار. ھازىرقى ئۇيغۇر جامائەت تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى شۇلار قۇرۋاتىدۇ. كۆز ئالىمىزدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتلىرىنىڭ غوللۇق كۈچى يىراقتا يۈرگەن زىيالىلار ئەمەس، ئورتا ئەسىردە قالغان دىنچىلارمۇ ئەمەس بەلكى مۇشۇ قاتلامدىكى نورمال ئۇيغۇرنىڭ رەڭگا-رەڭ مۇھاجىرلىرىدۇر.

خىتاي دۇنيادا ئۇيغۇرلانى تېررورىست، رادىكال قىلىپ كورسۇتۇپ لاگىردىكىلەرنى تېخىمۇ جىق ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتقادىغا قەست ئىشلىتىپ چەت ئەلگە نەچچە تۇمەن ھىجرەتچىنى ياساپ چىقاردى. ئۇلارنىڭ كۆپى سەھرالىق، مائارىپ سەۋىيەسى توۋەن ئادەملەر. خىتاي ھىجرەتچىلەرگە دىننىي ئوكۇلنى ئۇرۇۋېتىپ ئۇلار چىققاندا پۈتۈن جاھاننى ھىجاپقا يۆگەيدۇ دەپ پىلانلىغىنى بىلەن بۇ دىنچىلاردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك، پىداكارلىق ۋە تەشكىلچانلىققا سەل قارىدى. كەلگۇسىدە ھەممىمىز ئاسىملاتسيە بولۇپ كەتسەكمۇ يەنە ئۇرۇغلۇققا قالىدىغانلار شۇلارنىڭ بالىلىرى.

ئۇيغۇرلار دۇنيادا ئاز ساندىكى ئوز يۇرتىدا سولۇنۇپ ياتقان مىللەتلەرنىڭ بىرسى. مەن 1986- يىلى ئوقۇشقا چىققاندا ئامېرىكىدا ئىككى، ياۋروپادا بەش ئۇيغۇر بار ئىكەندۇق. ھازىر سانىمىز يۇز مىڭلاپ كۆپەيدى. بىز بىر گلوباللاشقان دەۋىرگە كىردۇق. ئادەملەرنىڭ يۇرتلېرىدىن ئ‍ايرىلىپ باشقا ئەللەردە ئارىلىشىپ ياشىشى بىر چوڭ ئېقىم. چەت ئەلگە چىققان ئۇيغۇرلاردا ئەندى ئاساسەن ۋەتەنگە قايتىش يوق، بالىلىرىمىزمۇ بەرىبىر كۆنمەيدۇ. بىز خەقنىڭ يۇرتىدا ئۇيغۇر بولۇپ ياشاپ قالىدىغان بۇ رىئاللىقنى ۋە تەقدىرىمىزنى قوبۇل قىلىشىمىز كىرەك. بىزنىڭ چەت ئەلدە ئۇيغۇر بولۇپ يۈز يىل ۋە مىڭ يىل ياشاپ قېلىشىمىز سۆيۈملۈك ۋەتىنىمىز ئۈچۈن، بەش مىڭ يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دىگەن نام ئۈچۈن ۋە ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ ئۇرۇغ-جەمەتىنى ئېلىپ ئېيتساقمۇ شۇلارنىڭ ۋەكىلى نامىدا تۇنجى بولۇپ چەتكە چىققان ھەر بىرىمىز ئۈچۈن بىر ئالاھىدە قىممەتلىك ئىش. ئالدىمىزدىكى بۇ ئەللىك يىل بىر مىللىي قىما. شۇڭا ساقلىنىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان بۇ تىرىشچانلىقلىرىمىزنىڭ ئەھمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان جەڭلىرىمىزدىن ھىچ كام ئەمەس.

ئىككى ئۆلچەم

بىز تىلى چالا ئ‍ون بەش ياشقا كىرىپ قالغان بالىلىرىمىزبىلەن بىر دەستۇرخاندا ئولتۇرساق كۆڭلىمىز بىئارام بولىدۇ. ئۇلار كېيىن ھىچ ئۇيغۇرچە ئۇقمايدىغان نەۋرىلەرنى يىتىلەپ كىرگىلى تۇرسا قورقۇشقا باشلايمىز. بىزنى ئاخىرى شۇ يابانچى بولۇپ كەتكەن ئەۋلاتلىرىمىز بۇ ئ‍اتىمىز ئەسلى ئۇيغۇر ئىدى دەپ ئاپىرىپ كۆمۈپ قويىدۇ. بۇ سىنارىيە باشلاندى. يېقىندا توپراق بېشىدا بىر مىيىتنىڭ بالىسىغا تەرجىمانلىق قىلىپ كەلدىم. بالىلارنىڭ ئانا تىلىنى چىقىرىش بىر تېگى يوق قۇدۇق ئەمەس. ئاتا-ئانىنىڭ ئۆگىتىدىغىنى بىرىنچى سىنىپ، ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ ئۆگىتىدىغنى ئىككىنچى سىنىپ، ئۇيغۇر مەھەللىسىدە ياشاش ئۈچىنچى سىنىپ ۋە ئاخىردا «ئۈچ يۈز كىتاپ»نى ئوقۇش تۆرتىنچى سىنىپ. كاشكى بۇلار بىرسى كام بولسا بولمايدىغان بىر يۈرۈش مائارىپ پروگراممىسى.

ئائىلە تەربىيەسى، مەكتەپ تەربىيەسى ۋە جەمىيەت تەربىيەسى دىگەن ئۈچ ئامىلنى ھەممىمىز بىلىمىز. بىزدە ئۆي ئىچىدە مۇتلەق ئۇيغۇرچە سۆزلەپ بالىلىرىنىڭ تىلىنى ياخشى چىقىرۋاتقان ئائىلىلەر بار. شەنبىنى شەنبە دىمەي مەكتەپكە ئاپىرىپ بالىلارنىڭ ساۋادىنى چىقارغان ھارماس مۇئاللىم ۋە ئاتا-ئانىلىرىمىز بار. ئەمما بىزدە بالىلار ھويلىغا چىقسا ئۇيغۇرچە چۇۋۇرلىشىدىغان مۇھىت يوق. ئەگەر بۇ قىسمى يوق بولىسا بىزنىڭ ئويدە ۋە مەكتەپتە ئۆگەتكەنلېرىمىزنىڭ ئاخىرى چىقمايدۇ. بىز ھەر يەردە ئۇيغۇرچە مەكتەپ، مەدىنىيەت مەركىزى، مەسچىت، قەبرىستانلىق، يېزا، بازار ۋە شەھەرلەرنى قۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىل-مائارىپى، مەدەنىيىتى، مۇسۇلمانلىقى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە مىللىي پسخىكىسىنى يوقاتماي بىر پۈتۈن مىللەت شەكلىدە ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭ ئۈچۈن بىزدە ھەر-بىر يەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە چۈشىدىغان ئۈنۈملۈك تەدبىر ۋە قەدەملەر ھەققىدە ياخشى پىلان ۋە ھەرىكەت بولۇشى كىرەك. مەسىلەن كۆز ئالدىمىزدا كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغان بىر ئىش بالىلار مەھەللىسىنى پەيدا قىلىش. ئۇنىڭ ئۈچۈن بالىلىرى كىچىك يېڭى توي قىلغان ئۇيغۇرلار ئۆز ئالدىغا مەلۇم بىرەر بىنانى كۆزلەپ ئۆيلېرىنى ئىجارىگە ئېلىپ شۇ يەردە بالىلىرىنىڭ كوللىكتىپ ھاياتىنى بەرپا قىلغاچ تۇرۇشى كىرەك. چۈنكى بالىلارنىڭ بىر-بىرسىدىن ئۆگىنىپ قۇشقاچ تىللىرىنى چىقىرىدىغان مەھەللە ھاياتى ئون يىل ئەتراپىدا ۋە بۇ بىزنى ئالدىرتىدۇ.

بالىلارنىڭ ساۋادى چىقىشىغا ئۇلاپ ئۇيغۇرچە ئوقۇشىنى باشلاش كېرەك. بىر بەتتە خام سۆزلەرنىڭ سانى يەتتىدىن ئېشىپ كەتمىسە بولىدۇ. ئاخىرىدا «ئانا يۇرت» بىلەن «ئىز»نى ئوقۇپ بولسا ساۋاتلىق بولغان بولىدۇ. ئەمما بىزنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىل تەربىيەسىگە قويۇدىغان ئەقەللىي تەلىۋىمىز شۇكى ئوقۇغۇچىلار ئېغىز تىلى راۋانلىقىدا ئ‍ابستراكت ئۇقۇم ۋە تېرمىنلار بىلەن راھەت سۇئال-جاۋاپ بېرەلەيدىغان بولۇشى كىرەك. بىز يۇقۇردا تەسۋىرلىگەن ئائىلە، مەكتەپ ۋە مەھەللە تەربىيەلىرىمىز ئ‍ۇنىڭغا ئاجىزلىق قىلىدۇ. شۇغىنىسى بىزنى ئۇ سەۋىيەگە يەتكۈزىدىغان ئۇيغۇرچە ئ‍الىي مەكتەپلەر يوق. ئ‍ۇلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرالايدىغان بىر نەرسە جاھان كلاسسىكلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىرىنى ئوقۇش. بىز ئوتتۇرغا قويغان«ئۈچ يۈز كىتاپ» شۇ جاھان كلاسسىكلېرىنىڭ سەرخىللىرى بولۇپ ئۇلاردىكى قۇدرەتلىك ماگىنىتلىق كۈچ بالىمىزنى ۋە ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنى سۆزسىز ئالى زىيالى قىلىپ چىقىدۇ. ئۇيغۇرلار شالاڭ، مەكتەپ يوق يۇرتلاردا ھىچبولمىغاندا بالىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىپ قويۇپ شۇ كىتاپلارغا خۇمار قىلىپ قويساقمۇ يۇقۇرقىدەك بوشلۇقلارنى تولدۇرۇپ كىتەلىشى مۈمكىن.

2020-يىلى ئىيۇن

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top